ئۇيغۇرچە    Uyghurche    Уйғурчә   
  • 2018 - يىلى 27 - ئۆكتەبىر يەكشەنبە كۈنى سائەت 2:00 دە ئىستانبۇلدا «خىتاينىڭ جازا لاگىرلىرىدىكى شەرقىي تۈركىستانلىقلارنىڭ ئاقىۋىتى مۇھاكىمە يىغىنى» ئۆتكۈزۈلىدۇ. ...
سىزنىڭ ئورنىڭىز: باشبەت » مىللىي مەۋجۇتلۇق » بىزدىكى ئىختىلاپ ۋە ئۇنىڭ سەۋەپلىرى

بىزدىكى ئىختىلاپ ۋە ئۇنىڭ سەۋەپلىرى

مەمەت ئىمىن

نۆۋەتتە ۋەتەن سىرتىدىكى خەلقىمىز ئىچىدە بولۇپمۇ داۋا بىلەن مۇناسىۋەتلىك بەزى شەخىسلەر ۋە تەشكىلاتلار ئارىسىدا يۈز بىرىۋاتقان ئىختىلاپلار، بىرىنىڭ كەينىدىن بىرى ئوتتۇرىغا چىقىپ، بىر تەرەپتىن كەڭ خەلق ئاممىسىنى بىئارام قىلىۋاتقان بولسا، يەنە بىر تەرەپتىن داۋاغا ئىغىر زىيانلارنى ئىلىپ كېلىۋاتىدۇ. كۆپۈنچە كىشىلەر يۈز بىرىۋاتقان ئىختىلاپلارنى ئۈنۈملۈك بىر تەرەپ قىلىشنى ئۈمۈد قىلغان بولسىمۇ، بىراق ئۇنىڭ كىلىپ چىقىش سەۋەپلىرىنى تونۇپ يېتىشتە بەزى پەرىقلەر بولغىنى ئۈچۈن، يەنى ئىختىلاپ پەيدا بولۇشقا سەۋەپ بولغان ئامىللارغا نىسبەتەن ئالاھىدە ئىزدىنىش ئىلىپ بارماي، قارشى تەرەپنى نوقۇل ھالدا خائىن، جاسۇسلۇق بىلەن ئەيىپلىگىنى ئۈچۈن، ئارىمىزدا يۈز بىرىۋاتقان ئىختىلاپلار بىسىقماي ئەكسىنچە كۈندىن كۈنگە كەسكىنلىشىپ، ئارىمىزدىكى ئىغىر دەرىجىدە بۆلۈنۈشكە ۋە ئىتىپاقسىزلىققا سەۋەپ بولاۋاتىدۇ.

مەن يىقىندا ئىختىلاپنىڭ كېلىپ چىقىش ۋە ئۇنى بىر تەرەپ قىلىش توغرىسىدا ئۇنۋىرسال بىر ماقالە يىزىپ ئىلان قىلغان ئىدىم.

http://uyghur-jemiyiti.blogspot.com/2018/07/ixtilap-we-uni-bir-terep-qilish.html

تۆۋەندە مەن ئارىمىزدىكى ئىختىلاپلارنىڭ كىلىپ چىقىش سەۋەپلىرىنى ئۆزىمىزدىكى بەزى كۆنۈپ كەتكەن كۆز قاراش، تەپەككۇر قىلىش ۋە مەسىلىلەرنى بىر تەرەپ قىلىش ئۇسۇللىرىمىز بىلەن، بولۇپمۇ بىنورمال بولغان بەزى ئادەتلىرىمىز بىلەن بىرلەشتۈرۈپ، بۇ ئىختىلاپلارنىڭ پەيدا بولۇش سەۋەپلىرىنى ئانالىز قىلىپ چىقماقچى، ۋە ئۇلارنى ھەل قىلىشقا بەزى تەكلىپلەرنى بەرمەكچى. بىز ئادەتتە ئىنسانلارنىڭ شەيئىلەرگە بولغان پوزىتسىيەسىنى، روھىي ھالىتىنى، كەيپىياتىنى، تەپەككۇر قىلىش، مەسىلىلەرنى بىر تەرەپ قىلىش ئۇسۇللىرىنى ۋە ئۇلارنىڭ مىجەز خۇلقىنى ئورتاقلاشتۇرۇپ، ئىنسانلارنىڭ پىسخىكىسىغا يىغىنچاقلايمىز. تۆۋەندىكى مەزمۇنلار پەقەتلا ئۆزەمنىڭ ئۇزۇندىن بىرى خەلقىمىزنىڭ شۇ پىسخىكىسىنى كۈزۈتۈپ ئوتتۇرىغا قويغان شەخسىي كۆز قاراشلىرىم.

