ئۇيغۇرچە    Uyghurche    Уйғурчә   
  • 2018 - يىلى 27 - ئۆكتەبىر يەكشەنبە كۈنى سائەت 2:00 دە ئىستانبۇلدا «خىتاينىڭ جازا لاگىرلىرىدىكى شەرقىي تۈركىستانلىقلارنىڭ ئاقىۋىتى مۇھاكىمە يىغىنى» ئۆتكۈزۈلدى. ...
سىزنىڭ ئورنىڭىز: باشبەت » مەدەنىيەت بوستانى » دولان-مەشرەپ مۇقاملىرىنىڭ قەدىمىيلىكى توغرىسىدا

دولان-مەشرەپ مۇقاملىرىنىڭ قەدىمىيلىكى توغرىسىدا

تۇرسۇنجان ھەسەن

دولان مەشرەپ مۇقاملىرىنىڭ تارىخى ئۇزاق، تەسىرى چوڭقۇر ھەم ئاممىۋى ئاساسى پۇختا. ئۇ ئۇيغۇر مۇقام غەزىنىسىدە ئالاھىدە نەغمە ۋە ئالاھىدە ئۇسلۇبقا ئىگە قىممەتلىك فولكلور مەدەنىيەت بايلىقى. ئۇنىڭ تېكىستلىرى ئومۇمەن ئۇيغۇر خەلق قوشاقلىرىدىن تەرتىب تاپقان بولۇپ، خەلق ئېغىز ئەدەبىياتىمىزدىكى زور قوشاق بايلىقى ھېسابلىنىدۇ. دولان مەشرەپ مۇقاملىرى ئىچىدە ھەممىدىن قىزىقارلىق ۋە ئەھمىيەتلىك بولغىنى-دولان مۇقاملىرىغا تەڭكەش قىلىنىپ ئوينىلىدىغان كوللېكتىپ ئۇسسۇلدىن ئىبارەت. بۇ ئۇسسۇل ھەرىكىتى قەدىمكى ئاتا-بوۋىلىرىمىزنىڭ ئوۋچىلىق دەۋرىدىكى ئەمگەك جەريانىنى ئوبرازلىق ئەكىس ئەتتۈرۈپ، ئۆزىنىڭ قەدمىيلىكى ۋە ئىپتىدائىي سەنئەت شەكىلى ئىكەنلىكىنى ئېنىق ئىسپاتلاپ بېرىدۇ.

دولان مەشرەپ مۇقاملىرى-قەدىمىي ناخشلار، جەلبكار مۇزىكىلار، ھەر خىل سېھىرلىك ئۇسسۇللار، قىزىقارلىق ئەدەبىي ئۇيۇنلار، ئەلنەغمە ۋە ئىپتىدائىي تىياتېرلار بىر گەردە قىلىنغان ئۇنىۋېرسال سەنئەت شەكلى بولۇپ، ئۇ، كۆپ خىللىققا، ئۇنىۋېرساللىققا، مۇكەممەللىككە، ئىلھامچانلىققا، كەڭ ئاممىۋىيلىققا ئىگە مەدەنىيەت بايلىقى. ئۇيغۇر مۇقاملىرىنىڭ «شەرق مۇزىكىسىدىكى مەرۋايىت» دېگەن شانۇ-شەۋكىتى، «ئېلىمىزنىڭ سەنئەت خەزىنىسىدىكى بىباھا گۆھەر» دېگەن شەرەپلىك ۋە پەخىرلىك نامى بار. ئۇيغۇر 12 مۇقامى 2005-يىلى 11-ئايدا بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى تەرىپىدىن «ئىنسانىيەتنىڭ ئاغزاكى ۋە غەيرىي مەدەنىيەت مىراسلىرىنىڭ ۋەكىللىك ئەسىرى» قامۇسىغا كىرگۈزۈلگەنلىكى ئېلان قىلىنغاندىن كېيىن، پۈتكۈل جەمئىيەتتە مۇقاملارنى تەتقىق، مۇقاملارنى قوغداش، مۇقام بايلىقىلىرىنى ئېچىش، مۇقامچىلار ۋارىسلىرىنى يېتىشتۈرۈش مەدەنىيەت-سەنئەت ساھەسىنىڭ چوڭ ئىشى، كۈچەش نوقتىسى بولۇپ قالدى.

