ئۇيغۇرچە    Uyghurche    Уйғурчә   
  • 2018 - يىلى 26 - ئاۋغۇست فاتىھ سۇلتان مەھمەت ئۇنىۋېرسىتېتى توپكاپى مەۋلەۋىخانىسىدا «ئۇيغۇرلار دۇچ كېلىۋاتقان خىرىسلار ۋە ھەل قىلىش يوللىرى مۇھاكىمە يىغىنى» ھەققىدە خۇلاسە دوكىلاتى قىلىندى. ...
سىزنىڭ ئورنىڭىز: باشبەت » مەدەنىيەت بوستانى » ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﻻﺭﻧﯩﯔ ﻗﻪﺩﯨﻤﻜﻰ ﻧﺎﺧﺸﺎ-ﺋﯘﺳﺴﯘﻝ ﺳﻪﻧﺌﯩﺘﻰ ﯞﻩ «تۈركىي تىللار دىۋانى» ﺩﯨﻜﻰ ﺳﻪﻧﺌﻪﺗﻜﻪ ﺋﺎﺋﯩﺖ ﻣﻪﻟﯘﻣﺎﺗﻼﺭ ﮪﻪﻗﻘﯩﺪﻩ

ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﻻﺭﻧﯩﯔ ﻗﻪﺩﯨﻤﻜﻰ ﻧﺎﺧﺸﺎ-ﺋﯘﺳﺴﯘﻝ ﺳﻪﻧﺌﯩﺘﻰ ﯞﻩ «تۈركىي تىللار دىۋانى» ﺩﯨﻜﻰ ﺳﻪﻧﺌﻪﺗﻜﻪ ﺋﺎﺋﯩﺖ ﻣﻪﻟﯘﻣﺎﺗﻼﺭ ﮪﻪﻗﻘﯩﺪﻩ

غەيرەت ئابدۇراھمان ئۇزغار

ﺑﯘ ﻣﺎﻗﺎﻟﻪ «ﻗﻪﺷﻘﻪﺭ ﭘﯩﺪﺍﮔﻮﮔﯩﻜﺎ ﺋﯩﻨﺴﺘﯩﺘﯘﺗﻰ ﺋﯩﻠﻤﯩﻲ ﮊﻭﺭﻧﯩﻠﻰ» ﻧﯩﯔ 1998-ﻳﯩﻠﻠﯩﻖ 4-ﺳﺎﻧﯩﺪﺍ ﺋﯧﻼﻥ ﻗﯩﻠﯩﻨﻐﺎﻥ.

ﻣﻪﮪﻤﯘﺩ ﻛﺎﺷﯩﻐﻪﺭﯨﻴﻨﯩﯔ ﻣﯚﺟﯩﺰﯨﯟﻯ ﺷﺎﮪﺎﻧﻪ ﺋﻪﺳﯩﺮﻯ «ﺗﯜﺭﻛﯩﻲ ﺗﯩﻠﻼﺭ ﺩﯨﯟﺍﻧﻰ» (ﺩﯨﯟﺍﻧﯘ ﻟﯘﻏﺎﺗﯩﺖ ﺗﯜﺭﻙ) ﺋﯚﺯ ﺩﻩﯞﺭﯨﻨﯩﯔ ﺗﯩﻞ ﺋﯧﻠﯧﻤﯧﻨﺘﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﺋﯚﺯﯨﮕﻪ ﻣﯘﺟﻪﺳﺴﻪﻣﻠﯩﮕﻪﻥ ﻧﯘﺭﻏﯘﻥ ﺷﯧﺌﯩﺮ- ﻗﻮﺷﺎﻗﻼﺭ، ﻣﺎﻗﺎﻝ- ﺗﻪﻣﺴﯩﻠﻠﻪﺭ ﯞﻩ ﺋﯧﻐﯩﺰ ﺋﻪﺩﻩﺑﯩﻴﺎﺗﯩﻨﯩﯔ ﮪﻪﺭ ﺧﯩﻞ ﺟﻪﯞﮪﻪﺭﻟﯩﺮﯨﻨﻰ ﺋﯚﺯ ﺋﯩﭽﯩﮕﻪ ﺋﺎﻟﻐﺎﻥ ﺯﻭﺭ ﮪﻪﺟﯩﻤﻠﯩﻚ ﻗﺎﻣﯘﺱ ﺑﻮﻟﯘﭖ، ﺋﯘ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ- ﺗﯜﺭﻛﯩﻲ ﺧﻪﻟﻘﻠﻪﺭ ﺗﯩﻞ ﯞﻩ ﻣﻪﺩﻩﻧﯩﻴﯩﺘﯩﻨﯩﯔ ﺧﻪﺯﯨﻨﯩﺴﻰ ﮪﯧﺴﺎﺑﻠﯩﻨﯩﺪﯗ. ﺑﯘ ﺋﻪﺳﻪﺭﺩﻩ ﺋﻪﻳﻨﻰ ﺩﻩﯞﺭﺩﯨﻜﻰ ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﯞﻩ ﺋﻮﺗﺘﯘﺭﺍ ﺋﺎﺳﯩﻴﺎﺩﯨﻜﻰ ﺗﯜﺭﻛﯩﻲ ﺗﯩﻠﻠﯩﻖ ﻣﯩﻠﻠﻪﺗﻠﻪﺭ، ﺟﯜﻣﻠﯩﺪﯨﻦ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﻻﺭﻧﯩﯔ ﺋﯧﺘﻨﻮﮔﺮﺍﻓﯩﻴﻪﺳﻰ، ﺗﯩﻠﻰ، ﺋﯚﺭﭖ- ﺋﺎﺩﯨﺘﻰ ﯞﻩ ﻣﻪﺩﻩﻧﻰ ﮪﺎﻳﺎﺗﯩﻐﺎ ﻣﯘﻧﺎﺳﯩﯟﻩﺗﻠﯩﻚ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ 7500 ﺋﻪﺗﺮﺍﭘﯩﺪﯨﻜﻰ ﺋﺎﺗﺎﻟﻐﯘ ﯞﻩ ﺳﯚﺯﻟﻪﻣﻠﻪﺭ ﻛﯩﺮﮔﯜﺯﯛﻟﮕﻪﻥ ﺑﻮﻟﯘﭖ، ﺑﯩﺰﻧﯩﯔ ﺋﻪﻳﻨﻰ ﺩﻩﯞﺭﺩﯨﻜﻰ ﺋﻪﺟﺪﺍﺩﻟﯩﺮﯨﻤﯩﺰﻧﯩﯔ ﻛﯜﻧﺪﯨﻠﯩﻚ ﺗﯘﺭﻣﯘﺷﯩﻐﺎ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﺗﻮﻧﯘﺷﯩﻤﯩﺰﻧﻰ ﭼﻮﯕﻘﯘﺭﻻﺷﺘﯘﺭﯗﺷﺘﺎ ﺋﺎﻻﮪﯩﺪﻩ ﻣﯘﮪﯩﻢ ﺗﺎﺭﯨﺨﯩﻲ ﯞﻩ ﺭﯦﺌﺎﻝ ﺋﻪﮪﻤﯩﻴﻪﺗﻜﻪ ﺋﯩﮕﻪ.

«ﺗﯜﺭﻛﯩﻲ ﺗﯩﻠﻼﺭ ﺩﯨﯟﺍﻧﻰ» (ﺗﯚﯞﻩﻧﺪﻩ ﻗﯩﺴﻘﺎﺭﺗﯩﭗ «ﺩﯨﯟﺍﻥ» ﺩﻩﻳﻤﯩﺰ) ﺩﺍ 10-11-ﺋﻪﺳﯩﺮﻟﻪﺭﺩﯨﻜﻰ ﺋﻪﺟﺪﺍﺩﻟﯩﺮﯨﻤﯩﺰﻧﯩﯔ ﺳﻪﻧﺌﻪﺗﻜﻪ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﻗﺎﺭﯨﺸﻰ، ﺳﻪﻧﺌﻪﺕ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﻣﯘﻧﺎﺳﯩﯟﯨﺘﻰ ﯞﻩ ﺳﻪﻧﺌﻪﺗﻨﯩﯔ ﺋﯘﻻﺭﻧﯩﯔ ﻛﯜﻧﺪﯨﻠﯩﻚ ﮪﺎﻳﺎﺗﯩﺪﺍ ﺗﯘﺗﻘﺎﻥ ﺋﻮﺭﻧﯩﻐﯩﻤﯘ ﺋﺎﻻﮪﯩﺪﻩ ﺋﻮﺭﯗﻥ ﺑﯧﺮﯨﻠﮕﻪﻥ. ﺋﯘﻧﯩﯖﺪﺍ ﻧﺎﺧﺸﺎ- ﺑﯧﻴﯩﺘﻠﻪﺭ، ﺳﻪﻳﻠﻪ- ﻣﻪﺷﺮﻩﭖ، ﺑﻪﺯﻣﻪ- ﺑﺎﺭﺍﯞﻩﺕ ﯞﻩ ﻧﻪﻏﻤﻪ- ﺋﯘﺳﺴﯘﻝ، ﭼﺎﻟﻐﯘ ﺋﻪﺳﯟﺍﺑﻼﺭ ﮪﻪﻗﻘﯩﺪﻩ ﻛﯚﭘﻠﯩﮕﻪﻥ ﻣﻪﻟﯘﻣﺎﺗﻼﺭ ﺑﺎﺭ. ﺑﯘﻻﺭ ﺋﺎﺭﻗﯩﻠﯩﻖ ﺑﯩﺰ ﺋﻪﺟﺪﺍﺩﻟﯩﺮﯨﻤﯩﺰﻧﯩﯔ ﻧﺎﺧﺸﺎ- ﺋﯘﺳﺴﯘﻝ، ﺳﺎﺯ- ﻣﯘﺯﯨﻜﺎ ﺳﻪﻧﺌﯩﺘﯩﻨﻰ ﺗﯧﺨﯩﻤﯘ ﭼﻮﯕﻘﯘﺭ ﭼﯜﺷﯩﻨﻪﻟﻪﻳﻤﯩﺰ ﯞﻩ ﺗﻪﺗﻘﯩﻘﺎﺗﺘﺎ ﺑﯩﺮﯨﻨﭽﻰ ﻗﻮﻝ ﻣﺎﺗﯧﺮﯨﻴﺎﻟﻐﺎ ﺋﯧﺮﯨﺸﻪﻟﻪﻳﻤﯩﺰ. ﺑﯘ ﻣﺎﻗﺎﻟﯩﺪﻩ <<ﺩﯨﯟﺍﻥ>>ﺩﯨﻜﻰ ﺳﻪﻧﺌﻪﺗﻜﻪ ﺋﺎﺋﯩﺖ ﻣﻪﻟﯘﻣﺎﺗﻼﺭ ﺋﯜﺳﺘﯩﺪﻩ ﺗﻮﺧﺘﯩﻠﯩﺶ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺋﻪﺟﺪﺍﺩﻟﯩﺮﯨﻤﯩﺰﻧﯩﯔ ﺋﻪﻳﻨﻰ ﺩﻩﯞﺭﺩﯨﻜﻰ ﺳﻪﻧﺌﻪﺕ ﺋﯩﺪﯨﻴﻪﺳﻰ ﮪﻪﻗﻘﯩﺪﻩ ﺋﯚﺯﯛﻣﻨﯩﯔ ﺩﻩﺳﻠﻪﭘﻜﻰ ﻗﺎﺭﺍﺷﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﺋﻮﺗﺘﯘﺭﯨﻐﺎ ﻗﻮﻳﯘﭖ, ﺋﯘﺳﺘﺎﺯﻻﺭ ﯞﻩ ﺑﯘ ﮪﻪﻗﺘﻪ ﺋﯩﺰﺩﯨﻨﯩﯟﺍﺗﻘﺎﻥ ﻛﻪﺳﯩﭙﺪﺍﺷﻼﺭ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺋﻮﺭﺗﺎﻗﻼﺷﻤﺎﻗﭽﯩﻤﻪﻥ. ﻣﺎﻗﺎﻟﻪ ﮪﻪﺟﯩﻤﯩﻨﻰ ﻛﯚﺯﺩﻩ ﺗﯘﺗﯘﭖ، ﭘﻪﻗﻪﺕ ﻧﺎﺧﺸﺎ- ﺋﯘﺳﺴﯘﻝ ﺳﻪﻧﺌﯩﺘﻰ ﺋﯜﺳﺘﯩﺪﯨﻼ ﺗﻮﺧﺘﯩﻠﯩﻤﻪﻥ.

