ئۇيغۇرچە    Uyghurche    Уйғурчә   
  • 2018 - يىلى 27 - ئۆكتەبىر يەكشەنبە كۈنى سائەت 2:00 دە ئىستانبۇلدا «خىتاينىڭ جازا لاگىرلىرىدىكى شەرقىي تۈركىستانلىقلارنىڭ ئاقىۋىتى مۇھاكىمە يىغىنى» ئۆتكۈزۈلىدۇ. ...
سىزنىڭ ئورنىڭىز: باشبەت » ئاكادېمىيە » «شەرقىي تۈركىستاننىڭ يەر كۆلىمى ۋە بايراق رەڭگى» نى بىرلىككە كەلتۈرۈش ھەققىدە

«شەرقىي تۈركىستاننىڭ يەر كۆلىمى ۋە بايراق رەڭگى» نى بىرلىككە كەلتۈرۈش ھەققىدە

مۇھاجىرەتتىكى شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلىرى ۋە ئۇيغۇر پائالىيەتچىلەرگە مۇراجىئەت

ھەممىمىزگە ئايان بولغىنىدەك، شەرقىي تۈركىستاننىڭ يەر كۆلىمى ھازىرقى مەۋجۇت يەر مەيدانىدىن خېلىلا كۆپ بولغان. ھازىر، شەرقىي تۈركىستاننىڭ يەر مەيدانىنى خىتاي كومىنىست ھۆكۈمىتى 1,664,900 كۇۋادىرات كېلومىتىر[1] دىسە، ئۇيغۇر ئاپتۇنۇم رايۇنلۇق ھۆكۈمەت 1,660,000 كۇۋادىرات كېلومىتىر[2] دەپ ئىككى خىل ئىلان قىلماقتا. كېيىنكى يىللاردا خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ مەتبۇئات ۋە تارتقۇلىرىدا شەرقىي تۈركىستاننىڭ يەر مەيدانىنى 1,600,000 كۇۋادىرات كېلومىتىر دەپ كېمەيتىۋەتكەن ئەھۋاللارمۇ ئۇچراپ تۇرىدۇ.

شەرقىي تۈركىستاننىڭ يېقىنقى زامان مۇستەملىكە تارىخىنى ۋاراقلايدىغان بولساق، چىڭ سۇلالىسى تۇنجى قېتىم 1759-يىلى شەرقىي تۈركىستاننى بېسىۋالغاندا شەرقىي تۈركىستاننىڭ يەر مەيدانى ئىككى مىلىيۇن كۇۋادىرات كېلومىتىردىن خېلىلا ئارتۇق بولغان.[3] بۇ مەلۇمات ئامېرىكا كانزاس ئۇنىۋېرسىتېتى تارىخ بۆلۈمىدىن Joy R. Lee تەرىپىدىن يېزىلغان «شەرقىي تۈركىستان ئىسلام جۇمھۇرىيىتى ۋە ھازىرقى زامان ئۇيغۇر كىملىكىنىڭ شەكىللىنىشى» ناملىق ماگېىستىرلىق ئىلمىي ماقالىسىنىڭ 61-بىتىدە James Millward ۋە Peter Perdue تەرىپىدىن يېزىلغان China’s Muslim Borderland دىگەن كىتابنى مەنبە قىلىپ تۇرۇپ ئوتتۇرىغا قويۇلغان.

تارىختا، چىڭ سۇلالىسى ئۆزى بېسىۋالغان شەرقىي تۈركىستاننىڭ تۇپراقلىرىنى رۇسىيەگە تارتقۇزۇپ قويغان ياكى سېتىپ خەجلىگەن. شۇنىڭ بىلەن بىرگە، مىللەتچى خىتاي ھۆكۈمىتى ۋە كومىنىست خىتاي ھۆكۈمىتىمۇ شەرقىي تۈركىستانغا خوشنا خىتاي ئۆلكىلىرىگە شەرقىي تۈركىستاننىڭ بىر قىسىم تۇپراقلىرىنى قوشۇپ بەرگەنلىكىدەك قىلمىشلارمۇ تەتقىقاتچىلار تەرىپىدىن ئوتتۇرىغا قويۇلماقتا.

