ئۇيغۇرچە    Uyghurche    Уйғурчә   
  • 2018 - يىلى 27 - ئۆكتەبىر يەكشەنبە كۈنى سائەت 2:00 دە ئىستانبۇلدا «خىتاينىڭ جازا لاگىرلىرىدىكى شەرقىي تۈركىستانلىقلارنىڭ ئاقىۋىتى مۇھاكىمە يىغىنى» ئۆتكۈزۈلدى. ...
سىزنىڭ ئورنىڭىز: باشبەت » ئاكادېمىيە » ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسى 4-نۆۋەتلىك ئومۇمىي يىغىن چاقىرىپ يېڭى رەھبەرلىك ھەيئەتلىرىنى سايلاپ چىقتى

ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسى 4-نۆۋەتلىك ئومۇمىي يىغىن چاقىرىپ يېڭى رەھبەرلىك ھەيئەتلىرىنى سايلاپ چىقتى

ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسى 2018-يىلى 24-ئاۋغۇست جۈمە كۈنى ئىستانبۇلدا چاقىرىلغان «2-نۆۋەتلىك ئاكادېمىيە كېڭىشى» ئاخىرلاشقاندىن كېيىن، 4-نۆۋەتلىك ئومۇمىي يىغىن چاقىرىپ، ئاكادېمىيە ھەيئەت ئەزالىرىنىڭ يېڭىدىن سايلىمىنى ئۆتكۈزدى.

ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسىنىڭ ئەزالىرى يىغىلغان بۇ يىغىن ئالدى بىلەن تۈركىيە ۋە شەرقىي تۈركىستان ئىستىقلال مارشىنىڭ ئوقۇلۇشى بىلەن باشلاندى. ئىستىقلال مارشلىرى ئوقۇلغاندىن كېيىن، ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسىنىڭ رەئىسى ئابدۇلھەمىد قاراخان ئەپەندى ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسىنىڭ 2015-يىلىدىن بۇيانقى ئۈچ يىلدا قىلىنغان خىزمەتلەر، قولغا كەلتۈرۈلگەن نەتىجىلەر ۋە يىتەرسىزلىكلەر ئۈستىدە تەپسىلىي دوكلات بەردى. ئۇ ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسىنىڭ نۆۋەتتە ئۇيغۇر زىيالىلار توپلانغان كۈچلۈك بىر ئىلمىي جەمىئىيەتكە ئايلانغانلىقىنى تەكىتلەپ، ئاكادېمىيەنىڭ مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلار ئارىسىدىكى ئوينىغان رولىنىڭ مۇھىم ۋە مىللىي ۋەزىپىسىنىڭ تولىمۇ ئېغىر ئىكەنلىكى ئۈستىدە توختالدى.

ئابدۇلھەمىد قاراخان ئەپەندىنىڭ خىزمەت دوكىلاتى ئاخىرلاشقاندىن كېيىن، تۈركىيەدىكى ئىجتىمائىي تەشكىلاتلار سايلام تەرتىپى ۋە ئۇسۇلى بويىچە، ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسىنىڭ 3-نۆۋەتلىك ھەيئەت ئەزالىرى ھەممىسى بىردەك ئىستىپا بەردى ۋە 4-نۆۋەتلىك يېڭى رەئىسى دېمۇكراتىك شەكىلدە يېڭىدىن سايلاپ چىقىلدى.

يىغىندا، ئابدۇلھەمىد قاراخان ئەپەندى خىزمەت ئالدىراشچىلىقى، ئاكادېمىيەنىڭ بىر بالداق ئۆرلەپ، تېخىمۇ كەسپى ۋە تېخىمۇ تەسىرى دائىرىسىنىڭ كېڭىيىشى ئۈچۈن رەئىسلىك ۋەزىپىسىدىن ئىستىپا بەرگەنلىكىنى ۋە تەكرار رەئىس نامىزاتى بولمايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

سايلامدا، 2010-يىلىدىن 2012-يىلىغىچە ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسىنىڭ تۇنجى نۆۋەتلىك رەئىسلىك ۋەزىپىسىنى ئۈستىگە ئالغان ۋە ھازىر تۈركىيە ئەگە ئۇنىۋېرسىتېتى تۈرك دۇنياسى تەتقىقات ئېنىستىتوتىدا ئوقۇتقۇچى بولۇپ ئىشلەۋاتقان پىروفېسسور دوكتور ئالىمجان ئىنايەت ئەپەندى ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسىنىڭ 4-نۆۋەتلىك رەئىسى بولۇپ سايلاندى.

