ئۇيغۇرچە    Uyghurche    Уйғурчә   
  • 2018 - يىلى 27 - ئۆكتەبىر يەكشەنبە كۈنى سائەت 2:00 دە ئىستانبۇلدا «خىتاينىڭ جازا لاگىرلىرىدىكى شەرقىي تۈركىستانلىقلارنىڭ ئاقىۋىتى مۇھاكىمە يىغىنى» ئۆتكۈزۈلىدۇ. ...
سىزنىڭ ئورنىڭىز: باشبەت » ئومۇمى » جاھالەت پىرلىرى شىنجاڭدا

جاھالەت پىرلىرى شىنجاڭدا

ئىلاۋە: مەزكۇر ماقالىدە ئاپتور ئۇيغۇر ئېلىدە ئۆتكەن خوجا-ئىشانلارنىڭ ئۇيغۇر خەلقىگە كەلتۈرگەن بالايىئاپەتلىرىنى، ئۇلارنىڭ رەزىل ئەپتى-بەشىرىسىنى ئېچىپ بېرىشكە ئۇرۇنغان بولسىمۇ، ئاپتور بەزى مەسىلىلەردە ئالجىپ قېلىپ، ئىسلام دىنى تەشەببۇس قىلغان ئەخلاق ئۆلچەملىرىنىمۇ تەنقىتلەپ تاشلىغان. بىر قىسىم خۇجا-ئىشانلارنىڭ رىياكارلىق، كاززابلىقىنى پاش قىلماقچى بولۇپ، «مۇسۇلمانلارنى دائىما ئاللاھ تەرەپكە، ئاللاھقا مەنسۇپ ئىشلار تەرەپكە تەكەللۇپسىز مايىل قىلىش، ئاللاھنىڭ ئەمرىگە، ئاللاھ ئاتا قىلغان تەقدىرى ئۆلچەملەرگە بويسۇندۇرۇش، دائىما ئاللاھنى ئەسلەپ تۇرىدىغان، ئاللاھقا مەنسۇپ بولمىغان مۇھەببەت ۋە ھەرىكەتنى قوزغايدىغان ھەر قانداق ئامىل ۋە ھەۋەسلەردىن خالى، پاك تۇرىدىغان، شەخسىي راھەت، مەنپەئەتنى ئويلىمايدىغان، شەخسىي غەرەزلەردە بولمايدىغان قىلىپ تەربىيىلەش، ئادەتلەندۈرۈشتىن ئىبارەتتۇر»، دەپ ئىسلامدا تەشەببۇس قىلىنغان ئەخلاق ئۆلچەملىرى بىلەن خۇجا-ئىشانلارنىڭ پرىنسىپلىرىنى ئارىلاشتۇرىۋەتكەن. ئوقۇرمەنلەرنىڭ بۇ تەرەپلىرىگە دىققەت قىلىت تۇرۇشى تەۋسىيە قىلىنىدۇ.

ئىسلامىيەتتىكى سوپىزمنىڭ ئىلاھىيەت قارىشى ۋە ماھىيىتى توغرىسىدا

سوپىزم (تەسەۋۋۇپ) ئاللاھنىڭ سۈپەتلىرىنى ۋە كائىناتنىڭ مەۋجۇد بولۇشىنى يەككە مەۋجۇدىيەت چۈشەنچىسى بىلەن بايان قىلىدىغان مۇرەككەپ، دىنىي پەلسەپىۋى ئېقىمدىن ئىبارەتتۇر… كېيىنكى زامانلار چۈشەنچىسىدىكى ئۆلىمالىرىمىزدىن موللا مۇھەممەد ھۈسەيىن كۇچارى بىلەن موللا توختى خەلپەت قەشقەرىلەرنىڭ ھىجرىيە 1226- يىلى قەشقەردە بىرلىشىپ يېزىپ قالدۇرغان «تەزكىرە پىر ياران» (پىر يارانلار بايانى) دېگەن پارىسچە قول يازمىسىدا بۇ ئېقىمنىڭ كېيىنكى زامان يەشمە تەرىپىنى مۇنداق تەپسىر قىلغان (چۈشەندۈرگەن): «سوپى يارانلار: بۇ ئالەم جۈملىدىن بۇ ئالەمدىكى جەمىكى مەۋجۇدات (جانلىق، جانسىز تەبىئەتنى دېمەكچى-ئا) شەك-شۈبھىسىز ئاللاھقىلا خاستۇر، ئىنسان ئەنە شۇ مەۋجۇداتتىكى تىرىكلىكتىن بىرى بولۇپ، ئۇنىڭ يارىتىلىشى بىلەن تىرىكلىك جەريانى پەقەت ئۇلۇغ ئاللاھقا بىرىكىپ كېتىش، ھەمدۇ سانا ئېيتىش، مۇتلەق، دائىما، شەك-شۈبھىسىز قۇلچىلىق قىلىپ تۇرۇش، تەۋبە-ئىستىغپاردىن خالى بولماسلىق ئۈچۈندۇر… ھەر بىر بەندىنىڭ تەقدىرى ئۇلۇغ ئاللاھنىڭ ئىلكىدىن ھاسىل بولىدۇ. يەنى «ئەتتەقدىرو ۋەل قەلەم» (بەندىنىڭ تەقدىرى، زۇۋۇلىسى ئۆزى يارىلىشتىن بۇرۇن ئاللاھ تەرىپىدىن ئاللىقاچان پېشانىسىگە پۈتۈپ قويۇلغان بولىدۇ، دېمەكچى-ئا) دۇر. «ئاللاھتىن بېئىزنى (ئاللاھنىڭ دىققىتىسىز) قىل تەۋرىمەيدۇ…» دېگۈچى ماشايىخلار (چوڭ ئىشانلار-ئا) دۇر..»

دېمەك، سوپىزم ئېقىمى-شەك-شۈبھىسىز بىر يۈرۈش خۇداگۇيلۇق نۇقتىئىنەزەرلەر ئېقىمىدىن ئىبارەت بولۇپ، ئۇنىڭ مۇسۇلمانلار ئارىسىدا يولغا قويىدىغان ۋە داۋام ئەتكۈزىدىغان ھەرىكەت قىبلىنامىسى: مۇسۇلمانلارنى دائىما ئاللاھ تەرەپكە، ئاللاھقا مەنسۇپ ئىشلار تەرەپكە تەكەللۇپسىز مايىل قىلىش، ئاللاھنىڭ ئەمرىگە، ئاللاھ ئاتا قىلغان تەقدىرى ئۆلچەملەرگە بويسۇندۇرۇش، دائىما ئاللاھنى ئەسلەپ تۇرىدىغان، ئاللاھقا مەنسۇپ بولمىغان مۇھەببەت ۋە ھەرىكەتنى قوزغايدىغان ھەر قانداق ئامىل ۋە ھەۋەسلەردىن خالى، پاك تۇرىدىغان، شەخسىي راھەت، مەنپەئەتنى ئويلىمايدىغان، شەخسىي غەرەزلەردە بولمايدىغان قىلىپ تەربىيىلەش، ئادەتلەندۈرۈشتىن ئىبارەتتۇر.
سوپىزمنىڭ تارىختىكى ئىجادچىلىرىدىن بىرى، مىلادى 12- ئەسىردە ياشىغان بەلخلىق مەشھۇر سوپى خوجا ئەھمەد يەسەۋىنىڭ «… دۇنيانىڭ نازۇ نېمەتلىرىنى ئىزدىگەن سوپى ئەمەس، ئۆز ھاياتىنى بەختسىزلىك ۋە غۇربەتتە تائەت-ئىبادەت بىلەن ئۆتكۈزگەن كىشى ھەقىقىي سوپىدۇر…» دېگەن تەلىمىمۇ بۇ پىكرىمىزنىڭ تارىخىي مىسالىدۇر.
بۇ مەزھەپنىڭ تۈپ ماھىيىتى توغرىسىدا تارىخشۇناس ئى. ئا. كىرىۋىلوۋ «دىن تارىخى» دېگەن كىتابىدا توختىلىپ مۇنداق يازغان: «بۇ سىستېما شۇنداق ئۇستىلىق بىلەن تەشكىللەنگەنكى، ئۇنىڭدا بىرلا مەقسەت كۆزدە تۇتۇلىدۇ، يەنى مىڭلىغان، يۈز مىڭلىغان قارىسىغا ئىشىنىدىغانلار ۋە چوقۇنىدىغانلارنى تەربىيىلەش ۋە ئۇلارنى ئۆزلىرى تېۋىنغان ئىمامغا ھەم ئۇنىڭ قەۋملىرىدىن بولغان تەرغىباتچىلىرىغا ھېچقانداق شەرتسىز ئىتائەت قىلىدىغان قىلىپ ئادەتلەندۈرۈش. بۇنىڭ نەتىجىسىدە ئۇلارغا ئېتىقاد قىلغۇچى ئامما بىر ئوچۇم ۋىجدانسىز شۆھرەتپەرەسلەر قولىدىكى قارىغۇ قورالغا ئايلاندۇرۇلىدۇ.» شۇنى كۆرۈشكە بولىدۇكى، بۇ مەزھەپ تەلىماتى ۋە ئۇنىڭ تەشكىلى ئاپپاراتى تۆۋەن تەبىقىدىكىلەرنى ۋىجدانسىزلارچە ئالداشتىن ئىبارەتتۇر.
شۇنداق ئىكەن، سوپىزم ئىنسانلارنى بۇ ئالەمدىن مەڭگۈ تەركى دۇنيا ۋە ئەبەدىي مۇتەئەسسىپ ئۆتۈشكە دالالەت قىلىدىغان، باشلايدىغان، مەۋجۇد ئالەم مۆجىزىلىرىنى، ئىجتىمائىي تىرىكچىلىك ۋە ئىجتىمائىي ھەققانىيەتنى ئاتالمىش «ئاخىرەت» «مىزانى» بىلەنلا ئۆلچەيدىغان، ھاياتقا، پەنگە زىت، تارىختا پەيدا بولۇپ، تارىختا يوقالغان خىيالىي خۇدايى قۇلچىلىق تەسەۋۋۇرەت ئېقىمىدىن ئىبارەتتۇر

