ئۇيغۇرچە    Uyghurche    Уйғурчә    Ortaq Türkçe   
  • 2018 - يىلى 25 - ئاۋغۇست ئىستانبۇلدا «ئۇيغۇرلار دۇچ كېلىۋاتقان خىرىسلار ۋە ھەل قىلىش يوللىرى ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنى» ئۆتكۈزۈلىدۇ. ...
سىزنىڭ ئورنىڭىز: باشبەت » تارىختىن تامچە » ئۇيغۇرلارنىڭ تارىخىي كېلىپ چىقىشى توغرىسىدا مۇلاھىزە

ئۇيغۇرلارنىڭ تارىخىي كېلىپ چىقىشى توغرىسىدا مۇلاھىزە

1. ئۇيغۇرلارنىڭ ئەسلى ماكانلىرى ھەققىدە
ئۇيغۇرلار تۈركىي خەلقلىرىنىڭ ئەڭ ئاساسلىق بىر تارمىقى بولۇپ، تارىخىنىڭ ئۇزۇنلىقى، ئەمگەكچانلىقى، كۆرەشچانلىقى بىلەن شانلىق مەدەنىيەت يارىتىپ، دۇنيا مەدەنىيىتىنىڭ غەزىنىسىگە ئۆلمەس تۆھپىلەرنى قوشقان مىللەت.
ئۇيغۇرلار مىلادىدىن خېلى كۆپ ئەسىرلەر ئىلگىرى ”تۇرالار“ دېگەن نام بىلەن ئاتىلىپ كەلگەن بولسىمۇ خىتاينىڭ قەدىمكى تارىخىي كىتابلىرىدا پەقەت مىلادىدىن ئۈچ ئەسىر بۇرۇنلا تىلغا ئېلىنغان. ئۇلار شەرقتە بايقال كۆلىنىڭ جەنۇبىدىن تارتىپ غەربتە ئېرتىش دەرياسى، بالقاش كۆلىنىڭ بويلىرى ۋە ئوتتۇرا ئاسىيا قاتارلىق بىپايان تېررىتورىيىدە ياشاپ بۇ جايلارنىڭ تەبىئى شارائىتىنى ھېسابقا ئېلىپ، دېھقانچىلىق، چارۋىچىلىق، ھۆنەرۋەنچىلىك، ئوۋچىلىق بىلەن شۇغۇللانغان.
ھازىرقى زاماندىكى غەرب بۇرزۇئا تارىخچىلىرىنىڭ بىر قىسمى، ئۇيغۇر ئىلىدا قەدىمكى زاماندا ياشىغان خەلقلەر ھىندى – ياۋرۇپا تىل سىستېمىسىدا سۆزلىشىدىغان، ئېرقى جەھەتتىن ئارىئان نەسلىگە (ئىرانلىقلارمۇ بۇنىڭ ئىچىدە) مەنسۇپ بولغانلار ئىدى، دېيىشىدۇ. مەسىلەن: چاررۇسسىيە جاھانگىرلىكىنىڭ چوڭ جاسۇسى گ. گارزىمايلو بۇنداق دەپ يازىدۇ: «ئەڭ قەدىمكى دەۋردە پامىردىن تارتىپ ئۇنىڭ شەرقىغە (تارىم ئويمانلىقىنى دېمەكچى – ت) ئىرانلىقلار كېلىپ جايلاشقان. يەنە مەلۇم بىر مەزگىلگە كەلگەندە خىتاينىڭ ئىچكى جايلىرىدىن خىتايلار بۇ يەرگە زورمۇ زور كەلگەن.»
ئۇ يەنە مۇنداق دەپ يازىدۇ: «تۇرپاننىڭ دەسلەپكى ئاھالىسى ئىرانلىقلار ئىدى. كېيىنكى چاغلارغا كەلگەندە، ئۇلارنى كېلىپ چىقىشى تۈركلەرگە مەنسۇپ بولغان خىلمۇ خىل ئاھالە شەرق تەرەپتىن كېلىپ قىستاپ قويدى. نەتىجىدە تۇرپاندا ئولتۇراقلاشقان ئىرانلىقلارنىڭ بىر قىسمى كېيىن كەلگەنلەر تەرىپىدىن سىقىپ چىقىرىلىپ، خىتاينىڭ غەربىي قىسمىغا كەتتى. بىر قىسمى ئۇلارغا ئاسسىملاتسىيە بولۇپ، مۇشۇ خىلدىكى دەرىجىگە يېتىپ، تىلى بىلەن ئۆزىنىڭ ئىرقى پەرقلىرىنىڭ ھەممىسىنى يوقاتتى.»
19 – ئەسىرنىڭ ئاخىرى بىلەن 20 – ئەسىرنىڭ باشلىرىدا ئىلگىرى – ئاخىرى بولۇپ، ئۇيغۇر ئىلى ۋە دونخۇاڭغا كېلىپ، قەدىمكى زاماندىن ئوتتۇرا ئەسىرگىچە ئۇيغۇرلار ياراتقان شانلىق مەدەنىيەتنىڭ ئەڭ ئېسىل يادىكارلىقلىرىنى ئېلىپ كەتكەن لىكوك، سىتەيىن قاتارلىق غەرب بورزۇئا ئالىملىرىنىڭ كۆز قارىشى گ. گارزھىمايلو بىلەن ئوخشاش. قەدىمكى زاماندا تارىم ئويمانلىقىدا بارلىققا كەلگەن شانلىق مەدەنىيەتنى ئۇيغۇرلار ياراتقان بولماستىن، ئارىئان نەسلىگە مەنسۇپ بولغان خەلقلەر ياراتقان دېمەكچى بولىدۇ.
كىشىنى ئەجەپلەندۈرىدىغىنى شۇكى: يېقىنقى يىللاردىن بۇيان ئېلىمىزدىكى بەزىبىر تارىخشۇناسلارمۇ يۇقىرىقىلارنىڭ سەپسەتىسىنى قۇۋەتلەپ، تارىخىي پاكىتلارغا خىلاپ ھالدا مۇنداق دىيىشىدۇ: «(تارىم ئويمانلىكى) مىلادىدىن كېيىنكى بىرىنچى مىڭ يىللىقىنىڭ ئالدىنقى يېرىم مەزگىلى بىلەن ئۇنىڭدىن سەل كېيىن، بۇ يەردە ئىران تىلىدا سۆزلىشىدىغان (قەشقەردىن خوتەن ئەتراپلىرىغىچە) ۋە ئۇنىڭدىن باشقا ھىندى – ياۋرۇپا تىلىدا سۆزلىشىدىغان («توخار تىلى» دەپ ئاتىلىدىغان) ئۇرۇق – قەبىلىلەر (ئاقسۇ، كۇچار، قاراشەھەر، تۇرپان ئەتراپلىرىدا ياشىغان، بۇندىن تاشقىرى يەنە ھىندى – ياۋرۇپا تىل سىستېمىسىدا سۆزلىشىدىغان قەدىمكى زاماندىكى فىشامشان دۆلىتى، نىيەدىن تارتىپ لوپنۇر ئەتراپلىرىغىچە) مىللەتلەر، شۇنىڭ بىلەن بىللە تىبەت تىلىدا سۆزلىشىدىغان تىبەت قاتارلىق مىللەتلەر ياشىغان. تۈرك مىللىتى (قەدىمكى زاماندىكى ئۇيغۇرلارمۇ بۇنىڭ ئىچىدە) ئېھتىمال 7- 8- ئەسىردىن كېيىن شىمالدىن بۇ يەرگە كەلگەن. بەلكى قەدەممۇ قەدەملەپ شۇ يەرنىڭ ھۆكۈمرانىغا ئايلانغاندىن كېيىن، ئاخىرى باشقا قەدىمكى مىللەتلەرنىڭ تىلىنى يېڭىپ ھۆكۈمران ئورۇننى ئىگەللىگەن.»
غەرب ئالىملىرىنىڭ كۆز قارىشىغا ماسلىشىدىغان يۇقىرىدىكى ھۆكۈملەر توغرا ئەمەس. ئۇلارنىڭ بىردىنبىر ئاساسلىنىدىغىنى كۇچار، قارا شەھەر رايونلىرىدىن تېپىلغان زور مىقداردىكى سانسىكىرىت يېزىقى، قارۇشتى يېزىقى، (بۇ يېزىقلارنى قەدىمكى زاماندا ھىندىلار قوللانغان) بىلەن ھىندى تىلىدا يېزىلغان بۇدا تەلىماتىغا دائىر يازما يادىكارلىقلاردىن ئىبارەت.