خىتاي مەتبۇئاتلىرىدا دېيىلىشىچە، چىڭ سۇلالىسى 1851-يىلى چار رۇسىيە بىلەن ”ئىلى-تارباغاتاي سودا نىزامنامىسى“ نى ئىمزالاپ، بالقاش كۆلىنىڭ شەرقىي ۋە جەنۇبىدىكى كەڭ يەتتەسۇ رايۇنىنى چار رۇسىيەگە تارتقۇزۇپ قويغان.

ئۇنىڭدىن باشقا يەنە، 1864-يىلى ”چىڭ سۇلالىسى – چار روسىيە غەربىي شىمال چېگرىسىنى چارلاپ ئايرىش كېلىشىمى“ دە ئىلى رايۇنىنىڭ غەربىدىكى 440 مىڭ كۇۋادرات كىلومېتىردىن ئارتۇق زېمىنىنى چىڭ سۇلالىسى چار رۇسىيەگە تارتقۇزۇپ قويغان[4].

چار رۇسىيەگە تارتقۇزۇپ قويۇلغان شەرقىي تۈركىستان تۇپراقلىرىنىڭ خەرىتىدىكى ئورنى تۆۋەندىكىدەك كۆرسىتىلگەن[5]:

رەسىم–1: 1864-يىلى چار رۇسىيە چىڭ سۇلالىسىدىن تارتىۋالغان شەرقىي تۈركىستان تۇپرىقى

چىڭ سۇلالىسى 1881 – يىلى چار رۇسىيە بىلەن «پېتېربۇرگ ئىلى شەرتنامىسى» گە ئىمزا قويۇپ، ئىلى قورغاس دەرياسىنىڭ جەنۇبىدىكى تۇپراقلارنى رۇسىيىگە بۆلۈپ بېرىدۇ. شەرتنامىدە، «ئىلى دەرياسىنىڭ جەنۇبىدىكى كۆلزات كەنتىنىڭ شەرقىي جەنۇبى 1864-يىلى ”غەربىي-شىمال چېگرىسىنى چارلاپ ئايرىش شەرتنامىسى“ دە بېكىتىلگەن كونا چېگرا بىلەن چېگرىلىنىدۇ. ئالتاي ۋە تارباغاتاي زېمىنىنىڭ چېگرا مەسىلىسىدە، كۈيتۈندىن ساۋۇر تېغىغىچە بولغان ئارىلىقتىن بىر تۈز سىزىق سىزىلىدۇ.[6]» دەپ بېكىتىلگەن.

سىۋىن ھىدىننىڭ 1927-يىلىدىن 1935-يىلىغىچە شەرقىي تۈركىستاندا ئېلىپ بارغان ئېكىسپىدىيە تەكشۈرۈشى جەريانىدا يازغان «ما جۇڭ يىڭنىڭ قېچىشى» ناملىق كىتابىنىڭ ئەڭ ئاخىرقى بېتىدىكى «شەرقىي تۈركىستان خەرىتىسى» دە بېرىلگەن 1:7 مىل نىسبىتىدىكى ماسىشتاپ بويىچە ھېساپلىغاندا، شەرقىي تۈركىستاننىڭ 1935-يىلىدىكى مەۋجۇت يەر مەيدانى تەخمىنەن 1,828,680 كۇۋادىرات كېلومىتىر[7] ئىكەنلىكى ئىنىقلاندى.