سوپىزمنىڭ تارىختا پەيدا بولۇش جەريانى توغرىسىدا

سوپىزم مەزھىپىنىڭ ئىسلامىيەت دۇنياسىغا پەيدا بولۇش، تارقىلىش، كېڭىيىش جەريانلىرىنى بىلىش ئۈچۈن ئەڭ ئالدى بىلەن ئۇنىڭ پەيدا بولۇش جەريانىغا ئائىت تارىخىي ۋەقەلەرنى قىسقىچە ئەسلەشكە توغرا كېلىدۇ.
مىلادى 632- يىلى مۇھەممەد پەيغەمبەر ئالەمدىن ئۆتكەندىن كېيىن، ئۇنىڭ ساھابىلىرى بىلەن ئورۇق-تۇغقانلىرى ئارىسىدا پەيغەمبەرنىڭ ئورنى (ئىز باسارلىق) نى يەنى خەلىپىلىكىنى تالىشىش كۈرىشى كېلىپ چىقىدۇ. بۇ كۈرەشلەر نەتىجىسىدە مۇھەممەد پەيغەمبەرنىڭ دەسلەپكى ساھابىلىرىدىن بولغان ئابابەكرى بىرىنچى قېتىم خەلىپىلىكىنى ئىگىلەيدۇ. بۇ چاغدا مۇھەممەد پەيغەمبەرنىڭ كۈيئوغلى ھەم بىر نەۋرە ئىنىسى ھەزرىتى ئەلى: «پەيغەمبىرىمىزگە ئۇنىڭ ئۆز ئەۋلادلىرى ۋارىسلىق قىلىپ خەلىپىلىككە ئولتۇرۇشى كېرەك» دەپ قاراپ، ئابابەكرىنىڭ خەلىپە بولۇشىغا قارشى چىقىدۇ ۋە ئاخىرى ئۈچىنچى قېتىم خەلىپىلىككە ئولتۇرغان ساھابە ئوسماننى ئۆلتۈرۈۋېتىپ، خەلىپىلىكنى ئىگىلەيدۇ، مۇھەممەد پەيغەمبەرنىڭ ھايات ۋاقتىدىكى ئەڭ يېقىن ساھابىلىرىدىن بولغان ئابابەكرى، ئۆمەر، ئوسمانلارنىڭ (ئۇلار مۇھەممەد پەيغەمبەر بىلەن بىر نەسىل نەسەب ئەمەس ئىدى) تەرەپدارلىرىغا قارشى ئەلى پەرەسلەرنىڭ «شىئە ئەلى» تەشكىلاتىنى قۇرىدۇ. بۇ تەشكىلات پەيغەمبەر ھايات ۋاقتىدا «چاھاريار»لىق سەلتەنىتىدە بولغان تۆت ساھابىدىن ئابابەكرى، ئۆمەر، ئوسمانلارنىڭ «چاھار يار» لىقىنى ئېتىراپ قىلمايدۇ. يۇقىرىقى ئۈچ ساھابىنىڭ تەرەپدارلىرىمۇ مىلادى 661- يىلى كۇفە دېگەن يەردە ھەزرىتى ئەلىنى ئۆلتۈرۈۋېتىپ، «شىئە»چىلەرگە قارشى ئۆزلىرىنى «سۈننىي» ناملىق تەشكىلاتىنى قۇرىدۇ. ھەزرىتى ئەلىنىڭ ئورنىنى تالاشقان ئوغلى ئىمامى ھۈسەيىنمۇ يەزىد تەرىپىدىن ئۆلتۈرۈلىدۇ. يۇقىرىقى ۋەقەلەردىن ئېتىبارەن بۇ ئىككى گۇرۇھ ئوتتۇرىسىدا خەلىپىلىك تالىشىشنى چۆرىدىگەن مەزھەپ كۈرىشى شەكىللىنىپ بارغانسېرى ئۇلغىيىپ كېتىدۇ، مۇرەسسەسىزلىشىدۇ. بارا-بارا بۇ ئىككى تەشكىلاتنىڭ يۇقىرى قاتلام دىنىي يېتەكچىلىرى ئارىسىدا مۇھەممەد پەيغەمبەرنىڭ ھايات ۋاقتىدىكى تەلىماتى (قۇرئان) بىلەن ئىسلامنىڭ پەيغەمبەر تەكىتلىگەن ئەھكام، ئۇقۇم، پرىنسىپ، ئەنئەنىلىرىنى ھەر كىم ئۆز مەۋقەلىرىنى چىقىش قىلىپ بىر-بىرىگە زىت تەپسىرلەيدىغان، چۈشەندۈرىدىغان، ئەمەل قىلىدىغان چوڭ مەسىلە كېلىپ چىقىدۇ. «شىئە ئەلى» چىلەرنىڭ ئۆلىمالىرى قۇرئاننى شەرھلەشتە؛ قۇرئاننىڭ «باتىن» (ئاخىرەتلىك، يوشۇرۇن) ھەم «زاھىر» مەنىلىرى بار. «باتىن» مەنىسى بەندىلەرنىڭ شەرتسىز، شەك-شۈبھىسىز ئەمەل قىلىشىغا قارىتىلغان، دەپ دەۋا قىلىشىپ، بۇ قاراشلىرىنى مۇستەھكەم، مەڭگۈ «ھەقىقەت» سۈپىتىدە ئاساسلاش ئۈچۈن مۇھەممەد پەيغەمبەرنىڭ ئەۋلادلىرىنى ھەزرىتى ئەلى قاتارلىقلارنىڭ ھايات ۋاقتىدىكى سۆز-ھەرىكەتلىرىدىن «ئەخبار» ناملىق چوڭ كىتابنى تۈزۈپ چىقىپ، قۇرئان بىلەن تەڭ ئورۇنغا قويۇش ئارقىلىق ئۆزلىرىنىڭ دىنىي پرىنسىپلىرىنى مۇشۇ نۇقتىغا مەركەزلەشتۈرىدۇ. «سۈننىي» لەرنىڭ چوڭ ئۆلىمالىرىمۇ قۇرئاننى شەرھلەشتە: قۇرئاننىڭ «زاھىر»، «باتىن» مەنىلىرى بار، «زاھىر» مەنىسى ― بەندىلەرنىڭ شەرتسىز ھەم شەكسىز ئەمەل قىلىشىغا قارىتىلغان، دەپ دەۋا قىلىشىپ، بۇ قاراشلىرىنى مۇستەھكەم، مەڭگۈ ھەقىقەت سۈپىتىدە ئاساسلاش ئۈچۈن، مۇھەممەد پەيغەمبەرنىڭ ئەڭ بۇرۇنقى ساھابىلىرىنىڭ سۆز-ھەرىكەتلىرىدىن «سۈننىي» ناملىق چوڭ كىتاب (قۇرئان تەپسىرى) نى تۈزۈپ چىقىپ، قۇرئان بىلەن يانداش ئورۇندا قويۇش ئارقىلىق ئۆلىمالىرى ئەقىدىلىرىنى ئەنە شۇ نۇقتىغا يىغىنچاقلايدۇ. شۇنداق قىلىپ «شىئە ئەلى» لەرنىڭ ئۆلىمالىرى قۇرئاننىڭ «باتىن» مەنىسىنى ئاساس قىلىپ «زاھىرى» دۇنيادىكى ئىجتىمائىي بارلىقىنى (ئىنسانلارنىڭ تەبىئىي، ئىجتىمائىي كۈرەش، پائالىيەتلىرىنى) «باتىن ئالەم» ئۈچۈن، ئۇ «دۇنيا» ئۈچۈن بولغان خۇدايى قۇلچىلىق دائىرىسىدىن چىقىپ كەتمەسلىكى كېرەك، دەپ بىلىپ ئىنسانلارنى ئاللاھنىڭ ئىختىيارىدىكى بېقۇۋۇل ئۆتكۈنچى مەخلۇق دېگەن دەۋالىرىدا چىڭ تۇرۇش يولى ئارقىلىق، ئۆز مەۋقەلىرى بويىچە تۇتقان يولىنى «ئەھلىي تەرىقەت» (تەركىي دۇنيالىق يولى) دەپ ئاتاشقا باشلايدۇ. «سۈننىي» چىلەرنىڭ پېشۋالىرىمۇ قۇرئاننىڭ مەۋجۇد ئالەم توغرىسىدىكى ھەقىقىي، يېگانە دەستۇر ئىكەنلىكىدە چىڭ تۇرۇپ، كائىنات ھادىسلىرىنى، ئىنسانلارنىڭ تەبىئىي، ئىجتىمائىي غايە، كۈرەش ئىنتىلىشلىرىنى (ئاللاھنىڭ مەۋجۇد دۇنيانى بەندىلەر ئۈچۈنلا ياراتقانلىقىنى)، ئاخىرەتنىڭ («باتىن» ئالەمنىڭ) «زاھىرى» ئالەم ئۈچۈن قوشۇمچە ئۇقۇم ئىكەنلىكىنى قەيت قىلىشىپ، ئۆزلىرىنىڭ مۇقىم مەۋقەلىرىنى (يولىنى) «ئەھلى شەرىئەت» (زاھىرى ئالەم يولى) دەپ ئاتايدىغان بولىدۇ. شۇنىڭ بىلەن ئىسلام-«شىئە»، «سۈننىي» مەزھەپلىرى بويىچە ئىككىگە پارچىلىنىپ كېتىدۇ. ئۆز ۋاقتىدا مۇھەممەد پەيغەمبەرنىڭ ئىسلام بايرىقى ئاستىغا جەملەشكەن مۇسۇلمان قەۋملىرى بىر-بىرىگە قارىمۇ قارشى ئىككى بايراق ئاستىغا بۆلۈنۈپ (ئۇيۇشۇپ) ئىچكى جاڭجال، مەزھەپ ئۇرۇشلىرىنىڭ قۇربانلىرىدىن بولۇشقا يۈزلىنىدۇ. بۇ ئىككى مەزھەپ ئوتتۇرىسىدىكى زىددىيەت بارغانسېرى ئۆتكۈرلىشىپ قانلىق ئۇرۇشلارغا سەۋەب بولىدۇ

