ئۇيغۇرچە    Uyghurche    Уйғурчә   
  • 2018 - يىلى 27 - ئۆكتەبىر يەكشەنبە كۈنى سائەت 2:00 دە ئىستانبۇلدا «خىتاينىڭ جازا لاگىرلىرىدىكى شەرقىي تۈركىستانلىقلارنىڭ ئاقىۋىتى مۇھاكىمە يىغىنى» ئۆتكۈزۈلىدۇ. ...
سىزنىڭ ئورنىڭىز: باشبەت » ئاكادېمىيە » ئۇيغۇرلار نۆۋەتتە دۇچ كېلىۋاتقان خىرىسلار ۋە ھەل قىلىش يوللىرى ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنى ئۇقتۇرۇشى

ئۇيغۇرلار نۆۋەتتە دۇچ كېلىۋاتقان خىرىسلار ۋە ھەل قىلىش يوللىرى ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنى ئۇقتۇرۇشى

نۆۋەتتە شەرقىي تۈركىستاننىڭ ئەسلى قانۇنلۇق ئېگىلىرى بولغان ئۇيغۇر قاتارلىق تۈركىي مىللەتلەر خىتاينىڭ يۈرگۈزگەن ئاسمىلاتسىيە ۋە يوق قىلىش سىياسىتى نەتىجىسىدە، ئانا تىل، مائارىپ، مەدەنىيەت، دىن ۋە سىياسىي جەھەتتە تۈرلۈك خىرىسلارغا دۇچ كەلمەكتە.

مىليۇنلارچە بىگۇناھ شەرقىي تۈركىستانلىق ئۇيغۇر، قازاق، قىرغىز، ئۆزبەك ۋە تاتار قېرىنداشلىرىمىز تۈرمە ۋە جازا لاگىرلىرىدا ئېغىر تەن جازاسىغا ئۇچراپ، ئىچكى ئەزالىرى ئوغۇرلىنىپ، روھى ۋە جىسمانىي جەھەتتىن ئېغىر ۋەيران قىلىنماقتا. ئاتا – ئانىلىرىدىن ئايرىلىپ ئىگە چاقىسىز قالغان نارىسىدە يېتىم بالىلار ئۇرۇق-تۇققانلىرىدىنمۇ تارتىۋېلىنىپ، خىتاينىڭ ئىچكىرى ئۆلكىلىرىگە يۆتكەپ كېتىلمەكتە. ئەرلىرى ياكى ئەر تۇققانلىرى تۇرمە ۋە جازا لاگىرلىرىغا سولانغان ياكى سولىنىش خەۋىپى بولغان ياش قىز – ئاياللار خىتاي ئەرلىرى بىلەن توي قىلىشقا مەجبۇرلانماقتا.

مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلار ئارىسدىمۇ ئانا تىل ۋە ئۇيغۇر كىملىكىنى ساقلاش مەسىلىسىنى ھەل قىلىش بىلەن تەشكىللىك ھالدا كۈچلۈك تەسىرگە ئىگە ئىجتىمائىي، مەدەنىي ۋە سىياسىي پائالىيەتلەرنى ئېلىپ بېرىش بىلەن بىرگە، ئۇيغۇرلار دۇچ كەلگەن نۆۋەتتىكى بۇ ئېغىر ۋەزىيەتتىن قۇتۇلۇش ئۈچۈن چەتئەل تاراتقۇلىرىغا ئۇيغۇرلارنىڭ ئېغىر ۋەزىيىتىنى توغرا ۋە تەسىرلىك ئاڭلىتىش ۋە ئۇيغۇرلارغا كۆڭۈل بۆلىۋاتقان چەتئەل ھۆكۈمەتلىرى بىلەن دىپلوماتىك مۇناسىۋەت قۇرۇش جىددى ۋە مۇھىم مەسىلىگە ئايلانماقتا.

