ئۇيغۇرچە    Uyghurche    Уйғурчә   
  • 2018 - يىلى 27 - ئۆكتەبىر يەكشەنبە كۈنى سائەت 2:00 دە ئىستانبۇلدا «خىتاينىڭ جازا لاگىرلىرىدىكى شەرقىي تۈركىستانلىقلارنىڭ ئاقىۋىتى مۇھاكىمە يىغىنى» ئۆتكۈزۈلىدۇ. ...
سىزنىڭ ئورنىڭىز: باشبەت » مىللىي مەۋجۇتلۇق » چەتئەللەردىكى «ئۇيغۇرشۇناسلىق» ھەققىدە بىر قانچە مەسىلە

چەتئەللەردىكى «ئۇيغۇرشۇناسلىق» ھەققىدە بىر قانچە مەسىلە

غەيرەتجان ئوسمان ئۇيغۇر

  1. ئۇيغۇرشۇناسلىق ئىلمىنىڭ تەبىرى، خاراكتىرى مەسىلىسى

ئۇيغۇرشۇناسلىق دىگەندە ئۇيغۇر مىللىتى ھەمدە ئۇلارنىڭ ئەجداتلىرى ۋە مۇناسىۋەتلىك مەزمۇنلارنى تەتقىقات ئوبىيىكتى قىلغان ئۇنۋېرسال بىر پەن كۆزدە تۇتىلىدۇ .«ئۇنىۋېرسال»دېگەندە،ئۇخشاش بولمىغان مەقسەت، ئوخشاش بولمىغان ئۇسۇل ۋە ئوخشاش بولمىغان ۋاستە بويىچە،ئوخشاش بىر مەزمۇن ياكى ئوخشاش بولمىغان مەزمۇنلار ئۈستىدە كۆپ تەرەپلىمىلىك تەتقىقات يۈرگۈزۈش مەقسەت قىلىنىدۇ.

ئۇيغۇرشۇناسلىقنىڭ تەتقىقات ئوبىيىكتى ئۇيغۇرلارنىڭ ئانتىرپولوگىيىسى، ئارخئولوگىيىسى،ئىقتىسادى تۇرمۇشى، تىلى، ئەدەبىياتى،يازما يادىكارلىقلىرى، دىنى،سەنئىتى،پەلسەپىسى، مائارىپى، پەن-تېخنىكىسى، ئۆرپ-ئادىتى، بىناكارلىقى، تەرجىمەشۇناسلىقى، قانۇنشۇناسلىقى ھەمدە ئۇلارنىڭ قوشنا مىللەتلەر بىلەن بولغانمۇناسىۋىتى قاتارلىق كۆپ جەھەتتىكى مەزمۇنلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.

ئۇيغۇرشۇناسلىقنىڭ ۋاستىسى ئىجتىمائىي پەن ۋە تەبىئىي پەندىكى ھەرخىل ئۇسۇللاردىن پايدىلىنىپ، مۇناسىۋەتلىك ئوبىيىكىتلار ئۈستىدە تەتقىقات يۈرگۈزىدۇ.

ئۇيغۇرشۇناسلىقنىڭ ئاساسىي تەتقىقات مەقسىدى پەن قۇرۇلىشى،جەمىيەت تەرەققىياتى ۋەئىقتىسادىي قۇرۇلىشى ئۈچۈن خىزمەت قىلىش. (نيۇرۇجى«ئۇيغۇرشۇناسلىق سېستىماقۇرۇلىشى توغرىسىدىكى تەسەۋۋۇر ۋە چەتئەللەرنىڭ ئۇيغۇرشۇناسلىق تەتقىقاتىدىكى ئەڭ يېڭى ئەھۋاللار» )