سانسىكىرىت يېزىقىدا بۇدا نامىلەرنىڭ قانچە كۆپ بولىشىدىن قەتىينەزەر، ئۇنداق ماتېرياللار بۇ يەردە ياشىغان خەلقلەرنىڭ ھىندى – ياۋرۇپا تىلىدا سۆزلىشىدىغان ئارىئان نەسىلىگە مەنسۇپ ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلىيالمايدۇ. مىلادىنىڭ بىرىنچى ئەسرىدىن باشلاپ ھىندىستان ئارقىلىق بۇددا دىنى تارىم ئويمانلىقىدىكى خوتەن، كۇچار، قەشقەر، كېيىنرەك تۇرپان قاتارلىق جايلارغا تارقىلىپ، ئاتا – بوۋىلىرىمىزنىڭ دىنى ئېتىقاتىغا ئايلانغان. شۇ چاغدىن باشلاپ، ئۇيغۇر تىلىغا تەرجىمە قىلىنغان بۇددا نوملىرى بولمىغانلىكى ئۈچۈن، بۇددا ئىبادەتخانىلىرىدە بۇددا راھىپلىرى سانسىكىرىت يېزىقى بىلەن ھىندى تىلىدا يېزىلغان بۇددا نوملىرىنى ئوقۇغان، بۇنى خەلق چۈشەنمەيتتى، بۇ ئۇيغۇرلار ئىسلام دىنىغا ئېتىقات قىلغاندىن كېيىن، ئىسلام دەستۇرى بولغان قۇران ۋە باشقا ئەقىدىلەر يېزىلغان نۇرغۇن كىتابلار ئەرەپ، پارس تىلىدا بولۇپ، بۇنى ئاز ساندىكى دىنىي ئەرباپلار چۈشىنىدىغان بولسىمۇ، ئاددى خەلق بىۋاستە ئوقۇپ چۈشىنەلمەيدىغانلىقىغا ئوخشاش بىر ئەھۋال ئىدى.
شۇنىڭ ئۈچۈن دىنىي ئۆلىمالارنىڭ مەسچىت، مەدرىسلەردە ئەرەب، پارس تىلىدىكى ئىسلام ئەقىدىلىرىدە ۋەز ئېيتقانلىقى ۋە تالىپلارغا دەرس ئۆتۈپ بەرگەنلىكىگە قاراپ، ئۇلارنى ئەرەب دېيىشكە بولمىغىنىدەك، قەدىمكى زاماندىكى ئۇيغۇر بۇددىستلىرىنى ئىبادەتخانىلاردا سانسىكىرىت يېزىقى بىلەن يېزىلغان ھىندى تىلىدىكى بۇددا نوملاردىن ئەمر – مەرۇپ قىلغانلىقىغا قاراپ، ئۇلارنىمۇ ھىندى دېگىلى بولمايدۇ.
7- ئەسىردە ياشىغان مەشھۇر بۇددىست ۋە تەرجىمان شۇەن زۇاڭ «ئۇلۇغ تاڭ دەۋرىدىكى غەربكە ساياھەت خاتىرىسى» ناملىق ئەسىرىدە ناھايىتى ئېنىق قىلىپ قەشقەر، خوتەن، كۇچار ئەتراپلىرىدا قوللىنىۋاتقان يېزىق ھىندى يېزىقى بولۇپ، تىلى ھىندى تىلى ئەمەس، دەپ كۆرسەتكەن.
ئەمدى ئۇيغۇرلارنىڭ ئەڭ قەدىمكى زامانلاردىن تارتىپ تارىم ئويمانلىقىدا ياشاپ كەلگەنلىكىگە دائىر تارىخىي پاكىتلار ئۈستىدە توختىلىمەن. 1981- يىل 2 – ئاينىڭ 24 – كۈنى ئۇيغۇر ئىلىدىكى  ئۇيغۇرچە گېزىتىنىڭ بېتىدە بىر تارىخىي ماقالە بېسىلغان. ماقالىدا 1979 – يىلى قىشتا ئۇيغۇر ئىلىدىكى ئىجتىمائىي پەنلەر ئاكادىمىيىسى ئارخىئولوگىيە تەتقىقات ئورنى كۆنچى دەرياسىنىڭ بويىدىكى بىر ئىپتىدائى قەۋرىستانلىقتىن ئىككى جەسەتنى تاپقانلىقى ئېيتىلغان. ماقالىدا بۇ جەسەتلەرنىڭ بىرى ياش ئايال، يەنە بىرى كىچىك بالا بولۇپ، نەنجىڭ داشۈ جۇغراپىيە فاكۇلتىتىنىڭ كاربون 14 تەجرىبىخانىسى، قەۋرىستانلىقتىن قېزىپ ئېلىنغان ياغاچلارنى تەھلىل قىلىش ئارقىلىق جەسەتلەرنىڭ بۇنىڭدىن 6412 يىل (+_117) بۇرۇنقى جەسەت ئىكەنلىكىنى دەسلەپكى قەدەمدە ئېنىقلاپ چىقىلغانلىقى خەۋەر قىلىنغان. بۇ ھازىرغىچە ئاپتونوم رايونىمىز ۋە مەملىكەت بويىچە تېپىلغان ئەڭ قەدىمكى جەسەت ئۈلگىسى. شۇنداقلا دۇنيا بويىچىمۇ ھازىرغىچە تېپىلغان قەدىمكى جەسەتلەر ئىچىدە ئەڭ بۇرۇنقى جەسەت ئۈلگىسى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.
بۇ قەدىمكى جەسەتنىڭ تېپىلغانلىقى، ئۇيغۇر رايونىنىڭ قەدىمكى مەدەنىيىتى ۋە شۇ زاماندىكى ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ فىزىئولۇگىيىلىك ئالاھىدىلىكىنى ۋە بۇ رايوننىڭ دېھقانچىلىق، چارۋىچىلىق، يۇڭ توقۇمىچىلىق، ھۆنەر ـ سەنئىتى، زىبۇ – زىننەت بۇيۇملىرىنى تەتقىق قىلىشتا مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە.
«بۇ جەسەتلەرنىڭ يەر يۈزىدىن ئېگىزرەك قۇرغاق قۇم دوۋىسىدىن قېزىپ ئېلىنغان. گۆرنىڭ ئىككى بېشىغا بىردىن ياغاچ قويۇلغان بولۇپ، يەر ئۈستىدىن كۆرۈنۈپ تۇرىدۇ. گۆر تىك قىلىپ قېزىلغان، جەسەتلەر گۆردە ئوڭدىسىغا قىلىپ ياتقۇزۇلغان. ئۇنىڭ ئۈستىگە ياغاچ تاختاي ۋە تاختايلارنىڭ ئۈستىگە قوي تىرىسى بىلەن چىغ توقۇلما يېپىلغان، جەسەت ناھايىتى قوپال توقۇلغان رەختكە ئورالغان بولۇپ، ئايال جەسەتنىڭ بېشىغا كىگىز تەلپەك كىيگۈزۈلگەن. ئۇنىڭ سېرىق ئۇزۇن چاچلىرى دولىسىغا چۈشۈپ تۇرىدۇ، كۆزلىرى يوغان، كىرپىكلىرى ئۇزۇن، قاڭشالىق بۇ قەدىمكى جەسەتلەر بىلەن بىللە قېزىپ ئېلىنغان ئاخىرەتلىكلەر ئىچىدە ناھايىتى نەپس توقۇلغان چىغ سىۋەتلەر بولۇپ، ئۇنىڭ ئىچىگە زىرائەت دانلىرى سېلىنغان، ئەمما بۇ دانلار چىرىپ ئۇنغا ئايلىنىپ كەتكەن. بالا جەسىتى بىلەن بىللە كۆمۈلگەن چىغ سىۋەتتىن ئۆز پېتى ساقلانغان بۇغداي چىقتى.»