1

ﺋﻪﺩﻩﺑﯩﻴﺎﺕ- ﺳﻪﻧﺌﻪﺕ ﺑﯩﺮ ﻣﯩﻠﻠﻪﺗﻨﯩﯔ ﻣﯘﺭﻩﻛﻜﻪﭖ، ﻧﺎﺯﯗﻙ، ﺗﯩﭙﯩﻚ ﻣﯩﻠﻠﯩﻲ ﺧﯘﺳﯘﺳﯩﻴﯩﺘﻰ ﯞﻩ ﭘﯩﺴﺨﯩﻚ ﺋﺎﻻﮪﯩﺪﯨﻠﯩﻜﯩﻨﻰ، ﻳﻪﻧﻰ ﮔﯜﺯﻩﻟﻠﯩﻚ ﺯﻩﯞﻗﯩﻨﻰ ﺗﯩﻞ ﻣﺎﺗﯧﺮﯨﻴﺎﻟﻰ، ﺋﯘﺳﺴﯘﻝ- ﻧﻪﻏﻤﯩﺴﻰ، ﮪﯜﻧﻪﺭ- ﺳﻪﻧﺌﯩﺘﻰ، ﺭﻩﺳﺴﺎﻣﻠﯩﻖ، ﻧﻪﻗﻘﺎﺷﻠﯩﻖ ﯞﻩ ﮪﻪﻳﻜﻪﻟﺘﯩﺮﺍﺷﻠﯩﻘﻘﺎ ﺋﻮﺧﺸﺎﺵ ﺑﯩﺮ ﻗﺎﺗﺎﺭ ﺳﻪﻧﺌﻪﺕ ﯞﺍﺳﯩﺘﯩﻠﯩﺮﻯ ﺋﺎﺭﻗﯩﻠﯩﻖ ﺋﻮﺑﺮﺍﺯﻟﯩﻖ ﺋﯩﭙﺎﺩﯨﻠﻪﻳﺪﯨﻐﺎﻥ ﺑﯩﺮ ﺧﯩﻞ ﺋﺎﻻﮪﯩﺪﻩ ﺋﺎﺩﻩﺕ ﺷﻪﻛﻠﻰ. ﻗﻪﺩﯨﻤﺪﯨﻦ ﺗﺎﺭﺗﯩﭗ ﻗﯘﺭﯨﻐﺎﺭ (ﻏﻪﺭﺑﯩﻲ ﻳﯘﺭﺕ) <<ﻧﺎﺧﺸﺎ- ﺋﯘﺳﺴﯘﻝ ﻣﺎﻛﺎﻧﻰ>>، <<ﺳﺎﺯ- ﻧﻪﻏﻤﻪ ﻳﯘﺭﺗﻰ>>؛ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﻻﺭ ﺑﻮﻟﺴﺎ <<ﻧﺎﺧﺸﺎ- ﺋﯘﺳﺴﯘﻝ ﻣﯩﻠﻠﯩﺘﻰ>> ﺩﻩﭖ ﺗﻪﺭﯨﭙﻠﯩﻨﯩﭗ ﻛﻪﻟﮕﻪﻥ. ﺑﯘ ﮪﻪﺭﮔﯩﺰﻣﯘ ﺗﻪﺳﺎﺩﯨﭙﯩﻴﻼ، ﮪﺎﺯﯨﺮﻗﻰ ﺳﻪﻧﯩﺘﯩﻤﯩﺰﮔﯩﻼ ﺋﯧﻴﺘﯩﻠﻐﺎﻥ ﺑﻮﻟﻤﺎﺳﺘﯩﻦ، ﺑﻪﻟﻜﻰ ﺋﯘﺯﺍﻕ ﺗﺎﺭﯨﺨﯩﻲ ﺗﻪﺭﻩﻗﻘﯩﻴﺎﺗﻼﺭ ﺩﺍﯞﺍﻣﯩﺪﺍ ﺑﺎﺭﻟﯩﻘﻘﺎ ﻛﻪﻟﮕﻪﻥ ﺑﺎﮪﺎ.

ﻳﯩﻠﺘﯩﺰﺳﯩﺰ ﺩﻩﺭﻩﺥ ﺑﻮﻟﻤﯩﻐﯩﻨﯩﺪﻩﻙ، ﺋﻪﺟﺪﺍﺩﺳﯩﺰ ﺋﻪﯞﻻﺩﻣﯘ، ﻣﯩﻠﻠﻪﺗﻤﯘ ﺑﻮﻟﻤﺎﻳﺪﯗ ﮪﻪﻡ ﻣﯘﻗﻪﺩﺩﯨﻤﯩﺴﯩﺰ ﺗﺎﺭﯨﺨﻤﯘ ﺑﻮﻟﻤﺎﻳﺪﯗ. ﺋﯩﭙﺘﯩﺪﺍﺋﯩﻲ ﺋﻪﻣﮕﻪﻙ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺋﯩﭙﺘﯩﺪﺍﺋﯩﻲ ﺋﻮﺑﺮﺍﺯﻟﯩﻖ ﺗﻪﺳﻪﯞﯞﯗﺭ ﺋﯩﭙﺘﯩﺪﺍﺋﯩﻲ ﺳﻪﻧﺌﻪﺗﻨﻰ ﻣﻪﻳﺪﺍﻧﻐﺎ ﻛﻪﻟﺘﯜﺭﯛﺷﺘﯩﻜﻰ ﺋﺎﺳﺎﺳﯩﻲ ﺋﺎﻣﯩﻞ. ﺩﯦﻤﻪﻙ، ﺋﻪﻣﮕﻪﻙ ﯞﻩ ﺗﻪﺳﻪﯞﯞﯗﺭ ﺑﯩﺰﻧﯩﯔ، ﺷﯘﻧﺪﺍﻗﻼ ﺑﺎﺭﻟﯩﻖ ﺋﯩﻨﺴﺎﻧﯩﻴﻪﺗﻨﯩﯔ ﺩﻩﺳﻠﻪﭘﻜﻰ ﺳﻪﻧﺌﯩﺘﯩﻨﻰ ﺋﺎﭘﯩﺮﯨﺪﻩ ﻗﯩﻠﻐﺎﻥ ﺳﯚﻳﯜﻣﻠﯜﻙ ﺋﺎﻧﺎ. ﺋﻪﻣﮕﻪﻙ ﺗﯜﺭﻟﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﻛﯚﭖ ﺧﯩﻠﻠﯩﻘﻰ، ﺋﯧﻐﯩﺮﻟﯩﻘﻰ ﯞﻩ ﺯﯦﺮﯨﻜﯩﺸﻠﯩﻜﻠﯩﻜﻰ، ﺋﻪﻣﮕﻪﻙ ﺟﻪﺭﻳﺎﻧﯩﻨﯩﯔ ﺭﯦﺘﯩﻤﺪﺍﺭﻟﯩﻘﻰ، ﺋﯩﻨﺴﺎﻥ ﺗﯘﻳﻐﯘﺳﯩﺪﯨﻜﻰ ﺭﯦﺘﯩﻢ ﺋﯧﯖﻰ ﺳﻪﻧﺌﻪﺗﻨﯩﯔ ﭘﻪﻳﺪﺍ ﺑﻮﻟﯘﺷﯩﻨﻰ ﺗﻪﻗﻪﺯﺯﺍ ﻗﯩﻠﯩﭙﻼ ﻗﺎﻟﻤﺎﺳﺘﯩﻦ، ﻳﻪﻧﻪ ﺋﯘﻧﻰ ﺗﻮﻏﺮﯨﺪﯨﻦ- ﺗﻮﻏﺮﺍ ﺋﻪﻣﻪﻟﯩﻴﻪﺗﻜﻪ ﺋﺎﻳﻼﻧﺪﯗﺭﻏﺎﻥ. ﺧﯩﻠﻤﯘ ﺧﯩﻞ ﺋﻪﻣﮕﻪﻙ، ﻛﯜﺭﻩﺵ، ﺳﻪﭘﻪﺭ ﺟﻪﺭﻳﺎﻧﻠﯩﺮﻯ ﯞﻩ ﺑﯘ ﺟﻪﺭﻳﺎﻧﺪﯨﻜﻰ ﻣﯘﯞﻩﭘﭙﻪﻗﯩﻴﻪﺕ ﺗﻪﻧﺘﻪﻧﯩﻠﯩﺮﻯ، ﻣﻪﻏﻠﯘﺑﯩﻴﻪﺕ ﻗﺎﻳﻐﯘﻟﯩﺮﯨﺪﯨﻦ ﮪﻪﺭ ﺧﯩﻞ ﺭﯦﺘﯩﻤﺪﯨﻜﻰ ﻣﯘﺯﯨﻜﺎ ﻛﯜﻳﻠﯩﺮﻯ، ﺋﯘﺳﯘﻟﻠﯘﻕ ﮪﻪﺭﯨﻜﻪﺗﻠﻪﺭ ﻛﯧﻠﯩﭗ ﭼﯩﻘﯩﺸﻘﺎ ﺑﺎﺷﻠﯩﻐﺎﻥ. ﻛﯩﺸﯩﻠﻪﺭ <<ﺑﺎﺭ ﻧﻪﺭﺳﻪ>>، ﻳﻪﻧﻰ ﺋﻪﻣﻪﻟﯩﻲ ﺗﯘﺭﻣﯘﺷﺘﺎ ﺋﯚﺯﻟﯩﺮﻯ ﻛﯚﺭﮔﻪﻥ، ﺑﯩﻠﮕﻪﻥ ﯞﻩ ﺑﯧﺸﯩﺪﯨﻦ ﺋﯚﺗﻜﯜﺯﮔﻪﻥ ﺳﻪﺭﮔﯜﺯﻩﺷﺘﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﺋﻪﻛﺲ ﺋﻪﺗﺘﯜﺭﯛﺷﻜﻪ ﯞﻩ <<ﻳﻮﻕ ﻧﻪﺭﺳﻪ>>، ﻳﻪﻧﻰ ﺋﯚﺯﻟﯩﺮﻯ ﺋﺎﺭﺯﯗ ﻗﯩﻠﻐﺎﻥ، ﺋﯩﻨﺘﯩﻠﮕﻪﻥ ﯞﻩ ﺧﯩﻴﺎﻟﯩﺪﺍ ﺋﻪﻛﺲ ﺋﻪﺗﻜﻪﻥ ﻧﻪﺭﺳﯩﻠﻪﺭﻧﻰ ﻳﻪﺳﻪﯞﯞﯗﺭ ﻗﯩﻠﯩﺸﻘﺎ، ﺋﯘﻧﻰ ﺑﻪﺩﯨﺌﯩﻲ ﺷﻪﻛﯩﻠﺪﻩ ﺋﯩﭙﺎﺩﯨﻠﻪﺷﻜﻪ ﺗﯩﺮﯨﺸﻘﺎﻥ. <<ﺳﯘﻱ ﺳﯘﻻﻟﯩﺴﻰ ﺋﻮﻣﯘﻡ ﻧﻪﺯﻣﯩﻠﯩﺮﻯ>>ﺩﻩ ﻛﯚﺭﺳﯩﺘﯩﻠﮕﻪﻥ <<ﺧﻮﺗﻪﻧﺪﻩ ﮔﯜﻝ ﺳﻪﻳﻠﯩﺴﻰ>>، <<ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﻧﻪﻏﻤﯩﺴﻰ>> ﻗﺎﺗﺎﺭﻟﯩﻖ ﺷﯧﺌﯩﺮﻻﺭ ﺑﯩﻠﻪﻥ <<ﺷﯩﻤﺎﻟﯩﻲ ﭼﻰ ﺳﯘﻻﻟﯩﺴﻰ ﺋﻮﻣﯘﻡ ﻧﻪﺯﻣﯩﻠﯩﺮﻯ>> ﺩﻩ ﻛﯚﺭﺳﯩﺘﯩﻠﮕﻪﻥ ﻗﻮﻏﯘﺭﺳﯘ ﺋﺎﻟﺘﯘﻧﻨﯩﯔ <<ﺗﯧﻠﯥ ﻗﻮﺷﯩﻘﻰ>> ﻗﺎﺗﺎﺭﻟﯩﻘﻼﺭ ﺑﯘﻧﯩﯖﻐﺎ ﻣﯩﺴﺎﻝ ﺑﻮﻻﻻﻳﺪﯗ.

