ئۇيغۇرچە    Uyghurche    Уйғурчә   
  • 2018 - يىلى 27 - ئۆكتەبىر يەكشەنبە كۈنى سائەت 2:00 دە ئىستانبۇلدا «خىتاينىڭ جازا لاگىرلىرىدىكى شەرقىي تۈركىستانلىقلارنىڭ ئاقىۋىتى مۇھاكىمە يىغىنى» ئۆتكۈزۈلىدۇ. ...
سىزنىڭ ئورنىڭىز: باشبەت » ئەدەبىيات گۈلزارى » شائىرلىق كامالىتى ۋە تارىخىي تۇيغۇ

شائىرلىق كامالىتى ۋە تارىخىي تۇيغۇ

ئابدۇللا موللا قاردۇ

ھەر قانداق بىر قەھرىماننى تارىخ يارىتىدۇ، تارىخنى بولسا بىر تالاي قەھرىمانلار يارىتىدۇ. چىڭغىز ئايمتىماتوف ئېيتقاندەك: «تارىخ ئۈچۈن تىل ۋە روھ سەنئىتى بولغان ئەدەبىيات ياردەمگە كېلىدۇ». ئەنە شۇ تارىخنى يارىتىدىغان قەھرىمانلارنىڭ ئىچىدە ئاجايىپ تاكامۇل ھېكمەت جەۋھەرلىرى بىلەن ئوزۇقلانغان، پەلسەپە بىلەن گۈزەللىك، روھىيەت بىلەن ئېتىقادنىڭ گىرەلەشمە دۇردانىلىرى ئارقىلىق تويۇنغان بىر گۈزەل قەلب ئىگىسى بار، ئۇ ئۆزىنىڭ ئازابلىق يۈرىكىدىن قان تامچىتقان پېتى ئىنسانلارنىڭ ئارىسىدىن تەستە سۇغۇرۇلۇپ، يۈكسەك ئىنسانىيلىق مەنزىلىگە قاراپ ماڭىدۇ. ئۇنىڭ قەلبىگە چۆكۈندە بولۇپ، ھېكمەتلىرىگە ھامىلىدار بولغان ئىستىكى ئۆتمۈش، دەسسەپ كېتىپ بارغان يوقلۇق كوچىسىدىكى پايانسىز بوشلۇقى ھازىر، يەلكىسىگە يۈدۈپ كېتىپ بارغان مەجبۇرىيىتى ۋە دەۋىتى كەلگۈسىدۇر. بۇ بۈيۈك ئىنسان دەل ئۇلۇغ تىل ۋە روھ خەزىنىسىنىڭ ئىگىسى بولغان ھەقىقىي مەنىدىكى شائىردۇر.

تارىختىن بۇيانقى چەكسىز مۇساپىدە، ئىنسانىيەتنىڭ كەچمىشلىرىگە، كۈلپەتلىرىگە، ئازابلىرىغا شاھىد بولغان باغرى قان شائىرلار تالاي-تالاي ھىجران كوچىلىرىنى قېدىرىپ، ئىنسان بىلەن ئۆزلۈكى ئارىسىدىكى مەڭگۈلۈك دىيالوگنى داۋاملاشتۇرۇپ باردى. ۋەتەننىڭ زەررە گىياھى بىلەن كۆزلىرى نۇرلىنىپ، شەربىتى بىلەن يۈرىكى ياشارغان شائىر مەنىۋىيەتنىڭ ئەبەدىي كوچىسىدا قەدىمىنى ھېلىھەم داۋام قىلدۇرماقتا. «يۇم كۆزۈڭنى كۆزگە ئايلانسۇن كۆڭۈل» دەپ توۋلىغان مەۋلانە جالالىدىن رۇمى ئۆزىنىڭ روھىيىتىنىڭ چوڭقۇرلۇقىنى ئىنساندىن ئىلاھقىچە بولغان ئۇزاق، مەڭگۈلۈك مەنزىلىنىڭ سەپىرىگە تاشلىدى. ئەھمەد يەسەۋى 60 يېشىدا ئىنسانلىقتىن ۋاز كېچىپ، روھىي ئالىمىدە ئىلاھنىڭ سىماسىغا تەلپۈنۈپ، يېڭى روھىي قىياپىتىنىڭ تارىخىنى يېزىپ چىقتى.

