ئۇيغۇرچە    Uyghurche    Уйғурчә    Ortaq Türkçe   
  • 2018 - يىلى 25 - ئاۋغۇست ئىستانبۇلدا «ئۇيغۇرلار دۇچ كېلىۋاتقان خىرىسلار ۋە ھەل قىلىش يوللىرى ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنى» ئۆتكۈزۈلىدۇ. ...
سىزنىڭ ئورنىڭىز: باشبەت » مىللىي مەۋجۇتلۇق » ئۇيغۇر مائارىپىغا نەزەر

ئۇيغۇر مائارىپىغا نەزەر

(جىك ھونتېر (ئامىرىكا
مۇقەددىمە
مەن «ئۇيغۇر» نامى بىلەن ئاتالغان ئەلدە خېلى ئۇزۇن تەلىم ئالدىم. لېكىن مەندە قالغان تەسىرات شۇ بولدىكى، ئۇ يەردە ھەقىقى مەنادىكى مائارىپ تېخى شەكىللەنمەپتۇ. ۋەتەنگە ۋاقتىدا قايتىپ كەلمىگەن بولسام، مەنمۇ تەربىيەسىز قالاركەنمەن. زاۋۇتتىن چىققان خىشتەك، بىر خىللا ئىدىيەلىك، بىر قىلىپتىكى ئادەملەرنى تەربىيەلەپ چىقىشنى مەقسەت قىلغان ئۇ سېستىما ھەققىدە بەك كۆپ توختالغۇم يوق. ئۇلار تېخى ئۆزلىرىچە «مائارىپتا ئىسلاھات ئىلىپ بېرىۋاتىمىز» دەپ قارايدىكەن. ئۇلار «ئىسلاھات» دەپ چۈشەنگەن ئىشنىڭ ماھىيىتىنى قىسقىلا قىلىپ ئۈچ نوقتىغا يىغىش مۇمكىن.
1-باپ. ئۇيغۇر مائارىپىدىكى «ئىسلاھات»قا ئىزاھات
ئۇلار بىز «ئىسلاھات ئىلىپ بېرىۋاتقىلى يىگىرمە نەچچە يىل بولدى» دەپ ماختىنىدىكەن، ئەمىلىيەتتە ئۇيغۇر مائارىپىدا ئەزەلدىن ئىسلاھات بولۇپ باقماپتۇ. بىر زاماندا روسلارنىڭ ئەندىزىسى بىلەن شەكىللەنگەن مائارىپىدىن پەخىرلەنگەن ئىكەن. مانا ئەمدى خەنزۇ مائارىپىنىڭ كۆچۈرۈلمىسىدىن ماختىنىپ يۈرۈپتۇ. بۇ خىل كۆچۈرۈلمە ئەندىزىمۇ يىل ساناپ ئۆزگىرىپ تۇرىدىكەن. بۇ يىل «نىشانلىق ئوقۇتۇش» دېگەن شۇئارنى كۆتۈرۈپ چىقسا، كېلەر يىلى «ساپا مائارىپى» دىگەن گەپنى ئوتتۇرىغا قويىدىكەن، ھازىر «ئېمتىھان مائارىپى» دېگەن ئۇقۇمنى پەيدا قىلسا، ئەتە تۇرۇپلا ئامېرىكىنىڭ 20-ئەسىرنىڭ 70- يىللىرىدىكى پېداگوكى بولۈمىنىڭ نەزەرىيسىنى بازاراغا سالىدىكەن. مەھمۇد كاشغەرى، نىزامىدىن ئەلىشىر نەۋايى. . . قاتارلىق يىتۈك ئۆلىما-ئۇستازلىرى ياراتقان تەربىيەلەش تەجرىبىلىرىنى تەتقىق قىلىپ كۆرمەي، چەتئەلنىڭ سۇخۇلمىنىسكى، كۇڭزى كەبى پېداگوكلىرىنىڭ ئۆزلىرىگە ماس كەلمىگەن تەشەببۇسلىرىغا ئېسىلىۋالىدىكەن. «ئىسلاھات» دەپ كۈچىگەنسىرى ئوقۇغۇچىلارنىڭ دەرسلىك كىتابلىرى كۆپىيىپ كېتىدىكەن، ئۇ دەرسلىكلەر ئەمەلىيەتتىن ئايرىلغان بولۇپ، ئۇنى ئوقۇپ چىققانلار رېئاللىققا، تۇرمۇشقا زادىلا ماسلىشالمايدىكەن. ئەقەللىيسى، فىزىكا .ئوقۇغانلار ھەمىشە كۆرۈپ تۇرغان شال بىلەن بۇغداي مايسىسىنى پەرقلەندۈرەلمەيدىكەن
«باشلىق كۆپەيتىش»-ئۇلار دىگەن ئىسلاھاتنىڭ مۇھىم بىر تەركىبى قىسمى ئىكەن. «ئادەم كۆپ بولسا ئىش كۆپ بولىدۇ» دېگەن گەپ ئۇلارنىڭ دەستۇرى سانىلىدىكەن. ئادىمى يۈزگىمۇ يەتمەيدىغان مەكتەپنىڭ 8-10 نەپەر مۇدىرى بولىدىكەن. بۆلۈم، گورۇپپا مەسئۇللىرى، سىياسى خىزمەتچىلەر. . . دېگەنلىرىنى قوشقاندا مەكتەپ خادىمىنىڭ 40 – 50 پىرسەنتىنى باشلىقلار تەشكىل قىلىدىكەن.
