ئۇيغۇرچە    Uyghurche    Уйғурчә    Ortaq Türkçe   
  • 2018 - يىلى 25 - مارت يەكشەنبە سائەت 2:00 دە ئىستانبۇل فىندىكزادە زۈبەيدە خانىم كۈلتۈر مەركىزىدە «ئۇيغۇرلاردا ئانا تىل سۆيگۈسى ۋە نورۇز شادلىقى» پائالىيىتى ئۆتكۈزۈلىدۇ. ۋاقتىدا
سىزنىڭ ئورنىڭىز: باشبەت » ئاكادېمىيە » ئۇيغۇرلاردا ئانا تىل سۆيگۈسى ۋە نورۇز تەنتەنسى پائالىيىتى ئىستانبۇلدا غەلبىلىك ئۆتكۈزۈلدى

ئۇيغۇرلاردا ئانا تىل سۆيگۈسى ۋە نورۇز تەنتەنسى پائالىيىتى ئىستانبۇلدا غەلبىلىك ئۆتكۈزۈلدى

2018 – يىل 3 – ئاينىڭ 25 – كۈنى ئۇيغۇر ئاكادىمىيىسى 8 – قېتىملىق ئانا تىل ۋە 2 – قېتىملىق نورۇز تەنتەنىسى پائالىيىتىنى ئىستانبۇل فىندىكزادە زۈبەيدە خانىم كۈلتۈر مەركىزىدە غەلبىلىك ئۆتكۈزدى. پائالىيەتكە ئىستانبۇل زەيتىنبۇرنۇ تاڭنۇرى تەلىم تەربىيە مەركىزىنىڭ ئۇقۇتقۇچى ئۇقۇغۇچىلىرى ۋە ئىستانبۇل چاپا ئانا يۇرت يەسلىسىنىڭ ئوقۇتقۇچى ئۇقۇغۇچىلىرى، ئۇنىڭدىن باشقا جەمىئىيەتتىكى ئۇيغۇر ۋە تۈرك قىرىنداشلىرىمىز بولۇپ 400 ئەتراپىدا ئادەم قاتناشتى.

پائالىيەتكە شىۋىتسىيەدىن ئۇيغۇر خەلق سەنئەتچىسى مۇختەر ئابدۇكېرىم جانباز، نۇرۋىگىيەدىن ئۇيغۇر خەلق سەنئەتچىسى مىركامىل ئابلېكىم تۈركەل، تۈركىيە ئىبىن خالدۇن ئۇنىۋېرسىتىتى ئوقۇتقۇچىسى دوكتور پەرھات قۇربان تەڭرىتاغلى، تۈركىيە مىمار سىنان گۈزەل – سەنئەتلەر ئۇنىۋېرسىتىتى ئوقۇتقۇچىسى دوكتور گۈلزادە تەڭرىتاغلى، تۈركىيە ت ر ت سەنئەتچىسى بۈنيامىن ئاقسۇنگۇر، تۈركىيە بەيكەنت ئۇنىۋېرسىتېتى ئوقۇتقۇچىسى ياردەمچى دوتسېنت مەغپىرەت كامال يۇنۇسئوغلى ۋە مۇستەقىل تەتقىقاتچى دوكتور شەۋكەت ناسىر قاتارلىقلار تەكلىپ بىلەن قاتناشتى.

پائالىيەتتە باشتا ئاتاۋۇللا قارىمنىڭ ئىجراسىدا ۋەتەن ئۈچۈن شەھىد بولغان قېرىنداشلىرىمىزنىڭ ھۆرمىتىگە خەتمە قۇرئان ئوقۇلدى، ئاندىن تۈركىيە ئىستىقلال مارىشى ۋە ئۇيغۇر ئۆسمۈرلىرىنىڭ ئورۇنلىشىدا شەرقىي تۈركىستان مىللىي مارىشى ئوقۇلدى.

تاڭنۇرى تەلىم تەربىيە مەركىزىدىكى ياش – ئۆسمۈرلەر، ئانا يۇرت يەسىلىسىنىڭ ئوماق بالىلىرى ۋە زۇلھايا مۇھەممەد، زۇلىمان مۇھەممەد، سۇتۇق بۇغرا قاراخان، نوزۇگۇم قاراخان، مەرھابا ئۇيغۇر ۋە ئەسمانۇر پولات قاتارلىق ئۆسمۈرلەرنىڭ كۆرسەتكەن نۇمۇرلىرى ۋە تەكلىپ بىلەن قاتناشقان ئۇيغۇر ۋە تۈرك سەنئەتچىلىرىمىزنىڭ نادىر نۇمۇرلىرى بىلەن قىزغىن كەيپىياتتا داۋام قىلدى.

