ئۇيغۇرچە    Uyghurche    Уйғурчә    Ortaq Türkçe   
  • 2018 - يىلى 25 - ئاۋغۇست ئىستانبۇلدىكى فاتىھ سۇلتان مەھمەت ۋەخپە ئۇنىۋېرسىتېتىدا «ئۇيغۇرلار دۇچ كېلىۋاتقان خىرىسلار ۋە ھەل قىلىش يوللىرى ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنى» ئۆتكۈزۈلىدۇ. ...
سىزنىڭ ئورنىڭىز: باشبەت » داڭلىق كىشىلەر » مۇھيىددىن ئىبن ئەرەبى

مۇھيىددىن ئىبن ئەرەبى

تەييارلىغۇچى: ھەبىبۇللا ئابلىمىت

ئىبن ئەرەبى بولسا جالالىدىن رۇمى بىلەن زامانداش بولۇپ، ئۇنىڭ پىكىرلىرى، ئىدىيەلىرى جالالىدىن رۇمىنىڭ تەپەككۇرىغا تەسىر قىلغان. جالالىدىن رۇمى شامغا ئىلىم ئىگىلەش ئۈچۈن بارغاندا ئىبن ئەرەبى بىلەن كۆرۇشكەن ۋە ھەم سۆھبەتلەردە بولغان. ئۇنىڭ ئۇستىگە ئىبن ئەرەبىنىڭ ئۆگەي ئوغلى سەدىردىن كونەۋى بولسا جالالىدىن رۇمىنىڭ ئەڭ يىقىن دوستلىرىدىن بىرى ئىدى. جالالىدىن رۇمىنىڭ ئەسەرلىرىدە بولۇپمۇ ئۇنىڭ ”مەسنەۋى“ ناملىق ئەسىرىدە ئىلگىر سۇرگەن ”ۋەھدەتى مەۋجۇد“ يەنى ”بارلىقنىڭ بىرلىك“ تەلىپاتىدا ئىبن ئەرەبىنىڭ تەسىرى ناھايىتى زور. ئىبن ئەرەبىنىڭ ئاساسلىق يولى ئاللاھقا بولغان ئىشق يولىدۇر، كۆڭۇل يولىدۇر. جالالىدىن رۇمى دەل مانا ماشۇ يوللارنى تىخىمۇ ئەمەللەشتۇرۇپ بۇ يوللارغا ئاشىقنىڭ ھاياجانىنى قاتقان.

بۈيۈك ئىسلام ئالىمى، مۇتەپەككۇر، مۇتەسسەۋۋۇپ ئىبن ئەرەبى 1165-يىللىرى ئىسپانىيەنىڭ مۈرسىيە(مۇرسىئا) شەھرىدە بىر دىنىي ئۆلىما ھەمدە مەنسەپدار ئائىلىسىدە دۇنياغا كەلگەن. ئۇ سەككىز ياشىقچە ئائىلىسىدە دىنىي ساۋاتلىرىنى چىقىرىپ ياخشى بىر ئائىلە تەربىيەسىنى قوبۇل قىلغان. ئەنە ئاشۇنداق قىلىپ ئۇ يىگىرمە سەككىز ياشىقچە ئانا ۋەتەنى ئىسپانىيەدە ياشىغان. ئاندىن شىمالى ئافرىقىغا بېرىپ ئۇ يەرلەردە ئىلىم تەھسىل قىلغان ۋە جاھان كەزگەن. كىيىن مەككىگە كىلىپ قىرىق ياشقىچە بۇ مۇبارەك شەھەردە ياشىغان ۋە ئۆزىنىڭ ئەڭ ياخشى ئەسەرلىرىنى مانا مۇشۇ مۇقەددەس زىمىندا يېزىپ چىققان. ئاندىن ئۆمرىنىڭ ئاخىرغىچە ئاناتولى، ئىراق، سۈرىيە قاتارلىق يەرلەردە ياشىغان. بۇ جەرياندا سالجۇقلا دۆلىتىنىڭ پايتەختى كونيادا بولغان ۋە سالجۇقلار خانىدانىنىڭ سۇلتانى ئالەئېددىن كەيكۇباتنىڭ ئەقىل دانىشمىنى بولۇپ، سۇلتانغا كۆپ ياردەم قىلغان. ئەنە ئاشۇ دەۋرلەردە سۇلايمان شاھ ئوغلى ئەرتۇغۇل غازىغا كۆپ ياردەمدە بولغان. ئۇنىڭغا سىياسى ۋە دىنىي جەھەتتى توغرا يول كۆرسەتكەن ۋە ئەرتۇغۇل غازىنىڭ ئوغلى ئوسماننىڭ يېڭى بىر دۆلەتنى قۇرىدىغانلىغى ۋە بۇ دۆلەتنىڭ پۈتۈن جاھانغا ھۆكۇمدارلىق قىلىدىغانلىغى توغرىسىدا ئالدىن بىشارەت بەرگەن. ئىبن ئەرەبىنىڭ مەنىۋى دەستىكى بىلەن ئەرتۇغۇل غازى ھېچ ئۈمىدىنى يوقاتماي داۋاملىق ئاناتولى تۇپراقلىرىدىن غەرىپكە يۇرۇش قىلىپ كۆچمەن ئوبالارغا يېڭى زىمىن پەربا قىلغان. موڭغۇل زۇلىمىدىن قىچىپ تىرە-پىرەڭ بولۇپ ۋەيران بولغان تۈركمەن خەلقلىرىگە ۋە رۇم دىيارىدىكى ئەڭ تۆۋەن قاتلامدىكى خەلقلەرگە ئۈمىد يولىنى كۆرسىتىپ، يېڭى بىر جەمىيەت، يېڭى بىر دۆلەتنى مەيدانغا كەلتۇرگەن. ئۇلارنىڭ دەردلىرىگە دەرمان، كۆڭۇل يارىلىرىغا سۆيگۇ مەلھەملىرىنى سۇركىگەن. ئەڭ ئاخىرىدا سەلتەنەتلىك ئوسمانلى دۆلىتىنى قۇرۇپ چىققان. مانا مۇشۇ ئوسمانلى دۆلىتىنىڭ قۇرۇلىشىدا ئىبن ئەرەبى ۋە جالالىدىن رۇمىلارنىڭ مەنىۋى تۆھپىسى ئىنتايىن زور.

