ئۇيغۇرچە    Uyghurche    Уйғурчә   
  • 2018 - يىلى 27 - ئۆكتەبىر يەكشەنبە كۈنى سائەت 2:00 دە ئىستانبۇلدا «خىتاينىڭ جازا لاگىرلىرىدىكى شەرقىي تۈركىستانلىقلارنىڭ ئاقىۋىتى مۇھاكىمە يىغىنى» ئۆتكۈزۈلدى. ...
سىزنىڭ ئورنىڭىز: باشبەت » ئەدەبىيات گۈلزارى » تۆت ھېكايە تۆت ھېكمەت

تۆت ھېكايە تۆت ھېكمەت

بىر يۈئەن ۋە بەش مو
 
كەنتتە نەدىدۇر بىر تىلەمچى پەيدا بولۇپ قالدى، ئويلىمىغان يەردىن بۇ ساراڭ قەتئىي سەرگەردان كەنتنىڭ ‹پۇقراسى› بولۇپ ‹ئولتۇراقلىشىپ› قالدى.
 
بۇزادى قانداق ئىش؟ ئۇنىڭ ئولتۇراقلىشىپ قالغۇدەك كىرىمى نەدىن كەلدى؟ ئەسلىدە بۇلارنىڭ ھەممىسى ئۇنىڭ يالغاندىن ساراڭ قېتىش بولىۋالغانلىقىدىن ئىكەن، كىشلەر ئۇنى ساراڭ قېتىشلىقىدىن پايدىلىنىپ دائىم ئامال تېپىپ، ئۇنى ئەخمەق قىلىپ كۆڭۈل ئاچاتتى، كۆپچىلىكنىڭ ئەڭ كۆپ قىلىدىغان ئۇسۇلى يەرگە بەش مولۇق ۋە بىر يۈئەنلىك تەڭگە تاشلاپ، ئۇنى تاللاتقۇزاتتى، ئۇنىڭ ئالدىراشلىق بىلەن بەش مولۇق تەڭگىنى ئالىدىغانلىقىنى كۆرۈپ، ئۇنى مازاق قىلىپ كۈلۈشەتتى.
 
بۇنداق ئىش ئۇنىڭغا كۈندە نەچچە قېتىم ئۇچرايتتى، ئەڭ كۆپ بولغاندا بىر كۈندە يىگىرمە قېتىم ئۇچرىغان، ئۇ شۇنداق قىلىپ يۈرۈپ، بىر ئايدا يۈز يۈەندەك پۇل تاپاتتى تىلەمچىنىڭ تۇرمۇش ئۆلچىمى يۇقىرى بولمىغاچقا بۇ پۇل ئۇنىڭ يەپ ئېچىشىگە يېتىپ، ئاخىرى تېخى بىراز ئېشىپ قالاتتى.
 
ئاخىرى تىلەمچىنى مازاق قىلىۋاتقان كىشلەردىن بىزار بولغان بىر ئايال تىلەمچىنىڭ يېنىغا بېرىپ ھېسداشلىق قىلغان ھالدا سەن راستتىنلا بىر يۈئەن بىلەن بەش مونى پەرق ئېتەلمەمسەن؟ قارا، بىر يۈئەن چوڭ پۇل، بۇنىڭدىن كېيىن بىري ۈەننى ئالغىن، شۇنىڭ بىلەن باشقىلار سېنى مازاق قىلمايدىغان بولىدۇ دېدى.
 
تىلەمچى جاھىللىق بىلەن ‹ياق› دەپ جاۋاب قايتۇردى.
 
ھەي،ئايال ھەيرانلىق بىلەن نېمىشقا؟ دەپ سورىدى.
 
تىلەمچى ئەتراپقا قارىۋېتىپ، چۈنكى مەن مۇشۇ ئامال بىلەن جىنىمنى باقىمەن دە، ئەگەر مەن بىر يۈئەننى ئالسام، كېيىن كىممۇ ماڭا پۇل تاشلاپ بېرىدۇ ؟ مەن قاراپ تۇرۇپ، ئۆزۈمنىڭ بايلىقىنى توسامتىم دېدى.
 
ئايال ئاغزىنى ئېچىپ نېمە دېيىشنى بىلمەي تۇرۇپ قالدى.
 
ھېكمەت: ئۆزىنى ئەقىللىق چاغلاپ، باشقىلارنى مازاق قىلىش دەل ئۆزىنىڭ ئەقىلسىز ئىكەنلىكىنىڭ ئىپادىسى.
 
ھازىرقى بەخت ۋە كەلگۈسىدىكى بەخت
 
‏پويىزدا بىر ئىقتىسادشۇناسنىڭ ئۇدۇلىدا چىرايىنى غەم باسقان 30 ياشلار چامىسىدىكى بىر يىگىت ئولتۇراتتى. ئۇلار بىر دەم ئۇيان-بۇياننىڭ پارىڭىزنى قىلىشقاندىن كېيىن، يىگىت دەردىنى تۆكۈشكە باشلىدى:
 
-مەن توي قىلغىلى يەتتە يىل بولدى، خوتۇنۇم ئالىي مەكتەپتىكى ساۋاقدىشىم، ئۇ ئىنتايىن مۇلايىم ھەم ئەقىللىق. مەن كەسىپتە ئاز-تولا ئۇتۇقمۇ قازاندىم، تۇرمۇشۇم ناھايىتى بەختلىك ئىدى، لېكىن بۇلتۇر مەن بىر قىزنى ئۇچرىتىپ قالدىم، ئۇ دەل كۆڭلۈمدىكىدەك قىز ئىدى، شۇڭا ئۇنى ياخشى كۆرۈپ قالدىم.
 
-سىز قانداق قىلماقچى بولۇۋاتىسىز؟ -دەپ سورىدى ئىقتىسادشۇناس ئۇنىڭدىن.
 
-ئاجرىشىشنى ئويلىدىم، لېكىن ھازىرغىچە بىر قارارغا كېلەلمەيۋاتىمەن.
 
-ئادەم مۇھىم تاللاشلارغا دۇچ كەلگەندە ئىدىيەسىدە كۈچلۈك توقۇنۇش، داۋالغۇش بولىدۇ،-دېدى ئىقتىسادشۇناس خىيال سۈرگەن ھالدا،- بىراق ئىقتىساد ئىلىمى نۇقتىسىدىن تەھلىل قىلىش بەلكىم سىزنى ئەڭ توغرا جاۋابقا ئېرىشتۈرىشى مۇمكىن. مەسىلەن: سىز خوجايىنىڭىزغا مۇھىم بىر تۈرنى تاماملاپ بەردىڭىز، ئۇ سىزگە ھەق بېرىپ مۇكاپاتلىماقچى بولدى؛ بىراق ھەق بېرىش شەكلىنىڭ بىرى، ھازىرنىڭ ئۆزىدە نەق 200 مىڭ يۈەن بېرىش، يەن بىرى 300 مىڭ يۈەننى 10 يىلغا بۆلۈپ بېرىش بولسا، ئۇنداقتا سىز قايسىسىنى تاللىغان بولاتتىڭىز؟
 
-ئەلۋەتتە بىرىنچىسىنى تاللىغان بولاتتىم،-دېدى يىگىت ئويلانمايلا.
 
-نېمىشقا؟
 
-چۈنكى كەلگۈسىنى مۆلچەرلىمەك تەس،-دېدى يىگىت،-نەچچە يىلدىن كېيىن خوجايىن پۇلنى بېرەلەمدۇ-يوق؟ خوجايىن داۋاملىق تۇرامدۇ ياكى قېچىپ كېتەمدۇ، بۇنى كىم بىلىدۇ؟ ئۇنىڭ ئۈستىگە ئۇ ۋاقىتقا بارغىچە پۇل پاخاللاشسىچۇ؟
 
-دېگىنىڭىز توغرا. ھازىرقى پۇل كەلگۈسىدىكى پۇلغا قارىغاندا تېخىمۇ قىممەتكە ئىگە، خۇددى شۇنىڭغا ئوخشاش ھازىرقى بەخت كەلگۈسىدىكى بەختتىن قىممەتلىك، چۈنكى كەلگۈسىگە بىر نەرسە دېمەك قىيىن؛ يەنە كېلىپ سىز ھازىر كۆيگەن قىز كېيىن ئۆزگىرىۋالامدۇ-يوق؟ بۇنىڭغا ھېچكىم بىر نېمە دېيەلمەيدۇ. سىزنىڭ ھازىرقى بەختىڭىزنىڭ قىممىتى ئاران 200 مىڭ يۈەن بولسىمۇ، لېكىن ئۇ كەلگۈسىدىكى 300 مىڭ يۈەندىن ھەقىقىي ھەم ئەمەلىي. دېمەك پەقەت ھازىرقى بەختىڭىز ھەقىقىي، شۇنداقلا سىزنىڭ ئىلىكىڭىزدە.
 
