ئۇيغۇرچە    Uyghurche    Уйғурчә    Ortaq Türkçe   
سىزنىڭ ئورنىڭىز: باشبەت » مىللىي مەۋجۇتلۇق » تەۋھىد ھەقىقىتى

تەۋھىد ھەقىقىتى

Email this to someoneTweet about this on TwitterShare on LinkedIn0Print this pageShare on Facebook33Share on Google+0

 tevhid_hekiketi

تەۋھىدھەقىقىتى

ئاپتورى: دۇنياغا داڭلىق ئالىم يۈسۈف ئەلقەرزاۋى

تەۋھىد دىگەن نىمە ؟

 

تەۋھىد دېگەن سۆز لۇغەتتە «يالغۇز دەپ تونۇش» دېگەن مەنىنى بىلدۈرىدۇ، شەرىئەتنىڭ بىلدۈرۈشىدە تەۋھىد دېمەك: ئاللاھ تائالانىڭ تەڭدىشى يوق ۋە ئوخشىشى يوق. ئاللانىڭ زاتىدا، سۈپەتلىرىدە ۋە قىلغان ئىشلىرىدىمۇ تەڭدىشى يوق ئالەمنى يارىتىشىدىمۇ شېرىكى يوق شۇڭا مەخلۇقاتلارنىڭ شەكسىز قۇلچىلىق قىلىشىغا، مۇھەببەت بىلەن يۈرەكنى باغلىشىغا پەقەت ئاللاھلا ھەقلىق دەپ (ئۇنىڭدىن باشقىسى ھەرقانچە كاتتا بولۇپ كەتسىمۇ مەخلۇق دەپ تونۇپ) ئەقىدە قىلىشتۇر

ئېلكىتاپ نۇسخىسىنى بۇيەردىن چۈشۈرۈڭ: Tevhid_Hekiketi

تەرجىمە قىلغۇچىدىن

ناھايىتى شەپقەتلىك ۋە مېھرىبان اللە نىڭ ئىسمى بىلەن باشلايمەن

پۈتۈن ئالەملەرنىڭ  ياراتقۇچىسى ۋە پەرۋەردىگارى بولغان ئۇلۇغ اللە قا ھەمدۇ-سانالار بولسۇن. پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا  ۋە ئۇنىڭ ئائىلە تاۋابىئاتلىرىغا ۋە ئۇنىڭ ئەسھابىلىرىغا دۇرۇت ۋە سالاملار بولسۇن.

دۇنياغا داڭلىق ئالىم شەيخ يۈسۈف قارزاۋىنىڭ ‹تەۋھىد ھەقىقىتى› ناملىق ئەسىرىنى تەرجىمە قىلىشقا مۇۋەپپەق قىلغان اللە قا ھەمدۇسانا ۋە شۈكۈرلەر بولسۇن. بۇ ئەسەر دىيارىمىزدىكى مۇسۇلمانلارنىڭ تەۋھىدنى چۈشىنىشى ئۈچۈن ناھايىتى مۇھىم بولغان، ھەربىر مۇسۇلمان ئۈچۈن ناھايىتى زۆرۈر ئوقۇشلۇق دەپ قارايمىز. دىيارىمىزدا تەۋھىدكە مۇناسىۋەتلىك  ئۇيغۇرچە ماتېرىيالنىڭ كەملىكى سەۋەبلىك بۇ كىتابنى ئۇيغۇرچىغا تەرجىمە قىلدىم. مۇسۇلمان قېرىنداشلىرىمىزنىڭ بۇ ئەسەردىن پايدىلىنىپ مەسىلىلەرنى چۈشىنىۋېلىشىنى، ھەمدە بىلمىگەنلەرگە يەتكۈزۈشىنى ۋە تەۋسىيە قىلىشىنى ئۈمىد قىلىش بىلەن ئاپتور ۋە تەرجىمە قىلغۇچىنى دۇئالىرىدا ياد ئېتىشىنى تىلەيمىز.

ئىنسان بولغان ئىكەنمىز خاتالىقتىن يىراق ئەمەسمىز. بۇ ئەسەرنىڭ تەرجىمىسىدە بىلىمىمىزنىڭ تۆۋەنلىكى سەۋەبلىك، تەرجىمە جەھەتتىكى خاتالىقلار ۋە باشقا مەسىلىلەر بۇلىشى مۇمكىن. كەڭ كىتابخانلارنىڭ تۈزىتىپ ئوقۇشىنى، تەنقىد پىكىرلەرنى بېرىشىنى،  اللە تائالانىڭ خاتالىقلىرىمنى كەچۈرۈشىنى تىلەيمەن. ئامىن!

ئى اللە! بۇ ئەمگىكىمنى پۈتۈن مۇسۇلمانلارغا پايدىلىق ۋە مەنپەئەتلىك قىلىپ بەرگىن. بۇ ئەمگىكىمنى دۇنيا ۋە ئاخىرەتتە مەنپەئەتلىك قىلىپ بەرگىن. ئەمگىكىمنى رىيادىن ساقلىغىن. بۇ سەدىقە جارىيەمنى قوبۇل قىلغىن. ئامىن!

                                     قۇيرۇق

ئەسكەرتىش: بۇ كىتابنىڭ كىلىش مەنبەسى توردۇنياسى بۇلۇپ قايسى نەشىرىيات قايسى ئورۇن تەرىپىدىن بېسىپ تارقىتىلغانلىقىنى بىلەلمىدىم. پەقەت توردىن تېپىلغان تۈركچە مەنبەدىن پايدىلىنىپ تەرجىمە قىلىپ چىقتىم.

تەرجىماننىڭ تۈۋەندىكى تەرجىمە ئەسەرلەرنى ئوقۇپ چىقىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز.

1- مانا بۇ بىزنىڭ بەدىنىمىز

2- چۈمۈلىلەردىكى ئاجايىپ دۇنيا

3- ھەسەل ھەرىسىدىكى ئاجايىپ دۇنيا

4- ئىمونىت كۈچىمىزنى بىلەمسىز؟

5- ئەتراپىمىزدىكى جانلىقلارنىڭ ئالاھىدىلىكلىرى

6- كائىنات قانداق بارلىققا كەلگەن

7- پاشىلاردىكى ئاجايىباتلار

8- سوراڭ قۇرئان كەرىم جاۋاب بېرىدۇ

9- تەپەككۇر ماقالىلىرى (بالىلار ئۈچۈن ئوقۇشلۇق)

10- ھەدىس شەرىپلەرگە ئاساسەن ئۆيلىنىشنىڭ ئەدەپلىرى (ناسىرۇددىن ئالبانى)

11- جېرمان جېكسۇن   Jermaine Jackson

12- ئىسلامنىڭ يېڭى ئەزالىرى

13- تەۋھىد ھەقىقىتى (يۈسۈف قەرزاۋى)

14- ئىسلامدا تىجارەت

15- ئايال ساھابىلەر ھاياتىدىن تاللانما

ئىچىدىكىلىرى

ئاللانىڭ بارلىقىغا ئىشىنىش ئىماننىڭ ئاساسىدۇر……………………….2

ئىسلام تەۋھىد ئۈستىگە قۇرۇلىدۇ……………………………………11

فىترەتنىڭ (تەبئى تۇيغۇنىڭ) اللە نىڭ بىرلىكىگە دالالەت قىلىشى………..13

ئەقلى دەلىللەر…………………………………………………..14

نەقلى دەلىللەر…………………………………………………..17

تەۋھىد اللە قىلا ئىمان كەلتۈرۈشدۇر (ئىشىنىشدۇر)…………………….18

تەۋھىد دېگەن نېمە؟…………………………………………….22

رۇبۇبىيەت تەۋھىدى (ئىتقادى تەۋھىد)………………………………25

ئۇلۇھىيەت تەۋھىدى (ئەمەلدىكى تەۋھىد)……………………………26

ئىبادەت دېگەن نىمە؟…………………………………………….27

ئىبادەتنىڭ ھەرخىل تۈرلىرى……………………………………….27

ئۇلۇھىيەت تەۋھىدىنىڭ مۇھىملىقى (ئەمەلدىكى تەۋھىد)………………..28

تەۋھىد ئىسلامنىڭ شۇئارىدۇ……………………………………….31

تەۋھىد اللە نىڭ بەندىلىرى ئۈستىدىكى ھەققىدۇر…………………….32

تەۋھىد مۇسۇلماننىڭ ھاياتىدىكى چاقىرىقىدۇر…………………………34

تەۋھىد مۇسۇلمانلارنىڭ باشقا مىللەتلەرگە بولغان چاقىرىقىدۇر……………34

تەۋھىد نېمە بىلەن ئەمەلىيلىشىدۇ؟ …………………………………35

ئىخلاس بىلەن اللە تائالاغا ئىبادەت قىلىش…………………………..36

تاغۇت دېگەن نېمە؟ ……………………………………………..39

تاغۇتنى رەت قىلىش……………………………………………..39

شىرىكتىن قېچىش ۋە ساقلىنىش…………………………………..41

شېرىك دېگەن نىمە؟…………………………………………….41

شېرىكنىڭ تۈرلىرى………………………………………………42

چوڭ شېرىك……………………………………………………43

مەخپىي چوڭ شېرىك…………………………………………….43

اللە دىن باشقىسىنى قانۇن چىقارغۇچى دەپ قۇبۇل قىلىش……………..46

كىچىك شېرىكنىڭ تۈرلىرى……………………………………….46

 اللە دىن باشقىسىنىڭ نامى بىلەن قەسەم قىلىش…………………….47

(بالادىن ساقلايدۇ دەپ) ئۈزۈك ۋە تۇمارلارنى ئېسىش قولىغا يىپ باغلاش….48

كۆزمونجاق ۋە تىل تۇمار تاقاش…………………………………….49

دەم سېلىش…………………………………………………….50

سېھىرگەرلىك……………………………………………………51

مۇنەججىملىك (يۇلتۇزلارغا قاراپ پال سالغۇچى) ……………………….53

تىۋەلە (ھەرپلەر بىلەن سېھىر قىلماق، ياكى پال ئاچماق) سېھىر شېرىكتۇر…53

كاھىن ۋە پالچىلار ……………………………………………….54

اللە دىن باشقىسىغا نەزىر قىلىش (بىر ياخشىلىق قىلىمەن دەپ ۋەدە قىلىش)56

اللە دىن باشقىسىغا ئاتاپ قۇربانلىق قىلىش…………………………..58

خەيرلىك بولماسلىقىغا ئىشىنىش شېرىكتۇر……………………………59

ئىسلام شېرىككە ماڭىدىغان يوللارنى تاقايدۇ………………………….61

پەيغەمبەرلەرگە ھۆرمەت قىلىشتا ھەددىدىن ئېشىپ كېتىش………………61

سالىھ ئىنسانلار توغرىسىدا ھەددىدىن ئاشۇرۇۋېتىش…………………….62

قەبرىلەرنى ئۇلۇغلاش……………………………………………..64

قەبرىستانلىقلارنى مەسچىت قىلماسلىق……………………………….64

قەبرىلەرگە قاراپ ناماز ئوقۇش……………………………………..65

قەبرىستانلىقتا ئوت يېقىش ………………………………………..65

ئاھاك (گەج) بىلەن قەبرىلەرگە قۇببە (گۈمبەز) ياساش…………………65

قەبرىلەر ئۈستىگە خەت يېزىش……………………………………..66

قەبرە قوپۇرۇش………………………………………………….66

قەبرىستانلىقلارنى بايرام جايلىرى قىلىۋالماسلىق……………………….66

قەبرىلەرنى ئۇلۇغلاشنى توسۇشتىكى ھېكمەت………………………….67

ياغاچ، تاش ۋە باشقا نەرسىلەردىن ياخشىلىق كۈتۈش………………….68

شېرىككە ئېلىپ بارىدىغان سۆزلەر…………………………………..70

تەۋھىدنىڭ ھاياتتىكى تەسىرلىرى…………………………………..72

ئىنساننىڭ ئەركىنلىككە ئېرىشىشى…………………………………..72

تەۋھىد ئارقىلىق باراۋەرلىك بەرپا بولىدۇ……………………………..73

تەۋھىد خاتىرجەملىكنىڭ مەنبەسىدۇر………………………………..74

تەۋھىد پىسخلوگىيە جەھەتتىكى قۇۋۋەتنىڭ مەنبەسىدۇر………………..75

تەۋھىد قېرىنداشلىقنىڭ ۋە باراۋەرلىكنىڭ ئاساسىدۇر…………………..77

شېرىكنىڭ زىيانلىرى ……………………………………………..78

شېرىك ئىنسانلار ئۈچۈن بىر زالالەتتۇر……………………………….79

شېرىك خۇراپىيلىقنىڭ مەنبەسىدۇر………………………………….79

شېرىك چوڭ زۇلۇمدۇر…………………………………………….80

شېرىك قورقۇنچنىڭ مەنبەسىدۇر……………………………………80

شېرىك ئىنساننى ھۇرۇنلاشتۇرىدۇ…………………………………..81

شېرىكنىڭ ئاخىرەتتىكى نەتىجىسى………………………………….82

ئاللانىڭ بارلىقىغا ئىشىنىش ئىماننىڭ ئاساسىدۇر

شۈبھىسىزكى، ئاللاھ تالاغا  تائەت – ئىبادەتنى لايىقىدا قىلىش، قاھھار، مۇختار ۋە ئۇلۇغ اللە نىڭ بارلىقىغا ئىشىنىش، دىننىڭ روھى ۋە ئاساسىدۇر. شۇنىڭغا ئوخشاش اللە تائالانىڭ كىتابىنىڭ ۋە رەسۇلىللانىڭ سۈننىتىنىڭ بىلدۈرگىنىدەك ئىسلامنىڭ روھى ۋە پۈتۈن ئىماننىڭ (ئىشىنىشنىڭ) ئاساسىدۇر.

قۇرئانى كەرىم ئىماننىڭ رۇكنى ۋە  ئۇنىڭغا مۇناسىۋەتلىك تېمىلارنى تىلغا ئېلىپ، تۆۋەندىكى ئايەتتىكىدەك اللە نىڭ بارلىقىغا ئىشىنىشنىڭ، ئىمانلارنىڭ ئىچىدىكى تۇنجىسى ۋە ئاساسى دەپ ئوتتۇرىغا قويغان.

 «پەيغەمبەر پەرۋەردىگارى تەرىپىدىن ئۇنىڭغا نازىل قىلىنغان كىتابقا ئىمان كەلتۈردى، مۆمىنلەرمۇ ئىمان كەلتۈردى، ئۇلارنىڭ ھەممىسى اللە غا ۋە اللە نىڭ پەرىشتىلىرىگە، كىتابلىرىغا ۋە پەيغەمبەرلىرىگە ئىمان كەلتۈردى. (ئۇلار) «اللە نىڭ پەيغەمبەرلىرىنىڭ ھېچبىرىنى ئايرىۋەتمەيمىز (يەنى ئۇلارنىڭ بەزىسگە ئىمان ئېيتىپ، بەزىسگە ئىمان ئېيتماي قالمايمىز)» دەيدۇ. ئۇلار: «بىز (دەۋىتىڭنى) ئاڭلىدۇق ۋە (ئەمرىڭگە) ئىتائەت قىلدۇق، پەرۋەردىگارىمىز، مەغپىرىتىڭنى تىلەيمىز، ئاخىر يانىدىغان جايىمىز سېنىڭ دەرگاھىڭدۇر» دەيدۇ (285).» (2- سۈرە بەقەرە 285- ئايەت)

يەنە بىر ئايەتتە : «سىلەرنىڭ كۈن چىققان ۋە كۈن پاتقان تەرەپكە يۈز كەلتۈرۈشۈڭلارنىڭ ئۆزىلا ياخشى ئەمەلگە ياتمايدۇ. بەلكى اللە غا، ئاخىرەت كۈنىگە، پەرىشتىلەرگە، كىتابقا (يەنى اللە نازىل قىلغان كىتابلارغا)، پەيغەمبەرلەرگە ئىمان كەلتۈرۈش، اللە نى سۆيۈش يۈزىسىدىن خىش- ئەقرىبالارغا، يېتىملەرگە، مىسكىنلەرگە، ئىبنى سەبىللەرگە (يەنى پۇل- مېلىدىن ئالاقىسى ئۈزۈلۈپ قالغان مۇساپىرلارغا)، سائىللارغا ۋە قۇللارنىڭ ئازادلىققا ئېرىشىشىگە پۇل- مال ياردەم بېرىش، ناماز ئوقۇش، زاكات بېرىش، ئەھدىگە ۋاپا قىلىش، يوقسۇزلۇققا، كېسەللىككە ۋە (اللە نىڭ يولىدا قىلىنغان) ئۇرۇشقا بەرداشلىق بېرىش ياخشى ئەمەلگە كىرىدۇ. ئەنە شۇلار (يەنى يۇقىرىقى سۈپەتلەرگە ئىگە كىشىلەر) (ئىمانىدا) راستچىل ئادەملەردۇر، ئەنە شۇلار تەقۋادار ئادەملەردۇر (177).» (بەقەرە سۈرىسى 177- ئايەت)

 يەنە بىر ئايەتتە مۇنداق دېيىلگەن: « ئى مۆمىنلەر! اللە غا، اللە نىڭ پەيغەمبىرىگە ۋە اللە ئۇنىڭغا نازىل قىلغان كىتابقا (يەنى قۇرئانغا) ۋە ئىلگىرى اللە نازىل قىلغان كىتابلارغا (يەنى قۇرئاندىن ئىلگىرى نازىل قىلىنغان ساماۋى كىتابلارغا) ئىمان كەلتۈرۈڭلار. كىمكى اللە نى، اللە نىڭ پەرىشتىلىرىنى، كىتابلىرىنى، پەيغەمبەرلىرىنى ۋە ئاخىرەت كۈنىنى ئىنكار قىلىدىكەن، ئۇ قاتتىق ئازغان بولىدۇ (136).» (نىسا سۈرىسى 136- ئايەت)

ئاللاھ نىڭ ئەلچىسى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ مەشھۇر ھەدىسىدىمۇ، جەبرائىل ئەلەيھىسسالامدىن ئىمان توغرىسىدا سورالغاندا، مۇنداق دېگەن: «ئىمان، اللە تائالاغا، پەرىشتىلىرىگە، كىتابلىرىغا، پەيغەمبەرلىرىگە، ئاخىرەت كۈنىگە، تەقدىرگە، ياخشىلىق ۋە يامانلىقنىڭ اللە تەرىپىدىن ئىكەنلىكىگە ئىشىنىشتۇر.» ئەسلى ئىمان اللە تائالاغا ئىمان ئېيتىشتۇر. ئەقىدىدىن باشقا قىسىملىرىمۇ بۇنىڭغا باغلانغان. اللە تائالاغا ئىمان ئېيتقاندىن كېيىن، نۆۋىتى بىلەن پەرىشتىلەرگە، كىتابلارغا، پەيغەمبەرلىرىگە، قايتا تىرىلىشكە، ئاخىرەتتە ھېساب بېرىشكە، قازا ۋە قەدەرنىڭ اللە تەرىپىدىن كېلىدىغانلىقىغا ئىمان ئېيتىلىدۇ. پۈتۈن بۇلارغا ئىمان ئېيتماق، اللە تائالاغا ئىمان ئېيتىشنىڭ بىر پارچىسىدۇر. ئەقىدە بۇنىڭ ئۈستىگە قۇرۇلغان. پەيغەمبەرلەرگە ئىمان ئېيتىش، ئالدى بىلەن ئۇنى ئەۋەتكۈچىگە ئىمان ئېيتقاندىن كېيىن ئاندىن تەسەۋۋۇر قىلىنىدۇ. ئاخىرەتتە ھېساب بېرىشكە ئىمان ئېيتىش بولسا، ئاخىرەتتە ھېساب ئالغۇچىغا ئىمان ئېيتىپ بولغاندىن كېيىن ئاندىن مۇمكىن بولىدۇ.

اللە تائالاغا ئىمان ئېيتىش، اللە نىڭ بارلىقىغا، رۇبۇبىيەتىگە (ئىبادەتكە ئەڭ لايىق زات ئىكەنلىكىگە) ۋە ئۇلۇھىيىتىگە (ئۇلۇغلاشقا ئەڭ لايىق زات ئىكەنلىكىگە)، ۋەھدانىيەتىگە (يەككە يېگانە ئىكەنلىكىگە)، ئەسمائۇل ھۈسناسىغا (99 ئىسىم ۋە سۈپەتلىرىگە)، ئۆزىگە لايىق بولغان سۈپەت بىلەن سۈپەتلىنىشىگە ۋە پۈتۈن كەمچىلىكتىن خالى ئىكەنلىكىگە تۇلۇق ئىمان ئېيتىشتۇر.

بىز ئۈچۈن اللە تائالانىڭ بارلىقى، ئوپئوچۇق شۈبھە بولمىغان بىر ھەقىقەتتۇر. ھەقىقەتلەرنىڭ ئاشكارا بولغانلىقىدىندۇر. بۇنىڭغا ساغلام جىسىملار گۇۋاھچى بولماقتا. ساغلام ئەقىللەر بۇنىڭ قاراپ ماڭماقتا. چوڭقۇر ئىلىم ئەھلى بولغانلار، ئىچكى ۋە تاشقى دۇنيالىرىدا كۆرگەن ئاجايىباتلار،  تۈزۈم، تەقدىر، ھىدايەت سەۋەبلىك، بۇ قاراشنى تەستىقلىماقتا. ئەگەر بۇ بۈيۈك ھەقىقەت بەزى ئىنسانلارغا يوشۇرۇن قالغان بولسىمۇ، بۇ دېيىلگەندەك، بارلىقىنىڭ ۋە مەخپىلىكىنىڭ قۇدرىتى سەۋەبلىكتۇر. ئىنسانلىقىدا اللە قا شېرىك كەلتۈرۈپ، ئەقىلنىڭ ۋە نەپسىنىڭ يولىغا ماڭغانلار، اللە نى ئىنكار قىلىپ تەۋھىدنىڭ سىرتىغا چىققان كىشىلەردۇر.

ئىسلام تەۋھىد ئۈستىگە قۇرۇلىدۇ

ھەقىقەت شۇكى، ئىسلامنىڭ اللە تائالانىڭ بارلىقىغا ئىمان ئېيتىشنىڭ ئۈستىگە قۇرۇلۇشى، بۇنىڭ فىترى(تەبئىي) بىر زۆرۈرىيەت بىلەن بولغانلىقىدىن ئەمەس. ناھايىتى مۇھىم بولغىنى، بۇ توغرىسىدا كۆپ توختالغان، ئەمما ئىنسانلار بۇ توغرىسىدا غاپىل بولغان، ئىسلام ئەقىدىسىنىڭ ئۆزى ۋە ئىسلامنىڭ روھى بولغان تەۋھىد ئەقىدىسى سەۋەبلىكتۇر. بۇ كائىناتتا يارىتىشنىڭ ھۆكۈمرانى، ھەممە ئۇنىڭ يېنىغا قايتىدىغان، ھەممە نەرسىنىڭ رەببى بولغان، ھەر ئىشنى باشقۇرىدىغان، ئىنكار قىلىشقا ئەمەس، پەقەت ئۇنىڭغىلا ئىمان ئېيتىشقا، كۇپۇر ئېيتىپ ئۇنىڭغا نانكورلۇق قىلىشقا ئەمەس، شۈكرى ئېيتىشقا، ئىسيان ئېيتىشقا ئەمەس، ئىتائەت قىلىشقا لايىق بىر اللە قا ئىمان ئېيتىشتۇر.

ئاللاھ تائالا قۇرئان كەرىمىدە مۇنداق دەيدۇ:

«ئەنە شۇ اللە سىلەرنىڭ پەرۋەردىگارىڭلاردۇر، اللە دىن بۆلەك ھېچ مەبۇد (بەرھەق) يوقتۇر، ئۇ ھەممە نەرسىنى ياراتقۇچىدۇر، ئۇنىڭغا ئىبادەت قىلىڭلار ئۇ ھەر نەرسىگە ھامىيدۇر (102). كۆزلەر اللە نى كۆرمەيدۇ، اللە كۆزلەرنى كۆرۈپ تۇرىدۇ، اللە (بەندىلىرىگە) مېھرىباندۇر، ھەممىدىن خەۋەرداردۇر (103).» (ئەنئام سۈرىسى 102-103- ئايەتلەر)

ئىسلام كەلگىنىدە دۇنيانىڭ ھەر يېرىدە شېرىك ھاكىم ئىدى. ئەرەب يېرىم ئارىلىدا، ئىبراھىم ئەلەيھىسسالامنىڭ دىنىغا ئاساسەن ئىبادەت قىلىدىغان، بىر نەچچە ھانىف، ساماۋى دىنلارنى بۇزغان بۇددىست، ساغلام قالالىغان ئەھلى كىتابلاردىن باشقا ھېچكىم يوق ئىدى. ئەرەب خەلقى جاھالەت دەۋرىدە بوغۇزلىرىغا قەدەر بۇتقا چوقۇنۇشقا پېتىپ كەتكەنلىكىنى بىلىش بىز ئۈچۈن يېتەرلىك. بۇ شۇ دەرىجىگە بارغان ئىدىكى، يالغۇز اللە قا ئىبادەت قىلىڭلار دەپ بۇتلارنى چاققان ئىبراھىم ئەلەيھىسسالام، سالغان كەبىنىڭ ئىچىدە ۋە ئەتراپىدا، 360 دانە بۇت بار ئىدى. ئۇندىن باشقا، ھەر ئۆيدە ئۆي ئىگىسىنىڭ قويغان بۇتلىرى بار ئىدى.

ئىمامى بۇخارى، ئەبۇلرىجا ئەلخارىدىن مۇنداق رىۋايەت قىلىدۇ: «تاشلارغا ئىبادەت قىلاتتۇق، ئۇنىڭدىن ياخشىراقىنى تاپقىنىمىزدا ئۇنى تاشلاپ ياخشىسىنى ئالاتتۇق، تاش تاپالمىغان زامانلاردا بولسا، بىر ئۇچۇم تۇپراق ئېلىپ كېلىپ، ئۈستىگە قوينى سىغاتتۇق، ئاندىن كېيىن ئۇنى يېنىمىزدا كۆتۈرۈپ يۈرەتتۇق.»

ئۇنىڭدىن باشقىلىرى كۆپىنچە، سەپەرلىرىدە يانلىرىدا ئەجۋە دەيدىغان بىر خىل خورما دىن ياسالغان بۇتلارنى ئېلىپ يۈرۈشەتتى. يېمەكلىكلىرى تۈگەپ ئاچ قالغاندا، باشقا بىر نەرسە تاپالمىغاندا، ئۇنى يەيتتى، بۇ تۈردىكى بۇتلارغا قۇرئان كەرىم مۇنداق دېگەن:

 «چىۋىن ئۇلارنىڭ بەدىنىدىن بىر نەرسىنى (يەنى بۇتقا سۈركەپ قويۇلغان خۇش پۇراق بىر نەرسىنى) ئېلىپ قاچسا، ئۇنى چىۋىندىن تارتىپ ئالالمايدۇ، بۇتمۇ ۋە (ئۇنىڭغا) چوقۇنغۇچىمۇ ئاجىزدۇر (73).» (سۈرە ھەج 73- ئايەت)

مىلادى ئالتىنچى ئەسىردە ھىندىستاندا بۇت پەرەسلىك شۇ قەدەر تەرەققىي قىلغان ئىدىكى، ئۇ ۋاقىتتا 360 مىليون بۇت بار ئىدى. ساماۋى دىنلارغىمۇ (خىرسىتىئان ۋە يەھۇدى دىنىغا-ت) بۇت پەرەسلىك سىڭىپ كىرگەن. ساپلىقىنى بۇزۇپ، ئارىلىقىنى يوق قىلغان.

«يەھۇدىيلار: «ئۈزەير اللە نىڭ ئوغلىدۇر» دېدى، ناسارالار: «مەسىھ (يەنى ئىسا) اللە نىڭ ئوغلىدۇر» دېدى،» (تەۋبە سۈرىسى 30- ئايەت)

خرىستىئانلار ئەيسا ئەلەيھىسسالامنى ھەق ئىلاھتىن بىر ئىلاھتۇر دەپ قارايدۇ. (بۇنداق دېيىشتىن اللە ساقلىسۇن -ت)

خېلى كۆپ خەلقلەردە كەڭرى تارقالغان شېرىك تۈرلىرىدىن بىرى، اللە دىن باشقا ۋە ئۇنىڭ بىلەن بىرگە ئىبادەت قىلىدىغان، اللە نىڭ قىزلىرى ۋە ئوغلىنىڭ بارلىقىدۇر. خۇددى قەدىمى ھىندىلارنىڭ كىرىشنا ۋە بۇددا توغرىسىدا خىياللىرىدەك.

ئەرەبلەرمۇ پەرىشتىلەر توغرىسىدا مۇنداق ئويلاشقان، ئۇلار اللە نىڭ قىزلىرىدۇر. بۇ توغرىسىدا قۇرئان كەرىمىدە مۇنداق دېيىلگەن:

«ئۇلار (يەنى مۇشرىكلار): «اللە نىڭ (پەرىشتىلەردىن) بالىسى بار» دېيىشتى، ئۇنداق ئەمەس. اللە (بۇنىڭدىن) پاكتۇر، (پەرىشتىلەر اللە نىڭ) ھۆرمەتلىك بەندىلىرىدۇر (26). ئۇلار اللە غا ئالدى بىلەن سۆز قىلىشقا پېتىنالمايدۇ، ئۇلار اللە نىڭ ئەمرى بويىچە ئىش قىلىدۇ (27). اللە ئۇلارنىڭ قىلغانلىرىنى ۋە قىلماقچى بولغانلىرىنى بىلىپ تۇرىدۇ، ئۇلار اللە رازى بولغانلارغىلا شاپائەت قىلىدۇ، اللە نىڭ ھەيۋىسىدىن تىترەپ تۇرىدۇ (28).» (ئەنبىيا سۈرىسى 26-28- ئايەتلەر)

شۇ سەۋەبلىك ئىسلام، ئىلىم يولى ۋە  ئەمەل بىلەن اللە نىڭ بىرلىكىگە دەۋەت قىلىشقا، شېرىككە قارشى ھەم ئەقىدە، ھەمدە مۇئامىلە نۇقتىسىدىن قاراپ، كۈرەشكە ئالاھىدە ئەھمىيەت بەرگەن.

تۈۋەندىكى ئايەتتە اللە تائالا مۇنداق دەپ بىزنى ئاگاھلاندۇرىدۇ:

«سىلەرنىڭ ئىلاھىڭلار بىر ئىلاھتۇر، ئۇنىڭدىن باشقا ھېچ مەبۇد (بەرھەق) يوقتۇر؛ ئۇ ناھايىتى شەپقەتلىكتۇر، ناھايىتى مېھرىباندۇر (163).» (بەقەرە سۈرىسى 163- ئايەت)

فىترەتنىڭ (تەبىئىي تۇيغۇنىڭ) اللە نىڭ بىرلىكىگە دالالەت قىلىشى

فىترى، ئەقلى ۋە تارىخى دەلىللەرنىڭ ھەممىسى، ئىلاھنىڭ بىر ۋە يالغۇز ئىكەنلىكىگە دالالەت قىلماقتا. ئىنساندا ھەرقانداق بىر قارشىلىق ۋە ياكى بۇرۇلۇش بولسۇن، فىترەت ۋە يارىتىلىش ئۈستىگە قويۇلغاندا ئۆزىنىڭ ئىنسانلىقى بىلەن بولسۇن، تەبىئىتى بىلەن بولسۇن، ئۇلۇغ بىر كۈچكە بۇرۇلغانلىقىنى كۆرىدۇ. ئۇنىڭدىن قورقۇپ ئۇنىڭغا ئىبادەت قىلىدۇ. بولۇپمۇ، بوغۇزىغىچە پاتقىنىدا، نەپەس ئېلىشى تەسلەشكەندە، ئېغىر كۈنلەرگە دۇچ كەلگەندە، ئىنسانلار ياردەم قولىنى سۇنمىغاندا، دەل مۇشۇ ۋاقىتتا، ۋەھىمە، جاھالەت، ھاۋا ۋە مۇھىتنىڭ تەسىرى بىلەن ئۆزىگە قاراپ، ئىنسان، ھايۋان، ياكى جانسىز ساختا ئىلاھلاردىن يىراقلىشىدۇ. ئىخلاس بىلەن اللە تەرىپىگە قايتىدۇ. بۇ ئەھۋال چۆكۈپ كېتىۋاتقان كېمىچىلەرنىڭ قىسسىسىگە ئوخشايدۇ. قۇرئان كەرىم بۇ توغرىسىدا مۇنداق دەيدۇ:

 «اللە سىلەرنى قۇرۇقلۇقتا (يەنى ئۇلاغلار ئۈستىدە)، دېڭىزدا (يەنى كېمىلەر ئۈستىدە) سەپەر قىلدۇرىدۇ، سىلەر ئولتۇرغان كېمە (كىشىلەرنى ئېلىپ) مەيىن شامالدا مېڭىۋاتقان ۋە (بۇ) شامالدىن ئۇلار خۇشاللىنىۋاتقان چاغدا، بىردىنلا بوران چىقىپ (كېمە ئۆرۈلىدۇ)، ئۇلار تەرەپ تەرەپتىن كۆتۈرۈلۈۋاتقان دېڭىز دولقۇنلىرى ئىچىدە قالىدۇ، كېمىدىكىلەر قورشىۋېلىنغانلىقىغا (يەنى ھالاك بولىدىغانلىقىغا) جەزمى قىلىدۇ، (چوقۇنۇۋاتقان بۇتلىرىنى تاشلاپ قويۇپ) «ئى خۇدا! ئەگەر سەن بىزنى بۇنىڭدىن (يەنى بالادىن) قۇتۇلدۇرساڭ، بىز چوقۇم شۈكۈر قىلغۇچىلاردىن بولىمىز» دەپ چىن كۆڭلى بىلەن دۇئا قىلىدۇ (22).» (سۈرە يۇنۇس 22- ئايەت)

بۇ ئۆرنەكنى، اللە نىڭ بارلىقىنىڭ دەلىلى سۈپىتىدە تىلغا ئالدۇق. بۇ ئوخشاشلا ئۇنىڭ بىرلىكىنىڭ دەلىلىدۇر. شۈبھىسىزكى ئىنسان تاشقى تەسىرلەردىن تەسىرگە ئۇچرىغىنىدا، جاپا – مۇشەققەت چەككەن ھالىدا بۇتقا دۇئا قىلمايدۇ. ئەكسىچە، اللە نىڭ مۇشرىكلەرنىڭ پىسخېلوگىيسىنى بىلدۈرگەندە، دېگىنىدەك يالغۇز بولغان، ئۆزىنىڭ ۋە مەۋجۇدىيەتنىڭ رەببى بولغان اللە قا بۇرىلىدۇ.

