ئۇيغۇرچە    Uyghurche    Уйғурчә    Ortaq Türkçe   
  • 2018 - يىلى 25 - مارت يەكشەنبە سائەت 2:00 دە ئىستانبۇل فىندىكزادە زۈبەيدە خانىم كۈلتۈر مەركىزىدە «ئۇيغۇرلاردا ئانا تىل سۆيگۈسى ۋە نورۇز شادلىقى» پائالىيىتى ئۆتكۈزۈلىدۇ. ۋاقتىدا
سىزنىڭ ئورنىڭىز: باشبەت » مىللىي مەۋجۇتلۇق » ئورخۇن ئۇيغۇر خانلىقىنىڭ قۇرۇلۇشى ۋە بۇنىڭغا ئائىت بىر قانچە مەسىلە

ئورخۇن ئۇيغۇر خانلىقىنىڭ قۇرۇلۇشى ۋە بۇنىڭغا ئائىت بىر قانچە مەسىلە

800px-Uyghur_Khaganate[1]ئاپتور: قۇربان تۇران يوللانغان ۋاقىت: 2009-04-01 17:08
ئۇيغۇر خانلىقىنىڭ تارىخى، بولۇپمۇ ئۇنىڭ باشلىنىش نۇقتىسىنىڭ قەيەردە ئىكەنلىكى توغرىسىدا تارىخشۇناسلاردىن ھەر كىم ھەر نېمە دەپ باقتى. شۇنداقتىمۇ كۆپ قىسىم پىكىردە ئۇيغۇر خانلىقىنىڭ قۇرۇلغان ۋاقتىنىڭ كۆل بىلگە تەختكە چىققان 744- يىلى ئۆلچەم قىلىنغانلىقىنى كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇ . ئەمما بۇ خىل پىكىر ئېقىمىدا كىشىنى تازا قايىل قىلالمايدىغان بىر نەچچە گۇمانلىق نۇقتا مەۋجۇت؛ ئالدى بىلەن بۇ خىل قاراشتىكىلەرنىڭ ئۆز پىكىرىنى ئۈزۈل-كېسىل ئىسپاتلىيالىغۇدەك نەزەرىيىۋى ئاساسى يوق، ئاندىن قالسا ئۇلار كلاسسىك خەنزۇچە ۋەسىقىلەردىن يېتەرلىك پايدىلىنىپ كېتەلمىگەن. تېخىمۇ مۇھىمى ئۇلار كۆل بىلگە ئۆزىنى «قاغان» دەپ ئاتىغان 744- يىللاردا ئورخۇن ئۇيغۇرلىرىنىڭ جەمئىيەت فورماتسىيىسىدە ئەمەلىيەتتە ھېچقانداق تۈپلۈك ئۆزگىرىش ھادىسىسىنىڭ يۈز بەرمىگەنلىكىنى دىققەتتىن ساقىت قىلىۋەتكەن، شۇنداقلا ئۇيغۇرلار جەمئىيىتىدىكى تارىخىي بۇرۇلۇش پەيتىنىڭ نەق ئۆزىنى تۇتالمىغان. شۇڭا مۇئەللىپ – بۇ مەسىلىلەر ھەققىدە تارىخىي ماتېرىيالىزم نۇقتىئىنەزىرى بويىچە قايتا مۇھاكىمە قىلىپ كۆرۈش زۆرۈر دەپ قارايدۇ.
ئۆلچەم مەسىلىسى
ئورخۇن ئۇيغۇر خانلىقىنىڭ قۇرۇلغان ۋاقتىنى بېكىتىشتە ، ئالدى بىلەن نېمىنىڭ خانلىق قۇرۇلغانلىقىنىڭ ئۆلچىمى ئىكەنلىكىنى ئايدىڭلاشتۇرۇۋېلىش تولىمۇ مۇھىم. دۆلەتنىڭ كېلىپ چىقىشى ھەققىدە پرولېتارىياتنىڭ ئۇلۇق ئۇستازى ف.ئېنگېلس ئۆز ۋاقتىدا مەخسۇس مۇھاكىمە ئېلىپ بارغان. ئۇ مۇنداق دەيدۇ: «دۆلەتنىڭ كونا ئۇرۇقداشلىق تەشكىلاتىدىن پەرقى، بىرىنچىدىن، ئۇنىڭ رايونلار بويىچە ئايرىلغان خەلق ئىكەنلىكىدە …. شۇڭا رايونلار بويىچە ئايرىلغانلىقىنى باشلىنىش نۇقتىسى قىلىش ھەمدە گراژدانلارنىڭ قايسى ئۇرۇق ياكى قەبىلىگە مەنسۇپ بۇلىشىدىن قەتئىينەزەر ، ئۇلارنىڭ ئۆزلىرى ياشاۋاتقان جايلاردا ئۆزلىرىنىڭ ئاممىۋى ھوقۇقى ۋە مەجبۇرىيەتلىرىنى ئىشقا ئاشۇرۇشىغا يول قويۇش زۆرۈر. بۇ خىلدىكى ماكانلاشقان جايىغا ئاساسەن خەلق بولۇپ تەشكىللىنىش ئۇسۇلى بارچە دۆلەتلەرگە ئورتاقتۇر. ئىككىنچىدىن، ئاممىۋى ھوقۇقنىڭ تەسىس قىلىنغانلىقىدا. بۇ خىل ئاممىۋى ھوقۇق ئەمدىلىكتە ئۆزى قۇراللىق كۈچ سۈپىتىدە تەشكىللىۋالغان ئاھالىگە بىۋاسىتە ئۇيغۇن كەلمەيدۇ …. بۇ خىل ئاممىۋى ھوقۇق بارچە دۆلەتلەردە مەۋجۇت بولىدۇ »[3]. ف.ئېنگېلس بۇ يەردە ناھايىتى ئۇچۇق قىلىپ مەلۇم ئۇرۇق ياكى قەبىلىدە ئاممىۋى ھوقۇقنىڭ تەسىس قىلىنغانلىقى ۋە ئىلگىرىكى قانداشلىقنى بەلگە قىلغان چېگرىنىڭ بۇزۇپ تاشلانغانلىقى – ئۇنىڭ تەشكىلىي جەھەتتىكى چوڭ سەكرەش بولىدىغانلىقىنى، ئۇنىڭ دۆلەت ھالىتىگە كىرگەنلىكىنىڭ بەلگىسى بولالايدىغانلىقىنى كۆرسىتىپ ئۆتكەن. شۇڭا ماكان مۇناسىۋىتىنىڭ تۇرغۇزۇلۇشى ۋە ئاممىۋى ھوقۇقنىڭ تەسىس قىلىنىشى – مەلۇم خەلقنىڭ تارىخىي تەرەققىياتىدىكى ئاچقۇچلۇق مەسىلىلەرنىڭ بىرى سۈپىتىدە دۆلەت قۇرۇلغانلىقىنىڭ ناماياندىسى بولالايدۇ دېيىشكە تامامەن بولىدۇ . تارىخىي ماتېرىيالىزىمدىكى بۇ خىل نەزەرىيىۋى ئۆلچەمنى ف.ئېنگېلس كۆرسىتىپ ئۆتكەندەك، بارچە دۆلەتلەرگە، جۈملىدىن ئورخۇن ئۇيغۇر خانلىقىغىمۇ تەدبىق قىلىشقا بولىدۇ . چۈنكى تارىخ تەرەققىياتىدىكى ئومۇمىي قانۇنىيەت ئاساسەن بىردەكلىككە ئىگە.
ئورخۇن ئۇيغۇرلىرى تارىخ سەھنىسىگە چىققان شىمالىي ئاسىيا رايونى تارىختىن بۇيان شىمال مىللەتلىرىنىڭ ئاۋۇپ كۆپىيىدىغان رايونى بولۇپ كەلگەن. قەدىمكى تارىخ-سالنامىلەردىكى «سۇ ۋە ئوت-چۆپ قوغلىشىپ كۆچۈپ يۈرىدۇ، شۇڭا مۇقىم تۇرۇشلۇق شەھەر قەلئەلىرى يوق» دېگەن ئىخچام تەسۋىرنىڭ دەۋرلەردىن بۇيان قايتا-قايتا تەكرارلىنىپ كېلىشى ، بىر قىسىم كىشىلەرنى كۆچمەن قەۋملاردا ماكان چۈشەنچىسىنىڭ بارلىقىدىن گۇمانلىنىشقا ئېلىپ باردى. ئورۇنسىز گۇمانغا بەزى تەتقىقاتچىلارنىڭ ئالاقىدار تارىخىي ۋەسىقىلەرنى ئەستايىدىل تەھلىل قىلىپ كۆرمىگەنلىكى ۋە كۆچمەنلەر تۇرمۇشىنىڭ ھەقىقىي ئەھۋالى توغرىسىدا يېتەرلىك چۈشەنچىگە ئىگە بولمىغانلىقى سەۋەب بولغان. ئەمەلىيەتتە جۇڭگو كلاسسىك ۋەسىقىلىرىدىكى شىمال مىللەتلىرىنىڭ يۆتكىلىشچانلىقى توغرىسىدا بېرىلگەن مەلۇماتلار، ئوتتۇرا تۈزلەڭلىكتىكى ئولتۇراق دېھقانچىلىق بىلەن شۇغۇللىنىدىغان خەلقلەرگە قارىتا ئېيتىلغان نىسبىي ئەھۋالنى كۆرسىتىدۇ. كۆچمەن چارۋىچىلىق ئىگىلىكىنىڭ خەرەكتىرى غايەت زور ئاپەت ياكى چوڭ كۆلەملىك ھايات-ماماتلىق ئۇرۇش يۈز بەرمىگەن ئەھۋالدا، كۆچمەن خەلقلەرنىڭ مۇئەييەن ماكان ۋە زامان ئىچىدە ئومۇمەن نىسبىي مۇقىم ھالەتتە تۇرۇشنى بەلگىلىگەن ئىدى. كۆچمەن خەلقلەردىكى ئاتالمىش «يۆتكىلىش» پەقەت تەبىئىي شارائىتتىكى ئۆزگىرىشلەرگە ماس ھالدا ئۆزگىرىپ تۇرغان. تەبىئىي شارائىتنىڭ ئۆزگىرىشى – بىر قەدەر ئاستا يۈز بېرىدىغان ئۆزگىرىش بولغاچقا، ئۇلاردىكى بۇ خىل يۆتكىلىشمۇ تەدرىجىي خەرەكتىرلىك جەريان سۈپىتىدە ئوتتۇرىغا چىققان ئىدى.