”شەيخ ئەكبەر“ دەپ نام ئالغان ئىبن ئەرەبىنىڭ ”بارلىقنىڭ بىرلىكى“ تەلىماتى ئەينى چاغدىكى بەزى دىنىي مۇتەئەسسىپ كۈچلەرنىڭ قارشىلىغا ئۈچرىغان. شۇنداق بولسىمۇ ئىبن ئەرەبى ئۆز ئىرادىسىدىن يانماي نۇرغۇن مۈرىدلارنى تەربىيەلەش بىلەن بىرگە تەخمىنەن 500 دىن ئوشۇق كىتاب يازغان. بۇلارنىڭ ئىچىدىن بۈگۈنگىچە يىتىپ كەلگەن ئەسەرلىرى 245 بولۇپ، ئەڭ كۆپ مۇنازىرە قوزغىغان ئەسەرلىرى ”فۇسۇسۇل ھېكىم ۋە فۈتۇھاتى مەككىيە“ ناملىق ئەسەرلىرىدۇر. ئىبن ئەرەبى ئەسەرلىرىنى ئەرەپچە يازغان بولۇپ بۇ ئەسەرلەرنىڭ زور كۆپچىلىكى تۈرك تىلىغا تەرجىمە قىلىنغان. مەن ئۆزۇم تۈرك تىلىدىكى ”راھمان“ ۋە ”رەھىم“ ناملىق ئىككى ئەسىرىنى ئوقۇپ چىقتىم ۋە نۇرغۇن ئېسىل خاتىرلارنى قالدۇردۇم.

ئىبن ئەرەبى ئۆمرىنىڭ ئاخىرقى دەۋرلىرىنى سۈرىيەنىڭ شام دېگەن شەھرىدە ئۆتكۇزگەن. ئەمما ئۆمرىنىڭ ئاخىرقى مەزگىللىرىدە شامدىكى جاھىل، نادان، ھەق يولىدىن ئايرىلغان خەلقنى توغرا يولغا باشلايمەن دەپ نۇرغۇن ئاۋارچىلىقلارغا ئۇچرىغان. ھەتتا ئاخىردا ئىبن ئەرەبىنى شۇ دەۋرنىڭ نادان موللىلىرى ئۆلۇمگە ھۆكۇم قىلغان. بۇ توغرىسىدا بىرنەچچە خىل ھېكايىلەر بار. مەن بۇ يەردە شۇ ھېكايىلەرنىڭ بىر ۋارىيانتىنى ھېكايە قىلىپ ئۆتمەكچىمەن.

