You Are Here: Home » ئومۇمى » ئىسلام دىنىدىن بۇرۇنقى ئەرەب يېرىم ئارىلى

ئىسلام دىنىدىن بۇرۇنقى ئەرەب يېرىم ئارىلى

ئەرەب يېرىم ئارىلى ئەرەبلەرنىڭ يۇرتى بولۇپ، ئۇ شەرقتە پارس ۋە ئوممان قولتۇقى، غەربى قىزىل دېڭىزغا، جەنۇبى ئەرەب دېڭىزى، ئادەن قولتۇقى ۋە ھىندى ئوكيانغا تۇتىشىدۇ، شىمالى تەرىپى سۈرىيە قۇملۇقى ۋە مىسسۇ پۇتامىيە تۈزلەڭلىكىگە تۇتىشىدۇ. ئەرەب يېرىم ئارىلى دۇنيادىكى ئەڭ چوڭ يېرىم ئارال بولۇپ، يەر مەيدانى 3 مىليون 200 مىڭ كۋادىرات كىلومېتىر كېلىدۇ. ئەرەب يېرىم ئارىلى ئاسىيا قىتئەسى بىلەن ئافرىقا قىتئەسىنى تۇتاشتۇرۇپ تۇرىدىغان مۇھىم قاتناش تۈگۈنىگە جايلاشقان بولۇپ، ئىستىراتىگىيلىك ئورنى ئىنتايىن مۇھىم. يېرىم ئارالدا سەئۇدى ئەرەبىستان، ئەرەب يەمەن جۇمھۇرىيىتى، كۇۋەيت، بەھرەيىن، قاتار، ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكى، ئوممان قاتارلىق 7 ئەرەب دۆلىتى بار. دېڭىز بويىدىكى قىسمەن ئويمان يەرلەردىن سىرىت، مۇتلەق كۆپ قىسىم رايونلار ئوتلاق ۋە قۇملۇق بولۇپ، يېرىم ئارالدا يىل بويى ئېقىپ تۇرىدىغان دەريا ئېقىنلىرى يوق. يېزا ئىگىلىكى ۋە ئاھالىلەرنىڭ سۇ ئىشلىتىشىدىكى بىردىنبىر مەنبە يەر ئاستى سۈيى. دېڭىز سۈيىنى تاتلىق سۇغا ئايلاندۇرۇش زامانىۋى تېخنىكىسىنىڭ قوللۇنىلىشى بىر قىسىم رايونلارنىڭ سۇ ئىشلىتىش قىيىنچىلقىنى مەلۇم دەرىجىدە يېنىكلەتكەن.
1. تەبىئى ئەھۋالى
تەبىئى جۇغراپىيلىك مۇھىتىغا ئاساسەن، يېرىم ئارالنى ئۈچ چوڭ بۆلەككە بۆلۈشكە بولىدۇ:
‹1› قىزىل دېڭىز قىرغىقى ۋە تۈزلەڭ رايونلار
قىزىل دېڭىزنىڭ دېڭىز بويلىرى شىمالدا ياقۇبا قولتۇقىدىن باشلىنىپ، جەنۇبى تەرىپى يەمەننىڭ ئەڭ جەنۇبىدىكى تۇرۇبا تۇمشۇقىغا تۇتىشىدۇ. ئاساسلىق پورتلىرىدىن ياقۇبا، جىددە، ھۈتەيدا قاتارلىقلار بار. قىزىل دېڭىز بويلىرىدىكى تۈزلەڭلىكلەرنىڭ كەڭ- تارلىقى ئوخشاش ئەمەس، بەزى يەرلىرىنىڭ كەڭلىكى 60 تىن 75 كېلومېتىرغىچە كېلىدۇ، بەزى جايلىرى بولسا ئىنتايىن تار. قىزىل دېڭىز تۈزلەڭلىكى ئىسسىق، نەم بولۇپ، مال- چارۋا بېقىشقا ماس كېلىدىغان ئوت- چۆپلەر ۋە چاتقاللار ئۆسكەن. كەڭ كەتكەن سازلىق ۋە شورلۇقلار بار.