ﺩﯨﻴﺎﺭﯨﻤﯩﺰﺩﺍ ﺋﻪﻧﻪ ﺷﯘ ﺋﯩﭙﺘﯩﺪﺍﺋﯩﻲ ﺳﻪﻧﺌﻪﺗﻨﻰ ﻣﻪﻧﺒﻪ ﻗﯩﻠﻐﺎﻥ ﺭﯦﺌﺎﻟﯩﺰﻣﻠﯩﻖ، ﺭﻭﻣﺎﻧﺘﯩﺰﻣﻠﯩﻖ ﯞﻩ ﺭﯨﯟﺍﻳﻪﺕ- ﭼﯚﭼﻪﻛﻠﻪﺭﺩﻩ ﺯﯨﻜﺮﻯ ﻗﯩﻠﯩﻨﻐﺎﻥ ﺋﻪﭘﺴﺎﻧﯩﯟﻯ ﺑﻪﺩﯨﺌﯩﻲ ﺗﻪﺳﻪﯞﯞﯗﺭ ﯞﻩ ﺋﯩﺰﺩﯨﻨﯩﺶ ﺷﻪﻛﻠﯩﺪﯨﻜﻰ ﺑﻪﺩﯨﺌﯩﻲ ﺳﻪﻧﺌﻪﺕ ﺭﺍﯞﺍﺟﻠﯩﻨﯩﭗ ﺑﺎﺭﻏﺎﻥ. <<ﻣﯘﻛﺎﺩﯨﻞ ﻧﻪﻏﻤﯩﺴﻰ>>ﻧﯩﯔ ﻣﯩﻼﺩﯨﻴﻪﺩﯨﻦ ﺋﺎﯞﯞﺍﻟﻘﻰ 208-206-ﻳﯩﻠﻠﯩﺮﯨﺪﯨﻼ ﻗﯘﺭﯨﻐﺎﺭﺩﺍ ﻛﻪﯓ ﺗﺎﺭﻗﺎﻟﻐﺎﻧﻠﯩﻘﻰ ﺗﺎﺭﯨﺨﯩﻲ ﻛﯩﺘﺎﺑﻼﺭﺩﺍ ﻗﻪﻳﺖ ﻗﯩﻠﯩﻨﻐﺎﻥ. ﻏﻪﺭﺑﯩﻲ ﺧﻪﻥ ﺳﯘﻻﻟﯩﺴﯩﻨﯩﯔ ﺋﻪﻟﭽﯩﺴﻰ ﺟﺎﯓ ﭼﻴﻪﻥ ﻣﯩﻼﺩﯨﻴﻪﺩﯨﻦ ﺋﺎﯞﯞﺍﻟﻘﻰ 119-ﻳﯩﻠﻰ ﻗﯘﺭﯨﻐﺎﺭﻏﺎ ﺋﯩﻜﻜﯩﻨﭽﻰ ﻗﯧﺘﯩﻢ ﻛﻪﻟﮕﯩﻨﯩﺪﻩ، ﺑﯘ ﻣﺎﻛﺎﻧﺪﯨﻦ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﻻﺭﻧﯩﯔ <<ﻣﯘﻛﺎﺩﯨﻞ ﻧﻪﻏﻤﯩﺴﻰ>>ﻧﻰ ﯞﻩ ﺑﻪﺭﺑﺎﺏ (ﭘﯩﭙﺎ~ ﺑﺎﺭﺑﯩﺖ)، ﺩﺍﭖ، ﺩﯗﻣﺒﺎﻕ، ﻧﺎﻏﺮﺍ، ﻛﺎﺭﻧﺎﻱ، ﺑﯘﺭﻏﺎ، ﻧﻪﻱ ﻗﺎﺗﺎﺭﻟﯩﻖ ﭼﺎﻟﻐﯘ ﺋﻪﺳﯟﺍﺑﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﭼﺎﯕﺌﻪﻧﮕﻪ ﺋﯧﻠﯩﭗ ﺑﯧﺮﯨﭗ ﺗﺎﺭﻗﺎﺗﻘﺎﻥ. ﺷﯘﻧﯩﯖﺪﻩﻙ، ﺳﯘﻱ (ﻣﯩﻼﺩﯨﻴﻪ 581-681-ﻳﯩﻠﻼﺭ)، ﺗﺎﯓ (ﻣﯩﻼﺩﯨﻴﻪ 618-907-ﻳﯩﻠﻼﺭ) ﺳﯘﻻﻟﯩﻠﯩﺮﻯ ﺩﻩﯞﺭﯨﺪﻩ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﻻﺭﺩﯨﻦ ﭼﯩﻘﻘﺎﻥ ﺑﯜﻳﯜﻙ ﺳﻪﻧﺌﻪﺗﻜﺎﺭﻻﺭﻧﯩﯔ ﺳﯘﻱ، ﺗﺎﯓ ﺳﯘﻻﻟﯩﻠﯩﺮﻯ ﻣﻪﺩﻩﻧﯩﻴﯩﺘﯩﮕﻪ ﻗﻮﺷﻘﺎﻥ ﺗﯚﮪﭙﯩﺴﯩﻤﯘ ﺋﺎﻻﮪﯩﺪﻩ ﮔﻪﯞﺩﯨﻠﯩﻜﺘﯘﺭ. ﺳﯘﻱ، ﺗﺎﯓ ﺩﻩﯞﺭﻯ ﻣﻪﺩﻩﻧﯩﻴﯩﺘﻰ ﺋﯩﭽﯩﺪﻩ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﻻﺭﻧﯩﯔ ﺋﯘﺳﺴﯘﻝ، ﻣﯘﺯﯨﻜﺎ ﺳﻪﻧﺌﯩﺘﻰ ﯞﻩ ﭼﺎﻟﻐﯘ ﺋﻪﺳﯟﺍﺑﻠﯩﺮﻯ ﺋﺎﻻﮪﯩﺪﻩ ﺋﻮﺭﯗﻧﻨﻰ ﺋﯩﮕﯩﻠﯩﮕﻪﻧﯩﺪﻯ. ﻣﻪﺳﯩﻠﻪﻥ، ﺑﻪﺭﺑﺎﺏ ﺋﯘﺳﺘﺎﺯﻯ، ﺑﯘﺧﺎﺭﺍﻟﯩﻖ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺳﻪﻧﺌﻪﺗﻜﺎﺭ ﺋﻪﻥ ﻣﻮﺭﻭ؛ ﻛﯘﭼﺎﻟﯩﻖ ﻣﻪﺷﮭﯘﺭ ﻣﯘﺯﯨﻜﺎ ﺋﯘﺳﺘﺎﺯﻯ ﺳﯘﺟﯘﭖ؛ ﻛﯘﭼﺎﻟﯩﻖ ﻣﻪﺷﮭﯘﺭ ﻛﯜﻳﺸﯘﻧﺎﺱ ﮪﻪﻡ ﻣﯘﺯﯨﻜﺎ ﺋﺎﻟﯩﻤﻰ ﺋﺎﻗﺎﺭﻯ ﻣﺎﻧﺪﺍ؛ ﺧﻮﺗﻪﻧﻠﯩﻚ ﻣﻪﺷﮭﯘﺭ ﺑﺎﻟﯩﻤﺎﻥ ﻣﺎﮪﯩﺮﻯ ﯞﺍﻳﺠﯩﺮﺍﭼﯩﻦ… ﻗﺎﺗﺎﺭﻟﯩﻖ <<ﻣﯘﺯﯨﻜﺎ ﭘﯩﺮﻯ>>، <<ﺳﻪﻧﺌﻪﺕ ﭘﯧﺸﯩﯟﺍﺳﻰ>> ﺩﻩﭖ ﺗﻪﺭﯨﭙﻠﻪﻧﮕﻪﻥ ﺯﺍﺗﻼﺭ ﺳﯘﻱ، ﺗﺎﯓ ﺳﯘﻻﻟﯩﻠﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﭘﺎﻳﺘﻪﺧﺘﻰ ﭼﺎﯕﺌﻪﻥ (ﮪﺎﺯﯨﺮﻗﻰ ﺷﯩﺌﻪﻥ) ﺩﻩ ﺋﺎﻻﮪﯩﺪﻩ ﺋﯩﻤﺘﯩﻴﺎﺯﻏﺎ ﺋﯩﮕﻪ ﺳﻪﻧﺌﻪﺗﻜﺎﺭﻻﺭﺩﯨﻦ ﺋﯩﻜﻪﻧﻠﯩﻜﻰ ﺑﯩﻠﻪﻥ خىتاينىڭ ﺗﺎﺭﯨﺨﯩﻲ ﻣﺎﺗﯧﺮﯨﻴﺎﻟﻠﯩﺮﯨﺪﺍ ﻣﯘﮪﯩﻢ ﺋﻮﺭﯗﻥ ﺗﯘﺗﯘﭖ ﻛﻪﻟﻤﻪﻛﺘﻪ.

ﺩﯦﻤﻪﻙ, ﻳﯘﻗﯩﺮﯨﻘﻰ ﺗﺎﺭﯨﺨﯩﻲ ﻣﻪﻟﯘﻣﺎﺗﻼﺭﺩﯨﻦ ﺑﯩﺰ ئۇيغۇر دىيارى ﯞﻩ ﺋﻮﺗﺘﯘﺭﺍ ﺋﺎﺳﯩﻴﺎ ﺳﻪﻧﺌﻪﺕ ﺗﺎﺭﯨﺨﯩﻨﯩﯔ ﻧﺎﮪﺎﻳﯩﺘﯩﻤﯘ ﻗﻪﺩﯨﻤﺪﯨﻦ ﺑﺎﺷﻼﻧﻐﺎﻧﻠﯩﻘﯩﻨﻰ ﮪﻪﻣﺪﻩ ﺑﺎﺷﻘﯩﻼﺭﻏﺎ ﺗﻪﺳﯩﺮ ﻛﯚﺭﺳﻪﺗﻜﻪﻧﻠﯩﻜﯩﻨﻰ ﺟﺎﮪﺎﻧﻐﺎ ﭘﻪﺧﯩﺮﻟﯩﻨﯩﭗ ﺟﺎﻛﺎﺭﻟﯩﻴﺎﻻﻳﻤﯩﺰ.

2

ﻣﯘﺯﯨﻜﺎ، ﺋﯘﺳﺴﯘﻝ–ﺋﺎﻏﺰﺍﻛﻰ ﻓﻮﻟﯩﻜﻠﻮﺭ ﺋﺎﺩﻩﺗﻠﯩﺮﯨﮕﻪ ﺋﻮﺧﺸﺎﺷﻼ ﺋﻪﯓ ﺑﯘﺭﯗﻥ ﭘﻪﻳﺪﺍ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ. ﺋﯩﭙﺘﯩﺪﺍﺋﯩﻲ ﺩﻩﯞﺭﻟﻪﺭﺩﯨﻼ ﺋﯘﺳﺴﯘﻝ, ﻣﯘﺯﯨﻜﺎ ﯞﻩ ﻗﻮﺷﺎﻗﻼﺭ ﺑﯩﺮ ﮔﻪﯞﺩﻩ ﺑﻮﻟﯘﭖ ﻣﻪﻳﺪﺍﻧﻐﺎ ﻛﻪﻟﮕﻪﻥ. ﺋﯩﭙﺘﯩﺪﺍﺋﯩﻲ ﺋﯩﻨﺴﺎﻧﻼﺭ ﮪﻪﺭ ﻗﯧﺘﯩﻢ ﮪﺎﻳﯟﺍﻧﻼﺭﻧﻰ ﺋﻮﯞﻻﭖ ﻣﯘﯞﻩﭘﭙﻪﻗﯩﻴﻪﺕ ﻗﺎﺯﺍﻧﻐﺎﻧﺪﺍ، ﺧﯘﺷﺎﻟﻠﯩﻘﯩﺪﯨﻦ ﻧﺎﺧﺸﺎ- ﻗﻮﺷﺎﻕ ﺋﯧﻴﺘﯩﭗ، ﺋﯩﺨﺘﯩﻴﺎﺭﺳﯩﺰ ﺳﻪﻛﺮﯨﺸﯩﭗ ﻛﻪﺗﻜﻪﻥ. ﺷﯘﻧﺪﺍﻗﻼ ﺋﯚﺯﻟﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﺋﻮﯞﭼﯩﻠﯩﻖ ﻗﻮﺭﺍﻟﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﻛﯚﺗﯜﺭﯛﺷﯜﭖ، ﮪﺎﻳﯟﺍﻧﻼﺭﻧﯩﯔ ﮪﻪﺭﯨﻜﻪﺗﻠﯩﺮﻯ ﯞﻩ ﺋﯚﺯﻟﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﺋﯘﻻﺭ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺋﯧﻠﯩﺸﻘﺎﻥ ﯞﺍﻗﺘﯩﺪﯨﻜﻰ ﭘﺎﺋﺎﻟﯩﻴﻪﺗﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﻗﺎﻳﺘﺎ ﺩﻭﺭﺍﭖ ﻛﯚﺭﺳﻪﺗﻜﻪﻥ. ﻣﺎﻧﺎ ﺑﯘ ﺋﻪﯓ ﺩﻩﺳﻠﻪﭘﻜﻰ ﺋﯩﭙﺘﯩﺪﺍﺋﯩﻲ ﺋﯘﺳﺴﯘﻟﺪﯨﻦ ﺋﯩﺒﺎﺭﻩﺕ ﺑﻮﻟﯘﭖ, ﺋﯘﻧﯩﯔ ﺋﻮﺭﯗﻧﺪﯨﻠﯩﺸﻰ ﻧﺎﺧﺸﺎ، ﻣﯘﺯﯨﻜﯩﻐﺎ ﺗﻪﯕﻜﻪﺵ ﻗﯩﻠﯩﻨﯩﭗ ﺋﯧﻠﯩﭗ ﺑﯧﺮﯨﻼﺗﺘﻰ. ﺷﯘﻧﯩﯖﺪﯨﻦ ﺗﺎﺭﺗﯩﭗ ﺗﺎ ﮪﺎﺯﯨﺮﻏﯩﭽﻪ ﺋﯘﺳﺴﯘﻟﻨﯩﯔ ﻧﺎﺧﺸﺎ- ﻗﻮﺷﺎﻗﻼﺭ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﺑﯘﻧﺪﺍﻕ ﺯﯨﭻ ﻣﯘﻧﺎﺳﯩﯟﯨﺘﻰ ﺧﻪﻟﻖ ﺋﺎﺭﯨﺴﯩﺪﺍ ﺑﺎﺷﺘﯩﻦ- ﺋﺎﺧﯩﺮ ﺳﺎﻗﻠﯩﻨﯩﭗ ﻛﻪﻟﺪﻯ. ﺑﯘ ﺧﯩﻞ ﺋﺎﻻﮪﯩﺪﯨﻠﯩﻚ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺧﻪﻟﻘﯩﻨﯩﯔ ﻧﺎﺧﺸﺎ- ﺋﯘﺳﺴﯘﻟﻠﯩﺮﯨﺪﺍ ﺭﻭﺷﻪﻥ ﺋﯩﭙﺎﺩﯨﻠﯩﻨﯩﺪﯗ. ﺋﯘﺳﺴﯘﻝ ﮪﻪﺭﯨﻜﯩﺘﻰ ﮪﻪﺭ ﯞﺍﻗﯩﺖ ﻣﯘﺯﯨﻜﺎ ﺗﻪﻟﻪﭖ ﻗﯩﻠﯩﺪﯗ; ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺧﻪﻟﻘﯩﻨﯩﯔ ﺋﯘﺳﺴﯘﻟﻐﺎ ﭼﯜﺷﯩﺪﯨﻐﺎﻥ (ﻣﺎﺳﻼﺷﻘﺎﻥ) ﻣﯘﺯﯨﻜﯩﻠﯩﺮﻯ ﺑﻮﻟﺴﺎ ﮪﻪﺭ ﯞﺍﻗﯩﺖ ﺗﯧﻜﯩﺴﺖ (ﻗﻮﺷﺎﻕ) ﺗﻪﻟﻪﭖ ﻗﯩﻠﯩﺪﯗ.

