ئۇيغۇرچە    Uyghurche    Уйғурчә   
  • 2018 - يىلى 27 - ئۆكتەبىر يەكشەنبە كۈنى سائەت 2:00 دە ئىستانبۇلدا «خىتاينىڭ جازا لاگىرلىرىدىكى شەرقىي تۈركىستانلىقلارنىڭ ئاقىۋىتى مۇھاكىمە يىغىنى» ئۆتكۈزۈلدى. ...
سىزنىڭ ئورنىڭىز: باشبەت » ئومۇمى » ۋەتەن ئىچى – سىرتىدىكى «شەرقىي تۈركىستانلىقلارنىڭ نۇپۇس سانى» نى بىرلىككە كەلتۈرۈش ھەققىدە

ۋەتەن ئىچى – سىرتىدىكى «شەرقىي تۈركىستانلىقلارنىڭ نۇپۇس سانى» نى بىرلىككە كەلتۈرۈش ھەققىدە

مۇھاجىرەتتىكى شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلىرى ۋە ئۇيغۇر پائالىيەتچىلەرگە مۇراجىئەت

ھەممىمىزگە ئايان بولغىنىدەك، خىتاي ھۆكۈمىتى ئۆزىنىڭ مۇستەملىكە تارىخىدا شەرقىي تۈركىستاندىكى ئاساسلىق ئاھالە بولغان ئۇيغۇرلارنىڭ نۇپۇسىنى ھەر دائىم ئاز كۆرسىتىپ كەلگەن. ئۇيغۇر ئاكادېمىيسىى قىياسقا تايانغان نوپۇس مەلۇماتلىرىنىڭ ئاساسىي ئېقىم بولۇش ھالىتىگە خاتىمە بېرىش ئۈچۈن، 2013-يىلى شەرقىي تۈركىستاندىكى 255 ئۇيغۇر پىدائىنىڭ 3 يىللىق مەخپى ئىزدىنىشى ۋە جاپالىق تېرىشچانلىقى نەتىجىسىدە «ياشلار ئاۋازى تورى»[1] دا ئىلان قىلىنغان شەرقىي تۈركىستاندىكى 2013-يىلىدىكى ئۇيغۇر نوپۇسى  18,838,470 (ئون سەككىز مىلىيون سەككىز يۈز ئوتتۇز سەككىز مىڭ تۆت يۈز يەتمىش) دىگەن نۇپۇس ئىستاتىستىكىسىنى مەنبە قىلىپ تۇرۇپ، ئارىدىكى 5 يىللىق ۋاقىتتىكى ئۇيغۇرلارنىڭ نوپۇس كۆپىيىشىنى نەزەردە تۇتۇپ، 2018-يىلىدىكى شەرقىي تۈركىستاندىكى «ئۇيغۇر نۇپۇسىنى تەخمىنەن 20 مىلىيۇن» دەپ بېكىتىشنى قارار قىلىپ، مۇھاجىرەتتىكى شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلىرى ۋە ئۇيغۇر پائالىيەتچىلەرگە مۇراجىئەتنامە ئىلان قىلغان ئىدى. بۇ مۇراجىئەتنامە ئىلان قىلىنىشى بىلەن، ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسىگە ۋەتەن ئىچى-سىرتىدىكى بارلىق شەرقىي تۈركىستانلىقلارنىڭ نۇپۇسىنى ئېنىقلاپ چىقىش ھەققىدە تەكلىپ ۋە تەلەپلەر كەلدى.

2015-يىلى خىتاي نۇپۇس ئىستاتىستىكىسىدا شەرقىي تۈركىستاندىكى ئۇيغۇرلارنىڭ نۇپۇسىنى 11,303,300 (ئون بىر مىلىيون ئۈچ يۈز ئۈچ مىڭ ئۈچ يۈز) دەپ ئاز كۆرسىتىش بىلەن بىرگە، باشقا 12 يەرلىك مىللەتنىڭ نۇپۇسى تۆۋەندىكىدەك ئىلان قىلغان [2]:

شەرقىي تۈركىستاندىكى ئۇيغۇرلارغا قېرىنداش 5 تۈرك قەۋىمىدىن:

قازاق نۇپۇسى 1,591,200 (بىر مىلىيۇن بەش يۈز توقسان بىر مىڭ ئىككى يۈز)

قىرغىز نۇپۇسى 202,200 (ئىككى يۈز ئىككى مىڭ ئىككى يۈز)

ئۆزبەكلەرنىڭ سانى 18,700 (ئون سەككىز مىڭ يەتتە يۈز)