مەن بۇ ئىختىلاپلارغا سەۋەپ بولىۋاتقان كىشىلەر ئارىسىدا، مىللى مەنپەتىمىزگە خىلاپ ھالدا خەلقىمىزگە ئىھانەت قىلىۋاتقانلارنىڭ، ھەتتا ئارىمىزدا ”قوي تىرىسىگە ئورنىۋالغان بۆرىلەر“ نىڭ بارلىقىنى ئىنكار قىلمايمەن، بىراق مىنىڭ قارىشىمچە ئۇلار بەك ئاز ساندىكى كىشىلەر بولۇپ، كۆپۈنچىسىنىڭ ئىسمى جىسمى يوق. ئەمما ئەپسۇس بەزى ئىسمى جىسمى بار ئىنسانلارمۇ ئەقلىنى يوقۇتۇپ، ھىس تۇيغۇسىغا تايىنىپ ئاغزىغا كەلگىنىنى سۆزلەپ، ھەر خىل زىددىيەت ۋە ئىختىلاپلارغا سەۋەپ بولاۋاتىدۇ.  يەنە بەك ئەپسۇس، ئىنسانلىرىمىز ئۆزلىرىدىن، بىز كۆپ ساندىكى كىشىلەر نىمە ئۈچۈن ئۇ ئاز ساندىكى ”ئىسمى جىسمى يوق“ كىشىلەرنىڭ ئوينىغا كەلدۇق، بىز نىمە ئۈچۈن ئۇلارنى بىلىپ تۇرۇپ، ئۇلار بىلەن بىر سەنەمگە ئۇسۇل ئوينىدۇق، بىز نىمە ئۈچۈن ئەقلىمىزنى ئىشلىتىپ مۇستەقىل تەپەككۇر قىلىپ باقمىدۇق دەپ سوراپ باقماي، ئارىمىزدىكى ئىختىلاپلارنىڭ ئوتتۇرىغا چىقىشىدىكى سەۋەپلەرنىڭ ھەممىسىنى ئۇلارغا ئارتىپ، ئۆز مەسۇليىتىدىن قۇتۇلماقچى بولاۋاتىدۇ.

ئۆز مىللىتىگە ئىھانەت قىلىدىغان خائىن، مۇناپىقلار ھەممە مىللەت ئارىسىدا، ھەر يەر ۋە ھەر ۋاقىتتا بولىشى مۈمكىن، بىراق ئۇنداق ئىنسانلار ھىچ بىر زامان، ھىچ بىر مىللەتتە كۆپ ساندا ۋە ئاساسى ئىقىمدا بولمىغان. بىزدىمۇ ھەم شۇنداق. مۇستەقىل تەپەككۇرى ۋە ئەقلى ھۇشى جاھىدا بولغان بىر توپ ئادەملەر،  ئوخشاش خاتالىقنى  بىر قىتىم ئەمەس، قىسقا ۋاقىت ئەمەس،  ئۇزۇن زامان قايتا – قايتا سادىر قىلىپ، ئاخىردا ئۇنىڭ سەۋەبىنى باشقىلاردىن كۆرسە، ئۇ ئىغىر دەرىجىدىكى مەسئۇليەتسىزلىك بولىدۇ. ئۆزى سادىر قىلغان خاتالىقنى ئىنكار قىلغانلىق، ۋە ئۇ خاتالىقنى ھەرگىز تۈزەتمەيمەن دىگەنلىك بولىدۇ. بۇ بىزدىكى ئىختىلاپلارنىڭ كۆپ بولۇشىنىڭ ئاساسلىق سەۋەپلىرىنىڭ بىرىدۇر.