‹2› جەنۇبى دېڭىز قىرغىقى ۋە تۈزلەڭلىك رايونلار
جەنۇبى دېڭىز قىرغىقى، يەنى ئەرەب دېڭىز قىرغىقى بويلىرىدا ئادەن قولتۇقى ۋە كامۇر قولتۇقى، مەسرە ئارىلى، قولىيا تۇرىيا تاقىم ئاراللىرى ۋە سوكۇترا ئارىلى بار، ئەڭ مۇھىم پورتى- ئادەن پورتىدىن ئىبارەت. جەنۇبى دېڭىز بويى تۈزلەڭلىكى، ئادەن تۈزلەڭلىكى، بۇرۇنقى قوغداش رايونى تۈزلەڭلىكى، خادالاما تۈزلەڭلىكى، مەھرا تۈزلەڭلىكى ۋە ئوممان تۈزلەڭلىكىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. پۈتكۈل تۈزلەڭلىكتە قاتتىق ئىسسىق بولىدۇ، يامغۇر ئاز ياغىدۇ، تەبىئى شارائىتى نىسبەتەن ناچار. ئوممان تۈزلەڭلىكىدىن مېۋە كۆپ چىقىدۇ. ئادەن قەدىمدىن تارتىپلار بىر سودا مەركىزى بولۇپ، ئۇ قىزىل دېڭىز بىلەن ھىندى ئوكياننى تۇتاشتۇرۇپ تۇرىدۇ. رىم ئىمپىرىيىسى دەۋرىدە ئادەن پورتى شەرق بىلەن غەرب سودا ئالاقىسىنىڭ غايەت زور ئالماشتۇرۇش پورتى بولغان. ئۈمىد تۇمشۇقى بايقالغاندىن كېيىن، ئادەن پورتى بىر مەزگىل چۈشكۈنلەشكەن. سۈۋەيىش قانىلى قېزىلىپ قاتناش باشلانغاندىن كېيىن، ئادەن پورتى ئۆزىنىڭ سودا- ئالاقىسىدىكى رولىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈپلا قالماستىن، بەلكى ئاسىيا، ئافرىقا ۋە ياۋروپا دېڭىز قاتنىشىنىڭ مۇھىم تۈگۈنىگە ئايلانغان.
‹3› شەرقى دېڭىز قىرغىقى ۋە تۈزلەڭلىكلەر
شەرقى دېڭىز بويى رايونلىرى ھورموز بوغۇزىدىن شىمالدا كۇۋەيتكىچە سوزۇلىدۇ، دېڭىز بويىدا بەھرەيىن ئارىلى، خۇۋار ئارىلى ۋە راستانۇلا تۇمشۇقى بار. شەرقى دېڭىز بويى تۈزلەڭلىكى پارس قولتۇقى ۋە ئىچكىرىدىكى قۇملۇقلارنىڭ ئارىسىغا جايلاشقان. ئۇ ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكى، قاتار ۋە كۇۋەيت رايونلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. دېڭىز يۈزىدىن ئوتتۇرىچە ئېگىزلىكى 200 مېتىرغا يەتمەيدۇ. كەڭلىكى 150 مېتىرغا يېتىدۇ. ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكى بىلەن قاتارنىڭ يەرلىرى قۇرغاق، دېڭىز بويىدىن ئانچە يىراق ئەمەس يەرلەردە سازلىقلار بار. كۇۋەيت تۈزلەڭلىكىدە سۇ كەمچىل، قۇرغاقچىلىق كۆپ يۈز بىرىدۇ، زىرائەتلەرنىڭ ئۆسۈشىگە باب كەلمەيدۇ.
ئەرەب يېرىم ئارىلى تىروپىك ۋە سۇ پىتىروپىك بەلۋاغقا جايلاشقان بولۇپ، دۇنياغا داڭلىق ئىسسىق، قۇرغاق رايون. ياز پەسلىدە 5-ئايدىن 9-ئايغىچە ھاۋا كىلماتى دېڭىز بويىدىكى تۈزلەڭلىكلەردە قاتتىق ئىسسىق، نەم بولىدۇ، ئوتتۇرىچە تىمپىراتۇرا سېلسىيە 40 گرادۇس ئەتىراپىدا، ئەڭ يۇقىرى بولغاندا 50 گىرادۇسقا چىقىدۇ. بۇ رايونلارنىڭ قىش پەسلى بىلەن ياز پەسلىنىڭ تىمپىراتۇرا پەرقى نىسبەتەن كىچىك بولىدۇ. ئېگىز تاغلار يىل بويى قار بىلەن قاپلىنىپ تۇرغانلىقىتىن، بۇ رايونلارنىڭ كىلماتى ئىللىقلىققا مايىل. يەمەننىڭ قىسمەن رايونلىرىدىن سىرىت، باشقا رايونلىرىنىڭ 4 پەسلىدىكى كېچە-كۈندۈزنىڭ تىمپىراتۇرا پەرقى ئىنتايىن زور. تۈزلەڭ رايونلارنىڭ تىمپىراتورىسى بەزىدە كۈندۈزى 50 گىرادۇسقا چىقسا، كېچىدە 20 گرادۇس ئەتىراپىغا چۈشۈپ قالىدۇ. قىش پەسلىدە دېڭىز بويىدىكى رايونلارنىڭ تىمپىراتۇرىسى نورمال، ئىچكىرىدىكى ۋە تاغلىق رايونلارنىڭ تىمپىراتۇرىسى ئىنتايىن تۆۋەن بولىدۇ.