پائالىيەت كۈنتەرتىپىگە ئاساسەن، ئاكادېمىيە رەئىسى ئابدۇلھەمىد قاراخان ئېچىلىش نوتىقى سۆزلەپ مۇنۇلارنى دېدى: « ھۆرمەتلىك ئۇيغۇر قېرىنداشلار ۋە سۆيۈملۈك ئۆسمۈر بالىلار، ئالدى بىلەن ھەممىڭلارنىڭ نورۇز بايرىمى مۇبارەك بولسۇن. بۈگۈن بۇ يەردە نورۇز بايرىمىنى ئانا تىلىمىزدا تەبرىكلىمەكچىمىز. ھەممىمىزگە ئايان بولغىنىدەك، 2017-يىلى 1-سىنتەبىردىن باشلاپ، ئۇيغۇر ۋەتىنىدە رەسمىي قانۇنلۇق تىل بولغان ئۇيغۇر تىلى ئوتتۇرا – باشلانغۇچ مەكتەپلەردە مائارىپ تىلى بولۇشتىن چەكلەندى ۋە پۈتۈن دەرسلەر خىتاي تىلىدا ئېلىپ بېرىلىشقا باشلىدى. ئۇيغۇر ئۆسمۈرلىرى يەسلى يېشىدىن باشلاپ، خىتايچە تەلىم تەربىيەگە مەجبۇرلانماقتا. مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇر پەرزەنتلىرى بولسا ئېغىر تىل كىرىزىسىگە دۇچ كەلمەكتە.

ئۇنىڭدىن باشقا، ئۇيغۇر ۋەتىنىدە ئۇيغۇرلارنىڭ كىملىكى، مەدەنىيىتى ۋە دىنى ئىتىقادى چەكلىنىپ، ئېغىر دەپسەندە قىلىنماقتا. يىللاردىن بۇيان داۋام قىلىپ كېلىۋاتقان ئېسىل ئۇيغۇر ئۆرپ-ئادەتلىرى، دىنى ئىتىقاد ۋە مىللىي ھېيىت – بايراملار رەزىل بىر شەكىلدە سېستىمىلىق يوقۇتۇلماقتا. نەتىجىدە، ئۇيغۇرلار تارىختىن بۇيانقى ئەڭ قورقونۇچلۇق ئاسمىلاتسىيە بولۇش تەھدىتىگە ئۇچراپ، ئېغىر كۈنلەرنى باشتىن كەچۈرمەكتە.

ئۇيغۇرلار ئۇزاق تارىخ ۋە مول مەدەنىيەتكە ئىگە بىر مىللەت. ياۋنىڭ ئۇيغۇرنى يوق قىلىش پىلانى بولسا، ئۇيغۇرنىڭمۇ ئۇنىڭغا قارشى مۇستەھكەم ئىرادىسى بار. ئۇيغۇرلار مىللىي مەۋجۇدىيىتى ۋە ھۆرلىكى ئۈچۈن ھەقلىق كۆرەشىنى ھەرگىزمۇ توختاتمايدۇ.

بىز بۇ پائالىيەت ئارقىلىق، ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆز ئانا تىلىنى ۋە مەدەنىيىتىنى سۆيىدىغان مەدەنىيەتلىك بىر مىللەت ئىكەنلىكىنى دوست – دۈشمەنگە يەنە بىر قېتىم ئىسپاتلىماقچى بولىۋاتىمىز. ئانا تىلىمىزنى، شانلىق مەدەنىيىتىمىزنى ۋە كىملىكىمىزنى قوغداش ئۈچۈن جان – جەھلىمىز بىلەن ئۇيغۇرنى يوق قىلىش ۋە ئاسمىلاتسىيە قىلىش سىياسىتىگە قارىشى ئەمەلىي ئىش قىلىپ، مىللىي مەۋجۇتلۇقىمىزنى قوغدىشىمىز بەكمۇ زۆرۈر.»

ئارقىدىن، تۈركىيە بەيكەنت ئۇنىۋېرسىتېتى ئوقۇتقۇچىسى ياردەمچى دوتسېنت مەغپىرەت كامال يۇنۇسئوغلى «ئۇيغۇر تىلىنىڭ تارىخى تەرەققىياتى، بۈگۈنكى قىسمىتى ۋە ئۇنى قوغداشنىڭ ئەمەلىي چارە تەدبىرلىرى» دىگەن تېمىدا سۆز قىلىپ ئانا تېلىنىڭ ۋە ئانا تېلنى قوغداشنىڭ موھىملىقى، ھەمدە قانداق قىلغاندا يوقىلىش خىرىسىغا تاقابىل تۇرغىلى بولىدىغانلىقى ھەققىدە چارە تەدبىرلەرنى سۆزلەپ، مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ئائىلىدىن باشلاپ ئانا تىلنى مۇكەممەل بالىلارغا ئۈگىتىش ئۈچۈن كۈچ چىقىرىشى كىرەكلىكىنى، ئانا تىلنى ساقلاپ قىلىش چۈش ئەمەس، بەلكى بىر رىئاللىق ئىكەنلىكىنى تارىخى مىساللار ئارقىلىق چۈشەندۈرۈپ، ئانا تىلنى قانداق قوغداش توغۇرسىدا ئەتراپلىق مەلۇمات بېرىپ پائالىيەتكە قاتناشقانلارنىڭ قىزغىن ئالقىشىغا ئىرىشتى.