2008 – يىلى خىتتايدىكى ئولىمپىكنىڭ ئالدى كەينىدە ئوتتۇرىغا چىققان سەنلۇ سۈت پاراشۇكى ۋەقەسىدىن ھەممىمىزنىڭ خەۋىرى بولسا كىرەك. خىتتايدا سۈت پاراشۇكى ئىشلەپچىقىرىشتا ئەڭ چوڭ شىركەت دەپ سانالغان سەنلۇ شېركىتى 15 يىل، خېمىيەلىك ئۇسۇلدا يالغان سۈت پاراشۇكى ئىشلەپچىقىرىپ بازارغا سالغان. ئۇ سۈت پاراشۇكى تەركىۋىدىكى خېمىيەلىك ماددىنىڭ بۆرەك ۋە سۈيدۈك يولىدا تاش پەيدا قىلىش، ئەرلەرنىڭ ئەۋلات قالدۇرۇش ئىقتىدارىنى يوق قىلىش قاتارلىق زىيانلىرى بار بولۇپ، 15 يىل ئىچىدە 300000 ئادەمنىڭ كىسەلگە گىرىپتار بولۇشىنى، 54000 بوۋاقنىڭ كىسەل بولۇپ دوختۇرخانىدا يىتىپ قىلىشنى، 12 بوۋاقنىڭ ئۆلۈپ كىتىشىنى ۋە مىلىيونلىغان ئىنسانلارنىڭ ساغلاملىقىنىڭ ۋاستىلىق زىيانغا ئۇچۇرىشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان. بۇ ئىش ئاشكارە بولۇپ قالغاندىن كىيىن، ھۆكۈمەت ئۇنى يەنە داۋاملىق يوشۇرۇشقا كۆزى يەتمەي، پۈتۈن جىنايەتنى بىر نەچچە ئادەمنىڭ ئۈستىگە يۈكلەپ، ئۇلارنى جازالىغان. شۇنىڭ بىلەن ھۆكۈمەت كەڭ خەلق ئاممىسىنىڭ ”ئۆچىنى“ ئىلىپ بىرىپ ئادالەتنى ساقلىغۇچى بولغان، كەڭ خەلق ئاممىسىنىڭمۇ ”ئۆچى“ ئىلىنىپ، پۇخادىن چىققان. بىراق خىتتايدىكى يىمەكلىك بىخەتەرلىكى بۇرۇن قانداق بولسا ھېلىھەم شۇنداق داۋاملاشقان، ۋەقە بايقالسا، بىرلىرىنى ”قۇربانلىق قوي“ قىلىپ جازالىغان، ھېچكىم ئوخشاش خاتالىق نىمە ئۈچۈن قايتا قايتا ئۇزۇن مۇددەت يۈز بېرىۋىرىدۇ دەپ سوئال سورىمىغان، سۈرۈشتە قىلمىغان؛ ھېچكىم ئۇنىڭ ئاساسلىق سەۋەبىنىڭ پۈتۈن سېستىمىدا ئىكەنلىكىنى ئويلىمىغان، ۋە ياكى ئويلاشقا پىتىنالمىغان. چۈنكى كەڭ خەلق ئاممىسى شۇنداق تەربىيلەنگەن ۋە ئۇنى رىياللىق دەپ قوبۇل قىلغان. بىزمۇ شۇ موھىتتا تەربىيە ئالغان، ۋە شۇنداق مەنتىقىنى رىياللىق دەپ قۇبۇل قىلغان ياكى ئۇنىڭغا كۆنۈپ كەتكەن.

مىنىڭ يۇقارقى مىسالنى تىلغا ئىلىشىمدىكى ئاساسلىق سەۋەپ، بىزدىكى ئىختىلاپلارنىڭ ئاساسلىق سەۋەبى يالغۇز ئارىمىزدىكى ئاز ساندىكى ”قوي تىرىسىگە ئورنىۋالغان بۆرە“ لەر سەۋەبىدىن بولماستىن، بەلكى ئۆزىمىزدىكى قان قېنىمىزغا سىڭىپ كەتكەن بىنورمال ئادەتلىرىمىز، يەنى بىنورمال پىسخىكىمىز سەۋەبىدىن كىلىپ چىققان دىگەننى ئوتتۇرىغا قويۇش ئۈچۈندۇر. ئەگەر بىز  ئۆز – ئۆزىمىزدىن ”بىز شۇنچە كۆپ ساندا تۇرۇپ نىمە ئۈچۈن ئاز ساندىكى بۇزغۇنچىلارنىڭ ئوينىغا كەلدۇق“ دەپ سوئال سورىمىساق، ئەقلىمىزنى ئىشلىتىپ مۇستەقىل تەپەككۇر قىلىشنى ئۈگەنمىسەك، باشقىلار نىمە دىسە، ئۇنىڭغا ئىشەنسەك، كاللىمىزغا ئورناپ كەتكەن ئەسكى ”قاراش“ نى ئۈزۈل – كىسىل تازىلىمىساق، ئۆزىمىزدە بار بولغان بۇ ”كىسەللىكلەر“ نى ئۈزۈل – كېسىل ساقايىتمىساق، بىزدىكى مەسىلىلەردە ھەرگىز تۈپ ئۆزگۈرۈش بولمايدۇ، يۈز بەرگەن خاتالىق قايتىلىنىدۇ، ئىختىلاپلار داۋام قىلىۋىرىدۇ.

