ئۇيغۇرچە    Uyghurche    Уйғурчә    Ortaq Türkçe   
  • 2017- يىلى 11- ۋە 12- نويابىردا ئىستانبۇلدىكى فاتىھ سۇلتان مەھمەت ۋەخپە ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ فاتىھتىكى مۇدىرىيەت بىناسىدا «ئۇيغۇر مەدەنىيىتى تەتقىقاتى» ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنى ئۆتكۈزۈلىدۇ. ۋاقتىدا
سىزنىڭ ئورنىڭىز: باشبەت » ئومۇمى » مەشھۇر تارىخشۇناس – موللا مۇسا سايرامى

مەشھۇر تارىخشۇناس – موللا مۇسا سايرامى

Email this to someoneTweet about this on TwitterShare on LinkedIn0Print this pageShare on Facebook0Share on Google+0

ئابدۇقەييۇم مەمتىمىن
موللا مۇسا بىننى موللا ئەيسا خوجا سايرامى 1836 – يىلى 8 – ئاينىڭ 23 – كۈنى باي ناھىيىسىگە قاراشلىق سايرام رايونى ئانىقىز يېزىسى توغايلا مەھەللىسى (ھازىرقى توخسۇن يېزىسىنىڭ 4 – كەنتى) دە دىنىي ئۆلىما ئائىلىسىدە دۇنياغا كەلگەن. ئۇنىڭ دادىسى موللا ئەيسا خوجا بىننى موللا ئېزىزخان خوجا خېلى يۇقۇرى دىنىي مەلۇماتقا ئىگە كىشى بولۇپ، سايرام رايونى بويىچە ئۆز زامانىسىنىڭ ئۇقۇمۇشلۇق، ھۆرمەت ۋە ئابرويغا ئىگە خەلقپەرۋەر مۆتىۋەرلەرنىڭ بىرى ئىدى. موللا ئەيسا تۇنجى ئوغلى موللا مۇسانىڭ ئىستىقبالىغا ناھايىتى كۆڭۈل بۆلۈپ ، ئۇنى ياخشى ئەخلاق ۋە خۇلق – مىجەز بىلەن تەربىيىلىگەن. كىچىكىدىنلا ئەقىللىق، ھۇشيار، چېچەن چوڭ بولغان موللا مۇسا ئاتىسىنىڭ تەربىيىسىنى ناھايىتى ياخشى قوبۇل قىلغان. شۇڭا، ئاتىسى ئەمدىلا 7 ياشقا كىرگەن موللا مۇسانى سايرام مەدرىسىگە ئوقۇشقا بەرگەن، موللا مۇسا ئۇستازلىرى ۋە دادىسىنىڭ ياردىمى بىلەن بىرقانچە يىلدىلا چىرايلىق ھۆسنىخەت يازالايدىغان، ھەپتىيەكنى ۋە سوپى ئاللايار، ناۋايى شېئىرلىرىنى يادقا ئوقۇيالايدىغان سەۋىيەگە يېتىپ، ساۋاقداشلىرى ۋە جامائەتچىلىك ئىچىدە «بالا موللا» نامى بىلەن شۆھرەت قازانغان .
1847 – يىلى 9 – ئايدا ، موللا مۇسا ئەمدىلا 11 ياشقا كىرگەندە، دادىسى ئۇنى يەتتە شەھەر بويىچە چوڭ ئوقۇش يۇرتلىرىنىڭ بىرى بولغان كۇچادىكى ساقساق مەدرىسىگە ئوقۇشقا ئاپىرىپ بەرگەن، موللا مۇسا بۇ مەدرىسىدە ئەينى زاماندىكى ئۇيغۇر ئالىمى موللا ئوسمان ئاخۇنۇمنىڭ تەربىيىسىدە قۇرئان، ھەدىس، تارىخ، ئەدەبىيات، ئاسترونومىيە، كالېندارچىلىق، گرامماتىكا، ماتېماتىكا پەنلىرىنى ئوقۇش بىلەن بىللە، ئەرەب، پارىس، ئوردو تىللىرىنىمۇ ئىجتىھات بىلەن ئۆگىنىپ، كۇچا بويىچە تېزلا شۆھرەت قازىنىپ، كەڭ جامائەتچىلىككە تونۇلغان. ئۇنىڭ جامائەتچىلىككە تونۇلۇشىغا پاراسەتلىك بىلەن قىلغان مۇنداق بىر ئىشى سەۋەب بولغان: موللا مۇسا ساقساق مەدرىسىدە ئوقۇپ يۈرگەن كۈنلەرنىڭ بىرىدە، بىر باي سودىگەر مەدرىستىكى تالىپلارغا ئاز – تولا بىر نەرسە «سەدىقە» قىلىدۇ. ئۇ چاغدا موللا مۇسا مەدرىسىدە بولمىغانلىقتىن، ئۇنىڭغا بېرىلمەيدۇ. بۇ ئىش ئۆتۈپ ئىككى – ئۈچ كۈندىن كېيىن، موللا مۇسا مەدرىسىگە كېلىدۇ. ساۋاقداشلىرى ئۇنىڭغا ئەھۋالنى ئېيتىپ، سودىگەرنىڭ يېنىغا بېرىپ بېقىشنى، بىر نەرسە بەرسە ئاز بولسىمۇ ئېلىپ تۇرمۇشىغا سەرپ ئېتىشنى تەۋسىيە قىلىدۇ. موللا مۇسا خەلپەتلىك مەزگىلىدىكى تۇرمۇش قىيىنچىلىقى تۈپەيلىدىن، بىر ساۋاقدىشىنى ھەمرا قىلىپ ھېلىقى باينىڭ ئالدىغا بارىدۇ. سالام – سائەتتىن كېيىن، باي :- ھە ، كېلىڭ خەلپەت، بۇ ياققا كەپسىز، بىرەر ئىشقا كەلگەنمىدىڭىز؟ – دەپ سورايدۇ. موللا مۇسا كېلىش مەقسىتىنى بايان قىلغاندىن كېيىن، باي ئۇنى مەسخىرە قىلغان ھالدا كۆرەڭلىك بىلەن: بېرىدىغان سەدىقىمىز تۈگەپ قالدى، سىز كېچىكىپ قاپسىز، كېلەر يىلى قايتا كېلىڭ، – دەيدۇ . باينىڭ بۇ گېپىدىن دىلى ئازار يىگەن موللا مۇسا گەپ – سۆز قىلماي چىقىپ كېتىدۇ ۋە ئۇدۇل بىر دۇكانغا كىرىپ، ئىككى تاختا سامان قەغىزى سېتىۋېلىپ، باينىڭ بۇ رەزىللىكىنى سۆكىدىغان بىر شېئىر يېزىپ رەستىگە چاپلاپ قويىدۇ. بۇ ئىش شۇ ھامان كۇچا شەھىرىنى زىلزىلىگە كەلتۈرىۋېتىدۇ. باي بۇ ئىشتىن خەۋەر تاپقاندىن كېيىن، ئۆزىنىڭ قىلغان قىلىقىغا قاتتىق پۇشايمان قىلىپ، نۇرغۇن سوۋغا – سالام بىلەن موللا مۇسانىڭ ئالدىغا كېلىپ، تىزلىنىپ ئولتۇرۇپ كەچۈرۈم سورايدۇ. شۇنىڭ بىلەن ، موللا مۇسانىڭ داڭقى يىراق – يېقىنغا تارىلىپ كېتىدۇ. بۇ موللا مۇسانىڭ 16 – 17 ياش ۋاقىتلىرى بولسىمۇ، بۇ ئىش ئۇنىڭ ئىززەت ئابرويىنى ئاشۇرېۋىتىدۇ (ئەپسۇسكى ، بۇ شېئىردىن بىرەر مىسرامۇ ساقلىنىپ قالمىغان). موللا مۇسا 1854 – يىلى كۇچادىن ئۆز يۇرتى سايرامغا قايتىپ كېلىپ، سايرام مەدرىسىسىدە مۇدەررىسلىك قىلىدۇ.
