ئۇيغۇرچە    Uyghurche    Уйғурчә    Ortaq Türkçe   
  • 2018 - يىلى 25 - ئاۋغۇست ئىستانبۇلدا «ئۇيغۇرلار دۇچ كېلىۋاتقان خىرىسلار ۋە ھەل قىلىش يوللىرى ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنى» ئۆتكۈزۈلىدۇ. ...
سىزنىڭ ئورنىڭىز: باشبەت » ئەدەبىيات گۈلزارى » ئۇيغۇر ئەدەبىياتى ۋە دۇنياغا يۈزلىنىش

ئۇيغۇر ئەدەبىياتى ۋە دۇنياغا يۈزلىنىش

ئابدۇللا موللا قاردۇ

ئۇيغۇر ئەدەبىياتى پارلاق ھاياتىي كۈچ، تىرەن ھېكمەت، تاكامۇل تەپەككۇر، چوڭقۇر پەلسەپىۋى پىكىر، كۆپ قاتلاملىق مەنبەگە ئىگە بولۇشتەك ئالاھىدىلىكى بىلەن ئېلىمىز ئەدەبىيات خەزىنىسىدە چاقناپ تۇرغان بىر گۆھەردۇر.

ئۇ تارىختىن بۇيانقى نەچچە ئەسىرلىك تەرەققىيات داۋامىدا، شەرق-غەرب مەدەنىيىتىنى تۇتاشتۇرۇپ تۇرىدىغان يىپەك يولىنىڭ مەركىزىي قانىلىغا جايلىشىشتەك ئەۋزەل ئورنى بىلەن ئالەمشۇمۇل بۈيۈك ئەسەرلەرنى بارلىققا كەلتۈرگەن. كۆپ مەنبەدىن، كۆپ خىل مەدەنىيەتتىن، كۆپ خىل تەسىردىن ئوزۇقلانغان ئۇيغۇر ئەدەبىياتى ئۆزىنىڭ ئاجايىپ مول سېھرىي كۈچى، باي خەلق ئېغىز ئەدەبىياتى شۇنداقلا ئىلمىي قىممىتى تېخىمۇ يۇقىرى بولغان يازما ئەدەبىياتى بىلەن بىر پۈتۈن ئۇيغۇر ئەدەبىيات خەزىنىسىنى بارلىققا كەلتۈردى. ئۇ ئۆز نۆۋىتىدە كۆپ خىل مەدەنىيەتتىن جەۋھەر قوبۇل قىلىشقا ماھىر بولۇش ئالاھىدىلىكى بىلەن قەدىمكى مەشھۇر مەدەنىيەت بەلباغلىرى بولغان گېرىك-رىم مەدەنىيىتى، ئەرەب-پارس مەدەنىيىتى، ھىندىستان مەدەنىيىتى، ئېلىمىزنىڭ ئوتتۇرا تۈزلەڭلىك مەدەنىيىتىنىڭ پارلاق نەمۇنىلىرى ئۆز قاتلىمىنى تېخىمۇ بېيىتىپ، مول قاتلام، كۆپ يۆنىلىش، گىرەلەشمە تەپەككۇر قۇرۇلمىسىغا ئىگە ئۇيغۇر ئەدەبىياتىنىڭ بىر پۈتۈن گەۋدىسىنى ھاسىل قىلدى. ئۇ ئۆزىنىڭ ئەزەلدىن ئېچىۋېتىلگەن ئوچۇق سىستېما بولۇش ئالاھىدىلىكى بىلەن دۇنيا ئەدەبىياتى بىلەن زىچ ئالاقىدە بولۇپ كەلدى. مەشھۇر ئۇيغۇر بۇددا پەيلاسوپى كومىراجىۋانىڭ ئوتتۇرا تۈزلەڭلىككە بېرىپ، ئېلىمىزنىڭ قەدىمكى مەدەنىيىتى، پەلسەپىسى، جۈملىدىن ئەدەبىياتى ئۈچۈن زور تەسىرلەرنى كۆرسەتكەنلىكى، سۈي-تاڭ سۇلالىلىرى دەۋرىدە غۇز نەزمىلىرىنىڭ، غۇز ناخشا-ئۇسسۇللىرىنىڭ ئوتتۇرا تۈزلەڭلىككە تارقىلىشى يۇقىرىقى قارىشىمىزنىڭ دەلىلى. مەشھۇر ئەرەب-پارس پەيلاسوپلىرىدىن ئىبىن رۇشىد، مەنسۇر ھەللاجى، فەرىددىدىن ئەتتار، ئەبۇلقاسىم فىردەسى، جالالىدىن رۇمى، شەمسىددىن تەبرىزى، ئابدۇراھمان جامى، ھاپىز شىرازى، ئۆمەر ھەييام قاتارلىقلارنىڭ ئۇيغۇر ئەدەبىياتىنىڭ نەچچە ئەسىرلىك تەرەققىياتىدىكى ئاجايىپ زور تەسىرى ئۇيغۇر ئەدەبىياتىنىڭ دۇنيا ئەدەبىياتى بىلەن ئۇچرىشىش، سۆزلىشىش ماھىرلىقىنى ئىپادىلەپ بەردى شۇنداقلا ئەدەبىياتنىڭ قاتلىمى، رەڭدارلىقىنى ئاشۇرۇپ، ئەدەبىياتىمىزنى ئاجايىپ مول قاتلام، يۈكسەك پەللىلەرگە كۆتۈردى.

