ئۇيغۇرچە    Uyghurche    Уйғурчә   
  • 2018 - يىلى 27 - ئۆكتەبىر يەكشەنبە كۈنى سائەت 2:00 دە ئىستانبۇلدا «خىتاينىڭ جازا لاگىرلىرىدىكى شەرقىي تۈركىستانلىقلارنىڭ ئاقىۋىتى مۇھاكىمە يىغىنى» ئۆتكۈزۈلدى. ...
سىزنىڭ ئورنىڭىز: باشبەت » ئاكادېمىيە » «ئۇيغۇرلار نۆۋەتتە دۇچ كېلىۋاتقان خىرىسلار ۋە ھەل قىلىش يوللىرى مۇھاكىمە يىغىنى» ھەققىدە ئوچۇق خۇلاسە يىغىنى

«ئۇيغۇرلار نۆۋەتتە دۇچ كېلىۋاتقان خىرىسلار ۋە ھەل قىلىش يوللىرى مۇھاكىمە يىغىنى» ھەققىدە ئوچۇق خۇلاسە يىغىنى

ئالدى بىلەن ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسى نامىدىن بۈگۈنكىدەك دۇنيا مۇسۇلمانلىرىدا قۇتلۇق بولىۋاتقان، ئەمما بىزدە ئېغىر بولىۋاتقان كۈنلەردە ۋەتەن ئىچى-سىرتىدىكى بارلىق شەرقىي تۈركىستانلىق قېرىنداشلارغا ئامانلىق تىلەش بىلەن بىرگە، تارىختىكىدەكلا غەيرەتلىك ۋە چىداملىق بولۇپ مىللىي ھۆرلۈك يولىدا ھەقلىق كۆرەشىنى ئىزچىل داۋاملاشتۇرۇشىنى ئۈمىد قىلىمىز.

مۇھاجىرەتتە ۋەتەن – مىللەت تەقدىرى ئۈسىتىدە ئىزدىنىۋاتقان خەلقئارا مۇناسىۋەت، جەمىئىيەتشۇناسلىق، تارىخ، تۈركولوگىيە، پىسىخولوگىيە، پەلسەپە، سىياسەت بىلىمى، مەدەنىيەت تەتقىقاتى، ئاخبارات، دىنى تەتقىقات ۋە مائارىپشۇناسلىق ساھەلىرىدە كۆزگە كۆرۈنگەن ئۇيغۇر تەتقىقاتچىلارنىڭ دوكىلات بېرىشى بىلەن 2018-يىلى 26-ئاۋغۇست يەكشەنبە سائەت 9:30 دا فاتىھ سۇلتان مەھمەت ۋەخپە ئۇنىۋېرسىتېتىدا پۈتۈن شەرقىي تۈركىستانلىقلارغا ئوچۇق ھالدا، شەرقىي تۈركىستانلىقلارنىڭ يولۇققان جازا لاگىرى، كىملىك، مىللىي مائارىپ، دىنىي چەكلىمىلەر، مەدەنىيەت قىرغىنچىلىقى ۋە ئۇيغۇرلارنىڭ مەۋجۇتلۇق مەسىلىسى قاتارلىق جىددى مەسىلىلەر ۋە ئۇلارنىڭ ھەل قىلىش يوللىرى ئۈستىدە 25-ئاۋغۇست ئۆتكۈزۈلگەن «ئۇيغۇرلار نۆۋەتتە دۇچ كەلگەن خىرىسلار ۋە ئۇنى ھەل قىلىشنىڭ يوللىرى مۇھاكىمە يىغىنى» دا ئېلىنغان مەلۇماتلار ئاساسىدا خەلققە ئوچۇق «خۇلاسە يىغىنى» ئۆتكۈزۈلىدۇ.

