ئۇيغۇرچە    Uyghurche    Уйғурчә   
  • 2018 - يىلى 27 - ئۆكتەبىر يەكشەنبە كۈنى سائەت 2:00 دە ئىستانبۇلدا «خىتاينىڭ جازا لاگىرلىرىدىكى شەرقىي تۈركىستانلىقلارنىڭ ئاقىۋىتى مۇھاكىمە يىغىنى» ئۆتكۈزۈلدى. ...
سىزنىڭ ئورنىڭىز: باشبەت » ئومۇمى » مۇھەممەد پەيغەمبەرنىڭ ئۆسمۈرلۈك ۋە ياشلىق دەۋرى

مۇھەممەد پەيغەمبەرنىڭ ئۆسمۈرلۈك ۋە ياشلىق دەۋرى

ئىسلام دىنىنىڭ ئالدىن بىلگۈچى پەيغەمبىرى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام (ئاللاھ ئۇنىڭغا رەھمەت قىلسۇن) 570-يىلى (بىر گەپتە 571-يىلى) ئەرەب يېرىم ئىسلام دىنىنىڭ ئەنئەنىسى بويىچە، ھەر قېتىم مۇھەممەد پەيغەمبەرنىڭ ئىسمى تىلغا ئېلىنغاندا، «ئاللاھ ئۇنىڭغا رەھمەت قىلسۇن»، دېيىش كېرەك. كىتاب سەھىپىسى تۈپەيلىدىن بىرىنچى قېتىم بۇ ئىزاھات بېرىلىپ، كېيىن قىسقارتىلدى. ئارىلنىڭ مەككە شەھىرىدە قۇرەيىش قەبىلىسىنىڭ ھاشىم جەمەتىدە توغۇلغان. قۇرەيىش قەبىلىسى مەككىدىكى تەسىر كۈچى ئەڭ زور قەبىلە بولۇپ، سودىغا ماھىرلىقى بىلەن مەشھۇر بولغان. ئۇلار ھەر يىلى ئىككى قېتىم چوڭ سودا پائالىيىتى ئېلىپ بېرىپ: قىش پەسلىدە جەنۇبتىكى يەمەنگە، ياز پەسلىدە شىمالدىكى سۈرىيىگە باراتتى. بۇ چاغدا قۇرەيىش قەبىلىسىدە 12 جەمەت بولۇپ، ئۇلارنىڭ ئىچىدە ئەڭ داڭلىق 2 جەمەت ھاشىم جەمەتى ۋە ئۇمەييە جەمەتى ئىدى. ھاشىم جەمەتى كەئبە ۋە زەم-زەم بۇلىقىنى قوغداش ۋە تاۋاپ قىلغۇچىلارنى ياتاق-تاماق بىلەن تەمىنلەشكە مەسئۇل بولۇپ، دىنى ئىشلار رەھبەرلىك ھوقۇقى ئۇلارنىڭ قولىدا ئىدى؛ ئۇمەييە جەمەتى سودا ئىشلىرىدا رەھبەرلىك ھوقۇقىغا ئىگە ئىدى. مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ ئۇلۇغ بوۋىسى ھاشىم بولۇپ، ئۇنىڭ رىقابەتچىسى ئۇمەييە ئىدى. مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ چوڭ دادىسى ئابدۇل ئىبىنى مۇتەللىپ (مىلادىيە 500-579يىللار) سەمىمى ئادەم بولۇپ، كەئبە ۋە زەم-زەم بۇلىقىنى باشقۇرۇشتىن كىرىدىغان ئازغىنا كىرىمى بىلەن تۇرمۇشىنى قامدايتتى؛ ئۇمەييەنىڭ ئوغلى ئەبۇ.سوفىيان ئىنتايىن چېچەن بولۇپ، سودا جەھەتتىكى ئاجايىپ تالانتىنى نامايەن قىلغان، ئىقتىسادى كۈچى زور ئىدى. مەككىدىكى سەرخىللارنىڭ باشلامچىسى بولۇپ، ئۇنىڭ سودا كارۋىندىكى تۆگىلىرىنىڭ سانى 1500 گە يىتەتتى. ئۇمەييە خاندانلىقىنىڭ تۇنجى خەلىپىسى مۇئاۋىيە ئۇنىڭ ئوغلى ئىدى.
