ئۇيغۇرچە    Uyghurche    Уйғурчә    Ortaq Türkçe   
  • 2018 - يىلى 25 - ئاۋغۇست ئىستانبۇلدىكى فاتىھ سۇلتان مەھمەت ۋەخپە ئۇنىۋېرسىتېتىدا «ئۇيغۇرلار دۇچ كېلىۋاتقان خىرىسلار ۋە ھەل قىلىش يوللىرى ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنى» ئۆتكۈزۈلىدۇ. ...
سىزنىڭ ئورنىڭىز: باشبەت » ئاكادېمىيە » ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلارغا ياتاق ياردىمى ھەققىدە ئۇقتۇرۇش

ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلارغا ياتاق ياردىمى ھەققىدە ئۇقتۇرۇش

ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسى ئىستانبۇلدا پائالىيەت ئېلىپ بېرىۋاتقان تۈركىيەنىڭ چوڭ ئىجتىمائىي جەمىئىيەتلىرىدىن ئىلىم يايما جەمىئىيىتىنى زىيارەت قىلغاندا، بۇ تەشكىلات ئۇيغۇرلارنىڭ نۆۋەتتىكى ئېغىر ۋەزىيىتىنى كۆزدە تۇتۇپ، ئۆزلىرىنىڭ خىزمەت دائىرىسىدە ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلارنىڭ ياتاق قىيىنچىلىقىغا ئەمەلىي ياردەم قىلىدىغانلىقلىرى ھەققىدە ۋەدە بەرگەن ئىدى.

ئىلىم يايما جەمىئىيىتى 1951-يىلى قۇرۇلغان بولۇپ، تۈركىيەنىڭ كۆپلىگەن ۋىلايەتلىرىدە 300 مىڭ ئوقۇغۇچى قېلىۋاتقان 174 ئوقۇغۇچىلار ياتىقى ۋە 172 شۆبىسى بار بولغان، تۈركىيە مائارىپىغا تۆھپە قوشىۋاتقان بىر چوڭ ئىجتىمائىي جەمىئىيەتتۇر.

ئىلىم يايما جەمىئىيىتى بىلەن ئېلىپ بارغان ھەمكارلىق نەتىجىسىدە، ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسى تۈركىيەنىڭ ھەر قايسى ۋىلايەتلىرىدە ئالىي مەكتەپلەردە ئوقۇۋاتقان ياتاق قېيىنچىلىقى بار قىز – ئوغۇل ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلارنىڭ ياتاق قېيىنچىلىقىنى ھەل قىلىۋېلىشى ئۈچۈن خالىسانە ۋاستىلىك ياردەمدە بولىدۇ.

ئىلتىماس قىلماقچى بولغان ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلارنىڭ تۆۋەندىكى ماتېرىياللارنى 6-ئاينىڭ 17-كۈنىگىچە تەمىنلەپ بېرىشى تەلەپ قىلىنىدۇ.

1. ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلار ئۈچۈن «ئوقۇغۇچىلار ياتاق ئىلتىماس جەدېۋىلى» Yurt Yardımı Başvuru Formu (ئوقۇغۇچىلار بۇ تۈركچە يېزىق ئۈستىگە بېسىپ، ئىلتىماس جەدىۋېلىنى چۈشۈرۈپ تولدۇرۇپ، بېسىپ چىقىرىپ ئىمزا قويۇپ تاراپ ئەۋەتىپ بەرسە بولىدۇ. )
2. ئوقۇشىنى داۋاملاشتۇرۋاتقانلىقى ھەققىدىكى ئىسپات (Öğrenci Belgesi) (ئەسكەرتىش: ئوقۇغۇچىلىق ئىسپاتى چوقۇم ئاخىرقى 3 ئاي ئىچىدە ئېلىنغان بولۇشى كېرەك.)
3. مەكتەپتىكى دەرس نەتىجىسى (ئەڭ يېڭى نۇسخىسى)
4. پاسپورت ياكى ئىقامەت كۆپەيتىلمە نۇسخىسى
5. قىسقىچە تەرجىمىھالى (ئۇيغۇرچە ۋە تۈركچە ئىككى نۇسخا تەييارلىنىشى كېرەك)
6. ياتاق ياردىمىگە ئېرىشكەندە، ئىلىم يايما ياتاق قائىدەلىرىگە بوي سۇنىدىغانلىقى ھەققىدە ئەھدىنامە. (ئەھدىنامە ئۇيغۇرچە ۋە تۈركچە بىرلا بەت قىلىپ يېزىلىشى كېرەك).

ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلار ياتاق ئېلتىماسى قوبۇل قىلىش ئېلخېتى: memtilitewpiq@gmail.com
يانفۇن: 905306677851+ ياكى 905063845639+

ئىلتىماس قۇبۇل قىلىش ئاخىرقى ۋاقتى: 2018 – يىلى 6 – ئاينىڭ 17 – كۈنىگىچە
يۈز تۇرانە ئىمتىھان ۋاقتى: 2018 – يىلى 6 – ئاينىڭ 23 – كۈنى ئەتىگەن سائەت 9:00 دا. (ئەسكەرتىش: ئوقۇغۇچىلار يۈز تۇرانە ئىمتىھانغا چوقۇم ئېلخەتتىن ئەۋەتكەن ماتېرىياللارنىڭ ئەسلىسىنى ياكى بىر نۇسخىسىنى ئېلىپ ۋاقتىدا كېلىشى تەلەپ قىلىنىدۇ.)

ئىستانبۇلنىڭ سىرتىدىكى باشقا شەھەرلەردىن ئىلتىماس قىلغان ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلار 6-ئاينىڭ 23-كۈنى ئىستانبۇلدىكى يۈز تۇرانە ئىمتىھانغا كەلمىسىمۇ بولىدۇ. ئۇلاردىن تېلىفۇن ئارقىلىق ئوقۇش ۋە تۇرمۇش مەلۇماتى ئېلىنىدۇ.

يۈز تۇرانە ئىمتىھان ئورنى: ئۇيغۇر ئاكادېمىيسى ئىشخانىسى (چاپا ترامۋاي بىكىتى يېنىدا)

Adres: Şehrimeni Mah. Börekçi Veli Sok. No: 38/4  Fatih, Istanbul

– ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسى مەمتىلى تەۋپىق فوندى

يازغۇچى ھەققىدە

ماقالە سانى : 1181

ئاكادېمىيە ئورگان تورى ©

ئۈستىگە قايتىش