ئۇيغۇرچە    Uyghurche    Уйғурчә    Ortaq Türkçe   
  • 2018 - يىلى 25 - ئاۋغۇست ئىستانبۇلدا «ئۇيغۇرلار دۇچ كېلىۋاتقان خىرىسلار ۋە ھەل قىلىش يوللىرى ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنى» ئۆتكۈزۈلىدۇ. ...
سىزنىڭ ئورنىڭىز: باشبەت » ئەدەبىيات گۈلزارى » تاشنىڭ سايىسى

تاشنىڭ سايىسى

 

 

تاشنىڭ سايىسى

(ھېكايە)

(ئاپتورى:ھەبىبۇللا ئابلىمىت)

 

ئالدىمدا ئۆزۈمنىڭ ئايران پىيالىسى بولسىلا، ئاللاھاغا قەسەم قىلىمەنكى، ھېچكىمنىڭ ھەسەلىنى ئويلىمايمەن. يوقسۇللۇق دەردىدىن ئۆلۇم قۇلاغىمغا پىسىلدىسىمۇ، ھېچ بىر ۋاقىت ئەركىنلىكنى قۇللۇققا تىگىشمەيمەن.
(جالالىدىن رۇمى)

تاڭ سەھەر، كىچىدە تۇيۇقسىز ياغقان قار-مۆلدۇر ئەتىر گۈل بەرگىلىرىنى مەھەلە كوچىسىغا تۆكىۋەتكەنتى. دوقمۇشىدىكى تاش بولسا ئۇستىگە قونغان قار ۋە مۆلدۇرلەر بىلەن ئۆزىگە تەمەننا قويغاندەك يانلىرىدىكى قان تامچىلىرىغا قاراپ غادىيىپ تۇراتتى. ئارقا-ئارقىدىن ياققان قار-مۆلدۇر تۆكۇلگەن ئەتىرگۈل بەرگىلىرىنى چالا-پۇلا كۆمۇپ، خۇددى قان تامچلىرىدەك قىلىپ قويغان ئىدى.
بۈگۈن سەھەردىلا ئەنسىزلىك، ۋەھىمە ۋە قورقۇدىن ئىبارەت بۇ قارا بۇلۇتلار تۇيۇقسىز كىلىپ مەھەلە ئاھالىسىنىڭ ئۇستىنى باسقانتى. سەھەردىلا بىر توپ قوراللىق ساقچىلار كېلىپ، تۈنۈگۈن كەچتە تاش يېنىدا پاراڭ سېلىپ ئولتۇرغان ياش ۋە چوڭلارنىڭ ئارىسىدىكى ھېلىقى ”پىل بالىسىنى قانداق كۆندۇرىش“ توغرىسىدا ھېكايە سۆزلىگەن مەكتەپ خوجۇلۇق بۆلۇمنىڭ بۇغالتىرى بىلەن “ قارا تاغلىق سودىگەرنىڭ “ ھېكايىسىنى سۆزلىگەن ئۆلىماغا قويشۇپ بەش بالىنى تۇتۇپ كەتكەن ئىدى.
ئاسماندا قۇياشنىڭ جىلۋىسى تۇمانلار ئىچىدە غۇۋا كۆرىنىپ تۇراتتى. ئۈستىدىكى قار-مۆلدۇرلەرنىڭ ئېرىشىدىن ھاسىل بولغان نىدامەت ياشلىرى تاشنىڭ تاتارغان مۇزدەك يۇزىدىن ئېقىپ چۈشۈپ، ئۇنىڭ گىدەيگەن گەۋدىسىنى يالاغاچلاپ قويدى. يوللارغا تۆكۈلگەن ئەتتىر گۈل بەرگىلىرى ساقچىلارنىڭ ئاياقلىرىنى ئاستىدا چەيلىنىپ، يوللارنى قىپ-قىزىل قان بىلەن بۇيۇغاندەك قىلىۋتەكەنتى. قۇشلارنىڭ خادىيانە بەزمىسىدىن خالىي قالغان مەھەلە ئادەملەرنىڭ قىيا-چىيالىرى بىلەن قىيامەتنى ئەسلىتىپ تۇراتتى.
ئارىدىن بىر ھەپتە ئۆتۇپ كەتتى. ئەنە ئاچچىق غەزىپى بىلەن تۆكۇلگەن جۇدۇنلۇق قار ئارلاش يامغۇر ئاستىدا قالغان شەھەر ئاھالىسى.
ئەنە نەمخۇش تۇمانلار ئىچىدە تىترەپ تۇرغان ساقچى ئىدارىسى ئالدىدىكى قاتار-قاتار يامراقسىز تال-تېرەكلەر،