ئەرەب يېرىم ئارىلى قاتتىق ئىسسىق، قۇرغاق بولۇپ، ئاز ساندىكى رايونلارنى ھىساپقا ئالمىغاندا، يىللىق يامغۇر مىقدارى 200 مىللىمېتىرغا يەتمەيدۇ. ئەمما، ھەر قايسى جايلار ئارسىدىكى پەرىقمۇ ئىنتايىن زور مەسىلەن، يەمەن رايونىنىڭ يامغۇر مىقدارى تولۇق، ئوممان تاغلىق رايونلىرىنىڭ يىللىق يامغۇر مىقدارىمۇ بىر قەدەر تولۇق؛ يېرىم ئارالنىڭ شىمالى ۋە ئوتتۇرا قىسىملىرىدا بولسا سۇ كەمچىل؛ يېرىم ئارالنىڭ غەربى رايونلىرىدا، بولۇپمۇ ھىجاز رايونىدا بەزىدە قاتتىق يامغۇر يېغىپ، كەلكۈن پەيدا بولىدۇ، ئەمما بۇ خىل ئەھۋال دائىم كۆرۈلمەيدۇ، نەچچە يىلدا بىر قېتىم يۈز بېرىدۇ.
ئەرەب يېرىم ئارىلنىڭ بايلىقى مول بولۇپ، ئۇ يەردىن قەھۋە، مەستكى رومى، مۇرمەككە، ئاق سەندال، مايلىق زەيتۇن، ئەرەب يېلىمى، خېنىگۈل قاتارلىق مەھسۇلاتلار چىقىدۇ؛ زىرائەتلەردىن بۇغداي، ئارپا، قوناق، كۆممە قوناق ۋە تېرىق قاتارلىقلار تېرىلدۇ. مىۋىلەردىن خورما، شاپتۇل، ئالۇچا، نەشپۈت، ئۆرۈك، ئۈزۈم، ئەنجۇر، ئەنبەھ، ئاپېلسىن، ئالما، تاۋۇز، ئانار، لىمون ۋە شېكەر قومۇشى قاتارلقلار ئۆستۈرۈلىدۇ. خورما يېرىم ئارالدىكى ئەڭ مۇھىم مېۋە بولۇپ، مەدىنىدىن چىقىدىغان خورما ئەڭ داڭلىق. خورما دەرىخىنىڭ «دەرەخ پادىشاھى» دېگەن نامى بار. ئەرەبلەر تۆگە، ئات، قوي، ئۆچكە، ئېشەك قاتارلىق ئۆي ھايۋانلىرىنى باقىدۇ. كۆچمەن چارۋىچىلارغا نىسبەتەن ئېيتقاندا، تۆگىنىڭ ئىشلىتىلىش قىممىتى ئىنتايىن يۇقىرى. نەجىدتىن چىقىدىغان ئەرەب ئېتى دۇنياغا مەشھۇر. ئەرەب يېرىم ئارىلىدا يەنە قاپلان، مايمۇن، بۆكەن ھەمدە تورغاي، تاز قارا، كەركىدان قۇش، سېرىق قاش جاغجاق، بۇلبۇل قاتارلىق ياۋايى ھايۋانلار ۋە ئۇچار قۇشلار بار. ئەرەب يېرىم ئارىلىنىڭ دېڭىز مەھسۇلاتلىرىمۇ ئىنتايىن مول بولۇپ، كىشلەر دېڭىز مەھسۇلاتلىرىنى دائىم يەم-خەشەك ۋە ئوغۇت قىلىپ ئىشلىتىدۇ، يۇقىرىقىلاردىن سىرىت پارس قولتۇقىدىن يەنە دۇنياغا داڭلىق ئەلا سۈپەتلىك مەرۋايىت چىقىدۇ.