1. «پىل يىلى» دا تۇغۇلۇش
مىلادىيە 570-يىلى خىرستىيان دىنىغا ئېتىقاد قىلىدىغان ھەمدە مىلادىيە 525-يىلى يەمەننى بېسىۋالغان ئىفوپىيەلىكلەر (ھەبەشستانلىقلار) ئەرەب يېرىم ئارىلىنىڭ دىنى مەركىزى مەككىدىكى كەئىبىنى ئىگەللەپ ۋە ئۇنى بۇزۇپ تاشلاش قەستىدە، يەمەننىڭ شىمالىدىن يۈرۈش قىلىپ مەككىگە ھۇجۇم قىلىدۇ. ئىفو پىيەلىكلەرنىڭ قوشۇنىدا يېرىم ئارالدا ناھايىتى ئاز ئۇچىرايدىغان پىل جەڭگە قاتناشقاچقا ئۇلارنىڭ قوشۇنى «پىل قوشۇنى» دەپ ئاتالغان. ئەرەبلەر مەزكۇر يىلنى «پىل يىلى» دەپ ئاتايدۇ. مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ ئاتىسى ئابدۇللىن. ئىبىنى مۇتەللىپنىڭ ئوغلى ئابدۇللا (مىلادىيە 544-570 يىللار)، ئانىسى ئامىنە (مىلادىيە 576-؟) بولۇپ، ئۇلارنىڭ ھەر ئىككىسىلا ئېسىل نەسەبتىن كېلىپ چىققان. شۇ يىلى، مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ ئاتىسى ئابدۇللا سۈرىيىگە سودا ئۈچۈن بېرىپ، قايتىش سەپىرىدە يەسىرىپ (مەدىنە) تە بەختىگە قارشى كېسەل سەۋەبىدىن ئالەمدىن ئۆتىدۇ. ئۇنىڭدىن ئايالىنىڭ قورسىقىدىكى بالىسى ۋە ئالتە تۆگە قالىدۇ. 6 ئايدىن كېيىن، مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام توغۇلىدۇ. ئەينى چاغدىكى قۇرەيىش قەبىلىسىنىڭ يۇقىرى تەبىقىسىدىكىلەرنىڭ ئادىتى بويىچە، بوۋاق توغۇلغاندىن كېيىن، چارۋىچىلىق رايونىغا ئەۋەتىلىپ، ئىنىگئانىسىنىڭ ئىمىتىشىگە تاپشۇرۇلاتتى. مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام چارۋىچىلىق رايونىدا 5 يىل ياشايدۇ. 6 ياشقا كىرگەندە، ئانىسى ئۇنى يەسىرىپكە تۇغقان يوقلاش ۋە قەبرە سۈپۈرۈشكە ئېلىپ بارىدۇ. قايتىپ كېلىۋېتىپ، ئانىسى بەختىگە قارشى كېسەل بىلەن تۈگەپ كىتىدۇ. شۇنىڭ بىلەن، مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنى چوڭ دادىسى ئابدۇل مۇتەللىپ ئۆز تەربىيسىگە ئالىدۇ. 8 ياشقا كىرگەندە، چوڭ دادىسى تۈگەپ كېتىدۇ. شۇنىڭ بىلەن مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام ئائىلە ئەھۋالى ئانچە ياخشى ئەمەس تاغىسى ئەبۇ. تالىپ (مىلادىيە 540-620) نىڭ قولىغا قالىدۇ. بۇنىڭغا قارىتا «قۇرئان» دا : « (رەببىڭ) سېنى يېتىم دەپ، ساڭا پاناھ بەرمىدىمۇ؟» (6-93 ) دېگەن ئايەت نازىل قىلىنغان. مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام 9 ياشقا كىرگەندە باشقىلارنىڭ مېلىنى باققان. 12 يېشىدىن باشلاپ تاغىسىغا ئەگىشىپ سودىگەرچىلىك قىلىپ، سۈرىيەنىڭ جەنۇبىدىكى بۇسرا شەھىرى قاتارلىق جايلارغا بارغان. ئۆسمۈر مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام چوڭقۇر پىكىرلىك، ئۆگىنىشكە ھېرىسمەن، كەمسۆز بولۇپ، كۆزىتىشكە ماھىر ئىدى. ھەر بىر يەرگە بارغاندا، ئوخشىمىغان دۇنيانى ئەستايىدىل كۈزىتەتتى، ئاز سۆزلەپ، كۆپ ئاڭلايتتى. ئۇ گەرچە خەت تونۇمىسىمۇ، كۆرگەن-بىلگىنى كۆپ، نەزەر دائىرىسى كەڭ ئىدى. ئۇ ئاقكۆڭۈل، كەمتەر، كىشلەرگە خوشاللىق بىلەن ياردەم بىرەتتى. تۈز كۆڭۈللۈك بىلەن مۇئامىلە قىلاتتى. شۇڭلاشقا، ئۇ 18 ياشقا كىرگەندە، كىشلەر ئۇنى ئەمىن (سەمىمى ئادەم) دەپ ئاتاشتى.