ئەنە شاھتىن غۇلاپ، شامال سۇپۇرگۇسى بىلەن سەرسان بولۇپ كوچىلاردا دومىلاپ يۇرگەن سارغايغان يوپۇرماقلار.
ئەنە پىل ھېكايىسىنى سۆزلىگەن بۇغالتىر، سوراقچى ئالدىدا نېمە گۇناھ ئۆتكۇزۇپ قويغانلىغىنى ئاڭقىرالاماي، ئۆزۈنىڭ ئادالەتسىزلىك بىلەن جازالىنىپ كىتىشىدىن ئەنسىرەپ، ئەنسىزلىك ئىچىدە قايتا-قايتا سورالغان سوئاللارغا جاۋاب بەرمەكتە.
”مەن ھەممىنى توغرىسى بىلەن ئېيتتىمغۇ. بىزنىڭ ئۇنداق بىر بىرە تەشكىلات بىلەن ئالاقىمىز يوق. بىز پەقەت ئۆز ئىختىيارىمىز بىلەن شۇ تاشنىڭ يېنىغا چىقىپ تاغدىن-باغدىن سۆز ئىچىپ ئولتۇرىمىز. باشقا بىر مۇندىئايىمىز يوق“
سوراقچى ئۆزى كۈتكەن جاۋاپقا ئېرىشەلمىگەنلىكىدىن قاتتىق جىلە بولۇپ، ئورنىدىن ئىھتىيارسىز سەكرەپ تۇرۇپ ۋاقىراپتۇ، يوغان مۇشتۇملىرى بىلەن بۇغالتىرنى ئۇرماقچى بولۇپ ئالدىغا تىۋەيلەپ كەپتۇ. ئاندىن يەنە سەل ئۆزۈنى بېسىۋالغان قىياپەتكە كىرىپ:“بىز بۇ ئىشلارنىڭ ھەممىنى ئىنىقلىدۇق. بۇ يەردىكى ئاساسلىق مەسىلە سېلەرنىڭ ھەر كۈنى ئاشۇ تاشنىڭ يېنىدا نېمىلەرنى دېگەنلىگىڭلاردا. قانداق بىر ئەكسىل ئىنقىلاۋى تەشكىلاتنى قۇرماقچى بولغىنىڭلاردا. كىم بىلىدۇ سەن ئاشۇنداق كىشىنىڭ ئىدىيەسىنى بۇلغايدىغان بولمىغۇر ھېكايىلەرنى سۆزلەپ يۇرۇپ، قانداق بىر مەخسەتكە يەتمەكچى بولىۋاتىسەن؟ سەن زادى ئۇ ھېكايىنى نېمە مەخسەتتە سۆزلىدىڭ؟“
سوراقچىنىڭ ھەيۋىسى، ھاقارىتى، تۆھمەتلىرى بۇغالتىرنىڭ يۈرىگىنى مۇجغان ئىدى. مۇجۇلغان، زىدە بولغان قەلب ئەركىنلىككە تەلپۈنمەكتە ئىدى.ئۇ ئۆزۈنىڭ يۈرىكىنى سەۋر-تاقەتكە ۋە غەيرەت -شىجائەتكە ئۈندىمەكتە. شۇڭا جاۋاپكار ئۆزىنى تەمكىن، خاتىرجەم تۇتۇشقا تىرىشىپ مۇنداق دېدى:“ مېنىڭ گېپىمگە قۇلاق سېلىڭ، كوجاڭ! مەن گۇناھسىز، ئۇ بىر مانداقلا سۆزلەپ قويۇلغان ھېكايە، مېنىڭ ھېچقانداق باشقا بىر مەخسىتىم يوق. ئۆز ئائىلەمنىڭ تۇرمۇش ھەلەكچىلىگى بىلەن ئۆتۇۋاتقان ئاددى بىر ئادەم مەن. سېلەرگە كىم كېلىپ نېمىلەرنى مەلۇم قىلدى بۇنىڭدىن مېنىڭ خەۋىرىم يوق. ئەمما شۇنىسى ئىنىقكى بىرلىرى بىزنىڭ ئۈستۈمىزدىن ئۆسەك سۆز توقۇپ، بىزگە تۆھمەت قىپتۇ. مانا ماشۇنداق تۆھمەتلەر بىلەن گۇناسىز تۇرۇپمۇ جازاغا ئۇچراۋاتقانلار توغرىسىدا مەن سىزگە قىسقالا بىر ھېكەيە سۆزلەپ بېرەي، بەلكى بۇ ئەنزىنى ئادىللىق بىلەن بىر تەرەپ قىلىشىڭىز ئۈچۈن پايدىسى بولۇپ قالامدۇ تېخى، دەپلا سوراقچىنىڭ يۇزىگە قاراشقىمۇ جۈرەت قىلالماي گېپىنى دەرھال باشلاپتۇ.

