ئۇيغۇرچە    Uyghurche    Уйғурчә   
  • 2018 - يىلى 27 - ئۆكتەبىر يەكشەنبە كۈنى سائەت 2:00 دە ئىستانبۇلدا «خىتاينىڭ جازا لاگىرلىرىدىكى شەرقىي تۈركىستانلىقلارنىڭ ئاقىۋىتى مۇھاكىمە يىغىنى» ئۆتكۈزۈلىدۇ. ...
سىزنىڭ ئورنىڭىز: باشبەت » ئەدەبىيات گۈلزارى » قەلب نىداسى

قەلب نىداسى

ئىمان نۇرى

قەلبىم پىغانلارغا تولدى،  كۆز چاناقلىرىم يەنە  قايتىدىن نەملەندى، يۈرەكلىرىم ئىزتىراپلىق ئىچىدە ئەنسىز سوقۇشقا  مەھكۇم بولدى،  كۈلكىلىرىم ساختىغا ئايلاندى، تىخى ئەمدىلا بىخ سۈرىۋاتقان  بۇ  ناتىۋان  قەلبىم يىتىملىك ئاسمىنىدا سەرسانە سەرسان، مۇساپىرلىق كوچىسىدا  ۋەيرانە ۋەيران  بولدى، مايسىلار كەبى  سەبىيلىكىمگە  باقماستىن جۇدۇنلۇق  بورانلار مىنىڭمۇ ھەم  ئاجىز يۈرىكىمنى سىپاپ ئۆتۈپ ئۆتمۈ تۆشۈك قىلىۋەتتى، ھىجران ئازابىدا  پۇچىلاندىم، بۇ  ئەسنادا  ئەتراپقا  سىنچىلاپ باقتىم،  كۈزەتتىم،  يالغۇز مەن  ئەمەس  سانسىزلىغان قىرىنداشلىرىمنىڭ كۆزى نەم، يۈرىكى  قان،  قەدەملىرى جانسىز، جىسىملىرى روھسىز ھالەتتە ئىكەنلىكىنى كۆردۈم، شۇنىڭدىن ئىتىبارەن ئۆزۈمنىڭ دەرت خالتىسى بولۇپ قالغىنىمغا  قارىماستىن ئۆزگىلەرنىڭ دەردىنى ئاڭلاشقا ۋە كۈچۈمنىڭ يىتىشىچە تەسەللى بىرىشكە تەشنا بولۇپ قالدىم، ھەربىر ھەمشىرىلىرىم بىلەن پاراڭلىشىش  پىكىرلىشىش جەريانىدا بىربىرىگە ئوخشاشمىغان، پەرىقلىق ئەمما بىربىرىدىن ئىچىنىشلىق،  ئازاپلىق ھىكايىلىرىنى ئاڭلاپ ھەيرانلىق ئىچىدە ئۇزۇن ئۇزۇن جىمجىتلىققا چۆكۈپ ئۆز ئۆزۈم ئارىسىدا سۈكۈتنى ھۆكۈم سۈرگۈزدىغان بولۇپ قالدىم. ئارقا ئارقىدىن كىلىۋاتقان يامان خەۋەرلەر بەزى  قىرىنداشلىرىمنى ئۈمۈتسىزلىك پاتقىقىغا پاتۇرۋەتكەن بولسا يەنە بەزى قىرىنداشلىرىمنىڭ مەڭزىدىكى كۈلكە تامغىسى بولغان زىنىقلىرىنىڭ  سىماسىنى  پۈتۈنلەي  يوق  قىلىۋەتتى، ئەجەبا بۇ خارلىقنىڭ خاتىمىسى بولماسمۇ ؟ بۇ يۈرەكنىڭ داۋاسى بولماسمۇ؟ دىگەندەك نۇرغۇنلىغان سۇئاللارنى تىترەك باسقان غۇۋا ئاۋازلىرى بىلەن سورىدىيۇ – ئەمما جاۋاپسىز ھالەتتە تىما ئاتلاشقا مەجبۇر بولدى.