2. ئەرەبلەر
يېرىم ئارالدىكى ئەرەبلەر شىماللىق ۋە جەنۇپلۇق دەپ ئىككىگە بۆلۈنىدۇ. شىماللىق ئەرەبلەر كۆچمەن چارۋىچىلىق بىلەن تۇرمۇش كەچۈرىدۇ، ئاساسى پائالىيەت رايونلىرى ھىجاز ۋە ناجىدتىن ئىبارەت. جەنۇبلۇق ئەرەبلەر مۇقىم ئولتۇراقلىشىشنى ئاساس قىلغان بولۇپ، يەمەن، خادىراغا ھەمدە ئەتىراپتىكى دېڭىز بويى رايونلىرىغا توپلىشىپ ئولتۇراقلاشقان. كۆچمەن چارۋىچى ۋە ئولتۇراقلاشقانلاردىن سىرىت، يەنە يېرىم كۆچمەن ۋە يېرىم ئولتۇراقلاشقان قەبىلىلەرمۇ بار. شىماللىق ئەرەبلەرنىڭ قوللىنىلدىغان شىمالى ئەرەب تىلى، يەنى كېيىن «قۇرئان» دا قوللۇنۇلغان تىل. ھازىرقى زامان ئەرەب تىلىنىڭ ئاساسىدۇر. جەنۇبى ئەرەبلەرنىڭ تىلى سەيبەي تىلى ۋە ھېبىرېۋ تىلىدۇر. كېيىن شىمالى ئەرەب تىلى ئۇنىڭ ئورنىنى ئالغان. «قۇرئان» دا قوللۇنۇلغان شىمالى ئەرەب تىلى يېرىم ئارالدا ئورتاق قوللۇنىلدىغان تىل بولۇپ قالغان.
شىماللىق ئەرەبلەر ئىبراھىم ئەلەيھىسىسالامنىڭ ئوغلى ئىسمائىل ئەلەيھىسىسالامنىڭ پۇشتى، جەنۇبلۇق ئەرەبلەر بولسا جۇھتاننىڭ پۇشتى، دەپ قارىلدۇ. جەنۇب ۋە شىمالدىكىلەر يەنە نۇرغۇن قەبىلىلەرگە بۆلۈنگەن. كۆچمەن ئەرەبلەر ئەركىن قۇملۇق تۇرمۇشىدا ياشايدۇ، ئىپتىدائى كوممۇنا تۈزۈمى باسقۇچىدا بولۇپ، سۇ مەنبەلىرى ۋە ئوتلاقلار ئۇرۇقداشلىق جامائىتىنىڭ ئورتاق مۈلكى دەپ قارىلىدۇ، ئوت-چۆپ ۋە سۇنى قوغلىشىپ ياشايدۇ. يامغۇر پەسلىگە كەلگەندە ئۇلار تۆگىلىرىنى ھەيدەپ يايلاققا كۆچىدۇ، يامغۇر پەسلى ئۆتۈپ كەتكەندىن كېيىن، يەنە ئەسلىدىكى ئوتلاقلىرىغا قايتىدۇ. جەنۇبتىكى ئەرەبلەر ئىچىدىمۇ سودا قىلىش ئۈچۈن شىمالغا كۆچىدىغانلىرى بار. 7- ئەسىرنىڭ باشلىرىدا ئاھالىلەرنىڭ تارقىلىش ئەھۋالىدا ئىنتايىن زور ئۆزگىرىشلەر يۈز بەرگەن. مەسىلەن، مەككىنىڭ ئاھالىسى شىمالى ئەرەبلەردىن نىسارىلارغا تەۋە، مەدىنىنىڭ ئەرەبلىرى بولسا جەنۇبتىكى يەمەنلىكلەرنىڭ پۇشتىغا تەۋە. تۆگە بىلەن خورما بىدۇئىنلارنىڭ ئىككى چوڭ ھاياتلىق تۈۋرۈكى. تۆگە گۆشىنى يىيىشكە، سۈتىنى ئىچىشكە بولىدۇ، تېرىسىدىن كىيىم تىككىلى، يۇڭىدىن چېدىر توقىغىلى، مايىقىنى قالىغىلى بولىدۇ. سودا-تىرانسىپورت ۋە ئۇرۇش قىلغاندىمۇ تۆگىدىن ئايرىلغىلى بولمايدۇ. تۆگە بىدۇ ئىنلارنىڭ ئەڭ زور بايلىقى بولۇپ، «چۆل كېمىسى» دەپ ئاتالغان، خورما ئەرەبلەرنىڭ ئاساسلىق ئۇزۇقى بولۇپ، خورمىنى ئېچىتىپ ئىچىملىك ياساشقا، خورما تالقىندىن نان پۇشۇرۇشقا بولىدۇ. خورمىنى يەنە تۆگىنىڭ يەم-خەشىگى قىلىشقا بولىدۇ، خورما دەرىخىنىڭ ياغىچى يەنە ئەڭ ياخشى قۇرۇلۇش ماتېرىيالى بولالايدۇ.