سالارلارنىڭ سانى 7300 (يەتتە مىڭ ئۈچ يۈز)

تاتارلارنىڭ سانى 5100 (بەش مىڭ بىر يۈز)

شەرقىي تۈركىستاندىكى باشقا 7 يەرلىك مىللەتدىن:

تۇڭگان نۇپۇسى 1,015,800 (بىر مىلىيۇن ئون بەش مىڭ سەككىز يۈز)

مۇڭغۇل نۇپۇسى 180,600 (يۈز سەكسەن مىڭ ئالتە يۈز)

تاجىكلارنىڭ نۇپۇسى 50,100 (ئەللىك مىڭ يۈز)

شىبەلەرنىڭ نۇپۇسىنى 43,200 (قىرىق ئۈچ مىڭ ئىككى يۈز)

مانجۇلارنىڭ سانى 27,500 (يىگىرمە يەتتە مىڭ بەش يۈز)

رۇسلارنىڭ سانى 11,800 (ئون بىر مىڭ سەككىز يۈز)

داغۇرلارنىڭ سانى 6,900 (ئالتە مىڭ توققۇز يۈز)

يۇقارىقى خىتاينىڭ سانلىق مەلۇماتىنى ھېساپلىغاندا، ۋەتەن ئىچىدىكى تەخمىنەن 20 مىلىيۇن ئۇيغۇردىن باشقا يەرلىك شەرقىي تۈركىستانلىقلارنىڭ نۇپۇسى تەخمىنەن 3,160,400 (ئۈچ مىلىيۇن يۈز ئاتمىش مىڭ تۆت يۈز) بولۇپ چىققان.

خىتايلار شەرقىي تۈركىستاننى بېسىۋالغاندىن كېيىن، «بۆل، پارچىلا ۋە باشقۇر» تاكتىكىسىنى قوللۇنۇپ، بىر تەرەپتىن ئۆزىنىڭ بېسىم ۋە ئاسمىلاتسىيە سىياسىتىنى ئاساسلىق ئۇيغۇرلارغا قارىتىپ، ئۇيغۇرلارنىڭ نارازىلىقىنى رەھىمسىز باستۇرۇش بىلەن بىرگە، ئۇيغۇرلارنىڭ نۇپۇسىنى ئاز كۆرسېتىپ كەلگەن بولسا، يەنە بىر تەرەپتىن ئۇيغۇرلاردىن باشقا يەرلىك شەرقىي تۈركىستانلىق مىللەتلەرنى ۋاقتىنچە بىۋاستە تەھدىت دەپ كۆرمەي، ئۇلارنىڭ نۇپۇسىنى كۆپ كۆرسۈتۈپ كەلگەن. ئۇيغۇرلاردىن نۇپۇسى خېلىلا ئاز بولغان قازاق، قىرغىز، مۇڭغۇل ۋە تۇڭگانلارغا شەرقىي تۈركىستاننىڭ كۆپلىگەن تۇپرىقىنى ئاپتۇنۇم ئوبلاست ۋە ئاپتۇنۇم ناھىيەلەرگە ئايرىپ بۆلۈپ بەرگەن.

ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسى ئاكادېمىكلار كېڭىشىدىكى تەتقىقاتچىلار ئىزدىنىش نەتىجىسىدە، ۋەتەن ئىچىدىكى ئۇيغۇر نۇپۇسىنىڭ تەخمىنەن 20 مىلىيۇن ۋە ئۇيغۇرلاردىن باشقا 12 يەرلىك شەرقىي تۈركىستان مىللىتىنىڭ نۇپۇسىنى  خىتاي ئاز كۆرسەتتى دىگەندىمۇ، تەخمىنەن 4 مىلىيۇن دېيىشكە بولىدىغانلىقىدا بىرلىككە كەلدى. شۇنداق بولغاندا، ۋەتەن ئىچىدىكى بارلىق شەرقىي تۈركىستانلىقلارنىڭ نۇپۇسىنى تەخمىنەن 24 مىلىيۇن دەپ ئېلىشقا بولىدىغانلىقى جەزىملەشتۈرۈلدى.