قەدىردانلىرىدىن ئايرىلغان، ئائىلە كىمىسى سىناق دىڭىزىنىڭ دەھشەتلىك دولقۇنلىرىدا پارە -پارە بولۇپ كەتكەن، ئائىلىدىكى ئالتە جان كىشى  ئالتە شەھەردە ياشاشقا مەجبۇر بولغان ۋە ئۇلارنىڭ پۇت قوللىرىنىڭ ياۋلار تەرىپىدىن كىشەنلەنگەنلىكىنى ئۆز قۇلىقى بىلەن ئاڭلىغان، سەبىي  بىر قىرىندىشىنىڭ يالغۇز قالغانلىقىنى ۋە نەھالدا تۇرغىنىدىن ھىچ خەۋىرى  بولمىغان، ئۇلۇغ راببىنىڭ ياردىمى بىلەن ئۆز ئۆزىگە تەسەللى بىرىپ  دەريا  دەريا  ئىقىۋاتقان  ياشلىرىنى  توختىتىشقا   تەمشىلىۋاتقان، داۋاملىق سەبىر كەلىمىسىنى ئىغىزىدىن چۈشۈرمەيدۇيۇ ئەمما ئەمەل قىممىقى تولىمۇ بەسى مۈشكۈل ئىشقا ئايلىنىپ قىلىۋاتقان بىر قىز بولغىنىم سەۋەپ بەزىدە قىرىنداشلىرىمنىڭ كۆز ئالدىمدا تۆكىلىۋاتقان ياشلىرىغا دەرھال خاتىمە بىرىشتىن  ئاجىز كەلدى.

مەن يىغلىمايمەن ئەمەس يىغلايمەن، قايغۇرماي ھەردائىم خۇشال ياشاپ كىتەلىشىم ناتايىن، مەنمۇ قايغۇرىمەن، يۈركۈمنىڭ پارچىلىرى بولغان ئاتا – ئانامنى، قىرىنداشلىرىمنى سىغىنمايمەن ئەمەس، ئەلۋەتتە  سىغىنىمەن ،ئەمما بۇ سىناقلار ئارقىلىق مىنىڭ قەلبىمنى ھەقىقەت نۇرى بىلەن پارلاتقان،  ئىمان نۇرى بىلەن ساپلاتقان تەڭداشسىز كۈچ قۇدرەت ساھىبى ئۇلۇغ رەببىمگە چەكسىز چەكسىز شۈكرى ھەمدۇسانالارنى يوللايمەن.

بارلىق ئىشلارنى ئاتا ئانىسىنىڭ قوللىشى ۋە ياردىمى ئاستىدا قىلىپ كەلگەن، خۇددى ئۇلارسىز ھايات ھايات بولمايدىغاندەك، مەڭگۈ ئۇلارنى  ھاسا قىلىپ يۆلىنىپ ماڭىدىغاندەك، مەلۇم  بىر كۈنلەردە ئايرىلىشنى خىيالىغىمۇ كەلتۈرۈپ باقمايدىغان بىر تەنتەك قىز ئىدىم، مانا ئەمدى ئايرىلىش  ئارقىلىق بۇ  دۇنيانىڭ تارتىشقۇدەك ھىچنىمىسى يوق ئىكەنلىكىنى، ئىنساننىڭ ھەرقانچە جىنىدىن ئەزىز كۆرۈپ ياخشى كۆرگەن نەرسىسىدىنمۇ ھامىنى  بىر كۈنى ئايرىلىدىغانلىقىنى ۋە ھاياتلىققا ئىرىشتۈرگۈچى،  ئىنساننىڭ بىردىنبىر تايانچى بولغان  ئاللاھنى ھەممىدىن ئارتۇق ياخشى كۆرۈشنىڭ  نەقەدەر مۇھىملىقىنى،  قالغان ھەممە ئىنسانلارنى  پەقەت ئاللاھنى  رازى  قىلىش  يولىدا ياخشى كۆرۈش  كىرەك  ئىكەنلىكىنى، پۈتۈن ھاياتىدىكى  قەدەملىرىنى پەقەت  ئاخىرەت ئۈچۈنلا بىسىش كىرەك ئىكەنلىكىنى ھەقىقىي تۈپ  يىلتىزىدىن تونۇپ  يەتتىم، بۇنىڭ ئۈچۈن ئاللاھقا ھەرۋاقىت شۈكۈر  ئىيتماي تۇرالمايمەن، ئازاپ بەدىلىگە بۇ ئالتۇنغا تىگىشكۈسىز بىباھا گۆھەر كەبى ھەقىقەتنى تونۇتقان ئۇلۇغ رەببىمگە شۈكۈر ئىيتماي تۇرالمايمەن، ھەممە ئىشتا ئاتا ئانامغىلا تايىنىپ قىلىشنىڭ ئاقىۋىتىدىن ساقلاپ ئۆزىدەك بىردىنبىر تايانچىمنى تىپىۋىلىشىمغا ياردەمچى بولغان بۈيۈك رەببىمگە شۈكۈر ئىيتماي تۇرالمايمەن، دۇنيادا رەخاۋەت تۇرمۇشتا بىخۇدلۇققا ئەسىر بولۇپ ياشاپ قىلىشتىن قۇتقۇزۇپ ئاخىرەت سارايلىرىغا بىنا تىكلەشكە  پۇرسەت يارىتىپ بەرگەن  بۇ سىخىي رەببىمگە شۈكۈر ئىيتماي تۇرالمايمەن.