«ئىخلاس بىلەن ئۇنىڭغا دۇئا قىلىدۇ» .

ئەقلى دەلىللەر

ئەقىلمۇ بۇ كائىناتنىڭ بىر ياراتقۇچىسىنىڭ بارلىقىغا دالالەت قىلىدۇ. بۇ بۈيۈك كائىناتنىڭ ئىچىدىكى چوڭ – كىچىك، جانلىق، جانسىز، تىللىق، تىلسىز، ئەقىللىق، ئەقىلسىز، قىممەتلىك، قىممەتسىز، پۈتۈن مەۋجۇدىيەتنى يالغۇز بىر «قانۇن» باشقۇرماقتا. بۇ قانۇن ھەم ئاتومنى، ھەمدە سامان يولىنى تەرتىپكە سالماقتا. شۇنچىلىككى، بىلىم ئاتومغا قارايدىغان بولسا، قۇرۇلمىسىدا، قۇياش سىستېمىسىغا ئوخشاش، بىر قۇرۇلما بىلەن يۈز كۈرىشىدۇر. پۈتۈن مەۋجۇدىيەتتە بىر جۈپلۈك ئاساستۇر. بۇرۇندىن ئىنسانلار، ئىنسان ۋە ھايۋانلاردىلا ئەركەك، چىشى مەۋجۇت دەپ تونۇيتتى. خورما دېگەندەك بەزى ئۆسۈملۈكلەردىمۇ شۇنىڭغا ئوخشاش مۇلاھىزىلەر قىلىشاتتى، كېيىن بىلىم پۈتۈن شەيئىلەردە ئەركەك ۋە چىشىنىڭ بارلىقىنى بايقىدى. ھەتتا ئېلېكتر دېگەندەك بەزى جانسىز ماددىلاردىمۇ جۈپلۈكنى پىلۇس، مىنۇس شەكلىدە بايقىدى. پۈتۈن كائىناتتىكى مەۋجۇدىيەتنىڭ ئاساسى بولغان ئاتوم دانچىسىمۇ،  بىر پىلۇس بىر مىنۇستىن تەركىب تاپىدۇ. بۇ يېڭى ئىلمى بايقاش، 14 ئەسىر بۇرۇن قۇرئاننىڭ ئېلىپ كەلگەن شۇ ھەقىقەتنى تەستىقلاشتىن ئىبارەتتۇر.

« اللە (پۈتۈن ئەيىب-نۇقسانلاردىن) پاكتۇر، ئۇ پۈتۈن شەيئىلەرنى جۈپ ياراتتى. زېمىندىن ئۈنۈپ چىقىدىغان نەرسىلەرنىڭ، ئۇلارنىڭ ئۆزلىرىنىڭ ۋە ئۇلار بىلمەيدىغان نەرسىلەر (يەنى ئاجايىپ مەخلۇقاتلار)نىڭ ھەممىسىنىڭ جۈپتى بار (36).» (سۈرە ياسىن 36- ئايەت)

«سىلەرنىڭ ئىبرەت ئېلىشىڭلار ئۈچۈن ھەر بىر نەرسىنى جۈپ ياراتتۇق (49).» (سۈرە زارىيات 49- ئايەت)

بۇ «مەۋجۇدىيەتنىڭ» بۇنداق بۇلىشى، مىزاجىدىن ياكى ئادىتىدىن ۋە ياكى ئۆزلىكىدىن بولغان ئەمەس، مانا بۇ ھەقىقەتتۇر.

بۇ كائىناتنىڭ بىرلىكىنىڭ دەلىللىرىدىن بىرى بولسا، ئۇنىڭ پارچىلىرى ۋە بۆلۈملىرى ئارىسىدىكى ھەمدەملىك، تۈزۈمىدۇر. ھەر بىر پارچە باشقا پارچىلار بىلەن سوقۇلماستىن، مېڭىشىغا توسقۇنلۇق قىلماستىن، ئۆز مەجبۇرىيەتلىرىنى ئادا قىلىۋاتىدۇ. بۇنىڭ بىلەن قالماي، ئېھتىياج ئىچىدە بولغانلارغا ياردەم قولىنى سۇنماقتا. ئۆزىدە بولمىسا باشقىسىدىن ئالماقتا. ھايۋانلار ئالىمى بىلەن ئۆسۈملۈكلەر ئالىمى ئارىسىدىكى مۇناسىۋەتلەر بۇلارنى ئېنىق كۆرسىتىپ تۇرۇپتۇ. ئۇلار ئۆز ئىچىدە ھاياتلىرىنى داۋاملاشتۇرۇش ئۈچۈن، ئوتتۇرىسىدا بىر كېلىشىم تۈزىۋالغانمۇ؟ ياكى بۇ ئىككى ئالەم ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەتلەرنى بۇ شەكىلدە بەرپا قىلغان بىرىمۇ بارمۇ؟ قۇياش بىلەن ئاي ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەتنى بەرپا قىلغان كىم؟ دۇنيا بىلەن ئاي ئوتتۇرسىدىكى مۇناسىۋەتنى، ئاي بىلەن قۇياش ئوتتۇرسىدىكى مۇناسۋەتنى، قۇياش سىستېمىسىدىكى يۇلتۇزلارنىڭ بىر- بىرى بىلەن بولغان مۇناسىۋەتنى، شۇ بۈيۈك، سامان يولى سىستېمىمىزدىكى مىليونلارچە يۇلتۇز بىلەن قۇياش سىستېمىسىنىڭ مۇناسىۋىتىنى بەرپا قىلغان كىم؟  پلانېتىمىز بىلەن باشقا مىليونلارچە پلانېتىلارنىڭ ئارىسىدىكى مۇناسىۋەتنى ساقلىغان كىم؟ ئۇلار سوقۇلماستىن بىر- بىرىگە ياردەملىشىۋاتىدۇ. پۈتۈن بۇلار بىر ئۆلچەم بىلەن بولغان ئەمەسمۇ؟

«كۈن بىلەن ئاي (ئۆز بۇرجلىرىدا) مۇئەييەن ھېساب بويىچە سەيىر قىلىدۇ (5). ئوت-چۆپلەر، دەل-دەرەخلەر سەجدە قىلىدۇ (يەنى اللە نىڭ ئىرادىسىگە بويسۇنىدۇ) (6). اللە ئاسماننى ئېگىز ياراتتى. ئۆلچەمدە زۇلۇم قىلماسلىقىڭلار ئۈچۈن، اللە تارازىنى بېكىتتى (7-8).» (سۈرە رەھمان 5-8- ئايەتلەرگىچە)

«كۈننىڭ ئايغا يېتىۋېلىشى (يەنى ئىككىسىنىڭ جەم بولۇپ قېلىشى)، كېچىنىڭ كۈندۈزدىن ئېشىپ كېتىشى (يەنى ۋاقتى كەلمەستىن كۈندۈزنىڭ ئورنىنى ئېلىشى) مۇمكىن ئەمەس، ھەر بىرى پەلەكتە ئۈزۈپ تۇرىدۇ (40).» (سۈرە ياسىن 40- ئايەت)

شۈبھىسىزكى كائىناتتا، ھەم كۆز بىلەن ھەمدە بەسىرەت بىلەن كۆرۈلگەن بۇ بىرلىك، ھەم ياراتقۇچىنىڭ بارلىقىنىڭ ھەمدە ئۇنىڭ بىرلىكىنىڭ ئېنىق دەلىلىدۇر. ئەگەر بۇ كائىناتنىڭ بىردىن كۆپ ياراتقۇچىسى بولغان بولسا، نىزام بۇزۇلاتتى، ئۆلچەم ئالمىشاتتى. ھەر ياراتقۇچىنىڭ ياراتقان ۋە ھۆكۈمران بولغان شەيئى ئۈستىدە ئۆز ئەسەرىنى كۆرەتتۇق. بۇنداق بولغاندا ياراتقۇچىلارنىڭ ئىرادىلىرىنىڭ ئوخشىماسلىقى سەۋەبلىك، يارىتىش قانۇنى ۋە باشقۇرۇشى ئوخشىماسلىق پەيدا بولۇپ زىتلىق كېلىپ چىقاتتى. شۇنىڭ بىلەن تەبىئىيلا كائىناتنىڭ ھەممىسىنىڭ يوق بۇلىشىغا سەۋەب بۇلاتتى. بۇ كائىنات دەلىللىرىگە قۇرئان كەرىم ئاسمان ۋە زېمىندىن تىلغا ئېلىپ بۇنداق ئىشارەت قىلغان.

«ئەگەر ئاسمان- زېمىندا اللە دىن باشقا ئىلاھلار بولسا ئىدى، (كائىناتنىڭ تەرتىپى) ئەلۋەتتە بۇزۇلاتتى، ئەرشىنىڭ پەرۋەردىگارى اللە ئۇلارنىڭ سۈپەتلىگەن نەرسىلىرىدىن پاكتۇر (22).» (ئەنبىيا سۈرىسى 22- ئايەت)

يەنە بىر ئايەتتە مۇنداق دېيىلگەن:

«اللە نىڭ بالىسى يوق، ئۇنىڭغا باراۋەر باشقا بىر ئىلاھمۇ يوق، ئەگەر بۇنداق بولسا ئىدى، ئۇ چاغدا ھەر ئىلاھ ئۆزى ياراتقان مەخلۇقنى يالغۇز ئىگىلەيتتى، بەزى، بەزىسدىن غالىب كېلەتتى، اللە ئۇلارنىڭ اللە غا نىسبەت بەرگەن نەرسىلىرىدىن پاكتۇر(91).» (مۆئىمىنۇن سۈرىسى 91- ئايەت)

كائىناتنىڭ بىرلىكى دەلىلى بىلەن يولغا چىقىپ ئۇلۇغ رەببىمىزنىڭ بىرلىكىگە بېرىش، ساغلام ئىنسان ئەقلى قوبۇل قىلىدىغان بىر ئىشتۇر. ئەقىل كۆپلۈكتىن بىرلىككە بېرىشنى خالايدۇ. بىرقانچە سەۋەبتىن بىرلا سەۋەبكە ئېرىشىشكە تىرىشىدۇ. سەۋەبلەرنىڭ سەۋەبى بۇدۇر.  بەزى فىزولوگلارنى كائىناتنىڭ ياراتقۇچىسى بار ئىكەن دەپ، ئېتراپ قېلىشىمۇ، يۇقىرىقى ئىشلاردىندۇر.

نەقلى دەلىللەر

فىترى، ئەقلى دەلىللەردىن باشقا، نەقلى دەلىللەرمۇ بار.   بۇلار اللە تائالا نىڭ كىتابى ۋە پەيغەمبەرلىرىدىن ئوخشىمىغان زامان ۋە ماكانلاردا بىر يېگانە بولغان اللە قا، ئىمان كەلتۈرۈش، شېرىكىنىڭ يوقلۇقىغا، ئىبادەتنىڭ مەخسۇس اللە قا قىلىنىدىغانلىقىغا ۋە اللە نىڭ ھەقلىرىگە ھېچبىر دەلىل كەلتۈرمەستىن ئۇنىڭغا شېرىك كەلتۈرگەن قەۋۇملەرنىڭ ئىنكارى توغرىسىدا چۈشۈرۈلگەن رىۋايەتلەردۇر.

يەر يۈزىنىڭ ھىدايىتى ئۈچۈن كۆكتىن چۈشۈرۈلگەن، اللە تەرىپىدىن قوغدىلىدىغان ئىلاھى بىر بەلگە بولغان قۇرئان كەرىم بىزگە، تەۋھىد ئەقىدىسى بىلەن ئەۋەتىلگەن پۈتۈن پەيغەمبەرلەردىن خەۋەر بەرمەكتە. بۇ اللە بىلەن بىرلىكتە باشقىلارغا ئىبادەت قىلىپ شېرىك يولىغا ماڭغانلارنىڭ، يا ئەقلى، ياكى نەقلى دەلىلى بولمىغانلىقىنىڭ سەۋەبىدىندۇر.  كېلىڭ ئەنبىيا سۈرىسىنىڭ شۇ ئايەتلىرىنى بىر كۆرۈپ، قۇرئاننىڭ ئۇلارنى قانداق ئەيىبلىگەنلىكىنى، نېمە دېگەنلىكىنى كۈرەيلى:

«ئۇلار (يەنى مۇشرىكلار) زېمىندىكى نەرسىلەرنى ئىلاھ قىلىۋالدى، ئۇلار (يەنى بۇ نەرسىلەر) ئۆلۈكلەرنى تىرىلدۈرەلەمدۇ؟ (21). ئەگەر ئاسمان- زېمىندا اللە دىن باشقا ئىلاھلار بولسا ئىدى، (كائىناتنىڭ تەرتىپى) ئەلۋەتتە بۇزۇلاتتى، ئەرشىنىڭ پەرۋەردىگارى اللە ئۇلارنىڭ سۈپەتلىگەن نەرسىلىرىدىن پاكتۇر (22). اللە نىڭ قىلغانلىرىدىن سوئال- سوراق قىلىنمايدۇ، ئۇلاردىن سوئال- سوراق قىلىنىدۇ (23). ئۇلار اللە نى قويۇپ، باشقا مەبۇدلارنى ئىلاھ قىلىۋالدىمۇ؟ ئېيتقىنكى: «(بۇنىڭغا) دەلىلىڭلارنى كۆرسىتىڭلار، مانا بۇ مەن بىلەن بىللە بولغانلارنىڭ كىتابى (يەنى قۇرئان) دۇر ۋە مەندىن ئىلگىرىكىلەرنىڭ (تەۋرات، ئىنجىل قاتارلىق) كىتابىدۇر، ئۇلارنىڭ تولىسى ھەقنى ئۇقمايدۇ، ئۇلار (تەۋھىد) تىن يۈز ئۆرۈگۈچىلەردۇر» (24). (ئى مۇھەممەد!) سەندىن ئىلگىرى ئەۋەتىلگەن پەيغەمبەرلەرنىڭ ھەممىسىگە: «مەندىن باشقا ھېچ مەبۇد (بەرھەق) يوقتۇر، ماڭىلا ئىبادەت قىلىڭلار» دەپ ۋەھىي قىلدۇق (25).» (ئەنبىيا سۈرىسى 21-25- ئايەت)

«(ئى مۇھەممەد! مۇشرىكلارغا) ئېيتقىنكى، «سىلەر اللە نى قويۇپ چوقۇنۇۋاتقان بۇتلىرىڭلارنىڭ (ئەھۋالىنى) ئېيتىپ بېرىڭلار، ئۇلار زېمىننىڭ قايسى قىسمىنى ياراتقانلىقىنى ماڭا كۆرسىتىڭلار، ياكى ئاسمانلارنى يارىتىشتا ئۇلارنىڭ اللە بىلەن ئورتاقچىلىقى بارمۇ؟ بۇ (قۇرئان) دىن ئىلگىرى (سىلەرگە نازىل قىلىنغان) كىتاب ياكى (ئىلگىرىكىلەردىن) قالغان ئىلىم بولسا ماڭا ئېلىپ كېلىڭلار، ئەگەر سىلەر راستچىل بولساڭلار» (4).» (سۈرە ئەھقاف 4- ئايەت)

تەۋھىد اللە قىلا ئىمان كەلتۈرۈشتۇر (ئىشىنىشتۇر)

قېرىندىشىم، اللە قا ئىمان كەلتۈرۈشنىڭ، پۈتۈن ئىسلام ئەقىدىسىنىڭ ئۆزى ئىكەنلىكىگە ئىشەنگەنلىكتىن كېيىنكى ۋەزىپەڭ، اللە تائالانى بىر دەپ بىلمەك (تەۋھىد) اللە تائالاغا ئىمان كەلتۈرۈشنىڭ ئۆزى ئىكەنلىكىنى ئۆگىنىشتۇر. ھەق تەۋھىددىن ئايرىلسا كۇپۇر بولىدۇ، شېرىك بولىدۇ، يامانلىق بۇلىدى، گۇناھ بولىدۇ. بۈيۈك بىر زۇلۇم ۋە ئوپئوچۇق بىر يولدىن چىقىش بولىدۇ.

مۇسۇلمان بۇنىڭ ئۈچۈن اللە  ئەمىر قىلغان، دىننىڭ ئۈستىگە بىنا قىلغان، ئۇنىڭ بىلەن كىتابىنى چۈشۈرگەن، پەيغەمبەرلىرىنى ئەۋەتكەن، دۇنيا ۋە ئاخىرەتنىڭ بەختى بولغان ۋە ئۇنىڭغا باغلانغان، ئۆزىنىڭ ياردەمچىلىرىگە جەننەتنى، دۈشمەنلىرىگە جەھەننەمنى ۋەدە قىلغان تەۋھىد ئەقىدىسىنى ئۆگىنىشى كېرەك. نۇرغۇن كىشىلەر ئۆزىنى شۇنداق قاراشماقتا. ئۆزىنىڭ ھەقىقىي تەۋھىد ئۈستىدە ئىكەنلىكىنى، باشقىلارنىڭ بولسا باتىل ئۈستىدە ئىكەنلىكىنى ئېيتىشماقتا.

بىر شائىر مۇنداق دېگەن:

ھەممەيلەن لەيلانى قولغا چۈشۈردۈم دەپ ئويلايدۇ،

 لېكىن لەيلا يا ئۇنى ياكى بۇنى قوبۇل قىلمايدۇ.

ئارستوتىل پەلسەپىسىنىڭ قوغدىغۇچىلىرى ۋە پەلسەپىلىرىدە تەۋھىدنى مۇنداق شەكىلدە كۆرۈۋاتىمىز. ماھىيەت ۋە سۈپەتتىن ئابستراكت بىر مەۋجۇتلۇقنىڭ ئىسپاتلىنىشى.  ئۇ ھېچبىر ماھىيىتى بولمىغان، ھېچبىر سۈپىتى تېپىلمىغان مۇتلەق بىر مەۋجۇتلۇقتۇر. پۈتۈن سۈپەتلىرى ئىلاۋە ۋە ئاشكارىدۇر. بۇلار شۇ قەدەر ئىلگىرىلەپ كەتتىكى، ساماۋى دىنلارنىڭ دەۋەت قىلغان رەببىنىڭ زاتىنى، ئۇنىڭ ئالەمنى ياراتقانلىقىنى، ئۇنى باشقۇرىدىغانلىقىنى، ئالەمدە نېمە ئىش بولسا بىلىدىغانلىقىنى ئىنكار قىلىشتى. يۇلتۇزلار ئالىمىنىڭ ئەزەلدىن بارلىقىنى، اللە نىڭ ئۆلۈكلەرنى تىرىلدۈرمەيدىغانلىقىنى، پەيغەمبەرلەرنىڭ پەقەت ئىلىملىك كىشىلەر ئىكەنلىكىنى ئېيتىشتى. بۇ بىر ئاساسسىز ئىتقاتتۇر.

بۇنىڭ بىلەن توختاپ قالماستىن ، يەنە مۇنداق دېيىشتى. اللە تائالانىڭ ئېنىقلا بەزى مەۋجۇدىيەتنى بىلمەيدىغانلىقىنى، دۇنيادىكى بەزى شەيئىلەرنى ئۆزگەرتىشكە كۈچىنىڭ يەتمەيدىغانلىقىنى، يۇلتۇزلارنىڭ ياكى يارىتىلمىغانلىقى ۋە يوق بولمايدىغانلىقىنى، ھالالنىڭ ۋە ھارامنىڭ، ئەمىر ۋە نەھىينىڭ، جەننەت ۋە جەھەننەمنىڭ يوق ئىكەنلىكىنى ئېيتىشتى، مانا بۇ ئۇلارنىڭ تەۋھىدىدۇر.

ئۇنداق بولسا، ۋەھدەتى ۋۇجۇتچىلارنى، ئۇلارنىڭ سۆزلىرىنى ئاڭلىدىڭلارمۇ؟ ئۇلار پەقەت ئۆزلىرىنى مۇۋاھھىد (بىر بىلگۈچى) ئىكەنلىكىنى، باشقىلارنى بولسا، مۇۋاددىد، (كۆپ دەپ بىلگۈچى، كۆپەيتكۈچى) دەپ ئويلايدۇ. ئۇلارنىڭ تەۋھىد دەپ ئويلىغانلىرىنى بىلەمسىز؟ ئۇلارنىڭ تەۋھىدى مۇنداق: شۈبھىسىزكى مۇنەززەھ بولغان ئاللاھ، يارىتىلغۇچىنىڭ ئۆزىدۇر. ئۇ يەنى اللە پۈتۈن مەخلۇقاتنىڭ ئۆزى، ھەقىقەتنىڭ ماھىيىتىدۇر. ئۇ ھەر نەرسىنىڭ ئىشارىتىدۇر.

 بۇ سۆزلەر ئۇلارنىڭ مۇتەپەككۇرلىرىنىڭ ئۇسلۇب خاتالىقىدۇر.

 تېخىمۇ ئېشىپ: ئىشارەتنىڭ ئۆزىدۇر. دەلىلنىڭ ئۆزى، دەلىل ۋە دەلىللەنگۈچىدۇر. ئۇلارنىڭ خىيالىچە بولغاندا ئاللاھ بولسا، ھەم نىكاھلىغۇچى، ھەمدە نىكاھلانغۇچى، كەسكەننىڭ، ھەمدە كىسىلگەننىڭ، يېگۈچىنىڭ ھەمدە يېيىلگۈچىنىڭ ئۆزىدۇر.

 بۇ خاتا قاراشتۇر ۋە ئورۇنسىز خىياللارنىڭ قالدۇقىدۇر. (بۇنداق ئەقىدىگە قىلىپ قېلىشتىن ئاللا ساقلىسۇن -ت)

 يەنە ئۇلار مۇنداق قارايدۇ: پىرئون ۋە نەمرۇددەكلەر، كامىل ئىمان ئىگىسى مۆمىنلەردۇر. ھەقىقەتەن اللە نى تۇنۇغانلاردۇر. بۇتقا چوقۇنغانلار، اللە دىن باشقىسىغا ئەمەس، پەقەتلا ئۇنىڭغا چوقۇنۇشىدۇ. ئۇلار  ھەق ۋە ھەقىقەت ئۈستىدەدۇر. ئانا، قىز قېرىنداشلار (ھەمشىرىلەر) ۋە يات ئايال، سۇ ۋە ھاراق، نىكاھنىڭ ھالاللىقى ۋە ھاراملىقى ئارىسىدا پەرق يوقتۇر. ھەممىسى بىر نەرسە، ھەمدە پەيغەمبەرلەر ئىنسانلارنىڭ يوللىرىنى تەسلەشتۈرگەن. نىشاندىن ئاداشتۇرغان. ئىش ئۇلارنىڭ ئېلىپ كەلگەنلىرىدىن ۋە دەۋەت قىلغانلىرىدىن ناھايىتى يىراقتىدۇر.

(قاراڭ دۇنيادا مۇشۇنداق قاراشتىكى كىشىلەرمۇ بار ئاللا ساقلىسۇن -ت)

ئۆزلىرىنى «تەۋھىد ۋە ئادالەت ئىگىسى» دەپ ئاتىۋالغان مۇئتەزىللەرنىڭ (مۇئتەزىلە مەزھىپى) تەۋھىد ئەقىدىسىگە بىر قاراپ باقايلى. ئۇلار تەۋھىدنى بەش ئاساس پەرىزىنىڭ تۇنجىسى قىلدى. بۇ مۇئتەزىلچە تەۋھىدنىڭ مەزمۇنى توغرىسىدا نېمىلەرنى بىلىسىلەر؟ ئۇلار اللە نىڭ تەقدىرىنى ئىنكار قىلىشىدۇ. كائىنات بىلەن مۇناسىۋەتلىك اللە نىڭ ئىرادىسىنى ۋە كۈچىنى رەت قىلىدۇ. مۇئتەزىللەنىڭ مۈتەئەخخىرىن ئالىملىرى بۇنىڭغا جەھمىييەنىڭ تەۋھىدىنىمۇ قوشقان ۋە تەۋھىدنى بۇ شەكىلدە بۇزۇۋەتكەن. تەقدىرنىڭ، اللە نىڭ ئۇلۇغ سۈپەتلىرىنىڭ، گۈزەل ئىسىملىرىنى (ئەسمائۇل ھۇسنا) ئىنكار قىلىشىدۇ. بۇ بۇزۇق تەۋھىد چۈشەنچىسىگە قاراڭ

ئەمدى يەنە بىر مەزھەپكە قاراپ باقايلى

 جەبەرىييەنىڭ تەۋھىد چۈشەنچىسى مۇنداق:

 يارىتىش، ھەمدە باشقا – ئىش ھەرىكەتلەر يالغۇز اللە تەرىپىدىن قىلىنىدۇ. ئەمەلىيەتتە، بەندىلەر (ئىنسانلار) بىر ئىش قىلالمايدۇ. ئىش – ھەرىكەتلەرنى ئۆزى خالاپ قىلالمايدۇ. بۇنىڭغا كۈچلىرى يەتمەيدۇ. ئۇلارنىڭ ئىختىيارى  ئىش – ھەرىكەتلىرى، مەيىن شامالنىڭ ئالدىدىكى دەرەخنىڭ ھەرىكىتىدىن بىر پەرقى يوقتۇر. مەخلۇقاتتا، ئىقتىدار، تالانت،  قابىلىيەت، سەۋەب يوقتۇر. نېمە ئىش بولسا، پەقەتلا اللە نىڭ خالىشى بىلەن بولىدۇ. بۇ بىر ھېچبىر سەۋەب، ھېكمەت ۋە تاللاشنىڭ يوق ئىكەنلىكىنى ئېتىراپ قىلىشتۇر.

يەنە ئۆزىنى مۇسۇلمانلار دەپ قارايدىغان باشقىلارغا قاراپ باقايلى؛

 ئۇلار اللە نىڭ تاشلاپ، ۋەلى، قۇتۇپ، ئەۋسات، ئابدال ۋە باشقا سۈپەتلىرى بىلەن ئاتالغان كىشىلەرگە دۇئا قىلىشىدۇ، ئۇلاردىن مەنپەئەت كۈتىدۇ. ئۇلاردىن قورقۇشىدۇ. قەبرىلىرىنى تاۋاپ قىلىشىدۇ. اللە دىن تىلىگەنلىرىدىن كۆپرەكىنى ئۇلاردىن تىلىشىدۇ. اللە دىن تىلىگەن ياردەملەردىن كۆپرەكىنى ئۇلاردىن تىلىشىدۇ. قىيىن ئەھۋاللاردا ئۇلارنى سېغىنىدۇ. ئېھتىياجلىرىنىڭ كېلىشىنى، قىيىنچىلىقلىرىنىڭ ئاخىرلىشىشىنى ئۇلاردىن كۈتۈشىدۇ. بۇنى اللە بىلەن ئۆزلىرى ئارىسىدا، ئۇلارنى بىر ۋاسىتىچى دەپ بىلگەنلىكى سەۋەبلىك قىلىشىدۇ ۋە مۇنداق دېيىشىدۇ. «ۋاسىتە بولمىسا ئىدى، نىشان يوق بۇلاتتى.»

ئەمدى خرىستىئانلارنىڭ تەۋھىد چۈشەنچىسىنى ئۇنتۇماسلىقىمىز كېرەك. ئۇلار دىنىنى تەۋھىد دىنى دەپ قارىشىدۇ. شۇ سۆز ۋە ئىشەنچلىرى بىلەن تەۋھىد دائىرىسىدىن چىقىشماقتا. اللە ئۈچنىڭ، ئۈچىنچىسى، يەنى دادا، ئوغۇل، روھۇل – قۇددۇس،  بۇ بىر ئائىلە شىرىكچىلىكتۇر. ئىلاھ دادا، ئىلاھ بالا، ئۈچىنچى بولۇپ روھۇل – قۇددۇس دەپ قارىشىدۇ.

ئۇلارغا بۇ «ئۈچ» سۆزىڭىز بىلەن تەۋھىد قانداق بولىدۇ؟ دەپ سورىغىنىڭىزدا. ئۈچ بىر، بىر مۇ ئۈچتۇر. ئەقىدە تېمىسىدا ئەقىلنىڭ ۋە مەنتىقىنىڭ ئورنى يوقتۇر. دەپ جاۋاب بېرىشىدۇ

 بۇلارنىڭ شوئارلىرى مۇنداق: «كۆر- كۆرگىنىڭگە ئىشەن»

شۇ سەۋەبلىك ئىسلام، ھەقنى باتىلدىن ئايرىپ، ئوتتۇرىغا چىقىرىش ئۈچۈن ئالدى بىلەن دەۋەتتە بولدى. ئەڭ ئاۋۋال ئىسلام بىناسىنىڭ ئۇلىغا تەۋھىدنى باستى، ئەگەر تەۋھىد مۇستەھكەم بولمىسا بىنا مۇستەھكەم تۇرالمايدۇ. تەۋھىد پەقەت بىرلا ئاللاھقا ئىشىنىش بىلەن ئورنىتىلىدۇ.

 

تەۋھىد دېگەن نېمە؟

تەۋھىد دېگەن سۆز لۇغەتتە «يالغۇز دەپ تونۇش» دېگەن مەنىنى بىلدۈرىدۇ، شەرىئەتنىڭ بىلدۈرۈشىدە تەۋھىد دېمەك: ئاللاھ تائالانىڭ تەڭدىشى يوق ۋە ئوخشىشى يوق دېگەنلىكتۇر.

يەنە ئىتقادى تەۋھىد (تەۋھىدى رۇبۇبىيەت)، ئەمەلىي تەۋھىد (تەۋھىدى ئۇلۇھىيەت) ئاللاھنىڭ ئىسىم سۈپەتلىرىدە تەۋھىد (تەۋھىدى ئەسمائۇ  سۇپەت) دەپ ئۈچ قىسىمغا بۈلىنىدۇ. بۇيەردە ئالدىنقى ئىككى تەۋھىد توغۇرىسىدا توختىلىمىز. باشقىچە قىلىپ ئېيتقاندا بۇ ئىككى تەۋھىد بىر – بىرىدىن ئايرىلمايدۇ. ئىلىمدە، ئىسپاتتا، ئىتقاتتا تەۋھىد. ئىستەكتەك، مەقسەتتە ۋە ئىرادىدە تەۋھىد.

 اللە قا ئۇنىڭ زاتىدا، سۈپەتلىرىدە، ھەرىكەتلىرىدە، شېرىكى، ئوخشىشى يوق ئىكەنلىكىگە، تۇغمىغانلىقىغا ۋە تۇغۇلمىغانلىقىغا، ئىلمى ۋە ئىتقادى جەھەتتىن ئىمان كەلتۈرمەستىن تەۋھىد ئەمەلىيلىشەلمەيدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىرگە، نىيەت ۋە ئەمەل، ئىبادەت ۋە تائەتلەرنى، پەقەتلا اللە تائالا ئۈچۈن قىلمىغۇچە، ئۇنىڭغا بويۇن ئەگمىگىچە، ئۇنىڭغا يۈزلەنمىگۈچە، ئۇنىڭغا تەۋەككۈل قىلىپ، ئۇنىڭدىن قورقۇپ، ياردەمنى ئۇنىڭدىنلا كۈتمىگۈچە، بۇ تەۋھىد يەنىلا ئەمەلىيلىشەلمەيدۇ.

تۇنجى مەنىدىكى تەۋھىد ئىخلاس سۈرىسىنىڭ تامامىدا. ئەل ئىمران، تاھا، ئەلىف لام، سەجدە، ھەدىد، سۈرىلىرىنىڭ باش تەرەپلىرىدە ۋە ھەشىر سۈرىسىنىڭ ئاخىرقى بۆلۈملىرىدە، ئوتتۇرىغا قويۇلغان تەۋھىددۇر.