يېرىم يولدا يىگىت پويىزدىن چۈشۈپ قالدى، ئۇ پويىزدىن چۈشۈش ئالدىدا ئىقتىسادشۇناسقا مۇنداق دېدى:
 
-ئەسلىدە مەن ئۇنىڭ بىلەن كۆرۈشكىلى ماڭغانىدىم، ئەمدى ئەقلىمنى تاپتىم، ھازىرلا ئۆيۈمگە قايتىمەن، خەير-خوش!
 
شۇنداق، ھەممەيلەن ھازىرقى بەختنى قەدىرلەيلى. ئەڭ مۇھىمى ئۇنى چىڭ تۇتايلى.
 
 
ئالتۇن چايقاش ۋە دەريادىن ئۆتۈش
 
ئالىي مەكتەپنىڭ بازار تىجارەت كەسپىدە ئوقۇغان ئىدىم تىجارەتشۇناسلىق ئىلمى پروفېسسورمىزنىڭ بىزدىن ئالغان ئاشۇ ئىمتىھانى ھازىرغىچە ئېسىمدە تۇرۇپتۇ.
 
مەلۇم بىر خەۋەردە دېيىشىچە، مەلۇم بىر جايدا بىر ئالتۇن كانى بايقىلىپتۇ. كىشىلەر ئالتۇننى دەپ ئاشۇ يىراق جايغا بەس بەستە ئاتلىنىپتۇ. سىز مۇشۇلارنىڭ ئارىسىدا ئىكەنسىز، بىراق ئالتۇن كانغا ئاز قالغاندا، كىشىلەر چوڭ بىر دەريادا توسۇلۇپ قاپتۇ، قېنى قانداق قىلىسىلەركىن؟
 
سۇ ئۈزەلەيدىغانلىرىمىز ئۈزۈپ ئۆتۈپ كېتىمىز دەپ جاۋاب بەردى بىر ئوغۇل ساۋاقدىشىم.
 
يەنىچۇ دەپ سورىدى بوش ئاۋازدا.
 
كېمە تېپىپ كېلىمىز دېدى يەنە بىر ساۋاقدىشىم.
 
ئاندىنچۇ؟ دېدى پروفېسسور كۈلۈمسىرىگىنىچە
 
ئاندىن دەريادىن ئۆتىمىز شۇ دەپ جاۋاب بەردى ھېلىقى ساۋاقدىشىم.
 
ئارقىدىنچۇ؟ پروفېسسور يەنە بىر قېتىم سورىدى.
 
ئارقىدىن دەپ تۇرۇپ قالدى، ئۇ كۆڭلىدە بولسا، شۇنىمۇ سورامسەن دېگەندەك قىلىپ، ئەلۋەتتە ئالتۇن سۈزگىلى بارىمىز دېدى.
 
لېكىن، دېدى پروفېسسور چىرايىغا جىددىي تۈس بېرىپ، ئالتۇن قازغىلى بارمىساڭ زادى بولمامدۇ، سەن كېمە تاپقاندىن كېيىن كىراكەشلىك قىلىپ مەخسۇس ئالتۇن قازغانلارنى توشۇساڭ بولىدىغۇ، شۇنىڭدىمۇ ئوخشاشلا پۇل تاپالايسەنغۇ؟
 
بىردىنلا سىنىپىمىزدىكى ھەممەيلەننى ھەيران قالدۇق.
 
دېمەكچىمەنكى، دېدى ئۆرە تۇرغان ساۋاقدىشىمىز ئۆكۈنگەن ھالدا: كىرا كەشلىك قىلىپ، قانچىلىك پۇل تاپقىلى بولاتتى ئالتۇن قازسا بىر مىڭ بولىدۇ ئەمەسمۇ.
 
گەپقۇ شۇنداق، لېكىن سەن ئىككى نەرسىنى ئۇنتۇپ قالماي دەپ رەددىيە بەردى، پروفېسسور. بىرى ئالدىڭدا كىشىنى قىزىقتۇرىدىغان ئالتۇن كان بار. پۇل كويىدا كىشىلەرنىڭ كۆزىگە ھېچنېمە كۆرۈنمەيدۇ. شۇڭا سەن كىرا ھەققىنى قانچە ئۆستۈرسەڭمۇ خېرىدارىڭ ئۈزۈلمەيدۇ. يەنە بىرى ئالتۇن قىزىپ پۇل تاپالىشىڭمۇ تاپالماسلىقىم مۇمكىن، تاپالماسلىقىڭ ئېھتىمالغا ئەڭ يېقىن ئەلۋەتتە. لېكىن كىراكەشلىك قىلساڭ، چۇقۇم زىيان تارتمايسەن.
 