بىزدىكى ئىختىلاپلارنىڭ كۆپ بولىشىغا سەۋەپ بولغان ئىڭىمىزدىكى يىتەرسىزلىكلەر ۋە پىسخىكىمىزدىكى بىنورماللىقلار

1) بىزدىكى مىللى روھ، مىللى ئاڭ ۋە ۋەتەنپەرۋەرلىك ئۇقۇمنىڭ ئىنىق ۋە توغرا بولماسلىقى، تار مىللەتچىلىك ئىدىيەسىنىڭ ئىغىر بولىشى. مىللى روھ، مىللى ئاڭ ۋە ۋەتەنپەرۋەرلىك دىمەك يالغۇز ھىس تۇيغىغا تايىنىپ، ئېغىزدا ۋەتەن مىللەت دەپ ۋاقىراپ قويۇشلا ئەمەس. ئۇ دىگەنلىك ھەر دائىم ۋەتەن مىللەتنىڭ مەنپەئەتىنى، شان شەرىپىنى قوغداش، شەخسىي مەنپەئەت ئۈچۈن، ئومۇملۇقنىڭ مەنپەئەتىنى قۇربان قىلماسلىق، ئۇنى زىيانغا ئۇچۇراتماسلىق دىمەك. مىللى روھ، مىللى ئاڭ ۋە ياكى ۋەتەنپەرۋەرلىك دىمەك ھەر جەھەتتىن تىرشچانلىق كۆرسىتىپ، ۋەتەن مىللەتنىڭ ئورنىنى، ئوبرازىنى تىكلەش، ئۇنى قەد كۆتەرگۈزۈش، خەلقىنىڭ گۈزەل ئەخلاقىنى نامايەن قىلىش دىمەك. بىر مىللەت ياكى ئۇ مىللەتكە تەۋە بولغان ئىنسانلاردا بۇ ئۇقۇملار ئىنىق بولمىغاندا، ئۇلار ئۈزەكى ھالدا ئۆز ھىسياتىغا تايىنىپ، مىللى مەنپەئەتكە ئۆزلىرى خالاپ ياكى خالىماستىن، بىلىپ ياكى بىلمەستىن زىيان يەتكۈزۈپ قويىدۇ.

2) ئۆز ئۆزىمىزنى توغرا ۋە يىتەرلىك تونىماسلىق. ئىنسان ئۆز ئۆزىنى توغرا ۋە يىتەرلىك تونىمىغاندا، ئىنسان ئۆزىنىڭ ئورنىنى توغرا بەلگىلىيەلمەيدۇ، نەتىجىدە ئىنساندا ئىككى خىل ئوخشىمىغان ئاقىۋەت كىلىپ چىقىدۇ. بىرى، ئىنسان ئۆزىنى توغرا تونىمىغانلىق سەۋەبىدىن، ئۆزىنى ئۆزى كەمسىتىش ۋە باشقىلارنىڭ ئۆزىنى كۆزىگە ئىلماسلىقىدىن ئارتۇقچە ئەندىشە قىلىش، ھە دىسە ئۆزىنىڭ قابىلىيىتىنى ۋە نەتىجىسىنى ھەددىدىن زىيادە تەكىتلەپ، ھەر پۇرسەتتە ئۆزىنى كۆرسىتىشكە تېرىشىش، باشقىلارنى بولۇپمۇ رىقابەتچىسىنى ئۆزىگە تەھدىت ھىساپلاش، باشقىلارنىڭ ئۆزىنىڭ ئورنىنى ئىگەنلىۋىلىشىدىن بەك ئەندىشە قىلىشتىن كىلىپ چىقىدۇ. يەنە بىرى، ئىنسان ئۆزىنى تۇغرا تونىماسلىق سەۋەبىدىن،ئۆز قابىلىيىتىنى ۋە ئۆز ئىقتىدارىنى بەك قالتىس ھىساپلاش، ئۆزىنى مىللەت ”قۇتقازغۇچ“ ساناپ،  ئۆزىنى باشقىلارنىڭ ئۈستىگە قويۇۋىلىش كىلىپ چىقىدۇ.