”بىر كۈنى كالا ئېتىزلىقتا ئىشلەپ قايتىپ كېلىپلا ئېغىلغا ئۆزىنى تاشلاپتۇ، ھارغىنلىقتىن نەپەسلىرى يېتىشمەي قاپتۇ، ئىت ئۇنى كۆرگىلى كەپتۇ.
كالا ئىتقا قاراپ تۇرۇپ:“ھەي دوستۇم، بەك ھېرىپ كەتتىم، شۇڭا مۇمكىن بولسا ئەتە بىر كۈن دەم ئالايمىكىن دەپ يولاۋاتىمەن.“ دەپتۇ دەرد تۆكۈپ
ئىت كالىنىڭ بۇ سۆزلىرىنى ئاڭلاپ بولغاندىن كېيىن، كالا بىلەن خوشلېشىپ ئېغىلدىن چىقىپتۇ. ئاندىن ئۇ تام تۆۋىدە مۈشۈكنى ئۇچرىتىپتۇ ۋە مۈشۈككە مۇنداق دەپتۇ: ”ئاداش، بايا بېرىپ كالا بۇرادەرنى كۆرۈپ كەلدىم، بۇ ئاكىمىز بەكلا ھېرىپ كېتىپتۇ، بىر كۈن ئارام ئالىمەن دەيدۇ. دېمىسىمۇ ئويلاپ باقمامسەن، خوجايىننىڭ ئۇنىڭغا بەرگەن ئىشى بەكلا كۆپ، بەكلا ئېغىر“
مۈشۈك كەينىگە ئۆرۈلۈپلا قويغا مۇنداق دەپتۇ:“كالا خوجايىننىڭ ئۆزىگە بەرگەن خىزمىتىنى ئېغىر دەپ ئاغرىنىپ، بىر كۈن ئارام ئالماقچى ئىكەن، ئەتە ئىشلىمىگۈدەك“
قوي توخۇغا:“كالىنىڭ خوجايىننىڭ ئىشىنى قىلغۇسى يوق ئىكەن، خوجايىننىڭ بەرگەن ئىشىنى ئېغىر دەپ قاقشاپتۇ، ھەي، باشقا خوجايىنلار ئۇلارنىڭ كالىلىرىغا ياخشىراق مۇئامىلە قىلامدۇ قانداق, يا بىزمۇ بىلمىدۇق“
توخۇ چوشقىغا:“كالا خوجايىنىغا ئىشلىمەسلىكنى ئويلىشىۋېتىپتۇ، باشقا خوجايىنلارنىڭ يېنىغا بېرىپ ئىشلەشنى ئويلاۋېتىپتۇ. دېمىسىمۇ شۇنداق، خوجايىن كالىغا قىلچىلىكمۇ ئىچ ئاغرىتمايدۇ، ئۇنىڭغا شۇنچە كۆپ ۋە مەينەت ئىشلارنى قىلدۇرىدۇ، يەنە تېخى ئۇنى قامچىلار بىلەن ئۇرۇپ تىللايدۇ.“
تاماقتىن بۇرۇن ، ئايال خوجايىن چوشقىغا يەم بەرگىلى كەپتۇ، چوشقا ئالدىغا بىر قەدەم ئېلىپ،“خوجايىن، سىزگە بىر ئىشنى ئىنكاس قىلاي، يېقىندىن بېرى كالىنىڭ ئىدىيىسىدە ئىنتايىن زور چاتاق بار، ئۇنى ياخشىراق ئەدەپلەپ قويمىسىڭىز بولمىغۇدەك. ئۇنىڭ ئەمدى خوجايىنغا ئىشلىگۈسى يوق ئىكەن. ئۇ خوجايىننىڭ تاپشۇرغان ئىشلىرىنى ئېغىر ۋە مەينەت دەپ ياراتمايۋېتىپتۇ. ئۇ يەنە بۇ يەردىن ئايرىلىپ باشقا خوجايىننىڭ يېنىغا بارماقچى ئىكەن“ دەپتۇ.
بۇ ئۇچۇرلارغا ئېرىشكەندىن كېيىن، كەچتە تاماق ئۈستىلىدە ئايال خوجايىن يولدىشىغا،“كالا سىزگە ئاسىيلىق قىلىپتۇ، ئۇ خوجايىن ئالماشتۇرماقچى ئىكەن. ئاسىيلىقنى قەتىي كەچۈرگىلى بولمايدۇ، ئۇنى قانداق بىر تەرەپ قىلىشنى يولىشىپ قوياسىز“ دەپتۇ.
”ئاسىيلىق قىلغۇچىلار بىردەك ئۆلتۈرۈلىدۇ!“ خوجايىن چىشلىرىنى چىڭ كىرىشتۈرۈپ شۇنداق دەپتۇ – دە، تازا ئىشتىك پىچاقتىن بىرنى قولىغا ئېلىپ ئېغىلغا قاراپ مېڭىپتۇ.“