2. ئۇيغۇرشۇناسلىق تەتقىقاتى بارلىققا كەلگەن يەر، ۋاقىت

ــــ ئۇيغۇرشۇناسلىقنىڭ ئاساسىي ئەڭ دەسلەپ جۇڭگودا بارلىققا كەلگەن. يەنى،ئۇيغۇرشۇناسلىقنىڭ ئاساسىي مەزمۇنى ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆزىدە ساقلانغان. ئۇيغۇرلارنىڭپىزىنۇمىيىلىك تۈزۈلىشى، مىللەت گەۋدىسى، ئۆرپ-ئادىتى،ئىتىكىلىق ئەخلاقپورمىسى،تىل خەزىنىسى، ئارخىئولوگىيىلىك ماتىرىياللىرى،يازما ھۆججەتلىرىئۇيغۇرشۇناسلىقنىڭ بىرىنچى قول ماتىريالى بولۇپ ھىساپلىنىدۇ. ئۇنىڭدىن قالساجۇڭگودا خەنزۇ، تۈبۈت، موڭغۇل تىللىرى،شىنجاڭدىكى قەدىمكى تىللاردىن ساك، توخار،سوغدى قاتارلىق تىللاردا يېزىلغان ھۆججەتلەر بىلەن خاتىرلەنگەن يازما خاتىرىلەرئۇيغۇرشۇناسلىقنىڭ يەنە بىر قاتلام ماتىريالى بولۇپ ھىساپلىنىدۇ. شۇنداق دېيىشكەبولىدۇكى، ئۇيغۇرلارنىڭ ئەھۋالى توغرىلىق ئاساسىي ماتىرىياللار ئۇيغۇر مىللىتىنىڭئىچىدە، ئۇلار ياشىغان ۋە ئىز قالدۇرغان تىرىتورىيىلەردە،جۈملىدىن، جۇڭگوداساقلانغان. ئۇيغۇرشۇناسلىقنىڭ بۆشۈكى جۇڭگو دەپ ھىساپلاشقا بولىدۇ.

شۇنىڭ بىلەن بىرگە، «ئۇيغۇرشۇناسلىق»تىن ئىبارەت مۇشۇ ئۇقۇمنىڭ نىسپىتەن خاسلىققائىگە ئىلىم بولۇپ، يېڭى دەۋرگە خاس مىللەتشۇناسلىق، تارىخشۇناسلىق،مەدەنىيەتشۇناسلىق، مەتىنشۇناسلىق، تىلشۇناسلىق، ئەدەبىياتشۇناسلىق قاتارلىق پەنساھەسىدە ئىلمىي خادىملارنىڭ ئالاھىدە دىققەت نەزىرىگە ئىلىنىشى 18- ئەسىردەياۋروپادا پەيدا بولغان، دىيىشكە بۇلىدۇ. بۇنىڭدا فىرانسىيە، گىرمانىيە ۋەروسىيىلىك ئالىملارنىڭ ئىلمىي ئىزدىنىشى باشلامچىلىق خاراكتىرگە ئىگە بولغان. مەسىلەن، 18-ئەسىرنىڭ 30- يىللىرىدىن باشلاپلا فىرانسىيە ئالىملىرى ۋاستىلىق يوسۇندا ئۇيغۇر تارىخى تەتقىقاتىغا ئۆزىنىڭ تۆھپىلىرىنى قوشۇشقا باشلىغان بولۇپ، ئۇلارنىڭ ئىچىدەمەشھۇر بولغىنى ر.پ.گوۋبىل ( R. P. Goubil ) بولۇپ، ئۇ 1739- يىلى ئۇيغۇرلارنىڭ تارىخى ئەھۋالىمۇ تىلغا ئېلىنىدغان« موڭغۇل تارىخى » ناملىق ئەسەرنى ئىلان قىلغان. ئارقىدىن ج. دېگۇيگىنىس ( J. Deguinges ) كەينى – كەينىدىن « ھۇنلار ۋە تۈركلەرنىڭ ئېتنىك مەنبەسىھەققىدە تەتقىقات » ۋە بەش توملۇق « ھۇنلار، تۈركلەر ۋە موڭغۇللارنىڭ ئومۇمىي تارىخى » (ياكى«ھۇنلار،تۈركلەر، موڭغۇللار ۋە غەربىي تاتارلارنىڭ ئەيسا تۇغۇلۇشتىن ئىلگىرىكى ۋە كېيىنكى تارىخى») نى يېزىپ چىققان. 20 يىل ئۆتكەندىن كېيىن ك. ۋىسدېلۇ( C.Visdelou ) « تاتار تارىخى »نى نەشرقىلدۇرغان. يۇقارقىغا ئوخشاش فىرانسۇز تىلىدا يېزىلغان ئەسەرلەردىن يەنە دۇ ھالدې( Duhalde ) يازغان « جۇڭخۇا ئېمپىرىيەسى ۋە جۇڭگونىڭ تاتارلار رايونىنىڭجۇغراپىيەسى، تارىخى، يىلنامىسى، سىياسىسى ۋە تەبىئىي ئەھۋالى »نىمۇ كۆرسىتىش مۈمكىن.بۇلارنىڭ ھەممىسدە ئۇيغۇرلار تىلغا ئېلىنغان.