دەرۋەقە مىللەتلەرنىڭ ئومۇمىي گەۋدە سۈپىتىدە يۆتكىلىشى (كۆچۈشى) گە دائىر كۆپلىگەن مىساللارنى كۆرسىتىشكە بولىدۇ . مەسىلەن: تۇخرىلار، ھونلار، ئاۋارلار، قارلۇقلار، ئۇيغۇرلار، موڭغۇللار ۋەھاكازالار. ئەمما ئاشۇ قەۋملارنىڭ چوڭ كۆلەملىك كۆچۈشلىرىنىڭ ھەممىسى ئاساسەن غايەت زور تەبىئىي ئاپەتنىڭ ياكى تاشقى كۈچلەر بېسىپ كىرگەنلىكىنىڭ بىۋاسىتە نەتىجىسى ئىدى. شۇڭا كۆچمەن خەلقلەرنى ھەر قاچان كۆچۈپ يۈرۈيدۇ دەپ قاراشنىڭ ھېچقانداق ئاساسى يوق.
شىمال خەلقلىرىنىڭ ئومۇمىي تارىخىغا نەزەر سالغىنىمىزدا، مۇنداق بىر خىل قانۇنىيەتلىك مەۋجۇتلۇقنى ھېس قىلىمىز: ئاجىز ۋاقتىدا ئۇلار ھەمىشە ئۆزىدىن كۈچلۈك ۋە قۇدرەتلىك ھاكىمىيەتكە بېقىنىشنى ھار ئالمىغان، سەللا قۇدرەت تاپقاندا بولسا، سىرتقا قارىتا كېڭەيمىچىلىك ۋە زېمىن قوشۇۋېلىش بىلەن مەشغۇل بولۇپ ، تېخىمۇ چوڭ كۆلەملىك يايلاقنى كۆزلىگەن. ئۆزىنىڭ تەرەققىيات تارىخىدا ئۆز زامانىسىغا نىسبەتەن قۇدرەت تاپالىغان قەۋم ئورخۇن- سېلىنگا- تۇغلا ۋادىسىدىكى رايوننى مەركەز قىلىپ تۇرۇپ يايلاقنىڭ خوجايىنى سۈپىتىدە باشقا ئاجىز قەۋملارغا ھۆكۈمرانلىق قىلىپ كەلگەن ۋە ئۆز ھاكىمىيىتىنى قۇرۇپ چىققان. مانا مۇشۇ يوسۇندا ئۇيغۇرلارنىڭ ئاشۇ قانۇنىيەتتىن مۇستەسناسىز ھالدا شىمالىي دالادا ئۇرۇقداشلىق جەمئىيىتىدىن رايونلار بويىچە ئايرىلغان خەلقلەر تۈركۈمىگە قاراپ راۋاجلىنىش ئەھۋالى ۋە ئۇنىڭ رەسمىي ئىشقا ئاشقان دەۋر مەسىلىسى ئۆز-ئۆزىدىن ئوتتۇرىغا چىقىدۇ.
ئۇيغۇرلارنىڭ خەلق بولۇپ شەكىللىنىش مەسىلىسى
مەشھۇر تىلشۇناس ل.مورگان بۇنىڭدىن بىر ئەسىردىن كۆپرەك ۋاقىت ئىلگىرىلا جەمئىيەت توغرىسىدا توختىلىپ مۇنداق دېگەن ئىدى: «مۇنداق تەشكىلاتنىڭ تۈپ بىرلىكى ئۇرۇقداشلىق. قەدىمكى زاماندا مىللەت ئۇرۇقداشلىق، قېرىنداشلىق، قەبىلە ۋە قەبىلىلەر ئىتتىپاقىدىن ھاسىل بولغان، بۇلار رەت بويىچە ئۇلىنىپ كېلىدىغان بىر قانچە باسقۇچتۇر. كىيىنچە ئوخشاش تىروتىرىيەدىكى بىر مىللەتنى تەشكىل قىلىپ، ھەر بىرى ئۆز ئالدىغا مۇستەقىل بىر جاي ئىگىلىگەن بىر قانچە قەبىلىلەر بىرلەشمىسىنىڭ ئورنىنى ئالغان. مانا بۇ قەدىمكى جەمئىيەتنىڭ ئۇرۇقداشلىق مەيدانغا كەلگەندىن كىيىن ئۇزاق مۇددەت ساقلىنىپ قالغان تەشكىلى شەكلى. بۇ قەدىمكى جەمئىيەتتە ئاساسەن ئومۇملاشقان شەكىل …»[2]. بۇنىڭدىن كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇكى ، قەدىمكى ئۇيغۇرلار جەمئىيىتىنىڭ ئومۇمىي تارىخى، جۈملىدىن ئۇيغۇرلارنىڭ خەلق بولۇپ شەكىللىنىش تارىخى بۇ ئورتاق قانۇنىيەتتىن مۇستەسنا بولمىغان. بۇ نۇقتىنى چۈشەندۈرۈش ئۈچۈن، ئالدى بىلەن بۇ ھەقتىكى تارىخى جەرياننى قىسقىچە ئەسلەپ ئۆتۈشكە توغرا كېلىدۇ .
يېغىلىق دەۋرى (مىلادىدىن بۇرۇنقى 476- يىلىدىن مىلادىدىن بۇرۇنقى 221- يىلىغىچە) دە كىتاب بولۇپ تۈزۈلگەن «تاغ-ئېزىملار قۇرئى» دا: «يەكچەشمىلەر دۆلىتىدىكىلەرنىڭ بىرلا كۆزى بولۇپ ، يۈزىنىڭ ئوتتۇرىسىدا چوقچىيىپ تۇرىدۇ، بۇلار ۋېي (威) ئۇرۇقىدىن»[3] دېگەن بىر بايان بار. يەنە شۇ ئەسەردە يەكچەشمىلەر ئېلىنىڭ «گۇر دۆلىتى» (鬼国) دەپ ئاتىلىدىغانلىقى خاتىرىلەنگەن [4]. ئاشۇ گۇر دۆلىتى ھازىرقى خۇاڭخې دەرياسىنىڭ شىمالىي تەرەپلىرىگە توغرا كېلىدۇ . «تاز-ئېزىملار قۇرئى» دىكى بايانلارنىڭ قويۇق رىۋايەت تۈسىنى چىقىرىۋەتكەندە، بۇنىڭ قەدىمكى گۇرلار ھەققىدىكى ئەڭ دەسلەپكى خاتىرىلەر ئىكەنلىكى ئايدىڭلىشىدۇ. گورلارنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ يىراق قەدىمكى ئەجدادلىرى بولمىش دىڭلىڭلار، قاڭقىللار ۋە تېگرىكلار (铁勒) بىلەن بىۋاسىتە ئېتنىك مۇناسىۋەتكە ئىگە ئىكەنلىكى تارىخشۇناسلىق ساھەسىدە ۋاڭ گوۋېي ياشىغان دەۋرلەردىن تارتىپ ئومۇميۈزلۈك ئېتىراپ قىلىنىپ كەلدى[5]. تارىشا پۈتۈكلەردە نامى زىكرى قىلىنىۋاتقان گورلار، ئاشۇ تارىشا پۈتۈكلەر پۈتۈلىشتىن تولىمۇ قەدىمكى زامانلاردا شىمالىي دالادا ئىپتىدائىي شەكىلدىكى ئۇرۇقداشلىق جەمئىيەتنى باشتىن كۆچۈرۈپ كىلىۋاتاتتى. شاڭ-جۇ سۇلالىرى دەۋرىگە كەلگەندە ئۇلار بىلەن ئاللىقاچان قەبىلىلەر توپى ھالىتىگە ئۆتۈپ بولغان گورلار ئوتتۇرىسىدا ئۇرۇش-توقۇنۇشلار جىددىيلەشتى. بولۇپمۇ گورلارنىڭ ئۈزلۈكسىز تۈردە جەنۇبقا پاراكەندىچىلىك سېلىشىدىن ئىلاجسىز پايتەختنى كۆچۈرۈشكە مەجبۇر بولغان جۇ خانلىقى ئاخىرى كۈچ توپلاپ گورلارنى ئومۇميۈزلۈك مەغلۇپ قىلدى. نەتىجىدە گورلار تەدرىجىي شىمالغا سۈرۈلۈپ، بايقال ۋادىسىغا ماكانلاشتى ۋە ئوۋچىلىق، كۆچمەن چارۋىچىلىق بىلەن تىرىكچىلىك قىلىشقا باشلىدى. يېڭى جۇغراپىيىلىك مۇھىتنىڭ نىسبىي مۇقىم بۇلىشى، بولۇپمۇ «جەمئىيەت تەرەققىياتىغا ئەگىشىپ كۈنسايىن زىچلاشقان ئاھالە- ئىچكى، تاشقى جەھەتتىن تېخىمۇ زىچ ئۇيۇشۇشقا مەجبۇر بولۇپ ، تۇغقان قەبىلىلەرنىڭ ئىتتىپاقى ھەممىلا جايدا زۆرۈرىيەتكە ئايلىنىپ قالدى» [6]. ئەنە شۇ ئورتاق زۆرۈرىيەت نەتىجىسىدە ئەمىنىيە- يېغىلىق دەۋرلىرىگە كەلگەندە، شىمالىي ئاسىيادا توڭگۇسلار، ھونلار قاتارلىق قەبىلە ئىتتىپاقلىرى شەكىللەندى. شۇ سەۋەبتىن باتۇر تەڭرىقۇت خەن سۇلالىسىغا يازغان مەكتۇبىدا: «ئوقيا كۆتۈرگەن بارچە ئەللەر بىر ئائىلە بولۇپ ئۇيۇشتى»[7] دېگەن ئىدى. مىلادىدىن بۇرۇنقى 3- ئەسىردە شىمالىي دالادىكى تۈركىي تىللىق قەۋملەرنىڭ ھونلار يادرولىقىدىكى تۇنجى ئىتتىپاقى قۇرۇلغاندا، ھونلارنىڭ شىمالىدىكى گورلارنى مەنبە قىلغان دىڭلىڭلار مەجبۇرىي يوسۇندا باش ئەگدۈرۈلدى.