ئەرەب يېرىم ئارىلىدىكى ھەر قايسى رايونلار سىياسى، ئىقتىسادى جەھەتلەردە ئوخشىمىغان ئارقا كۆرۈنۈشلەرگە ئىگە. بۇرۇن جەنۇبتىكى رايونلارنىڭ يېزا ئىگىلىكى زور دەرىجىدە تەرەققى قىلىپ، قول سانائەت ئىشلەپچىقىرىشى ۋە سودا كارۋانلىرىنىڭ پائالىيەت مەركىزى-شەھەرلەر بارلىققا كەلگەن. شۇنداقلا، ئىلگىرى-كېيىن بىر قانچە شەھەر دۆلىتى قۇرۇلغان. مىلادىنىڭ ئەڭ دەسلەپكى بىر قانچە ئەسىرلىرىدە، يېرىم ئارالنىڭ جەنۇبىدىكى ھەر قايسى ئەللەردە قۇلدارلىق تۈزۈمى بىلەن خاراكتىرلەنگەن ئىجتىمائىي، ئىقتىسادى مۇناسىۋەتلەر بارلىققا كەلگەن، ئەمما ئەينى چاغدا ئىپتىدائى كوممۇنا تۈزۈمى ۋە ئۇرۇقداشلىق تۈزۈمىنىڭ قالدۇقلىرىمۇ مەۋجۇت ئىدى. ئىجتىمائىي ئىشلەپچىقىرىش جەريانىدا، ئاساسلىقى دېھقانچىلىق، چارۋىچىلىق ئىشلەپچىقىرىشى جەريانىدا، قۇللاردىن سىرىت، ئەركىن دېھقانلارنىڭ ئەمگىكىمۇ مۇھىم رول ئوينىغان.
5-ئەسىردىن 6-ئەسىرگىچە، يېرىم ئارالنىڭ جەنۇبىدىكى ھىممىرىي پادىشاھلىقى تەدىرىجى زەئىپلەشتى. ئوتتۇرا دېڭىز بويلىرىدىكى ھەر قايسى ئەللەرنىڭ شەرققە تۇتىشىدىغان دېڭىز ۋە قۇرۇقلۇق يوللىرىنى قولغا كەلتۈرۈش ئۈچۈن ئەينى چاغدىكى دەرىجىدىن تاشقىرى ئىككى چوڭ دۆلەت پارىسلار بىلەن ۋىزانتىيە يەمەن رايونىدا جىددى ئېلىشتى، دەسلەپتە ۋىزانتىيە ھەبەشىستان قوشۇنلىرىغا ياردەملىشىپ يەمەننى بېسىۋالدى؛ كېيىن پارسلار ئۇلارنىڭ ئورنىغا چىقتى، بۇ ئەھۋال ئىسلام دىنى بارلىققا كەلگىچە داۋاملاشتى. يېرىم ئارالنىڭ غەربى قىسمىدا مۇھىم سودا كارۋان يوللىرى بولغاندىن سىرىت، يەنە يېرىم ئارالنىڭ دىنى مەركىزى-مەككە بار ئىدى. قۇرەيىش قەبىلىسى مەككىنىڭ ئاساسلىق ئاھالىسى بولۇپ، بۇ قەبىلىنىڭ يۇقىرى قاتلىمىدىكىلەر شەھەرنىڭ ھاكىميىتىنى قولىدا تۇتۇپ، شەھەر ئىقتىسادىنى باشقۇراتتى.
6-ئەسىردىن 7-ئەسىرنىڭ باشلىرىغىچە بولغان مەزگىلدە، يېرىم ئارالنىڭ ئىقتىسادى ئەڭ تەرەققى قىلغان رايونى يېرىم ئارالنىڭ غەربىدە بولۇپ، بۇ يەرلەردە، بولۇپمۇ مەككە قاتارلىق شەھەرلەردە، گەرچە قەبىلە ئۇرۇقداشلىق تۈزۈمى شەكلىدە يەنىلا مەۋجۇت بولسىمۇ، ئەمما بۇ يەرلەردىكى سودا پائالىيەتلىرى ۋە جازانىخورلۇق ئىپتىدائى كوممۇنا تۈزۈمىنىڭ پارچىلنىشىنى تىزلىتىپ، باي-كەمبەغەللىك پەرقى ئېشىپ كەتتى. قۇلدارلىق تۈزۈمى شەكىللىنىشكە باشلىدى. باي سودىگەرلەر ۋە جازانىخورلار يالغۇز ئەركىن دېھقانلارنى ياللاپ ئىشلىتىپ، قۇللارغا ئىگە بولۇپلا قالماستىن، يەنە قۇل سودىسى بىلەنمۇ شۇغۇللىنىشقا باشلىدى. مانا بۇ «قۇرئان» دا كۆپ قېتىم تىلغا ئېلىنغان قۇللارنى ئازاد قىلىش رىئاللىقىنىڭ ئىجتىمائىي سەۋەبىدۇر.
