ئۇيغۇرچە    Uyghurche    Уйғурчә   
  • 2018 - يىلى 26 - ئاۋغۇست فاتىھ سۇلتان مەھمەت ئۇنىۋېرسىتېتى توپكاپى مەۋلەۋىخانىسىدا «ئۇيغۇرلار دۇچ كېلىۋاتقان خىرىسلار ۋە ھەل قىلىش يوللىرى مۇھاكىمە يىغىنى» ھەققىدە خۇلاسە دوكىلاتى قىلىندى. ...
سىزنىڭ ئورنىڭىز: باشبەت » ئاكادېمىيە » «2-نۆۋەتلىك ئاكادېمىيە كېڭىشى» 2018-يىلى 23- ۋە 24- ئاۋغۇست كۈنلىرىدە ئىستانبۇلدا ئىلىپ بىرىلدى

«2-نۆۋەتلىك ئاكادېمىيە كېڭىشى» 2018-يىلى 23- ۋە 24- ئاۋغۇست كۈنلىرىدە ئىستانبۇلدا ئىلىپ بىرىلدى

ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسى نۆۋەتتە، ئۇيغۇرلار ئىچىدىكى ئاۋانگارت زىيالىيلار ۋە ئوقۇغۇچىلار بىلەن بىرلىكتە مىللەت ئالدىدىكى بۇرچىنى ئادا قىلىپ، مىللىتىمىزنىڭ بۇ ئېغىر مۇسىبەت كۈنلىرىدىن تىزرەك قۇتۇلۇپ، مىللىي ھۆرلۈكىگە ئېرىشىشى ئۈچۈن ئۆزىگە يۈكلەنگەن ۋەزىپىنى ئادا قىلىش مەقسىتىدە، تەشكىلى قۇرۇلمىسىنى يېڭىلاپ، ئامېرىكا، ياۋرۇپا، ئوتتۇرا ئاسىيا، ياپۇنىيە ۋە ئاۋىستىرالىيە قاتارلىق دۆلەت ۋە رايۇنلاردا زەنجىرسىمان تارماقلىرىنى قۇرۇپ، تەشكىللىك ھالدا بىر تۇتاش پائالىيەت ئېلىپ بېرىش ئۈچۈن تېرىشچانلىق كۆرسەتمەكتە.

2016-يىلى 15-سىنتەبىردىن 17-سىنتەبىرگىچە ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسى ھەيئەت ئەزالىرى يىغىلىپ 3 كۈنلۈك مۇھاكىمە ۋە مۇنازىرە ئارقىلىق، «تۇنجى نۆۋەتلىك ئاكادېمىيە كېڭىشى» نى ئېلىپ بېرىپ، ئاكادېمىيەنىڭ نىزامنامىسىنى كۆزدىن كەچۈرۈپ، ئىچكى نىزامنامە تۈزگەن ئىدى. ئارىدىن بىر قانچە يىل ئۆتكەن بۈگۈنكى كۈندە، ۋەتەن ئىچى – سىرتىدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ۋەزىيىتى كۈندىن – كۈنگە يامانلىشىپ بەكمۇ ئېچىنىشلىق ۋەزىيەت شەكىللەنمەكتە. ۋەزىيەتنىڭ تەقەززاسىنى كۆزدە تۇتۇپ، ئاكادېمىيەنىڭ ئۆتمۈشى ۋە ھازىرقى مەۋجۇتلۇقىنى ئانالىز قىلىش ۋە كەلگۈسى يول خەرىتىسىنى تەكرار كۆزدىن كەچۈرۈشكە جىددى ئېھتىياج تۇغۇلغان ئىدى.

