ئۇيغۇرچە    Uyghurche    Уйғурчә    Ortaq Türkçe   
  • 2018 - يىلى 25 - ئاۋغۇست ئىستانبۇلدا «ئۇيغۇرلار دۇچ كېلىۋاتقان خىرىسلار ۋە ھەل قىلىش يوللىرى ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنى» ئۆتكۈزۈلىدۇ. ...
سىزنىڭ ئورنىڭىز: باشبەت » مەدەنىيەت بوستانى » ئۇيغۇر يەللىك چالغۇلىرى

ئۇيغۇر يەللىك چالغۇلىرى

نەي

ئەڭ قەدىمكى نەي ھايۋانلارنىڭ سۆڭىكىدىن ياسالغان ئىككى ياكى ئۈچ تۆشۈكلۈك نەي بولۇپ، ئۇ تۈرك ۋە ھون چارۋىچىلىرىنىڭ ئىشلەپچىقىرىش قورالى (مال ھەيدەيدىغان قامچىسىنىڭ دەستىىسى) ۋە چالغۇسى ئورنىدا ئىشلىتىلگەن. كېيىنچە ئۇ، قۇمۇشتىن ياسىىلىدىغان بولغان، ھازىر ئىشلىتىۋاتقانلىرىمىز بامبۇك ۋە مېتالدىن ياسالغان ئىككى خىل نەيدۇر. نەينىڭ ئۇزۇنلۇقى ھەر خىل بولۇپ، سۆڭەكتىن ياسالغانلىرى 20 سانتىمېتېر، قۇمۇشتىن ياسالغانلىرى 40 ـ 50 سانتىمېتىر كېلىدۇ.

ئۇ يانتۇ تۇتۇپ چالىدىغان چالغۇ بولۇپ (بەزىلىرى تىك تۇتۇلۇپ بىر ئۇچىدىن پۈۋلەپ چېلىنىدۇ)، ئۈستىدە كۆپلىگەن ئاۋاز تۆشۈكلىرى بولىدۇ. بارماقلار بىلەن ئاۋاز تۆشۈكلىرىنى تولۇق ۋە يېرىم ئىتىش ئارقىلىق خىلمۇخىل پۈتۈن ۋە يېرىم ئاھاڭلارنى چېلىشقا بولىدۇ. ئۇ ئاۋازى يۇقىرى، جاراڭلىق، ئاۋاز دائىرىسى كەڭ، ئاۋاز تۈسى مۇڭلۇق بولۇشتەك خۇسۇسىيەتلەرگە ئىگە بولۇپ، كۆپىنچە يالغۇز ئورۇندىلىدۇ. مۇزىكا ئوركېستىرىدىمۇ شوخ، تېتىك بولغان يۇقىرى ئاۋاز قىسىملىرىدا ئالاھىدە رول ئوينايدۇ. ئادەتتىكى نەينىڭ سەككىز دانە تۆشۈكى بولىدۇ. ئاۋاز دائىرىسى d1 ئاھاڭدىن d3 ئاھاڭىغىچە ئىككى ئوكتاۋا ئۆپچۆرىسىدە بولىدۇ.

ھازىر شىنجاڭ مۇزېيىدا جەنۇبىي ـ شىمالىي سۇلالىلەر (420 ـ 581 ـ يىللىرى) دەۋرىدىكى ئۈچ تۆشۈكلۈك بىر دانە سۆڭەك نەي ساقلىنىۋاتىدۇ. بۇ مارالبېشى ناھىيىسىنىڭ توققۇزساراي دېگەن يېرىدىن قېزىۋېلىنغان نەي بولۇپ، بۇ چارۋىچىلىق بىلەن شۇغۇللانغان قەدىمكى ئۇيغۇر قەبىلىلىرىنىڭ چالغۇسىدۇر.