2. كۆڭۈلدىكىدەك نىكاھ
مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام ئىنتايىن كېلىشكەن ئەر بولۇپ، ئۇنىڭ بويى ئىگىزمۇ ئەمەس، پاكارمۇ ئەمەس، بەدىنى نورمال، بېشى چوڭ، چاچلىرى قارا، پىشانىسى كەڭ، قاشلىرى قويۇق، كۆزلىرى چوڭ، نۇرلۇق بولۇپ ئىنتايىن سالاپەتلىك ئىدى؛ بۇرنى قاڭشارلىق، ئاغزى تۈز، ساقاللىرى قويۇق بەك جاسارەتلىك كۆرۈنەتتى. مۈرىلىرى مەزمۇت، كۆكرىگى كەڭ، پۇت-قوللىرى كۈچلۈك بولۇپ، يول ماڭغاندا سەل ئالدىغا ئىڭىشىپ ماڭاتتى، قەدەملىرى پۇختا ئىدى.
ئەينى چاغدا مەككە شەھىرىدە خەدىچە ئىسىملىك (تەخمىنەن مىلادىيە 555-620 يىللار) بىر باي تۇل خوتۇن بولۇپ، ئۇ كىشلەرگە كەڭ قورساقلىق بىلەن خۇش مۇئامىلە قىلىدىكەن. ئۇ مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ ياخشى تەرىپىنى ئاڭلىغاندىن كېيىن، مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنى ئۆزىنىڭ سودا كارۋانلىرىنى باشقۇرۇپ بېرىشكە تەكلىپ قىلىدۇ، ھەمدە ئۆزىنىڭ خىزمەتچىسى مەيسەرەنى ئۇنىڭغا ياردەم قىلىشقا قوشۇپ قويىدۇ. شۇندىن تارتىپ، مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام مەيسەرە بىلەن بىرگە سودا كارۋانلىرىنى باشلاپ سۈرىيىگە بېرىپ سودا قىلىدۇ. خەدىچەنىڭ تاپشۇرۇغى بىلەن، مەيسەرە مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ سەمىمى ئىشەنچىلىك ئىكەنلىكىنى تەكشۈرۈش ئۈچۈن، ئۇنىڭ يۈرۈش-تۇرۇش، گەپ- سۆزلىرىنى ئەستايىدىل كۈزىتىدۇ. تەكشۈرۈشتىن، مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ ھەقىقەتەن سەمىمى-راستچىل ۋە قابىلىيەتلىك ئىكەنلىكى مەلۇم بولىدۇ. سودا كارۋانلىرىمۇ زور پايدا ئالىدۇ. مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ پەزىلەت ۋە ئىقتىدارى تەدرىجىي ھالدا خەدىچەنىڭ ياخشى كۆرىشىگە ئېرىشىدۇ، شۇنىڭ بىلەن ئۇ مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا ياتلىق بولۇشنى بىلدۈرۈپ ئەلچى ئەۋەتىدۇ. ئەينى چاغدا مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام 25 ياش، خەدىچە 40 ياشتا ئىدى. بۇ نىكاھ مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ ئىجتىمائىي ئورنىنى يۇقىرى كۆتەردى. نىكاھدىن كېيىن، مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ خوتۇنى خەدىچە، ئۇنىڭغا يالغۇز روھى جەھەتتە زور تەسەللى ۋە مەدەت بېرىپلا قالماستىن، بەلكى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ ئىشلىرىنى پۈتۈن مال-دۇنياسى بىلەن ماددى جەھەتتىن قوللىدى.
مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام سۆزنى قىسقا، ئىخچام، مەنىلىك ۋە قىزىقارلىق قىلاتتى. ئۆز ھىسياتىنى كونتىرول قىلىشقا ماھىر بولۇپ، ئاچچىغى كەلگەندىمۇ چىرايىغا چىقارمايتتى، پەقەت پىشانىسىدە تەر تەپچىرەپ كېتەتتى. مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام : «ھەقىقى كۈچلۈكلەر باشقىلارنى يىقىتقان ئەمەس، بەلكى غەزىپى كەلگەندە ئۆزىنى تۇتىۋالغانلاردۇر» دېگەن. مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام تاتلىق، سوغۇق يىمەكلىكلەرنى ياخشى كۆرەتتى. يېمەك-ئىچمىكى ئاددى بولۇپ، ئەزەلدىن ئاچكۆزلۈك قىلمايتتى. ئۇ ئۆمرىدە ھاراق ئىچمىگەن، قىمار ئوينىمىغان، ھەتتا خام پىياز، سامساق قاتارلىق پۇرىقى ئۆتكۈر نەرسىلەرنىمۇ يىمىگەن. ئۇ ئاق ۋە يېشىل رەڭلىك كىيىملەرنى كېيىشنى ياخشى كۆرەتتى، پاكىزلىققا ئەھمىيەت بېرىپ، ھەشەمەتچىلىك قىلمايتتى. باشقىلارنى ھۆرمەتلەش ئۈچۈن، ئاممىۋى سورۇنلارغا بېرىش توغرا كەلگەندە ئازراق ئەتىر سېپىۋالاتتى. كىشلەرگە ئەدەب بىلەن خۇش مۇئامىلە قىلاتتى. ئۇ خوتۇنىنىڭ ھالىغا يېتىپ، سىلىق مۇئامىلە قىلاتتى، ئۆيىدە كىر-قات يۇيۇش، قوي سېغىش، تۆگە بېقىش قاتارلىق ئىشلارنىڭ ھەممىسىگە ماھىر ئىدى. شۆبھىسىزكى، مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ بۇ خىل خىسلەت ۋە پەزىلەتلىرى خەدىچەنىڭ ئۇنى ياخشى كۆرۈپ قېلىشىدىكى ئاساسى ئامىل ئىدى.
مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام بىلەن خەدىچە بەختلىك ئائىلە تۇرمۇشىدىن بەھرىمەن بولۇپ، 4 قىز ئىككى ئوغۇللۇق بولغان. ئىككى ئوغلىنىڭ بىرسىنىڭ ئىسىمى گاسىم، لەقىمى تاشىر (پاك مەنىسىدە)، يەنە بىرىنىڭ ئىسمى ئابدۇللا، لەقىمى تەييىبە (ياخشى-گۈزەل مەنىسىدە) ئىدى. تۆت قىزى-زەينەپ، رۇقىيە، ئۇممۇ گۈلسۈم ۋە فاتىمەلەردىن ئىبارەت. ئىككى ئوغلى كىچىكىدىلا تۈگەپ كەتكەن. ئوغۇللىرىدىن ئايرىلىپ قېلىش ھەسرىتىنى يېنىكلىتىش ئۈچۈن، مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام خەدىچەگە قۇل سەيىد. ئىبىنى. خالىسەينى (629-؟) سېتىپ ئالدۇرۇپ، ئاندىن كېيىن ئۇنى ئازاد قىلىپ ئوغۇلچىلاپ بېقىۋالدى. ئىسمىنى سەيد. ئىبىنى. مۇھەممەدكە ئۆزگەرتتى. كېيىن سەيد مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ دىن تارقىتىش ئىشلىرىدىكى مۇھىم ياردەمچىسى بولۇپ قالدى.
مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام 4 قىزىنى بەك ياخشى كۆرەتتى. ئۆزى ئۇلار ئۈچۈن مۇۋاپىق لايىق تاللاپ بەرگەنىدى. چوڭ قىزى زەينەپنى خەدىچەنىڭ سىڭلىسىنىڭ ئوغلى ئابدۇ. شەمىسكە ياتلىق قىلغان. ئابدۇ. شەمىس تۈز كۆڭۈل ۋە ئىقتىدارلىق بولۇپ، سودىدا مۇۋەپپىقىيەت قازىنىپ، ئەر-خوتۇن ئىككىسى بىر-بىرىگە مېھرىبان بولۇپ، ئىناق ئۆتكەن. ئىككىنىچى ۋە ئۈچىنچى قىزلىرىنى ئايرىم-ئايرىم ھالدا تاغىسى ئەبۇ لەھەبىنىڭ ئىككى ئوغلى ئۇتبە ۋە ئۇتيىبەلەرگە ياتلىق قىلغان. كېيىن ئەبۇ. لەھەب ئىسلام دىنىغا قارشى بولغانلىقىتىن، مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا دۈشمەنلىك بىلەن قاراپ، ئۇلارنى ئاجراشتۇرۋەتكەن. ئەڭ ئاخىرىدا، ئاچا-سىڭىل ئىككىسى ئىلگىرى-كېيىن ئوسمانغا ياتلىق بولغان. ئالدى بىلەن رۇقىيە ئوسمانغا تەگكەن، ھەمدە ئوسمان بىلەن بىللە ئىككى قېتىم ھەبەبىشتانغا بېرىپ پاناھلانغان. «ھىجىرەت» تىن كېيىن مەدىنىدە ئولتۇراقلىشىپ قالغان. رۇقىيە بالا تۇغمىغان، بەدىرى ئۇرۇشى مەزگىلدە كېسەللىك سەۋەبى بىلەن ئالەمدىن ئۆتكەن. ئوسمان ئۇنىڭغا قاراپ ئۇرۇشقا قاتناشمىغان. ئاچىسى تۈگەپ كەتكەندىن كېيىن، سىڭلىسى ئۇممۈ گۈلسۈم ئوسمانغا تەگكەن. شۇڭلاشقا، ئوسمان «زۇننۇرەيىن» دېگەن نامغا