ئۇيغۇرچە    Uyghurche    Уйғурчә   
  • 2018 - يىلى 26 - ئاۋغۇست فاتىھ سۇلتان مەھمەت ئۇنىۋېرسىتېتى توپكاپى مەۋلەۋىخانىسىدا «ئۇيغۇرلار دۇچ كېلىۋاتقان خىرىسلار ۋە ھەل قىلىش يوللىرى مۇھاكىمە يىغىنى» ھەققىدە خۇلاسە دوكىلاتى قىلىندى. ...
سىزنىڭ ئورنىڭىز: باشبەت » ئەدەبىيات گۈلزارى » «ئابۇشقا» لۇغىتىنىڭ يېڭى نەشرى «نەۋائىينىڭ سۆزلىرى ۋە چاغاتايچە ئىسپاتلار» ھەققىدە

«ئابۇشقا» لۇغىتىنىڭ يېڭى نەشرى «نەۋائىينىڭ سۆزلىرى ۋە چاغاتايچە ئىسپاتلار» ھەققىدە

غەيرەت ئابدۇرەھمان ئوزغار ، مەقسۇد سېلىم

ئاساسىي مەزمۇنى: ماقالىدە ئۇزۇندىن بېرى خىتاي ۋە چەت ئەل تۈركولوگلىرى تەرىپىدىن «ئابۇشقا» ياكى «چاغاتايچە لۇغەت» نامى بىلەن ئاتىلىپ كېلىۋاتقان، ھەممە بىردەك يېقىنقى زامان (چاغاتاي) ئۇيغۇر تىلىدا تۈزۈلگەن ئەڭ قەدىمكى، ئەڭ مۇكەممەل لۇغەت دەپ ئېتىراپ قىلغان «نەۋائىينىڭ سۆزلىرى ۋە چاغاتايچە ئىسپاتلار» ناملىق لۇغەتنى ۋە ئەسەر ھەققىدىكى تەتقىقاتلارنى تونۇشتۇرۇش بىلەن بىرگە، ئەسەرنىڭ 2011- يىلى تۈركىيەلىك تۈركولوگ پروفېسسور، دوكتۇر مۇستافا س. كاچالىن ئەپەندى تەرىپىدىن نەشرگە تەييارلانغان يېڭى نۇسخىسىنىڭ ئالاھىدىلىكى ۋە ئەھمىيىتى مىساللار بىلەن كۆرسىتىلىدۇ.

ئاچقۇچلۇق سۆزلەر: چاغاتاي ئۇيغۇر تىلى، لۇغەت، ئەلشىر نەۋايى

内容提要:本文主要介绍有关突厥学家们公认的察合台文做早、最完整的词典“纳瓦伊作品词语及察合台文论证”(长期以来被称作为“Abuşka”或“察合台文词典”)的研究成果以及土耳其学者、教授、博士Mustafa S. KAÇALİN出版的新版本“纳瓦伊作品词语及察合台文论证”)Nevâyî’nin Sözleri ve Çağatayca Tanıklar TDK, 2011 s.)的同时,举例指出本版本的独特特点和意义。

关键词: 近代维吾尔(察合台)语 词典 纳瓦伊

ئۇيغۇر تىلىنى تارىخىي تەرەققىيات نۇقتىسىدىن قەدىمكى زامان ئۇيغۇر تىلى (قەدىمكى تۈرك تىلى)، ئوتتۇرا قەدىمكى زامان ئۇيغۇر تىلى (خاقانىيە تىلى، قوچۇ تىلى ۋە خارەزم دەۋرى تىلىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان قەدىمكى ئۇيغۇر تىلى)، يېقىنقى زامان ئۇيغۇر تىلى (چاغاتاي ئۇيغۇر تىلى) ۋە ھازىرقى زامان ئۇيغۇر تىلى دېگەن تۆت باسقۇچقا بۆلۈش مۇمكىن. يېقىنقى زامان ئۇيغۇر تىلى بولغان چاغاتاي ئۇيغۇر تىلى ئادەتتە، ئوتتۇرا ئاسىيا ۋە ئېلىمىزنىڭ شىنجاڭ رايونى چىڭگىزخاننىڭ ئىككىنچى ئوغلى چاغاتاي خاننىڭ ھۆكۈمرانلىقىدا بولغان 14- ئەسىرنىڭ ئالدىنقى يېرىمىدىن 20- ئەسىرنىڭ 30- يىللىرىغىچە بولغان ئارىلىقتا ئىشلىتىلگەن تىلنى كۆرسىتىدۇ. بۇ يەردە ئوتتۇرىغا چىقىپ قالغان چاغاتاي سۆزى 1227– يىلى تەختكە چىققان چىنگىزخاننىڭ ئىككىنچى ئوغلى چاغاتاي خاننىڭ ئىسمىدىن كەلگەن. چاغاتاي خان ۋاپات بولغاندىن كېيىنكى دەۋرلەردىمۇ بۇ رايونلاردىكى خەلقلەر باشقا ئەللەر تەرىپىدىن چاغاتاي ئۇلۇسى دەپ ئاتىلىپ كەلگەن. ئۇ يەردە ياشىغان خەلقلەر ئىشلەتكەن تىل چاغاتاي تىلى دەپ تونۇلغان. بىزنىڭ رايونىمىزدا بولسا ئاتا- بوۋىلىرىمىز 600 يىلدىن ئارتۇقراق ئىشلەتكەن بۇ تىلنى چاغاتاي ئۇيغۇر تىلى ياكى يېقىنقى زامان ئۇيغۇر تىلى دەپ ئاتاپ كېلىۋاتىمىز.