بۇ ئازاپلىق مۇسىبەتلەرنىڭ پەقەتلا بىر سىناق ئىكەنلىكىگە، نەتىجىنىڭ چوقۇم ئىزىلگۈچىلەرنىڭ غەلبىسى ۋە زالىملارنىڭ مەغلۇبىيىتى بىلەن تاماملىنىدىغانلىقىغا، باتىلنىڭ ھالاكىتى بىلەن ھەققانىيەتنىڭ نۇسرىتى مۇتلەق ئىكەنلىكىنى، ئاللاھنىڭ ھەربىر قارارىدا زۇلمەت  ئەمەس، ھىكمەتنىڭ  مەۋجۇتلىقىغا تولۇق ئىشەندۈرگەن شۇ تەڭداشسىز قۇدرەتلىك رەببىمگە شۈكرى ئىيتماي تۇرالمايمەن.

شۇنداق بۇ ئىشلارنىڭ سىرتقى  قىياپىتىنى  ئەمەس، ئىچكى ماھىيىتىنى ھەقىقىي ئويلاپ يىتەلىگەن ئادەم ئۈچۈن  ئۆز ھاياتىدىن ئۆكۈنۈش، بۇ  سىناقلار تۈپەيلى تۈگىشىپ كىتىش بولمايدۇ  .

بىرقانچە يىللار ئىلگىرى  ھەرقىتىم ئاپام ۋە ئۇستازىم بىلەن بىللە ئۆلۈم ياكى توي ۋە ياكى باشقا  تەبلىغ سورۇنلىرىغا  بىللە  باراتتىم، ئۇ ئايال  ئۇستازىمىز تەقۋا ھەم  ئىلىم دىيانەتتە يىتىشكەن  بىر ئالىمە  بولغانلىقى ئۈچۈن بارغان يەرلەردە ۋەز نەسىھەت تەبلىغلەرنى ئۆز ئۈستىگە ئالاتتى، ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارى بولغان ئۇلۇغ رەببىمىزگە ھەمدۇسانا ۋە يولباشچىمىز مۇھەممەد مۇستافا سەللەللاھۇ ئەلەيھى  ۋەسەللەمگە ۋە  ساھابىلىرىگە، ئائىلە تاۋاباتلىرىغا دۇرۇت  سالاملارنى  يوللاپ  بولغاندىن  كىيىنلا (لن تنالوا البر حتى تنفقوا مما تحبون)  دىگەن بۇ  ئاللاھنىڭ  كالامى  بىلەن سۆزنى  باشلايتتى،  ۋە  بۇ ھەقتە  شۇنچىلىك كۆپ توختىلاتتىكى ھەر قىتىمقى تەبلىغىدە  بۇ  ئايەتى كەرىمنى تىلغا ئالماي قالمايتتى، ئاپام  بولسا  بۇ  ئايەتنى  ھەر  ئاڭلىغىنىدا خۇددى يىڭىدىن ئاڭلاۋاتقاندەك تۆكۈلۈپ يىغلاپ  كىتەتتى،  كىچىك ۋاقىتلىرىم  بولغاچقىمۇ بەكلا ھەيران قالاتتىم، ۋە ئاپامنىڭ ئارقىغا كىرىۋىلىپ  سورايتتىم، باشتا سورىغان ۋاقىتلىرىمدا: (قىزىم، مىنىڭ ئەڭ ياخشى كۆرىدىغان نەرسەم سىلە ۋە   قىرىنداشلىرى، مەن  سىلەرنى  ئاللاھ  يولىغا  ئاتىۋەتتىم،  بۇ يولدا  ھەرقانداق  كۈلپەتلەرگە  ئۇچراشقا  مەن  رازى، سىلە  رازىمۇ؟) دىگەن ئىدى،  ئۇنىڭدىن كىيىن يەنە  شۇ  ئايەتنى  ئاڭلىغىنىدا ئۈن تىنسىز يىغلىغان پىتى مارجاندەك ياشلىرىنى سەجدىگاھقا تۆكۈپ ئۇزۇن ئۇزۇن ئاللاھقا دۇئا قىلاتتى،  گۆدەكلىكىم سەۋەپ  بۇنىڭ  تىگىگە  يىتەلمەي  يەنىلا  ھەيرانلىق ئىلكىدە  ئاپامنىڭ  يىنىغا  كىلىپ  ئولتۇرۇپ  سۇئاللارنى  تۆكۈشكە  باشلايتتىم، ئاپام  يەنە  يىغا  ئارلاش  ئاۋازى  بىلەن: (جىنىم قىزىم، كۈنلەرنىڭ بىرىدە بۇ بەدەلنىڭ ۋەزنى ئىغىرلاپ ، ئىنسانىي ئاجىزلىقىمىز  سەۋەبىدىن  بۇ بەدەلنىڭ  ئاللاھ  يولىدىكى  بىر خىزمەت  ۋە جەننەت  قەسىرلىرىدىكى گۈزەل قەسىرلەر قۇرغۇچىسى ئىكەنلىكىنى ئۇنتۇپ قاخشاپ  قىلىپ ياكى نارازىلىق بىلدۈرۈپ قالامىزمۇ دەپ ئەنسىرەپ ئاللاھتىن كۆتۈرەلمىگۈدەك سىناقلارنى  بەرمەسلىكىنى ۋە ھەر ۋاقىت مۇستەھكەم ئىرادە  بىلەن توغرا نىشان  ئۈستىدە قايماي ماڭدۇرۇپ  بىرىشىنى  ئۆتىنىۋاتىمەن) دىگەن  ئىدى.

