ئۇيغۇرچە    Uyghurche    Уйғурчә    Ortaq Türkçe   
  • 2018 - يىلى 25 - ئاۋغۇست ئىستانبۇلدىكى فاتىھ سۇلتان مەھمەت ۋەخپە ئۇنىۋېرسىتېتىدا «ئۇيغۇرلار دۇچ كېلىۋاتقان خىرىسلار ۋە ھەل قىلىش يوللىرى ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنى» ئۆتكۈزۈلىدۇ. ...
سىزنىڭ ئورنىڭىز: باشبەت » ئەدەبىيات گۈلزارى » ئۇيغۇرلاردا ئۇسسۇل پەلسەپىسى

ئۇيغۇرلاردا ئۇسسۇل پەلسەپىسى

كۇرشات ئوغلى

يېقىندا بىر ئۇكا يوللۇق دوستىمىز بىلەن ئۇسسۇل توغرىسىدا پاراڭلىشىپ قالدۇق. بۇ دوستۇمنىڭ كۆز قارىشىچە، ئۇيغۇرلار ناخشا ئۇسسۇلغا ھېرىس بولغاچ، ئۇنىڭغا بەكلا بېرىلگەچ، بىز ئۇيغۇرلار “ئۇسسۇلچى مىللەت” ئاتىلىپ مۇشۇنداق كۈنلەرگە قاپتۇق. مىڭ مىڭ يىللاردىن بېرى ئويناۋاتقان ئۇسسۇلىمىزغا قارتا موللا بىلەن زىيالىينىڭ ئېيتىۋاتقان مۇقامىمۇ بىر – بىرىگە قارشى بولۇپ، ياشلىرىمىز گاڭگىراپ قېلىۋاتقان بۈگۈنكى كۈنلەردە، بۇ يازمىنى يېزىپ ئۆزۈمنىڭ ئۇسسۇلغا قارتا ئويلىغانلىرىمنى بۇ تېمىغا قىزىققۇچىلار بىلەن ئورتاقلىشىشنى لايىق كۆردۈم.

ئۇيغۇرلار ئوينىغان ئۇسسۇلىنى ئۇسسۇل دەيدۇ، ئىش قىلىشتىكى تەبىر، مېتودلىرىنى ئۇسۇل دەيدۇ. بىرى ھېسسىي ئېستېتىكا، يەنە بىرى ئوبيېكتىپ ھايات پرىنسىپلىرى.

