ئۇيغۇرچە    Uyghurche    Уйғурчә   
  • 2018 - يىلى 27 - ئۆكتەبىر يەكشەنبە كۈنى سائەت 2:00 دە ئىستانبۇلدا «خىتاينىڭ جازا لاگىرلىرىدىكى شەرقىي تۈركىستانلىقلارنىڭ ئاقىۋىتى مۇھاكىمە يىغىنى» ئۆتكۈزۈلدى. ...
سىزنىڭ ئورنىڭىز: باشبەت » ئاكادېمىيە » «ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسى ياۋرۇپا تارمىقى» 2018-يىلى 10-نويابىر مىيۇنخىندا قۇرۇلىدۇ.

«ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسى ياۋرۇپا تارمىقى» 2018-يىلى 10-نويابىر مىيۇنخىندا قۇرۇلىدۇ.

مىللىي مۇستەقىللىق داۋا يولىدا، ياۋرۇپادىكى ئۇيغۇرلار ھەر ۋاقىت ئاۋانگارت رول ئويناپ كەلمەكتە. بۇ مۇناسىۋەت بىلەن بۇ قېتىم ياۋرۇپا دۆلەتلىرىدە ئوقۇش ۋە تەتقىقات بىلەن شۇغۇللىنىۋاتقان ھەم شۇنداقلا ۋەتەن – مىللەت تەقدىرى ئۈسىتىدە ئىزدىنىۋاتقان ئۇيغۇر زىيالىيلارنىڭ قۇرغۇچى ۋە ئەزا بولۇپ قاتنىشىشى نەتىجىسىدە، 2018-يىلى 11-ئاينىڭ 10-كۈنى شەنبە چۈشتىن كېيىن سائەت 4:20 دە مىيۇنخىندا «ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسى ياۋرۇپا تارمىقى» نىڭ قۇرۇلۇش مۇراسىمى ئۆتكۈزۈلىدۇ.

ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسى ئامېرىكا، ياۋرۇپا، ئوتتۇرا ئاسىيا، ياپۇنىيە، ئاۋىسترالىيە ۋە كانادا قاتارلىق دۆلەت ۋە رايۇنلاردا ئاكادېمىيەنىڭ تارماقلىرىنى قۇرۇپ، ئۇيغۇرلار ئىچىدىكى ئاۋانگارت زىيالىيلار ۋە ئوقۇغۇچىلار بىلەن بىرلىكتە مىللەت ئالدىدىكى بۇرچىمىزنى ئادا قىلىپ، مىللىتىمىزنىڭ بۇ ئېغىر مۇسىبەت كۈنلىرىدىن تىزرەك قۇتۇلۇشى ئۈچۈن خىزمەت قىلىدۇ.

بۇ مۇناسىۋەت بىلەن، ياۋرۇپادىكى ۋەتەنپەرۋەر ئۇيغۇر زىيالىيلارنىڭ «ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسى ياۋرۇپا تارمىقى» غا ئەزا بولۇپ كىرىشىنى، قۇرۇلۇش مۇراسىمىغا قاتنىشىپ بېرىشلىرىنى، ھەم شۇنداقلا كەلگۈسى خىزمەتلىرىنى ماددىي ۋە مەنىۋىي جەھەتتىن ئەمەلىي قوللاپ بېرىشلىرىنى ئۈمىد قىلىمىز.  (ئەسكەرتىش: ئاكادېمىيەگە ئەزا بولۇشنى خالايدىغان ئۇيغۇر زىيالىيلارنىڭ ئاكادېمىيە ئەزالىقى سەھىپىسىدىكى مەلۇماتلار بويىچە ئەزا بولۇشىنى قىزغىن قارشى ئالىمىز.)

ۋاقتى ۋە ئىمكانى يار بەرگەن ياۋرۇپادىكى ئۇيغۇر زىيالىي ۋە ئوقۇغۇچىلارنىڭ د ۇ ق تەرىپىدىن مىيۇنخىندا ئويۇشتۇرۇلغان «شەرقىي تۈركىستان مىللىي كېڭىشى» يىغىنىدىن كېيىن، 10-نويابىر شەنبە كۈنى چۈشتىن كېيىن سائەت 4:20 دە «ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسى ياۋرۇپا تارمىقى» نىڭ قۇرۇلۇش مۇراسىمىغا كېلىپ قاتنىشىپ بېرىشىنى سەمىمىي ئۈمىد قىلىمىز.

ھۆرمەت بىلەن: – ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسى مەركىزى تەييارلىق كومىتېتى، 2018-يىلى 31-ئۆكتەبىر

يازغۇچى ھەققىدە

ماقالە سانى : 1202

ئاكادېمىيە ئورگان تورى ©

ئۈستىگە قايتىش