3) بىر قىسىم ئىنسانلاردىكى بىنورمال بەخىت تۇيغۇسى. بىر قىسىم ئىنسانلارنىڭ ئۆزىنىڭ بەخىت تۇيغۇسىنى ئۆزىنىڭ راھەتلىكىدىن ئەمەس، بەلكى باشقىلارنىڭ راھەتسىزلىكىدىن ئىگە بولۇشى. بۇ بىر بىنورمال بولغان پىسخىكا بولۇپ، ئىنسانلاردا بۇنداق بىنورمال روھىي ھالەت بولغاندا، ئۇنداق ئىنسانلار باشقىلارنىڭ پىشكەنلىكىدىن بىر خىل قانائەت ھاسىل قىلىدۇ. مەسىلەن ھەممە ئەزاسى ساغلام بىر ئىنساننىڭ ئۆزىنىڭ بەش ئەزاسىنىڭ تولۇق ئىكەنلىكىنىڭ نەقەدەر موھىم بىر بايلىق ئىكەنلىكنى پەقەت پۇت قولى كەم ياكى مېيىپ بولغان بىرسىنى كۆرگەندە ئاندىن ھىس قىلالىشى. بۇنداق بىنورمال پىسخىكىغا ئىگە كىشىلەر پەقەتلا باشقىلارنىڭ بولۇپمۇ ئۆزى تونۇش بولغان بەزى ئىنسانلارنىڭ مەغلۇبىيىتىنى،بەخىتسىزلىكىنى ۋە ياكى ئۇلارنىڭ پىشكەنلىككە ئۇچۇرغانلىقىنى كۆرگەندە، ئاندىن بەخىتلىك تۇيغۇغا ئىرىشەلەيدىغان بولۇپ، ئۇنداق ئىنسانلار نورمالدا باشقىلارنىڭ قانچىلىك  ئازاپلانغانلىقىنى كۆرگەنسىرى، ئۆزىنىڭ شۇنداق كۈنگە قالمىغانلىقىغا شۇنچە شۈكۈر قىلىدۇ، شۇ ئارقىلىق ئاندىن ئۆز بەختىنى ۋە ئۆز قىممىتىنى تونۇپ يىتەلەيدۇ.

مەسىلەن، خەلقىمىز ئىچىدىكى  ھوقۇق تۇتقان بىر كىشى ھوقۇقىدىن ئىلىپ تاشلانغاندا، باي بىر كىشى ھۆكۈمەتنىڭ ھەر خىل بوھتانى بىلەن تۇتقۇن قىلغاندا ۋە ياكى ئۇنىڭ ئىختىسادى ۋەيران قىلىنغاندا، مۇۋاپىقىيەت قازانغان بىر كىشى ھەر خىل سەۋەپلەر تۈپەيلىدىن مەغلۇپ بولغاندا، ئارىمىزدىكى بەزى ئىنسانلار مۇنداق دىيىشى مۈمكىن، ”ئەينى ۋاقىتتا ھەجەپ كۆرەڭلەپ كەتكەن ئىدى، ئاينىڭ 15 ئايدىڭ، 15 قاراڭغۇ دىگەن مۇشۇ شۇ“. بۇنداق ئەھۋاللار ۋەتەندىكى خەلقىمىز ئىچىدە كۆپ ئۇچۇرايدىغان بولۇپ، بىزگە ھۆكۈمىرانلىق قىلىۋاتقان ھاكىمىيەت ئۇزۇن زاماندىن بىرى مەخسەتلىك ھالدا بۇ خىل قاراشلارنى بىزنىڭ كاللىمىزغا سىڭدۈرۈرۈپ كەلگەن. شۇڭا بەزىلەر ئۇ خىل ئەھۋاللارنى ئۆز ئارا پەرىقلەندۇرمەيلا، نوقۇل ھالدا ئۇنى ئادالەتنىڭ ئىجىرا قىلىنىشى دەپ چۈشۈنۈپ كەلگەن.