تۇنجى تۈركۈم «سوپى-زاھىت» لار گۇرۇھنىڭ ئىراندا پەيدا بولغانلىقى توغرىسىدا

مىلادى 8- ئەسىرگە كەلگەندە «شىئە ئەلى» لەرنىڭ غەلىبىسى بىلەن ئىراندا تۇنجى قېتىم مۇھەممەد پەيغەمبەرنىڭ ئەۋلادى-بەشىنچى ئىمام زەئىد ئىبنى ئەلىنى بايراق قىلغان بەنى ھاشىم خەلىپىلىكى (پادىشاھلىقى) تىكلىنىدۇ. بۇ ھاكىمىيەت ھۆكۈمرانلىرى ئۆز ھاكىمىيىتىنى ئىلاھىي ۋە دۇنياۋى ھاكىمىيەت ھېسابلايدۇ ھەم خەلىپىنى «ئىلاھىي شەخس» دەپ بىلىدۇ. ئۇ، مەيلى زالىم بولسۇن، مەيلى ئىستىبدات بولسۇن خەلق ئۇنىڭغا ھامان شەرتسىز بويسۇنۇشى كېرەككى، ھېچ كىمنىڭ ئۇنىڭغا قارشى چىقىشىغا ھەققى يوقلۇقى توغرىسىدا تەقىب خاراكتېرلىك پەرمانلار چىقىرىلىدۇ. خەلىپىلىك پەۋقۇلئاددە ئىستىبداتلىشىدۇ. خەلق ئۈستىدە زۇلۇم كۆپىيىدۇ. يەنە بىر تەرەپتىن بۇ ھاكىمىيەتنىڭ يۇقىرى قاتلام پېشۋالىرى ئارىسىدا ۋاقىتنىڭ ئۆتۈشى بىلەن مۇھەممەد پەيغەمبەر ئەۋلادلىرىنىڭ كۆپىيىپ كېتىشى، تارقىلىش دائىرىسىنىڭ كېڭىيىپ تۇرۇشى نەتىجىسىدە پەيغەمبەر ئەۋلادلىرىدىن چوڭ ھوقۇقنى يەنىلا كىم ئىگىلەش مەسىلىسى كېلىپ چىقىپ، «شىئە» لەر ئارىسىدىكى دەسلەپكى بىر مەزگىللىك بىرلىك پارچىلىنىپ كېتىش خەۋپىگە دۇچ كېلىدۇ. بەنى ھاشىم بۇ خىل ۋەزىيەت ئىچىدە ئۆز ھۆكۈمرانلىقىنى ئەبىدى ساقلاپ تۇرۇش مەقسىتى بىلەن ئۆز قەۋملىرى ئارىسىدىن (ئۆزىگە شان-شەرەپ كەلتۈرگۈچى «ئىشان» ۋە قەيسەر تەقۋادار «شىئە» لەر) دىن «سوپى-زاھىت» (تەرىقەت تەقۋادارلىرى) «پىرقە» سى (پارتىيىسى) نى تەشكىل قىلىدۇ.
بۇ «پىرقە» نىڭ ئەزالىرى تارىختا «بەنى ھاشىم سوپى-زاھىدلىرى» ياكى «سوپى ھاشىمىلەر» نامى بىلەنمۇ ئاتىلىپ كەلمەكتە. «تەزكىرە پىر ياران» دا «سوپى-زاھىت» لار توغرىسىدا مۇنداق دېيىلگەن: «ھەزرىتى بەنى ھاشىم-ھەزرىتى خوجام روسۇلىللا (مۇھەممەد پەيغەمبەر-ئا) نىڭ بۇ ئالەمدىكى ئۈممەتلەرگە قالدۇرۇپ كەتكەن بىردىنبىر ئەۋلادى، بەرھەق ۋەكىلى ئىدى، ئەھلى ئىسلامنىڭ پاناھى، ئىقلىمگىرى (جاھانگىرى-ئا) ۋە نىجادچىسى ئىدى. شۇڭا خوجام، رەسۇلۇللاھنىڭ مۇبارەك ئىسىم-سۈپەتلىرىنى ئۆزىگە خاس تۇتۇپ، لىباس ئېھرام (مۇھەممەد پەيغەمبەر ھايات ۋاقتىدا ئىمامەتچىلىك قىلغاندا تاشقى كىيىمى ئۈستىدىن يۆگىنىپ ئالىدىغان ئاق رەخت-ئا) كىيىپ، مۇرىتلىرى بولسا «لىباس تەۋەرۇكات» كىيىشىپ، باشقىلاردىن ئەلپار، تۇرۇق، سالاپەت، سۈپەت پەرقلىرى بىلەن پەرقلىنىپ، ھۆرمەت دەرىجىلىرى بويىچە سوپىزاتلىق تەلقىنلىرى (ئىبادەت مەۋقەلىرى) دە تۆۋە ئىستىغپارنى تىللىرىدىن چۈشۈرمەيتتى…»
بىزگە مەلۇمكى، بۇ يەردە ئېيتىلىۋاتقان «لىباس تەۋەرۇكات»، «ئەلپار»، «تۇرۇق»، «سالاپەت»، «سۈپەت» دېگەن سۆزلەر مۇھەممەد پەيغەمبەرچە كىيىنىپ، سالاپەتلىنىپ ئۆزىنى تۇتۇپ، يۈرۈش-تۇرۇش، مەشغۇلات قىلىپ (پەيغەمبەرگە ئوخشاپ) تۇرغۇچىلار دېگەنلىكتۇر. بەنى ھاشىم سوپىلىرى مۇھەممەد پەيغەمبەر ئەينى چاغلاردا (مىلادى 600- يىلدىن 632- يىلغىچە) تىجارەت ۋە پەيغەمبەرلىك پائالىيەتلىرىدە بولغاندا كىيىپ يۈرۈشكە ئادەتلەنگەن تۆگە چەكمىنىدىن تەييارلانغان ياقىسىز، قوش ئېتەكلىك ئۇزۇن مەللە توننى «لىباسى تەۋەرۇكات» دەپ ئاتىشىپ، شۇ خىل رەختتە، شۇ خىل كىيىنىشنى ئۆزلىرىنىڭ سوپىلىق بەلگىسى قىلىپ ئېلىشقان ھەم ئۆزلىرىنىڭ مىجەز، تۇرۇق ۋە تۇرمۇش شەكىللىرىنىمۇ ئۆزلىرىچە «پەيغەمبەرچە ئەخلاق»، «پەيغەمبەرچە ئەلپاز-مىجەز»، پەيغەمبەرچە «تۇرۇق-سالاپەت» تە «بولغۇچىلار» قىلىپ كۆرسىتىشكە ئۇرۇنغۇچى تۇنجى سوپىلار تۈركۈمىدۇر. تارىختا بىرىنچى قېتىم شۇ شەكىلدە پەيدا بولغان، ئۆزلىرىنى «بەرھەق پەيغەمبەر ئەۋلادى-سەئىد» نامى بىلەن نىقابلىغان بۇ كىشىلەر ئەمەلىيەتتە كېيىنكى زامانلارغىچە ھەتتا ھازىرقى زامانلارغىچىمۇ پەيغەمبەرنىڭ نام، سۈپەتلىرىنى ئەكسىچە سۇيىئىستېمال قىلىدىغان، ئىشلىمەي چىشلەش (دىنىي نىقاب بىلەن دۇئا كويلۇق، ئالدامچىلىق، ھىيلىگەرلىك بىلەن تىرىكچىلىك قىلىش) نى كەسىپ قىلىۋالغان، ئىسلام ئەقىدىلىرىنى دەپسەندە قىلىپ يۈرۈۋاتقان ھارام تاماق سوپىلارنىڭ تۇنجى «پىرى» (ئۇستاز) لىرىدىن ئىبارەتتۇر.
مىلادى 9- ئەسىردە بەنى ھاشىم خەلىپىلىكى مۇسۇلمان قەۋملىرى (ئاساسەن «سۈننىي» لەر) نى ئۆز بايرىقى ئاستىغا توپلىغان ئەرەب پادىشاھى خەلىپە ئابدۇل مۈلۈك قوشۇنلىرى تەرىپىدىن ئاغدۇرۇپ تاشلىنىدۇ. بەنى ھاشىم گۇرۇھىغا ئەگەشكەن مۇھەممەد پەيغەمبەر ئەۋلادلىرى بىلەن ئەلى ئەۋلادلىرى قىرغىن قىلىنىدۇ، زىندانلارغا تاشلىنىدۇ، تەقىب ئاستىغا ئېلىنىدۇ. بۇ خىل پاجىئەلىك قىرغىندىن چۆچۈگەن بەنى ھاشىم سوپىلىرى ئىراندىن دۇنيانىڭ ھەر قايسى مۇسۇلمان رايونلىرىغا جۈملىدىن ئوتتۇرا ئاسىيانىڭ مۇسۇلمان ئەللىرىگە قېچىپ كېتىشىدۇ. بۇ خىل ھالەت، مەزھەپ ئۇرۇشلىرى توختىماي، يېڭىش-يېڭىلىش، چىقىش-چۈشۈش بويىچە دائىم تەكرارلىنىپ تۇرغان تارىخىي زامانلار جەريانىدا تەكرارلىنىۋېرىدۇ. ئۆز ھەرىكەتلىرىدە مەغلۇپ بولغان تەرسا سوپىلارنىڭ قېچىپ كېتىش نۇقتىلىرى يەنىلا يۇقىرىقى جايلاردىن ئىبارەت بولۇپ تۇرىدۇ. لېكىن قاچان سوپىلار بارغان-تۇرغان يەرلىرىدە يەنىلا ئۆز ھەرىكەتلىرىنى زادىلا توختاتمايدۇ.
8- ئەسىردىن 10- ئەسىرگىچە بولغان تارىخىي جەريانلاردا شىرۋان (ئىراننىڭ ھازىرقى ئەزەربايجان رايونى)، بەسىرە (ئىراقنىڭ بىر رايونى)، پارس (ئىراننىڭ بىر ئۆلكىسى)، شىراز (ئىراننىڭ قەدىمكى شەھەرلىرىدىن بىرى)، ھەمەدان (ئىراننىڭ غەربىدىكى بىر شەھەر)، ھىرات (ئافغانىستاننىڭ بىر شەھىرى)، ھازىرقى سۈرىيە، لىۋان، پەلەستىن، مىسىر، سەئۇدى ئەرەبىيە، ماراكەش، بەھرەيىن، بۇخارا، سەمەرقەند… قاتارلىق جايلاردا ئاشكارا، يوشۇرۇن، ھەر خىل نام، شەكىللەر بىلەن ھەرىكەت قىلىۋاتقان نۇرغۇن چوڭ-كىچىك سوپى-زاھىدلار گۇرۇھلىرى پەيدا بولىدۇ ۋە بارا-بارا بىر بىرىگە قوشۇلۇپ (مەلۇم چوڭ ماشايىخلار يېتەكچىلىكىگە بىرىكىپ) دىنىي، ئىجتىمائىي كۈچلەر سۈپىتىدە سوپىلىق تەرىقىتىنى كېڭەيتىش كۈرەشلىرىنى قاناق يايدۇرۇشىدۇ. بەزى ئىسلام تارىخلىرىدا «قوۋمى سۈلۈك داھىلىرى» نامى بىلەن ئاتىلىپ كەلگەن سوپى ھۈسەيىن ئىبنى مەنسۇر ھەللاج، شەيخ نەجمىدىن باغدادى، يۈسۈپ ھەمەدانى، خوجا ئابدۇخالىق، سانايى، ئەتتارى، رۇمىي… پىرقىلىرى ئەنە شۇ خىل سوپى-زاھىدلار گۇرۇھلىرىنىڭ بۆلۈنمە ناملىرىدۇر. بەزى مەنبەلەردىن مەلۇم بولۇشىچە، مىلادى 8- ئەسىردىن 12- ئەسىرگىچە خاس ئاسىيالىق مۇسۇلمانلار ئارىسىدىلا بىر-بىرىگە باغلانمىغان چوڭ-كىچىك سوپى-زاھىدلار گۇرۇھلىرىنىڭ يوشۇرۇن، ئاشكارا سۈلۈكلىرى 99 غا، «پىر» لىرى 101 گە يەتكەنلىكى مەلۇمدۇر.