بالىمان

بالىمان تۈز تۇتۇپ، پۈۋلەپ چېلىنىدىغان چالغۇ بولۇپ، پۈۋلەيدىغان ئۇچى ياپىلاقلىنىپ، توغرىسىغا ياغاچ قىستۇرۇلىدۇ. ئۈستىدە كۆپلىگەن تۆشۈكچىلەر بولىدۇ ۋە نەيگە ئوخشاش بارماقلار بىلەن بېسىپ چېلىنىدۇ. ئۇزۇنلۇقى 28 سانتىمېتىر ئۆپچۆرىسىدە بولىدۇ. ئۇنىڭ ئاۋاز تۈسى ئوتتۇرا ئاۋازغا مايىلراق بولۇپ، قومۇشنىڭ تىترىشىدىن پەيدا بولىدىغان ئاجايىپ يېقىملىق بىر خىل تۈسكە ئىگە. ئۇ خوتەن رايونىدا ناھايىتى كەڭ تارقالغان. ھازىرقى بالىمان سەككىز تۆشۈكلۈك بولۇپ، ئاۋاز دائىرىسى c1 ئاھاڭىدىن c2 ئاھاڭىغىچە بولىدۇ. بارماق بېسىش قائىدىسى نەي بىلەن ئاساسەن ئوخشاش.

بالىمان ئەڭ قەدىمكى چالغۇلارنىڭ بىر بولۇپ، «قالۇنلار قامۇسى»دا «بىلى» دەپ ئاتالغان. ئۇنىڭدىن باشقا «پىپپ» دەپمۇ ئاتىلىدۇ.

شىنجاڭدىكى مىڭئۆي رەسىملىرىدە مەيلى خەن، جىن سۇلالىسى ياكى جەنۇبىي ـ شىمالىي سۇلالىلەردىن تاكى سۈي سۇلالىسىغىچە بولغان دەۋرلەردە بولسۇن، ھەممىسىدە بالىمان ھەققىدە ئېنىق تەسۋىرلەر بار. ئۇنىڭدا تەسۋىرلەنگەن بالىمانلار ئاساسەن يەتتە تۆشۈكلۈك. ئۇنىڭدىن باشقا تۇرپان مىڭئۆيلىرىدە يەنە قوش بالىمان (بىر ـ بىرىگە چېتىلغان) چېلىۋاتقان سازەندە رەسىمىمۇ ساقلانغان.

بۇرغا

بۇرغا ئەڭ قەدىمكى چالغۇلارنىڭ بىرى بولۇپ، پۈۋلەپ چېلىنىدىغان چالغۇلار ئىچىدە ئاۋاز كۈچى ئەڭ زور، ياڭراق بولغاچقا، قەدىمكى ئۇرۇشلاردا كۆپ قوللىنىلغان. ئۇ دەسلەپتە كالا ۋە ئۆچكە مۈڭگۈزىدىن ياسالغان. مىس قوراللار دەۋرىدە مىستىنمۇ ياسالغان. ئۇنىڭ ئۇزۇنلۇقى 20 ـ 30 سانتىمېتىر ئۆپچۆرىسىدە، يېرىم ئەگمە شەكىلدە بولىدۇ. ئۇچلۇق ئۇچىدا بىر دانە پۈۋلەش تۆشۈكى بولۇپ، يوغان ئۇچى كېسىۋېتىلىپ كاناي شەكلىدە ئىچى ئويۇلۇپ ياسىلىدۇ. بارماق تۆشۈكلىرى بولمايدۇ.

بۇرغا ئەسلىدە ئىسقىرتتىن (بىر خىل قەدىمكى چالغۇ) كېلىپ چىققان بولۇپ، تارىخىي خاتىرىلەردە يېزىلىشىچە، يېڭى تاش قورال دەۋرىدىلا ئىنسانلار تەرىپىدىن ئىشلىتىلىشكە باشلىغان. مىس قوراللار دەۋرىگە كەلگەندە، بۇرغا مىستىن ياسىلىى «مىس بۇرغا» دەى ئاتالغان. «نەغمىنامە»نىڭ 125 ـ جىلدىدا: «مىس بۇرغا ئىدىقۇتلۇقلارنىڭ چالغۇسى» دەپ خاتىرىلەنگەن.