بىدۇ ئىنلار ئادەتتە قانداشلىق مۇناسىۋىتى بويىچە قەبىلىلەرگە ئويۇشقان بولۇپ، قەبىلىلەر بىر قانچە ئورۇقداشلاغا بۆلۈنەتتى، ئۇلار بولسا يەنە بىر قانچە جەمەتلەردىن تەشكىل تاپقان ئىدى. سىرتقى تاجاۋۇزغا تاقابىل تۇرۇش ۋە دۈشمەنگە ھۇجۇم قىلىش ئۈچۈن، بىر قانچە قەبىلە بىرلىشىپ قەبىلە ئىتتپاقىنى تەشكىل قىلاتتى. يىللارنىڭ ئۆتۈشى بىلەن، نۇرغۇنلىغان ئۇششاق قەبىلىلەر بىرلىشىپ چوڭ قەبىلە ئىتتپاقىنى شەكىللەندۈردى. يېرىم ئارالنىڭ ئىچكى قىسمىدىكى ئىجتىمائىي ئۆزگىرىش ۋە بۆلۈنۈشكە، سودا ئاقسۆڭەكلىرىنىڭ جەمئىيەتكە بولغان تەسىرىنىڭ كۈنسايىن ئېشىپ بېرىشىغا ئەگىشىپ، ئەنئەنىۋى قانداشلىق مۇناسىۋىتىنىڭ مۇھىملىقى پەيدىن-پەي تۆۋەنلەپ، يېڭى ئىجتىمائىي قاتلاملار ئىگىلىگەن بايلىقنىڭ ئوخشىماسلىقى بىلەن بۆلۈنۈشكە باشلىدى. شۇنىڭ بىلەن بىرلىكتە، ياۋرۇپانىڭ ئاسىياغا تۇتىشىدىغان سودا يوللىرىنىڭ ئۆزگىرىشى ئەسلىدە شەرق سودا كارۋان يوللىرىغا جايلاشقان بەزى ئەرەب شەھەر-بازارلىرىنىڭ ئىقتىسادىنى تىز سۈرئەتتە خارابلاشتۇردى. بۇلار بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولغان كۆچمەن قەبىلىلەرنىڭ ئىقتىسادىمۇ زور تەسىرىگە ئۇچىرىدى. شۇنىڭ بىلەن، يېرىم ئارالنىڭ ئىجتىمائىي ئىقتىسادى يەنە بىر قەدەم ئىلگىرلىگەن ھالدا يامانلىشىپ، يېرىم ئارالنىڭ ئەسلىدىكى ئىجتىمائىي زىددىيەتلىرىنى تېخىمۇ جىددىيلەشتۈرۋەتتى.
3. ئىپتىدائى دىنلار
ئەرەب يېرىم ئارىلىنىڭ ئۆزىگە خاس ئالاھىدە جۇغراپىيلىك مۇھىتى ۋە ئۆزگىچە ھاۋا كىلماتى،چۆل-جەزىرە ۋە بوستانلىقلاردا ياشىغانلار، رىئال تۇرمۇش بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك تەبىئى ھادىسلەرنى، ئەينى چاغدىكى ئىجتىمائىي شارائىت ئاستىدا، پەقەت ئۆزىنىڭ ئىجتىمائىي پائالىيىتى ۋە تۇرمۇش تەجىربىسىگە ئاساسەنلا چۈشەندۈرۈپ، بۇ تەبىئى ھادىسلەرنى «ئاڭلىق ئەمەلى گەۋدە» نىڭ پائالىيىتى دەپ تونىغان. ئادەملەر بىلەن ئادەملەر ئارىسىدىكى ئىجتىمائىي مۇناسىۋەت ۋە پىسخىك ھالەتلىرىنى ئادەملەر بىلەن تەبىئەت دۇنياسىنىڭ مۇناسىۋىتىگە باغلاپ، شۇ ئارقىلىق ئىپتىدائى دىنلارنى شەكىللەندۈرگەن-ئەرەبلەرنىڭ ئىپتىدائى دىنلىرىنىڭ شەكلى ۋە تۆۋەندىكى بىر قانچە تۈرگە بۆلىنىدۇ:
