ئۇيغۇرچە    Uyghurche    Уйғурчә   
  • 2018 - يىلى 27 - ئۆكتەبىر يەكشەنبە كۈنى سائەت 2:00 دە ئىستانبۇلدا «خىتاينىڭ جازا لاگىرلىرىدىكى شەرقىي تۈركىستانلىقلارنىڭ ئاقىۋىتى مۇھاكىمە يىغىنى» ئۆتكۈزۈلدى. ...
سىزنىڭ ئورنىڭىز: باشبەت » پايدىلىق ئۇچۇرلار » پەلسەپە ۋە بىزنىڭ دەۋرىمىز

پەلسەپە ۋە بىزنىڭ دەۋرىمىز

فۇدەن ئۇنىۋېرسىتېتى پەلسەپە’ئىنىستىتۇتىنىڭ پروفېسسورى ۋۇ شياۋمىڭنىڭ جوڭشەن ئۇنىۋېرسىتېتىدا سۆزلىگەن نۇتۇقى

تەرجىمە قىلىپ تەييارلىغۇچى: مەمتىمىن ئوبۇل

ھۆرمەتلىك ئوقۇتقۇچى-ئۇستازلار، ساۋاقداشلار، ياخشىمۇ سىلەر! بۈگۈن جوڭشەن ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ پەلسەپە ئىنىستىتۇتىغا كېلىپ نۇتۇق سۆزلىگىنىمدىن تولىمۇ شەرەپ ھېس قىلىمەن. جوڭشەن ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ پەلسەپە ئىنىستىتۇتى مېنى ئىنتايىن قايىل قىلىدىغان ئىنىستىتۇتلارنىڭ بىرى، بۇ ئىنىستىتۇت دۆلىتىمىزدىكى ئەڭ ياخشى پەلسەپە ئىنىستىتۇتلىرىنىڭ بىرى. لى خوڭلېي مۇدىرنىڭ مېنى بۇ قېتىمقى «پەلسەپە ئېيى»پا’ئالىيىتىگە قاتنىشىشقا تەكلىپ قىلغىنىغا شۇنداقلا ماڭا ئېچىلىش سۆزى قىلىشقا پۇرسەت بەرگىنىگە تەشەككۇر.

بۈگۈن مەن سۆزلىمەكچى بولغان نۇتۇقنىڭ تېمىسى بولسا «پەلسەپە ۋە بىزنىڭ دەۋرىمىز». بۇ قېتىمقى نۇتۇقنىڭ ئاساسىي ئىدىيەسى مۇنداق: پەلسەپە بولسا تەپەككۇرنىڭ ئىشى، تەپەككۇر قىلىش بولسا نۆ’ئەتتىكى جىددىي ئىش. كۆپچىلىك بەلكىم ھەيران قىلىشىڭلار مۇمكىن، تەپەككۇر قىلىش قانداق بولۇپ نۆۋەتتىكى جىددىي ئىش بولسۇن؟ چۈنكى، بىزنىڭ تەپەككۇرىمىز دا’ئىملا توختاپ قالىدۇ. 1818-يىلى، بېرلىن ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئوقۇش باشلاش مۇراسىمىدا گېگېل مۇنداق دېگەن ئىدى: «گېرمان مىللىتى نۇرغۇنلىغان جاپا-مۇشەققەتلەرنى بېشىدىن ئۆتكۈزگەندىن كېيىن، ئۇلار ئالدى بىلەن رې’ئال تۇرمۇشىنى قايتا گۈل-لەندۈرۈشكە تۇتۇش قىلدى. بۇ’ئىشلارنىڭ ھەممىسى ئېزىغا چۈشكەندىن كېيىن، تەپەككۇرنىڭ ئىشى قايتىدىن باشلىنىپ، ئۆزىنىڭ ئەسلىدىكى ئورنىغا قايتىدۇ. ۋاھالەنكى، گېرمان مىللىتىنىڭ گۈللىنىشى ئۇنىڭ تەپەككۇردا قانچىلىك ئېگىزلىككە يېتەلىشىگە باغلىق. » مەن ئويلايمەن، بىز جۇڭخۇ’ئا مىللەتلىرى 60 يىللىق تەرەققىياتنى باشتىن كەچۈرۈش جەريانىدا، بولۇپمۇ يېقىنقى 30يىللىق تېز سۈرەتلىك تەرەققىياتنى باشتىن كەچۈرۈش جەريانىدا، چەتەلنىڭ خىلمۇ خىل نەزەرىيەسىنى ۋە ئىدىيەسىنى، كۆز قاراشلىرىنى ئۆگەندۇق، بىر دوستۇمنىڭ سۆزى بويىچە’ئېيتقاندا، بىز 30 يىل جان تىكىپ ئۆزىمىزنى تولۇقلىدۇق. بىراق مېنىڭ قارىشىمچە، ئەمدى بىز ھازىردىن باشلاپ تەپەككۇردىن ئىبارەت بۇ مۇھىم ۋەزىپىنى ئوتتۇرىغا قويۇشىمىز كېرەك. 20-ئەسىرنىڭ ئوتتۇرىلىرىدا، ھايدىگېر مۇنداق دېگەن ئىدى: «تەپەككۇرنىڭ ئىشى بەك ئۇزۇن تاشلىنىپ قالدى. تەپەككۇر ئۆزىنىڭ ئەڭ قەيسەر دۈشمىنىنىڭ ئەقىل ئىكەنلىكىنى بايقىغان چېغىدىلا، ئاندىن قايتىدىن يولغا چىقالايدۇ.» مېنىڭچە، يېقىنقى يىللاردىن بۇيانقى تەرەققىياتتىن كېيىن، تەپەككۇرنىڭ ۋەزىپىسى ئوتتۇرىغا قويۇلۇشى، يەنە كېلىپ ئىنتايىن قەتىيلىك بىلەن ئوتتۇرىغا قويۇلۇشى كېرەك.

ئېھتىمال بەزى ساۋاقداشلار «مەن كۈندە تەپەككۇر قىلىۋاتىمەن» دەپ ئويلىشى مۇمكىن، بۇنى تەپەككۇر قىلىش دېگىلى بولمايدۇ. كوڭزى «ئۆگىنىشلا قىلىپ تەپەككۇر قىلمىسا يولىنى تاپالماي قايمۇقۇپ قالىدۇ، تەپەككۇرلا قىلىپ ئۆگىنىش قىلمىسا كاللىسى قوچۇلۇپ ھېچنېمىگە ئېرىشەلمەيدۇ»دېگەن ئىدى. يېقىنقى 30 يىلدىن بۇيان بىز دەرۋەقە نۇرغۇن نەرسىلەرنى ئۆگەندۇق، بىراق بىز ھەقىقىي تۈردە تەپەككۇر قىلىشنى باشلىدۇق دېيەلمەيمىز. بور ئۆزىنىڭ ئوقۇغۇچىسىنىڭ ئالدىراشلا يۈرىدىغانلىقىنى، ھەر كۈنى ئۇخلاپ قوپۇپلا يا كۇتۇپخانىغا، يا تەجرىبىخانىغا يۈگىرەيدىغانلىقىنى كۆرۈپ، ئوقۇغۇچىسىغا: «سەن كۈندە مۇشۇنداق ئالدىراش يۈرىدىكەنسەن، ئۇنداقتا سەن زادى قايسى ۋاقىتتا تەپەككۇر قىلىسەن؟» دېگەن ئىكەن. مېنىڭچە تەپەككۇر قىلىش ئىنتايىن مۇھىم، دەۋرىمىزدە تەپەككۇرنىڭ ۋەزىپىسى چوقۇم ئىنتايىن قەتىيلىك بىلەن ئوتتۇرىغا قويۇلۇشى كېرەك.

ساۋاقداشلار سورىشى مۇمكىن: تەپەككۇر دېگەن نېمە؟ مېنىڭچە تەپەككۇرنىڭ بىزگە نىسبەتەن كەم دېگەندە مۇنداق ئىككى تۈرلۈك ئۆلچىمى بار: بىرىنچىسى، رې’ئاللىققا چۆككەن بولۇشى كېرەك، چۈنكى تەپەككۇرنىڭ ۋەزىپىسى ھامان رې’ئاللىققا چۆكۈشنى نىشان قىلىدۇ؛ ئىككىنچىسى، ئۆز ئىشىغا ئۆزى قارار چىقىرىش كېرەك. شوپېنخاۋېر ئىلگىرى «ئەگەر سىز باشقىلارنىڭلا كىتابىنى ئوقىۋىرىپ، ئۆزىڭىزتەپەككۇر قىلمىسىڭىز، ئۇنداقتا سىزنىڭ بۇ كاللىڭىز باشقىلارنىڭ تەپەككۇرىنىڭ بەيگەمەيدانىغا ئايلىنىپ قالىدۇ» دېگەنىدى. بىزدىكى قەدىمكىلەرمۇ شۇنىڭغا ئوخشاپ كېتىدىغان سۆزلەرنى قىلغان: «كىتابقا قارىغۇلارچە ئىشىنىۋەرگەندىن كۆرە، كىتابنى كېرەك قىلمىغانمۇ ياخشى.» شۇڭلاشقا مەن دەيمەن، بىز تەرەققىيات جەريانىدانۇرغۇنلىغان نەرسىلەرنى ئۆگەڭەندىن كېيىن، تەپەككۇرنىڭ ۋەزىپىسىنى ئېنىق قىلىپ ئوتتۇرىغا قويمىساق بولمايدۇ. پەلسەپە تەپەككۇرنىڭ ئىشى، تەپەككۇر قىلىش بولسا نۆ’ئەتتىكى جىددى ئىش. 2008-،2009-يىللاردىكى بىر قاتار زور ۋەقەلەرنى بېشىمىزدىن ئۆتكۈزگەندىن كېيىن، بىز چوقۇم ناھايىتى ئېنىق، ناھايىتى قەتىي يوسۇنداتەپەككۇردىن ئىبارەت بۇ ۋەزىپىنى ئوتتۇرىغا قويۇشىمىز كېرەك. تەپەككۇرنىڭ تەلىپى بولسا رې’ئاللىققا چۆكۈش ھەمدە ئۆز ئىشىغا ئۆزى بىر نېمە دېيىش.