ئۆز ۋاقتىدا سايرام مەدرىسىسىمۇ خېلى چوڭ، داڭلىق مەدرىسلەرنىڭ بىرى بولۇپ ، يېقىن ئەتراپتىكى يېزا – قىشلاقلاردىن تالىپلار كېلىپ ئىلىم تەھسىل قىلاتتى. سايرام كىچىك يۇرت بولسىمۇ، جەنۇبىي ئۇيغۇر ئىلى بويىچە قەشقەر، كۇچا قاتارلىق يەتتە شەھەردىن قالسىلا خېلى نامى بار، ئىلىم ئەھلىلىرى كۆپ، مەرىپەتپەرۋەر كىشىلەر توپلاشقان ھەم يىپەك يولىنىڭ مەركىزىگە جايلاشقان، كىشلەرنىڭ ئاغزىدا شەھەر نامى بىلەن ئاتىلىدىغان جاي ئىدى. شۇڭا سايرامنىڭ نامى ھەرقاچان بايدىن بۇرۇن تىلغا ئېلىناتتى (ھازىرمۇ سايرام ۋە سايرامغا قوشنا يېزىلارنىڭ كىشىلىرى باي ناھىيە بازىرىنى باي بازىرى، سايرامنى سايرام شەھىرى دەپ ئاتىشىدۇ) بۇنىڭغا بەلكىم ئەينى ۋاقىتلاردا سايرام ئەمەلدارلىرىنىڭ ئاقسۇ، كۇچا ئەمەلدارلىرى مەرتىۋىدە ئوخشاش بولغانلىقى سەۋەپ بولغان بولسا كېرەك. «تارىخىي ھەمىدى» دە …. «خاقانى چىن مەنسەپدارلىرى ئەمىرلەر ئۇرۇقىدىن بولغان بىر كشىدىن: بۇ ئادەملەرنى قانداق قىلسا خانغا تەۋە بولۇپ خىزمىتىنى قىلىدۇ، دەپ سوراپتۇ، ئۇ : بۇ ئادەملەر مېنىڭ سۆز ۋە بۇيرۇقۇمدىن چىقمايدۇ. ماڭا چوڭ مەنسەپ بەرسىڭىز، مەن ئۇلارنى ئۇلۇغ خانغا تەۋە قىلىپ بېرەي، دەپ جاۋاپ بېرىپتۇ. خاقانى چىن مەنسەپدارلىرى بۇنى ماقۇل كۆرۈپ، خانغا مەلۇم قىلىپ، ئۇنىڭغا ئاقسۇ ، كۇچانىڭ ھاكىملىرى بىلەن ئوخشاش دەرىجىدە ئۇچىنچى جەرەكەلىك مەنسەپ بېرىپتۇ  شۇڭلشقا، سايرامنىڭ ھاكىملىرى بۇرۇندىنلا ئاقسۇ، كۇچانىڭ ھاكىملىرى بىلەن جەرەكە ۋە مەرتىۋىدە باراۋەر ئىدى. لېكىن، ئۇلارغا قارىغاندا، پۇقرا ئاز ۋە يۇرتى كىچىك ئىدى» دېيىلگەن .
«سايرام» دېگەن نام ۋە موللا مۇسانىڭ ئۆزىنى «سايرامى» دەپ ئاتىشىغا كەلسەك ، يەنە شۇ شاھنامە ئەسەردە مۇنداق مەلۇماتلار بار: « .. قۇنتەيجى … سايرامغا يېنىپ بېرىپ ، بۇ جاينى ئىككىنچى قېتىم بېسىۋېلىپ ، پىر نەچچە ئادەمنى ئۆلتۈرۈپ ، تالان – تاراج قىلىپتۇ . بۇ چاغدا سايرام ئەھلى خوجا ئۇرۇقى ، شاھ ئۇرۇقى ، ئەمىر ئۇرۇقى دەپ ئۈچ قەبىلە ياكى ئۈچ ئۇرۇقتىن ئىبارەت ئىكەن . قۇنتەيجى بۇ ئۈچ ئۇرۇقنىڭ ئېسىل ۋە كاتتىلىرىنى تاللاپ، ھەر ئۇرۇقتىن يىگىرمە ئۆيلۈكتىن ئاتمىش ئۆيلۈك ئادەمنى ئەھلى ئاياللىرى ۋە بالا پەرزەنتلىرى بىلەن ئاق ئۆيلۈك قىلىپ كۆچۈرۈپ ، ئۆز يۇرتى ئىلىغا ئېلىپ كەپتۇ. ئۇلارنى بۇ جايدا بىر يىل ئەتراپىدا تۇرغۇزۇپ، ئاندىن تۇرپانغا ئەۋەتىپتۇ. ئۇلار تۇرپاندا ئىككى يىلغىچە تۇرۇپتۇ. بۇ كۈنلەردە قۇنتەيجى يوقلۇق ماكانىدىن ئورۇن ئېلىپتۇ ۋە خاقان لەشكەرلىرىنىڭ ئىلى بىلەن ئالتە شەھەرگە كەلگەنلىك خەۋىرى ئاڭلىنىپتۇ. بۇ 60 ئۆيلۈك ئادەم ئەمدى ئۆز يۇرتىمىزغا كەتسەك بولىدىكەن دەپ، ھەدىستە «ۋەتەننى دوست بىلگەنلىك ئىماندۇر» دەپ كۆرسىتىلگىنىدەك، ئۆز يۇرتىغا كېتىپ قوۋم – قېرىنداشلىرىغا يېتىش ئارزۇ – ئىشتىياقى بىلەن تۇرپاندىن قوزغىلىپ مۇز داۋانغا كەلگەندە، چىن خاقان چېرىكلىرىنىڭ باشچىسى ئۇچراپ : « سىزلەر نىمە ئادەم دەپ ؟ » دەپ سورغاندا ، ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ ئەرز – ھالىنى بايان قىلىپتۇ . چېرىكلەرنڭ باشچىسى شەپقەت يۈزىسىدىن « ئۇلۇغ خاننىڭ چېرىكلىرى كەلدى، يوللار قالايمىقان، يۇرتلار تىنجىپ بولغىچە دېھقانچىلىق بىلەن كۈن ئېلىپ تۇرۇڭلار» دەپ باھانە – سەۋەب كۆرسىتىپ، كېتىشكە يول قويماي، ياقا ئېرىق دىگەن جايغا ئېلىپ كېلىپ ئورۇنلاشتۇرۇپ قويۇپتۇ . ئۇلار بۇ يەردىمۇ بىرنەچچە يىل تۇرۇپ ، ئاخىر باي تەۋەسىگە بېرىپ ئورۇنلىشىپتۇ . بۇ يەردىمۇ بىر مەزگىل تۇرۇپ يەنىلا كۆنەلمەي ، تاغ ئېغىزى ۋە