You Are Here: Home » ئاكادېمىيە پائالىيەتلىرى » پائالىيەت » 3-نۆۋەتلىك ئۇيغۇر مۇتەپەككۇرلارنى خاتىرىلەش ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنى غەلبىلىك ئىچىلدى

3-نۆۋەتلىك ئۇيغۇر مۇتەپەككۇرلارنى خاتىرىلەش ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنى غەلبىلىك ئىچىلدى

ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسىنىڭ تەشكىللىشى بىلەن 2018 – يىلى 5 – ئاينىڭ 5 – كۈنى شەنبە چۈشتىن كىيىن ئىستانبۇل توپكاپىدىكى فاتىھ سۇلتان مەھمەت ۋەخپە ئۇنىۋېرسىتېتىدا «ئۇيغۇر مۇتەپەككۇرلارنى خاتىرىلەش ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنى» غەلبىلىك ئۆتكۈزۈلدى.

ئۇيغۇر ئاكادېمىيسى ئۇيغۇر خەلقىنىڭ مەنىۋى جەھەتتىن ئاقارتىش ساھەسىدە باشلامچىلىق رول ئوينىغان تارىخى شەخىسلەر ۋە ئەدىبلەرنى ياد ئېتىش، ئۇلارنىڭ ئىش – ئىزلىرىنى ئۇيغۇر خەلقىگە، بولۇپمۇ كېلەچىكىمىزنىڭ كاپالىتى بولغان ياش ئەۋلادلارغا تونۇشتۇرۇش مەقسىتىدە، 2016 – يىلى 15 – ماي ۋە 2017 – يىلى 06 – مايدا ئىككى قېتىم «ئۇيغۇر مۇتەپەككۇرلارنى خاتىرىلەش ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنى» ئۆتكۈزۈپ، يۈسۈپ خاس ھاجىپ، ئەھمەت يەسەۋى، ئەلىشىر ناۋائى، ئابدۇخالىق ئۇيغۇر،  مەمتېلى تەۋپىق، موللا مۇسا سايرامى، ھۈسەيىن تەجەللى، قۇتلۇق شەۋقىي ۋە ئابدۇقادىر داموللا قاتارلىق 9 تارىخى شەخىسلەر ۋە ئۇلارنىڭ ئەسەرلىرى ھەققىدە ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنى ئېلىپ بارغان بولۇپ، بۇ يىغىنلار تارىخىمىز ۋە تارىخى شەخسىيەتلەرگە بولغان تونۇشىمىزدا بەلگىلىك ئىجابى تەسىرى بولغان ئىدى.

2018-يىلى ئەھمەد يۈكنەكى (12-ئەسىرنىڭ باشلىرى) تەۋەللۇتىنىڭ 900 – يىلى، تۇغلۇق تۆمۈرخان (1680 – 1347) تەۋەللۇتىنىڭ 670- يىلى، سابىت داموللا (1941 – 1883) تەۋەللۇتىنىڭ 135 – يىلى ۋە ئابدۇرېھىم ئۆتكۈر (1995-1923) تۇغۇلغانلىقىنىڭ 95 – يىلى مۇناسىۋىتى بىلەن بۇ تارىخى شەخىسلىرىمىزنى يېقىندىن تونۇپ چىقىش ۋە ئۇلارنىڭ ئىش – ئىزلىرىدىن ئىلھام ئېلىش مەقسىتىدە، بۇ يىل 5 – ماي شەنبە كۈنى چۈشتىن كېيىن، 3 – قېتىملىق «ئۇيغۇر مۇتەپەككۇرلارنى خاتىرلەش ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنى» مۇۋاپىقىيەتلىك ئۆتكۈزۈلدى.

شۇنىڭ بىلەن بىرگە، 2010 – يىلىدىن باشلاپ ھەر يىلى 5- ماي ۋەتەن ئىچى – سىرتىدىكى ئۇيغۇرلار ئۈچۈن «ئۇيغۇر دوپپا مەدەنىيەت بايرىمى» بولۇپ، ئۇيغۇر مەدەنىيىتىنى قوغداش ۋە راۋاجلاندۇرۇش زۆرۈرىيىتىدە، بۇ مۇھاكىمە يىغىنىنى پۇرسەت بىلىپ، ئۇيغۇر دوپپا مەدەنىيىتى ھەققىدىمۇ ئايرىم بىر ئىلمىي دوكىلات بىرىلدى.