پائالىيەتنىڭ 1- بۆلۈمى بولغان ئانا تىل قىسمىدا، بالىلارنىڭ تەييارلىغان نۇمۇرلىرى بارلىق پائالىيەت ئەھلىنى ھاياجانلاندۇرۇپ، كەلگۈسىمىزنىڭ ئۈمۈدى بولغان پەرزەنتلىىمىزنىڭ ئانا تىل سۆيگۈسى ۋە ۋەتەنىمىز شەرقىي تۈركىستانغا بولغان مۇھەببىتى ھەممىمىزنى چەكسىز ئىپتىخارلىق تۇيغۇسىغا چۆمدۈردى. شۇنداقلا ئۇيغۇرلارنىڭ ۋەتەن ئۈچۈن جان پىدالىق كۆرسىتىشى كىرەكلىكىنى يەنە بىر قىتىم چۇڭقۇر ھىس قىلدۇردى.

پائالىيەتنىڭ 2- بۆلۈمى بولغان نورۇز تەبرىك قىسمىدا، تۈركىيەدىن مۇستەقىل تەتقىقاتچى دوكتور شەۋكەت ناسىر «ئۇيغۇرلاردا نورۇز بايرىمى ۋە ئۇنى تەبرىكلەشنىڭ مۇھىملىقى» دىگەن تېمىدا سۆزلەپ نورۇز بايرىمىنىڭ كىلىش مەنبەسى، تارىخى تەرەققىياتى ۋە ئۇيغۇرلارنىڭ نورۇز بايرىمىنى ئۆتكۈزۈشىنىڭ موھىملىقىنى چۈشەندۈرۈپ، مىللىي مەۋجۈتلىقىمىز خىرىسقا ئۇچراۋاتقان مۇشۇ پەيىتتە قانداق قىلىپ مىللىي مەۋجۈتلۇقنى ساقلاپ قېلىش ھەققىدە مەلۇمات بەردى ۋە قىزغىن ئالقىشقا ئىرىشتى.

ئارقىدىن، تەكلىپ بىلەن بۇ پائالىيەتكە قاتناشقان شىۋىتسىيەدىن ئۇيغۇر خەلق سەنئەتچىسى مۇختەر ئابدۇكېرىم جانباز، نۇرۋىگىيەدىن ئۇيغۇر خەلق سەنئەتچىسى مىركامىل ئابلېكىم تۈركەل، تۈركىيە ئىبىن خالدۇن ئۇنىۋېرسىتىتى ئوقۇتقۇچىسى دوكتور پەرھات قۇربان تەڭرىتاغلى، تۈركىيە مىمار سىنان گۈزەل – سەنئەتلەر ئۇنىۋېرسىتىتى ئوقۇتقۇچىسى دوكتور گۈلزادە تەڭرىتاغلى ۋە تۈركىيە ت ر ت سەنئەتچىسى بۈنيامىن ئاقسۇنگۇر قاتارلىق سەنئەتچىلىرىمىزنىڭ نادىر نۇمۇرلىرى پائالىيەتنى تىخىمۇ جانلاندۇرۇپ، ئۇيغۇرلار قاتتىق مۇسىبەتتە قان ياشلىق ياشاۋاتقان مۇشۇ كۈنلەردە ئۆزىنىڭ مىللىي كىملىكىنى ۋە مەۋجۈتلىقىنى ساقلاپ قىلىش ئىرادىسىنىڭ قانچىلىك كۈچلۈك ۋە قانچىلىك مۇستەھكەم ئىكەنلىكىنى يەنە بىر قېتىم نامايەن قىلدى. پائالىيەت تولىمۇ ھاياجانلىق ئۆتتى.

ئاخىرىدا، بۇ قېتىمقى پائالىيەتىگە ئاكتىپ قاتناشقان ئۇيغۇر ئۆسمۈر بالىلار، ئۇيغۇر ۋە تۈرك سەنئەتكارلار، ھەمكارلاشقان تاڭنۇرى تەلىم – تەربىيە مەركىزى ۋە ئانا يۇرت يەسلىسى قاتارلىق ئورگانلار ۋە شۇنداقلا قوللىغان ئۇيغۇر ئاتا – ئانىلارغا كۆپتىن كۆپ رەھمەت ئېيتىمىز.
– ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسى
2018 – يىلى 25 – مارت، ئىستانبۇل

يازغۇچى ھەققىدە

ماقالە سانى : 1172

ئاكادېمىيە ئورگان تورى ©

ئۈستىگە قايتىش