1820-يىلى روسىيە پەنلەر ئاكادىمىيىسىگە تەكلىپ قىلىنغان فىرانسىيىلىك شەرقشۇناس خ.ج.كىلاپروت( Klaproth H.J. ، 1783-1835 ) مەشھۇر ئەسىرى « ئۇيغۇرلارنىڭ تىل – يېزىقى ھەققىدە تەتقىقات »نىپارىژدا نېمىس تىلىدا ئېلان قىلغان، روسىيەدە بولسا پىراۋۇسلاۋىيە ئېپىسكوپى ن.ي.بىچۇرىن( Bi č urin 1853-1777 , N.Y . ) « قەدىمقى ۋە ھازىرقى زاماندىكى جۇڭغار ئويمانلىقى ۋە turk نىڭ ئومۇمىي ئەھۋالى » (1851-يىلى) ۋە « قەدىمقى كاشغەرىيىنىڭ مىللەتلەر تارىخىغادائىر ماتېرىياللار » قاتارلىق ئەسەرلىرى نەشر قىلىنغان. ئارقىدىن، 19-ئەسىرنىڭئاخىرىدا روسىيىنىڭ بېجىڭدا تۇرۇشلۇق كونسۇلخانىسىنىڭ دوختۇرى بىرېتسچنېيدېر ( E. Briets č neider ) نىڭ «ئوتتۇرائاسىيادىكى قەدىمكى دۆلەتلەر تارىخى» ناملىق كىتابى دۇنياغا كەلگەن، ئۇنىڭ بىرىنچىتومىدا «قەدىمكى ئۇيغۇرلار»دېگەن بىر پاراگىراف ئورۇن ئالغان. شىۋىتسىيىلىك دوسسان( C.D’ohsson ، 1780 一 1855 ) نىڭ « موڭغۇلتارىخى ـــ چىڭگىزخاندىن تۆمۈرلەڭگىچە » (1852-يىلى) دىگەن ئەسىرىمۇ ئۇيغۇرلارتارىخىغا چېتىلىدۇ.

19- ئەسىرنىڭ كېيىنكى يېرىمىدا شىنجاڭ ۋەزىيىتىنىڭ داۋالغۇپ تۇرىشى غەرپئالىملىرىنىڭ ئۇيغۇرلارغا بولغان قىزىقىشىنى يەنىمۇ كۈچەيتىۋەتكەن. مۇشۇ مەزگىلدەروسىيىلىك ۋ.ۋ.گىرىگىرىيېۋ ( V.V.Girigoriyef ، 1816-1881 ) رۇس تىلىدا ئىككى توملۇق « تەبىئىي جۇغراپىيەشۇناسلىق ـــ كاشغەرىيە »ياكى «جۇڭگو turk ى»(1873-يىلى)نى يېزىپ چىققان، بۇ ئەسەردە قەدىمقى زاماندىن تارتىپ 19- ئەسىرنىڭ70- يىللىرىغىچە بولغان ئۇيغۇرلارنىڭ تارىخى، ئېتنوگىرافىيىسى، جۇغراپىيىسى قاتارلىق ساھەلەرگە چېتىلىدىغان ماتېرىياللار خاتىرىلەنگەن بولۇپ، ھازىرمۇ خېلى يۇقۇرى پايدىلىنىش قىممىتىگە ئىگە.