بەلكىم بەزى ساۋاقداشلار «پەلسەپە دېگەن بۇ نەرسە بەك سىرلىق، چۈشىنىپ بولغىلى بولمايدۇ، پەلسەپە رې’ئاللىقتىن بەك يېراق» دەپ ئويلىشى مۇمكىن. ھالبۇكى مەن بۈگۈن «پەلسەپە ۋە بىزنىڭ دەۋرىمىز» دېگەن تېمىدا نۇتۇق سۆزلەۋاتىمەن. ئەمەلىيەتتە، پەلسەپە بىلەن دەۋرىمىزنىڭ مۇناسىۋىتى تولىمۇ زىچ. بىز بىلىدىغان نۇرغۇن پەيلاسوپلار قارىماققا دا’ئىم پىكىرىي تەپەككۇر ئارىسىدىلا ياشايدىغاندەك، ھەر ۋاقىت تەنھا ھالەتتە تەپەككۇر قىلىدىغاندەكلا كۆرۈنىدۇ. بۇ بىزگە ناھايىتى تونۇش، بۇ توغرىسىدا بىز نۇرغۇن ھېكايىلەرنى بىلىمىز. مەسىلەن سوقرات، ئۇ ئاجايىپ چوڭقۇر سۈكۈناتتىكى بىر پەيلاسوپ؛ دېكارتمۇ شۇنداق، ئۇمۇ يىگانە ھالەتتە چوڭقۇر تەپەككۇر قىلىدۇ، يەنە كېلىپ ئۇلارنىڭ سۈكۈناتقا قويىدىغان تەلىپىمۇ ئوخشىمايدۇ. سوقرات قەھرىتان سوغۇقتا تەپەككۇر قىلىدۇ، ئۇ دا’ئىم كېچە-كېچىلەپ مۇزلۇقتا جىم تۇرۇپ تەپەككۇر قىلىدۇ. دېكارت سوقراتقا ئوخشىمايدۇ، ئۇ چوقۇم ئىنتايىن ئىسسىق بولغان ئۆينىڭ ئىچىدە يوتقانغا يۆگىنىپ ئولتۇرۇپ تەپەككۇر قىلىشى كېرەك. شۇڭا دېكارت«مەشنىڭ ئىچىدە تەپەككۇر قىلىدۇ» دەپ خاتىرىلەڭەن ئىدى. كېيىن ئەڭىلىيە پەيلاسوپى بېتراند رۇسسېل مۇشۇ توغرىسىدا مەخسۇس تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىپ، ئاتالمىش«مەش»نىڭ ئەمەلىيەتتە گوللاندىيەچە بىر خىل ئىسسىق ئۆي ئىكەنلىكىنى دەلىللىدى. بىز پەيلاسوپلارنى رې’ئاللىقتىن ئايرىلغان ھالەتتە تەپەككۇر قىلىدۇ دەپ ئويلاپ قالىمىز،بىراق بۇ توغرىسىدا گېگېل ئىنتايىن توغرا گەپتىن بىرنى قىلغان: «ھەقىقىي پەلسەپەچوقۇم دەۋر روھىنىڭ جەۋھىرى. پەلسەپە پەقەتلا تەپەككۇردا ئىگەل-لەڭەن دەۋر خالاس.» پەيلاسوپلار ئەمەلىيەتتە بولسا رې’ئاللىققا ئەڭ يېقىنلاشقان بىر توپ كىشىلەردۇر. ئەلۋەتتە بىز بۇ يەردە ھەقىقىي پەيلاسوپلارنى دەۋاتىمىز. مەسىلەن دېكارتنى ئالايلى، ئۇنىڭ سۈكۈناتتا تەپەككۇر قىلىپ يۈرۈپ ئېرىشكەن تۇنجى ھۆكۈمى بولسا «مەن تەپەككۇر قىلىمەن، شۇڭا مەن مەۋجۇت» بولدى، دېكارت بۇنى پەلسەپىدىكى بىرىنچى پرىنسىپ، بىردىنبىر شۇنداقلا ئەڭ ئىشەنچلىك پرىنسىپ دەپ ئاتىدى. بۇ پرىنسىپ نېمەدېمەكچى؟ بۇ تۈردىكى گەپلەر ھازىر بەكلا مودا بولۇپ كەتتى، ئېلان ئىشلەيدىغانلار بۇ ئىبارىنى ئۆزگەرتىپ، ئۆي مۈلۈك سودىسى قىلىدىغانلار «مەن ئۆيدە تۇرىمەن، شۇڭامەن مەۋجۇت» دېسە، مۇزىكا ئىشلەيدىغانلار «مەن ئاڭلايمەن، شۇڭا مەن مەۋجۇت» دەپ يۈردى. دېكارت بولسا «مەن تەپەككۇر قىلىمەن، شۇڭا مەن مەۋجۇت» دېدى. ئەلۋەتتە بۇ پرىنسىپنى ئىنتايىن پەلسەپىلەشتۈرۈپ چۈشەندۈرۈشكە بولىدۇ. بىراق بىز شۇنى بىلىمىزكى، ئوتتۇرا ئەسىردىكى ئۇزۇنغا سوزۇلغان قاراڭغۇلۇقنى باشتىن كەچۈرگەندىن كېيىن، ئۆزىنىڭ مۇشۇنداق بىر ھۆكۈمى ئارقىلىق ئەركىن ئەقلىي تەپەككۇرنىڭ مۇستەقىللىق خىتابنامىسىنى تۇنجى بولۇپ جاكارلىغىنى دېكارت بولدى. ئوتتۇرا ئەسىرنىڭ پرىنسىپى بولسا «ئىنجىل» ئىدى، دىننىڭ نوپۇزى ئىدى، بىراق دېكارت ئەقلىي تەپەككۇرنىڭ ئەڭ ئالىي نوپۇزى بارلىقىنى تۇنجى بولۇپ جاكارلىدى، يېقىنقى زامان غەرب پەلسەپىسى ئەنە شۇنىڭدىن باشلاندى. ئۇ ھاسىل قىلغان پۈتمەس-تۈگىمەس مەدەنىيەت نەتىجىلىرىدىن بىز ھازىرغىچە بەھىرلىنىۋاتىمىز. بىز دېكارتنىڭ پەلسەپىسىنى دەۋردىن يېراقلاپ كەتكەن دېيەلەمدۇق؟ ئۇ پەقەت «مەش»نىڭلا ئىچىدە تەپەككۇر قىلدىمۇ؟ ئۇنداق ئەمەس. مەن مىسال ئالماقچى بولغان يەنە بىر پەيلاسوپ بولسا كانت. قارىماققا ئۇنىڭ پەلسەپىسىنى ئوقۇش ھەممىدىن تەس، ھەتتا گېگېلنىڭكىدىنمۇ تەس. ئەلۋەتتە گېرمانلار پەلسەپىگە تولىمۇ ئەھمىيەت بېرىدىغان بىر مىللەت، «ساپ ئەقىلگە تەنقىد» نەشىردىن چىققاندىن كېيىن، ھەتتا خېنىملارنىڭ ھۇجرىسىدىنمۇ «ساپ ئەقىلگە تەنقىد»تىن بىرەرپارچە تاپقىلى بولاتتى، ئۇلارنىڭ بۇ كىتابنى ئوقۇشى ناتايىن ئەلۋەتتە. كانتنىڭ كىتابى تەسلىكتە ئۇچىغا چىققان. ئۇ «ساپ ئەقىلگە تەنقىد» دېگەن بۇ كىتابتا زادى نېمە سۆزلەيدۇ؟ دەۋر بىلەن زادى ئالاقىسى بارمۇ يوق؟ ئەگەر بىز ئەينى چاغدا’ئەڭىلىيە تەجرىبىچىلىكى، بولۇپمۇ ھيۇمنىڭ شۈبھىچىلىكىنىڭ تەرەققىي قىلىپ چېكىگە يېتىپ، پۈتكۈل ئىنسانىيەت بىلىش سىستېمىسىنىڭ ئۇلىنى لېڭشىتىپ، ئۇنى گۇمراق قىلاي دېگەندە، كىشىلەرنىڭ ئەقىل-ئىدراكقا بولغان ئىشەنچىسى تەجرىبىچىلىكنىڭ پرىنسىپى تەرىپىدىن يەرگە ئۇرۇلاي دېگەندە، كانتنىڭ ئوتتۇرىغا چىقىپ بىر قېتىملىق قۇتقۇزۇش ھەرىكىتى ئېلىپ بارغانلىقىنى، بۇ خىل قۇتقۇزۇش ھەرىكىتىنىڭ بۈگۈنكى زامان مەدەنىيىتىنىڭ ئەڭ مۇھىم ئاساسلىرىدىن بىرى ئىكەنلىكىنى ئويلاپ يېتەلىسەك، ئۇنداقتا بىز كانتنىڭ پەلسەپىسىنى رې’ئاللىق بىلەن ھېچقانداق ئالاقىسى يوق دېيەلەيمىزمۇ؟ دېيەلمەيمىزغۇ دەيمەن، بۇنداق دېيەلمەيمىز.

شۇڭا مەن دەيمەن، پەلسەپە بولسا تەپەككۇرنىڭ ئىشى، تەپەككۇر قىلىش بولسا نۆۋەتتىكى جىددىي ھەم مۇھىم بىر ۋەزىپە، ئۇ بىزنىڭ دەۋرىمىزگە زىچ ئالاقىدار، زامانىمىزدىكى جۇڭگوغا زىچ ئالاقىدار. چۈنكى تەپەككۇرنىڭ ئىشى باشلىنىشى كېرەك. بۈگۈن بىز تەپەككۇرنىڭ ئىشىنى، پەلسەپىنى سۆزلەۋاتىمىز،چۈنكى دەۋرىمىز بىزگە بۇ تەلەپنى قويدى. بۇ بىز جۇڭخۇ’ئا مىللەتلىرىنىڭ قايتا گۈللىنىش يولىدىكى ئىنتايىن مۇھىم بولغان بىر بۇرۇلۇش نۇقتىسى بولۇپ، بۇ نۇقتا دەل تەپەككۇرنىڭ باشلىنىش ۋاقتى. تەپەككۇر باشلانغاندا، يەنە شۇنى تەكرارلايمەنكى، تەپەككۇر چوقۇم رې’ئاللىققا چۆكۈشى ھەم «ئۆز باش» بولۇشى كېرەك.

«ئۆز ئىشىغا ئۆزى ئىگە بولۇش» دېگەن گەپنى لۇ شياڭ شەن تۇنجى بولۇپوتتۇرىغا قويغان. ئۇ «روھنى ئىچىگە قارىتىپ، ئۆز ئىشىغا ئۆزى ئىگە بولۇش» دېگەن ئىدى. مەن ئوتتۇرىغا قويغان ئىككى تۈرلۈك پرىنسىپ چوقۇم بىر-بىرى بىلەن زىچ باغلاشتۇرۇلۇشى كېرەك، «ئۆز ئىشىغا ئۆزى ئىگە بولۇش» ھەرگىزمۇ خالىغانچە قالايمىقان تەپەككۇر قىلىش، نېمىنى ئويلىغۇسى كەلسە شۇنى ئويلاش دېگەنلىك ئەمەس، تەپەككۇر چوقۇم رې’ئاللىققا چۆكۈشنى ئۆزىنىڭ ئالدىنقى شەرتى قىلىشى كېرەك.

يۇقىرىدا مەن بۈگۈنكى لېكسىيەمنى سۆزلەشتىكى مۇددى’ئايىمنى ئالاھەزەل سۆزلەپ ئۆتتۈم. تۆۋەندە، مەن مۇنداق ئۈچ نۇقتا بويىچە مۇلاھىزە ئېلىپ بارماقچى: بىرىنچى، پەلسەپە ۋە تەنقىد مېتودى؛ ئىككىنچى، ئىجتىما’ئىي رې’ئاللىققا چۆكۈش؛ ئۈچىنچى، جۇڭخۇ’ئا مىللەتلىرىنىڭ قايتا گۈللىنىش يولى.

1. پەلسەپە ۋە تەنقىد مېتودى

ئالدى بىلەن مەن پەلسەپە ۋە تەنقىد مېتودى توغرىسىدا سۆزلەيمەن. مېنىڭچە، زامانىمىزدىكى تەپەككۇر ئىشلىرىغا نىسبەتەن ئەڭ مۇھىم بولغىنى تەنقىدىي مېتود ئارقىلىق ھازىرقى جۇڭگونىڭ ئىجتىما’ئىي رې’ئاللىقىغا ھەقىقىي چۆكۈش. «پەلسەپە» دېگەن سۆزنىڭ مەنىسىنى ھەممەيلەن بىلىمىز. ئۇنىڭ ئەڭ ئىپتىدا’ئىي مەنىسى بولسا «پاراسەتنى سۆيۈش». پھىلوسوپھىئا دېگەن سۆزدىكى پھىلو «سۆيۈش»نى، سوپھىئا «پاراسەت»نى ئىپادىلەيدۇ. بىز «سوفىيەنىڭ دۇنياسى» ناملىق بىر كىتابنى بىلىمىز، بۇ كىتابتا پەلسەپىنىڭ ھېكايىسى سۆزلىنىدۇ. فۇدەن ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ سىلەرنىڭكىدەك «پەلسەپە ئېيى» يوق، بىراق بىزنىڭ پەلسەپە ئىنىستىتۇتىمىزنىڭ «سوفىيە بايرىمى» بار. پەلسەپىنىڭ بۇ يەردىكى مەنىسى ئۇنىڭ ئەڭ قەدىمىي، ئەڭ ئىپتىدا’ئىي مەنىسى، يەنى «پاراسەتنى سۆيۈش». ئۇنداقتا «پاراسەت» زادى نېمە دېگەن گەپ؟ ھازىر بىزنىڭ بۇ سۆزنى چۈشىنىشىمىز بىر قەدەر تەس. ھازىر بىزدە«ئەقىل بۆلۈنمىسى» دەيدىغان بىر نەرسە بار. ئېيتىشلارغا قارىغاندا كىچىك بۇشنىڭ ئەقىل بۆلۈنمىسى ناھايىتى تۆۋەنكەن، 80 گىمۇ بارمايدىكەن. ئۆلچەملىك ئەقىل بۆلۈنمىسى 100، مېنىڭچە ئولتۇرغان ساۋاقداشلارنىڭ كۆپىنچىسىنىڭ ئەقىل بۆلۈنمىسى130 دىن تۆۋەن ئەمەس. بىراق بۇ يەردىكى ئەقىل بۆلۈنمىسى بىلەن پەلسەپىدە ئېيتىلغان پاراسەت ئىككىسى بىر نەرسە ئەمەس. پەلسەپىنىڭ ئەڭ دەسلەپكى مەنىسى بولغان«پاراسەتنى سۆيۈش» ئالاھەزەل گېرمان پەيلاسوپى كارل ياسپېرس ئېيتقان «ئوق مەركە دەۋرى»دىكى ئەڭ ئاساسلىق بىر قانچە خىل مەدەنىيەت ئۆزى بىلەن دۇنيانىڭ مۇناسىۋىتىنى بىر تەرەپ قىلغاندا بېكىتكەن ئەڭ دەسلەپكى، ئەڭ ئىپتىدا’ئىي ھەم ئاجايىپ چوڭقۇر بولغان پرىنسىپلارنى كۆرسىتىدۇ. بۇ پىرىنسىپلارنى بىز تا بۈگۈڭە قەدەر ئىشلىتىپ كېلىۋاتىمىز. ئىنسانىيەت ئۆزىنىڭ تەرەققىيات مۇساپىسىدا دا’ئىم بەزىبىر ئېغىر سىناقلارغا دۇچ كېلىدۇ، بەزى سىناق ھەتتا ئۇلارغا جەڭ ئېلان قىلىدۇ. مانا مۇشۇنداق چاغلاردا، ئىنسانلار ھامان ئاشۇ ئەڭ ئىپتىدا’ئىي پاراسەتتىن روھىي قۇۋۋەت ئىستەيدۇ. شۇڭلاشقا، چەتەلدىكى نۇرغۇن ئۇنىۋېرسىتېتلارنىڭ كلاسسىكشۇناسلىق فاكۇلتىتى بار، جۇڭگودا يوق، بىراق بىزنىڭ پەلسەپە فاكۇلتىتى ۋە ئادىمىيەت پەنلىرى فاكۇلتىتىدا مۇشۇنىڭغا ئوخشاپ كېتىدىغان كەسىپلەر بار. غەرب پەلسەپىسىنى چۈشىنىش ئۈچۈن چوقۇم ئەپلاتون ۋە ئارىستوتېلنىڭ پەلسەپىنى ئوقۇشىمىز زۆرۈر بولغىنىغا ئوخشاش، جۇڭخۇ’ئامىللەتلىرى بۈگۈنكى جۇڭگونىڭ مەسىلىلىرىنى تەپەككۇر قىلىش، قىيىنچىلىقلارنى ھەل قىلىش ئۈچۈن، يەنىلا ئاشۇ ئىپتىدا’ئىي پاراسەت بىلەن مۇناسىۋەتلىنىشى زۆرۈر. بىراق بۇ پاراسەت بىز بۈگۈنكى دەۋردە سۆزلەيدىغان بىلىمگە تۈپتىن ئوخشىمايدۇ.