‹1› تەبىئەتكە چوقۇنۇش
چوقۇنۇش ئوبىكتىلىرى بۇلاق (سۇ مەنبەئەلىرى)، قۇرام تاش، يۇلتۇز ۋە كۈن-ئايلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. ئەرەب يېرىم ئارىلىدا يامغۇر ئاز ياغقاچقا ئەرەبلەر سۇنى بەك قەدىرلەيدۇ. شۇڭا مەككە شەھىرىدىكى زەم-زەم بۇلىقى ئىلاھى بۇلاق دەپ قارىلدۇ. يېرىم ئارالنىڭ قۇرۇلۇش ماتېرىياللىرىنىڭ كۆپىنچىسى تاش بولۇپ، قۇرام تاشلارنىڭ تۇرمۇشتىكى مۇھىم رولى ۋە تاشلاردىكى ئاجايىپ سىزىقلار ئۇلارنى ھەيران قالدۇرغان. شۇڭا كەبىدىكى قارا تاش (ھىجىرى ئەسۋەد) ۋە تايىغنىڭ شەھەر سىرتىدىكى قۇرام تاشلار كىشلەرنىڭ چوقۇنۇش ئوبىكتىغا ئايلانغان. قەدىمى ئەرەبلەر ئومۇميۈزلۈك ئاسمان جىسىملىرىغا چوقۇنغان. كېچە ئاسمىنىدىكى چاقناپ تۇرغان يۇلتۇزلارنىڭ چوڭ-كىچىكلىكى ھەر خىل بولۇپ، ئۆزگىرىپ تۇرىدۇ. ئەرەبلەر يۇلتۇزلارنىڭ ئۆزگىرىشلىرىنى تەبىئەت ھادىسلىرى ۋە ئىجتىمائىي ھادىسلەر بىلەن بىرلەشتۈرىدۇ. ئاسمان جىسملىرىغا چوقۇنۇش جەھەتتە، دېھقانچىلىق رايونلىرىدىكىلەر ئاساسلىقى كۈن ئىلاھىغا چوقۇنىدۇ، چۈنكى قۇياش نۇرىنىڭ چۈشۈشى دېھقانچىلىق زىرائەتلىرىنىڭ ئۆسۈشىگە مۇناسىۋەتلىك، چارۋىچىلىق رايونىدىكىلەر بولسا ئاي ئىلاھىغا چوقۇنىدۇ، چۈنكى نۇرلۇق ۋە سۈزۈك ئاي نۇرى، كىشلەرگە سالقىنلىق بېغىشلاپلا قالماستىن يەنە ئوت-چۆپلەرنى نەمدەيدۇ.
‹2› ھايۋانات-ئۆسۈملۈكلەرگە چوقۇنۇش:
چوقۇنۇش ئوبىكتىلىرى دەل-دەرەخ ۋە تۆگە قاتارلىقلار. ھايۋانات ۋە ئۆسۈملۈكلەر ئەرەبلەرنىڭ كۈندىلىك تۇرمۇشى بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك بولۇپ، كەئىبىنىڭ ئەتىراپىدا ئەرەبلەر چوقۇنغان ئىلاھى دەرەخلەر بار، ئەينى چاغدىن قەپقالغان ھايۋانلارغا چوقۇنغان ئىزلار بار. مەسىلەن، چىشى تۆگىگە چوقۇنۇش قاتارلىقلار.
‹3› ئەجدادىغا چوقۇنۇش:
قەدىمكى ئەرەبلەر، «ئۆلگەنلەر باشقا بىر دۇنيادا يەنە ياشايدۇ، تىرىكلەر ھەرىكەت قىلغاندا ئۆلگەنلەرگە مەسئۇل بولۇشى كېرەك» دەپ قارىغان. قەبىلە ئەزالىرى ئۆلگەندىن كېيىن دەپنە قىلىشتا قېلىپلاشقان بىر يۈرۈش مۇراسىملارنى ئۆتكۈزگەن. ئۇلار ئۆلگۈچىگە قەۋرە قاتۇرمايدۇ، قەبرە يېنىدىن ئۆتكەندە، ئۆلگۈچىنىڭ تىنىچلىقىنى بۇزماسلىق ئۈچۈن ئۇلاق مىنىپ ماڭمايدۇ.