سوراقچى بۇ ھېكايىنى ئاڭلاپ جان-پەنى چىقىپ، چاچلىرى تىك بولۇپ كىتىپتۇ، قانسىز يۇزلىرى تېخىمۇ تاتىرىپ، لەۋلىرى تۆمۇردەك كۆكىرىپتۇ، يۈزلىرىدىكى قۇرۇقلار ئورۇنلىرىنى تىگىشتۇرگەندەك يەرلىرىدىن يۆتكىلىپ كىتىپتۇ. ”ھەي كاززاپ، مەھەلىنىڭ ئامانلىغى ئۈچۈن، مىللەتلەر ئىتىپاقلىغى ئۈچۈن، بىر يول، بىر بەلۋاغ ئۈچۈن، دىنىي ئەسەبىلىككە قارشى تۇرۇش ئۈچۈن كېچە-كۈندۈز خىزمەت قىلىۋاتقان كادىرلىرىمىزنى ”ئىت“ دەۋاتامسەن تېخى، ئۇنداقتا بىز ”چوشقىما“….“ دەپلا قارا-قويۇق تۆھمەت قىلىپ، بۇغالتىرنىڭ بۇ ھېكايىنى سۆزلەپ قويغىنىغا بۇنى-قۇلىغۇغىچە تويغىزىۋېتىپتۇ. ئاخىرى پاقا يۇتۇۋالغان يىلاندەك كۆپۈپ تۇرۇپ:“ مانا ھەممە ئىش ئىنىق بولدى. مەھەلىدە قۇتراتقۇلۇق قىلىپ يۇرگەن ئىككى يۇزلىمىچى تورغا چۈشتى. ئەمدى قىنى دۆلىتىمىزنىڭ قانۇن تورىدىن قۇتۇلغىنىڭنى بىر كۆرەي“ دەپ سوراق خانىدىن چىقىپ كىتىپتۇ.

