ئۇيغۇرچە    Uyghurche    Уйғурчә   
  • 2018 - يىلى 27 - ئۆكتەبىر يەكشەنبە كۈنى سائەت 2:00 دە ئىستانبۇلدا «خىتاينىڭ جازا لاگىرلىرىدىكى شەرقىي تۈركىستانلىقلارنىڭ ئاقىۋىتى مۇھاكىمە يىغىنى» ئۆتكۈزۈلىدۇ. ...
سىزنىڭ ئورنىڭىز: باشبەت » ئەدەبىيات گۈلزارى » بىلكى، بۇ ئۇيغۇر مەھبۇسى ئۈچۈن

بىلكى، بۇ ئۇيغۇر مەھبۇسى ئۈچۈن

ئاپتۇرى: سەرۋى

*

مېنىڭ نەزمەم

*

قاتتىق داق يەردە ئۇخلاي بۇ كېچە،

سېلىنچا سالماي، يېپىنچا ياپماي،

يانپېشىم ئاغرىپ بەل چىمىلدىسا ،

توڭلاپ تىترىسەم زادى زارلىماي.

«نە ھاجەت؟» –  دېسەڭ ئەي دىلدار بۈگۈن ،

بىلكى بۇ ئۇيغۇر مەھبۇسى ئۈچۈن.

*

بولسۇن ئۇسسۇزلۇق پۈتكۈل كۈن بويى ،

بىرلا پىيالە تۇزلۇق شاكاراپ،

قۇرۇپ لەۋلىرىم ، چاپلاشسۇن تاماق ،

تەشنالىقتا جان ئەيلەنسۇن  خاراپ.

«قىينالدىڭ!» – دېسەڭ ئەي دىلدار بۈگۈن،

بىلكى بۇ مەھبۇس ھەقلىرى ئۈچۈن .

*

بىر قاچا بەتتام يېسۋىلەك قايناق،

بىلەن بىر ھورنان بولسۇن يېمىكىم.

ئاچ ھەم زېرىن بوپ ئۆتەيمەن بۈگۈن.

قورسىقىم ئېچىپ قايسۇن ھەم بېشىم ،

«ئاينىپسەن !» –  دېسەڭ دىلدارىم بۈگۈن،

بىلكى بۇ مەھبۇس نالىسى ئۈچۈن .

*

تامغا دۈمبەمنى چاپلاپ زوڭزىيىپ ،

ئولتۇراي بۇندا قاماللاپ بېشىم

باشنى بىر سىكونىت كۆتۈرۈشلەر يوق،

نەق ئالتە سائەت  بولسۇن قەرەلىم ،

«يۈرەك قان!»  – دېسەڭ ئەي دىلدار بۈگۈن،

بىلكى بۇ مىسكىن شۇ مەھبۇس ئۈچۈن.

*

پۇتۇم ئۇيۇشۇپ سىرقىرىسا جان،

جۈپ كۆزلىرىمگە تىقىلسا ياش -قان،

چىداي ئىڭرىماي ، ھەرلەھزە – ھەر ئان ،

ئۇچسۇن خىيالىم شۇ مەھبۇس تامان.

«مەجنۇنسەن!» – دېسەڭ ئەي دىلدار بۈگۈن،

بىلكى خارلانغان شۇ مەھبۇس ئۈچۈن.

*

قىينالسۇن تېنىم، ئۆرتەلسۇن جېنىم،

يۈرىگىم مەھبۇس ناخشىسى ئېيىتسۇن.

ئەزىز ھاياتنىڭ ئۇشبۇ سوتكىسى،

بىگۈناھ مەھبۇس ئۈچۈن ئاتالسۇن.

«ئاشقۇنسەن!» – دېسەڭ ئەي دىلدار بۈگۈن،

بىلكى بۇ مەھبۇس ئۇۋالى ئۈچۈن.

*

قەلبىم قايغۇدا دولقۇن ياسىسۇن،

كۆزلىرىم غەملىك مىسكىن  چاقنىسۇن.

نەزمەم يىشىمغا تۈگەل چىلىشىپ،

نىگارىم سېنى ئۆرتەپ يىغلاتسۇن.

«يىغلاتتىڭ!» – دېسەڭ نىگارىم بۈگۈن،

ئاڭلا بۇ ناھەق تۇتقۇن جان ئۈچۈن.