«ئۇيغۇر دوپپا مەدەنىيەت بايرىمى» 2009- يىلى 5- ماي كۈنى ئۈرۈمچى شەھىرىدە ئۇيغۇر زىيالىلىرىنىڭ ئويۇشتۇرىشىدا، «ئۇيغۇر دوپپا مەدەنىيەت بايرىمى» نى ئىلتىماس قىلىش سۆھبەت يىغىنى ئۆتكۈزۈلگەن بولۇپ، سۆھبەتتە «ئۇيغۇر دوپپا مەدەنىيىتى» نىڭ بۈگۈنكى ئەھۋالى ۋە تارىخىي قىممىتىنى قىسقىچە تونۇشتۇرۇلۇپ، «ئۇيغۇر دوپپا مەدەنىيىتى» نى قوغداش ۋە راۋاجلاندۇرۇشنىڭ ئەھمىيتى ئوتتۇرىغا قويۇلغان ۋە بۇ بايرامنىڭ قانۇنى ئاساسقا ئىگە بولۇشى ئۈچۈن ئالاقىدار ئۇيغۇر مۇتەخەسىسلەر تىرىشچانلىق كۆرسەتكەن ئىدى. نەتىجە ئىتىبارى بىلەن، 2010- يىلىدىن باشلاپ ھەر يىلى 5- ماي كۈنى ئۇيغۇرلار ئۈچۈن «ئۇيغۇر دوپپا مەدەنىيەت بايرىمى» ئۇيغۇر ئىلى ۋە چەتئەللەردىكى ئۇيغۇر زىيالىيلىرىنىڭ ئۇيغۇر مىللىي كىملىكىنى قوغداش تەشەببۇسى بىلەن يىلدىن ‏- يىلغا ئومۇملىشىۋاتقان بىر رەسمىي بايرام بولۇپ قالدى.

ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسىنىڭ بۇ يىغىننى ئويۇشتۇرىشىدا ئاساسلىقى مەخسىدى يېڭى بىر ئەۋلاد ئۇيغۇر ياشلىرىغا تارىختا ئۆچمەس ئىز قالدۇرغان، قولىغا قەلەم ۋە ئەلەم ئېلىپ ۋەتىنى ۋە مىللىتى ئۈچۈن قان تەر تۆككەن ۋە بۇ يولدا جان بەرگەن ئۇلۇغ ئەجداتلىرىنىڭ ئىش ئىزلىرىنى تونۇشتۇرۇش ۋە ئۇيغۇر كىملىكى ۋە مەدەنىيىتىنى قوغداش ئېڭىنى ئۆستۈرۈش ئارقىلىق ئۇيغۇر ياشلىرىدىكى مىللىي روھنى ئويغۇتۇش ۋە جانلاندۇرۇش بولۇپ، بۇ يىغىن يىغىن قاتناشقۇچىلىرىنىڭ ياخشى باھاسىغا ئىرىشتى.

يىغىندا تۈركىيە ۋە باشقا دۆلەتلەردە ئۇيغۇر ئەدەبىياتى ۋە ئۇيغۇر تارىخى ساھەسىدە بەلگىلىك نەتىجىلىلەرنى قولغا كەلتۈرگەن تۆت ئۇيغۇر ئاكادېمىك ۋە تەتقىقاتچى ئالاھىدە مىھمان سۈپىتىدە تەكلىپ قىلىنىپ، «ئەھمەد يۈكنەكى (12-ئەسىرنىڭ باشلىرى)، تۇغلۇق تۆمۈرخان (1680 – 1347)، سابىت داموللا (1941 – 1883) ۋە ئابدۇرېھىم ئۆتكۈر (1995-1923)» ھەققىدە ئىلمىي دوكىلات بېرىشى پىلانلانغاننىڭ سىرتىدا، ئۇيغۇر دوپپا مەدەنىيىتىگە ئائىت بىر مەخسۇس ئىلمىي دوكىلات بەردى.

يېغىن ئىستىقلال مارشى بىلەن باشلىنىپ،ئۇيغۇر ئاكادىمىيە رەئىسى ئابدىلھەمىد قاراخان ئىچىلىش نۇتىقى سۆزلىدى.