ئېرىشكەن. مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام «ھىجىرەت» تىن كېيىنكى 3-يىلى (624-يىلى) كىچىك قىزى فاتىمەنى ئەلىگە ياتلىق قىلغان. فاتىمە ھاسان، ھۈسەينىلەرنى تۇغقان. ھەمدە مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام ۋاپات بولۇپ 6 ئايدىن كېيىن كېسەل سەۋەبىدىن تۈگەپ كەتكەن. مىلادىيە 605-يىلى، مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام 35ياشقا كىرگەندە، مەككىدە قاتتىق يامغۇر يېغىپ، كەلكۈن كەئبىنىڭ تاملىرىنى ئاجىرتىۋەتتى. كېيىن يۈز بەرگەن يانغىندا قەدىمكى مەسچىد ۋەيران بولدى. بەيتۇللادىكى كەئبىنىڭ تارىخى ئۇزۇن بولۇپ، ئۇ يېرىم ئارالنىڭ دىنى مۇقەددەس جايى ئىدى. مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام قۇرەيىش قەبىلىسىنىڭ ئەزاسى سۈپىتىدە كەئبىنى قايتا قۇرۇش خىزمىتىگە قاتناشتى. تاش تام ئېگىزلىتىلىپ ئادەم بويى بولغاندا، مۇقەددەس قارا تاش «ھەجىر ئەسۋەد» نى ئۆز جايىغا ئېلىپ قويۇشقا كىم ئەڭ سالاھىيەتلىك دېگەن مەسلىدە قۇرەيىش قەبىلىسىنىڭ كاتتىلىرى ئارىسىدا تالاش-تارتىش يۈز بەردى. ئەڭ ئاخىرىدا ئەبۇ ئۈمەييە ئىبىنى مۇغىرە تەكلىپ بېرىپ: ئى خالايىق، دە-تالاش قىلماڭلار، بۈگۈن كەئبىگە بىرىنچى بولۇپ كىرگەن ئادەمنىڭ ھۆكۈمىگە رازى بولۇڭلار،» دېدى. كۆپچىلىك بۇ تەكلىپكە قوشۇلدى. بىرىنچى بولۇپ كەئبىگە كىرگەن كىشى راستچىل، ئىشەنچلىك، «ئەمىن» دەپ ئاتالغان مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام ئىدى. كۆپچىلىك بىر ئېغىزدىن : «بىز «ئەمىن» نىڭ ھۆكۈمىگە قوشۇلىمىز»، دېيىشتى. مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام ئازراق ئويلىنىۋالغاندىن كېيىن، چاپىنىنى يەرگە يايدى، چاپاننىڭ ئۈستىگە ھەجىر ئەسۋەدنى قويغاندىن كېيىن، ھەر قايسى قەبىلە باشلىقلىرىنى چاپاننىڭ بىر بۇرجىگىدىن تۇتۇپ كۆتىرىپ، ھەجىر ئەسۋەدنى ئۆز جايىغا ئېلىپ بېرىپ قويۇشقا بۇيرىدى. ھەجىر ئەسۋەد موشۇ يۇسۇندا ئۆز ئورنىغا قويۇلدى. موشۇنىڭ بىلەن، بىر قېتىملىق تالاش-تارتىش جىدەل-ماجىراسىز تىنچ ھەل قىلىندى. بۇ قېتىمقى «ھۆكۈم» مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ سىياسى ئەقىل-پاراسىتىنى تولۇق نامايەن قىلىپ بەردى.
