ئۇيغۇرچە    Uyghurche    Уйғурчә   
  • 2018 - يىلى 27 - ئۆكتەبىر يەكشەنبە كۈنى سائەت 2:00 دە ئىستانبۇلدا «خىتاينىڭ جازا لاگىرلىرىدىكى شەرقىي تۈركىستانلىقلارنىڭ ئاقىۋىتى مۇھاكىمە يىغىنى» ئۆتكۈزۈلىدۇ. ...
سىزنىڭ ئورنىڭىز: باشبەت » ئەدەبىيات گۈلزارى »  سورېن كىيېركىگاردنىڭ  گۈزەل سۆزلىرى

 سورېن كىيېركىگاردنىڭ  گۈزەل سۆزلىرى

تەرجىمە قىلىپ رەتلىگۈچى: مەمتىمىن ئوبۇل

سورېن كيېركېگارد (Soren Aabye Kierkegaard,1813—1855) دانىيەلىك پەيلاسوپ ھەم شائىر بولۇپ، ھازىرقى زامان مەۋجۇدىيەتچىلىك پەلسەپەسىنىڭ ياراتقۇچىسى. ئۇ كوپېنھاگېن ئۇنىۋېرسىتېتىدا ئوقۇغان، كېيىن زور سوممىلىق مىراسقا ۋارىسلىق قىلىپ، كىتاب يېزىش بىلەن شۇغۇللانغان، كۆپىنچە كىتابلىرىنى ئۆزى پۇل چىقىرىپ نەشر قىلدۇرغان؛ ئۇ بىر ئۆمۈر ھېچقانداق كەسىپ بىلەن شۇغۇللانمىغان، بىر ئۆمۈر ئۆيلەنمىگەن، ئازاب ۋە تەشۋىش ئىچىدە ياشاپ، كۈچلۈك خىرىستىيان ئېتىقادى بىلەن ئالەمدىن ئۆتكەن.

ئەينى چاغدا دانىيەلىكلەر گېرمانىيە پەلسەپەسى ۋە مەدەنىيىتىگە تولىمۇ چوقۇناتتى، شۇڭا 1841-يىلى كيېركېگارد گېرمانىيەنىڭ بېرلىنغا بېرىپ گېگېل پەلسەپەسىنى ئۆگەندى. بۇ ئىدېئالىستىك پەلسەپە بارچىنى ھەقىقىيلىق، ياخشىلىق ۋە گۈزەللىككە زورلاپ، ئادىمىيەتنى ۋە ئادەمدە بولىدىغان ئازاب-ئوقۇبەت ۋە مۈشكۈلاتلارنى بىر ياققا قايرىپ قويغاچقا، كيېركېگاردقا ياقماي، ئەنئەنىۋى پەلسەپەدىن ۋاز كېچىپ، ئەمەلىي دۇنيادىكى ئادىمىيەت پەلسەپەسىگە يۈزلەندى، ئاخىرىدا دۇنياغا تەسىر كۆرسەتكەن «مەۋجۇدىيەتلىك پەلسەپەسى»نى ئۆز چۈشەنچىسىدە ھاسىللىدى.