اللە تائالا قۇرئان كەرىمىدە مۇنداق دەيدۇ:

«(ئى مۇھەممەد!) ئېيتقىنكى، ئۇ – اللە بىردۇر (1) ھەممە اللە غا موھتاجدۇر (2). اللە بالا تاپقانمۇ ئەمەس، تۇغۇلغانمۇ ئەمەس (3). ھېچ كىشى ئۇنىڭغا تەڭداش بولالمايدۇ (4).» (سۈرە ئىخلاس)

«ئەلىف،لام،مىم (1). اللە دىن باشقا ھېچ مەبۇد (بەرھەق) يوقتۇر، اللە (ھەمىشە) تىرىكتۇر، مەخلۇقاتنى ئىدارە قىلىپ تۇرغۇچىدۇر (2).» (ئال ئىمران سۈرىسى 1-2- ئايەتلەر)

«تاھا (يەنى ئى مۇھەممەد!) (1). قۇرئاننى ساڭا سېنى جاپاغا سېلىش ئۈچۈن ئەمەس(2). پەقەت (اللە دىن) قورقىدىغانلارغا ۋەز- نەسىھەت قىلىش ئۈچۈن نازىل قىلدۇق (3). ئۇ زېمىننى ۋە (كەڭ) ئېگىز ئاسمانلارنى ياراتقان زات تەرىپىدىن نازىل قىلىنغان (4). مەرھەمەتلىك اللە ئەرش ئۈستىدە (ئۆزىگە لايىق رەۋىشتە (قارار ئالدى) (5). ئاسمانلاردىكى، زېمىندىكى، ئۇلارنىڭ ئارىسىدىكى ۋە يەر ئاستىدىكى شەيئىلەرنىڭ ھەممىسى اللە نىڭدۇر (يەنى اللە نىڭ مۈلكىدۇر، اللە نىڭ مەخلۇقاتىدۇر، اللە نىڭ تەسەررۇپى ئاستىدىدۇر) (6). ئەگەر سەن ئاشكارا سۆزلىسەڭ (ياكى يوشۇرۇن سۆزلىسەڭ، اللە نىڭ نەزىرىدە ئوخشاشتۇر)، چۈنكى ئۇ سىرنى ۋە ئۇنىڭدىنمۇ مەخپىيرەك ئىشلارنى بىلىپ تۇرىدۇ (7). اللە دىن باشقا ھېچ مەبۇد (بەرھەق) يوقتۇر، اللە نىڭ گۈزەل ئىسىملىرى بار (8).» (تاھا سۈرىسى 1-ئايەتتىن 8- ئايەتكىچە)

ئىككىنچى مەنىدىكى تەۋھىد بولسا، كافىرۇن ۋە ئەنئام سۈرىلىرىنىڭ تۇلۇقىدا، ئەئراف سۈرىسىنىڭ ئالدىنقى ۋە ئاخىرقى ئايەتلىرىدە، يۇنۇس سۈرىسىنىڭ ئالدىنقى، ئوتتۇرقى، ئاخىرقى، ئايەتلىرىدە. زۇمەر سۈرىسىنىڭ ئالدىنقى ۋە ئاخىرقى ئايەتلىرىدە، ئوتتۇرىغا قويۇلغان ۋە قۇرئان كەرىم دەۋەت قىلغان تەۋھىددۇر. ئىبنى قەييۇم، قۇرئان كەرىم پۈتۈن سۈرىلىرى بىلەن تەۋھىدنىڭ ھەر بىر تۈرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان دەيدۇ.

«(ئى مۇھەممەد! سېنى بۇتلارغا چوقۇنۇشقا ئۈندىگۈچى كۇپپارلارغا) ئېيتقىنكى، «ئى كاپىرلار! (1). سىلەر چوقۇنۇۋاتقان بۇتلارغا مەن چوقۇنمايمەن (2). سىلەرمۇ مەن ئىبادەت قىلىۋاتقان اللە غا ئىبادەت قىلمايسىلەر (3). سىلەر چوقۇنغان بۇتلارغا مېنىڭ چوقۇنغىنىم يوق (4). سىلەرنىڭمۇ مەن ئىبادەت قىلغان اللە غا ئىبادەت قىلغىنىڭلار يوق (5). سىلەرنىڭ دىنىڭلار ئۆزۈڭلار ئۈچۈن، مېنىڭ دىنىممۇ ئۆزۈم ئۈچۈن» (6).» (كافىرۇن سۈرىسى)

«جىمى ھەمدۇ- سانا ئاسمانلارنى ۋە زېمىننى ياراتقان، زۇلمەتلەرنى ۋە نۇرنى پەيدا قىلغان اللە غا خاستۇر! ئاندىن (يەنى مۇشۇنداق دەلىللەرنى كۆرۈپ تۇرۇپ) كاپىرلار پەرۋەردىگارىغا باشقىلارنى شېرىك كەلتۈرىدۇ (1). اللە سىلەرنى (يەنى سىلەرنىڭ ئاتاڭلار ئادەمنى) لايدىن ياراتتى، ئاندىن ئەجىلىڭلارنى بېكىتتى، سىلەرنىڭ تىرىلىدىغان) ۋاقتىڭلار اللە نىڭ دەرگاھىدا مەلۇمدۇر، ئاندىن سىلەر ئى كۇپپارلار! (ئۆلگەندىن كېيىن تىرىلىشكە) شەك كەلتۈرىسىلەر (2). ئاسمانلاردا ۋە زېمىندا ( ئىبادەت قىلىنىشقا تېگىشلىك) اللە ئەنە شۇدۇر، ئۇ سىلەرنىڭ يوشۇرۇن ۋە ئاشكارا ئىشىڭلارنى، (ياخشى- يامان) قىلمىشىڭلارنى بىلىپ تۇرىدۇ (3). ئۇلار پەرۋەردىگارىنىڭ ئايەتلىرىدىن بىرەر ئايەت كەلسىلا ئۇنىڭدىن باش تارتىدۇ (4).» (ئەنئام سۈرىسى)

قەدىمكى ۋە ھازىرقى زامان يازغۇچىلىرى بىرىنچى تۈردىكى تەۋھىدكە ئىتقادى تەۋھىد، (رۇبۇبىيەت تەۋھىد) ئىككىنچى تۈر تەۋھىدكە، ئەمەلىي تەۋھىد (ئۇلۇھىيەت تەۋھىدى) نامىنى بەرگەن.

پەرزىمچە ئەزىز كىتابخانغا، بۇ ئىككى ئاتالغۇنىڭ مەنىسىنىڭ، اللە تەرىپىدىن كەلگەن بىر دەلىل بىلەن تېخىمۇ چۈشىنىشلىك بۇلىشى كېرەك.  دەلىلى يوقلار يوق بولسۇن، ياشىغانلار دەلىل بىلەن ياشىسۇن. ئۇنداق بولسا، رۇبۇبىيەت ۋە ئۇلۇھىيەت تەۋھىدلىرىنىڭ مەنىسى نېمە؟

رۇبۇبىيەت تەۋھىدى (ئىتقادى تەۋھىد)

بۇنىڭ مەنىسى، اللە تائالانىڭ ئاسمانلارنىڭ ۋە زېمىننىڭ رەببى، ھەممە نەرسىنىڭ ياراتقۇچىسى ئىكەنلىكىگە، پۈتۈن ئالەمنىڭ ئىگىسى ئىكەنلىكىگە، تەسەررۇپىدا بىر شېرىكىنىڭ يوقلۇقىغا، ھۆكمىدىن ھېساب بەرمەيدىغانلىقىغا، ھەممە نەرسىنىڭ رەببىنىڭ اللە ئىكەنلىكىگە، ھەر بىر جان ئىگىسىگە اللە نىڭ رىزىق بېرىدىغانلىقىغا، پۈتۈن ئىشلارنى، اللە نىڭ ئۆرۈپ – چۆرىدىغانلىقىغا، پەقەتلا ئۇنىڭ يۈكسەلدۇردىغانلىقىغا ۋە چۈشۈرىدىغانلىقىغا، پەقەتلا اللە نىڭ بېرىدىغانلىقىغا ۋە بەرمەيدىغانلىقىغا، زىيان ۋە پايدا بېرىدىغانلىقىغا، پەقەت اللە نىڭلا ئىززەتلىك ۋە خار قىلىدىغانلىقىغا، ئۇندىن باشقا ھەر قانداق كىشىنىڭ ئۆزى ئۈچۈن ياكى باشقىلار ئۈچۈن، ياخشىلىق ياكى يامانلىق قىلىشىنىڭ، اللە نىڭ ئىزنى بىلەنلا كۈچى يىتىدىغانلىقىغا ئىشىنىشتۇر.

بۇ تەۋھىدنى بۇرۇن دەھرىلەر، زامانىمىزدا كوممۇنىستلار، ماتېرىيالىستلار، ئىنكار قىلىشىدۇ. ماتېرىيالىزمنىڭ تىپىك ئۆرنىكى ئالەمنىڭ ئەزەلدىن بارلىقىغا ئىشىنىدىغانلىقىدۇر. ئۇلارنىڭ قارىشىچە، بىر نۇر ئىلاھى، يەنە بىر زۇلمەت ئىلاھى بارمىش. جاھىلىيەت ئەرەبلىرىدە نۇرغۇنلىغان مۇشرىك، بۇ  تەۋھىدنى قوبۇل قىلاتتى، ئىنكار قىلمايتتى. قۇرئان كەرىم بۇلار توغرىسىدا مۇنداق دېگەن:

«ئەگەر سەن ئۇلاردىن: «ئاسمانلارنى ۋە زېمىننى كىم ياراتتى، كۈننى ۋە ئاينى كىم (بەندىلەرنىڭ مەنپەئىتى ئۈچۈن) بويسۇندۇردى؟» دەپ سورىساڭ، ئۇلار چوقۇم: «اللە» دەپ جاۋاب بېرىدۇ، ئۇلار قانداقمۇ (اللە نىڭ ئىبادىتىدىن) باش تارتىدۇ! (61).» (ئەنكەبۇت سۈرىسى 61- ئايەت)

«ئەگەر سەن ئۇلاردىن: «بۇلۇتتىن يامغۇر سۈيىنى چۈشۈرۈپ ئۇنىڭ بىلەن ئۆلگەن زېمىننى تىرىلدۈرگەن كىم؟» دەپ سورىساڭ، ئۇلار چوقۇم «اللە» دەپ جاۋاب بېرىدۇ.» (ئەنكەبۇت سۈرىسى 63- ئايەت)

«ئېيتقىنكى، «زېمىن ۋە ئۇنىڭدىكى مەخلۇقاتلار كىمنىڭ؟ ئەگەر سىلەر بىلسەڭلار (ماڭا بۇنى ئېيتىپ بېرىڭلار)» (84). ئۇلار: اللە نىڭ» دەيدۇ. (بۇنىڭدىن) پەند- نەسىھەت ئالمامسىلەر؟ (85) ئېيتقىنكى، «يەتتە ئاسماننىڭ ۋە ئۇلۇغ ئەرشنىڭ پەرۋەردىگارى كىم؟» (86) ئۇلار «اللە» دەيدۇ. ئېيتقىنكى، «ئۇنىڭ (ئازابىدىن) قورقمامسىلەر؟» (87) ئېيتقىنكى، «ھەممە شەيئىنىڭ پادىشاھلىقى كىمنىڭ قولىدا؟ (ئىلتىجا قىلغانلارغا) پاناھ بولالايدىغان ۋە ئۇنىڭغا قارشى ھېچ نەرسە پاناھ بولالمايدىغان كىم؟ ئەگەر سىلەر بىلسەڭلار (ماڭا بۇنى ئېيتىپ بېرىڭلار)» (88). ئۇلار: «اللە» دەيدۇ. ئېيتقىنكى، «سىلەر قانداقمۇ قايمۇقتۇرۇلىسىلەر؟» (89).» (مۆئىمىنۇن سۈرىسى 84-89- ئايەتلەر)

بۇ مۇشرىكلارنىڭ جاۋابى، اللە نىڭ كائىناتنىڭ ئىلاھى ئىكەنلىكىنى، ھەممە نەرسىنىڭ ئۇنىڭ ياراتقانلىقىنى قوبۇل قىلغانلىقىنى كۆرسەتمەكتە. بۇ ئىماننىڭ بىر مۇھىم قىسمى بولۇپ پەقەتلا ئۇنىڭغىلا ئىبادەت قىلىش، اللە قا باشقا بىر شېرىك قوشماسلىقى كېرەك ئىدى. لېكىن ئۇلار تەۋھىدنىڭ يەنە بىر قىسمى بولغان ئۇلۇھىيەت تەۋھىدىنى ئىنكار قىلىشقان.

ئۇلۇھىيەت تەۋھىدى (ئەمەلدىكى تەۋھىد)

بۇنىڭ مەنىسى: ئىبادەتتە، بويۇن ئىگىشتە، قەتئىي ئىتائەتتە، ئاسمان زېمىندا شېرىكى بولمىغان، اللە نى بىر دەپ ئېتىقاد قىلىشتۇر.  رۇبۇبىيەت تەۋھىدىگە، ئۇلۇھىيەت تەۋھىدى قوشۇلماستىن قەتئىي تەۋھىد بولالمايدۇ.  بۇ يالغۇز تەۋھىد يېتەرلىك ئەمەس. مۇشرىك ئەرەبلەرمۇ رۇبۇبىيەت تەۋھىدىنى قوبۇل قىلاتتى. لېكىن ئۇلار اللە تائالاغا شېرىك قوشقانلىقى سەۋەبلىك، ئۇلار ئىسلامغا كىرەلمىدى. اللە بىلەن بىرلىكتە باشقا ئىلاھلارغا چوقۇندى. ئۇ بۇتلارنىڭ، ئۆزلىرىنى اللە تائالاغا تېخىمۇ يېقىنلاشتۇرىدىغانلىقىنى اللە نىڭ پاناھىدا ئۆزلىرىگە شاپائەت قىلىدىغانلىقىغا ئىشىنەتتى.

خرىستىئانلار اللە نىڭ ئاسمان زېمىننىڭ ئىلاھى ئىكەنلىكىنى ئىنكار قىلىشمىدى. پەقەت اللە قا مەسىھ ئەيسا ئەلەيھىسسالامنى شېرىك قىلدى.  ئەيسا ئەلەيھىسسالامنى اللە دىن باشقا بىر ئىلاھ قىلىۋېلىشتى. قۇرئان ئۇلارغا جەننەتنىڭ ھارام بولغانلىقىنى، جەھەننەمگە كىرىدىغان كاپىرلاردىن بولغانلىقىنى خەۋەر بەرگەن.

بۇرۇندىن تارتىپ ئىنسانلار بۇ تەۋھىددىن ئېزىپ كەتكەن، اللە دىن باشقا نۇرغۇنلىغان ئىلاھلارغا ئىبادەت قىلىشقان. نۇھ قوۋمى، ۋەد، سۇئا، يەئۇس، يەئۇق، نەسرايا، ئىبراھىم ئەلەيھىسسالام، قوۋمى بۇتلارغا، سەبەلىلەر قۇياشقا، سەبىئىلەر يۇلتۇزلارغا، مەجۇسىلار ئوتقا، ئەرەبلەر بۇتلارغا ۋە تاشلارغا، خرىستىئانلار ئەيسا ئەلەيھىسسالام، ۋە ئانىسى مەريەم ئەلەيھىسسالامغا، ھاھام ۋە راھىبلىرىغا چوقۇناتتى. بۇلارنىڭ ھەممىسى مۇشرىكدۇر. (شېرىك قوشقۇچى) چۈنكى اللە دىن باشقىغا لايىق بولمىغان ئىبادەتلەرنى قىلىشتى.

پەقەتلا اللە تائالاغىلا قىلىنىدىغان ئىبادەتنىڭ مەنىسى نېمە؟

ئىبادەت دېگەن نىمە؟

ئىبادەت بىر – بىرىگە قوشۇلۇپ كەتكەن ئىككى مەننى ئىپادىلەيدىغان بىر سۆزدۇر. بۇ چەكسىز سۆيگۈ بىلەن چەكسىز كەمتەرلىك (بويۇن ئېگىش)دۇر. كامىل بىر سۆيگۈ بىلەن پۈتۈنلەنگەن بىر كەمتەرلىك. مانا ئىبادەت دېگەن بۇ. كەمتەرلىكسىز سۆيگۈ، ياكى سۆيگۈسىز كەمتەرلىك ئىبادەتنىڭ ھەقىقىي مەنىسىنى ئىپادىلەپ بېرەلمەيدۇ. سۆيگۈسىز بويۇن ئېگىش ئىبادەتنى ئەمەلىيلەشتۈرەلمەيدۇ. پۈتۈن بىر سۆيگۈ ۋە پۈتۈن بىر بويۇن ئېگىش بۇلىشى كېرەك. شۇ ۋاقىتتا ئاندىن ئىبادەت ئەمەلىيلەشكەن بولىدۇ.

ئىبادەتنىڭ ھەرخىل تۈرلىرى

خېلى كۆپ كىشىلەرنىڭ ئويلىغىنىدەك، ئىبادەت پەقەت بىر نەچچە تۈرلا ئەمەس، ئۇنىڭ نۇرغۇن تۈرلىرى بار.

1-  دۇئا، اللە دىن پايدىلىق بىر نەرسە تىلەش، ياكى زىيانلىق بىر ئىشتىن ساقلاپ قېلىشى ئۈچۈن، قوغدىشى، بالانى يوق قىلىشى ياكى دۈشمەنگە قارشى غەلىبىنى قولغا كەلتۈرۈش، قاتارلىق ئىشلار يۈزىسىدىن اللە قا يۈزلىنىشتۇر. قەلبتىن كەلگەن بىر ئىستەك بىلەن اللە قا يۈزلىنىش ئىبادەتنىڭ ئۆزى ۋە روھىدۇر. ھەدىستە دېيىلگىنىدەك «دۇئا ئىبادەتتۇر» (تىرمىزى رىۋايەت قىلغان)

2- دىنى ۋەزىپىلەرنى ئورۇنلىماق: ناماز، روزا، سەدىقە، ھەج،  قۇربانلىقلارغا ئوخشاش، بۇ ئىبادەتلەرنىڭ اللە دىن باشقىسىغا قىلىنىشى جائىز ئەمەستۇر. اللە دىن باشقىسىغا، ناماز ئوقۇلمايدۇ، روزا تۇتۇلمايدۇ، سەدىقە بېرىلمەيدۇ، ھەدىيە قىلىنمايدۇ. قۇربانلىق قىلىنمايدۇ ياكى ھېچقانداق ئىبادەت قىلىنمايدۇ.

3-  اللە ھۆكۈمى بولۇپ ئوتتۇرىغا قويۇلغاننى، قوبۇل قىلىش، ئېتىراپ قىلىش: ھالالنى ھالال، ھارامنى ھارام، بېكىتكەن ئۆلچەملىرى ۋە دۇنيا ئىشلىرىدا اللە نىڭ تۈزگەن ھۆكۈملىرىنى قوبۇل قىلىش، ئېتىراپ قىلىش، اللە تائالانى ئىلاھىم دەپ ئېتىراپ قىلغان بىرى ئۈچۈن، ئىنسانلار ئۆزلىرى ئوتتۇرىغا قويغان ھۆكۈم ۋە قانۇنلارنى قوبۇل قىلىشى جائىز ئەمەس. بۇمۇ ئىبادەتنىڭ بىر تۈرىدۇر.

ئۇلۇھىيەت تەۋھىدىنىڭ مۇھىملىقى (ئەمەلدىكى تەۋھىد)

تەۋھىدنىڭ بۇ قىسمى، ئىماننىڭ ئەڭ چوڭى، ئەڭ مۇھىمىدۇر. پەيغەمبەرلەرنىڭ پۈتۈن دىققىتىنى مەركەزلەشتۈرگىنى بۇ تەۋھىددۇر. تەۋھىد كەلىمىسىنى سۆزلىگەندە، زېھنىمىزگە كېلىدىغىنىمۇ بۈدۈر. پەيغەمبەرلەرنىڭ ئەۋەتىلىشى، كىتابلارنىڭ نازىل قىلىنىشنى بۇنىڭ ئۈچۈندۇر. ئۇ سەۋەبلىك، قىيامەت بولىدۇ. ھېساب كىتابلار يېپىلىدۇ. جەننەت ۋە جەھەننەم مەيدانى قۇرۇلىدۇ، ئىنسانلار غەمكىن ۋە خۇشال ھالدا، ئايرىلىپ بىر بۆلىكى جەننەتكە، بىر بۆلىكى جەھەننەمگە كېتىدۇ.

تەۋھىدنىڭ شوئارى لائىلاھە ئىللەللاھ (بىر اللە دىن باشقا ئىلاھ يوق) تۇر.

پەيغەمبەرلەرنىڭ ئېلىپ كەلگەن تەۋھىد ھەقىقىتىنىڭ ئالاھىدە بىر شەكىلدە ئىپادىلىگەن بىر شوئارى باردۇر. بۇ تەۋھىد كەلىمىسى، ئىخلاس كەلىمىسى، ياكى تەقۋا كەلىمىسى دەپ نام بېرىلگەن، لا ئىلاھە ئىللەللاھ (بىر اللە دىن باشقا ئىلاھ يوق) كەلىمىسىدۇر. بۇ ئۇلۇغ كەلىمە، اللە دىن باشقا ھەرقانداق نەرسىنى قويۇپ، پەقەتلا اللە تائالانىلا ئۇلۇغلاشنى كۆرسىتىدۇ. ھەقىقىي ئىلاھ پەقەت اللە دۇر. زامانلاردىن بۇيان ئىنسانلارنىڭ اللە دىن باشقا ئىبادەت قىلىشقان ئىلاھلىرى، جاھالەت ۋەھىمە پەيدا قىلغان باتىل، ساختا ئىلاھلاردۇر.

 اللە تائالا مۇنداق دەيدۇ:

 «بۇ (قۇدرەت) شۇنىڭ ئۈچۈندۇركى، اللە ھەقتۇر، (مۇشرىكلارنىڭ) اللە نى قويۇپ ئىبادەت قىلىدىغان نەرسىلىرى (يەنى بۇتلىرى) باتىلدۇر، اللە (ھەممە نەرسىدىن) ئۈستۈندۇر، بۈيۈكتۇر (62).» (سۈرە ھەج 62- ئايەت)

 ئىلاھ دېگەن، ھەقىقەتەن ئىبادەت قىلىنغۇچىدۇر. يەنى ئىبادەت قىلىشقا، ئىتائەت قىلىشقا، سۆيۈشكە لايىق بولغان زاتتۇر. بۇمۇ ئىبادەتنىڭ مەنىسى بولغان، چەكسىز سۆيگۈ ۋە كەمتەرلىك بىلەن، پۈتۈنلىشىپ كامال سۈپەتلىرى بىلەن سۈپەتلەنگەندە ئەمەلىيلىشىدۇ.

شەيىخۇل ئىسلام ئىبنى تەيمىيە رەھىمۇللاھنىڭ سۆزى بويىچە ئىلاھ مۇنداق بولىدۇ؛ سۆيگۈسى بىلەن قەلب تولغان، ئۇنىڭغا كەمتەرلىك قىلىنىدىغان، بويۇن ئېگىدىغان، ئۇنىڭدىن قورقىدىغان، ئۇنىڭدىن كۈتىدىغان، قىيىنچىلىق مەزگىلدە ئۇنىڭدىن ياردەم تىلەيدىغان، ئېھتىياجلىرى ئۈچۈن ئۇنىڭغا دۇئا قىلىدىغان، مەسلىھەتلىرىدە ئۇنىڭغا تەۋەككۈل قىلىدىغان، ئۇنىڭغا ئىلتىجا قىلىدىغان ۋە سۆيگۈسى بىلەن دىل راھەتلىنىدىغان ئىلاھتۇر. بۇ دەل اللە تائالا دۇر. اللە تائالادىن باشقىسى ئەمەستۇر. شۇنىڭ ئۈچۈن «لا ئىلاھە ئىللەللاھ »(بىر اللە دىن باشقا ئىلاھ يوق) كەلىمىسى، سۆزلەرنىڭ ئەڭ توغرىسى ۋە ئەڭ پەزىلەتلىكىدۇر. ئىشنىڭ بېشىدۇر، گۈزەللەرنىڭ گۈزىلىدۇر.

 پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامدىن رىۋايەت  قىلىنغان سەھىھ بىر ھەدىستە: «مەن ۋە مەندىن بۇرۇنقى پەيغەمبەرلەر سۆزلىگەن ئەڭ ياخشى سۆز «لا ئىلاھە ئىللەللاھ» (بىر اللە دىن باشقا ئىلاھ يوق) تۇر» دېگەن.

تەۋھىد پەيغەمبەرلەرنىڭ تۇنجى ۋەزىپىسىدۇر. پۈتۈن ساماۋى دىنلاردا تەۋھىدنىڭ ئايرىم مۇھىم ئورنى باردۇر. نۇھ ئەلەيھىسسالامدىن تارتىپ مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغىچە بارلىق پەيغەمبەرلەرنىڭ تۇنجى تېمىسى تەۋھىد بولغان. اللە نىڭ بەندىلىرىگە ھىدايەت رەھبەرلىرى قىلىپ ئەۋەتكەن پەيغەمبەرلەرنىڭ تۇنجى ۋەزىپىسى، بىر- بىرىدىن ئايرىلمايدىغان ۋە بىر- بىرىنى پۈتۈنلەيدىغان ئىككى ئاساس ئۈستىگە قۇرۇلغان.

 1- پەقەت اللە قىلا ئىبادەت قىلىشقا دەۋەت قىلىش.

 2- تاغۇتلاردىن يىراقلىشىشقا دەۋەت قىلىشتۇر.

بۇ توغرىدا قۇرئان كەرىمىدە مۇنداق دەيدۇ:

 «بىز ھەقىقەتەن ھەر بىر ئۈممەتكە: «اللە غا ئىبادەت قىلىڭلار، شەيتاندىن (يەنى شەيتانغا، بۇتلارغا، كاھىنلارغا ئوخشاش ھەرقانداق مەبۇدقا ئىبادەت قىلىشتىن) يىراق بولۇڭلار» دەپ پەيغەمبەر ئەۋەتتۇق، ئۇلارنىڭ ئارىسىدا اللە ھىدايەت قىلغانلىرىمۇ بار، گۇمراھلىققا تېگىشلىك بولغانلىرىمۇ بار. يەر يۈزىدە سەير قىلىپ يۈرۈپ (پەيغەمبەرلەرنى) ئىنكار قىلغانلارنىڭ ئاقىۋىتىنىڭ قانداق بولغانلىقىنى كۆزىتىڭلار (36).» (نەھىل سۈرىسى 36- ئايەت)

پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا خىتاب قىلىپ مۇنداق دەيدۇ: « (ئى مۇھەممەد!) سەندىن ئىلگىرى ئەۋەتىلگەن پەيغەمبەرلەرنىڭ ھەممىسىگە: «مەندىن باشقا ھېچ مەبۇد (بەرھەق) يوقتۇر، ماڭىلا ئىبادەت قىلىڭلار» دەپ ۋەھىي قىلدۇق (25).» (ئەنبىيا سۈرىسى 25- ئايەت)

شۇ سەۋەبلىك ھەر بىر پەيغەمبەرنىڭ قەۋىملىرىگە تۇنجى بولۇپ يەتكۈزگەن سۆزى «ئى قەۋمىم! اللە غا ئىبادەت قىلىڭلار، سىلەرگە اللە دىن باشقا مەبۇد (بەرھەق) يوقتۇر» (ئەئراڧ سۈرىسى 59- ئايەت)

  دېگەنلىكىنى كۆرۈۋاتىمىز. نۇھ، ھۇد، سالىھ، شۇئەيىب ئەلەيھىسسالاملار ھەققىدىمۇ قۇرئان كەرىم ئوخشاش ئىشنى سۆزلىمەكتە.

«شۈبھىسىزكى، بىز نۇھنى قوۋمىغا پەيغەمبەر قىلىپ ئەۋەتتۇق، ئۇ: «مەن ھەقىقەتەن سىلەرگە ئوچۇق ئاگاھلاندۇرغۇچىمەن (25). بىر اللە دىن باشقىغا ئىبادەت قىلماڭلار، سىلەرنىڭ قاتتىق كۈننىڭ ئازابىغا ئۇچرىشىڭلاردىن قورقىمەن» دېدى (26). » (ھۈد سۈرىسى 25-26- ئايەتلەر)

«شۈبھىسىزكى، اللە مەريەمنىڭ ئوغلى ئىسادۇر، دېگۈچىلەر كاپىر بولدى، ئىسا: «ئى بەنى ئىسرائىل! مېنىڭ پەرۋەردىگارىم ۋە سىلەرنىڭ پەرۋەردىگارىڭلار بولغان اللە غا ئىبادەت قىلىڭلار، كىمكى اللە غا شېرىك كەلتۈرىدىكەن (يەنى اللە دىن غەيرىيگە ئىلاھ دەپ ئېتىقاد قىلىدىكەن)، اللە ئۇنىڭغا جەننەتنى ھارام قىلىدۇ، ئۇنىڭ جايى دوزاخ بولىدۇ، زالىملارغا ھېچبىر مەدەتكار (يەنى اللە نىڭ ئازابىدىن قۇتۇلدۇرغۇچى) بولمايدۇ» دېدى (72).» (مائىدە سۈرىسى 72- ئايەت)

پەيغەمبەرلەرنىڭ ئاخىرقىسى بولغان پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام تەۋھىدكە چاقىرىپ تاغۇتتىن ساقلىنىشنى دەۋەت قىلغانلىقى ئېنىق. ھەمدە ئەڭ قۇۋۋەتلىكى، ئەڭ چوڭقۇر، ھەمدە ئاخىرەتكىچە داۋام قىلىدىغىنى بۇدۇر. قۇرئان ۋە سۈننەتتە ئوچۇق كۆرۈلگەن ۋە ئىسلامنىڭ پرىنسىپلىرىدا، شارائىتىدا، ئەدەبىدە ۋە ئەخلاقىدا، ساقلانغان دەل تەۋھىددۇر.

تەۋھىد ئىسلامنىڭ شۇئارىدۇ

ئىسلامنىڭ تەۋھىدكە نىسبەتەن مۇھىم بولغان ئىشلىرىدىن بىرى ئۇنىڭ باشقا دىنلاردىن، مەيلى بۇت پەرەس بولسۇن، مەيلى ئۆزگىرىپ كەتكەن ئەھلى كىتابلار بولسۇن، ئۇلاردىن ئايرىلىپ تۇرىدىغان بىر ئالاھىدىلىكى، تەۋھىدنى شوئار قىلىشىدۇر. ئىسلامنى تونۇتقان ئەڭ مەشھۇر ئىش بولسا، ئۇنىڭ بىر تەۋھىد دىنى بۇلىشىدۇر. ئىسلامنىڭ ئىسمى بۇ ئىككى جۈملىدە ئورۇن ئېلىپ، كىمكى بۇ ئىككى جۈملىنى سۆزلىسە ئىسلامنىڭ دەرۋازىسىدىن كىرگەن بولىدۇ. بۇ ئىككى جۈملىنىڭ بىرىنچىسى «اللە دىن باشقا ئىلاھنىڭ يوقلۇقىغا گۇۋاھلىق بېرىش، ئىككىنچىسى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ اللە نىڭ ئەلچىسى ئىكەنلىكىگە گۇۋاھلىق بېرىشتۇر»

بۇ تەۋھىدنىڭ ئېلان قىلىنىشى، ئەڭ مۇھىم ئورۇندا تۇرىدۇ. مۇسۇلمان شاھادەتنى پەرز نامازلاردىكى (تەشەھۇددا) توققۇز قېتىم تەكرارلىماقتا، قامەت قىلغاندا بەش قېتىم، ئىسلام بۇنىڭ بىلەنلا توختاپ قالماستىن. «اللە دىن باشقا ئىلاھنىڭ يوقلۇقىغا گۇۋاھلىق بېرىمەن» دېگەن. نىداسىنى مۇنارلاردا پۈتۈن دۇنياغا يۇقىرى ئاۋازدا كۈندە بەش قېتىم، ئاڭلىتىشنى ئەمىر قىلغان. ئىسلامنىڭ يەنە بىر ئۇلۇغلۇقى پەرزەنت تۇغۇلغاندىن كېيىن دادىسىنىڭ ئوڭ قۇلىقىغا ئەزان، سول قۇلىقىغا تەكبىر ئېيتىشى، بىلەن يېڭى تۇغۇلغان بوۋاقنىڭ ئاڭلايدىغان، تۇنجى ئاۋازنىڭ ئەزان ئاۋازى بۇلىشىنى سۈننەت قىلغان. ئۆزىگە تەقدىر قىلىنغان ئۆمرى تۈگەپ، ئۆلۈم كەلگىنىدە، ئاتا- ئانا، دوست بۇرادەر ۋە تۇغقانلىرىغا چۈشكەن ۋەزىپە كەلىمە تەۋھىدنى تەلقىن قىلىشتۇر.(ئۈلۈپ كېتىشتىن بۇرۇن، سەكراتقا چۇشكەندە كەلىمە شاھادەتنى قېشىدىكى كىشىلەرنىڭ ئوقۇپ بېرىشى)

شۇ سەۋەبتىن مۇسۇلمان ھاياتقا تۇنجى قەدىمىنى كەلىمە تەۋھىد بىلەن ئالىدىكەن، ئۇ دۇنيادا بولغان قەدەمنىمۇ كەلىمە تەۋھىد بىلەن ئالىدىكەن. بۆشۈك بىلەن ئۆلۈم تۆشىكى ئارىسىدا قالغان زاماندىكى ۋەزىپىسى تەۋھىدنى يۇقىرى كۆتۈرۈش، تەۋھىدكە دەۋەت قىلىش بىلەن بولىدىكەن.

تەۋھىد اللە نىڭ بەندىلىرى ئۈستىدىكى ھەققىدۇر

پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام تەۋھىدنىڭ اللە نىڭ بەندىلىرى ئۈستىدىكى ھەققى ئىكەنلىكىنى تەۋھىددىن ئايرىلىشنىڭ ۋە غەپلەتكە چۈشۈشنىڭ جائىز بولمايدىغانلىقىنى بۇ سۆزى بىلەن قۇۋۋەتلەيدۇ.