روسىيىلىك ئالىم ئا.كازېمبېك 1841-يىلى «ئۇيغۇرلار توغرىسىدا تەتقىقات» ناملىق كىتابى ئېلان قىلغان.مانا مۇشۇلار ياۋروپادا ئۇيغۇرشۇناسلىق ئىلمىنىڭ شەكىللىنىشىنى تىزلەتكەن. بۇلاردىن باشقا روسىيىلىك ئالىملاردىن يەنە چ.ۋەلىخانۇۋ،ۋ.ۋ.رادلۇف، د.پوزدنېيېف قاتارلىقلارنىڭ ئىلمىي ئەمگەكلىرى، بولۇپمۇ، ۋ.ۋ.رادلۇفنىڭ«ئۇيغۇرلار مەسىلىسى توغرىسىدا» (1893-يىل)، د.پوزدنېيېفنىڭ «ئۇيغۇر تارىخىغادائىر ئوچېرىكلار» (1899-يىلى) قاتارلىقلار ئۇيغۇرشۇناسلىق ئىلمىنىڭ شەكىللىنىشدەچوڭ روللارنى ئوينىغان ئەسەرلەر بولۇپ ھىساپلىنىدۇ. 19-ئەسىردە يېزىلغان « ئۇيغۇرلارنىڭتىل – يېزىقى ھەققىدە تەتقىقات »،«ئۇيغۇرلار توغرىسىدا تەتقىقات»، «ئۇيغۇرلارمەسىلىسى توغرىسىدا»، «ئۇيغۇر تارىخىغا دائىر ئوچېرىكلار» قاتارلىق بەش پارچە ئەسەردە «ئۇيغۇر» نامى ماۋزۇنىڭ بېشى قىلىپ تاللىنىشىنىڭ تارىخىي ئەھمىيىتى تولىمۇ يۇقۇرى بولغان. دېمەك،19- ئەسر نىڭ ئاخىرى ياۋروپادا ئۇيغۇرشۇناسلىق ئىلىم بولۇپ شەكىللەنگەن دېيىشكە بولىدۇ.

3. چەتئەللىكلەرنىڭ« ئۇيغۇرشۇناسلىق»قا قىزىقىشىنىڭ سەۋەبى

زامانىۋىي ئۇيغۇرشۇناسلىق ئىلمى ياۋروپادا پەيدا بولغان.بىزگە مەلۇمكى، ياۋروپادۇنيانىڭ يېقىنقى زامان تارىخىدا ئىقتىسادىي كۈچ ۋە مەنىۋىي مەدەنىيەت جەھەتتە دۇنيانىڭ باشقا جايلىرىغا قارىغاندا ئالدىدىراق قەدەم تاشلىغان. شۇنىڭ بىلەن بىرگە زامانىۋىي ئىلىم-پەن ئىشلىرىمۇ خېلىلا تەرەققى قىلغان.دۇنيانىڭ يېقىنقى زامانتارىخىغا تەسىر كۆرسەتكەن نۇرغۇن ئېلىم تارماقلىرى ياۋروپادا بارلىققا كەلگەن ياكى مۇكەممەل پەن تۈسىگە كىرگەن. مانا مۇشۇنداق ئەۋزەل شارائىت ياۋروپادائۇيغۇرشۇناسلىقنىڭ بارلىققا كېلىشىنىڭ تارىخىي ئارقا كۆرىنىشى بولۇپ قالغان.