بەلكىم كۆپچىلىك «گراف مونتې كرىستو» ناملىق كىنونى كۆرگەن بولۇشى مۇمكىن. فىلىمدە مۇنداق بىر ۋەقەلىك بار: باش قەھرىمان ئېدموند دانتېس زىيانكەشلىككە’ئۇچراپ زىندانغا تاشىلىنىدۇ، ئۇ ئۆزىنىڭ نېمە سەۋەبتىن قامالغانلىقىنى بىلمەيدۇ.زىنداندا ئۇ بىر دانىشمەڭە، يەنى فارىيا ئاقساقالغا يولۇقىدۇ، فارىيا ئاقسال دانتېسقا خىلمۇ-خىل بىلىملەرنى، كلاسسىك تىللارنى ئۆگىتىدۇ. دانتېس ئىنتايىن تىرىشچانلىق بىلەن ئۆگىنىدۇ، ھەم ناھايىتى تېزلا ئۆگىنىۋالىدۇ. پەرىزىمچە ئۇنىڭ ئەقىل بۆلۈنمىسى 140 نىڭ يۇقىرىسىدا. بىر كۈنى ئاقساقال ئۇنىڭدىن، «سەن ئويلاپ باققىن، زادى كىم ساڭا زىيانكەشلىك قىلىپ سېنى بۇ ھالغا چۈشۈرۈپ قويدى؟» دەپ سورايدۇ. دانتېس «مەنمۇ ئويلاپ يېتەلمىدىم» دەپ جاۋاب بېرىدۇ. ئاقساقال ئۇنىڭغا شۇنداق دەيدۇ: «ئەمەلىيەتتە بۇ ئىش تولىمۇ ئاددىي: زادى كىمنىڭ ساڭا زىيانكەشلىك قىلىش ئارقىلىق ئېرىشكەن پايدىسى ئەڭ كۆپ؟» دانتېسنىڭ كاللىسى شۇ’ئان ۋاللىدە’ئېچىلىپ كېتىدۇ، شۇ چاغدا فارىيا ئاقساقال ئىنتايىن مەشھۇر سۆزدىن بىرنى قىلىدۇ :«بىلىملىك بولۇش پاراسەتلىك بولغانغا تەڭ ئەمەس.» شۇڭا، پەلسەپەنىڭ مەنىسى پاراسەتنى سۆيۈش بولۇپ، گەرچە بۇ يەردىكى پاراسەت بىزدىن تولىمۇ يېراقتا بولسىمۇ، بىراق ئۇ يەنىلا پەلسەپىۋى تەپەككۇرنىڭ باشلىنىش نۇقتىسى ۋە ئاخىرقى مەقسىتى. بىزدا’ئىم مۇشۇ خىلدىكى پاراسەتكە قايتىپ، مەسىلىنى ھەل قىلىشنىڭ چارىسىنى ئىزدەيمىز.
پەلسەپىنىڭ يەنە بىر خىل ئاساسلىق ئىپادىلىنىش شەكىلى بولسا مېتافىزىكا. غەربتە، تەخمىنەن ئەپلاتوندىن تارتىپ گېگىلگىچە بولغان بۇ جەرياندىكى پەلسەپىنى بىز «مېتافىزىكا»، يەنى ئەپلاتونىزم دەپ قارىساق بولىدۇ. بۇ خىل پەلسەپە دۇنيانى ھېسسىي دۇنيا ۋە ھېسسىيلىقتىن ھالقىغان دۇنيا دەپ ئىككىگە ئايرىدى، ھەمدە ھېسسىيلىقتىن ھالقىغان دۇنيانى ئەۋزەللىككە شۇنداقلا ئىدارە قىلىش كۈچىگە ئىگە دەپ قارىدى. پەلسەپە تارىخىدا ناھايىتى مەشھۇر بىر ھېكايە بار. كۆپچىلىك يۇنان پەيلاسوپى دىموكرېتنى بىلىسىلەر. ئۇ بىرگىگانت پەيلاسوپ بولۇپلا قالماستىن، يەنە تېخى بۈيۈك تەبىي پەنچى. دېموكرېت بىلەن سوقرات ۋە ئەپلاتونلار ئاساسەن زامانداشلاردىن ھېسابلىنىدىغان بولۇپ، بۇ دەۋر يۇنان مېتافىزىكىسى باش كۆتۈرۈۋاتقان ۋە گۈللىنىۋاتقان دەۋرگە توغرا كېلىدۇ. بىر تەرەپتىن، دېموكرېت پەلسەپىۋى تەپەككۇر يۈرگۈزىدۇ، ئۇ ھېسسيلىقتىن ھالقىغان دۇنيانى ھەقىقىي چىنلىققا ئىگە دەپ قارايدۇ؛ بىراق يەنە بىر تەرەپتىن، دېموكرىت بىر تەبىي پەن ئالىمى بولۇش سۈپىتى بىلەن، تەجرىبىۋى ھادىسە، يەنى ھېسسىي ھادىسە ئىنسانىيەت ئۈچۈن مۇھىم ئەھمىيەتكە ۋە زور قىممەتكە ئىگە دەپ قارايدۇ. شۇنىڭ بىلەن ئۇ چوڭقۇر زىددىيەتكەپېتىپ قالىدۇ. ھازىرقى بىزلەر ئۇ زامانلاردىكى يۇنانلىقلار بېشىدىن ئۆتكۈزگەن بۇزىددىيەتنىڭ نەقەدەر ئۆتكۈرلۈكىنى تەسەۋۋۇر قىلالمايمىز. ئىدىيەدىكى بۇ خىل زىددىيەت ۋە توقۇنۇش شۇ قەدەر شىددەتلىك بولدىكى، ئاخىرى بىر كۈنى دىموكرېت ئۆزىنىڭ كۆزىنى قارىغۇ قىلىۋەتتى. ئۇ نېمىشقا ئۆزىنىڭ كۆزىنى قارىغۇ قىلىۋېتىدۇ؟ چۈنكى ئۇنىڭ تەپەككۇرىدا، پەقەت مۇشۇنداق قىلغاندىلا، ئۇنىڭ قەلىب كۆزى شەيىلەرنىڭ ماھىيەتلىك ھەقىقىتىنى تېخىمۇ چوڭقۇر ۋە روشەن كۆرەلەيتتى. ئاڭلىماققا تولىمۇ ئېچىنىشلىق بولغان بۇ ھېكايە دەل پەلسەپىنىڭ، مېتافىزىكىنىڭ ھېكايىسى. بۇ يەردە دېيىلگىنى: دۇنيا ھېسسىي دۇنيا ۋە ھېسسىيلىقتىن ھالقىغان دۇنيا دەپ ئىككىگە’ئايرىلغان، ھېسسىيلىقتىن ھالقىغان دۇنيا ئەۋزەللىككە ۋە چىنلىققا ئىگە. ئاددىيلاشتۇرۇپ ئېيتساق، بارلىق ھېسسىي ھادىسىلەرنىڭ ھەممىسى يۈزەكى نەرسىلەر، بۇھېسسىي ھادىسىلەرنىڭ ئارقىسىدا ھېسسىيلىقتىن ھالقىغان چىن دۇنيا بار بولۇپ، بۇ خىل دۇنيا بولسا ھەقىقەت دۇنياسى.

ئەلۋەتتە بىزنىڭ جۇڭگو پەلسەپىسى بۇنىڭغا ئوخشىمايدۇ، جۇڭگو پەلسەپىسىمۇ «(شەكىلسىز)مېتافىزىكا» ۋە «(شەكىللىك) فىزىكا» دەپ سۆزلەيدۇ. بىزدە «شەكىلسىزى ھەق يولدۇر، شەكىللىكى ۋاستىدۇر» دەيدىغان گەپ بار، بىراق جۇڭگونىڭ پەلسەپە ئەنەنىسىدە بۇ’ئىككىسى چەمبەرچەس باغلانغان، بۇ جەھەتتە جۇڭگو پەلسەپىسى غەرب پەلسەپىسىگە ئوخشىمايدۇ، غەرب پەلسەپىسى مېتافىزىكا بىلەن فىزىكىنىڭ چەك-چېگراسىنى ئېنىق ئايرىپ، ھەقىقەتنى پەقەت ۋە پەقەت ھېسسىيلىقتىن ھالقىغان دۇنيادا، يەنى شەكىلسىز مېتافىزىكا دۇنياسىدا دەپ قارىدى. جۇڭگولۇقلار «ھەق يول (داۋ 道 )»نى سۆزلەيدۇ، «داۋ» دېگەن نېمە؟ داۋ دېگەن شەكىلسىز مېتافىزىكا شۇ، بىراق بۇ داۋ ئىنسانىيەت دۇنياسىنىڭ كۈندىلىك مەۋجۇتلۇقىدىن ئايرىلمىغان ھالەتتە مەۋجۇت، ھەممە يەردە مەۋجۇت، ھەممە چاغدا مەۋجۇت. بۇ يەردە تەرجىمىدە بەزىبىر مەسىلىلەر بار.
گەپنى يىغقاندا، پەلسەپىنىڭ ئەڭ دەسلەپكى شەكىلى «پاراسەتنى سۆيۈش»، ئىككىنچى خىل شەكىلى، يەنى ئەڭ ئاساسلىق بولغان، بولۇپمۇ غەربتە ئەڭ زورتەرەققىياتلارغا ئېرىشكەن شەكىلى بولسا مېتافىزىكا.

گېگېلدىن كېيىن، مېتافىزىكا قاتمۇ-قات قىيىنچىلىقلارغا دۇچار بولدى، ئۇنىڭدا نۇرغۇن مەسىلىلەر كۆرۈلدى. مېتافىزىكىنىڭ كېيىنكى تەقدىرى توغرىسىدا ھازىر بىز كۆپ سۆزلىمەيمىز. بىراق مېتافىزىكىنىڭ يەنە بىر مېۋىسى بار، ئۇ ھازىرغىچە ساقلىنىپ قېلىغلىق، ئۇنىڭ ئۈستىگە بۇ مېۋە ھازىرقى زامانغا نىسبەتەن ئىنتايىن مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە، ئۇ بولسىمۇ تەنقىد مېتودى، يەنى تەنقىدىي تەپەككۇر ئۇسۇلى.«تەنقىد» دېگەن بۇ سۆز بىزگە تولىمۇ تونۇشتەك كۆرۈنىدۇ، بىز تەنقىدنى كۆپ سۆزلەيمىز، «مەدەنىيەت زور ئىنقىلابى» مەزگىلىدە دا’ئىم بىراۋلارنى تەنقىد (پىپەن 批判) قىلاتتۇق. بىراق بۇ سۆزنىڭ ئەسلىدىكى پەلسەپىۋى مەنىسى زادى نېمە؟ ئەڭ ئاددىيلاشتۇرۇپ ئېيتقاندا مۇنداق: ئالدىنقى شەرتنى ئايدىڭلاشتۇرۇپ، چەك-چىگرانى بېكىتىش.

پەلسەپە تارىخىدا، «تەنقىد»تىن ئىبارەت بۇ تەپەككۇر ئۇسۇلىنى تۇنجى بولۇپ سىستېمىلىق چۈشەندۈرگەن پەيلاسوپ بولسا گېرمانىيەلىك كانت. بىز بىلىمىز، كانت «ساپ ئەقىلگە تەنقىد»، «ئەمەلدىكى ئەقىلگە تەنقىد»، «ھۆكۈم قىلىش ئىقتىدارىغا تەنقىد» قاتارلىق كىتابلارنى يازغان، بىز بۇ ئۈچ كىتابنى ئومۇملاشتۇرۇپ «ئۈچ چوڭ تەنقىد» دەپ ئاتايمىز. بۇ گىگانت پەيلاسوپنىڭ پەلسەپىسى فېشىتنىڭ پەلسەپىسى بىلەن قوشۇلۇپ «تەنقىد پەلسەپىسى» دەپ ئاتىلىدۇ. كانت ئۆزىنىڭ «تەنقىد پەلسەپىسى» ئارقىلىق زادى نېمە ئىش قىلماقچى ئىدى؟ ئاددىي قىلىپ ئېيتقاندا، ئالدىنقى شەرتنى ئايدىڭلاشتۇرۇپ، چەك-چىگرانى بېكىتمەكچى ئىدى. كانت سورايدىغان سو’ئال بولسا مۇنداق: ھازىرقى زامان كىشىلىرىنىڭ بىلىمىنى تەشكىل قىلىدىغان ھۆكۈملۈكنىڭ ئەڭ ئاساسلىق شەكىلى سۈپىتىدىكى تۇغما بىرىكتۈرمە ھۆكۈم قانداق مۇمكىن؟ ئەلۋەتتە، كانتنىڭ بۇ سو’ئالىنىڭ تارىخىي ۋە ئىدىيەۋى ئارقا كۆرۈنۈشىنى بىز ئالدىدا سۆزلەپ ئۆتتۇق. ھيۇمنىڭ ئۇچىغا چىققان تەجرىبىچىلىكى شۇنداقلا بۇنىڭدىن كېلىپ چىققان شۈبھىچىلىكى تەرەققىي قىلىپ ۋايىغا يېتىپ، ئىنسانىيەت بىلىمىنىڭ ئۇلىنى كولىغانلىقتىن، كانت بىر قېتىملىق قۇتقۇزۇش ھەرىكىتى ئېلىپ بارماقچى بولغان. شۇڭا ئۇ «تۇغما بىرىكتۈرمە ھۆكۈم قانداق مۇمكىن بولىدۇ؟ »دەپ سورىغان. بۇ سو’ئال شۇنىڭدىن دېرەك بېرىدۇكى، كانت تۇغما بىرىكتۈرمە ھۆكۈمنىڭ، شۇنىڭلىق بىلەن بىزنىڭ بىلىشىمىزنىڭ ئەزەلىي شەرتىنى سۈرۈشتۈرمەكچى بولغان، «ئالدىنقى شەرتىنى ئايدىڭلاشتۇرۇش» دېگەن شۇ. شۇنىڭ بىلەن بىرگە، كانت يەنە «بۇ خىل بىلىشنىڭ چېكى بارمۇ-يوق؟ ئەگەر چېكى بولسا، ئۇنداقتا بۇ خىل چەك زادى نەدە؟» دەپ سورىغان. بىزبىلىمىز، كانتنىڭ پۈتكۈل پەلسەپىسىنى مۇنداق بىر جۈملە سۆزگە يىغىنچاقلاشقىمۇبولىدۇ: «كانت ئىنسانىيەت بىلىشىنىڭ چەك-چىگراسىنى بېكىتىپ، بىلىشكە چەك قويۇپ، ئېتىقاد ئۈچۈن بوشلۇق ھازىرلىغان.» شۇڭا كانتنىڭ تەنقىد پەلسەپىسى «ئالدىنقى شەرتنى ئايدىڭلاشتۇرۇپ، چەك-چىگرانى بېكىتىش»تىن باشقا ئىش قىلغىنى يوق.