يۇقارقىدەك ئۇيغۇر قاتارلىق شەرقىي تۈركىستانلىقلارنىڭ يولۇققان جىددى مەسىللىرى ۋە ھەل قىلىش يوللىرى ئۈستىدە مۇھاكىمە ئېلىپ بېرىش ئۈچۈن مۇھاجىرەتتە ۋەتەن – مىللەت تەقدىرى ئۈسىتىدە ئىزدىنىۋاتقان خەلقئارا مۇناسىۋەت، جەمىئىيەتشۇناسلىق، تارىخ، تۈركولوگىيە، پىسىخولوگىيە، پەلسەپە، سىياسەت بىلىمى، مەدەنىيەت تەتقىقاتى، ئاخبارات، دىنى تەتقىقات ۋە مائارىپشۇناسلىق ساھەلىرىدە كۆزگە كۆرۈنگەن 7 ئۇيغۇر تەتقىقاتچىنىڭ دوكىلات بېرىشى بىلەن 2018-يىلى 25-ئاۋغۇست شەنبە ئىستانبۇلدا سىرىتقا يېپىق شەكىلدە پەقەت تەكلىپ قىلىنغان ۋە تىزىملاتقان ئۇيغۇر زىيالىيلارنىڭلا قاتنىشىشى بىلەن «ئۇيغۇرلار نۆۋەتتە دۇچ كەلگەن خىرىسلار ۋە ئۇنى ھەل قىلىشنىڭ يوللىرى» ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنى ئۆتكۈزۈلىدۇ.

يىغىندا مۇھاكىمە قىلىنىدىغان ئاساسلىق چوڭ تېمىلار:

1. ئۇيغۇر مائارىپىدىكى ئانا تىل مەسىلىسى ۋە ھەل قىلىشنىڭ قانۇنى يوللىرى

2. مۇھاجىرەتتىكى ئانا تىل ۋە ئۇيغۇر كىملىكى مەسىلىسى ۋە ھەل قىلىش يوللىرى

3. ئۇيغۇرلارغا قاراتقان مەدەنىيەت قىرغىنچىلىقى بىلەن دىنى چەكلىمىلەر ۋە ئۇنىڭغا قارشى كۆرەش يوللىرى

4. ئۇيغۇر قىز – ئاياللارنى خىتاي ئەرلىرى بىلەن مەجبۇرى توي قىلدۇرۇش ۋە يېتىم بالىلارنىڭ خىتاينىڭ ئىچكىرى ئۆلكىلىرىگە يۆتكەپ كېتىلىشى ۋە بۇ تۈر ۋەقەلەرگە قارشى تۇرۇش چارىلىرى

5. يىغىۋېلىش لاگىرى ۋە ئۇنىڭغا قارشى كۆرەش مىخانىزىمى

6. ۋەتەن ئىچى – سىرتىدىكى ئۇيغۇرلاردىكى روھى چۈشكۈنلۈككە قارشى تەدبىرلەر، تەشكىلات ۋە ئاكتىپ پائالىيەتچىلەر ئارىسىدىكى ئىختىلاپ ۋە ئۇلارنى ھەل قىلىشنىڭ يوللىرى

7. مۇستەملىكىگە ئۇچرىغان مىللەتلەرنىڭ مىللىي كۆرەش يوللىرى ۋە غەلبىىسى ھەققىدە مۇھاكىمە

بۇ يىغىن ئاخىرلاشقاندىن كېيىن، ئاكادېمىيە كېڭىشى، ئاكادېمىيە سايلىمى ۋە مۇھاكىمە يىغىنىدىكى يېڭىلىقلاردىن مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلارنى خەۋەرلەندۈرۈش مەقستىدە، 26-ئاۋغۇست يەكشەنبە كۈنى سائەت 10:30 دا ئىستانبۇلدىكى فاتىھ سۇلتان مەھمەت ۋەخپە ئۇنىۋېرسىتېتىدا «2-نۆۋەتلىك ئاكادېمىيە كىڭىشى ۋە ئۇيغۇرلار نۆۋەتتە دۇچ كەلگەن خىرىسلار ۋە ئۇنى ھەل قىلىشنىڭ يوللىرى مۇھاكىمە يىغىنى» خولاسىسى ئوچۇق يىغىنى ئورۇنلاشتۇرۇلىدۇ.