سۇناي

قەدىمكى زامانلاردىكى ئۇيغۇرلار سۇرناينى چىلان ياغىچىدىن ياساپ ئىشلەتكەن. ئۇنىڭ كىچىك ئۇچىدا قومۇشتىن ياسالغان ئاۋاز چىقىرىش پىپىرى بولۇپ، ئۇنى خالىغانچە ئالماشتۇرۇپ ئىشلىتىشكە بولىدۇ. چوڭ ئۇچىغا بارغانسېرى ئىچىدىكى بوشلۇق كېڭىيىپ ئاغزى كارناي شەكىلدە ياسىلىدۇ. ئۈستىدە كۆپلىگەن تۆشۈكچىلەر بولۇپ، بالىمانغا ئوخشاش تۈز تۇتۇپ، بارماق بىلەن بېسىپ، پۈۋلەپ چېلىنىدۇ. سۇرناينىڭ ئۇزۇنلۇقى 43 سانتىمېتىر، كانايسىمان ئاغزىنىڭ دىئامېتىرى (مىستىن ياسالغانلىرىنىڭ) 8 سانتىمېتىر ئۆپچۆرىسىدە بولىدۇ. سۈپىتى ياخشى سۇرنايلارغا سۆڭەكتىن خىلمۇخىل كۆركەم نەقىشلەر قويۇلىدۇ. سۇرناينىڭمۇ ئادەتتە ئۈستۈنكى تەرىپىدە يەتتە، ئاستىنقى تەرىپىدە بىر، جەمئىي سەككىز ئاۋاز تۆشۈكى بولىدۇ. ئاستىنقى تۆشۈكى ئۈستۈنكى 1 ـ تۆشۈكىنىڭ ئاستىغىراق توغرا كېلىدۇ. سۇرناينىڭ ئاۋاز دائىرىسى e1 ئاھاڭىدىن g2 ئاھاڭىغىچە بولىدۇ. بارماق قائىدىسى نەي ۋە بالىمانلارغا ئوخشىشىپ كېتىدۇ.

سۇرناي تەخمىنەن مىلادىيەنىڭ ئالدى ـ كەينىدە بۇرغا قاتارلىق قەدىمكى چالغۇلارنى تەرەققىي قىلدۇرۇش ئاساسىدا مەيدانغا كەلگەن بولۇپ، دەسلەپتە كالا مۈڭگۈزىدىن، كېيىنچە ياغاچ ۋە مىستىن ياسىلىدىغان بولغان. «بۈيۈك چىڭ مۇراسىم شەكىللىرى» ۋە «خان ئوردىسى مۇراسىم ئەسۋابلىرى شەكلى» قاتارلىق تارىخنامىلەردە ئېنىق ھالدا، قەدىمكى زامان ئۇيغۇر تىلى تەلەپپۇزى بىلەن «سۇرناي» (苏尔奈) دەپ خاتىرىلەنگەن.

سۇرناي ئاۋازى ياڭراق چالغۇ بولۇپ، قەدىمكى زامانلاردا ناغرا ـ دۇمباقلار بىلەن بىرگە ھەربىي ئىشلاردىمۇ ئىشلىتىلگەن. تارىختىن بۇيان سۇرناي ۋە ناغرا ـ دۇمباقلار ئۇيغۇرلارنىڭ ھېيىت ـ بايرام خۇشاللىقىنىڭ ئالاھىدە سىمۋولى سۈپىتىدە، ھازىرغىچە تەنتەنىلىك مۇراسىملار، توي ـ تۆكۈن ۋە ھەر خىل كۆڭۈل ئېچىش سورۇنلىرىدا كەڭ قوللىنىلىۋاتىدۇ.