يېقىنقى زامان (چاغاتاي) ئۇيغۇر تىلى دەۋرى نامى بىلەن ئاتالغان بۇ دەۋرلەردە ئەدەبىيات ناھايىتى تېز تەرەققىي قىلغان ۋە نىزامىددىن ئەلىشىر نەۋائىي بىلەن يۈكسەك پەللىگە چىققان. بۇ دەۋردىكى ئەدەبىي ئەسەرلەر ئۆز ئىچىدىكى خەلقلەردىلا ئەمەس، ئەتراپتا ياشىغان باشقا خەلقلەر ئارىسىدىمۇ شۆھرەت قازىنىشقا باشلىغان. بۇنىڭ بىلەن ئەينى دەۋردىكى ئىلىمسۆيەر كىشىلەر ۋە ئەدىبلەر بۇ ئەسەرلەردە ئۇچرايدىغان سۆزلەر بىلەن لۇغەتلەر تۈزگەن. ئەتراپتىكى خەلقلەر بۇ دەۋر شائىرلىرىنىڭ ئەسەرلىرىنى شېئىرنىڭ چوڭقۇرلۇقلىرىغا تېخىمۇ چۆكۈپ تولۇق چۈشىنىش ئۈچۈن ئەسەردىكى سۆزلەرنى چۈشەندۈرگەن لۇغەتلەرگە مۇراجىئەت قىلىدىغان ئەھۋال شەكىللەنگەن.
يېقىنقى زامان (چاغاتاي) ئۇيغۇر تىلى ھەققىدىكى لۇغەتلەر ئاساسلىقى: «نەۋائىينىڭ سۆزلەرى ۋە چاغاتايچە ئىسپاتلار» ياكى «ئابۇشقا» (ابوشقە)، «بەدايىئۇل لۇغەت» (بديع اللغت)، «سەنگلاخ» (سنكلاخ)، «خۇلاسەئى ئابباسى» (خولاصهء عباسى)، بەھجەتۇل لۇغەت» (بھجت اللغت)،«لۇغەتى چاغاتاي تۈركى ئوسمانى» (لغتى چغتاي و تركى عثمانى) قاتارلىقلار بار بولۇپ، بۇ لۇغەتلەرنىڭ ئىچىدە «نەۋائىينىڭ سۆزلەرى ۋە چاغاتايچە ئىسپاتلار» ناملىق بۇ لۇغەت تەتقىقاتچىلار تەرىپىدىن ئەڭ قەدىمكى لۇغەت دەپ ئېتىراپ قىلىنىشى بىلەن مۇھىمدۇر. مەزكۇر لۇغەت نەۋائىي ئەسەرلىرىدە ئىشلىتىلگەن سۆزلەرنىڭ ھەمدە شۇ دەۋر ئەدەبىياتى (ئەلۋەتتە ئۇ دەۋر ئەسەرلىرى تىل، ئەدەبىيات، تارىخ قاتارلىق كۆپ ساھەلەرگە چېتىلىدۇ) ھەققىدىكى ئەڭ قەدىمكى مۇپەسسەل لۇغەت بولۇپلا قالماستىن، يېقىنقى زامان ئۇيغۇر تىلىمىزغا ئائىتمۇ ئەڭ قەدىمكى مۇكەممەل لۇغەت ھېسابلىنىدۇ. بۇ لۇغەت دەل تەتقىقاتچىلار ئارىسىدا ئۇزۇندىن بۇيان «ئابۇشقا» نامى بىلەن تەرىپلىنىپ كېلىۋاتقان ئەسەردۇر.
دۇنيا تۈركولوگلىرى ۋېنگىرىيەلىك تۈركولوگ J.Thury نىڭ تەتقىقاتىغا ئاساسلىنىپ تۇرۇپ «ئابۇشقا» لۇغىتىنىڭ چاغاتاي ئۇيغۇرچىسىغا ئائىت ئەڭ قەدىمكى لۇغەت ئىكەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويۇشىدۇ . يوژېف تۇرى (Jozsef Thury) (1861 ــ 1906-يىللار) «14- ئەسىرگىچە تۈركىي تىللىرىنىڭ يادىكارلىقلىرى» (1913)، «ئوسمانلى تۈركچىسى» (1906)، «ئوتتۇرا ئاسيا تۈرك تىلى ھەققىدە تەتقىقاتلار» (1906)، «ئابۇشقا لۇغىتى» قاتارلىق ئەسەرلەرنى يازغان. ئۇنىڭ ماقالىدە تىلغا ئېلىنغان تەتقىقاتى «ئوتتۇرا ئاسيا تۈرك تىلى ھەققىدە تەتقىقاتلار» ناملىق ماقالىسى بولۇپ (Milli Tetebbular Mecmua 2 نىڭ 1913- يىللىق سانىدا بۇ ماقالىنىڭ تۈركچە تەرجىمىسى ئېلان قىلىنغان)، ئاپتور بۇ ماقالىدە يېقىنقى زامان ئۇيغۇر تىلى بولمىش چاغاتاي ئۇيغۇر تىلى ۋە چاغاتاي دەۋرى ئۇيغۇر تىلىدا تۈزۈلگەن لۇغەتلىرى ھەققىدە ئەتراپلىق توختالغان. ئۇنىڭ مەزكۇر ماقالىسى يېقىنقى زامان (چاغاتاي) ئۇيغۇر تىلى تەتقىقاتىدىكى مۇھىم بىر ماقالە ھېسابلىنىدۇ.