«ئۇيغۇرلار نۆۋەتتە دۇچ كەلگەن خىرىسلار ۋە ئۇنى ھەل قىلىشنىڭ يوللىرى» مۇھاكىمە يىغىنىنىڭ يوقىرى سۈپەتتە تەرتىپلىك ئېلىپ بېرىلىشى ئۈچۈن، يىغىن ھەققىدە تۆۋەندىكىدەك بەلگىلىمىلەر بېكىتىلدى:
1. بۇ قېتىمقى پائالىيەت ئىستانبۇلدا ئۆتكۈزۈلىدىغان بولۇپ، 8-ئاينىڭ 23- ۋە 24-كۈنلىرى «ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسى كېڭىشى ۋە 4-نۆۋەتلىك ئومۇمىي سايلىمى» بىلەن 8-ئاينىڭ 25-كۈنى «ئۇيغۇرلار نۆۋەتتە دۇچ كەلگەن خىرىسلار ۋە ئۇنى ھەل قىلىشنىڭ يوللىرى» مۇھاكىمە يىغىنى ۋە 8-ئاينىڭ 26-كۈنى يەكشەنبە «خۇلاسە ئوچۇق يىغىنى» بىرگە ئورۇنلاشتۇرۇلغان بولۇپ، پائالىيەت جەمىئىي تۆت كۈن داۋاملىشىدۇ.
2.  «ئۇيغۇرلار نۆۋەتتە دۇچ كەلگەن خىرىسلار ۋە ئۇنى ھەل قىلىشنىڭ يوللىرى» مۇھاكىمە يىغىنىدا دوكلات بەرگۈچىلەر ئايرۇپىلان بېلىتىنى ئۆزى كۆتۈرىدۇ. ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسى مۇناسىۋەتلىك ئورگانلار بىلەن ئالاقە قىلىپ، قاتناشقۇچىلارنىڭ ياتاق ۋە تاماق راسخۇتلىرىنى ئۆز ئۈستىگە ئېلىش ئۈچۈن تېرىشىدۇ. ئايرۇپىلان بېلىتىنىمۇ ھەل قىلىشقا كۈچەيدۇ.
3. مۇناسىۋەتلىك ئورگانلارغا يىغىن ھەققىدە لايىھە سۇنۇپ، ياردەم قولغا كەلتۈرۈشىشىمىز ئۈچۈن، دوكلات بەرگۈچىلەرنىڭ 6-ئاينىڭ 10 -كۈنىگىچە دوكلات تېمىسى ۋە قىسقىچە مەزمۇنى (abstract) نى ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسى رەسمىي ئېلخەت ئادرېسى uyghuracademy@gmail.com غا ئەۋەتىپ بېرىشى تەلەپ قىلىنىدۇ.
4. دوكىلات ئۈچۈن ئىلتىماسى قوبۇل بولغان تەتقىقاتچىلار سۇنماقچى بولغان دوكىلاتىنى ئىلمىي ماقالە قىلىپ ئۇيغۇرچە ئەرەب يېزىقىدا ياكى ئۆلچەملىك ئۇيغۇر لاتىن يېزىقىدا يېزىپ ئاكادېمىيەگە ئېلخەت ئارقىلىق 7-ئاينىڭ 20-كۈنىدىن بۇرۇن تاپشۇرۇشى شەرت قىلىنىدۇ. (ئەسكەرتىش: يىغىندا ئوقۇلىدىغان بارلىق دوكىلاتلارنىڭ ئىلمىي ماقالە شەكلى كىتاب قىلىپ بېسىلىپ، يىغىن ئېچىلغان كۈنى قاتناشقۇچىلارغا تارقىتىلىپ بېرىلىدۇ.)
5. بۇ قېتىملىق مۇھاكىمە يىغىنىدا، ئەڭ كۆپ بولغاندا 16 كىشى دوكلات سۇنىدىغان بولۇپ، بەلگىلەنگەن مۇددەت ئىچىدە ئىلتىماس قىلغانلارنىڭ سۇنغان تېمىلىرى ئىچىدىن تاللىنىدۇ. شۇ سەۋەپتىن، دوكلات سۇنماقچى بولغانلارنىڭ بەلگىلەنگەن مۆھلەتكە ئەستايىدىل مۇئامىلە قىلىپ، 6-ئاينىڭ 10 -كۈنىگىچە ئىلتىماس قىلىشلىرىنى ئۈمىت قىلىمىز.
6. تۈركىيىگە ۋىزا ئېلىش زۆرۈرىيىتى بارلار تۆۋەندىكى ئادرېسىدىن ئېلېكترونلۇق ۋىزا ئالالايدۇ.
http://www.evisa.gov.trhttp:// http://www.evisa.gov.tr  ۋىزا ئېلىش ئۈچۈن زۆرۈر بولغاندا، ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسى تەكلىپنامىسى ئەۋەتىلىدۇ.
7. بەزى ئالاھىدە ئەھۋالنى ھېسابقا ئالمىغاندا، دوكلات بەرگۈچىلەرنىڭ ئۇيغۇر تىلىدا سۆزلىشى شەرت بولۇپ، دوكلاتنىمۇ چوقۇم ئۇيغۇر كونا يېزىقى بىلەن تەييارلىشى تەلەپ قىلىنىدۇ ( باشقا ئالاھىدە سەۋەبلەردىن ئۇيغۇر كونا يېزىقى بىلەن دوكىلات تەييارلاش ئىمكانى يار بەرمىگەنلەر ئۆلچەملىك ئۇيغۇر كومپىيوتېر يېزىقى بىلەن تەييارلىسىمۇ بولىدۇ).
8. ھەر بىر كىشىنىڭ دوكىلات بېرىش ۋاقتى 15 مىنۇت ۋە ئۆز ئارا مۇھاكىمە قىلىش ۋاقتى 15 مىنۇت شەكلىدە بەلگىلەنگەن بولۇپ، جەمىئىي 30 مىنۇت ۋاقىت بېرىلىدۇ. يىغىننىڭ پىلانلانغان كۈنتەرتىپ بويىچە ئېلىپ بېرىلىشى ئۈچۈن، قاتناشقۇچىلارنىڭ دوكلات سۇنۇش ۋاقتىغا ئاڭلىق رىئايە قىلىشى تەلەپ قىلىنىدۇ ۋە قەتئىي ئىجرا قىلىنىدۇ.
9. تۈركىيە سىرتىدىن كەلگەن مېھمانلارنىڭ تۈركىيەدىكى ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلار ۋە زىيالىيلار بىلەن ئۆز-ئارا تونۇشۇپ، كەڭ كۇشادە ھال-مۇڭ سورىۋېلىشى ئۈچۈن 26-ئاۋغۇست يەكشەنبە كۈنى «خۇلاسە ئوچۇق يىغىنى» ئورۇنلاشتۇرۇلغان بولۇپ ئالاھىدە سورۇن ھازىرلاندى.
10. بۇ قېتىملىق يىغىننى بۇرۇنقى يىغىنلارغا ئوخشىمايدىغان، ئۆزگىچە بىر شەكىلدە ئۆتكۈزۈشنى پىلانلاۋاتىمىز. ھەرقانداق بىر شەخسنىڭ uyghuracademy@gmail.com ئارقىلىق قىممەتلىك تەكلىپ ۋە تەنقىدى پىكىرلىرىنى بېرىشلىرىنى ئۈمىت قىلىمىز.