*

كۆزلىرىمگە سەن ئەلەملىك تىكىل،

قارچۇقۇڭدا مەن كۆرەي مەھبۇسنى،

ئەشۇ دەقىقە ئۇشبۇ تۇرقۇڭغا،

ئاتاي ئۆمرۈمنى، بېرەي جېنىمنى.

سورىساڭ -«نىچۈن بۇ سۆزۈڭ بۈگۈن؟»

ئاڭلا بۇ مەھبۇس ئاھلىرى ئۈچۈن.

*

مۈرەمنى قىسقىن، شىۋىرلا ماڭا،

دىگىن – «ئەي ۋەتەن جانلىرىم پىدا!»

ئاۋازىڭ تېترەپ، تۆكۈلسۇن يېشىڭ،

لەرزىگە كەلسۇن يۈرەك پىغاندا.

دېسەڭ – «ئازاپتا كۆيدۈردۈڭ بۈگۈن!»

ئاڭلا بۇ مەھبۇس سۆيگۈسى ئۈچۈن.

*

چىھرىڭ ئەلەمدىن يانسۇن رەڭلىنىپ،

يۈرەك قېتىڭدىن نەزمەڭ ئۇرغۇتقىن.

ئوقۇغىن ۋەزمىن – تىترەك  ئاۋازدا،

تىڭشاپ نەزمەڭنى توختاي ئۆكسۈشتىن.

ئاڭلاي ئەي نىگار نەزمەڭنى بۈگۈن،

شۇ مەھكۇم ئىنسان ھۆرمىتى ئۈچۈن.

*

سېنىڭ نەزمەڭ

*

قەدىرسىز ئەمەس مەھبۇسنىڭ جېنى

ئاققان قانلىرى، تۈگۈلگەن مۇشتى،

ئاچلىق ئىلكىدە قىينالغان تۇرقى،

ياۋغا غەزەپلىك باققان نىگاھى.

ھەققى – ھۆرمىتى مۇپەسسەل بۈگۈن،

مەزلۇم دىلدىكى غورۇرى ئۈچۈن.

*

مەھبۇس قەلبىگە بولىدۇ زاھىر،

بىز ياشتا پۈتكەن شۇ گۈزەل شېئر،

مەھبۇس قەلبىگە قۇيىدۇ مېھىر،

چۈنكى سۆيگۈمىز بۈيۈك بىر سېھىر.

تەبەسسۇملىرى جۇلالار بۈگۈن،

قەلبى تۇيغان بۇ مۇھەببەت ئۈچۈن.

*

مەھبۇس بىلىدۇ، يوقتۇر گۇمانى،

ئۆزىگە تالىق قەلىبلەر تۆرى،

مەزلۇم بولسىمۇ، مۆھتىرەم ئۆزى،

ياۋغا مەڭگۈگە ئىگىلمەس بېشى.

نىگار ئۈزۈلمە –  ئېزىلمە بۈگۈن،

غەييۇر ھەم جەسۇر شۇ مەھبۇس ئۈچۈن.

*

مەھبۇس تۇيىدۇ ھەر تامچە يېشى،

ئۈچۈن ھەر ئىنسان تۇتارھۆرمىتى.

ئۆزى ئالەمنىڭ بۈيۈك غورۇرى.

جانلىرى كەتسە شەھىدتۇر ئۆزى.

مەھبۇس قىساسى مىنەلھەق بۈگۈن،

ئانىت ئىچەي بۇدەم شۇ قىساس ئۈچۈن !

*

خاتىمە

*

بۇ نەزمەڭ يەشسۇن دىلدىكى تۈگۈن،

ياشلىرىم بولسۇن كۆزۈمدىن سۈرگۈن.

قىساسچۈن بۇدەم بولايمەن  تۈرگۈن،

بىراق مەھبۇسچۈن ئاتالسۇن بۈگۈن!

ئالى ئىھتىرام ، چەكسىز ھۆرمەتتە،

پۇچۇلسۇن يۈرەك شۇ  مەھبۇس ئۈچۈن!

يازغۇچى ھەققىدە

ماقالە سانى : 1197

ئاكادېمىيە ئورگان تورى ©

ئۈستىگە قايتىش