باشلىقلار كۆپىيىپ تۇرغىنى بىلەن «ئىخچاملاش»نى ئېغىزدىن چۈشەرمەسلىك ئۇلارغا ئورتاق ئۇدۇم ئىكەن. «ئىخچاملىدۇق» دەپ بىر-بىرىگە مۇناسىۋەتسىز بىر تالاي مەكتەپلەرنى زورمۇ-زور بىرلەشتۈرۈپ قويۇپتۇ. بۇنىڭ بىلەن ئاپپارات كېلەڭسىزلىشىپ ئادەم تېخىمۇ كۆپىيىپ كىتىپتۇ. «شىتات قىسقارتىمىز» دېگەن گەپ شۇنىڭدىن چىقىپتۇ. ئۇلار شىتات قىسقارتىشنى ئۈنۈملۈك ئېلىپ بېرىش ئۈچۈن جاي-جايلاردا «شىتات قىسقارتىشقا رەھبەرلىك قىلىش گۇرۇپپىسى» دەيدىغان مەخسۇس شىتاتلىق ئورگاننى كۆپەيتىپتۇ.
ئۇلارنىڭ «ئىسلاھات» دەپ چۈشىنىدىغان يەنە بىر ئىشى-ئۆز تىلىدا ئۆتۈلگەن دەرسلەرنى ئۆزلەشتۈرۈپ بولالمايۋاتقان ئوقۇغۇچىلارغا باشقا تىلدا …دەرس ئۆتۈش ئىكەن
قىسقىسى، ئۇيغۇرلارنىڭ خاس مائارىپ ئەندىزىسى يوق ئىكەن. ھازىرقى شارائىتتا ئۇلارنىڭ مائارىپىدا ئىسلاھاتنىڭ بولىشىمۇ مۇمكىن ئەمەس ئىكەن. ئەگەر «يېڭىلىق بار» دېيىلسە ئۇ «خورىتىش» ۋە «قورقىتىش» ئىكەن!
2-باپ. خورىتىش
ئىنسانىيەتنىڭ تارىختىن بىرى ئۈزلۈكسىز ئىسلاھات ئىلىپ بېرىشىدىكى تۈپ مەقسەت-ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرىنى ئازاد قىلىش. بۇ «ئاز ئىشلەپ، كۆپ ئۈنۈم ھاسىل قىلىش ئۈستىدە ئىزدىنىش» دىگەنلىك.
لېكىن ئۇيغۇر مائارىپى بۇنىڭ ئەكسىگە قاراپ تەرەققى قىلىۋاتىپتۇ. ئۇلار «ئىسلاھات» دېگەن بۇ ئۇقۇمنى «كۆپ ئىشلىتىش، كۆپ باشقۇرۇش، كۆپ چارچىتىش» دەپ چۈشىنىدىكەن.
ئۇلاردا «ئوقۇتقۇچىلارنى قانداق قىلغاندا ئىشتىن باش كۆتۈرەلمەيدىغان قىلغىلى بولىدۇ» دېگەن مەسىلە ھەققىدە ئىزدىنىش ئەڭ چوڭ ئىسلاھات سانىلىدىكەن.