ئابدۇراھمان جامىنىڭ ئىدىيىسى، ئەدەبىيات قارىشى ئەلىشىر ناۋائىغا بىۋاسىتە تەسىر كۆرسەتكەن بولسا، ئەل فارابى، يۈسۈپ خاس ھاجىپ، ئەھمەد يەسسەۋىينىڭ بۈيۈك پەلسەپىۋى تەپەككۇر خەزىنىسى، ھېكمەت بايلىقى، ئىدىيىۋى سىستېمىسى، ئالەم-تەبىئەت قاراشلىرى كېيىنكى پارس، ئەرەب پەيلاسوپلىرى، ھەتتا سانائەت ئىنقىلابىدىن كېيىنكى غەرب مەدەنىيەت خەزىنىسى، پەلسەپىسىگە بەلگىلىك تەسىر كۆرسەتكەن.

يېقىنقى نەچچە ئەسىرلىك تارىخىمىزدا، ئەدەبىيات خەزىنىمىزنىڭ دۇنيا ئەدەبىياتى بىلەن بولغان ئالاقىسى، سۆزلىشىشى ئاجىزلاپ كەتكەن بولسىمۇ، لېكىن ئەدەبىياتىمىزنىڭ كۆپ قاتلاملىق، مول تەپەككۇرلۇق يۆنىلىشى، ئىنسانىيەت بىلەن تەبىئەتنىڭ مۇناسىۋىتى، ئىنسانىي مېھرى-شەپقەت ئۈستىدىكى ئىزدىنىشلىرى يەنىلا توختاپ قالمىدى. بىزنىڭ ئەدەبىياتىمىز مۇشۇنداق تەرەققىيات باسقۇچلىرى ئارقىلىق، ئۆز مەنبەسىنى ئەسىردىن ئەسىرگە ئۇلاپ، ئۆزلۈكسىز تۈردە ئۆزىنى بېيىتىپ كەلدى.

ئالدىنقى ئەسىرنىڭ 80-يىللىرىدىن بۇيان، ئەدەبىياتىمىزدا تېخىمۇ مول تەرەققىيات، رەڭدار گۈللىنىش بارلىققا كېلىپ، تەپەككۇرى چوڭقۇرلىشىش، پەلسەپىۋى پىكىرگە تويۇنۇش، ئىنساننىڭ ئۆزى ھەققىدە ئويلىنىش، ئىنسانپەرۋەرلىك ئىدىيىسىنى تەشەببۇس قىلىش، ئىجتىمائىي ئەخلاقنى تەرغىپ قىلىش، تەبىئەت ئېكولوگىيىسى بىلەن ئىنساننىڭ مۇناسىۋىتىنى ئەكس ئەتتۈرۈش قاتارلىق مول تېمىلارغا قاراپ يۈزلەندى. ئەدەبىياتىمىزدا كاتتا رومانلار، ئېسىل پوۋېستلار، قىسقا، ئەمما چوڭقۇر پىكىرگە باي ھېكايىلەر، ئاجايىپ مەنىگە ئىگە، گۇڭگا گۈزەللىك بىلەن تويۇنغان، پەلسەپىۋىلىككە باي شېئىرلار، ئىنساننىڭ نازۇك ھېسسىياتى، قەلبىنىڭ چوڭقۇر قاتلىمىنى ئىپادە قىلغان نادىر نەسىرلەر، دىرامما، كومېدىيە، كىنو سىنارىيىلىرى بارلىققا كەلدى. بۇنىڭ بىلەن ئەدەبىياتىمىزنىڭ رەڭدارلىشىش، تېخىمۇ بېيىش، كۆپ قاتلاملىشىشى ئىلگىرى سۈرۈلدى.