مېنىڭچە، بىزنىڭ بۈگۈنكى دەۋردىكى پەلسەپىۋى تەپەككۇر ھەممىدىن ئاۋال تەنقىد ئىشىنى قولىغا ئېلىشى كېرەك. نېمە ئۈچۈن بۇنداق دەيمەن؟ «ئالدىنقى شەرتنى ئايدىڭلاشتۇرۇپ، چەك-چىگرانى بېكىتىش» ئېھتىمال بىزنىڭ تەپەككۇرنى باشلىشىمىزدىكى تۇنجى قەدەم بولۇشى مۇمكىن. گېگىل مۇنداق دېگەن ئىدى: «ئەركىن تەپەككۇر قىلىش دېگەن نېمە؟ ئەركىن تەپەككۇر قىلىش دېگەنلىك ئالدىنقى شەرتى تەكشۈرۈشتىن ئۆتمىگەن ئىدىيەنى قوبۇل قىلماسلىق دېگەنلىكتۇر.» كۆپچىلىك دىققەت قىلىڭلار، گېگىل «ئالدىنقى شەرتنى ئايدىڭلاشتۇرۇپ، چەك-چىگرانى بېكىتىش»نى ئەركىن تەپەككۇرنىڭ ئەڭ ئاساسلىق تەلىپى دەپ ھېسابلىدى. ئەركىن تەپەككۇر قىلىش دېگەنلىك ئالدىنقى شەرتى تەكشۈرۈشتىن ئۆتمىگەن ئىدىيەنى قوبۇل قىلماسلىق دېگەنلىك. نۇرغۇن نەرسىلەر بۈگۈن بىزنىڭ قارىشىمىزچە ئەسلىدىنلا شۇنداق بولۇشقا تىگىشلىكتەك، شەك-شۈبھىسىزدەك، ھەتتا مۇقەددەستەك كۆرۈنىدۇ. بىراق ئەركىن تەپەككۇر مانا مۇشۇنداق نەرسىلەرنىڭ ئالدىنقى شەرتىنى ئايدىڭلاشتۇرۇشنى، ھەمدە’ئۇنىڭ چېكىنى بېكىتىپ چىقىشنى تەلەپ قىلىدۇ.

كانتتىن كېيىن، تەنقىدىي تەپەككۇر يولىنىڭ تەرەققىياتى ئىنتايىن تېز بولدى. كانت «ئۈچ چوڭ تەنقىد»نى يازدى، كېيىنكى پەيلاسوپلار، مەسىلەن ۋىلھېلم دىلتېي «تارىخىي ئەقىلگە تەنقىد» ناملىق ئەسەرنى يازدى، سارترې «دىيالېكتىكىلىق ئەقىلگە تەنقىد»ناملىق ئەسەرنى يازدى، ماركسنىڭ دەۋرىدىكى ئەھۋالنى بولسا دېمەيلا قويايلى. سىتراۋېس ئۆزىنىڭ خىزمىتىنى «تارىخىي تەنقىد» دەپ ئاتىدى، باۋىيېر ئانچە پۇخادىن چىقمىغان بولسا كېرەك، ئۇ ئۆزىنىڭ پەلسەپىسىنى «تەنقىدگە تەنقىد» دەپ ئاتىدى، ماركس بۇنىڭدىنمۇ رازى بولماي، «مۇقەددەس جەمەت» ناملىق كىتابتىن بىرنى يازدى، بۇكىتابنىڭ قوشۇمچە ماۋزۇسى بولسا «تەنقىدگە قارىتا ئېلىپ بېرىلغان تەنقىدگە تەنقىد»ئىدى. بۇلارنىڭ ئىچىدە، بەزىلىرى ھەقىقەتەنمۇ تايىنى يوق غەلىتىلا نەرسىلەر. بىراق بۇ نەرسىلەردە ھەقىقەتنى تېپىشنىڭ پىكىرىي قورالى يوشۇرۇنغان، ئۇ بولسىمۇ مەلۇم بىر شەيى ياكى مەلۇم بىر مەسىلىنىڭ ئاساسىي شەرتىنى ئىزدىنىدىغان روھ. شۇڭا مەن دەيمەن، گېگېل ناھايىتى توغرا گەپ قىلغان. شەيى مەيلى قانچىلىك گۈزەل بولسۇن، ئىدىيە مەيلى قانچىلىك جەلىبكار بولسۇن، سىز چوقۇم ئۇنىڭ ئالدىنقى شەرتىگە قارىتا تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىشىڭىز كېرەك. ئۇنداق بولمايدىكەن، سىز تەپەككۇرغا مەجبۇرىلانغان بولىسىز، سىزنىڭ بۇ تەپەككۇرىڭىز ئەركىن تەپەككۇر ئەمەس.

يۇقىرىدا بىز بىر تاغار نەزەرىيە سۆزلىدۇق، تۆۋەندە مەن مىسال ئارقىلىق كۆپچىلىككە تەنقىدنىڭ زادى نېمىلىكىنى چۈشەندۈرىمەن.

سىياسىي ئىقتىسادشۇناشلىق بولسا ماركسىزم نەزەرىيەسىنىڭ مۇھىم بىر تەركىبىي قىسمى. بىراق مېنىڭچە ماركىسنىڭ تەلىماتىدا «سىياسىي ئىقتىسادشۇناسلىق» دەيدىغان ئىلىم يوق، «سىياسىي ئىقتىسادقا تەنقىد» بار. بىز بىلىمىزكى، ماركس «سىياسىي ئىقتىسادقا تەنقىد» كە كىرىش سۆز ۋە مۇقەددىمە يازغان، سىياسىي ئىقتىسادقا دا’ئىر بەزى قوليازمىلارنى قالدۇرغان، ھەم «كاپىتال» ناملىق ئەسەرنى پۈتتۈرگەن. «كاپىتال»ناملىق كىتابنىڭ قوشۇمچە ماۋزۇسى بولسا «سىياسىي ئىقتىسادقا تەنقىد» ئىدى. بۇ «تەنقىد» نېمە ئىش قىلىدۇ؟ سۆزلىسەك ئىنتايىن ئاددى. كلاسسىك سىياسىي ئىقتىسادشۇناسلىق ئىلىمى ھەمدە ئۇ ئىپادىلىگەن ھازىرقى زامان ئىقتىسادىي مۇناسىۋەت زادى نېمىنى ئۆزىگە ئالدىنقى شەرت قىلغان؟ ئۇنىڭ چېكى قەيەردە؟ «كاپىتال» مۇشۇ ئىككى سو’ئالغا جاۋاب بەرگەن خالاس. سىياسىي ئىقتىسادشۇناسلىق ئۆزىنىڭ ئالدىنقى مەزگىللىك تەرەققىياتىدىن كېيىن، ۋىليام پېتتىي، كۋېيىن قاتارلىق كىشىلەرنىڭ تۆھپىسى بىلەن كلاسسىك سىياسىي ئىقتىسادشۇناسلىق ئىلىمى بارلىققا كىلىپ، ئادام سىمىت ۋە رېكاردو قاتارلىق كىشىلەرنىڭ قولىدا تاماملاندى. تاماملانغان كلاسسىك سىياسىي ئىقتىسادشۇناسلىق ئىلىمى ئىنتايىن مۇكەممەل بىر سىستېما بولۇپ، بۇ سىستېمىغا ئاساسەن ھەتتا دەرسلىك كىتاب تۈزۈپ چىقىشقا بولاتتى. بۇ دەرسلىك قانداق بىر شەكىلدە ئوتتۇرىغا چىقىدۇ؟ ئادەتتە ئۇ ئىككى ئادەمدىن باشلىنىدۇ. نېمىشقا ئىككى ئادەمدىن باشلىنىدۇ؟ چۈنكى ئىككى ئادەم ئارىسىدا ئالماشتۇرۇش قىلىشقا بولىدۇ، ئالماشتۇرۇش بولسا ئىقتىسادشۇناسلىقتىكى ئەڭ مۇھىم كاتېگورىيەلەرنىڭ بىرى. يەنە كېلىپ بۇ ئىككى ئادەمنىڭ بىرسى ئوۋچى، يەنە بىرسى بېلىقچى. نېمىشقا بىرى ئوۋچى، يەنە بىرى بېلىقچى؟ چۈنكى، بىرسى، ئۇلارنىڭ شۇغۇللىنىدىغان كەسپى ئوخشىمايدىغان بولۇشى كېرەك، ئەگەر ئۇلارنىڭ كەسپى ئوخشاش بولۇپ قالسا، ئۇنداقتا ئالماشتۇرۇشنىڭ ئورنى قالمايدۇ؛ يەنە بىرسى، ئۇلار تەبىي ھالەتتىكى ئىپتىدا’ئىي ئادەملەر بولۇشى كېرەك. ئەمدى بىز ئىشنىڭ قانداق يۈز بېرىدىغانلىقىغا قارايمىز. بىر بېلىقچى، بىر ئوۋچى؛ ئوۋچى ھەر كۈنى توشقان ئوۋلايدۇ، بېلىقچى ھەر كۈنى بېلىق تۇتىدۇ. ئوۋچى كۈندە توشقان يەۋىرىپ زېرىكىدۇ، بېلىقچىمۇ كۈندە بېلىق يەۋىرىپ بېلىقتىن چىقىپ قالىدۇ. شۇنداق كۈنلەرنىڭ بىر كۈنى، ئوۋچىنىڭ تۇيۇقسىز بېلىق يېگۈسى كەپ كېتىدۇ، بېلىقچىنىڭ بولسا تۇيۇقسىز توشقان گۆشىنى تېتىپ باققۇسى كېلىدۇ، قانداق قىلىش كېرەك؟ تېگىشىدۇ. ئالماشتۇرۇش ياكى تېگىشىش مانامۇشۇنداق باشلىنىدۇ. ئىقتىسادشۇناسلار كىشىلەرنىڭ ھەرگىزمۇ خالىغانچە ئالماشتۇرمايدىغانلىقىنى، ئۇلارنىڭ بەلگىلىك ئۇسۇل، بەلگىلىك نىسبەت بويىچە ئالماشتۇرىدىغانلىقىنى بايقايدۇ، مەسىلەن كىشىلەر 1 توشقانغا 3 بېلىق ئالماشتۇرىدۇ، شۇڭا 2 توشقانغا 6 بېلىق ئالماشتۇرىدۇ، 3 توشقانغا 9 بېلىق ئالماشتۇرىدۇ. شۇنىڭ بىلەن ئىقتىسادشۇناسلار سورايدۇ: ئۇلار زادى نېمىشقا مۇشۇنداق نىسبەت بويىچە ئالماشتۇرىدۇ؟ ئۇلار تەتقىق قىلىش ئارقىلىق شۇنى دەلىللىدىكى، 3 توشقان بىلەن 9 بېلىق ئارىسىدا چوقۇم ئالماشتۇرۇشقا بولىدىغان تەڭ قىممەتلىك مەلۇم خىل ئورتاق نەرسە بار. بۇ نەرسە زادى نېمە؟ ئىقتىسادشۇناسلار تەتقىق قىلىش ئارقىلىق، بۇ نەرسىنىڭ ئابستراكت ئەمگەك ئىكەنلىكىنى بايقىدى. شۇنىڭ ئۈچۈن، 3 توشقان ئۆز ئىچىگە ئالغان ئابستراكت ئەمگەك بىلەن 9 بېلىق ئۆز ئىچىگە ئالغان ئابستراكت ئەمگەك تەڭ ياكى ئوخشاش. بۇ كاتتا بايقاش «تەڭ قىممەتتە ئالماشتۇرۇش» دەپ ئاتىلىدىغان قانۇنىيەتكە يىغىنچاقلىنىدۇ. بۇ يەرگە قەدەر ھەممىسى بىزگە شۇنداق تەبىي ئاڭلىنىدۇ، ھېچقانداق مەسىلە يوقتەكلا، شۇنچىلىك ئېنىق ھەم چۈشىنىشلىك. بىراق ماركس بۇ يەردە مەسىلە بايقىدى. ماركسنىڭ «سىياسىي ئىقتىسادقا تەنقىد» ناملىق ئەسىرى ئەڭ نېگىزلىك مەسىلىدىن بىرنى ئوتتۇرىغا قويدى. ماركس دېدىكى: «ئۇ ئىككى ئادەم ھەرگىزمۇ بىر ئوۋچى ۋە بىر بېلىقچى ئەمەس، بەلكى دەۋرىمىزدىكى ئىككى كاپىتالىست.»ماركس پۈتۈنلەي توغرا ئېيتقان، ئۇ ئىككى ئادەم ھەرگىزمۇ بىر ئوۋچى ۋە بىر بېلىقچى ئەمەس. بىز دەسلەپتە دەپ ئۆتكەن، بۇ ئىككەيلەن قانداق ئادەملەر؟ ئۇلار تەبىي ھالەتتىكى ئىپتىدا’ئىي ئادەملەر. تەبىي ھالەتتىكى بىر ئىپتىدا’ئىي ئوۋچى بىلەن تەبىي ھالەتتىكى بىر ئىپتىدا’ئىي بېلىقچى بىر-بىرى بىلەن قانداق ئالاقە قىلىدۇ؟ ناھايىتى ئاددى، توشقان تۇتىدىغان ئوۋچىنىڭ بېلىق يېگۈسى كەلسە، بېلىقچىنى ئىزدەپ بارىدۇ، بېلىقچى ئۇنىڭغا: «بېلىق دېگەن تۇرۇپتۇ، خالىغىنىڭىزچە يەڭ» دەيدۇ؛ بېلىقچى ئوۋچىنى ئىزدەپ بېرىپ «توشقان يېگۈم كەلدى» دېسە، ئوۋچىمۇ ئۇنىڭغا: «مانا توشقان دېگەن، قانچىلىك ئالغۇڭىز كەلسە شۇنچىلىك ئېلىڭ» دەيدۇ. ئەلۋەتتە، بىز ئىپتىدا’ئىي جەمىيەتنى ئۇنچىۋالارومانتىكىلىق قىلىپ تەسۋىرلىسەكمۇ بولمايدۇ. يۇقارقى ئەھۋال پەقەت ئۇلاردا نۇرغۇنلىغان بېلىق ۋە نۇرغۇنلىغان توشقان بار بولغان ھالەتتىلا يۈز بېرىدۇ. ئەگەرۇلارنىڭ ئارىسىدا يېرىم تال بېلىقلا قالغان بولسىچۇ؟ نېمە ئىش يۈز بېرىدۇ؟ ئۇلارنىڭ ئارىسىدا جەڭ بولىدۇ، قىرغىنچىلىق يۈز بېرىدۇ. جاڭگال قانۇنىيىتى كۈچىنى كۆرسىتىدۇ. بىراق، قانداقلا بولمىسۇن، ئىپتىدا’ئىي ئادەملەر بىكارغا بېرىۋەتسە بېرىۋېتىدۇكى، قىرغىنچىلىق ئارقىلىق بۇلاڭ-تالاڭ قىلسا قىلىدۇكى، ھەرگىزمۇ «تەڭ قىممەتتە ئالماشتۇرۇش قانۇنىيىتى» بويىچە ئالاقە قىلمايدۇ. شۇڭا، ماركس ئوۋچى بىلەن بېلىقچىنىڭ ھېكايىسىنى «18-ئەسىردىكى روبېنسون ھېكايىلىرىگە ئوخشاش،ئازراقمۇ تەسەۋۋۇر كۈچى يوق بولغان ئويدۇرما» دەپ ئاتىدى. بىز ھازىر بۇ ئىشلارنى بىر قەدەر ئېنىق چۈشەندۇق. تەڭ قىممەتتە ئالماشتۇرۇشنىڭ ئالدىنقى شەرتى نېمە؟ تەڭ قىممەتتە ئالماشتۇرۇشنىڭ ئالدىنقى شەرتى شۇكى، تاۋار ئىشلەپچىقىرىش تەرەققىي قىلىپ بەلگىلىك چەككە يەتكەن بولۇشى كېرەك، مەھسۇلات تاۋارغا ئايلانغان بولۇشى كېرەك. پەقەت تاۋارلا ئابستراكت ئەمگەكنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. بىز تاۋارغا مۇجەسسەملەن گەنپەرقسىز ئىنسان ئەمگىكىنى، يەنى ئابستراكت ئەمگەكنى تاۋارنىڭ قىممىتى دەپ ئاتايمىز. پەقەت مۇشۇنداق ئەھۋال ئاستىدىلا، مۇشۇ ئالدىنقى شەرت ئاستىدىلا، تەڭ قىممەتتە ئالماشتۇرۇش قانۇنىيىتى ئاندىن كۈچكە ئىگە. ئىپتىدا’ئىي ھالەتتە قانداقمۇ بۇنداق ئىش بولسۇن؟ يوق. مانا بۇ «ئالدىنقى شەرتىنى ئايدىڭلاشتۇرۇش» دەپ ئاتىلىدۇ. ئالدىنقى شەرتىنى ئايدىڭلاشتۇرۇش يەنە مۇنداق بىر ئاقىۋەتنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ، يەنى ئالدىنقى شەرتى بارلىكى نەرسە چوقۇم تارىخىي چەكلىمىگە ئىگە. چەكسىز نەرسىگە شەرت كەتمەيدۇ، شەرتى بار نەرسىنىڭ چوقۇم چېكى بار.