ھونلارنىڭ قۇدرەتلىك لەشكىرى كۈچكە تايىنىپ دىڭلىڭلارنىڭ ھاياتلىق ماكانىنى تارتىۋېلىشى، شىمال مىللەتلىرىنىڭ قەدىمكى جەمئىيىتىدىكى تەبىئىي ھادىسە ئىدى. شۇڭا دىڭلىڭلار ئۆزلىرىگە تەۋە بۇ «ئەڭگۈشتەر» نى قايتۇرۇۋېلىش ئۈچۈن، ئىلگىرى-كىيىن بولۇپ كۆپ قېتىم ھونلارغا قارشى چىقىپ باقتى. بۇلاردىن بىرقەدەر گەۋدىلىكرەك ۋە ئۈنۈملىكرەك بولغىنى مىلادىدىن بۇرۇنقى 71- يىلى يۈز بەرگەن ۋەقە بولدى. شۇ يىلى دىڭلىڭلار، ئوغانلار، ئاسىيۇلار قاتارلىق قۇل قىلىنغان قەبىلىلەر ھونلار ئىلىدە ئېغىر تەبىئىي ئاپەت بولغان پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ، ھونلارغا قارشى بىرلەشمە ھۇجۇم قوزغىدى. بۇ ھەقتە تارىخىي ھۆججەتلەردە مۇنداق دېيىلىدۇ : «ھونلارنىڭ ھالسىرىغان ۋاقتىدىن پايدىلىنىپ دىڭلىڭلار شىمالدىن، ئوغانلار شەرقتىن، ئاسيۇلار غەربتىن بىراقلا ئۇلارغا ھۇجۇم قىلدى ……. شۇنىڭ بىلەن ھونلار تېخىمۇ ھالسىراپ كەتكەچكە، ئۇلارغا بېقىندى بولۇپ كەلگەن ئەللەرمۇ بارا-بارا پارچىلىنىپ كەتتى. بەزىدە بۇ ئەللەر ھونلارنى بۇلاپ-تالىسىمۇ، ھونلار ئۇلارغا تاقابىل تۇرالماي قالدى»[8]. ئۇزۇنغا سوزۇلغان ئاشۇ خىلدىكى تۈرلۈك قارشىلىق ھەرىكەتلىرى جەريانىدا دىڭلىڭلارنىڭ ئورتاق بىر گەۋدىلىشىش ئېڭى تەدرىجىي كۈچەيدى. شۇنىڭ بىلەن ئەسلىدە شىمالىي دالادىكى ئوخشاشمىغان جايلارغا تارقاق جايلاشقان دىڭلىڭلار تەدرىجىي ئۇيۇشۇپ، نىسبەتەن چوڭ كۆلەمدىكى رايون خەرەكتىرلىك ئومۇمىي گەۋدىگە ئايلىنىشقا يۈزلەندى. ئەنە شۇنداق ئورتاق ئومۇمىي گەۋدە ئالدىنقى خەن سۇلالىسى (مىلادىدىن بۇرۇنقى 206- يىلىدىن مىلادىيە 23- يىلىغىچە) نىڭ ئالدى-كەينىدىكى ۋەقەلەر بايان قىلىنغان خەنزۇچە ۋەسىقىلەردە «شىمالىي دىڭلىڭلار» دېگەن نامدا خاتىرىلىنىشكە باشلىدى.
مىلادىيە 3- ئەسىرلەرگە كەلگەندە، قەدىمكى مەنبەلەردىكى «دىڭلىڭ» دېگەن ئىتتىپاق تەدرىجىي «قاڭقىل» (高车)، «تېگرىك» (铁勒) دېگەن ناملارغا ئالمىشىشقا باشلىدى. ياكى «قاڭقىل» دېگەن نامنىڭ ھەر ئىككىلىسى ئاشۇ قەۋملەرنىڭ ئۆز-ئۆزىنى ئاتىشى بولماستىن، ئۇلارغا قوشنا بولغان ئوتتۇرا تۈزلەڭلىك خەلقىنىڭ ئۇلارنىڭ ئومۇميۈزلۈك ھالدا ئېگىز چاقىلىق ھارۋا ئىشىلتىشنىڭ ئالاھىدىلىكىگە قاراپ قويۇۋالغان ناملىرى بولۇپ ، ئەمەلىيەتتە «ھارۋا» ياكى «چاق» دېگەن مەنىلەرنى بىلدۈرەتتى[9]. ئەنە شۇ قاڭقىللار (ئەمەلىيەتتە دىڭلىڭلار) باشچىلىقىدىكى شىمال قوۋملىرى، ھونلار ھاكىمىيىتىنىڭ يىمىرىلىشىگە ئەگىشىپ تەدرىجىي قۇدرەت تېپىشقا باشلىدى. ئەمما ئۇلارنىڭ ھونلاردىن قالغان شىمالىي دالىنى ئىگىلەپ ھۆكۈمرانلىق يۈرگۈزۈش ئارزۇسى، يېڭىدىن باش كۆتۈرگەن سىيانپى ۋە ئاۋار ھۆكۈمرانلىق ئاپراتلىرى تەرىپىدىن بۇزۇپ تاشلاندى. كىيىنچە ئاۋار خانلىقىنىڭ ئېغىر بېسىمىغا بەرداشلىق بېرەلمىگەن قاڭقىللار 487- يىلى ئاپۇرغۇر باشچىلىقىدا زور كۆلەمدە غەربكە كۆچۈپ، تەڭرى تاغلىرىنىڭ شەرقىي ۋە شىمالى رايونىدا «قاڭقىل ئۇيغۇر خانلىقى» نى قۇرۇپ چىقتى[10]. قاڭقىللارنىڭ ئاساسى قىسمىنىڭ غەربكە كۆچۈپ كېتىشى بىلەن قاڭقىللار يېتەكچىلىكىدىكى كۆچمەن چارۋىچىلىق بىلەن شۇغۇللىنىدىغان ئاجىز قەۋملارنىڭ ئىتتىپاقى ئۆزلۈكىدىن يىمىرىلدى. قالغانلىرى ئۇيغۇر قەبىلىسىنىڭ باشچىلىقىدا تەدرىجىي تىگرىكلار ئىتتىپاقى بولۇپ شەكىللەندى. 6- ئەسىرنىڭ ئوتتۇرىلىرى ئالتاي ۋادىسىدا كۆك تۈركلەرنىڭ باش كۆتۈرۈپ چىقىشى، ئۇيغۇرلار باشچىلىقىدىكى تىگرىكلار ئىتتىپاقىنىڭ شىمالىي دالىغا ھۆكۈمرانلىق قىلىش نىيىتىنى كۆپۈككە ئايلاندۇرۇپ قويدى. شۇنىڭ بىلەن ئۇيغۇرلار تۈرك خانلىقىنىڭ بويسۇندۇرۇلغان بېقىندى قەبىلىلىرى قاتارىدىن ئورۇن ئېلىپ، تۈركىي تىللىق خەلقلەرنىڭ كۆك تۈركلەر دەۋرىدىكى ئىككىنچى قېتىملىق چوڭ قوشۇلۇش دولقۇنىغا كىرىپ كەتتى. 7- ئەسىرنىڭ باشلىرى شەرقىي تۈرك خانلىقى ھالاكەتكە يۈزلەنگەن دەۋرلەردە بولسا، ئۇيغۇرلار كۆك تۈركلەردىن بۆلۈنۈپ چىقىپ، مۇستەقىل سىياسىي كۈچ سۈپىتىدە تارىخ سەھنىسىگە چىقىشقا يۈزلەندى.
مىلادىيە 605- يىلى شەرقىي تۈرك خانلىقىنىڭ قاغانى قارا قاغان تىگرىك قەبىلىلىرىگە ئۇشتۇمتۇت ھۇجۇم قىلىپ، ئۇلارنىڭ تاپقان-تەرگىنىنى پاك-پاكىز تارتىۋالدى. ئارقىدىنلا ئۇلارنىڭ ئۆچ ئېلىشىدىن ئەنسىرەپ، تىگرىكلەرنىڭ بىر قانچە يۈز قەبىلە ئاقساقىلىنى تىرىك كۆمۈۋەتتى. «شۇنىڭ بىلەن ئۇيغۇرلار بۆگۈ، توڭرا، بايىرقۇ قاتارلىق قەبىلىلەر بىلەن بىرلىشىپ، تۈركلەرگە قارشى چىقىپ، ئۆزلىرىنى ئېركىن دەپ ئاتىدى. باشقىلار ئۇلارنى ئۇيغۇر دەپ ئاتىدى»[11]. بۇ خاتىرىنىڭ ئەھمىيىتى شۇ يەردىكى، ئۇيغۇرلار تۈرك خانلىقىنىڭ ھۆكۈمىرانلىقىدا بېقىندى ھالەتتە ياشاش تارىخىغا خاتىمە بېرىپ، مۇستەقىل بولدى. شۇنداقلا تىل، جۇغراپىيىلىك ماكان، ئىگىلىك شەكلى قاتارلىقلاردا بىرلىككە كېلىشكە يۈزلىنىپ، ئورتاق مەنپەئەتداش ئاساسىغا ئىگە مەسلەكداش قەبىلىلەر بىلەن «ئۇيغۇر» نامى ئاستىدا بىر گەۋدىلىشىشكە ئۇيۇشۇشقا باشلىدى. ھالبۇكى، ئۇيغۇرلارنىڭ تۈرك خانلىقىدىن ئايرىلىپ چىققان ۋاقىتتىكى ھالىتى، تېخى شىمالىي دالادىكى كۆچمەن قوۋملار ئىچىدە ئەڭ قۇدرەتلىك ھېسابلىنىش دەرىجىسىدە ئەمەس ئىدى. تۈرك خانلىقىغا يەككە-يېگانە قارشى تۇرالىغۇدەك سەۋىيەدىمۇ ئەمەس ئىدى. بۇ شۇنىڭدا ئەپادىلەندىكى، ئاشۇ قېتىملىق ۋەقەنىڭ بىۋاسىتە نەتىجىسى قىبئار قەبىلىسىدىكى ئاقساقال ئېلتەبىر ئېركىن قىبئار گېلىننىڭ «ئەۋچىن قاغان» دەپ ئاتالغانلىقى بولدى [12]. دەل مۇشۇ سەۋەبتىن ئۇيغۇر ئاقساقىلى سۈكۈن تۇنجى «ئېركىن» بولدى ھەمدە نىسبەتەن قۇدرەتلىك بولغانلىقى ئۈچۈن «قاغان» دەپ ئاتالغان قىبئار قەبىلىسىنىڭ ئاقساقىلى باغا قاغانغا بويسۇندى. تۈرك خانلىقىنىڭ يەنىلا مۇئەييەن دەرىجىدە مەۋجۇت بولۇۋاتقان تەھدىتى ئالدىدا ھاياتلىق يولىدىكى ئورتاق ئېھتىياج سەۋەبىدىن ئۇلار ئوتتۇرىسىدىكى بىر گەۋدىلىشىش يۈزلىنىشى بارغانچە كۈچۈيۈپ باردى.
