ئۇيغۇرچە    Uyghurche    Уйғурчә    Ortaq Türkçe   
  • 2018 - يىلى 25 - ئاۋغۇست ئىستانبۇلدا «ئۇيغۇرلار دۇچ كېلىۋاتقان خىرىسلار ۋە ھەل قىلىش يوللىرى ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنى» ئۆتكۈزۈلىدۇ. ...
سىزنىڭ ئورنىڭىز: باشبەت » ئاكادېمىيە » ئۈچ ئۇيغۇر ئوقۇغۇچى ئۈچۈن تەۋپىق ئوقۇش مۇكاپاتى ئۇقتۇرۇشى

ئۈچ ئۇيغۇر ئوقۇغۇچى ئۈچۈن تەۋپىق ئوقۇش مۇكاپاتى ئۇقتۇرۇشى

مۇھاجىرەتتىكى مەرىپەتپەرۋەر بىر ئۇيغۇر قېرىندىشىمىزنىڭ ياردىمى بىلەن، 2018 ئوقۇش يىلىدا ئۆز خىراجىتى بىلەن تۈركىيەدىكى ئالىي مەكتەپلەردە ئوقۇۋاتقان يەنە ئۈچ ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىغا تەۋپىق ئوقۇش مۇكاپاتى بېرىلىدۇ. ئوقۇش مۇكاپاتى تەمىنلىگۈچىنىڭ تەلىپى بويىچە تەبىئىي پەن ۋە ئىنژىنىرلىق كەسىپلىرى ئالدىن ئويلىشىلىدۇ. ئەمما ئىجتىمائىي پەندە ئوقۇۋاتقان ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلارمۇ ئىلتىماس قىلسا بولىدۇ.

ئىلتىماس قىلغۇچى ئۈيغۇر ئوقۇغۇچىلارغا قويۇلىدىغان ئاساسلىق شەرتلەر تۆۋەندىكىدەك:

1) چوقۇم تۈركىيەنىڭ مەلۇم بىر ئالىي مەكتىپىدە ئۆز خىراجىتى بىلەن باكلاۋۇرلۇق، ماگېستىرلىق ۋە دوكتۇرلۇقتا ئوقۇۋاتقان بولىشى
2) ھەرقانداق بىر دۆلەت ئورگانىدىن ئوقۇش مۇكاپاتى ياكى ئوقۇش ياردەم پۇلى ئالمىغان بولىشى
3) مەكتەپتىكى دەرسلەردە ئەلا نەتىجە قازىنىشنى نىشان قىلىپلا قالماي، بەلكى ئىجتىمائىي پائالىيەتلەردە ئويغۇر ئوقۇغۇچىلارغا ئۈلگىلىك ئىش ۋە ھەرىكەتلەردە بولىشى تەلەپ قىلىنىدۇ.
يۇقارقى شەرتلەرنى ھازىرلىغان ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلار تۆۋەندىكى ماتېرىياللارنى تولۇق تەييارلاپ بەلگىلەنگەن مۇددەت ئىچىدە بىۋاستە ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسىگە ئېلخەت ئارقىلىق ئىلتىماس قىلىشى كىرەك:
1. ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلار ئۈچۈن «تەۋپىق ئوقۇش مۇكاپاتى» ئىلتىماس جەدېۋىلى Tevfik Bursu Başvuru Formu (ئوقۇغۇچىلار بۇ تۈركچە يېزىق ئۈستىگە بېسىپ، ئىلتىماس جەدىۋېلىنى چۈشۈرۈپ تولدۇرۇپ، بېسىپ چىقىرىپ ئىمزا قويۇپ تاراپ ئەۋەتىپ بەرسە بولىدۇ. )
2. ئوقۇشىنى داۋاملاشتۇرۋاتقانلىقى ھەققىدىكى ئىسپات (Öğrenci Belgesi)
3. مەكتەپتىكى دەرس نەتىجىسى (ئەڭ يېڭى نۇسخىسى)
4. پاسپورت ۋە ئىقامەت كۆپەيتىلمە نۇسخىسى
5. قىسقىچە تەرجىمىھالى (ئۇيغۇرچە ۋە تۈركچە ئىككى نۇسخا تەييارلىنىشى كېرەك)
6. تۈركىيەدە ئوقۇش مەقسىدى، ئوقۇش ۋە تەتقىقات نىشانى ھەم ئوقۇش پۈتتۈرگەندىن كېيىنكى پىلان-لاھىيەسى ھەققىدىكى كۆز قاراشلىرى (نىيەت مەكتۇبى) (ئوقۇغۇچىلار بۇ قىزىل يېزىق ئۈستىگە بېسىپ، چۈشۈرۈپ تولدۇرۇپ ئەۋەتىپ بەرسە بولىدۇ. نىيەت مەكتۇبى ئۇيغۇرچە يېزىلىشى كېرەك.)
7. ئىككى پارچە تەۋسىيە خېتى (تەۋسىيە خېتىنىڭ بىرسى چوقۇم يىتەكچى ئوقۇتقۇچى، يەنە بىرسى جەمئىيەتتە ئۆز كەسپىدە نەتىجە قازانغان مەلۇم بىر ئۇيغۇر تەرىپىدىن بېرىلگەن بولىشى كىرەك.)
8. ئەگەر بولسا، ئوقۇش ۋە خىزمەت ھاياتىدا قولغا كەلتۈرگەن نەتىجە ۋە ئالغان مۇكاپاتلىرى (چەتئەل تىلى ئىمتىھان نەتىجىلىرى، كومپىيوتېر كېنىشكىسى، يازغان ئەسەرلىرى ۋە باشقا ئالغان مۇكاپاتلىرى)
9. ھىچقانداق بىر دۆلەت ئورگانلىرىدىن ئوقۇش مۇكاپاتى ياكى ئوقۇش ياردەم پۇلى ئالمىغانلىق ھەققىدە ئەھدىنامە. (ئەھدىنامە ئۇيغۇرچە ۋە تۈركچە بىرلا بەت قىلىپ يېزىلىشى كېرەك).

بۇ قېتىمقى 3 ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىغا بېرىلىدىغان 8 ئايلىق «تەۋپىق ئوقۇش مۇكاپاتى» نىڭ ئايلىق مۇكاپات سوممىسى 500 تۈرك لىراسى شەكلىدە بەلگىلەندى. 

ئىلتىماس قۇبۇل قىلىش ئاخىرقى ۋاقتى: 2018 – يىلى 08 – ئاينىڭ 12 – كۈنىگىچە
يۈز تۇرانە ئىمتىھان ۋاقتى: 2018 – يىلى 08 – ئاينىڭ 18 – كۈنى چۈشتۈن بۇرۇن سائەت 10:00 دا

ئەسكەرتىش: 2017 – 2018 ئوقۇش يىلى «تەۋپىق ئوقۇش مۇكاپاتى» ئالغان ۋە ئوقۇش مۇكاپات مۇددىتى توشقان ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلار ئۆز ئەمەلىي ئەھۋالى ۋە قولغا كەلتۈرگەن نەتىجىلىرىگە ئاساسەن بۇ ئوقۇش مۇكاپاتىغا ئىلتىماس قىلسا بولىدۇ.

تەۋپىق ئوقۇش مۇكاپاتى ئېلتىماس قوبۇل قىلىش ئېلخېتى: memtilitewpiq@gmail.com
يانفۇن: 905306677851+، ئىشخانا تېلىفۇنى 902125897667+

– ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسى تەۋپىق ئوقۇش مۇكاپاتى باھالاش كومىتېتى

يازغۇچى ھەققىدە

ماقالە سانى : 1190

ئاكادېمىيە ئورگان تورى ©

ئۈستىگە قايتىش