ئۇسسۇل، ھەرىكەتنىڭ رىتىملىق تەكرارلىنىشى. يەنە ئوينىغان ئۇسسۇل، ئۇ رىتىمغا بولغان سەزگۈ ۋە بىلىش. پۇت – قولىڭىز رىتىمغا كەلسە ئوينىغان ئۇسسۇلىڭىز قاملىشىدۇ، ۋە ئۇنىڭدىن ئۆزىڭىزمۇ ئۆزگىلەرمۇ زوق ئالالايدۇ. ئىش قىلىشنىڭ قائىدىسىنى ئۆگەنگىنىڭىزدە ئەمگەك نەتىجىڭىز ئۇتۇقلۇق چىقىدۇ. بۇ دۇنيا نەدىن كەلدى نەگە بارىدۇ ئىلىم پەن تېخى تولۇق جاۋاب تاپقىنى يوق. ئەمما ئىلىم-پەن بىزگە بۇ دۇنيانىڭ ئاپىرىدە بولغاندىن تارتىپ ئۆز رىتىمىدا تۇرۇۋاتقانلىقىنى كۆرسىتىپ بېرىۋاتىدۇ. ھەر بىر ھاياتلىق ئانا قورسىقىدا ئاپىرىدە بولغاندىن تارتىپ ئۇنىڭ يۈرىكى رىتىملىق سوقىدۇ. يەرشارى ئۆز ئوقىدا رىتىم بىلەن پىرقىراپ، كۈننى رىتىم بىلەن ئايلىنىپ تۇرىدۇ. بۇ دۇنيادا سىز رىتىمى بولمىغان تەبىئىي مەۋجۇتلۇقنى تاپالمايسىز. ئەكسىچە بارلىق رىتىمى بولمىغان شەيىئلەرنى دەل ئىنسانلار پەيدا قىلىۋاتىدۇ. رىتىمى يوق ياكى رىتىمى بۇزۇلغان شەيىئلەر ئىنسان جەمىيىتىدىلا مەۋجۇت. ئۇرۇش، ئاچارچىلىق، ۋابا. بەلكىم ۋاباغا ئوخشاش كېسەللىكنى سىز تەبىئەتتىن كەلگەنغۇ دەيسىز. ئەمما نېمە ئۈچۈن ئىنسانلاردا ۋابا تارقالغان دېسىڭىز: ئېيتىلىشىچە ياۋروپادا ئەسلى ۋابا كېسىلى يوقمىش. موڭغۇللار غەربكە يۈرۈش قىلغاندا ۋابانى ئۆزلىرى بىلەن ئېلىپ ياۋروپادا تارقاتقان. بۇ ۋابا بولسا ئۇلار يېگەن بورسۇق دېگىن ھايۋاندىن يۇققان. ئەمدى بىزنىڭ ئەجدادلىرىمىز بورسۇق يېگەنمۇ دېگەندە، ھازىرغىچە ئېلىپ بېرىلغان ئارخېئولوگىيەلىك تەكشۈرۈشلەردىن كۆرە ئەجدادلىرىمىز بورسۇق ئەمەس ئىسلامغا ئېتىقاد قىلمىغان زامانلاردىن تارتىپ ھەتتا توڭگۇزنىمۇ يېمىگەن.
ئەجدادنىڭ گېپى بولۇپ قالدى. ئۇيغۇرلارنىڭ ئەجدادىنى سۈرۈشتۈرگەندە ئۇ ئىككى يىلتىزغا ئۇلىنىدۇ. بۇ ئىككى يىلتىزنىڭ ئېتنىك ئارقا كۆرۈنۈشىگە قارتا تارىخچىلار ئارىسىدا كۆز-قاراش پەرقى بولسىمۇ، ھازىرقى ئۇيغۇر ئاتلىق مىللەتنى بۇ ئىككى يىلتىزدىن ھېچكىم ئايرىيالمايدۇ. بۇ يىلتىزنىڭ بىرى موڭغۇل ئېگىزلىكى ۋە كەڭ سىبىرىيە رايونىدا بارلىققا كەلگەن ئاتلىقلار مەدەنىيىتى؛ يەنە بىرى تارىم ۋادىسىدا بارلىققا كەلگەن بوستانلىقتىكى تېرىم مەدەنىيىتىدىن ئىبارەت. بۇ ئىككى مەدەنىيەت تارىم بوستانلىقىدا بىرىكىشىدىن بۇرۇنلا ئۆز زېمىنلىرىدا ھاياتلىقنىڭ رىتىمنى بايقاپ، شۇنىڭغا ماسلىشىپ ئۆز ئۇسۇللىرىنى تاپقان.
