ئۇيغۇرچە    Uyghurche    Уйғурчә    Ortaq Türkçe   
  • 2018 - يىلى 25 - ئاۋغۇست ئىستانبۇلدىكى فاتىھ سۇلتان مەھمەت ۋەخپە ئۇنىۋېرسىتېتىدا «ئۇيغۇرلار دۇچ كېلىۋاتقان خىرىسلار ۋە ھەل قىلىش يوللىرى ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنى» ئۆتكۈزۈلىدۇ. ...
سىزنىڭ ئورنىڭىز: باشبەت » مىللىي مەۋجۇتلۇق » بۈگۈندىن تۇغۇلغان ئويلار

بۈگۈندىن تۇغۇلغان ئويلار

نۇرانىيە قەشقىرى

2018-يىلى بەرىكەت بىلەن باشلاندى، ۋەتىنىمىز قان ئىچىدە ئازاپلىق ئىڭراۋاتقان بولسىمۇ، موھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلار ئاساسەن ئويغىنىپ ۋەتىنىمنى خىتاي تاجاۋۇزچىلىرىنىڭ تۆمۈر تاپىنى ئاستىدىن قۇتۇلدۇرۇش ئۈچۈن ھەرىكەت قىلىمەن، قولۇمدىن نىمە كەلسە شۇنى قىلىمەن، ھەتتا بىر تال تۇخۇم ئىتىش ھاجەت بولۇپ قالغاندا نىمە پايدىسى دىمەستىن ئىككىلەنمەي، قورقماي خىتايغا قارىتىپ ئاتىمەن دىگەن قاراشقا كەلدى. بۇ ئويغىنىش ئازاتلىقىمىز ئۈچۈن يىڭى بىر باسقۇچ، يېڭى بىر بۇرۇلۇش ھىساپلىنىدۇ.

تارىخىمىزغا نەزەر تاشلايدىغان بولساق ئەجداتلىرىمىز خەلقنى ئويغۇتۇشقا كۆپ كۈچ سەرپ قىلغان. خەلقىمىزنى مۇستەقىللىق ئۈچۈن ھەرىكەت قىلىشقا ئۈندەش ئۈچۈن يىڭى ئاقارتىش ھەرىكەتلىرىنى قوزغىغان. ئەمما دۈشمەننىڭ ماھىتىنى چۈشۈنۈش، ئۆزىنىڭ ئەمەلىيىتىنى توغرا تونۇش كامچىل بولغاچ بۇ ھەرىكەتلەر بىر قىسىم تارىخى شەخىسلەرنىڭ ئۈستىگە يۈكلىنىپ نۇرغۇن قېتىملىق مەغلۇبىيەتلەرنى باشتىن كەچۈردى.18-ئەسىرنىڭ ئاخىرى 19-ئەسىرنىڭ باشلىرى ئۇيغۇر زىيالىلىرىمىز خەلقنى ئويغىتىشنىڭ قانچىلىك موھىملىقىنى تونۇپ يەتكەچكە، جاھالەتتىن، نادانلىقتىن قۇتۇلدۇرۇشنىڭ موھىملىقىنى، ھەر قانداق ۋاقىتتا خەلقنىڭ كۈچى ئەڭ زور بولىدىغانلىقىنى، خەلققە ھىچبىر ھۆكىمەت تەڭ كىلىپ خەلقنى تۈپتىن يوقىتىۋىتەلمەيدىغانلىقىنى، زالىملار خەلقنىڭ كۈچىدىن ئەڭ قورقىدىغانلىقىنى تونۇپ يەتكەچ خەلقنى تەربىيلەشكە ئالاھىدە ئەھمىيەت بەرگەن. بۇنىڭغا قارشى زالىم دۈشمەن خەلقنىڭ ساپاسىنىڭ ئۆسۈپ، ئىددىيىسىنىڭ ئويغىنىشىنىڭ ئالدىنى ئىلىش ئۈچۈن شۇ زىيالىي، ئىلىم ئادەملىرىمىزنى ۋەھشىلەرچە ئۆلتۈرۈپ كەلدى. تارىخ تەكرارلانماسلىقى كىرەك. خەلق نادانلىقنى چۆرۈپ تاشلىشى كىرەك. ۋەتەندىكى قىرىنداشلىرىمىز ئاخىرقى تىنىقلىرىنى تىنىۋاتىدۇ، ۋەتەن سىرتىدىكىلەر ئۇيغۇر بولۇش سۈپىتىمىز ھەم بىر مۇسۇلماننىڭ ئەۋلادى بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن ئۇيقۇنى ئىچىپ ئورنىمىزدىن دەس تۇرىشىمىز كىرەك.