<<ﺩﯨﯟﺍﻥ>> 11- ﺋﻪﺳﯩﺮﻧﯩﯔ ﺑﯜﻳﯜﻙ ﺋﯩﻨﺴﯩﻜﻠﻮﭘﯧﺪﯨﻚ ﻗﺎﻣﯘﺳﻰ. ﺋﯘﻧﯩﯖﺪﺍ ﺟﻪﻣﺌﯩﻲ 240 ﭘﺎﺭﭼﯩﺪﯨﻦ ﺋﺎﺭﺗﯘﻕ ﺋﻪﺩﻩﺑﯩﻲ ﭘﺎﺭﭼﻪ (ﺷﯧﺌﯩﺮ- ﻗﻮﺷﺎﻕ، ﺑﯧﻴﯩﺖ) ﺑﺎﺭ ﺑﻮﻟﯘﭖ، ﺑﯘ ﮪﻪﺭﮔﯩﺰﻣﯘ ﺑﯩﺮﻩﺭ ﺷﺎﺋﯩﺮﻧﯩﯔ ﻧﺎﻣﻰ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻳﯧﺰﯨﻠﻐﺎﻥ ﺋﻪﻣﻪﺱ، ﺑﻪﻟﻜﻰ ﺋﯘﻻﺭﻧﯩﯔ ﺑﻪﺯﯨﻠﯩﺮﻯ <<ﺩﯨﯟﺍﻥ>> ﭘﯜﺗﯜﻟﯜﺷﺘﯩﻦ ﺧﯧﻠﻰ ﺑﯘﺭﯗﻧﻼ ﺋﺎﯞﺍﻡ ﺧﻪﻟﻖ ﺋﺎﺭﯨﺴﯩﺪﺍ ﻛﻪﯓ ﺗﺎﺭﻗﺎﻟﻐﺎﻥ ﺟﻪﯓ ﻗﯩﺴﺴﯩﻠﯩﺮﻯ، ﻗﻪﮪﺮﯨﻤﺎﻧﻠﯩﻖ ﺩﺍﺳﺘﺎﻧﻠﯩﺮﻯ، ﺋﻪﻣﮕﻪﻙ ﯞﻩ ﺋﻮﯞ ﻗﻮﺷﺎﻗﻠﯩﺮﻯ، ﺷﯘﻧﺪﺍﻗﻼ ﺗﺎﺭﯨﺨﯩﻲ ﺷﻪﺧﺴﻠﻪﺭﮔﻪ ﺑﯧﻐﯩﺸﻼﻧﻐﺎﻥ ﻣﻪﺭﺳﯩﻴﻪﻟﻪﺭﺩﯗﺭ. ﻣﻪﺳﯩﻠﻪﻥ، ﺋﺎﻟﭗ ﺋﻪﺭ ﺗﻮﯕﺎ (ﺋﺎﭘﺮﺍﺳﯩﻴﺎﭖ) ﮪﻪﻗﻘﯩﺪﯨﻜﻰ ﻣﻪﺭﺳﯩﻴﻪﻟﻪﺭ ﻣﯩﻼﺩﯨﻴﻪﺩﯨﻦ ﺑﯩﺮﻗﺎﻧﭽﻪ ﺋﻪﺳﯩﺮ ﺋﯩﻠﮕﯩﺮﯨﻜﻰ ﯞﻩﻗﻪﻟﻪﺭﻧﻰ ﺋﻪﻛﺲ ﺋﻪﺗﺘﯜﺭﮔﻪﻥ.

ﺋﺎﻟﭗ ﺋﻪﺭ ﺗﻮﯕﺎ ﺋﯚﻟﺪﯨﻤﯘ

ﺋﻪﻧﺴﯩﺰ ﺋﺎﺟﯘﻥ ﻗﺎﻟﺪﯨﻤﯘ

ﺋﯚﺯﻟﻪﻙ ﺋﯚﭼﯩﻦ ﺋﺎﻟﺪﯨﻤﯘ

ﺋﻪﻣﺪﻯ ﻳﯜﺭﻩﻙ ﻳﯩﺮﺗﯩﻠﯘﺭ

ﻳﻪﺷﻤﯩﺴﻰ:

ﺋﺎﻟﭗ ﺋﻪﺭ ﺗﻮﯕﺎ ﺋﯚﻟﺪﯨﻤﯘ؟

ﻳﺎﻣﺎﻥ (ﯞﺍﭘﺎﺳﯩﺰ) ﺩﯗﻧﻴﺎ ﻗﺎﻟﺪﯨﻤﯘ؟

ﭘﻪﻟﻪﻙ ﺋﯚﭼﯩﻨﻰ ﺋﺎﻟﺪﯨﻤﯘ؟

ﺋﻪﻣﺪﻯ ﻳﯜﺭﻩﻙ ﻳﯩﺮﺗﯩﻠﯘﺭ.

(<<ﺩﯨﯟﺍﻥ>> 1- ﺗﻮﻡ 59-ﺑﻪﺕ)

ﻳﺎﻏﻰ ﺋﻮﺗﯩﻦ ﺋﯚﭼﯜﺭﮔﻪﻥ

ﺗﻮﻳﺪﯨﻦ ﺋﺎﻧﻰ ﻛﯚﭼﯜﺭﮔﻪﻥ

ﺋﯩﺸﻼﺭ ﺋﯜﺯﯛﭖ ﻛﻪﭼﯜﺭﮔﻪﻥ

ﺗﻪﮔﺪﻯ ﺋﻮﻗﻰ ﺋﯚﻟﺪﯛﺭﯛ

ﻳﻪﺷﻤﯩﺴﻰ:

(ﺋﯘ) ﻳﯧﻐﺎ (ﺩﯛﺷﻤﻪﻥ) ﺋﻮﺗﯩﻨﻰ ﺋﯚﭼﯜﺭﮔﻪﻥ،

ﺋﻮﺭﺩﯨﺴﯩﺪﯨﻦ ﺋﯘﻧﻰ ﻛﯚﭼﯜﺭﮔﻪﻥ،

ﻛﯧﺴﯩﭗ ﺋﯩﺶ ﻗﯩﻠﯩﺪﯨﻐﺎﻥ (ﺋﺎﺩﻩﻡ ﺋﯩﺪﻯ)،

(ﺋﯘﻧﯩﯖﻐﺎ ﺋﯚﻟﯜﻣﻨﯩﯔ) ﺋﯚﻟﺘﯜﺭﮔﯜﭼﻰ ﺋﻮﻗﻰ ﺗﻪﮔﺪﻯ.

(<<ﺩﯨﯟﺍﻥ>> 1- ﺗﻮﻡ 677-ﺑﻪﺕ)

ﺋﻮﯞﭼﯩﻠﯩﻖ ﮪﻪﻗﻘﯩﺪﯨﻜﻰ ﻗﻮﺷﺎﻗﻼﺭﺩﺍ ﻛﯩﺸﯩﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ﺋﻮﯞ ﺟﻪﺭﻳﺎﻧﯩﺪﯨﻜﻰ ﻛﻪﭼﯜﺭﻣﯩﺸﻠﯩﺮﻯ، ﮪﯧﺲ- ﺗﯘﻳﻐﯘﻟﯩﺮﻯ ﺋﻪﻛﺲ ﺋﻪﺗﺘﯜﺭﯛﻟﮕﻪﻥ. ﻣﻪﺳﯩﻠﻪﻥ:

ﻳﯩﮕﯩﺘﻠﻪﺭﯨﮓ ﺋﯩﺸﻠﻪﺗﯘ

ﻳﯩﻐﺎﭺ ﻳﻪﻣﯩﺶ ﺋﯩﺮﻏﺎﺗﯘ

ﻗﯘﻻﻥ ﻛﻪﻳﯩﻚ ﺋﺎﯞﻻﺗﯘ

ﺑﻪﺯﺭﻩﻡ ﻗﯩﻠﯩﭗ ﺋﺎﯞﻧﺎﻟﯩﻢ

ﻳﻪﺷﻤﯩﺴﻰ:

ﻳﯩﮕﯩﺘﻠﻪﺭﻧﻰ ﺋﯩﺸﻠﯩﺘﯩﭗ،

ﻣﯧﯟﯨﻠﯩﻚ ﺩﻩﺭﻩﺧﻠﻪﺭﻧﻰ ﺋﯩﺮﻏﯩﺘﯩﭗ،

ﻗﯘﻻﻥ, ﻛﯧﻴﯩﻚ ﺋﻮﯞﻟﯩﺘﯩﭗ،

ﺑﺎﻳﺮﺍﻡ ﻗﯩﻠﯩﭗ ﺋﺎﯞﯗﻧﺎﻳﻠﻰ.

(<<ﺩﯨﯟﺍﻥ>> 1- ﺗﻮﻡ 348-ﺑﻪﺕ)

ﭼﺎﻏﺮﻯ ﺑﻪﺭﯨﭗ ﻗﯘﺷﻼﺗﯘ

ﺗﺎﻳﻐﺎﻥ ﺋﯩﺰﯨﭗ ﺗﯩﺸﻼﺗﯘ

ﺗﯩﻠﻜﯜ ﺗﻮﯕﯘﺯ ﺗﺎﺷﻼﺗﯘ

ﺋﻪﺭﺩﻩﻡ ﺑﯩﻠﻪ ﺋﯚﮔﻠﻪﻟﯩﻢ

ﻳﻪﺷﻤﯩﺴﻰ:

ﻗﺎﺭﭼﯘﻏﺎ ﺑﯧﺮﯨﭗ ﻗﯘﺷﻠﯩﺘﯩﭗ،

ﺗﺎﻳﻐﺎﻥ ﺳﯧﻠﯩﭗ ﭼﯩﺸﻠﯩﺘﯩﭗ،

ﺗﯜﻟﻜﻪ, ﺗﻮﯕﮕﯘﺯﻧﻰ ﺗﺎﺵ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺋﯘﺭﯗﭖ،

ﭘﻪﺯﯨﻠﻪﺕ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﭘﻪﺧﯩﺮﻟﯩﻨﻪﻳﻠﻰ.

(<<ﺩﯨﯟﺍﻥ>> 3- ﺗﻮﻡ 502-ﺑﻪﺕ)

ﺋﻮﯞﭼﯩﻠﯩﻖ − ﺋﯩﻨﺴﺎﻧﯩﻴﻪﺕ ﺋﻪﺟﺪﺍﺩﯨﻨﯩﯔ ﺋﯚﺯﻟﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﻣﻪﯞﺟﯘﺩﻟﯘﻗﻰ ﯞﻩ ﺗﻪﺭﻩﻗﻘﯩﻴﺎﺕ ﺋﯧﮭﺘﯩﻴﺎﺟﻰ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﺋﯧﻠﯩﭗ ﺑﺎﺭﻏﺎﻥ ﺗﯘﻧﺠﻰ ﺗﺎﺭﯨﺨﯩﻲ ﭘﺎﺋﺎﻟﯩﻴﯩﺘﯩﮕﻪ ﺋﻪﮔﯩﺸﯩﭗ ﻣﻪﻳﺪﺍﻧﻐﺎ ﻛﻪﻟﮕﻪﺏ ﺋﯩﮕﯩﻠﯩﻚ ﺷﻪﻛﻠﻰ. ﺋﯘ ﻗﯧﻠﯩﻦ ﺗﺎﻍ- ﺋﻮﺭﻣﺎﻧﻼﺭﺩﺍ ﻳﺎﯞﺍﻳﻰ ﮪﺎﻳﯟﺍﻧﻼﺭﻧﻰ ﺋﻮﯞﻻﺷﺘﯩﻦ ﺗﺎﺷﻘﯩﺮﻯ، ﺩﻩﺭﻳﺎ- ﻛﯚﻟﻠﻪﺭﺩﯨﻦ ﺑﯧﻠﯩﻖ، ﺋﯘﭼﺎﺭ ﻗﺎﻧﺎﺗﻼﺭﻧﻰ ﺋﻮﯞﻻﺷﻨﯩﻤﯘ ﺋﯚﺯ ﺋﯩﭽﯩﮕﻪ ﺋﺎﻟﯩﺪﯗ. ﻳﯘﻗﯩﺮﯨﻘﻰ ﺗﯚﺗﻠﯩﻜﻠﻪﺭ ﺋﻮﯞﭼﯩﻠﯩﻖ ﺟﻪﺭﻳﺎﻧﯩﻨﯩﯔ ﺋﯩﺨﭽﺎﻡ ﻛﯚﺭﯛﻧﯜﺷﻰ ﺑﻮﻟﯘﭖ, ﺋﯘﻧﯩﯔ ﻧﺎﺧﺸﺎ ﺷﻪﻛﻠﯩﺪﻩ ﺋﻮﻗﯘﻟﯩﺪﯨﻐﺎﻧﻠﯩﻘﻰ ﺋﯚﺯ- ﺋﯚﺯﯨﺪﯨﻦ ﻣﻪﻟﯘﻡ. <<ﺩﯨﯟﺍﻥ>>ﺩﯨﻜﻰ ﻛﯚﭘﻠﯩﮕﻪﻥ ﺷﯧﺌﯩﺮ- ﻗﻮﺷﺎﻗﻼﺭ ﺗﻮﻻﺭﺍﻕ ﺋﺎﮪﺎﯕﻠﯩﻖ ﻧﺎﺧﺸﺎ- ﻗﻮﺷﺎﻗﻼﺭ (ﺋﯚﻟﻪﯕﻠﻪﺭ) ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ.

11-ﺋﻪﺳﯩﺮﻟﻪﺭﺩﯨﻜﻰ ﻗﺎﺭﺍﺧﺎﻧﯩﻴﻼﺭ ﺧﺎﻧﯩﺪﺍﻧﻠﯩﻘﻰ ﺋﯩﻘﺘﯩﺴﺎﺩﻯ ﮔﯜﻟﻠﻪﻧﮕﻪﻥ, ﮪﻪﺭﺑﯩﻲ ﻛﯜﭼﻰ ﻗﯘﺩﺭﻩﺗﻠﯩﻚ ﮪﺎﻛﯩﻤﯩﻴﻪﺕ ﺑﻮﻟﯘﭘﻼ ﻗﺎﻟﻤﺎﺳﺘﯩﻦ، ﺑﻪﻟﻜﻰ ﺋﯩﺠﺘﯩﻤﺎﺋﯩﻲ، ﻣﻪﺩﻩﻧﯩﻲ ﮪﺎﻳﺎﺕ ﺟﻪﮪﻪﺗﺘﯩﻤﯘ ﻧﺎﮪﺎﻳﯩﺘﻰ ﺭﻭﻧﺎﻕ ﺗﺎﭘﻘﺎﻧﯩﺪﻯ. ﻗﻪﺷﻘﻪﺭﻧﻰ ﻣﻪﺭﻛﻪﺯ ﻗﯩﻠﻐﺎﻥ ﻗﺎﺭﺍﺧﺎﻧﯩﻴﻼﺭ ﺗﯧﺮﺭﯨﺘﻮﺭﯨﻴﻪﺳﯩﺪﻩ ﻣﻪﺩﺩﺍﮪﻠﯩﻖ، ﻏﻪﺯﻩﻟﺨﺎﻧﻠﯩﻖ ﺗﯧﺨﯩﻤﯘ ﺋﻪﯞﺝ ﺋﺎﻟﻐﺎﻥ ﺑﻮﻟﯘﭖ، ﺋﯘﻧﻰ ﺳﻪﻧﺌﻪﺗﺘﻪ ﯞﺍﻳﯩﻐﺎ ﻳﻪﺗﻜﻪﻥ ﺩﻩﯞﺭ ﺩﯦﻴﯩﺸﻜﻪ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ.

