ئۇيغۇرچە    Uyghurche    Уйғурчә    Ortaq Türkçe   
  • 2018 - يىلى 25 - ئاۋغۇست ئىستانبۇلدا «ئۇيغۇرلار دۇچ كېلىۋاتقان خىرىسلار ۋە ھەل قىلىش يوللىرى ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنى» ئۆتكۈزۈلىدۇ. ...
سىزنىڭ ئورنىڭىز: باشبەت » ئەدەبىيات گۈلزارى » ھىجرەتتىكى سەن

ھىجرەتتىكى سەن

ئاپتۇرى: سەرۋى
*
كۆزلىرىڭ خۇش بالقىغان ۋاقتا،
دىلدا بەخىت چوغلانغان چاغدا،
ئەزىز ۋەتەن چۈشىدۇ ئەسكە،
سوغۇق ھەسرەت باسىدۇ ئاستا.
*
داستىخانغا كەلگەن چېغىڭدا،
كۆزلىرىڭدە مىسكىن بىر شولا،
چۈنكى ئەستىن كېچەر ئاچ مەھبۇس،
ئىشتەي-لەززەت خوشلىشار ئاستا.
*
مامۇق تۆشەك ئىچرە ياتقاندا،
كىرپىكلەردە دۇرلىرىڭ چاقنار،
كۆز ئالدىڭدا سوراقتا ئۇيغۇر،
ئۇيقۇ كۆزۈڭدىن بولىدۇ تارمار.
*
تۈن كېچىدە قاباھەتللىك چۈش،
ھەمراھىڭدۇر تولىمۇ سادىق.
ھەر بىر ساباھ باشلىنار سەندە،
كۆز يېشىغا چىلىنىپ غەرق.
*
ئەلەم ئىچرە تىترەيسەن ئەجەپ،
مۇشتلىرىڭنى كىرىشتۈرۈپ چىڭ،
«نە قىلايمەن سەنچۈن ۋەتىنىم؟»
– ئىڭىرايدۇغورۇر- ۋىجدانىڭ.
*
نامايىشقا چىقىپ باقىسەن،
كۆزۈڭ ياشلىق توۋلاپ باقىسەن،
كۆك بايراقنى كۆتۈرۈپ ئېگىز،
ۋەتەن دەپ سەپ باشلاپ ماڭىسەن.
*
يۈرىگىڭ تۇيار غۇۋا بۇ ئۈمىد،
ياردەم نەدىدۇر ھەريان باقىسەن،
ئاللاھتىن ئۆز يارانلىرىڭ يوق،
مىسكىنلىكتە غەمگە پاتىسەن.
*
سەجدىگە باش كەلتۈرگەن چاغدا،
بۇقۇلداپلا يىغلاپ سالىسەن،
«مەزلۇمدۇر ھەم مەھكۈم ئۈممتىڭ»
– دەپ دەرد ئوقۇپ غەمگە پاتىسەن.
*
ۋەتەن ساتقان ئەخمەق جانلارنى
بىر دەم سۆكۈپ تىللاپ باقىسەن،
«بىزدەك نادان، ياۋاش بىر مىللەت،
بارمىدۇ؟» – دەپ دادلاپ باقىسەن.
*
ياندا پەرزەنتىڭ گويا ئۆزۈڭنى،
رۇستەمى پالۋان باتۇرسېزىسەن،
ۋەتەن سۆيگۈسى – ئۇيغۇر روھىنى،
دىلىغا نەقىش- ئويما ئېتىسەن.
*
تارىخچۈن شانلىق يەتتە ئەجدادنىڭ،
جان – دىلىڭ بىلەن ۋەزخاھ بولىسەن،
پەرزەنت قەلبىگە غورۇرلۇق ئەجداد،
ئابىدىسىنى تىكلەپ قويىسەن.
*
نىگاھلىرىڭدىن ئوتلار چاچرىتىپ،
نەپرەتلىرىڭدىن قىسسە ئېيتىسەن،
پەرزەنىت دىلىغا مەڭگۈلۈك ئۆچمەس،
«ئەركىنلىك» دىگەن گۈلخان ياقىسەن!
*
«شەرقى تۈركىستان مەن سۆيگەن ۋەتەن!
دىنىمدۇر ئىسلام، ئۆزۈم ئۇيغۇرمەن!»
ئۇشبۇشۇئارلىق باتۇر جەڭچىنى،
ۋەتەن ئۇچۈن سەن ئاتاپ قويىسەن.
*
2018 – يىلى، 19- فېۋرال، ئامېرىكا

يازغۇچى ھەققىدە

ماقالە سانى : 1190

ئاكادېمىيە ئورگان تورى ©

ئۈستىگە قايتىش