شۇڭا ھەر قانداق مەكتەپ مۇدىرى ۋەزىپىگە تەيىنلەنگەن ھامان مۇشۇ توغۇرلۇق باش قاتۇرىدىكەن. كىم ئوقۇتقۇچىلارغا ئىش تېپىپ بېرەلىسە، يېڭىدىن-يېڭى ئۈنۈمسىز ۋەزىپىلەرنى ئارتالىسا، شۇ ئىقتىدارلىق مۇدىر ھېسابلىنىدىكەن. شۇنىڭ ئۈچۈن ھەممىسى ئوقۇتقۇچىلارنىڭ يۈكىنى ئاشۇرۇش كويىدا پالاقلايدىكەن. بىر مۇدىر دەرس ئوقۇتقۇچىلىرىنى قايسى ئۇسۇلدا ھاردۇرۇشنىڭ ئامالىنى ئىزدەپ، ئون-ئونبەش خىل قوللانما تۈزسە، يەنە بىر مۇدىر ئۇنىڭدىن قالماسلىق ئۈچۈن، كېچە-كۈندۈز باش قاتۇرۇپ يۈرۈپ، سىنىپ تەربىيەچىلىرىنى جازالاش ھەققىدە 20-25 تۈرلۈك مەخسۇس قوللانما تۈزۈپ چىقىدىكەن. ئۈچىنچى بىرسى ئۇنىڭدىن ئېشىپ چۈشىدىغان بىمەنەلىكلەرنى ئويلاپ تاپىدىكەن. . .
ئوقۇتقۇچىلار كېچە-كۈندۈز ئارام ئالماي، تۈرلۈك ئەھمىيەتسىز جەدۋەل، قوللانمىلارنى تولدۇرۇپ ھالىدىن كېتىدىكەن. ئۇلارغا ئارامخۇدا دەرس تەييارلىغۇدەكمۇ ۋاقىت بېرىلمەيدىكەن. ئۇنىڭ ئۈستىگە دەرسلىك ئۆزگەرمىگەن ئەھۋال ئاستىدىمۇ بۇ يىلقى تۈزگەن كونسىپىكنى كېلەر يىلى ئىشلىتىشكە بولمايدىكەن.
ئۇلارنىڭ «گورۇپپا باشلىقى» دەپ ئاتىلىدىغان دۇنيادىكى ئەڭ كىچىك باشلىقى كانسىپىكنى قايتا-قايتا كۆچۈرتۈپ ئۇنىڭ ئاخىرىغا سەت خەتلەر بىلەن ئىسمىنى يېزىۋالمىسا ئۇنىمايدىكەن. ئاڭلىسام، ئۇلارنىڭ ئىشى مۇشۇ ئىشتىن ئۆسىدىكەن. شۇڭا، ئوقۇتقۇچىلارنىڭ كۈنى دەرسلىكتىن-كونسىپىككە، پايدىلىنىش ماتىرىيالدىن-دەپتەرگە، دەپتەردىن-دەپتەرگە، دەپتەردىن-يېڭى دەپتەرگە كۆچۈرۈش بىلەن ئۆتىدىكەن. . .
مەكتەپ باشلىقلىرىنىڭ دەرسلەرنى باھالاش ئۇسۇلىمۇ غەلىتە ئىكەن. ئۇلار ئالدىن بېكىتىۋالغان مەڭگۈ ئۆزگەرمەيدىغان باھالاش ئۆلچىمىنى مەخسۇس دەپتەر قىلىپ باستۇرۇپ، ھەممە ئوقۇتقۇچىغا بىردىن تارقىتىپ بېرىدىكەن. بارلىق ئوقۇتقۇچى مۇشۇ دەپتەر بويىچە دەرس ئۆتۈشى كېرەك ئىكەن، يەنە كىلىپ ئوقۇتۇشنىڭ ھەر بىر باسقۇچىغا مۇقىم ۋاقىت بېكىتىلگەن بولۇپ، ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئەمەلى ئەھۋالىغا قاراپ ۋاقىت چىكىنى بۇزۇشقا ھەرگىز بولمايدىكەن، دەرس ئۆزلەشسۇن- ئۆزلەشمىسۇن مۇشۇ ۋاقىت بويىچە قېلىپقا چۈشۈرۈپ دەرس ئۆتۈپ بەرگەن ئوقۇتقۇچى «مۇنەۋۋەر ئوقۇتقۇچى» بولۇپ باھالىنىدىكەن. سەل چوڭقۇرلاپ كەتكىنى بېكىتىلگەن ئۆلچىمىگە چۈشمەي قالىدىكەن-دە، لاياقەتسىز باھالىنىدىكەن. شۇڭا ھەممە ئوقۇتقۇچى بىر ئادەمدەك دەرس ئۆتىدىكەن. ھىچقايسىسى قائىدىدىن چىقىپ كەتمەيدىكەن. تېخىمۇ قىزىق بولغىنى ئوقۇتۇشتىن ئىبارەت سۇبيىكتىپ جەريان قېلىپلاشقان، مىخانىك پائالىيەتكە ئايلىنىپ قاپتۇ.