1) مىللەتنىڭ ۋە ياكى ئۆزىنىڭ بىشىغا كەلگەن كۈلپەتلەر ئۈچۈن ئۆز يېنىدىن ۋە ياكى ئەتىراپىدىن جاۋاپكار ئىزدەش، ۋە ئۇلارنى ھەر خىل بوھتانلار ئارقىلىق ھاقارەتلەپ، ئۆز روھىي ھالىتىنى تەڭپۇڭ قىلىش پىسخىكىسى. بىز گەرچە ھەر خىل ئىچكى ۋە تاشقى سەۋەپلەر تۇپەيلىدىن ھازىرقى يامان كۈنگە قالغانلىقىمىزنى، ئورتاق دۈشمەننىڭ ۋەتىنىمىزنى ئىشغال قىلىۋالغان ۋە خەلقىمىزگە زۇلۇم سىلىۋاتقان خىتتاي ھاكىمىيىتى ئىكەنلىكىنى بىلەسەكمۇ، بىراق قىسقا ۋاقىت ئىچىدە مەسىلىنى تۈپتىن ھەل قىلىپ، كۆڭلىمىزنى راھەتلەندۈرۈش ئىمكانىيىتىمىز بولمىغاچقا، ئاچچىغىمىزنى چىقىرىپ، روھىي ھالىتىمىزنى تەڭپۇڭلاشتۇرۇش ئۈچۈن ”دۈشمەن“ گە ئىھتىياجلىق بولۇپ قالىمىز. دەل مۇشۇ سەۋەپلەر تۈپەيلىدىن، بىز ھەر پۇرسەتنى قولدىن بەرمەي ئۆز ئىچىمىزدىن ۋە ياكى ئەتىراپىمىزدىن ”دۈشمەن“ ئىزدەيمىز. بۇ بىزدىكى روھىي ئاجىزلىقنىڭ ۋە ئىچىمىزگە كىرىۋالغان قورقۇنچنىڭ ئىپادىسى بولۇپ، ۋاقىتلىق كۆڭلىمىزنى خوش قىلىپ ئۆز ئۆزىمىزنى ئالداشنىڭ تىپىك ئىپادىسىدۇر.

2) بەزى ئىنسانلارنىڭ شەخسىيەتچىلىكى، ھەسەتخورلىقى، مەنمەنچىلىكى، ئۆز مەنپەتى ئۈچۈن ئومۇمنىڭ مەنپەتىنى خالىغانچە قۇربان قىلىش، ئوخشىمىغان كۆز قاراشلارنى قوبۇل قىلالماسلىق، تەنقىت قىلغانلاردىن ئۆچ ئىلىش، رىقابەتچىسىگە دۈشمەندەك مۇئامىلە قىلىش ئىدىيەسى.

ھازىر بىزدە يۈز بىرىۋاتقان نۇرغۇن ئىختىلاپلارنىڭ سەۋەپلىرىگە قارايدىغان بولساق تۆۋەندىكىلەرنى پەرىق ئىتىش ئۇنچە قىيىن بولمىسا كىرەك. ھەر قايسى تەشكىلاتلىرىمىز ۋە ئىختىلاپقا ساھىپ بولغان ھەر تەرەپ، گەرچە بىزنىڭ ئورتاق دۈشمىنىمىز ۋەتىنىمىزنى ئىشغال قىلىۋالغان خىتتاي ھاكىمىيىتى، بىزنىڭ خىتتاي ھاكىمىتىدىن باشقا دۈشمىنىمىز يوق دەپ تەكىتلەۋاتقان بولسىمۇ، بىراق ھەر خىل ئوچۇق ۋە يىپىق سورۇنلاردا قارشى تەرەپكە دۈشمەن مۇئامىلىسىنى قىلىپ، ئۆز ئارا ھاقارەت قىلماقتا، ۋە ئۇلارغا ھەر خىل بوھتانلارنى چاپلىماقتا. نەتىجىدە بۇ ئىختىلاپلار تۈپەيلىدىن خەلقىمىزنىڭ ئورتاق دۈشمىنى بولغان خىتتاي ھاكىمىيىتى بىر تەرەپتە قىلىپ، خەلقىمىزنىڭ ئىتىپاقلىقى زىيانغا ئۇچۇرماقتا، داۋاغا زىيان يەتمەكتە.