بۇغالتىرنىڭ قەلبىنى بارلىق قورقۇنچلۇق ۋەھىمىلەر، بېشىغا كېلىدىغان بالالار تولدۇرۇپتۇ. تومۇرلىرىدىن قورقۇنۇچلۇق بىر تۇيغۇ تىترەپ ئىقىپتۇ. ئۇ، ئالدىدا ھېلىلا كېلىپ بوغۇۋېتىدىغاندەك قاپاقلىرىنى ئىككى غېرىچ ساڭگىلتىپ تۇرغان ئىككى گۇندىپاينىڭ تۇرغىنىنى كۆرۇپ، بۇ بولۇپ ئۆتۇۋاتقان ئىشلارنىڭ قاباھاتلىك بىر چۈش بولۇشىنى، بۇ چۈشتىن دەرھال ئويغۇنىشىنى تولىمۇ ئارزۇ قىپتۇ. ئاچچىق بىر ھايات تەجۇربەسى بىلەن، ئەسكىلىكنىڭ، شەرەپسىزلىكنىڭ، خائىنلىقنىڭ، تۆھمەتخورلارنىڭ ئىنسانغا نېمىلەرنى قىلغۇزمايدىغانلىغىنى، دۆلەت نامىدىن، قانۇنۇن نامىدىن، ئاتالمىش ئىتىپاقلىق نامىدىن، تېخى ”ياخشىلىق“ نامىدىن قىلىۋاتقان بۇ دۈشمەن رەھىمسىزلىقىنىڭ ئاقىۋىتىنىڭ قانداق بولىدىغانلىغىنى چۈشۈنۈپ يەتكەندەك بوپتۇ. بۇ يەردىن چىقالمايدىغانلىغىنى ئويلاپ قاتتىق ھۈركۈپتۈ. ئۇ ئۆز ھېس-تۇيغۇلىرىنى دەڭسەپتۇ، ئاخىرى پۈتۈن ۋىجدانى بىلەن ياپراقتەك تىترىگەن قەلبىنى تىنجىتىشقا، بارلىق خورلۇق ئالدىدا قەيسەر بولۇشقا، ھەتتا بېشىغا ئۆلۈم كەلسىمۇ قورقماسلىققا بەل باغلاپ، ئىككى گۇندىماينىڭ ئالدىغا چۈشۇپتۇ.

ئارىدىن كۈنلەر، ئايلار ئۆتۇپتۇ. مەھەلدىن تۇتۇپ كىتىلگەنلەرنىڭ ئىز-دېرەكلىرىدىن ئائىلىدىكىلىرى ھېچ خەۋەر ئالالماپتۇ. ئىزىنى سۈرۇشتۇرگەنلەر تۇتۇلۇپ سوراق قىلىنىپ، قاماققا سولىنىپتۇ. بۇنىڭ بىلەن كىشىلەر بۇ ئىشلارنى ئېغىزغا ئېلىشقا جۈرەت قىلالماپتۇ. ھەتتا تاشنىڭ يېنىغا ئادەم بارمايدىغان بوپتۇ. تېخى تاش تۇرماق ئۇنىڭ سايىسىدىن ئەگىپ ئۆتۇپ كىتىدىغان بوپتۇ. تاشنىڭ سايىسىدىن قورققان ئادەملەر بارا-بارا بىر-بىرلىرىنىڭ سايسىدىن قورقىدىغان بوپتۇ. مانا ئەمدى كىشىلەر تاشنىڭ سايىسىدىن باشقا يەنە بىر-بىرلىرىنىڭ سايىسىدىن ھەتتا يەنە ئۆزۈنىڭ سايىسىدىن ئۆزۈ قورققىدىغان ھالغا چۈشۈپ قاپتۇ. كىيىن بۇ مەھەلېدە جۈملىدىن پۈتۈن شەھەر بويىچە كىشىلەر بىلەن سايىلار ئارىسىدا چوڭ بىر ماجرا باشلىنىپ كىتىپتۇ. بىرلىرى تاشنىڭ سايىسىدىن قۇتۇلۇش ئۈچۈن چاپسا، بىرلىرى باشقا بىرسىنىڭ سايىسىدىن قۇتۇلۇش ئۈچۈن چاپىدىكەن. ئەڭ بىچارىلىرى ئۆزۈنىڭ سايىسىدىن قۇتۇلۇش ئۈچۈن چاپقانلار ئىكەن. ئۇلار پۈتۈن كۈچى بىلەن چاپسىمۇ ھېچقانداق قىلىپ بۇ سايىدىن قۇتۇلالماپتۇ. ھېرىپ چارچاپ ئۇھ! دەپ يەرگە يىقىلسا يېنىدا سايىسى بىللە ياتىدىكەن. نېمە قىلسا قىلسۇن ئۆز سايىسىدىن ھېچ قۇتۇلالمايدىكەن. بۇلارنىڭ ئىچىدىن ھارماي يۈگرەيدىغانلىرىنىڭ بەزىلىرى شەرققە قاراپ چاپسا، بەزىلىرى غەرىپكە قاراپ چېپىپتۇ. ئۇلار چاپا-چاپە ئاخىرى باشقا دۆلەتلەرگە چىقىپ كېتىپتۇ.