ئۇنداقتا، كلاسسىك سىياسىي ئىقتىسادشۇناسلارنىڭ مەسىلىسى قەيەردە؟ ماركسنىڭ قارىشىچە، ئۇلار ئۆز زامانىسىدىكى كاپىتالىستىك ئىشلەپچىقىرىش ئۇسۇلىنى تەبىي شەكىللەڭەن، شۇنىڭلىق ئۈچۈن ئۇ مەڭگۈ ئۆزگەرمەيدۇ دەپ چۈشىنىپ قالغان. مەسىلە مۇشۇ يەردە.شۇڭلاشقا، تەنقىدىي نەزەر بىزگە تەمىنلەيدىغان ئەڭ مۇھىم ئىدىيە بولسا تارىخنىڭ قانۇنىيىتى.

تارىخنىڭ قانۇنىيىتى قانداق بىر قانۇنىيەت؟ ھەر بىر شەيىنىڭ تارىخىي مەنبەسى، تارىخىي باشلىنىشى بار؛ ئۇ چوقۇم ئۆسۈپ يېتىلىدۇ، قۇدرەت تاپىدۇ؛ ھەم شۇنىڭدەك ئۇ ئاجىزلايدۇ، ئاخىرىدا يوقىلىدۇ. بۇ ئۇلۇغ ئىدىيەنى گېگېلنىڭ تارىخي تەنقىدى ئوتتۇرىغا قويغان. بۇ ئىدىيەنى قوبۇل قىلىش ئوڭاي ئەمەس. مەسىلەن بىز ئادەتتە دېموكراتىيەنى تولا مۇلاھىزە قىلىمىز، چۈنكى دېموكىراتىيە دېگەن ياخشى نەرسە. ئۇنداقتا 1789-يىلدىكى دېموكراتىيە بىلەن ئۆتكەن يىلى ئوباما زوڭتۇڭ سايلىمىغا قاتناشقان چاغدىكى دېموكراتىيەنىڭ پەرقى بارمۇ-يوق؟ پەرقى زور. بارلىق شەيىي تارىخىيلىققا ئىگە، بىزنىڭ بۇنى قوبۇل قىلمىقىمىز تەس. بىز دا’ئىم بۇرۇنقى شەيىلەرنىڭ كەمچىلىكى نۇرغۇن ئىدى، ئۇلار چەكلىمىلىككە ئىگە ئىدى، شۇڭا ئۇلار چوقۇم يوقىلىشى كېرەك ئىدى دەپ ئويلايمىز؛ بىراق ئۆزىمىزنىڭ دەۋرىمىزگە كەلگەندە ئىش ئۆزگىرىدۇ، ئويىمىزچە، دەۋرىمىزدىكى بارلىق نەرسىلەر چەكسىز تەرەققىي قىلالايدۇ. دۇنيانىڭ تارىخىدا مۇشۇنداق ئىش بولغانمۇ؟ بولمىغان، ھەم بولمايدۇ.
شۇڭلاشقا، تەنقىدنىڭ پرىنسىپى ھەمدە تارىخي قانۇنىيەت دەۋرىمىزدىكى تەپەككۇرغا نىسبەتەن ئىنتايىن چوڭقۇر ئەھمىيەتلەرگە ئىگە بولۇشى مۇمكىن. ئۇنىڭ ئەڭ ئاساسلىق، ئەڭ ئاددى پرىنسىپى يەنە شۇكى: ئالدىنقى شەرتنى ئايدىڭلاشتۇرۇپ، چەك-چىگرانى بېكىتىش.

2.ئىجتىما’ئىي رې’ئاللىققا چۆكۈش

كۆپچىلىك ئېھتىمال «ئىجتىما’ئىي رې’ئاللىققا چۆكۈش»نى سۆزلەشنىڭ زۆرۈرىيىتى يوق دەپ ئويلىشى مۇمكىن، چۈنكى سىلەر ئۆزۈڭلارنى رې’ئاللىقىنى خېلى ئوبدان چۈشىنىمەنغۇ دەپ ئويلايسىلەر، ئويۇڭلاردا كۆزۈڭلارنى ئاچساڭلارلا رې’ئاللىقنى كۆرەلەيسىلەر. شۇنداق بولغان ئىكەن، «ئىجتىما’ئىي رې’ئاللىققا چۆكۈش»نى سۆزلەشنىڭ نېمە ئەھمىيىتى بولسۇن؟ مېنىڭ كۆپچىلىككە دېمەكچى بولغىنىم، دەل بىز يۇقىرىدا سۆزلەپ ئۆتكەن تەنقىدىي پىكىر ئۇسۇلى بىر يۈرۈش باسقۇچلاردىن ئۆتۈپ ئاندىن ئىجتىما’ئىي رې’ئاللىقنىڭ ئۆزىگە ئۇلىشالايدۇ. بىز ھەرگىزمۇ رې’ئاللىقنى كۆزىمىزنى ئاچساقلا كۆرگىلى بولىدۇ، ئۇنىڭ ماھىيىتىنى ئاسانلا ئېچىپ بەرگىلى بولىدۇ دەپ قارىماسلىقىمىز كېرەك. رې’ئاللىقنىڭ ماھىيىتىنى تۇنجى قېتىم ھەقىقىي ئېچىپ بەرگىنى گېگىل. شۇڭا گادامېر ئۆزىنىڭ «20-ئەسىرنىڭ پەلسەپە ئاساسى» دېگەن كىتابىدا مۇنداق يازىدۇ: «گېگىل سۇبيېكتنىڭ تەپەككۇرىغا قارىتا ئۈزۈكسىز تەنقىد ئېلىپ بېرىش ئارقىلىق، ئىنسانىيەتنىڭ ئىجتىما’ئىي رې’ئاللىقىنى چۈشىنىشنىڭ يولنى ئاچتى، يەنە كېلىپ بۇ يولنى تۇنجى بولۇپ ئاچتى. بىز ھازىرغا قەدەر ئۇ ئېچىپ بەرگەن ئىجتىما’ئىي رې’ئاللىقتا ياشاۋاتىمىز.» ھازىر بىز يۈزلەڭەن ئەڭ زور خەۋپ بولسا «سۇبيېكتىپ ئىدىيە ۋە ئۇنىڭ يۈزەكى تەپەككۇرى». «يۈزەكى تەپەككۇر» دېگەننېمە؟ گېگېلنىڭ كۆرسىتىشىچە، يۈزەكى تەپەككۇر «شەيىلەر ئارىسىدا ئۆز-ئارا ئەقلىيكەلتۈرۈپ چىقىرىش ئىقتىدارىغا ئىگە بولغان تەپەككۇر بولۇش سۈپىتى بىلەن، ئۇ ئەزەلدىن شەيىنىڭ ئۆزىگە چوڭقۇرلاپ كىرمەيدۇ، بىراق ئۇ ئومۇمىي پرىنسىپنى چۈشىنىدۇ، ھەمدە بۇ پرىنسىپنى ھەر قانداق مەزمۇنغا شىلىتەلەيدۇ.» مانا بۇ يۈزەكى تەپەككۇر. گېگىل بۇ خىل «يۈزەكى تەپەككۇر قىلىدىغان» سۇبيېكتىپ ئىدىيە بىلەن بىر ئۆمۈر كۈرەش قىلدى. گېگېلنىڭ كىتابلىرىنى ئوقۇپ باقساق بىلىمىز، ئۇ ئەسىرىنىڭ يېرىمىدا ئۆزىنىڭ ئىدىيەسىنى سۆزلىسە، قالغان يېرىمىدا خىلمۇ-خىل سۇبيېكتىپ ئىدىيەنىڭ يۈزەكى تەپەككۇرى بىلەن كۈرەش قىلغان. گېگېل بۇ يۈزەكى تەپەككۇرنى «سۇبيېكتىپ ئىدىيە» دەپ ئاتىدى، ئۆزى بولسا تەپەككۇرنىڭ «ئوبيېكتىپ تەپەككۇر» بولۇشىنى، «مۇتلەق ئىدىيە» بولۇشىنى تەلەپ قىلدى. چۈنكى تەپەككۇر مۇشۇ ئېگىزلىككە يېتەلىگەندىلا، ئاندىن ئاتالمىش «رې’ئاللىق»تىن ئېغىز ئاچقىلى بولىدۇ. بۇ يەردە، بىز ئادەتتىكى ئەمەلىيەت ئۇقۇمى بىلەن ھەقىقىي رې’ئاللىق ئۇقۇمىنى پەرقلەندۈرىشىمىز كېرەك. پەستە ئولتۇرغانلارنىڭ بەزىلىرىڭلار پەلسەپە بىلەن شۇغۇللىنىشىڭلار مۇمكىن، بىز چوقۇم ئەمەلىيەت بىلەن رې’ئاللىقنى پەرقلەندۈرۈشىمىز كېرەك. ئەمەلىيەت نېمىنى كۆرسىتىدۇ؟ بۇ يەردە ئېيتىلغان ئەمەلىيەت بولسا بىزنىڭ تۇيغۇمىزغا بىۋاستە زاھىر بولغان دۇنيانى كۆرسىتىدۇ. ئۇنداقتا رې’ئاللىقچۇ؟ گېگېلنىڭ ئېنىقلىمىسى بويىچە ئېيتقاندا، رې’ئاللىق بولسامەۋجۇتلۇق بىلەن ماھىيەتنىڭ بىردەكلىك ھالىتىنى كۆرسىتىدۇ. مەۋجۇت بولۇپلاقالماستىن، يەنە ئۆزىنىڭ ماھىيىتى بىلەن بىردەك بولغان مەۋجۇتلۇق دەل رې’ئاللىقتۇر. ماھىيەت بولسا ھادىسىلىنىش جەريانىدا مۇقەررەرلىك بولۇپ ئىپادىلەڭەن نەرسىلەرنى كۆرسىتىدۇ. ۋاھالەنكى، بىزنىڭ ھازىرقى ئىجتىما’ئىيەت پەنلىرى شۇنداقلا ئادەتتىكى چۈشەنچىمىز ئەمەلىيەت بىلەن رې’ئاللىقنى پەرقلەندۈرمەي، ئىككىسىنى بىر دەپ قارايدۇ، يەنە كېلىپ ئەمەلىيەتنى قايتا سۈرۈشتۈرۈشكە بولمايدىغان ئەڭ ئاخىرقى مەۋجۇتلۇق دەپ قارايدۇ. شۇنداق قىلىپ بىز قىلچە تەنقىدىي ئېڭى يوق دەلىلچىلەرگە ئايلىنىپ قالدۇق. بىراق، ھەتتا ئەمەلىيەتمۇ بىزگە كۆرۈڭىنىدەك ئۇنداق ئاددى ئەمەس. بىز دا’ئىم «مانا بۇ ئەمەلىيەت»، «ئەمەلىيەتنى چىقىش قىلىش» دېگەندەك گەپلەرنى قىلىپ قويىمىز. ئەمەلىيەت دېگەن نېمە؟ مەن بىر مىسال ئالاي، كۆپچىلىك «ئەمەلىيەت»نىڭ، بولۇپمۇ تارىخىي ئەمەلىيەتنىڭ ھەرگىزمۇ بىز ئويلىغاندەك ئۇنچىۋالا ئاددىي ئەمەسلىكىنى ھېس قىلالايسىلەر.