بۇ سەۋەپتىن، 23- ۋە 24 – ئاۋغۇست سىرىتقا يېپىق شەكىلدە ئۇيغۇر ئاكادېمىكلار كېڭىشى ئەزالىرى، ئاكادېمىيە ئەزالىرى ۋە مۇھاجىرەتتە كۆزگە كۆرۈنگەن ۋە ئەمەلىي خىزمەت قىلىۋاتقان ئۇيغۇر زىيالىيلارنىڭ تەكلىپ قىلىنىشى بىلەن «2-نۆۋەتلىك ئاكادېمىيە كېڭىشى» ئېلىپ بېرىلدى. «2-نۆۋەتلىك ئاكادېمىيە كېڭىشى» دە ئاكادېمىيەنىڭ 9 يىللىق خىزمەت مۇساپىسىدىكى تەجرىبە – ساۋاقلار خۇلاسىلىنىش بىلەن بىرگە، ئاكادېمىيەنىڭ مەۋجۇت ئەھۋالى سىۋوت ئانالىزى ئارقىلىق مۇھاكىمە قىلىنىىپ، ئاكادېمىيە قىلىشقا تېگىشلىك زۆرۈر خىزمەتلەر ئوتتۇرىغا قويۇلدى ۋە ئاكادېمىيەنىڭ كەلگۈسى يول خەرىتىسى قايتىدىن بېكىتىپ چىقىلدى.

ئىككى كۈن داۋاملاشقان كېڭەشتە، ئەركىن مۇنازىرە ۋە مۇھاكىمەلەر نەتىجىسىدە، ئاكادېمىيەنىڭ توققۇز يىللىق ئىلمىي خىزمەتلىرىنى مۇئەييەنلەشتۈرۈش بىلەن بىرگە، مەۋجۇت قۇرۇلمىسىنى ئىسلاھ قىلىپ، مۇھاجىرەتتىكى كۆپلىگەن ئاكادېمىك ۋە تەتقىقاتچىلارنى قۇچاقلاش ئارقىلىق، تېخىمۇ كۆپرەك ئاكادېمىك ئىلمىي خىزمەتلەرگە ئەھمىيەت بېرىش تەكىتلەندى. ئاكادېمىيەنىڭ مۇھاجىرەتتىكى شەرقىي تۈركىستانلىقلارنىڭ مېڭىسى ۋە ئەقلى بۇلىقى بولۇپ قېيىن كۈنلەردە مىللەتكە پايدىلىق ئەقىل-پىكىر بېرىش ئارقىلىق ئۈمىد بېغىشلاشقا ھەر دائىم كاپالەتلىك قىلىشنىڭ مۇھىملىقى ئوتتۇرىغا قويۇلدى.

ھەق ۋە ئادالەت يولىدا، ئاكادېمىيە، ئۇيغۇر زىيالىلارنىڭ ئۆز ئارا ھەمكارلىقىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشىغا تۈرتكە بولۇش، ئۇيغۇر مىللىي روھىنى ئويغۇتۇپ، ئۇيغۇر مىللىي كىملىكىنى قوغداش ۋە ئۇيغۇرلار ئىھتىياجلىق مۇھىم ساھەلەردە ئىختىساسلىق خادىملارنىڭ يېتىشىپ چىقىشى ئۈچۈن خىزمەت قىلىش بىلەن بىرگە، ئۇيغۇر مىللىي مەۋجۇتلۇقى قوغداش ۋە مىللىي ھۆرلۈكىنى قولغا كەلتۈرۈشنى مەقسەت قىلغان ئاساستا، مىللەتنىڭ كۈتكەن ئۈمىدىنى ئاقلاشنى ئۆزىنىڭ ھەرىكەت مىزانى قىلىش كۆپچىلىك تەرىپىدىن تەكىتلەندى.

– ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسى دائىمىي ھەيئەت كومىتېتى

2018-يىلى 29-ئاۋغۇست، ئىستانبۇل

يىغىندىن بەزى كۆرۈنۈشلەر:

يازغۇچى ھەققىدە

ماقالە سانى : 83

ئاكادېمىيە ئورگان تورى ©

ئۈستىگە قايتىش