بۇخارى ۋە مۇسلىمنىڭ مۇئاز ئىبنى جەبەلدىن رىۋايەت قىلغان ھەدىسىدە: «ئېشەكنىڭ ئۈستىدە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ئارقىسىدا ئىدىم، ئى مۇئاز! اللە نىڭ بەندىلەر ئۈستىدىكى ۋە بەندىلەرنىڭ اللە ئۈستىدىكى ھەقلىرىنى بىلەمسەن؟ دەپ سورىدى. اللە ۋە اللە نىڭ ئەلچىسى تېخىمۇ ياخشى بىلىدۇ. دېدىم، اللە نىڭ بەندىلىرى ئۈستىدىكى ھەقلىرى ئۇنىڭغىلا ئىبادەت قىلىش، ھېچقانداق بىر نەرسىنى ئۇنىڭغا شېرىك كەلتۈرمەسلىكىدۇر. بەندىلەرنىڭ اللە نىڭ ئۈستىدىكى ھەقلىرى بولسا، اللە قا شېرىك كەلتۈرمىگەنلەرگە اللە نىڭ ئازابلىماسلىقىدۇر، دېدى. ئى اللە نىڭ ئەلچىسى! كىشىلەرگە بۇ خۇشخەۋەرنى يەتكۈزەيمۇ دېدىم. ياق، بۇنىڭغا ئېسىلىۋېلىپ ئىبادەتسىز قالمىسۇن، دېدى.»

بۇ ھەقتىكى سىر بولسا، اللە تائالانىڭ ئىنسانلارنى يوقتىن بار قىلىشى، ساناقسىز نىئمەتلەرنى ئاتا قىلىشى، قۇياشنى، ئاينى، كېچىنى، كۈندۈزنى، بويسۇندۇرۇپ بېرىشى، ئەقىل بېرىشى، سۆزلەشنى ئۈگۈتۈشىدۇر. بۇ ياراتقۇچىنىڭ، رىزىق بەرگۈچىنىڭ، نىئمەت بەرگۈچىنىڭ، ئۆگەتكۈچىنىڭ، قوغدىغۇچىنىڭ، مەغپىرەت قىلغۇچىنىڭ ھەققىدۇركى، شۇ اللە قا قارشى چىقىلماستىن، شۈكرى قىلىنسۇن، ئۇنتۇلماستىن، زىكرى ئېيتىلسۇن، قارشى چىقماي، ئىتائەت قىلىنسۇن.

شۇنىڭ ئۈچۈن بۇ ھەقنىڭ ئوتتۇرىغا قويۇلۇشى، ئون ھەق دەپ ئاتالغان ئايەتنىڭ تۇنجى تەۋسىيەسىدۇر. بۇ ئايەتتە مۇنداق دېيىلىدۇ:

«اللە غا ئىبادەت قىلىڭلار، ئۇنىڭغا ھېچ نەرسىنى شېرىك كەلتۈرمەڭلار، ئاتا-ئاناڭلارغا، خىش- ئەقرىبالىرىڭلارغا، يېتىملەرگە، مىسكىنلەرگە، يېقىن قوشنىغا، يىراق قوشنىغا، ياندىكى ھەمراھقا (يەنى سەپەرداشقا، ساۋاقداشقا) مۇساپىرغا، قول ئاستىڭلاردىكى قۇل- چۆرىلەرگە ياخشىلىق قىلىڭلار، شۈبھىسىزكى، اللە مۇتەكەببىر ماختانچاقنى ياقتۇرمايدۇ (36).» (سۈرە نىسا 36- ئايەت)

ئەنئام سۈرىسىدىكى ئايەتتىمۇ مۇنداق تىلغا ئېلىنغان:

«ئېيتقىنكى، «سىلەر كېلىپ (ئاڭلاڭلار)، اللە ھارام قىلغان نەرسىلەرنى سىلەرگە ئوقۇپ بېرەي: سىلەر اللە غا ھېچ نەرسىنى شېرىك كەلتۈرمەڭلار، ئاتا- ئاناڭلارغا ياخشىلىق قىلىڭلار، نامراتلىقتىن قورقۇپ بالاڭلارنى ئۆلتۈرمەڭلار، بىز ئۇلارغا ۋە سىلەرگە رىزىق بېرىمىز، ئاشكارا ۋە يوشۇرۇن يامان ئىشلارغا يېقىن كەلمەڭلار، اللە نىڭ ئەمرىگە خىلاپلىق قىلىپ (ناھەق) ئادەم ئۆلتۈرمەڭلار، ھەقلىق رەۋىشتە ئۆلتۈرۈش بۇنىڭدىن مۇستەسنا. سىلەرنىڭ چۈشىنىشىڭلار ئۈچۈن، اللە سىلەرگە بۇ ئىشلارنى تەۋسىيە قىلىدۇ (151).» (سۈرە ئەنئام 151- ئايەت)

يەنە بىر ئايەتتە مۇنداق دەيدۇ:

«اللە غا باشقا مەبۇدنى (شېرىك) قىلمىغىن، (ئۇنداق قىلساڭ اللە نىڭ دەرگاھىدا) ئەيىبلەنگەن، (اللە نىڭ ياردىمىدىن) مەھرۇم بولغان ھالدا (دوزاختا ھەمىشە) قالىسەن (22). پەرۋەردىگارىڭ پەقەت ئۇنىڭ ئۆزىگىلا ئىبادەت قىلىشىڭلارنى ۋە ئاتا – ئاناڭلارغا ياخشىلىق قىلىشىڭلارنى تەۋسىيە قىلدى، ئۇلارنىڭ بىرى، يا ئىككىلىسى سېنىڭ قول ئاستىڭدا بولۇپ ياشىنىپ قالسا، ئۇلارغا ئوھوي دېمىگىن (يەنى مالاللىقنى بىلدۈرىدىغان شۇنچىلىك سۆزنىمۇ قىلمىغىن)، ئۇلارنى دۈشكەللىمىگىن، ئۇلارغا ھۆرمەت بىلەن يۇمشاق سۆز قىلغىن (23).» (ئىسرا سۈرىسى 22-23- ئايەتلەر)

تەۋھىد مۇسۇلماننىڭ ھاياتىدىكى چاقىرىقىدۇر

مۇسۇلمان ھاياتىنى تەۋھىد بىلەن باشلاپ، تەۋھىد بىلەن ئاخىرلاشتۇرىدۇ. بۆشۈك بىلەن گۆر ئوتتۇرىسىدىكى ۋەزىپىسى تەۋھىدنى ھاكىم قىلىش ۋە تەۋھىدكە دەۋەت قىلىشتۇر. اللە تائالا ئىنسانلار ۋە جىنلارنىڭ نېمە مەقسەتتە ياراتقانلىقىنى بىلدۈرۈپ مۇنداق دەيدۇ:

 «جىنلارنى، ئىنسانلارنى پەقەت ماڭا ئىبادەت قىلىش ئۈچۈنلا ياراتتىم (56). ئۇلاردىن مەن رىزىق تىلىمەيمەن ۋە ئۇلارنىڭ مېنى ئوزۇقلاندۇرۇشىنى تىلىمەيمەن (57)» (سۈرە زارىيات 56-57- ئايەتلەر)

 بۇ ئايەتتە اللە تائالا ئىنسانلارنى ۋە جىنلارنى پەقەت شېرىكى بولمىغان اللە قىلا ئىبادەت قىلىش ئۈچۈن ياراتقانلىقىنى بىلدۈرىدۇ. بۇ ئىنسانلار ۋە جىنلارنىڭ يارىتىلىشىدىكى ھېكمەت ۋە غايىدۇر. اللە ئۇلارنى ئۆزىنى تونۇماي، قەدرىنى بىلمەي، ھايۋانلاردەك يەپ – ئىچىپ ياشىسۇن دەپ ئەمەس، خۇشۇ بىلەن ئىبادەتنى پەقەت اللە ئۈچۈن قىلسۇن دەپ ياراتقان.

كېمىكى، ھاياتىدا يالغۇز اللە قا ئىبادەت قىلماستىن، ئۆمرىنى ئۆتكۈزسە، ئەقىل ئىگىسى ئىنسانلارنىڭ قاتارىدىن، ھايۋانلارنىڭ قاتارىغا، ياكى ئۇنىڭدىنمۇ تۆۋەنگە چۈشكەن بولىدۇ.

تەۋھىد مۇسۇلمانلارنىڭ باشقا مىللەتلەرگە بولغان چاقىرىقىدۇر

تەۋھىد، ھاياتتا مۇسۇلمانلارنىڭ ۋەھىيسى بولغىنىدەك، مۇسۇلمانلارمۇ، بارلىق مىللەتلەرگە ۋەھىي يەتكۈزگۈچىدۇر. شۇ سەۋەبتىن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام، كىسرا، قەيسەر ۋە زېمىندىكى باشقا پادىشاھلارغا، بۇ ئايەت بىلەن دەۋەت قىلغان ئىدى:

«ئى ئەھلى كىتاب! (يەنى يەھۇدىيلار ۋە ناسارالار) پەقەت اللە قىلا ئىبادەت قىلىش، اللە غا ھېچ نەرسىنى شېرىك كەلتۈرمەسلىك، اللە نى قويۇپ بىر- بىرىمىزنى خۇدا قىلىۋالماسلىقتەك ھەممىمىزگە ئورتاق بولغان بىر سۆزگە (يەنى بىر خىل ئەقىدىگە) ئەمەل قىلايلى» دېگىن، ئەگەر ئۇلار يۈز ئۆرۈسە (يەنى بۇنى قوبۇل قىلمىسا): «(ئى يەھۇدىيلار ۋە ناسارالار جامائەسى!) بىزنىڭ مۇسۇلمان ئىكەنلىكىمىزگە گۇۋاھ بولۇڭلار (64).» (سۈرە ئال ئىمران 64- ئايەت)

ساھابىلەر ۋە ئۇلارنىڭ يولىدا ماڭغانلار، بۇ ۋەھىينى ۋە ئۇنىڭغا نىسبەتەن بولغان ۋەزىپىسىنى بىلەتتى. پارىس قوشۇنلىرىنىڭ قوماندانى رۇستەم، قادىسىيە جېڭىدە رەبئى بىن ئەمىرگە، سىلەر كىم؟ مەقسىتىڭلار نېمە؟ دەپ سورىغاندا ئەمىر مۇنداق جاۋاب بەردى؛ بىز ئىنسانلارنى قۇللارغا ئىبادەت قىلىشتىن، يالغۇز اللە قا ئىبادەت قىلىشقا، دۇنيانىڭ تارلىقىدىن كەڭچىلىككە ئېلىپ چىقىشقا، باشقا دىنلارنىڭ زۇلۇمىدىن ئىسلامنىڭ ئادالىتىگە ئېلىپ چىقىش ئۈچۈن ئەۋەتىلگەن بىر قوۋم بىز، دەپ جاۋاب بەرگەن.

تەۋھىد نېمە بىلەن ئەمەلىيلىشىدۇ؟

پەيغەمبەرلەرنىڭ ئېلىپ كەلگەن، ئىسلامنىڭ يىلتىز تارتىشىغا، قوللىشىغا ۋە قوغدىلىشىغا ئەڭ ئەھمىيەت بەرگىنى تەۋھىددۇر. بۇ تەۋھىد بولماستىن ئەمەلىيلىشەلمەيدۇ. يىلتىز تارتالمايدۇ، شاخلىنالمايدۇ، مېۋە بېرەلمەيدۇ.

 1- ئىخلاس بىلەن بىر اللە قا ئىبادەت قىلىش.

 2- پۈتۈن تاغۇتلارنى ئىنكار قىلىش، بۇلارغا ئىبادەت قىلغانلاردىن ۋە ئۇلارنى دوست تۇتقانلاردىن يىراقلىشىش. بۇلارغا ئىبادەت قىلغانلاردىن ۋە ئۇلارنى دوست تۇتقانلاردىن يىراقلىشىش.

 3- شېرىكنىڭ پۈتۈن دەرىجىدىكى تۈرلىرىدىن ساقلانماق، ئۇنىڭ ئېلىپ بارىدىغان يوللارغا كىرمەسلىك.

ئىخلاس بىلەن اللە تائالاغا ئىبادەت قىلىش

بۇنداق دېگەنلىك، سەجدىنى، سۆيگۈنى، كەمتەرلىكنى، ئۇلۇھىيەتنى (ئۇلۇغلاشنى) پەقەت اللە تائالاغىلا قىلىش. بۇ ئۈچ ئىش بىلەن بولىدۇ.

1- ئىنساننىڭ اللە تىن باشقىسىنى، اللە قا سەجدە قىلغاندەك، سەجدە قىلىشقا لايىق دەپ قارىماسلىق.

اللە تائالا مۇنداق دەيدۇ:

 «ئى ئەھلى كىتاب! (يەنى يەھۇدىيلار ۋە ناسارالار) پەقەت اللە قىلا ئىبادەت قىلىش، اللە غا ھېچ نەرسىنى شېرىك كەلتۈرمەسلىك، اللە نى قويۇپ بىر- بىرىمىزنى خۇدا قىلىۋالماسلىقتەك ھەممىمىزگە ئورتاق بولغان بىر سۆزگە (يەنى بىر خىل ئەقىدىگە) ئەمەل قىلايلى» دېگىن، ئەگەر ئۇلار يۈز ئۆرۈسە (يەنى بۇنى قوبۇل قىلمىسا): «(ئى يەھۇدىيلار ۋە ناسارالار جامائەسى!) بىزنىڭ مۇسۇلمان ئىكەنلىكىمىزگە گۇۋاھ بولۇڭلار (64).» (سۈرە ئال ئىمران 64- ئايەت)

2- اللە دىن باشقىسىنى اللە نى ياخشى كۆرگەندەك، ياخشى كۆرمەسلىك: اللە تائالا مۇنداق دەيدۇ:

 «(ئى مۇھەممەد!) بۇ مۇشرىكلارغا ئېيتقىنكى «ئاسمانلارنى، زېمىننى يوقتىن بار قىلغۇچى اللە دىن غەيرىينى مەبۇد تۇتامدىم؟ اللە رىزىق بېرىدۇ، ئۆزى رىزىققا موھتاج ئەمەس». (ئى مۇھەممەد!) ئېيتقىنكى، «مەن (بۇ ئۈممەت ئىچىدە خۇدانىڭ ئەمرىگە) بويسۇنغۇچىلارنىڭ ئەۋۋىلى بولۇشقا بۇيرۇلدۇم. (ماڭا دېيىلدىكى) سەن ھەرگىز مۇشرىكلاردىن بولمىغىن» (14). (ئەنئام سۈرىسى 14- ئايەت)

يەنە بىر ئايەتتە:

«بەزى ئادەملەر اللە دىن غەيرىيلەرنى (يەنى بۇتلارنى) اللە غا شېرىك قىلىۋالىدۇ، ئۇلارنى (مۆمىنلەرنىڭ) اللە نى دوست تۇتقىنىدەك دوست تۇتىدۇ (يەنى ئۇلۇغلايدۇ ۋە ئۇلارغا بويسۇنىدۇ). مۆمىنلەر اللە نى ھەممىدىن بەك دوست تۇتقۇچىلاردۇر، زالىملار (قىيامەت كۈنى ئۆزلىرىگە تەييارلانغان) ئازابنى كۆرگەن چاغدا پۈتۈن كۈچ-قۇۋۋەتنىڭ اللە غا مەنسۇپ ئىكەنلىكىنى ۋە اللە نىڭ ئازابىنىڭ قاتتىق ئىكەنلىكىنى كاشكى بىلسە ئىدى (دۇنيادا اللە غا شېرىك كەلتۈرگەنلىكلىرىگە ھەددىدىن زىيادە پۇشايمان قىلاتتى) (165).» (بەقەرە سۈرىسى 165- ئايەت)

يەنە:

«ئەگەشكۈچىلەر: «كاشكى بىزلەرگە (دۇنياغا) قايتىشقا بولسا ئىدى، ئۇلار بىزدىن ئادا- جۇدا بولغاندەك بىزمۇ ئۇلاردىن ئادا- جۇدا بولاتتۇق» دەيدۇ. اللە ئۇلارغا (يامان) ئىشلىرىنىڭ ھەسرەت بولغانلىقىنى مۇشۇنداق كۆرسىتىدۇ، ئۇلار دوزاختىن چىقمايدۇ (167).» (بەقەرە سۈرىسى 167- ئايەت)

بۇنىڭ مەنىسى: ئۇلار، دوستلىرىنى، ئاتا – ئانىسىنى، اللە دىن باشقىسى ئۈچۈن جائىز بولمىغان، قورقۇش، ھۆرمەت، باش ئېگىش (تەزىم) بىلەن خاتا بىر سۆيگۈ بىلەن سۆيمەكتە.

شەيىخۇل ئىسلام مۇھەممەد بىن ئابدۇل ۋەھھاب مۇنداق دەيدۇ:

« ئۇلارنى (مۆمىنلەرنىڭ) اللە نى دوست تۇتقىنىدەك دوست تۇتىدۇ (يەنى ئۇلۇغلايدۇ ۋە ئۇلارغا بويسۇنىدۇ)»

 ئايىتى، ئۇلارنىڭ اللە نى بۈيۈك بىر مۇھەببەت بىلەن سۆيگەنلىكى ئەمما شېرىك سەۋەبلىك بۇنىڭ ئۇلارنى ئىسلامغا ئېلىپ كىرمىگەنلىكىنى ئىپادىلەيدۇ. اللە قا شېرىك كەلتۈرگەن نەرسىنى اللە دىنىمۇ بەكرەك سۆيگەن كىشىنىڭ ھالى نېمە بۇلار. اللە نى قويۇپ شېرىك قوشقان نەرسىگە ئىبادەت قىلغۇچىنىڭ ھالى نېمە بۇلار. تەۋھىدنىڭ مۇھىمى، ئىنساننىڭ سۆيگۈسىنىڭ اللە قا خالىس قىلىشىدۇر. دوستلۇق ھەققى پەقەت اللە قىلا ئائىتتۇر.

«بەلكى ئۇلار اللە دىن باشقىلارنى ئىگە قىلىۋالدى، پەقەت اللە ئىگىدۇر، اللە ئۆلۈكلەرنى تىرىلدۈرىدۇ، اللە ھەر نەرسىگە قادىر (9).» (سۈرە شۇرا 9- ئايەت)

3- باشقۇرغۇچى بولغان اللە دىن باشقىسىنى قوبۇل قىلماسلىق. اللە تائالا مۇنداق دەيدۇ:

 «(ئى مۇھەممەد! ئۇلارغا) ئېيتقىنكى، «اللە سىلەرگە روشەن كىتاب نازىل قىلغان تۇرسا، (ئارىمىزدىكى ئىختىلاپنى ھەل قىلىش ئۈچۈن) اللە دىن غەيرىي ھۆكۈم قىلغۇچىنى تەلەپ قىلامدىم؟» بىز كىتاب ئاتا قىلغانلار (يەنى يەھۇدىيلار ۋە ناسارالارنىڭ ئۆلىمالىرى) ئۇنىڭ (يەنى قۇرئاننىڭ) پەرۋەردىگارىڭ تەرىپىدىن نازىل قىلىنغان ھەق كىتاب ئىكەنلىكىنى بىلىدۇ، سەن ھەرگىزمۇ شەك قىلغۇچىلاردىن بولمىغىن (114).» (سۈرە ئەنئام 114- ئايەت)

بەندىلەرنىڭ ئىشلىرىدا ھۆكۈم قىلىش ھەققىنىڭ ئۇلارنىڭ دىنى ۋە دۇنياۋى ئىشلىرىنى تۈزۈش ھوقۇقىنىڭ ئۆزىدە ئەمەسلىكىدە بۇنىڭ پەقەت اللە تائالادا ئىكەنلىكىنى بىلدۈرىدۇ.

«(مەخلۇقاتنى) ياراتقان زات بىلمەمدۇ؟ ئۇ شەيئىلەرنىڭ نازۇك تەرەپلىرىنى بىلگۈچىدۇر، ھەممىدىن تولۇق خەۋەرداردۇر (14).» (سۈرە مۇلىك 14- ئايەت)

شۇ سەۋەبلىك قۇرئان كەرىم قانۇن چىقىرىشنىڭ پەقەت اللە قىلا ئائىت ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەن.

«سىلەرنىڭ اللە نى قويۇپ ئىبادەت قىلىۋاتقىنىڭلار پەقەت سىلەر ئۆزۈڭلار ۋە ئاتا بوۋاڭلار ئاتىۋالغان (بۇتلارنىڭ ۋە غەيرىينىڭ) ناملىرىدىنلا ئىبارەت، اللە (ئۇلارنىڭ اللە نىڭ شېرىكى بولۇشى توغرىسىدا) ھېچقانداق دەلىل چۈشۈرگىنى يوق، ئىبادەت ۋە دىن بارىسىدىكى بارچە ھۆكۈملەر پەقەت اللە غىلا مەنسۇپ، ئۇ سىلەرنى پەقەت ئۆزىگىلا ئىبادەت قىلىشقا بۇيرۇغان، بۇ توغرا دىندۇر. لېكىن كىشىلەرنىڭ تولىسى (بۇنى) بىلمەيدۇ (40).» (سۈرە يۈسۈڧ 40- ئايەت)

شۇنىڭغا ئوخشىغان قۇرئان كەرىمىنى، اللە نى ۋە رەسۇلىنى تاشلاپ قويۇپ، باشقىلارنىڭ ھۆكۈمىنى ئاڭلاش ئۈچۈن ماڭغانلار ئىماننىڭ ھەقىقىتىدىن يىراقلاشقان، شەيتانغا ئەگەشكەنلەردۇر.

«ساڭا نازىل قىلىنغان كىتابقا (يەنى قۇرئانغا) ۋە سەندىن بۇرۇن نازىل قىلىنغان كىتابلارغا (يەنى تەۋراتقا ۋە ئىنجىلغا) ئىمان كەلتۈردۇق دەۋالغان كىشىلەر (يەنى مۇناپىقلار) نى كۆرمىدىڭمۇ؟ ئۇلار ئەرزىنى شەيتاننىڭ ئالدىغا ئېلىپ بارماقچى بولۇۋاتىدۇ؛ ھالبۇكى، ئۇلار شەيتاننى ئىنكار قىلىشقا بۇيرۇلغان، شەيتان ئۇلارنى چوڭقۇر ئازدۇرۇشنى خالايدۇ (60). ئۇلار (يەنى مۇناپىقلار) غا: «اللە نازىل قىلغان كىتاب تەرەپكە ۋە پەيغەمبەر تەرەپكە كېلىڭلار» دېيىلسە، مۇناپىقلارنىڭ سەندىن قاتتىق يۈز ئۆرۈگەنلىكىنى كۆرىسەن (61).» (سۈرە نىسا 60-61- ئايەت)

تاغۇت دېگەن نېمە؟

تاغۇت سۆزى تۇغيان سۆزىدىن تۈرلەنگەن بولۇپ. ھەددىدىن ئاشماق مەنىسىگە ئىگە. مەنىسىنىڭ چەك – چېگراسى توغرىسىدا سەلەپلەرنىڭ قاراشلىرى پەرقلىقتۇر. ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ: تاغۇت شەيتاندۇر دېگەن. جابىر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ، شەيتانغا ئەگەشكۈچى كاھىنلاردۇر دېگەن. مالىك رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ قارىشىچە : اللە تىن باشقىغا ئىبادەت قىلغان ھەممە نەرسىدۇر. بۇ قاراشلار بەزى تاغۇتلارنىڭ تۈرلىرى توغرىسىدا مەلۇمات بەرگەن. ئىبنى قەييۇمنىڭ تاغۇت توغرىسىدىكى سۆزلىگىنى ئەڭ گۈزەل سۆزدۇر.

   «تاغۇت، قۇلنىڭ ھەددىدىن ئېشىپ، ئىبادەت قىلغان، باش ئەگكەن، ھەرقانداق نەرسىدۇر. ھەر قۇۋۇمنىڭ تاغۇتى اللە ۋە رەسۇلۇللاھنى قويۇپ ھۆكۈم ئېلىشنى ئارزۇ قىلغانلىرى، اللە دىن باشقىسىغا ئىبادەت قىلىشلىرى، اللە دىن بىر دەلىل بولماي تۇرۇپ ئۆزىچە مېڭىشلىرى، اللە قا ئىتائەت قىلىش كېرەك بولغان جايدا، باشقىغا ئىتائەت قىلغان ھەممە ئىش ۋە نەرسىلەردۇر. بۇلار دۇنيانىڭ تاغۇتلىرىدۇر. ئۇ شەيئىلەرنى ۋە ئۇلار بىلەن بىرلىكتە بولغان ئىنسانلارنىڭ ئەھۋالىنى چۈشەنگەن ۋاقىتتا، كۆپىنچىسىنىڭ اللە قا ئىبادەت قىلىشتىن يىراق، تاغۇتلارغا ئىبادەت قىلىۋاتقانلىقىنى، پەيغەمبەرلەرگە ئىتائەت قىلماستىن، تاغۇتلارغا ئىتائەت قىلىۋاتقانلىقىنى كۆرىمىز.

تاغۇتنى رەت قىلىش

تەۋھىدنىڭ ئەمەلىيلىشىدىكى تۇنجى ئىش بولسا، ئىبادەتنىڭ ئىخلاس بىلەن اللە قىلا قىلىنىشىدۇر. ئۇنىڭدىن باشقىسىغا لايىق بولمىغان تەزىم، سۆيگۈ، ئىبادەتنىڭ يەنى ئۇلۇھىيەتنىڭ پەقەت اللە قىلا خاس قىلىنىشىدۇر.

 ئىككىنچى ئىش بولسا، تاغۇتلارنى ئىنكار قىلىش، ئۇلارغا ئىبادەت قىلغان، ئۇلارنى دوست تۇتقان ھەرقانداق كىشىدىن يىراقلىشىشتۇر. بۇ شۇنداق مۇھىمكى، قۇرئان كەرىم بەزى ئايەتلەردە، تاغۇتلارنى ئىنكار قىلىشنى اللە قا ئىمان كەلتۈرۈشتىن ئالدىنقى ئورۇنغا قويغان. بۇ توغرىدا اللە تائالا مۇنداق دېگەن:

«دىندا (ئۇنىڭغا كىرىشكە) زورلاش يوقتۇر، ھىدايەت گۇمراھلىقتىن ئېنىق ئايرىلدى، كىمكى تاغۇت (يەنى اللە دىن باشقا بارچە مەبۇد) نى ئىنكار قىلىپ، اللە غا ئىمان ئېيتىدىكەن، ئۇ سۇنماس، مەھكەم تۇتقىنى تۇتقان بولىدۇ، اللە (بەندىلىرىنىڭ سۆزلىرىنى) ئاڭلاپ تۇرغۇچىدۇر، (ئىشلىرىنى) بىلىپ تۇرغۇچىدۇر (256).» (سۈرە بەقەرە 256- ئايەت)

پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دەيدۇ: «لا ئىلاھە ئىللەللاھ دەپ اللە دىن باشقىسىغا ئىبادەت قىلغانلارنى ئىنكار قىلغۇچىلارنىڭ مېلى ۋە قېنى ھارامدۇر. ئۇنىڭ ھېسابى اللە قىدۇر.» (مۇسلىم رىۋايەت قىلغان)

قېنىنىڭ ۋە مېلىنىڭ قوغدىلىشى ئۈچۈن كەلىمە تەۋھىد ئېيتىشلا يېتەرلىك ئەمەس. اللە دىن باشقىسىغا ئىبادەت قىلغانلارنى ئىنكار قىلىش بۇنىڭغا ئىلاۋە قىلىنغان. بۇ ئىشنىڭ زىتلىقى بىلەن بىلىنىشىدۇر. اللە قا ئىمان كەلتۈرۈش، كۇپۇر ۋە باتىل ئەھلىدىن يىراقلىشىش بىلەن ئاشكارىلىنىدۇ ۋە ئېنىق بولىدۇ. شۇ سەۋەبلىك مۇۋەھھىدلەرنىڭ ئىمامى ئىبراھىم ئەلەيھىسسالام، قوۋمىنىڭ تەڭرىلىرىدىن ۋە بۇتلىرىدىن ئايرىلىپ، ئۇلارغا بولغان دۈشمەنلىكىنى ئېلان قىلغان ئىدى. اللە تائالا مۇنداق دەيدۇ:

«ئۆز ۋاقتىدا ئىبراھىم ئاتىسىغا ۋە قوۋمىغا ئېيتتى: «سىلەر چوقۇنۇۋاتقان بۇتلاردىن مەن راستلا ئادا-جۇدامەن (26). پەقەت مېنى ياراتقان اللە مېنى (توغرا يولغا) باشلايدۇ» (27).» (سۈرە زۇخرۇپ 26-27- ئايەتلەر)

يەنە بىر ئايەتتە:

«ئىبراھىم ۋە ئۇنىڭ بىللە بولغان (مۆمىنلەر) سىلەرگە ھەقىقەتەن ئوبدان نەمۇنىدۇر، ئۆز ۋاقتىدا ئۇلار قوۋمىغا: «ھەقىقەتەن بىز سىلەردىن ۋە سىلەر اللە نى قويۇپ ئىبادەت قىلىۋاتقان بۇتلىرىڭلاردىن ئادا-جۇدامىز، بىزنىڭ ئارىمىزدىكى ئاداۋەت ۋە ئۆچمەنلىك تاكى سىلەر يالغۇز بىر اللە غا ئىمان ئېيتقىنىڭلارغا قەدەر ئەبەدىي ساقلىنىپ قالىدۇ» دېدى. پەقەت ئىبراھىمنىڭ ئاتىسىغا ئېيتقان «ئەلۋەتتە ساڭا مەغپىرەت تىلەيمەن، اللە نىڭ ئازابىدىن ھېچ نەرسىنى سەندىن دېپى قىلالمايمەن» دېگەن سۆزىنى سىلەرنىڭ نەمۇنە قىلىشىڭلارغا بولمايدۇ. (ئىبراھىم ۋە ئۇنىڭ بىلەن بىللە بولغان مۆمىنلەر ئېيتتى) «پەرۋەردىگارىمىز ساڭا تەۋەككۈل قىلدۇق، ساڭا قايتتۇق، ئاخىر قايتىدىغان جاي سېنىڭ دەرگاھىڭدۇر (4).» (سۈرە مۇمتەھىنە 4- ئايەت)

بۇنىڭدىن بىلىۋالايمىزكى، ھەقىقىي تەۋھىد اللە تائالاغا ئىمان كەلتۈرۈش بىلەن اللە قا ئىبادەت قىلىشقا، تاغۇتنى ئىنكار قىلىش ۋە تاغۇتنىڭ دوستلىرىدىن يىراقلىشىش قوشۇلغاندىلا ئاندىن مۇكەممەل بولىدۇ. شۇ سەۋەبلىك پۈتۈن پەيغەمبەرلەرنىڭ قەۋىملىرىگە ئېلىپ بارغان دەۋىتى، يۇقىرىدا بىلدۈرگىنىمىزدەك،

«بىز ھەقىقەتەن ھەر بىر ئۈممەتكە: «اللە غا ئىبادەت قىلىڭلار، شەيتاندىن (يەنى شەيتانغا، بۇتلارغا، كاھىنلارغا ئوخشاش ھەرقانداق مەبۇدقا ئىبادەت قىلىشتىن) يىراق بولۇڭلار» دەپ پەيغەمبەر ئەۋەتتۇق، ئۇلارنىڭ ئارىسىدا اللە ھىدايەت قىلغانلىرىمۇ بار، گۇمراھلىققا تېگىشلىك بولغانلىرىمۇ بار. يەر يۈزىدە سەير قىلىپ يۈرۈپ (پەيغەمبەرلەرنى) ئىنكار قىلغانلارنىڭ ئاقىۋىتىنىڭ قانداق بولغانلىقىنى كۆزىتىڭلار (36).» (سۈرە نەھىل 36- ئايەت)

شىرىكتىن قېچىش ۋە ساقلىنىش

بۇ تەۋھىدنىڭ ئەمەلىلىشىشى ئۈچۈن مۇھىم بولغان ئۈچۈنجى ئىشتۇر. بۇ شىرىكنىڭ پۈتۈن تۈرلىرىنى، چوڭىنى، كىچىكىنى، ئاشكارىسىنى، مەخپىسىنى، بىلىش زۈرۈردۇر. شىرىكنىڭ پۈتۈن مەينەتچىلىكدىن پاكىزلىنىش ۋە ئۇنىڭغا بارىدىغان بارلىق يوللاردىن قېچىشتۇر. شەيئى زىتى بىلەن بىلىنىدۇ. تەۋھىدنىڭ ھەقىقىي شەكىلدە بىلىنىشى ئۈچۈن شېرىكنى بىلىش ناھايىتى زۆرۈردۇر.

ئەمدى شېرىكنىڭ قانداق بولىدىغانلىقىغا قاراپ باقايلى.

شېرىك دېگەن نىمە؟

شېرىك ئىنساننىڭ اللە قا ئائىت بولغان ئىشلاردا اللە قا شېرىك، ئورتاق قوشۇشتۇر. بۇ بىر شەيئىنى تەڭرى دەپ تونۇش، ئۇنىڭغا ئىبادەت قىلىش، ئىتائەت قىلىش، ئۇنىڭدىن ياردەم تىلەش ۋە ياخشى كۆرۈش بىلەن بولىدۇ. بۇ ئۆزى بىلەن بىرلىكتە، سالىھ ئەمەل قوبۇل قىلىنمايدىغان چوڭ شېرىكتۇر. يەنى. شېرىكنىڭ بار يېرىدە سالىھ ئەمەل بولمايدۇ. چۈنكى ئەمەلنىڭ قوبۇل بۇلىشى ۋە سالىھ بۇلىشى ئۈچۈن ئىخلاس بىلەن اللە ئۈچۈن قىلىنىشنى كېرەك.