يېقىندىن بۇيان ئەدەبىي ئاخباراتقىمۇ، تارىخىي رومانغىمۇ ئوخشاپ كېتىدىغان بىر كىتاب پەيدابولۇپ قالدى، ئىسمى «قىزىل قۇياش قانداق كۆتۈرۈلدى»، ئۇنىڭدا يەنەندىكى ئىستىل تۈزەش ھەرىكىتى سۆزلەڭەن. تارىخ فاكۇلتىتىدىكى بىر مۇ’ئەللىم بۇ كىتابنى كۆرگەندىن كېيىن ئىنتايىن ھاياجانلىنىپتۇ، چۈنكى ئۇ كىتابتا ئىلگىرى كۆرۈلۈپ باقمىغان نۇرغۇن تارىخىي ماتېرىياللار، نۇرغۇن يېڭى «تارىخىي ئەمەلىيەت»لەر بار ئىدى. شۇنىڭ بىلەن تارىخ فاكۇلتىتىدىكى بۇ مۇ’ئەللىم پەلسەپە فاكۇلتىتىدىكى بىر مۇ’ئەللىمگە بۇ كىتابنى تەۋسىيە قىپتۇ، چۈنكى كىتابتىكى يېڭى تارىخىي خاتىرىلەر ئۇنى ئىنتايىن ھاياجانلاندۇرغانىدى. كۆرۈپ بولاي دېگەندە، تارىخ مۇ’ئەللىمى بىزنىڭ پەلسەپە مۇ’ئەللىمىدىن ئۇ كىتابقا قانداق قارايدىغانلىقىنى ھاياجان ئىلكىدە سورىغان ئىدى. «بۇكىتاب بارلىق ھەقىقىي تارىخىي تەپسىلاتلارنى ئىشلىتىپ يالغان تارىخ ئويدۇرۇپ چىقارغان بىر كىتاب ئىكەن.» بىزنىڭ پەلسەپە مۇ’ئەللىمىنىڭ بەرگەن جاۋابى مۇشۇ بولدى. بۇ نېمە گەپ؟ بۇ گەپنى ئىلگىرى ھايدىگېر قىلغان: «تارىختىكى بارلىق ھەقىقىي ئىنچىكە تەپسىلاتلارنى ئىشلىتىپ تۇرۇپ يالغان تارىخ ئويدۇرۇپ چىقىش تامامەن مۇمكىن.» «ھەقىقىي تارىخىي تەپسىلاتلاردىن يالغان تارىخ ئويدۇرۇپ چىقىش» دېگەن زادى نېمە گەپ؟ بىزاۋال مەلۇم بىر كىتابتىكى بارلىق تارىخى ۋەقەلەرنى ھەقىقىي، چىن دەپ تۇرايلى؛ بىراق ئۇنىڭدا تارىخىي رې’ئاللىق ئەكس ئەتمىگەن. مۇشۇنداق ئەھۋالدا، ھەقىقىي تارىخىي تەپسىلاتلاردىن يالغان تارىخ ئويدۇرۇپ چىقىرىلىدۇ. باياتىنقى كىتابقا قايتىپ كېلەيلى. بىز ئاۋال كىتابتىكى ۋەقەلىكلەرنىڭ ھەممىسىنى ھەقىقەتەنمۇ يۈزبەرگەن دەپ پەرەز قىلايلى: ئەينى ۋاقىتتا ئەجەبا بىر-بىرىگە ئورا كولايدىغان ئىشلار يوقمىدى؟ كىشىلەر بىر-بىرىنى قەستلىمەمتى؟ ھەر خىل ۋاستىلەر ئىشلىتىلمىگەنمىدى؟ كىتابتا يېزىلغان بۇ خىل ئەھۋاللار ھەقىقەتەنمۇ بار ئىدى. بىراق، خۇددى گېگېل سۆزلەپ ئۆتكەندەك، «ئەقىلنىڭ ئۇستاتلىقى دېگەن زادى نېمە؟ ئۆزىنىڭ بۇرچىنى ئادا قىلىش يولىدا، ئەقىل ئوخشىمىغان ئادەملەرنىڭ خىلمۇ-خىل خاراكتېرى، خىلمۇ-خىل تەپەككۇرى ۋە ئۇلارنىڭ ئارىسىدىكى ئۆز-ئارا كۈرەش ئارقىلىق دۇنيا تارىخنىڭ ۋەزىپىسىنى تاماملايدۇ.» مانا بۇ «ئەقىلنىڭ ئۇستاتلىقى» دېيىلىدۇ. ئۇنداق بولمىسا، پۈتكۈل تارىخنىڭ قىلچىمۇ قىزىقى قالمايدۇ، تېتىقسىزلىشىدۇ. بۇ جەرياندا بەلكىم خىلمۇ-خىل پىكىر يولى شۇنداقلا خىلمۇ-خىل قىلتاق بولۇشى مۇمكىن، بىراق مۇشۇ ئۇسۇللار ئارقىلىق تاماملىنىدىغىنى ھەرگىزمۇ مەلۇم بىر يەككە شەخسنىڭ ئارزۇسى ئەمەس، بەلكى دۇنيا تارىخىنىڭ ۋەزىپىسى. مانا بۇ ئەقىلنىڭ ئۇستاتلىقى. ئەقىل تولىمۇ ھىيلىگەر، ئۇ ۋەزىپىسىنى بىۋاستە تاماملىمايدۇ، بەلكى كىشىلەرنىڭ خىلمۇ خىل تەپەككۇرى ۋە ئۇلار ئارىسىدىكى زىددىيەتلىك كۈرەش ئارقىلىق ئەقىلنىڭ ئۆزىنىڭ ۋەزىپىسىنى ۋاستىلىك تاماملايدۇ. شۇڭا، ئەگەر بايا بىز تىلغا ئالغان ئۇ كىتابتا پەقەت ئىنچىكە تارىخىي ئەمەلىيەتلەرلا بار بولۇپ، پەقەت ھەقىي يۈز بەرگەن ئىنچىكەتەپسىلاتلارنىڭ چىنلىقىلا بار بولۇپ، تارىخىي رې’ئاللىقنى ئەكس ئەتتۈرمىگەن بولسا، ئۇنداقتا ئۇ كىتاب دەل تارىختىكى بارلىق ھەقىقىي ئىنچىكە تەپسىلاتلارنى ئىشلىتىپ تۇرۇپ يالغان تارىخ ئويدۇرۇپ چىقارغان بولىدۇ. ساۋاقداشلار سورىشى مۇمكىن: سىزدەۋاتقان تارىخى رې’ئاللىق زادى قايسى رې’ئاللىق؟ بۇنى سۆزلەپ كەلسەك گەپ جىق، ئاددى بىر ئېغىز گەپ بىلەن يىغىنچاقلىساق، بۇ تارىخى رې’ئاللىق بولسا مۇنداق: جۇڭگو كوممۇنىزمچىلىرى ئەينى چاغدىكى يەنەن ئىستىل تۈزەش ھەرىكىتى ئارقىلىق جاھاننى قولىغا ئېلىشنىڭ ئىدىيەۋى، سىياسىي ۋە تەشكىلىي جەھەتتىكى تەييارلىقىنى پۈتتۈرگەن. مانا بۇ يەنەن ئىستىل تۈزەش ھەرىكىتىنىڭ تارىخىي رې’ئاللىقى، يەنى تارىختا مۇقەررەرلىك بولۇپ ئىپادىلەڭەن ھادىسە. ئەگەر تارىختىكى ھەقىقىي ئىنچىكە تەپسىلاتلار بۇ تارىخىي رې’ئاللىقنى ئېچىپ بېرىشنىڭ ئورنىغا ئۇنى يوشۇرسا، ئۇنداقتا بۇ «تارىختىكى بارلىق ھەقىقىي ئىنچىكە تەپسىلاتلارنى ئىشلىتىپ تۇرۇپ يالغان تارىخ ئويدۇرۇپ چىقىرىش» بولىدۇ.

شۇڭا، بىز «ھەقىقەتنى ئەمەلىيەتتىن ئىزدەش»نى ئۇنچىۋالا ئاددى چاغلىماسلىقىمىز كېرەك، كۆزىنى ئېچىپلا كۆرگەننىڭ ھەممىسى ھەقىقەت ئەمەس، رې’ئاللىق ئەمەس؛ رې’ئاللىقنى كۆرۈپ يېتىش ئاسان ئەمەس، رې’ئاللىقنى كۆرۈپ يېتىش ئۈچۈن پەلسەپىۋى تەپەككۇر بولۇشى كېرەك، تەنقىدىي تەپەككۇر ئۇسۇلى بولىشى كېرەك.