دولان مەشرەپ مۇقاملىرى- دولان سەنئىتى دېگەن ئورتاق نام بىلەن ئاتىلىپ كەلگەن بولۇپ، ئۇ، دولان مۇقاملىرى ۋە دولان مەشرەپلىرىدىن تەركىپ تاپقان. دولان مەشرەپ مۇقاملىرى دولانلار توپلۇشۇپ ئولتۇراقلاشقان رايۇنلاردا كەڭ ئاممىۋىي ئاساسقا ئىگە بولۇپ، ئۆزىنىڭ قەدىمىي ھالىتى، مەپتۇنكار سەنئەت جۇلاسى ۋە رېئال ئەھمىيىتىنى تۇلۇق نامايەن قىلىپ كەلگەن. ئۇنىڭدا ئىنساننى ئۇلۇغلاش، ئىنسانىيەتنى قىزغىن سۆيۈش، ئىنسان غەم-غۇسسىلىرىنى ئازايتىش، قەلب جاراھەتلىرىنى ساقايتىش، ئىنسان ئازابلىرىنى يېنىكلىتىش، ياشاشنى راھەتلەندۈرۈش، ئىنسانىيەتنى گۈزەل كەلگۈسىگە باشلاش، ئىزگۈلۈك ۋە ئۈمىدۋارلىققا ئىگە قىلىش ئارزۇ-ئىستەكلىرى گۈزەل مىلودىيە، نەپىس ھەرىكەت شەكلى، رۇشەن خاسلىققا ئىگە خاراكتېرلىك شېئىر-قوشاقلىرى، تەشنا كۆڭۈللەر بىلەن چىرمىشىپ كەتكەن بېيتلىرى، رەڭدار ناخشا-كۈيلىرى ئارقىلىق ئىپادىلىنىپ كەلگەن.