ئەينى چاغدا شام خەلقى مال-دۇنياغا ناھايىتى ھېرسمەن بولۇپ كەتكەن بولۇپ، ئۇلارنىڭ كۆزى مال-دۇنيادىن باشقا نەرسىنى تونىماس ھالغا كەلگەن. مانا بۇ ھالنى كۆرگەن ئىبن ئەرەبى خەلقە ۋەز ئىيتىپ، نەسىھەت قىلغان ۋە ئۇ نادان خەلققە ئاچچىقلاپ پۇتى بىلەن يەرنى قاتتىق تىپىپ تۇرۇپ ۋاقىراپ مۇنداق دېگەن:“ سىلەرنىڭ چوقۇنغان نەرسەڭلار مېنىڭ ئاياغىمنىڭ ئاستىدا“. بۇ سۆزلەرنى ئاڭلىغان خەلق“ سەن بىزنىڭ ئىتىقاتىمىزغا ھاقارەت قىلدىڭ“ دەپ قاتتىق غەزەپكە كەلگەن ۋە قازىغا بىرلىشىپ ئەرز قىلغان. ئەينى چاغدا قوسۇقىدا غۇم ساقلاپ يۇرگەن مۇتەئەسسىپ موللىلار ئەمدى پۈرسەت كەلدى دەپ بىلىپ. ئىبن ئەرەبىنىڭ ئۆلىمىنى ۋاجىپ دەپ قارىغان. ئىبن ئەرەبى ”كۈپۇرلۇق“ قىلدى دەپ قاراپ، قازىلار ئۇنى ئۆلۇمگە ھۆكۇم قىلغان. بىراق ئادالەتپەرۋەر ئەرەبلەر ئىبن ئەرەبىنى مەخپى جايغا يوشۇرۇپ تا ۋاپاتىغىچە ناھايىتى ياخشى كۇتۇپ ،ئۇنى يوشۇرۇپ قالغان. بۇ جەرياندا يىقىن دوستلىرى ئۇنىڭدىن نېمىشكە سۆزۇڭگە تۆۋە قىلمايسەن؟ دېگەندە. ئىبن ئەرەبى ناھايىتى ئەپسۇسلانغان ھالدا مۇنداق بىر مەشھۇر سۆزنى ئېيتقان:“ سىن شىغا كىرگەندە، سىررىم ئاندىن ئىچىلىدۇ“. ئەمما، ئەينى چاغدا بۇ سۆزنىڭ مەنىسىنى ھېچكىم بىلمىگەن. ئارىدىن تەخمىنەن 300 يىل ئۆتكەندە ئوسمان ئىمپېراتورىنىڭ پادىشاھى ياۋۇز سۇلتان سەلىم(1470-1520) مىسىردىن يېنىپ شامغا كەلگەن. شامدا ئەسكەرلەرنىڭ راسخۇتىغا كىتىدىغان مالىيەنى ئويلاپ ئولتۇرۇپ ئىبن ئەرەبىنىڭ كىتابىنى ئوقۇغان. دەل مۇشۇ چاغدا كىتابنىڭ ئالتۇن قۇرلىرى ئارىسىدىن“سىن شى غا كىرگەندە، سىررىم ئاندىن ئىچىلىدۇ“ دېگەن سۆزگە كۆزى چۈشكەن. شۇنىڭ بىلەن ئەقىللىق سۇلتان تەپپەككۇر قىلىشقا باشلىغان. ئەرەپچىدىكى ھەرىپ ”سىن“ بولسا سۇلتاننىڭ ”سەلىم“ ئىسمىنىڭ باش ھەرىپى ”س“ بولۇپ، ئەرەپچىدىكى ”ش“ ھەرىپى بولسا ”شام“ نىڭ باش ھەرىپى ”ش“ ئىدى. شۇڭا ئۇ بۇ سىرنى ئىچىشقا بەل باغلىغان ۋە دەرھال ئىبن ئەرەبىنىڭ قەبرىسىنى