بۇ قېتىمقى خەلققە ئوچۇق «خۇلاسە يىغىنى» غا ئۇيغۇر تەتقىقاتچىلاردىن ئامېرىكىدىن دوكتور ئەركىن ئابلېز، دوكتور قاھار بارات ۋە مۇستاپا ئاقسۇ، كانادادىن رۇقىيە تۇردۇش، گىرمانىيەدىن پەرھات مۇھەممىدى ۋە غەييۇر قۇربان، ئەنگىلىيەدىن ئەزىز ئەيسا ئەلكۈن، شىۋىتسىيەدىن ئابدۇشۈكۈر مۇھەممەت، قازاقىستاندىن پىروفېسسور دوكتور ئالىمجان ھەمرايىۋ ۋە دوكتور دىلنۇر قاسىموۋا، قىرغىزىستاندىن پىروفېسسور دوكتور سەيپۇللاھ ئابدۇللايېۋ، سەئۇدى ئەرەبىستاندىن مۇھەممەت يۈسۈپ، تۈركىيەدىن دوتسېنت دوكتور ئەركىن ئەكرەم، پىروفېسسور دوكتور ئالىمجان ئىنايەت، پىروفېسسور دوكتور ئابدۇرېشىت جېلىل قارلۇق، پىروفېسسور دوكتور ۋارىس چاقان، دوتسېنت دوكتور ئاتاۋۇللاھ شاھيار، دوتسېنت دوكتور نۇرئەھمەت قۇربان، دوكتور مۇھەممەت قۇربان، دوكتور راھىلە قەشقىرى، دوكتور شەۋكەت ناسىر، دوكتور ئالىمجان بۇغدا، دوكتور ئابدۇكېرىم بۇغدا، دوكتور پەرھات قۇربان تەڭرىتاغلى، دوكتور گۈلزادەم تەڭرىتاغلى، دوكتور بۇرھان سېيىت قاتارلىقلار قاتنىشىدۇ. بۇنىڭدىن سىرىت، بۇ يىغىنغا يەنە تۈركىيەدىكى شەرقىي تۈركىستان تەشكىلات مەسئۇللىرىدىن ھىدايەت ئوغۇزخان، دوكتور ئۆمۈر قۇل، دوكتور مۇھىتتىن جانئۇيغۇر، ئابدۇخالىق ئۇيغۇر، ئېلخان تۇرانلى ۋە ئابدۇجېلىل تۇران قاتارلىق شەخىسلەرمۇ ئىشتىراك قىلىدۇ.

خۇلاسە يىغىنى تۈگىكەندىن كېيىن، ئاۋىستىرالىيەدىن كەلگەن پەلسەپە پەنلىرى دوكتورى مەمتىمىن ئەلا ئەپەندى سائەت 12:30 دا ئىستانبۇلدىكى شەرقىي تۈركىستانلىق قېرىنداشلارغا «ئۇيغۇرلار پىسىخولوگىيەلىك ئۇرۇشتا» ناملىق كىتابى ھەققىدە لىكسىيە بېرىپ، ئۇيغۇرلارنىڭ مەۋجۇتلۇقى ھەققىدە پىسىخولوگىيەلىك ئانالىز ۋە مۇھاكىمەلىرىنى ئوتتۇرىغا قويىدۇ.

ھازىرقىدەك پاجىئەلىك ۋەزىيىتىمىزدە ئۇيغۇرلار دۇچ كەلگەن خىرىسلارنى مۇھاكىمە قىلىش ۋە ھەل قىلىش يوللىرىنى ئىزدەش تېپىپ، ئورتاق ئەقىل بىلەن ھەرىكەت قىلىش نۆۋەتتە تولىمۇ زۆرۈر بىر مەسىلە بولماقتا. ۋەتەن – مىللەت تەقدىرىگە كۆڭۈل بۆلۈۋاتقان ئىستانبۇلدىكى بارلىق شەرقىي تۈركىستانلىق قېرىنداشلىرىمىزنىڭ يېقىندىن ئاۋاز قوشۇپ، ئاكتىپلىق بىلەن پائالىيىتىمىزگە ئىشتىراك قىلىشىنى چىن كۆڭلىمىزدىن تىلەيمىز.
ئەڭ ئاخىردا، بارلىق شەرقىي تۈركىستانلىق قېرىنداشلارنىڭ قۇربان ھېيىتىگە قۇت تىلەش بىلەن بىرگە، تەنلىرىگە سالامەتلىك، ئىشلىرىغا ئاسانلىق ۋە خىزمەتلىرىگە مۇۋەپپەقىيەتلەر تىلەپ ھۆرمەت بىلەن:

– ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسى دائىمىي ھەيئەت كومىتېتى

2018-يىلى 20-ئاۋغۇست دۈشەنبە، ئىستانبۇل

يازغۇچى ھەققىدە

ماقالە سانى : 1202

ئاكادېمىيە ئورگان تورى ©

ئۈستىگە قايتىش