ئۇيغۇرچە    Uyghurche    Уйғурчә   
  • 2018 - يىلى 26 - ئاۋغۇست فاتىھ سۇلتان مەھمەت ئۇنىۋېرسىتېتى توپكاپى مەۋلەۋىخانىسىدا «ئۇيغۇرلار دۇچ كېلىۋاتقان خىرىسلار ۋە ھەل قىلىش يوللىرى مۇھاكىمە يىغىنى» ھەققىدە خۇلاسە دوكىلاتى قىلىندى. ...
سىزنىڭ ئورنىڭىز: باشبەت » ئەدەبىيات گۈلزارى » ئادەمنى قاتتىق ئويغا سالىدىغان پىكىر قىلىش ئۇسۇلى

ئادەمنى قاتتىق ئويغا سالىدىغان پىكىر قىلىش ئۇسۇلى


1. بىر قاغا ئۇچۇپ كېتىۋىتىپ، بىر كەپتەرنى ئۇچرىتىپ قاپتۇ. كەپتەر سوراپتۇ:

-نەگە ماڭدىڭ؟-قاغا جاۋاپ بىرىپتۇ:

-بۇ يەردىن يېراقلارغا كەتمەكچىمەن.-كەپتەر:
– نىمە ئۈچۈن كېتىسەن؟-قاغا:
-مىنىڭ ئەسلىدە كەتكىم يوق ئىدى. ئەمما ھەممەيلەن مېنىڭ قاقىلدىغان ئاۋازىمنى ياقتۇرمايدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن مەن بۇ يەردىن كەتمەكچى،- بۇ چاغدا كەپتەر قاغىغا بۇنداق جاۋاپ بىرىپتۇ:-ئارتۇقچە ئاۋارە بولما. سەن مۇشۇ ئاۋازىڭنى ئۆزگەرتمىسەڭ، مەيلى قەيەرگە بارمىغىن باشقىلار سىنى قارشى ئالمايدۇ.

مۇلاھىزە: سىز ھەممە ئىشىم كۆڭۇلدىكىدەك بولسۇن دىسىڭىز، ئىشنى ئۆزىڭىزنى ئۆزگەرتىشتىن باشلىشىڭىز كىرەك.

2. بىر ئائىلىنىڭ ئۈچ ئوغلى بولۇپ، ئۇلار كىچىكىدىن ئاتا-ئانىسىنىڭ جېدەل-ماجراسى ئىچىدە چوڭ بوپتۇ. ئۇلارنىڭ ئانىسىنىڭ بەدىنىنىڭ بىرمۇ ساق يېرى يوق ئىكەن. بۇ ئىش تەسىر قىلغان چوڭ ئوغۇل: “ئاپام بەك بىچارە، خوتۇن ئالسام، خوتۇنۇمغا چوقۇم ياخشى قارايمەن” دەپ ئويلايدىكەن. ئىككىنچىسى بولسا:” توي قىلغاننىڭ پايدىسى يوق ئىكەن. چوڭ بولغاندا، ھەرگىز خوتۇن ئالمايمەن” دەپ ئويلاپتۇ. ئۈچىنچىسى بولسا:“ ۋاھ! ، ئەر دىگەن خوتۇننى ئەسلىدە مۇنداق ئۇرىدىكەن ئەمەسمۇ!  خەپ قىنى بىر چوڭ بولاي!“ دەپ خېيالغا چۆمىدىكەن.

مۇلاھىزە: مۇھىت ئوخشاش بولسىمۇ، تەپەككۇر قىلىش ئوخشاش بولمىسا،  ئادەم ئوخشىمىغان ھايات يولىغا ماڭىدۇ.