كيېركېگاردا ياۋروپا پەلسەپەسىنىڭ تەرەققىيات يۆنىلىشىنى بۇرىغان مۇھىم شەخس دەپ قارىلىدۇ. ئۇ ئوبيېكتىپ شەيئى ۋە ئەقلىي ئاڭنىڭ مەۋجۇتلۇقىنى ئەمەس، بەلكى ئاساسلىقى تەنھا، ئەقىلسىز يەككە شەخسنىڭ مەۋجۇتلۇقىغا بولغان تەتقىقاتنى بارلىق پەلسەپەنىڭ باشلىنىش نۇقتىسى دەپ قاراپ، شەخسنىڭ ئەقىلدىن خالىي ھېس-تۇيغۇسى، بىزارلىقى، چۈشكۈنلۈكى، ئۈمىدسىزلىكى قاتارلىقلارغا بولغان تەتقىقاتنى سىرتقى دۇنيا ۋە ئىنساننىڭ ئىدراكىي تونۇشىغا بولغان تەتقىقاتنىڭ ئورنىغا دەسسەتتى. ئۇ پەلسەپە ئەمەلىي دۇنيادىكى كىشىلىك ھاياتنى تەتقىق قىلىشى كېرەك دەپ قارىدى، ئۇنىڭ مەۋجۇدىيەتچىلىك پەلسەپەسى تۆۋەندىكى ئىككى نۇقتىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ: بىرى، مەۋجۇتلۇق ماھىيەتتىن ئاۋۋال بولىدۇ، يەنى، گەرچە ئىنساننىڭ مەۋجۇتلۇقى كۆپىنچە پاسسىپ ھالەتتە بولۇپ تەقدىر تەرىپىدىن بەلگىلەنسىمۇ، بىراق ئىنسان تەقدىر تەرىپىدىن بەلگىلەنگەن مۇشۇ مەۋجۇتلۇقىغا تايىنىپ تۇرۇپ ئۆز ماھىيىتىنى يارىتىدۇ. شۇڭا ئىنساننىڭ ئىززەت-ھۆرمىتى ھەرگىزمۇ ئۇنىڭ تەقدىر تەرىپىدىن بەلگىلەنگەن مەۋجۇتلۇقى، ئارقا كۆرۈنۈشى، كېلىپ چىقىشىدا ئەمەس، بەلكى ئۆزىنىڭ ماھىيىتىنى تاللىيالايدىغان ئەركىنلىكتە. ئۇ ئۆزىنىڭ قانداق ئادەم بولۇشىنى تاللىيالايدۇ، ئۆزىنىڭ ماھىيىتىنى تاللىيالايدۇ. بۇ بىرسى. يەنە بىرى، كيېركېگارد مەۋجۇتلۇقنى تۆۋەندىكى ئۈچ دەرىجىگە ئايرىدى: ھېسسىي مەۋجۇتلۇق: بۇ خۇشاللىقنى، بەختنى، شەخسىيەتچىلىكنى ۋە يەڭگىلتەك ھاياتنى قوغلىشىدىغان، جېنىنى ساقلاشتىن راھەت كۆرۈشكىچە بولغان مەۋجۇتلۇقنى كۆرسىتىدۇ؛ ئەقلىي مەۋجۇتلۇق: بۇ بىر قەدەر ئەستايىدىل، مەسئۇلىيەتچان مەۋجۇتلۇق بولۇپ، ئەقلىي ۋە پەلسەپەۋى ئۇسۇل بويىچە ئۆزىنىڭ مەسىلىلىرىنى ھەل قىلىدىغان، باشقىلارغا بولغان ئەخلاقىي مەجبۇرىيىتىنى ئادا قىلىدىغان، ئىجتىمائىي ئەخلاققا ئۇيغۇن بولغان مەۋجۇتلۇق؛ دىنىي مەۋجۇتلۇق: ئىلتىجا ۋە مۇھەببەت ئىچىدىكى ھايات بولۇپ، ئىلاھنى ھېس قىلغان ۋە ئىلاھقا چوقۇنىدىغان، شۇنىڭلىق بىلەن روھنى يۆلەنچۈككە ئىگە قىلغان مەۋجۇتلۇق.

تۆۋەندىكىلىرى كيېركېگاردنىڭ بەزىبىر سۆز-جۈملىلىرى.

1. بىز قورققان نەرسىلەر دەل بىز تەشنا بولغان نەرسىلەردۇر.

2. ھاياتنى چۈشىنىش ئۈچۈن ئارقىغا قاراش، ھاياتنى ياشاش ئۈچۈن ئالدىغا قاراش كېرەك.

3. ئادەمنىڭ ئەڭ ئاسان ئۇنتۇيدىغىنى ئۇنىڭ ئۆزى.

4. ئاۋام خەلق تەپەككۇر ئەركىنلىكىدىن ئىبارەت بۇ ھوقۇقنى ناھايىتى ئاز ئىشلىتىدۇ، شۇڭا ئۇلار سۆز ئەركىنلىكى ئارقىلىق ئۇنىڭ ئورنىنى تولۇقلىماقچى بولىدۇ.