يۇقىرىقى ئىككى جەسەت ھەققىدىكى مەلۇمات كىشىنى ھەيران قالدۇرىدۇ. چۈنكى ئۇ ئۇيغۇرلارنىڭ ئەسلى ئانا يۇرتى، ئىرقى كېلىپ چىقىشى، مەدەنىيىتى قاتارلىق جىددى مەسىلىلەرگە كىشىنى قايىل قىلغۇدەك جاۋاپ بېرىدۇ. لوپنۇردىن چىققان ئىككى جەسەتنىڭ بۇندىن 6412 يىل ئىلگىرى دەپنە قىلىنغان قەدىمكى زامانلاردىن بۇيان تارىم ئويمانلىقىدا، ئارىئانلار ئەمەس، ئۇيغۇرلارنىڭ ياشاپ كېلىۋاتقانلىقىنى ئىسپاتلايدۇ.
«قەدىمكى دۇنيا تارىخى» دىكى مەلۇماتقا ئاساسلانغاندا، بۇنىڭدىن 4000 يىل بۇرۇن ھازىرقى ھىندىستاندا، ھىندى – ياۋرۇپا تىل سىستېمىسىغا كىرىدىغان، تېگى – تەكتىنى سۈرۈشتۈرگەندە ئارىئان(ئارىلار) نەسلىگە مەنسۇپ بولغان ھازىرقى ھىندىلارنىڭ ئەجدادى ئەمەس، بەلكى باشقا ئىرققا مەنسۇپ دىراۋىدىلار ياشىغان ئىدى، 4000 يىل بۇرۇن ئىراندا ئارىئانلار ھىندىستانغا بېسىپ كىرىپ دىراۋىدىلارنى جەنۇبى قىسىمغا سۈرۈۋەتكەن.
ھازىر جەنۇبى ھىندىستاندا ياشايدىغان ئاشۇ دىراۋىدلارنىڭ سانى 50 مىليونغا يېتىدۇ. ئەگەر ئارىئانلارنىڭ ئىراندىن ھىندىستانغا كۆچۈپ كەلگەنلىكىنى نەزەردە تۇتۇپ، ھىندىستانغا چېگرىداش بولغان جەنۇبى ئۇيغۇر ئىلى (تارىم ئويمانلىقى)غا ئارىئانلار ھىندىستان ئارقىلىق ئۆتكەن دېيىلسە، بۇ پاكىتلارغا ئۇيغۇن كەلمەيدۇ. چۈنكى سېرىق چاچ، قاڭشالىق، بېشىغا كىگىز تەلپەك كىيگەن ئايال جەسىتىنىڭ 6412 يىل ئىلگىرى لوپنۇر ئەتراپىدا دەپنە قىلىنىشى، ئارىئانلار ئىراندىن ھىندىستانغا بېسىپ كىرىشتىن 2500 يىل بۇرۇنلا ئۇيغۇرلار ئەجدادىنىڭ تارىم ئويمانلىقىدا ياشاپ تۇرغانلىقىنى ئىسپاتلايدۇ.
مانا شۇ پاكىت، بەزى تارىخشۇناسلارنىڭ «ئۇيغۇرلار، 845 – يىلى موڭغۇلىيە دائىرىسىدىن ئۇيغۇر ئىلىغا كۆچۈپ كەلگەن، ئۇنىڭدىن بۇرۇن ئۇيغۇر ئىلىدا ئۇيغۇرلار يوق ئىدى» دېگەن قاراشلىرىنىمۇ رەت قىلىدۇ.
لوپنۇردىن تېپىلغان جەسەتلەرنىڭ دەپىن قىلىنغان ۋاقتى، جەسەتنىڭ يۇڭ توقۇلما رەخت بىلەن ئورالغانلىقى، گۆردىن ياغاچ تاختايلار، چىغ سىۋەت، ئۆز پېتى ساقلىنىپ قالغان بۇغدايلارنىڭ چىقىشى، تارىم ۋادىسىدا مەدەنىيەتنىڭ ناھايىتى قەدىمكى چاغدىن باشلىنىپ، ئاتا – بوۋىلىرىمىزنىڭ دېھقانچىلىق، قول – ھۆنەرۋەنچىلىك، چارۋىچىلىق بىلەن شۇغۇلغانلىقىنى كۆرسىتىدۇ.
لوپنۇردىن تېپىلغان جەسەدلەر ۋە باشقا بويۇملار، تارىخچى مورگانىڭ «دۇنيا مەدەنىيىتىنىڭ ئاچقۇچى تارىم دەرياسى تۈزلەڭلىكى ئاستىدا كۆمۈگلۈكتۇر. قاچانكى بۇ ئاچقۇچ تېپىلىدىكەن دۇنيا مەدىنىيىتىنىڭ سىرى مەلۇم بولغۇسىدۇر.» دېگەن كارامەتلىك ھۆكۈمنىڭ توغۇرلىقىنى ئىسپاتلىدى.
تارىم ۋادىسىدىكى ئەڭ قەدىمكى مەدەنىيەتنىڭ سىرىنى ئۈزۈل – كېسىل ئېچىش، ئانتروپولوگىيە، ئىتنۇگرافىيە، ئارخىئولوگىيە قاتارلىق پەنلەرنىڭ ئالدىدىكى ئەڭ جىددى ۋە شەرەپلىك ۋەزىپە.
بۇ يەردە بىرئاز يىراقتىن گەپ ئاچقىنىمىزدا مەسىلە تېخىمۇ ئايدىڭلىشىدۇ.
مىلادىنىڭ 2 – ئەسرىدە ياشىغان يۇنان ئالىمى پ. تۇلۇمى ئۆزىنىڭ ئون توملۇق «جۇغراپىيە» ناملىق ئەسىرىدىكى «سىرىسلار دۆلىتى» (يىپەك دۆلىتى) بابىدا ھازىرقى تارىم دەرياسى ۋادىسىدىكى ئاساسىي يەرلىك خەلقنىڭ ئۇيغۇر ئىكەنلىكى، ئۇلارنىڭ پىلە بېقىپ، يىپەكتىن نەپىس شايى – ئەتلەسلەرنى توقۇيدىغانلىقى تارىم ئويمانلىقىنىڭ تەبىئى شارائىتلىرى (تاغلىرى، دەريالىرىمۇ بۇنىڭ ئىچىدە) ھەققىدە خېلى تەپسىلى مەلۇمات بەرگەن.
«ۋىي سۇلالىسى يىلنامىسى» دىكى مەلۇماتقا ئاساسلانغاندا، 4 – ئەسىرنىڭ ئاخىرلىرىدا ھازىرقى موڭغۇلىيەنىڭ شەرقىي قىسمىدا، ئەسلى كېلىپ چىقىشى تۇنگۇس نەسلىدىن بولسىمۇ، خېلى دەرىجىدە تۈركلەشكەن، ياۋرۇپالىقلار «ئاۋارلار» دەپ ئاتىغان، جۇرجانلار باش كۆتۈردى. مانا شۇ جۇرجان تۈركلىرىنىڭ قاغانى شىرون (مىلادىنىڭ 400 – يىلدىن 411- يىلغىچە قاغان بولغان) مىلادىنىڭ 400 – يىللىرى موڭغۇلىيەدىكى ئۇيغۇرلار، ئالتايدىكى تۈركلەرنى بويسۇندۇرغاندىن كېيىن خېلى كۈچەيدى. ئۇيغۇرلار جۇرجان قاغانلىقنىڭ قوشۇنلىرىدا ھەربىي خىزمەت ئۆتەشكە مەجبۇر قىلىنغان بولسا ئالتايدىكى تۈركلەر جۇرجانلار ئۈچۈن ھەربىي قورال ياساپ بېرىشكە قىلىنغان. چۈنكى، ئالتاي تۈركلىرى مىتال ئېرىتىپ تۈرلۈك قوراللارنى ياساشقا ناھايىتى ماھىر ئىدى.
جۇرجان قاغانلىقى تېررىتورىيىسىنىڭ غەربىي جەنۇبى ھازىرقى قارا شەھەرگىچە، غەربىي ئىلى ۋادىسىغىچە، شەرقىي چاۋشىئەننىڭ غەربىگىچە، شىمالىي تاشقى موڭغۇلىيەنىڭ شىمالىغىچە، جەنۇبى ئىچكى موڭغۇلىيەنىڭ جەنۇبىغىچە سوزۇلغان بولۇپ، پايتەختى ھازىرقى گەنسۇ ئۆلكىسىدىكى جاڭپى ناھىيىسىنىڭ شىمالىدا ئىدى.