3. بىر كىچىك راھىپ بۇتخانىدىكى غازاڭلارنى سۇپۇرۇشكە مەسئۇل ئىكەن. ئۇ ھەر كۈنى غازاڭلارنى سۇپۇرۇش ئۈچۈن نۇر غۇن ۋاقىت سەرپ قىلىدىكەن.  بىر كۈنى بىرسى ئۇنىڭغا مۇنداق ئەقىل كۆرسىتىپتۇ. ”سەن يۇپۇرماقلارنى سۇپۇرۇشتىن بۇرۇن، دەرەخنى بىر كۈچەپ ئېغىتىۋەتسەڭ، ھەممە غازاڭ يەرگە چۇشۇپ كىتىدۇ. شۇنىڭ بىلەن ئەتە يەنە غازاڭ سۈپۈرۈپ يۈرمەيسەن“.
كېچىك راھىپ بۇ سۆزنىڭ توغرىلىغىنى ھىس قىلىپ، ئۇنىڭ دېگىننى قىپتۇ. ئەمما ئىككىنچى كۈنى ھويلىنىڭ ھەممە يېرىنى يەنە ئوخشاشلا غازاڭ بېسىپ كىتىپتۇ. بۇگۇن مەيلى قانچىلىك تىرىشچانلىق كۆرسەتمىگىن، ئەتە ئۈچۈن كىلىدىغىنى يەنىلا كىلىۋىرىدۇ.

مۇلاھىزە: بۈگۈنگە ھېزى بولۇڭ، ئەتە نىمە ئىش بولىدىغانلىغىنى ھېچكىم بىلمەيدۇ.

4.ياۋا چوشقا بىلەن ئات چۆپ يېگەندە، ياۋا چوشقا ھەدىسىلا ئاتقا پوخۇرلۇق قىلىپ ئارام بەرمەيدىكەن. ئۇ بىردەم يۇمران چۆپنى دەسسەپ چەيلىسە، بىردەم – بىردەم سۈزۈك سۇنى قوچۇپ لېيىتىۋېتىدىكەن. ئاتنىڭ بۇ ئىشقا قاتتىق غەزىۋى كېلىپ، ئۇنىڭ جاجىسىنى بىرىپ قويۇش نىيىتىگە كېلىپ، ئوۋچى تەكلىپ قىلىپتۇ. ئوۋچى ئاتقا مىنىش شەرتى بىلەن ماقۇل بولىدىغانلىغىنى بايان قىپتۇ. ئاتنىڭ ياۋا چوشقىغا بولغان ئۆچمەنلىگى كۈچلۇك بولغاچقا، بۇ تەكلىپكە ماقۇل بوپتۇ. ئوۋچى ئاتقا مىنىپ، ئوۋ ئوۋلاپ، ياۋا چوشقىنىمۇ ئۆلتۇرۇپتۇ. كىيىن ئاتنىمۇ ئۆيگە ئەكىلىپ، ئوقۇرغا باغلىۋاپتۇ.  شۇ كۈندىن ئېتىۋارەن ئات ئەسلىدە ئۆزىدە بار بولغان ئەركىنلىكتىن مەھرۇم قاپتۇ.

مۇلاھىزە: باشقىلارنىڭ نۇقسانلىرىغا سەۋرى-تاقەت قىلىڭ. بولمىسا ئۆزىڭىزمۇ بەخىتسىزلىككە دۇچار بولىسىز.

5. ئۈچ ئادەم سىرتقا چىقىپتۇ. ئۇلارنىڭ بىرىدە كۈنلۇك، ئىككىنچىسىدە ھاسا، ئۈچىنچىسىدە ھېچنىمە يوق ئىكەن. ئۇلار قايتىپ كەلگەندە بولسا كۈنلۇك تۇتقان ئادەم ھۆل بولۇپ كىتىپتۇ. ھاسا تۇتقان ئادەم بولسا لاي بولۇپ كىتىپتۇ. قولىدا ھىچنىمە يوقىغا  ھېچ ئىش بولماپتۇ.
ئەسلىدە قولىدا كۈنلۇك تۇتقان ئادەم، يامغۇر ياققاندا ھېچنىمىگە پەرۋا قىلماي ماڭغان ئىكەن نەتىجىدە ھۆل بولۇپ كىتىپتۇ. ھاسا تۇتقان بولسا پاتقاق يولغا كەلگەندە، ھاسىسىغا ئىشىنىپ، بىخەستەلىك بىلەن ماڭغان ئىكەن، نەتىجىدە يىقىلىپ چۇشۇپتۇ. قولىدا ھېچنىمە يوق ئادەم يامغۇردا بىرە جايدا پانالىنىپتۇ، پاتقاق يەرگە كەلگەندە ئاۋايلاپ مېڭىپتۇ. نەتىجىدە ئۇنىڭغا ھېچنىمە بولماپتۇ.