1990-يىللاردىن كېيىن، ئۇيغۇر ئەدەبىياتىنى دۇنياغا يۈزلەندۈرۈش مەسىلىسى ھەققىدە بىر قاتار پىكىر، مۇلاھىزىلەر بولدى. چەتئەللەرنىڭ مەمەت ئاۋاق، تىنچ دون، قىيامەت، ئەسىردىن ھالقىغان بىر كۈن، يۈز يىل غېرىبلىق، ئاننا-كارېننا، دوختۇر رىۋاگو، قەلئە، ئەلۋىدا قۇرال قاتارلىق دۇنياۋى ئەسەرلىرى تەرجىمە قىلىپ تونۇشتۇرۇلدى. پۇشكىن، تاگور، توماس ئېلىيوت قاتارلىق دۇنياۋى شائىرلار، ئايتماتوف، كافكا، گارسىيە ماركوس قاتارلىق دۇنياۋى يازغۇچىلار، نۇرغۇن ئەدەبىيات ئېقىملىرى، ئەدەبىي ئۇسلۇبلار تونۇشتۇرۇلدى.

بۇنىڭ بىلەن ئۇيغۇر ئەدەبىياتىنىڭ دۇنيا ئەدەبىياتى بىلەن بولغان سۆزلىشىشى نىسبەتەن ياخشى كۆلەمگە ئىگە بولدى. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، يەنە ئەدەبىياتىمىزدا ئۇيغۇر ئەدەبىياتىنى قانداق قىلىپ دۇنياغا يۈزلەندۈرۈش كېرەك، ئۇيغۇر يازغۇچىلىرىدىنمۇ تاگور، نەجىب مەھبۇز، كاۋاباتا ياسۇنارى، ئورخان پامۇك، مويەنگە ئوخشاش نوبېل ئەدەبىيات مۇكاپاتىغا ئېرىشىدىغان يازغۇچىلار چىقامدۇ-يوق دېگەنگە ئوخشاش مەسىلىلەر ئۈستىدە بەس-مۇنازىرە بولدى.
ئۇيغۇر ئەدەبىياتىنىڭ ئاساسىي قاتلىمىنى ھاسىل قىلىپ تۇرۇۋاتقان پىروزا بىلەن شېئىرىيەتتە ھەقىقەتەن زور نەتىجىلەر قولغا كەلتۈرۈلدى. ئۇيغۇر ئەدەبىياتىدا بۆسۈش خاراكتېرلىك نەتىجە ياراتقان بىر مۇنچە ئەسەرلەر، مەسىلەن، ئۆتكۈر ئەپەندىنىڭ «ئىز ئويغانغان زېمىن» رومانلىرى، زوردۇن سابىرنىڭ «ئانا يۇرت» تىرىلوگىيىسى، ياسىنجان سادىق چوغلاننىڭ «جاللات خېنىم»، «باھادىرنامە» رومانلىرى، ئابدۇۋەلى ئەلىنىڭ «تۇغلۇق تۆمۈرخان» رومانلىرىدا، بىر تارىخىي دەۋرنىڭ مۇرەككەپ ئارقا كۆرۈنۈشى، بىر قاتار شەخسلەرنىڭ تىراگېدىيىلىك پاجىئەسى، مىللىي روھىيەت، ئىجتىمائىي، مەھەللىۋى تەپەككۇرى ئاجايىپ ئاممىباب، چۈشىنىشلىك تىل بىلەن ئىپادىلىنىپ، ئوقۇرمەنلەرنىڭ يۈرەك تارىنى تىترىتىدۇ. مەمتىمىن ھوشۇرنىڭ «قۇم باسقان شەھەر» رومانىدا، ئۇيغۇرلارنىڭ نەچچە ئەسىرلىك ئەدەبىيات خەزىنىسى ئارقىلىق، بۈگۈنگىچە يېتىپ كەلگەن مول ئېغىز ئەدەبىيات نەمۇنىلىرىدىن بولغان ئەپسانە-رىۋايەت، چۆچەكلەر ئارقىلىق، مىللەتنىڭ تۈرلۈك خاراكتېرى، ئۆزگىرىشچان پىسخىكىسى، چۆل بىلەن خاراكتېرلەنگەن قۇرغاق، چاڭقاق روھىي دۇنياسى، مەئىشەتكە، مال-دۇنياغا ئۆزىنى ئۇرۇش خۇسۇسىيىتى ئاجايىپ ماھىرلىق بىلەن ئىپادىلەنگەن. روماندىكى چۆچەكسىمان قۇرۇلما ھەرگىزمۇ بىزگە يات، زېرىكىشلىك تۇيۇلمايدۇ، ئۇنىڭدىكى ۋەقەلىكتە سۈنئىي، زورۇقۇپ يېزىلغان تەپسىلاتلارنى ئۇچراتقىلى بولمايدۇ. ھەممىسى ئۇيغۇر تۇرمۇشى. بىز ئۇنىڭدىكى تىللا تۇغىدىغان چۆچەك، بىر تىللانىڭ يەرگە چۈشۈپ ئىككى بولۇپ قېلىشىدىن ھەرگىز ئەجەپلىنىپ كەتمەيمىز، بەلكى ئاشۇنداق بىر خاسىيەت تۇرمۇشىمىزدا بار دەپ ھېس قىلىمىز، مانا بۇ دەل بىزنىڭ سېھرىي تەركىبكە باي، مول خەلق ئېغىز ئەدەبىياتى بىلەن ئوزۇقلانغان مىللىي تۇرمۇشىمىز، روھىي دۇنيايىمىز، مىللىي خاسلىقىمىز، پىسخىكىمىز، ئىنتىلىشچان تەپەككۇرىمىزنى ئىپادىلەپ بېرىدۇ. مەمتىمىن ھوشۇر ئۆزىنىڭ ئىزدىنىشكە باي قەلبى ئارقىلىق، بىزگە بىر يېڭى ئەدەبىي ئىجادىيەت يولى، يەنى مول ئۇيغۇر خەلق ئېغىز ئەدەبىياتى خەزىنىسىنى كۆرسىتىپ بەردى. بۇ ھەقىقەتەن مول، رەڭدار، بىباھا ئەڭگۈشتەر. روماندىن بىر تۇرۇپ «يۈز يىل غېرىبلىق»تىكى سېھرىي تەركىبلەرنىڭ مەلۇم جەھەتتىكى ئوخشاشلىقى كەلسە، تۇرۇپلا چەكسىز تەكلىماكان ۋادىسىدىكى چاڭقاق روھى بىلەن يىراقتىكى ئالۋۇنغا تەلمۈرۈپ قاراپ تۇرغان چۆل ئوغلى بارلىققا كېلىدۇ. بۇ ۋاقىتتا بىز ئىختىيارسىز لاتىن ئامېرىكىسىدىكى ئەدەبىيات تەتقىقاتچىسى ئانھېل رامانىڭ «بارلىق بۈيۈك ئەدەبىي ئىجادىيەتلەرنىڭ ھەممىسى چەتئەل ئەدەبىياتىنىڭ مۇۋەپپەقىيەتلىرى بىلەن ئۆز ئەدەبىياتىنىڭ ئۇچرىشىش نۇقتىسىدا تۇرغان بولىدۇ» دېگەن مەشھۇر سۆزىنى ئەسكە ئالىمىز.