5. ئادەم يىرتقۇچ ياكى پەرىشتە بولغىنىدا ھېچنېمىدىن تەشۋىشلەنمىگەن بولاتتى؛ ئادەم دەل بۇ ئىككىسىنىڭ ئارىلاشمىسى بولغانلىقى ئۈچۈنلا تەشۋىشلىنەلەيدۇ.

6. ئۈمىدسىزلىك شۇنداق بىر كېسەلكى، ئۇنىڭغا گىرىپتار بولغۇچىلار تەڭرىنىڭ شاپائىتىگە ئېرىشكۈچىلەردۇر، ئەزەلدىن ئۈمىدسىزلەنمەسلىك ئەڭ چوڭ بەختسىزلىك. ئۈمىدسىزلەنگەن ئادەم دەل بەرداشلىق بېرىۋاتقان ئادەم بولۇپ، ئۇ ئىزچىل تۈردە خىيالىي دۇنيادا ياشايدۇ، بۇ خىيالىي دۇنيا ئۇنىڭ ھېس-تۇيغۇسى، بىلىشى ۋە ئىرادىسى بىلەن مۇناسىۋەتلىنىدۇ. نۇرغۇن كىشىلەر ئازدۇر-كۆپتۇر ئۈمىدسىزلىك ۋە چۈشكۈنلۈك ئىچىدە ياشايدۇ، پەقەت ئاز بىر قىسىم كىشىلەرلا چۈشكۈنلۈك ئارقىلىق روھىي ئۆزلۈكىنى بايقىيالايدۇ.

7. مۇھەببەت ھەممىدىن بەك نېمىگە ئامراق؟ چەكسىزلىككە. مۇھەببەت ھەممىدىن بەك نېمىدىن قورقىدۇ؟ چەكلىمىدىن.

8. ئادەملەر ھايۋانلاردىن مۇنەۋۋەر بولغانلىقى ئۈچۈنلا، يەنى، ئادەملەردە ئۆزلۈك بولغاچقىلا، روھ بولغاچقىلا ئۇلار ئۈمىدسىزلىنەلەيدۇ، ئۈمىدسىزلىكنى چۈشەنمىگەن ئادەمدە ئۈمىد بولمايدۇ.

9. مەۋجۇتلۇقنى ئۇقۇم ئارقىلىق ئىپادىلىگىلى بولمايدۇ، بۇ ھەرگىزمۇ ئۇنىڭ غۇۋالىقى ياكى ئۇنى ئويلاشنىڭ تەسلىكىدىن ئەمەس؛ دەل ئەكسىچە، مەۋجۇتلۇق ئىنتايىن مول مەزمۇنغا ۋە ئىنچىكە تەپسىلاتلارغا تويۇنغان، ئەگەر ئابستراكت ئۇقۇم مەۋجۇتلۇققا ئىشلىتىلسە، مەۋجۇتلۇقنىڭ مول تەپسىلاتلىرى غايىب بولىدۇ، شۇنىڭ بىلەن مەۋجۇتلۇقنىڭ ئۆزىمۇ غايىب بولىدۇ.

10. بىر ئادەمنى باھالاشنىڭ ئۆلچىمى مۇنداق: ئۇ باشقىلار تەرىپىدىن چۈشىنىلمىگەن ھالەتتە يالغۇزلۇققا قانچىلىك ۋاقىت، قانچىلىك دەرىجىدە بەرداشلىق بېرەلەيدۇ؟ يالغۇزلۇققا بىر ئۆمۈر بەرداشلىق بېرەلەيدىغان ئادەم، ئۆزىنىڭ تەنھالىقى ئارقىلىق مەۋجۇتلۇقنىڭ مەڭگۈلۈك ئەھمىيىتىنى بېكىتكەن ئادەم ئۆزىنىڭ بالىلىقىدىن ۋە ئىنسانلارنىڭ ھايۋانىيلىقىغا ۋەكىللىك قىلىدىغان جەمئىيەتتىن ئەڭ يىراقتا.