تۈركىيەلىك تەتقىقاتچى ھەسەن ئەرەنمۇ لۇغەتنىڭ بۇ ساھەدىكى ئەڭ قەدىمكى لۇغەت ئىكەنلىكىنى «چاغاتاي لۇغەتلىرى ھەققىدە خاتىرىلەر» ناملىق ماقالىسىدە ئوتتۇرىغا قويۇپ ئۆتىدۇ. لۇغەت يېقىنقى زامان (چاغاتاي) ئۇيغۇر تىلى ساھاسىدىكى نوپۇزلۇق لۇغەتلەرنىڭ بىرى بولۇپ، بۇ ساھەدىكى تەتقىقاتلاردا ئالاھىدە مۇھىم ئورۇن تۇتىدۇ. لۇغەتكە جەمئىي 2000 ئەتراپىدا سۆز (سۆز تومۇرى) كىرگۈزۈلگەن بولۇپ، سۆزلۈك سانى جەھەتتىمۇ خېلى مۇھىم ئورۇن ئىگىلەيدۇ. لۇغەتتىكى سۆزلۈكلەر ئوسمانلى تۈركچىسى (ئوسمان ئېمپىرىيەسى ۋاقتىدىكى تۈرك تىلى) بىلەن تەپسىلىي چۈشەندۈرۈلگەندىن باشقا، يەنە سۆزلۈكنىڭ تېخىمۇ چۈشىنىشلىك بولۇشى ئۈچۈن سۆزلۈك ئۇچرايدىغان يېقىنقى زامان (چاغاتاي) ئۇيغۇر تىلىدىكى جۈملىلەرنى ياكى نەۋائىينىڭ ئەسەرلىرىدىن بېيىتلەرنى مىسال قىلىپ بېرىش ئارقىلىق سۆزلۈكلەرنى كونتېكىست ئىچىدە كۆرسەتكەن. بۇنىڭلىق بىلەن سۆزلەرنىڭ لۇغەتلەردە ئۇچرىمايدىغان، پەقەت كونتېكىستتىلا چۈشىنىشلىك بولىدىغان سېمانتىكىلىق مەنىلىرىنى چۈشىنىش ئۈچۈن تېخىمۇ قۇلايلىق يارىتىلغان. بۇنىڭدىن باشقا يەنە بېيىتلەرنىڭ نەۋائىينىڭ قايسى ئەسىرىدىن ئېلىنغانلىقىمۇ يېزىلغان.
لۇغەتنىڭ ئىسمى قوليازمىسىنىڭ ئۈستىدە ياكى ئەسەرنىڭ ئىچىدە ئۇچرىمىغانلىقتىن، لۇغەتتىكى بىرىنچى سۆز، يەنى ئەلىشىر نەۋائىينىڭ «مەجنۇن ۋە لەيلا»سىنىڭ 33- بۆلۈم 2982 – بېيىتىدە ئۇچرايدىغان «ئەر، قېرى ئەر، ئايالنىڭ ئېرى» مەنىلىرىدە ئىشلىتىلىدىغان «ئابۇشقا» سۆزى بىلەن ئاتالغان. شۇنىڭدىن كېيىن بۇ لۇغەت «ئابۇشقا» (Abuşka) ئىسمى بىلەن ياكى «چاغاتايچە لۇغەت» دېگەن نام بىلەن ئىلىم ساھاسىدىكىلەرگە تونۇلغان . شۇنىڭدىن كېيىن تەتقىقاتچىلار ۋە تىلشۇناسلار بۇ لۇغەتنى شۇ ئىسىم بىلەن ئاتاپ كەلگەن ۋە شۇنداق ئومۇملاشقان.
تۈركىيەلىك پروفېسسور، دوكتور مۇستافا س. كاچالىن ئەپەندى لۇغەتنىڭ تەخمىنەن 1544-يىلى تۈزۈلگەنلىكىنى ۋە بۇ ھەقتىكى چۈشەنچىلىرىنى ئوتتۇرىغا قويىدۇ. بۇنىڭدىن بۇرۇن لۇغەتنىڭ قوليازمىلىرىدا تۈزگۈچى ھەققىدە مەلۇمات بېرىلمىگەنلىكتىن لۇغەتنىڭ تۈزگۈچىسى مەلۇم بولماي كەلگەن ئىدى. پروفېسسور، دوكتور كاچالىن ئەپەندى تەتقىقاتلارغا ئاساسلىنىپ تۇرۇپ، ئوسمانلى دۆلىتىدە پەقەت نىيازىنىڭ (‍‌Niyāzi) نەۋائىينىڭ ئەسەرلىرىنى تەتقىق قىلىش بىلەن ھەممىگە تونۇلغانلىقىنى، شۇنداقلا بۇنىڭ ئاپتور قەلىمى ئارقىلىق مۇنداق ئىپادە قىلىنغانلىقىنى يازىدۇ. «نەۋائىي ھەزرەتلىرىنىڭ ئون بەش پارچە كىتابىنى يىغقان ئىدىم، سۆزلەرنى ۋە سۆز بىرىكمىلىرىنى بۇ ئەسەرلەردىن چىقىراتتىم. خۇراسان، سەمەرقەند ۋە چاغاتاي خەلقلىرىدىن خېلى كۆپ تۈركچە سۆزلىشىدىغان كىشىلەرنىڭ دىۋانلىرىنى ۋە مەسنەۋىلىرىنى يىغقان ئىدىم. ئاخىرىدا دۆلەت ئىگىسى مېنىڭ بۇ ئىشلىرىمنى ئاڭلاپتۇ. شۇنىڭ بىلەن نەۋائىي ھەزرەتلىرىنىڭ ھەممىسى يىگىرمە سەككىز پارچە كىتابىنى ماڭا سوۋغا قىلغان ئىدى» . بۇ مەزمۇنلارغا ئاساسلىنىپ تۇرۇپ، «نەۋائىينىڭ سۆزلىرى ۋە چاغاتايچە ئىسپاتلار» ناملىق لۇغەتنىڭ تۈزگۈچىسىنىڭ نىيازى ئىكەنلىكىنى تۇنجى قېتىم ئوتتۇرىغا قويىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىرگە، ئەسەرنىڭ ئىسمىنىڭ «نەۋائىـينـىڭ سـۆزلەرى ۋە چاغاتايچە ئىسپاتلار» (El-Lugatu ‘n-Neva’iyye ve ‘l-İstişhadatu ‘l-Cagata’iyye) ئىكەنلىكىنى، زىرنۇفنىڭ ئىسىمنى توغرا ئىشلەتكەنلىكىنى ۋە بۇ ئىسىمنىڭ ئىشلىتىلىشى كېرەكلىكىنى ئوتتۇرىغا قويىدۇ. بۇنىڭدىن باشقا لۇغەتنىڭ تۈزگۈچىسىنىڭ ئوتتۇرىغا قويۇلۇشى تۇنجى قېتىملىق ئىش ھېسابلىنىدۇ.