«ھەقىقەتنى ئەمەلىيەتتىن ئىزدەش» نېمىدىن دېرەك بېرىدۇ؟ جۇڭگونىڭ ئىجتىما’ئىي رې’ئاللىقىغا چۆكۈشتىن دېرەك بېرىدۇ. باياتىندىن بىرى سۆزلىگەنلىرىمنىڭ ھەممىسى رې’ئاللىقنى كۆرۈپ يېتىشنىڭ مۇھىملىقىنى گەۋدىلەندۈرۈش ئۈچۈن. بۇ جەھەتتە، گېگېل بىلەن ماركس بىزنىڭ ئۆگىنىشىمىزگە ھەممىدىن بەك ئەرزىيدۇ. ھايدىگېر ماركسنىڭ پەلسەپىسى توغرىسىدا بەزىبىر مۇلاھىزىلەرنى ئېلىپ بارغان ھەمدە ماركىسنىڭ مەۋجۇتلۇق نەزەرىيەسىنى تەنقىد قىلغان. ھايدىگېرنىڭ قارىشىچە، مەۋجۇتلۇق نەزەرىيەسى جەھەتتە ماركس نىچشېغا ئوخشىشىپ كېتىدۇ، ئۇ ئىككى پەيلاسوپ ئاساسەن تەڭلىشىدۇ؛ بىراق تارىخ پەلسەپەسى جەھەتتە، ماركس مۇتلەق ئۈستۈنلۈككە ئىگە. 2-دۇنيا ئۇرۇشى ئاخىرلاشقاندىن كېيىن، ھايدىگېر ئىنتايىن مەشھۇر بولغان ئۇزۇن خەتتىن بىرنى يازغان، خەتنىڭ تېمىسى «ئىنسانچىلىق توغرىسىدىكى خەت-چەكلەر». خەتتە، ھايدىگېر مۇنداق يازىدۇ: «ياتلىشىشنىڭ ماھىيىتىنى چۈشىنىپ يەتكەندە، ماركس تارىخنىڭ ماھىيەتلىك قاتلىمىغا چوڭقۇرلىدى. شۇڭا ئۇ بارلىق تارىخچىلاردىن ئۈستۈن تۇرىدۇ. مېنىڭچە، ماركس يەتكەن چوڭقۇرلۇققا ھۇسسېرلمۇ، سارترېمۇ يېتەلمىدى. ئاشۇ چوڭقۇرلۇققا يېتەلىگەنلەرنىڭلا ماركس بىلەن پىكىرلىشىش سالاھىيىتى بار بولىدۇ.» بۇ جۈملىلەر 20-ئەسىرنىڭ 50-يىللىرى يېزىلغان، ئەينى چاغقا نىسبەتەن بۇ گەپنىڭ سالمىقى تولىمۇ ئېغىر ئىدى. چۈنكى ھايدىگېر ھادىسەشۇناسلىقنىڭ پېشىۋاسى، ئۆزىنىڭ ئۇستازى ئېدموند ھۇسسېرلنى «ماركسقا يەتمەيدۇ» دېيىش ئارقىلىق 20-ئەسىردىكى ئەڭ ئاساسلىق پەلسەپە ئېقىملىرىنىڭ بىرى بولغان ھادىسەشۇناسلىق ھەرىكىتىنى بىر ئېغىزگەپ بىلەنلا يوققا چىقارماقچى بولغانىدى. بۇ يەردە ھايدىگېر «ماركسقا يەتمەيدۇ»دەپ ئىسمىنى تىلغا ئالغان يەنە بىرەيلەن كىم؟ سارترې، فرانسىيە مەۋجۇدىيەتچىلىك پەلسەپىسىنىڭ پېشىۋاسى، ئۇ ھېچبولمىغاندىمۇ نام-ئاتاق جەھەتتە ھايدىگېردىن قېلىشمايتتى. شۇڭا ھايدىگېرنىڭ يۇقارقى گېپىنىڭ سالمىقى تولىمۇ ئېغىر بولغان ئىدى.

گەپنى يىغساق، بىزنىڭ تەپەككۇر ۋەزىپىمىز چوقۇم تەنقىدىي پىكىر يولى ئارقىلىق جۇڭگو رې’ئاللىقىغا چۆكۈش ئارقىلىق تاماملىنىشى كېرەك. بىزدىكى ئىجتىما’ئىي پەنلەرنىڭ ئەڭ ئاساسلىق مەسىلىسى شۇ يەردىكى، تەپەككۇرىمىز يۈزەكى تەپەككۇر بىلەنلا چەكلىنىپ قىلىپ، جۇڭگونىڭ ئىچكى ئىجتىما’ئىي رې’ئاللىقىغا چوڭقۇر چۆكەلمەيۋاتىدۇ. مېنىڭ ئويۇمچە بولغاندا، جۇڭگونىڭ 30 يىللىق مۇۋەپپىقىيىتىدىن قارىغاندا دۆلىتىمىزدىن تەخمىنەن 2 كىشى نوبېل ئىقتىسادشۇناسلىق مۇكاپاتىغا ئېرىشسە بولاتتى، بىراق بۇنداقلار چىقمىدى. بىزنىڭ ئىجتىما’ئىي پەنلىرىمىزنىڭ ئىجتىما’ئىي رې’ئاللىققا ھەقىقىي چۆكۈشىگە يەنە خېلى بار. مۇشۇ مەنىدىن ئېيتقاندا، پەلسەپە چوقۇم تەنقىدىي تەپەككۇر يولى ئارقىلىق جۇڭگونىڭ ئىجتىما’ئىي رې’ئاللىقىغا چوڭقۇر چۆكۈشتىن ئىبارەت بۇ ۋەزىپىنى قەتىيلىك بىلەن ئوتتۇرىغا قويۇشى كېرەك.

3.جۇڭخۇ’ئامىللەتلىرىنىڭ قايتا گۈللىنىش يولى

مېنىڭچە، تەپەككۇردىن ئىبارەت بۇ ۋەزىپىنىڭ ئوتتۇرىغا قويۇلۇشى بىلەن جۇڭخۇ’ئامىللەتلىرىنىڭ قايتا گۈللىنىش يولى زىچ مۇناسىۋەتلىك. راسىت گەپنى قىلغاندا، ئەگەر20 يىلدىن كېيىن ياپونىيەگە ئوخشاش بولىمىز، 50 يىلدىن كېيىن ئامېرىكىغا ئوخشاش بولىمىز، ھامان بىر كۈنى بىز جۇڭگولۇقلار سېرىق تەنلىق قارا چاچلىق ئامېرىكىلىق بولىمىز دەپ پىلان سوققان بولساق، ئۇنداقتا مېنىڭ نەسىھىتىم، كۆپچىلىك تەپەككۇر قىلىمىز دەپ ئاۋارە بولماڭلار، پەلسەپە ئۆگەنمەڭلار، چۈنكى ئۇنداق بىر پىلاننىڭ ئاستىدا بىزنىڭ تەپەككۇر قىلىشىمىزنىڭ ھاجىتى يوق، ئۇنداق بىر پىلاننىڭ تەييارۆلچىمى بار، بىز شۇ بويىچە قىلساقلا بولدى، ئۇلاردىن ئەكىلىپ ئىشلەتسەكلا بولدى،ئۇلارغا تايانساقلا بولدى! بىراق، ئەگەر بىزنىڭ ئۆزىمىزگە خاس يولىمىز بار بولسا،ئۇنداقتا بىز چوقۇم مەلۇم بىر ھالقىلىق نۇقتىدا تەپەككۇرغا بۇرۇلۇشىمىز كېرەك.تەپەككۇرنىڭ تەلىپىنى مەن ئالدىدا دەپ بولدۇم، تەپەككۇر چوقۇم رې’ئاللىققا چۆكۈشى ھەم «ئۆز باش» بولۇشى كېرەك. يەنە كېلىپ رې’ئاللىققا چۆكۈش چوقۇم سىزنىڭ ئۆزباش بولۇشىڭىزنى تەلەپ قىلىدۇ. مېنىڭ كۈزىتىشىمچە، ھازىرقى جۇڭگونىڭ رې’ئاللىقى بىرىنچىدىن بىزگە زامانىۋىلاشتۇرۇش ۋەزىپىسىنى يۈكلىگەن، ئىككىنچىدىن بىزگە بۇ ۋەزىپىنى ئوخشىمىغان دۆلەت ئەھۋالى، ئوخشىمىغان مەدەنىيەت ئەنەنىسى ئاستىدا يۈكلىگەن. ئەگەر بىزنىڭ ئۆزىمىزگە خاس يولىمىز بار بولمىسا، ئۆزىمىزگە خاس ۋەزىپىمىز بار بولمىسا، ئۇنداقتا تەپەككۇرنىڭ زۆرۈرىيىتى يوق. بىراق، مېنىڭ قارىشىمچە، بۇنداق ئىش ھازىرنىڭ ئۆزىدە يۈز بېرىۋاتىدۇ، يەنە كېلىپ كەڭ كۆلەمدە يۈز بېرىۋاتىدۇ. ئېڭلىس «بىر مىللەت دۇنيانىڭ ئالدىدا ماڭىمەن دەيدىكەن، نەزەرىيەۋى تەپەككۇردىن بىر مىنۇتمۇ ئايرىلماسلىقى كېرەك» دېگەنىدى. شۇڭا بىز بىر جەھەتتىن تەنقىدىي پىكىرۇسۇلى ئارقىلىق ھازىرقى زامان مەدەنىيىتىنىڭ تارىخىي چەكلىمىسىنى چۈشىنىشىمىز، يەنە بىر جەھەتتىن ھازىرقى جۇڭگونىڭ ئىجتىما’ئىي رې’ئاللىقىغا چوڭقۇر چۆكۈپ ھازىرقى جۇڭگونىڭ تەجرىبىسىنى ھاسىل قىلىشىمىز كېرەك. مانا بۇ بىزنىڭ پەلسەپىۋى تەپەككۇرىمىزنىڭ ئەڭ ئاساسلىق ۋەزىپىسى. نېمىشقا بۇنداق دەيمىز؟ چۈنكى بۇ ئىشتا بىز باشقىلارغا تايىنالمايمىز، بىز چوقۇم ئۆگىنىشىمىز، تەنقىدلىشىمىز، ئۆزىمىز تەپەككۇر قىلىشىمىز كېرەك. پۈتۈنلەي ساپ ئەنەنىگە قايتىش ئارقىلىق بۇ ۋەزىپىنى ئورۇندىيالىشىمىز مۇمكىن ئەمەس، بۇ بىر خىل خىيالپەرەسلىك. بەزى ئەنەنەپەرەسلەرمۇشۇنداق قىلىشنىڭ كويىغا چۈشىۋاتىدۇ، بۇ تارىخنى كەينىگە ياندۇرغانلىق؛ بىراق ئەگەر كۆپچىلىك بىزنىڭ زامانىۋىلاشتۇرۇش ئىشلىرىمىز پۈتۈنلەي ئەڭىلىيە ياكى ئامېرىكىغا’ئوخشاش بولىدۇ دەپ ئويلاۋاتقان بولساڭلار، ئۇمۇ خام خىيال، پۈتۈنلەي غەربلەشتۈرۈش ئارقىلىق بۇ ۋەزىپىنى ئورۇندىيالىشىمىزمۇ مۇمكىن ئەمەس، چۈنكى ئۇلار بىلەن بىزنىڭ ئالدىنقى شەرتىمىز ئوخشىمايدۇ. شۇڭلاشقا بىزنىڭ زامانىۋىلاشتۇرۇش يولىمىز چوقۇم ئۆزىگە خاس بىر يول بولىدۇ. شۇنىڭ بىلەن پەلسەپىنىڭ، تەپەككۇرنىڭ ۋەزىپىسىمۇ ئوتتۇرىغا قويۇلىدۇ. بۇ چاغدىكى پەلسەپىۋى تەپەككۇرغا قويۇلىدىغان تەلەپ ئىنتايىن يۇقىرى بولىدۇ. ھازىر ئىلىم تەھسىل قىلىشنىڭ گېپى چىقسا، كۆپچىلىك ئامېرىكا ياكى ياۋروپادىكى ئەڭ ياخشى ئالىي مەكتەپلەردە ئوقۇپ كېلىشنى خىيالىغا كەلتۈرىدۇ.دەرھەقىقەت، بۇلار ئىلىمگە قويۇلىدىغان بىر قەدەر يۇقىرى بولغان تەلەپ؛ بىراق،مېنىڭچە بىزنىڭ ئىلىمىمىزگە قويۇلىدىغان ئەڭ يۇقىرى تەلەپ بولسا جۇڭگونىڭ ئىجتىما’ئىي رې’ئاللىقىنى ئېچىپ بېرىش ئارقىلىق جۇڭگونىڭ مەسىلىلىرى ۋە جۇڭگونىڭ تەجرىبىسىنى شەكىللەندۈرۈش. مۇشۇ مەنىدىن ئېيتقاندا بىز ئۆزىمىزنىڭ تەپەككۇرىنىڭ ئالدىنقى شەرتىنى ئويلىشىشىمىز كېرەك، بىزنىڭ ئالدىنقى شەرتىمىز بىلەن غەربنىڭ ئالدىنقى شەرتى ئوخشىمايدۇ.