كەڭرى جاي ئىكەن دەپ ئۇشبۇ سايرامغا كېلىپ توختاپ قاپتۇ . ئۇلار ئەسلىدە ، تاشكەنتنىڭ سايرام دېگەن جايىدىن كەلگەنلىكى ئۈچۈن ، باشقىلار ئۇلارنى « سايرامى » دەپ ئاتاپتۇ . دەرۋەقە ، سايراملىق پىشقەدەملەر ھازىرغىچە : بىزنىڭ ئەسلى يۇرتىمىز تاشكەنتنىڭ سايرامى ، بۇ – كۆچكەن سايرام ، دېگەن گەپلەرنى قىلىپ قويىدۇ . ئالىم مۇشۇ مەشھۇر ئەسىرىدە ، ئۆز نەسەبى ھەققىدە يەنە مۇنداق مەلۇماتلارنى بېرىدۇ: …. خوجا ئۇرۇقى دېگەنلەر ئۆزىنى ئەلەۋىلەر يەنى ئەلى كىرە موللا ۋەجھۇ بىلەن نەسەپداش ھېسابلاپ ، بىز ئۇنىڭ ئەۋلادى بولىمىز دەپ پەخىرلىنىدۇ . كەمىنە مەنمۇ ئۇشبۇ ئۇرۇغدىن بولىمەن . ئاتا – بوۋىمىزدىن قالغان خۇش مۇبارەك شەجىرە ھازىرمۇ مەۋجۈت بولۇپ، مەن ئۇنى تەۋەررۈك قىلىپ ساقلىماقتىمەن. «تارىخى ھەمىدى» دە قەيت قىلىنىشىچە ، خوجا ئۇرۇقىغا بېرىلگەن ئالىي يارلىق نىشانى 1538 – يىلى موللا مۇسا سايرامىنىڭ 12 – بوۋىسىغا بېرىلگەن بولۇپ، موللا مۇسا مۇشۇ ئەسەرنى يازغىچە تەۋەررۈك قىلىپ ساقلاپ كەلگەن ۋە كىتابقا كىرگۈزگەن.
بۇ دەۋر چىڭ سۇلالىسىنىڭ چېرىك ۋە ئىستېدات سىياسىتى ئەۋجىگە چىققان، يۇرت ۋە پۇقرالار سىياسىي، ئىقتىسادىي ۋە مەدەنىيەت جەھەتلەردىن خارابلىشىپ ياشاش ئىمكانىيىتى قالمىغان، مەملىكىتىمىزنىڭ ھەممىلا يېرىدە چىڭ ئەكسىيەتچى ھاكىمىيىتىگە قارشى چوڭ – كىچىك خەلق قوزغىلاڭلىرى كۆتۈرۈلگەن دەۋر ئىدى. 1864 – يىلى 6 – ئايدا شىنجاڭنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا جۈملىدىن كۇچاردىمۇ ئۇيغۇر دېھقانلىرى ۋە قول – ھۈنەرۋەنلەرنىڭ چىڭ سۇلالىسىگە ۋە يەرلىك فېئوداللارنىڭ مىللىي زۇلمىغا قارشى كەڭ – كۆلەملىك دېھقانلار قوزغىلاڭلىرى پارتلايدۇ. قوزغىلاڭچىلار قوشۇنى كۇچادىكى چىڭ سۇلالىسى ئەمەلدارلىرىنى ۋە يەرلىك فېئوداللارنى تېزلا گۇمران قىلىپ ، ئۆز ھاكىمىيىتىنى تىكلەپ، راشىدىن خوجىنى خان قىلىپ سايلايدۇ. ئۇلار كۇچانى مەركەز قىلىپ ، شەرق ۋە غەرب تەرەپلەرگە ئەسكەر ئەۋەتىپ، ئۆز دائىرىسىنى كېڭەيتىشكە باشلايدۇ. شۇ ۋەجىدىن راشىدىنخان خوجا ئۆزىنىڭ تۇغقىنى بۇرھانىدىن خوجىنى باش قوماندان موللا مۇسا سايرامىنىڭ ساقساق مەدرىسىدىكى ئۇستازى، مەدرىسنىڭ باش مۇدەررىسى بايلىق موللا ئوسمان ئاخۇنۇمنى قوشۇننىڭ باش قازىسى، بۇرھانىدىن خوجىنىڭ كىچىك ئوغلى مەھمۇدىن خوجىنى ئاتىسىنىڭ ياردەمچىسى قىلىپ تەيىنلەپ ، 190 لەشكەر ۋە سەككىز زەمبىرەك بىلەن («تارىخى ھەمىدى» دە 168 لەشكەر 10 زەمبىرەك دىيىلگەن) سايرام، باي، ئاقسۇ قاتارلىق جايلارنى بويسۇندۇرۇشقا ئەۋەتىدۇ . بۇرھانىدىن خوجىنىڭ كىچىك ئوغلى مەھمۇدىن خوجا موللا مۇسا سايرامىنىڭ ساقساق مەدرىستە سەككىز يىل بىر ھوجرىدا يېتىپ – قوپۇپ بىللە ئوقۇغان ئەڭ يېقىن ساۋاقدىشى ۋە سۆھبەتدىشى ئىدى. مەھمۇدىن خوجا سايرامدا مۇدەررىسلىك قىلىۋاتقان ساۋاقدىشى موللا مۇسا سايرامىغا كۇچادا بولۇپ ئۆتكەن ئالەمشۇمۇل ئۆزگىرىشلەرنى تەپسىلى بايان قىلىپ خەۋەر بېرىدۇ ۋە ئۇنى تېزدىن كېلىپ بۇ قوزغىلاڭغا ئىشتىراك قىلىپ، ئۆزىگە ھەمدەم بولۇشقا دەۋەت قىلىدۇ. موللا مۇسا سايرامى ھېچبىر ئىككىلەنمەستىن، ئۆز يېقىنلىرى ۋە دوستيار – ئاغىنىلىرىنى باشلاپ كۇچاغا ماڭىدۇ ۋە قوزغىلاڭچىلار بىلەن كۇچادا ئۇچرىشىدۇ. موللا مۇسا سايرامى سايرام مەدرىسىدە 8 – 10 يىل مۇدەررىسلىك قىلىش جەريانىدا، ئۆزىنىڭ ئېسىل ئەخلاق – پەزىلىتى، ياخشى خۇلق – مىجەزى، چىقىشقاقلىقى ۋە ئۆتكۈر زېھىنلىكى بىلەن كەڭ جامائەتچىلىككە تونۇلغان بولغاچقا ، مۇشۇنداق بىر ئاتاغلىق ئىلىم ئەھلىنىڭ بۇ خەلق قوزغىلىڭىغا