لۇغەت بۇندىن بۇرۇنمۇ بىرقانچە قېتىم تەتقىق قىلىنغان ۋە بۇلارنىڭ ئىچىدە بەزىلىرى نەشر قىلىنغان بولۇپ، بۇلار تۆۋەندىكىچە:
1) ۋامبەرى ئارمىن (Vambery Armin) 1862- يىلى پەستتە بۇ ئەسەرنى ماجار (ۋېنگىر) تىلىدا نەشر قىلدۇرغان. بۇ نەشردە ئاپتور ئەسەرنىڭ كىرىش قىسمىدا لۇغەتنى قىسقىچە تونۇشتۇرىدۇ ۋە بەزى سۆزلەرنىڭ ياقۇتچە شەكىللىرىنى بەرگەن. لۇغەت قىسمىدا ئەسلى سۆزلۈك ئەرەب ھەرپلىرى بىلەن بېرىلگەندىن كېيىن، ئۇنىڭ يېنىغا لاتىن يېزىقىدىكى ترانسكىرىپسىيەسى بىلەن تەرجىمىسى بېرىلگەن. بۇ لۇغەتنىڭ بىر يېتەرسىزلىكى ئەسلى قوليازمىدىكى مىسال ئۈچۈن بېرىلگەن جۈملە ۋە بېيىتلەر بېرىلمىگەن. ئەسەر جەمئىي 107 بەتتىن تەشكىل تاپقان.
2) ۋېليامنوف زىرنوف (V. V. Veliaminof-Zernof) 1869- يىلى لۇغەتنى پېتىربۇرگتا فىرانسۇزچە نەشر قىلدۇرغان. كىتابنىڭ كىرىش سۆز قىسمىدا ۋامبەرىنىڭ تەتقىقاتى بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇرلار بېرىلگەندىن كېيىن، نەۋائىي ھەمدە ئۇنىڭ ئەسەرلىرى ھەققىدە مەلۇمات بېرىلگەن. لۇغەت قىسمىدا سۆزلۈكلەر ئەرەب ھەرپلىرى بىلەن بېرىلىپ، يېنىغا لاتىن ھەرپلىرى بىلەن ترانسكىرىپسىيە قىلىنغان. كىتاب جەمئىي 447 بەتتۇر. ھازىرغىچە بولغان ئارىلىقتا بۇ نۇسخا تەتقىقاتچىلار تەرىپىدىن ئەڭ كۆپ قوللىنىلغان نۇسخا ھېسابلىنىدۇ.
3) ئالبىل ژان باتىست (Abel-Jean-Baptiste PAVET DE COURTEILLE) 1870-يىلى پارىژدا نەشىر قىلدۇرغان. بۇ نەشرىدە لۇغەتنىڭ مۇقاۋىسىدا تىلغا ئېلىنغىنىدەك، نەۋائىيدىن باشقا بابۇر (1483-1530)، ئەبۇلغازى (1603-1663) قاتارلىقلارنىڭ ئەسەرلىرىدىنمۇ سۆزلۈكلەر كىرگۈزۈلۈپ، جەمئىي 5507 سۆزلۈك بېرىلگەن. پروفېسسور، دوكتور كاچالىن «سۆزلۈكلەر ئارىسىدا بەزىدە ئارىلاشتۇرۇۋېتىلگەن ۋە خاتا بولۇپ قالغان سۆزلەملەرمۇ بار. مەتىننىڭ ئوقۇلۇشى ۋە سۆزلەملەرنىڭ يېزىلىشىدا زىر- زەبەرلەر قويۇلمىغانلىقتىن، ئويلىغىنىمىزدەك پايدىلانغىلى بولمايدۇ» غانلىقىنى يازىدۇ.
4) بەسىم ئاتالاي (Besim Atalay) لۇغەتنى ھازىرقى زامان تۈركچىسى بىلەن نەشرگە تەييارلىغان، كىتاب ئۇنىڭ ئۆلۈمىدىن بەش يىل كېيىن نەشر قىلىنغان. بەسىم ئاتالاي ئەپەندى كىتابنىڭ بۇرۇنقى نەشرلىرىنى ۋە بارلىق قوليازمىلىرىنى يىغىپ، ھەممىسىنى سېلىشتۇرۇش ئارقىلىق ئىككى يىل ۋاقىت سەرپ قىلىپ كىتابنى نەشرگە تەييارلىغان. ئەسەرنىڭ قوليازمىلىرى ھەققىدە «ئەڭ توغرىسى فاتىھ نۇسخىسىدۇر» دېگەن كۆزقاراشقا كەلگەن. بۇ نۇسخىدا خېلى كۆپ خاتالىقلار بولغانلىقى ئۈچۈن تەتقىقاتلاردا كۆپ قوللىنىلمايدۇ.
