ئۇيغۇرچە    Uyghurche    Уйғурчә    Ortaq Türkçe   
  • 2018 - يىلى 25 - ئاۋغۇست ئىستانبۇلدا «ئۇيغۇرلار دۇچ كېلىۋاتقان خىرىسلار ۋە ھەل قىلىش يوللىرى ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنى» ئۆتكۈزۈلىدۇ. ...
سىزنىڭ ئورنىڭىز: باشبەت » تارىختىن تامچە » تۈركلەردە ”قۇرۇلتاي“ كەلىمىسىنىڭ كېلىپ چىقىشى ھەققىدە

تۈركلەردە ”قۇرۇلتاي“ كەلىمىسىنىڭ كېلىپ چىقىشى ھەققىدە


ئەلنۇر

ئەڭ قەدىمكى چاغلاردىن باشلاپ، بارلىق قەبىلەلەر، ھۆكۈمدارلار دۆلەت ئىشلىرىنى بىر تەرەپ قىلىش، كېڭىشىش، مەسلىھەتلىشىش ئارقىلىق ئەڭ توغرا بولغان پىكىرنى قوبۇل قىلىش، قارار ئېلىنغان نەتىجىلەرنى ئۇقتۇرۇش جەريانىدا مەلۇم شەكىلدىكى ئۇيۇشمىغا ئېھتىياجى تۇغۇلغان. زامانىمىزدىكى پارلامېنت سىستېمىسى شەكلىنى ئالغان ھەر خىل ناملاردا ئاتىلىپ كېلىۋاتقان ئۇيۇشمىلارنىڭ تارىخى ناھايىتى ئۇزۇن بولۇپ، ياۋرۇ-ئاسىيا تۈرك تارىخىنى ۋاراقلاشقا توغرا كېلىدۇ.
تۈركلەردە دۆلەت مەجلىسى ”توي“ دەپ ئاتالغان، بۇ كەلىمىنىڭ يەنە بىر مەنىسى بايرام ۋە مۇراسىملاردۇر. «موڭغۇللارنىڭ مەخپى تارىخى» ناملىق كىتابتا توي، تۇغۇت ۋە شۇنىڭغا ئوخشاش مۇراسىملار ئۈچۈن تۈزۈلگەن مەجلىس شەكلىدىكى ئۇيۇشمىنىڭ كۆچمە مەنىدە قوللىنىلغانلىقى بايان قىلىنغان. ”توي“ كەلىمىسىنىڭ يانداش مەنىسى بولغان ”قۇرۇلتاي“ كەلىمىسى ھەققىدە توختىلىپ ئۆتۈش زۆرۈردۇر. موڭغۇل تىلىدىكى ”قۇرىل“، ”قۇرال-قۇرى“ دىن ئىبارەت سۆز كۆكىگە ”تاي“ دىن ئىبارەت سۆز قوشۇمچىسىنىڭ قوشۇلىشى بىلەن ياسالغان قۇرۇلتاي كەلىمىسى ئارقىلىق دۆلەت مەجلىسىگە ۋەكىللىك قىلىدىغان ”توي“ دېگەن سۆزنىڭ ئورنىغا ”قۇرۇلتاي“ دىگەن سۆز قوللىنىلىدىغان بولغان. 13-ئەسىرلەرنىڭ ئوتتۇرىلىرىدىن باشلاپ، قالدۇرۇلغان خاتىرىلەردە ”توي“ كەلىمىسىنىڭ ئورنىنى ”قۇرۇلتاي“ كەلىمىسى ئالغان. ”توي“ كەلىمىسى بولسا، يېمەك ئىچمەك بىلەن بولىدىغان ھەرخىل مۇراسىملارنى بىلدۈرىغان بولغان.