دولان مەشرەپ مۇقاملىرى-ئۇيغۇر مىللىي سەنئىتىنىڭ ئەڭ ئىپتىدائىي شەكلى بولۇپ، ئەجدادلىرىمىز بىر پۈتۈن مىللەت بولۇپ شەكىللىنىشتىن خىلى بۇرۇنلا ئەمگەكچان، پاراسەتلىك، ئىجادكار خەلقىمىز تەرىپىدىن يارىتىلغان. سەنئەت ئىستېتىك ئاڭنىڭ مۇھىم مەۋجۇتلۇق شەكلى ۋە ئىپادىلىنىش شەكىلى بولۇپ، ئىنسانىيەت تەسەۋۋۇرىنىڭ جەۋھىرى، ئىنسانىيەتنىڭ ئىجادىيىتى. ئۇ ئىنسانىيەتنىڭ ئۈمىد-ئارزۇلىرىنىڭ بەدئىي نامايەندىسى سۈپىتىدە ئىنسانىيەت بىلەن مەڭگۈ بىللە ياشايدۇ. ئىنسانىيەت تارىخى بىلەن داۋاملىق بىللە راۋاجلىنىپ، جۇلالىنىپ بارىدۇ. جۈملىدىن دولان مەشرەپ مۇقاملىرىمۇ ئۇزاق تارىخى تەرەققىيات جەريانىدا دولانلار تەرىپىدىن ۋارىسلىق قىلىنىپ كەلگەن سەنئەت شەكلى ھېسابلىنىدۇ. سەنئەت پەيدا بولغان ئەڭ ئىپتىدائىي جەمئىيەتتىلا،ئۇ ئايرىم تۈرلەر بويىچە، ھېچبولمىغاندا مۇئەييەن سەنئەت تىلىغا خاس مۇقىملىق بويىچە مەيدانغا كەلگەن. بۇ خىل سەنئەت ئۆزىنىڭ ئۇزاق مۇددەتلىك راۋاجلىنىش تارىخىدا مۇئەييەن ئىزچىللىق، ۋارىسلىق ۋە ئەنئەنىلىك ئاساسىدا سەنئەت تۈرلىرىنىڭ مۇستەقىل تۈزۈلمىسى ۋە مۇستەقىل سىستېما گەۋدىسىنى ھاسىل قىلغان. دولان سەنئىتى ئۆزىنىڭ تارىخى تەرەققىياتى جەريانىدا بارغانسېرى ئىلگىرىكى بىر قەدەر ئاددىي ناخشا-ئۇسسۇل ۋە ئاددىي ئوبراز يارىتىش سەنئىتىدىن ھازىرقى بىر قەدەر مۇرەككەپ، كۆپ خىل سەنئەت شەكىلىگە قاراپ راۋاجلانغان.ئىنسانىيەت جەمئىيىتىنىڭ ۋە مەدەنىيىتىنىڭ راۋاجلىنىشى بارغانسېرى سەنئەتنىڭ بەزى شەكىللىرىنى كۈچتىن قالدۇرۇپ يېڭى سەنئەت تۈرلىرىنى مەيدانغا كەلتۈرگەن. ئەمما، دولان مەشرەپ مۇقاملىرىدا ئەجدادلىرىمىزنىڭ قەدىمكى ئوۋچىلىق، دېھقانچىلىق، چارۋىچىلىق، باغۋەنچىلىق، قول ھۈنەرۋەنچىلىق ۋە تۈرلۈك ئىجتىمائىي ئالاقىلىرىدىكى ھەرقانداق ئىشتا ئادىل، خالىس بولۇش، ئۆزىنىڭ ۋە ئاۋامنىڭ ھۆرمەت-ئىناۋىتىنى ساقلاش، باراۋەر، ئىناق-ئىتتىپاق بولۇش، دوستلۇققا، ھەمكارلىققا ئەھمىيەت بېرىش، ئادىمىيلىكنى جۇلالاندۇرۇش، قائىدە-يۇسۇنلارغا قاتتىق رېئايە قىلىش…ھەقىقىدىكى رەڭدار مەزمۇنلار ئۆزىنىڭ ئەسلى ھالىتىنى خىلى مۇكەممەل ساقلاپ كەلگەن.

دولان مەشرەپ مۇقاملىرى- كىشىلەرنىڭ ئىدىيىۋى ھېسسىياتىنى ئىپادىلەيدىغان ۋە ئاڭلىتىدىغان ناخشا-مۇزىكا؛ ئادەم بەدىنىنىڭ رىتىملىق ھەرىكىتىنى ئاساسلىق ئىپادىلەش ۋاستىسى قىلغان ئۇسسۇل؛ كىشىلەرنىڭ ئەقىل-پاراسىتىنى نەق مەيداندا سىنايدىغان قوشاق-بېيتلار؛ ئىجتىمائىي ھاياتتىكى رېئال زىددىيەت ۋە توقۇنۇشلارنى قىزىقارلىق ھەرىكەتلەر، قىزىقارلىق دىيالوگ ۋە مۇنۇلۇگلار ئارقىلىق ئىپادىلەيدىغان تىياتېر…قاتارلىق سەنئەت شەكىللىرىنى بارلىققا كەلتۈرۈپ، ئۆزلىرىنىڭ قىممەتلىك ھايات پائالىيەتلىرىنى مەنىلىك، ئەھمىيەتلىك ئۆتكۈزۈشكە پۇختا ئاساس سالغان. ئىپتىدائىي سەنئەت شەكلى ھېسابلىنىپ كەلگەن دولان مەشرەپ مۇقاملىرى ئىپتىدائىي جەمئىيەتتە ياشىغان ئىجدادلىرىمىزنىڭ ئىجتىمائىي تۇرمۇشىنى، ئىشلەپچىقىرىش ۋە ئېتىقاد پائالىيىتىنى، شۇنىڭدەك كۆپ قىرلىق ھېسسىياتچان قەلبىنى ئىپادىلەشتىكى ئاساسلىق مەنىۋىي پائالىيەت قىلىپ، تۈرلۈك نەغمە شەكىللىرى، ھېكمەتلىك بېيت-قوشاقلار، تۈرلۈك ئۇسسۇللار ئارقىلىق ئۆزلىرىنىڭ مول ھۇسۇل شادلىقى، ئوۋچىلىق، دېھقانچىلىق، باغۋەنچىلىك ۋە قول ھۈنەرۋەنچىلىكتە قولغا كەلتۈرگەن شانلىق نەتىجىلىرىگە تەنتەنە قىلىشقان.