مىلادىنىڭ 487- يىلى موڭغۇلىيە دالىسىدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ بىر قىسمى بۇركلى(تۇماغلىق) قەبىلىسىنىڭ خانى ئاي ئوجرونىڭ يېتەكچىلىكىدە جۇرجانلارغا قارشى ئىسيان كۆتۈرۈپ، تەڭرىتاغلىرىنىڭ شىمالىي قىسمىغا (ھازىرقى جۇڭغار دالىسىغا) كۆچكەن. شۇ قېتىم ئالتاي ئارقىلىق ئۇيغۇر ئىلىغا كۆچكەن ئۇيغۇرلارنىڭ سانى 600 مىڭ بولۇپ، 120 مىڭ ئائىلىدىن ئىبارەت ئىدى.
جۇرجان قاغانى تۇلۇن (487- 492 ـ يىللارى) نۇرغۇن قوشۇنلىرىنى باشلاپ، ئۇيغۇرلارنىڭ كەينىدىن قوغلاپ كەلدى. جەنۇبىي ئالتايدا بولغان ئۇرۇشتا ئۇيغۇر خانى ئاي ئوجرو جۇرجان قاغانى تۇلۇن قوشۇنلىرىنى تار – مار قىلدى، ئۇرۇشتا يېڭىلىپ قېچىپ كەتكەن تۇلۇن قاغاننى جۇرجان ھۆكۈمرانلىرى ئۆلتۈرۈپ ئورنىغا ناغاينى قاغان قىلدى. ئۇيغۇرلار 487 – يىلى جۇرجانلار ئۈستىدىن غەلىبە قىلغاندىن كېيىن، ئۇيغۇر ئىلىدىكى ئۆز قېرىنداشلىرى بولغان ئۇيغۇرلار بىلەن بىرلىشىپ، تارىختا «ئىگىز ھارۋىلىقلار خانلىقى» دەپ ئاتالغان ئۇيغۇر خانلىقىنى قۇردى. 60 يىل ھۆكۈم سۈرگەن (مىلادىنىڭ 487 – يىلدىن 546 – يىلغىچە) بۇ ئۇيغۇر خانلىقىنىڭ پايتەختى ماناس ئەتراپلىرىدا بولۇپ، تېررىتورىيىسى شىمالدا ئالتاي، شەرقتە قۇمۇل، غەربتە سايرام كۆلى بويىغىچە، جەنۇپتا قاراشەھەر، لوپنۇر ئەتراپلىرىغىچە سوزۇلغان بولۇپ، شىمالدا جۇرجانلار بىلەن، قاراشەھەر ئەتراپلىرىدا ئاق ھونلار بىلەن، لوپنۇر ئەتراپلىرىدا تۇيغۇنلار (تىبەت خانلىقى) بىلەن دائىم ئۇرۇشۇپ تۇرغان. «تاڭ سۇلالىسى يىلنامىسى» دىكى ماتېرىياللاردا ئۇيغۇرلارنىڭ 845 – يىلى موڭغۇلىيە دالىسىدىن غەربكە كۆچۈشلىرىنىڭ سەۋەبلىرى ۋە كېيىنكى تەقدىرى توغرىسىدىكى ئەھۋاللارنى تۆۋەندىكىدەك بايان قىلىنغان.
200 يىل ھۆكۈم سۈرگەن ئۇيغۇر قاغانلىقى 646 – يىلىدىن 845 – يىلىغا كەلگەندە ئىچكى ئۇرۇشلار، قىرغىزلارنىڭ ئىسيان كۆتۈرۈشى قاتارلىق ھەرىكەتلەر (ھەربى ۋەزىر تولۇق باغانىڭ قىرغىزلارنى ئىسيان كۆتۈرۈشكە كۈشكۈرتىشى) قارنىڭ قاتتىق يىغىپ، چارۋا ماللارنىڭ كۆپلەپ ئۆلۈپ كېتىشى، ۋابا كېسىلىنىڭ تارقىلىشى بىلەن ئادەملەرنىڭ نابۇت بولىشى قاتارلىق تەبىئى ئاپەت، سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن دۆلەت ھالاكەتكە قاراپ يۈزلەندى. مانا مۇشۇنداق ئېغىر ئەھۋالغا دۇچ كەلگەن ئۇيغۇرلار بىر نەچچە يۆنىلىشكە تاراپ موڭغۇل دالىسىدىن كۆچۈشكە باشلىدى.
ئوكى تىگىن، ئىنەن تىگىن باشچىلىقىدىكى جەنۇبقا قاراپ كۆچكەن ئۇيغۇرلار خېبىي، سەنشى، شەنشى ئۆلكىلىرىنىڭ شىمالىغا يېقىنلاپ كېلىپ، تاڭ سۇلالىسىنىڭ ياردىمىنى ئالغاندىن كېيىن يەنە شىمالغا قايتىپ ئۆز قاغانلىقىنى ھالاكەتتىن قۇتۇلدۇرۇپ ئالماقچى بولدى. لېكىن ئۇلارنىڭ بۇ ئۈمىدى يوققا چىققاندىن كېيىن ھالاك بولدى. بۇلار 300 مىڭ كىشى ئۆپچۇرىسىدە ئىدى.
غەربكە قاراپ كۆچكەن ئۇيغۇرلارنىڭ كۆپ قىسمى يەتتە سۇ ۋە ھازىرقى قىرغىزىستان رايۇنلىرىغا بېرىپ ماكانلىشىپ، ئۆز قېرىندىشى بولغان قارلۇقلارغا قوشۇلدى.
ئۇيغۇرلارنىڭ يەنە بىر تارمىقى گەنسۇنىڭ خېشى كارىدۇرىغا كېلىپ، خانلىق قۇردى. بۇ خانلىق 870 – يىلدىن1031 – يىلىغىچە ھۆكۈم سۈرۈپ، تاڭغۇت خانلىقى تەرىپىدىن يوقىتىلدى. كېيىن ئۇلار (سانى 200 مىڭدىن كۆپرەك ئىدى) تاڭغۇتلار (تىبەت) ۋە خەنزۇلاردىن سان جەھەتتىن ئاز بولغانلىقى ئۈچۈن بارا – بارا ئۇلارغا سىڭىپ كەتتى. غەربكە قاراپ كۆچكەن يەنە بىر تارمىقى15 ياشلىق ئورخۇن شاھزادىسى پان تىگىن يېتەكچىلىكىدە ئالتاي بىلەن تەڭرىتاغلىرىنىڭ ئارىسىغا كېلىپ ماكانلىشىپ، ئۇيغۇر قاغانلىقىنىڭ سىياسى مەركىزىنى بەشبالىق قىلىپ بەلگىلىدى. پان تىگىننىڭ تالانتلىق ھەربىي سەركەدىسى بۇكۇقۇن باشچىلىقىدىكى ئۇيغۇر قوشۇنلىرى تىبەتلىكلەر ئۈستىدىن غەلىبە قىلىپ، ئۇلارنى دەسلەپ شىمالىي ئۇيغۇر ئىلىدىن، كېيىن تۇرپان، قارا شەھەر، كۇچار قاتارلىق جايلاردىن قوغلاپ چىقاردى. شاھزادە پان تىگىن شۇ غەلىبە ئاساسىدا، ئۇيغۇر سەركەدىسى بۇكۇقۇننىڭ ساداقەت بىلەن يار – يۆلەكتە بولىشىغا تايىنىپ مىلادىنىڭ 850 – يىلى مەشھۇر ئىدىقۇت خانلىقىنى (850 – 1250 – يىللار ھۆكۈم سۈرگەن) ۋۇجۇتقا كەلتۈردى. بۇ خانلىقنىڭ يازلىق پايتەختى بەشبالىق، قىشلىق پايتەختى تۇرپان قاراغۇجىدىكى ئىدىقۇت شەھىرى ئىدى.
شاھزەدە پان تىگىن باشچىلىقىدىكى غەربكە كۆچكەن ئۇيغۇرلاردىن كۆپ دېگەندە، 200 مىڭ كىشى تارىم ئويمانلىقىغا كېلىپ ماكانلاشقان. ئىككى خەن يىلنامىسىدىكى مەلۇماتقا ئاساسلانغاندا، دەل شۇ چاغدا تارىم ئويمانلىقى ۋە ئۇنىڭغا يانداش بولغان جايلاردىكى ئاھالىنىڭ سانى بىر مىليوندىن ئارتۇق ئىدى. ئۇنىڭ ئۈستىگە ئۇلار بۇددا دىنىغا ئېتىقات قىلاتتى. موڭغۇلىيە دالىسىدىن كۆچكەن ئۇيغۇرلار مەدەنىيەت جەھەتتە بىر قەدەر ئارقىدا بولۇپ، مانى دىنىغا ئېتىقات قىلاتتى.