ئەڭ دەسلەپكى دۆلەت مەجلىسى قۇرۇلتىيى ئاسىيا ھۇن ئىمپىراتورلىقى دەۋرىدە قانات يايغان. ھۇنلارنىڭ باشلىقى باتۇر تەڭرىقۇت (مەتەخان) دەۋرىدە، دىنىي مۇراسىملار، ئاھالىنىڭ ۋە ھايۋانلارنىڭ سانى ئېلىنغاندا ۋە دۆلەت ئىشلىرى ھەققىدە يىلدا ئۈچ قېتىم قۇرۇلتاي ئاچاتتى. ھۇن دۆلىتىنىڭ كېيىنكى تەڭرىقۇتلىرىنىڭمۇ بىرىنچى ئاي، بەشىنچى ئاي ۋە توققۇزىنچى ئايلاردا يىلدا ئۈچ قېتىم قۇرۇلتاي چاقىرغانلىقىغا ئائىت خاتىرىلەر باردۇر. قەبىلە باشلىقلىرى قاتناشقان بەزى چوڭ يىغىىشلاردا ئات سويۇلۇپ، ئىبادەت قىلىنغانلىقى بايان قىلىنىدۇ. كۈز پەسلىدە يىغىن چاقىرىشنىڭ سەۋەبى ئاتلارنىڭ يېتىلگەن ۋە قۇۋۋىتى تولۇپ تاشقان مەزگىلى بولۇش بىلەن بىرگە چىن دۆلىتى (خىتاي) دا خامان مەزگىلى ئىكەنلىكى ۋە توغرا ئۇرۇش قىلىش پەيتى بولغانلىقىدا ئىدى. دۇنيانى سورىغان ھۇن ھۈكۈمدارى ئاتىللا زامانىدىمۇ نوپۇسى بار ئېسىلزادىلەرنىڭ دۆلەت ئىشلىرىنى مۇزاكىرىلىشىش ئۈچۈن بۇ خىل قۇرۇلتايلار تۈزىلەتتى.
ئىبراھىم كافەسئوغلۇنىڭ بايانىدا كۆك تۈرك دۆلىتىدىمۇ ئەتىياز پەسلىدە خەلقنىڭ توپلىنىپ، دۆلەت ئىشلىرىنى مۇزاكىرە قىلىپ، خاقان سايلايدىغانلىقى، بۇ يىغىلىشتا ئات بەيگىسى، ناخشا ئېيتىش قاتارلىق پائالىيەتلەرنىڭ بولىدىغانلىقى ۋە كۆپ مىقداردا قىمىز ئىچىلىدىغانلىقى خاتىرىلەنگەن.
ئوغۇز قەبىلىلىرىدە يەنە تىرنەك (دەرنەك) دەپ ئاتىلىدىغان بىر خىل كېڭەش بولغان بولۇپ، تۈرلۈك مەقسەتلەر بىلەن توپلىنىپ قارار ئېلىنىدۇ. ھۇنلاردا تەڭرىقۇت، قاغان، خان، ئىدىقۇت ۋە ئېلتەبىر قاتارلىق ئۇنۋانلار بولۇپ، ”خان“ دۆلەت تېرىتورىيىسىنى كېڭەيتىش، خەلقنىڭ پاراۋان تۇرمۇشىغا كاپالەتلىك قىلىش ۋە ئەمەلدارلارغا ھوقۇقىنى ئىجرا قىلغۇزۇش فۇنكسىيىىلىرىگە ئىگە ئىدى. ”خان“ پۈتۈن ھوقۇقىنى شۇ زاماننىڭ قانۇنى بولغان ”تۆرە“ (تۆرۈ) دائىرىسىدە ئۇيغۇنلاشتۇرۇشى كېرەك ئىدى. ”تۆرە“ نىڭ كېلىپ چىقىش مەنبەسى بولسا، ”خەلق، خان ۋە قۇرۇلتاي“ ئىدى. بۇنىڭدىن خاننىڭ ئىش-ھەرىكەتلىرىنىڭ قۇرۇلتايغا باغلىق بولىدىغانلىقىدىن ئىبارەت بىر باغلىنىشنى