ئۇيغۇرچە    Uyghurche    Уйғурчә    Ortaq Türkçe   
  • 2018 - يىلى 25 - ئاۋغۇست ئىستانبۇلدا «ئۇيغۇرلار دۇچ كېلىۋاتقان خىرىسلار ۋە ھەل قىلىش يوللىرى ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنى» ئۆتكۈزۈلىدۇ. ...
سىزنىڭ ئورنىڭىز: باشبەت » ئەدەبىيات گۈلزارى » بىلكى بۇ ئۇيغۇر مەھبۇسى ئۈچۈن

بىلكى بۇ ئۇيغۇر مەھبۇسى ئۈچۈن

ئاپتۇرى: سەرۋى

مېنىڭ نەزمەم
*
قاتتىق داق يەردە ئۇخلاي بۇ كېچە،
سېلىنچا سالماي، يېپىنچا ياپماي.
يانپېشىم ئاغرىپ بەل چىمىلدىسا،
توڭلاپ تىترىسەم زادى زارلىماي.
«نە ھاجەت؟» – دېسەڭ ئەي دىلدار بۈگۈن،
بىلكى بۇ ئۇيغۇر مەھبۇسى ئۈچۈن.
*
بولسۇن ئۇسسۇزلۇق پۈتكۈل كۈن بويى ،
بىرلا پىيالە تۇزلۇق شاكاراپ.
قۇرۇپ لەۋلىرىم، چاپلاشسۇن تاماق،
تەشنالىقتا جان ئەيلەنسۇن خاراپ.
«قىينالدىڭ!» – دېسەڭ ئەي دىلدار بۈگۈن،
بىلكى بۇ مەھبۇس ھەقلىرى ئۈچۈن.
*
بىر قاچا بەتتام يېسۋىلەك قايناق،
بىلەن بىر ھورنان بولسۇن يېمىكىم.
ئاچ ھەم زېرىن بوپ ئۆتەيمەن بۈگۈن،
قورسىقىم ئېچىپ قايسۇن ھەم بېشىم .
«ئاينىپسەن!» – دېسەڭ دىلدارىم بۈگۈن،
بىلكى بۇ مەھبۇس نالىسى ئۈچۈن.
*
تامغا دۈمبەمنى چاپلاپ زوڭزىيىپ،
ئولتۇراي بۇندا قاماللاپ بېشىم.
باشنى بىر سىكونىت كۆتۈرۈشلەر يوق،
نەق ئالتە سائەت بولسۇن قەرەلىم ،
«يۈرەك قان!» – دېسەڭ ئەي دىلدار بۈگۈن،
بىلكى بۇ مىسكىن شۇ مەھبۇس ئۈچۈن.
*
پۇتۇم ئۇيۇشۇپ سىرقىرىسا جان،
جۈپ كۆزلىرىمگە تىقىلسا ياش -قان،
چىداي ئىڭرىماي ، ھەرلەھزە – ھەر ئان،
ئۇچسۇن خىيالىم شۇ مەھبۇس تامان.
«مەجنۇنسەن!» – دېسەڭ ئەي دىلدار بۈگۈن،
بىلكى خارلانغان شۇ مەھبۇس ئۈچۈن.
*
قىينالسۇن تېنىم، ئۆرتەلسۇن جېنىم،
يۈرىگىم مەھبۇس ناخشىسى ئېيىتسۇن.
ئەزىز ھاياتنىڭ ئۇشبۇ سوتكىسى،
بىگۇناھ مەھبۇس ئۈچۈن ئاتالسۇن.
«ئاشقۇنسەن!» – دېسەڭ ئەي دىلدار بۈگۈن،
بىلكى بۇ مەھبۇس ئۇۋالى ئۈچۈن.
*
قەلبىم قايغۇدا دولقۇن ياسىسۇن،
كۆزلىرىم غەملىك مىسكىن چاقنىسۇن.
نەزمەم يىشىمغا تۈگەل چىلىشىپ،
نىگارىم سېنى ئۆرتەپ يىغلاتسۇن.
«يىغلاتتىڭ!» – دېسەڭ نىگارىم بۈگۈن،
ئاڭلا بۇ ناھەق تۇتقۇن جان ئۈچۈن.
*
كۆزلىرىمگە سەن ئەلەملىك تىكىل،
قارچۇقۇڭدا مەن كۆرەي مەھبۇسنى.
ئەشۇ دەقىقە ئۇشبۇ تۇرقۇڭغا،
ئاتاي ئۆمرۈمنى، بېرەي جېنىمنى.
سورىساڭ – «نىچۈن بۇ سۆزۈڭ بۈگۈن؟»
ئاڭلا بۇ مەھبۇس ئاھلىرى ئۈچۈن.
*
مۈرەمنى قىسقىن، شىۋىرلا ماڭا،
دىگىن – «ئەي ۋەتەن جانلىرىم پىدا!»
ئاۋازىڭ تېترەپ، تۆكۈلسۇن يېشىڭ،
لەرزىگە كەلسۇن يۈرەك پىغاندا.
دېسەڭ – «ئازاپتا كۆيدۈردۈڭ بۈگۈن!»
ئاڭلا بۇ مەھبۇس سۆيگۈسى ئۈچۈن.
*
چىھرىڭ ئەلەمدىن يانسۇن رەڭلىنىپ،
يۈرەك قېتىڭدىن نەزمەڭ ئۇرغۇتقىن.
ئوقۇغىن ۋەزمىن – تىترەك ئاۋازدا،
تىڭشاپ نەزمەڭنى توختاي ئۆكسۈشتىن.
ئاڭلاي ئەي نىگار نەزمەڭنى بۈگۈن،
شۇ مەھكۇم ئىنسان ھۆرمىتى ئۈچۈن.