ئۆز ئىختىيارلىقى بىلەن ئىشتىراك قىلغانلىقىنى كۆرگەن سايرام ۋە باي خەلقى ئىشەنچلىك ھالدا ئارقا – ئارقىدىن كېلىپ، قوزغىلاڭچىلار قوشۇنىغا قاتىشىدۇ. بىر – ئىككى كۈن ئىچىدىلا قوزغىلاڭغا قىزىل، سايرام، بايدىن قاتناشقانلارنىڭ سانى 7 مىڭدىن ئېشىپ كېتىدۇ. موللا مۇسا سايرامى كۇچادا ئوقۇغان چاغلىرىدا، ھەرقايسى پەنلەردىن بىلىم ئىگىلەش بىلەنلا قالماي، ھەربىي ئىشلار ئىلمىنىمۇ پۇختا ئۆگەنگەندى، شۇڭا ئۇ ، قوزغىلاڭچى قوشۇن ئىچىدە ئۆز تالانتى ۋە ئىقتىدارى بىلەن تېزلا كۆزگە كۆرۈنۈدۇ ۋە چوڭ ئابرويغا ئېرىشىدۇ. ئەمگەكچى ئائىلىدە تۇغۇلۇپ ئۆسكەن موللا مۇسا سايرامى ھەر ۋاقىت خەلقنىڭ غېمىنى يەيدۇ، خەلق مەنپەئەتىگە پايدىلىق قانۇن – نىزاملارنى تۈزۈپ، ئېلان قىلىشقا مەسلىھەت بېرىدۇ.
1864 – يىلى 7- ئايدا قوزغىلاڭچى قوشۇن ئاقسۇ ۋە ئۇچتۇرپاننى ئىشغال قىلىدۇ. قوزغىلاڭچى قوشۇننىڭ ئۇچتۇرپاندىكى قوماندانى مەھمۇدىن خوجا ئۇچتۇرپاندا ھاكىمىيەت يۈرگۈزىدۇ. موللا مۇسا سايرامى بولسا، باش مىرزا ، مۆھۈردار ، خەزىنە باشقۇرغۇچى ۋە ئوردا قاراۋۇللىرىنىڭ نازارەتچىسى قاتارلىق ئىنتايىن مۇھىم ۋەزىپىلەرنى ئۆتەيدۇ . موللا مۇسا سايرامى ئەنە شۇنداق چوڭ ھوقۇق ۋە ئىمتىيازلارغا ئىگە بولۇپ ، قولىدا مالىيە ھوقۇقى بولسىمۇ ، لېكىن ئۆزىگە تېگىشلىكىگە شۈكرى قىلىپ ، ھەرگىز نەپسانىيەتچىلىك ، خىيانەتچىلىك قىلمايدۇ . ھەرقانداق ئىشنى ئاقىلانىلىك ۋە ئادىللىق بىلەن بېجىرىدۇ . بۇ تەپسىلاتلارنىمۇ ئالىمنىڭ « تارىخى ھەمىدى » دىن ئېنىق كۆرۈۋالغىلى بولىدۇ : « مەن كەمىنە مۇئەللىپ مەھمۇىدن خوجام پادىشاھنىڭ ھۇزۇرىدا دائىم بىللە بولىدىغان سىردىشى ئۈلپەتدىشى ئىدىم . خاھى ئۆلىما ، خاھى پازىل ، خاھى ھاكىم ، خاھى دادخاھلار مېنىڭ مەسلىھەتىمسىز بىر ئىش قىلالمايتتى » .. « پادىشاھنىڭ ھەممە مەخپىي گەپ – سۆز ۋە خەت ئالاقىلىرىگە ئەسرا ، ئوردىغا كىرىدىغان توققۇز قاراۋۇلغا مەسئۇل ئىدىم . مېنىڭ رۇخسىتىمسىز ھېچ قانداق كىشى قاراۋۇلدىن ئۆتەلمەيتتى » . ئەمدى مولل مۇسا سايرامىنىڭ نەپسانىيەتچىلىك ، پارىخورلۇق ، خىيانەتچىلىك ئىللەتلىرىدىن ئۆزىنى پاك تۇتقانلىقى توغرىسىدا مۇنداق بايانلار بار : « مانجۇلاردىن قالغان بۇغداي ئامبىرى ، بۇغداي ئۇنى ئامبىرى ، ئارپا ئامبىرى قاتارلىق ئۈچ خىل ئاشلىق ئامبىرىنى مېنىڭ باشقۇرۇشىمغا تاپشۇرغاندى . مەن ئاشلىق ئامبارلىرىنى باشقۇرۇشقا ئورنۇمدا ئۆز ئىنىم مۇھەممەت خەلىپىنى قويدۇم ( بۇ ئېھتىمال ، موللا مۇسا سايرامىنىڭ كىچىك دادىسىنىڭ ئوغلى بولسا كېرەك . چۈنكى ، موللا مۇسا سايرامىنىڭ ئۈچ ئىنىسى بولۇپ ، ھېچقايسىسىنىڭ ئىسمى مۇھەممەت ئەمەس ئىدى ) ……….. « مەن ئۆزەم بەلگىلەنگەن ئۆلچەمدىن تاشقىرى بىر سەر ئاشلىقنىمۇ ئارتۇق ئالمىدىم . ئىنىم مۇھەممەت خەلىپە بىلەن بىر ھويلىدا بولغانلىقىم ئۈچۈن ، بەزى چاغلاردا چىراغ يېغى ياكى شام لازىم بولۇپ قالسا ، بازار نەرخى ھېسابلاپ پۇل بېرىپ ئالاتتىم » …… ئاشخانا ، ئاتخانىلارغىمۇ ئۆلچەمدىن تاشقىرى ياغ ئىشلەتمىدۇق ياكى سېتىپ پۇلىنى يانچۇقىمىزغا سالمىدۇق . بۇ مېنىڭ پەرھىزكار ۋە تەقۋادارلىقىمدىنلا بولغان ئىش بولۇپ قالماي ، بەلكى ئىنساپ ، ئېھتىيات ۋە دىيانىتىمدىنمۇ بولدى . دېمەك ، موللا مۇسا سايرامى كەڭ مېھنەتكەشلەر ئاممىسىنىڭ قان – تەرى بەدىلىگە كەلگەن بايلىق ھېسابىغا راھەت – پاراغەت كۆرۈشنى راۋا كۆرمىگەن . ھەر ۋاقىت ئەمگەكچىلەر ئاممىسىنىڭ غېمىنى يېگۈچى بۇ زات شۇنچە يۇقۇرى مەنسەپ ، ئەۋزەل شارائىت ۋە ناز – نېمەتلەر ئىچىدە تۇرۇپمۇ ئۆزىنى پاك تۇتقان .