ئاشۇ قېتىمىلىق ۋەقەدىن كىيىن ئۇيغۇرلار ئاقساقىلىغا بېرىلگەن «ئېركىن» مەردىۋىسى ئاتىدىن بالىغا مىراس قېلىشقا باشلىدى. سۈكۈننىڭ ئوغلى بوساد ئېركىن بولغاندىن كىيىن، ئۇيغۇرلار جەمئىيىتىدە دەسلەپكى ئۆزگىرىشنىڭ بىخلىرى روشەنلىشىشكە باشلىدى. 627- يىلى تاڭ سۇلالىسى جەنۇبتىن تۈرك خانلىقىغا ھۇجۇم قوزغىغاندا، بوساد پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ شىمالدىن تۈرك خانلىقىغا تېگىش قىلدى. ئەللىگ قاغان دەرغەزەپ بولۇپ ئوغلى يوقۇق شادنى يۈزمىڭ كىشىلىك قوشۇننى باشلاپ ئۇيغۇرلارغا تاقابىل تۇرۇشقا ئىبەرتتى. بوساد بەش مىڭ كىشىلىك يېنىك چەۋەندازلار قوشۇنى بىلەن «مالىشەن تېغى باغرىدا تۈركلەرنى تارمار كەلتۈردى، ياۋ قاچقاندا تەڭرىتاغ ۋادىسىغىچە قوغلاپ بېرىپ يەنە بىر قېتىم قاتتىق مەغلۇپ قىلدى، ئۇلارنىڭ كۆپ قىسمىنى ئەسىر ئالدى، شۇندىن كىيىن ئۇيغۇرلارنىڭ نامى شىمالنى لەرزىگە كەلتۈردى» [13]. مۇشۇ قېتىمقى ئۇرۇش – تۈرك خانلىقىنىڭ ھالاك بۇلىشىدا ئەجەللىك زەربە بولۇپ قالدى. ئۇيغۇرلار ئەنە شۇنىڭدىن ئېتىبارەن شۆھرەت قازىنىشقا باشلىدى. ئۇيغۇرلارنىڭ ئابرۇيىنىڭ ئېشىشى بىلەن ئۇلارغا قوشۇلغان ۋە سىڭىشكەن قەبىلىلەرنىڭ سانى ئاشتى. بۇنىڭ بىلەن ئۇيغۇرلار تەدرىجىي قۇدرەت تېپىشقا باشلىدى. شۇ سەۋەبتىن «كونا تاڭنامە. ئۇيغۇرلار تەزكىرىسى» دە ناھايىتى ئۇچۇق قىلىپ «ئۇيغۇرلارنىڭ قۇدرەت تېپىشى بوسادتىن باشلانغان» دېيىلىدۇ .
شەرقىي تۈرك خانلىقى ھالاك قىلىنغاندىن كىيىن، شىمالىي يايلاق ۋەزىيىتىنىڭ ئاخىرقى نەتىجىسى سۈپىتىدە 628- يىلى سىر-تاردۇشلار خانلىقى قۇرۇلدى. ئۇيغۇرلار بولسا بۇ مەزگىلدە قۇدرەت جەھەتتە سىر-تاردۇشلاردىنلا قالسا ئىككىنچى ئورۇنغا ئۆتتى. پائالىيەت دائىرىسىمۇ سېلىنگا بويلىرىدىن تۇغلا دەرياسى ۋادىسىغىچە كېڭەيدى، پائالىيەت مەركىزىمۇ مۇناسىپ ھالدا شەرقىي جەنۇبقا سۈرۈلدى. سىر-تاردۇشلا خانلىقى 628- يىلىدىن 646- يىلىغىچە مەۋجۇت بولۇپ تۇردى. بۇ مەزگىلدە ئۇيغۇرلار ئاتاقتا سىر-تاردۇشلارنىڭ بېقىندىسى بولۇش سۈپىتى بىلەن خانلىق تىروتىرىيىسىدە ياشاپ كەلدى. بۇ ۋاقىتلاردىكى ئۇيغۇرلار سىر-تاردۇشلار بىلەن ئۈستۈنلۈك تالىشىپ جەڭ قىلمىدى. سىر-تاردۇشلار خانلىقىنىڭ مەنپەتى ئۈچۈن ئۆز كۈچىنى خورىتىپ بەرمىدى. تاشقى كۈچلەرنىڭ پاراكەندىچىلىكى ۋە تەبىئىي ئاپەتنىڭ تەھدىتلىرىگىمۇ دۇچ كەلمىدى. مانا مۇشۇ تەرىقىدىكى 20 يىلچە تىنچ مۇھىت ئاستىدا ئېلىپ بېرىلغان ئىشلەپچىقىرىش پائالىيىتى ئۇيغۇرلارنىڭ كېيىنكى غەلىبىسىگە ئاجايىپ مۇھىم ئاساس يارىتىپ بەردى.
بۇسادقا ۋارىسلىق قىلىپ ئېركىن بولغان تۈمىد دەۋرىدىن باشلاپ، ئۇيغۇرلارنىڭ تارىخىدىكى غايەت زور بۇرۇلۇش ھادىسىسى روياپقا چىقىشقا باشلىدى. سىر-تاردۇشلار خانلىقىنىڭ ئىچكى سىياسەت جەھەتتە تېگرىكلار ئىتتىپاقىنىڭ ھەر قايسى ئىتپاقداش قەبىلىلىرىگە مۇۋاپىق تەدبىر قوللىنىلمىغانلىقى، ئىتتىپاق ئىچىدىكى ھوقۇق مەركەزلەشكەن نوپۇز ئىگىسى بولۇشنى ئىشقا ئاشۇرالمىغانلىقى بارغانسېرى ئاشكارىلىنىشقا باشلىدى. بۇنىڭ بىلەن سىر-تاردۇشلارنىڭ تېگرىكلار ئىتتىپاقىغا سەردار بولۇشقا بارغانچە مۇناسىپ كېلەلمەيۋاتقانلىقى مۇقىملىشىپ قالدى. بولۇپمۇ 645- يىلى تۇربەگ سىر-تاردۇشلارغا قاغان بولغاندىن كىيىن ئۆزىنى جاھاندا تەڭداشسىز ھېسابلاش خاھىشى بىلەن ھەرقايسى ئىتپاقداش قەبىلىلەرنى نەزەرگە ئېلىپمۇ قويماي، ئۇلارغا كەلسە-كەلمەس پەرمانلارنى يوللىغىلى تۇردى. ھەتتا ئۇلارنىڭ ھەرقانداق ئىمتىيازغا ئىگە بۇلىشىنىمۇ چەكلىدى. ئارقىدىنلا قوشۇن تارتىپ تاڭ سۇلالىسىنىڭ شىمالىدىكى چېگرا قورۇللىرىغا ھۇجۇم قىلىشقا ئاتلاندى. ئەمما ھېچقانچە ۋاقىت ئۆتمەيلا ئېغىر تالاپەت يېگەن تېرىندى قوشۇنلىرى بىلەن شىمالغا قايتىپ كەلگەن سىر-تاردۇشلار خانلىقىدا نارازىلىقى چېكىگە يەتكەن ھەرقايسى قەبىلىلەر ئۇيغۇرلارنىڭ باشچىلىقىدا قارشى سەپكە ئاتلاندى. مۇئەييەن مەزگىللىك تىنچ مۇھىتتا ئىشلەپچىقىرىشنى راۋاجلاندۇرۇپ يېتەرلىك ماددىي ۋە لەشكىرى قۇۋۋەتكە ئىگە بولۇپ قالغان ئۇيغۇرلار، مانا مۇشۇ يوسۇندا سىر-تاردۇشلارنىڭ تېگرىكلار ئىتتىپاقىغا سەردارلىق قىلىشىغا قارشى بۇ بىر مەيدان كۈرەشنىڭ بايراقدارىغا ئايلىنىپ قالدى. شۇنداقلا تېگرىكلار ئىتتىپاقىنىڭ ئورنىنى باسقان بىر ئومۇمىي كۈچ بولۇشتەك سۈپىتى بارغانچە روشەنلەشتى . شىمالىي يايلاقتا مانا مۇشۇنداق تۈپلىك ئۆزگىرىش بولۇۋاتقان ئەھۋالدا، تاڭ سۇلالىسىمۇ قوشۇن چىقىرىپ جەنۇبتىن سىر-تاردۇشلارغا ھۇجۇم قىلدى. شۇنىڭ بىلەن ئىككى تەرەپتىن تەڭلا قىلىنغان بۇ ھۇجۇمدا سىر-تاردۇشلار تاقابىل تۇرالماي، قىسقىغىنا ئۆمرىنى ئاخىرلاشتۇرغىنىچە تارىخ سەھنىسىدىن چېكىنىپ چىقىشقا مەجبۇر بولدى. شۇنداق قىلىپ سىر-تاردۇلار خانلىقى يىمىرىپ تاشلانغان شىمالىي دالادا ئۇيغۇرلار تەبىئىي رەۋىشتە ئەڭ كۈچلىك قوۋم بولۇپ قالدى. تېخىمۇ مۇھىمى سىر-تاردۇشلا خانلىقىنىڭ يوقۇتىلىشى بىلەن شىمالىي دالا – ئۇيغۇرلارنىڭ بىر تۇتاش ھۆكۈمرانلىقى ئاستىغا ئۆتتى. ئۇيغۇر قەبىلىسى باشچىلىقىدىكى تىل، تىروتىرىيە، ئىگىلىك شەكلى قاتارلىقلاردا ئورتاقلىققا ئىگە بولغان ئىتتىپاقداش قوۋملار تەدرىجىي تەرەققىياتنىڭ نەتىجىسى سۈپىتىدە سىڭىپ بىرلىككە كەلگەن خەلقنى ۋۇجۇدقا چىقاردى. مانا مۇشۇنداق تارىخىي شارائىت ئاستىدا «تۈمىد ئۆزىنى قاغان دەپ جاكارلاپ، تۈرۈكلەرگە ئوخشاش تاشقى ئالتە ۋەزىر، ئۈچ ئىچكى ۋەزىر تەسىس قىلدى. ئۇندىن باشقا يەنە تۇتۇق، سانغۇن، ئەمىرلەشكەر قاتارلىق مەنسەپلەرنى تەسىس قىلدى. (تاڭ سۇلالىسى) تۈمىدكە دىيانەتلىك سانغۇن، دەشت تۇتىقى قاتارلىق مەردىۋىلىرىنى تارتۇق قىلدى» [14]. شۇنىڭ بىلەن بىر-بىرىگە قارمۇ-قارشى بولغان مۇنداق ئىككى خىل ئەھۋال يۈز بەردى: بىرى، تۈمىد ئۆزىدىن ئىلگىرىكى تۈركلەرگە تەقلىد قىلىپ ئەمەل-مەنسەپ تەسىس قىلدى ۋە ئۆزىنى قاغان دەپ ئاتىدى؛ يەنە بىرى، تاڭ سۇلالىسى ئوردىسى شىمالىي دالادا بارگاھ قۇرۇپ ئۆزىنى قاغان دەپ جاكارلىغان تۈمىدكە مەردىۋە ئاتا قىلدى. ئۆز-ئارا زىددىيەتلىك بۇ ھادىسىنى چۈشەندۈرۈش ئۈچۈن ئالدى بىلەن مۇشۇ مەزگىلگە قەدەر بولغان ئۇيغۇرلاردىكى ماكان مەسىلىسىنى ئىزاھلاشقا توغرا كېلىدۇ .