يەردە يىقىلغنالىرى ھاردۇق ئالغاندىن كىيىن ئورۇنلىرىدىن تۇرۇشۇپ، ئۆز سايىسى پەيدا قىلىشقا سەۋەپچى بولغان قۇياشقا ھەتتا قاراڭغۇ كېچىلەرنى يورۇتىدىغان چىراقلار نەپرەت بىلەن قارايدىغان، ئۇلارنى ئاڭزىغا كەلگەن يامان سۆزلەر بىلەن ھاقارەتلەيدىغان ھالغا كەپتۇ. كىيىن ئۇلار ئۆزلىرىنى قاپقارا يۆگەگلەرگە ئوراپ، قۇياش نۇرىدىن، چىراق يورۇقلۇقىدىن قوغداشنى ئۆگىنىپتۇ. بۇنىڭ بىلەن كوچىلار قاپقارا قاغىلار بىلەن تولۇپتۇ. ئۇلارنىڭ باشلىرى مۇرىلىرىنىڭ ئىچىگە كىرىپ كىتىپتۇ، دۇمبىلىرى پۇكۇلىپ،دۆكلىشىپ كىتىپتۇ، قەدەملرىنى راۋرۇس ئالالماي، يەرگە سۆرۇلۇپ قالغان ئۇزۇن قارا كىيىملىرىنى ئاياقلىرى بىلەن دەسسەپ ماڭىدىغان ھالغا كەپتۇ.
بۇلار بۇنداق سۆرۇلۇپ مېڭىپ ئاھ ئۇرۇپتۇ، زارلىنىپتۇ، ئەمما ئاۋازلىرىنى، نىدالىرىنى ئاڭلايدىغان ھېچ ئادەم چىقماپتۇ. بۇ ئەخۋالنى كۆرگەن ئۇ زالىم تاجاۋۇسچىلار بۇ ئەخماق مىللەتنى يىلتىزىدىن بىراقلا قۇرۇتىۋېتىدىغان پەيتتى يېتىپ كەلدى دەپ ئويلاپ, ئۇلارنى قۇياشتىن، چىرايقنىڭ يورۇقلىرىدىن مەھرۇم قالدۇرۇشنىڭ ئەپچىل چارىسنى تىپىپ چىقىپتۇ. پۈتۈن زېمىننىڭ ئۈستىنى ۋە تۆت ئەتراپىنى توراپ بىر قاراڭغۇ لاگېر پەيدا قىپتۇ. بۇ لاگېرنى دۇنيادىن ئايرىپ، قۇياشتىن ئايرىپ، بارلىق يورۇقلۇقلاردىن ئايرىپ، ئۇ زېمىندىكى ئىنسانلارنىڭ ھەممسىنى ئاشۇ قاراڭغۇلۇققا بەنت قىپتۇ. بۇنىڭ بىلەن سىرتا قۇياش نۇرىنى كۆرىدىغان ئىگىز تاغلار ۋە كەتكەن ئادەمزاتسىز چۆللۇكلەردىن باشقا بىر يەر قالماپتۇ. كوچىلاردا، رەستىلەردە، دۇكان-سارايلاردا، چەكسىز كەتكەن ئىگىز ئىگىز بىنا-ئىمارەتلەردە پەقەت سايىلارلا قاپتۇ. بۇ سايىلار كېچىلەردە يوق بولۇپ، كۈندۈزلىرى يەرلەردە سۆرۇلۇپ يۇرۇپتۇ. ئايلار، يىللار ئۆتۇپ بۇ سايىلارمۇ ئادەمزات قىيامىتىگە كەپتۇ، ھەتتا ئۈست-باشلىرىغا كىيىملەرنىمۇ كىيىپتۇ. ئەمما زۇۋانلىرى يوقمىش، پۇت-قوللىرىمۇ يوق بولغانلىقتىن داۋاملىق يەرلەردە ئورۇنلىرىدىن قوپالماي سۆرۇلۇپ يۇرەمىش.