سوپىزم ئىسلامىيەت دۇنياسىدا مەنئى قىلىنغان مەزھەبتۇر

مىلادى 8- ئەسىردىن 12- ئەسىرلەرگىچە بولغان تارىخىي زامانلار ئىچىدە بەزى مۇسۇلمان يۇرتلىرى (تۇنجى قېتىم ئىران) دا پەيدا بولۇپ، تەدرىجىي سېستېمىلىشىش، جامائەتلىشىش ئارقىلىق ئىسلام مەزھەپلىرى تەركىبىگە قىستۇرۇلۇپ، ئايرىم مۇسۇلمان قەۋملىرىنىڭ سەجدە ئىخلاسلىرىدا ئېتىقاد شەكلىگە كىرگەن سوپىزم-كېيىنكى چاغلار (تەخمىنەن مىلادى 12- ئەسىرنىڭ ئاخىرلىرىغىچە بولغان چاغلار) دا ئايرىم مۇسۇلمان يۇرتلىرىدا ئىسلامىيەتنىڭ بىر پۈتۈن ئومۇمىي ئىناۋىتىگە، بىرلىكىگە ۋە قۇرئان ئەقىدىلىرىگە زىد سادىر قىلغان بەزى قىلمىشلىرى بىلەن ئاشكارىلىنىپ دۇنياۋى ئىسلام مەھكىمىلىرى بىلەن ئىسلام دىن ئۆلىمالىرىنىڭ قاتتىق ئەيىبلەشلىرىگە دۇچ كەلگەن ھەم قارىلانغانىدى.
سوپىزم شۇ زامانلاردىكى ئىسلام ئىناۋىتىگە، بىرلىكىگە، قۇرئان ئەقىدىلىرىگە زىد سادىر قىلغان قىلمىشلىرى ئومۇمەن مۇنۇ نۇقتىلارغا مەركەزلىشەتتى:
سوپىزم يېتەكچىلىرى ئەزەلدىن بېرى ئۆزلىرىنىڭ «پەيغەمبەر ئەۋلادى (ئىمام)» دېگەن تەمەننا ۋ نوقۇل تەرىقەت بېكىنمىچىلىكى مەۋقەلىرىنى چىقىش قىلىپ، قۇرئاننىڭ «باتىن» مەنىسى بويىچە ئىسلامنى تەرىقەتلەشتۈرۈش، مۇسۇلمانلارنى سوپىلاشتۇرۇش مەقسىتى يولىدا شۇ زامانلاردىكى ئىسلامىيەتنىڭ قانۇنلۇق داھىلىرى (ئىسلامغا قۇرئان بوىيچە يېتەكچىلىك قىلىۋاتقان يېتەكچى ئۆلىمالار) قولىدىن ئىسلامىيەت ھوقۇقىنى تارتىۋېلىش كۈرەشلىرىنى زادىلا توختاتمىغانىدى. بۇ كۈرەشلەردە ئۇتۇپ چىقىش ئۈچۈن ئالدى بىلەن ئۇلار مۇسۇلمانلار ئارىسىدا ئۆزلىرىنىڭ دىنىي ئورنىنى كۆتۈرۈش («دىنىي داھى» لىق، «پىر» لىق مەزتىۋىلىرىنى تىكلەش)، ئۆزلىرىنى چۆرىدىگەن «دىنىي مەركەز» لەرنى بەرپا قىلىش ئارقىلىق ئۆز ئارقىلىرىدىن ئەگەشكۈچى كۈرەشچى مۇسۇلمان گۇرۇھلىرى (سوپى مۇرىتلىرى) نى ئۇيۇشتۇرۇش ھەم بۇ كۈچلەردىن ئۆز مەقسەتلىرىنى ئورۇنلاش يولىدا ئۈنۈملۈك پايدىلىنىشتىن ئىبارەت ئىدى. ئۇلار يەنە «دىنىي داھى» لىق، «پىر» لىق دەرىجىلىرىگە كۆتۈرۈلۈش مۇددىئالىرى بىلەن ئۆزلىرىچە قۇرئان ۋە ئىسلام شەرىئىتىدە ئاللىقاچان مۇئەييەنلەشتۈرۈلۈپ، پۈتۈن مۇسۇلمانلارنىڭ ئورتاق ئەمەل قىلىش مىزانى، ئەنئەنە پرىنسىپى بولۇپ كەتكەن بەزى دىنىي ئەھكام، ئەركانلار (دىنىي پرىنسىپ، مەجبۇرىيەت، قائىدە، ئەنئەنىلەر) دىن ۋە قۇرئاندا تەكىتلەنگەن ئايەتلەردىن چەتنەپ، بەزى غەيرىي دىنلارنىڭ يەنى بۇددا، ھىندى-بىراھمان، يەھۇدىي دىنلىرىغا مەنسۇپ سوپىزمچىلارنىڭ() نەرسىلىرىنىمۇ ئىسلام دىنىغا ئارىلاشتۇرۇۋېلىپ ياكى ئىسلامدا يوق نەرسىلەرنى بار قىلىپ، بار نەرسىلەرنى يوق قىلىپ (قۇرئاننىڭ نۇرغۇن ئايەت، ھەدىسلەرگە ئۆز قاراشلىرى بويىچە مەنە بېرىپ ۋە ئۇنىڭغا ئۆزلىرىنىڭ يېڭىچە نۇقتىئىنەزەرلىرىنى سىڭدۈرۈپ)، ئۇنى بىر خىل «دىنىي تەلىمات» شەكلى بىلەن ئوتتۇرىغا چىقىرىش ئارقىلىق، ئۆزلىرىنىڭ «دىنىي مەركەز» لىكىنى تىكلەش ھەرىكەتلىرىدە بولۇشقانىدى.
19- ئەسىردە ياشاپ ئىجاد قىلغان مەشھۇر شەرىئەتشۇناس ئالىم سۇلتان باي ھاجىم (قاغىلىق ناھىيە گوساس ئازغانساللىق ئۇيغۇر) ئىسلام دۇنياسىدا تۇنجى قېتىم سوپىلىق «تەلىمات» ىنى ئوتتۇرىغا چىقارغان «خوپپە سۈلۈكى» نىڭ ئىجادچىسى، شاملىق مەشھۇر سوپى بەنى ھاشىم «سۈلۈكى» توغرىسىدا توختىلىپ مۇنداق يازغان: «… تارىختا سۈلۈك يولىدا يۈرگەن (سوپىلىق يولىنى تۇتقان دېمەكچى-ئا) تەرىقەتچى ماشايىخلار ئۆزلىرىنى «پىر» (دىنىي يېتەكچى-ئا) دەپ ئاتىشاتتى. ئۇلار قۇرئان كەرىمنىڭ «… مۇسۇلمان بەندىلەر ئاللاھنىڭ بىرلىكى، پەيغەمبىرىمنىڭ بەرھەق ئىكەنلىكىگە ئەقىل-پاراسەتلىرى بىلەن قايىل بولۇشى، ئىمان كەلتۈرۈشى، ئىبادەت بىجا قىلىشلىرى زۆرۈدۇر…» دېگەن تەلىمىنى «… ئىمان-تىل ھەم دىل بىلەن تەستىقلاش، بەدەن بۆلۈكلىرى بىلەن ئورۇنلاش يەنى ئىمانغا بەدىنى بىلەن كىرىشتۇر…» دېگەن «تەلىم» گە ئۆزگەرتىپ، «ئىنسان پەقەت جىسمانىي بەدىنى (مەۋجۇدلۇقى) بىلەنلا ئىنساندۇر، ئىنسان بەدىنىنىڭ ھەر بىر بۆلۈكى ھەر ئىككىىلا ئالەمدە ئىنسان ۋابال-ساۋابنىڭ شاھىتى، ئاجرالماس ھەمراھىدۇر» دېگەن كۆز قاراشلىرىنى ئاساس قىلىپ، «پەتىۋا» لىرىنى يەنى «ئۇلۇغ» لىرىنىڭ (يېتەكچىلىرىنىڭ) مىيىت-جەسەتلىرىنى «تەن ئاساس»، «تەن مەڭگۈ»، ئۆزلىرى ئۈچۈن «مۇقەددەس مازار»، «مۇقەددەس ئۇلۇغ مۆجىزات» قىلىپ تۇرغۇزۇپ، ئاللاھقا بولغان مۇسۇلمانچىلىق قەرزلىرىنى شۇ خىل «مازار»، «مۆجىزات» لارغا سەجدە قىلىش، ئۆز مۇرىتلىرىنى سەجدە قىلدۇرۇش، بىلەنلا تۈگىگەن قىلىشاتتى. بۇ خىل قىلمىش تۈپ نىيەتتىن ئالغاندا «خۇدادىن خۇدالىق»، «پەيغەمبەردىن پەيغەمبەرلىك» دەۋا قىلغانلىق، ئاللاھ بىلەن بەندىلە ئوتتۇرىسدا مۇھەممەد پەيغەمبەردىن باشقا يەنە بۆلەك «ۋاسىتىچى زات» پەيدا قىلغانلىق ئىدى… بۇ بىر «كاززاپ» لىق بولاتتى.» (مۇئەللىپ بۇ سۆزنى مۇھەممەد پەيغەمبەر ھايات ۋاقتىدا «كاززاپ» ئىسىملىك بىر ئەرەبنىڭ پەيغەمبەردىن «پەيغەمبەرلىك» دەۋاسى قىلغان قىلمىشىنى نەزەردە تۇتۇپ قىلغان-ئا).
بىزگە مەلۇمكى، قۇرئان: ئاللاھ بىلەن بەندە ئوتتۇرىسىدا «يەنە بىر زات بار» دېگەننى قەتئىي رەت قىلىدۇ. بارلىق «مۇقەددەس مۇرىت»، «مۇقەددەس مازار»، «مۇقەددەس مۆجىزات» دېگەنلەرگە «تاۋاپ» قىلىشقا قارشى تۇرىدۇ. بۇ خىل «تاۋاپ» قىلىشلارنى-بۇتقا سەجدە قىلىشنىڭ دەل ئۆزى، ئاللاھنىڭ مۇتلەق نوپۇزىنى تۆۋەنلەتكەنلىك، ئەۋلىيالار، ساھابىلەر، دانىشمەنلەرنىڭ توپا-تۇپراقلىرىغا بېرىپ تاۋاپ قىلىپ مەغپىرەت تىلەش، ئاللاھ ئالدىدا گۇناھ ئۆتكۈزگەنلىك… تۇپراق بېشىغا قەبرە قاتۇرۇش، گۈمبەز ياساش قاتارلىقلارنى بىردەك ئەمەلدىن قالدۇرۇش كېرەك، دېگەن تەشەببۇسى بىلەن ئۆز ئېتىقادچىلىرىنى ئاللاھنىڭ بىرلىكى، پەيغەمبەرنىڭ بەرھەق ئىكەنلىكىدە چىڭ تۇرۇشقا دالالەت قىلىدۇ. مۇھەممەد پەيغەمبەر زامانىسىدا مۇنداق گۈمبەز، قەبرە ياساشلار يوق ئىش بولۇپ، پەقەت قەبرە بېشىغا تاش قويۇپ بەلگە قىلىپ قويۇلاتتى. بۇ قەبرىنىڭ كىمنىڭ ئىكەنلىكىنى پەرقلەندۈرۈش ئۈچۈنلا بولاتتى…«مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ تەرجىمىھالى» دېگەن كىتابتا كۆرسىتىلىشىچە: كېيىنكى دەۋرلەردە قەبرىلەر ئۈستىگە تۈرلۈك بىنالارنى سېلىش ۋە تۈرلۈك نەقىشلەرنى ئويۇش ئىشلىرى پەيدا بولۇپ، بۇ نەرسىلەر قارىغان ئادەمگە خۇددى بۇتقا ئوخشاشلا كۆرۈنەتتى… مىيىتنىڭ ئۇرۇق-تۇغقانلىرىنىڭ قەبرە بېشىغا كېلىپ، تۈرلۈك مۇراسىملارنى ئۆتكۈزۈشى كۆپىنچە مەككە موشرىكلىرىنىڭ بۇتخانىلاردا ئېلىپ بارىدىغان پائالىيەتلىرىگە ئوخشاشلا بولۇپ، ئاخىرەتكە ئائىت ئىشلاردا روسۇلىللا قىلمىغان ئىشلارنى قىلىش ھەقىقەتەن بىر قۇرۇق ئاۋارىچىلىك بولاتتى. مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام: «دىنىي ئىشلارنى ئاسانلاشتۇرۇڭلار، قىيىنلاشتۇرماڭلار…» دېگەنىدى.
دۇنياۋى ئىسلام جامائەت پىكرى تەرىپىدىن يۇقىرىقىدەك توغرا ھۆكۈم ۋە ھەق ئاساسلار بىلەن رەت قىلىنغان سوپىزم ۋە ئۇنىڭ يېتەكچىلىرى ئۆز قىلمىشلىرىنىڭ كېيىنكى داۋامىنى توختاتمىغانلىقى ئۈچۈن، يەنىلا مىلادى 12- ئەسىرنىڭ كېيىنكى يېرىمىدا دۇنياۋى ئىسلام كۈچلىرى بەسىرە، شىراز، ھەمەدان، خۇراسان قاتارلىق سوپىزم نۇقتىلىرىدا سوپىلارنىڭ شۇ چاغلاردىكى مەشھۇر «پىر» لىرى،-بەسرەلىك سوپى نەجمىدىن باغدادى، شىرازلىق سوپى يۈسۈف (خەتمە ئەزەم)، مەۋلانە سەرۋەرى، ھەمەدانلىق سوفى مۇھەممەد ئەزەم (بالاگەردان پىرىم)، خۇراسانلىق سەئىدئاسىپ ئەزىزى (پىرى ئەزىزان) قاتارلىق ماشايىجلار (چوڭ سوفىلار) نى «ئىسلام دىن ئاسىلىرى» ئەيىبى بىلەن ئەيىبلەپ ئۆلۈمگە بۇيرۇيدۇ. «تەزكىرە پىر ياران» دا بۇ ئەھۋال: «بۇ پىرلار ئۆزلىرىنى «خوجام روسۇلىللا بىلەن بەندىلەر ئوتتۇرىسىدىكى ۋاستىگەر ئەلچى»، «پىر ئىنەلھەق» (ھەق ئاللاھنى كۆرگەن پىر-ئا) «غايىبنى بىلگۈچى» (كارامەتچىلەر) دېگەن كۇپىرلىق دەۋالىرى بىلەن باشلىرىدىن ئايرىلغان…» دەپ خاتىرىلەنگەن. مىلادى 10- ئەسىرنىڭ باشلىرىدىمۇ سوپىزمنىڭ شۇ زامانلاردىكى ئەڭ چوڭ ئىجادچىلىرىدىن بىرى-ئىرانلىق سوپى ھۈسەيىن ئىبنى مەنسۇر ھەللاج: «ماڭا خۇدادىن «خۇدالىق ۋەھىي كەلدى» دېگەن گۇناھى ئۈچۈن مۇسۇلمانلار سوتى تەرىپىدىن ئېسىپ ئۆلتۈرۈلگەنىدى.
دېمەك سوپىزم-تارىختا يۇقىرىقىدەك ئىسلامغا زىد قىلمىشلىرى بىلەن مۇسۇلمانلارنىڭ ئېتىقاد ئېتىبارىدىن چۈشۈپ، ئىسلامىيەت دۇنياسىنىڭ رەقىب مەزھەپلىرى تۈركۈمىگە مەنسۇپلىشىپ كېتىدۇ. دۇنيا تارىخىدا بۇ مەزھەبنىڭ بىرەر قېتىممۇ بىرەر دۆلەت، بىرەر مىللەت ياكى بىرەر قەبىلە، بىرەر جەمئىيەتتە دىنىي سىياسىي ھاكىمىيەت شەكلىگە كىرىپ باقمىغانلىقى، يېتەكچى دىنىي مەزھەپ بولۇپ نوبۇز تىكلەپ ئۆتۈپ باقمىغانلىقى ئەنە شۇ خىل پرىنسىپلىق سەۋەبلەر تۈپەيلىدىندۇر.
بىزنىڭ ئەجدادلىرىمىز ئۆتمۈشتە (بولۇپمۇ ئوتتۇرا ئەسىرلەردە) ھەر خىل زامانلارنىڭ تۈرلۈك ھادىسە، قىسمەت، پېشكەللىكلىرى ۋە ئۈزلۈكسىز سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن ئۆز يۈرت، ماكانلىرىدىن ئايرىلىپ پاناھلىق ئىزدەپ شىنجاڭغا كېلىپ قالغان ھەر خىل كەچۈرمىشلىك مۇساپىر ئىنسانلارغا ئۆز ئارىلىرىدىن تۇرۇشقا ئورۇن، ياشاشقا يول ھازىرلاپ بېرىشتەك ئىلتىپاتپەرەسلىك خۇسۇسىيەتلىرى بىلەنمۇ ۋەتىنىمىزدە ھەر قايسى زامانلار بويىچە ھەر خىل غەيرىي مىللىي تەركىب ۋە ياكى غەيرىي ئاھالىلەر تۈركۈملىرىنىڭ پەيدا بولۇشى، كۆپىيىشى، ئورۇن ئېلىشى، يەرلىشىشى، سىڭىش-سىڭىشىشتەك تەقدىرى-قىسمەتلىرىنىڭ ھوقۇقى جەھەتتىن تىكلىنىشىگە سەۋەب بولۇشقان. تۈرلۈك تارىخىي مەنبەلەردىن بىلىشىمىزچە، مىلادى 8- ئەسىردىن 19- ئەسىرنىڭ ئاخىرلىرىغىچە بولغان ئۇزاق تارىخىي زامانلار جەريانىدا ۋەتىنىمىزگە چەتتىن «تىنچ» ئېقىپ كىرگەن (مۇساپىرەتچىلىك سەپىرىدە كېلىپ يەرلىشىپ قالغان ياكى نەسەب، ئەۋلاد قالدۇرۇپ كەتكەن) بۇ خىل سەرگەردان مۇساپىرلارنىڭ خېلىلا بىر قىسمى ئىران، ئىراق، ھىندى، ئافغان، بۇخارا، كاسان قاتارلىق جايلاردىن ھەر خىل زامان، ھەر خىل شارائىت ۋە ھەر خىل سەۋەبلەر بىلەن بىزگە قېچىپ كەلگەن كۆچكۈن سوپى، ئىشانلارغا مەنسۇپ «ئەھلى دىن پەقىرلىرى» دىن ئىبارەت بولغان. ئۇلار شىنجاڭنىڭ ھەر قايىسى جايلىرىدا ماكان تۇتۇشقاندىن كېينلا ئالدى بىلەن ئۆزلىرىنى «ئاللاھنىڭ ئەمرى بىلەن مۆمىن بەندىلەرگە «پىر»، «ئۇستاز» بولۇش ئۈچۈن كەلگەن» لەر دېيىشىپ، بارا-بارا ئەجدادلىرىمىزغا «ئۇلۇغ پىرلىق»، «ئۈلۇغ سەئىدلىك»، «ئۇلۇغ زاتلىق»، «خىسلەت»، «كارامەت» لىرى بىلەن دىنىي، روھىي جەھەتتىن ھۆكۈمرانلىق قىلىشقا باشلىغان. بۇ خىل باشلىنىشلار نەتىجىسىدە شۇ زامانلاردىكى، بىر قىسىم ئەجدادلىرىمىز تەدرىجىي: يۇرت بىزدىن، خەلق بىزدىن، بايلىق، مەئىشەت، ئىلتىپات، سۈكۈت، بويسۇنۇش، «سەۋرى»، «تەقدىرگە تەن بېرىش» بىزدىن، «پىرلىق»، «دىنىي يېتەكچى» لىك، ئەگەشتۈرۈش، باشقۇرۇش، يېتەكلەش ئەنە شۇ «ئۇلۇغ زاتلار» دىن بولىدىغان جاھالەتلىك جەمئىيەتنىڭ پەقەت بويسۇنۇشقىلا يارىتىلغان، كۆنۈك، مۆمىن «ئىمانى كامىل» لىرىدىن بولۇپ كېتىشكەن.
ئەسلى تېمىمىزدىن ھالقىپ كەتمەسلىك ھەم تېخىمۇ ياخشىراق يورۇتۇپ بېرىش ئۈچۈن، قولىمىزدىكى تارىخىي ئاساسلىرىمىزغا بىنائەن، يۇقىرىدا تەرىپلەنگەن سوپى-ئىشانلار ئىچىدىن ئەينى زامانلاردا شىنجاڭنىڭ ھەر قايسى جايلىرىدا يەرلىشىپ، ئابرۇي تېپىپ، باش كۆتۈرۈپ (ئەجدادلىرىمىزغا «پىر»، «خوجا»، «ئىشان» لىق قىلىپ) مەلۇم دەۋرلەر بويىچە ئىش تەۋرىتىپ، تارىخىمىزدا بىزگە تۈرلۈك ئېچىنىشلىق سەلبىي ئىزلارنى ھەتتا ئەڭ ھالاكەتلىك تارىخىي زەبۇنچىلىقنى قالدۇرۇپ كەتكەن، ۋەكىللىك خاراكتېرى چوڭ، تەسىرى كەڭ، تېخى ھازىرغىچىلىكمۇ بەزى كىشىلىرىمىزنىڭ ئېتىقاد ئىشەنچ-ئېتىبارلىرىدا «ئۇلۇغ پىر» لىق نامى بىلەن يادلىنىپ تۇرۇۋاتقان تۆۋەندىكى ئاتاقلىق يەتتە «ئۇلۇغ پىر زات» توغرىسىدا بىر-بىرلەپ قىسقىچە توختىلىپ ئۆتىمىز.