جۇغراپىيىلىك ماكان مەسىلىسى
ئۇيغۇرلارنىڭ كۆك تۈرك خانلىقىغا بېقىندى بولۇشتىن سىر-تاردۇشلار خانلىقىنى تار-مار كەلتۈرگۈچە بولغان ئارىلىقتىكى ماكان دائىرىسىنىڭ جىددىي ئۆزگىرىش ئەھۋالى توغرىسىدا خەنزۇچە ۋە ئۇيغۇرچە مەنبەلەرنىڭ ھەر ئىككىلىسىدە مەلۇمات قالدۇرۇلغان. «كونا تاڭنامە. ئۇيغۇرلار تەزكىرىسى» دە مۇنداق دېيىلىدۇ : «ئۇيغۇرلار سىر-تاردۇشلارنىڭ شىمالىدىكى سېلىنگا دەرياسىنىڭ شىمالىدا ياشايدۇ. بۇ يەردىن چاڭئەنگە 6900 چاقىرىم كېلىدۇ » [15]. بۇنىڭدىن باشقا «قانۇنلار قامۇسى»، «يېڭى تاڭنامە»، «تاڭ سۇلالىسى تارىخىنىڭ مۇھىم بايانلىرى»، «تەيپىڭ يىللىرىدىكى ئالەم خاتىرىلىرى»، «يازما ھۆججەتلەر ھەققىدە ئومۇمىي تەھسىل» قاتارلىقلاردىمۇ بۇ ھەقتە خاتىرە بار[16]. تۈرك- رونىك يېزىقىدىكى «بايانچۇر مەڭگۈ تېشى» دا مۇنداق دېيىلىدۇ : «…. ئۆتۈكەن ئەتراپى ئېلى ئىككىسىنىڭ ئوتتۇرىسىدا ئولتۇرۇدىكەن. سۈيى سېلىنگا (دەرياسى) ئىكەن. ئۇ يەردە ئېلى …. ئەركىن ياشايدىكەن» [17]. جۇۋەينىنىڭ ئەسىرىدە نەقىل كەلتۈرۈلگەن ئۇيغۇرلارنىڭ كېلىپ چىقىشى ھەققىدىكى رىۋايەتنىڭ ئاساسى مەزمۇنى مۇنداق: ئەينى ۋاقىتتا قارا قۇرۇمدا ئىككى دەريا بولغان، بىرى سېلىنگا دەرياسى، يەنە بىرى تۇغلا دەرياسى. بۇ ئىككى دەريانىڭ قوشۇلىدىغان يېرىدىكى دۆڭگە چۈشكەن خاسىيەتلىك نۇردىن بەش ئوغۇل بوۋاق يارالغان، بۇلاردىن بوقۇخان ئۇيغۇرلارغا خاقان بولغان[18]. «ئىدىقۇت خانىنىڭ تۆھپە مەڭگۈ تېشى» دىمۇ مۇشۇنىڭغا ئوخشاپ كېتىدىغان رىۋايەت خاتىرىلەنگەن[19].
يۇقىرىقى ئەسەرلەردە بايان قىلىنغان ئۇيغۇرلارنىڭ ئەجدادلىرى ھەققىدىكى مەلۇماتلارنى يىغىنچاقلاپ كۆرسەك، ئۇيغۇرلار ئەڭ دەسلەپ كۆكلىگەن جاينىڭ سېلىنگا ۋادىسى ئىكەنلىكىنى بىلىمىز. دېمەك ئەينى زاماندا كۆچمەن چارۋىچىلىقنى ئاساسى ئىگىلىك شەكلى قىلىپ ياشىغان ئۇيغۇرلار سېلىنگا دەرياسى ۋادىسىنى مەركەز قىلغان ئاساستا مەۋجۇت بولۇپ تۇرغان، ئۇيغۇر قاغانى بايانچۇر (ئەل ئەتمىش) نىڭ شەرىپىگە ئورنىتىلغان مەڭگۈ تاشتىمۇ «سۈيى سېلىنگا دەرياسى ئىكەن» دېيىلىش بىلەنلا چەكلەنگەنلىكى ئەنە شۇ ئەھۋالنىڭ ئىنكاسى ئىدى. شۇڭا ئۇيغۇرلار بۆگۈ، توڭرا، بايىرقۇ قاتارلىق قەبىلىلەر بىلەن بىرلىشىپ تۈرۈكلەرگە قارشى چىققان ۋە ئۇيغۇر ئاقساقىلى سۈكۈن «ئېركىن» دەپ ئاتىلىۋاتقان مەزگىللەردە، ئۇيغۇرلار سېلىنگا دەرياسىدىن باشقا جايلارغا كېڭەيمىگەن دېيىشكە بولىدۇ . شۇ ۋاقىتتىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ئەمىلى ئەھۋالىمۇ بۇنداق قىلىشقا يار بەرمەيتتى. چۈنكى ئەمدىلەتىن تۈركلەرنىڭ بۇيۇنتۇرقىدىن ئازاد بولغان ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆزىنى ئوڭشاپ بولالماي تۇرۇپلا سىرتقا كېڭىيىپ كېتەلىشى ھەم مۇمكىن ئەمەس ئىدى. شۇڭا «سۈينامە. شىمالىي دىلار تەزكىرىسى» دىكى «ئۇيغۇرلار تۇغلا دەرياسىنىڭ شىمالىدىكى جايلاردا ياشايدۇ» دېگەن باياننى ئىشەنچلىك دەپ قاراشقا بولىدۇ .
مىلادىيە 627- يىلىغا كەلگەندە ئۇيغۇرلارنىڭ ماكان دائىرىسىدە مەلۇم ئۆزگىرىشلەر يۈز بېرىشكە باشلىدى. ئۇلارنىڭ مەركىزىي بارگاھىمۇ ئەسلىدىكى سېلىنگا ۋادىسىدىن شەرقىي جەنۇبتىكى تۇغلا (تۇرا) دەرياسى بويلىرىغا يۆتكەلدى. بۇ ئەھۋال ئۇيغۇرلارنىڭ سۈكۈن ئېركىن باشچىلىقىدا بىر مەزگىل ئۆزىنى ئوڭشاپ كۈچ توپلاش ۋە قۇدرەت تېپىشقا قاراپ يۈزلىنىش ھادىسىسىنىڭ مۇقەررەر نەتىجىسى ئىدى. بۇ ھەقتى «كونا تاڭنامە» دە مۇنداق دېيىلىدۇ : «جىنگۇەن يىللىرىنىڭ باشلىرى، ئۇيغۇرلار بىلەن سىر-تاردۇشلار تۈركلەرنىڭ شىمالىي چېگرا رايونىغا ھۇجۇم قوزغىدى»[20]. بۇ مەلۇمات «يېڭى تاڭنامە» دىمۇ كۆزگە چېلىقىدۇ[21]. بۇ قېتىمقى ھەرىكەتنىڭ ئەھمىيىتى ئۇنىڭ تەشەببۇسكارلىق بىلەن ئېلىپ بېرىلغان ھۇجۇم ئىكەنلىكىدە ئىدى. ئاشۇ قىسقا نەقىلنى ئىنچىكىلىك بىلەن تەھلىل قىلىپ كۆرگىنىمىزدە، بۇ – تۈركلەرنىڭ ھۆكۈمرانلىقىدىن يېڭىلا ئايرىلىپ چىققان ئۇيغۇرلارنىڭ كېيىنكى تەرەققىيات نەتىجىسىدە بارلىققا كەلگەن سىياسىي ۋە تىروتىرىيە جەھەتتىكى يېڭى تەلەپلەرنىڭ ئىنكاسى ئىدى. دەل مۇشۇنداق بولغانلىقتىن ئۇيغۇرلار بۇسادنىڭ باشچىلىقىدا داۋاملىق جەنۇبقا سۈرۈلۈپ، يېڭى زېمىنلارنى قوشۇۋېلىشقا كىرىشتى ھەمدە تۈركلەر بىلەن ئۆزۈڭگە سوقۇشتۇرۇپ ، شىمالىي دالانىڭ خوجايىنلىقىنى تالاشتى. ئەمما رېئال ئەھۋال ئۇلارنىڭ تېخى بۇ نىشانغا يەككە ھالدا يەتكۈدەك ئىقتىدارغا ئەمەسلىكىنى كۆرسىتىپ تۇرغاچقا، ئىستراتېگىيە جەھەتتە ئۇيغۇرلار سىر-تاردۇشلا يېتەكچىلىك قىلىۋاتقان تېگرىكلار ئىتتىپاقىدا داۋاملىق تۇرۇپ قېلىشقا مەجبۇر بولدى. «سىر-تاردۇشلا بىلەن بىللە ھۇجۇم قىلدى» دېگەننىڭ ئەسلى مەنىسى مانا مۇشۇ ئىدى. دەرۋەقە شۇ قېتىملىق ھۇجۇمدىن كىيىن، ئۇيغۇرلار جەمئىيىتىدە يەنە بىر بالداق ئۆرلەش بولدى. شۇ سەۋەبتىن تۈرك خانلىقى بۇ ھۇجۇمغا قوشۇلۇپ كەلگەن تاڭ سۇلالىسىنىڭ جەنۇبىي يۈلۈنۈش ھۇجۇمىدا يىمىرىلدى. شۇنىڭ بىلەن «ئۇيغۇرلارنىڭ نامى شىمالىي دالىنى لەرزىگە كەلتۈردى، ئۇيغۇرلار جەنۇبقا سۈرۈلۈپ بۇ يېڭى ماكاننى ئۆزىگە قۇشۇۋالغاندىن كىيىن، تۇغلا دەرياسىنىڭ بۇيىدا بارگاھ قۇردى» [22]. شۇنىڭ بىلەن ئۇيغۇرلارنىڭ چېگرا پاسىلى بولۇپ كېلىۋاتقان تۇغلا ۋادىسى ئىستىخىيىلىك ھالدا ئۇيغۇرلارنىڭ يېڭى پائالىيەت مەركىزى بولۇپ قالدى. شۇنداق قىلىپ شىمالىي دالا رايونى يەنە بىر ئۆتكۈنچى دەۋرگە قەدەم قويدى. شىمالىي دالامۇ بۇ رايوندىكى ئەڭ قۇدرەتلىك ئىككى كۈچ بولغان سىر-تاردۇشلا ۋە ئۇيغۇرلار تەرىپىدىن بۆلۈشىۋېلىندى. يەنى شىمالىي دالانىڭ شىمالىي يېرىمى ئۇيغۇرلارنىڭ ئىگىدارچىلىقىدا بولغان بولسا، جەنۇبىي يېرىمى سىر-تاردۇشلارنىڭ باشقۇرۇشىدا بولدى.