اللە تائالا مۇنداق دەيدۇ:

«(ئى مۇھەممەد!) ئېيتقىنكى، «مەن پەقەت سىلەرگە ئوخشاش بىر ئىنسانمەن، ماڭا ۋەھىي قىلىنىدۇكى، سىلەرنىڭ ئىلاھىڭلار يالغۇز بىر ئىلاھتۇر، كىمكى، پەرۋەردىگارىغا مۇلاقات بولۇشنى ئۈمىد قىلىدىكەن (يەنى ساۋابىنى ئۈمىد قىلىپ ئازابىدىن قورقىدىكەن)، ياخشى ئىش قىلسۇن. پەرۋەردىگارىغا قىلىدىغان ئىبادەتكە ھېچكىمنى شېرىك كەلتۈرمىسۇن» (110).» (سۈرە كەھىف 110 – ئايەت)

بۇ شېرىك كەچۈرۈلمەيدىغان بىر گۇناھتۇر.

«اللە ھەقىقەتەن اللە غا شېرىك كەلتۈرۈش گۇناھىنى مەغپىرەت قىلمايدۇ، خالىغان ئادەمنىڭ ئۇنىڭدىن باشقا گۇناھىنى مەغپىرەت قىلىدۇ. كىمكى اللە غا شېرىك كەلتۈرىدىكەن، چوڭ گۇناھ قىلغان بولىدۇ (48).» (سۈرە نىسا 48- ئايەت)»

مۇشرىكلارغا جەننەت ھارامدۇر. ئۇنىڭ يېرى جەھەننەمدۇر. «كېمىكى اللە قا شېرىك كەلتۈرىدىكەن، چوقۇمكى اللە ئۇنىڭغا جەننەتنى ھارام قىلىدۇ، ئۇنىڭ يېرى جەھەننەمدۇر. زالىملارنىڭ ياردەمچىلىرى يوقتۇر.»

شېرىكنىڭ تۈرلىرى

شېرىكنىڭ تۈرلىرى : چوڭ شېرىك ۋە كىچىك شېرىك دەپ ئىككىگە ئايرىلىدۇ.

چوڭ شېرىك، اللە تائالا ئەپۇ قىلمايدىغان، شېرىك كەلتۈرگۈچى قەتئىي جەننەتكە كىرمەيدىغان شېرىكتۇر.

كىچىك شېرىك بولسا، ئەگەر اللە نىڭ رەھمىتى بولمىسا ۋە ئۆلۈپ كېتىشتىن بۇرۇن تەۋبە قىلمىسا، بۇنداق شېرىككە يېقىنلاشقۇچىنىڭ ۋە چىڭ تۇرغۇچىنىڭ كاپىر بولۇپ ئۈلۈشىدىن قورقۇلىدىغان چوڭ گۇناھلاردىندۇر.

چوڭ شېرىك

چوڭ شېرىك ئىككى خىلدۇر. ئوچۇق – ئاشكارا شېرىك ۋە يوشۇرۇن، مەخپىي شېرىك.

ئوچۇق – ئاشكارا شېرىك؛ اللە بىلەن بىرلىكتە، يەنى قۇياش ياكى ئاي كەبى بەزى جىسىملارغا، بۇت ياكى تاش كەبى جىسىملارغا، موزاي ۋە كالا كەبى بىرەر ھايۋانغا، پىرئوندەك ئۆزلىرىنى خۇدا دەپ ئويلىغان ياكى شۇنداق كىشىلەرنى خۇدا دەپ تەستىقلاپ ئىبادەت قىلىشتۇر.

ئەيسا ئەلەيھىسسالام ۋە مەريەم ئەلەيھىسسالامغا، بىزگە بىلىنمەيدىغان جىن، شەيتان، پەرىشتىلەر كەبى مەخلۇقاتلارغا ئىبادەت قىلغانلارمۇ بۇ جۈملىدىندۇر. ئوخشىمىغان مىللەتلەردە يۇقارقىلارغا ئىبادەت قىلغانلار تېپىلىدۇ.

مەخپىي چوڭ شېرىك

بۇنى كۆپىنچە كىشىلەر بىلمەيدۇ. ئۆلۈكلەرگە، مەرتىۋە ئىگىسى قەبرىلەرگە دۇئا قىلىش، ئۇلاردىن ياردەم تىلەش، كېسىلىگە شىپا، قىيىنچىلىقلىرىنى ئاسانلاشتۇرۇش، مۈشكۈلچىلىكتە قالغانلارغا ياردەم قىلىشىنى، دۈشمەنگە قارشى ياردەم قىلىشنى ئۇلاردىن تىلەشتۇر. بۇلارغا پەقەت اللە نىڭ كۈچى يىتىدۇ. يۇقىرىقىلارنىڭ زىيان ياكى پايدا ئېلىپ كىلەلەيدىغانلىققا ئىشىنىشمۇ شۇ جۈملىدىندۇر. ئىبنى قەييۇمنىڭ دېگىنىدەك، دۇنيادىكى ئەسلى شېرىك بۈدۈر. بۇ شېرىكنىڭ مەخپىي بۇلىشىنىڭ ئىككى سەۋەبى باردۇر.

 1- ئىنسانلار قىلغان بۇ دۇئالىرىنى، ياردەم تىلەشلىرىنى ئىبادەت دەپ ئاتىمايدۇ. ئىبادەتنى پەقەت، رۇكۇغا، سەجدىگە، نامازغا ۋە روزىغا خاسلاشتۇرۋالىدۇ. ھەقىقەت شۇكى، يۇقاردا تىلغا ئالغىنىمىزدەك، ئىبادەتنىڭ روھى دۇئا دۇر. بىر ھەدىستە مۇنداق دېيىلگەن: «دۇئا ئىبادەتتۇر».

2- ئۇلار بىز دۇئا قىلغان، ياردەم تىلىگەنلىرىمىزنى بىر ئىلاھ ياكى رەب ئىكەنلىكىگە ئىشەنمەيمىز دېيىشىدۇ. ئەكسىچە بىزگە ئوخشاش مەخلۇق ئىكەنلىكىنى بىلىمىز. لېكىن ئۇلار بىز بىلەن اللە ئوتتۇرىسىدا ۋاستىچىدۇر. بىزلەرگە شاپائەت قىلغۇچى دېيىشىدۇ.

بۇ اللە تائالانى ياخشى تۇنىماستىن بولغان ئىشتۇر. اللە نى زالىم بىر ھۆكۈمدار، مۇستەبىت باشقۇرغۇچىدەك، اللە قا ۋاسىتىچى ۋە شاپائەتچىلەر ئارقىلىق يەتكۈزەلەيمىز دەپ چۈشەنگەنلىكى سەۋەبلىك بولغان. بۇ بۇرۇنمۇ مۇشرىكلارنىڭمۇ چۈشۈپ قالغان ئىشلاردۇر. مۇشرىكلار بۇتلىرى توغرىسىدا مۇنداق دېيىشەتتى:

 «بىلىڭلاركى، (شېرىكتىن ۋە رىيادىن) ساپ دىن اللە غا خاستۇر، اللە نى قويۇپ بۇتلارنى ھىمايىچى قىلىۋالغانلار: «بىزنىڭ ئۇلارغا چوقۇنۇشىمىز پەقەت ئۇلارنىڭ بىزنى اللە غا يېقىنلاشتۇرۇشى ئۈچۈندۇر» (دەيدۇ). اللە ھەقىقەتەن (قىيامەت كۈنى) ئۇلارنىڭ ئىختىلاپ قىلىشقان نەرسىلىرى ئۈستىدە ھۆكۈم چىقىرىدۇ، اللە ھەقىقەتەن يالغانچىنى، (اللە نىڭ نېمەتلىرىگە) كۇفرىلىق قىلغۇچىنى ھىدايەت قىلمايدۇ (3).» (سۈرە زۇمەر 3- ئايەت)

«ئۇلار اللە نى قويۇپ، ئۆزلىرىگە پايدا- زىيان يەتكۈزەلمەيدىغان نەرسىلەرگە چوقۇنىدۇ، «بۇلار (يەنى بۇتلار) اللە نىڭ دەرگاھىدا بىزگە شاپائەت قىلغۇچىلار» دېيىشىدۇ، ئەجەبا، ئاسمانلاردا ۋە زېمىندا بۇنداق نەرسە (يەنى اللە نىڭ شېرىكى ياكى شاپائەت قىلغۇچى) بولۇپ، ئۇنى اللە بىلمەي قېلىپ، سىلەر اللە غا ئۇنى ئېيتىپ بېرەمسىلەر؟ اللە ئۇلارنىڭ شېرىك كەلتۈرگەن نەرسىلىرىدىن پاكتۇر ۋە يۈكسەكتۇر (18).» (سۈرە يۇنۇس 18- ئايەت)

ھېچ بىر زامان خۇدالىرىنىڭ ۋە بۇتلىرىنىڭ ياراتقۇچى ۋە رىزىق بەرگۈچى ئىكەنلىكىگە ۋە تىرىلدۈرگۈچى ئىكەنلىكىگە ئىشەنمەيدۇ.

 اللە تائالا مۇنداق دەيدۇ:

«ئەگەر سەن ئۇلاردىن: «ئاسمانلار ۋە زېمىننى كىم ياراتتى» دەپ سورىساڭ، ئۇلار: «ئەلۋەتتە ئاسمانلارنى ۋە زېمىننى غالىب، ھەممىنى بىلگۈچى (اللە ) ياراتتى» دەيدۇ (9).» (سۈرە زۇخرۇف 9- ئايەت)

«(ئى مۇھەممەد! مۇشرىكلارغا) ئېيتقىنكى، «سىلەرگە ئاسماندىن (يامغۇر ياغدۇرۇپ) زېمىندىن (گىياھ ئۈندۈرۈپ) كىم رىزىق بېرىدۇ؟ سىلەرنىڭ ئاڭلاش ۋە كۆرۈش قابىلىيىتىڭلارنى كىم باشقۇرىدۇ؟ تىرىك شەيئىلەرنى ئۆلۈك شەيئىلەردىن كىم پەيدا قىلىدۇ؟ ئۆلۈك شەيئىلەرنى، تىرىك شەيئىلەردىن كىم پەيدا قىلىدۇ؟ (خالايىقنىڭ) ئىشلىرىنى كىم ئىدارە قىلىدۇ؟» ئۇلار (بۇلارغا جاۋابەن): «اللە» دەيدۇ. ئېيتقىنكى، «(اللە دىن غەيرىيگە چوقۇنۇش بىلەن اللە نىڭ ئازابىدىن) قورقمامسىلەر؟ (31).» (سۈرە يۇنۇس 31- ئايەت)

اللە قا بولغان ئىمانلىرىدا، اللە نىڭ ئاسمانلارنىڭ ۋە زېمىننىڭ ياراتقۇچىسى، رىزىق بەرگۈچى ھەممە نەرسىنى باشقۇرچى، تىرىلدۈرگۈچى ۋە ئۆلتۈرگۈچى ئىكەنلىكىنى، بۇتلىرىنىڭ پەقەت اللە تائالا بىلەن ئوتتۇرىسىدا ۋاسىتىچى ۋە شاپائەتچى ئىكەنلىكىگە ئىشەنگەنلىكى ئۈچۈن قۇرئان كەرىم ئۇلارنى شېرىك بىلەن ئىپادىلەپ، مۇشرىك دەپ نام بەرگەن. شېرىكتىن يېنىپ، لا ئىلاھە ئىللەللاھ (بىر اللە دىن باشقا ئىلاھ يوق) دېگۈچە، ئۆلتۈرۈشنى ئەمىر قىلغان. كېمىكى بۇ كەلىمىنى دېسە ۋە ئىمان كەلتۈرسە، قېنى ۋە مېلى قوغدىلىدۇ. اللە تائالا ۋاسىتىچى ۋە شاپائەتچىدىن مۇستەسنادۇر. اللە بەندىلىرىگە بويۇن تومۇرلىرىدىنمۇ يېقىندۇر. اللە قۇرئاندا مۇنداق دەيدۇ:

 « مېنىڭ بەندىلىرىم سەندىن مەن توغرۇلۇق سورىسا (ئۇلارغا ئېيتقىنكى)، مەن ھەقىقەتەن ئۇلارغا يېقىنمەن (يەنى ئۇلارنىڭ ئەھۋالىنى، سۆزلىرىنى بىلىپ تۇرىمەن)، ماڭا دۇئا قىلسا، مەن دۇئا قىلغۇچىنىڭ دۇئاسىنى ئىجابەت قىلىمەن، ئۇلار توغرا يول تېپىش ئۈچۈن مېنىڭ دەۋىتىمنى قوبۇل قىلسۇن ۋە ماڭا ئىمان ئېيتسۇن (يەنى ھەمىشە ئىمان بىلەن بولسۇن) (186).» (بەقەرە سۈرىسى 186- ئايەت)

اللە تائالا قۇرئان كەرىمىدە يەنە مۇنداق دېگەن: «ماڭا ئىبادەت قىلىڭلار، دۇئايىڭلارنى ئىجابەت قىلمەن.»

كىرىشنى خالىغان ھەرقانداق كىشىگە اللە نىڭ دەرۋازىسى ئوچۇقتۇر. ئىشىك باقار ياكى پەردىسى يوقتۇر.

 

اللە دىن باشقىسىنى قانۇن چىقارغۇچى دەپ قۇبۇل قىلىش

كۆپۈنچە ئىنسانلار بىلمىگەن، بىلىنمىگەن چوڭ شىرىكنىڭ باشقا بىرسى بولسا، اللە دىن باشقىسىنى قانۇن چىقارغۇچى ۋە ھاكىم دەپ قۇبۇل قىلىشتۇر. باشقىچە قىلىپ ئېيتقاندا، بەزى كىشىلەر، شەخس ياكى مەلۇم گۇرپىدىكى كىشىلەرگە، ئۆزلىرى ياكى باشقا بىرلىرىگە مۇقىم بىر قانۇن چىقىرىش ھەققىنى بىرىشمەكتە. ئۇلار خالىغانلىرىنى ھالال خالىغانلىرىنى ھارام قىلىشماقتا. ئۇلار اللە ئىزىن بەرمىگەن ۋە اللە نىڭ  شەرىئىتىگە مۇخالىپ ئۇسۇل ۋە قاراشلارنى قانۇن قىلىشىدۇ. باشقىلار بولسا ئۇلارنىڭ بېكىتكەن قانۇنلىرىغا خۇددى قارشى چىققىلى بولمايدىغان ئىلاھى قانۇن ۋە ساماۋى ھۆكۈمدەك ئىتائەت قىلىشىدۇ.

شۈبھىسىزكى مەخلۇقاتلار ئۈستىگە قانۇن چىقىرىش پەقەتلا اللە تائالانىڭ ھەققىدۇر. ئۇلارنى ياراتقان، رىزىق بەرگەن، ھەر تۈرلۈك نېمەتلەرنى ئۇلارغا بەخش ئەتكەن، اللە تۇر. ئىنسانلارنى مەسئۇل قىلىش، بۇيرۇش، چەكلەش، ھالال ۋە ھارامنى بەلگىلەشمۇ اللە نىڭ ھەققىدۇر. چۈنكى اللە ئىنسانلارنىڭ رەببى، مالىكى، ئىلاھىدۇر. اللە دىن باشقىسىنىڭ رۇبۇبىيەت، مۈلكىييەت ۋە ئۇلۇھىيەت ھەققى يوقتۇرسا قانۇن چىقىرىش ھەققى قانداقمۇ بولسۇن.

كىچىك شېرىكنىڭ تۈرلىرى

چوڭ شېرىكتىن باشقا شېرىكنىڭ باشقا تۇرلىرىمۇ بار. كىچىك شېرىك دەپ ئاتالغان بۇ ئىشلار، چوڭ گۇناھلاردىندۇر. بەلكى اللە تائالانىڭ ھۇزۇرىدا باشقا چوڭ گۇناھلاردىنمۇ چوڭ گۇناھىدۇر.

بۇلاردىن بەزىلىرى:

 اللە دىن باشقىسىنىڭ نامى بىلەن قەسەم قىلىش

بۇ كىچىك شېرىكتۇر. (قۇرئان تۇتۇپ، قۇرئان نامى بىلەن)  پەيغەمبەرلەر نامى بىلەن، كەبىنىڭ نامى بىلەن، ئەۋلىيالارنىڭ نامى بىلەن، چوڭلارنىڭ نامى بىلەن، ۋەتەن نامى بىلەن، دادا، بوۋىلارنىڭ نامى بىلەن ۋە باشقا مەخلۇقاتنىڭ نامى بىلەن قەسەم ئىچىش. بۇلارنىڭ ھەممىسى شېرىكتۇر.

ھەدىستە مۇنداق دېيىلگەن:

«كېمىكى اللە نىڭ نامىدىن باشقىسىنىڭ نامى بىلەن قەسەم ئىچسە كاپىر بولىدۇ. ياكى مۇشرىك بولىدۇ» (تىرمىزى رىۋايەت قىلغان ھەدىس)

بۇ قەسەمدە، قەسەم قىلغۇچىنىڭ بويۇن ئېگىشى سەۋەبلىك شۇنداق بولىدۇ. بويۇن ئېگىشكە لايىق بولغۇچى پەقەتلا اللە دۇر. شۇ سەۋەبلىك باشقىنىڭ نامىدا قەسەم ئىچىش چەكلەنگەن. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن:

«ئاتىلىرىڭلارنىڭ نامى بىلەن قەسەم قىلماڭلار، كىمكى قەسەم قىلسا اللە نامى بىلەن قىلسۇن ياكى قىلمىسۇن».

ئىبنى مەسئۇد رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق رىۋايەت قىلغان:  اللە نامى بىلەن يالغان يەرگە قەسەم قىلىش چوڭ گۇناھلاردىندۇر.

شېرىكنىڭ ھەم چوڭى ھەم كىچىكى ساھابىلەرنىڭ نەزىرىدە ئەڭ چوڭ گۇناھىدۇر. (اللە دىن باشقىسىنىڭ نامى بىلەن قەسەم قىلغۇچى، بۇنىڭغا ئەمەل قىلمايدۇ، ياكى بۇنىڭغا كاپارەت بەرمەيدۇ). چۈنكى بۇ شېرىكتۇر.     چۈنكى شېرىكنىڭ قىممىتى يوقتۇر. پەقەت اللە دىن گۇناھىنى مەغپىرەت قىلىشىنى تېلەش كېرەك.

 پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: « كىمكى لات ۋە ئۇززا دېگەن بۇتنىڭ نامى بىلەن قەسەم قىلسا، لا ئىلاھە ئىللەللاھ (بىر اللە دىن باشقا ئىلاھ يوق) دېسۇن. » (بۇخارى رىۋايەت قىلغان)

بۇ ھەدىسنىڭ بىلدۈرگىنىدەك، شېرىكنىڭ كاپارىتى يېگۈزۈش، ئىچكۈزۈش ئەمەس، تەۋھىدنى يېڭىلاشتۇر (يەنى قايتىدىن ئىمان ئېيتىشتۇر)

 .

(بالادىن ساقلايدۇ دەپ) ئۈزۈك ۋە تۇمارلارنى ئېسىش قولىغا يىپ باغلاش

تەقدىر اللە تائالانىڭ كائىناتقا قويغان سەۋەبلىرىگە قارشى چىقمايدۇ. ئاچلىق ئۈچۈن يېيىش. ئۇسسۇلۇققا ئۈچۈن سۇ ئىچىش، كېسەلدىن ساقىيىش ئۈچۈن دورا يېيىش، قوغدىنىش ئۈچۈن قورال لازىم بولىدۇ. ئىنسان كېسەل بولغىنىدا دوختۇرغا بارىدۇ. دوختۇرمۇ ئۇنىڭغا بىرەر دورا بېرىدۇ ياكى  ئوپېراتسىيە قىلىدۇ ياكى باشقا بىر شەكىلنى مۇۋاپىق كۆرىدۇ. بىمارمۇ بۇنى ئاڭلاپ بەجا كەلتۈرىدۇ. بۇ تەۋھىددىن چىقىپ كېتىش بولمايدۇ. تەۋھىدنىڭ قارشى چىققىنى، مەيدانغا كەلگەن ياكى مەيدانغا كېلىشى مۇمكىن بولغان بىر بالانى دەپئى قىلىش ئۈچۈن اللە نىڭ ئىزنى بېرىلمىگەن شەكلىدە بەزى مەخپىي ئىشلار ۋە سەۋەبلەرگە ئېسىلىشتۇر.

ئۈزۈكلەرنى سېلىش، قوللارغا يىپ باغلاش شۇلاردىندۇر. ئىمامى ئەھمەد ئىمران بىن ھۈسەيىندىن مۇنداق رىۋايەت قىلغان: «پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بىر ئادەمنىڭ قولىدا ئۈزۈك كۆردى، ھەمدە: سېنىڭ قولۇڭدا تۇچ  تىن بىر نەرسە كۆرۈۋاتىمەن، بۇ نېمە دېدى؟  زەئىپلىكتىن دېدى. رەسۇلۇللاھ ئۇ سېنىڭ زەئىپلىكىڭنى تېخىمۇ ئاشۇرىدۇ، ئۇنى ئېلىۋەت، سالغان ھالەتتە ئۆلۈپ كەتسەڭ، سېنى قۇتقۇزۇۋالغىلى بولمايدۇ، دېدى. » پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ بۇ توغرىدا چىڭ تۇرۇشىنىڭ سەۋەبى شېرىكنىڭ تۈرلىرىدىن ساقلىنىش ئۈچۈن. ساھابىلەرگە بۇ شېرىكنىڭ ئىشىكنى تامامەن تاقاشنى ئۆگىتىش ئۈچۈندۇر. شۇ سەۋەبلىك، ھۈزەيپە بىن يامامە زىيارەتكە بارغان بىر كېسەلنىڭ يېنىغا كىرگىنىدە، قولىدا بەزگەك كېسىلىنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ دەپ قارىلىدىغان بىر يىپنى كۆرۈپ ئۇنىڭ ئېلىۋېتىشنى ئېيتتى ھەمدە بۇ ئايەتنى ئوقۇدى :

 «ئۇلارنىڭ تولىسى اللە غا شېرىك كەلتۈرۈپ تۇرۇپ ئىشىنىدۇ (يەنى اللە نى ياراتقۇچى، رىزىق بەرگۈچى دەپ ئىقرار قىلىش بىلەن بىللە، بۇتلارغىمۇ چوقۇنىدۇ (106).» (سۈرە يۈسۈپ 106- ئايەت)

كۆزمونجاق ۋە تىل تۇمار تاقاش

 بۇمۇ شېرىكنىڭ بىر تۈرىدۇر. ئەرەبلەرنىڭ كۆپىنچىسى بالىلىرىغا كۆزمونجاق، تىل تۇمار ئېسىپ قويىدۇ. ئۇلار بۇ نەرسىلەرنىڭ جىنلاردىن قوغدايدۇ، كۆز تېگىشتىن ساقلايدۇ دەپ قارىشىدۇ. ئىسلام بۇلارنى ئىنكار قىلدى، بۇ نەرسىلەرنىڭ قوغدىغۇچى ۋە توسقۇچى ئەمەسلىكىنى ئۆگەتتى.

ئەھمەد، ئۇقبە بىن ئامىردىن رىۋايەت قىلىنغان، ھەدىستە: «كېمىكى كۆز مونچاق ئاسسا اللە ئۇنىڭ ئىشىنى قىلمايدۇ، كېمىكى تىل تۇمار ئاسسا، اللە ئۇنى قوغدىمايدۇ.» دېيىلگەن.

يەنە بىر رىۋايەتتە: «كۆزمونچاق تاقاش شېرىككە بارغان بولىدۇ» دېيىلگەن. كۆز مونچاق تاقاشنىڭ مەنىسى، بۇ نەرسىنىڭ بىر ياخشىلىقىنى چاقىرىدىغان، يامانلىقنى دەپئى قىلىدىغانلىقىغا ئىشىنىشتۇر. بۇ ئېنىقلا شېرىكتۇر. چۈنكى بۇ ئىشتا اللە دىن باشقىسىدىن زىياننى دەپئى قىلىشنى ئارزۇ قىلىش باردۇر.

اللە تائالا مۇنداق دەيدۇ:

«ئەگەر اللە ساڭا بىرەر كۈلپەت يەتكۈزسە، ئۇنى اللە دىن باشقا ھېچكىم كۆتۈرۈۋېتەلمەيدۇ، ئەگەر اللە ساڭا بىرەر ياخشىلىق يەتكۈزسە (ئۇ چاغدا ئۇنىڭغا ھېچكىم ئارىلىشالمايدۇ)، چۈنكى اللە ھەر نەرسىگە قادىردۇر (17).» (ئەنئام سۈرىسى 17- ئايەت)

بۇ كۆز مونجاقلارنىڭ تۈرلىرى، جامىئا، ھاراز، ھىجاب دەپ نام بېرىلگەن نەرسىلەردۇر. بۇلارنى قوللىنىش چوڭ گۇناھلاردىندۇر. كۈچى يەتكەن ھەرقانداق بىر كىشىنىڭ بۇنى يوق قىلىشى ۋاجىپتۇر. سەئىد بىن جۇبەيىردىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى:

«كېمىكى بىر ئىنساننىڭ كۆزمونچاق ۋە تىل تۇمار تاقىشىنى توسۇپ قالالىسا، بىر قۇلنى ئازاد قىلغاننىڭ ساۋابى بولىدۇ» دېيىلگەن.

ئەگەر بۇ تىل تۇمار قۇرئاننىڭ ئايەتلىرىدىن بىرەسى، ياكى اللە نىڭ ئىسىم سۈپەتلىرىدىن بىرەرى بولسا، بۇ ئەھۋالدا ئۇنى قوللىنىش چەكلەش دائىرىسىگە كىرەمدۇ؟ ياكى قوللىنىشى جائىز بۇلامدۇ؟

سەلەپ ئالىملىرى بۇ توغرىدا ئىختىلاپلاشقان، بەزىلىرى رۇخسەت بەرگەن، بەزىلىرى مەنئى قىلغان، شۇ دەلىللەرنى ئاساس قىلىپ، قۇرئان ئايىتى بولسىمۇ، ھەرقانداق تۇمار ئېسىشقا بولمايدىغانلىق قارشىنى قوللايمىز.

1- كۆزمونجاق، تىل تۇمار توغرىسىدىكى ھەدىس، ئومۇمى بولۇپ، ھېچ قانداق بىر يول قويۇش تىلغا ئېلىنمىغان.

2- شېرىككە ماڭدىغان يولنى تاقاش؛ قۇرئان كەرىمىدىن بولغان كۆز مونچاقلارنى تاقاشقا يول قويغاندا، باشقا نەرسىلەرنى ئېچىشقا يول ئېچىپ بەرگەنلىك بولىدۇ. شېرىكنىڭ ئېشىكى ئېچىلغاندا تاقالمايدۇ.

3- قۇرئان كەرىمىنىڭ مەينەتچىلىككە تاشلاپ قويغانلىق بولىدۇ، بۇ تاقىغان كىشى، ھاجەت قىلغاندا، جۇنۇپ بولغاندا ۋە باشقا ئەھۋاللاردا بۇ كىشىنىڭ ئۈستىدە بولىدۇ.

4- بۇ ئىشتا، قۇرئاننى كىچىك كۆرۈش، قۇرئاننىڭ ئېلىپ كەلگەنلىرىگە مۇخالىپ بىر ئەھۋال بولىدۇ. بۇ ھەق كىتابنى اللە ئىنسانلارنىڭ ھىدايەت رەھبىرى بولسۇن، زۇلمەتتىن يورۇقلۇققا چىقارسۇن دەپ نازىل قىلغان. ئاياللارغا ۋە بالىلارغا تىل تۇمار ۋە كۆزمونچاق بولسۇن دەپ نازىل قىلمىغان.

دەم سېلىش

بۇمۇ تەۋھىدكە زىت بولغان ئىشلاردىندۇر. دەم سېلىش، جاھىلىيەت ئەرەبلىرىنىڭ ئۆزلىرىنى ئاپەتلەردىن ساقلايدىغانلىقىنى ئىشەنچى بىلەن جىنلاردىن ياردەم تىلەپ سۆزلىگەن بەزى ئەجنەبىي چۈشىنىكسىز ئىپادىلەردۇر. ئىسلام كېلىپ بۇ ئىشنى ئەمەلدىن قالدۇرغان ئىدى. ھەدىستە مۇنداق دەيدۇ:

«دەم سېلىش، كۆزمونجاق، تىل تۇمار ۋە سېھىر شېرىكتۇر.»

 ساھابىلەر مۇنداق رىۋايەت قىلغان

«ئابدۇللاھ ئىبنى مەسئۇد رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ ئايالىنىڭ بوينىدا بىر يىپنىڭ بارلىقىنى كۆرۈپ بۇنىڭ نېمە ئىكەنلىكىنى سورىغاندا، مېنى بەزگەك كېسىلىدىن ساقلايدىغان ئوقۇلغان يىپ دەپ جاۋاب بەردى. ئۇ يىپنى تارتىپ ئېلىپ چۆرۈۋەتتى، ئاندىن مۇنداق دېدى. ئابدۇللانىڭ ئائىلىسى شېرىكتىن يىراقتۇر. روسۇلىللانىڭ مۇنداق دېگەنلىكىنى ئاڭلىدىم، «دەم سېلىش، تۇمار ئېسىش ۋە سېھىر قىلىش، شېرىكتۇر» ئايالى كۆزۈمگە بىرنەرسىلەر كۆرۈنىدىغان بولۇپ قېلىپ پالانى يەھۇدىينىڭ قېشىغا بارغان ئىدىم، دەم سېلىپ قويغان ئىدى، ساقايدى. دېدى. ئابدۇللاھ بۇ شەيتاننىڭ ئىشىدۇر. دەپ جاۋاب بەردى. شەيتان بۇنى قولى بىلەن قىلىدۇ، ئوقۇپ دەم سالغىنىدا، بۇنداق دېگەن بولساڭ، ساڭا يىتەردى، «ئەي ئىنسانلارنىڭ رەببى! بۇ قىيىنچىلىقنى كەتكۈزگىن، شىپالىق بەرگىن، شىپالىق بەرگۈچى سەن، بۇ شىپا شۇنداق شىپاكى، ئۇنىڭدىن باشقا شىپا يوقتۇر، ئۇ ھېچقانداق بىر كېسەلگە ئورۇن بەرمەس.»

ھارام بولغان ئوقۇپ سۈفلەش، مەزمۇنىدا اللە دىن باشقىسىدىن ياردەم ئىزدەش بولغان، ياكى كۇپۇر، ياكى شېرىك بولغان، ئەرەب تىلىدىن باشقا بىر تىلدا بولغانلىرىدۇر. بۇندىن باشقىسىدا ئوقۇپ سۈفلەشنىڭ بىر زىيىنى يوق. سەھىھ مۇسلىمدا، ئەۋىپ ئىبنى مالىكنىڭ مۇنداق دېگەنلىكى رىۋايەت قىلىنغان: «جاھىلىيەتتە سۈفلەيتتۇق، رەسۇلۇللاھقا بۇ توغرىسىدا نېمە دەيسىز دەپ سورىدۇق، قىلغانلىرىڭلارنى ماڭا كۆرسىتىڭلار، شېرىك بولمىغان سۈفلەشتە بىر زىيان يوق.» دېدى.

سۇيۇتى مۇنداق دەيدۇ، ئۈچ شەرت تېپىلسا، ئوقۇپ سۈفلەشنىڭ جائىز ئىكەنلىكىدە، ئۆلىمالار ئىتتىپاقتۇر. 1- اللە نىڭ كالامى، ئىسىملىرى ياكى سۈپەتلىرى بولۇش. 2- ئەرەبچە ياكى چۈشەنچىلىك بۇلىشى. 3- ھەقىقەتەن بۇنىڭ بىر تەسىرىنىڭ يوقلۇقىغا، بۇنىڭ اللە نىڭ تەقدىرى بىلەن بولغانلىقىغا ئىشىنىشتۇر.

ھەدىستە تىلغا ئېلىنغان سېھىر، ئەركىشىنىڭ ئايالنى، ئايالنىڭ ئەرنى ياخشى كۆرۈپ قېلىشى ئۈچۈن قىلىنغان سېھىردۇر.

سېھىرگەرلىك

ئىسلامنىڭ چەكلىگەن شېرىكنىڭ يەنە بىر تۈرى سېھىردۇر. سېھىر خىيال ۋە ئەمەلىيەتتە بولمىغان ئەمما بولدى دەپ تونۇلغان ئىشلارنىڭ بىر تۈرىدۇر. سېھىر، دەم سېلىش، تۈگۈنچە باغلاشلار بۇ تۈرىدىندۇر. اللە نى تاشلاپ، جىن، شەيتان، يۇلتۇزلاردىن ياردەم تىلەش بولغانلىقى ئۈچۈن شېرىكتۇر.

ھەدىستە مۇنداق كەلگەن: «كېمىكى تۈگۈنلەرنى باغلىسا، دەم سالغان بولسا سېھىر قىلغان بولىدۇ، كېمىكى سېھىر قىلغان بولسا شېرىككە ماڭغان بولىدۇ».