ئۇيغۇر دوپپا بايرىمى مۇناسىۋىتى بىلەن ئۇيغۇرلارنىڭ باش كېيىمى مەدەنىيىتىدە دوپپا دىگەن تېمىدا ئۇيغۇر ئاكادىمىيە رەئىسى ئابدۇلھەمىد قاراخان سۆزلەپ، ئۇيغۇر دوپپا مەدەنىيىتى، ئۇيغۇر دوپپىلىرىنىڭ تۈرى، ئالاھىدىلىكى قاتارلىقلارنى ۋە دوپپىنىڭ ئۇيغۇر مەدەنىيىتىدە تۇتقان ئورنىنى تەپسىلىي چۈشەندۈرۈپ ئۆتۈپ،ئۇيغۇر دوپپىلىرىنىڭ سەنئەت گۈزەللىكى، شەكلىدىكى ئۆزگىچىلىكنىڭ باشقا قىرىنداش مىللەت دوپپىلىرىدىن پەرقلىنىپ تۇردىغانلىقىنى، ئۇيغۇر دوپپىلىرىنىڭ شەكلى ئالاھىدىلىكىدىن ئۇنىڭ يەنە ئىنىرگىيە يىغىش،نىرۋىنى تىنىچلاندۇرۇش ئالاھىدىلىكىنىڭمۇ بارلىقىنى ۋە سالامەتلىك ئۈچۈن پايدىلىق ئىكەنلىكىنى سۆزلەپ ئۆتتى.شۇنداقلا دوپپا ئۇيغۇرلارنىڭ مەدەنىيىتىنىڭ موھىم بىر تەركىۋى ئىكەنلىكىنى، ئۇيغۇر مەدەنىيىتىنى ساقلاپ قىلىشتا دوپپا مەدىنىيىتىنى ساقلاپ قىلىشنىڭ موھىملىقىنى تەكىتلىدى.

بەيكەنت ئۈنۋىرسىتىتىدىن ياردەمچى دوتسىنت دوكتۇر مەغپىرەت كامال ئەدىب ئەھمەد يۈكنەكى ۋە ئۇنىڭ پائالىيەتلىرى توغۇرسىدا لىكسىيە بەرگەن بولۇپ ئەھمەد يۈكنەكىنىڭ ياشىغان دەۋرى، ئۇنىڭ ھاياتى پائالىيەتلىرى ۋە ئۇنىڭ ئەسەرلىرى ھەققىدە تەپسىلى مەلۇمات بىرىپ يېغىن قاتناشقۇچىلارنىڭ ئەھمەت يۈكنەكىنى تىخىمۇ ئىلگىرلىگەن ھالدا چۈشىنىشىگە مۇيەسسەر قىلدى.مەخپىرەت خانىم ئەھمەت يۈكنەكى ياشىغان قاراخانىلار دەۋرىنىمۇ چۈشەندۈرۈپ، قاراخانىلار دەۋرىنىڭ ئۇيغۇر خاندانلىقى ۋە تارىخىدا موھىم ئورۇن تۇتقان پارلاق، يۈكسەك مەدەنىيەت ياراتقان، ئۇيغۇرلارنىڭلا ئەمەس دۇنيا تارىخىغا ئۆچمەس ئىز قالدۇرغان شانلىق بىر يىل ئىكەنلىكىنى، ھەتتا شۇ دەۋىردە قۇرئان كەرىمنىڭ تەرجىمە قىلىنغىنىنى، نۇرغۇن تارىخى شەخىسلەر ۋە ئۇلارنىڭ ئەسەرلىرىنىڭ ھازىرغىچە يىتىپ كىلىپ تەتقىق قىلىنىۋاتقانلىقىنى سۆزلەپ ئۆتتى ھەمدە ئەھمەت يۈكنەكىنىڭ ئىددىيەسىنىڭ ئۇنىڭ ئالدىنقى دەۋىردىكى ئۇستاز يۈسۈپ خاس ھاجىپ ئەسەرلىرى ۋە ئىددىيەسىنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىغانلىقىنى سۆزلەپ ئۆتتى.ئۇ يەنە ئەھمەت يۈكنەكىنىڭ ئۆلمەس ئەسىرى «ئەتەبەتۇل ھەقايىق» نىڭ مەركىزى مەزمۇنى چۈشەندۈرۈپ، مەئەللۇپنىڭ بىلىم ئىگەللەشكە ۋە ئەدەپ ئەخلاققا يۈكسەك كۆڭۈل بۆلگەنلىكى ھەمدە ئەسەردە كۈچلۈك دىنى پۇراقنىڭ بارلىقىنى، بۇ ئەسەرنىڭ ئەھمىيىتى توغۇرسىدا تەپسىلى مەلۇمات بەردى.