پروفېسسورنىڭ گېپى تۈگىمەستىنلا ئولتۇرغان ساۋاقداشلار خۇددى كېلىشىۋالغاندەكلا ئالقىش ياڭراتتۇق.
 
ھېكمەت: مۈشكۈلات ئىچىگە ھامان پۇرسەت يوشۇرۇنغان بولىدۇ، پۇرسەت ئىچىدىمۇ قىيىنچىلىقنىڭ بولۇشى مۇقەررەر. قانداق قىلىشنى بىلمىگەندە، مەسىلىگە باشقىچە تەپەككۇر ئۇسۇلى بىلەن قاراشنى ئويلاپ قويۇڭ.
 
پادىشاھ بىلەن دەرۋازىۋەن
 
پادىشاھ ھەر كۈنى كەچتە شەھەر سىرتىغا چىقىپ شەھەر ئارىلايدىكەن ، سوغۇق كېچىلەرنىڭ بىرىدە پادىشاھ ئىشىنى تۈگىتىپ قەسىرىگە قايتىپتۇ، ئۇ دەرۋازا تۈۋىدە يېلىڭ كىيىم بىلەن ئۆرە تۇرغان ياشانغان دەرۋازىۋەن بوۋاينى كۆرۈپ ئۇنىڭغا يېقىنلىشىپتۇ ۋە ئۇنىڭدىن : توڭلىمىدىڭىزمۇ ؟ دەپ سوراپتۇ .
 
دەرۋازىۋەن: ھەئە ، توڭلاۋاتىمەن بىراق سوغۇقتىن دالدا بولغىدەك قېلىن كىيىملىرىم يوق شۇڭا بۇنىڭغا چىدىماقتىن باشقا ئىلاجىم يوق دەپتۇ .
 
پادىشاھ بۇنى ئاڭلاپ : مەن ھازىر قەسرىمگە كىرىپ خىزمەتكارلىرىمنىڭ بىرىگە سىزگە قېلىنراق كىيىم ئەچىقىپ بېرىشىنى تاپىلايمەن دەپ ۋەدە بېرىپ كېتىپ قاپتۇ .
 
دەرۋازىۋەن بوۋاي پادىشاھنىڭ بۇ ۋەدىسىدىن ناھايىتىمۇ بەك خۇشال بوپتۇ، لېكىن پادىشاھ قەسىرىگە كىرىپلا بوۋايغا قىلغان ۋەدىسىنى ئۇنتۇپ قاپتۇ .
 
ئەتىسى ئەتىگەندە كىشىلەر دەرۋازىۋەن بوۋاينىڭ سوغۇقتا توڭلاپ بۇ دۇنيادىن ۋىدالاشقانلىقىنى كۆرۈپتۇ، ئۇنىڭ يان تەرىپىدە « پادىشاھ ئالىيلىرى!!! مەن ھەر كۈنى كېچىسى سوغۇققا قەيسەرلىك بىلەن چىداپ كېلىۋاتاتتىم ئەمما سېلىنىڭ ئاخشام قېلىن كىيىم ئاچىقتۇرۇپ بېرىمەن دەپ بەرگەن ۋەدىلىرى مەندىن كۈچ – قۇۋۋىتىمنى تارتىۋالدى ۋە مېنى ئۆلتۈردى » دەپ ئىرماش – چىرماش قىينىلىپ يېزىلغان بىر پارچە خەتنى بايقاپتۇ .
 
خۇلاسە :
 
سىزنىڭ باشقىلارغا بەرگەن ۋەدىڭىز ئۇلارغا سىز ئويلىغاندىنمۇ بەكرەك مۇھىم بولۇشى مۇمكىن ، شۇڭلاشقا بەرگەن ۋەدىڭىزگە خىلاپلىق قىلـماڭ، چۈنكى سىز شۇ سەۋەبلىك نېمىلەرنى يوقىتىۋىتىدىغانلىقىڭىزنى بىلـمەيسىز.
 
(مەمبە: ئاۋازلىق كىتاب سالۇنى)

يازغۇچى ھەققىدە

ماقالە سانى : 22

ئاكادېمىيە ئورگان تورى ©

ئۈستىگە قايتىش