ئەگەر غەرب تارىخشۇناسلارنىڭ قارىشى بويىچە 845 – يىلى موڭغۇلىيە دالىسىدىن ئۇيغۇرلارنىڭ ئۇيغۇر ئىلىغا كۆچۈپ كېلىشىدىن بۇرۇن ئەسلى ئۇيغۇر ئىلىدا ئۇيغۇر يوق دېيىلىدىغان بولسا موڭغۇلىيە دالىسىدىن كۆچكەن ئۇيغۇرلار ئۇيغۇر ئىلىدىكى يەرلىك ئاھالىغا قارىغاندا، سان جەھەتتىن بىر نەچچە ھەسسە ئاز، مەدەنىيەت جەھەتتە بىر قەدەر تۆۋەن، دىنىي ئېتىقادى باشقا تۇرۇغلۇق، قانداق قىلىپ ئۇلارنى (ئۇيغۇر ئىلىدىكى ئاھالىنى) ئۇيغۇرلاشتۇرۇپ كېتەلەيدۇ؟
شۇنىسى ئېنىقكى، موڭغۇلىيەدىن كۆچكەن ئۇيغۇرلار ئۇيغۇر ئىلىغا كېلىپ، ئۆزىدىن نەچچە ھەسسە ئارتۇق بولغان ئۇيغۇر قېرىنداشلىرى بىلەن قوشۇلغانلىقى ئۈچۈنلا قۇدرەتلىنىپ، تېز ئارىدىلا تىبەتلىكلەرنى ئۇيغۇر ئىلىدىن قوغلاپ چىقىرىپ، ئىدىقۇت خانلىقىنى قۇرالىغان.
خۇلاسە قىلىپ ئېيتقاندا، يۇقىرىدا كەلتۈرگەن ئىشەنچىلىك پاكىتلار ئۇيغۇرلار ئۇيغۇر ئىلىنىڭ ئەڭ قەدىمكى ۋە ئەسلى خەلقى ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلاشقا يېتەرلىك بولسا كېرەك.
2 . ئۇيغۇرلارنىڭ كېلىپ چىقىشى ھەققىدە
ئۇيغۇرلار كېلىپ چىقىشى جەھەتتىن تۇرالارنىڭ ئەۋلادى بولۇپ، ھۇنلار، تۈركلەر بىلەن قان قېرىنداش ئىدى. ئۇلار تىل جەھەتتىن ئالتاي تىل سىسىتېمىسىدىكى تۈرك تىللىرى گۇرۇپپىسىغا كىرىدۇ.
قەدىمكى چاغلاردا ھۇن ياكى تۈرك دەپ ئاتالغان خەلقلەر ئالتاي ۋە تەڭرىتاغلىرىنىڭ شىمالىدا ياشىغان ئىدى. ئارخېئولوگىيىلىك قېزىشلار نەتىجىسىدە ئالتاي تاغلىرىدىن مىلادىدىن ئىلگىرىكى چاغلارغا دائىر نۇرغۇن قەۋرىلەر تېپىلغان. بۇ قەۋرىلەردىن چىققان ھۇنلار ۋە تۈركلەرنىڭ جەسەتلىرى ناھايىتى ئېگىز بويلۇق، قاۋۇل ئۇستىخانلىق ئادەملەردىن بولۇپ، ئۇيغۇرلارنىڭ ئىسكىلىتلىرى بىلەن ئوخشاش، ئۇلار قاڭشالىق، يۈزلىرى ئاق سۈزۈك، قاۋۇل ئىدى.
ھۇنلار ئېگىز بوي، قاۋۇللىقى، چىرايى قاتارلىق خۇسۇسىيەتلەرنى قەدىمكى جۇڭگو تارىخىدىكى مەلۇماتلارمۇ ئىسپاتلاپ بېرىدۇ.
«خەن يىلنامىسى» دىكى «چىڭمىدې ھەققىدە قىسسە» بابىدا، ھۇن شاھزادىسى چىڭمىدىنىڭ بويى سەككىز چى ئىككى سۇڭ. بۇيى ھازىرقى ئۇزۇنلۇق ئۆلچىمىدىكى مېتىرغا سۇندۇرغاندا، ئىككى مېتىر سەكسەن سانتىمېتىر بولىدۇ. بۇ پاكىت ئالتاي تاغلىرىدىكى ھۇن قەبرىلىرىدىن تېپىلغان ھۇن جەسەتلىرىنىڭ ناھايىتى ئېگىز بوي، قاۋۇل ئادەملەر ئىكەنلىكىنىڭ راستلىقىنى ئىسپاتلايدۇ.
جۇڭگو پەنلەر ئاكادىمىيىسى ئارخىئولوگىيە تەتقىقات ئورنى تەرىپىدىن 1955 – 1957- يىللىرى شەنشى ئۆلكىسىنىڭ ھازىرقى شىئەن شەھىرى ئەتراپىدىكى خەن سۇلالىسى دەۋرىگە ئائىت شاڭلىڭفەن دېگەن جايدىن 140 – نۇمۇرلۇق ئالاھىدە بىر قەۋرە تېپىلغان. بۇ قەۋرىگە دەپىن قىلىنغان ئۆلۈك بىلەن بىللە كۆمۈلگەن ئاخىرەتلىك نەرسىلەر ئىچىدىن ئىككى پارچە تۆت چاسا مىس تاختاي چىققان. مىس تاختايغا ئىككى نەپەر ئادەم، ئىككى ئاتنىڭ سۈرەتلىرى نەقىش قىلىپ چۈشۈرۈلگەن. ئىككى ئادەم بىر – بىرىنىڭ بېلى ھەم پاقالچىقىدىن تۇتۇشۇپ، چېلىشىۋاتقان قىياپەتتە تۇرۇشقان. ئۇلار قاڭشالىق، يايما چاچ بولۇپ، پاقالچەكلىرى ئورالغان ئىشتان كېيىشكەن
ئارخىئولوگىيە ئالىملىرى بۇ قەۋرىدىن چىققان كىشىلەرنى ھۇنلارنىڭ خەن سۇلالىسىغا ئەۋەتكەن ئەلچىسى ياكى ئەلچىنىڭ ھەمرالىرى دەپ بېكىتكەن. بۇ قەۋرىدە تېپىلغان نەرسىلەر ھۇنلارنىڭ چاچ قويۇش شەكلى، كىيىنىشلىرى، چىرايى، چېلىشىش ئادەتلىرى بىلەن قىياپەتلىرىنى چۈشىنىشكە ياردەم بېرىدۇ.
1972 – يىلى ئۇيغۇر ئىلىنىڭ ئارخىئولوگىك خىزمەتچىلىرى تۇرپان ناھىيىسىدىكى ئاستانە قەۋرىستانلىقىدىن بەشىنچى ئەسىردىكى تۇرپان ۋالىسى، ھۇن شاھزادىسى قۇتقۇپانتاينىڭ قەۋرىسىنى تاپقان.
مىلادىنىڭ 445 – يىلى قۇتقۇ پانتاي دەپىن قىلىنغان قەۋرىدىن لايدىن ياسالغان تۆت بۇت تېپىلغان، بۇتلار پىچاق بىلەن قىرىپ ياسالغان بولۇپ، ئاددى، جانلىق. بۇتلارنىڭ ئالاھىدىلىكى شۇكى، يۈزلىرى سوزۇنچاغراق، قاڭشالىق يايما چاچ. مۇشۇ لاي بۇتلارمۇ ھۇنلارنىڭ قىياپىتىدىكى خۇسۇسىيەتلەرنى ئۆزىدە گەۋدىلەندۈرگەن بولۇپ، شىئەن ئەتراپىدىكى شاڭلىڭفەن دېگەن جايدىن تېپىلغان مىس تاختايغا چۈشۈرۈلگەن ھۇنلارنىڭ قىياپەتلىرى بىلەن ئوخشاش. قۇتقۇ پانتاي گەنسۇدا قۇرۇلغان ھۇن خانلىقى (مىلادىنىڭ 397 – يىلىدىن 460 – يىلىقىچە ھۆكۈم سۈرگەن)نىڭ مەشھۇر خانى قۇتقۇمونسۇننىڭ ئوغلى ئىدى. قۇتقۇمونسۇن ھۆكۈمرانلىق قىلغان چاغدا (مىلادىنىڭ 400 – يىلىدىن 432 – يىلىقىچە) ھۇن خانلىقى تازا كۈچەيگەن بولۇپ، خانلىقنىڭ تېررىتورىيىسى دائىرىسىگە گەنسۇنىڭ خېشى كارىدورى، كۆكنۇرنىڭ (چىڭخەي) بىر قىسمى، ئۇيغۇر ئىلىنىڭ شەرقىي قىسمى (تۇرپانمۇ بۇنىڭ ئىچىدە) مۇ كىرگەن ئىدى.