ھەيرانلىق ئىچىدە  ئاپامغا  تىكىلگەن كۆزلىرىم  توساتتىنلا  نەملىنىپ  ياشلىرىم  ئاپامنىڭ  ئىتىكىگە  تاراملاپ  ئىقىپ  كىتەتتى.  مانا ئەمدى ئاپامدىن ئايرىلغاندىن  كىيىن  ھەر بىر سۆزى تىپىلغۇسىز ھىكمەت دۇردانىلىرىگە  ئايلىنىپ  قەلبىمگە  مۆھۈر بولۇپ  بىسىلىپ  كىتىۋاتقان  ئىدى،  ھەرقىتىم كۆڭلۈم يىرىم بولغىنىدا  ئاپامنىڭ  شۇ  سۆزلىرى  ماڭا  ئىلھام  بولىدۇ  ۋە  ئۈمىد  بىغىشلايدۇ، ئەڭ ياخشى كۆرگەن نەرسىسىنى قۇربان قىلمىغۇچە  ياخشىلىققا  ئىرىشەلمەيدۇ دىگەن شۇ  ئايەت ،  ئاپامنىڭ  تالاي  قىتىملاپ  ئاققان  ياشلىرىنىڭ  تۈپ  مەنبەسى  بولغان  شۇ  ئۇلۇغ  سۆز   مىنىڭمۇ   ھەم   يىغامغا  سىگنال،  قەلبىمگە  ئۈمىد، يولۇمغا خەرىتە  بولۇپ  كىلىۋاتىدۇ.

ئەي  ئەزىز  قىرىنداشلىرىم، كىلەچەكنىڭ  قەھرىمانلىرى، ئەزىز  ۋەتەننىڭ  كۆز  قارچۇقلىرى، سىغىنىش ئوتى سىزنىڭ  قەددى قامىتىڭىزنى ئىگىپ  قويمىسۇن! سەبىر ئارقىلىق ئاللاھ  تەرەپتىن  بىۋاستە  ئىرىشىدىغان  ئەجىر  ئەزىملەردىن  مەھرۇم  قويمىسۇن!  ھەر  قىتىم  كۆز ياشلىرىڭىز  تاراملاشقا  باشلىغىنىدا   ئاللاھنىڭ : (أم حسبتم أن تدخل الجنة ولما يأتكم  مثل الذين خلوا  من قبلكم) بۇ سۆزىنى  ئەسلەڭدە  شۇ ھامان  چىھرىڭىزدە  كۈلكە  يۈگۈرسۇن، بۇ پۈتۈن دۇنيا  پىتنە پاساتقا  تولۇپ تاشقان بىر  ۋەزىيەتتە   شۇلار بىلەن  مەشغۇل  قىلىپ  قويماستىن  ھەقىقىي  ۋەزىپىمىزنىڭ  نىمىلىكىنى  تونۇتقان   ئەڭ  مىھرىبان،  ئەڭ  رەھىمدىل  ئۇلۇغ  رەببىمىزگە  چەكسىز شۈكرى ھەمدۇسانالارنى  يوللاڭ.

ۋە مىنىڭ  يۇقىرىدىكى   سۆزلىرىمنى  ھەم  ئەسلەشنى  ئۇنۇتماڭ.

لن تنالوا البر حتى تنفقوا مما تحبون

مەزلۇم قىنى تۆكۈلدى

تۇپراقلارغا  خار بولۇپ

بىزلەر  رابقا  يىلىندۇق

ئۈمىدلەرگە لىق تولۇپ .

كۆز ياشلىرى قۇرىمىدى

كەلكۈن كەبى  تىنماي ئىقىپ

ياۋلار ئاڭا يايرىدى

ئۆز  نىيىتىگە  تىز يىتىپ.

ئەزىز  جانلار  قىينالدى

سىغىنچلار جۇش ئۇرۇپ

نىدا كەلدى ئاسماندىن

سەبىر قىلىڭ تىك تۇرۇپ

يازغۇچى ھەققىدە

ماقالە سانى : 109

ئاكادېمىيە ئورگان تورى ©

ئۈستىگە قايتىش