مۇھاجىرەتتىكى شەرقىي تۈركىستانلىقلارنىڭ نۇپۇسى مەسىلىسىدە، ھەرقايسى دۆلەتلەردە ياشاۋاتقىلى ئۇزۇن يىل بولغان، ئۇيغۇرلارغا ئارىلىشىپ ئۆتىدىغان ھەر دۆلەتتىن ئەڭ ئاز ئۈچ ئۇيغۇر زىيالىي ۋە تەتقىقاتچىدىن مەلۇمات ئېلىش نەتىجىسىدە، مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلار نۇپۇسىنىڭ تەخمىنەن 805,350 (سەككىز يۈز بەش مىڭ ئۈچ يۈز ئەللىك) ئەتراپىدا ئىكەنلىكى ئېنىقلاندى.*1

ئېنىقلاش نەتىجىسىدە، مۇھاجىرەتتىكى ھەر قايسى دۆلەتلەردىكى ئۇيغۇرلارنىڭ سانى تەخمىنەن تۆۋەندىكىچە:

قازاقىستاندىكى ئۇيغۇر نۇپۇسى 400,000 (تۆت يۈز مىڭ)

قىرغىزىستاندىكى ئۇيغۇر نۇپۇسى 120,000 (يۈز يىگىرمە مىڭ)

ئۆزبېكىستاندىكى ئۇيغۇر نۇپۇسى 120,000 (يۈز يىگىرمە مىڭ)*1

تۈركمەنىستاندىكى ئۇيغۇرلارنىڭ سانى 5,000 (بەش مىڭ)

تاجىكىستاندىكى ئۇيغۇرلارنىڭ سانى 1,000 (مىڭ)

رۇسىيەدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ سانى 4,500 (تۆت مىڭ بەش يۈز)

پاكىستاندىكى ئۇيغۇرلارنىڭ سانى 7,000 (يەتتە مىڭ)

ئافغانىستاندىكى ئۇيغۇرلارنىڭ سانى 2,000 (ئىككى مىڭ)

سەئۇدى ئەرەبىستاندىكى ئۇيغۇرلارنىڭ نۇپۇسى 55,000 (ئەللىك بەش مىڭ)

باشقا ئەرەب، ئافرىقا ۋە شەرقىي جەنۇبى ئاسىيا دۆلەتلىرىدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ سانى تەخمىنەن 1000 (مىڭ)

تۈركىيەدىكى شەرقىي تۈركىستانلىقلارنىڭ نۇپۇسى 60,000 (ئاتمىش مىڭ، ئۇيغۇرلار 50 مىڭ، قازاق ۋە باشقا شەرقىي تۈركىستانلىقلار 10 مىڭ)

ياۋرۇپادىكى ئۇيغۇرلارنىڭ سانى 13,000 (ئون ئۈچ مىڭ)

ئامېرىكادىكى ئۇيغۇرلارنىڭ سانى 8,000 (سەككىز مىڭ)

كانادادىكى ئۇيغۇرلارنىڭ سانى 4,250 (تۆت مىڭ ئىككى يۈز ئەللىك)

ئاۋىسترالىيە ۋە يېڭى زىللاندىيەدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ سانى 2,600 (ئىككى مىڭ ئالتە يۈز)

ياپۇنىيەدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ سانى 2,000 (ئىككى مىڭ)

شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسىگە قىزىقىۋاتقان چەتئەل دۆلەتلىرىنىڭ ئىشەنچىسى ۋە قوللىشىنى قولغا كەلتۈرۈش ئۈچۈن، مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلار ئىچىدە شەرقىي تۈركىستانلىقلارنىڭ نوپۇسى ھەققىدە بىرلىككە كەلگەن مۇقىم بىر نۇپۇس مەلۇماتىنى دېيىشىمىز تولىمۇ زۆرۈر.

شەرقىي تۈركىستانغا ئائىت مۇستەقىل نۇپۇس ئىستاتىستىكا ئورگىنىمىز بولمىغاچقا، ھازىرچە مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇر زىيالىلارنىڭ ۋەكىللىك ئورگانلىرىدىن بىرى بولغان ئۇيغۇر ئاكادېمىيسى «پۈتۈن دۇنيادىكى شەرقىي تۈركىستانلىقلارنىڭ نۇپۇسىنى تەخمىنەن 25 مىلىيۇن» دەپ بېكىتىشنى قارار قىلدى. بۇ سانلىق مەلۇمات يۈزدە يۈز توغرا بولۇشى ناتايىن، ئەمما ھىچ بولمىغاندا مەلۇم بىر مەنبەگە تايىنىپ تۇرۇپ ئوتتۇرىغا قويۇلدى. مەسىلىنى بۇ شەكىلدە ھەل قىلىش ۋەتەن ئىچى ۋە سىرتىدىكى زىيالىيلار ۋە مىللىتىمىزنىڭ كېلەچىكى ئۈچۈن كۈچ چىقىرىۋاتقان نۇرغۇن كىشىلەرنىڭ ئۈمىدى.