موڭغۇل سىبىرىيە رايونىدا ياشاپ ئۆتكەن ئەجدادىمىز ناھايىتى بۇرۇنلا شامانىزم ۋە كۆك تەڭرى ئېتىقادىدا بولغان. شامانىزم دۇنيادىكى تارىخى ئىنتايىن ئۇزۇن بولغان، تەسىر- دائىرىسىنى بەش قىتئەدىن تاپقىلى بولىدىغان بىر خىل ئىپتىدائىي ئېتىقاد. شامانىزم ئىنسانلار ئەڭ قەدىمكى دەۋرىدىن باشلاپ بۇ دۇنيانىڭ رىتىمى، بولۇپمۇ ھاياتلىقنىڭ ئەبەدى رىتىمىغا بولغان ئىزدىنىشلىرى ھېسابلىنىدۇ. ئىنسانلار ھايات رىتىمىنىڭ ئۆلۈمگە ئۇلاشقاندا ئۈزۈلۈشنىڭ سەۋەبى ئۈستىدىكى ھېسسىي ئىزدىنىشلىرى، شامان ئاتلىق ئالاھىدە بىر تائىپىنىڭ مەيدانغا كېلىشىگە تۈرتكە بولغان. ئۇلار ئىنسان ئۆلسىمۇ ھاياتلىقتا بار بولغان رىتىمنىڭ كۆچۈشىنى تەبىئەتتىكى ئۆزلىرى ھېس قىلغان تەبىئىي قانۇنىيەتلەر بىلەن بىرلەشتۈرۈپ ئىزاھات بېرىشكە تىرىشقان. ئۇلار چىقىۋاتقان شامال، ئېقىۋاتقان سۇ، قەد كۆتۈرگەن دەل-دەرەختىكى تەبىئىي رىتىملارنى ھاياتلىقتىكى رىتىمنىڭ كۆچۈپ داۋاملىشىشى دەپ قاراپ، ئۆزلىرى ئوينىغان ئۇسسۇلنىڭ رىتىمىغا يارىشا ئۆلگەندىن كېيىنكى كۆچ ئەتكەن رىتىم(روھ) بىلەن ھايات ئادەمنىڭ تېنىدىكى رىتىمىنى بىر-بىرىگە تۇتاشتۇرۇش رولىنى ئۆتەشكە تىرىشقان. كۆك ئاسمان ئاستىدىكى كۆكەرگەن زېمىندا ئات چاپتۇرۇپ شۇڭقار كەبى شۇڭغۇپ، ئىنسانى ھۆرلۈكنى ھېس قىلغان ئاتلىرىمىز رىتىمغا بولغان مۇھەببىتى ۋە ھېس – تۇيغۇلىرىنى تېخىمۇ بىر بالداق ئۆرلىتىپ كۆك تەڭرى ئېتىقادىنى شەكىللەندۈرگەن. بۇ قېتىم ئەجدادلىرىمىز ئۆزلىرى بىۋاسىتە ھېس قىلالمايدىغان ھاياتلىقتىن مەھرۇم بولغان ئىنساننىڭ رىتىمى توغرىسىدا باش قاتۇرماي ئۇنى كۆك تەڭرى ناملىق زېمىننى ئاپىرىدە قىلغۇچە ۋە باشقۇرغۇچى دەپ ئىشەنگەن تەڭرىنىڭ ئىختىيارىغا تاپشۇرۇپ، بىۋاسىتە كۆرگىلى، ئاڭلىغىلى ۋە ھېس قىلغىلى بولىدىغان رىتىملار ئۈستىدە ئىزدەنگەن. بۇ مەزگىلگە كەلگەندە ئەجدادلىرىمىزنىڭ ھاياتلىققا بولغان ئىنتىلىشلىرى تېخىمۇ رىيال ۋە ئوبيېكتىپ بولغان. مەيلى قاغان بولسۇن ۋە ياكى چوپان بولسۇن ھايات رىتىمىنىڭ مەڭگۈ بولۇشى ئۈستىدە ئارتۇقچە ئىزدەنمىگەن. خەن پادىشاھلىرى چېن شىخۇاڭدەك دۇنيانىڭ بۇلۇڭ پۇچقاقلىرىدىن ئۆلمەسنىڭ دورىلىرىنى ئىزدەپ سەرسامە ئىچىدە يۈرگەندە، ئەجدادلىرىمىز كۆك ئاسمان ئاستىدىكى بىپايان يايلاقلاردا ھاياتلىقنىڭ رىتىمىغا كەلتۈرۈپ قەدەم بېسىپ، قاغانمۇ بىر خوتۇنغا سادىق بولۇپ، چوپانمۇ بىر ئاشىققا ۋەدە بېرىپ ھايات ئۇسۇلىنى تەڭ ئوينىغان.