ياۋروپادا زامانىۋىي ئۇيغۇرشۇناسلىقنىڭ پەيدا بولىشىنىڭ نىگىزلىك سەۋەبى بىر تاسادىبىي ۋەقە بىلەن،يەنە بىرى، سىياسىي ئىشلار بىلەن مۇناسىۋەتلىك دېيىشكەبولىدۇ. تاسادىبىي ۋەقە دىيىشتىكى سەۋەپ،18-ئەسىرنىڭ ئالدىنقى يېرىمىدا، روسىيە-شىۋىتسىيە ئۇرىشىدا ئەسىرگە چۈشكەن ئوفىتسىر ف.ج.سترالېنبېرگ ( F.J.Stralenberg ) سىبىرىيە رايۇنىدا 13 يىل تۇرۇش جەريانىدا توپلىغان ماتىرياللىرى ئاساسىيدا ياۋروپا ۋە ئاسىيانىڭ شىمالىي قىسمى ۋە شەرىقىقىسمى» (1730-يىلى) دېگەن كىتابىنى نەشر قىلدۇرۇپ، كىتابىنىڭ ئاخىرىغا يەنسەيۋادىسىدىن تاسادىبىي بايقاپ قالغان، قەدىمكى تۈرك يېزىقى بىلەن پۈتۈلگەن بىرىنچى تۈركۈم مەڭگۈ تاشلارنىڭ رەسىملىرىنى قوشۇمچە قىلغان. بۇ كىتاپ غەربىي ياۋرۇپا ئالىملىرى ئارىسدا ئۇيغۇرشۇناسلىقنى ئۆز ئىچىگە ئالغان تۈركىلوگىيە ئىلمىنىڭ بارلىققا كېلىشىنىڭ ئاساسىي بولۇپ قالغان. سىياسىي سەۋەپكە كەلسەك،گەپنى مۇنداق باشلاشقا توغرا كېلىدۇ. ماركوپولۇنىڭ شەرققە سەپىرى، كولۇمبۇنىڭ ئامېرىكا قىتئەسىنى بايقىشى ياۋرۇپالىقلارنىڭ باشقا قىتئەلەرنى چۈشىنىشىنى يەنىمۇ تىزلەتكەن. ئىتالىيىدەپەيدا بولغان ئەدەبىي ئويغىنىش ۋە غەربىي ياۋروپادىكى سانائەت ئىنقىلابىنىڭ كۆتۈرىلىشى ياۋروپا دۆلەتلىرىنىڭ بايلىق، زىمىنغا بولغان تەلىپىنى ئاشۇرىۋەتكەن. بۇنىڭ بىلەن بىر قىسىم ياۋروپا دۆلەتلىرى باشقا دۆلەت، رايۇنلارغا ئارقا-ئارقىدىن تەكشۈرگۈچىلەرنى، ئىكىسپىدىتسىيىچى بايرىقىنى كۆتۈرگەن خادىملارنى ئىۋەرتىپ، جۇغراپىيىلىك، گىئولوگىيىلىك، ئارخىئولوگىيىلىك، ئىتنوگىرافىيىلىك، ئانتىرپولوگىيىلىك تەكشۈرۈشلەرنى ئېلىپ بېرىپ، كەڭ دائىرىدە ماتىرىيال ۋە ئاخبارات توپلىغان.بۇ ماتىرىياللار بىر تەرەپتىن ئاخبارات تۈسىنى ئېلىپ، ئۆز ھۆكۈمەتلىرىگە سۇنۇلغان بولسا،يەنە بىر تەرەپتىن، ئىلمىي ئەسەر شەكلىگە كەلتۈرۈلۈپ، نەشرقىلدۇرۇلغان. ۋاقىتنىڭ ئۆتۈشى بىلەن بۇنداق ئاخبارات خاراكتىرىدىكى ماتىرىياللار ئىلىمگىمۇ قىزىقىدىغان كىشىلەرنىڭ تەتقىقات نىشانى بولۇپ قالغان.شۇنىڭ بىلەن،ئەسلىدىن ئۇقۇمۇشلۇق بولغان نۇرغۇن كىشىلەر بىر تەرەپتىن سىياسىي ئۈچۈن خىزمەتقىلسا، يەنە بىر تەرەپتىن ئىجتىمائىي پەنلەر تەتقىقاتىغا كىرىشىپ، ئۇيغۇرشۇناسلىق پېنىنىڭ تەرەققى قىلىشى ئۈچۈن تۈرتكىلىك رولىنى جارى قىلدۇرغان. يەنە بىرتەرەپتىن،يېقىنقى يىللاردىن بۇيان،ئوتتۇرا ئاسىيا،غەربىي يۇرت ۋە يىپەك يولىنىڭ تارىخ- جۇغراپىيىسى، مەدەنىيىتىنى تېخىمۇ ئەتراپلىق،تېخىمۇ چوڭقۇر، تېخىمۇ سېستىمىلق ئۈگىنىش، تەتقىق قىلىش ئۈچۈن، ئۇيغۇرشۇناسلىق كەم بولسا بولمايدىغان بىرخىل ئىلىم تارمىقى بولۇپ قالغان.