«خوجا مۇھەممەد شىرىپ پىرىم» توغرىسىدا

تارىخىي خاتىرىلەردىن مەلۇمدۇركى، تارىختا شىنجاڭغا مۇساپىرچىلىق بىلەن كېلىپ، بىزدىكى ئۆمرىدە «ئۇلۇغ پىر» لىق نامى بىلەن داڭ چىقىرىپ، بىر قىسىم ئەجدادلىرىمىزنى سوپىلىق يولىغا باشلاپ، ئالەمدىن ئۆتكەن مەشھۇر سوپى-زاھىدلاردىن بىرى-ئىرانلىق سەرگەردان خوجا مۇھەممەد شىرىپ ئىسىملىك سوپىدۇر. بۇ كىشى ئەسلىدە مىلادى 12- ئەسىردە ياشاپ ئۆزىنى «ھەپتە مۇھەممەدان» (مۇھەممەد پەيغەمبەرنىڭ 7- ئەۋلاد نەۋرىسى) دەپ ئېلان قىلىپ ئالەمدىن ئۆتكەن ئىرانلىق مەشھۇر سوپىزم تەرغىباتچىسى ئوبۇل ياقۇب يۈسۈف ئەلپۇزەنجىر ئەل ھەمەدانىنىڭ 15- ئەسىردىكى ئەۋلادلىرىدىن بىرى بولۇپ، خۇراسان ئۆلىمالىرىنىڭ پەتىۋاسى بىلەن «خۇدالىق دەۋاسى قىلغان» گۇناھى ئۈچۈن ئۆلۈمگە بۇيرۇلغان يېرىدىن ھىندىستان ئارقىلىق يەكەنگە قېچىپ كەلگەن. يەكەندە ئۆزىنى «پىر» ئېلان قىلىپ، يەكەن، قەشقەر تەۋەلىرىدە يەتتە-سەككىز يىل سوپىزمنى تەشۋىق قىلىش، تارقىتىش، كېڭەيتىش ھەرىكەتلىرى بىلەن شۇغۇللانغان. بەزى مازارلارغا شەيخلىق قىلغان. 1565- يىلى يەكەندە ئالەمدىن ئۆتكەن. مىلادى 1807- يىلى ئۇنىڭ شۇ چاغدىكى پۇشتى، يەكەن ۋاڭى-يۇنۇس ۋاڭ تەرىپىدىن قەبرىسى «مازار» قىلىپ قاتۇرۇلۇپ «خوجا مەشپىرىم» (خوجا مۇھەممەد شىرىپ پىرىم) نامى بىلەن ئاتىلىشقا باشلىغان. ھازىر بۇ مازار يەكەندە «ھەزرىتى پىر» دېيىلىپ كەلمەكتە. بۇ «پىر» نىڭ تارىختا بىزگە قالدۇرۇپ كەتكەن بەزى «پىر» لىق «تۆھپە» مىراسلىرى (قىلمىش-ئەتمىشلىرى) نى قولىمىزدىكى ئاساسلىرىمىزغا بىنائەن تۆۋەندىكىچە ئەسلەپ ئۆتىمىز:

خوجا مۇھەممەد شىرىپ يەكەنگە كېلىپلا ئۆزىنى «مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ 23- بوغۇم نەۋرىسى» دەپ ئېلان قىلىپ، مۇسۇلمانلارنىڭ رايىنى ئۆزىگە جەلپ قىلىدۇ ۋە: «پۈتۈن دىنىي ئىشلارنىڭ ھوقۇقى پەقەت مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام نەسەبلىرىگىلا خاستۇر» دېگەن «پەتىۋا» بىلەن يەكەننىڭ ھەممە دىنىي ئىشلار ھوقۇقىنى يەرلىك ئۆلىمالار بىلەن ئەھلى شەرىئەت مۆتىۋەرلىرىدىن تارتىۋالىدۇ. 1534- يىلى سەئىدىيە خانلىقىىنىڭ تەرەققىيپەرۋەر خانى ئابدۇرەشىدخان جەمئىيىتىنىڭ «باش شەيخۇلئىسلام» لىقىنى قولغا كىرگۈزۈۋېلىپ، ھەر بىر ۋىلايەت، ئايماق، يۇرتلاردا دەرىجىلەر بويىچە دىنىي مەھكىمىلەر (قازىخانا ۋە سوراقخانىلار) نى تەسىس قىلىپ، ئۆزىنىڭ دىنىي ھۆكۈمرانلىقى (ئاساسەن سوپىلىق تۈزۈمى) نى خانلىق نامى بىلەن كېڭەيتىدۇ، مۇستەھكەملەيدۇ. ئابدۇرەشىدخاننى «مۇرىت» لىققا قوبۇل قىلىپ «پىر» لىق «سالاپىتى» بىلەن تىزگىنلەشكە باشلايدۇ. «يەكەن تارىخى» دا بۇ توغرۇلۇق مۇنداق يېزىلغان: «… ئابدۇرەشىدخان خوجا مۇھەممەد شىرىپكە قول بېرىپ مۇرىت بولىدۇ. شۇ تارىخىي شارائىتتا ئابدۇرەشىدخاننىڭ شۇنداق قىلماسلىققا ئىمكانىيىتى يوق ئىدى. چۈنكى سۇلتان سەئىدخان زامانىسىدا (سولتان سەئىدخان ئابدۇرەشىدخاننىڭ دادىسى-ئا) كەڭ ئەۋج ئالغان سوپىلار پىتنىسى ئابدۇرەشىدخانغا تۈرلۈك تۆھمەت-بەدناملارنى چاپلاش بىلەن خاراكتېرلىنىپ تۇراتتى. شۇڭا ئابدۇرەشىدخان خوجا مۇھەممەد شىرىپ بىلەن مازارلارغا بېرىپ، خانىقالاردا تۈنەپ، «ياھۇ-يامەنھۇ» دەپ جار سېلىپ يۈرگەن سوپىلارنى سەپەرۋەر قىلىپ ئەسكەرلىككە ئېلىشى، ئۆزىگە ئىشەندۈرۈشى لازىم ئىدى… ئابدۇرەشىدخان خوجا مۇھەممەد شىرىپنىڭ كەيىنىگە كىرىپ، ئاتۇش مەشھەدتىكى سۇلتان سۇتۇق بوغراخان مازىرىدا بىر نەچچە كۈن يېتىپ، مازارغا تاۋاپ قىلىپ سوپىلاردىن قوشۇن توپلىدى……»
خوجا مۇھەممەد شىرىپ يۇقىرىقىدەك چارە-ئاماللارنى قوللىنىپ، ئاخىرى ئابدۇرەشىدخان ھاكىمىيىتىنىڭ ئىدېئولوگىيە، دىنىي، ئىجتىمائىي، سىياسىي، ھەربىي ۋە باشقا ساھەلىرىنىڭ ھەممىسىگە قول تىقالايدىغان، دېگىنىنى قىلالايدىغان بىردىنبىر ھۆكۈمران «پىر» بولۇپ مەيدانغا چىقىدۇ. ئابدۇرەشىدخان تەۋەلىكىدە (كەشمىر، ھازىرقى پاكىستان، شەرقىي ئافغانىستان، شىمالىي تىبەت، قازاق يۇرتلىرى (ئالتاي تاغلىرى)، ئىسسىق كۆل، بالقاش كۆلى ۋادىلىرى، پەرغانە ۋە ئارا يۇلتۇز (ھازىرقى شىڭشىڭشىيا) نى ئۆز ئىچىگە ئالغان سەئىدىيە خانلىقى تەۋەلىكىدىكى مۇسۇلمانلار ئارىسىدا) سوپى، ئىشانلىق ھەرىكىتىنى كۈچەپ قاناق يايدۇرۇۋېتىدۇ. يەنى نام، مەنپەئەت ۋە دىنىي «شەپقەت» چىلىكنى ۋەدە قىلىش، تەرغىبات مەدداھلىقى بىلەن ئىشەندۈرۈش ئارقىلىق مۇرىت بىلەن مۇرىت، سوپى بىلەن سوپى، ئىشان بىلەن ئىشان كۆپەيتىپ، پۈتۈن خانلىق تەۋەسىدە مەلۇم جامائەت قاتلاملىرىنى، خەلق كۈچلىرى توپلىرىنى پەيدا قىلىپ ۋە ئۆزىگە تارتىپ، ئاخىرى ئابدۇرەشىدخان ھاكىمىيىتىنى ئۆزىنى مەركەز قىلغان سوپى، ئىشانلار شېرىكچىلىكىدىكى (ئۇلارنىڭ ھالاكەتلىك تەسىرلىرىدىن قۇتۇلۇش مۇمكىن بولمىغان) ھاكىمىيەتكە ئايلاندۇرۇۋالىدۇ. يەنە بىر تەرەپتىن ئۆزىنىڭ تارىختىكى جەددە پۇشتى، ئىران ھەمەدانلىق مەشھۇر سوپى ئوبۇل ياقۇب يۈسۈف ئەلپۇزەنجىر ئەل ھەمەداننىڭ سوپىلىق يولى-«ئىشقىيە سۈلۈكى» نى خانلىق مۇسۇلمانلىرىنىڭ ئەمەل قىلىدىغان دىنىي مىزانى، ئىدېئولوگىيە پرىنسىپى قىلىپ، جەمئىيەتتە بۇ سۈلۈكنى يولغا قويۇش، كېڭەيتىش كويىغا چۈشىدۇ. ئۇ «پىر» ئەجدادلىرىمىزنى باشلاپ كىرگەن «ئىشقىيە سۈلۈكى»-نىڭ ئىبادەت پرىنسىپى مۇنداق ئىدى: «ئىشقىيە» چىلەرنىڭ يېتەكچىلىرى ئۆز سۇلۇكىنىڭ تۈپ ماھىيىتىنى «ئىبادەت» دېگەن بىرلا سۆزگە يىغىنچاقلايدۇ. مۇرىتلىرىنى تەركى دۇنيا بولۇشقا تەرغىب قىلىدۇ. ئۇلارنى جاھاندىن قول ئۈزۈپ، ئۆي-جاي تۇتماي، خوتۇن ئالماي، بالا-چاقىلىق بولماي، بىر جايدا ماكانلاشماي، جايدىن جايغا يۆتكىلىپ يۈرۈپ، جاھاننى كېزىپ، بۈگۈن تاپقاننى ئەتىگە قالدۇرماي قولدىن چىقىرىۋېتىپ ياكى يەپ تۆگىتىپ، ھايات كەچۈرۈشنى تەرغىب قىلىدۇ. بۇ سۈلۈكنىڭ مۇرىتلىرى توپلانغان جايلىرىدا ياكى يەككە-يېگانە يۈرگەندە قانغىچە چىلىم تارتىپ نەشە چېكىشنى «ئىبادەت دەپ ھېسابلايدۇ. بۇ ئارقىلىق «خۇدا» غا ئاشىقلىقىنى ئىپادىلىمەكچى بولىدۇ. ئۇلارنىڭ زور كۆپچىلىكى چاچلىرىنى ئۇزۇن ئۆستۈرۈپ، ساراڭلارچە ھاياتقا قەدەم قويغانلىقىنى-«خۇدانىڭ ئىشقىغا ئۆزىنى پىدا قىلغانلىق» دەپ قارايدۇ، ئۇلار مۇشۇ خىل ئۇسۇلنى «خۇداغا يېقىنلىشىش» دەپ بىلىپ، ئۆزلىرىگە مۇرىت توپلاپ، ئۇلارغا ئالدى بىلەن توۋا-ئىستىغبار (توۋانامە) ئېيتقۇزۇپ، ئۆزلىرىگە شەرتسىز بويسۇنۇشنى، داۋملىق «پىر» نى ياد ئېتىپ تۇرۇشنى ئۆگىتىدۇ. بۇ يولدا ئوبدانراق خىزمەت قىلغۇچى سوپىلارنى ئۆزىگە جەلپ قىلىپ تەيىنلەپ، مۇرىت توپلاش ئۈچۈن جايلارغا ئەۋتىپ ھەرىكەت ئېلىپ بارىدۇ…..
دېمەك «خوجا مۇھەممەد شىرىپ پىرىم» 16- ئەسىر ئۇيغۇر جەمئىيىتى (كېيىنكى ئوتتۇرا ئەسىرلەر تارىخىمىزدا مەلۇم ئىجتىمائىي ئىلغارلىقى، مىللىي خاسلىقى ھەم ئالاھىدە كۈچ-قۇدرىتى بىلەن دۇنياغا داڭ چىقىرىپ تۇرغان ئۇيغۇر ئابدۇرەشىدخان يېتەكچىلىكىدىكى جەمئىيەت) نى ئەنە شۇ خىل تەركى دۇنياچىلار «جەمئىيىتى» گە ئايلاندۇرۇش ئۈچۈن توختىماي ھەرىكەت قىلىدۇ. تارىختا شىنجاڭغا پەيدا بولۇپ، يەنىلا شىنجاڭ زېمىنىدا ئالەمدىن ئۆتكەن تەرىقەتچى سوپى، ئىشانلارنىڭ كونا قەبرە ۋە ئۆلگەن ئورۇنلىرىنى تېپىپ، ئۇنى «مازار» قىلىپ تىكلەپ، «ئۇلۇغلۇق تەزكىرە» لىرىنى تۇرغۇزۇپ، «خاسىيەت» ھەم «كارامەت» لىرىنى تەرىپلەپ، بىر قىسىم مۇسۇلمان ئەجدادلىرىمىزغا «تاۋاپ»، «ئىستىقامەت» قىلىپ تۇرىدىغان «مۇقەددەس مازار»، «ئۇلۇغ جاي» لارنى تىكلەپ، بەلگىلەپ بەرگەن.
19- ئەسىردە ياشىغان مەشھۇر شەرىئەتشۇناس ئۇيغۇر ئۆلىما سۇلتان باي ھاجىمنىڭ «بۇرقۇم ئەۋلىيا ھەققىدە» دېگەن قوليازمىسىدا كۆرسىتىلىشىچە: خوجا مۇھەممەد شىرىپ يەكەندە دەۋران سۈرۈپ يۈرگەن چاغلىرىدا 8- ئەسىرنىڭ ئوتتۇرىلىرىدا ئىراننىڭ ھەبدە دېگەن يېرىدىن يەكەنگە قېچىپ كېلىپ، يەكەندە ئۆلۈپ قالغان مەشھۇر سوپى ھەبدە مۇھەممەدنىڭ «مازىرى» نى ياسىتىپ، ئۇنى «چىلتەن ئەۋلىيا» دەپ ئاتىغانلىقى مەلۇمدۇر. بەزى تارىخىي پاكىتلاردىن بىلىشىمىزچە، «چىلتەن» دېگەن بۇ «مازار» ئەمەلىيەتتە مىلادى 1500- يىللاردىن بۇرۇن (مىرزا ئابابەكرى زامانىدا) ئوبۇ تالىپ سەبەرەستە ۋەلى دېگەن بىر كىشىنىڭ لەۋزى بىلەنلا «مازار» ئاتىلىپ قالغان ئورۇن بولۇپ، ئەمەلىيەتتە قايسى زاماندىكى قايسى «ئۇلۇغ زات» نىڭ مازىرى ئىكەنلىكىنى ھېچكىم بىلمەيدۇ. «تەزكىرە پىر يارانلار» دە يەنە خوجا مۇھەممەد شىرىپنىڭ بۇ مازارنى ياسىتىش ئۈچۈن، ئابدۇرەشىدخان خەزىنىسىدە بىر چارەك نەق ئالتۇن ئالغانلىقى بايان قىلىنغان. يەنە شۇ تەزكىرىدە: «… بۇ زاتى، بەرىكات ئۆز ئىلپات، ئەمرى-پەرمانلىرى بىلەن خۇدايى تەرىقەت ئىبادىتى ئۈچۈن، بۇ دىياردا 700 «رۇكۋار» (ئېھتىمال مازار بولسا كېرەك-ئا)، 148- خانىقا، 47 «پىرلىك ھەمدان» (سوپىلار مۇرىتلىرى بىلەن جەم بولۇپ «ئىبادەت» قىلىدىغان مەخسۇس ئورۇن، مەيدان-ئا) بىنا قىلدىلەر…» دېيىلگەن.
خوجا مۇھەممەد شىرىپ ئۆزىنىڭ يۇقىرىقىدەك «پىر» لىق ئىمتىياز، ئىناۋەتلىرىدىن، مۇرىت، يارانلىرىدىن ۋە ئىغۋاگەر كەسىپداشلىرىدىن پايدىلىنىپ، ئابدۇرەشىدخاننىڭ ئىلغار، تەرەققىيپەرۋەرلىك، مەرىپەتپەرۋەرلىك غايە، ھەرىكەت، ئىنتىلىشلىرىگە زەربە بېرىش، خانلىقنىڭ چوڭ ھوقۇقىنى تولۇق ئىگىلەش كويىغا چۈشىدۇ. بىرىنچى زەربىنى دەل ئابدۇرەشىدخان ھوزۇرىدىن باشلايدۇ. ئۇ، ئابدۇرەشىدخاننىڭ خوتۇنى مەشھۇر مۇقامچى، شائىر ۋە ئەخلاقشۇناس ئاماننىساخاننى «شەرمەندە، شەرمىساز» لىق گۇناھى بىلەن قاتتىق ئەيىبلەپ (خوجا مۇھەممەد شىرىپ سوپىلىرى خەلق مەشرەپلىرىنى «شەيتان سورۇنى»، خەلق نەغمىچىلىرىنى «شەرمىساز» لار، خەلق ئۇسسۇلچىلىرىنى «شەرمەندە» لەر، بۇ ساھەدىكى ھەر خىل ئىجادىيەتچىلەرنى بولسا «ئازازۇل مۇرتەد» لەر دېگەندەك ناملار بىلەن ئاتاپ، ئۇ خىل كىشىلەرنىڭ ھەرىكەتلىرىگە چەك قويۇشقانىدى)، ئۇنىڭ «ئەخلاق جەمىلە»، «شەرھۇلقۇلۇب» قاتارلىق نۇرغۇن ئىجادىي مۇزىكىلىق ئەسەر ۋە مۇزىكا ئىجادىيەتلىرىنىڭ جەمئىيەتكە تارقىلىشىنى چەكلەيدۇ ۋە ئاماننىساخان ۋاپاتىدىن كېيىنلا «پەتىۋا» چىقىرىپ كۆيدۈرۈۋېتىدۇ. ئاماننىساخاننىڭ ئۇستازى، ئابدۇرەشىدخان ئوردىسىنىڭ ئىلمىي ئەربابلىرى-مەشھۇر مۇقامشۇناس قېدىرخان، خەتتات غازى ھەبىبۇللا سەردار، تارىخچى مىرزا مۇللا مۇھەممەد يار ئاخۇن قاتارلىق توققۇز كىشىنى «مۇرتەد» (دىندىن چىققان) لىكتە ئەيىبلەپ، ئوردىدىن چەتلەشتۈرۈۋېتىدۇ. ئوردا ئەھلىنىڭ بىرلىك-ھەمدەملىك ئەنئەنىسىنى بۇزۇپ، ئىغۋا كۆپەيتىپ، ئابدۇرەشىدخاننىڭ سەۋدا كېسىلىگە گىرىپتار بولۇپ، ئۆلۈپ كېتىشىگە سەۋەب ۋە داخىلدار بولىدۇ.