ھالبۇكى، مىلادىيە 646- يىلىغا كەلگەندە شىمالىي دالىدىكى ۋەزىيەتتە غايەت زور ئۆزگىرىشلەر يۈز بەردى. سىرتاردۇشلارنىڭ تاشقى سىياسەت جەھەتتە تاڭ سۇلالىسىغا جەڭ ئېلان قىلىپ مەغلۇپ بۇلىشى، ئىچكى ئىستىراتىگىيەدە ئىتپاقداش قەبىلىلەرنى چەتكە قېقىشى نەتىجىسىدە، ئۇيغۇرلار سىر-تاردۇشلاردىن بۆلۈنۈپ چىقىشقا تەقەززا بولۇپ تۇرغان ھەرقايسى قەبىلىلەرگە باشلامچىلىق قىلىپ، تاڭ سۇلالىسى بىلەن بىرلىكتە سىر-تاردۇشلا خانلىقىغا قارشى سەپكە ئاتلاندى. مانا مۇشۇ ھەرىكەتتە ئۇيغۇرلارنىڭ يېڭى ئاقساقىلى تۈمىد[23] ئۆزىنىڭ پەۋقۇلئاددە تالانتىنى كۆرسەتتى. نەتىجىدە «سىر-تاردۇشلارنىڭ تۈربەگ قاغانى قاتتىق مەغلۇپ قىلىنىپ، ئۇيغۇرلار ئۇنىڭغا قاراشلىق بارچە قەبىلىلەرنى ئۆزىگە قوشۇۋالدى ھەمدە سىر-تاردۇشلارنىڭ ئەسلى ماكانىنى ئىگىلىدى» [24]. مەلۇمكى، سىر-تاردۇشلا بىلەن ئۇيغۇرلار شىمالىي دالىنى بۈلۈشۈۋالغاندا، سىر-تاردۇشلارنىڭ ماكانى «كۈنچىقىشتا شېرۋىلار تەۋەسىدىن كۈنپېتىشتا ئالتۇنتاغقىچە، جەنۇبتا تۈركلەر رايونىدىن شىمالدا دەشت رايونىغىچە » [25] بولۇپ بېكىتىلگەن ئىدى. شۇڭا ئۇيغۇرلارنىڭ تۈمىد باشچىلىقىدا سىر-تاردۇشلا خانلىقىنى گۇمران قىلىپ، ئۇنىڭ ئاھالىسى ۋە زېمىن تىروتىرىيەسىنى ئىگىلىگەنلىكى ئەمەلىيەتتە ئۇيغۇرلارنىڭ ئاخىرقى ھېسابتا شىمالىي دالانى بىرلىككە كەلتۈرۈپ، بۇ رايوننىڭ بىردىن بىر ھۆكۈمرانى بولۇپ قالغانلىقىنىڭ، ئۆتۈكەن ۋە ئورخۇن ۋادىسىنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ يېڭى پائالىيەت مەركىزى بولغانلىقىنىڭ، ئۇيغۇرلارنىڭ رەسمىي تۈردە خەلق بولۇپ شەكىللىنىشكە ماس ھالدا، ئۇلارنىڭ جۇغراپىيىلىك ماكانىنىڭمۇ ئاخىرقى ھېسابتا شەكىللەنگەنلىكىنىڭ ناماياندىسى ئىدى.
ئۇيغۇر خانلىقىنىڭ مەۋجۇتلۇق مەسىلىسى
ئۇيغۇر خانلىقىنىڭ مەۋجۇت بولۇپ تۇرغان دەۋر مەسىلىسىنى ئايدىڭلاشتۇرۇش ئۈچۈن، نەزىرىمىزنى ئالدى بىلەن خەنزۇ كلاسسىك ۋەسىقىلىرىگە قارىتىشقا توغرا كېلىدۇ . «كونا تاڭنامە» دە بۇ توغرىلىق مۇنداق دېيىلىدۇ : «جېنگۇەننىڭ 20- يىلى (مىلادىيە 646- يىلى) …. تۈمىد ئۆزىنى قاغان دەپ جاكارلاپ، تۈركلەرنىڭكىگە ئوخشاش ئەمەل-مەنسەپلەرنى تەسىس قىلدى» [26]. «يېڭى تاڭنامە» دە مۇنداق دېيىلىدۇ : «….. تۈمىد يەنىلا ئۆزىنى قاغان دەپ ئاتاپ، تۈركلەرنىڭكىگە تەقلىد قىلىپ ئەمەل-مەنسەپ تەسىس قىلدى، بۇلاردىن ئالتە تاشقى ۋەزىر، ئۈچ ئىچكى ۋەزىر، تۇتۇق، سانغۇن، ئەمىرلەشكەر قاتارلىقلارمۇ بار ئىدى»[27]. «ئەلنى باشقۇرۇش ئۆرنەكلىرى» دە مۇنداق دېيىلىدۇ : «…. ئۇيغۇرلاردىن تۈمىد ئۆزىنى قاغان دەپ ئېلان قىلىپ، تۈركلەرنىڭكىگە ئوخشاش ئەمەل-مەنسەپ تەسىس قىلدى» [28]. «كىتابلار جەۋھىرى» دە مۇنداق دېيىلىدۇ : «جىنگۇەننىڭ 20- يىلى (مىلادىيە 646- يىلى) …. تۈمىد ئۆزىنى قاغان دەپ جاكارلىدى ۋە تۈركلەرگە ئوخشاش ئەمەل-مەنسەپ تەسىس قىلدى» [29].
مەزمۇنى پۈتۈنلەي ئوخشاش بولغان بۇ نەقىللەرنى ئېرىنمەي تەكرارلىشىمىزنىڭ سەۋەبى شۇ يەردىكى، ئاشۇ بايانلاردىن تۈمىدنىڭ ئۆزىنى قاغان دەپ ئاتىغانلىقىغا دائىر ۋەقەنىڭ راست ئىكەنلىكىنى مۇتلەق مۇقىملاشتۇرۇشقا تامامەن بولىدۇ ، شۇنداقلا ئاشۇ بايانلارنىڭ ئىشەنچلىك ئىكەنلىكىگە بولغان ھەرقانداق گۇماننى ئىنكار قىلىشقا بولىدۇ . شۇڭا قەدىمكى جۇڭگونىڭ رەسمىي تارىخنامىلىرىدىكى تۈمىد ھەققىدە بېرىلگەن ئاشۇ بايانلاردىن 646- يىلى تۈمىد شىمالىي دالادا ئۇيغۇر خانلىقىنى قۇرغان دېيىشكە تولۇق ۋە يېتەرلىك ئاساس تاپالايمىز. بولۇپمۇ تۈمىدنىڭ ئۆزىنى قاغان دەپ ئاتىغانلىقىدىن سىرت، تۈرك خانلىقىغا تەقلىد قىلىپ ئەمەل-مەنسەپ تەسىس قىلغانلىقى بۇ نۇقتىنى تېخىمۇ گەۋدىلەندۈرىدۇ. تاڭ دەۋرىگە ئائىت ۋەقەلەرنىڭ خاتىرىسى بولغان «كونا تاڭنامە»، «يېڭى تاڭنامە»، «ئەلنى باشقۇرۇش ئۆرنەكلىرى»، «كىتابلار جەۋھىرى»، «تاڭ سۇلالىسى تارىخىنىڭ مۇھىم بايانلىرى»، «قانۇنلار قامۇسى»، «يازما ھۆججەتلەر ھەققىدە ئومۇمىي تەھسىل» قاتارلىق خەنزۇچە ۋەسىقە توپلاملىرىنى ۋاراقلاپ كۆرسەك، تۈمىدنىڭ تۈركلەرگە تەقلىد قىلىپ تەسىس قىلغان ئەمەل-مەنسەپلىرىدىن قاغان (پادىشاھ)، قاتۇن (خانىش)، تېكىن (شاھزادە)، شاد (ئالىي لەشكىرى قوماندان )، يابغۇ (قاغاننىڭ ئورۇنباسارى)، چۇر (قەبىلە ئاقساقىلى)، ئېلتەبىر (قەبىلە ئاقساقىلى)، تۇدۇن (باج-سېلىق ئىشلىرىنى نازارەت قىلغۇچى)، ئېركىن (قەبىلە ئاقساقىلى)، تارقان (قوشۇن سەردارى)، بەگ، بۇيرۇق (ئوردا مەھرەم بېشى) قاتارلىقلارنىڭ بولغانلىقىنى بىلىۋالالايمىز. بۇلاردىن باشقا تۈمىد يەنە تاڭ سۇلالىسىنىڭ ئەمەل-مەنسەپ سىستېمىسىغا مەنسۇپ بولغان ۋەزىر، تۇتۇق، سانغۇن (جياڭجۈن)، ئەمىرلەشكەر قاتارلىق ناملارنى قوبۇل قىلغان. شۇنىڭ بىلەن «قاغان» باشچىلىقىدىكى مۇكەممەل ۋە بىر يۈرۈش ئەمەل-مەنسەپ سىستېمىسى شەكىللەنگەن.
بىز يۇقىرىدا ئاساسىي نۇقتىنەزىرىمىزنى ئورخۇن ئۇيغۇر خانلىقى 744- يىلى ئەمەس، 646- يىلى قۇرۇلغان دېگەننى شەرھلەشكە قاراتتۇق. ئەمما مىلادىيە 681- يىلى كېيىنكى شەرقىي تۈرك خانلىقىنىڭ قۇرۇلغانلىقى ۋە شىمالىي دالانى ئۆز ھۆكۈمرانلىقىغا ئالغانلىقىدىن ئىبارەت بۇ چىنلىقنى يوشۇرۇپ قالالمايمىز. شۇنداق ئىكەن ئۇيغۇرلارنىڭ خانلىق قۇرۇش ۋە تۈرك دۆلىتىنىڭ قايتا تىرىلىشى ئوتتۇرىسىدىكى مەۋجۇتلۇق مەسىلىسى قانداق بولغان؟ دېگەن سوئال بىزنىڭ ئالدىمىزغا قويۇلىدۇ . بۇ ھەقتە خەنزۇچە كلاسسىك ۋەسىقىلەردە يېتەرلىك مەلۇماتلار بار. ئەمما بىز مەزكۇر سوئالنى تېخىمۇ چۈشىنىشلىك قىلىپ ئىزاھلاپ بېرىش ئۈچۈن قەدىمكى مەڭگۈ تاش تېكىستلىرىدىن بەزى ئۈزۈندى-نەقىللەرنى ئېلىشنى لايىق تاپتۇق.
