ئۇيغۇرچە    Uyghurche    Уйғурчә    Ortaq Türkçe   
  • 2018 - يىلى 25 - ئاۋغۇست ئىستانبۇلدىكى فاتىھ سۇلتان مەھمەت ۋەخپە ئۇنىۋېرسىتېتىدا «ئۇيغۇرلار دۇچ كېلىۋاتقان خىرىسلار ۋە ھەل قىلىش يوللىرى ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنى» ئۆتكۈزۈلىدۇ. ...
سىزنىڭ ئورنىڭىز: باشبەت » ئاكادېمىيە » پائالىيەت » «5-ئىيۇل ئۈرۈمچى قىرغىنچىلىقىنىڭ 9-يىلىدا شەرقىي تۈركىستان» مۇھاكىمە يىغىنى ئەنقەرەدە غەلبىلىك ئۆتكۈزۈلدى

«5-ئىيۇل ئۈرۈمچى قىرغىنچىلىقىنىڭ 9-يىلىدا شەرقىي تۈركىستان» مۇھاكىمە يىغىنى ئەنقەرەدە غەلبىلىك ئۆتكۈزۈلدى

2018-يىلى 7-ئىيۇل شەنبە سائەت 2:00’دە تۈركىيە ئىشچى – خىزمەتچىلەر ئويۇشمىسىدا، 5-ئىيۇل ئۈرۈمچى قىرغىنچىلىقىنىڭ 9-يىلى مۇناسىۋىتى بىلەن ئۇيغۇر تەتقىقات ئېنىستىتوتى بىلەن ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسىنىڭ ئويۇشتۇرۇشىدا ۋە دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى بىلەن شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلار مۇنبىرى ھەمكارلىقىدا ”5-ئىيۇل ئۈرۈمچى قىرغىنچىلىقىنىڭ 9-يىلىدا شەرقىي تۈركىستان“ مۇھاكىمە يىغىنى ئۆتكۈزۈلدى. يىغىنغا تەخمىنەن 150 ئەتراپىدا تۈركىيەلىك ۋە شەرقىي تۈركىستانلىق قېرىنداشلار قاتناشتى.

بۇ يىغىن ئۈرۈمچى ۋەقەسىدە ھاياتىدىن ئايرىلغانلارنىڭ روھىغا ئاتاپ قۇرئان تىلاۋەت قىلىش، تۈركىيە ۋە شەرقىي تۈركىستان ئىستىقلال مارشىنى ئوقۇش بىلەن باشلاندى. يىغىننىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىدا دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى دوكتور ئەركىن ئەكرەم، ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسى رەئىسى ئابدۇلھەمىد قاراخان ۋە شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلار مۇنبىرى مەسئۇلى ھىدايەت ئوغۇزخان قاتارلىق كىشىلەر ئېچىلىش نوتۇقى سۆزلىدى.

يىغىنغا سابىق مىللەت ۋەكىلى، ئەنقەرە ئۇنىۋېرسىتېتى ئوقۇتقۇچىسى پروفېسسور دوكتور ئورھان كاۋۇنجۇ رىياسەتچىلىك قىلدى.

د ئۇ ق مۇئاۋىن رەئىسى ئەركىن ئەكرەم ئەپەندى ئېچىلىش مۇراسىمىدا سۆزلەپ مۇنداق دېدى: «بۇنىڭدىن 9 يىل بۇرۇن ئۈرۈمچىدە بولغان بىر ۋەقەنى ئەسلەش ئۈچۈن بىر يەرگە جەم بولدۇق. بۇنىڭدەك ۋەقەلەر شەرقىي تۈركىستان تارىخىدا داۋاملىق يۈز بېرىپ كەلدى. شەرقىي تۈركىستان كۈرىشى 130 يىلدىن بۇيان داۋاملىشىۋاتىدۇ. 134 يىل مابەينىدە شەرقىي تۈركىستاننىڭ ھەر يېرىدە قان تۆكۈلگەن، شېھىتلارنىڭ قېنى بىلەن سۇغۇرۇلغان بۇ زېمىن ھازىر خىتاينىڭ ئىشغالى ئاستىدا. ھەر دەۋردە رەھبەرلەر چىقىپ خىتاينىڭ بويۇنتۇرۇقىدىن قۇتۇلۇشقا تىرىشقان بولسىمۇ، قۇتۇلالمىدى. بۈگۈنكى كۈندە بىز بۇ كۈرەشنى داۋاملاشتۇرۇۋاتىمىز. ئۈرۈمچى ۋەقەسىمۇ مانا مۇشۇ كۈرەشنىڭ داۋامى ھېسابلىنىدۇ. بۈگۈنكى يىغىنىمىزدا بۇندىن 9 يىل بۇرۇن يۈز بەرگەن بۇ ۋەقەنى مۇتەخەسسىسلەر ھەر جەھەتتىن تەھلىل قىلىپ ئۆتمەكچى».