توختى ئايۇپنىڭ «بۆرە ئانا» رومانىنى ئوقۇغاندا، روماندا ئايتماتوفنىڭ رومانلىرىدا تەسۋىرلىگەن دالىلاردىكى بىر جۈپ بۆرىگە ئوخشاش بۆرىنى كۆرىمىز، ئەمما روماندىكى بۆرە توختى ئايۇپ ياشىغان تەڭرىتاغ ۋادىسىدىكى بۆرە ئىدى. ئۇ يەردە ياشاۋاتقانلار بىزنىڭ خەلقىمىز ئىدى، چۈشكۈنلىشىۋاتقان، ئادەم بىلەن تەبىئەت يىراقلىشىپ كېتىۋاتقان، ئىنسان بىلەن تەبىئەتنىڭ مەڭگۈلۈك دىيالوگى، ھايۋانلار بىلەن ئىنسانلارنىڭ ئۆز ئارا تايىنىشچانلىقى ئاجىزلىشىۋاتقان رېئاللىق بولسا بىزنىڭ رېئاللىقىمىز ئىدى، دېمەك روماندىن ئۇيغۇرچە پۇراق چىقىپ تۇرىدۇ.

ئۇيغۇر كىتابخانلىرىنىڭ قەلبىنى لەرزىگە سالغان «ئانا يۇرت» رومانىمۇ تۇرمۇش چىنلىقىنىڭ ئاجايىپ قايىل قىلارلىق دەرىجىدە ئىپادىلەنگەنلىكى، ئۇنىڭدىكى پېرسوناژلارنىڭ ئۆزىگە خاس ئالاھىدىلىكلىرىنىڭ ئۆزگىچىلىكى بىلەن بىزنى ھەقىقەتەن جەلپ قىلىدۇ. ئۇنىڭدىكى مىللىي تىل خەزىنىسى، تەپەككۇر چوڭقۇرلۇقى، پەلسەپىۋى قاتلىمى، مىللىي پىسخىكا، ساددا، جۇشقۇن، سەمىمىي ئەخلاق، ھەقىقىي ئەركەك خاراكتېر-ئۇنىڭ بىر تىرىلوگىيىلا ئەمەس، بەلكى بىر مەدەنىيەت قامۇسى بولۇش ئالاھىدىلىكىنى ھازىرلىغان.

«سالغا تېشى»، «قەشقەردىكى يەر شارى»، «ئەركەكلەر، قېنى سىلەر»، «توزغاق»، «شەرق تىلى»، «ئايسىز ئايدىڭ» قاتارلىق شېئىرلاردا، قەدىمكى ساددا، ساپ ئېتىقاد، ئەل قەلبىدىكى سۈزۈك روھىيەت، ھەقىقىي، ئەركەك خاراكتېر، گۈزەل ئەخلاق دۇنياسى، تەپەككۇر خەزىنىسى چاقناپ تۇرىدۇ شۇنداقلا يەنە ئۇلاردىن ناۋائىنىڭ تەپەككۇرى، جىبراننىڭ ھېسسىياتى، تاگورنىڭ بالىلارچە تەسەۋۋۇرى، ئېلىيونىڭ باياۋاندىكى ئازابى، يېسنىننىڭ قارلىق دالىدىكى ھەسرىتى گۈپۈلدەپ پۇراپ تۇرىدۇ.

دېمەك، ئەدەبىياتىمىز بۈگۈنكى كۈندە تېخىمۇ رەڭدارلىشىپ، تىرەن، چوڭقۇر پىكىرگە، پەلسەپىۋى قاتلامغا يۈزلىنىپ، ئۆزلۈكنى يېڭىلاش، روھىيەتنى قېزىش، ئۆزىنى قايتا تونۇش، ئىنسانىيەت ئۈچۈن ئورتاق تەپەككۇر قىلىش، تەبىئەت بىلەن ئىنساننىڭ دىيالوگىنى داۋاملاشتۇرۇش جەھەتلەردە بىر قاتار مۇۋەپپەقىيەتلەرگە ئېرىشتى شۇنداقلا مول، رەڭدار دۇنيا ئەدەبىياتى بىلەن تەسىرلەشكەن چەت مەنبەلىك ھەم ئۆز مەنبەلىك ئەدەبىيات خەزىنىمىزنى بارلىققا كەلتۈرمەكتە.