1867 – يىلى قوزغىلاڭچىلارنىڭ ئاقسۇ ۋە ئۈچتۇرپاندىكى ھۆكۈمىتى ياقۇپبەگ تەرىپىدىن ئاغدۇرلۇپ ، قوزغىلاڭچى قوشۇننىڭ كۆپ قىسىم باشلىقلىرى ئۆلتۈرىلىدۇ ۋە نەزەربەند ئاستىغا ئېلىنىدۇ .جۈملىدىن موللا مۇسا سايرامىمۇ بىر مەزگىل نەزەربەند ئاستىغا ئېلىنىدۇ . ئاخىرىدا يەنىلا ئۇنىڭ ئەقىل – پاراسىتى ۋە تالانت ئىقتىدارى ئۇنى بۇ مەھكۇملۇقتىن قۇتۇلدۇرىدۇ . شۇنىڭ بىلەن ئۇ ، ياقۇپبەگ ھاكىمىيىتىنىڭ مەمۇرىي ئاپپاراتلىرىدا ، 1867 – يىلىدىن 1877 – يىلىغىچە ئاقسۇ رايونىنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى ئۆشرە – زاكات ھېساباتىنى خاتىرىلىگۈچى مىرزا بولۇپ ئىشلەيدۇ . 77 – يىلى ياقۇپبەگ ھاكىمىيىتى ئاغدۇرۇلغاندىن كېيىن ، 1878 – يىلىنىڭ ئاخىرىدا ئۆز يۇرتى سايرامغا قايتىپ كېلىدۇ . بۇ ۋاقىتتا موللا مۇسا سايرامىنىڭ ئاتا – ئانىسى ئۆلۈپ كېتىپ ، ئىنىلىرى ئىسلام ئاخۇن ، قاسىم ئاخۇن ، ھېلاخۇن ، سىڭلىسى زىۋىدىخانلار قالغاندى . موللا مۇسا سايرامى ئۆز يېزىسىدا بىر مەزگىل تۇرغاندىن كېيىن ، ئەينى يىللاردا ھەمسۆھبەت ۋە ئۈلپەتداش بولغان ئاقسۇلۇق بۇرادەرلىرى ۋە قۇرداشلىرىنىڭ « ئاقسۇغا كەلسەڭ ، بىرگە ئۆمۈر ئۆتكۈزسەك » دەپ يازغان تەكلىپىنى قوبۇل قىلىپ ئاقسۇغا بېرىش نىيىتىگە كېلىدۇ . ئاندىن ئۇرۇق – تۇغقانلىرىنى يېغىپ ئۇلارغا ئۆزىنىڭ مەقسەت – مۇددىئاسىنى بايان قىلىپ : « ماڭا يىگىلى بىر نان بولسىلا بولىدۇ ، ھەرقايسىڭلار ئوقەتنى بۆلۈشمەي ، بىرگە ئۆتۈڭلار . ‹ بۆلۈنگەننى بۆرە يەر › دېگەن گەپ بار ، بۆلۈنۈش ياخشى ئەمەس . ئىسلام ئاخۇن دېھقانچىلىققا مەسئۇل ، شۇنىڭ بەرگىنىنى يەڭلار . قاسىم ئاخۇن چارۋىچىلىققا مەسئۇل شۇنىڭ بەرگەن قويىنى يەڭلار ، ھېلاخۇن يۇرتدارچىلىق قىلسۇن ھەم سودا – سېتىق ، كىيىم – كېچەك ئىشلىرىغا مەسئۇل بولسۇن » دەپ ئورۇنلاشتۇرۇپ قويۇپ ، ياخشى كۈن ، ياخشى سائەتنى تاللاپ تۇغقانلىرى بىلەن خوشلىشىپ ئاقسۇغا ماڭىدۇ .