 بۇ ئىسلامدا ۋە باشقا ساماۋى دىنلاردا چوڭ گۇناھلاردىندۇر. مۇسا ئەلەيھىسسالامنىڭ تىلى بىلەن قۇرئان كەرىمىدە مۇنداق دېيىلگەن:

«سېھىرگەرلەر قەيەرگە بارسا مۇۋەپپەقىيەت قازىنالمايدۇ» (69). (سۈرە تاھا 69- ئايەت) »

«ئۇلار تاشلىغاندا، مۇسا: «سىلەرنىڭ كۆرسەتكىنىڭلار سېھىردۇر، اللە چوقۇم ئۇنى بەربات قىلىدۇ، اللە بۇزغۇنچىلارنىڭ ئىشىنى ئەلۋەتتە تۈزىمەيدۇ» دېدى (81).» (سۈرە تاھا 81- ئايەت)

پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام، بۇنى شېرىكتىن كېيىنكى ھالاك قىلىدىغان يەتتە ئىشتىن بىرى دەپ سانىغان. قۇرئان كەرىم بىزگە، سېھىردىن ۋە ئۇنى قىلغانلارنىڭ يامانلىقىدىن اللە قا سېغىنىشنى ئۆگەتمەكتە.

«تۈگۈنلەرگە دەم سالغۇچى سېھىرگەرلەرنىڭ شەررىدىن، ھەسەتخورنىڭ ھەسەت قىلغان چاغدىكى شەررىدىن سۈبھىنىڭ پەرۋەردىگارى (اللە) غا سېغىنىپ پاناھ تىلەيمەن» دېگىن (1-5).»

 (سۈرە فەلەق 1-4- ئايەتلەر) »

سېھىرگەرلەر سېھىر قىلماقچى بولغىنىدا، يىپ باغلايدۇ، ھەر تۈگۈنلەرگە سۈفلەيدۇ، سەلەپلەرنىڭ كۆپىنچىسى سېھىر قىلغۇچىلارنى كاپىر، سېھىرنى كۇپۇر دېگەن قاراشتا، مالىك، ئەبۇ ھەنىپە،  ئەھمەد قاتارلىقلار، بۇ قاراشتىكى كىشىلەردۇر.

خېلى كۆپ ساھابىلەرنىڭ رىۋايەت قىلىنغانغا ئاساسلانغاندا سېھىرگەرنىڭ جازاسى قىلىچ بىلەن ئۆلتۈرلۈشتۇر. بۇخارىدا بىجالە بىن ئابدىنىڭ مۇنداق دېگەنلىكىنى رىۋايەت قىلىنغان: «ئۆمەر ئىبنى خەتتاب رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ، سېھىرگەر ئەر ۋە ئاياللارنىڭ ئۆلتۈرۈلۈشىنى ئەمىر قىلدى، بىز ئۈچ سېھىرگەرنى ئۆلتۈردۇق.»

 مۆمىنلەرنىڭ ئانىسى ھەپسە رەزىيەللاھۇ ئەنھادىن ۋە جۇندۇب رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن سېھىرگەرنىڭ ئۆلتۈرۈلۈشى توغرىسىدا، سەھىھ رىۋايەتلەر باردۇر.

سېھىر ھارام بولغىنىدەك، بۇنى تەستىق قىلغۇچى، بۇ ئىشنى كەسىپ قىلغان، بۇنىڭغا يول كۆرسەتكەن، ھەسسە قوشقانلارنىڭ ھەممىسى بۇ گۇناھتا ئورتاقتۇر. مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «ئۈچ كىشى جەننەتكە كىرمەيدۇ، داۋاملىق ھاراق ئىچكەن، سېھىر قىلغان، سىلە رەھمىنى كەسكەن كىشى» (ئەھمەد ئىبنى ھەببان)

مۇنەججىملىك (يۇلتۇزلارغا قاراپ پال سالغۇچى)

سېھىرنىڭ بىرخىلى مۇنەججىملىك دەپ ئاتالغان ئىشىتۇر. بۇ يەردە تىلغا ئېلىنغان ۋە قىلغانلارنىڭ كەلگۈسىدە مەيدانغا كېلىدىغان ئالاھىدە ۋەقە ۋە ئىشلارنى يۇلتۇزلارغا قاراپ خەۋەر بېرىشتۇر. بۇ سېھىرنىڭ بىر تۈرىدۇر.

ھەدىستە مۇنداق دېيىلگەن: «كېمىكى يۇلتۇزلارغا قاراپ كەلگۈسىدىن خەۋەر بەرگەن بولسا، سېھىر بىلەن خەۋەر بەرگەن بولىدۇ». (ئەبۇ داۋۋد رىۋايەت قىلغان)

بۇ ھەدىس، ئاسترونومىيە ئىلمى (ئاسمان ئىلمى) يۇلتۇزلارنىڭ مۇساپىسىنى، ئورۇنلىرىنى، يورۇقلۇقىنى تەتقىق قىلىش ئىلمىگە قارىتىلغان ھەدىس ئەمەس. بۇ ئاسمان ئىلمى ياكى پەلەك ئىلمى يەنى ئاسترونومىيە دۇر. بۇ ئىلىم، ئادەملىرى، قوراللىرى، ئۈسكۈنىلىرى بولغان بىر ئىلىمدۇر. لېكىن، بۇ ئىلىمنى كۇپۇرغا ئېلىپ بارغۇدەك دەرىجىدە، غايىپنى بىلىدىغان ئىدىيە بولسا، پەقەت  غايىپنى بىلگۈچى، اللە بولغانلىقى ئۈچۈن شېرىككە بارغان بولىدۇ.

تىۋەلە (ھەرپلەر بىلەن سېھىر قىلماق، ياكى پال ئاچماق) سېھىر شېرىكتۇر

بۇ بۇرۇندىن سېھىرگەرلەر ئارىسىدا كەڭ تارقالغان، بىر سېھىر تۈرىدۇر. ھەرىپ، كەلىمە ۋە باشقا بەزى نەرسىلەر بىلەن ئىشلارنى ئىزاھلاش، ئالدىن خەۋەر بېرىشتۇر. بۇنىڭ ئەرلەرنى ئاياللارغا، ئاياللارنى ئەرلەرگە، ياخشى كۆرسىتىش مەقسەت قىلىنغان، يۇقىرىدا بىر ھەدىسنى تىلغا ئالغان ئىدۇق. «(ئايەتتىن باشقا نەرسىلەر بىلەن) ئوقۇپ سۈفلەش، تىل تۇمار ۋە سېھىر شېرىكتۇر».

كاھىن ۋە پالچىلار

كاھىن پالچىلار مۇنەججىم بىلەن ئوخشاشتۇر. كاھىن كەلگۈسىدىن ۋە ئىنسانلارنىڭ ئوتتۇرىسىدا بولغان ئىشلاردىن خەۋەر بەرگەن كىشىدۇر. پالچى بولسا، كاھىن، مۇنەججىم ۋە رەممالدەك غايىپنى بىلىدىغانلىقىنى سۆزلىگەن كىشىدۇر. كەلگۈسى توغرىسىدا خەۋەر بەرگۈچىلەر بولسۇن، ئىنسانلار ئوتتۇرىسىدىكى مەخپىي ئىشلاردىن خەۋەر بەرگۈچى بولسۇن، جىنلار بىلەن مۇناسىۋەت باغلاپ، قۇمدىن سىزىقچە چىقىرىدىغانلار بولسۇن، چىنىگە قاراپ پال سالىدىغانلار بولسۇن ھەممىسى كاھىن، پالچى، مۇنەججىم، ھەممىسى سېھىرگەردۇر.

مۇسلىمدا رىۋايەت قىلىنغان ھەدىستە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «كېمىكى بىر پالچىغا بېرىپ بىر ئىشنى سورىسا ۋە ئۇنىڭغا ئىشەنسە، قىرىق نامىزى قوبۇل بولمايدۇ».

ئەبۇ داۋۇتنىڭ رىۋايەت قىلغان يەنە بىر ھەدىستە:

«كېمىكى بىر كاھىنغا بېرىپ، ھەمدە ئۇنىڭ سۆزلىگەنلىرىگە ئىشەنسە، مۇھەممەدكە نازىل بولغاننى (قۇرئاننى) ئىنكار قىلغان بولىدۇ» دېگەن.

بۇنىڭ سەۋەبى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا نازىل قىلىنغاندەك غايىپنى اللە دىن باشقىسىنىڭ بىلمەيدىغانلىقىدىندۇر. اللە تائالا مۇنداق دەيدۇ:

«اللە دىن بۆلەك ئاسمانلاردىكى ۋە زېمىندىكىلەر غەيبنى بىلمەيدۇ، ئۇلار (يەنى خالايىق) قاچان تىرىلىدىغانلىقلىرىنى بىلمەيدۇ (65).» (سۈرە نەمىل 65- ئايەت)

«غايىبنىڭ خەزىنىلىرى اللە نىڭ دەرگاھىدىدۇر، ئۇنى پەقەتلا اللە بىلىدۇ، قۇرۇقلۇقتىكى، دېڭىزدىكى نەرسىلەرنىڭ ھەممىسىنى اللە بىلىدۇ، (دەرەختىن) تۆكۈلگەن ياپراقتىن اللە بىلمەيدىغان بىرەرسىمۇ يوق، مەيلى قاراڭغۇ يەر ئاستىدىكى بىرەر دانە ئۇرۇق بولسۇن، مەيلى ھۆل ياكى قۇرۇق نەرسە بولسۇن، ھەممىسى (اللە غا مەلۇم بولۇپ) لەۋھۇلمەھپۇزدا يېزىقلىقتۇر (59).» (سۈرە نەمىل 59- ئايەت)

«اللە غەيبنى بىلگۈچىدۇر، ئۆزىنىڭ غەيبىدىن ھېچبىر ئادەمنى خەۋەردار قىلمايدۇ (26). پەقەت اللە ئۆزى مەمنۇن بولغان پەيغەمبىرىگىلا (بەزى غەيبنى بىلدۈرىدۇ)، ئۇنىڭ ئالدىغا ۋە ئارقىسىغا كۆزەتچى (پەرىشتە) سېلىپ قويىدۇ (27).» (سۈرە جىن 26-27-ئايەتلەر)

پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالاممۇ، ۋەھىي ئارقىلىق اللە نىڭ ئۆزىگە بىلدۈرگەن غايىپتىن باشقا غايىپنى بىلمەيتتى. شۇ سەۋەبلىك ئۇ مۇنداق خىتاب قىلىنغان.

 «اللە خالىمىغان ئىكەن، ئۆزۈمگە پايدا يەتكۈزۈش، زىياننى ئۆزۈمدىن دەپئى قىلىش قولۇمدىن كەلمەيدۇ، (قىيامەتنىڭ قاچان بولۇشىنى قانداقمۇ بىلەي؟) ئەگەر مەن غايىبنى بىلىدىغان بولسام (دۇنيا مەنپەئەتلىرىدىن) نۇرغۇن مەنپەئەت ھاسىل قىلغان بولاتتىم، زىيان- زەخمەتكىمۇ ئۇچرىمىغان بولاتتىم (لېكىن مەن غەيبنى بىلمەيمەن. شۇڭا ماڭا تەقدىر قىلىنغان ياخشى- يامانلىق يېتىپ تۇرىدۇ). مەن پەقەت ئىمان ئېيتىدىغان قوۋم ئۈچۈن ئاگاھلاندۇرغۇچى ۋە خۇش خەۋەر بەرگۈچى قىلىپ ئەۋەتىلگەن پەيغەمبەرمەن» (188).» (سۈرە ئەئراف 188- ئايەت)

سېھىرگەر ۋە كاھىنلار ياردەم تىلىگەن جىنلار غايىب بىلىمىنى بىلمەيدۇ. ھەمدە بىلىشكىمۇ قۇربى يەتمەيدۇ. قۇرئان كەرىمىدە سۇلايمان ئەلەيھىسسالامنىڭ ئۆلۈمىنىڭ جىنلارنىڭ بىلمىگەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويماقتا:

«سۇلايماننىڭ ۋاپاتىنى ھۆكۈم قىلغىنىمىزدا (يەنى ئۇنى ۋاپات قىلدۇرغىنىمىزدا) سۇلايماننىڭ ئۆلگەنلىكىدىن جىنلارنى پەقەت ئۇنىڭ ھاسىسىنى يېگەن قۇرۇتلار خەۋەردار قىلدى. سۇلايمان (ھاسىسىنى قۇرۇت يەپ) يىقىلغان چاغدا جىنلارغا ئېنىق بولدىكى، ئەگەر ئۇلار غەيبنى بىلىدىغان بولسا ئىدى، خار قىلغۇچى ئازابتا (يەنى شۇنچە ئۇزاق ۋاقىت ئېغىر ئەمگەكتە) قالمىغان بولاتتى (14).» (سۈرە سەبەھ 14- ئايەت)

كاھىن ۋە پالچىلارنى غايىپنى بىلىدۇ دەپ ئىشەنمەك، اللە نىڭ ئوچۇق ئاشكارا چۈشۈرگەنلىرىنى ئىنكار قىلغانلىق بولىدۇ. ئۇلارنىڭ قېشىغا بېرىش، دىن نامى بىلەن قىلغان سۆزلىرىنى تەستىقلاش شىرىك بۇلىدۇ، كاھىن ۋە پالچىلارنىڭ ئۆزىنىڭ ھالى نېمە بولۇپ كېتەر. دىن ئۇلاردىن يىراق بولغىنىدەك، ئۇلارمۇ دىندىن يىراقتۇر. بىر ھەدىستە مۇنداق دېيىلگەن:

«بەختسىزلىككە يول ئاچقان، كاھىنلىق قىلغان ياكى بۇنىڭغا سەۋەب بولغان، سېھىرگەرلىك قىلغان ياكى بۇنىڭغا سەۋەب بولغان، بىزدىن ئەمەس» .( بەززار)

اللە دىن باشقىسىغا نەزىر قىلىش (بىر ياخشىلىق قىلىمەن دەپ ۋەدە قىلىش)

بۇمۇ بىر شېرىكتۇر. قەبرىلەر ۋە ئۆلۈكلەرگە بىر نەرسە نەزىر قىلىش. بۇ نەزىر ياكى ۋەدە قىلىشنىڭ بىر ئىبادەت ياكى يېقىنلىق بۇلىشى سەۋەبلىكتۇر. ئىبادەتنىڭ بولسا اللە دىن باشقىسىغا قىلىش جائىز ئەمەستۇر. اللە تائالا مۇنداق دەيدۇ:

«نېمىنى خەير- ئېھسان قىلماڭلار ياكى (اللە نىڭ يولىدا) نېمىنى ۋەدە (نەزىر) قىلماڭلار اللە ئۇنى ھەقىقەتەن بىلىپ تۇرىدۇ. زالىملار (يەنى زاكاتنى مەنئى قىلغۇچىلار ياكى پۇل- مېلىنى گۇناھ ئىشلارنى سەرپ قىلغۇچىلار) غا ھېچقانداق مەدەتكار چىقمايدۇ (270).» (سۈرە بەقەرە 270- ئايەت)

ئايەتتە تىلغا ئېلىنغان زالىملار مۇشرىكلاردۇر. شېرىك چوڭ زۇلۇمدۇر. اللە دىن باشقىسىغا ئىبادەتكە يۈزلەنگەن كىشى چوقۇم شېرىككە بارىدۇ.

بەزى ئالىملار مۇنداق دەيدۇ: كۆپىنچە كىشىلەردە كۆرۈلگەن نەزىر قىلىش، غايىب بولغان بىرەر ئىنسان، بىرەر كېسەل، ياكى ئېھتىياجلىقلارنىڭ بەزى سالىھ كىشىلەرنىڭ قەبرىسىگە بېرىشى بىلەن قىلىنغان نەزىرىدۇر. ئۇ يەردە مۇنداق دەيدۇ: ئەي پالانى غوجام، اللە يوقاپ كەتكەن كىشىنى قايتۇرۇپ كەلسە، ياكى كېسىلىم شىپا تاپسا، ياكى ئېھتىياجىم قانسا، ساڭا مۇنچىلىك، ئالتۇن، ياكى مۇنچىلىك يېمەكلىك، ياكى شۇنچىلىك شام، ياكى ياغ نەزىر قىلىمەن دەيدۇ.

تۈۋەندىكى دەلىللەر بىلەن بۇ نەزىر باتىلدۇر.

1- بۇ مەخلۇققا قىلىنغان نەزىرىدۇر. بۇ جائىز ئەمەس، بۇ ئىبادەتتۇر. ئىبادەت بەندىگە قىلىنمايدۇ.

2- نەزىر قىلىنغان ئۆلۈكتۇر. ئۆلۈك ھېچقانداق بىر ئىش قىلالمايدۇ.

3- بۇنى قىلغان اللە دىن باشقىسىنىڭ، ئۆلۈكنىڭ بۇ دۇنياغا تەسىرى بار دەپ ئويلاشتۇر. بۇنداق ئىشىنىش كۇپۇردۇر.

كۆرگىنىمىزدەك، پۇل، شام، ياغ ۋە باشقا نەرسىلەرنى ئېلىپ بۇلارنى ئەۋلىيالارنىڭ مازارلىرىغا يېقىنلىق بولسۇن، دەپ ئېلىپ بېرىشى مۇسۇلمانلارنىڭ ئىجمائى بىلەن ھارامدۇر. بۇ خىلدىكى نەزىرنىڭ ھارام بولغانلىقتىن بۇلارنى قىلىشقا بولمايدۇ. تۈۋەندىكى ئۈچ دەلىل بىلەن جائىز ئەمەس.

1- قىلىنغان بۇ ئىش پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ئەمرىگە مۇخالىپتۇر. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «كېمىكى، بىزدە بولمىغان بىر ئىشنى قىلسا، بۇ مۇرتەتتۇر (بۇ ئىش رەت قىلىنىدۇ)». (مۇسلىم رىۋايەت قىلغان) .

2- اللە دىن باشقىسىغا نەزىر قىلىش شېرىكتۇر. شېرىكنىڭ ھېچقانداق قىممىتى يوقتۇر. بۇ مەخلۇقلارنىڭ نامى بىلەن قەسەم قىلغان بىلەن ئوخشاشتۇر. بۇنداق قەسەم ئىجرا قىلىنمايدۇ. كاپارىتىمۇ يوقتۇر. شەيىخۇل ئىسلام ئىبنى تەيمىيەنىڭ دېگىنىدەك، ئىستىغپار ئېيتىشى لازىمدۇر.

3- مەنبەسىدە گۇناھ بولغان بىر نەزىرىدۇر. سۈننەتنىڭ بىلدۈرگىنىدەك مەنبەسىدە، گۇناھ ۋە شېرىك بار نەزىرنى ئورۇنلاشقا بولمايدۇ.

 سەھىھ بۇخارىدا ھەزرىتى ئايىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھادىن مۇنداق رىۋايەت قىلىنىدۇ:

 «كېمىكى اللە قا ئىتائەت قىلىش ئۈچۈن نەزىر قىلغان بولسا، ئىتائەت قىلسۇن، كېمىكى اللە قا ئىسيان كۆتۈرۈش ئۈچۈن نەزىر قىلغان بولسا، ئىسيان كۆتۈرمىسۇن» دېيىلگەن.

سابىت بىن دەھھاق رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، « بىر ئادەم بۇۋاننادا بىر تۈگە قۇربانلىق قىلىپ نەزىر قىلماقچى بولدى، بۇنى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامدىن سورىدى: پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېدى: «ئۇ يەردە ئىبادەت قىلىنىدىغان جاھىلىيەتنىڭ بۇتى بارمۇ؟ دەپ سورىدى، ھېلىقى كىشى ياق دەپ جاۋاب بەردى. ئۇ يەردە بايرام قىلىنىۋاتامدۇ؟ دەپ سورىدى، ياق دەپ جاۋاب بەردى. ئۇنداق بولسا نەزىرىڭنى قىل دېدى. اللە قا ئىسيان كۆتۈرۈشكە ۋە ھېچ ئىشقا كۈچى يەتمەيدىغان ئىنسان بالىسىغا، نەزىر قىلىنمايدۇ» دېگەن.

اللە دىن باشقىسىغا ئاتاپ قۇربانلىق قىلىش

شېرىكنىڭ يەنە بىر تۈرى اللە دىن باشقىسىغا ئاتاپ قۇربانلىق قىلىشتۇر. خۇدالىرىغا ۋە بۇتلىرىغا، ئاتاپ قۇربانلىق قىلىش پۈتۈن ئەرەبلەرنىڭ ئادىتى ئىدى. ئىسلام بۇنى ئەمەلدىن قالدۇردى.

«اللە پەقەت تەقۋادارلارنىڭ (قۇربانلىقىنى) قوبۇل قىلىدۇ (27).» (مائىدە سۈرىسى 27- ئايەت)

  يەنى اللە نامىدىن باشقا، بۇت ۋە باشقا نەرسىلەرنىڭ نامى تىلغا ئېلىنىپ قۇربانلىق قىلىنغان ھايۋانلار، ئىبادەت قىلىش، تەزىم قىلىش، ئۇلۇغلاش ئۈچۈن تاش، ياغاچ ۋە باشقا بۇتلارغا قۇربانلىق قىلىنغان ھايۋانلار ھارامدۇر. چۈنكى قۇربانلىق قىلىش پەقەت اللە ئۈچۈنلا بولىدۇ. شۇ سەۋەبلىك اللە تائالا پەيغەمبىرىگە نامىزىنى اللە ئۈچۈنلا ئوقۇشىنى، قۇربانلىقنىمۇ يەنە اللە ئۈچۈنلا قىلىشىنى ئەمىر قىلدى.

«پەرۋەردىگارىڭ ئۈچۈن ناماز ئوقۇغىن ۋە قۇربانلىق قىلغىن (2).» (كەۋسەر سۈرىسى 2- ئايەت)

 شۇنىڭ بىلەن بىرگە ئۆزىنىڭ يولىدا، نامىزىدا، ئىبادەتلىرىدە  مۇشرىكلارغا زىت ئېكەنلىكىنى ئېلان قىلىشىنى ئەمىر قىلدى:

 «(ئى مۇھەممەد!) ئېيتقىنكى، «مېنىڭ نامىزىم، قۇربانلىقىم، ھاياتىم ۋە ماماتىم (دۇنيادا قىلغان ياخشىلىقلىرىم ۋە تائەت- ئىبادەتلىرىم) ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارى اللە ئۈچۈندۇر (162). اللە نىڭ شېرىكى يوقتۇر، مەن مۇشۇنىڭغا (يەنى يالغۇز اللە قىلا خالىس ئىبادەت قىلىشقا) بۇيرۇلدۇم، مەن مۇسۇلمانلارنىڭ ئەۋۋىلىمەن» (163).» (ئەنئام سۈرىسى 162-163- ئايەتلەر)

 بۇ يەردىكى ئىبادەت يېقىنلىشىش نىيىتى بىلەن قۇربانلىق قىلىشتۇر.

ئەلى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، ئۇ مۇنداق دېگەن:

«رەسۇلۇللاھ ماڭا تۆت ئىشنى ئېيتتى. اللە دىن باشقىسىغا قۇربانلىق قىلغاننى ئاللاھ لەنەت قىلسۇن. ئاتا ئانىسىغا لەنەت قىلغاننى اللە لەنەت قىلسۇن. بىر گۇناھكارنى يوشۇرۇپ ساقلىغاننى اللە لەنەت قىلسۇن ئېتىز، يەر ۋە باشقا نەرسىلەرنىڭ ئۆلچىمىنى بۇزغاننى اللە لەنەت قىلسۇن» دېدى.» (مۇسلىم رىۋايەت قىلغان)

تارىق بىن شائىبدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، رەسۇلۇللاھ مۇنداق دېدى:

«بىر ئىنسان جەننەتكە بىر چىۋىن سەۋەبلىك كىردى، يەنە بىر ئىنسانمۇ دوزاخقا چىۋىن سەۋەبلىك كىردى. بۇ قانداق ئىش اللە نىڭ ئەلچىسى دېيىشتى. ئىككى كىشى بۇتقا ئىبادەت قىلىدىغان بىر قوۋمغا ئۇچراشتى، بۇ بۇتقا بىر ھايۋاننىڭ قۇربانلىق قىلىنىشى كېرەك ئىدى. بىرى مىنىڭ قۇربانلىق قىلغۇدەك بىر نەرسەم يوق دېدى. ئۇنداق بولسا چىۋىن بولسىمۇ قۇربانلىق قىل دېدى. ئۇ چىۋىن تۇتۇپ قۇربانلىق قىلدى. جەھەننەمگە لايىق بولدى. يەنە بىرىگە قۇربانلىق قىل دېدى. ئۇ مەن اللە دىن باشقىسىغا قۇربانلىق قىلمايمەن دېدى. كاللىسىنى ئالدى، جەننەتكە لايىق بولدى.» ( ئەھمەد رىۋايەت قىلغان).

پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بۇ مۇئمىن كىشىنى ماختىدى، جەننەتكە كىرگەنلىكىنى خەۋەر قىلدى. چۈنكى ئۇ ئۆلۈمگە سەۋر قىلىپ اللە دىن باشقىسىغا قۇربانلىق قىلىشقا رازى بولمىغان ئىدى. چۈنكى بۇ مەسىلە بەكمۇ دىققەت قىلىدىغان مەسىلە. بۈگۈن اللە دىن باشقىسىغا چىۋىننى قۇربانلىق قىلغان كىشى ئەتە تۈگۈنىمۇ قۇربانلىق قىلىشى مۇمكىن ئىدى.

ئىسلام تەۋھىدكە، شېرىكتىن قېچىشقا ناھايىتى ئەھمىيەت بەرگەنكى، اللە دىن باشقىسىغا ئاتاپ قۇربانلىق قىلغان بىر جايدا، اللە ئۈچۈن قۇربانلىق قىلىشنى چەكلىگەن. بۇنىڭغا بۇ ھەدىس دەلىلدۇر:

سابىت بىن دەھھاق رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى،

«بىر ئادەم بۇۋاننادا بىر تۈگە قۇربانلىق قىلىپ نەزىر قىلماقچى بولدى، بۇنى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامدىن سورىدى: پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېدى: «ئۇ يەردە ئىبادەت قىلىنىدىغان جاھىلىيەتنىڭ بۇتى بارمۇ؟ دەپ سورىدى، ھېلىقى كىشى ياق، دەپ جاۋاب بەردى. ئۇ يەردە بايرام قىلىنىۋاتامدۇ؟ دەپ سورىدى، ياق دەپ جاۋاب بەردى. ئۇنداق بولسا نەزىرىڭنى قىل دېدى. اللە قا ئىسيان كۆتۈرۈشكە ۋە ھېچ ئىشقا كۈچى يەتمەيدىغان ئىنسان بالىسىغا، نەزىر قىلىنمايدۇ ». دېگەن.

خەيرلىك بولماسلىقىغا ئىشىنىش شېرىكتۇر

شېرىكنىڭ يەنە بىر تۈرى خەيرلىك بولماسلىققا ئىشىنىشتۇر. بۇ ئاڭلىغان ياكى كۆرگەن بەزى نەرسىلەرنى شۇم ساناشتۇر. نىيەت قىلغان سەپەر، ئۆيلىنىش، تىجارەت ۋە باشقا نەرسىلەردىن خەيرلىك بولمايدۇ دەپ قاراپ ۋاز كېچىشتۇر. ئىخلاس بىلەن اللە تائالاغا تەۋەككۈل قىلماستىن، ئۇنىڭدىن باشقىسىغا يۈزلىنىپ قەلبىدە خەيرلىك بولمايدىغانلىقىغا ئىشەنگەنلىك سەۋەبىدىن شېرىككە چۈشكەن بولىدۇ.

 ئىمامى ئەھمەد پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ مۇنداق دېگەنلىكىنى رىۋايەت قىلىدۇ:

« كېمىكى خەيرسىز بولغانلىققا ئىشەنگەنلىك سەۋەبلىك ئىشىدىن ۋاز كەچسە، شېرىككە بارغان بولىدۇ. بۇنىڭ كاپارىتى نېمە؟ دەپ سورالغاندا، مۇنداق دېيىشتۇر دېدى: « ئى اللە سېنىڭ ياخشىلىقىڭدىن باشقا ياخشىلىق يوقتۇر. سېنىڭ يامانلىقىڭدىن باشقا يامانلىقىڭ يوقتۇر. سەندىن باشقا رەببىممۇ يوقتۇر.» دېيىش.

ئىنساننىڭ نەپسىدىكى بەزى ئەنسىرەش ۋە دېلىغۇل بولۇشنىڭ زىيىنى يوقتۇر. اللە قا تەۋەككۈل قىلىپ ئۇنىڭ يولىدا ماڭسا، خەيىرسزلىك ئۇنىڭ نىيەت ۋە مەقسەتلىرىدىن ئايرىپ قويالمايدۇ. ئەبۇ داۋۇت ۋە تىرمىزى ئىبنى مەسئۇددىن رىۋايەت قىلىدۇكى:

 «خەيىرسىزلىك شېرىكتۇر، خەيىرسىزلىك شېرىكتۇر. بۇ بىزدىن ئەمەس، بۇنى پەقەت اللە قا تەۋەككۈل قىلمايدىغانلار قىلىدۇ.»

كىشىنىڭ قەلبىدە مۇشۇنداق بىرەر ئەنسىرەش دېلىغۇل بولسا، اللە قا تەۋەككۈل قىلىشى سەۋەبلىك ئۇنى قەلبىدىن چىقىرىۋېتىدۇ.

ئاللاھ تائالا قۇرئان كەرىمدە مۇنداق دەيدۇ:

 «كىمكى اللە غا تەۋەككۈل قىلسا، اللە ئۇنىڭغا كۇپايە قىلىدۇ،» (سۈرە تەلاق 3- ئايەتنىڭ بىر قىسمى)

 خەيىرسىزلىكنىڭ قارشىسى، ئىشلارغا خەيرلىك نەزىرى بىلەن قاراش، كىشىلەرنىڭ كۆرگىنى ۋە ئاڭلىغانلىرىغا بىنائەن خەيرلىك دەپ ساناشتۇر. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام نەتىجىنىڭ ياخشى بۇلىشىنى ياخشى كۆرەتتى.

«خەيرلىك بولۇشنى ياخشى كۈرىمەن. ئۇ نېمە دەپ سورىغاندا، ياخشى سۆز دۈر دەپ جاۋاب بەردى».

بۇنىڭغا بىر مىسال بەرسەك: كېسەل بىر كىشى، باشقا بىرىگە مۇنداق دەيدۇ، ئەي ساغلام كىشى، دەيدۇ. مۇشۇنداق سۆزدىن كىشى بىر ياخشىلىقنى سىزىدۇ. بۇ ياخشى ئىشتۇر. ياخشى ئەمەل اللە يولىدا ياخشىلىق يولىنى كۆپەيتىدۇ. شۇم سۆزلەش، اللە دىن باشقىسىغا يۈزلىنىپ قۇرۇقتىن قۇرۇق بىر نەرسە كۈتۈشتۇر.

ئىسلام شېرىككە ماڭىدىغان يوللارنى تاقايدۇ

ئىسلام خالىس بىر تەۋھىد ئېلىپ كەلگەن. شېرىكنىڭ چوڭى بولسۇن ياكى كىچىكى بولسۇن ئۇنىڭ بىلەن جەڭ قىلغان، ئۇنىڭدىن ساقلىنىشنى قاتتىق تەلەپ قىلغان. شۇنىڭ نۇرغۇنلىغان مىساللىرىنى ئوتتۇرىغا قويغان. شېرىكنىڭ شاماللىرى كىرىدىغان بارلىق ئىشىكلەرنى تاقىغان. بۇلار تۆۋەندىكىلەردەك.

پەيغەمبەرلەرگە ھۆرمەت قىلىشتا ھەددىدىن ئېشىپ كېتىش

   پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئۆزىنى ھەددىدىن زىيادە ئۇلۇغلاش ۋە ھۆرمەتلەشنى چەكلىگەن. ۋە مۇنداق دېگەن:

«خرىستىئانلارنىڭ مەريەم ئوغلى ئەيسانى ئۇلۇغلىغاندەك، مېنى ئۇلۇغلىماڭلار، مەنمۇ بىر بەندە. اللە نىڭ بەندىسى ۋە ئەلچىسى دەڭلار.» (بىرلىككە كېلىنگەن ھەدىس)

قۇرئان كەرىم پەيغەمبىرىمىزنىڭ بەندە ئىكەنلىكىنى ئېيتىپ، ئۇنى يۇقىرى ئورۇنغا ئىگە دەپ ماختىغان.

«جىمى ھەمدۇسانا اللە غا خاستۇركى، (اللە ئىنسانلارنى) ئۆز تەرىپىدىن بولغان قاتتىق ئازابتىن ئاگاھلاندۇرۇش، ياخشى ئەمەللەرنى قىلغان مۆمىنلەرگە ئوبدان مۇكاپات (يەنى جەننەت) بېرىدىغانلىقى بىلەن خۇش- خەۋەر بېرىش ئۈچۈن، بەندىسى (يەنى پەيغەمبىرى مۇھەممەد) گە توغرا، ھېچقانداق قىڭغىرلىق (يەنى ئىختىلاپ، زىددىيەت) بولمىغان قۇرئاننى نازىل قىلدى ﴿1-2﴾» (كەھف سۈرىسى 1-2- ئايەتلەر)

يەنە بىر ئايەتتە

«پەقەت ئۇنىڭغا نازىل قىلىنغان ۋەھىينىلا سۆزلەيدۇ (4).»