11. تەپەككۇردىكى زىددىيەت مۇتەپەككۇرنىڭ قىزغىنلىقىنىڭ مەنبەسى. زىددىيەتسىز مۇتەپەككۇر گوياكى ھېسسىياتسىز ئاشىققا ئوخشايدۇ: بۇ تىلغا ئېلىشقىمۇ ئەرزىمەيدىغان چاكىنىلىق.  ئۆزى تەپەككۇر قىلالمايدىغان تەپەككۇرنى بايقاش بارلىق تەپەككۇرنىڭ ئەڭ ئاداققى زىددىيىتى.

12. دەقىقە بولۇش سۈپىتى بىلەن، ئۇ ئەلۋەتتە قىسقا؛ ھالبۇكى، ئۇنىڭ مەۋجۇتلۇقى بېكىتىلگەن، ئەبەدىيلىككە تولغان.

13. سۈكۈناتنى چۈشىنىدىغان ھەر بىر ئادەم ئاخىرىدا ئىلاھنىڭ پەرزەنتىگە ئايلىنىدۇ، چۈنكى سۈكۈناتتا ئۇ ئۆزىنىڭ كېلىپ چىقىشىنىڭ مۇقەددەس ئىكەنلىكىنى ھېس قىلىدۇ. كىم توختىماي ۋالاقىشىسا، شۇ بىر ئادەمگە ئايلىنىپ قالىدۇ. سۈكۈناتنى قانچىلىك ئادەم چۈشىنىدۇ!

14. كۆپلىگەن ئادەمنىڭ بەختسىزلىكى ئۇلارنىڭ ئاجىزلىقىدىن ئەمەس، بەلكى زىيادە كۈچلۈكلىكىدىن بولغان، ئۇلار زىيادە كۈچلۈك بولغانلىقتىن تەڭرىنى كۆرەلمىدى.

15. مېنىڭ بىردىنبىر دوستۇم بار، ئۇ بولسىمۇ ئەكس سادا. ئۇ نېمىشقا مېنىڭ دوستۇم؟ چۈنكى مەن ئۆزۈمنىڭ ھەسرىتىنى سۆيىمەن، ئەكس سادا مېنىڭ ھەسرىتىمنى تارتىۋالمايدۇ. مېنىڭ پەقەت بىرلا سىردىشىم بار، ئۇ بولسىمۇ كېچە تىمتاسى. تىمتاسلىق نېمىشقا مېنىڭ سىردىشىم؟ چۈنكى ئۇ سۈكۈت قىلىدۇ.

16. ياشلىق نېمە؟ ئۇ بىر چۈش. مۇھەببەت نېمە؟ ئۇ ئاشۇ چۈشنىڭ مەزمۇنى.

17. قىزچاقلار ئەڭ ئاچچىق سۆزلەر بىلەن تارتىنچاق يىگىتكە باھا بېرىدۇ، بىراق ئاستىرتتىن ئۇنى ياخشى كۆرىدۇ.

18. بىر قىز ھاياتىدا پەقەت بىرلا قېتىم سۆيىدۇ.

19. سەمىمىيلىك بىلەن ئىنكار قىلساڭ قىلغىنكى، ھەرگىزمۇ يېرىم ئىشىنىپ يېرىم ئىشەنمەيدىغان ئىشنى قىلما.

20. يەككە شەخسنىڭ مەۋجۇتلۇقىنىڭ ماھىيىتى دەل ئۇنىڭ تەنھالىقىدا.

21. تەڭرى ئالدىدا ئىنسان تەنھا بولىدۇ. ئىنسان پەقەت تەنھالىقتىلا ئاندىن تەڭرى بىلەن ئالاقە قىلالايدۇ.

22. ھەسرەتلىك ئادەم ھەمىشە ھەسرەتلىك ئادەملەرگە ھېسداشلىق قىلىدۇ. بىراق تېخىمۇ بۈيۈكى ئېتىقادلىق ئادەمدۇر، دىققەت قىلىشقا تېخىمۇ بەكرەك ئەرزىيدىغىنى ئېتىقادلىق ئادەمدۇر.