رەسىم–2: سىۋىن ھىدىن كىتابىدىكى 1935-يىلىغا ئائىت «شەرقىي تۈركىستان» خەرىتىسى

بۇ 1,828,680 كۇۋادىرات كېلومىتىرلىق سانلىق مەلۇمات، يىللاردىن بېرى مۇھاجىرەتتىكى كۆپلىگەن شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلىرىنىڭ 1949–يىلىدىن بۇرۇنقى بىر قىسىم چەتئەل مەتبۇئاتلىرى تەمىنلىگەن مەنبەلەرگە ئاساسلىنىپ تۇرۇپ، شەرقىي تۈركىستاننىڭ يەر كۆلىمىنىڭ تەخمىنەن 1.828.418 كۇۋادرات كىلومېتىر ئىكەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويۇشىنىڭ ئاساسسىز ئەمەسلىكىنىڭ دەلىل – ئىسپاتى بولالايدۇ.

كومىنىست خىتايلار تەرىپىدىن 1949-يىلى بېسىۋېلىنغان «شەرقىي تۈركىستان» دۆلىتىمىزنىڭ ئەسلىدىكى يەر كۆلىمىنى بىلىشىمىز، ۋە بۇ تۈر سانلىق مەلۇماتلاردا بىرلىككە كېلىشىمىز تولىمۇ زۆرۈر. شەرقىي تۈركىستاننىڭ مۇستەقىللىقىنى ئەسلىگە كەلتۈرگەن ۋاقتىمىزدا، خىتاي ئىچكىرى ئۆلكىلىرىگە قوشىۋېتىلگەنلىكى ئىلگىرى سۈرۈلگەن 163,518 كۇۋادرات كىلومېتىر (دۆلەتلەر ئارىسىدا يەر كۆلىمىدە 91-ئورۇندىكى تۇنۇس جۇمھۇرىيىتىچىلىك) ۋەتەن تۇپرىقىمىزنى تەلەپ قىلىپ خىتايدىن قايتۇرۇۋېلىش ئۇرۇشىدا ھەقلىق ئورۇنغا ئۆتۈشىمىزدە بەلگىلىك ئىجابى رول ئوينايدۇ.

ئەمدى شەرقىي تۈركىستان بايرىقىنىڭ رەڭگى مەسىلىدە، ھازىر مۇھاجىرەتتىكى شەرقىي تۈركىستانلىقلار 1933-يىلى قەشقەردە قۇرۇلغان «شەرقىي تۈركىستان ئىسلام جۇمھۇرىيىتى» تەرىپىدىن بېكىتىلگەن ئاي يۇلتۇزلۇق كۆك بايراقنىڭ رەڭگىنى ئاساسىي ئۆلچەم قىلماقتا.

مۇھاجىرەتتىكى شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلىرى ۋە ئۇيغۇر ئاكتىپ پائالىيەتچىلىرى بايراق رەڭ كودى ئۆلچىمىدە تېخى بىرلىككە كېلىپ بولمىغاچقا، نامايىش ۋە مۇراسىملاردا ئىشلىتىلگەن بايراقلارنىڭ بىرى ناھايىتى سۇس ۋە يەنە بىرى ناھايىتى قېنىق رەڭدە بولۇپ قېلىپ، ئوخشاش بىر پائالىيەتتە كۆك رەڭلىك بايراقلىرىمىز رەڭ جەھەتتە بىر–بىرىدىن رۆشەن پەرقلىنىپ، چەتئەللىكلەر ۋە دۈشمەن تاجاۋۇزچى خىتاي ئالدىدا ئوڭايسىز بىر ئەھۋال شەكىللەنمەكتە.

رەسىم–3: رەڭ كودلىرى پەرقلىق بولغان شەرقىي تۈركىستان بايراقلىرىنىڭ سېلىشتۇرمىسى

ھازىر مۇھاجىرەتتىكى شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلىرى ۋە ئۇيغۇر ئاكتىپلىرى تەرىپىدىن تەييارلىنىپ تارقىتىلىۋاتقان بايراقلارنىڭ رەڭ كودلىرى ئاساسلىق يۇقارىقىدەك ئۈچ خىل پەرقلىق رەڭ كودلىرىدا بولماقتا.

ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسى ئاكادېمىكلار كېڭىشىدىكى تەتقىقاتچىلار، شەرقىي تۈركىستان بايرىقىنىڭ رەڭگىنىڭ بەكمۇ سۇس ياكى بەكمۇ قېنىق ئەمەسلىكىنى، ئوتتۇراھال كۆك سۈزۈك رەڭنى ئۆلچەملىك بايراق رەڭگى قىلىشنىڭ ئەڭ مۇۋاپىق بولىدىغانلىقى ھەققىدە ھەم پىكىردە بولماقتا. شۇڭا يۇقارىقى شەرقىي تۈركىستان بايراقلىرىنىڭ رەڭ كودلىرىغا قارىغاندا، #65B7FF نومۇرلۇق رەڭ كودىدىكى بايراق رەڭگىنىڭ سۈزۈك بولۇپ، 1933-يىلىدىكى شەرقىي تۈركىستاننىڭ ئاي-يۇلتۇزلۇق كۆك بايرىقىنىڭ رەڭگىگە ئەڭ مۇۋاپىق كېلىدىغانلىقىنى جەزىملەشتۈرگىلى بولىدۇ.

ھازىرقى ئەھۋالىمىزدىن ئېلىپ ئېيىتقاندا، بۇندىن بۇرۇن باستۇرۇلۇپ بولغان رەڭ جەھەتتە بىر-بىرىدىن پەرقىلىنىدىغان بايراقلارنى ئالماشتۇرۇشقا ئامال يوق. بۇندىن كېيىن باستۇرماقچى بولغان شەرقىي تۈركىستان بايراقلىرىنى #65B7FF نومۇرلۇق كۆك رەڭ كودىنى ئۆلچەم قىلىپ ياساتقاندا، بىر قانچە يىلدىن كېيىن، بارلىق پائالىيەتلەردە ئاساسەن ئوخشاش رەڭدىكى شەرقىي تۈركىستاننىڭ ئاي – يۇلتۇزلۇق كۆك بايرىقىنى كۆرگىلى بولىدۇ.

مەۋجۇت شارائىتتا، مۇستەقىل شەرقىي تۈركىستان دۆلىتىمىز تېخى ئەسلىگە كەلمىگەچكە، ھازىرچە مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇر زىيالىلارنىڭ ۋەكىللىك ئورگانلىرىدىن بىرى بولغان ئۇيغۇر ئاكادېمىيسى «شەرقىي تۈركىستاننىڭ ئەسلىدىكى يەر مەيدانى تەخمىنەن 1.828.418 كۇۋادرات كىلومېتىر ۋە شەرقىي تۈركىستاننىڭ ئاي-يۇلتۇزلۇق كۆك بايرىقىنىڭ رەڭ كودى #65B7FF» دەپ بېكىتىشنى قارار قىلدى.

ئوتتۇرىغا قويۇلغان يەر مەيدانى سانلىق مەلۇماتى ۋە بايراق رەڭ كودى يۈزدە يۈز توغرا ۋە مۇۋاپىق بولۇشى ناتايىن، ئەمما ھىچ بولمىغاندا ئۇيغۇر تەتقىقاتچىلىرىمىزنىڭ ئەتراپلىق ئىزدىنىشى ۋە تەتقىقاتى نەتىجىسىدە، مەلۇم بىر مەنبەگە تايىنىپ تۇرۇپ ئوتتۇرىغا قويۇلدى. مەسىلىنى بۇ شەكىلدە ھەل قىلىش ۋەتەن ئىچى ۋە سىرتىدىكى ئۇيغۇر زىيالىيلار ۋە مىللىتىمىزنىڭ كېلەچىكى ئۈچۈن كۈچ چىقىرىۋاتقان نۇرغۇن كىشىلەرنىڭ ئۈمىدى.