ﻣﻪﺩﺩﺍﮪﻠﯩﻖ-ﻏﻪﺯﻩﻟﺨﺎﻧﻠﯩﻖ − ﻧﻪﺯﻣﯩﻲ ﺗﯩﻞ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻧﻪﺳﺮﯨﻲ ﺗﯩﻞ ﺋﺎﺭﯨﻼﺷﺘﯘﺭﯗﻟﯘﭖ ﻗﻮﻟﻠﯩﻨﯩﻠﯩﺪﯨﻐﺎﻥ، ﻣﻪﺩﺩﺍﮪﻠﯩﻖ (ﮪﯧﻜﺎﻳﻪ، ﺟﻪﯕﻨﺎﻣﻪ، ﻗﯩﺴﺴﻪ ﺳﯚﺯﻟﻪﺵ) ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻏﻪﺯﻩﻟﺨﺎﻧﻠﯩﻖ (ﻧﺎﺧﺸﺎ ﺋﯧﻴﺘﯩﺶ) ﺑﯩﺮﻟﻪﺷﺘﯜﺭﯛﻟﮕﻪﻥ ﺑﯩﺮ ﺧﯩﻞ ﺋﻪﺩﻩﺑﯩﻴﺎﺕ-ﺳﻪﻧﺌﻪﺕ ﭘﺎﺋﺎﻟﯩﻴﯩﺘﻰ. ﺧﻪﻟﻖ ﺋﺎﺭﯨﺴﯩﺪﯨﻜﻰ ﺩﺍﺳﺘﺎﻧﭽﯩﻠﯩﻖ ﺋﺎﺩﯨﺘﻰ ﺩﻩﻝ ﻣﯘﺷﯘﻧﺪﺍﻕ ﺧﺎﺭﺍﻛﺘﯧﺮﮔﻪ ﺋﯩﮕﻪ.

ﻗﻮﺷﺎﻗﭽﯩﻠﯩﻖ ﺋﯩﺠﺎﺩﯨﻴﯩﺘﯩﻨﯩﯔ ﺗﻪﺭﻩﻗﻘﯩﻴﺎﺗﻰ ﺧﻪﻟﻖ ﺩﺍﺳﺘﺎﻧﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﻣﻪﻳﺪﺍﻧﻐﺎ ﻛﻪﻟﺘﯜﺭﯛﭖ، ﻗﯩﺴﻘﺎ ﮪﻪﺟﯩﻤﻠﯩﻚ ﻗﻮﺷﺎﻗﻼﺭ ﻛﯩﺸﯩﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ﻗﯩﺴﻘﺎ ﯞﺍﻗﯩﺖ ﺋﯩﭽﯩﺪﯨﻜﻰ ﮪﯧﺲ-ﺗﯘﻳﻐﯘﺳﯩﻨﻰ ﺋﯩﭙﺎﺩﻩ ﻗﯩﻠﺴﺎ، ﺧﻪﻟﻖ ﺩﺍﺳﺘﺎﻧﻠﯩﺮﻯ ﺋﯘﻧﻰ ﺳﻴﯘﮊﯨﺘﻠﯩﻖ ﮪﯧﻜﺎﻳﯩﻠﻪﺭﻧﻰ ﻗﻮﺷﺎﻗﻘﺎ ﻗﯧﺘﯩﭗ ﻛﯜﻳﻠﻪﺵ ﺋﺎﺭﻗﯩﻠﯩﻖ ﺋﯩﭙﺎﺩﻩ ﻗﯩﻠﯩﺪﯗ. ﺋﯘ ﺋﻪﻛﺲ ﺋﻪﺗﺘﯜﺭﮔﻪﻥ ﺗﯘﺭﻣﯘﺵ ﻣﻪﺯﻣﯘﻧﯩﻤﯘ ﻗﯩﺴﻘﺎ ﮪﻪﺟﯩﻤﻠﯩﻚ ﻗﻮﺷﺎﻗﻼﺭﻏﺎ ﻗﺎﺭﯨﻐﺎﻧﺪﺍ ﻛﻪﯓ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ. ﺋﻪﯓ ﺩﻩﺳﻠﻪﭘﻜﻰ ﻳﺎﺭﺍﻟﻤﯩﺶ ﻗﯩﺴﺴﻪﻟﯩﺮﻯ ﯞﻩ ﮪﻪﺭ ﺧﯩﻞ ﺋﻪﭘﺴﺎﻧﯩﯟﻯ ﺩﺍﺳﺘﺎﻧﻼﺭ ﺋﯩﭙﺘﯩﺪﺍﺋﯩﻲ ﺟﻪﻣﺌﯩﻴﻪﺕ ﻛﯩﺸﯩﻠﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﺗﻪﺑﯩﺌﻪﺕ ﮪﻪﻗﻘﯩﺪﯨﻜﻰ ﻛﯚﺯﻗﺎﺭﺍﺷﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﺋﻪﻛﺲ ﺋﻪﺗﺘﯜﺭﯛﭘﻼ ﻗﺎﻟﻤﺎﻱ، ﺑﻪﻟﻜﻰ ﺋﻪﻳﻨﻰ ﺩﻩﯞﺭﺩﯨﻜﻰ ﻣﻪﻟﯘﻡ ﻣﯩﻠﻠﻪﺗﻨﯩﯔ ﻣﻪﺩﻩﻧﯩﻴﻪﺕ ﺗﻪﺭﻩﻗﻘﯩﻴﺎﺕ ﺗﺎﺭﯨﺨﯩﻨﯩﻤﯘ ﺑﺎﻳﺎﻥ ﻗﯩﻠﯩﭗ ﺑﯧﺮﯨﺪﯗ. <<ﺩﯨﯟﺍﻥ>> ﺩﺍ ﺑﯧﺮﯨﻠﮕﻪﻥ <<ﻗﯩﺶ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻳﺎﺯﻧﯩﯔ ﻣﯘﻧﺎﺯﯨﺮﯨﺴﻰ>> ﮪﻪﻗﻘﯩﺪﯨﻜﻰ ﻗﻮﺷﺎﻗﻤﯘ ﻗﯩﺶ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻳﺎﺯﻧﯩﯔ ﺗﯩﻠﻰ ﺋﺎﺭﻗﯩﻠﯩﻖ ﺑﯧﺮﯨﻠﮕﻪﻥ ﺳﻴﯘﮊﯨﺘﻠﯩﻖ ﺷﯧﺌﯩﺮ ﺑﻮﻟﯘﭖ, ﺋﯘﻧﻰ ﺑﯩﺮ ﺗﻪﺭﻩﭘﺘﯩﻦ ﺩﺍﺳﺘﺎﻧﭽﯩﻠﯩﻖ ﯞﻩ ﺑﯧﻴﯩﺖ ﺋﯧﻴﺘﯩﺸﯩﺸﻨﯩﯔ ﺋﻪﻳﻨﻰ ﺩﻩﯞﺭﺩﯨﻜﻰ ﺋﯜﻟﮕﯩﺴﻰ ﺩﯦﻴﯩﺸﻜﻪ ﺑﻮﻟﺴﺎ، ﻳﻪﻧﻪ ﺑﯩﺮ ﺗﻪﺭﻩﭘﺘﯩﻦ ﻣﻪﺳﻪﻟﭽﯩﻠﯩﻜﻨﯩﯔ ﺩﻩﺳﻠﻪﭘﻜﻰ ﺷﻪﻛﻠﻰ ﺩﯦﻴﯩﺸﻜﻪ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ. ﻣﻪﺳﯩﻠﻪﻥ:

ﺳﻪﻧﺪﯨﻦ ﻗﺎﭼﺎﺭ ﺳﯘﻧﺪﯨﻼﭺ

ﻣﻪﻧﺪﻩ ﺗﯩﻨﺎﺭ ﻗﺎﺭﻏﯩﻼﭺ

ﺗﺎﺗﻠﯩﻎ ﺋﯚﺗﻪﺭ ﺳﺎﻧﺪﯗﯞﺍﭺ

ﺋﻪﺭﻛﻪﻙ ﺗﯩﺸﻰ ﺋﯘﭼﺮﺍﺷﯘﺭ

ﻳﻪﺷﻤﯩﺴﻰ:

ﺳﻪﻧﺪﯨﻦ ﻗﺎﭼﺎﺭ ﺳﯜﯕﮕﯜﻟﯜﮔﯜﭺ,

ﻣﻪﻧﺪﻩ ﺗﯩﻨﺎﺭ ﻗﺎﺭﻟﯩﻐﺎﭺ،

ﻧﻪﻏﻤﻪ ﻗﯩﻼﺭ ﺑﯘﻟﺒﯘﻝ (ﻗﯘﺵ)،

ﺋﻪﺭﻛﻪﻙ-ﭼﯩﺸﻰ ﺋﯘﭼﺮﯨﺸﺎﺭ.

(<<ﺩﯨﯟﺍﻥ>> 1-ﺗﻮﻡ 685، 3- ﺗﻮﻡ 246-ﺑﻪﺕ)

3

ﮪﻪﺭ ﺑﯩﺮ ﻣﯩﻠﻠﻪﺗﻨﯩﯔ ﺋﯚﺯﯨﮕﻪ ﺧﺎﺱ ﻛﯚﯕﯜﻝ ﺋﯧﭽﯩﺶ ﭘﺎﺋﺎﻟﯩﻴﻪﺗﻠﯩﺮﻯ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ. ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﻻﺭﻧﯩﯔ ﭘﺎﺋﺎﻟﯩﻴﻪﺗﻠﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﻣﻪﺯﻣﯘﻧﻰ ﻣﻮﻝ، ﺷﻪﻛﻠﻰ ﮪﻪﺭ ﺧﯩﻞ ﺑﻮﻟﯘﭖ، ﺑﻪﺯﻣﻪ-ﻣﻪﺷﺮﻩﭖ، ﺳﻪﻳﻠﻰ-ﺑﺎﺭﺍﯞﻩﺕ ﯞﻩ ﮪﻪﺭ ﺧﯩﻞ ﺋﻮﻳﯘﻧﻼﺭﻧﻰ ﺋﯚﺯ ﺋﯩﭽﯩﮕﻪ ﺋﺎﻟﯩﺪﯗ. ﺑﯘ ﭘﺎﺋﺎﻟﯩﻴﻪﺗﻠﻪﺭ ﺋﯩﭽﯩﺪﻩ ﻣﻪﺷﺮﻩﭖ − ﺗﺎﺭﯨﺨﻰ ﺋﯘﺯﯗﻥ، ﻗﻮﻳﯘﻕ ﻣﯩﻠﻠﯩﻴﻠﯩﻘﻘﺎ، ﻛﻪﯓ ﺋﺎﻣﻤﯩﯟﯨﻠﯩﻘﻘﺎ ﺋﯩﮕﯩﺪﯗﺭ. <<ﺩﯨﯟﺍﻥ>>ﺩﺍ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﻻﺭﻧﯩﯔ ﺋﻪﻧﺌﻪﻧﯩﯟﻯ ﻛﯚﯕﯜﻝ ﺋﯧﭽﯩﺶ ﺷﻪﻛﯩﻠﻠﯩﺮﯨﺪﯨﻦ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﺳﻪﻳﻠﻰ-ﻣﻪﺷﺮﻩﭖ, ﺑﻪﺯﻣﻪ-ﺑﺎﺭﺍﯞﻩﺕ، ﮪﻪﺭ ﺧﯩﻞ ﺋﻮﻳﯘﻥ ﯞﻩ ﺗﯜﻧﻪﻛﻠﻪﺭ ﮪﻪﻗﻘﯩﺪﯨﻤﯘ ﺋﺎﻻﮪﯩﺪﻩ ﻣﻪﻟﯘﻣﺎﺕ ﺑﯧﺮﯨﻠﮕﻪﻥ. ﺑﻪﺯﻣﻪ-ﻣﻪﺷﺮﻩﭖ ﺩﯦﻤﻪﻙ ﺩﻩﻝ ﮪﺎﺯﯨﺮﻗﻰ ﺳﻪﻧﺌﻪﺕ ﻛﯧﭽﯩﻠﯩﻜﻠﯩﺮﯨﻤﯩﺰﻧﯩﯔ ﻗﻪﺩﯨﻤﻜﻰ ﺋﻪﻧﺌﻪﻧﯩﯟﻯ ﺷﻪﻛﻠﻰ، ﺋﯘﻧﯩﯔ ﻣﻪﺯﻣﯘﻧﻰ ﮪﻪﺭ ﺧﯩﻞ ﻗﯩﺰﯨﻘﺎﺭﻟﯩﻖ ﺋﻮﻳﯘﻧﻼﺭ، ﻛﯜﻟﺪﯛﺭﮔﯩﻠﻪﺭ، ﻧﺎﺧﺸﺎ- ﺋﯘﺳﯘﻟﻼﺭ ﯞﻩ ﺑﯧﻴﯩﺖ ﺋﯧﻴﺘﯩﺸﯩﺶ ﻗﺎﺗﺎﺭﻟﯩﻘﻼﺭﻧﻰ ﺋﯚﺯ ﺋﯩﭽﯩﮕﻪ ﺋﺎﻟﯩﺪﯗ. ﺑﯘ ﺧﯩﻞ ﻛﯚﯕﯜﻝ ﺋﯧﭽﯩﺶ ﺋﻮﻳﯘﻧﻠﯩﺮﻯ ﺑﻪﺯﯨﺪﻩ ﻣﻪﺷﺮﻩﭘﻠﻪﺭﺩﯨﻼ ﺋﻮﻳﻨﯩﻠﯩﭗ ﻗﺎﻟﻤﺎﺳﺘﯩﻦ، ﺑﻪﻟﻜﻰ ﺗﻮﻱ-ﺗﯚﻛﯜﻥ، ﮪﯧﻴﺖ-ﺑﺎﻳﺮﺍﻡ ﻣﯘﺭﺍﺳﯩﻤﻠﯩﺮﯨﺪﯨﻤﯘ ﺩﺍﯞﺍﻣﻠﯩﻖ ﺋﻮﻳﻨﯩﻠﯩﺪﯗ. ﻣﻪﺳﯩﻠﻪﻥ، <<ﺩﯨﯟﺍﻥ>>ﺩﺍ ﺑﻪﺯﻣﻪ-ﻣﻪﺷﺮﻩﭖ, ﺑﺎﻳﺮﺍﻡ-ﻣﯘﺭﺍﺳﯩﻢ ﺳﻮﺭﯗﻧﻠﯩﺮﯨﻐﺎ ﻣﯘﻧﺎﺳﯩﯟﻩﺗﻠﯩﻚ ﻣﯘﻧﺪﺍﻕ ﺋﺎﺗﺎﻟﻐﯘﻻﺭ ﺑﯧﺮﯨﻠﮕﻪﻥ:

ﺑﻪﻳﺮﻩﻡ ~ ﺑﻪﺯﺭﻩﻡ ﺑﺎﻳﺮﺍﻡ- ﺧﯘﺷﺎﻟﻠﯩﻖ ﻛﯜﻧﯩﺪﯗﺭ (3- ﺗﻮﻡ 242- ﺑﻪﺕ).