ئاقسۇغا بارغاندىن كېيىن ، ئاقسۇنىڭ ياقۇپبەگ ھاكىمىيىتى ئاغدۇرۇلغاندىن كېيىنكى مەنسەپدارى مۇھەممەت ئىمىن باي ئاقساقال دادىخاھ بىننى مۇھەممەت ئالىمباي مەرغۇلانى دېگەن كىشىنىڭ تەشەببۇسى ۋە بىر نەچچە جان دوست – بۇرادەرلىرى ، پىشقەدەم يارۇ – ئاشنىلىرىنىڭ « سەن ئۇقۇمۇشلۇق ئادەم ، راشىدىنخان غوجا ، ياقۇپبەگلەرنىڭ خىزمىتىنى قىلدىڭ ، نۇرغۇن ئىشلارنى ، ۋەقە – ھادىسىلەرنى ئۆز كۆزۈڭ بىلەن كۆردۈڭ ، ئەۋلادلىرىمىزغا بىر نەرسە يېزىپ قالدۇرۇپ كەتسەڭ ، ۋاقىتنى غەنىيمەت بىلىپ ، تەڭرىنىڭ رازىلىقى بىلەن ئۆزىنىڭ جېنىنى پىدا قىلغان شېھىتلەرنىڭ ئىش – پائالىيەتلىرىنى توپلاپ كىتاپ قىلساڭ » دېگەن مەسلىھەتىگە بىنائەن ، ئىشقا كىرىشىدۇ . ئۇ ئاۋۋال شنجاڭنىڭ ئومۇمىي تارىخى ، خوجىلار تارىخى ، ياقۇپبەگ ھاكىمىيىتى دەۋرىدىكى ئۇرۇشلار تارىخى ھەققىدە خەلق ئارىسىدا تارقىلىپ يۈرگەن رىۋايەتلەرنى توپلاپ ، ئاندىن ئۇنى ئۆز كۆزى بىلەن كۆرگەن ، ئۆز بېشىدىن كەچۈرگەن ۋە ئۆزى قاتناشقان ۋەقەلەر بىلەن بىرلەشتۈرۈپ ، زور ئىجتىھات ۋە زور ئىجادىي كۈچ بىلەن تارىخىي ئەمىنىيە » ناملىق مەشھۇر تارىخى ئەسەرنى يېزىپ چىقىدۇ . بۇ ئەسەر 1905 – يىلى روسىيە تارىخچىسى نىكولاي پانتاسوۋنىڭ ياردىمى بىلەن ، قازان شەھىرىنىڭ « مەدرىسە ئولۇم » باسمىخانىسىدا نەشىر قىلىنىدۇ . كىتاب نەشىردىن چىققاندىن كېيىن نىكولاي پانتاسوۋ موللا مۇسا سايرامىغا بۇ كىتابتىن 25 پارچە ۋە 25 تىللا ئەۋەتىدۇ . موللا مۇسا سايرامى كىتاب ۋە تىللانى تاپشۇرۇۋېلىپ ، پانتاسوۋغا بىر پارچە مىننەتدارلىق خېتى ئەۋەتىدۇ . بۇ خەت 1957 – يىلى ئالمۇتىدا چىقىدىغان « كومموۇنىزىم تۇغى » گېزىتىگە ئاپتورنىڭ ئەسلى قول يازمىسى بويىچە بېسىلغان ( بۇ گېزىت ھازىر جوڭگو ئىجتىمائىي پەنلەر ئاكادېمىيىسىنىڭ تارىخ تەتقىقات ئورنىدا ساقلانماقتا ) .
بۇ كىتاب نەشىر قىلىنىپ تارقىتىلغاندىن كېيىن ، تۈركىيىنىڭ بىر تارىخچىسى كىتابنىڭ ئايرىم قىسىملىرىغا تەنقىدىي پىكىر بايان قىلغان . ئاپتور بۇ پىكىرلەرنى كەمتەرلىك بىلەن قوبۇل قىلىپ ، كىتابنى ئەسلى ئاساسىدا 1908 – يىلى قايتىدىن تولۇقلاپ يېزىپ چىققان ۋە ئۇنىڭغا نۇرغۇن يېڭى مەزمۇنلارنى قوشقان . كىتاب دەسلەپ يېزىلغان 1903 – يىللىرى سىرىتتىن كەلگەن تاجاۋۇزچىلار يوقىتىلىپ ئىچكى يېغىلىقلار تۈگەپ ، زامان تىنجىپ ، ئەل ئەمىن تاپقان مەزگىل بولغاچقا كىتابنىڭ ئىسمىنى « تارىخىي ئەمىنىيە » دەپ قويغان ؛ كېيىن 1908 – يىلى تولۇقلاپ يازغان نۇسخىسى پۈتكەندىن كېيىن ، كىتابنىڭ نامىنى تۈركىيە سۇلتانى ئابدۇلھىمىتخاننىڭ نامىغا قويۇپ ، بىر نۇسخىسىنى كارۋانلار ئارقىلىق تۇركىيىگە ئەۋەتكەن . ئەپسۇسكى ، كارۋان يولىدا قاراقچىلارغا ئۇچراپ قېلىپ ، كىتاب يوقىلىپ كەتكەن .
موللا مۇسا سايرامى ئۆز ھاياتىدا ، بولۇپمۇ ئاخىرقى ئۆمرىدە بىرمۇنچە مۇھىم ئەسەرلەرنى يازغان . مەسىلەن : 1885 – يىلى « تەزكىرە تۇل ئەۋلىيا » ، 1898 – يىلى « دەربايان ئەسھابۇل كەھف » ، 1903 – يىلى « تارىخىي ئەمىنىيە » ، « قەسىدەئىي سىدىق » ، 1907 – يىلى « غەزەلىيات » ، 1908 – يىلى « تارىخىي ھەمىدى » ، 1916 – يىلى « سالامنامە » قاتارلىقلارنى يازغان . بەزى مەلۇماتلارغا قارىغاندا ، موللا مۇسا سايرامى يەنە « تەزكىرەئى خوجا ئافاق » ، « پەرھاد ۋە شىرىن » قاتارلىق تارىخىي ۋە ئەدەبىي ئەسەرلەرنى يازغان ، پارىس تىلىدىمۇ بىرمۇنچە شېئىرلارنى يېزىپ قالدۇرغان . بۇ ئەسەرلەردىن « تارىخىي ئەمىنىيە » مەتبەدە نەشىر قىلىنغاندىن باشقان (« تارىخىي ھەمىدى » 1986 – يىلى بېيجىڭدا نەشىر قىلىندى ) ، قالغانلىرى قول يازما ھالىتىدا ساقلىنىپ كەلگەن . « تارىخىي ئەمىنىيە » 1903 – يىلى ئاقسۇدا يېزىلغان بولۇپ ، بۇ ئەسەر – مىرزا ھەيدەر كوراگاننىڭ 1551 – يىلى سۇلتان ئابدۇرەشىت خاننىڭ نامىغا بېغىشلاپ يازغان داڭلىق ئەسىرى « تارىخىي رەشىدى » دىن كېيىنكى شىنجاڭنىڭ تارىخى ، جۇغراپىيەسى ، يەر – جاي ئىسىملىرىنىڭ مەنىسى ، مەشھۇر تارىخىي شەخىسلەرنىڭ تەرجىمىھالى ، ھەر بىر شەھەرنىڭ ئالاھىدىلىكى ، ئادەملىرىنىڭ مىجەز خاراكتېرى قاتارلىق كەڭ ساھەنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بىردىنبىر ئەسەر . بۇ ئەسەرنىڭ مۇھىم بىر ئالاھىدىلىكى ئاپتورنىڭ تارىخىي چىنلىققا ھۆرمەت قىلىپ ، تەرەققىپەرۋەر رېئاللىق نۇقتىئىنەزەرنى ئىلگىرى سۈرگەنلىكىدە .