يىلتىزدىن كۆكلەپ كەلگەن ھېكمەت ئوكيانىدىن چاچرىغان روھ ئۇچقۇنلىرى تارىخ بىلەن تۇتاشقان ئۆزلۈك قارارگاھىدا ئۆزى بىلەن ئىنسانىيلىقنىڭ چەكسىز مۇھەببىتىنى ئىپادىلىدى. شائىرنىڭ كامالىتىنىڭ مۇجەسسەمى تارىختىن بېرىقى ئىنسان مەنىۋىيەت جۇغلانمىسى ۋە روھىيەت تىندۇرمىسىنىڭ ئىنساننىڭ ئۆزىنى ئىزدىشى، قەلب چوڭقۇرلىقىدىكى سىرلىق، پىنھان ئازابلىرى بىلەن سىردىشىشى ئارقىسىدا، تارىخىي ھېسسىياتىنى ئۆزىنىڭ كۈچلۈك ۋە تىرەن تۇپرىقى قىلدى.

شېئىرنىڭ ئىنساننى ئۆزىگە ئەڭ كۈچلۈك تارتىدىغان سېھرىي كۈچى ئۇنىڭ ئازابلىق ھەم شېرىن بولغانلىقىدىن بولسا كېرەك. شېئىرنىڭ ئازابلىق ھەم تاتلىق مىسرالىرىغا يۆلەنگەن پېتى مەڭگۈلۈك ئۇيقۇغا كەتكەن تالاي سەرسان شائىرلارنىڭ قان-ياشلىق تارىخى بىزگە مەڭگۈلۈك ئازاب ئېڭىنى قالدۇرۇپ كەتتى. گوركى ئېيتقاندەك، «ئەڭ كۆپ بىلگۈچىلەر ئەڭ كۆپ ئازابلانغۇچىلاردۇر». بىلىش- ئىنساننىڭ مەۋجۇتلۇق كامالىتىدىكى يۈكسەكلىكىنىڭ بىرسى. ئىنسان- ھاياتلىق ئالىمىدە چەكسىزلەنگەن تەپەككۇرىنىڭ پايانىدا ئۆزىنى ئىزدەش ۋە ئۆزىگە يېڭى مەنە ئىزدەش بىلەن ئۆزىنىڭ مىسرالىرىنى ۋۇجۇدقا چىقىرىپ، سەپىرىنى داۋاملاشتۇرىدۇ. مانا مۇشۇ جەرياندا، بىز ئۆزىمىزنىڭ شائىرلىرىمىزنىڭ ھايات مۇساپىسىدىكى سەپىرىنىڭ نەقەدەر ئازابلىق ۋە تەپەككۇرغا باي كەچمىشلىرىنى بىر خىل غېرىبلىق ۋە تەنھالىق تۇيغۇسى بىلەن سېغىنىمىز.