4. بۈگۈنكى دۇنيادا «ئۇيغۇرشۇناسلىق» ئىلمى بىلەن شۇغىللىنىدىغان دۆلەت ۋە رايۇنلار

ـــ بۈگۈنكى مەدەنىي دۈنيادا ئۇيغۇرشۇناسلىق بىلەن شۇغۇللىنىۋاتقان دۆلەت ۋەرايۇنلار خېلى بار.بۇلاردىن ئاسىيادىكى دۆلەتلەر ئىچىدە:جۇڭگو (يەنە تەيۋەن)، ياپۇنىيە، كورىيە، تۇركىيە، قازاقىستان، ئۆزبېكىستان، قىرغىزىستان، تۈركمەنىستان، ئەزەربەيجان، مولداۋىيە، موڭغۇلىيە، ئىسرائىلىيە قاتارلىقلار؛ ياۋروپا- ئامىرىكا، ئوكيانىيە دۆلەتلىرىئىچىدە: روسىيە، گىرمانىيە، فىرانسىيە، ئەنگىلىيە، شىۋىتسىيە، فىنلاندىيە، پولشا، رۇمىنىيە، چىخسىلوۋاكىيە، ۋىنگىرىيە، ئامېرىكا، ئاۋېستىرالىيە قاتارلىق دۆلەتلەردىن ئىبارەت.بۇ دۆلەت ۋەرايونلار ئىچىدە بۇ پەن سابىق سوۋېت ئىتتىپاقى ۋە قازاقىستاندىلا «ئۇيغۇرشۇناسلىق»نامى بىلەن،باشقا جايلاردا شەرقشۇناسلىق، ئالتايشۇناسلىق، تۈركشۇناسلىق ( تۈركىلوگىيە)،غەربىي يۇرت تەتقىقاتى، يىپەك يولى تەتقىقاتى، ئوتتۇرا ئاسىيا تەتقىقاتى، تۇرپانشۇناسلىق قاتارلىق نام- ئاتاقلار بىلەن يۈرگۈزىلىپ كېلىنگەن. يەنى ئۇيغۇرشۇناسلىق ئىلمىي سابىق سوۋېت ئىتتىپاقى ۋە قازاقىستاندىن باشقا دۆلەتلەردە بىۋاستە تەتقىقات ئۇسسۇلى بىلەن ئەمەس، بەلكى ۋاستىلىق ئۇسسۇل بىلەن يۈرگۈزىلىش ئاساس قىلىنغان. بۈگۈنكى كۈنگە كەلگەندە بۇ خىل ئۇسسۇلنى ئۆزگەرتىشنىڭ زۆرۈرلىكىنى تارىخىي ئەمىلىيەتنىڭ تەقەززا قىلىۋاتقانلىقى ئۆز- ئۆزىدىن مەلۇم بولۇپتۇرۇپتۇ، شۇنىڭ بىلەن بىرگە، ئۇيغۇرشۇناسلىق دۆلەت ئىچى ۋە سىرتىدا شەرقشۇناسلىق، ئالتايشۇناسلىق، تۈركشۇناسلىق، تۇرپانشۇناسلىق قاتارلىقلارنىڭ بىر تارمىقى سۈپىتىدە مۇئامىلە قىلىنسىمۇ، بىراق، مۇشۇ ئېلىم تارماقلىرىنىڭ ئۆزىكى ياكىيادرۇلۇق قىسمى ئۇيغۇرشۇناسلىق ئىكەنلىكىنى تارىخىي پاكىتلاردىن كۆرىۋالغىلى بولىدۇ.