دولان خەلقى ئىچىدە بىر قەدەر كەڭ تارقالغان ۋە ئۇسسۇل مۇتەخەسىسلىرى ئېتراپ قىلغان قاراش- دولان ئۇسۇلى بىر قېتىملىق كەسكىن ئوۋ جەريانىنى ئىپادىلەيدۇ، دېگەندىن ئىبارەت.دولان مەشرىپىدە ئۇسسۇل باشلىنىشتىن بۇرۇن مۇقامچىلار يوقۇرى ئاۋازدا: «ئاللا، ئاللا…»غا توۋلاپ ئادەم يىغىدۇ. ئاندىن كوللېكتىپ ئۇسسۇل باشلىنىدۇ. دولان ئۇسسۇلىنىڭ ئەڭ دەسلەپكى شەكلى ئىتىدائىي جەمئىيەتتىكى ئوۋچىلىق ئەمگىكى بىلەن زىچ باغلانغان ھالدا مەيدانغا كەلگەن بولۇپ، ئۇيغۇر خەلقى ئارىسىدا دەۋردىن دەۋرگە ئۆتۈپ، تەرەققىي قىلىپ بۈگۈنگىچە داۋاملىشىپ كەلگەن.

دولان مەشرەپ مۇقاملىرى قەدىمقى دەۋرلەردىن باشلاپلا، ئادەملەرنى ئۇلۇغلاش، ئادەملەرنى كۈيلەش، ئادەملەرنى كامالەتكە يېتەكلەشتە، ئادەملەرنىڭ ئۆز ئەتراپىدىكى ھەرىكەتلىك ۋە ھەرىكەتسىز بارلىق مەۋجۇدادلارغا قارىتىلغان چوڭقۇر تۇنۇشى، تەسىراتى، باھاسى ۋە قاراشلىرىنى تۈرلۈك سەنئەت شەكلى ئارقىلىق ئىپادىلەپ كەلگەن. دولان مەشرەپ مۇقاملىرىدا بالقىپ تۇرغان سەنئەت ئىنسان قەلب پائالىيىتىنى تۇلۇق، تېرەن، ئىنىچكە تەسۋىرلەشنى، ئىنسان غايىسىنى ئىپادىلەشنى، ئىنسان ھاياتىدىكى ماددىي ئارزۇ ۋە راھەت-پاراغەتنى بايان قىلىشتىن ئالدىنقى ئورۇنغا قويغان ھەمدە ئۈستۈن مەرتىۋىگە ئىگە قىلغان. ئالىجاناپ روھ، پاك پەزىلەت، مۇكەممەل ئىچكى ئۇيۇشۇشچانلىقنى يوقۇرى پەللىگە كۆتۈرۈپ مەدھىيىلىگەن. كىشىلەرنى رىغبەتلەندۈرىدىغان، ئالى غايە ئۈستىدە ئىزدىنىشكە ئۈندەيدىغان، ئادەمنى ئاساس قىلىدىغان، ئادەملارنى ئالغا ئىنتىلدۈرىدىغان گۇمانىستىك روھ دولان مەشرەپ مۇقاملىرىنىڭ ماھىيىتى بولۇپ، بۇ خىل ماھىيەت ئەسىرلەر مابەينىدە ئۆزگەرمەيلا قالماستىن، بەلكى، جۇغراپىيىلىك مۇھىتنىڭ ئۆزگىرىشى، مۇزىكىلىق خۇسۇسىيەتنىڭ كۈچىيىشى، سورۇن كەيپىياتىنىڭ تۇراقسىزلىنىشى، ئىنسان مەنىۋىيىتىنىڭ ئۆزگىرىشى… قاتارلىق ئامىللارنى بىر چەتكە قايرىپ قۇيۇپ، ئۆزىنىڭ قەدىمىيلىكىنى ساقلاپ كەلگەن.