تەكلىماكاننىڭ تەكتىنىڭ ئەسلى ماكان ئىكەنلىكىنى بۇ ئاتالغۇ ئېنىق ئىپادىلەپ تۇرۇپتۇ. سىرتتىن كەلگەنلەر ئۈچۈن قۇم بىلەن ئېزىتقۇدىن باشقا نەرسە مەۋجۇت بولمىغان بۇ قۇم بارخانلىرى ئىچىدە، ئەجدادلىرىمىز ئەگەر شۇنىڭغا لايىق ھايات رىتىمىنى بايقىيالمىغان بولسا ئۇلارنىڭ يىلتىزى بىزگىچە ئۇلىشالمىغان بولاتتى. تۇرپاندا كارىز كولاپ، تارىمدا بوستان قوغداپ، ئەجدادلىرىمىز قالدۇرغان دۇنيادىكى تۇنجى ئورمان قانۇنىنى. شۇ قۇمدا ھاياتلىقنىڭ رىتىمىنى دەڭسىيەلىگەچكە، شۇ رىتىمغا مۇھەببىتى بولغاچقا، توغراق تىكىپ ئورمان بېقىپ، قۇم بارخانلىرى بىلەن كېلىشىم تۈزۈپ، ئەجدادىمىز ھايات رىتىمىنى قۇملۇق ئىچىدىكى بوستانلاردا ياشناتقان. ھايات رىتىمى بىلەن تۇرغۇن بولغاچ، ئىنسان ئەنە شۇ رىتىم بىلەن تەڭ تەۋرەنگەچ ھاياتلىق گۈزەللىككە تولغان. كروران گۈزىلى ئەپسانە ئەمەس. يايلاقتىن كۆچ ئېتىپ تارىمغا يەتكەن ئەجدادلىرىمىز، ئەسلى تارىمدا تەۋرىگەن ھايات رىتىمنى بۇزماي تەڭ تەۋرەپ ئۇنى كۈچلەندۈرگەن. ھايات رىتىمىغا بولغان چۈشىنىشتىكى ئوخشاشلىق بۇ ئىككى يىلتىزىمىزنى بىر-بىرىگە ناھايىتى تەبىئىي رەۋىشتە بىرىكىشىگە تۈرتكە بولغان. بىزنىڭ يايلاقتىكى ئەجدادىمىز تارىمغا كېلىپ كروراننى خاراب قىلمىغان. ئەكسىچە ھاياتلىقنىڭ رىتىمىنى چۈشەنمەي خاننىڭ دېپىغا تەڭكەش قىلىشقا، مۇنداقچە ئېيتقاندا “تەبىئەتنى بويسۇندۇرۇشقا” ئۇرۇنغان ۋە ھازىرغىچە بۇ تەبىئىي رىتىمغا پۇت – قولى كەلمەي ئۇنى بۇزۇۋاتقان قەۋملەر، قانائەت قىلىشنى بىلمەيدىغان ئوپقاندەك نەپسى ئۈچۈن، پەقەت نەچچە ئون تۇلپارنى قولغا چۈشۈرۈش ئۈچۈنلا، شۇ گۈزەل كروراندىكى ھاياتلىقنى ۋەيران قىلغان.