ئارىمىزدىكى بۇ ئىختىلاپلارنى بىر تەرەپ قىلىشتا نىمىلەرگە دىققەت قىلىش كىرەك؟

ئالدى بىلەن دۈشمەننى ئىنىق بېكىتىش، داۋادىكى رىقابەتچى بىلەن دۈشمەننى ئايرىش كىرەك. ھەممىمىز بىلگەندەك داۋا بىرەر شەخىسنىڭ شەخسى داۋاسى ئەمەس، ئۇ مىللەتنىڭ داۋاسى. داۋانى قانداق ئىلىپ بىرىش جەريانىدا پىكىر ئىختىلاپى يۈز بەرگەندە، ئەگەر بىر يەرگە كىلىش ئىھتىماللىقى بولمىسا، داۋاغا زىيان سالماسلىق ۋە ياكى داۋانىڭ ئۈنىمىنى يۇقۇرى كۆتۈرۈش ئۈچۈن، ئۆزلىرى توغرا دەپ قارىغان ئۇسۇلدا داۋا ئىلىپ بارسا بولىدۇ، بىراق ئۆز ئارا ئىنكار قىلماسلىق كىرەك، ئۆز ئارا ھۇجۇم قىلماسلىق كىرەك.  ئەڭ موھىمى قارشى تەرەككە دۈشمەنگە مۇئامىلە قىلغاندەك مۇئامىلە قىلماسلىق كىرەك.

ئوخشىمىغان شەخىس ۋە تەشكىلاتلار ئارىسىدا ئەركىن ۋە ئادىل رىقابەتلىشىشنى شەكىللەندۈرۈپ، ھەر دائىم داۋانى تىخىمۇ ئالغا ئىلگىرلىتىشنى مەخسەت قىلىش، ۋە شۇ ئارقىلىق ئۆزلىرىنىڭ توغرا ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلاش كىرەك. ئوخشىمىغان شەخىس ۋە تەشكىلاتلار ئۆزلىرىنىڭ توغرلىقىنى ئىسپاتلاش ئۈچۈن قارشى تەرەپنى ئىنكار قىلغاندا، ۋە ياكى دۈشمەننى بىر تەرەپكە قايرىپ قويۇپ، قارشى تەرەپكە ھۇجۇم قىلغاندا، داۋا ئېغىر دەرىجىدە زىيانغا ئۇچرايدۇ.

تەشكىلاتلار ۋە ياكى داۋا ئىچىدىكى بەزى شەخىسلەر قارشى تەرەپنى خاتاغا چىقىرىشنى، ئىنكار قىلىشنى توختىتىشى كىرەك. پىسخىكىسىدا مەسىلە كۆرۈلگەن ئىنسانلاردا ئورتاق بولىدىغان بىر ئالاھىدىلىك، ئۆزلىرىدە مەسىلە بارلىقىنى ھەرگىز ئىتىراپ قىلماسلىق ۋە ياكى ئۇنى ھەر زامان ئىنكار قىلىش، شۇ سەۋەپتىن ئۇلار ئەڭ قوبۇل قىلمايدىغان ئىش، ئۇلارنى خاتاغا چىقىرىش. ئەگەر ئۇلار ئوچۇقتىن ئوچۇق خاتاغا چىقىرىلغاندا، ئۇلار ھەرگىزمۇ ئۆزلىرىنىڭ خاتالىقىغا تەن بەرمەيدۇ. ئۇنداق كىشىلەر ئۆزلىرىنىڭ توغرا ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلاش ئۈچۈن، ۋاستە تاللىمايدۇ، يالغان ھىكايىلەرنى توقۇپ چىقىدۇ، نەتىجىدە تىخىمۇ چوڭ خاتالىقلارنى سادىر قىلىدۇ، بىراق ئۆزىنىڭ خاتا ئىكەنلىگىنى يەنىلا ھەرگىز قوبۇل قىلمايدۇ. بۇنداق كىشىلەر بىلەن مۇناسىۋەت قىلغاندا، ئەڭ ياخشىسى ئۇلارنى بىۋاستە خاتاغا چىقارماي، مەسىلىنى ھەل قىلىشنى ئاساس مەخسەت قىلىپ، ئۆز ئارا يول قويۇش، ھەر ئىككى تەرەپ بىر قەدەم چىكىنىپ، قارشى تەرەپنىڭ ”ئاتتىن چۈشىشى“ گە چىرايلىق بىر پۇرسەت بىرىش كىرەك.

