ئۇيغۇرچە    Uyghurche    Уйғурчә    Ortaq Türkçe   
  • 2018 - يىلى 25 - ئاۋغۇست ئىستانبۇلدىكى فاتىھ سۇلتان مەھمەت ۋەخپە ئۇنىۋېرسىتېتىدا «ئۇيغۇرلار دۇچ كېلىۋاتقان خىرىسلار ۋە ھەل قىلىش يوللىرى ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنى» ئۆتكۈزۈلىدۇ. ...
سىزنىڭ ئورنىڭىز: باشبەت » ئەدەبىيات گۈلزارى » نامايىش خىياللىرى

نامايىش خىياللىرى

ئاپتۇرى: سەرۋى
*
بارايمىكىن بارمايمىكىن، نامايىشقا چىقايمىكىن،
گەر بارمىسام ۋىجدان سوراق ئوتلىرىدا يانارمىكىن؟
*
قۇتلۇق كۈنى نامايىشنىڭ ئۆتسە كۈنۈم ئۆيدە – ئىشتا،
ئادىمىلىك تارىخىمغا ئۆچمەس بىر داغ چۈشەرمىكىن؟
*
غورۇردا چىن، ئىنسانلىقنىڭ ساھىپلىرىن چىققان كۆرۈپ،
ئۆز گۆشۈمنى ئۆزۈم يىگەن كەبى روھىم سۇنارمىكىن؟
*
ۋاقىرىسام، لەنەت ئېيىتسام جاللات خۇنخۇر خىتايلارغا،
قىسىق يۈرەك، مىسكىن روھىم بىر دەم ئەمىن تاپارمىكىن؟
*
خەلقىم بىلەن يولدا سەپتە قول تۇتۇشۇپ ماڭايمىكىن،
ئاي يۇلتۇزلۇق كۆك بايراقنى قولغا ھەمراھ قىلايمىكىن؟
*
گەر سورىساڭ – «نە پايدىسى، خىتاي مويى تەۋرەمدىكىن؟»
«ئۈمىد ئۆلمەس ۋەتەن ئۈچۈن!» – دەپ خىتاپلار قىلايمىكىن؟
*
«نامايىشقا كەلگەن خەلقىم مۇبارەكتۇر قەدەملىرىڭ!» –
دىبان ئېچىپ قۇچاقلىرىم، باغرىمغا چىڭ باسايمىكىن؟
*
سەپنى باشلاپ ماڭغان ئەنقا – سۇمرۇغ كەبى قېرىنداشنىڭ،
«ئىقبال – بەختى بولسۇن ئوچۇق!» – دەپ دۇئالار قىلايمىكىن؟
*
«ئاتاڭ كۈنمۇ، ئاناڭ ئايمۇ؟ تۇغۇپتۇ سەن قىزىل گۈلنى!» –
دىبان سۆيۈپ ماڭلىيىغا، جېنىغا جان قاتايمىكىن؟
*
نامايىشتا ياشلىق كۆزۈم ۋەتەن ئىچرە بولغان مەھكۇم،
قېرىنداشنىڭ چۈشلىرىنى يوقلاپ، ئېزىپ ئۆتەرمىكىن؟
*
ئازاپ بىرلە ئىسيان سىڭگەن ئاۋازلىرىم نامايىشتا،
شامىلىدا باش باھارنىڭ خەلقىم تامان ئۇچارمىكىن؟
*
خەلقىم ياندا، قول يۈرەكتە ئىستىقلالنىڭ مارشىغا،
مەن سىڭدۈرۈپ تەۋپىق روھى ئاۋازىم جۆر قىلايمىكىن؟
*
«ئەلنىڭ سادىق پەرزەنتىمەن!» – دەپ كۆكرىگىم كېرىپ تۇرۇپ،
نامايىشتا تۇمارىستەك جەسۇر – باتۇر يۈرەيمىكىن؟
*
ئىكران چەكسە مۇخبىر كېلىپ: «قېنى سۆزلەڭ سەرۋى» – دىسە،
خىتايغا مەن خىتاپ قىلىپ يۈرەك سۆزۈم ئېيتايمىكىن:
*

«ئەي شۇم خىتاي ئەجدادىڭنىڭ تىللىرىدا ۋىجدانىڭغا،

مۇخالىپسەن كېچە تەڭدە جىنلار ئىشىك چېكەرمىكىن؟(1)

*

مىلىيونلىغان شۇ بىگۇناھ ئۇيغۇرۇمنىڭ ئەرۋاھلىرى،

تەڭ كېچىدە ئەدلى تېلەپ ساڭا ئۇيقۇ بېرەرمىكىن؟(2)

*

ئەدلىڭ يوق يا سىلە – رەھمىڭ، زۇلۇمدا جان ئېلىش كەسپىڭ،

ئۇيغۇر بىر كۈن گېلىڭ سىقسا ئېيتار سۆزۈڭ بولماسمىكىن؟

*

نامايىشقا باققىن خىتاي ئۇيغۇر ئەمدى ياتارمىكىن،

بىر – بىر ئېلىپ قانلىق قىساس ھىساپنى زەپ بوغارمىكىن؟

*

شۇنداق بىر كۈن كېلەر رەببىم ھىممەتلىرى بىرلە ئۇيغۇر،

قۇرسا دەۋلەت تۈركىستان دەپ بېشىڭ ئامان قالارمىكىن؟»
*
شۇ تەرىقە قايناپ بىر پەس يۈرەك سۆزۈم ئېيتىۋالسام،
يۈرەكتىكى يارىلارغا ئازراق مەلھەم بولارمىكىن؟
*
مەن بارايمەن، قانداق قىلىپ بۇ ھوزۇردىن قۇرۇق قالاي!
گەر چىقمىسام ئۇيغۇر نامىم ئەمدى قۇرۇپ كېتەرمىكىن؟
*
2018 – يىلى، 23 – مارت، ئامېرىكا


ئىزاھات:

(1) بۇ ئىككى مىسرا خىتايلاردىكى «ئىنسان ئۆز ۋىجدانىغا مۇخالىپ ئىش قىلمىسا، يېرىم كېچىدە جىن كېلىپ ئىشىك چىكىشتىن قورقماس» دىگەن ماقالدىن نەقىل ئېلىندى.
(2) خىتايلارنىڭ قەدىمى رىۋايەتلىرىدە بىگۇناھ قەستكە ئۇچراپ ئۆلگۈچىنىڭ روھى ئەرۋاھقا ئايلىنىپ، تاكى ئەنتىنى تولۇق ئالمىغۇچە قەستلىگۈچىگە زادى ئارام بەرمەيدىغان ۋەقەلىكلەر كۆپ ئۇچرايدۇ. تەپسىلى مەلۇماتلار ئۈچۈن «لىياۋجەي رىۋايەتلىرى» ياخشى مىسال بولالايدۇ. بۇ ئىككى مىسرا شۇ خىل رىۋايەتلەردىن نەقىل ئېلىندى.

يازغۇچى ھەققىدە

ماقالە سانى : 1181

ئاكادېمىيە ئورگان تورى ©

ئۈستىگە قايتىش