ئۇسسۇل ئويناش قىيىن ئەمەس. يەر يۈزدىكى ھەر مىللەت، ھەر قەۋم، ھەر تائىپە ئۆزى بىلگەن رىتىمغا سەكرەشنى بىلىدۇ، ۋە ھازىرغىچە سەكرەپ كەلمەكتە. ئەڭ ئەستايىدىل دېيىلىدىغان ياپونلارمۇ، ئەڭ مۇتەئەسسىپ قارىلىدىغان ئەرەبلەرنىڭمۇ ئۆزلىرى ئوينايدىغان ئۇسسۇللىرى بار. ئىپتىدائىي جەمىيەتتە بارلىققا كەلگەن، ساغرىسىنى ئوينىتىپ ئۇسسۇل ئويناش، ھاياتلىقنىڭ داۋاملىشىشى ئۈچۈن يات جىنسلارنى ئۆزىگە تارتىشنىڭ ئۇسۇلى(مېتودى) بولۇپ كەلگەن. ئەمما ئىنسانلارنىڭ تەرەققىياتىغا ئەگىشىپ، كىشىلەر ئوتتۇرىسىدىكى ئىجتىمائىي مۇناسىۋەتلەرنىڭ تىنچلىقنى مەقسەت قىلغان رىتىمنىڭ بارلىققا كېلىشىگە ئەگىشىپ، يات جىنسلارنى مەھلىيا قىلىشنىڭ ئۇسۇلى(مېتودى) ئادىمىيلىكنىڭ رىتىمىغا ئالمىشىشقا يۈزلەنگەن. بۇ قەدەمنى ئوڭۇشلۇق باسقان ئىنسانلار تائىپىسىنىڭ ئۇسسۇلىدا ئىپتىدائىي رىتىم، يەنە نوقۇل جىنسىيەتنى ئىپادىلەيدىغان ساغرا تولغاش دېگەندەك ھەرىكەتلەر غايىب بولغان.
بۇنىڭدىن باشلاپ ئىنسان دۇنياسىدىكى رىتىم، تەبىئەتنىڭ رىتىمى بولغان ھاياتلىق بىلەن جەمىيەتنىڭ رىتىمى بولغان تىنچلىق بىر گەۋدە بولۇپ يۇغۇرۇلۇپ، يېڭى بىر رىتىم، يەنە ئېستېتىكا شەكىللەنگەن. ئىنسانلار چەكلىك ھايات رىتىمىنى مەنىلەر بىلەن بېزەشكە تىرىشقان. پەيلاسوپلار ھاياتنىڭ رىتىمى ھەققىدە ئىزدەنگەن ۋە تەبىئىي رىتىملارنى ئۆز قانۇنىيەتلىرى بويىچە كاتېگورىيەلەشتۈرۈپ خاس ئىسىملار بىلەن سۈپەتلەپ، ئىلىم دېگەن بىر ئورتاق ئىسىم ئاستىدا تەھسىل قىلغان. ئەجدادلىرىمىز تۆت پەسىلنىڭ رىتىمىغا كەلتۈرۈپ دېھقانچىلىق قىلغان، مېۋە باغلىرىنى بەرپا قىلغان؛ يۇلتۇزلارنى كۆزىتىپ، يىپەك يولىنى كولدۇرمامىنىڭ رىتىمىدا تەڭ تەۋرەتكەن.
ئەجدادلىرىمىز بىزگە رىتىم بىلەن ئۇسسۇل ئويناشنى ئۆگەتكەنكى، بۇ دۇنيانىڭ رىتىمىنى بۇزۇشنى ئۆگەتمىگەن. ئەجدادلىرىمىز بىزگە ھەر ئىشنى قىلىشنىڭ ئۇسۇلىنى ئۆگەتكەنكى، ئۆزىدە يوقنى باردىن بۇلاپ ئېلىشنى ئۆگەتمىگەن. شۇ سەۋەبتىن بىز قۇم بارخانلىرى ئىچىدىمۇ قىزىل گۈلدىن بوستانلارنى بېزىگەن. قاچاندىن بېرى ھاياتلىقنىڭ رىتىمىنى بايقىيالماي ئاچلىقتىن بىر-بىرىنى يېيىشكەن يەجۇجى-مەجۇجىلەر يۇرتىمىزغا كېلىپ، ئۆزلىرىنىڭ تەبىئەتنىڭ رىتىمىنى بۇزىدىغان ئۇسۇللىرىنى(مېتودىنى)، ھاياتلىقنىڭ رىتىمىنى بۇزىدىغان رىتىمى يوق ئۇسسۇلنى بىزگە تېڭىشقا باشلىغاندىن باشلاپ، ئۇيغۇرلارنىڭ ئۇسسۇل پەلسەپىسى يوقىلىشقا يۈزلەندى. بۇ پەلسەپىنى ئەجدادلىرىمىز گىرېك پەيلاسوپلىرىدەك كىتابلارغا پۈتمىگەن، ياكى ئىتالىيەلىكلەردەك ئىستىتىكلار بىلەن چېركاۋ تورۇسلىرىغا پەردازلاپ قالدۇرمىغان. بۇ ئۇسسۇل پەلسەپىسىنى ئەجدادلىرىمىز بىزنىڭ قان تومۇرلىرىمىزغا ھاياتلىقنىڭ رىتىمى بىلەن بىللە قوشۇپ قۇيۇۋەتكەن. ئويناۋاتقان ئۇسسۇلىمىزمۇ، قىلىۋاتقان ئىشىمىزنىڭ ئۇسۇلىنىمۇ بۇزۇۋاتقانلار كۆپىيىۋاتقان، پۈتۈن ھايات چىرىغىمىز بورانغا دۇچ كېلىۋاتقاندا، ئوينايدىغان ئۇسسۇلىمىزغا گۇمان بىلەن قارىماي، ئىش قىلىش ئۇسۇلىمىزنى زاماننىڭ رىتىمىغا تەڭكەش قىلىشىمىز كېرەك.

مەنبە: ئاچىنۇق خاتىرىلىرى achinuq.org

يازغۇچى ھەققىدە

ماقالە سانى : 49

ئاكادېمىيە ئورگان تورى ©

ئۈستىگە قايتىش