تۇغلۇق تۆمۈرخاننىڭ ھاياتى ۋە ئۇنىڭ ئۇيغۇرلارنى ئىسلاملىشىشىدىكى رولى ھەققىدە دوكتۇر ئوقۇغۇچىسى نۇردۇن ئەينىدىن لىكسىيە سۆزلەپ ئۇيغۇر تارىخىدىكى بىر موھىم دەۋىرنى يېغىن ئەھلىگە سۇندى. شۇنداقلا تۇغلۇق تۆمۈرخاننىڭ ئىسلام دىنىنى قوبۇل قىلشتىكى جەريانىنى ۋە شۇ دەۋىرنىڭ ئالاھىدىلىكىنى، ئۇنىڭ ئۇيغۇرلار تارىخىغا كۆرسەتكەن تەسىرىنى تەپسىلى بايان قىلىپ بەردى.ئوقۇغۇچىسى نۇردۇن تۇغلۇق تۆمۈرخاننىڭ ئىسلامنى قوبۇل قىلىشىدا موھىم رول تۇتقان كىشىنىڭ مەۋلانە ئىرشادىددىن ۋە ئۇنىڭ دادىسى مەۋلانە جالالىدىن كەتاكى ئىكەنلىكىنى، بىر قىتىملىق شىكاردا مەۋلانە جەلالىدىن كەتاكىنىڭ ئۇچۇرشىپ ئىسلامغا قىزىقىشىنىڭ قوزغالغانلىقىنى،كىيىن تەخىتكە چىققاندىن كىيىن مەۋلانە جالالىدىننىڭ ئوغلى مەۋلانە ئىرشادىددىن ئۇنى ئىسلامغا دەۋەت قىلىپ، ئىسلامنى قوبۇل قىلىشقا ۋەسىلە بولغانلىقىنى، ھەمدە تۇغلۇق تۆمۈرخاننىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ ئىسلامنى قوبۇل قىلىشى بىلەن پۈتۈن موڭغۇللارنىڭ مۇسۇلمان بولغانلىقىنى ھەمدە تىز سۈرئەتتە تۈركلەشكەنلىكىنى،تۇغلۇق تۆمۈرخاننىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ ئىسلامنى قوبۇل قىلىشىغا تارىخى خاراكتىرلىك موھىم رول ئوينىغان تارىخى شەخىس ئىكەنلىكىنى تەپسىلى سۆزلەپ ئۆتتى.ئۇنىڭدىن باشقا شۇ دەۋىردىكى تارىخى شەخسلەردىن ئەمىر تىمۇر كوراگاننىڭ ھاياتىنى ۋە ئۇيغۇر تارىخىدىكى قاغانلىقنى چۈشەندۈرۈپ ئۆتتى.يېغىن يېغىن قاتناشقۇچىلارنىڭ قىزغىنلىق سورالغان سۇئاللىرى بىلەن قىزغىن كەيپىياتلاردا داۋاملاشتى.

 

سابىت داموللام بىلەن سەبداشلىرىنىڭ تۈركلۈك شۇئۇرى ۋە دۆلەت قۇرۇش جەريانى ھەققىدە دوكتور پەرھات تەڭرىتاغلى لىكسىيە سۆزلەپ، سابىت داموللامنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ ئاتىسى شەرىپىگە لايىق ئىكەنلىكىنى قەيت قىلىپ ئۆتتى ھەمدە سابىت داموللامنىڭ ئەينى دەۋىردە ئىلغار پىكىرنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىغان،كۆپ تىللىق بىلىملىك دىنى ۋە پەننى ئىلىمنى ياخشى ئالغان بىر تارىخى شەخىس ئىكەنلىكىنى سۆزلىدى. ئۇ يەنە شەرقىي تۈركىستان ئىسلام جۇمھۇرىيىتىنىڭ قۇرۇلىشى، يىقىلىش سەۋەبىنى چۈشەندۈرۈپ بەزى تارىخى شەخىسلەرنى تونۇشتۇرۇپ بەردى ھەم بەزى تارىخى خاتالىقلاردىن ئىبرەت ئىلىپ ئۇيغۇر داۋاسىنى، ۋەتىنىمىز شەرقىي تۈركىستاننى ئازات قىلىش يوللىرىنىڭ مۇشەققىتىنى بايان قىلىپ ئۆتتى.ئۇ جۇمھۇرىيەتنى ساقلاپ قالالماسلىقتا تاشقى كۈچنىڭ زەربىسىدىن باشقا ئىچكى كۈچنىڭمۇ موھىم رول ئوينىغانلىقىنى خەلىقنىڭ كۈچىگە ۋە مايىللىقىنى قوزغاشقا سەل قاراشقا بولمايدىغانلىقىنى، خەلقنى ھەقىقى قوزغىتالىغاندىلا شەرقىي تۈركىستاننىڭ ئازاتلىقىنى قولغا كەلتۈرگىلى بولىدىغانلقىنى سۆزلەپ ئۆتتى.