ۋىي سۇلالىسى (مىلادى 385 – يىلىدىن 534 – يىلىغىچە) نىڭ تارىخى بولغان «ۋىي سۇلالىسى يىلنامىسى» دىكى «ئېگىز ھارۋىلىقلار ھەققىدە قىسسە» بابىدا، «ئېگىز ھارۋىلىقلار (ئۇيغۇرلار) قەدىكى چاغدىكى قىزىل تۇرالارنىڭ (تۇرا شەرقىي ئۇيغۇرلارنىڭ نامى ئىدى) نەسلىدىن ئىدى. باشتا ئۇلار تۇرالار دەپ ئاتالغان، شىماللىقلار (شىمالىي سۇلالىلەر كۆزدە تۇتۇلىدۇ) ئۇلارنى ئېگىز ھارۋىلىق تۇرالار دەپ ئاتاشقان، ئۇلارنىڭ تىلى ھۇنلارنىڭ تىلى بىلەن ئوخشاش بولۇپ، بەزىدە ئازراق پەرقى بولۇپ، ئۇلارنىڭ ئاتا – بوۋىسى ھۇنلارنىڭ جىيەنى ئىدى» دېيىلگەن.
قەدىمكى زامانلاردا، ئۇيغۇرلار مۇڭغۇلىيە دالىسىنىڭ ئالاھىدە بولغان جۇغراپىيە شارائىتىنى (يايلاق، دالا، چۆل، قۇملۇق) ھېساپقا ئېلىپ ئېگىز چاقلىق ھارۋىلارنى ئىشلەتكەن. شۇنىڭ ئۈچۈن ئۇلارنى تارىخچىلار ئېگىز ھارۋىلىقلار دەپ ئاتاشقان.
مىلادىنىڭ 90 – يىللىرى ئۆز ئارا داۋام قىلغان ئىچكى ئۇرۇشلار، دۈشمەن ئەللەرنىڭ پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ قىلغان ھۇجۇملىرى نەتىجىسىدە، ئېغىر مەغلۇبىيەتكە ئۇچرىغان ھۇنلارنىڭ خېلى كۆپ قىسمى مۇڭغۇلىيە دالىسىدىن غەربكە قاراپ كۆچۈپ، غەربىي ئاسىيا تەرەپكە كەتكەن. شۇ چاغدا ھازىرقى كۇچارنىڭ شىمالىدىكى (توققۇز تارا، تىكەس ئەتراپلىرى) جايلاردا، غەربكە كۆچكەن ھۇنلارنىڭ بىر قىسمى ئولتۇراقلىشىپ قالغان، مانا شۇ ھۇنلار مىلادىنىڭ بەشىنچى، ئالتىنچى ئەسىردە زابىندىرلار دۆلىتى دەپ ئاتالغان بىر كىچىك دۆلەت قۇرغان. شىمالىي سۇلالىلار تارىخىنىڭ «غەرب ئەللىرى ھەققىدە قىسسە» بابىدا «بۇ دۆلەتنىڭ ئۆرپ – ئادىتى، تىلى ئېگىز ھارۋىلىقلار بىلەن ئوخشاش ئىدى» دېيىلگەن.
سۈي سۇلالىسى (مىلادىنىڭ 581 – 618 – يىللار) نىڭ تارىخى بولغان «سۈي سۇلالىسى يىلنامىسى» دا ھۇنلارنىڭ ئەۋلادى بولغان تۇرالارنىڭ (ئۇيغۇرلارنىڭ ئەجدادلىرىنىڭ) 6 – ئەسىرنىڭ ئاخىرىدا، جايلاشقان ئورۇنلىرى، ناملىرى، ئۆرپ – ئادەتلىرى ھەققىدە خېلى ئېنىق تەپسىلى مەلۇمات بار. «تۇرالارنىڭ ئاتا – بوۋىلىرى ھۇنلارنىڭ ئەۋلاتلىرى ئىدى. ئۇلارنىڭ ئۇرۇق – جەمەتلىرى ناھايىتى نۇرغۇن.» تۇرالارنىڭ جايلاشقان ئورۇنلىرى ناملىرىنى «سۈي يىلنامىسى»غا ئاساسلىنىپ مۇنداق بايان قىلىشقا بولىدۇ.
1. بايقال كۆلىنىڭ جەنۇبىدا، توبا قەبىلىسى ياشايدۇ؛ 2. مۇڭغۇلىيىدىكى توغلا دەرياسىنىڭ شىمالىدا بوكو، توڭرا، ئۇيغۇر بايىرقۇ، بوركلى، ئەركىن، مۇنچىن، تۆرە، ئىزگۇل، قۇن، خوغۇرسۇر قاتارلىق قەبىلىلەر ياشايدۇ؛ 3. قۇمۇلنىڭ غەربىدىن تارتىپ، قاراشەھەرنىڭ شىمالىدىكى تەڭرىتاغلىرى ئەتراپىدا، قالپاقلار، يورجىلار، ئازىيلار، سىغىناقلار، ئوغۇزلار، قىرغىزلار، ئونخورلار ياشايدۇ؛ 4. ئالتاي تاغلىرىنىڭ غەربىي جەنۇبىدا، سۇر تاردۇشىلار، جەرۇقلار، زابىندىرلار، تۇرگەشلەر ياشايدۇ؛ 5. قاڭلىنىڭ شىمالىدا، (ھازىرقى قازاقىستاننىڭ غەربىي شىمالىدا) ئىدىل (ۋولگا) دەرياسىنىڭ بويلىرىدا، ئادىزلار، ھازارلار، بۇلغارلار، فىچىنەكلەر، قىپچاقلار، سىۋارلار، بورتاسلار ياشايدۇ؛ 6. كاسپى دېڭىزىنىڭ شەرقىي ۋە غەربىي تەرەپلىرىدە، سارىغۇرلار، سانسۇيانلار، مۇكشلار، چىركەسلەر ياشايدۇ. شەرقىي روما ئىمپېرىيىسىنىڭ شەرقىدە ئوغۇزلار، ئالانلار، باشقۇردلار ياشايدۇ. ئۇلارنىڭ ئاتىلىشى ھەر خىل بولسىمۇ ئورتاق نامى تۇرالار دەپ ئاتىلىدۇ. ئۇلار جايلاشقان ئورۇنلىرىغا قاراپ، شەرقتىكىلىرى شەرقىي تۈركلەرگە، غەربتىكىلىرى غەربىي تۈركلەرگە قارايدۇ.
مانا بۇ مەلۇماتقا قارىغاندا، تۇرالارنىڭ تارقىلىپ ياشىغان جايلىرى ئىنتايىن كەڭ بولۇپ، غەربتە كاسپى دېڭىزىنىڭ غەربىدىن تارتىپ شەرقى ئوتتۇرا ئاسىيا ئارقىلىق مۇڭغۇلىيە ۋە بايقال كۆللىرىنىڭ بويلىرىغىچە سوزۇلغان.
يۇقىرىدىكى پاكىتلار يەنە بىر تەرەپتىن ئۇيغۇرلار بىلەن ھۇنلار ۋە تۈركلەرنىڭ قان قېرىنداشلىقىنى ئىسپاتلاشتا ناھايىتى يۇقىرى قىممەتكە ئىگە.