ﻛﻪﻧﭽﻠﯩﻴﯜ ﺑﺎﻳﺮﺍﻣﻼﺭﺩﺍ ﻳﺎﻛﻰ ﺧﺎﻧﻼﺭﻧﯩﯔ ﺯﯨﻴﺎﭘﻪﺗﻠﯩﺮﯨﺪﻩ ﺑﯘﻻﯓ- ﺗﺎﻻﯓ ﻗﯩﻠﯩﺶ ﺋﯜﭼﯜﻥ، ﺋﻮﺗﺘﯘﺯ ﮔﻪﺯ ﺋﯧﮕﯩﺰﻟﯩﻜﺘﻪ ﻣﯘﻧﺎﺭ ﺷﻪﻛﻠﯩﺪﻩ ﺭﺍﺳﻼﻧﻐﺎﻥ ﺩﻩﺳﺘﯘﺭﺧﺎﻥ (3- ﺗﻮﻡ 594- ﺑﻪﺕ).

ﻛﻪﺳﺘﻪﻡ ﻛﯧﭽﯩﺴﻰ ﺋﯚﺯﻯ ﻛﯧﻠﯩﭗ ﻗﺎﻟﻐﺎﻥ ﻣﯧﮭﻤﺎﻧﻼﺭﻏﺎ ﺑﯧﺮﯨﻠﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﺯﯨﻴﺎﭘﻪﺕ (1- ﺗﻮﻡ 632- ﺑﻪﺕ).

ﻣﯘﻧﺪﯗﺭﻯ ﻛﯜﻳﺌﻮﻏﯘﻝ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻛﯧﻠﯩﻨﻨﯩﯔ ﺑﺎﺷﻠﯩﺮﯨﺪﯨﻦ ﭼﺎﭼﻘﯘ ﭼﯧﭽﯩﻠﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﻛﯩﭽﯩﻚ ﺑﻪﺯﻣﻪ (1- 641- ﺑﻪﺕ).

ﺳﯘﻏﺪﯨﭻ ﻗﺎﺗﺎﺭ ﺑﻪﺯﻣﻪ. ﻗﯩﺶ ﻛﯜﻧﻠﯩﺮﻯ ﺩﻭﺳﺘﻼﺭ ﺋﺎﺭﺍ ﻧﯚﯞﻩﺕ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺑﻮﻟﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﻣﻪﺷﺮﻩﭖ (1- ﺗﻮﻡ 593- ﺑﻪﺕ).

ﺋﯘﯞﯗﺕ ﺯﯨﻴﺎﭘﻪﺗﻜﻪ ﻳﺎﻛﻰ ﺑﻪﮒ ﮪﻮﺯﯗﺭﯨﻐﺎ ﭼﺎﻗﯩﺮﯨﺶ (1- ﺗﻮﻡ 71- ﺑﻪﺕ).

ﭘﯩﭽﯩﺶ ﻳﯩﺮﺗﯩﺶ. ﭼﻮﯕﻼﺭﻧﯩﯔ ﺯﯨﻴﺎﭘﯩﺘﯩﮕﻪ ﻳﺎﻛﻰ ﺑﯚﺷﯜﻙ ﺗﻮﻳﻐﺎ ﻛﻪﻟﮕﻪﻧﻠﻪﺭﮔﻪ ﺗﺎﺭﺗﯘﻕ ﻗﯩﻠﯩﺶ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﻳﯩﺮﺗﯩﻠﻐﺎﻥ ﻳﯩﭙﻪﻙ ﺭﻩﺧﺖ (1- ﺗﻮﻡ 475- ﺑﻪﺕ).

ﺑﯘ ﻣﻪﻟﯘﻣﺎﺗﻼﺭﺩﯨﻦ ﻣﻪﺷﺮﻩﭖ-ﺑﻪﺯﻣﯩﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ﺋﻮﺗﺘﯘﺭﺍ ﺋﻪﺳﯩﺮﺩﯨﻦ ﺑﯘﺭﯗﻧﻘﻰ ﺩﻩﯞﺭﻟﻪﺭﺩﯨﻼ ﺋﺎﻣﻤﯩﯟﻯ ﻛﯚﯕﯜﻝ ﺋﯧﭽﯩﺶ ﺋﺎﺩﯨﺘﻰ ﺷﻪﻛﻠﯩﺪﻩ ﺋﻮﻣﯘﻣﻼﺷﻘﺎﻧﻠﯩﻘﯩﻨﻰ ﺑﯩﻠﯩﯟﺍﻻﻻﻳﻤﯩﺰ. ﮔﻪﺭﭼﻪ ﺑﯘ ﺳﯚﺯﻟﻪﻣﻠﻪﺭ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺑﻪﺯﻣﻪ-ﻣﻪﺷﺮﻩﭘﻠﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﭘﻪﻗﻪﺕ ﻧﺎﮪﺎﻳﯩﺘﻰ ﺋﺎﺯ ﺑﯩﺮ ﻗﯩﺴﻤﯩﻨﯩﻼ ﻛﯚﺭﺳﯩﺘﯩﭗ ﺑﻪﺭﺳﯩﻤﯘ, ﻟﯧﻜﯩﻦ ﺗﺎﻣﭽﻪ ﺳﯘﺩﯨﻤﯘ ﻗﯘﻳﺎﺷﻨﯩﯔ ﺋﻪﻛﺴﯩﻨﻰ ﻛﯚﺭﮔﯩﻠﻰ ﺑﻮﻟﻐﺎﻧﺪﻩﻙ، ﺑﯘ ﻣﻪﻟﯘﻣﺎﺗﻼﺭﺩﯨﻨﻤﯘ ﺋﻪﻳﻨﻰ ﺩﻩﯞﺭﺩﯨﻜﻰ ﺋﻪﺟﺪﺍﺩﻟﯩﺮﯨﻤﯩﺰﻧﯩﯔ ﮪﻪﺭ ﺧﯩﻞ ﻛﯚﻟﻪﻡ ﯞﻩ ﻣﻪﺯﻣﯘﻧﺪﯨﻜﻰ ﺗﻮﻱ-ﺗﯚﻛﯜﻥ، ﺑﻪﺯﻣﻪ-ﻣﻪﺷﺮﻩﭘﻠﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﻧﺎﻣﺎﻳﻪﻧﺪﯨﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﻛﯚﺭﯛﯞﺍﻟﻐﯩﻠﻰ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ.

ﺋﺎﯞﺍﻡ ﺧﻪﻟﻘﻘﻪ ﺋﺎﻳﺎﻥ ﺑﻮﻟﻐﯩﻨﯩﺪﻩﻙ، ﺑﻪﺯﻣﻪ-ﻣﻪﺷﺮﻩﭖ، ﺗﻮﻱ-ﺗﯚﻛﯜﻥ ﻗﺎﺗﺎﺭﻟﯩﻖ ﺷﺎﺩﻟﯩﻖ ﻣﻪﺭﯨﻜﯩﻠﯩﺮﻯ ﺟﯩﻤﺠﯩﺖ، ﺳﯜﻛﯜﺕ ﺋﯩﭽﯩﺪﻩ ﺋﯚﺗﻜﯜﺯﯛﻟﻤﻪﻳﺪﯗ، ﺑﻪﻟﻜﻰ ﺋﻮﻳﯘﻥ-ﺗﺎﻣﺎﺷﺎ، ﮪﻪﺯﯨﻞ-ﭼﺎﻗﭽﺎﻕ، ﻧﺎﺧﺸﺎ-ﺋﯘﺳﺴﯘﻝ، ﻣﯘﺯﯨﻜﺎ-ﻣﯘﻗﺎﻣﻼﺭ ﺋﺎﺭﻗﯩﻠﯩﻖ ﺋﯘﻧﯩﯔ ﺟﻪﻟﭙﻜﺎﺭﻟﯩﻘﻰ ﺗﯧﺨﯩﻤﯘ ﺋﯧﺸﯩﭗ، ﻗﯩﺰﻏﯩﻨﻠﯩﻖ ﺩﻩﺭﯨﺠﯩﺴﻰ ﻳﯘﻗﯩﺮﻯ ﭘﻪﻟﻠﯩﮕﻪ ﻛﯚﺗﯜﺭﯛﻟﯩﺪﯗ. ﮪﻪﺭﯨﻜﻪﺕ ﺳﻪﻧﺌﯩﺘﻰ ﻳﺎﻛﻰ ﮪﻪﺭﯨﻜﻪﺕ ﺗﯩﻠﻰ ﺩﻩﭖ ﺋﺎﺗﯩﻠﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﺋﯘﺳﺴﯘﻝ ﯞﻩ ﺋﺎﯞﺍﺯ ﺳﻪﻧﺌﯩﺘﻰ ﻳﺎﻛﻰ ﻣﯘﺯﯨﻜﯩﻠﯩﻖ ﺗﯩﻞ ﺩﻩﭖ ﺋﺎﺗﯩﻠﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﻣﯘﺯﯨﻜﺎ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺳﻪﻧﺌﯩﺘﻰ ﺑﻮﻳﯩﭽﻪ ﺋﻪﯓ ﺗﻪﺭﻩﻗﻘﯩﻲ ﻗﯩﻠﻐﺎﻥ, ﺋﻪﯓ ﻛﻪﯓ ﺋﻮﻣﯘﻣﻼﺷﻘﺎﻥ ﺳﻪﻧﺌﻪﺕ ﮊﺍﻧﯩﺮﯨﺪﯗﺭ. ﺷﯘ ﺳﻪﯞﻩﺑﺘﯩﻦ <<ﺩﯨﯟﺍﻥ>> ﺩﺍ ﻳﻪﻧﻪ ﻧﺎﺧﺸﺎ-ﺋﯘﺳﺴﯘﻝ, ﮪﻪﺯﯨﻞ-ﭼﺎﻗﭽﺎﻕ، ﺋﻮﻳﯘﻥ-ﺗﺎﻣﺎﺷﯩﻐﺎ ﻣﯘﻧﺎﺳﯩﯟﻩﺗﻠﯩﻚ ﻣﯘﻧﺪﺍﻕ ﻣﻪﻟﯘﻣﺎﺗﻼﺭﻣﯘ ﺑﯧﺮﯨﻠﮕﻪﻥ:

ﺑﯘﺩﯨﻚ ~ ﺑﯘﺯﯨﻚ ﺋﯘﺳﺴﯘﻝ، ﺋﻮﻳﻨﺎﻳﺪﯨﻐﺎﻥ ﺋﯘﺳﺴﯘﻝ (1- ﺗﻮﻡ 537- ﺑﻪﺕ).

ﻗﻮﺷﯘﻍ ﻗﻮﺷﺎﻕ، ﺷﯧﺌﯩﺮ، ﻗﻪﺳﯩﺪﻩ (1-ﺗﻮﻡ 487-ﺑﻪﺕ).

ﻳﯩﺮﺍﻏﯘ ﭼﺎﻟﻐﯘﭼﻰ، ﺳﺎﺯﻩﻧﺪﻩ؛ ﻧﺎﺧﺸﯩﭽﻰ (3-ﺗﻮﻡ 46-ﺑﻪﺕ).

ﻳﯩﺮﻻﺩﻯ ﺋﯩﺮﻟﯩﺪﻯ ~ ﺟﯩﺮﻟﯩﺪﻯ، ﻧﺎﺧﺸﺎ ﺋﯧﻴﺘﺘﻰ (3-ﺗﻮﻡ 422-ﺑﻪﺕ).

ﺋﯚﺗﻜﯜﻧﭻ ﮪﯧﻜﺎﻳﻪ، ﺋﯚﺗﻜﻪﻥ-ﻛﻪﭼﻜﻪﻥ ﺋﯩﺸﻼﺭ (1-ﺗﻮﻡ 218-ﺑﻪﺕ).

ﻛﯚﭼﯜﺭﻣﻪ ﺋﻮﻳﯘﻥ <<ﺋﻮﻥ ﺗﯚﺕ>> ﺩﻩﭖ ﺋﺎﺗﯩﻠﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﺑﯩﺮ ﺧﯩﻞ ﺋﻮﻳﯘﻥ (1-ﺗﻮﻡ 638-ﺑﻪﺕ).

ﻛﯚﺯﯛﻧﭻ ﺗﺎﻣﺎﺷﯩﺒﯩﻦ. ﺑﯩﺮ ﻧﻪﺭﺳﯩﻨﻰ ﻛﯚﺭﯛﯞﺍﺗﻘﺎﻥ ﺋﺎﺩﻩﻣﻠﻪﺭ (3-ﺗﻮﻡ 509-ﺑﻪﺕ).