3. ۋەھىينىڭ باشلىنىشى
مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام ئەر-ئاياللار ئوتتۇرسىدىكى خۇسۇسى ھىسيات ۋە ئىللىق ئائىلە تۇرمۇشىغا چۆكۈپ قالمىدى، ھەمدە ئىككى ئوغلىدىن ئايرىلغانلىقى ئۈچۈن ئۇزۇن مۇددەت غەم-قايغۇغا پېتىپ قالمىدى. شۇنداقلا، ئەينى چاغدىكى مەككىلىكلەرگە ئوخشاش قىمار ئويناپ، ھاراق ئىچىپ، ھوزۇر-ھالاۋەتكە ئۆزىنى ئۇرمىدى. ئۇنىڭ ئەكسىچە، ئۇ ئەينى چاغدىكى ئەرەبلەرنىڭ چۈشكۈن، ئاچكۆز، نادانلىقىنى ئۆز كۆزى بىلەن كۆرۈپ قاتتىق ئازاپلاندى. ئۇ تۇرمۇشىنىڭ بۇنداق بولماسلىقى كېرەكلىكىنى، چوقۇم بۇنىڭدىن تېخىمۇ ياخشى تۇرمۇش ئۇسۇلىنىڭ بار ئىكەنلىگىنى ھېس قىلدى. شۇنىڭ بىلەن، ئۇ ۋاراڭ-چۇرۇڭغا تولغان شەھەردىن، ئىللىق ئائىلىسىدىن ئايرىلىپ، تەنھا ھالدا ھەر خىل ئىجتىمائىي مەسىلىلەرنى ئويلىنىپ، ھەقىقەتنى ئىزدىدى. مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام تەنھا ئىستىقامەت قىلغان جاي مەككىنىڭ شىمال تەرىپىگە 12 كىلومېتىر كىلىدىغان ھىرا غارى ئىدى. ھەر يىلى 9- ئايدا مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام، ئازراق ئوزۇقلۇق ۋە سۇ ئېلىۋېلىپ، بۇ غارغا كېلىپ، جىم ئولتۇرۇپ ئىستىقامەت قىلاتتى. ئۇ بۇ يەردە جاھاننىڭ ھەر خىل تالاش-تارتىشلىرىدىن، ئۇششاق-چۈششەك ئىشلىرىدىن قول ئۈزۈپ، پۈتۈن زىھىنىنى يىغىپ، كىشلىك ھاياتنىڭ ھەقىقەتلىرى ئۈستىدە ئويلىنىپ، ئىزلىنەتتى.
مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام تەبىئەت، جەمئىيەت، كىشلىك ھاياتقا نىسبەتەن قاتتىق ئويلىنىپ، تەبىئەت، جەمئىيەت، كىشلىك ھاياتنىڭ ھەقىقەتلىرى ئۈستىدە ئىزدەندى. ئۇ نەزىرىنى پۈتكۈل ئالەمگە قارىتىپ، ئالەمنى چۈشىنىشكە تىرىشتى. تەبىئەتتىن ئىبارەت بۇ خەتسىز كىتابنى ئوقۇش، كۆزىتىش ئارقىلىق، مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام تەبىئەتتىكى بارلىق نەرسىلەرنىڭ مەسىلەن، كۈن، ئاي، يۇلتۇزلارنىڭ، تاغ، تۈزلەڭلىك، قۇملۇق، بوستانلىقلارنىڭ، 4 پەسىلنىڭ ئالمىشىشى قاتارلىقلارنىڭ شۇنچە گۈزەل، ماسلاشقانلىقىنى، رەڭگا-رەڭ، خىلمۇ-خىل ئىكەنلىكىنى بايقىدى. ئۇ بۇلارنى چوقۇم ھەممىگە قادىر بىر ياراتقۇچىسىنىڭ ياراتقانلىقى، تىزگىنلەپ تۇرىدىغانلىقىنى ھېس قىلدى. ئەينى چاغدا، ئەرەبلەر چوقىنىدىغان بۇت بولسا ھېچنىمىنى يارىتالمايتتى، ئۇلارنى كىشلەر ئۆزى ياسىغان بولۇپ، ئۇلار كىشلەرنىڭ شان-شەرەپ، نومۇس، بەخت-ئاپەت، باي-كەمبەغەللىك قاتارلىق ئىشلىرىنىڭ ھىچقايسىسىنى بەلگىلىيەلمەيتتى. كىشلەرنىڭ بۇ بۇتلارغا چوقۇنۇشىنى ئەقىلگە سىغدۇرغىلى بولمايتتى. شۇنىڭ بىلەن بىرگە، مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام نەزىرىنى جەمئىيەتكە قاراتتى. ئەينى چاغدىكى ئەرەب جەمئىيتىنىڭ كەيپىياتى: ھاراقكەشلىك، قىمار، بوزۇقچىلىق، پال بېقىش، ئاياللارنى كەمسىتىش، قىز بوۋاقلارنى تىرىك كۈمۈش، ئۆز-ئارا بىر-بىرىنى قىرغىن قىلىش، بۇلاش-تالاش بىلەن تولغان بولۇپ، مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام بۇ ئىشلاردىن قاتتىق ئازاپلىنىپ، بۇ ھەقتە قاتتىق ئويلىناتتى.