5) مۇھەررەم گۈزەلدىر (Muharrem Güzeldir) دوكتورلۇق ئىلمىي ماقالىسى ئۈچۈن تەييارلىغان «ئابۇشقا لۇغىتى» (كىرىش، تېكىست، ئىندېكىس) ئاتلىق دوكتۇرلۇق ئىلمىي ماقالىسى. ماقالىنىڭ كىرىش قىسمىدا ئاپتور يېقىنقى زامان (چاغاتاي) ئۇيغۇر تىلى ۋە بۇ ھەقتىكى لۇغەتلەر، ئەلىشىر نەۋائىينىڭ ئەسەرلىرى، ئابۇشقا لۇغىتى ھەققىدىكى بۇرۇنقى تەتقىقاتلار ھەققىدە مەلۇمات بەرگەندىن كېيىن، ئۆزىنىڭ تەتقىقات ئالاھىدىلىكىنى تونۇشتۇرۇپ ئۆتىدۇ. لۇغەتنىڭ ھازىر پارىژ، ۋيېنا، مىيۇنخېن، لېنىنگىرادلاردىكى كۇتۇبخانىلاردا جەمئىي 17 پارچە قوليازمىسىنىڭ بارلىقىنى ۋە بۇلارنىڭ قايسى كۇتۇبخانىلاردا قانچىنچى نومۇرلۇق قوليازما ئىكەنلىكىنى تەپسىلىي يازىدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا ئاپتور يەنە لۇغەتنىڭ تۈركىيەدىكى كۇتۇبخانىلاردا ساقلىنىش ئەھۋالىنى تەپسىلىي تونۇشتۇرىدۇ. ئىستانبۇل ئۇنىۋېرسىتېتى كۇتۇبخانىسىدا تۆت خىل نۇسخىسىنىڭ بارلىقىنى ۋە ئۇنىڭدىن باشقا يەنە ئەسەد ئەپەندى نۇسخىسى، لالە ئىسمائىل نۇسخىسى، لالەلى نۇسخىسى، توپ كاپى نۇسخىسى، نۇرى ئوسمانىيە نۇسخىسى قاتارلىق 17 خىل نۇسخىسىنىڭ مەۋجۇتلۇقىنى يازىدۇ ۋە ئۇلارنىڭ تىزىم نۇمۇرلىرى بىلەن تەمىنلەيدۇ. بۇ ماقالە ھازىرغىچە تېخى نەشر قىلىنمىدى.
لۇغەت ھەققىدىكى ئەڭ يېڭى تەتقىقات 2011- يىلى پروفېسسور، دوكتۇر مۇستافا س. كاچالىن ئەپەندى تەرىپىدىن نەشرگە تەييارلىنىپ نەشر قىلىندى. كىتاب جەمئىي 1110 بەت بولۇپ، ئۇنىڭ كەينىگە كىتابنى نەشرگە تەييارلاشتا ئاساس قىلىنغان جەمئىي 190 ۋاراق قوليازما نۇسخىسى رەڭلىك قىلىپ بېرىلگەن. پروفېسسور، دوكتور كاچالىن ئەپەندى لۇغەتنىڭ سۇلايمانىيە ئەسەد ئەپەندى نۇسخىسىنى ئاساس قىلىپ تۇرۇپ، ئەسەردە ئىسمى ئۇچرايديغان 34 پارچە ئەسەر بىلەن ئەسلى قوليازمىنى سېلىشتۇرۇپ چىققان. بۇ ھەقتە كىتابنىڭ كىرىش سۆز قىسمىدا تىلغا ئېلىپ ئۆتكەندەك، مەزكۇر لۇغەتنىڭ نەشرگە تەييارلىنىشىدا ھەممە قوليازما نۇسخىلىرىنى سېلىشتۇرۇپ چىقىش يولىغا ئەمەس، بەلكى ئەڭ تولۇق، باشتىن- ئاخىرى بىر ئادەم يېزىپ پۈتتۈرگەن ۋە يېزىلىپ بولغاندىن كېيىن بەت ئەتراپىغا ئۆزى كەم قاپتۇ، دەپ ئويلىغان يەرلىرىنى تولۇقلىغان نۇسخىسىنى ئاساس قىلىپ، ئەسلىي ئەسەردە مىسال كۆرسىتىلگەن بېيىت ۋە جۈملىلەرنى ئەسلى مەنبە بىلەن سېلىشتۇرۇشتەك تەتقىقات يولىنى تۇتقان. بۇ جەرياندا ئەسلى يازمىدا خاتا بولۇپ قالغان ياكى كەم قالغان يەرلىرىنى بىرمۇبىر تۈزەتكەن. مىسال بېرىلمىگەن سۆزلەرگە ئەسەرنىڭ ئۆزىدىن مىسال چىققان بولسا ئەسلى ئەسەر ئىچىدىن مىسال كەلتۈرگەن، بۇنداق مىساللارنىڭ سانى جەمئىي 311. ئەسلىي ئەسەردىن مىسال تېپىلمىغانلىرىغا بەدايىئۇل لۇغەت ۋە «سەنگلاخ»تىن مىساللار تولۇقلانغان بولۇپ، بۇلارنىڭ سانى جەمئىي 222 دۇر. بۇنداق مىساللارنىڭ كېلىش مەنبەسى ئەسلىي ئەسەرنىڭ قوليازما نۇسخىسىغا ئاساسەن بېرىلگەن.