بىر كىچىك چاغلىرىمىزدا 731-قىسىم ناملىق تىلۋىزىيە تىياتىرىنى كۆرگەن ئىدۇق، ئۇ فىلىمدىكى ۋەھشىيلىكلەر ئادەم تىنىنى يىرگەندۈرەتتى، ھەتتا بىر مەزگىل تاماقمۇ يىيەلمەيتۇق. شۇ كۆرۈنۈشلەر ھىلىھەم كۆز ئالدىمدىن كەتمەيدۇ. ئۇ بىر فىلىم ئىدى، شەرقىي شىمالدا ياپۇنلۇقلار ئىككىنجى دۇنيا ئۇرشىدا ئىلىپ بارغان سىناقلىرىنىڭ كۆرنۈشلىرى ئىدى. بىراق ھازىر ۋەتەندىن چىققان خەۋەرلەردىكى قىيناش ئۇسۇللىرى ئۇ فىلىمدىكى قىيناش ئۇسۇللىرىدىن ئىشىپ كەتتى. خىتاي ئۇلارنىڭ قىيناش ئۇسۇللىرىدىن باشقا يەھۇدىيلارنى ناتسىسلارنى قىينىغان ئۇسۇللار، سىتالىننىڭ ئۆز تىرتورىيەسىدىكى باشقا مىللەتلەرنى روسلاشتۇرۇش ئۈچۈن يۈرگۈزگەن ۋەھشى ئۇسۇللىرىنىڭ ھەممىنى ئورتاق ئىشلىتىپ كىلىۋاتىدۇ. تارىخدىكى ئەجداتلىرى 10 نەچچە خىل ئۇسۇل بىلەن ئادەم ئۆلتۈرگەن بولسا بۈگۈنكى كۈندە خىتاينىڭ لاگىردىكى، تۈرمىدىكى مەھبۇسلارنى قىيناش ئۇسۇلى 70 نەچچە خىلغا يەتكەن. بۇنى دۇنيانىڭ بىلمەسلىكى مۇمكىن ئەمەس. يىللار ئۆتۈپ چەتئەل ئاخباراتىدا خىتايلار مۇنداق ئۇسۇل، مۇنداق شەكىلدە ئۇيغۇرلارنى يوقاتقان دەپ دەلىل ئىسپاتلار بىلەن ئۇلارنىڭ جىنايىتىنى ئوتتۇرغا قويىدىغانلىقىغا يۈزدە يۈز ئىشىنىمىز، بىراق ھازىرقىدەك ياردەمگە مۇھتاج ۋاختىمىزدا ئۇلار بۇ ئىسپاتلارنى چىقارمايدۇ، ھەم جىمجىتلىقنى ساقلايدۇ.چۈنكى ئۇلار ئۆز مەنپەتىنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇپ ھىساۋات ئىلىپ بارىدۇ.

ئارىمىزدا مۇشۇ ئاي مۇشۇ كۈندە،قىرىنداشلىرىمىز سەكراتتا جان تالىشىۋاتسىمۇ بىزدە زۇلۇم يوق خىتاي بىزگە ياخشى مۇئامىلە قىلىۋاتىدۇ دەپ تەشۋىق قىلىۋاتقان ئۇيغۇرلارنى ھەم ئۇچرىتىۋاتىمىز. ئۇلار مەيلى ئائىلىسىدىكىلەرنىڭ خەتەرگە ئۇچۇرشىدىن قورقۇپ قىلغان بولسۇن، ۋە ياكى ئىقتىسادى مەنپەت ئۈچۈن قىلغان بولسۇن بۇ كەچۈرگىلى بولىدىغان خاتالىق ئەمەس. بۇ خىيانەت، 35 مىليون ئۇيغۇر مىللىتىگە قىلىنغان خىيانەت. بىز بۇنداقلاردىن نەپرەتلىنىدىغانىمىزنى ئىنىق ئوتتۇرغا قويىشىمىز كىرەك.