‹4› بۇتقا چوقۇنۇش:
قەدىمكى ئەرەبلەر ئومۇميۈزلۈك بۇتقا چوقۇنغان بولۇپ، ھەر بىر قەبىلىنىڭ ئۆزىنىڭ چوقۇنىدىغان بۇت ۋە ئىلاھلىرى بولغان. شۇنىڭ بىلەن بىرگە، باشقا قەبىلىلەرنىڭ ئىلاھلىرىنىڭ ئۆز قەبىلىلىرى ئارسىدىكى ئورنىنى ئىتىراپ قىلغان؛ يەنە بەزى ئىلاھلارغا بولسا ئوخشىمىغان قەبىلىلەر تەڭ چوقۇنغان. مەككىدىكى كەئبە ئىچىگە قويۇلغان ھەر قايسى قەبىلىلەرنىڭ بۇتلىرىلا 300دىن ئاشاتتى.
مىلادىدىن بۇرۇنقى 1-ئەسىرلەردە يەھۇدىي دىنى ئەرەب يېرىم ئارىلىغا تارقالغان بولۇپ، ئىسلام دىنى گۈللىنىشتىن بۇرۇن تەيما، خەيبار ۋە يەسىرىب (يەنى مەدىنە) قاتارلىق جايلاردا يەھۇدىي دىنىنىڭ تەسىر كۈچى ئەڭ كۈچلۈك بولغان. يەمەندىمۇ بىر قىسىم قەبىلىلەر يەھۇدىي دىنىغا ئېتىقاد قىلغان. ئالىملارنىڭ تەكشۈرۈپ دەلىللىشدىن قارىغاندا، ئۇلارنىڭ ئىچىدە قەدىمكى ئىسرائىليىلىكلەرنى رىملىقلار مەغلۇپ قىلغاندىن كېيىن ھىجاز رايونىغا كۆچۈپ كەلگەن يەھۇدىيلەر، ھەم يەھۇدىي دىنىغا ئېتىقاد قىلىدىغان ئەرەبلەر بار ئىكەن. يېرىم ئارالدىكى خىرستىيان دىنى ئاساسلىقى نېستورىيان دىنى ۋە ياكوب گۇرۇھى بولۇپ، ئاز ساندىكى ئەرەبلەر ئېتىقاد قىلىدۇ ۋە مۇناستىرلىرى بار. يۇقىرىقىلاردىن سىرىت، ئەرەب يېرىم ئارىلىدا يەنە زەردۇش ۋە مانى دىنىغا ئېتىقاد قىلدىغانلارمۇ بار. پۈتكۈل ئەرەب يېرىم ئارىلىدىن ئېلىپ ئېيتقاندا، ئىسلام دىنى بارلىققا كېلىشتىن بۇرۇن، ئەرەبلەرنىڭ ئاساسلىق ئېتىقاد قىلدىغىنى ئىپتىدائى دىنلار ئىدى.
ئومۇمەن، ئىجتىمائىي ئىقتىسادنىڭ تەرەققىياتى ئىپتىدائى كوممۇنا تۈزۈمىنىڭ پارچىلنىشى ۋە سىنىپى جەمئىيەتنىڭ تەدرىجىي شەكىللىنىشىنى بارلىققا كەلتۈردى، يات مىللەتلەرنىڭ تاجاۋۇزى ۋە ھۆكۈمرانلىقى ئەرەب يېرىم ئارىلىنىڭ ئىجتىمائىي زىددىيەتلىرىنى كۈچەيتىۋەتتى. بولۇپمۇ، جەنۇبى رايونلاردا، سودا-كارۋان يوللىرىنىڭ ئۆزگىرىشى-جەنۇبنىڭ سودىسى ۋەيران قىلدى، بۇرۇنقى ئاۋات شەھەر-يېزىلار ئادەمسىز خارابىلىكلەرگە ئايلاندى. ھىجاز رايونىنىڭ (بولۇپمۇ مەككە رايونىنىڭ)ئىقتىسادى ئېغىر زەربىگە ئۇچىرىدى. سودا مەدەنىيىتى بىر تەرەپتىن ئەنئەنىۋى ئىجتىمائىي مۇناسىۋەتلىرىنى تەشكىل قىلسا، يەنە بىر تەرەپتىن ئىچكى ۋە تاشقى جەھەتلەردىن كەلگەن غايەت زور ئىجتىمائىي بېسىمىنى ئۆزىگە يۈكلەپ، ئەرەب يېرىم ئارىلى زور ئۆزگىرىش ھارپىسىغا كېلىپ قالغان ئىدى.

ئەسكەرتىش: ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسى تور بېتىدىكى ئەسەرلەر ئاپتورنىڭ ئۆزىنىڭ كۆز-قارىشىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ. تور بېتىمىزدىكى ئەسەرلەرنى مەنبەسىنى ئەسكەرتىش شەرتى بىلەن كۆچۈرۈپ كەڭ تارقىتىشقا بولىدۇ.

ئاكادېمىيە ئورگان تورى ©

Scroll to top