تۆۋەندە مەن جۇڭخۇ’ئا مىللەتلىرىنىڭ قايتا گۈللىنىش يولىنى قىسقىچە سۆزلەپ ئۆتىمەن. مېنىڭ قارىشىمچە، ئېھتىمال بىزنىڭ تېخىمۇ ئۇلۇغۋار غايىلىرىمىز بولۇشى كېرەكتۇ. ئەگەر بىزنىڭ يولىمىز خاسلىققا ئىگە بولغان بىر يول بولسا، ئۇنداقتا بۇ خىل خاسلىقتا بەلكىم دۇنياۋى تارىخىي ئەھمىيەتكە ئىگە نەرسىلەر بولۇشى مۇمكىن. بىزنىڭ نىشانىمىز ھەرگىزمۇ پەقەت دۇنيا مىللەتلىرى قاتارىدىن ئورۇن ئېلىشلا بولۇپ قالماسلىقى كېرەك، بىز يەنە دۇنيا تارىخىنىڭ يېڭىچە ۋەزىپىسىنى زىممىمىزگە ئېلىشىمىز مۇمكىن. بۇ يەردە دېيىلگەن «دۇنيا تارىخى» دېگەن بۇ ئاتالغۇ گېگېل ئىشلەتكەن مەنىدە ئىشلىتىلگەن. گېگېل بۇ ئاتالغۇنى «دۇنياۋى تارىخىي شەخس» دەپ ئىشلەتكەن. «دۇنياۋى تارىخىي شەخس» دېگەن نېمە؟ مەسىلەن ئىسكەندەر زۇلقەرنەيىن، قەيسەر، ناپولىيون قاتارلىقلار دۇنياۋى تارىخىي شەخسلەردۇر. يەنە بىر خىلى «دۇنياۋى تارىخىي مىللەت». «دۇنياۋى تارىخىي مىللەت» دېگەن نېمە؟ ئۆز نۆۋىتىدە دۇنيا تارىخىنىڭ ۋەزىپىسىنى زىممىسىگە ئالىدىغان مىللەت دۇنياۋى تارىخىي مىللەت بولىدۇ. گېگېل مۇنداق يازىدۇ: «تارىخنىڭ قۇياشى خۇددى تەبى’ئەتنىڭ قۇياشىغا ئوخشاش شەرقتىن كۆتۈرۈلدى.» شۇڭلاشقا تۇنجى دۇنياۋى تارىخىي مىللەت جۇڭخۇ’ئا مىللەتلىرى. شۇنىڭدىن كېيىن ئۇ تەدرىجىي غەربكە يۆتكىلىدۇ، ھىندىستان، مىسىر، پارىس، يۇنان ۋە رىم قاتارلىقلاردىن ئۆتۈپ ئاخىرىدا گېرمان دۇنياسىغا بېرىپ توختايدۇ. «دۇنيا تارىخنىڭ قۇياشى پرۇسسىيە ئاسمىنىدا توختاپ قالدى» دەپ يازىدۇ گېگېل. ئەلۋەتتەگېگېل ئۆزىدىن كېيىنكى ئىشلارنى يازمىغان، چۈنكى ئۇ «پاراسەت ئىلاھەسىنىڭ مۈشۈكياپىلاقى پەقەت گۇگۇم چۈشكەندىلا ئاندىن ئۇچىدۇ» دەپ يازغان ئىدى، ئۇنىڭ قارىشىچە كەلگۈسى ھەرگىزمۇ ئەقىلنىڭ تەپەككۇر ئوبيېكتى ئەمەس ئىدى، بەلكى ئۈمىد ۋە ۋەھىمىنىڭ ئوبيېكتى ئىدى. شۇڭا ئۇ «دۇنيا تارىخىنىڭ قۇياشى پرۇسسىيە ئاسمىنىدا توختاپ قالدى»دەپ يازغان.

مېنىڭ قارىشىمدا، جۇڭخۇ’ئا مىللەتلىرى ئۆزىنىڭ قايتا گۈللىنىش يولىدازامانىۋى ۋە قۇدرەتلىك بىر خەلق سۈپىتىدە دۇنيا مىللەتلىرى قاتارىدىن ئورۇن ئېلىپلا قالماستىن، ئېھتىمال يەنە دۇنيا تارىخنىڭ يېڭى ۋەزىپىسىنى ئۆز ئۈستىگە ئېلىشىمۇ مۇمكىن. ئەلۋەتتە بۇنىڭغا ھازىر تېخى ھېچكىم «چوقۇم شۇنداق بولىدۇ» دەپ ھۆددە قىلالمايدۇ، مەن پەقەت بىر خىل ئېھتىماللىقنىلا سۆزلەۋاتىمەن، مېنىڭچە ئۈمىد ۋە مۇمكىنچىلىك زور. بۇنىڭ ئەڭ ئاساسلىق سەۋەبى شۇكى، بىزنىڭ غەربلىكلەراللىقاچان بېكىتىپ قويغان يولدىن مېڭىشىمىز مۇمكىن ئەمەس؛ ئۆزىمىزنىڭ خاس يولىمىزدا چوقۇم بىر خىل ئاكتىپ تۈگۈن بار، بۇ خىل ئاكتىپ تۈگۈننىڭ مەلۇم خىل دۇنياۋى تارىخىي ئەھمىيىتى بار بولۇشى ئېھتىمالغا ئىنتايىن يېقىن. بەلكىم بەزىڭلار مەندىن: «جۇڭخۇ’ئا مىللەتلىرىگە نېمىشقا بۇنچىۋالا ئىشىنىسىز؟» دەپ سورىشىڭلارمۇمكىن. گەپنىڭ راستىنى دېسەم، ھازىر پۈتكۈل جاھانغا شۇنداق بىر نەزەر تاشلىسام، پەقەت جۇڭخۇ’ئا مىللەتلىرىدىلا ئۈمىد باردەك قىلىدۇ. ئەھۋال ھەقىقەتەنمۇ شۇنداق، بۇنى مەن خالىغانچە دەۋالمىدىم، بۇنىڭمۇ سەۋەبى بار، ئەلۋەتتە بۇ سەۋەبلەرنىڭ ھەممىسى بىر خىل ئېھتىماللىق سۈپىتىدە ئېيتىلغان.

بىرىنچىسى، جۇڭخۇ’ئا مىللەتلىرى ھازىرقى دۇنيادىكى ھاياتىي كۈچى ئەڭ ئۇرغۇپ تۇرغان مىللەت. مەن بۇ خىل ھاياتىي كۈچنى ئەڭ مۇھىم ئامىل دەپ قارايمەن. مەدەنىيلىكنىڭ يۈكسەك پەللىسىدىن خارابلىشىشقا قاراپ يۈزلەڭەن مەدەنىيەتلەرنىڭ ھەممىسىنىڭ ئورتاق ئالاھىدىلىكى شۇكى، ئۇلارنىڭ ھاياتىي كۈچى ئېغىر دەرىجىدە خورىغان. جۇڭخۇ’ئا مىللەتلىرىنىڭ شۇنچە ئۇزاق يىللاردىن بىرى ھاياتىي كۈچىنى ساقلاپ كەلگەنلىكى كىشىنى تولىمۇ ھەيران قالدۇرىدۇ.

ئىككىنچىسى، جۇڭخۇ’ئا مىللەتلىرى ھازىرقى دۇنيادىكى ئۆگىنىشنى ھەممىدىن بەك خالايدىغان مىللەت. بۇ نۇقتا ئىنتايىن ئېنىق. ئوقۇغۇچىلىرىمىزغا قاراپ باقايلى، پۈتكۈل مىللەتكە قاراپ باقايلى. ئۇلار ئۆگىنىشكە شۇنچىلىك ھېرىسمەن، بۇمۇ ئاجايىپ بىر ئىش. ھاياتىي كۈچىلا بولسا، ياۋايىلا بولسا ھېساب ئەمەس، چىڭگىزخان ياۋروپا-ئاسىيا چوڭ قۇرۇقلۇقىنى بىرنى سۈپۈرۈپ ئۆتكەنىدى، بىراق ئۇ قالدۇرغان مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى تولىمۇ ئاز بولدى. ئەمما ياۋايى گېرمانلار رىم دۇنياسىغا كەلگەندىن كېيىن، رىمنىڭ مەدەنىيىتىدىن ھەيرانۇ-ھەس قالدى، چۆچۈدى، ئۇلار ئۆگىنىشى كېرەك ئىدى، گېرمانىيە شا’ئىرى ھېنرى ھېيىننىڭ سۆزى بويىچە ئېيتقاندا، «ياۋايى گېرمانلارنى مەريەم ئانىنىڭ مېھىرلىك سىيماسى بويسۇندۇردى»، يەنى ئۇلار خرىستىيانلاشتى. شۇڭا يالغۇز ياۋايى بولغانغا، جۇشقۇن بولغانغا ئىش پۈتمەيدۇ.

ئۈچىنچىسى، جۇڭخۇ’ئا مىللەتلىرىنىڭ كەڭ قورساقلىقى ۋە تىنچلىقپەرۋەرلىكى. كۆپچىلىك بەلكىم ئەجەبلىنىشى مۇمكىن: بىزنىڭ مىللەت كەڭ قورساقمۇ؟ مەن سىلەرگە دەپ بېرەي، جۇڭخۇ’ئا مىللەتلىرى ئىنتايىن كەڭ قورساق، تولىمۇ كەڭ قورساق، ھازىرقى دۇنيادىكى ھەممىدىن بەك كەڭ قورساق مىللەت. مېنىڭ دەۋاتقىنىم روھىيەت جەھەتتىكى كەڭ قورساقلىق. 20-ئەسىرنىڭ 20-يىللىرى، ئەڭىلىيە پەيلاسوپى رۇسسېل جۇڭگوغا كەلگەن، مۇشۇ مەزگىلدە ئۇ كىتابتىن بىرنى يازغان، كىتابنىڭ ئىسمى «جۇڭگونىڭ مەسىلىسى (رۇسسېلنىڭ جۇڭگودىكى نۇتۇق خاتىرىلىرى)» ئىدى. كىتابتا رۇسسېل مۇنداق يازىدۇ: «مەن جۇڭگولۇقلارنىڭ شۇ قەدەر كەڭ قورساقلىقىنى بايقىدىم، بۇ خىل كەڭ قورساقلىقنى بىز غەربلىكلەر چۈشىنىپ بولالمايمىز. بىز ئۆزىمىزنى كەڭ قورساق دەپ ئويلايمىز، ئەمەلىيەتتە بىز پەقەتلا ئەجداتلىرىمىزدىن ئازراقلا كەڭ قورساق خالاس. بىراق جۇڭگولۇقلار بىلەن سېلىشتۇرساق، بىز بە’ئەينى كەڭ قورساقلىقنىڭ نېمىلىكىنىمۇ بىلمەيدىكەنمىز.» بۇ يەردىكى كەڭ قورساقلىق روھىيەتكە قارىتىلغان، بۇ نۇقتا ئىنتايىن مۇھىم. كانت «مەڭگۈلۈك تىنچلىق» ناملىق كىتابتىن بىرنى يازغانىدى، كېيىنكى دەۋرلەردىكى تارىخنىڭ تەرەققىياتى كانتنىڭ تىنچلىق ئىدىيەسىنىڭ پەقەتلا ئەقلىي خىيالپەرەسلىك ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلىدى. گەرچە بىز كانتنىڭ ئىدىيەسىگە يۈكسەك ھۆرمىتىمىزنى بىلدۈرسەكمۇ، بىراق ھازىرقى دۇنياغا قاراپ باقايلى. ئۇرۇش، توقۇنۇش، تېررورلۇق… مېنىڭچە، ئاخىرقى ھېسابتا جۇڭگونىڭ كەڭ قورساقلىقى ۋە جۇڭگونىڭ پاراسىتى چوقۇم دۇنياۋى تارىخىي ئەھمىيەتكە ئىگە بولىدۇ. ئەگەر دۇنيا تىنچلىنىشنى خالىسا، ئۇنداقتا ئۇ چوقۇم جۇڭگونىڭ پاراسىتىدىن بەزىبىر نەرسىلەرنى ئۆگىنىشى كېرەك. ھازىرقى ئىنسانلار بىر-بىرى بىلەن قانداق ئۆتۈشى كېرەك؟ 20-ئەسىردىكى ئەڭ بۈيۈك تارىخشۇناس تويېنبىنىڭ سۆزى بويىچە ئېيتقاندا، «كىشىلەر ھازىر بارغانسىرى تېز سۈرەتتە كوللېكتىپ ئۆلۈۋالىدىغان يولغا قاراپ ماڭماقتا…دۇنيا چوقۇم جۇڭگونىڭ پاراسىتىنى ئۆگىنىش كېرەك. پەلسەپىۋى پاراسىتىنىلا ئەمەس، سىياسىي پاراسىتىنىمۇ ئۆگىنىش زۆرۈر.» تويېنبى بۇ گەپلەرنى بىكار قىلىپ دېگەن ئەمەس.

ئەلۋەتتە، مېنىڭ يۇقاردا سۆزلىگەنلىرىم پەقەتلا بىر خىل ئېھتىماللىقنى چۈشەندۈرمەكچى خالاس. بۇ خىل ئېھتىماللىق دەيدۇكى، جۇڭگونىڭ ئۆزىگە خاس يولى ۋە ئۇ ئۆز ئىچىگە ئالغان چوڭقۇر پاراسەت قولغا كەلتۈرگەن نەتىجىلەر بەلكىم جۇڭخۇ’ئامىللەتلىرىنى ئۆزىنىڭ قايتا گۈللىنىش يولىدا زامانىۋى ۋە قۇدرەتلىك بىر خەلق سۈپىتىدە دۇنيا مىللەتلىرى قاتارىدىن ئورۇن ئالغۇزۇپلا قالماستىن، بۇ خىل تىرىشىش، بۇ خىل ئىزدىنىشنىڭ يەنە دۇنياۋى تارىخىي ئەھمىيىتىمۇ بولۇشى مۇمكىن. ئەلۋەتتە، بۇيەردە ھېچقانداق ئىسپاتلاش ياكى دەلىللەش ئېلىپ بېرىلمىدى، مېنىڭ دېگەنلىرىم پەقەتلا بىر خىل مۇمكىنچىلىك؛ مەن بۇنى بىر خىل ۋەزىپە دەپ چۈشەندىم، جۇڭخۇ’ئامىللەتلىرىگە بولغان بىر خىل سىناق دەپ چۈشەندىم. بۇ يەردە ھېچنېمە ئالدىن بېكىتىلمىگەن، بىراق تەپەككۇر ۋە ئىزدىنىش جەريانىدا، بۇ خىل نىشان، بۇ خىل ئېھتىماللىق بەلكىم بارغانسىرى روشەنلىشىشى، بارغانسىرى مۇستەھكەملىنىشى مۇمكىن.

ئاكادېمىيە ئورگان تورى ©

ئۈستىگە قايتىش