ھېلىقى شەرققە قاراپ يۇگەرگەنلەرنىڭ ھەممىسىنىڭ سايىسى ئۆزىنىڭ ئالدىدا يۇگرەپ ئۆزى كىلىشتىن بۇرۇن سايىسى ياد ئەلگە كەپ بولغان ئىكەن. مىڭ ئەپسۇس ئۇلار يەنىلا بۇ ياد ئەللەردە ئۆز سايىسى بىلەن ئەندىشە ئىچىدە ياشايدىكەن.
غەرىپكە قاراپ يۇگەرگەنلەرنىڭ سايىسى گەرچە ئارقىدا قالغان بولسىمۇ، ئەمما ئۇلارنىڭ روھلىرى شۇ سايىلەر بىلەن ئۆز ئانا ۋەتېنىدە قالغانلىغى ئۈچۈن روھسىز تېنىلا قالغان ئىكەن. شۇڭا بۇ روھسىز تەنلەر، ئۆز روھىنىڭ نېمە ئىكەنلىگىنى ئۇنتۇپ كەتكەچكە پەقەت ۋە پەقەتلا ئۆز تەنلىرى ئۈچۈن، ئۆز شۆھرىتى ئۈچۈن، ئۆز ماددىي بايلىقى ئۈچۈن كۈرەش قىلىدىكەن. ئەنە ئاشۇ روھسىز نەرسىلەر ئۈچۈن بىر-بىرى بىلەن سوقۇشۇپ، تالىشىپ كىتىدىكەن. ھەتتا ئۆز-ئۆزىلىرىگە ھېلىقى بۇغالتىرغا قىلىنغان تۆھمەتلەردەك تۆھمەتلەرنى قىلىشىدىكەن. ئۆزلىرىنى ئۆزلىرى بوزەك قىلىشىپ بىر-بىرىنىغا زۇلۇم سالىدىكەن،“كەچۈرۈڭ”، “كېرەك يوق” دېگۇزىدىغان روھلىرى بولمىغاچقا، بۇ سېسىق تەنلەر ئۇلارغا مۇشت ئېتىشنى، تىللاشنى، تۆھمەت قىلىشنى، خىيانەت قىلىشنى ئۆگىتىپ، ئۆز تارىخىنى، ئۆز غۇرۇرىنى، ئۆز ئەدەبىياتىنى، ئۆز قىممەت قارىشىنى ئۇنتۇلدۇرىدىكەن.
پەقەت ئاشۇ مەھەلە دوقمۇشىدىكى تاش ۋە ئۇنىڭ سايىسى ئۆز جايىدىن قىمىرلىماپتۇ. مەيلى زىمىستان قىستا، مەيلى تومۇز ئىسسىقتا، مەيلى قار-يامغۇردا ئۆز قەد-قامىتىنى تىك تۇتۇپ، ئەتراپىدىكى تۆت تاغدەك جۈملىدىن ئاللاھنىڭ مۇئازام ئەسىرى بىلغان ئاشۇ تەبىئەتتەك خەيۋەتلىك تۇرۇپتۇ ۋە ھەزرىتى مەۋلانادەك مۇنداق نىدا قىپتۇ.“ئەي ئەزىز بارلىق! سەن بىر نۇرنىڭ سايىسى. بىز جۈملە جاھان سېنىڭ سايەڭ. نۇرنىڭ سايىدىن ئايرىلغانلىغىنى كىم كۆرگەن؟ سايە، بەزىدە نۇرنىڭ يېنىدا بولىدۇ. بەزىدە ئۇنىڭدا يوق بولىدۇ. يەنى بېشىدا ئۇنىڭ بىلەن بىللە، بىر قاتاردا تۇرىدۇ. ئۇنىڭدا يوق بولغان بولسا، ئۇنىڭ بىلەن ئۇچرۇشۇپ ئۇنىڭ ۋىسالىغا يەتكەن بولىدۇ“

05.08.2018
گېرمانىيە

يازغۇچى ھەققىدە

ماقالە سانى : 8

ئاكادېمىيە ئورگان تورى ©

ئۈستىگە قايتىش