كارناي

كارناي (号筒) بۇرغا ۋە سۇرنايلارغا ئاساسەن ئۆزگەرتىلىپ ياسالغان چالغۇ بولۇپ، «بەش خۇ» ئۇيغۇرلىرىنىڭ قەدىمكى بۇرغىسىنىڭ ئەۋلادىدۇر. ئاۋازى بوم، ھەشەمەتلىك، ھەيۋەتلىك بولغانلىقى ئۈچۈن «نەرە» دەپمۇ ئاتالغان. كارناينىڭ شەكلى سۇرنايغا ئوخشىشىپراق كەلسىمۇ، ئەمما ئۇنىڭدىن كۆپ ئۇزۇن، ھەجىمىمۇ چوڭ ياسىلىدۇ. بۇ دەسلەپتە ياغاچتىن، كېيىن مىستىن ياسالغان بولۇپ، ئۇزۇنلۇقى ئادەتتە 5.1 ـ 2 مېتىرغىچە بولىدۇ. بەزىلىرىنىڭ 3 ـ 4 مېتىرغا يېتىدۇ.

كارناي بۇرغىغا ئوخشاش پۈۋلەپ چېلىنىدىغان چالغۇ بولۇپ، ئاۋازى بوم، ھەيۋەتلىك بولۇشتەك ئالاھىدىلىكلەرگە ئىگە. ئۇنىڭ ئاۋازىنىڭ يۇقىرى ـ تۆۋەنلىكى ياكى بوم ـ ئىنچىكىلىكى تامامەن ئۇنىڭ ئۇزۇن ـ قىسقىلىقى ۋە ھەجىمىگە مۇناسىۋەتلىك بولىدۇ. كارناي چوڭ تىىتىكى كارناي بېشى ۋە ئۈچ تال مىس تۈرۇبىنىڭ ئۇلىنىشى ئارقىلىق ياسىلىدۇ. كارناينىڭ ئاۋاز تۆشۈكى بولمىغاچقا، پەقەت بىرنەچچە تەبىئىي ئاھاڭنىلا چېلىشقا بولىدۇ.

كارناي دەسلەپتە «چوڭ بۇرغا» (大铜角) دەپمۇ ئاتالغان. بۇ موڭغۇل قوشۇنلىرىنىڭ غەربكە يۈرۈش قىلىشى جەريانىدا ئەرەب ئەللىرىگە كەڭ تارالغان. پەقەت مىڭ سۇلالىسى دەۋرىگە كەلگەندىلا، ئاندىن كارناي (号筒) دەپ ئاتالغان.

قۇۋۇز

قوۋۇز ئەڭ قەدىمكى ئۇيغۇر چالغۇلىرىنىڭ بىرى بولۇپ، تارىختا ئۇنىڭ تۆمۈر قوۋۇز، قومۇش قوۋۇز ۋە يىپ قوۋۇزدىن ئىبارەت ئۈچ خىل ياسىلىش شەكلى بولغان ھەم «ئېغىز تار» (口弦) دەپمۇ ئاتالغان.

تۆمۈر قوۋۇز تۆمۈر ياپراقچىسىدىن ياسىلىپ «تۆمۈر قوۋۇز» (铁簧) دەپ ئاتالغان. بۇ خىل چالغۇ يالغۇز تارىختا كۆپ ئىشلىتىلگەن بولماستىن، ھازىرمۇ شىنجاڭنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى ئۇيغۇر، قىرغىز ۋە باشقا تۈرك مىللەتلەر ئارىسىدا قوللىنىپ كېلىۋاتىدۇ.

قوۋۇز ئەجدادلىرىمىزنىڭ غەربكە كۆچۈشى، يىپەك يولىدىكى مەدەنىيەت، سودا ئالاقىسىنىڭ كېڭىيىشىگە ئەگىشىپ، دۇنيادىكى كۆپلىگەن دۆلەتلەرگە تارالغان ۋە كەڭ قوللىنىلغان.
(ئەسكەرتىش: ئاپتورى نامەلۇم)

مەنبە: ۋەتىنىم مۇنبىرى

يازغۇچى ھەققىدە

ماقالە سانى : 54

ئاكادېمىيە ئورگان تورى ©

ئۈستىگە قايتىش