ئاخىرىدا، مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرى ۋە ئۇيغۇر پائالىيەتچىلەر شەرقىي تۈركىستاننىڭ يەر كۆلۈمى ھەققىدە تاراتقۇ ۋە مەتبۇئاتلاردا مەلۇمات بەرگەندە، بىرلىككە كەلتۈرۈلگەن «شەرقىي تۈركىستاننىڭ ئەسلىدىكى يەر مەيدانى تەخمىنەن 1.828.418 كۇۋادرات كىلومېتىر» دەپ مەلۇمات بېرىشىنى ۋە شەرقىي تۈركىستاننىڭ ئاي-يۇلتۇزلۇق كۆك بايرىقىنى ياساتقاندا، #65B7FF نۇمۇرلۇق رەڭ كودىنى ئۆلچەم قىلىپ، ئالاھىدە ئەسكەرتكەن ھالدا ياسىتىشىنى سەمىمىي تەلەپ قىلىش بىلەن بىرگە، بۇ سانلىق مەلۇماتلارنىڭ كەڭ ئومۇملىشىشى ئۈچۈن ئەمەلىي خىزمەتلەرنى ئىشلەش ۋە تەشۋىق قىلىشقا چاقىرىق قىلىمىز.

– ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسى ئاكادېمىكلار كېڭىشى

2018-يىلى 7-ئاينىڭ 26-كۈنى، ئىستانبۇل

پايدىلانغان مەنبەلەر:

[1] ئۇيغۇر ئاپتۇنۇم رايۇنى (خىتايچە) «كومىنىست خىتاي مەركىزى ھۆكۈمەت تورى»  http://www.gov.cn/test/2013-04/07/content_2371589.htm (ئېرىشىلگەن ۋاقتى 2018-يىلى 29-ئىيۇن)

[2] ئۇيغۇر ئاپتۇنۇم رايۇنى (خىتايچە) «ئۇيغۇر ئاپتۇنۇم رايۇنلۇق ھۆكۈمەت تورى»  http://www.xinjiang.gov.cn/ljxj/index.html (ئېرىشىلگەن ۋاقتى 2018-يىلى 29-ئىيۇن)

[3] Joy R. Lee (ئامېرىكا كانزاس ئۇنىۋېرسىتېتى تارىخ بۆلۈمى)، 2005-يىلى، شەرقىي تۈركىستان ئىسلام جۇمھۇرىيىتى ۋە ھازىرقى زامان ئۇيغۇر كىملىكىنىڭ شەكىللىنىشى ماگېىستىرلىق ئىلمىي ماقالىسى، 61-بەت، ئامېرىكا كانزاس ئۇنىۋېرسىتېتى

[4] ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى پارتىيە تارىخى تەتقىقاتى ئىشخانىسى، 1999-يىلى، شىنجاڭدىكى مىللىي بۆلگۈنچىلىككە قارشى تۇرۇش كۈرەش تارىخى، 16-بەت، شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى

[5] چار رۇسىيە ۋە سېۋىت ئىتتىپاقىنىڭ بېسىۋالغان چىڭ سۇلالىسى زىمىنلىرى «سىنا تورى»  http://blog.sina.com.cn/s/blog_5ce1af980102wbl6.html (ئېرىشىلگەن ۋاقتى 2018-يىلى 25-ئىيۇل)

[6] ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى پارتىيە تارىخى تەتقىقاتى ئىشخانىسى، 1999-يىلى، شىنجاڭدىكى مىللىي بۆلگۈنچىلىككە قارشى تۇرۇش كۈرەش تارىخى، 24-بەت، شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى

[7] Sven Hedin سىىۋېن ھېدىن  1935-يىلى، «ما جۇڭ يىڭنىڭ قېچىشى»، ئاخىرقى بەت، ئالبېرت بوننىرس نەشىرىياتى، سىتوكھولىم (Albert Bonniers, Stockholm)

PDF ھۆججەت شەكلى: شەرقىي تۈركىستاننىڭ يەر كۆلىمى ۋە بايراق رەڭگى نى بىرلىككە كەلتۈرۈش ھەققىدە

رەسىملىك Jpeg ھۆججەت شەكلى:

يازغۇچى ھەققىدە

ماقالە سانى : 1197

ئاكادېمىيە ئورگان تورى ©

ئۈستىگە قايتىش