ئاخىرىدا، مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرى ۋە ئۇيغۇر پائالىيەتچىلەر پۈتۈن دۇنيادىكى شەرقىي تۈركىستانلىقلارنىڭ نۇپۇسىنى تاراتقۇ ۋە مەتبۇئاتلاردا ئىشلەتكەندە، ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسى تەرىپىدىن بىرلىككە كەلتۈرۈلگەن «ۋەتەن ئىچى-سىرتىدىكى شەرقىي تۈركىستانلىقلارنىڭ ئومۇمىي نۇپۇسى تەخمىنەن 25 مىلىيۇن» دەپ مەلۇمات بېرىشىنى، ھەم شۇنداقلا ئۇيغۇر ۋە چەتئەل مەتبۇئات – تاراتقۇلىرىدا بۇ سانلىق مەلۇماتنىڭ كەڭ ئومۇملىشىشى ئۈچۈن ئەمەلىي خىزمەتلەرنى ئىشلەش ۋە تەشۋىق قىلىشقا چاقىرىق قىلىمىز.

ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسى ئاكادېمىكلار كېڭىشى

2018-يىلى 6-ئاينىڭ 24-كۈنى، ئىستانبۇل

 

پايدىلانغان مەنبەلەر:

[1] 2013 ئۇيغۇر نۇپۇسى، «ياشلار ئاۋازى تورى» http://yashlarawazi.com/2013/10/11/%D8%A6%DB%87%D9%8A%D8%BA%DB%87%D8%B1-%D9%86%D9%88%D9%BE%DB%87%D8%B3%D9%89-2013/ 【ئۇيغۇر ئاكادېىيسىى تورىدا (http://www.akademiye.org/ug/?p=3509) ئېرىشىلگەن ۋاقتى 2013-يىلى 13-ئۆكتەبىر】

[2] ئۇيغۇر ئاپتۇنۇم رايۇنىنىڭ ئەڭ يېڭى نۇپۇس ئىستاتىكىسى (خىتايچە) «سوخۇ تورى» http://www.sohu.com/a/209303440_810287 (ئېرىشىلگەن ۋاقتى 2018-يىلى 12-ئىيۇن)

ئىزاھاتلار:

1* دوتسېنت دوكتور ئەركىن ئەمەت، دوكتور نەبىجان تۇرسۇن، دوكتور مەمتىمىن ئەلا، دولقۇن ئەيسا، سىراجىدىن ئەزىزى، دوكتور مەمەت ئېمىن، ئۆمەر قانات، رۇقىيە تۇردۇش، ئابدۇغېنى سابىت، دوكتور دىلنۇر قاسىموۋا، پروفېسسور سەيفۇللاھ ئابدۇللايېۋ، قاسىم ئازات ۋە ئۆمەر ئۇيغۇر قاتارلىق ئۇيغۇر تەتقىقاتچى ۋە زىيالىيلارنىڭ ھەر قايسى دۆلەتلەردىكى ئۇيغۇرلارنىڭ نۇپۇسى ھەققىدە ئىزدىنىش نەتىجىسىدە تەمىنلىگەن سانلىق مەلۇماتلىرى نەزەردە تۇتۇلدى.

2* كېيىنكى بىر يېرىم ئەسىر ئىچىدە ئۆزبېكىستانغا بىر مىلىيۇن ئەتراپىدا ئۇيغۇر كۆچكەن بولۇپ، ئۇلارنىڭ مۇتلەق كۆپ قىسمى تىل ۋە مەدەنىيەت جەھەتتە ئۇيغۇرلارغا ئەڭ يېقىن بولغان ئۆزبەك قېرىنداشلىرىمىزغا تامامەن سىڭىشىپ كەتكەن. كۈنىمىزدە ئۆزبېكىستاندا تەخمىنەن 120 مىڭ ئەتراپىدا ھېلىھەم ئۆزىنى ئۇيغۇر دەپ ياشايدىغانلارنىڭ بار ئىكەنلىكى ئۇيغۇر تەتقىقاتچىلار تەرىپىدىن جەزىملەشتۈرۈلمەكتە.

ھۆججەتنىڭ رەسىم شەكلى:

 

يازغۇچى ھەققىدە

ماقالە سانى : 1202

ئاكادېمىيە ئورگان تورى ©

ئۈستىگە قايتىش