«كونا تاڭ سۇلالىسى يىلنامىسىدا «ئۇيغۇرلارنىڭ ئاتا – بوۋىسى ھۇنلارنىڭ ئەۋلادى ئىدى، كېيىن ۋىي سۇلالىسى زامانىسىدا، تۇرالار دەپ ئاتالدى» دېيىلگەن. مىللەتلەرنىڭ پەيدا بولۇش تارىخىدىن قارىغاندا قان سىسىتېمىسى جەھەتتىن ئۆزئارا يېقىن كېلىدىغان ئۇرۇقلار بىرلىشىپ قەبىلىنى ۋۇجۇتقا كەلتۈرگەن بولسا، يەنە قان سىستېمىسى تىلى، ئۆرپ – ئادەتلىرى جەھەتتىن ئۆزئارا بىر – بىرىگە يېقىن كېلىدىغان قەبىلىلەر بىرلىشىپ قەبىلىلەر ئىتتىپاقىنى ۋۇجۇتقا كەلتۈرگەن. ئەگەر شۇنىڭ ئىچىدە، مەلۇم بىر قەبىلە كۈچلۇك بولسا (سان جەھەتتىن كۆپ، جەڭگىۋارلىقى ئۈستۇن بولسا) قەبىلىلەرنى بىرلىككە كەلتۈرىدۇ. شۇ قەبىلىنىڭ نامى باشقا قەبىلىلەرنىڭ ئورتاق نامىغا ئايلىنىدۇ. شۇڭا سان جەھەتتىن ئىنتايىن كۆپ، ئىنتايىن جەڭگىۋار بولغان ئۇيغۇرلارنىڭ نامى، شەرقىي ۋە غەربىي تۇرالارنىڭ ئورتاق نامى بولغىنى تەسادىپى ئەمەس. مىلادىدىن ئۈچ ئەسىر ئىلگىرىكى چاغلاردىن تارتىپ، مىلادىنىڭ 6 – ئەسىرگىچە ھازىرقى بايقال كۆلىنىڭ جەنۇبى ۋە موڭغۇلىيەدە ياشىغان ئۇيغۇرلارنىڭ ئاتا – بوۋىلىرىنىڭ نامى تۇرالار دەپ يۈرگۈزۈپ كەلگەن بولسا، 7 – ئەسىردە موڭغۇلىيەدىكى شەرقىي تۇرالار بىلەن تەڭرىتاغلىرى ئەتراپلىرى ۋە ئۇنىڭ غەربىدە ياشىغان غەربىي تۇرالارنىڭ نامى ئۇيغۇر دەپ ئاتىلىدىغان بولغان.
جۇ سۇلالىسى (مىلادىنىڭ 557 – يىلدىن 587 – يىلغىچە ھۆكۈم سۈرگەن) تارىخى بولغان «جۇ سۇلالىسى يىلنامىسى» دا «تۈركلەر ھۇنلارنىڭ ئالاھىدە بىر نەسلى ئىدى» دېيىلگەن.
مىلادىنىڭ 735 – يىلى قۇتلۇق ئىلتىرىش قاغانلىقىنىڭ (مىلادىنىڭ 681- يىلىدىن مىلادىنىڭ 743 – يىلغىچە) قاغانى بىلگە قاغان (مىلادىنىڭ 716 – يىلدىن 735 -يىلغىچە) خاتىرىسىگە ئورخۇن دەرياسىنىڭ بويىغا مەر مەر تاشتىن قويۇلغان يادىكارلىقىدا «توققۇز ئوغۇزلار مەن بىلەن نەسىلداش ئىدى» دېيىلگەن. يادىكارلىقتا ئېيتىلغان «توققۇز ئۇغۇزلار» دەل ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆزى بولۇپ، ئۇيغۇر قاغانلىقى دەۋرىدە (مىلادىنىڭ 646 – يىلدىن 845 – يىلغىچە) شەرقىي ئۇيغۇرلار «توققۇز ئوغۇز»، «توققۇز ئۇيغۇر» دەپ ئىككى تارماققا بۆلۈنەتتى.
يۇنان تارىخچىسى ھىرادۇت مىلادىدىن بەش ئەسىر ئىلگىرى ئوتتۇرا ئاسىياغا قىلغان ساياھىتىدە ئۇ يەردە كۆرگەن بىر ئىرقىنى «تۈرك» دەپ يازغان . كېيىنكى تارىخ ئالىملىرى ھىرادۇتنىڭ شۇ سۆزىنى توغرا دەپ ھېساپلىغان. مىلادىنىڭ بىرىنچى ئەسىردە ياشىغان روما تارىخچىسى ئاتتالاتا «سىفىكلەر بىلەن تۈركلەر بىر ئىرقىدۇر» دېگەن.
مىلادىدىن بىرنەچچە ئەسىر ئىلگىرى ياشىغان يۇنان تارىخچىلىرى غەربتە قارا دېڭىزنىڭ شىمالىدىن تارتىپ شەرقتە ئالتاي تاغلىرىغىچە بولغان چەكسىز تېررىتورىيەدە ياشىغان خەلقلەرنى «سىفىكلەر» دەپ ئاتىغان.
«تارىخنامە»، «خەن سۇلالىسى يىلنامىسى» دىكى غەرب ئەللىرىگە بېرىلگەن مەلۇماتتىمۇ، ھۇنلار، ئۇلۇغ ياۋچىلار، ئۇيسۇنلار، قاڭلىلار، ئالانلار(كاسپى دېڭىزنىڭ شىمالىدا)نىڭ ئۆرپ – ئادەتلىرىنىڭ ئوخشاشلىقى ئېيتىلغان.
مانا مۇشۇ يۇقىرىدا تىلغا ئېلىنغان خەلقلەر قەدىمكى زاماندا، قان قېرىنداشلىقى، تىل، ئۆرپ – ئادەتلىرى جەھەتلىرىدىن بىر – بىرى بىلەن ناھايىتى يېقىن بولۇپ، ھازىرقى زاماندىكى تۈركىي خەلقلەرنىڭ ۋۇجۇتقا كېلىشىدە ناھايىتى مۇھىم رول ئوينىغان.
ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆرپ – ئادەتلىرىمۇ ھۇنلار، تۈركلەرنىڭ ئۆرپ – ئادەتلىرى بىلەن ئوخشاش ئىدى. تۈركىي خەلقلىرىدە كىشى ئۆلسە چىكىسىنى تىلىپ، قان چىقىرىپ پەريات چېكىش، مەرھۇمنىڭ ئايالىنى، مىنگەن ئېتىنى بىللە قوشۇپ دەپنە قىلىش، مەرھۇم ھايات ۋاقتىدا، قانچە دۈشمەن ئۆلتۈرگەن بولسا شۇنچە تاش قويۇش ئادەتلىرى بار ئىدى.
مىلادىنىڭ 570 – يىلى، كونستانتىنۇپولدىن ئىلىدىكى تىكەس يايلىقىغا كەلگەن شەرقىي روما ئىمپېرىيەسىنىڭ ئەلچىلىرى قاغان ئىستىمىي خاننىڭ دەپىن مۇراسىمىنى ئۆز كۆزى بىلەن كۆرگەن. بۇ ھەقتە 6 – ئەسىردە ياشىغان شەرقىي روما تارىخچىسى مىناندىرنىڭ خەۋەر بېرىشىچە، «مەرھۇم ئىستىمىي قاغاننىڭ ئوغلى تاردۇخان بىر نەچچە ئەسىرلەرنى ئۆلتۈرۈپ دادىسى بىلەن بىللە كۆمۈشتىن ئىلگىرى، دادىسىغا يەتكۈزۈپ قويۇش ئۈچۈن ئەسىرلەرنىڭ قۇلىقىغا نزمىدۇ بىرنېمىلەرنى پىچىرلىغان ئىكەن» دېيىلگەن.
757 – يىلى تاڭ پادىشاسى تاڭ شاۋزۇنىڭ كىچىك قىزى مەلىكە نىڭگۇ، ئۇيغۇر قاغانى ئىلخان (مىلادىنىڭ 747 – يىلدىن 759 – يىلغىچە قاغان بولغان)غا ياتلىق قىلىنغان. ئارىدىن ئىككى يىل ئۆتۈپلا 759 – يىلى ئىلخان ئالەمدىن ئۆتكەن. ئۇيغۇرلار ئىلخاننى دەپنە قىلىدىغان چاغدا، ئۆز ئۆرپ – ئادىتى بويىچە، مەلىكە نىڭگۇنى ئىلخان بىلەن بىللە كۆمۈشكە ئۇرۇنغان. تاڭ مەلىكىسى نىڭگۇ ، ئارىلىقنى يىراق كۆرمەي ئۇيغۇر قاغانىغا ياتلىق بولغانلىقى، ئۇيغۇرلارنىڭمۇ خەنزۇلارنىڭ ئۆرپ – ئادىتىگە ھۆرمەت قىلىشى لازىملىقىنى ئېيتىپ، تىرىكلا كۆمۈلۈپ كېتىشتىن ساقلىنىپ قالغان. لېكىن مەلىكە نىڭگۇ چىكىسىنى تىلىپ، قان ئاققۇزۇپ، ئىسەكەپ يىغلاپ، ئۇيغۇر قاغانى ئىلخانغا ماتەم تۇتقان.