ئابدۇرېھىم ئۆتكۈر ۋە ئۇنىڭ يېقىنقى زامان ئۇيغۇر مىللىي روھىنى تىكلەشتىكى رولى ھەققىدەئابدىرەھىم ئۆتكۈر ئەپەندىنىڭ ئۆز قىزى زۇلھايات ئۆتكۈر خانىم لىكسىيە سۆزلەپ ئابدىرەھىم ئۆتكۈر ئەپەندىنىڭ ھاياتى پائالىيەتلىرى ۋە ئەسەرلىرىنى چۈشەندۈرۈپ يېغىن ئەھلىنى ئۆتكۈر ئەپەندىم توغۇرسىدىكى تىخىمۇ چۇڭقۇر بىلىمگە ئىگە قىلدى.ئۇ ئۆتكۈر ئەپەندىنىڭ تارىخى رومانلىرىنى يىزىش جەريانىنى تونۇشتۇرۇپ بىرىپ، ئۇنىڭ شۇ دەۋىرنىڭ تارىخىنى چۈشىنىش ئۈچۈن ۋە ئۇنى ئەۋلادلارغا مىراس قالدۇرۇپ ئۈچۈن سىڭدۈرگەن قان تەرىنى،چەككەن جاپالىرىنى سۆزلەپ بەردى ھەمدە ئۆتكۈر ئەپەندىنىڭ شېئىرىيەت ھاياتىنى چۈشەندۈرۈپ بەردى ھەم ئەينى ۋاقىتتىكى ئۆتكۈر ئەپەندىنىڭ ئۆزى دىكلىماتسىيە قىلغان «مەن ئاق بايراق ئەمەس» ناملىق شېئىرىنىڭ ۋىدىئوسىنى يېغىن ئەھلىگە سۇنۇش بىلەن بىرگە شېئىرلىرىدىكى سىمۋوللۇق خاراكتىرگە ئىگە سۆزلەرنى چۈشەندۈرۈپ بەردى.

ئاخىردا ئۇيغۇر ئاكادىمىيە رەئىسى ئابدىلھەمىت قاراخاننىڭ يېپىلىش سۆز قىلىدى ۋە يېغىنغا قىممەتلىك ماتىرياللارنى سۇنۇپ كۆپچىلىكنى مول بىلىمگە ئىگە قىلغان ئەزىز مىھمانلارغا ئۇيغۇر ئاكادىمىيەسى كۆڭۈل سوۋغىسى ھەدىيە قىلدى، ئۇنىڭدىن باشقا يېغىن قاتناشقۇچىلارمۇ ئۇستازلارغا رەھمىتىنى بىلدۈرۈپ ئۇستازلارغا دوپپا سوۋغا قىلدى.

يىغىندىن كىيىن يېغىن قاتناشقۇچىلىرى بۇ يىغىنغا ئىجابىي پىكىر بەردى ۋە ئۇيغۇر ئاكادىمىيەسىنىڭ بۇنىڭدىن كىيىن داۋاملىق مۇشۇنداق ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنلىرىنى ئۆتكۈزۈپ تۇرىشىنى، ئۆزلىرىنىڭ يەنە مۇشۇنداق ئىلمىي مۇھاكىمە يېغىنلىرىغا قاتنىشىشنى ئارزۇ قىلىدىغانلىقىنى سۆزلەپ، ئۇيغۇر ئاكادىمىيەسىگە رەھمەت ئېيتتى.

ئەسكەرتىش: ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسى تور بېتىدىكى ئەسەرلەر ئاپتورنىڭ ئۆزىنىڭ كۆز-قارىشىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ. تور بېتىمىزدىكى ئەسەرلەرنى مەنبەسىنى ئەسكەرتىش شەرتى بىلەن كۆچۈرۈپ كەڭ تارقىتىشقا بولىدۇ.

ئاكادېمىيە ئورگان تورى ©

Scroll to top