ئالدى بىلەن «تەس مەڭگۈ تېشى» غا نەزەر سالساق، ئۇنىڭدا ئۇيغۇرلارنىڭ يىراق قەدىمكى زامان تارىخى گۈزەل شېئىرىي تىل بىلەن بايان قىلىنىدۇ: «…. ئۆتكەن زامانلاردا يارالغان ئۇيغۇر قاغانلىرى تەختتە ئولتۇردى، (ئۇلار) دانىشمەن ۋە ئۇلۇغ قاغانلار (ئىدى) …. ئۇلار تەختتە ئولتۇردى، ئۈچ يۈز يىلغىچە كۆپلەپ ئۆز ئەللىرىنى باشقۇردى ……. بەربات بولدى، ….. ئۆتكەن زامانلاردا تابغاچلارغا قارشى تۇرۇپ مەغلۇپ بولغان ئىدى. ئۇيغۇر قاغان ئون يىل تەختتە ئولتۇردى، (ئاندىن) يەنە يەتمىش يىل ئۆتتى. … تەڭرىدىن يارالغان ئەل ئەتمىش ئۇيغۇر قاغانى تەختتە ئولتۇردى» [30]. يۇقىرىقىغا ئوخشاپ كېتىدىغان مەزمۇنلار «تېرخىن مەڭگۈ تېشى» دىمۇ ئۇچرايدۇ: «…. بۇ ئۈچ قاغان تەختتە ئولتۇردى، ئىككى يۈز يىل تەختتە ئولتۇردى. ئۇلارنىڭ خەلقى غەزەپكە كېلىپ ھالاك بولدى …. مىنىڭ ئەجدادلىرىم تەختتە سەكسەن يىل ئولتۇرغان …» [31]. يۇقىرىدىكى ئىككى پارچە مەڭگۈ تاش تېكىستىدىن مەلۇم بولدىكى، مەزكۇر مەڭگۈ تاشلار ئۇيۇلغان ۋاقىت (8- ئەسىرنىڭ ئوتتۇرىلىرى) قا قەدەر ئۇيغۇرلار ئۈچ قېتىم خانلىق قۇرغان: بىرىنچى قېتىملىق خانلىق ئۈچ يۈز يىل (ئىككى يۈز يىل) داۋاملاشقان، ئىككىنچى خانلىق سەكسەن يىل (ئون يىل، يەنە يەتمىش يىل) مەۋجۇت بولغان، يېڭى ئۇيغۇر خانلىقى بولسا كۆل بىلگە قاغان ۋە ئەلئەتمىش بىلگە قاغان (بايانچۇر ياكى مۇيۇنچۇر) لارغا باغلىنىدۇ. بۇ يەردە تىلغا ئېلىنغان بىرىنچى خانلىق (ئۈچ يۈز يىل ياكى ئىككى يۈز يىل داۋاملاشقان) نىڭ كونكرېت ئەھۋالى توغرىسىدا مەنبەلەرنىڭ يوقلىقى سەۋەبىدىن، ھازىرچە بىر نەرسە دېيىشكە ئاجىزلىق قىلىمىز. ئەمما سەكسەن يىل داۋاملاشقان ئىككىنچى خانلىق مۇلاھىزە قىلىپ كۆرۈشكە ئەرزىيدۇ.
«تېرخىن مەڭگۈ تېشى» نىڭ ئاپتورى بولغان بىلگە تارقان (بايانچۇرنىڭ ئوغلى) سەكسەن يىللىق ئىككىنچى ئۇيغۇر خانلىقىنىڭ قاغانلىرىنى «مىنىڭ ئەجدادلىرىم» دەيدۇ. شۇڭا سەكسەن يىللىق بۇ خانلىقنىڭ قايسى دەۋرلەردە مەۋجۇت بولغانلىقىنى ئېنىقلاش مەزكۇر تېمىمىز ئۈچۈن زور ئەھمىيەتكە ئىگە. «بايانچۇر مەڭگۈ تېشى» نىڭ بېشىدىلا مۇنداق دېيىلىدۇ : «… سۇ … ئۇ يەردە قالغان خەلق ئون ئۇيغۇر، توققۇز ئوغۇز ئۈستىدە يۈز يىل ئولتۇرۇپ، … ئورخۇن دەرياسى … تۈرك قىپچاق ئەللىك يىل ئولتۇرغان ئىكەن» [32]. كەمتۈك ۋە بەكلا قىسقا ئاشۇ مەلۇماتنى ئىنچىكىلەپ تەھلىل قىلغىنىمىزدا، بۇنىڭ ئەسلىدە بىر پۈتۈن جۈملە ئىكەنلىكىنى ھېس قىلىمىز. جۈملىنىڭ ئىگىسى «تۈرك قىپچاقلار»، ئۇلار «ئۇ يەردە قالغان» ئۇيغۇرلارغا يۈز يىل ھۆكۈمرانلىق قىلغان (مەڭگۈ تاشتا مەڭگۈ تاش تىكلەنگەن ئورخۇن ۋادىسىنى بىلدۈرىدىغان «بۇ يەر» دېگەن ئاتالغۇ ئىشلىتىلمەستىن، يىراق ماكاننى بىلدۈرىدىغان «ئۇ يەر» سۆزىنىڭ ئىشلىتىلگەنلىكى بۇنىڭغا قۇشۇمچە دەلىل بۇلالايدۇ)، ئاندىن مەۋجۇت بولۇپ كېلىۋاتقىنىغا سەكسەن يىل بولۇپ قالغان بۇ خانلىق (ئۇنىڭ ئورخۇن ۋادىسىدا ئىكەنلىكى يۇقىرىقى نەقىلدىنمۇ مەلۇم) نى بەربات قىلىپ، ئۇلارنىڭ ئۈستىدىن ئەللىك يىل ھۆكۈمرانلىق يۈرگۈزگەن. ھۆكۈمرانلىقنىڭ 50- يىلى ئەل ئەتمىش بىلگە قاغان (بايانچۇر) نىڭ ئاتىسى كۆل بىلگە لەشكىرىي ۋاسىتە ئارقىلىق يېڭى ئۇيغۇر خانلىقىنى قۇرۇپ چىققان. مۇشۇ بويىچە بولغاندا، بىزگە ئېنىق مەلۇم بولغان 744- يىلى (يېڭى ئۇيغۇر خانلىقىنىڭ قۇرۇلغان ۋاقتى ) دېگەن يىلنامىدىن ئۆتمۈشكە قاراپ تەتۈر ئىسترېلكا بويىچە ماڭغان ئەللىك يىل – دەل ئۇيغۇرلارنىڭ تۈركلەر ھۆكۈمرانلىقى ئاستىدا تۇرۇپ كەلگەن ۋاقتى بولۇپ چىقىدۇ. يەنى ئۇنىڭ (ھۆكۈمرانلىق قىلىنىشىنىڭ) باشلىنىش نۇقتىسى مىلادىيە 694- يىللار بولىدۇ . چۈنكى بۇ يىلنامە كېيىنكى شەرقىي تۈرك خانلىقىنىڭ قۇرۇلغانلىقىنىڭ نەتىجىسى ئىدى.
«كونا تاڭنامە» 194- جىلد «تۈركلەر تەزكىرىسى» گە ئاساسلانغاندا، 630- يىلى شەرقىي تۈرك خانلىقى تاڭ سۇلالىسى تەرىپىدىن يوقىتىلغاندىن كىي، ئۇلارنىڭ قالدۇق ئاھالىلىرى قۇرالسىزلاندۇرۇلۇپ، كېيىنكى ھەربىي ئىشلارنىڭ زاپاس ئېھتىياجى ئۈچۈن سەددىچىن بويلىرىدا نازارەت ئاستىغا ئېلىنغان ئىدى. 681- يىلىغا كەلگەندە ئاشۇ قالدۇق تۈركلەردىن قۇتلۇق ئېلتەرىش ئەجدادلىرىنىڭ سەلتەنەتىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش نامىدا كۈچ توپلاپ، تاڭ سۇلالىسىغا قارشى چىقتى. بۇ قېتىمقى ۋەقە «كۆل تېگىن مەڭگۈ تېشى» دا مۇنداق بايان قىلىنغان: «ئاتام ئېلتەرىش خاقان. ….. ئون يەتتە ئەر بىلەن سىرتقا چىقىپتۇ، ئۇلارنىڭ سىرتتا يۈرگەنلىك خەۋىرىنى ئاڭلىغاندىن كىيىن شەھەردىكىلەر تاققا چىقىپتۇ، تاغدىكىلەر تۆۋەنگە چۈشۈپتۇ، بۇلار يىغىلىپ يەتمىش ئەر بوپتۇ …. تەڭرى مەدەت بەرگەنلىكى ئۈچۈن دۆلىتى بارلارنى دۆلىتىدىن مەھرۇم قىلىپتۇ، خاقانلىرى بارلىرىنى خاقانىدىن مەھرۇم قىلىپتۇ، دۈشمەنلەرنى بويسۇندۇرۇپتۇ، تىزى بارلارنى تىزلاندۇرۇپتۇ، بېشى بارلارنى باش ئۇردۇرۇپتۇ. ئاتام خاقان ئاشۇنداق قىلىپ دۆلەت قۇرغان ۋە قانۇن-تۈزۈم ئورناتقاندىن كىيىن بۇ دۇنيادىن ئۆتۈپتۇ» [33]. ئېلتەرىش خاقان ئەنە شۇ يوسۇندا شەرقىي تۈرك خانلىقىنى قايتا بەرپا قىلىپ، ئۇزۇن ئۆتمەيلا ۋاپات بولغان.