مارت ئايلىرىدا ھەر قايسى دۆلەتتىكى ئىلىپ بىرىلغان نامايىشلاردا ئۇيغۇرلار ئۆز قىرىنداشلىرى ئۈچۈن سەلدەك كوچىلارغا چىقىپ نارازىلىقىنى ئىپادىلىدى، نامايىش سۈرەتلىرىدە چاقلىق ئورۇندۇق، ھاسىلاردا كوچىغا چىققان چوڭ ئاپىلىرىمىز كۆزىمىزگە چىلىقتى.
گىرمانىيەنىڭ مىيۇنخىن شەھىرىدىكى نامايىشقا باشقا شەھەردىن 10سائەتلىك يولنى بىسىپ كىلىپ قاتناشقان 12ياشلىق رامىن ئىنىمىزدىن ”نىمىشقا شۇنچە يىراق يەردىن كېلىپ قاتناشتىڭ ساڭا جاپاغۇ؟“ دەپ سورىغان سوئالغا يىغلاپ تۇرۇپ:“مەن نېمىشقا قاتناشمايمەن ،مەن قاتنىشىپ ئۇيغۇر ئاپىلىرىمغا  ئاۋازىمنى ئاڭلىتىمەن دەپ كەلدىم ،ئەپسۇس مىكروفوننى يىقىن تۇتسام ،مىكروفوننىڭ ئاۋازى تەسىر قىلىدىكەن ،مەنمۇ ئۇيغۇرنىڭ بالىسى تومۇرۇمدا ئېقىۋاتقىنى ئۇيغۇرنىڭ قېنى ،ئىچىمدە جىق دۇئالارنى قىلدىم ،نېمىشقا مىنى كەلمىسەڭمۇ بولاتتى دەيسىلەر.“ دەپ يىغلاپ كەتكەن. ھەممە يىرى ساق تۇرۇپ نامايىشتىن قاچىدىغان، ۋەتەن ئۈچۈن قىرىنداشلىرى ئۈچۈن بىر ئېغىز لىللا گەپ قىلىشقا تىلى كۆيىۋاتقان، ھەتتا ”بىزنى خىتاي ھىچنەرسە قىلمىدى،زۇلۇم بار دىگەن سۆزلەر يالغان“ دىگەن سۆزلەرنى قىلىپ خىتاي ئۈچۈن جان كۆيدۈرىۋاتقانلار ۋىجدان تارازىسىغا ئۆزىنى تىخىمۇ بەكرەك سىلىشى كىرەك. بۇ تارىخى ۋەقە، ھەر بىرىمىزنى قىلغان ياخشى ئىشى ۋە يامان ئىشى تارىخ بەتلىرىدە خاتىرلىنىدۇ. تارىخ بىتىدە ئۆز ئىسمىنى تاپالمىغانلار غەم قىلماڭ، ئىككى دولىڭىزدىكى پەرىشتە ئىسمىڭىزنى ئۇنتۇلۇپ قالمايدۇ، ھامان بىر كۈنى ئىسمىڭىز جامائەت ئارىسىدا ئوقۇلىدۇ.

ئىنسان شۇ قەدەر ئىنساپسىز، شۇ قەدەر ۋىجدانسىز، شۇ قەدەر شەخسىيەتچى بولسا سورىغى يوق دۇنيامۇ بۇ؟