شائىر-چەكسىزلىكنىڭ مەنزىل قارارگاھىنىڭ ئوتى بىلەن يۈرىكىنى ياندۇرۇپ، ئەلنىڭ ئازابلىرى بىلەن تاراشلانغان ۋۇجۇدىنى سىلكىگىنىچە مەنزىلسېرى ئالغا چامدايدۇ. تارىخنىڭ ئۇزاق ئۆتمۈشتىن بۇيانقى جۇغلانما ھېكمىتى شائىر تەپەككۇرىنىڭ ئىزدىنىش مۇساپىسىنىڭ بېشى ۋە ئاخىرقى نۇقتىلىرىدا جىلۋە قىلىپ، تارىخنىڭ ئەڭ ئېسىل جەۋھەرلىرى بىلەن يۇيۇنىدۇ. تارىخنىڭ ياراتقانلىرى شائىر ھېسسىياتىنىڭ سەمىمىي ھەم ئازابلىق دىلخانىسىگە مۇجەسسەملىنىپ، ئۆز-ئۆزىنى يارىتىپ ۋە يېڭىلاپ بارىدۇ. ماركس «ئىنسانىيەت تارىخى پۈتۈنلەي ئۆز-ئۆزىنى ئىزدەش، ئۆز-ئۆزىنى بىلىش تارىخىدۇر» دەيدۇ. شائىر بولسا ئەنە شۇ ئۆزلۈك سەپىرىنىڭ چېغىر يوللىرىدا ئىنسان ئۈچۈن يىغلاپ، ھەققە تەلمۈرۈپ كېتىپ بارغان، ھايات-ماماتنىڭ مەنىسىگە ھەقىقىي يۈزلىنەلىگەن بۈيۈك ئىنساندۇر. ئادىل تۇنىياز «شائىر ئۈزلۈكسىز چېقىلىپ تۇرىدىغان ئەينەك، ئۇنىڭ ھەر بىر پارچىسىدا قۇياش نۇرى ئەكس ئېتىدۇ» دەيدۇ. ئاشۇ چېقىلغان ئەينەك پارچىلىرىدا يەنە شائىرنىڭ روھىي بىلەن رەڭلەنگەن يېڭىلىنىش سەپىرى ئۈزلۈكسىز داۋاملىشىدۇ. ھاياتلىقنىڭ تىرەن مەنىلىرى بىلەن تويۇنغان شائىرلىق كوچىسى ھەقىقەتەن ئادەمنىڭ بۈيۈكلۈكى ئۈچۈن ھاياتلىقتىن ماماتلىققا قاراپ باشلانغان چەكسىزلەنگەن قارارگاھ.

«شېئىر بارلىق مەۋجۇداتلار ئىچىدە ۋە ھەممە يەردە مەۋجۇت، ھەر قانداق ئاددىي، ئەرزىمەس، ھەتتا ناھايىتى قوپال نەرسىلەرمۇ شېئىرنىڭ مەنبەسى بولالايدۇ». (ئاپوللىنار) ئوغۇزخانغا يول باشلىغان كۆك بۆرە بىلەن باتۇر تەڭرىقۇتنىڭ جاھاننى تىترەتكەن ئېتىنىڭ چاقناپ تۇرغان كۆزلىرىدە يانغان سىرلىق تۇيغۇلاردىن شائىرلىق كامالىتى بىلەن بېزەلگەن تارىخىي ھېكمەت ۋە يىللارنىڭ چۇقانلىرى، ئېسەدەشلىرى تۆكۈلۈپ تۇرىدۇ. ياپيېشىل روھلارنىڭ جىلۋىسى بىلەن تويۇنغان گۈزەل روھىي زېمىننىڭ لەرزان مۇڭلۇق ناخشىلىرى تارىخنىڭ ئېقىمىنى ئۇلاپ كېلىدۇ. ئەنە شۇ ئۇلانغۇچى نۇقتىدا شائىر باغرىدىكى يارىنى قەلبىدىكى ھاياجانلىق ھېسسىياتلىرى بىلەن گىرەلەشتۈرۈپ، نۇرانە تارىخنى يېزىپ قالدۇرىدۇ. تۇنيۇقۇقنىڭ غالىبانە نۇتۇقلىرى بىلەن يۈسۈپ خاس ھاجىپنىڭ ھېكمەت بىلەن تولغان، ئۆزلۈك ھەم ھەقنىڭ ئەينىكى بولغان شېئىرى سەمەرىلىرى ئۈزلۈكسىز تۈردە تارىخ ئىچىدىن يېڭى بىنالارنى ئىزدەپ، ئەتە ئۈچۈن پارلاق نۇرلارغا ھامىلىدار بولىدۇ، يۈسۈپ خاس ھاجىپ ئۈزلۈكسىز يېڭىلىنىش ئۈچۈن مۇنداق نىدا قىلىدۇ:

تۇراقسىز بولۇشۇم ماڭا ئەيىب ئەمەس،

ئىزدەيمەن ئۆزۈمگە يېڭى نەرسە، بەس!