بىزنىڭ ئالدىمىزدىكى مۇھىم مەسىلە ئەدەبىياتىمىزنى تېخىمۇ رەڭدارلاشتۇرۇش، مۇكەممەللەشتۈرۈش بىلەن بىرلىكتە، يەنە ئۇنى ئېلىمىزدىكى باشقا مىللەت كىتابخانلىرىغا شۇنداقلا چەتئەل كىتابخانلىرىغا تونۇشتۇرۇپ، ئەدەبىياتىمىزنى دۇنياغا يۈزلەندۈرۈشتىن ئىبارەت. بۇنىڭ ئۈچۈن، ئۇيغۇر ئەدەبىياتى ئىشتىراكچىلىرىنىڭ مۇنداق بىر قانچە ئىشنى قىلىشىغا توغرا كېلىدۇ:
ئالدى بىلەن ئۆز ئانا تىلىمىزنى، مول خەلق ئېغىز ئەدەبىياتى خەزىنىمىز ۋە يازما ئەدەبىيات تەپەككۇرىمىزنى چوڭقۇر ئۆزلەشتۈرۈشىمىز؛ تىلنىڭ تىرەن مەنىلەر جاڭگىلىدىكى ھېكمەت ئوۋلىرىدىن چاقناپ تۇرغان ساماۋىي تەپەككۇر ئۈنچىلىرىنى قولغا چۈشۈرۈشىمىز كېرەك. مىللىي روھ بىلەن رەڭلەنگەن ئەدەبىيات تارىخىمىزدىكى يېتۈك ئەسەرلەرنى چوڭقۇر ئۆگىنىشىمىز، ئۇلار ھەققىدە سىستېمىلىق تەتقىقات ئېلىپ بېرىشىمىز لازىم. «قۇم باسقان شەھەر»، «سالغا تېشى»، «ئەركەكلەر، قېنى سىلەر»، «ئانا يۇرت»، «باھادىرنامە»گە ئوخشاش ئېسىل ئەسەرلەرنى تېخىمۇ كۆپلەپ مەيدانغا چىقىرىش ئۈچۈن، ئۇيغۇر مەدەنىيەت خەزىنىسى، مىللىي تەپەككۇرى، پەلسەپە بايلىقى بىلەن ئوزۇقلىنىشىمىز كېرەك. ئۇندىن كېيىن ئېلىمىزدىكى باشقا مىللەت ئەدەبىياتى ۋە چەتئەل ئەدەبىياتىدىكى مەشھۇر ئەسەرلەرنى سىستېمىلىق كۆرۈپ، مول ئەدەبىيات بىلىمى ھازىرلاپ، جۇڭگو ۋە چەتئەل ئەدەبىياتى بىلىملىرىدىن تولۇق خەۋەردار بولۇشىمىز لازىم. مۇنداقچە، ئېيتقاندا، ئېلىمىز ۋە دۇنيا ئەدەبىياتى بىلەن سۆزلىشىپ تۇرۇشىمىز كېرەك. دۇنيا ئەدەبىياتىدىكى تۈرلۈك ئەدەبىي ئېقىملار، ئەدەبىي ئۇسلۇبلار، ئىپادىلەش ئۇسۇللىرى، تەپەككۇر يوللىرى بىلەن تونۇشۇپ، ئۆزىمىزگە خاس يېڭىچە يول تېپىش ئۈستىدە ئىزدىنىشىمىز كېرەك. لاتىن ئامېرىكىسى يازغۇچىلىرى غەرب مودېرنىزم ئەدەبىياتىنى ئۆگىنىپ، كېيىن ئۆزىگە، يەنى لاتىن ئامېرىكىسى رېئاللىقىغا خاس سېھرىي رېئالىزم ئەدەبىياتىنى بارلىققا كەلدى. بىزدىمۇ ئەنە شۇ لاتىن ئامېرىكىسى خەلقى ئارىسىدىكى سېھرىي تەركىبلەر ناھايىتى مول. ئەنە شۇنىڭغا ئىچكىرىلەپ كىرىپ، مول ئەدەبىيات بايلىقىنى قېزىپ چىقىشىمىز لازىم. ئاندىن كېيىن ئىككى تىل، يەنى ئانا تىلىمىز بىلەن دۆلەت تىلى بولغان خەنزۇ تىلىدا ياكى كۆپ خىل تىلدا، مەسىلەن، قېرىنداش مىللەتلەردىن قازاق، قىرغىز، ئۆزبېك، تاتار