«باش باياۋان مۇقامى»دا:

ھەۋا بىلەن ئادەم قېنى؟ ئەيسا بىلەن مۇسا قېنى؟

ئىككى ئالەم سەردارى، غۇجام رۇسۇللىلا قېنى؟

گۆر ئىچى قاراڭغۇلۇق، قايدىن چۈشەر يۇرۇقچۇلۇق،

بىچارە بولۇپ ياتقۇلۇق، بۇ دۇنيانىڭ پايانى يوق.

دېگەن قوشاقلاردا، ئادەم ئاتا دەۋرىدىن ھازىرغىچە بولغان ئارىلىقتا ئۇزاق زامانلاردىن بېرى ئېغىزدىن ئېغىزغا كۆچۈپ، قۇلاقتىن قۇلاققا ئاڭلىنىپ، كىشىلەرنى بىر پۈتۈن دۇنيا (پانىي دۇنيا ۋە باقى) ئۈستىدە ئويلاندۇرۇپ، ئىنسانىيەتنىڭ تەقدىرى ئورتاق مۇھاكىمە قىلدۇرۇلغان. تەكىتلەش كېرەككى، دولان مەشرەپ مۇقاملىرىنى ياراتقان دولانلار نەچچە مىڭ يىللىق ھايات مۇساپىسىدە دىنىي ئېتىقادسىز ياشىمىغانلىقى ئۈچۈن، مۇقام مەشرەپلىرىدە رۇشەن دىنىي ئېتىقاد ئىزنالىرىنى قالدۇرۇپ كەتكەن. يوقۇرىقى قوشاقتىن دولانلارنىڭ مۇقەددەس دىنىي ئېتىقادىنىڭ يارقىن ئىزلىرىنى كۆرۈشكە بولىدۇ. ئىپتىدائىي جەمئىيەت كىشىلىرىنىڭ تەبىئەتتىن قورقۇشى ۋە ئۇنىڭغا بېقىنىشى سەۋەپلىك ئىپتىدائىي دىن كېلىپ چىققان. بۇنىڭغا مۇناسىپ ھالدا قوشاق-بېيتلار ۋە ئۇسسۇللار بارلىققا كەلگەن. ئىپتىدائىي قەبىلىلەر ئۇرۇشتا غەلبە قىلىش ئۈچۈن جەڭگە كىرىشتىن ئىلگىرى ھامان سەپ تۈزۈپ، ئىستىىھكام ئورۇنلاشتۇرۇش مەشقى ئېلىپ بارغان. بۇنداق مەنپئەتپەرەسلىك بىلەن ئېلىپ بارغان مەشق، ئوكىيتىپ جەھەتتىن قېلىپلاشقان، مۇكەممەل ئاممىۋىي خاراكتېرلىك ئۇسۇلنى بارلىققا كەلتۈرگەن بۇ خىل ئۇسسۇل شەكلى دولان مەشرەپ مۇقاملىرىدا ساقلىنىپ قالغان. دېمەك،ئىنسانلار ياۋايى ھالەتتە توپلۇشۇپ ياشاۋاتقان مەزگىلدىلا قىيىنلىق دەرىجىسى يوقۇرى، نەپىس ئۇسسۇل سەنئىتىنى بارلىققا كەلتۈرگەن.

بۇ راۋاپ قانداق راۋاپ؟ قوي تارىسى سالغان راۋاپ.

ياخشى مېھمان كەپتۇ دەپ، توي بىلىپ چالغان راۋاپ.

بۇ قوشاقتا قەدىمكى دولانلارنىڭ قول ھۈنەرۋەنچىلىك سەنئىتى ھەققىدە ئۇچۇر بېرىش بىلەن بىرگە، دولانلارنىڭ مېھماندوست، كەڭ قورساق، كەڭ داستىىانلىق خاراكتېرى رۇشەن يۇرۇتۇلۇپ بېرىلگەن.