كۆرىۋالغىلى بولىدۇ. كۆك تۈرك دۆلىتىدە مەسىلەن، بىلگە خاقاننىڭ شەھەرلەردە شەھەر سېپىلى سېلىش ۋە بۇددىزىم، داۋئىزىمنى قوبۇل قىلىش تەكلىپى ”توي“ تەرىپىدىن قوبۇل قىلىنمىغان ۋە ئىشقا ئاشۇرۇلمىغانىدى. ”توي“ (قۇرۇلتاي) غا قېتىلغانلار ”تويگۇن“ دەپ ئاتىلىدىغان بولۇپ، بۇ كەلىمە بىرلىك، توپلۇق ئەزاسى دېگەن مەنىنى بىلدۈرىدىغان ”گۇن“ قوشۇمچىسى بىلەن ياسىلىپ ”تويگۇن“ كەلىمىسى قۇرۇلتاي ئەزاسى دېگەن مەنىنى بىلدۈرگەن.
پۈتكۈل تۈرك تارىخى بويىچە ”توي“ ياكى ”قۇرۇلتاي“ نىڭ ”خان“ نىڭ سايلام ۋە قانۇنلاشتۇرىلىشىدا ئوينىغان رولى چوڭ بولۇپ، قانۇنىي ھۆكۈمەتنىڭ مۇھىم تايانچلىرىدىن بىرى ئىدى. ئوسمانىيە ئىمپىراتورلىقىنىڭ قۇرغۇچىسى ئوسمان بەگنىڭ مۇشۇ خىل دۆلەت قۇرۇلتىيىدا ۋەزىپىگە تەيىنلەنگەنلىكى مەلۇمدۇر. لېكىن تۈركلەر ئىسلام دىنىغا ئېتىقاد قىلغاندىن كېيىن بۇ خىل ”توي“ ئەنئەنىسى ئەمەلدىن قېلىپ، قۇرۇلتاينىڭ ”خان“ سايلىمىغا قارار بېرىش ھوقۇقى كۈچتىن قالغان. ئىسلام دىنىغا كىرگەندىن كېيىن يولغا قويغان ”دىۋان“ تۈزۈمىمۇ ئاشۇ خىل ”توي“ قۇرۇلتىيى ئاساسىغا قۇرۇلغان تۈزۈم بولۇپ، قەدىمكى تۈرك دەۋرىدىكى قۇرۇلتاي ئەزالىرىنىڭ قەبىلە مەنپەئەتىگە ۋەكىللىك قىلىپ، خاننىڭ ھاكىمىيىتىنى كۈچەيتىش ئىدىيىسىگە ۋارىسلىق قىلىپ كەلگەن.
«ئوغۇزخان» داستانىدىمۇ ئوغۇز خاقاننىڭ چوڭ قۇرۇلتاي چاقىرىپ، نۆۋكەرلىرىنى ۋە ئەل جامائەتنى چاقىرتقانلىقى ھەققىدىكى تەپسىلاتلار مۇنداق بايان قىلىنىدۇ: ”ئوغۇز خاقان چوڭ قۇرۇلتاي چاقىردى. ئوغۇز خاقان چوڭ چېدىردا ئوڭ تەرىپىگە قىرىق غۇلاچلىق ئۇزۇن خادا قاداتقۇزدى. ئۇنىڭ ئۇچىغا بىر ئالتۇن توخۇ ئاستى، ئۇنىڭ يېنىغا بىر ئاق قوينى باغلىدى. سول تەرىپىگە قىرىق غۇلاچلىق ئۇزۇن بىر ياغاچنى قاداتقۇزدى. ئۇنىڭ ئۈستىگە بىر كۈمۈش توخۇنى ئاستى، تۈۋىگە بىر قارا قوينى باغلىدى. ئوي تەرەپتە بوزئوقلار ئولتۇردى، سول تەرەپتە ئۈچ ئوقلار ئولتۇردى.“

يازغۇچى ھەققىدە

ماقالە سانى : 3

ئاكادېمىيە ئورگان تورى ©

ئۈستىگە قايتىش