ئۇيغۇرچە    Uyghurche    Уйғурчә   
  • 2018 - يىلى 27 - ئۆكتەبىر يەكشەنبە كۈنى سائەت 2:00 دە ئىستانبۇلدا «خىتاينىڭ جازا لاگىرلىرىدىكى شەرقىي تۈركىستانلىقلارنىڭ ئاقىۋىتى مۇھاكىمە يىغىنى» ئۆتكۈزۈلدى. ...
سىزنىڭ ئورنىڭىز: باشبەت » مىللىي مەۋجۇتلۇق » كەسىپ ۋە دىن

كەسىپ ۋە دىن

ئەزىز ئەيسا ئەلكۈن

بىر ئادەمنىڭ ئۆز كەسپىدە نەتىجە قازىنىشى ۋە كەسىپلىشىشى بولسا ئۇزاق مۇددەتلىك ئىزچىللىقا ئىگە قېتىرقىنىپ ئۆگىنىش، ئىزدىنىش ۋە مېھنەت تۆكۈش ئارقىلىق ئۆزىگە، ئۆزىدىن ھالقىغىنىنى مىللىتىگە، جۈملىدىن ئىنسانىيەتنىڭ بەختى – سائادىتى ئۈچۈن خىزمەت قىلىشى بىلەن ئەمەلگە ئاشقان بولىدۇ. ھەر – بىر شەخىسنىڭ ئىلاھىي ئېتىقادىغا تەۋە بولغان دىن ئۆز پىنھانلىقىدا دۇنيانى بىلىش ئېڭى بىلەن تەڭ يۈكسىلىدۇ ئەمما بىر كەسىپ ئىگىسى ئۈچۈن ئۇ ئومۇمىيلىققا تەۋە بولۇپ ئىپادىلەنمەيدۇ. دىن بىلەن كەسىپ، مىللەت بىلەن مېھنەت، ئىلىم بىلەن تەقدىرچىلىكلەرنىڭ ھەممىسى رىيالىزىم ۋە ئىدىيالىزىملىق بىلىشكە تەۋە بولغان باشقا – باشقا ئۇقۇملارغا مەنسۇپدۇر.

دەۋرىمىزدىكى ئۇيغۇر ھاياتىدا مۇبارەك دىنىمىزنى بۇ دۇنيانىڭ كۈندىلىك بەندىچىلىكىدىن ئايرىپ چۈشىنىۋالغان، پانىي دۇنيادىكى ئادەم ھاياتىنىڭ ھەممە ساھەلىرىنى دىندىن ئىبارەت بۇ بىرلا ئارغامچىغا باغلىۋالغان قېرىنداشلىرىمىز ئارىمىزدا كۈنسايىن كۆپىيىشكە باشلىدى. خۇسۇسەن مەن بۇ يۆلىنىشتىن مۇستەسنا ئەمەسمەن چۈنكى بىز ئۇيغۇرلار ئۈچۈن ئىلاھىزىملىق بىلىش بويىچە دىنىمىز ئەڭ ئاۋال ئاللاھ تەرىپىدىن ئۇيغۇر دەپ يارىتىلغان مىللەت (قوۋم) نىڭ مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇشىنى، زامان ۋە دەۋىرگە يارىشا تەرەققىي قىلىپ گۇللىنىشىنى، ئاندىن ئۇنىڭ بىر مىللەت ۋە ۋەتەندە بولۇشقا تېگىشلىك زۆرۈر بولغان ھەممە شەرتلەرنى ھازىرلىشىنى تەلەپ قىلىدۇ. دىمەكچىمەنكى بىر يىتۈك مىللەتنىڭ دىنلا بولۇشى ئەمەس، بەلكى ئۇنڭ تىلى، مىللىي مەدەنىيىتى، تارىخى، ئۆزىگە خاس ئۆرىپ – ئادەتلىرى دىن بىلەن تەڭ، بىر -بىرلىرىنى ئىنكار قىلمىغان ھالدا مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇشىنى، راۋاجلىنىشىنى شەرت قىلىدۇ.