ﻛﯜﻟﯜﺕ ﻛﯜﻟﻜﻪ، ﺧﻪﻟﻖ ﺋﺎﺭﯨﺴﯩﺪﺍ ﻛﯜﻟﻜﻪ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﻧﻪﺭﺳﻪ (1-ﺗﻮﻡ 463-ﺑﻪﺕ).

ﺑﯘ ﻣﻪﻟﯘﻣﺎﺗﻼﺭﺩﯨﻦ ﺑﯩﺰ ﺑﻪﺯﻣﻪ-ﻣﻪﺷﺮﻩﭘﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ﮔﯜﻟﺘﺎﺟﯩﺴﻰ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﻧﺎﺧﺸﺎ-ﻗﻮﺷﺎﻕ, ﮪﻪﺯﯨﻞ-ﻗﯩﺰﯨﻘﭽﯩﻠﯩﻖ، ﺋﯘﺳﺴﯘﻝ ﻗﺎﺗﺎﺭﻟﯩﻘﻼﺭﻧﯩﯔ ﻧﺎﮪﺎﻳﯩﺘﻰ ﻣﯘﮪﯩﻢ ﺋﻮﺭﯗﻧﺪﺍ ﺗﯘﺭﻏﺎﻧﻠﯩﻘﯩﻨﻰ ﻛﯚﺭﯛﯞﺍﻻﻻﻳﻤﯩﺰ.

4

ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﻣﯘﺯﯨﻜﺎ ﺳﻪﻧﺌﯩﺘﯩﻨﯩﯔ ﻣﻮﻟﻠﯘﻗﻰ, ﻛﯚﭖ ﺧﯩﻠﻠﯩﻘﯩﻐﺎ ﻣﯘﻧﺎﺳﯩﭗ، ﺋﯘﻧﯩﯖﻐﺎ ﺗﯩﻞ، ﺟﺎﻥ ﻛﯩﺮﮔﯜﺯﯨﺪﯨﻐﺎﻥ ﭼﺎﻟﻐﯘﻟﯩﺮﯨﻤﯩﺰﻣﯘ ﮪﻪﺭ ﺧﯩﻞ. ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺧﻪﻟﻘﻰ ﺋﯘﺯﺍﻗﺘﯩﻦ ﺑﯘﻳﺎﻥ ﻣﯘﺯﯨﻜﺎ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﮪﻪﭘﯩﻠﯩﺸﯩﭗ ﻛﻪﻟﮕﻪﻥ، ﮪﻪﺗﺘﺎ ﻳﯧﺰﯨﻼﺭﺩﺍ ﺩﯦﮭﻘﺎﻧﻼﺭ ﮔﯧﺰﻯ ﻛﻪﻟﺴﻪ ﭼﺎﻟﻐﯘ ﺋﻪﺳﯟﺍﺑﻠﯩﺮﻯ ﻳﻮﻕ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﺷﺎﺭﺍﺋﯩﺘﺘﺎ ﻟﯧﮕﻪﻥ، ﭘﻪﺗﻨﯘﺱ، ﺩﺍﺱ ﻗﺎﺗﺎﺭﻟﯩﻘﻼﺭﻧﻰ ﺳﺎﺯ ﺋﻮﺭﻧﯩﺪﺍ ﭼﯧﻠﯩﭙﻤﯘ ﻛﯚﯕﯜﻝ ﺋﺎﭼﻘﺎﻥ. ﻗﻪﺩﯨﻤﺪﯨﻦ ﮪﺎﺯﯨﺮﻏﯩﭽﻪ ﺗﺎﺵ، ﻗﻮﺷﯘﻕ ﻗﺎﺗﺎﺭﻟﯩﻘﻼﺭﻧﻰ ﺑﯩﺮ- ﺑﯩﺮﯨﮕﻪ ﺋﯘﺭﯗﺵ ﯞﻩ ﺑﻪﺩﻩﻧﮕﻪ ﺗﻪﮔﻜﯜﺯﯛﺵ ﺋﺎﺭﻗﯩﻠﯩﻖ ﮪﻪﺭ ﺧﯩﻞ ﺋﺎﯞﺍﺯﻻﺭﻧﻰ ﭼﯩﻘﯩﺮﯨﭗ، ﺑﻪﻟﮕﯩﻠﯩﻚ ﻣﯘﺯﯨﻜﺎ ﺭﯦﺘﯩﻤﯩﻨﻰ ﯞﻩ ﮪﯧﺲ- ﺗﯘﻳﻐﯘﺳﯩﻨﻰ ﺋﯩﭙﺎﺩﯨﻠﻪﭖ ﻛﻪﻟﮕﻪﻥ ﺋﻪﮪﯟﺍﻟﻼﺭﻣﯘ ﺑﺎﺭ. ﺩﯦﻤﻪﻙ، ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﻻﺭ ﻣﯘﺯﯨﻜﺎ ﭼﯧﻠﯩﺸﻘﺎ ﻣﺎﮪﯩﺮ ﺑﻮﻟﯘﭘﻼ ﻗﺎﻟﻤﺎﺳﺘﯩﻦ, ﻳﻪﻧﻪ ﺑﻪﺯﻯ ﭼﺎﻟﻐﯘ ﺋﻪﺳﯟﺍﺑﻼﺭﻧﻰ ﺋﯚﺯﻟﯩﺮﻯ ﻳﺎﺳﺎﭖ ﯞﻩ ﺋﯩﺠﺎﺩ ﻗﯩﻠﯩﭗ, ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﻣﯘﺯﯨﻜﯩﺴﯩﻨﻰ ﺗﯩﻠﻐﺎ ﻛﯩﺮﮔﯜﺯﯛﺵ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﺋﯚﭼﻤﻪﺱ ﺗﯚﮪﭙﯩﻠﻪﺭﻧﻰ ﻗﻮﺷﻘﺎﻥ. <<ﺩﯨﯟﺍﻥ>>ﺩﺍ ﭼﺎﻟﻐﯘ ﺋﻪﺳﯟﺍﺑﻠﯩﺮﯨﻐﺎ ﺋﺎﺋﯩﺖ ﺗﯚﯞﻩﻧﺪﯨﻜﯩﺪﻩﻙ ﺳﯚﺯﻟﻪﻣﻠﻪﺭ ﺋﯘﭼﺮﺍﻳﺪﯗ:

ﺑﯘﭼﻰ ﺋﺎﯞﺍﺯﻯ ﻣﯘﯕﻠﯘﻕ ﺑﯩﺮ ﺧﯩﻞ ﺋﯘﺩ (3- ﺗﻮﻡ 302- ﺑﻪﺕ).

ﺑﯘﺭﻏﯘﻱ ﺑﯘﺭﻏﺎ. ﭘﯜﯞﻟﻪﭖ ﭼﯧﻠﯩﻨﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﺑﯘﺭﻏﺎ (3- ﺗﻮﻡ 331- ﺑﻪﺕ).

ﺋﯩﮕﻪﻣﻪ ~ ﺋﯩﻜﻪﻣﻪ ﺋﯘﺩ ﺗﯩﭙﯩﻐﺎ ﻛﯩﺮﯨﺪﯨﻐﺎﻥ ﺑﯩﺮ ﺧﯩﻞ ﭼﺎﻟﻐﯘ ﺋﻪﺳﯟﺍﺑﻰ (3- ﺗﻮﻡ 240 ﺑﻪﺕ).

ﻛﯜﯞﺭﯛﻙ ﻧﺎﻏﺮﺍ، ﺩﯗﻣﺒﺎﻕ (1- ﺗﻮﻡ 625- ﺑﻪﺕ).

ﻗﻮﺑﯘﺯ ~ ﻗﯘﺑﯘﺯ ﺋﯘﺩ (ﺑﺎﺭﺑﯩﺖ)ﻗﺎ ﺋﻮﺧﺸﺎﻳﺪﯨﻐﺎﻥ ﺗﺎﺭﻟﯩﻖ ﭼﺎﻟﻐﯘ ﺋﻪﺳﯟﺍﺑﻰ (1- ﺗﻮﻡ 473- ﺑﻪﺕ).

ﭼﺎﯓ ﭼﺎﯓ. ﭼﺎﻟﻐﯘ ﺋﻪﺳﯟﺍﺑﻰ (3- ﺗﻮﻡ 487- ﺑﻪﺕ).

ﺳﯩﺒﯩﺰﻏﯘ ﺳﯩﺒﯩﺰﻏﺎ، ﻧﻪﻱ (1- ﺗﻮﻡ 636- ﺑﻪﺕ).

ﺗﻮﯞﯨﻞ ﺗﯧﺒﯩﻠﺠﺎﯓ (ﺗﯧﺒﯩﻠﯟﺍﺯ)، ﻛﯩﭽﯩﻚ ﺩﯗﻣﺒﺎﻕ. ﺋﻮﯞﺩﺍ ﻻﭼﯩﻦ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﭼﯧﻠﯩﻨﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﺩﯗﻣﺒﺎﻕ (3- ﺗﻮﻡ 226- ﺑﻪﺕ).

ﺗﯘﻍ ﺩﯗﻣﺒﺎﻕ. ﺧﺎﻧﻨﯩﯔ ﮪﻮﺯﯗﺭﯨﺪﺍ ﭼﯧﻠﯩﻨﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﺩﯗﻣﺒﺎﻕ (3- ﺗﻮﻡ 175- ﺑﻪﺕ)

ﺗﯜﻣﺮﯛﻙ ﺩﺍﭖ (1- ﺗﻮﻡ 624- ﺑﻪﺕ).