قىسقىسى ، بۇ ئەسەر ئىككىنچى ئادەم – نوھ پەيغەمبەردىن تارتىپ ⅩⅨ ئەسىرگىچە بولغان موغولىستان ۋە يەتتە شەھەردە يۈز بەرگەن ئەھۋاللار ، ھۆكۈمرانلىق قىلغان گۇرۇھلار ، ئۇنىڭ موغولىيە دەپ ئاتىلىشىدىكى سەۋەب ، مۇسۇلمان خانلىرىنىڭ نەسەبى ، يەتتە شەھەرنىڭ خاقان چىنغا تەۋە بولۇش جەريانىدىكى ۋەقەلەرنىڭ ئومۇمىي ئەھۋالى بايان قىلغان . بۇ ئەسەر ئۆز ۋاقتىدىلا مەملىكەت ئىچى ۋە سىرتىدا كۆپلىگەن تارىخشۇناسلارنىڭ ئالاھىدە دىققەت – ئېتىبارىنى قوزغاپ ، بىر نەچچە خىل تىللارغا تەرجىمە قىلىنىپ نەشىر قىلىنغان . تارىخچىلار تارىخ تەتقىقات خىزمىتىدە بۇ ئەسەردىن ناھايىتى كۆپ پايدىلانغان . موللا مۇسا سايرامىنىڭ ئىجادى تالانتىغا ، ئەسەرلىرىنىڭ تىلىغا يۈكسەك باھا بەرگەن . ئاتاغلىق شائىر ، جامائەت ئەربابى نىم شېھىت ئەرمىيە داموللاممۇ بۇ ئەسەرنىڭ تىلىنى يۈكسەك دەرىجىدە ماختىغان ۋە مۇنداق دېگەن : « نېمىدېگەن گۈزەل پاساھەتلىك تىللار ، نېمىدېگەن جاراڭلىق ، يارقىن سادالار ، مەن ئۆمرۈمدە ناۋايىدىن باشقا مۇشۇ كىشىدەك تىلغا باي سۆز ئۇستىسىنى ، تىلى گۈزەل ئەدىپنى ئۇچراتمىغان ، ⅩⅨ ئەسىرنىڭ ئەلىشىر ناۋايىسى » .
« سالامنامە » 1916 – يىلى 9 – ئايدا يېزىلغان ، ھەجمى 100 بەت ئەتراپىدا كېلىدىغان بۇ شېئىرىي داستان ئاپتورنىڭ سايرامدىكى تۇغقانلىرىغا يازغان سالام خېتى ۋە ۋەسىياتنامىسى بولۇپ ، ئۇنىڭدا :
« سالامەت بارمۇسىز ئىسلام ئاخۇن ،
كەتمەن چېپىپ ، قوش ھەيدەپ ھارماڭ ئاخۇن .
قاسىم ئاخۇن سىز تاغدا ئامان بارمۇ ،
ئارقار ، كېيىك ، جەرەنلەر سەمرىدىمۇ »
دېگەنگە ئوخشاش مىسرالار بار . ئاپتور شۇ ۋاقىتتا 3 – ئىنىسى ھېلاخۇنغا « ئاقسۇدا بۇغداي كەمچىل ، 20 – 30 ئېشەككە بۇغداي يۈكلەپ كېلىپ ئاقسۇ خەلقىنى بۇغداي بىلەن تەمىن ئېتىپ ، قايتىشىڭىزدا ئاقسۇنىڭ گۈرۈچىدىن ئالغاچ كېلىپ ، باي خەلقىنى گۈرۈچ بىلەن تەمىن ئەتسىڭىز » دەپ تاپىلىغان .
موللا مۇسا سايرامى 1917 – يىلى ئورۇن تۇتۇپ يېتىپ قېلىپ ، تۇرمۇشى يوقسىزلىق ، غۇربەتچىلىكتە ئۆتكەن . شۇ يىلى 6 – ئايلاردا سايرامدىكى ئۇرۇق – تۇغقانلىرىغا خەت يازغان ، خېتىدە :
« قېرىلىقتىن باشقان كېسەل مەندە يوق ،
قېرىلىق بەلكى مىڭ كېسەلدىن ئارتۇق »
دېگەن . تۇغقانلىرى خەتنى تاپشۇرىۋالغاندىن كېيىن ، موللا مۇسا سايرامىنىڭ كىچىكى دادىسى ھۇشۇر ئاخۇن خەلپىتىم ئىككى ئوغلىنى ئېلىپ كالا ھارۋىسى بىلەن ئاقسۇغا بېرىپ ، موللا مۇسا سايرامىنى كالا ھارۋىسىغا ئولتۇرغۇزۇپ ، سايرامغا قايتۇرۇپ كەلگەن .