 (سۈرە نەجىم 4- ئايەت)

پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇشۇنداق ئۆز شەخسىيىتىدە ئاشۇرۇۋەتكەنلەرنى كۆرسە ياكى ئاڭلىغان ھامان بۇنداق قىلىشنى چەكلەيتتى. ھەمدە توغرا بولغىنىنى كۆرسىتىپ بېرەتتى.

ياخشى بىر سەنەد بىلەن ئەبۇ داۋۇد ئابدۇللاھ بىن شەھىرى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىدۇكى:

 «مەن بەنى ئامىر قەبىلىسىدىن ئەلچى بولۇپ كەلگەن ئىدىم، سەن بىزنىڭ خوجىمىز دېدۇق. خوجا اللە تۇر دېدى.»

ئەنەس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى:

«بەزى كىشىلەر مۇنداق دېيىشتى: ئەي اللە نىڭ ئەلچىسى، ئەي بىزنىڭ ياخشىلىرىمىزدىن، ياخشىلىرىمىزنىڭ ئوغلى، ئەي خوجىمىز، ئەي خوجىمىزنىڭ ئوغلى، دېيىشتى. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېدى: «ئەي ئىنسانلار! سۆزلىرىڭىزگە دىققەت قىلىڭلار. شەيتان سىلەرنى ئالدىمىسۇن. مەن اللە نىڭ بەندىسى ۋە ئەلچىسىمەن. اللە نىڭ ماڭا بەرگەن ماقامدىن سىرتىدا چاقىرىلىشنى ياخشى كۆرمەيمەن.» دېدى.

نەسەئىنىڭ رىۋايىتىدە:

«بىر ئادەم اللە ۋە سەن خالىساڭ دېگىنىدە. مېنى اللە قا شېرىك قىلىۋاتامسەن؟ پەقەتلا اللە خالىسا دە» دېدى.

سالىھ ئىنسانلار توغرىسىدا ھەددىدىن ئاشۇرۇۋېتىش

ئىسلامنىڭ چەكلىگەن، ئىشلاردىن يەنە بىرى، سالىھلەر توغرىسىدا ھەددىدىن ئاشۇرۇۋېتىشتۇر. ئەيسا ئەلەيھىسسالام توغرىسىدا بەزىلەر شۇ قەدەر ھەددىدىن ئېشىپ كەتتىكى، ئۇنى اللە نىڭ ئوغلى، ئۈچىنچى خۇدا قىلىۋېلىشتى. (اللە ساقلىسۇن)

قۇرئاندە بۇ توغۇرىسىدا مۇنداق دەپ كەلگەن:

«ئى ئەھلى كىتاب! (يەنى ناسارالار جامائەسى) دىنىڭلاردا ھەددىدىن ئاشماڭلار، اللە نىڭ شەنىگە ھەق (سۆز) دىن باشقىنى ئېيتماڭلار (يەنى اللە غا شېرىكى ۋە بالىسى بولۇشتىن پاك دەپ ئېتىقاد قىلىڭلار). مەسىھ ئىسا  مەريەمنىڭ ئوغلى، پەقەت اللە نىڭ رەسۇلىدۇر (سىلەر گۇمان قىلغاندەك اللە نىڭ ئوغلى ئەمەستۇر)، مەريەمگە اللە نىڭ ئىلقا قىلغان كەلىمىسىدۇر (يەنى ئاتىنىڭ ۋاسىتىسىسىز، اللە نىڭ «ۋۇجۇدقا كەل» دېگەن سۆزىدىن يارىتىلغاندۇر)، اللە تەرىپىدىن كەلگەن بىر روھتۇر، اللە غا ۋە ئۇنىڭ پەيغەمبەرلىرىگە ئىمان ئېيتىڭلار، (اللە ئىسا، مەريەمدىن ئىبارەت) ئۈچتۇر دېمەڭلار، (خۇدا ئۈچ دەيدىغان ئېتىقادتىن) قايتىڭلار، (بۇ) سىلەرگە پايدىلىقتۇر، اللە پەقەت بىر ئىلاھتۇر، بالىسى بولۇشتىن اللە پاكتۇر، ئاسمانلاردىكى ۋە زېمىندىكى شەيئىلەرنىڭ ھەممىسى اللە نىڭ دۇر (يەنى اللە نىڭ مۈلكىدۇر، مەخلۇقاتىدۇر) اللە يېتەرلىك ھامىيدۇر (171).» (سۈرە نىسا 171- ئايەت)

«(ئى مۇھەممەد!) ئى ئەھلى كىتاب! (يەنى يەھۇدىيلار ۋە ناسارالار) دىنىڭلاردا ھەقسىز رەۋىشتە چەكتىن ئېشىپ كەتمەڭلار، ئىلگىرى ئۆزلىرى ئازغان، نۇرغۇن كىشىلەرنى ئازدۇرغان ۋە توغرا يولدىن ئاداشقان قوۋمنىڭ نەپسى خاھىشلىرىغا ئەگەشمەڭلار» دېگىن (77).»

 (سۈرە مائىدە 77- ئايەت)

زېمىندا تۇنجى شېرىك كەلتۈرگەن ئۈممەت، نۇھ ئەلەيھىسسالامنىڭ ئۈممىتىدۇر. بۇنىڭ سەۋەبى سالىھ كىشىلەرنى ھەددىدىن زىيادە ئۇلۇغلاشتىن بولغان. سەھىھ بۇخارىدا كەلتۈرۈلگەن ھەدىستە:

ئىلاھلىرى ۋەد، سۇۋا، يائۇس، يەئۇق ۋە نەسىر بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئىبنى ئابباس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن مۇنداق كەلگەن:

 «بۇلار نۇھ ئەلەيھىسسالامنىڭ ئۈممەتلىرىدىن بەزى سالىھ كىشىلەرنىڭ ئىسىملىرىدۇر. ئۇلار ئۆلۈپ كەتكەندىن كېيىن شەيتان ئۇلارغا مۇنداق دېدى؛ ئۇلارنىڭ ئولتۇرغان جايلىرىغا، ئۇلارنىڭ ھەيكەللىرىنى ياساپ قويۇڭلار، شۇلارنىڭ ئىسىملىرى بىلەن ئاتاڭلار دېدى. شۇنىڭ بىلەن ئۇلار شۇنداق  قىلىشتى. ئەمما ئىبادەت قىلمىدى. شۇنىڭ بىلەن ئۇلار ئۆلۈپ كەتتى بۇ ئىش ئۇنتۇلۇپ كەتتى. كېيىن كەلگەن نەسىللەر ئۇلارغا ئىبادەت قىلىشقا باشلىدى.»

سەلەپلەردىن بەزىلىرى مۇنداق دېگەن: ئۆلگەندىن كېيىن خەلق قەبرىلىرىنى تەرىك ئەتمىدى. ھەيكەللىرىنى ياساشتى. بىر زاماندىن كېيىن ئىبادەت قىلىشقا باشلىدى.

بۇ يەردە چۈشىنىمىزكى، بەزى كىشىلەرنىڭ اللە نىڭ سالىھ ۋە ۋەلى بەندىلىرىگە بولۇپمۇ قەبرە قاتۇرغانلارغا بولغان ئۇلۇغلىشى ئۇلارنى شېرىككە ئېلىپ بارىدۇ. ئۇلارغا سېغىنىش، ئۇلار ئۈچۈن قۇربانلىق قىلىش، ئۇلاردىن ياردەم تىلەش. اللە نىڭ نامىدىن، باشقا نەرسىلەرنىڭ نامى بىلەن قەسەم قىلىش قاتارلىقلار بۇلارنىڭ جۈملىسىدىندۇر. ئۆلۈكلەرنىڭ كائىناتتا، سەۋەبلەردە، تەبىئەت قانۇنلىرىدا، بىرەر كۈچىنىڭ ياكى تەسىرىنىڭ بارلىقىغا ئىشىنىش بولسا ئىنساننى چوڭ شېرىككە ئېلىپ بارىدۇ. اللە دىن باشقىسىغا ياكى اللە بىلەن بىرلىكتە بىر شەيئىگە دۇئا قىلىش چوڭ گۇناھتۇر.

قەبرىلەرنى ئۇلۇغلاش

ئىسلامنىڭ قەتئىيلىك بىلەن چەكىلگەن ئىشلاردىن بىرى، پەيغەمبەرلەرنىڭ قەبرىسى ۋە سالىھلەرنىڭ قەبرىلىرى بولسۇن، قەبرىلەرنى ئۇلۇغلاشتۇر. شۇ سەۋەبلىك قەبرىلەرنى ئۇلۇغلاشقا يول ئاچقان بەزى ئىشلار چەكلەنگەن.

قەبرىستانلىقلارنى مەسچىت قىلماسلىق

مۇسۇلىمنىڭ سەھىھ ھەدىسىدە كېلىشىچە:

 «پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئۆلۈپ كېتىشتىن 5 كۈن بۇرۇن مۇنداق دېگەن: «دىققەت قىلىڭلار! سىلەردىن بۇرۇنقىلار پەيغەمبەرلىرىنىڭ قەبرىلىرىنى مەسچىت قىلىۋالاتتى، دىققەت قىلىڭلار، قەبرىستانلىقلارنى مەسچىت قىلىۋالماڭلار. سىلەرنى بۇ ئىشتىن توسىمەن.»

ھەزرىتى ئايىشە ۋە ئىبنى ئابباس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى:

«پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئۆمۈرنىڭ ئاخىرقى كۈنلىرى ئىدى، يۈزىگە بىر رەخ قويۇپ بىر ئاز سىقىلغاندىن كېيىن ئېلىۋېتىپ مۇنداق دېدى: «يەھۇدىي ۋە خرىستىئانلارغا لەنەت بولسۇن! پەيغەمبەرلىرىنىڭ قەبرىلىرىنى مەسچىت قىلىۋېلىشتى.» (ئۇلارنىڭ قىلغانلىرىدىن بىزنى توسۇۋاتىدۇ) (بىرلىككە كەلگەن ھەدىس)

قەبرىلەرگە قاراپ ناماز ئوقۇش

بىر ھەدىس مۇنداق دېيىلگەن: «قەبرىلەرنىڭ ئۈستىدە ئولتۇرماڭلار، ئۇلارغا قاراپ ناماز ئوقۇماڭلار،» (مۇسلىم رىۋايەت قىلغان) يەنى قەبرىلەرنى قەبىلە تەرەپكە ياسىماڭلار.

قەبرىستانلىقتا ئوت يېقىش

ھەدىس: «قەبرىلەرنى زىيارەت قىلغانلارغا، قەبرىلەرنى مەسچىت قىلىۋالغانلارغا، ئوت ياققانلارغا اللە لەنەت قىلسۇن» (بۇ ھەدىسنىڭ ئالدىدىكى قەبرىلەرنى زىيارەت قىلغانلارغا دېگەن سۆز كېيىن يەنە بىر ھەدىس بىلەن ئەمەلدىن قالدۇرۇلغان)

ئاھاك (گەج) بىلەن قەبرىلەرگە قۇببە (گۈمبەز) ياساش

مۇسلىمنىڭ جابىر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلغان ھەدىس: «پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام قەبرىلەرنى ئاھاك بىلەن سۇۋاشنى، ئۈستىدە ئولتۇرۇشنى، بىنا ياساشنى چەكلىگەن»

قەبرىلەر ئۈستىگە خەت يېزىش

جابىر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى: «قەبرىلەرنىڭ ئاھاك بىلەن سۇۋاشنى ۋە ئۈستىگە خەت يېزىشنى چەكلىگەن»

 (ئەبۇداۋۇد ۋە تىرمىزى رىۋايەت قىلغان)

قەبرە قوپۇرۇش

ئېلى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى: «پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئۇنىڭغا قەبرىنىڭ ئۆزىدىن باشقا ھېچقانداق ئېگىز جاي قويماسلىقىنى (يەنى ئېگىز جايلارنى تۈزلىشىنى) بۇيرۇغان.» ( ئەبۇ داۋۇد ۋە تىرمىزى رىۋايەت قىلغان)

ئەبۇ داۋۇتنىڭ سۈنەندە رىۋايەت قىلغان ھەدىسكە ئاساسلانغاندا، «تۇپراق ئۈستىگە تاش، قىش ۋە باشقا نەرسىلەرنى قويۇشنى چەكلىگەن». شۇ سەۋەبلىك سەلەپ ئۆلىمالار قەبرىنىڭ ئۈستىگە قىش قويۇشنى يامان كۆرىدۇ.

قەبرىستانلىقلارنى بايرام جايلىرى قىلىۋالماسلىق

ئەبۇ داۋۇتنىڭ ئەبۇھۈرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنغان ھەدىستە:

«ئۆيلىرىڭلارنى قەبرىستانلىقلارغا، قەبرىستانلىقلارنى بايرام جايلىرى قىلىۋالماڭلار، ماڭا سالات ۋە سالام يوللاڭلار، نەدە بولسا بۇلۇڭلار سالاملىرىڭلار ماڭا يىتىپ تۇرىدۇ» دېگەن.

ئەبۇ يەئلانىڭ سەنەدى بىلەن ئېلى بىن ھۈسەيىندىن رىۋايەت قىلغان:

«قەبرىستانلىقنىڭ قېشىدىكى بىر ئارىلىققا كەلگەن بىر ئادەمنى كۆردى. ئۇ ئادەم دۇئا قىلىۋاتاتتى. ئۇ ئادەمنى بۇنىڭدىن توستى. سىزگە دادامدىن، ئۇ بوۋامدىن، بوۋام رەسۇلۇللاھدىن ئاڭلىغىنىنى سىزگە دەپ بېرەيمۇ؟ «قەبرىستانلىقنى بايرام جايلىرىغا، ئۆيلىرىڭىزنى قەبرىستانلىق قىلىۋالماڭلار، نەدە بولساڭ سالاملىرىڭلار ماڭا يىتىپ تۇرىدۇ.» دېگەن.

«قەبرىنى بايرام جايلىرى قىلىۋالماسلىق» نىڭ مەنىسى ئۇ يەردە يىغىلىشىش ۋە ئولتۇرۇشتۇر.

پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ قەبرىسى يەر يۈزىدىكى ئەڭ پەزىلەتلىك قەبرىدۇر. ئەگەر رەسۇلۇللاھ قەبرىلەرنى بايرام جايلىرى قىلىشنى چەكلىگەن بولسا، كىمنىڭ بۇلىشىدىن قەتئىي نەزەر، باشقا قەبرىلەرنىڭمۇ چەكلىنىشى تېخىمۇ ئەلادۇر. مەنتىقىگە ئۇيغۇندۇر. ئۇنىڭغا سالات سالام قىلىش يېتەرلىكتۇر. ئىنسان نەدە بولسا بولسۇن ئۇنىڭ سالاملىرى ئۇنىڭ يېتىپ تۇرىدۇ.

قەبرىلەرنى ئۇلۇغلاشنى توسۇشتىكى ھېكمەت

ئىسلامنىڭ قەبرىلەرنى ئۇلۇغلاشنى توسۇشىدىكى ھېكمەت. نۇھ قەۋمىدە ۋە بۈگۈنكى كۈنلەردە كۆرۈلۈۋاتقان چوڭ ۋە كىچىك شېرىكلەرگە ماڭىدىغان يوللارنى تاقاشتۇر. سالىھلارنىڭ قەبرىلىرىنى ئالاھىدە ئۇلۇغلاش، ئۇلارنى بۇتلارغا چوقۇنۇشقا ئېلىپ بارغان. شۇ سەۋەبتىن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن :

 «ئى رەببىم! قەبرەمنى ئىبادەت قىلىنىدىغان بىر بۇت ھالىغا كەلتۈرمە،پەيغەمبەرلەرنىڭ قەبرىلىرىنى سەجدە جايلىرى قىلىۋالغانلارغا اللە نىڭ ئازابى قاتتىقتۇر.» (مالىك رىۋايەت قىلغان ھەدىس)

ئېتىقادىدا چىڭ مۇسۇلماننى ئەپسۇسلاندۇرىدىغان ئىش بولسا، روسۇلىللانىڭ چەكلىگەن ئىشلارنىڭ بۈگۈنكى قەۋىملەرنىڭ كۆپىنچىسىدە تېپىلىشىدۇر. سالىھلەرنىڭ قەبرىلىرىنى بايرام جايلىرى قىلىۋېلىشتى، ئۇلارنى ئۇلۇغلاشتى، ئۇلارنى بېزەشتى، ئۇلارغا تەزىم قىلىشتى ۋە ئۇلاردىن تىلەشتى. كەبىدەك ئەتراپلىرىنى تاۋاپ قىلىشتى. ھەجرۇل ئەسۋەددەك ئۇلارنىڭ ئالدىدا سالامدا تۇرۇشتى. تاملىرىنى كېڭەيتىشتى. ئۇلارغا بەزىلەر سەجدە قىلىشماقتا، بەزىلىرى تۇپراقلىرىنى يۈزلىرىگە سۈرۈشمەكتە. قورقۇش بىلەن ئۇلاردىن مەدەت تىلەشمەكتە. ئۇلاردىن قەرزلىرىنىڭ تۈگىشىنى، قىيىنچىلىقلىرىنىڭ ئاسانلىشىشىنى، ياردەم قولىنى سۇنۇشنى تىلەشمەكتە. بەزىلەر ئارزۇلىرىنى يېزىپ ئۆلۈكلەردىن تىلىشىدۇ. بۇ ئۇپ – ئوچۇق شېرىكتۇر. ۋەلە ھەۋلە ۋەلا قۇۋۋەتە ئىللا بىللاھ. مەنىسى: (اللە ياردەم قىلمىسا بىزنىڭ قولىمىزدىن ھېچ ئىش كەلمەيدۇ)

ياغاچ، تاش ۋە باشقا نەرسىلەردىن ياخشىلىق كۈتۈش

پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئۇرۇش ئاچقان شېرىكنىڭ بىر تۈرىدۇر. ئۇ يەرنى تاۋاپ قىلغاننىڭ، تۇتقاننىڭ، زىيارەت قىلغاننىڭ، ئولتۇرغاننىڭ، ئالاھىدە سىرى ۋە بەرىكىتى بارلىقىغا ئىشنىشىدۇ. بۇ داۋاملىق قىلىنغاندا ئىنساننى شېرىككە ئېلىپ بارىدىغان ئىشتۇر. ئەرەبلەرنىڭ چوڭ بۇتلىرى لات دېگەن بۇتتەك خادا تاشلاردىن، ياكى ئۇززا دېگەن بۇتتەك ياغاچتىن، ياكى مەنات دېگەن بۇتتەك تاشتىن ياسالغان شەيئىلەردۇر. شۇنىڭ ئۈچۈن رەسۇلۇللاھ بۇلاردىن چەكلىدى ۋە ئەسكەرتتى.

تىرمىزى ئەبۇ ۋاقىت ئەللەيىس دىن مۇنداق رىۋايەت قىلغان:

«رەسۇلۇللاھ بىلەن ھۈنەيىن غازاتىغا بارغان ئىدۇق. يېڭى مۇسۇلمان ئىدۇق. مۇشرىكلارنىڭ زاتى ئەنۋات دەپ نام بېرىلگەن ئەتراپىدا يىغىلىدىغان، قوراللىرىنى ئېسىپ قويىدىغان ياغاچلىرى بار ئىدى. بۇنىڭ يېنىدىن ئۆتۈپ كېتىۋېتىپ، ئەي رەسۇلۇللاھ دېدۇق. ئۇلارنىڭكىگە ئوخشاش بىزگىمۇ زاتى ئەنۋات ياسىغىن دېدۇق. رەسۇلۇللاھ مۇنداق دېدى: « اللە ھۇ ئەكبەر، مانا بۇ اللە نىڭ سۈننىتىدۇر. نەپسىم ئىلىكىدە بولغان اللە بىلەن قەسەم قىلىمەنكى، ماڭا ئىسرائىلنىڭ مۇسا ئەلەيھىسسالامغا دېگىنىدەك دېدىڭلار، ئۇلارنىڭ ئىلاھلىرى كەبى بىزگىمۇ بىر ئىلاھ ياساپ بەر دەپ. شۈبھىسىزكى سىلەرمۇ ئىلگىرىكىلەرنىڭ يولىدا ماڭماقچىمۇ» دېدى. (تىرمىزى رىۋايەت قىلغان)

بىلىنگىنى شۇكى، ئۇلار پەقەتلا بۇ ياغاچتىن ياخشىلىق تىلەپ ھەمدە قوراللىرىنى ئېسىپ قويۇشنى ئارزۇ قىلاتتى. روسۇلىللانىڭ ئۇلارنى ئەسكەرتىشى شېرىككە ماڭىدىغان يولنى توسىشىدۇر.

مۇسۇلماننى ئەپسۇسلاندۇرىدىغان ئىش مۇسۇلمانلارنىڭ كۆپىنچىسىنىڭ اللە ۋە روسۇلىللانىڭ يولىدىن چەتنەپ كېتىشى ھەمدە ئۆزىدىن بۇرۇنقى كىشىلەرنىڭ يولىغا ئەگىشىشتۇر. ياخشىلىق ئۈمىد قىلغان بۇتلار، ھەيكەللەر ياسىشىدۇر. ئۇلارنى تۇتۇشتا، ئۇلارنىڭ قېشىدا دۇئا قىلىشتا، ئۇلارنى ۋەسىلە قىلىشماقتا. مۇشرىكلارنىڭ بۇتلارغا بولغان ئىشتىياقىدەك ئۇلارغا ئىشتىياق باغلاشماقتا. بۈگۈن مۇسۇلمانلارنىڭ زېمىنلىرىدا پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام توسقان زاتۇل ئەنۋاتلار باردۇر.

مۇسۇلمانلارنىڭ رەھبەرلەرنىڭ بولۇپمۇ ئالىملارنىڭ زىممىسىگە چۈشكەن بۇنداق خاتا ئىشلارنى توسۇشى ۋە يوق قىلىش مەجبۇرىيىتى باردۇر.

پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام، ھەزرىتى ئەلى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنى ئەۋەتىپ ئېگىز قەبرىلەرنى يېقىشىنى، يەر بىلەن تەڭ قىلىشىنى بۇيرۇغان.

 قانداق بۇيرۇغان بولسا، مۇشۇ بۇيرۇقى بويىچە ياغاچ، قەبرە، ئوتۇن، تاش ۋە باشقا نەرسىلەردىن ياسالغان بۇتلارنى كۆيدۈرىشى ۋە يوق قىلىشى كېرەك.

سەھىھ مۇسلىمدە ئەبۇل ھەيياج ئەل ئەسەدىدىن رىۋايەت قىلىنغان بىر ھەدىستە، ئۇ مۇنداق دېگەن: ماڭا ئەلى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دېدى: «سېنى، مېنى اللە نىڭ رەسۇلى ئەۋەتكەن ئىش ئۈچۈن يەنى، پۈتۈن بۇتلارنى، ئېگىز قەبرىلەرنى، تۈزلەش، ئەمىرى بىلەن ئەۋەتەيمۇ؟ »

ئىمام ئەبۇبەكىر ئەل تەرتۇسى مۇنداق دەيدۇ: ھەزرىتى ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇغا كىشىلەرنىڭ، ساھابىلەرنىڭ رەسۇلۇللاھقا بەيئەت قىلغان ياغاچ ئاستىغا بېرىپ ئۇ يەردە ناماز ئوقۇۋاتقانلىق خەۋىرى يەتكۈزۈلگەندە مۇسۇلمانلارنىڭ پىتنىگە چۈشۈپ قالماسلىق ئەندىشىسى بىلەن ئۇ ياغاچنى كەستۈرۈۋەتكەن.

ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ قۇرئان كەرىمىدە تىلغا ئېلىنغان، ساھابىلەرنىڭ رەسۇلۇللاھقا ئاستىدا بەيئەت قىلغان ياغاچقا يۈرگۈزگەن ھۆكۈمى بۇ بولسا، بۇنىڭ سىرتىدىكى پىتنىنى كۆپەيتىدىغان، بالا ۋە مۇسىبەتنى كۆپەيتىدىغان، بۇتلارغا بولغان ھۆكۈم قانداق بۇلىشى كېرەك؟

ئىمامى تەرتۇسى مۇنداق دەيدۇ: قاراڭ اللە سىزگە رەھمەت قىلسۇن، نەدە كىشىلەر زىيارەتكە بارىدىغان، ئىبادەت قىلىدىغان، شىپا ۋە ياخشىلىق كۈتىدىغان، ھەرخىل رەڭلىك يىپلارنى باغلاپ قويىدىغان بىرەر شەيئىنى كۆرسىڭىز ئۇ دەل زاتۇل ئەنۋاتتۇر ئۇنى دەرھال يوق قىلىڭ!

مۇبەررىر بىن سۈۋەييىددىن مۇنداق دەيدۇ: «مەككىگە بارغاندا ئۆمەر بىن خەتتاب بىلەن بامدات نامىزى ئوقۇدۇم، نامازدا پىل ۋە قۇرەيش سۈرىلىرىنى ئوقۇدى. نامازدىن كېيىن كىشىلەرنىڭ تارقىلىپ كېتىۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ بۇ نىمە ئىش دەپ سورىدى؟ ئەي مۆمىنلەرنىڭ ئەمرى ئاۋۇ يەردە روسۇلىللانىڭ ناماز ئوقۇغان بىر مەسچىت بار ئىدى، كىشىلەر شۇ يەرگە ناماز ئوقۇش ئۈچۈن مېڭىشتى دېيىلدى. ئۆمەر: سىلەردىن بۇرۇنقى قەۋىملەر مۇشۇنداق ئىشلار سەۋەبىدىن ھالاك بولۇشتى. پەيغەمبەرلىرىدىن قالغان نەرسىلەرنى ئۇلۇغلاشتى. ئۇ يەرلەرنى چېركاۋ ۋە ئىبادەت جايلىرى قىلىشتى. كېمىكى ناماز ۋاقىتلىرىدا بۇ مەسچىتلەرگە كەپ قالسا ناماز ئوقۇسۇن. نامازنىڭ ۋاقتى كىرمىگەن بولسا يولى داۋاملاشتۇرسۇن. ناماز ئوقۇش ئۈچۈن ساقلىمىسۇن.»

مانا بۇ ھەزرىتى ئۆمەرنىڭ پىقھىسىدۇر. ئىسلام ئەقىدىسىگە بولغان ھەددىدىن ئاشۇرۇۋېتىش شېرىككە بېرىپ قېلىش ئەندىشىسىدىندۇر.

شېرىككە ئېلىپ بارىدىغان سۆزلەر

پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ چەكلىگەن ئىشلاردىن يەنە بىرى مەزمۇنىدا شېرىككە ئېلىپ بارىدىغان ۋە اللە قا بولغان ئەدەپلەرگە زىيان يەتكۈزىدىغان سۆزلەردۇر. بۇ تەۋھىدنى قوغداش ئۈچۈندۇر. مەسىلەن: اللە ۋە پالانى خالىسا، دېگەندەك. اللە ياكى باشقا نەرسىلەرنىڭ ياكى كىشىلەرنىڭ نامى باشلايمەن دېگەندەك. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنى ئۆزى ئۈچۈن بۇنداق سۆزلەرنى قىلغانلارنى چەكلىگەنلىكىنى يۇقىرىدا كۆردۇق. ھۇزەيفە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن مۇنداق رىۋايەت قىلىنىدۇ:

 «اللە ۋە پالانى خالىسا دېمەڭلار، مۇنداق دەڭلار: اللە خالىسا ئاندىن كېيىن پالانى خالىسا دەڭلار» (ئەبۇداۋۇد رىۋايەت قىلغان)

يەنە باشقا بىر سۆز :

«اللە ۋە پالانى بولمىغان بولسا» ياكى «اللە قا ۋە ساڭا ئامانەت قىلدىم» دېگەنگە ئوخشاش.(بۇ سۆزلەر چەكلىنىدۇ)

 ئىبنى ئابباس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دەيدۇ:

«اللە قا شېرىك كەلتۈرمەڭلار» (بەقەرە سۈرىسى 22- ئايەت) ئايىتىدىكى «ئەنداد» شېرىكتۇر. بۇ قاراڭغۇ كېچىدە قارا تاشلارنىڭ ئاستىدا مېڭىۋاتقان قارا چۈمۈلىدىنمۇ يوشۇرۇندۇر ۋە مەخپىيدۇر. »

مۇشۇنىڭغا ئوخشىغان سۆزلەردىن بەزىلىرى: اللە تالانىڭ ھاياتىغا، ھاياتىمغا قەسەم قىلىمەنكى، ئۇنىڭ ئىتى بولمىغان بولسا ئىدى ئوغرىلار كەلگەن بۇلاتتى. ئىنساننىڭ قېرىندىشىغا «اللە ۋە سەن خالىساڭ» دېيىشى ۋە «شۇ ۋە پالانى بولمىغان بولسا، ئۇنداق بۇلاتتى مۇنداق بۇلاتتى» دېيىشى پۈتۈنلەي شېرىكتۇر. (ئىبنى ئەبى ھاتەم رىۋايەت قىلغان)

اللە نىڭ ئىسىملىرى بىلەن ياكى ئۇنىڭدىن باشقىسىنىڭ لايىق بولمىغان ئىسىملار بىلەن ئىسىم قويۇش؛ ئەبۇ داۋۇتنىڭ ئەبۇ شۇرەيىھدىن رىۋايەت قىلغان ھەدىسكە قارىغاندا:

«ئۇنىڭ ئەبۇل ھەكەم (ھۆكۈم قىلغۇچىنىڭ دادىسى دېگەن مەنىدە) ئىسىملىك بىر قۇلى بار ئىدى. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئۇنىڭغا مۇنداق دېدى: (ھەكەم) ھۆكۈم قىلغۇچى پەقەتلا يالغۇز اللە تۇر ۋە ھۆكۈم پەقەت ئۇنىڭغىلا مەنسۇپتۇر. دېدى.» ئاندىن كېيىن شۈرەيىھ بۇ ئىسىمنى ئالماشتۇرۇۋەتتى.

سەھىھ بىر ھەدىستە ئەبۇ ھۈرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى:

«اللە نىڭ نەزىرىدىكى ئەڭ يامان كۈرىلىدىغان ئىنسان، (مەلىكۇل مۈلۈك) (يەنى مۈلۈكلەرنىڭ ساھىبى) دەپ نام بېرىلگەنلەردۇر. اللە دىن باشقا مالىك يوقتۇر.»

 سۈفيان بىن ئۇيەينە ؛ ئەجەملەرنىڭ ئىشلىتىدىغان شاھىنشاھ دېگەن سۆزلەرمۇ ئوخشاش سۆزلىرىدىندۇر، دېگەن. چۈنكى ئوخشاش مەننى ئىپادىلەيدۇ.

يەنە بىر رىۋايەتتە قىيامەت كۈنى اللە نىڭ ئازابىدىن ئەڭ قاتتىق ئازابلىنىدىغان كىشىلەر تۆۋەندىكى كىشىلەردۇر. ئىنسانغا اللە دىن باشقا مەبۇدنىڭ ئىسمىنى قويۇش؛ ئابدۇلكەبە، ئابدۇنەبى، ئابدۇلھۈسەيىن، ئابدۇل مەسىھ دېگەنگە ئوخشاش ئىسىملار دۇر. ئىبنى ھەزىم، ئابدۇلمۇتتەلىپتىن باشقا، بۇنداق ئىسىملارنىڭ ھارام ئىكەنلىكىنى ئېيتقان.

ئۇندىن باشقا ئىنساننىڭ بېشىغا كەلگەن قىيىنچىلىق ۋە كەڭرىچىلىك ۋاقىتلىرىدا زاماننى تىللاش. زاماننى تىللاش بىرخىل اللە قا قارشى چىققانلىق، اللە قا ئاچچىقلانغانلىق بولىدۇ. بۇ ئىشلارنى يۈرگۈزگۈچى اللە تۇر. كېچىنى كۈندۈزگە كۈندۈزنى كېچىگە ئالماشتۇرغۇچى ئۈدۈر. كائىناتتا پۈتۈن بولغان ئىشلارنى ئۇ قىلىدۇ. شۇ سەۋەبلىك سەھىھ بىر ھەدىستە مۇنداق دېيىلگەن؛

«اللە تائالا مۇنداق دەيدۇ: ئىنسان ئوغلى زاماننى تىللاش بىلەن ماڭا ئەزىيەت يەتكۈزىدۇ. چۈنكى زامان مىنىڭ، كېچە كۈندۈزنى مەن ئورۇنلاشتۇرىمەن.»

تەۋھىدنىڭ ھاياتتىكى تەسىرلىرى

شېرىكتىن ئايرىلغان، تەۋھىد ئۈستىگە قۇرۇلغان ھايات ئەڭ مەنپەئەتلىك مېۋىلەرنى بېرىدۇ. ھاياتىدا ئەڭ ياخشى نەتىجىلەرگە ئېرىشىدۇ. بۇلارنىڭ مىساللىرى

ئىنساننىڭ ئەركىنلىككە ئېرىشىشى

شېرىك، تۈرى ۋە كۆرۈنۈشلىرىگە قارىغاندا ئىنساننى پەسلەشتۈرۈشتىن باشقا نەرسە ئەمەس. چۈنكى ئۇ مەخلۇقاتقا بويۇن ئېگىشكە، ھېچبىر نەرسىنى يارىتالمىغان مەخلۇقلارغا، ئۆزلىرىنىمۇ بىر زىيان – زەخمەتتىن ساقلاپ قالالمايدىغان مەخلۇقلارغا، ئۆلتۈرۈشكە، ھايات بىرىشكە ۋە تىرىلدۈرۈشكە كۈچى يەتمەيدىغان، ئىنسان ۋە مەخلۇقاتلارغا بويۇن ئېگىش ۋە ئىبادەت قىلىشنى كۆرسىتىدۇ.