بۇ خىل تەتقىقات ئۇسۇلىدا بۇرۇنقىدەك بىر ئەسەرنىڭ ھەممە قوليازمىسىنى يىغىپ ئۇلارنى سېلىشتۇرۇش ۋە مۇلاھىزە قىلىش ئارقىلىق نەشرگە تەييارلىغۇچى تەرىپىدىن ئەڭ تولۇق دەپ قارالغان تېكىست ئوتتۇرىغا قويۇش ئۇسۇلى ئەمەس. مەزكۇر كىتابتا قوللىنىلغان تەتقىقات ئۇسۇلى ۋەسىقىشۇناسلىقتىكى يېڭى بىر تەتقىقات ئۇسۇلى ھېسابلىنىدۇ.
كىتابنىڭ يەنە بىر مۇھىم ئالاھىدىلىكى ئەسەردىكى مۇھىم سۆزلەر، كىشى ئىسىملىرى، يەر- جاي ناملىرى، ئىزاھلاشقا تېگىشلىك دەپ قارالغان سۆزلەر ۋە بەزىدە سۆزنىڭ ئېتىمولوگىيەسى قاتارلىقلارنى چۈشەندۈرۈش ئۈچۈن ۋە ياكى ئەسەرنىڭ نۇسخا پەرقلىرىنى كۆرسىتىش ئۈچۈن بەت ئاستىدا بېرىلگەن ئىزاھاتلاردۇر. ئىزاھاتلارنىڭ كۆپلۈكى ۋە كەڭ دائىرىلىكلىكى كىشىنىڭ دىققىتىنى تارتىدۇ. كىتابتا جەمئىي 8511 ئىزاھات بېرىلگەن بولۇپ، كىتابتىكى ئىزاھاتلارنىڭ قىممەتلىكلىكى كىتابنىڭ قىممىتىنى تېخىمۇ ئاشۇرىدۇ. پروفېسسور، دوكتور كاچالىن ئەپەندى ئەسەرنى ئىنتايىن ئىنچىكىلىك بىلەن ھەر بىر سۆزنى دېگۈدەك قايتا- قايتا تەكشۈرۈش نەتىجىسىدە نەشرگە تەييارلىغان. ئىزاھات بېرىشكە تېگىشلىك دەپ قارىغان يەرلەرگە بىرمۇبىر تەپسىلىي ئىزاھات يازغان. مەسىلەن:
Üzük [< yüz-ük] ئەرەبچىدىكى «ك»دۇر. «بەدايىئۇل ۋاسات » (بۇ يەردە مۇنداق ئىزاھات بېرىلگەن: قوليازمىدا نەۋادىرۇش شەبباب دەپ يېزىلغان)تا كېلىدۇ [255,331,3] (ئىزاھات: قاراڭ، مۇھەممەد مەھدىخان، سەنگلاخ 122r15. ئالبىل ژان باتىست، نەۋايىنىڭ سۆزلەرى … 64.).
بېيىت/ رەمەلى مۇسەممەنى مەھدۇف: فائىلاتۇن فائىلاتۇن فائىلاتۇن فائىلۇن؛
خاتىمى لەئلىڭ ئەگەر ئاغزىمغا يەتكەچ تىشلەگۈم،
مۈھر ئەتەردە مۇ:م ياپۇشقان كەبى باسقاچ ئۈزۈك.
[ = تامغا بېسىش ئۈچۈن ئۈزۈكنى باسقاندا مۇم ئۇنىڭغا يېپىشقاندەك، ھېچ گەپ قىلمايدىغان لەۋلىرىڭ ئاغزىمغا تەگسە چىشلىۋالىمەن.]
دىزىن (ئىندېكس) قەدىمكى ئەسەر تەتقىقاتىدا كەم بولسا بولمايدىغان ئەمگەكتۇر. قەدىمكى ۋەسىقىنىڭ تېپىلىپ تەتقىق قىلىنىشى ئەلۋەتتە باشقىلارنىڭ پايدىلىنىشى ئۈچۈن بولىدۇ. ئەسلى قوليازما ھالىتىدىن ترانسكىرىپسىيە قىلىنىشى ۋە ھازىر قوللىنىلىدىغان تىللارغا ئۆرۈلۈشى باشقىلارنىڭ ئەسەر مەزمۇنىنى چۈشىنىش ۋە ئەسلىي ئوقۇلۇشىنى كۆرۈشى ئۈچۈندۇر. دىزىن بولسا ئەسەردە ئۇچرايدىغان مۇھىم سۆزلەر، ئاتالغۇلار، كىشى ئىسىملىرى، ھەتتا ئەسەردە ئۇچرايدىغان بارلىق سۆزلەرنىڭ تىزىملىكى بولۇپ، بۇ سۆزلەر رەت- تەرتىپى بويىچە بېرىلگەندىن كېيىن، سۆزنىڭ ئاخىرىغا شۇ سۆزنىڭ قايسى يەردە ئۇچرايدىغانلىقىنى كۆرسىتىدىغان سان- سىپىرلار ۋە ئۇندىن باشقا، سۆزنىڭ ھازىرقى تىللاردىكى مەنىسىمۇ يېزىلىدۇ. تەتقىقات بىلەن شۇغۇللىنىدىغانلار ياكى سۆزلەرگە قىزىققۇچىلار بىر سۆزنىڭ ئۇ ئەسەردە قايسى يەردە ۋە جەمئىي قانچە قېتىم ئۇچرايدىغانلىقىنى بىلىش ئۈچۈن ئەسەرنى باشتىن- ئاخىر ئوقۇپ، ئىزدىمەكچى بولغان سۆزلەرنى بىردىن ساناپ چىقىشىنىڭ ھاجىتى يوق. پەقەت ئەسەرنىڭ دىزىن قىسمىنى ئېچىپ ئۆزى ئىزدىمەكچى بولغان سۆزنى ئىزدىسىلا كۇپايە، بۇنىڭ ئۈچۈن تولۇق تۈزۈلگەن بىر دىزىن بولسىلا بۇ مەسىلىلەرنىڭ ھەممىسى ھەل بولىدۇ.