ئۇيغۇرلار ئېلتەرىش خاقاننىڭ ۋاپاتىدىن كېيىنكى ۋاقىتلاردا بارغانسېرى كۈچۈيۈپ بارغان كۆك تۈركلەر تەرىپىدىن بويسۇندۇرۇلغان. بۇ ھەقتە مەڭگۈ تاش تېكىستىدە مۇنداق دېيىلىدۇ : «ئاتام (ئېلتەرىش) خاقاننى خاتىرىلەر ئۈچۈن ئالدى بىلەن باز خاقاننى بالبال قىلىپ تىكلەپتۇ» [34]. بۇ يەردە ئېيتىلىۋاتقان «باز خاقان» بولسا توققۇز ئوغۇزلارنىڭ يەنى ئىككىنچى ئۇيغۇر خانلىقىنىڭ ئاخىرقى قاغانى بولۇپ ، خەنزۇچە كلاسسىك مەنبەلەردە 比粟 دىيىلىدۇ. بۇ يەردىكى مۇھىم نۇقتا شۇكى، ئېلتەرىش قاغان قازا قىلىپ ئۇزۇن ئۆتمەي، مەۋجۇت بولۇپ كېلىۋاتقىنىغا سەكسەن يىل بولغان ئىككىنچى ئۇيغۇر خانلىقىنىڭ ئاخىرقى خانى باز باز خاقان ئېلتەرىش قاغاننىڭ روھىغا ئاتاپ بوغۇزلانغان، شۇنىڭ بىلەن سەكسەن يىللىق بۇ خانلىقنىڭ ئۆمرى ئاخىرلاشقان.
شۇنداق قىلىپ ئۇيغۇر خانلىقىنىڭ قۇرۇلىشى بىزگە ئاساسەن ئايدىڭلاشتى: مىلادىيە 694- يىلى ئېلتەرىش قاغان قۇرغان شەرقىي تۈرك خانلىقى ئۇيغۇر خانلىقىنى يىمىرىپ تاشلاپ، ئۇنىڭ سەكسەن يىللىق تارىخىغا خاتىمە بەردى. شۇنىڭدىن تارتىپ تاكى 744- يىلىغىچە بولغان ئەللىك يىلدا، ئۇيغۇرلار تۈركلەرنىڭ ھۆكۈمىرانلىقىدا تۇرۇپ كەلدى. 744- يىلى كۆل بىلگە ئۇيغۇر خانلىقىنى يېڭى باشتىن قۇرۇپ چىققاندىن كىيىن، ئۇنىڭ ئوغلى ئەل ئەتمىش بىلگە قاغان (بايانچۇر) نىڭ شەرىپىگە ئورنىتىلغان مەڭگۈ تاشتا ئاشۇ سەكسەن يىللىق تارىخنى، يەنى سۈكۈن ئېركىندىن باز قاغانغىچە بولغان مەزگىلنى «مىنىڭ ئەجدادلىرىم قۇرغان ئىككىنچى خانلىق دەپ ئاتىدى». ئەمما يازما مەنبەلەرگە ئاساسلانغاندا 646- يىلى تۈمىدنىڭ «ئۆزىنى قاغان دەپ ئاتاپ تۈركلەر ئېلىگە تەقلىد قىلىپ، ئەمەل-مەنسەپ تەسىس قىلىشى، خانلىقنىڭ رەسمىي قۇرۇلغان ۋاقتى ئىدى».
ئىزاھلار:
[1][6] ف.ئېنگېلىس: «ئائىلە، خۇسۇسىي مۈلۈكچىلىك ۋە دۆلەتنىڭ كېلىپ چىقىشى» – «ماركس –ئېنگېلىس تاللانما ئەسەرلىرى» 4- توم، خەلق نەشرىياتى 1972- يىلى خەنزۇچە نەشرى، 166-167- بەتلەر ۋە 146- بەت.
[2] لا.مورگان: «قەدىمكى جەمئىيەت » 1- قىسىم، شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى 1992- يىلى ئۇيغۇرچە نەشرى، 1- قىسىم 9- بەت.
[3] «تاغ – ئېزىملار قۇرئى»، گۇيجۇ خەلق نەشرىياتى 1992- يىلى نەشرى، 319- بەت.
[4] يۇقىرىقى ئەسەر 253-، 256- بەتلەر.
[5] دۇەن ليەنچىن: «دىڭلىڭلار، قاڭقىللار، تۇرالار» 1- قىسىم، شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى 1996- يىلى ئۇيغۇرچە نەشرى؛ «ۋاڭ گوۋېي ئەسەرلىرى» 2- قىسىم، شاڭخەي قەدىمكى ئەسەرلەر كىتابخانىسى 1983- يىل نەشرىياتى.
[7] سىماچيەن: «تارىخىي خاتىرىلەر؛ 110- جىلد «ھونلار تەزكىرىسى»، شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى 1989- يىل ئۇيغۇرچە نەشرى 407- بەت.
[8] بەنگۇ: «خەننامە» 94- جىلد «ھونلار تەزكىرىسى»، 740-741- بەتلەر، شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى 1994- يىل ئۇيغۇرچە نەشرى.
[9] بۇ قوۋملارنىڭ ئېتنىك ناملىرى ۋە ئۆز-ئارا مۇناسىۋەت ئەھۋالى «توققۇز ئوغۇز ۋە ئون ئۇيغۇر ھەققىدە مۇھاكىمە» ناملىق ماقالەم («قەشقەر پېداگوگىكا ئىنستىتۇتى ئىلمىي ژۇرنىلى » 1995- يىللىق 1- سان) دە تەپسىلىي بايان قىلىنغانلىقى كۆزدە تۇتۇلۇپ، بۇ يەردە قايتا تەكرارلانمىدى.
[10] دۇەن ليەنچىن: «دىڭلىڭلار، قاڭقىللار، تۇرالار» دېگەن كىتابنىڭ «قاڭقىللار» دېگەن قىسمىغا قاراڭ. ئۇيغۇرچە نەشرى.
[11] «يېڭى تاڭنامە» 217- جىلد «ئۇيغۇرلار تەزكىرىسى» 6111- بەت.
[12] «سۈينامە» 84- جىلد «شىمالىي دىلار»، 1880- بەت.
[13] «كونا تاڭنامە» 195- جىلد «ئۇيغۇرلار تەزكىرىسى»، 1596- بەت.
[14] «كونا تاڭنامە» 195- جىلد «ئۇيغۇرلار تەزكىرىسى»، 6113- بەت.
[15] «كونا تاڭنامە» 195- جىلد «ئۇيغۇرلار تەزكىرىسى»، 1595- بەت.
[16] «قانۇنلار قامۇسى» 200- جىلد «ئۇيغۇرلار»، شاڭۋۇ نەشرىياتى، 1084- بەت؛ «يېڭى تاڭنامە» 217- جىلد «ئۇيغۇرلار تەزكىرىسى»، 6111- بەت؛ «تاڭ سۇلالىسى تارىخىنىڭ مۇھىم بايانلىرى» 98- جىلد «ئۇيغۇرلار»، 1743- بەت؛ «تەيپىڭ يىللىرىدىكى ئالەم خاتىرىلىرى» 199- جىلد «ئۇيغۇرلار»؛ «يازما ھۆججەتلەر ھەققىدە ئومۇمىي تەھسىل» 347- جىلد «ئۇيغۇرلار»، شاڭۋۇ نەشرىياتى 2718- بەت.
[17] ئاندۇقېيۇم خوجا، تۇرسۇن ئايۇپ، ئىسراپىل يۈسۈپ: «قەدىمكى ئۇيغۇر يازما يادىكارلىقلىرىدىن تاللانما»، شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى 1984- يىل ئۇيغۇرچە نەشرى 114- بەت.
[18] ئا.جۇۋەينى: «تارىخىي جاھانگۇشاي»، ئىچكى موڭغۇل نەشرىياتى 1980- يىل خەنزۇچە نەشرى، 1- كىتاب، 62-، 64- بەتلەر.
[19] خۇاڭ ۋېنبىي: «ئىدىقۇت ئۇيغۇر خانىنىڭ تۆھپە مەڭگۈ تېشى ھەققىدە تەتقىقات» – «مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى»، 1964- يىللىق 2- سان.
[20] «كونا تاڭنامە» 195- جىلد «ئۇيغۇرلار تەزكىرىسى»، 1595- بەت.
[21][22] «يېڭى تاڭنامە» 217- جىلد «ئۇيغۇرلار تەزكىرىسى» 6113- بەت.
[23] تۈمىد بىلەن بوسادنىڭ مۇناسىۋىتى قايسى خىلدىكى مۇناسىۋەتكە مەنسۇپ ئىكەنلىكى توغرىسىدا تېخىمۇ چوڭقۇر تەتقىقات ئېلىپ بېرىش زۆرۈر .
[24] «كونا تاڭنامە» 195- جىلد «ئۇيغۇرلار تەزكىرىسى»، 5196- بەت.
[25] «كونا تاڭنامە» 217- جىلد «ئۇيغۇرلار تەزكىرىسى»، 1635- بەت.
[26] «كونا تاڭنامە» 195- جىلد «ئۇيغۇرلار تەزكىرىسى»، 1596-بەت.
[27] «كونا تاڭنامە» 217- جىلد «ئۇيغۇرلار تەزكىرىسى»، 6113- بەت.
[28] «ئەلنى باشقۇرۇش ئۆرنەكلىرى» 198- جىلد، 6244- بەت.
[29] «كىتابلار جەۋھىرى. تاشقى ۋەزىرلەر»، 11318-، 11372- بەتلەر.
[30] س.گ. كىلىياشتورىنىي: «تەس مەڭگۈ تېشى» – «شىنجاڭ ئۇنۋېرستىتى ئىلمىي ژۇرنىلى » 1985- يىللىق 1- سان.
[31] س.گ. كىلىياشتورىنىي: «تېرخىن مەڭگۈ تېشى» – «شىنجاڭ ئىجتىمائىي پەنلەر تەتقىقاتى» 1982- يىللىق 3- سان.
[32] ئاندۇقېيۇم خوجا، تۇرسۇن ئايۇپ، ئىسراپىل يۈسۈپ: «قەدىمكى ئۇيغۇر يازما يادىكارلىقلىرىدىن تاللانما»، 14- بەت.
[33] ئاندۇقېيۇم خوجا، تۇرسۇن ئايۇپ، ئىسراپىل يۈسۈپ: «قەدىمكى ئۇيغۇر يازما يادىكارلىقلىرىدىن تاللانما»، 82-، 84- بەتلەر.
[34] ئاندۇقېيۇم خوجا، تۇرسۇن ئايۇپ، ئىسراپىل يۈسۈپ: «قەدىمكى ئۇيغۇر يازما يادىكارلىقلىرىدىن تاللانما»، 83- بەت.
«شىنجاڭ ئىجتىمائىي پەنلەر تەتقىقاتى» 2001- يىللىق 2- سانىدىن ئېلىندى

مەنبە: http://uyghur.xjass.com/uyghur/lishisuo/content/2009-04/01/content_69266.htm

يازغۇچى ھەققىدە

ماقالە سانى : 1172

ئاكادېمىيە ئورگان تورى ©

ئۈستىگە قايتىش