تۈركى خەلقلەردە باتۇرلۇقنى ھۆرمەتلەش ئومۇملاشقان ئادەت بولۇپ، مەسىلەن: ھۇنلار ئاسماندا ئۇچۇپ كېتىۋاتقان شۇڭقارنى ئېتىپ ئۆلتۈرگەنلەرنى جەڭچى ھېسابلىغان بولسا، ئۇيغۇرلار، تۈركلەر بوراندەك ئۇچقۇر ئاتنى چاپتۇرۇپ كېتىۋەتىپ، ئوقيانى نىشانغا تەككۈزەلىگەنلەرنى جەڭچى ھېسابلىغان. ئۇچار قۇشلار ئىچىدە ناھايىتى تېز ئۇچۇدىغان قاناتلىق شۇڭقار بولۇپ، ئۇنى ئۇچۇپ كېتىۋاتقاندا ئېتىش ناھايىتى قىيىن بولسىمۇ، بۇ ئىشلار ھۇنلار ئۈچۈن ئاددەتتىكى ئىش ئىدى. باتۇرلۇقنى ھۆرمەتلەش شۇ دەرىجىگە بېرىپ يەتكەنكى، تۈركى خەلقلەر قىزلىرى باتۇر يىگىتلەرنى ئۆزىگە جۇرا قىلىشنى ئىشقى مۇھەببەتنىڭ، بىرەر يىگىتكە ياتلىق بولۇشنىڭ ئاساسىي شەرتى ھېسابلىغان.
ھۇنلار، ئۇيغۇرلار، تۈركلەر دىنىي ئېتىقات جەھەتتىن شامانىزمغا ئېتىقات قىلىشاتتى. شۇنداقلا بۆرىنى مۇقەددەس ھېسابلاپ، ئۇنى بەختنىڭ ئالامىتى دەيدىغان تۇتېمىزمغا ئىشىنەتتى. «ئوغۇز داستانى»، «ئېگىز ھارۋىلىقلار ھەققىدە قىسسە»، «ئەرگىنە قۇن» داستانى قاتارلىق يىلنامە، داستانلاردىكى بۆرى ھاققىدە ئەپسانىلەر، مانا شۇ بۆرى تۇتېمى ھەققىدىكى ئېتىقادنى كۆرسىتىدۇ.
يۇقىرىدا ھۇن، ئۇيغۇر، تۈركلەرنىڭ نەسلى خۇسىسىيەتلىرى، تىلى، ئۆرپ – ئادەتلىرى، تۇتېم ۋە دىننىي ئېتىقادى قاتارلىقلارنىڭ ئوخشاشلىقى ھەققىدە كەلتۈرگەن پاكىتلار، ئۇلارنىڭ قان قېرىنداشلىقىنى، ئېرقىي جەھەتتىن سېرىق تەنلىك ئەمەسلىكىنى ئىسپاتلاشقا بولسا كېرەك.
بىر مىللەتنىڭ شەكىللىنىشىنى بىر خىل قان سىستزمىسىغا باغلاپ چۈشەندۈرمەكچى بولۇش تارىخىي پاكىتلارغا ئۇيغۇن ئەمەس. ئۇيغۇرلارنىڭ ئەجدادلىرى قەدىمكى زامانلاردىن تارتىپ رەسمىي بىر مىللەت بولۇپ شەكىللەنگەچكە، شەرقتىكى موڭغۇل، مانجۇ نەسىللىك خەلقلەردىن سىيانپىلار، جۇرجانلار، كىدانلار (مىلادىدىن ئۈچ ئەسىر بۇرۇنقى چاغدىن تارتىپ مىلادىدىن كېيىنكى 6 – ئەسىرگىچە) بىلەن گەنسۇ ئەتراپلىرى ۋە تارىم ۋادىسىدا (7 – ئەسىردىن 13 -ئەسىرگىچە) تارىخىي سەۋەبلەرگە بىنائەن تىبەت، خەنزۇلار بىلەن، 13 – ئەسىردىن 17 – ئەسىرگىچە موڭغۇللار بىلەن ئارىلىشىپ چېتىشىپ كەتكەن. لېكىن كونكىرىت تارىخىي شارائىتتا، مەلۇم رايونلاردا سىيانپىلار، جۇرجانلار، كىدانلار، تىبەتلەر، موڭغۇللار ئۇيغۇرلارغا نىسبەتەن سان جەھەتتىن ئاز بولغانلىقى ئۈچۈن ئۇلار ئاسسىملاتسىيە بولۇپ كەتكەن. ئۇيغۇرلار سېرىق تەنلىكلەرگە مەنسۇپ بولغانلار بىلەن قان سىستېمىسى جەھەتتىن چېتىشقان بولسىمۇ، ئۆزىنىڭ قەدىمكى ئەجدادلىرىغا خاس بولغان خۇسۇسىيەتلىرىنى ساقلاپ قالغان.
قان قېرىنداشلىق جەھەتتىن ئاساسەن ئوخشاش بولغان ھۇنلار، ئۇلۇغ ياۋچىلار، ئۇيسۇنلار، قاڭلىلار، ئالانلار، ئۇيغۇرلار، تۈركلەرنىڭ شەرقتىكى موڭغۇل نەسلىگە مەنسۇپ بولغان خەلقلەر بىلەن، ئوتتۇرا ئاسىيادا ئارىئان نەسلىگە مەنسۇپ بولغان خەلقلەر بىلەن ئۆزئارا چېتىشىپ سىڭىشىپ كېتىشتىن، تۈركى تىلدا سۆزلىشىدىغان، قان قېرىنداشلىقى جەھەتتىن بىر – بىرىگە يېقىن كېلىدىغان نۇرغۇن تۈركى مىللەتلەر كېلىپ چىققان.
مەسىلەن: ئۇلار شەرقىي سىبىرىيىدىكى لىنا دەرياسىنىڭ بويىدا ياشايدىغان خاكاسلار (قەدىمكى قىرغىزلارنىڭ ئەۋلادى) گەنسۇدىكى سالالار، سېرىق ئۇيغۇرلار، ئۇيغۇر ئىلىدىكى ئۇيغۇرلار، قازاقلار، قىرغىزلار، سوۋېت ئىتتىپاقىدىكى ئۆزبېكلەر، باشقۇردلار، تاتارلار، قازاقلار، قىرغىزلار، تۈركمەنلەر، مورداۋالار، چۇۋاشلار، ئوكرائىنادىكى قالاچلار، كاۋكازدىكى چىركەسلەر، داغان تاتارلىرى، كاۋكاز – ئىران، ئىراقتىكى ئەزەربەيجانلار، ئىراندىكى قالاچلار، ئافغانىستاندىكى ئۆزبېكلەر، تۈركمەنلەر، موغۇللار، تۈركىيە تۈركلىرىدىن ئىبارەت.
يۇقىرىدا تىلغا ئېلىنغان تۈركىي خەلقلەر ئاسىيادىكى كۆپلىگەن دۆلەتلەردە ياشىسىمۇ، جۇغراپىيە جەھەتتىن ئالغاندا، ئۇلارنىڭ ياشىغان تېررىتورىيىسى، ئاسىيانىڭ شەرقىدىن غەربىگە ۋە غەربىي جەنۇبىغا قاراپ، بىر تۇتاش ھالدا سوزۇلۇپ كەتكەن.
مەنبە: «شىنجاڭ داشۆ ئىلمىي ژۇرنىلى» 1982 ـ يىل 2 ـ سان
ئەسكەرتىش: بۇ ماقالىدە ناتوغرا بولغان «جۇڭگۇ» ۋە «شىنجاڭ» ئىبارىلىرىگە تۈزۈتۈش كىرگۈزۈلۈپ، خىتاي ۋە ئۇيغۇر ئىلى دەپ تەھرىرلەندى.

يازغۇچى ھەققىدە

ماقالە سانى : 54

ئاكادېمىيە ئورگان تورى ©

ئۈستىگە قايتىش