23. ئېتىقاد تېگى-تەكتىدىن ئېيتقاندا زىددىيەتلىك بولىدۇ.

24. ئۆلۈم ۋە قارغىش، مەن بارچە مەۋجۇدات بىلەن ئالاقىنى ئۆزگەن تەقدىردىمۇ ئۆزۈم بىلەن ئالاقىنى ئۈزەلمەيمەن، ھەتتا ئۇخلاپ قالغاندىمۇ ئۈزەلمەيمەن.

25. بالىلىق چاغلىرىمدىن تارتىپلا مېنىڭ قەلبىمگە ھەسرەت تىكىنى سانجىلغان. ئۇ شۇ يەردە سانچىقلىقلا بولىدىكەن، مەن مەسخىرىۋازلىقتىن توختىمايمەن؛ ئەگەر ئۇ ئېلىۋېتىلىپلا قالسا، مەن شۇ ھامان ئۆلىمەن.

26.  تۇغۇۋاتقان ئايالنىڭ ئىنجىق ئاۋازىنى ئاڭلا، ئۆلگىلىۋاتقان ئادەمنىڭ تىركىشىپ ئېڭرىغىنىنى ئاڭلا، ئاندىن ماڭا باشلىنىش ۋە ئاخىرلىشىشنىڭ ئارىلىقىدا خۇشاللىنىشقا ئەرزىگۈدەك قايسى ئىشلارنىڭ بارلىقىنى ئېيتىپ بەر.

27. مەلۇم مەنىدىن ئېيتقاندا مەن مەۋجۇتلۇقتىن سەسكىنىمەن __ مەن پەقەت ئادەم ئۆزىنى يارىتالايدۇ دېگەن ئىدىيەنىلا ئالقىشلايمەن __ مەن بىر كىنايە كەبى ئادەملەر ئارىسىدا ياشايمەن، ئۇلارنىڭ ماڭا بولغان باھاسى پەقەتلا مېنى چۈشەنمىگەنلىكى ۋە ئۇلارنىڭ بىھۇدە ۋە چاكىنا ھاياتىنىڭ ئىسپاتى خالاس.

28. مېنىڭ پۈتكۈل ھاياتىم گوياكى كىشىلەرنى چۆچۈتىدىغان ھەجۋىي شېئىر.

29. ئەگەر مېنىڭ قەبرە تېشىمغا بىرەر نەرسە يېزىپ قويۇشقا توغرا كەلسە، مەن ئۇنىڭ باشقىچە ئەمەس، بەلكى «بۇ ئادەم» دەپلا يېزىلىشىنى خالايمەن. ئەگەر بىر ئادەم بۇ دۇنيادا مۇستەقىل پۇت تىرەپ تۇرالىغانلا بولسا، پەقەت ئۆزىنىڭ ئىچىدىن چىققان ۋىجدانىي ئاگاھلاندۇرۇشىنىلا ئاڭلاپ ياشىيالىغان بولسا، ئۇنداقتا بۇ ئادەم بىر قەھرىمان.

30. ئادەم چوقۇم ئەڭ قورقۇنچلۇق مۇمكىنچىلىكتە ئۆزىنى تاۋلىشى كېرەك.

31. مەن يازغان بارلىق نەرسىلەرنىڭ تېمىسى پەقەت ۋە پەقەت ئۆزۈم.

32. سوقرات ماھىيەتتىن ئېيتقاندا مەۋجۇتلۇقنى تەكىتلەيدۇ، ھالبۇكى ئەپلاتۇن بۇ نۇقتىنى ئۇنتۇپ، ئەقلىي تەپەككۇرنىڭ قايناملىرىدا ئۆزىنى يوقىتىپ قويدى.

يازغۇچى ھەققىدە

ماقالە سانى : 18

ئاكادېمىيە ئورگان تورى ©

ئۈستىگە قايتىش