ئىزدەشكە پەرمان چۈشۇرگەن. ئەينى چاغدا ئىبن ئەرەبىنىڭ قەبرىسىنى ھېچكىم بىلمەيتتى. چۈنكى ئۆز ۋاختىدا دوستلىرى ئىبن ئەرەبىنىڭ جەسىتىنى يوشۇرۇن ھالدا ناھايىتى ياخشى بىر مۇراسىمى بىلەن تاغ باغرىغا دەپنە قىلغان ۋە كىشىلەرنىڭ دەھلى-تەئەرۇزىدىن ساقلاش ئۈچۈن ئۇنىڭ قەبرىسىنى تۇپ-تۇز قىلىپ، ئۇستىگە ئوت-چۆپلەرنى ياتقۇزىۋەتكەن. مانا مۇشۇ سەۋەپ بىلەن بۇ قەبرىنى تا شۇ كۈنگىچە بىلىدىغان ئادەم چىقمىغان. ئەڭ ئاخىرىدا تاغدا قوي باقىدىغان بىر پادىچى پادىشاھنىڭ ئالدىغا كىلىپ ئۆزىنىڭ بىر سىرلىق يەرنى بىلىدىغانلىغىنى. ئۇ يەر بولسا تاغنىڭ باغرىدىكى ئوت-چۆپلەر ناھايىتى قويۇق ئۆسىدىغان جاي ئىكەنلىكىنى. ئۇ يەردە مال-ئۇلاقلارنىڭ ئوتلىمايدىغانلىغىنى، ھەتتا ھايۋانلار ئۇ يەرگە دەسسىمەيدىغانلىغىنى ئىيتقان. بۇ گەپلەرنى ئاڭلىغان سۇلتان دەرھال ئادەملىرىگە ئۇ جاينىنى قازدۇرغان. راس دېگەندەك ئۇ يەردىن ئىبن ئەرەبىنىڭ ھېچ چىرىمىغان جەسىتى ياتقانلىغىنى كۆرگەن. بۇنىڭ بىلەن پادىشاھ ياۋۇز سۇلتان سەلىم ئۇ يەرگە بىر ھەيۋەتلىك قىلىپ ئىبن ئەرەبىنىڭ مەخپەرىسىنى ياساتقۇزغان. ئەمدى ئىبن ئەرىبىنىڭ قەبرىسىنى تاپقان پادىشاھ ئۇنىڭ ھىلىقى سىرلىق سۆزلىرىنىڭ سىررىنى ئىچىشقا بەل باغلاپ، ئۇ سۆزنىڭ مەناسىنى شۇ زاماننىڭ ئەقىللىق دانىشمەنلىرى، ئۆلىمالىرىدىن سورىغان بولسىمۇ ھېچكىم جاۋاپ بىرەلمىگەن. شۇنىڭ بىلەن پادىشاھ ئۇ سۆزنى قەيەردە دېگەنلىكىنى ئىنىقلاشقا كىرىشكەن ۋە نۇرغۇن ئىزدىنىشتىن كىيىن ئۇ يەرنىڭ بىر دۆڭلۇك بىر يەر ئىكەنلىكىنى پەرەز قىلىشقان. مانا مۇشۇ پەرەزگە ئاساسەن ئۇ يەرنى قىزىشقا پادىشاھ پەرمان چۈشۇرگەن. ئۇ دۆڭلىكنى ئازراق قازغاندىن كىيىن يەردىن بىر ئىدىش چىققان. ئۇنىڭ ئىچىنى ئىچىپ قارىغۇدەك بولسا ئىچىدە ئادەمنىڭ كۆزلىرىنى قامشتۇرىدىغان لىقمۇ-لىق ئالتۇن تۇرغىدەك. بۇنىڭ بىلەن پادىشا ئىبن ئەرەبىنىڭ ئۆز ۋاختىدا خەلققە نېمە دىمەكچى بولغانلىغىنىڭ سىرلىرىنى ئاندىن چۈشۇنۇپ يەتكەن.