ئارقىدىن ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسى رەئىسى ئابدۇلھەمىد قاراخان ئەپەندى سۆزلىگەن ئېچىلىش نۇتقىدا، ئۇيغۇرلار تارىختا مىسلى كۆرۈلمىگەن ئېغىر كۈنلەرنى باشتىن كەچۇرۋاتقانلىقىنى، ھەر ئىشنى ئىلمىي ئۇسلۇپتا ئېلىپ بېرىشنىىڭ مۇھىملىقىنى، بۈگۈنكى يىغىندا 5 مۇتەخەسسىسنىڭ ئۈرۈمچى قىرغىنچىلىقى توغرىسىدا ئېلىپ بارغان ئىلمىي تەتقىقاتىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ ئۆتىدىغان مۇھىم بىر يىغىن بولىدىغانلىقىنى تەكىتلىدى.

شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلار مۇنبىرى مەسئۇلى ھىدايەت ئوغۇزخان ئەپەندى «5-ئىيۇل ئۈرۈمچى قىرغىنچىلىقى» دىن كېيىن ئۇيغۇر ۋەزىيىتىنىڭ تېخىمۇ ئېغىرلىشىپ كەتكەنلىكىنى بايان قىلىپ مۇنداق دېدى: «2009-يىلى 5-ئىيۇل كۈنى يۈز بەرگەن قىرغىنچىلىقتىن كېيىن شەرقىي تۈركىستاندىكى كىشىلەرنىڭ ئەركىنلىككە، ھەق-ھوقۇققا ئېرىشىشى جەھەتتىن ھېچ قانداق ئىلگىرىلەش بولمىدى. ئۈرۈمچى ۋەقەسىدىن كېيىن كۆپ ساندا دوكلات تەييارلاپ مۇناسىۋەتلىك ئورگانلارغا بەردۇق، بۈگۈنكى ۋەزىيىتىمىز ھەممىگە مەلۇم، ئەپسۇسكى ھۆكۈمەتلەر تۈزۈك ئىنكاس قايتۇرمىدى. شۇڭا مەن تۈركىيە ھۆكۈمىتى، سىياسىي پارتىيەلەر ۋە ئاممىۋى تەشكىلاتلارنىڭ شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسىگە ئالاھىدە كۆڭۈل بۆلۈشىنى ئىلتىماس قىلىمەن.»