دولان مەشرەپ مۇقاملىرى- ئۇزاق تارىخى دەۋرلەردىن بۇيان خەلقىمىزنىڭ روھىي دۇنياسىغا، مول ئىجتىمائىي ھاياتىغا،    گۈزەل پىسخىكىسىغا، سەنئەتكە مايىل قەلبىگە چوڭقۇر سىڭىپ، ئۇلارنىڭ مەنىۋىي دۇنياسىنى بېيىتىدىغان، تەسەۋۋۇرىنى قاناتلاندۇرىدىغان، غۇرۇر-ئىپتىخارىنى چىڭىتىدىغان، كەيپىياتىنى تەڭشەيدىغان، ئەقىل بۇلىقىنى ئېچىپ روھىنى ئۇرغىتىدىغان، ئادەم بولۇشنىڭ توغرا يوللىرىنى كۆرسىتىپ كامالەتكە يېتەكلەيدىغان، ئەدەپ-ئەخلاق، قائىدە-يۇسۇن ئۆگىتىدىغان خىسلەتلىك مەكتەپ بولۇپ كەلگەن.

دولان مەشرەپ مۇقاملىرى ئۇيغۇرلارنىڭ بىر قىسىمى بولغان دولانلار تەرىپىدىن ئىجاد قىلىنىپ، ۋارىسلىق قىلىنىپ، ئىزچىل داۋاملاشتۇرۇپ كەلگەن ئۇيغۇر مىللى ناخشا-ئۇسسۇل سەنئىتىنىڭ قەدىمكى شەكلى بولۇپ، ئۇ قەدىمكى شانلىق ئۇيغۇر مەدەنىيىتىنىڭ قىممەتلىك بىر نامەندىسى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. دولانلار ئۇزاق قەدىمكى زامانلاردىن ھازىرغا قەدەر باشقا ئۇيغۇر رايۇنلىرىدىن ئۆزگىچە جۇغراپىيىلىك مۇھىتتا تاشاپ كەلگەچكە، تاشقى مەدەنىيەتنىڭ تەسىرىگە ئانچە ئۇچراپ كەتمىگەن. شۇڭا، دولان مەشرەپ مۇقاملىرى بۈگۈنگىچە ئىپتىدائىي ھالەتتە ئەينەن ساقلىنىپ كەلگەن. پۈتۈن ئۇيغۇر ھاياتىنىڭ ھەممە تەرەپلىرىنى مۇزىكىلىق تىل بىلەن ئىپادىلەپ بېرىدىغان دولان مەشرەپ مۇقاملىرى جۇڭخۇا مەدەنىيەت خەزىنىسىدىكى قىممەتلىك مىراس ھېسابلىنىپ كېلىۋاتقان ئۇيغۇر كىلاسسىك مۇزىكىسى ئون ئىككى مۇقامنىڭ قەدىمكىگە خاس تارىخى قىسىمىدىن ئىبارەت.دولان مەشرەپ مۇقاملىرىنىڭ تارىخى ئۇيغۇر مەدەنىيەت تارىخىنى يۇرۇتۇپ بېرىدۇ. ئۇنىڭ قەدىمىيلىكىنى تەتقىق قىلىپ ئىلمىي خۇلاسە چىقىرىش ئۇيغۇر ئون ئىككى مۇقامىنىڭ ئېتنىك مەنبەسىنى رۇشەنلەشتۈرۈپ، ئۇنىڭ تارىخىنى تېخىمۇ ئايدىڭلاشتۇرغىلى، سىستېمىيلاشتۇرغىلى، قېلىپلاشتۇرغىلى بولۇپلا قالماستىن، مۇھىمى، مۇقام بايلىقلىرىنى تېخىمۇ قېزىپ خەلق ئاممىسىنىڭ كۈندىن كۈنگە ئېشىپ بېرىۋاتقان مەنىۋى ئېھتىياجىنى قاندۇرغىلى بولىدۇ.

مەنبە: ۋەتېنىم مۇنبىرى

يازغۇچى ھەققىدە

ماقالە سانى : 120

ئاكادېمىيە ئورگان تورى ©

ئۈستىگە قايتىش