مۇلاھىزە: كۆپ چاغلاردا بىز كەمتۈكلۈك سەۋەبىدىن ئەمەس، بەلكى ئۆزىمىزدىكى ئەۋزەللىك تۇپەيلىدىن مەغلۇبىيەتكە دۇچار بولىمىز.

ئىككى تال بامبۇكنىڭ ھېكايىسى

ئوخشاش ئىككى تال بامبۇك، ئۇنىڭ بىرسىدە نەي يەنە بىرسىدە كىر يايغۇچ ياسالدى، ئۇنداقتا قىممەت دىگەن نىمە؟ نىمە ئۈچۈن بۇ ئىككى تال بامبۇكنىڭ قىممىتى ئوخشىمايدۇ؟

قوسىقى كۆپكەن كىر يايغۇچ بۇلارغا ئاچچىقلىنىپ نەيدىن سورىدى:
“ ئىككىمىز بىر تاغدا ئۆسكەن بامبۇك تۇرۇپ، نىمىشقا مەن ئىتىدىن كەچكىچە ئۇستۇمگە ئارتتىلغان كىرلەرنى كۆتۇرۇپ، ئاپتاپتا تۇرىمەن، بۇنى ئازدەپ ھېچقانداق قەدىر-قىممىتىم يوق؟ سەنچۇ؟ شۇنداق ئەرتىۋارلىق، بىباغا؟

بۇلارنى ئەستايىدىللىق بىلەن ئاڭلىغان نەي تەمكىنلىك بىلەن مۇنداق  جاۋاپ بىرىپتۇ:
“ چۈنكى سەن بىر پىچاق بىلەنلا ياسالدىڭ، ئەمما مەنچۇ؟ نەي شەكىلگە كىرگىچە نەچچە مىڭ قېتىملاپ پىچاق يىدىم” بۇ گەپلەرنى ئاڭلىغان كىر يايغۇچ گەپ قىلماستىن ئويغا چۇشۇپتۇ.

ھاياتمۇ خۇددى مۇشۇنىڭغا ئوخشايدۇ، بوران-چاپقۇنلارغا سەۋىرچانلىق بىلەن  بەرداشلىق بىرەلىسە، ئوڭۇشسۇزلۇقلارنى بىشىدىن ئۆتكۈزۈپ، يەنە ئورنىدىن دەس تۇرالىسا، ئۆزى مۇقەدەس دەپ بىلگەن ئىش ئۈچۈن بوشاشماي تىرىشچانلىق كۆرسىتەلىسە، باشقىلارنىڭ ھەستتىن قىلغان ئۆسەك سۆزلىرىگە ئۆزىنى يوقۇتۇپ قويمىسا ئۇ چاغدا ئۇ ئىنسان ھەقىقى نەيدەك ئەرتىۋارلىق ئىنسان ۋە ئىنسانىيەتكە نەيدىن مۇڭ، ھوزۇر ئاتا قىلىدىغان ئىنسان بولالايدۇ.

مەنبە: ۋەتېنىم مۇنبىرى

يازغۇچى ھەققىدە

ماقالە سانى : 85

ئاكادېمىيە ئورگان تورى ©

ئۈستىگە قايتىش