ئۇيغۇرچە    Uyghurche    Уйғурчә    Ortaq Türkçe   
  • 2018 - يىلى 25 - مارت يەكشەنبە سائەت 2:00 دە ئىستانبۇل فىندىكزادە زۈبەيدە خانىم كۈلتۈر مەركىزىدە «ئۇيغۇرلاردا ئانا تىل سۆيگۈسى ۋە نورۇز شادلىقى» پائالىيىتى ئۆتكۈزۈلىدۇ. ۋاقتىدا
سىزنىڭ ئورنىڭىز: باشبەت » ئەدەبىيات گۈلزارى » ئىلتىجا

ئىلتىجا

ئىمان نۇرى

سېنىڭ ئاناڭدىن باشقا نەرسەڭ يوقمۇ؟ – دەپ سورىشىدۇ بەزىلەر. شۇنداق مىنىڭ ئانامدىن باشقا مىھىرلىك دەرتدىشىم، مىننەتسىز ھەمراھىم، كۆيۈمچان سىردىشىم يوق. ئانامغائوخشاش ھەقىقىي، ساختىلىق ئارلاشمىغان مۇھەببىتىنى بىغىشلىغۇچى يوق. ئەلۋەتتە، ئۇلۇغ، تەڭداشسىز رەببىم ھەرۋاقىت ماڭا ھەمراھ، ئەممامەن ئىنسانلار ئىچىدىن مىسال ئالماقتىمەن.

تىلىم ئانام بىلەن، ئانامنىڭ ھىكمەتلىرى بىلەن نەملىنىدۇ.  دىلىم ئانامنى ئەسلەش بىلەن شادلىنىدۇ، ياق ياق يالغۇزشادلىنىش بىلەنلا بولدى قىلماستىن، بەلكى ئورنىدىن قوزغىلىپ،چاك – چاك يىرىلىشكە باشلايدۇ. ئانامنى سېغىنىش بىلەن ئەمەس،ئانامنىڭ ھازىرقى ئەھۋالىنى ئەسلەش بىلەن پۇچىلىنىدۇ.  ھالا بۈگۈنگە قەدەر راھەت كۆرۈپ باقمىغان، ھىلىھەممۇ بالىلىرى ئۈچۈن،مەن ئۈچۈن بەدەل تۆلەۋاتقانلىقىنى ئويلاپ تومۇرلۇرۇم ئۈزۈلۈپ جىسمىمدىن ئايرىلىش گىردابىغا يىقىنلايدۇ.

شۇنداق، ھەقىقەتەن شۇنداق. ئانام بۇرەھىمسىز دۇنيا ئۈچۈن ئەمەس بەلكى ھەددىھىساپسىز گۈزەل نىئمەتلەرگە تولغان، مۆئمىنلەرنىڭ مەڭگۈلۈك ماكانى بولغان جەننەت ئۈچۈن بەدەل تۆلەۋاتىدۇ، مەن ئۈچۈن،مىنىڭ ئىستىقبالىم ئۈچۈن بەدەلتۆلەۋاتىدۇ. ئەزىزجانلىرىنى،تۈرلۈك كىسەللەردىن خالىي بولالمىغان ئاجىز تەنلىرىنى كاپىرلارنىڭ ئاشۇ ۋەھشىيانە تۈرمىلىرىدە قويۇشقا مەجبۇر بولۇۋاتىدۇ.  بۇنىڭ بەدىلىگە مەن بۇ ئەركىن دۆلەتلەردە ياشاۋاتىمەن. ئاللاھ ئانامنى سەبىر بىلەن سىنىغان بولسا، مىنى شۈكۈر بىلەن سىناۋاتىدۇ. قىزىنىڭ چوقۇم ياراملىق سالىھە بولۇپ يىتىشىپ چىقىدىغىنىغا، ۋەئاتائانىسىغا قىيامەت كۈنى تاجكەيدۈرەلەيدىغان ھەقىقىي مۇسلىمە ۋە مۇجاھىدە بولالايدىغىنىغا ھىچبىر گۇمان قىلماستىن ۋە قورقماستىن شەكسىز ئىشىنىپ، قىزىم :« قانداق بەدەل تۆلەشكە توغرا كەلسە بىز تۆلەيمىز، سىلىگە ئىشىنىمەن، ھەربىرسىكۇنتلىرىنى غەنىمەت بىلىپ، ئۆزلىرىنى ئاسراپ ياخشى ئوقۇسىلىرى شۇيىتەرلىك. ھەرگىزقايغۇرمىسا، قىيىنچىلىق يالغۇز بىزگىلا ئەمەس، ھەر بىر قىرىنداشلىرىمىزنىڭ بىشىغا كېلىۋاتىدۇ. ئۆزلىرىدىن راھەت تۇرمۇشكە چۈرۋاتقانلارغا ئەمەس بەلكى بىشىغا كەلگەن مۇسىبەت ئۆزلىرىنىڭكىدىنمۇ ئىغىر بولغانلارغا قارىسا.  ھەرۋاقىت رەببىمىزگە بولغان شۈكۈرنى ئۆزلىرىگە ھەمراھ قىلسا.»  دېگەن شۇ ئەڭ ئاخىرقى نەسىھىتىدىن بىر نەچچە كۈن ياكى بىر نەچچە ھەپتىدىن كىيىن پۇت – قوللىرىغا كىشەن سىلىنغان شۇ پەرىشتە سۈپەت ئانامنىڭ ئىسمىنى تىلغا ئالماي كىمنىڭكىنى ئالاي ……