دۇنيا ئۆز ھەلەكچىلىكىدە، مەنپەئەت دوسخىنى ئۈستىدە تاماق تارتىلىۋاتىدۇ، ھازىرقىدەك مۇشۇنداق ۋەھشى قىرغىنچىلىقنى كۆرۈپ تۇرۇپ بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەسكىلاتىنىڭ ئىنسان ھەقلىرى كومىتىتى خىتاينىڭ“ ھەممە ئورتاق غەلبە قىلىش“ دىگەن بىر قارارنامىسىنى كۆپ ساندىكى دۆلەتلەرنىڭ قوللىشى، ئامرىكىنىڭ قارشى تۇرىشى، ياپۇنىيە، ئەنگىلىيە، ئاۋىستىرالىيەنىڭ ئاۋاز بىرىش ھوقوقىدىن ۋاز كىچىشى نەتىجىسىدە ماقۇللىغان. بىزنىڭ مەسىلىمىز باشقىلار ياردەم قىلىپ ھەل قىلىپ بىرىدۇ دىگەن تامادىن ئۈزۈل كىسىل يىراقلاشتى. ئۆزىمىزگە تايىنىپ قىرىنداشلىرىمىزنى شۇ ئازاپتىن قۇتۇلدۇرۇپ،ۋەتىنىمىزنى ئازات قىلمىساق، بىز ئۈچۈن ئىككىنجى بىر تاللاش يوق. بىزنىڭ ئالدىمىزدا ئۆلۈملا قالدى. خىتاينىڭ ئۆلتۈرىشىگە رازىلىق بىلدۈرۈپ، لەببەي دەپ تۇرۇشنى تاللىغانلارغا باشقا گەپ يوق. ”سارت تاللاپ يەيدۇ، قويماي يەيدۇ“دىگەن ئاتا بوۋىلىرىمىز. بۇنىڭ ھەقىقىتىنى ئۆز ئەمىلىيىتىمىزدە كۆردۇق. بىز يوقالساق دۇنيا تارىخىدا، ئۇيغۇر دەپ بىر مىللەت بار ئىدى، يۇمشاق باش قارشى تۇرۇش ئىقتىدارى يوق مىللەت بولغاچ، ”چوڭ بىلىق كىچىك بىلىقنى يەيدۇ“ دىگەن پىرىنسىپ بويىنچە، موھىتقا ماسلىشالماي خۇددى دىندزاۋۇرلار يەر يۈزىدىن يوقالغاندەك يەر يۈزىدىن يوقالدى دەپ يېزىلىدۇ. خىتاي ئۈستىدىن غەلبە قىلساق تارىخ بىتىگە ئاز بولسىمۇ، شۇنچە ۋەھشى قىرىلىپ، شۇنچە ئاجىز ھالغا چۈشۈرۈپ قويۇلسىمۇ تەۋرەنمەي كۆرەش قىلىپ ئۆز مۇستەقىللىقىنى قولغا كەلتۈرگەن باتۇر مىللەت دەپ يېزىلىدۇ.

بىز ۋەتەن ئۈچۈن جان بىرىشنى، قىرىنداشلىرىمىزنى قۇتقۇزۇشنى تاللىدۇق، مەيلى غەلبە قىلايلى، مەيلى مەغلۇب بولايلى، تەۋرەنمەي بۇ يولدا مىڭىشنى تاللىدۇق.

بۈگۈنمۇ يەنە خىتايدىن قورقۇپ تۇرغان، مەنپەئەت ئۈچۈن خىتايغا ئىشلەۋاتقانلار ئۈچۈن نورغۇن ۋىجدانى سۇئاللارنى قويۇپ قويدۇق. بۇ سۇئالغا قانداق جاۋاپ بىرىش ئۆزىڭىزنىڭ ئىختىيارى. بىراق ئەتە بىزدىن كەچۈرۈشنى، بىزگە ئۆز ئارىمىزدىن ئورۇن بىرىشنى ئۆتۈنۈپ ئاۋارە بولماسلىقىنى جاكارلايمىز. سىزگە پەقەت بۈگۈنلا بار، خىجىل بولىشىڭىز، توۋا قىلىشىڭىز ئۈچۈن بۈگۈنلا بار.

ئاخىرىدا ۋەتەن ئۈچۈن كىچە كۈندۈز خىزمەت قىلىۋاتقان، جان كۆيدۈرۈپ، ئىزدىنىۋاتقان بارلىق قىرىنداشلىرىمدىن ئاللاھ رازى بولسۇن، بالدۇرراق مەنزىلگە يېتىشكە نىسىپ قىلسۇن. ئامىن.

2018-يىلى 28-مارت ئىستانبۇل

يازغۇچى ھەققىدە

ماقالە سانى : 32

ئاكادېمىيە ئورگان تورى ©

ئۈستىگە قايتىش