ئەگەر بىز بۇ دۇنيادا مىللىي كىملىك ۋە مەدەنىيىتىمىز بىلەن مەۋجۇت بولۇپ تۇرالىساق، ئۆزىمىزگە ماس كېلىدىغان تېنىچ ۋە مېھرى مۇھەببەت بار بولغان بىر جەمىيەتتە گۈللىنەلىسەك، ئاندىن شۇ مەۋجۇتلىقىمىز بىزگە ھەممىگە قادىر مۇكەممەل بىر جەمىيەت (ئۈممەت) كۈچى ئاتا قىلىدۇ. بىز ئاللاھ تەرىپىدىن يارالدۇق، قانداق يارلىشىمىز ئۆز مېھنىتىمىز بىلەن، بۇ رىيئال دۇنيادىكى ھىممىتىمىز بىلەن ئۆلچىلىدۇ ۋە بەلگىلىنىدۇ. ئاللاھ مۇسۇلمان بولغان ھەر بىر مۆمىننىڭ قەلبىدەدۇر، ئۇنى بىرسى ياكى ھەرقانداق بىر كۈچ تارتىپ ئالالمايدۇ ۋەياكى يوق قىلالمايدۇ. بىر مۇسۇلمان بەندىسىنىڭ دىنىمىزنى تەرەققىياتقا، زامانىۋىيلىققا، ئۆزىنىڭ تەقدىرىنى ئۆزگەرتىشكە تەبدىقلىماي، ماسلشتۇرماي، رىقابەت ۋە دۇچ كەلگەن كىرزىسلارغا كۆزىنى يۇمۇپ، بۇ دۇنيانىڭ ھەممە نەرسىسىنى «ئاللاھنىڭ تەقدىرى» گە ئارتىپ قويۇپ، مۇجىمەل ھالدا دىننى ئاللاھنىڭ تەقدىرچىلىكىگە باغلاپ چۈشىنىۋېلىش ئوچۇق بىر نادانلىقدۇر. ئەگەر ئىسلام دىنىنى شۇنداق ئىپتىدائىي ۋە ئەنئەنىچىلىك ئەقىدىللىرى بىلەن چۇشۇنىۋالغانلار بولسا ئۇلار ئېنىقكى دىننى ھەقىقى ئۆز مەنىسى بىلەن ئۆگەنمىگەن، ھازىرقى زاماننىڭ ئىلمىي ۋە زامانىۋى مائارىپ تەربىيىسىنى كۆرمىگەن، ياكى ئىلمىي ۋە بىتەرەپ تەپەككۈر قىلىش ئىقتىدارلىرى كەم بولغانلاردۇر. ئەمما بەندە ئۈچۈن بىلمەسلىك ئەيىپ ئەمەس، ئۆگەنمەسلىك ياكى ئۆگىنىش ئۈچۈن مېھنەت ئاققۇرماسلىق ئەيىپدۇر. بىزدىن بۇرۇن ياشىغان ئاتا – بوۋلىرىمىز بىزگە شۇنى ئېنىق كۆرسەتتىكى بىز ھەممىمىز بۇ دۇنيادغا تۇغۇلۇشتىن تاكى ئۆلگىچە ئۆگەنگۈچىلەر بولۇپ يارالدۇق. بەندىنىڭ ھەر قانداق بىر خاتالىقى ياكى بىلمەسلىكىنىڭ سەۋەبى ئۆگەنمەسلىكدۇر. ئەگەر بىز پەن ۋە ئىلاھىيەت دىنلىرىنى بىر – بىرسىگە قارشى قويماي ئۆگەنسەك. بۇ دۇنيا بىزگە خۇددى كېچىدىكى تولۇنئايدەك روشەن كۆرىنىدۇ، قەلبىمىزدىن نادانلىق ۋە نەپىرەتنىڭ ئۇرۇقلىرى تەلتۇكۇس غايىپ بولىدۇ.

دېمەك ئىلىم بىلەن دىنىي ئېتىقاد پەرىقلىقدۇر. ئىلىم تەبىئەت ۋە شەيئىلەرنى، كائىناتتىكى ھەممە نەرسىنى بىلىشكە، ئادەم ھاياتىنى ياخشىلاشنى ئۆزىنىڭ تۈپ ئۆبېكىتى قىلغان بولسا، دىن مەۋھۇملۇققا تەۋە ئىلاھىي ئېتىقاد بىلەن ئادەم تەپەككۈرنىڭ، رىيىاللىقىنىڭ سىرتىدىكى بىلىش، تەسەۋۋۇر رامكىسى ئىچىدە، بىر مەنىۋىيەتنىڭ كۈچى سۈپىتىدە مەۋجۇت بولۇپ تۇرىدۇ. مەۋھۇم بىلىش بىلەن ئىلىمي دەلىللەر ئاساسىدىكى بىلىشنىڭ چېگرىسى بەزىدە بىر – بىرلىرىگە تۇتاشقان بولسا، بەزىدە بىر – بىرلىرىدىن ئېنىق ئايرىلغان بولىدۇ. شۇڭا بىز ئادەملەر بۇ ئالەمدىكى جانلىقلار ئىچىدە تاكى بۈگۈنكى كۈنگىچە بىز بىلەلىگەن تەپەككۈر قىلىش ئىقتىدارىغا ئىگە ئەڭ مۇرەككەپ بىر ھاياتلىقدۇر.

2017- يىلى 1-دېكابىر، لوندون.

مەنبە: ئەزىز ئەيسا ئەلكۈن تور سەھىپىسى

يازغۇچى ھەققىدە

ماقالە سانى : 120

ئاكادېمىيە ئورگان تورى ©

ئۈستىگە قايتىش