5. ئۇيغۇرشۇناسلىق ئىلمى شىنجاڭغا قوشنا ئەللەردىكى رايۇنلار ۋە مىللەتلەرنىڭ تارىخ مەنىيىتىنى تەتقىق قىلىشتىكى ئەھمىيىتى

ـــ ئۇيغۇرشۇناسلىق يالغۇز ئۇيغۇر مىللىتىنىڭ ئۆزىنىڭ ئەھۋالىنى ئىگىلەشكە پايدىلىق بولۇپ، قالماستىن، بەلكى، قوشنا مىللەت، رايۇن ۋە دۆلەتلەرنىڭ تارىخى،ئىجتىمائىي ئەھۋالى، مەدەنىيىتىنى ئۆگىنىشتىمۇ، تەتقىق قىلىشتىمۇ كەم بولسابولمايدىغان موھىم بىر ئىلىم تارمىقى.

روسىيىلىك ئالىم ئا.كازىمبېك ناھايىتى بۇرۇنلا بۇ نۇقتىغا ئالاھىدە دىققەت قىلغان. مەسىلەن، ئۇ1841-يىلى ئىلان قىلغان «ئۇيغۇرلار توغرىسىدا تەتقىقات»ناملىق ئەسىرىدە مېغىزلىق قىلىپ شۇنداق يازغان: «بىز بۇ قەبىلە(ئۇيغۇرلارنى دېمەكچى ـ- گ.س.ئىسقاقۇف)نى تەتقىق قىلىشتا قولىمىزدا بار بولغان بارلىق ماتىرياللاردىن پايدىلىنىشىمىز كېرەك. ئۇيغۇرلاربىزگە نۇرغۇن يازما يادىكارلىلارنى قالدۇرۇپ كەتكەن. بۇ يادىكارلىقلارنىڭ ھەرقانداقبىر قىسمىنىڭ ئوتتۇرىغا چىقىشى بارلىق تۈركىي تىللىق خەلقلەرنىڭ تارىخى ئۈچۈن يېڭىسەھىپە ئاچىدۇ»(«ئۇيغۇرلار ۋە غەربىي يۇرتتىكى باشقا تۈركىي خەلقلەرنىڭ قىسقىچەتارىخى» 1-بەت،شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى، 2000-يىلى نەشرى).