«ئۇلۇغ پىر»-مەخدۇم ئەزەم توغرىسىدا

مىلادى 15- ئەسىرنىڭ ئاخىرلىرىدىن 16- ئەسىرنىڭ باشلىرىغا قەدەر شىنجاڭغا پەيدا بولۇپ ۋە ياكى تەسىر ئۆتكۈزۈپ، بىر قىسىم ئەجدادلىرىمىزنى سوپىلىق تەرىقىتىگە باشلىغان ھەم شۇ زامانلاردىكى شىنجاڭ مۇسۇلمانلىرى ئارىسىدا «تەرىقەت ئۇستازى» لىق، «ئۇلۇغ پىر» لىق نامى بىلەن داڭ چىقىرىپ، ئالەمدىن ئۆتكەن ئەڭ مەشھۇر سوپىلارنىڭ بىرى-مەخدۇم ئەزەم يەنى خوجا ئەھمەد كاسانى ئىسىملىك كىشىدۇر.
تارىخىي خاتىرىلەردىن بىلىشىمىزچە، بۇ كىشىنىڭ ئەسلى ئىسمى-سەئىد ئەھمەد ئىبنى سەئىد جالالىدىن بولۇپ، مىلادى 1471- يىلى ئافغانىستاننىڭ ھىرات شەھىرىدە سەئىد مۇھەممەد كالان ئوغلى سەئىد جالالىدىن ئىشان ئائىلىسىدە تۇغۇلغان. مىلادى 1500- يىللاردا ئىراننىڭ ئەھرار دېگەن يېرىدە باش كۆتۈرگەن خوجا ئەھرار نەقىشۋەن (ئەسلى ئىسمى باھاۋىدىن) دېگەن كىشىدىن سوپىلىقنى ئۆگىنىپ، سالاھىيەتنامە (ئىرشاتنامە) ئېلىپ «پىر» لىققا كۆتۈرۈلگەن. شۇ چاغلاردىكى پەرغانە پايتەختى كاسان شەھىرىدە ئۇزاق مۇددەت سوپىلىقنى تەتقىق قىلىپ ۋە سوپىلىقنى شەرھلەش، تارقىتىش، كېڭەيتىش ھەرىكىتى بىلەن شۇغۇللىنىپ، «مەخدۇم ئەزەم»، «ئەزەم ۋەلىئۇللا» (مەشھۇر «پىر»، «ئەۋلىيا» مەنىلىرىدە) دېگەندەك ناملارنى قوللانغان. ئۈچ يېشىدىن تارتىپ تاكى ئالەمدىن ئۆتكىچە بولغان 68 يىللىق ھاياتىنى كاساندا ئۆتكۈزۈپ ھەم شۇ يەردە پائالىيەت ئېلىپ بارغانلىقى ئۈچۈن، كىشىلەر تەرىپىدىن «خوجا ئەھمەد كاسانى (كاسانلىق خوجا ئەھمەد) دەپمۇ ئاتالغان. مىلادى 1541- يىلى 70- يېشىدا سەمەرقەندتە ئالەمدىن ئۆتكەن. جەسىتى شۇ يەرنىڭ «باغى بەلەند» قەبرىستانلىقىغا دەپنە قىلىنغان. مىلادى 1543- يىلى ئۇنىڭ قەبرىسى ئوغۇللىرى تەرىپىدىن «مازارىل ئەزەم ۋەلىئۇللا» (مەخدۇم ئەزەم ئەۋلىيا مازىرى) غا ئۆزگەرتىلىپ، چوڭ گۈمبەز، كاتتا قەبرىلەر بىلەن نەسەب مازارى تۈسىگە كىرگۈزۈلگەن. «بورقۇم ئەۋلىيا» دېگەن قوليازمىدا: ئۇ كىشىنىڭ ئۆمرىدە ئالتە نىكاھلىق بولۇپ، تۆت ئوغۇل، يەتتە قىز پەرزەند چوڭ قىلغانلىقى، بەلخ، بۇخارا، سەمەرقەند، قەشقەر، يەكەن، ئاقسۇ قاتارلىق نۇرغۇن جايلاردا سوپىلىقىنى تارقىتىش، كېڭەيتىش بىلەن شۇغۇللانغانلىقى ھەم 41 مازار، 18 شەھەرنى زىيارەت تاۋاپ قىلغانلىقى بايان قىلىنغان.
خوجا ئەھمەد كاسانى مىلادى 1520- يىللىرى بىر قىسىم مۇرىدلىرىنىڭ ھەمراھلىقىدا شىنجاڭ مۇسۇلمانلىرىنى ئۆز تەرىقىتىگە باشلاش، شىنجاڭنىڭ دىن ۋە دىنىي ئىشلار ھوقۇقىنى قولغا كىرگۈزۈش ئۈمىدى بىلەن قەشقەرگە كەلگەن. «بورقۇم ئەۋلىيا» دا كۆرسىتىلىشىچە، خوجا ئەھمەد كاسانى قەشقەر تەۋەسىگە كېلىپلا ئۆزىنى ئاشكارىلىماي، ئالدى بىلەن ئاتۇش مەشھەدتىكى سۇلتان سۇتۇق بۇغراخان مازىرىغا چۈشۈپ، ئۆز ھەمراھلىرىدىن خوجا مەككە باشلىق يەتتە كىشىنى جايلارغا ئەۋەتىپ، ئۆزى زۆرۈر دەپ قارىغان بەزى ئەھۋاللارنى ئۇقۇشقان. 40 كۈن ئېتكاپتا (مەخپىي ئىبادەتتە) ئولتۇرۇپ،41- كۈنى ھەمراھلىرى ئارىسىدا ئۆزىنى «ۋەلى» (مىللىي ئەۋلىيا) ئېلان قىلىپ، شۇ چاغلاردىكى قەشقەر ھۆكۈمرانى-ئېمىر ۋەلى (ئېمىر ۋەلى-شۇ چاغلاردا سۇلتان ئابدۇرەشىدخاننىڭ باش ۋەزىرى ھەم قەشقەر ۋالىسى ئىدى) ھۇزۇرىغا بۇ مۇبارەك نام شەرىپىنى مەلۇم قىلغان. دېمەك، ئاتالمىش بۇ «ئۇلۇغ زات»-شىنجاڭغا تارىختا پەيدا بولغان «ئۇلۇغ پىر» «زات» لار ئىچىدە ئۆزىنى تۇنجى قېتىم «ۋەلى» (مىللىي ياكى يەرلىك ئەۋلىيا) ئېلان قىلغان، ئۆز مۇرىتلىرىنىڭ نەزىرىدە «ئۇلۇغ كارامەت ئىگىسى»، «ئۇلۇغ تەلىماتچى» لىق سالاپىتى بىلەن مەشھۇرلارنغان بىرىنچى «زات» دۇر.
مەخدۇم ئەزەم قەشقەرگە كىرىپ بۇ يەردىكى بىر قىسىم ھۆكۈمران شەخسلەرنىڭ قىزغىن قارشى ئېلىشغا ئېرىشكەن ۋە بىر نەچچە يىل ئىچىدىلا جەنۇبىي شىنجاڭنىڭ نۇرغۇن يەرلىرىگە بېرىپ، ئۆزىنىڭ باش كۆتۈرۈشى ئۈچۈن، يەرلىكتە دىنىي، ئىجتىمائىي، ئىدېئولوگىيە، تەشكىل ۋە ئورۇن جەھەتلەردىن پايدىلىق ئاساس ھازىرلىغان؛ سوپىزمنى تەشۋىق قىلغان، تارقاتقان، مۇرىت ئالغان، كۆپەيتكەن، خانىقا، ھەمدانلارنى بەرپا قىلغان. شۇنداق قىلىپ قەشقەرىيىدە مۇسۇلمانلارنىڭ يېتەكچى دىنىي ئىدىيىسى سۈپىتىدە «مەخدۇم ئەزەم يولى» (مەخدۇم ئەزەم دىنىي ئىدىيىسى) نى پەيدا قىلىپ، مۇسۇلمانلارنى بۇ «يول» بىلەن مۇسۇلمانچىلىق قىلىشقا دالالەت قىلىپ يېتەكلىگەن.
«مەخدۇم ئەزەم يولى» نىڭ ئەقىدە، پرىنسىپى: «كىشى بۇ دۇنيادا قانچە ئازابلانسا، ئۇ دۇنيادا شۇنچە راھەت كۆرىدۇ… كىشىلەرگە بۇ دۇنيادا كېلىدىغان ھەر خىل كەچۈرمىش ئىنساندىن ئەمەس، تەقدىردىندۇر….» دېگەنلەردىن ئىبارەت بولۇپ، بۇ «دىنىي پرىنسىپ» نى مەخدۇم ئەزەمنىڭ مۇرىتلىرى ئەجدادلىرىمىز ئارىسىدا «كەبرۇيە»، «ئىسھاقىيە»، «رەبوردىيە»، «دۇۋانىيە»، «نېمتىيە» قاتارلىق ئون نەچچە خىل «سۈلۈك» شەكلى بىلەن خېلى زامانلارغىچە جارى قىلدۇرۇپ كەلگەن. «مەخدۇم ئەزەم يولى» نىڭ «كەبرۇيە» سۈلۈكى توغرىسىدا ئاتاقلىق ئۇيغۇر تارىخچىسى مۇللا مۇسا بىننى ئىيسا سايرامى ئۆزىنىڭ «تاىخىي ئەمىنىيە» دېگەن كىتابىدا مۇنداق يازغانىدى: «…. بۇلارنىڭ بەزىلىرى (مۇئەللىپ بۇ يەردە ئۈچتۇرپاننى كۆزدە تۇتۇپ يېزىۋاتىدۇـ ئا) ئۆزلىرىنى كەبرۇيە سۈلۈكىدە بىز دېسە، يەنە بەزىلىرى دۇۋانىيە سۈلۈكىدە بىز دەپ، خىلمۇ خىل سۈلۈكلەرنىڭ ئېتىقادچىلىرى ئىكەنلىكىنى بىلدۈرۈشەتتى… كەبرۇيە سۈلۈكىدىكى كىشىلەر ئەر-خوتۇن بىر يەرگە يىغىلىپ، يوغان قازانغا جىق كۆك چاي سېلىپ، نەچچە-نەچچە چارا، تاۋاقلاردا قايماقنى قۇيۇپ قاينىتىدىكەن. ئىناۋەتلىك، مۆتىۋەر ئادەمدىن بىرنى ئۇسۇپ بېرىشكە تەيىن قىلىدىكەن. ئۇ كىشى غۇسلە، تاھارەت قىلىپ، چۆمۈچنى تۇتۇپ قاچا-قۇچىلارغا ئۇسۇپ «تەۋەررۈك»، «تەۋەررۈك» دەپ بېرىدىكەن. باشقىلار ناھايىتى تەزىم تاۋازۇ بىلەن ئېلىپ ئىچىدىكەن، شۇنىڭ بىلەن نەغمە باشلىنىپ، ئەر-خوتۇن ئۇسۇلغا چۈشىدىكەن. گاھى يىقىلىپ، گاھى قوپۇپ، مەست ۋە بىھۇش بولۇپ، ئاغزىدىن كۆپۈك كېلىپ ھۇزۇر قىلىشىدىكەن. بىر نەچچە سائەتتىن كېيىن ھۇشىلىرىغا كەلگەن بولۇپ «ئۇھ» تارتىپ، كۆزلىرىنى ئېچىپ ئولتۇرۇشىدىكەن. مۇنداق قىلىقنى «كەبرۇيە سۈلۈكى» دەپ ئاتىشىدىكەن. ئەمەلىيەتتە بولسا بۇ پۈتۈنلەي شەرىئەتكە خىلاپ ھەرىكەت…»
مەخدۇم ئەزەم مەلۇم تەييارلىق كۆرگەن ۋە شارائىت ھازىرلىغاندىن كېيىن، ئۆزىگە قول بەرگەن يەرلىك مۇرىت، ئەگەشكۈچىلەرنىڭ ماسلىشىشى بىلەن ئاقسۇ، كوچا، ئۈچتۇرپان، قەشقەر، يېڭسار قاتارلىق بىر قىسىم جايلارنىڭ يەرلىك دىن ھوقۇقلىرىنى، جۈملىدىن ئاقسۇدىكى «كۇسەند»-كوچا ئۆلىمالار باش جەمئىيىتىنىڭ چوڭ ھوقۇقىنىمۇ كونترول قىلغان. جايلارغا ئۆزىنىڭ «ۋەلى» لىك «خاسىيەتلىرى» نى ئېتىراپ قىلغۇزۇش غەرىزىدە ھەر خىل غەيرىي قىلىق ۋە غەيرىي پائالىيەتلەرنى ئوتتۇرىغا چىقارغان. 19- ئەسىرنىڭ ئاخىرلىرىدا ياشاپ ئىجاد قىلغان بۈگۈر يېڭسارلىق ئۇيغۇر شائىر، تارىخچى مۇللا غۇلامىدىن ئۆزىنىڭ 1891- يىلى يېزىپ قالدۇرغان «تارىخىمىزدىكى ئىسلامىيەت» دېگەن قوليازما ئەسىرىدە مەخدۇم ئەزەمنىڭ شۇ چاغدىكى ھىجرەت (سەپەر) سالاھىيىتى توغرۇلۇق توختىلىپ مۇنداق يازغانىدى: «… بۇ زاتنىڭ ئاشكارا سالاھىيىتى خۇدايى تەرىقەتنى جارى قىلدۇرۇش، ئىچكى (يوشۇرۇن دېمەكچى-ئا) سالاھىيىتى بولسا، ئۇستاتلىق بىلەن جاھان تۇتۇش، مۇسۇلمانلارنىڭ ھەممە ئىشلىرىنىڭ ئاخىرقى نەتىجىلىرىنى ئۆزىنىڭ مۇددىئا-غەرەزلىرىگە بويسۇندۇرۇش بولغان ئىدىلەر….»
مەخدۇم ئەزەم قەشقەرىيىگە كېلىپ يۇقىرىقىدەك چارە-ئاماللار بىلەن باش كۆتۈرگەندىن كېيىن، ئۇنىڭ تەشەببۇسى بىلەن شىنجاڭغا غەربىي تۈركىستاندىن (ئاساسەن بۇخارا، ماۋرا ئۈننەھرى، سەمەرقەندە، كاسان تەرەپلەردىن) مەخدۇم ئەزەم مۇرىتلىرى سۈپىتى بىلەن نۇرغۇن «تەرىقەتچى پەقىرلەر» ياكى «خۇدا يولىدا يۈرگەن ئاشىق» لار ئارقا-ئارقىدىن، تۈركۈم-تۈركۈملەپ مەزگىلسىز، سوراق-سوئالسىز، ئىستەك-ئاتاقسىز، تارقاق، قالايمىقان ئېقىپ كىرىۋېرىپ شۇ چاغلاردىكى ئۇيغۇر جەمئىيىتىدە ئاپەت خاراكتېرلىك «دىنىي تەرتىپسىزلىك» ۋە كەلگۈن شەكىللىك «لەنىتى مېھمان»، «لەنىتى مۇرىت» لار ئاپىتى پەيدا قىلىشقان. ئەمەلىيەتتە بولسا بۇ خىل «تەرىقەتچى پەقىرلەر» نىڭ تولىسى-كەسپىي قەلەندەرلەر، تاماگەر ئۇششۇقلار، سەۋدايى بەڭگىلەر، ئالدامچى، تېجىمەل-جېدەلخور، كاززاپ، يەنى ئىشلىمەي چىشلەشكە كەسىپلەنگە ھارام تاماق، تىرىكتاپ زىيانكەش شەخسلەردىن ئىبارەت بولغان. بۇلارنىڭ بىر قىسمى ئالدى بىلەن قەشقەرىيىنىڭ ھەر قايسى جايلىرىغا تارقىلىپ، چوڭراق بازار، يۇرت، مازار، سەيلىگاھلاردا تۈنەكخانىلارنى، چوڭ داشلىق (چوڭ قازانلىق) خانىقالارنى، «ھەمدان»، «ئېتىكاپخانا»، «خەتمە-ئىستىغىپارخانا» لارنى يەنى ئۇلارنىڭ تىلى بىلەن ئالغاندا «ئىمان يېڭىلاش»، «توۋا ئىستىغىپار ئوقۇتۇش» ۋە «پىرغا قول بېرىش» ئورۇنلىرىنى پەيدا قىلىشىپ، ئەجدادلىرىمىزنى «ئىمان» لىرىنى «يېڭىلاش» قا، «گۇناھ» لىرىغا «توۋا قىلىش» قا، «پىرلارغا قول بېرىپ مۇرىت بولۇش» قا ئۇيۇشتۇرۇشقان ۋە باشلاشقان. نەتىجىدە بىر قىسىم جايلاردا ھەر بىر «پىر» نىڭ ئاغزىغا قاراپ، ئەتراپنى چۆرىدەپ غۇژمەك يىغىلىپ تاۋۇش چىقارماي جىم ئولتۇرۇپ، بۇ ئالەمنىڭ ھەممە مەشغۇلات ۋە ئىنسانچىلىق ھەۋەسلىرىدىن پۈتۈنلەي خالى بولۇپ ئايەت ئوقۇپ، ئاھۇ-زارلىرىنى ئاللاھقا بىلدۈرۈپ، خاس ئاللاھتىنلا رىزقى-ئىلتىپات تىلەپ ۋە كۈتۈپ، توۋىنى تىلىدىن چۈشۈرمەي، پىرىم ئۈچۈن ھەر قاچان، ھەر قانداق نەرسىدىن يانمايدىغان، جانلىرىنى ئايىمايدىغان «ئىبادەت» چى جامائەت تۈركۈملىرى پەيدا قىلىنغان.
مەخدۇم ئەزەمنىڭ بۇ خىل «ئاشىق» مۇرىتلىرى قەشقەرىيە تەۋەسىدە يەنە ھەر خىل سوپى، ئىشانلار مەھەللە-كوچىلىرىنى، تەركى دۇنياچىلار تۇرالغۇ جايلىرىنى مەسىلەن: قەلەندەرلەر كوچىلىرىنى، «ئاشق» لارنىڭ دالاك( )، گۈلەخ() لىرىنى، خۇدايى سەرگەردان مۇسۇلمانلارنىڭ تىرىكچىلىك «خانە» لىرىنىمۇ پەيدا قىلىشىپ، ئۆز ئارقىلىرىدىن ئەگەشكەن مۇرىت، يارانلارغا ئاللاھنىڭ دەرگاھىغا «گۇناھسىز»، «ئىللەتسىز» كەتكىلى بولىدىغان «پاك ئورۇنلار» ئەۋرىشكىلىرىنى تىكلەپ ۋە كۆرسىتىپ بېرىشكەن. شىنجاڭنىڭ ھەر قايسى جايلىرىدا 1950- يىللارغىچە ئۇ يەر، بۇ يەردە نام ياكى شەكىل جەھەتتىن ساقلىنىپ كەلگەن ساھىل (قەلەندەر) كوچا، مەھەللىرى «ئاشىق» لار گۈلخانلىرى، تەركى دۇنيا سەرگەردان مۇسۇلمانلار گۈلەخلىرى، ھەر خىل خۇراپات مەنبەلىرى ئەنە شۇ خىل مەخدۇم ئەزەمچىلەر زامانىدىن بىزگە قېپقالغان «مىراس» لارنىڭ داۋامى ھېسابلىناتتى.
مەخدۇم ئەزەمنىڭ ئوتتۇرا قاتلام مۇخلىسلىرىمۇ قەشقەرىيىنىڭ بارلىق ئىلىم-مەرىپەت ئورۇنلىرىنى، دىنىي ۋە جامائەت مۇئەسسەسىلىرىنى دېيەرلىك ئىگىلەپ، ئۆزلىرىنىڭ سوپى، ئىشانلىق ئەقىدىسىنى تارقىتىدىغان نوقۇل سوپى-ئىشانلىق ئورۇنلىرىغا ئايلاندۇرۇۋېلىشقان.
مىلادى 1533- يىللاردا مەخدۇم ئەزەم مۇرىتلىرى بىلەن خوجا مۇھەممەد شىرىپ ئىشان مۇرىتلىرى ئوتتۇرىسىدا قاتتىق مەزھەپ كۈرىشى يۈز بېرىپ، ئاخۇنلۇقۇم، تېرەك لەڭگەر، شۇر دۆڭ دېگەن جايلاردا (بۇ جايلار ھازىر پەيزىۋات، يەكەن، مەكىت ناھىيىلىرىگە قارايدۇ-ئا) سوپىلار سوقۇشى يۈز بەرگەن؛ مەخدۇم ئەزەمنىڭ ئەڭ ئاتاقلىق ھەمراھى، مەسلىھەتچىسى «ئۇزۇن قۇلاق زات» دەپ نام چىقارغان مەككە خوجا ئۆزىنىڭ 40 مۇرىتى بىلەن شوردۆڭ دېگەن يەردە (مەكىت تەۋەسىدىكى بۇ يەر ھازىر «شەھىددۆڭ» دەپ ئاتىلىدۇ) خوجا مۇھەممەد شىرىپ سوپىلىرى تەرىپىدىن قەتلە قىلىپ تاشلانغان. ئاقسۇ، كوچا، باي، مارالبېشى قاتارلىق جايلاردىمۇ مەخدۇم ئەزەمچىلەر خەلقنىڭ غەزىپى بىلەن تۇرالمايدىغان بولۇپ قېلىشقان. ئاخىرى بۇ ئىشلارنىڭ تەسىرى بىلەن مەخدۇم ئەزەم ئۆز يېرىگە «ئۆزىچىلا» كېتىپ قالغان. «مەخدۇم ئەزەم يولى» مۇ بىر مەزگىل كاساتلاشقان.
لېكىن بىزنىڭ شۇ چاغلاردىكى ئەجدادلىرىمىز يەنىلا شۇ «مەخدۇم ئەزەم يولى»، «مەخدۇم ئەزەم ئەۋلادلىرى»، «مەخدۇم ئەزەم مۇرىتلىرى» ھېسابلىنىدىغان سوپى، ئىشانلار ياكى خوجا «پىر» لارنىڭ نەچچە ئەسىرلىك جاھالەتلىك زامانلىرىدىن قۇتۇلۇپ كېتەلمىگەن، ھەتتا كەلگۈسى ئەۋلادلىرى ئۈچۈن نادانلىق (جاھالەتلىك) ئەسلىمە خاتىرىلىرىنى قالدۇرۇشۇپ، تەقدىرگە تەن بېرىش ئادەتلىرىنى يۇقتۇرۇشۇپ ئالەمدىن ئۆتۈشكەن. تارىخىي مەنبەلەردىن بىلىشىمىزچە، 16- ئەسىرنىڭ باشلىرىدىن 19- ئەسىرنىڭ ئاخىرلىرىغىچە شىنجاڭدا سوپىلىق تەرىقىتىنى يۈرگۈزۈش ئۈچۈن توختىماي ھەرىكەت قىلغان، چوڭ-چوڭ ئىشلارنى تەۋەرتكەن ۋە بىر قىسىم تارىخىي پاجىئەلەرنى كەلتۈرۈپ چىقارغان مەشھۇر «زات» لارنىڭ ئىنتايىن كۆپچىلىكى ئەنە شۇ مەخدۇم ئەزەم ئەۋلادلىرى ۋە مەخدۇم ئەزەمچىلەردىن ئىبارەتتۇر.