مەزكۇر كىتابنىڭ ئاخىرقى قىسمىدا بېرىلگەن دىزىن شەكلىنىڭ كۆپ خىللىقى ۋە قوللىنىشچانلىقى بىلەن تەتقىقاتچىلارنى رازى قىلىدۇ. بىرىنچى دىزىندە تۈرك تىلىنىڭ ئېلىپبە تەرتىپىگە ئاساسەن كىتابتا سۆز بېشى بولۇپ كەلگەن سۆزلەر ۋە ئۇلارنىڭ كىتابتىكى تەرتىپ نومۇرى بېرىلگەن بولۇپ، بۇنىڭدا جەمئىي 2842 سۆزلۈك بار. ئىككىنچى دىزىندە كىتابتىكى سۆز بېشى بولۇپ كېلىدىغان سۆزلەر بېرىلگەن بولۇپ، بۇ قىسىمدا تەكرارلانغان سۆزلەر چىقىرىۋېتىلىپ سۆزلەرنىڭ قوشۇمچە قوشۇلمىغان ھالىتى بېرىلگەن. بۇ قىسىمنىڭ مۇھىم ئالاھىدىلىكى بىر سۆز بېرىلگەندىن كېيىن ئۇنىڭ ئارقىسىغا تىرناق ئېچىپ، بۇ سۆزنىڭ ئېتىمولوگىيەسى كۆرسىتىلىش بىلەن بىرگە، ھەر بىر سۆز ئۈچۈن بېرىلگەن ئىزاھاتتا سۆزنىڭ ئېتىمولوگىيەسىنىڭ سەۋەبلىرى نوپۇزلۇق لۇغەتلەر ۋە ئەسەرلەردىن سىتاتا كۆرسىتىلىپ، ئۇ سۆزنىڭ قايسى ئەسەر ۋە قايسى لۇغەتتە، قانچىنچى بەتتە ئۇچرايدىغانلىقى بىرمۇبىر كۆرسىتىلگەن. بۇ قىسىمدا جەمئىي 1950 سۆزلۈك بېرىلگەن. مەسىلەن:
يىغلا- [> ئىغ+لا- (8477- ئىزاھات: كلاۋسون، «13- ئەسىردىن بۇرۇنقى تۈرك تىلىنىڭ ئېتىمولوگىيە لۇغىتى» b85. نەۋائىي، «مۇھاكىمەتۇل لۇغەتەيىن» 158. رەسەنېن ‹RÄSÄNEN›، «تۈرك تىللىرىنىڭ ئېتىمولوگىيە لۇغىتى»، 8b. تەكىن، «تۈركچىدىكى بىرىنچى ئۇزۇن سوزۇق تاۋۇش» 175. سىتراستىن ‹STAROSTIN-DYBO-MUDRAK›قاتارلىقلار، «ئالتاي تىللىرىنىڭ ئېتمولوگىيە لۇغىتى» II، 873. ئۆزيەتگىن، «ئەبۇ ھەييان كىتابۇل ئىدراك…» 470.) ]
مىسالدا كۆرگىنىمىزدەك، كاچالىن ئەپەندى بۇ قىسىمدا بېرىلگەن ھەر بىر سۆزنىڭ ئېتىمولوگىيەسىنى چۈشەندۈرۈش ئۈچۈن، دۇنيادىكى ئەڭ نوپۇزلۇق لۇغەتلەر ۋە بۇ سۆزلەرگە مۇناسىۋەتلىك كىتاب ۋە ماقالىلەردىن پايدىلانغان ۋە سۆزلەرنىڭ كىتابتىكى ياكى ماقالىدىكى ئورنىنى ئېنىق كۆرسەتكەن.
ئۈچىنچى قىسىمدا سۆزلۈكلەر ئىككىنچى قىسىمدا بېرىلگەن سۆزلۈكلەرنىڭ تۈرك تىلىدىكى مەنىسىگە ئاساسەن تىزىلغان بولۇپ، بۇ قىسىمدا تەتقىقاتچىلار سۆزنىڭ مەنىسىگە ئاساسەن سۆزلەرنىڭ كىتابتىكى ھالىتىنى كۆرسىتىپ بەرگەن. يەنى، ئاۋۋال سۆز مەنىلىرى بېرىلىپ، ئارقىدىن سۆزنىڭ ترانسىكىرىپسىيەسى كۆرسىتىلگەن.
تۆتىنچى قىسمىدا بولسا، ئەسەردە تىلغا ئېلىنغان ئالاھىدە ئىسىملار، تېمىلار، مۇھىم سۆز بىرىكمىلىرىدىن جەمئىي 286 سى بېرىلىپ، بۇلار ئۇچرايدىغان بەت ۋە ئىزاھات نۇمۇرى بېرىلگەن.