مىلادىيە 610-يىلى (بەزىلەر 609-يىلى دەيدۇ) مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام كامالەت يېشى بولغان 40 ياشقا كىرىدۇ. قەمەرىيە يىلى 9-ئاينىڭ «قەدىر كېچىسى» (27-كۈنى كېچىسى)، مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام ئۆزىنىڭ ياراتقۇچى ئاللانىڭ «ۋەھىي» سىگە ئېرىشكەنلىكىنى ئېلان قىلىدۇ. مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام ھىرا غارىدا ئىستىقامەت قىلىپ ئولتۇرغاندا، ئاسماندىن ئاجايىپ بىر ئاۋاز ئاڭلىنىپ: «ئوقۇ!»، دېدى. مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام: «مەن ئۇقۇشنى بىلمەيمەن»، دېدى. پەرىشتە (جىبىرئىل) ئۇنىڭ گېلىنى چىڭ سىقىپ، ئاندىن قولىنى بوشۇتۇپ: «ئوقۇ!»، دېدى. مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام: «ئوقۇشنى بىلمەيمەن»، دېدى. جىبىرئىل يەنە ئۇنىڭ گېلىنى قاتتىق سىقىپ قويىۋېتىپ: «ئوقۇ!» دېدى. بۇ ئىش 3 قېتىم تەكرارلاندى. مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام: «مەن نېمىنى ئوقۇيمەن؟» دەپ سورىدى. جىبىرئىل: «ياراتقان پەرۋەردىگارىڭنىڭ ئىسمى بىلەن ئوقۇغىن، ئۇ ئىنساننى لەختە قاندىن ياراتتى، ئوقۇغىن پەرۋەردىگارىڭ ئەڭ كەرىملىكتۇر. ئۇ قەلەم بىلەن (خەت يېزىشنى ) ئۆگەتتى، ئىنسانغان بىلمىگەن نەرسىلەرنى بىلدۈردى» دېدى. (96-1-5) مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام «ۋەھىي» قوبۇل قىلغاندىن كېيىن قورقۇنچ بىلەن ئۆيىگە قايتىپ كەلدى. ئۆزىدىكى قورقۇنچتىن پەيدا بولغان تىتىرەكنى بېسىش ئۈچۈن، خوتۇنى خەدىچىگە: «مىنى يۆگەپ قويۇڭلار، يۆگەپ قويۇڭلار!» دېدى. مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام ئاندىن كېيىن خەدىچىگە يۈز بەرگەن ئەھۋاللارنى بايان قىلىپ: ئۆزۈمدىن قورقۇپ قالدىم، دېدى. خەدىچە ئۇنىڭغا تەسەللى بېرىپ، ئۇنىڭ دېگەنلىرىنىڭ راست ئىكەنلىكىگە قەتئى ئىشىندىغانلىقىنى، ئاللادىن «ۋەھىي» كەلگەنلىكىگە قەتئى ئىشىندىغانلىقىنى بىلدۈردى، ھەمدە: «خەلقنى ھىدايەت يولىغا باشلاش ئۈچۈن ئاللا سېنى تاللاپتۇ» دېدى. مانا بۇ «ۋەھىي» نىڭ تۇنجى قېتىم چۈشۈرىلىشى بولۇپ، روسۇلىللانىڭ ئايالى خەدىچە موشۇ تۈپەيلى ئىسلام دىنىغا ئىشەنگەن تۇنجى مۇسۇلمان ئايال بولۇپ قالغان.

ئاكادېمىيە ئورگان تورى ©

ئۈستىگە قايتىش