نەۋائى ئۆز ھاياتىنىڭ گۈلگۈن چاغلىرىنىڭ شاھىدى بولغان ھىراتنىڭ سالقىن، ھاۋالىق، گۈلىستانلىق باغلىرىدا ئۆزىنىڭ يىگانىلىق بىلەن ئۆتكەن ھاياتىنى داۋام قىلىپ، ئىنسان مەنىۋىيىتىنىڭ ئاجايىپ قايناق ھەم شېرىن ئازاب، جانلىق ئىستەك بىلەن تولغان روھىي دۇنياسىنى قېزىپ چىقىدۇ. ئۇنىڭ داستانلىرىدىكى تارىخىي تىراگېدىيەنىڭ ئازابلىق مىسرالىرى ئارىسىدا شائىرنىڭ ئۆزلۈك پەللىسى روشەن نامايان بولۇپ تۇرىدۇ:

مەن سېنى قانداق تاپۇرمەن،

مەن ئۆزۈمنى تاپمىسام!

ئىلاھ بىلەن ئىنسان ئارىسىدىكى سىردىشىش سەپىرى ھەم روھىي دىيالوگ مەڭگۈ داۋاملىشىدۇ، ئىنسان ئۈزلۈكسىز تارىخ يارىتىدۇ ھەم ئەنە شۇ تارىخ ئارقىلىق ئۆزىنى يېڭىلايدۇ. شائىرنىڭ بۇرچى-ئىنساننىڭ ئازابىنى ھەقىقىي ھېس قىلدۇرۇش ھەم ھاياتلىقتىن ماماتلىققا تاشلانغان قەدەمدىكى يوقلۇق سەپىرى ئۈستىدە ئويلاندۇرۇش، ئۆزىنى تونۇتۇش ئۆزىنى يېڭىلىققا باشلاش.

ئابدۇخالىق ئۇيغۇر تارىخنىڭ قاتمۇ-قات تىراگېدىيەسى ئاستىدىكى نادان خەلققە قاتتىق ئېچىنىش ھەم مەسئۇلىيەتچان نەسىھەت بىلەن كەسكىن نىدا قىلىدۇ، تارىخنىڭ پەرزەنتلىرى بولغان ئەلنى ئۆزىنىڭ تومۇرىدا ئېقىۋاتقان قاننىڭ شىۋىرلىشىنى قايتىدىن ئاڭلاشقا دالالەت قىلىدۇ. بۇغدا ئابدۇللانىڭ «سالغا تېشى» قەدىمىي ئانا ماكانىمىز ئورخۇن-سېلىنگا بويلىرى بىلەن تارىم-تەكلىماكان ۋادىسىدىكى چاڭقاق، قىزغىن، تەۋەككۈلچى، قەيسەر، ھەقىقىي ئەركەك روھىمىزنى قايتۇرۇپ ئەكەلدى. ئادىل تۇنىيازنىڭ قەشقەرگە قۇرغان يەر شارىدا تارىخنىڭ نەچچە مىڭ يىللىق سۇلالىسىنى ھېيتگاھتىكى مومايدىن، سەھەردىكى يارقىن ناۋالاردىن ئاڭلاپ ھەم ھاياجانلىنىپ، ئۆزىمىزنىڭ يوشۇرۇن ھېسلىرىمىزنى قايتىدىن يالتىرىتىمىز. ئۆتكۈر ئەپەندىنىڭ «ئۆمۈر مەنزىللىرى»دىن قالدۇرغان ھاياتلىق خۇلاسىسىدىن تارىخنىڭ ھېكمىتى، ساۋىقى، ھەقىقىتىنى تونۇپ يېتىمىز.

ھېكمىتى قامۇس ھاياتنىڭ ھەر بېتى راھەت ماڭا،

مەيلى قايغۇ، مەيلى شادلىق كەلگىنى ئامەت ماڭا.