موللا مۇسا سايرامىنىڭ پۈتۈن ئۆمرىدە يىغقان بايلىقى بىر دۆۋە كىتاب بولۇپ ، ئۇنى ئۇزۇنلۇقى بىر مېتىر ، كەڭلىكى ۋە ئىگىزلىكى يېرىم مېتىر كېلىدىغان ، قەلەي بىلەن قاپلانغان ساندۇققا قاچىلىغانكەن . بۇ نۆۋەت سايرامغا قايتىشىدا بۇ بىر ساندۇق كىتابنى بىللە ئېلىپ كەتكەن . موللا مۇسا سايرامىنىڭ ۋاپاتىدىن كېيىن ، ھۇشۇر ئاخۇن خەلپىتىم بۇ ساندۇقتىكى كىتاب ۋە قوليازمىلارنى ئەتىۋارلاپ ساقلىغان . 1944 – يىلى كۇچالىق شائىر بايىز قارى ئوغلى مەمتىمىن بايىز بىلەن بىللە ئاقسۇغا بېرىشىدا ھۇشۇر ئاخۇن خەلپىتىمنىڭ ئۆيىگە چۈشۈپ بىرنەچچە كۈن تۇرۇش جەريانىدا ، « تارىخى ھەمىدى » نى ، بىر قىسىم كىتاب ۋە شېئىرلارنىڭ قوليازمىسىنى ئېلىپ كەتكەن . 1954 – ھۇشۇر ئاخۇن خەلپىتىم ۋاپات بولغاندا ، ئۇ كىشىنىڭ ئۆلۈمىنى ئۇزىتىشقا كىرگەن ئىمام – مەزىن ۋە ئاخۇن ئۆلىمالار ساندۇقتا قالغان كىتابلارنى بۆلۈشىۋالغان . بىرنەچچە پارچە ئۇششاق كىتاب ۋە بىر قىسىم پارچە – پۇرات قوليازمىلار قالغاندا ، ئاخۇنۇملار : « بۇلارنى ساقلىيالىساڭلار ئوبدان ساقلارڭلار ، بولمسىا كەلسە – كەلمەس يەرگە تاشلىماي ، دەرياغا تاشلىۋېتىڭلار ياكى يەرگە كۆمۈۋېتىڭلار » دېگەن . شۇنىڭ بىلەن ، ھۇشۇر ئاخۇن خەلپىتىمنىڭ پەرزەنتلىرى ئۇلارنى ساندۇق بىلەنلا قەبرىستانلىققا كۆمۈۋەتكەن . شائىر بايىز قارى ھۇشۇر ئاخۇن خەلپىتىمنىڭ ئۆيىدىن ئېلىپ كەتكەن قىممەتلىك ئەدەبىي مىراسلارنى ئەتىۋارلاپ پۇختا ساقلىغان بولسىمۇ ، ئاپەتلىك « مەدەنىيەت ئىنقىلابى » جەرياندا ئۆزى تارتىپ چىقىرىلىپ سۈرگۈن قىلىنغان ، كىتابلىرى ( جۈملىدىن يۇقۇرقى ئەدەبىي مىراسلار ) بازارغا ئېلىپ چىقىلىپ سېتىۋېتىلگەن . مەلۇم بولۇشىچە ، ئۇنىڭ بەزىلىرىنى ئۈرۈمچىدىن كەلگەن كىشىلەر سېتىۋالغان ( مەسىلەن « سالامنامە » نى ئۈرۈمچىدىن كەلگەن ئوسمەن ئىسىملىك بىر كىشى سېتىۋالغان ) ، بەزىلىرىنى سېتىۋالغانلار بېيجىڭگە ئېلىپ كەتكەن . سېتىلماي قالغانلىرى كۆيدۈرىۋېتىلگەن . شۇنداق قىلىپ ، مەرىپەتلىك ئۇيغۇر ئالىم ۋە شائىرى موللا مۇسا سايرامىنىڭ ئۆمۈر بويى يازغان ۋە يىغقان ئەدەبىي بايلىقى ئاشۇنداق تۈگەپ كەتكەن . بەختكە يارىشا ، ئازادلىقتىن كېيىن پارتىيە ۋە ھۆكۈمەتنىڭ غەمخورلۇق قىلىشى ، ئەنۋەر بايتۇردەك ياش ئالىملارنىڭ يۈرەك قېنىنى سەرپ قىلىشى بىلەن ، ئالىمنىڭ « تارىخىي ئەمىنىيە » ، « تارىخىي ھەمىدى » لىرى نەشىر قىلىنىپ خەلقىمىز بىلەن يۈز كۆرۈشتى . موللا مۇسا سايرامى سايرامدا 1917 – يىلى 6 – ئايدىن 9 – ئايغىچە تۇرۇپ ، 9 – ئاينىڭ ئاخىرىدا كىچىك دادىسى ھۇشۇر ئاخۇن خەلپىتىمنىڭ يېنىدا ئالەمدىن ئۆتكەن . بۇ ئالىمنىڭ نەسلىدىن ھازىر توخسۇن يېزىسىنىڭ توغايلا مەھەللىسىدە ئولتۇرۇشلۇق قىز نەۋرىسى بولۇپ ، 75 ياشقا كىرىپ قالغان بۇ ئايال ئۆزىنىڭ تىلى ئاجىز قىزى بىلەن بىللە تۇرىدۇ .
ئۇلار ھازىر پارتىيە ۋە ھۆكۈمەتنىڭ غەمخورلۇقىدىن بەھرىمەن بولماقتا . ئالىمنىڭ ۋاپاتىدىن كېيىن ، ئۇنىڭ تاغىسى ، ئىنىلىرى ۋە سىڭلىسى قەشقەرلىق مەشھۇر مىھمارچى يۈسۈپ ئاخۇننى تەكلىپ ئاپىرىپ ، ئالىمنىڭ قەبرىسىنى قاتۇرغان ، قەبرىنىڭ ئۈستىگە چوڭ بىر گۈمبەز ياسىتىپ ، قەبرىنىڭ يېنىغا مەسچىت سالدۇرغان ؛ بۇ گۈمبەز « موللا مۇسا گۈمبىزى » دەپ ئاتىلىپ ، 1965 – يىلىغىچە ئوبدان ساقلىنىپ كەلگەن . ئاپەتلىك « مەدەنىيەت ئىنقىلابى » باشلانغاندىن كېيىن بۇ تەۋەرۈك جايمۇ چېقىپ تاشلىنىپ ، ۋەيران قىلىۋېتىلگەن . لېكىن ، خەلق بۇ سۆيۈملۈك پەرزەنتىنى ئۇنتۇپ قالمىغاچقا ، 1982 – يىلى ئۆزلۈكىدىن ھەرىكەتكە كېلىپ ، قەبرىنى خام كېسەك بىلەن بولسىمۇ قايتىدىن قاتۇرۇپ چىقتى . شۇنىڭدىن باشلاپ كىشىلەر بۇ جايدا ئۇلۇغ بىر زاتنىڭ ياتقانلىقىنى بىلەلەيدىغان بولدى .
قوشۇمچە پايدىلانغان ماتىرىياللار :
« بۇلاق » مەجمۇئەسىنىڭ 1985 – يىللىق 15 – سانىدىكى ئەنۋەر بايتۇرنىڭ « موللا مۇسا شېئىرلىرى » غا يازغان كىرىش سۆز .
قەشقەر ۋىلايەتلىك مىللىي – دىنىي ئىشلار باشقارمىسى نەشر قىلغان « قەدىمقى كىتابلار تەتقىقاتى » ژورنىلىنىڭ 1 – سانى .
« تارىخىي ئەمىنىيە » ، « تارىخىي ھەمىدى » قاتارلىقلار .
شىنجاڭ تارىخ ماتىرىياللىرىنىڭ 35-سانىدىكى شۇ ناملىق ماقالىدىن قىسقارتىپ ئېلىندى.
مەنبە: http://uyghur.xjass.com/uyghur/lishisuo/content/2009-04/01/content_69264.htm

Email this to someoneTweet about this on TwitterShare on LinkedIn0Print this pageShare on Facebook0Share on Google+0

يازغۇچى ھەققىدە

ماقالە سانى : 1112

ئاكادېمىيە ئورگان تورى ©

ئۈستىگە قايتىش