«يىل بويى ئارام ئالماسلىق»-ئۇلارنىڭ نەزەرىدىكى يەنە بىر «ئىسلاھات» ئىكەن. مەكتەپلەر ئوقۇتقۇچىلارنى قىش-ياز تەتىلگە قويۇپ بەرمەي، تۈرلۈك ئۆگىنىشلەرگە سالىدىكەن. شەنبە-يەكشەنبىلەرمۇ ئىشلەۋىرىدىكەن. قانۇنىيەتكە خىلاپ بۇ ئادەت ئوقۇتقۇچى-ئوقۇغۇچىلارنى ئاسانلا كاردىن چىقىرىدىكەن. شۇنداق بولغانلىقتىن ئۇلارنىڭ ئوقۇغۇچىلىرى گومۇش، يىراقنى كۆرەلمەس. . . قاتارلىق كېسەللەر بىلەن، ئوقۇتقۇچىلىرى ئۆپكە، يۈرەك، بۆرەك. . . دېگەندەك رەئىس ئەزالار كېسىلى بىلەن ئاغرىيدىكەن. مەن بۇ ئەلدىكى ئىلى، ئاقسۇ، قەشقەر، خوتەن قاتارلىق ئەللەرنى ئارىلاپ يۈرگەنلىرىمدە تالاي ئوقۇتقۇچىلارنىڭ شۇ خىلدىكى كېسەلگە گىرىپتار بولۇپ كەتكەنلىكىنى ئۆز كۆزۈم بىلەن كۆردۈم.
ئۇلاردا ئوقۇتقۇچىلارنىڭ يۈكى ئىنتايىن ئېغىر ئىكەن، مەكتەپ مۇدىرلىرى دەل موشۇ ئىشتىن پەخىرلىنىدىكەن. ئوقۇتقۇچىلارنى قانچىكى كۆپ قاقشاتسا، قانچە كۆپ ئۈنۈمسىز ئىشلارغا مەلىكە قىلالىسا بۇ «ئىسلاھات» ھېسابلىنىدىكەن. دوكتور، يازغۇچى، تەتقىقاتچى. . . دىگەندەك كەم تېپىلىدىغان ئىختىساس ئىگىلىرى بولغان ھالەتتىمۇ تۈرلۈك شەكىلۋازلىقلىرىغا كۆنۈشى كېرەك ئىكەن. بۇ شەكىلۋازلىققا چىداپ ئىشلىگەنلىرى بولسا بەش-ئالتە يىلغا بارمايلا بەلگىلەنگەن قېلىپ بويىچە ئۆلچەملىك دەرس ئۆتۈشتىن باشقىغا يارىمايدىغان ئادەتتىكى «مۇئەللىم»گە ئايلىنىدىكەن. بۇ نىمە دېگەن ئېغىر پاجىئە-ھە!؟
!شۇڭا دەيمەن. ئۇلاردا ھەقىقى «مائارىپ» يوق. «ئىسلاھات» يوق. قەستەن «خورىتىش»لا بار ئىكەن
3-  باپ قورقۇتۇش
ئەقىللىق باشلىققا نىسبەتەن دۇنيادا ئۇنىڭ باشقىلارنى قورقۇتۇپ ئىشلىتىشىدىنمۇ ئېغىر پاجىئە بولمىسا كېرەك.
لېكىن، ئۇيغۇر مەكتەپلەرنىڭ مۇدىرى «قورقىتىش»نى «ئىسلاھات»نىڭ يەنە بىر تۈرى، ئۆز نوپوزىنىڭ ئاشقانلىقى دەپ بىلىدىكەن.
قورقۇش-ھەقىقى مەنادىكى ھۆرمەت ئەمەس، ئوقۇتقۇچى-خىزمەتچىلەرنىڭ ئامالسىزلىقىدىن بويسۇنىشىدۇر. ئادەمنىڭ غىدىقىنى كەلتۈرىدىغىنى ئۇيغۇر مەكتەپلىرىنىڭ مۇدىرلىرى بۇنىڭ ئەكسىچە قارايدىكەن. ئۇلار ئوقۇتقۇچىلارنى قانچىلىك قورقىتىۋالسا، ئۇلارغا قانچە زور تەھدىت سالالىسا شۇنچە سۆيۈنۈپ كېتىدىكەن.