يېغىندا ھاجەتتەپە ئۇنىۋېرسىتېتى ئوقۇتقۇچىسى دوتسېنت دوكتور ئەركىن ئەكرەم «5-ئىيۇل ئۈرۈمچى قىرغىنچىلىقى ۋە خەلقئارا مۇناسىۋەتتىكى تەسىرى» دىگەن تېمىدا، ئەگە ئۇنىۋېرسىتېتى ئوقۇتقۇچىسى پروفېسسور دوكتور ئالىمجان ئىنايەت «5-ئىيۇل ئۈرۈمچى قىرغىنچىلىقىنىڭ سەۋەپلىرى» دىگەن تېمىدا، ئەنقەرە ئۇنىۋېرسىتېتى ئوقۇتقۇچىسى دوتسېنت دوكتور ئەركىن ئەمەت «5-ئىيۇل ئۈرۈمچى قىرغىنچىلىقىنىڭ قاراڭغۇ پەردە ئارقىسى ۋە شەرقىي تۈركىستان» دىگەن تېمىدا، ئىستانبۇل ئۇنىۋېرسىتېتى ئوقۇتقۇچىسى دوكتور ئۆمەر قۇل « 5-ئىيۇل ئۈرۈمچى قىرغىنچىلىقى ۋە چەتئەل دۆلەتلىرىنىڭ نارازىلىق ئىنكاسى» دىگەن تېمىدا ۋە غازى ئۇنىۋېرسىتېتى ئوقۇتقۇچىسى پروفېسسور دوكتور قونۇرئالپ ئەرجىلاسۇن «خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى تارىخنى بۇرمىلاش سىياسىتى»  دىگەن تېمىلاردا ئىلمىي دوكىلات بېرىپ ئۆتتى. يىغىندا خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارنى ئۇچۇق ئاشكارە يوق قىلىش سىياسىتى يۈرگۈزىۋاتقانلىقى، شۇنىڭ ئۈچۈن خىتاي ئۈرۈمچى قاتارلىق شەرقىي تۈركىستاننىڭ ھەر قايسى جايلىرىدا قىرغىنچىلىق يۈرگۈزگەنلىكى تەكىتلەندى. يىغىندا يەنە شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسى ھەل بولـماي تۇرۇپ خىتاينىڭ يىپەك يولى پىلانى ئەمەلگە ئاشمايدىغانلىقى تەكىتلەندى.

مۇتەخەسسىسلەر دوكلاتلىرىدا، 2009-يىلى 5-ئىيۇل كۈنى نۇرغۇنلىغان ئۇيغۇر ياشلىرى شۇ يىلى 6-ئاينىڭ 26-كۈنى گۇاڭدۇڭنىڭ شاۋگۈەن شەھىرىدە تاياق يەپ ئۆلۈپ كەتكەن ئۇيغۇر ئىشچىلار ئۈچۈن ئادالەت تەلەپ قىلىپ تىنچلىق بىلەن نامايىش قىلغانلىقىنى، ئەمما نامايىش ساقچىلارنىڭ قاتتىق باستۇرۇشىغا ئۇچرىغاندىن كېيىن توقۇنۇشقا ئايلىنىپ كەتكەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويدى. ئۇلار دوكلاتلىرىدا، خىتاي دائىرىلىرى ئۆز قولىدىكى ھۆكۈمەت تاراتقۇلىرىغا تايىنىپ ۋەقەدە ئۆلگەنلەرنىڭ سانىنىڭ 200 ئەتراپىدا ئىكەنلىكىنى، بۇلارنىڭ مۇتلەق كۆپ قىسمىنىڭ خىتايلار ئىكەنلىكىنى جاكارلىغانلىقىنى، ھالبۇكى، دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى ۋە باشقا خەلقئارالىق تەشكىلاتلار خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ۋەقەدىن كېيىنكى ئۇيغۇرلار كۆپ ئولتۇراقلاشقان مەھەللىلەرگە قاراتقان باستۇرۇش، تازىلاش ھەرىكىتىدە مىڭلىغان ئۇيغۇرنىڭ ئۆلگەنلىكى ۋە ئىز-دېرەكسىز غايىب بولغانلارنىڭ سانىنىڭمۇ كۆپ ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرۈۋاتقانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

يىغىن ئاخىرىدا، دوكىلات سۇنغان تەتقىقاتچىلارغا تەشەككۈرنامە بېرىلگەندىن كېيىن، يىغىن ئەھلى چاي – قەھۋەگە دەۋەت قىلىندى. بۇ يىغىنغا كۆپلىگەن ئۇيغۇر ۋە تۈرك ئوقۇغۇچىلار ئىشتىراك قىلغان بولۇپ، ئۇيغۇرلارنىڭ نۆۋەتتىكى ئېغىر ۋەزىيىتى چاي – قەھۋە زىياپىتىدىمۇ مۇھاكىمە قىلىندى.

يازغۇچى ھەققىدە

ماقالە سانى : 49

ئاكادېمىيە ئورگان تورى ©

ئۈستىگە قايتىش