بولسا گەر قەلبىمدە ھېكمەت قىلغۇسى جۇتنى باھار،

بولمىسا قەلبىمدە ھېكمەت ئامىتىم ئاپەت ماڭا.

ئابدۇشۈكۈر مۇھەممەدئىمىن

ئابدۇشۈكۈر مۇھەممەدئىمىننىڭ روھىيەت قاتلىمىغا چوڭقۇرلاپ كىرگەنسېرى چەكسىزلەنگەن تەپەككۇرى ئارقىلىق، گاڭگىراشلىق ئىلكىدە تەمتىرىگەن ساياق روھلىرىمىزنى ھەقىقىي ئۆزلۈك، ئىزدىنىش، يېڭىلىنىش سەپىرىگە ئاتلاندۇرۇپ، ئۆزىمىزنىڭ روھىيەت بايلىقىمىز، مەدەنىيەت خەزىنىمىز، پەلسەپە چوڭقۇرلۇقىمىز ئۈستىدە چوڭقۇر قاتلاملارغا شۇڭغۇپ كىرىمىز. ئۇيغۇر روھى بىلەن تويۇنغان خالتا كوچىلاردا ۋە باغلار بىلەن قورشالغان ئۇيغۇر مەھەللىلىرىدە تېيىپجان ئېلىيوپنىڭ «تۈگىمەس ناخشا»سىنى ئېيتقانچە، بوۋىلىرىمىزدىن نەۋرىلىرىمىزگىچە مەڭگۈ قۇرىماس روھىي بۇلىقىمىز، سەنئىتىمىزنى يەتكۈزۈپ، ھەقىقىي، تاكامۇل قەلبنى يېتىلدۈرىمىز.

شۇنداق، تارىخنىڭ تۇيغۇسى بىلەن رەڭلەنگەن بەدىئىي كامالەتكە قاراپ قەدەم تاشلانغان شائىرنىڭ روھىي پەرۋازى-تارىخنىڭ ھەر بىر تىنىقى، ھەر بىر شىۋىرلىشىدىن بىزنىڭ چاڭقاق دىلىمىزغىچە يېتىپ كەلدى. شائىرلىق كامالىتىنىڭ ھەقىقىي روھىي مەنزىلىدە يۈكسەك تەپەككۇر بىلەن بەرقارار تېپىشى دەل تارىخنىڭ چەكسىز مۇساپىسىدىكى دانىشمەنلەرنىڭ ئىلھام جاۋاھىراتلىرى بىلەن تويۇنغان ھېكمەت خۇرجۇنلىرىدىن ئوزۇق ئالغانلىقىدىن بولىدۇ. شائىر ئىنسانىيەتنىڭ ئازابىنى يۈدىگىنىچە گۈزەللىك، ئادىمىيلىك بىلەن پارلاپ تۇرغان دۇنيا يارىتىش سەپىرىدە، ئۆزىنىڭ ھاياتىنى چەكسىزلىككە يۈزلەندۈرىدۇ. شائىر بەلكىم ئىبىن سىنا، ئەل فارابى، نەۋائى كەبى بىر ئۆمۈر يېگانە ھالدا ئۆزىنى چەكسىز چوڭقۇر چۈشىنىپ ھەم ئاشۇ چۈشىنىشنىڭ كەينىدىكى ئازابلىق سەپەردە ئىنسانىيەتنىڭ روھىيەت دۇنياسىنى مەڭگۈ ئالغا باشلاپ مېڭىشى مۇمكىن. شائىرنىڭ پەرۋازى ئەبەدىي روھىيەت ئاسمىنىدا پەرۋاز قىلىدۇ، خەير، شائىرلىق كوچىسىدىكى شائىر دوستۇم، ھېكمىتىڭ مەڭگۈ جۇلالانغاي!

مەنبە: ۋەتېنىم مۇنبىرى

يازغۇچى ھەققىدە

ماقالە سانى : 109

ئاكادېمىيە ئورگان تورى ©

ئۈستىگە قايتىش