«ئىش ئورنۇڭدىن قالىسەن» دىگەن بۇ سۆز ئۇيغۇر مەكتەپ مۇدىرلىرىنىڭ دائىملىق دەيدىغان گېپى ئىكەن. «ئىسلاھات» دېگەن سۆز ئۇلارغا ناھايىتى ياخشى باھانە تېپىپ بېرىپتۇ. «ئىسلاھات»نى «ئىش ئورنى بىكارلاش» دەپ چۈشەنگەن مۇدىرلار ھە دىگەندىلا مۇشۇ سۆزنى چىڭقىلىپ دەپ، ئەسلىدىنلا تېنى ئاجىز مۇئەللىملەرنى قورقۇتۇپ يۈرەك ئالدى قىلىۋىتىپتۇ.
«دەرستىن توختىتىش ۋە تۆۋەنگە چۈشۈرۈش»-تەھدىت سېلىشنىڭ يەنە بىر خىل ئۇسۇلى ئىكەن. ئايرىم مەكتەپ مۇدىرلىرى بىلەن كۆرۈشسەم، بۇ تېخى ئەڭ ئۈنۈم بەرگەن «ئىسلاھات» ئىكەن.
كىم ئالدىن بېكىتىلگەن قېلىپ بويىچە دەرس ئۆتمىسە، دەرس ئۆتۈشكە رۇخسەت قىلىنمايدىكەن. دەرسكە كىرگۈزۈلمىگەن ۋاقتى بەك ئۇزىراپ كەتسە «لاياقەتسىز» قىلىنىپ ناھىيە مەكتىپىدىن يېزا مەكتىپىگە، يېزا مەكتىپىدىن كەنىت مەكتىپىگە چۈشۈرۈلىدىكەن. شۇڭا ئوقۇتقۇچىلار ئۇخلىماي، ئارام ئالماي يۈرۈپ ساراڭ بولۇپ كەتسىمۇ، ناھىيىدىكى مەكتەپلەردە ئىشلەشكە رازىكەنكى، ساق كاللىسى بىلەن تۆۋەندىكى مەكتەپلەرگە چۈشۈشنى خالىمايدىكەن. چۈنكى مەكتەپ قانچە كىچىكلىگەنسىرى، ئۇنىڭ «ئىسلاھات» تەدبىرلىرى شۇنچە كۆپىيىپ ۋە چوڭقۇرلۇشۇپ، ئوقۇتقۇچىلارنى نېرۋا ئاجىزلىقىدىنمۇ ئېغىر كېسەلگە گىرىپتار قىلىشى مۇمكىن ئىكەن. ئۇلارنىڭ قارىشىچە، سەھرادا يۈرەك كېسىلى بولغاندىن ناھىيە، شەھەرلەردە ساراڭ بولغىنى ياخشىراق ئىكەن. سەۋەب: ئۇلار ساراڭ بولۇپ قالغان ھالەتتىمۇ، پەرزەنتلىرى سەھرا مەكتەپلىرىدىكى تېخىمۇ قاتتىق «ئىسلاھات» شامىلىدىن ساقلىنىپ قالالايدىكەن.
قاراڭ! بۇ نېمە دگەن ئاجىز قوغدىنىش، نىمە دېگەن بىچارىلەرچە تەدبىر – ھە
بۇلارنى كۆرگەن كىشىنى ئىختىيارسىز يىغا تۇتىدۇ، موشۇنى «ئىسلاھات» دېگىلى بولامدۇ ؟ مۇشۇنىمۇ «مائارىپ» دېگىلى بولامدۇ ؟
ئۇلارنىڭ كۆچۈرۈلگەن مائارىپ ئەندىزىسىمۇ ئەسلى مەنىسىدە قوللىنالمىغان ئاتالمىش «مائارىپى» توغرىسىدا بۇنىڭدىن كۆپ توختالغۇم يوق. «ئىسلاھات» دەپ ئاتىلىۋىلىشقان بىر قاتار شەكىلۋازلىق ھەرىكەتلىرىدە بىچارە ئوقۇتقۇچىلارنى قورقۇتۇش ۋە خورىتىشتىن باشقا ھېچقانداق يېڭىلىقىمۇ يوق. شۇڭا بۇنىڭدىن ئارتۇقچە توختالمايمەن.
تەرجىمە قىلغۇچى: ئابباس مونىياز

دۇنياۋى مەتبۇئاتتا كىملەرنىڭ گېپى»ناملىق ماقالىلار توپلىمىدىن ئىلىندى»

يازغۇچى ھەققىدە

ماقالە سانى : 54

ئاكادېمىيە ئورگان تورى ©

ئۈستىگە قايتىش