ھەر سۆزۈمنى شۇ مۇبارەك سۆزدىن باشلىماي نەدىن باشلاي ……

مىنى دەپ قۇربان بېرىۋاتقان شۇ مەسۇم ئانامنى ئەسلىمەي كىمنى ئەسلەي …….

ھەر گۇناھقا قەدەم ئالغىنىمدا، « بۇنىڭ ھىسابىنى ئاللاھنىڭ ئالدىدا قانداق ئۆتەيسەن، ئاتائاناڭنىڭ سەن ئۈچۈن تۆلىگەن بەدەللىرىگە مۇشۇنداق جاۋاب قايتۇرامسەن.» دىن ئىبارەت سادالارقۇلاق تۈۋىمدە نامسىز ياڭرايدۇ . ئۇلارنىڭ ئەھۋالى كۆزئالدىمدىن خۇددى سۈرەتلىك فىلىملەردەك كىچىپ ئۆتىدۇ.

«  ئانا » دېگەن بۇ سۆزنى بۇرۇن ئىيتقىنىمدا پەقەت لىۋىممىدىرلىغان بولسا،مانا ئەمدى يۈرۈكۈم جىغىلداپ تىترەشكە باشلايدۇ .

 

ئى كائىناتنىڭ ياراتقۇچىسى، ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارى، يەريۈزىدىكى بارلىق مەزلۇملارنىڭ بىردىنبىر يار يۆلەكچىسى بولغان ئۇلۇغ رەببىم، ئاتا-ئانىمىزنىڭ ئەجرىنى قايتۇرالمىغاندىن سىرىت، ھىلىھەممۇ بىزلەر ئۈچۈن بەدەل تۆلەتكۈزىۋاتىمىز.

 

ئى رەببىم!  ئەگەر مۇمكىن بولسا بۇ دۇنيادا،ياكى قىيامەت كۈنى ئاتا – ئانىلىرىمىزنىڭ: «  مەن سىلەر ئۈچۈن قىينالغان، ئازاپلارغا دۇچار بولغان شۇ ھەر بىر مىنۇتۇڭلارنى نىمىش بىلەن ئۆتكەزدىڭلار؟ رەببىڭلارغا ھەقىقىي قۇللۇق قىلالىدىڭلارمۇ؟ بىزئۈچۈن دۇئانى توختىماي داۋام قىلالىدىڭلارمۇ؟ۋاقتىڭلارنى بىھۇدە ئىشلار ئۈچۈن سەرپ قىلماستىن پەقەت ئىبادەت ۋە ئىلىم ئىلىش يولىدا قۇربان قىلالىدىڭلارمۇ؟…..» دېگەندەك نۇرغۇنلىغان سۇئاللىرىنىڭ ئالدىدا جاۋاب بېرىشتىن ئۇيۇلۇپ، بىشىمىزنىڭ يەرگە ساڭگىلاپ كىتىشىدىن ئۆزلىرىنىڭ رەھمىتىگە سىغىنىپ تۇرۇپ پاناھ تىلەيمەن.  بىزلەرنى شۈكۈر سىز بەندە،ۋاپاسىز پەرزەنت قىلىپ قويمىسىلا  …..

 

 

2018-يىلى 3-ئاينىڭ 19-كۈنى ئىستانبول

يازغۇچى ھەققىدە

ماقالە سانى : 16

ئاكادېمىيە ئورگان تورى ©

ئۈستىگە قايتىش