*
سېنىڭ نەزمەڭ
*
قەدىرسىز ئەمەس مەھبۇسنىڭ جېنى،
ئاققان قانلىرى، تۈگۈلگەن مۇشتى،
ئاچلىق ئىلكىدە قىينالغان تۇرقى،
ياۋغا غەزەپلىك باققان نىگاھى.
ھەققى – ھۆرمىتى مۇپەسسەل بۈگۈن،
مەزلۇم دىلدىكى غورۇرى ئۈچۈن.
*
مەھبۇس قەلبىگە بولىدۇ زاھىر،
بىز ياشتا پۈتكەن شۇ گۈزەل شېئر،
مەھبۇس قەلبىگە قۇيىدۇ مېھىر،
چۈنكى سۆيگۈمىز بۈيۈك بىر سېھىر.
تەبەسسۇملىرى جۇلالار بۈگۈن،
قەلبى تۇيغان بۇ مۇھەببەت ئۈچۈن.
*
مەھبۇس بىلىدۇ، يوقتۇر گۇمانى،
ئۆزىگە تالىق قەلىبلەر تۆرى،
مەزلۇم بولسىمۇ، مۆھتىرەم ئۆزى،
ياۋغا مەڭگۈگە ئىگىلمەس بېشى.
نىگار ئۈزۈلمە – ئېزىلمە بۈگۈن،
غەييۇر ھەم جەسۇر شۇ مەھبۇس ئۈچۈن.
*
مەھبۇس تۇيىدۇ ھەر تامچە يېشى،
ئۈچۈن ھەر ئىنسان تۇتارھۆرمىتى.
ئۆزى ئالەمنىڭ بۈيۈك غورۇرى.
جانلىرى كەتسە شەھىدتۇر ئۆزى!
مەھبۇس قىساسى مىنەلھەق بۈگۈن،
ئانىت ئىچەي بۇدەم شۇ قىساس ئۈچۈن!

*
خاتىمە
*
بۇ نەزمەڭ يەشسۇن دىلدىكى تۈگۈن،
ياشلىرىم بولسۇن كۆزۈمدىن سۈرگۈن.
قىساسچۈن بۇدەم بولايمەن تۈرگۈن،
بىراق مەھبۇسچۈن ئاتالسۇن بۈگۈن!
ئالى ئىھتىرام ، چەكسىز ھۆرمەتتە،
پۇچۇلسۇن يۈرەك شۇ مەھبۇس ئۈچۈن!

2018 – يىلى 8 – ماي ، ئامېرىكا

يازغۇچى ھەققىدە

ماقالە سانى : 1190

ئاكادېمىيە ئورگان تورى ©

ئۈستىگە قايتىش