ئۇيغۇرشۇناسلىقنىڭ بىر تارمىقى بولغان ئۇيغۇر تىلىنى مىسالغا ئېلىپ سۆزلىسەك، ئۇنىڭ يالغۇز ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆزلىرىنىڭ تىل تارىخىنى بىلىشتىلا رولى بولۇپ قالماستىن، بەلكى باشقا تۈركىي تىللىق، ئالتاي تىللىق مىللەتلەرنىڭ تارىخىنى بىلىشتىمۇ رولىنىڭ بارلىقى توغرىسىدا ئالىملارنىڭ قاراشلىرىدا ئورتاق سادالار ئاڭلىنىپ تۇرىدۇ.مەسىلەن، تۈركىيىىلىك ئالىم شەمسىدىن سامى ( Š amsidin Sami ) «قەدىمكى ئۇيغۇرلار مەدەنىي تەرەققىياتتا ئەڭ ئالغا كەتكەن خەلق بولۇپ، بۇلارنىڭ تىلى تۈركىي تىللىق خەلقلەر ئارىسىدا ئەدەبىي تىل بولغان» («قامۇسۇلئەلەم»3-توم،1876-بەت، 1889-يىلى، تۈركىيە؛ «جۇڭگودىكى مىللەتلەرنىڭ قەدىمكى يېزىقلىرىتەتقىقاتى»، جۇڭگو ئىجتىمائىي پەنلەر نەشرىياتى، بېيجىڭ، 1994-يىلى خەنزۇچە نەشرى، 120-بەت،خەنزۇچە) دەپ يازغان بولسا، تارىخشۇناس ليۇجىژشاۋ «ئۇيغۇر تىلى ئاساسىدىكى چاغاتايتىلىنىڭ شەكىللىنىشى ئۇيغۇر مىللىتى تارىخىدا زور دەۋر بولگۈچ ۋەقە بولۇپلاقالماستىن، ئۇيغۇر مىللىتىنىڭ ئىنسانىيەتكە قوشقان مۇھىم تۆھپىسىمۇ بولۇپمۇھىساپلىنىدۇ. ئاسىيانىڭ ئوتتۇرا قىسمىدىكى نۇرغۇن مىللەتلەر ۋە رايۇنلار مۇشۇتىلنىڭ يارىدىمى بىلەن ئۆزلىرىنىڭ مەدەنىيىتىنى ۋە تارىخىنى خاتىرلىگەن ھەمتارقاتقان »(«ئۇيغۇر تارىخى»1-قېسىم 600-601-بەت،مىللەتلەر نەشرىياتى 1986-يىلىنەشرى). موڭغۇل ئالىمى مىڭچىبى بىلەن لۇلۇلۇ «ئويلىنىش ئىچىدە ئىلگىرلەش» ناملىقماقالىسدا ئۇيغۇرلارنىڭ ئەدەبىياتى توغرىلىق توختىلىپ شۇنداق يازغان:«ئالتاي تىلىسېستىمىسىدىكى مىللەتلەرنىڭ ھەممىسىنىڭ تارىختىن قالغان ئېغىز ئەدەبىياتىبار،لېكىن يازما ئەدەبىياتى بار مىللەت پەقەت ئۇيغۇر مىللىتى» («تارىم»ژورنلىنى 1988-يىلى11 – سان) . تۈركىيىلىك ئالىم ئۇنۋەر سۇھەيلى «تۈركىي تىللىق خەلقلەرئىرپانىنى، ئىلمىنى، تىبابەتچىلىكىنى ئاسىيادا ئۇيغۇرلار مۇھاپىزەت قىلغان» («ئۇيغۇرلارداتىبابەت» 1934- يىلى، تۇركىيە) دەپ يازغان. روسىيىلىك ئالىم ۋ.ۋ.بارتولد ( V.V.Bartold ) «مەدەنىي خەلقلەر ئىچىدە، مۇسۇلمانلار(بولۇپمۇ تاجىكلار) ۋەئۇيغۇرلار،پەقەت ئۆز مىللىتىنىڭ ئىچىدىلا ئەمەس، بەلكى، ئۆزلىرى تۇرۇشلۇقئۇلۇسلارنىڭ ئۇلۇس(ئەل)باشقۇرۇش ئىشلىرىدا ناھايىتى مۇھىم رول ئوينىغانىدى. چۈنكى،ئۇلارنىڭيەرلىك ۋاڭ، گۇڭ،ئاقسۆڭەكلەرگە بولغان تەسىرى ناھايىتى كۈچلۈك بولغان» («يەتتە سۈتارىخىنىڭ ئپچىرىكى»76-بەت،شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى 2000-يىلى).

دېمەك، ئۇيغۇر تىلى بىلەن خاتىرلەنگەن ئۇيغۇر ئەدەبىياتى، تارىخ-تەزكىرىگە دائىرماتىرىياللار، ئۇيغۇر يۇرتىدا ساقلىنىپ قېلىنغان، ئۇيغۇرلار بىلەن بىرلىكتە مەۋجۈت بولۇپ كەلگەن ئىقتىسادىي ھۈججەتلەر، تىبابەتچىلىك، ئاستىرىنومىيە، دىن، ئىتنۇگىراىيە، جۈملىدىن ماددى ۋە مەنىۋىي مەدەنىيەتكە مۇناسىۋەتلىك ھۈججەت-ۋەسىقىلەر، ئاسارە-ئەتىقىلەريالغۇز ئۇيغۇرلارنىڭ ئەھۋالىنى تەتقىق قىلىشتىلا ئەمەس، بەلكى بارلىق تۈركىي تىللىق مىللەتلەر، ئالتاي تىلى سىستىمىسىدىكى مىللەتلەر، جۈملىدىن جۇڭگونىڭ غەربىيقىسمى، غەربىي يۇرت، ئوتتۇرا ئاسىيا، يىپىك يولىنىڭ تارىخ-جۇغراپىيىسىنى، مىللەتلەرتارىخىنى ئۈگىنىشتە، تەتقىق قىلىشتا كەم بولسا بولمايدىغان مۇھىم ماتىريال ۋە بويۇملار ھىساپلىنىدۇ.

مەنبە: ۋەتىنىم مۇنبىرى

يازغۇچى ھەققىدە

ماقالە سانى : 109

ئاكادېمىيە ئورگان تورى ©

ئۈستىگە قايتىش