بۇ قىسىم ئاخىرلاشقاندىن كېيىن ئەسەردە ئۇچرايدىغان ئارۇز ۋەزنىنىڭ تۈرلىرى كىتابتا ئۇچراش قېتىم سانىغا ئاساسەن كۆپتىن ئازغا قاراپ، جەمئىي 26 خىل ۋەزىن بېرىلگەن. بۇلارنڭ ئىچىدە ئەڭ كۆپ ئۇچرايدىغىنى رەمەل بەھرى ئىچىدىكى «فائىلاتۇن فائىلاتۇن فائىلاتۇن فائىلۇن» ۋەزنى بولۇپ، كىتابتا جەمئىي 424 قېتىم ئۇچرايدىغانلىقى كۆرسىتىلگەن. ئەسەرنىڭ ئاخىرىدا قوليازمىنىڭ فاكسىمىلى بېرىلىشتىن بۇرۇن ئەسلى كىتابتا شېئىرلىرى ياكى سۆزلىرى ئىشلىتىلگەن ئەسەر ئىسىملىرى تەرتىپىگە ئاساسەن بېرىلگەن ۋە بۇ پايدىلانمىلارنىڭ كىتابنىڭ قايسى يېرىدە ئۇچرايديغانلىقى كۆرسىتىلگەن. ئەڭ كۆپ پايدىلىنىلغان ئەسەر نەۋائىينىڭ «پەرھادۇ شىرىن» بولۇپ، جەمئىي 191 قېتىم پايدىلىنىلغانلىقى كۆرسىتىلگەن. ئاندىن كېيىن ئەسەرنىڭ سۇلايمانىيە كۇتۇبخانىسىدىكى نۇسخىسىنىڭ فاكسىمىلى تەتقىقاتچىلارنىڭ سېلىشتۇرۇپ پايدىلىنىشى ئۈچۈن رەڭلىك باسما ھالەتتە بېرىلگەن.
كىتابنى بۇنچىلىك ئىنچىكىلىك بىلەن بۇنچە كۆپ تارىخىي مەنبەلەرگە سېلىشتۇرۇش ئارقىلىق نەشرگە تەييارلاش ئەلۋەتتە ئاسان تاماملىنىدىغان ئىش ئەمەس. كىتابنىڭ نەشرگە تەييارلىنىشى ھەققىدە پروفېسسور، دوكتور كاچالىن كىتابنىڭ نەشرگە تەييارلىنىشىنىڭ قاراردىن ئۆتۈپلا دەرھال نەشىرگە تەييارلاش ئىشىنىڭ باشلانمىغانلىقى ھەم بىر قانچە يىل ئىچىدىلا نەشرگە تەييارلانمىغانلىقىنى، نەشرگە تەييارلاش ئىشىنى ئۆزىنىڭ ئوقۇغۇچىلىق ۋاقىتلىرىدىن باشلانغانلىقىنى تىلغا ئالىدۇ. كىتابنىڭ سەۋىيەسى ۋە تەتقىقات جەھەتتىكى ئىنچىكىلىكى بۇ نۇقتىنى مانا مەن دەپلا ئىسپاتلاپ تۇرىدۇ. بۇنچە كۆپ يىل ۋاقىت سەرپ قىلىنىپ نەشىرگە تەييارلانغان مەزكۇر كىتاب تەتقىقات ساھەسىدە ئۆزىنىڭ تېگىشلىك قىممىتىنى تاپقۇسى، ئەلۋەتتە.

ئىزاھاتلار:

Zuhal KARGI ÖLMEZ, Çağatayca Sözlükler, Kebikeç, Ankara, 1998, 138-بەت؛
Mustafa S. KAÇALİN, Nevâyî’nin Sözleri ve Çağatayca Tanıklar, TDK, 2011, 13- بەت
Mustafa S. KAÇALİN, Nevâyî’nin Sözleri ve Çağatayca Tanıklar, TDK, 2011, 14- بەت
Mustafa S. KAÇALİN, Nevâyî’nin Sözleri ve Çağatayca Tanıklar, TDK, 2011, 18- بەت
Zuhal KARGI ÖLMEZ, Çağatayca Sözlükler, Kebikeç, Ankara, 1998,140-بەت؛
1) بەدايىئىل ۋاسات 2) چىھال ھەدىس 3) دىۋانى بابۇر مىرزا 4) دىۋانى فارىسى 5) دىۋانى ھۈسەينى بايقارا 6) دىۋانى لۇتفى 7) دىۋانى ئۇبەيدى 8) فەرھاد ۋە شېرىن 9) فەۋايىدۇل كىبەر 10) غارايىبۇس سىغەر 11) گۈل ۋە نەۋرۇز 12) ھالاتى سەييىد ھاسان بەگ 13) خەمسەتۇل مۇتەھەييىرىن 14) ھاسبى ھال 15) ھەيرەتۇل ئەبرار 16) خۇسرەۋ ۋە شېرىن 17) مەجنۇن ۋە لەيلى 18) لىسانۇت تەير 19) مەھبۇبۇل قۇلۇب 20) ماھزەنى ئەسرار 21) مەجالىسۇن نەفايىس 22) مىزانۇل ئەۋزان 23) مۇھاكىمەتۇل لۇغەتەيىن 24) مۇناجاتنامە 25) مۈنشەئات 26) نەزمۇل جەۋاھىر 27) نەسايىمۇل مەھاببە مىن شەمايىمىل فۇتۇۋۋە 28) نەۋادىرۇش شەبباب 29) سەبئەئى سەييارە 30) سەددى ئىسكەندەرى 31) سىراجۇل مۇسلىمىن 32) تارىخى ئەنبىيا ۋە ھۈكەما 33) تەۋارىخى مۈلۈك 34) ۋەقفىييە.
Mustafa S. KAÇALİN, Nevâyî’nin Sözleri ve Çağatayca Tanıklar, TDK, 2011, 281- بەت
Mustafa S. KAÇALİN, Nevâyî’nin Sözleri ve Çağatayca Tanıklar, TDK, 2011, 1043- بەت

مەنبە: ۋەتىنىم مۇنبىرى

يازغۇچى ھەققىدە

ماقالە سانى : 83

ئاكادېمىيە ئورگان تورى ©

ئۈستىگە قايتىش