تىللىرىدا شۇنداقلا ئىنگىلىز قاتارلىق دۇنياۋى تىللاردا ئەسەر يېزىشقا تېرىشىشىمىز كېرەك. ئايتماتوف دۇنياغا داڭلىق يازغۇچى. ئۇنىڭ بۇنداق شۆھرەتكە ئېرىشىشى ھەم ئۆز خەلقىنى دۇنياغا تونۇتۇشىنى ئۇنىڭ ئۆزلۈكسىز ئىزدىنىش، يېڭىلاش جەريانىنى باشتىن كەچۈرۈشى بىلەن بىللە يەنە ئانا تىلىدىن باشقا، بىۋاسىتە رۇس تىلىدا ئەسەر يازغانلىقىدىن ئايرىپ قارىغىلى بولمايدۇ.
گارسىيە ماركوس، تاگور قاتارلىقلارمۇ ئۆز ئانا تىلىدا ۋە دۇنياۋى تىللاردا ئەسەر يېزىپ، ئۆز تەپەككۇرىنى، مەدەنىيەت خەزىنىسى، پەلسەپىۋى بايلىقىنى دۇنياغا نامايان قىلدى. ئۇيغۇر ئەدەبىياتى ۋە ئۇيغۇر ئەدەبىياتىنىڭ تۆھپىكارلىرى بولغان يازغۇچى، شائىرلىرىمىزنىڭ بۇرچى-ئۆزىمىزنىڭ تەپەككۇر بايلىقى، پەلسەپە خەزىنىسىنى ئېلىمىز ئەدەبىيات ساھەسىگە، جۈملىدىن دۇنيا ئەدەبىيات مۇنبىرىگە نامايان قىلىش. ئەدەبىياتنىڭ ئەڭ زور ۋەزىپىسى-ئىنساننى تەربىيىلەش ۋە ئىنسانغا ئۆزىنى تونۇتۇش بولغانىكەن، ئەلۋەتتە، سۈزۈك قەلب، پاك ئېتىقاد، ساپ روھىيەت، تىرەن مەنىۋى تىندۇرما، ئۆزىگە خاس تەپەككۇر جۇغلانمىسى، ئوتلۇق ۋىجدان، ھەقىقىي غۇرۇر، يۈكسەك مەسئۇلىيەت ھازىرلىغان ئەدىبلىرىمىز دۇنيا ئەدەبىياتىغا يۈزلىنىش ئۈچۈن، ئۆزىنىڭ بىلىم قۇرۇلمىسىنى ھەر قايسى تەرەپلەردىن تېخىمۇ تولۇقلىشى ھەم روشەن ئۆتۈشمە خاراكتېرلىك ئەدەبىيات ئالاقىسى ئېلىپ بېرىشى كېرەك. دۇنيا ئەدەبىياتىنىڭ ئاجايىپ ئۇتۇقلىرىنى بېرىلىپ ئۆگىنىپ، ئۇنىڭ ئەڭ تىرەن، پايدىلىق تەرەپلىرىنى مىللىي ئەدەبىيات خەزىنىمىزنىڭ نەچچە ئەسىرلىك تەجرىبىسى ھەم روھىيەت تىندۇرمىسى بىلەن يۇغۇرساق، ئۇيغۇر ئەدەبىياتىنى تېخىمۇ يېڭى پەللىگە كۆتۈرۈپ، ئاجايىپ بەدىئىي مۇۋەپپەقىيەتلەرنى قولغا كەلتۈرەلەيمىز. مەرھۇم يازغۇچى مۇھەممەت باغراش ئىجادىيىتىدىكى ئۆزلۈكسىز يېڭىلاش، ئىزدىنىش سۆزىمىزنىڭ روشەن دەلىلى. شۇڭا بىز ھۆرمەتلىك شائىر، يازغۇچىلىرىمىزنىڭ ئۆز يەلكىسىدىكى مەڭگۈلۈك، ئۇلۇغۋار مەسئۇلىيەتنى ھەقىقىي مەنىسى، ھېكمىتى بىلەن چوڭقۇر ئادا قىلىشى، ئەدەبىياتىمىزنى دۇنيا سەھنىسىدە نامايان قىلىش ئۈچۈن تېخىمۇ كۆپ ئىجتىھات قىلىشى ۋە ئىجاد قىلىشىنى ئۈمىد قىلىمىز.

مەنبە: ۋەتىنىم مۇنبىرى

يازغۇچى ھەققىدە

ماقالە سانى : 54

ئاكادېمىيە ئورگان تورى ©

ئۈستىگە قايتىش