ئىبن ئەرەبىنىڭ گۈزەل نەسىھەتلىرىدىن ئۇزۇندە:

”ئاللاھنىڭ ئازابىدىن ئۆزۇڭنى قۇتقازماقچى بولساڭ، ئۆزەڭدىن چوڭلارنى داداڭدەك ھۆرمەتلە. ئوتتۇرا ياشلىقلارغا تەكەللۇپتا بول. كىچىكلەرگە شەپقەتلىك بول. مۈمىن قىرىنداشلىرىڭغا ئاداۋەت ساقلىما. ئەگەر ئۇنداق قىلمىساق جەننەتنىڭ پۇراقىنى پۇرالمايسەن.“

”قۇلاق بول، تىل بولما. يەنى كۆپ ئاڭلاپ، ئاز سۆزلە. ئاللاھنىڭ بۇيرۇقىغا بوي سۇنۇپ، ئۇنىڭ مەخلۇقاتلىرىغا شەپقەتلىك بول. مانا بۇ ئىككىسى قۇتۇلۇش ۋە سائادەتنىڭ ئاچقۇچىدۇر.“

”بەزى ئادەملەر قۇرئان ئوقۇسا، قۇرئان ئۇنىڭغا لەنەت ياغدۇرىدۇ. بۇلار ئۆز ئۆزۇگە لەنەت ياغدۇرغۇچىلاردۇر. مەسىلەن: زالىم بىرسى (كۆزۇڭنى ئاچ، ئاللاھنىڭ لەنىتى زالىملارغىدۇر) دېگەن ئايەتنى ئوقۇسا يەنە بىر يالغانچى قىزىل كۆز ئادەم (ئاللاھنىڭ لەنىتى يالغانچىلار ئۈچۈندۇر) دېگەن ئايەتنى ئوقۇپ، ئۆز ئۆزۇگە لەنەت قىلىدۇ“

”بىلكىنكى، سۆيگۇ مەنسەپى بەكمۇ شەرەپلىك بىر مەنسەپدۇر.

بىلكىنكى، سۆيگۇ مەۋجۇتلۇقنىڭ نىگىزىدۇر.“

”دۇنيادا ئۈچ نەرسىدىن قورق:

ئاللاھتىن، نەپسىڭدىن ۋە ئاللاھتىن قورقمىغاندىن.“

”ھەرگىز قەرز بولۇپ قالما. قەرز بولغان ئادەم كەچلىرى راھات ئۇخلىيالمايدۇ. كۈندۇزلىرى خارلىنىپ قالىدۇ. ئىبادەت قىلغاندا دۇنيا زىننەتلىرىدىن بىر نەرسىنى ئىبادەتكە ئارلاشتۇرۇلغان. دۇنيا مەخسەتلىرى ئىنسانلارغا چاپلاشقان كېسەلدۇر.“

”ئۆزۇڭدىن مەغرۇرلىنىشتەك قورقۇنۇشلۇق ئىش يوق. تەپەككۇردىن باشقا ياخشى بىر ئىبادەت يوق.“

”نەسىھەت قىلغۇچى كۆپ بىلىملىك بولۇشى لازىم. ھەتتا يالغۇز بىلىملىك بولۇشلا كۇپايە قىلمايدۇ. ئەقىل ۋە چوڭقۇر پىكىرگە ئىگە بولۇشى كېرەك. ئىشنىڭ باش ئايىغىنى ئويلالىشى كېرەك.“

”ھەقىقى نەسىھەت قىلغۇچىنىڭ دوستى ئاز بولىدۇ. چۈنكى خەلقنىڭ كۆپ قىسمى ھاۋايى-ھەۋەسكە، مال-دۇنياغا قىززىققان بولغاچقا، نەسىھەت قىلغۇچىنىڭ سۆزلىرى ئۇلارنىڭ قۇلىقىغا ياقمايدۇ.“

”نادانلىقتىن باشقا گادايلىق يوق، بىلىمدىن باشقا بايلىق يوق!“

”ئىنسانلار تەرىپىدىن كىلىدىغان جەۋر-جاپالارغا چىداپ، سەۋر قىل. ھېچكىمنى پەس كۆرمە. ئاچچىغىڭ كەلگەندە ئۆزۇڭنى تۇتىۋىلىشنى بىل. زىنھار ئاللاھتىن باشقىسىغا قۇل بولما. ئۆي ھايۋانلرىغا مەسىلەن: مۆشۇك، ئىت قاتارلىقلارغا يەيدىغان-ئىچىدىغانلىرىنى ئايىماي بەر. ئۇلار بىزگە ئامانەتتۇر. كۆڭلۇڭدە ھېچكىمگە ئاداۋەت ساقلىما، ئۆچمەنلىك قىلما، ئۆچ ئالما. ساڭا سىنىڭ قىلغان ياخشىلىقىڭدىن باشقا بىر ياخشى دوست يوق. چۈنكى قىلغان ياخشىلىقىڭدىن باشقىسى سىنىڭ بىلەن بىرگە قەبرىگە كىرەلمەيدۇ. سىنىڭ قىلغان ياخشى ئىش-ئىزلىرىڭ ھەريەردە، قەبرىدە، قىيامەتتە، گۆردە سىنىڭدىن بىر قەدەممۇ ئايرىلمايدۇ. شۇڭا ئۇ ئەڭ سەمىمىي دوستتۇر!.“

18.03.2018

گېرمانىيە

 

يازغۇچى ھەققىدە

ماقالە سانى : 32

ئاكادېمىيە ئورگان تورى ©

ئۈستىگە قايتىش