ھازىرقىدەك پاجىئەلىك ۋەزىيىتىمىزدە ئۇيغۇرلار دۇچ كەلگەن خىرىسلارنى مۇھاكىمە قىلىش ۋە ھەل قىلىش يوللىرىنى ئىزدەش تېپىپ، ئورتاق ئەقىل بىلەن ھەرىكەت قىلىش نۆۋەتتە تولىمۇ زۆرۈر بىر مەسىلە بولماقتا. بۇ يىغىننىڭ غەلبىلىك ئېچىلىشى ئۈچۈن، مۇھاجىرەتتە ۋەتەن – مىللەت تەقدىرى ئۈسىتىدە ئىزدىنىۋاتقان خەلقئارا مۇناسىۋەت، جەمىئىيەتشۇناسلىق، تارىخ، تۈركولوگىيە، پىسىخولوگىيە، پەلسەپە، سىياسەت بىلىمى، مەدەنىيەت تەتقىقاتى، ئاخبارات، دىنى تەتقىقات ۋە مائارىپشۇناسلىق ساھەلىرىدە كۆزگە كۆرۈنگەن ئۇيغۇر تەتقىقاتچىلىرىمىزنىڭ يېقىندىن ئاۋاز قوشۇپ، ئاكتىپلىق بىلەن ئىشتىراك قىلىشىنى چىن كۆڭلىمىزدىن تىلەيمىز.
ئەڭ ئاخىردا، بارلىق ئۇيغۇر قېرىنداشلارنىڭ تېنىگە سالامەتلىك، ئىشلىرىغا ئاسانلىق ۋە خىزمەتلىرىگە مۇۋەپپەقىيەتلەر تىلەپ ھۆرمەت بىلەن:

– ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسى دائىمىي ھەيئەت كومىتېتى

2018-يىلى 31-ماي پەيشەنبە، ئىستانبۇل

يازغۇچى ھەققىدە

ماقالە سانى : 1197

ئاكادېمىيە ئورگان تورى ©

ئۈستىگە قايتىش