ﻣﺎﻧﺎ ﺑﯘ ﻣﻪﻟﯘﻣﺎﺗﻼﺭﺩﯨﻦ ﺑﯩﺰ ﺋﻪﻳﻨﻰ ﺩﻩﯞﺭﺩﯨﻜﻰ ﺑﯩﺮ ﻗﯩﺴﯩﻢ ﭼﺎﻟﻐﯘ ﺋﻪﺳﯟﺍﺑﻼﺭﻧﯩﯔ ﺋﯩﻨﺪﯦﻜﺴﯩﻐﺎ ﺋﯧﺮﯨﺸﯩﻤﯩﺰ. ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﻻﺭﻧﯩﯔ ﮪﺎﺯﯨﺮﻗﻰ ﻣﯘﺯﯨﻜﺎ ﺳﻪﻧﺌﯩﺘﯩﺪﻩ ﻛﻪﻡ ﺑﻮﻟﺴﺎ ﺑﻮﻟﻤﺎﻳﺪﯨﻐﺎﻥ ﺑﻪﺯﻯ ﭼﺎﻟﻐﯘﻻﺭ، ﻳﻪﻧﻰ ﻧﺎﻏﺮﺍ، ﺩﺍﭖ، ﻧﻪﻱ، ﭼﺎﯓ، ﺋﯘﺩ (ﺑﯘ ﭼﺎﻟﻐﯘ ﺋﻪﺳﯟﺍﺑﻰ ﻳﻪﻧﻪ ﺑﺎﺭﺑﯩﺖ، ﺑﻪﺭﺑﺎﺏ، ﭘﯩﭙﺎ ﺩﻩﭘﻤﯘ ﺋﺎﺗﺎﻟﻐﺎﻥ. ﺗﯧﺨﻰ ﻳﯧﻘﯩﻨﺪﯨﻼ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﻣﯘﺯﯨﻜﺎ ﺳﻮﺭﯗﻧﯩﻐﺎ ﻗﺎﻳﺘﯩﺪﯨﻦ ﻳﯧﻨﯩﭗ ﻛﻪﻟﺪﻯ) ﻗﺎﺗﺎﺭﻟﯩﻘﻼﺭ ﺋﻮﺗﺘﯘﺭﺍ ﺋﻪﺳﯩﺮﺩﯨﻦ ﺋﯩﻠﮕﯩﺮﯨﻼ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﻻﺭ ﺟﻪﻣﺌﯩﻴﯩﺘﯩﺪﻩ ﻛﻪﯓ ﺋﻮﻣﯘﻣﻼﺷﻘﺎﻥ ﮪﻪﻡ ﻣﯘﮪﯩﻢ ﺋﻮﺭﯗﻧﺪﺍ ﺗﯘﺭﻏﺎﻥ. ﻗﻮﺑﯘﺯ، ﺑﯘﺭﻏﺎ ﻗﺎﺗﺎﺭﻟﯩﻖ ﺑﻪﺯﻯ ﭼﺎﻟﻐﯘﻻﺭ ﮔﻪﺭﭼﻪ ﺋﻪﻳﻨﻰ ﺩﻩﯞﺭﺩﻩ ﻣﯘﮪﯩﻢ ﺋﻮﺭﯗﻧﺪﺍ ﺗﯘﺭﺳﯩﻤﯘ، ﻟﯧﻜﯩﻦ ﮪﺎﺯﯨﺮ ﺋﯘﻧﺘﯘﻟﻐﺎﻥ ﻳﺎﻛﻰ ﺑﺎﺷﻘﺎ ﻗﯧﺮﯨﻨﺪﺍﺵ ﻣﯩﻠﻠﻪﺗﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ﺳﺎﺯ ﺗﯜﺭﻛﯜﻣﻠﯩﺮﯨﮕﻪ ﻗﻮﺷﯘﻟﯘﭖ ﻛﻪﺗﻜﻪﻥ. ﺋﻪﻧﻪ ﺷﯘ ﻗﻪﺩﯨﻤﻜﻰ ﭼﺎﻟﻐﯘ ﺋﻪﺳﯟﺍﺑﻠﯩﺮﻯ ﺋﺎﺳﺎﺳﯩﺪﺍ ﮪﺎﺯﯨﺮ ﺩﯗﺗﺎﺭ، ﺳﺎﺗﺎﺭ، ﺭﺍﯞﺍﺏ ﻗﺎﺗﺎﺭﻟﯩﻖ ﻧﯘﺭﻏﯘﻧﻠﯩﻐﺎﻥ ﺳﺎﺯ- ﭼﺎﻟﻐﯘﻻﺭ ﻣﻪﻳﺪﺍﻧﻐﺎ ﻛﻪﻟﺪﻯ. ﺗﻪﻣﺒﯜﺭ، ﺑﺎﻟﯩﻤﺎﻥ، ﺗﺎﺵ، ﺳﺎﭘﺎﻳﻪ، ﻗﺎﻟﯘﻥ ﻗﺎﺗﺎﺭﻟﯩﻖ ﭼﺎﻟﻐﯘﻻﺭ ﮔﻪﺭﭼﻪ ﺑﯘﺭﯗﻧﻼ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺟﻪﻣﺌﯩﻴﯩﺘﯩﺪﻩ ﺋﺎﭘﯩﺮﯨﺪﻩ ﻗﯩﻠﯩﻨﻐﺎﻥ ﺑﻮﻟﺴﯩﻤﯘ، ﻟﯧﻜﯩﻦ <<ﺩﯨﯟﺍﻥ>>ﺩﯨﻦ ﺋﯘﻻﺭ ﺗﻮﻏﺮﯨﻠﯩﻖ ﻣﻪﻟﯘﻣﺎﺗﻘﺎ ﺋﯧﺮﯨﺸﻪﻟﻤﻪﻳﻤﯩﺰ. ﺑﻪﻟﻜﯩﻢ ﺋﺎﭘﺘﻮﺭ <<ﺩﯨﯟﺍﻥ>> ﺳﻪﮪﯩﭙﯩﺴﯩﻨﻰ ﻧﻪﺯﻩﺭﺩﻩ ﺗﯘﺗﯘﭖ، ﺑﯘ ﮪﻪﻗﺘﻪ ﻛﯚﭖ ﺗﻮﺧﺘﺎﻟﻤﯩﻐﺎﻥ ﺑﻮﻟﯘﺷﻰ ﻣﯘﻣﻜﯩﻦ. ﺩﯦﻤﯩﺴﯩﻤﯘ <<ﺩﯨﯟﺍﻥ>> ﻣﻪﺧﺴﯘﺱ ﺑﯩﺮﻩﺭ ﻛﻪﺳﯩﭙﻜﻪ ﺑﯧﻐﯩﺸﻼﻧﻐﺎﻥ ﺋﻪﺳﻪﺭ ﺑﻮﻟﻤﯩﻐﺎﻧﻠﯩﻘﻰ ﺋﯜﭼﯜﻥ، ﺋﯘﻧﯩﯔ ﭼﻪﻛﻠﯩﻚ ﺳﻪﮪﯩﭙﯩﺴﯩﺪﻩ ﮪﻪﻣﻤﻪ ﻛﻪﺳﯩﭙﺘﯩﻜﻰ ﺳﯚﺯ-ﺋﺎﺗﺎﻟﻐﯘﻻﺭﻧﻰ ﺗﻮﻟﯘﻗﻰ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺑﺎﻳﺎﻥ ﻗﯩﻠﯩﺶ ﻣﯘﻣﻜﯩﻦ ﺋﻪﻣﻪﺱ. ﺋﺎﻟﯩﻢ ﻣﻪﮪﻤﯘﺩ ﻛﺎﺷﯩﻐﻪﺭﯨﻲ ﻣﻪﺯﻛﯘﺭ <<ﺩﯨﯟﺍﻥ>>ﻧﻰ ﻗﺎﻧﺪﺍﻕ ﻳﺎﺯﻏﺎﻧﻠﯩﻘﻰ، ﻳﯧﺰﯨﺸﺘﺎ ﻗﺎﻧﺪﺍﻕ ﺋﯘﺳﯘﻝ ﻗﻮﻟﻼﻧﻐﺎﻧﻠﯩﻘﻰ ﯞﻩ ﻧﯧﻤﯩﻠﻪﺭﮔﻪ ﺩﯨﻘﻘﻪﺕ ﻗﯩﻠﻐﺎﻧﻠﯩﻘﻰ ﺋﯜﺳﺘﯩﺪﻩ ﺗﻮﺧﺘﯩﻠﯩﭗ، ﻛﯩﺮﯨﺶ ﺳﯚﺯﯨﺪﻩ ﻣﯘﻧﺪﺍﻕ ﺋﯩﺰﺍﮪ ﺑﯧﺮﯨﺪﯗ: <<ﺑﯘ ﻛﯩﺘﺎﺑﻨﻰ ﮪﯧﻜﻤﻪﺕ، ﻗﺎﭘﯩﻴﻪ، ﻣﺎﻗﺎﻝ-ﺗﻪﻣﺴﯩﻞ، ﺷﯧﺌﯩﺮ-ﻗﻮﺷﺎﻕ، ﺭﻩﺟﻪﺯ، ﻧﻪﺳﯩﺮ ﻛﻪﺑﯩﻲ ﻧﻪﺭﺳﯩﻠﻪﺭ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺑﯧﺰﻩﭖ, ﺑﻮﻏﯘﻡ ﮪﻪﺭﭖ ﺗﻪﺭﺗﯩﭙﻰ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺗﯜﺯﺩﯛﻡ…>>، <<ﻛﯩﺘﺎﺑﺘﺎ ﺗﯜﺭﻛﯩﻲ ﺧﻪﻟﻘﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ﻗﺎﺭﺍﺷﻠﯩﺮﯨﻨﻰ، ﺑﯩﻠﯩﻤﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﻛﯚﺭﺳﯩﺘﯩﺶ ﺋﯜﭼﯜﻥ، ﺳﯚﺯﻟﯩﮕﻪﻥ ﺷﯧﺌﯩﺮ ﺋﯚﺭﻧﻪﻛﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﺗﻮﭘﻠﯩﺪﯨﻢ. ﻗﺎﻳﻐﯘﻟﯘﻕ، ﺧﯘﺷﺎﻟﻠﯩﻖ ﻛﯜﻧﻠﯩﺮﯨﺪﻩ ﻳﯜﻛﺴﻪﻙ ﭼﯜﺷﻪﻧﭽﯩﻠﻪﺭ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺳﯚﺯﻟﻪﻧﮕﻪﻥ ﻣﺎﻗﺎﻝ-ﺗﻪﻣﺴﯩﻠﻠﻪﺭﻧﯩﻤﯘ ﺋﺎﻟﺪﯨﻢ، ﺋﯘﻻﺭﻧﻰ ﺩﻩﺳﻠﻪﭖ ﺳﯚﺯﻟﯩﮕﻪﻧﻠﻪﺭ ﻛﯧﻴﯩﻨﻜﯩﻠﻪﺭﮔﻪ، ﺑﯘﻻﺭ ﺗﯧﺨﯩﻤﯘ ﻛﯧﻴﯩﻨﻜﯩﻠﻪﺭﮔﻪ ﺑﯩﻠﺪﯛﺭﯛﺷﻜﻪﻧﯩﺪﻯ، ﺑﯘﻻﺭ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺑﯩﺮﻟﯩﻜﺘﻪ ﻛﯩﺘﺎﺑﻘﺎ ﻧﯘﺭﻏﯘﻥ ﻣﯘﮪﯩﻢ ﺳﯚﺯﻟﻪﺭﻧﻰ ﺗﻮﭘﻠﯩﺪﯨﻢ>>، <<ﻳﯧﺰﯨﻠﻐﺎﻥ ﺗﺎﻏﻼﺭ، ﭼﯚﻟﻠﻪﺭ، ﺟﯩﻠﻐﯩﻼﺭ، ﺩﻩﺭﻳﺎﻻﺭ، ﻛﯚﻟﻠﻪﺭ ﻣﯘﺳﯘﻟﻤﺎﻥ ﺗﯜﺭﻛﯩﻲ ﺋﻪﻟﻠﯩﺮﯨﺪﻩ ﺑﻮﻟﻐﺎﻧﻠﯩﺮﯨﺪﯗﺭ. ﭼﯜﻧﻜﻰ ﺗﯩﻠﻼﺭﺩﺍ ﺳﯚﺯﻟﻪﻧﮕﻪﻧﻠﯩﺮﻯ ﻣﯘﺷﯘﻻﺭ. ﺑﯘﻻﺭ ﺗﻮﻧﯘﺷﻠﯘﻕ ﺑﻮﻟﻐﺎﻧﻠﯩﻘﻰ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﻳﺎﺯﺩﯨﻢ، ﺗﻮﻧﯘﻟﻤﯩﻐﺎﻧﻼﺭﻧﯩﯔ ﻛﯚﭘﭽﯩﻠﯩﻜﯩﻨﻰ ﻗﺎﻟﺪﯗﺭﺩﯗﻡ. ﻣﯘﺳﯘﻟﻤﺎﻥ ﺑﻮﻟﻤﯩﻐﺎﻥ ﺗﯜﺭﻛﯩﻲ ﺋﻪﻟﻠﯩﺮﯨﺪﯨﻦ ﺑﯩﺮ ﻗﯩﺴﻤﯩﻨﯩﻤﯘ ﻳﺎﺯﺩﯨﻢ، ﺋﯘ ﺗﻪﺭﯨﭙﯩﻨﻰ ﻳﺎﺯﻣﯩﺪﯨﻢ. ﭼﯜﻧﻜﻰ ﺋﯘﻻﺭﻧﻰ ﻳﯧﺰﯨﺶ ﮪﺎﺟﻪﺗﺴﯩﺰ ﺋﯩﺪﻯ>>، <<ﺗﯜﺭﻛﯩﻲ ﺗﯩﻠﻐﺎ ﻛﯧﻴﯩﻦ ﻛﯩﺮﮔﻪﻥ ﺳﯚﺯﻟﻪﺭﻧﻰ ﻳﺎﺯﻣﯩﺪﯨﻢ، ﺋﻪﺭ ﯞﻩ ﺧﻮﺗﯘﻥ ﺋﺎﺗﻠﯩﺮﻯ ﻳﯧﺰﯨﻠﻤﯩﺪﻯ، ﺑﯘﻻﺭﺩﯨﻦ ﺗﻮﻏﺮﺍ ﻗﻮﻟﻠﯩﻨﯩﺶ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﻛﯚﭖ ﻗﻮﻟﻠﯩﻨﯩﻠﻐﺎﻥ، ﮪﻪﻣﻤﻪ ﻛﯩﺸﻰ ﺗﻪﺭﯨﭙﯩﺪﯨﻦ ﺗﻮﻧﯘﻟﻐﺎﻥ ﺋﺎﺗﻼﺭﻧﻰ ﻳﺎﺯﺩﯨﻢ>> (<<ﺩﯨﯟﺍﻥ>> 1-ﺗﻮﻡ, ﻛﯩﺮﯨﺶ ﺳﯚﺯ).

ﺑﯘﻧﯩﯖﺪﯨﻦ ﻛﯚﺭﯛﯞﺍﻻﻻﻳﻤﯩﺰﻛﻰ، ﺋﺎﭘﺘﻮﺭ ﭘﻪﻗﻪﺕ ﻣﯘﺳﯘﻟﻤﺎﻥ ﺗﯜﺭﻛﯩﻲ ﻗﻮﯞﻣﻠﻪﺭ ﻗﻮﻟﻼﻧﻐﺎﻥ ﻗﻪﺩﯨﻤﻜﻰ ﺳﺎﭖ ﺗﯜﺭﻛﯩﻲ ﺗﯩﻠﺪﯨﻦ ﺋﯚﺭﻧﻪﻙ ﺋﯧﻠﯩﺸﻨﻰ ﺋﺎﺳﺎﺱ ﻗﯩﻠﻐﺎﻥ. ﺷﯘﯕﺎ، <<ﺩﯨﯟﺍﻥ>>ﺩﺍ ﺑﯧﺮﯨﻠﮕﻪﻥ ﺳﻪﻧﺌﻪﺗﻜﻪ ﺋﺎﺋﯩﺖ ﺋﺎﺗﺎﻟﻐﯘ- ﺳﯚﺯﻟﻪﻣﻠﻪﺭ ﺋﻪﻳﻨﻰ ﺩﻩﯞﺭﺩﯨﻜﻰ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ- ﺗﯜﺭﻛﯩﻲ ﻣﯩﻠﻠﻪﺗﻠﯩﺮﻯ ﻗﻮﻟﻼﻧﻐﺎﻥ ﺳﻪﻧﺌﻪﺕ ﺋﺎﺗﺎﻟﻐﯘﻟﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﻧﺎﮪﺎﻳﯩﺘﻰ ﺋﺎﺯ ﺑﯩﺮ ﻗﯩﺴﻤﯩﻐﯩﻼ ﯞﻩﻛﯩﻠﻠﯩﻚ ﻗﯩﻼﻻﻳﺪﯗ. ﺋﻪﻣﻤﺎ ﺑﯘﻻﺭ ﺑﯩﺰﻧﯩﯔ ﺋﻪﻳﻨﻰ ﺩﻩﯞﺭ ﺳﻪﻧﺌﻪﺕ ﺑﺎﻳﻠﯩﻘﯩﻤﯩﺰﻧﻰ ﻗﯧﺰﯨﺸﺘﺎ، ﺗﻪﺗﻘﯩﻖ ﻗﯩﻠﯩﺸﺘﺎ، ﺷﯘﻧﺪﺍﻗﻼ ﺋﯘﻧﻰ ﻛﻪﯓ ﺧﻪﻟﻖ ﺋﺎﻣﻤﯩﺴﯩﻐﺎ، ﺟﺎﮪﺎﻧﻐﺎ ﺗﻮﻧﯘﺷﺘﯘﺭﯗﺷﺘﺎ ﻣﯘﮪﯩﻢ ﺋﻪﮪﻤﯩﻴﻪﺗﻜﻪ ﺋﯩﮕﻪ.

مەنبە: ۋەتېنىم مۇنبىرى

يازغۇچى ھەققىدە

ماقالە سانى : 85

ئاكادېمىيە ئورگان تورى ©

ئۈستىگە قايتىش