ئاكادېمىيەنىڭ سايلام قائىدە-پىرىنسىپلىرىغا ئاساسەن،  ئىش ئۈنۈمىنىڭ يۇقىرى بولۇشى ئۈچۈن، يېڭىدىن سايلانغان ئاكادېمىيە رەئىسى پىروفېسسور دوكتور ئالىمجان ئىنايەت ئۆزى بىلەن بىرگە 7 كىشىلىك دائىمىي ھەيئەتنى ئاكادېمىيە ئەزالىرى ئىچىدىن ئۆز ئالدىغا تەشكىللىدى. ئەمما ئاكادېمىيە رەئىسى نەخ مەيداندا ئۆزىدىن باشقا 6 كىشىنى سايلامغا قاتناشقۇچىلارغا بىر-بىرلەپ تونۇشتۇردى ۋە ئەڭ ئاز 51% ئەزانىڭ ماقۇللىقىنى ئېلىپ، 4-نۆۋەتلىك ئاكادېمىيە دائىمىي ھەيئەت كومىتېتى مۇقىملاشتى. بۇ قېتىمقى سايلامدا، يېڭىدىن تەشكىللەنگەن يەتتە كىشىلىك دائىمىي ھەيئەت كومىتېتىدا بەش ئۇيغۇر دوكتور ۋەزىپە ئالدى.

سايلامدا دېمۇگراتىك پىرىنسپلار ئاساسىدا سايلانغان ئاكادېمىيە رەئىسى پراڧېسسور دوكتۇر ئالىمجان ئىنايەت دۇنيانىڭ ھەرقايسى دۆلەت ۋە رايۇنلىرىدىكى ئاكادېمىيە تارماقلىرى ۋە ھەر قايسى خىزمەت كومىتېتلىرىنى يەرلىك ئاكادېمىيە تارماقلىرىنىڭ رەئىسلىرى بىلەن كېڭەشكەن ئاساستا تەشكىللەش ھوقۇقلۇقىغا ئىگە بولۇپ، ئۇنىڭ بۇ قېتىمقى ۋەزىپە ئۆتەش مۇددىتى 3 يىل بولىدۇ.

ئاكادېمىيە رەئىسى بولۇپ سايلانغان پىروفېسسور دوكتور ئالىمجان ئىنايەت ئەپەندى، ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسىنىڭ بۇنىڭدىن كېيىنكى 3 يىللىق پائالىيەت پىلان – لايىھەلىرىنى چۈشەندۈرۈپ، ئالدى بىلەن ئاكادېمىك خىزمەتلەرنى كۈچەيتىدىغانلىقىنى، ئاكادېمىيەنىڭ مەۋجۇت مۇھىم ئىلمىي خىزمەتلىرىنى داۋاملاشتۇرىدىغانلىقىنى، ئۇيغۇر تەتقىقاتچى زىيالىي ۋە ئوقۇغۇچىلارنىڭ قوللىشىدا ئاكادېمىيە پائالىيەتلىرىنى تېخىمۇ جانلىق ۋە كەسپىي سەۋىيەدە ئېلىپ بارىدىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، ھەر ئىككى ئايدا بىر ئاكادېمىك ۋە مۇتەخەسىسلەرنى تەكلىپ قىلىپ لىكسىيە پائالىيىتى ئورۇنلاشتۇرۇلىدىغانلىقىنى، «ئاكادېمىيە ئىلمىي ژۇرنىلى» چىقىرىلىدىغانلىقىنى،  ئاكادېمىيە تارمىقىدا «يۈسۈپ خاس ھاجىب تەتقىقات مەركىزى» ۋە ئاكادېمىيەگە قاراشلىق ۋەخپە قۇرۇپ چىقىدىغانلىقىدەك بىر قاتار خىزمەتلەرنى قىلىدىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

زىيالىلارغا خاس ئادىل ۋە دېمۇكراتىك ئۇسۇل بىلەن ئېلىپ بېرىلغان بۇ قېتىمقى سايلام، ئاكادېمىيە ئەزالىرىنىڭ كەلگۈسىگە بولغان ئۈمىد – ئارزۇلىرى بىلەن قىزغىن كەيپىياتتا غەلىبىلىك ئاخىرلاشتى.

– ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسى دائىمىي ھەيئەت كومىتېتى

2018-يىلى 29-ئاۋغۇست، ئىستانبۇل

سايلامدىن بەزى كۆرۈنۈشلەر:

يازغۇچى ھەققىدە

ماقالە سانى : 1202

ئاكادېمىيە ئورگان تورى ©

ئۈستىگە قايتىش