تەشكىلار ۋە ياكى بەزى شەخىسلەر ئارىسىدا ئىختىلاپ يۈز بەرگەندە، ھەرگىزمۇ قارشى تەرەپنى يېڭىشنى، قارشى تەرەپنى باشقىلار ئالدىدا ۋەيران قىلىشنى مەخسەت قىلماسلىق كىرەك. ھەر قايسى تەشكىلار ۋە شەخىسلەر، خىتتاي ھاكىمىيىتىنى بىردىن بىر دۈشمەن دەپ قارىغان ئىكەن، ئۇلار چوقۇم كۈچنى بىرلەشتۈرۈپ ئورتاق دۈشمەنگە تاقابىل تۇرۇش، ئۆزى بىلەن ئوخشىمىغان يولدا ئورتاق دۈشمەنگە قارشى ھەركەت قىلىۋاتقان ھەر قانداق شەخىس ۋە ياكى تەشكىلاتقا تاجاۋۇز قىلماسلىق كىرەك؛ ئۆز ئارا ئورتاق نۇقتا تېپىشقا تىرىشچانلىق كۆرسىتىش، كەم دىگەندە ئۆز ئارا ھۇجۇم قىلىپ، ۋاقىت ۋە ئېنىرگىيەنى ئىسىراپ قىلىشتىن ساقلىنىش كىرەك.

ئاخىردا، شەخسىي غەرەز ۋە شەخسىي مەنپەئەتنى ئومۇملۇقنىڭ مەنپەئەتى ئۈستىگە قويۇۋالماسلىق، شەخسىيەتچىلىك، مەنمەنچىلىك ۋە ئابرويپەرەسلىكتىن ۋاز كېچىش، پاكىتقا ھۆرمەت قىلىش، ھىسياتقا تايىنىپ يەكۈن چىقارماسلىق، خەلقنى ئالدىماسلىق كىرەك. كەڭ قوساق بولۇش، مەسىلىنى ھەل قىلىش ئۈچۈن ئاكىتىپ پوزىتسىيەدە بولۇش، باشقىلارنىڭ شەخسىيىتىگە ۋە غۇرۇرىغا تەگمەسلىك، ئۆز ئارا ھاقارەت قىلماسلىق كىرەك.

ئىنساننىڭ كۆڭلى كوكسىنىڭ كەڭ بولۇشى يەنى روھىي دۇنياسىنىڭ توق بولۇشى ئىنساننىڭ بەخىتلىك بولۇشنىڭ ئاچقۇچىدۇر. ئاكىتىپ ۋە تۇراقلىق بولغان روھىي كەيپىيات توغرا تەپەككۇر قىلىشنىڭ ئاساسىدۇر. ئىنساننىڭ كۆڭلى كوكسى كەڭ، روھىي كەيپىياتى ئاكىتىپ ۋە تۇراقلىق بولغاندا، ئىنسان ئىچى تارلىقتىن، ھەسەتخورلۇقتىن، مەنمەنچىلىكتىن خالى بولالايدۇ، ۋە شۇنداقلا نۇرغۇنلىغان بىھۇدە ئىختىلاپلاردىن ساقلىنالايدۇ. ئىنساننىڭ روھىي كەيپىياتى تۇراقلىق بولمىغاندا، ئۇنىڭ تەپەككۇرى توغرا بولمايدۇ، ئىنسان ھىسياتقا تايىنىپ يەكۈن چىقارغاندا ئۇنىڭ خاتا بولۇش ئىھتىماللىقى بەك يۇقۇرى بولىدۇ.

ئاللاھ ھەممىمىزنىڭ كۆڭلىگە ئىنساپ بەرسۇن، كۆڭلى كۆكسىمىزنى كەڭ، روھىي دۇنيارىمىزنى باي قىلسۇن، كەيپىياتىمىزنى ئاكىتىپ ۋە تۇراقلىق قىلسۇن.

مەنبە: ئۇيغۇر جەمئىيىتى (http://uyghur-jemiyiti.blogspot.com/2018/07/blog-post_17.html)

يازغۇچى ھەققىدە

ماقالە سانى : 109

ئاكادېمىيە ئورگان تورى ©

ئۈستىگە قايتىش