ئۇيغۇرچە    Uyghurche    Уйғурчә   
  • 2018 - يىلى 27 - ئۆكتەبىر يەكشەنبە كۈنى سائەت 2:00 دە ئىستانبۇلدا «خىتاينىڭ جازا لاگىرلىرىدىكى شەرقىي تۈركىستانلىقلارنىڭ ئاقىۋىتى مۇھاكىمە يىغىنى» ئۆتكۈزۈلىدۇ. ...
سىزنىڭ ئورنىڭىز: باشبەت » ئەدەبىيات گۈلزارى » بايرىقىم

بايرىقىم

بايرىقىم
(ئاكاتسىيە)
 
كۆك بىلەن رەڭ تالىشىپ تۇرسا بايرىغىم.
تۇرمامدۇ ۋەتىنىم قەد كۆتۇرۇپ كۈلۈپ.
ۋەتەن ئۈچۈن جان بەردى تالاي ئوغۇل قىز.
گاھ پىنھاندا دالىدا كەتتىغۇ ئۆلۇپ.
 
كۆك بىلەن رەڭ تالىشىپ تۇرسا بايرىغىم.
ئوقۇپ دۆلەت شېرىنى بىرىمىز سالام.
سېنىڭ ئۈچۈن پىدادۇر بىزنىڭ جانىمىز.
ۋەتەن بىزنى ئۆستۇرگەن دەپمىنىڭ بالام.
 
كۆك بىلەن رەڭ تالىشىپ تۇرسا بايرىغىم.
ئاي يۇلتۇزمۇ سىنىڭدىن ھۈسۈن تالاشقان.
ئەرىك دىدىڭ ئەل ئۇچۇن ئاشۇيىللارمۇ.
ھەيران بولۇپ دۇنيامۇ ساڭا قاراشقان.
 
كۆك بىلەن رەڭ تالىشىپ تۇرسا بايرىغىم.
ھۆر ۋەتىنىم دۇنيامۇ تونۇيدۇ سىنى.
ئارمان بىلەن كەتكەنلەر خاتىرجەم ياتار.
ئەسلا بىھۇدە ئاقماس شىھىتلار قىنى.
 
كۆك بىلەن رەڭ تالىشىپ تۇرسا بايرىغىم.
جاھانغا بىر باقسىكەن ئۇيغۇرۇم كۈلۈپ.
دەيمەنكى ۋەتەن بىزنىڭ بىز ھەم ۋەتەنىڭ.
كۆرسەم دەيمەن ھۆرلۈكنى كەتكىچە ئۆلۈپ.
 
2017. 11. 7 ,Sweden
ئۇيغۇرۇم
(ئاكاتسىيە)
 
نىمەدىگەن تەڭسىزلىك بۈلەلمىدىم بۈلمۈدۈم.
راھەت ئىزدەپ بىر ئۆمۈر جاپا تاتقان ئۇيغۇرۇم.
ئاتاپ ھەتتا بارىڭنى مىھمان دىسە خوشبولۇپ.
ئەل ئۇيقىدا ياتقاندا نانلار ياققان ئۇيغۇرۇم.
 
گۈلگە بەرگىسىز قىزلىرىڭ شەمشەركەبى ئوغلۇڭ..
بۇ ياتتىللار ئالدىدا تىڭىرقىغان ئۇيغۇرۇم.
ئۆتكەن ھەربىر كۈنلىرىڭ تۈگىمەس داستان ئەمەسمۇ.
مەسھۇش بولۇپ چۈشلەرگە ئەسىر بولغان ئۇيغۇرۇم.
 
شۇ بابالەر دەۋرىدە ئۆز ئۆزەڭگە خان ئىدىڭ.
تۈرۈك قەۋمىگە مەدەنىيەت تاراتقان ئۇيغۇرۇم.
تەسۋىرلەشكە ئاجىزمەن قەلەم ياش تۆكەر مىسراغا.
ئارقان ئۈستىدىن يول ئېلىپ رىكورت ياراتقان ئۇيغۇرۇم.
 
10.09.2009 ,Sweden
ۋەتەن سۆيگەنلەر
(ئاكاتسىيە)
 
ئامان بولسۇن ھەرجايدا ۋەتەن دىگەنلەر.
ۋەتىنمدەپ ۋەتەندە ئازار يىگەنلەر.
ۋەتەن سىزلىك دەردىنى ۋەتەنسىز بۈلۇر.
سالام ساڭا يۈرەكتىن ۋەتەن سۈيگەنلەر.
 
ۋەتىنىمدەپ ۋەتەندىن ئايرىلىپكەتتۇق.
مۇساپىربوپ ھەرجايغا تارقىلىپ كەتتۇق.
پولات قىلىپ تاۋلىدى ئىسسىق سوغۇقلار.
ھۆر ۋەتەن قەدىرىگە ھەجەپمۇ يەتتۇق.
 
ۋەتەنىڭ قوينىدا ئېچىلغان گۈل لالە.
ئوغۇل قىزلار زىنداندا قىلماقتا نالە.
ئانىلار باغرىقان ئاتىلار كۆزىياش.
ھەر ئۆيلەردىن ئاڭلىنار ھەتتا يىغزارە.
 
زالىم خىتاي ۋەتەندە بەرمىدى ئارام.
ئاتا ئانا ھەسرەتتە دەپ مىنىڭ بالام.
ئاھ تەشۋىشلەر ئىچىدە ئۆتمەكتە كۈنۈم.
ئويلىساملا ئاغرىيدۇ بۇ يۈرەك يارام.
 
ۋەتەن سۆيۈش گۇنامۇ بەرگىن بىرجاۋاپ.
خەيرى ئىھسان قىلىنسا ئالاتتى ساۋاپ.
قۇتۇلمىسا ۋەتىنىم زۇلمەتتىن تېخى.
مەن بېرىپ مەككىنى قىلالمايمەن تاۋاپ.
 
سالام ساڭا ھەرجايدا ۋەتەن سۆيگەنلەر.
مىلىتىمدەپ مىللەت ئوتىدا كۆيگەنلەر.
ئىستىقلال مارشىنى قاچان ياڭرىتىمەن.
دەپ ئۇخلىماي ھەركۈن خىيال سۈرگەنلەر.
 
2017. 11. 24 ,Sweden

يازغۇچى ھەققىدە

ماقالە سانى : 18

ئاكادېمىيە ئورگان تورى ©

ئۈستىگە قايتىش