تەۋھىد بولسا ھەقىقەتەن ئىنساننى ياراتقان رەببىدىن باشقىسىغا ئىبادەت قىلىشتىن، خۇراپىيلىقتىن ساقلايدۇ. تەۋھىد دېگەن؛ ئىنسانلارغا، پىرئۇنلارغا، يالغان ئىلاھلارغا، ئىلاھلىق ئىدىيىسىدە بولغانلارغا بويۇن ئەگمەستىن، پەقەتلا اللە قا بويۇن ئېگىشىنى، اللە نىلا ئۇلۇغلاشنى، اللە قىلا تەسلىم بولۇشنى كۆرسىتىدۇ.

شۇ سەۋەبتىن شېرىكنىڭ باشلامچىلىرى، جاھىليەتنىڭ قوغدىغۇچىلىرى ئومۇمەن پەيغەمبەرلەرنىڭ، بولۇپمۇ پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ دەۋەتلىرىگە قارىشى چىققان. چۈنكى ئۇلار، لا ئىلاھە ئىللە للاھ (بىر اللە دىن باشقا ئىلاھ يوق) كەلىمىسىنىڭ مەنىسىنىڭ ئىنسان ئەركىنلىكىنىڭ بىر نامايەندىسى، ساختا ئەخلاقلارنىڭ ۋە ئالدامچىلىقلارنىڭ بەربات بولىدىغانلىقىنى، مۆمىنلەرنىڭ ھاياتىنىڭ يۈكسىلىشى ۋە اللە دىن باشقىسىغا بويۇن ئەگمەسلىك ئىكەنلىكىنى بىلەتتى.

تەۋھىد ئارقىلىق باراۋەرلىك بەرپا بولىدۇ

تەۋھىد ھاياتتا، نىشانى ئېنىق، مەقسىتى روشەن، بايرىقى مۇستەھكەم بولغان بىر باراۋەرلىكنىڭ قۇرۇلۇشىغا ياردەم قىلىدۇ. ئۇنداق كىشى ئۈچۈن، يالغۇز بولسۇن ياكى باشقىلار بىلەن بولسۇن، خۇشال ۋە قايغۇلۇق مەزگىللەردە بولسۇن، اللە قا دۇئا  قىلىدىغان، ئۇ اللە نى رازى قىلىدىغان كىچىك بولسۇن ياكى چوڭ بولسۇن ئەمەللەرنى قىلىدىغان يېگانە بىر اللە باردۇر.

قەلبىدە نۇرغۇنلىغان خۇدالارغا ئورۇن بەرگەن، ھاياتىنى نۇرغۇنلىغان مەبۇدلار ئۈچۈن مەشغۇل قىلغان، بەزىدە اللە قا بەزىدە بۇتلارغا، بەزىدە بىر بۇتقا يەنە بەزىدە باشقا بىر بۇتقا يېلىنىدىغان مۇشرىكنىڭ ھالىدىن خېلىلا پەرقلىق ھايات مۇئمىننىڭ ھاياتىدۇر.

شۇ ۋەجدىن يۈسۈپ ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن:

 «ئەي تۈرمىداشلىرىم!  ئايرىم – ئايرىم بۇتلار ياخشىمۇ ياكى، ھەممىدىن ئۈستۈن يالغۇز اللە ياخشىمۇ؟» (سۈرە يۈسۈپ 39- ئايەت)

يەنە قۇرئان كەرىمدە:

«اللە (سىلەرگە مۇنداق) بىر مىسالنى كەلتۈرىدۇ: بىر قۇل بولۇپ، ئۇنىڭغا (ئىشقا سېلىشنى) تالىشىدىغان نۇرغۇن خوجايىنلار ئىگىدارچىلىق قىلىدۇ (بىرى بۇ ئىشقا، بىرى ئۇ ئىشقا بۇيرۇيدۇ، ئۇ كىمنى رازى قىلىشنى بىلەلمەي قالىدۇ)، يەنە بىر قۇل بولۇپ، ئۇ بىر ئادەمگىلا خاستۇر، بۇ ئىككى قۇل (يەنى ئۇنىڭ ئەھۋالى) باراۋەرمۇ؟ جىمى ھەمدۇسانا اللە غا خاستۇر! بەلكى ئۇلار (يەنى مۇشرىكلار)نىڭ تولىسى بىلمەيدۇ (29).» (سۈرە زۇمەر 29- ئايەت)

مۇئمىننىڭ مىسالى، بىرلا خوجايىنى بولغان ئۇنى قانداق قىلسا خۇشال قىلىدىغانلىقىنى، قانداق قىلسا خوجايىنىنى خاپا قىلىدىغانلىقىنى بىلگەن. ئۇ خوجايىنىنى رازى قىلىدىغان ئىشلارنى قىلىدىغان، بۇنىڭ بىلەن قانائەت تاپقان قۇلغا ئوخشايدۇ.

مۇشرىكنىڭ مىسالى بولسا، بىرنەچچە خوجايىنى بولغان قولغا ئوخشاش، بىرى بىر ئىشقا بۇيرۇسا يەنە بىرى يەنە بىر ئىشقا بۇيرۇيدۇ. بىرى ئوڭغا بۇيرۇسا، يەنە بىرى سولغا بۇيرۇيدۇ. ئۇلار ھەقىقەتەن مۇشۇنداق زىيان تارتقۇچىلاردۇر.

تەۋھىد خاتىرجەملىكنىڭ مەنبەسىدۇر

تەۋھىد ئىنساننىڭ قەلبىنى خاتىرجەملىك بىلەن تولدۇرىدۇ. شېرىك ئەھلىنىڭ دىلىدىكى قورقۇنچلاردىن يىراقلاشتۇرىدۇ. رىزىق، ھايات، بالا- چاقا، جىن، ئۆلۈم، ئۆلۈمدىن كېيىنكى ھايات، باشقا قورقۇنچلارنى يوق قىلىدۇ.

مۆئمىن اللە دىن باشقا ھېچقانداق نەرسىدىن قورقمايدۇ. شۇ سەۋەبتىن، كىشىلەرنى قورقۇپ كەتكەن ھالدا كۆرسەڭ، مۇئمىننى ئۇنداق ھالدا كۆرمەيسەن. كىشىلەر غەمگە پاتقاندا ئۇنى خاتىرجەم كۆرىسەن، كىشىلەر ھاياجانلانغىنىدا ئۇلارنى تەمكىن كۆرىسەن. بۇ توغرىسىدا قۇرئان كەرىم ئىبراھىم ئەلەيھىسسالامنىڭ مۇشرىك قوۋمى بىلەن بولغان مۇنازىرىسىنى تىلغا ئالغان. ئۇنى باتىل تەڭرى ۋە بۇتلىرى بىلەن قورقۇتماقچى بولۇشقىنىدا، ئۇلارنى ھەيران قالدۇرغۇدەك دەرىجىدە مۇنداق دەيدۇ:

 «اللە نىڭ شېرىكى بولۇش ھەققىدە اللە سىلەرگە ھېچقانداق دەلىل چۈشۈرمىگەن بۇتلارنى اللە غا شېرىك كەلتۈرۈشتىن قورقمايۋاتساڭلار، سىلەرنىڭ شېرىك كەلتۈرگەن بۇتلىرىڭلاردىن مەن قانداقمۇ قورقاتتىم! ئەگەر سىلەر بىلسەڭلار (ئېيتىڭلارچۇ)، بىز بۇ ئىككى گۇرۇھ ئادەمدىن زادى قايسىمىز ئەڭ قورقماسلىققا تېگىشلىك» (81).» (سۈرە ئەنئام 81- ئايەت)

«ئازابتىن ئەمىن بولۇش ئىمان ئېيتقان، ئىمانغا مۇشرىكلىكنى ئارىلاشتۇرمىغان ئادەملەرگە مەنسۇپتۇر، ئۇلار ھىدايەت تاپقۇچىلاردۇر (82). » (سۈرە ئەنئام 82- ئايەت)

بۇ ھۆكۈمەتنىڭ ياكى ساقچىنىڭ قوغدىشىدىن بولغان خاتىرجەملىك ئەمەس، بەلكى ئىنساننىڭ ئۆزىدىكى خاتىرجەملىك. مانا بۇ ھەقىقىي خاتىرجەملىكتۇر. ئاخىرەتتىكى بولسا تېخىمۇ چوڭ، تېخىمۇ مەنپەئەتلىكتۇر. چۈنكى بۇ ئىشلار اللە ئۈچۈن ئىخلاس بىلەن قىلىنغاندۇر. تەۋھىد ئەقىدىسىگە شېرىك ئارلاشمىغاندۇر.

بۇخارىنى ئىبنى مەسئۇد رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلغان ھەدىسىدە: « ئۇلار ئىشەنگەن، ھەمدە ئىمانلىرىغا زۇلۇمنى ئارلاشتۇرمىغانلاردۇر.» ئايىتى نازىل بولغاندا، ئەي اللە نىڭ  رەسۇلى، قايسىمىز ئۆزىمىزگە زۇلۇم قىلىمىز دەپ سورالدى؛ رەسۇلۇللاھ: «سىلەر چۈشەنگەندەك ئەمەس، لوقمان ھېكىمنىڭ ئوغلىغا قىلغان نەسىھەتلىرىنى ئاڭلىمىدىڭلارمۇ؟ «ئەي ئوغۇلچىقىم، اللە غا شېرىك كەلتۈرمىگىن، شېرىك ناھايىتى چوڭ زۇلۇمدۇر» (سۈرە لوقمان 13- ئايەت) » دېدى.

ئىمانلىرىغا زۇلۇمنى ئارلاشتۇرمىغانلاردۇر دېگەننىڭ مەنىسى «ئۇلار دىنىنى پەقەتلا اللە قىلا خاس قىلغانلاردۇر ئۇلار تەۋھىدنى شېرىك بىلەن ئارلاشتۇرمىغانلاردۇر.»

تەۋھىد پىسخلوگىيە جەھەتتىكى قۇۋۋەتنىڭ مەنبەسىدۇر

تەۋھىد ئىگىسىگە پىسخلوگىيە جەھەتتىن بىر قۇۋۋەت بېرىدۇ. قەلبى، اللە قا ئۈمىد، ئىشەنچ، تەۋەككۈل، قازاسىغا بويۇن ئېگىش، مۇسىبەتلەرگە نىسبەتەن سەۋر، قانائەتچانلىق بىلەن تولىدۇ. ئۇ ھادىسىلەردىن قورقمايدىغان، پالاكەتلەرگە نىسبەتەن ھودۇقۇپ كەتمەيدىغان بىر تاغدۇر.

بېشىغا قانداقلا بالا كەلگەن بولسۇن، ھەرقانداق قىيىنچىلىق ئۈستى – ئۈستىگە كەلسۇن، پەقەتلا ياراتقۇچىسىغا ئېسىلىدۇ. قەلبى بىلەن ئۇنىڭغا يېلىنىدۇ. ئۇنىڭدىنلا ياردەم تىلەيدۇ. ئۇنىڭغىلا تايىنىدۇ. زىيان تارتىشتا، ياخشىلىقنىڭ كېلىشىدە ئۇنىڭدىن باشقىسىدىن ھېچنەرسە كۈتمەيدۇ. ئۇنىڭدىن باشقىسىدىن ئارزۇ قىلىپ، دۇئا قىلىپ بىرنەرسە تىلىمەيدۇ.

پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ئىبنى ئابباس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇغا دېگەن سۆزى: « تىلىسەڭ اللە دىن تىلە، ياردەم تىلىسەڭ ، اللە دىن تىلە»

 اللە تائالا مۇنداق دەيدۇ:

«ئەگەر اللە ساڭا بىرەر زىيان- زەخمەت يەتكۈزۈشىنى ئىرادە قىلسا، يالغۇز اللە دىن باشقا ئۇنى دەپئىي قىلغۇچى بولمايدۇ، ئەگەر اللە ساڭا بىرەر ياخشىلىقنى ئىرادە قىلسا، اللە نىڭ پەزلىنى قايتۇرغۇچى بولمايدۇ، اللە پەزلىنى بەندىلىرىدىن خالىغان ئادەمگە يەتكۈزىدۇ، اللە (بەندىلىرىنىڭ گۇناھىنى) مەغپىرەت قىلغۇچىدۇر، (ئۇلارغا) مېھرىباندۇر» (دېيىلدى) (107).» (سۈرە يۇنۇس 107- ئايەت)

اللە تائالا يەنە مۇنداق دەيدۇ:

«بىز پەقەت سېنى بەزى ئىلاھلىرىمىز ساراڭ قىلىپ قويۇپتۇ دەيمىز» ھۇد ئېيتتى: «مەن ھەقىقەتەن اللە نى گۇۋاھ قىلىمەن، سىلەرمۇ گۇۋاھ بولۇڭلاركى، مەن سىلەرنىڭ اللە نى قويۇپ شېرىك كەلتۈرگەن بۇتلىرىڭلاردىن ئادا- جۇدا مەن، ھەممىڭلار ماڭا سۇيىقەست قىلىڭلار، ماڭا مۆھلەت بەرمەڭلار (54-55). شۈبھىسىزكى، مېنىڭ پەرۋەردىگارىم ۋە سىلەرنىڭ پەرۋەردىگارىڭلار بولغان اللە غا مەن تەۋەككۈل قىلدىم، اللە نىڭ باشقۇرۇشىدا بولمىغان بىرمۇ مەخلۇق يوقتۇر؛ پەرۋەردىگارىم ھەقىقەتەن توغرا يولدىدۇر (يەنى ئادىل بولۇپ ھېچ كىشىگە قىلچە زۇلۇم قىلمايدۇ) (56).» (سۈرە ھۇد 56- ئايەت)

مۇستەھكەم بىر قۇۋۋەتنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بۇ ئايەت، ئىشەنچلىك بىر قەدەم، ئىنكار قىلمىغان، بويۇنتاۋلىق قىلمىغان بىر ئىمان، قورقۇنچ ۋە ئاجىزلىقنى تونۇمايدىغان بىر روھنى تىلغا ئېلىۋاتىدۇ. چۈنكى ئۇ كۈچىنى اللە قا تەۋەككۈلدىن ئالىدۇ.

«ئۆز ۋاقتىدا مۇناپىقلار ۋە دىللىرىدا كېسىلى (يەنى شەك) بارلار: «بۇلارنى (يەنى مۇسۇلمانلارنى) ئۇلارنىڭ دىنى ئالدىدى (يەنى مۇسۇلمانلار ئۆز دىنىغا مەغرۇر بولۇپ، ئۆزلىرىنى يېڭىلمەس دەپ گۇمان قىلىپ، ئاز سانلىق تۇرۇقلۇق كۆپ سانلىقلار بىلەن ئۇرۇشۇشقا چىقتى)» دېدى. كىمكى اللە غا يۆلىنىدىكەن (اللە ئۇنىڭغا ئەلۋەتتە ياردەم بېرىدۇ): چۈنكى اللە غالىبتۇر، ھېكمەت بىلەن ئىش قىلغۇچىدۇر (49).» (سۈرە ئەنفال 49- ئايەت)

تەۋھىد قېرىنداشلىقنىڭ ۋە باراۋەرلىكنىڭ ئاساسىدۇر

   تەۋھىد ئىنساننىڭ ئەركىنلىكىنى، ئىززەت ۋە ئابرۇيىنى، ساقلاشتا بىر ئاساس بولغىنىدەك، قېرىنداشلىقنىڭمۇ بىر ئاساسىدۇر. چۈنكى قېرىنداشلىق ۋە باراۋەرلىك باشقا -باشقا ئىلاھلارغا چوقۇنغاندا مەيدانغا كەلمەيدۇ. ئەمما ھەممىسى اللە نىڭ قۇلى (بەندىسى) بولالىغىنىدا، ئاندىن بۇ كىشىلەر ئوتتۇرىسىدىكى قېرىنداشلىق ۋە باراۋەرلىكنىڭ ئاساسى بولىدۇ.  شۇ ۋەجىدىن روسۇلىللانىڭ يەر يۈزىدىكى پادىشاھلارغا قىلغان دەۋىتى بۇ ئايەت بىلەن بولغان ئىدى.

««ئى ئەھلى كىتاب! (يەنى يەھۇدىيلار ۋە ناسارالار) پەقەت اللە قىلا ئىبادەت قىلىش، اللە غا ھېچ نەرسىنى شېرىك كەلتۈرمەسلىك، اللە نى قويۇپ بىر- بىرىمىزنى خۇدا قىلىۋالماسلىقتەك ھەممىمىزگە ئورتاق بولغان بىر سۆزگە (يەنى بىر خىل ئەقىدىگە) ئەمەل قىلايلى» دېگىن، ئەگەر ئۇلار يۈز ئۆرۈسە (يەنى بۇنى قوبۇل قىلمىسا): «(ئى يەھۇدىيلار ۋە ناسارالار جامائەسى!) بىزنىڭ مۇسۇلمان ئىكەنلىكىمىزگە گۇۋاھ بولۇڭلار (64).» (سۈرە ئال ئىمران 64- ئايەت)

پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ نامازلىرىدىن كېيىن ئوقۇغان دۇئالىرىدىن ئۆرنەك بىرىمىز.

« ئى رەببىم! ھەر نەرسىنى ئىگىسى ۋە ئىلاھى، سېنى يېگانە ئىكەنلىكىڭگە، شېرىكىنىڭ يوقلۇقىغا گۇۋاھلىق بېرىمەن»

« ئى رەببىم! ھەر نەرسىنى ئىگىسى ۋە ئىلاھى، مۇھەممەدنىڭ سېنىڭ قۇلۇڭ ۋە ئەلچىڭ ئىكەنلىكىگە گۇۋاھلىق بېرىمەن»

«رەببىمىز! ھەممە نەرسىنىڭ ئىگىسى ۋە رەببى، قۇللىرىڭنىڭ ھەممىسىنىڭ قېرىنداش ئىكەنلىكىگە گۇۋاھلىق بېرىمەن»

پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام تەرىپىدىن كەلگەن بۇ ئۈچ تۈرلۈك شاھادەت، بىر  – بىرى بىلەن باغلىنىشلىقتۇر. چۈشەنچىمىزدىكى مۇسۇلمانلارنى قېرىنداشلىقى، ئالدىنقى ئىككى شاھادەت بىلەن باغلانغاندۇر. ئۇلۇھىيەتتە اللە تائالانىڭ يېگانە بۇلىشى، شېرىكى يوق ئىكەنلىكى، ئۇنىڭ بىلەن بىرگە ئىلاھلارنىڭ بولماسلىقى، ئۇنىڭدىن باشقىسىغا بويۇن ئەگمەسلىكى، ھۆرمەت كۆرسەتمەسلىكى، ئۇلۇغلانماسلىقىدۇر. مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنى بەندە ئىكەنلىكى اللە تەرىپىدىن خەۋەر بېرىلگەنلىكتىن، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنى ئۇلۇغلاش شۈبھىسىنى يوق قىلىدۇ. ئۇ ئىلاھ ئەمەس. ئۇ اللە نىڭ ئوغلىمۇ ئەمەس. خرىستىئانلارنىڭ ئويلىغىنىدەك، ئۇچ ئىلاھنىڭ ئۈچىنچىسى ھەم ئەمەس.

بۇ ئىككى ھەقىقەت ئۇلۇغلاشنىڭ پەقەتلا اللە تائالاغا خاس ئىكەنلىكىنى، باشتا پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ بۇلىشى بىلەن پۈتۈن ئىنسانلارنىڭ اللە نىڭ قۇلى (بەندىسى) بۇلىشى بارلىق اللە نىڭ قۇللىرى، (بەندىلىرى) باراۋەردۇر. مىللىتىنىڭ، رەڭگىنىڭ، ئەجدادىنىڭ ھېچقانداق بىر ئۈستۈنلۈكى يوقتۇر.

«ئى ئىنسانلار! سىلەرنى بىز ھەقىقەتەن بىر ئەر، بىر ئايالدىن، (ئادەم بىلەن ھەۋۋادىن ئىبارەت )بىر ئاتا بىر ئانىدىن ياراتتۇق ئۆز ئارا تونۇشۇشۇڭلار ئۈچۈن سىلەرنى نۇرغۇن مىللەت ۋە ئۇرۇق قىلدۇق، ھەقىقەتەن ئەڭ تەقۋادار بولغانلىرىڭلار اللە نىڭ دەرگاھىدا ئەڭ ھۆرمەتلىك ھېسابلىنىسىلەر (يەنى كىشىلەرنىڭ بىر-بىرىدىن ئارتۇق بولۇشى نەسەب بىلەن ئەمەس، تەقۋادارلىق بىلەن بولىدۇ)، اللە ھەقىقەتەن ھەممىنى بىلگۈچىدۇر، ھەممىدىن خەۋەرداردۇر (13).» (سۈرە ھۇجۇرات 13- ئايەت)

شېرىكنىڭ زىيانلىرى

شېرىكنىڭ شەخسى ۋە ئومۇمى ھاياتقا نىسبەتەن نۇرغۇن يامانلىق ۋە زىيانلىرى بار

شېرىك ئىنسانلار ئۈچۈن بىر زالالەتتۇر

ئىنسانلىق قىممىتىنىڭ چۈشۈپ كېتىشىدۇر. اللە ئۇ ئىنساننى يەر يۈزىنىڭ خەلىپىسى قىلغان، ئۇنى شەرەپلىك قىلغان، پۈتۈن ئىسىملارنى ئۆگەتكەن، يەر ۋە ئاسماندا بولغان بارلىق مەۋجۇداتىنى ئۇنىڭغا بويسۇندۇرۇپ بەرگەن، بۇ كائىناتنى ئۇنىڭ خىزمىتىگە سېلىپ بەرگەن، ئەمما ئۇ ئىنسان ئۆزىنىڭ قىممىتىنى بىلەلمىگەن. كائىناتتىكى بەزى مەخلۇقلارغا ئىبادەت قىلغان، بويۇن ئەككەن ۋە سەجدە قىلىدىغان ئىلاھ قىلىۋالغان. ھالبۇكى ئۇ ئىنسان بۇ مەۋجۇداتنىڭ خەلىپىسىدۇر (رەھبىرى، باشقۇرغۇچىسى).

اللە تائالا مۇنداق دەيدۇ:

 « كېچە بىلەن كۈندۈز، كۈن بىلەن ئاي اللە نىڭ (بىرلىكىنى ۋە قۇدرىتىنى كۆرسىتىدىغان) ئالامەتلىرىدىندۇر، قۇياشقا سەجدە قىلماڭلار، ئايغىمۇ سەجدە قىلماڭلار، ئۇلارنى ياراتقان اللە غا سەجدە قىلىڭلار، ئەگەر پەقەت اللە غىلا ئىبادەت قىلىدىغان بولساڭلار (37).» (سۈرە فۇسسىلەت 37- ئايەت)

بۈگۈنكى كۈندە ئىنسانلارنىڭ ئىچىدىكى زالالەت كۆرۈۋاتقىنىمىزدىن تېخىمۇ كۆپتۇر. مىليونلىغان ئىنسانلار، ئىنسانلار ئۈچۈن خىزمەت قىلسۇن ئۈچۈن يارىتىلغان، ئۆلتۈرۈپ يېسۇن دەپ يارىتىلغان، كالىغا ئىبادەت قىلىشماقتا. بۇ قانداقمۇ ئىلاھ بولالىسۇن (ھىندىستاندا-ت).

بۇ توغرىدا اللە تائالا قۇرئان كەرىمىدە مۇنداق دەيدۇ:

«اللە غا خالىس ئىبادەت قىلىڭلار، ئۇنىڭغا شېرىك كەلتۈرمەڭلار، كىمكى اللە غا شېرىك كەلتۈرىدىكەن، ئۇ گويا ئاسماندىن تاشلىنىپ، قۇشلار ئۇنى ئېلىپ قاچقاندەك، ياكى بوران ئۇنى ئېلىپ بېرىپ يىراق جايغا تاشلىۋەتكەندەك بولۇپ قالىدۇ (31).» (سۈرە ھەج 31- ئايەت)

شېرىك خۇراپىيلىقنىڭ مەنبەسىدۇر

شېرىك، خۇراپىي ۋە باتىل ئىتىقاتنىڭ مەنبەسىدۇر. كائىناتتا اللە دىن باشقا كۈچ- قۇدرەت ئىگىسى، يۇلتۇز، جىن، كىشى ۋە روھلارنىڭ بارلىقىغا ئىشىنىشتۇر. ئىنسان ئەقلى ھەر تۈرلۈك خۇراپىيلىقنى قوبۇل قىلىشقا، دەججالنى تەستىقلاشقا تەيياردۇر. شۇ سەۋەبتىن جەمئىيەتتە، كاھىن، پالچى، مۇنەججىملەردەك غايىبنى بىلىدىغانلىقىنى داۋراڭ قىلىدىغان، كائىناتتىكى بەزى مەخپىي كۈچلەر بىلەن مۇناسىۋىتى بارلىقىنى داۋراڭ قىلىدىغانلارنىڭ سانى ۋە ئىناۋىتى ئاشماقتا. شۇنىڭ بىلەن بۇ جەمئىيەتتە اللە نىڭ بۇيرۇقلىرى ۋە اللە نىڭ ئەلچىسىنىڭ سۈننەتلىرى تاشلىنىپ قېلىپ ئورنىغا، تىل تۇمار، كۆزمونجاق، ئەپسۇن، سېھىر قاتارلىقلار ئىشلار بارغانسېرى كۆپىيىۋاتىدۇ.

شېرىك چوڭ زۇلۇمدۇر

شېرىكنىڭ ئۆزى بىر چوڭ زۇلۇمدۇر. ھەقىقەتەن زۇلۇمدۇر، ھاياتقا زۇلۇمدۇر. باشقىلارغا زۇلۇمدۇر. ھەقىقەتنىڭ ئەڭ بۈيۈكى، ئۆزىدىن باشقا ئىلاھنىڭ يوقلۇقى، ئۇنىڭدىن باشقا رەببىنىڭ يوقلۇقى، ئۇنىڭدىن باشقا ھۆكۈم چىقارغۇچى بولمىغان اللە تۇر. مۇشرىك اللە دىن باشقىسىنى ئىلاھ قىلغان، اللە دىن باشقىسىنى رەب دېگەن، ئۇنىڭدىن باشقىسىنى ھۆكۈم قىلغۇچى دەپ ئېتىراپ قىلغان كىشىدۇر.

ھاياتىغا زۇلۇمدۇر. چۈنكى مۇشرىك، ئۆزىگە ئوخشايدىغان، مەخلۇققا ئۆزىنى بەندە (قۇل) قىلىپ بەرگۈچىدۇر. ھالبۇكى اللە ئۇ بەندىنى ھۆر ياراتقان تۇرسا.

باشقىلارغا زۇلۇمدۇر؛ چۈنكى باشقىلارنى اللە قا تەڭ شېرىك قىلىش بىلەن ئۇنىڭغا زۇلۇم قىلغاندۇر. چۈنكى ئۇنىڭغا لايىق بولمىغان نەرسىنى ئۇنىڭغا بەرگەندۇر.

شېرىك قورقۇنچنىڭ مەنبەسىدۇر

تەۋھىد، ھۇزۇر ۋە ئىشەنچنىڭ مەنبەسى بولغىنىدەك، شېرىكمۇ قورقۇنچ ۋە ۋەھىمىنىڭ مەنبەسىدۇر. ئەقلى خۇراپىيلىقنى قوبۇل قىلغان، باتىل ئېتىقاد ۋە خاتالىقلارنى قوبۇل قىلغان ئىنسان، ساختا خۇدالارنىڭ خىزمەتچىلىرى بولغان، كاھىنلارنىڭ ۋە ئۇلارنىڭ خىزمەتچىلىرىنىڭ تارقاتقان ۋەھىمىلەردىن قورقۇپ كېتىشىدۇ. بۇنىڭ ئۈچۈن ئېنىق بىر سەۋەبى بولماستىن، شېرىك بولغان جايدا، قورقۇنچ، ۋەھىمە كېڭەيمەكتە. اللە تائالا مۇنداق دەيدۇ:

 «(ئىلاھلىقى) ھەققىدە ھېچبىر دەلىل چۈشۈرمىگەن نەرسىلەرنى (يەنى بۇتلارنى) اللە غا شېرىك قىلغانلىقلىرى ئۈچۈن، كاپىرلارنىڭ دىللىرىغا قورقۇنچ سالىمىز، ئۇلارنىڭ بارىدىغان جايى دوزاختۇر، ئالىملارنىڭ جايى (يەنى دوزاخ) ھەقىقەتەن يامان جايدۇر (151).» (سۈرە ئال ئىمران 151- ئايەت)

شېرىك ئىنساننى ھۇرۇنلاشتۇرىدۇ

شېرىك ئىنساننى خەيرلىك ئىشلاردىن توسۇپ قويىدۇ. ئىنساننىڭ تىرىشچانلىقىنى ئۆزىگە بولغان ئىشەنچىنى يوق قىلىدۇ. بۇ مۇشرىكلارنىڭ شاپائەتچىلىرىنىڭ ۋاسىتىسى بىلەن مۇسىبەت كۆرۈشى سەۋەبلىكتۇر. بۇ چوڭ گۇناھ قىلغانلىقتۇر. اللە دىن باشقا تەڭرىلىرىنىڭ ئۆزلىرىنى شاپائەت قىلىدىغانلىقىغا ئىشەنگەنلىكى ئۈچۈن گۇناھ ئىشلارنى قىلىشماقتا. مۇشرىك ئەرەبلەرنىڭ تەڭرى ۋە ئىلاھلىرى توغرىسىدا ئىشەنگەنلىرى مۇنداق:

«ئۇلار اللە نى قويۇپ، ئۆزلىرىگە پايدا- زىيان يەتكۈزەلمەيدىغان نەرسىلەرگە چوقۇنىدۇ، «بۇلار (يەنى بۇتلار) اللە نىڭ دەرگاھىدا بىزگە شاپائەت قىلغۇچىلار» دېيىشىدۇ، ئەجەبا، ئاسمانلاردا ۋە زېمىندا بۇنداق نەرسە (يەنى اللە نىڭ شېرىكى ياكى شاپائەت قىلغۇچى) بولۇپ، ئۇنى اللە بىلمەي قېلىپ، سىلەر اللە غا ئۇنى ئېيتىپ بېرەمسىلەر؟ اللە ئۇلارنىڭ شېرىك كەلتۈرگەن نەرسىلىرىدىن پاكتۇر ۋە يۈكسەكتۇر (18).» (سۈرە يۇنۇس 18- ئايەت)

ئۇلارنىڭ يەنە بىر مىسالى بولسا، نەپسىلىرىنىڭ كەينىگە كىرگەن خرىستىئانلاردۇر. ئۇلار ئىلاھلىرىنىڭ ئۆزىنى پىدا قىلىش بىلەن كىرىسقا مىخلانغانلىقى ئۇلارنىڭ گۇناھىغا كاپارەت بولىدىغانلىقىغا ئىشىنىدۇ.

شېرىكنىڭ ئاخىرەتتىكى نەتىجىسى

بۇلار شېرىكنىڭ بۇ دۇنيادىكى نەتىجىسىدۇر. ئاخىرەتتە ئۇلارنىڭ ئەپۇ قىلىنمايدىغانلىقى، گۇناھلىرىنىڭ كۆرسىتىپ بېرىلىشى يېتەرلىكتۇر.

«اللە ھەقىقەتەن اللە غا شېرىك كەلتۈرۈش گۇناھىنى مەغپىرەت قىلمايدۇ، خالىغان ئادەمنىڭ ئۇنىڭدىن باشقا گۇناھىنى مەغپىرەت قىلىدۇ. كىمكى اللە غا شېرىك كەلتۈرىدىكەن، چوڭ گۇناھ قىلغان بولىدۇ (48).» (نىسا سۈرىسى 48- ئايەت)

«شۈبھىسىزكى، اللە مەريەمنىڭ ئوغلى ئىسادۇر، دېگۈچىلەر كاپىر بولدى، ئىسا: «ئى بەنى ئىسرائىل! مېنىڭ پەرۋەردىگارىم ۋە سىلەرنىڭ پەرۋەردىگارىڭلار بولغان اللە غا ئىبادەت قىلىڭلار، كىمكى اللە غا شېرىك كەلتۈرىدىكەن (يەنى اللە دىن غەيرىيگە ئىلاھ دەپ ئېتىقاد قىلىدىكەن)، اللە ئۇنىڭغا جەننەتنى ھارام قىلىدۇ، ئۇنىڭ جايى دوزاخ بولىدۇ، زالىملارغا ھېچبىر مەدەتكار (يەنى اللە نىڭ ئازابىدىن قۇتۇلدۇرغۇچى) بولمايدۇ» دېدى (72).» (سۈرە مائىدە 72- ئايەت)

اللە نىڭ ئىزنى ۋە ئىلتىپاتى بىلەن بۇ كىتابنىڭ تەرجىمىسى تامام بولدى

بۇكىتابنىڭ ئاپتۇرىغا اللە رەھمەت قىلسۇن ئامىن!

‏29‏/04‏/2012

بۇ يازما 382 قېتىم كۆرۈلدى.

Email this to someoneTweet about this on TwitterShare on LinkedIn0Print this pageShare on Facebook33Share on Google+0

يازغۇچى ھەققىدە

ماقالە سانى : 1080

ئاكادېمىيە ئورگان تورى © 2017

ئۈستىگە قايتىش