خوجا ئىسھاقى ۋەلى توغرىسىدا

«ھەزرىتى خوجا ئىسھاقى ۋەلى يەكەن، قەشقەر، ئاقسۇدا بولۇپ 12 يىل دەۋران سۈردىلەر، خەلقنى ئاراستىگە (دىنى تەرىقەتكە-ئا) باشلاپ، دىنىمىغا راۋاج بەردىلەر. كىشىلەرنى ساھىبى كامال قىلدىلەر…» («تارىخىي نادىرىيە» دىن)
ئەينى زامانلاردا شىنجاڭغا پەيدا بولۇپ، ئەجدادلىرىمىز ئۈستىدە 12 يىل دەۋران سۈرگەن، «دىنىمىز» گە راۋاج بەرگەن ۋە ئەجدادلىرىمىزنى تەرىقەتكە باشلاپ، «ساھىبى كامال» قىلغان بۇ «زات» زادى كىم؟
بۇ «زات»-مەشھۇر سوپى مەخدۇم ئەزەمنىڭ چوڭ ئوغلى بولۇپ، مىلادى 16- ئەسىردە شىنجاڭغا كېلىپ ئۆزىنى «ۋەلى»-(يەرلىك ئەۋلىيا) ئېلان قىلغان ۋە ئۆزىنىڭ نامى بىلەن «ئىسھاقىيە تەرىقىتى» نى ئىجاد قىلىپ، ئۇنى ئەجدادلىرىمىز ئارىسىدا يۈرگۈزگەن ھەم بىزنىڭ تارىخىمىزدا ئۆزىنىڭ يەنە باشقا سەلبىي قىلمىشلىرى بىلەنمۇ داڭ چىقىرىپ ئالەمدىن ئۆتكەن، تارىختىكى ئەڭ مۇتەئەسسىپ كۈچلەرنىڭ مەشھۇر «پىر ئۇستازى»، «ئىسھاقىيە» سوپىلىرىنىڭ «داھىيسى»، ئەۋلادى دىنىي سەرگەردان-ئىسھاق ئىسمىلىك بىر سوپىدۇر. بۇ سوپى تەخمىنەن مىلادى 1506- 1507- يىللىرى ئارىلىقىدا كاسان شەھىرىدە دۇنياغا كەلگەن. 20 يېشىدىن تارتىپ سوپىلىق تەرىقىتىنى ئۆگىنىشكە كىرىشىپ، 7-8 يىل ئىچىدە غەربىي تۈركىستان، ئىران، ئىراق، ئافغان زېمىنلىرى (بۇخارا، سەمەرقەند، قازان، ھىرات، ئەھرار، كەدان، نىشاپور، بەسرە، شىراز قاتارلىق شۇ چاغلاردىكى مۇتەئەسسىپ رايونلار) دا سوپىلىقنى ئۆگەنگەن. «جاھان كەزگەن» ۋە بۇ خىل پائالىيەتلەردىن كېيىن، دادىسىنىڭ نەزىرىدىن ئۆتۈپ (ئېرشاتنامە ئېلىپ) «پىر» لىققا كۆتۈرۈلگەن. مەلۇم يىللاردىن كېيىن قەشقەرىيىگە كېلىپ يەكەندە ئۆزىنى «ۋەلى»-(مىللىي ئەۋلىيا) ئېلان قىلغان ھەم قەشەرىيە خەلقىگە 12 يىلدىن جىقراق «پىر» لىق قىلىپ ئاخىرىدا قاتىللىق، قانخورلۇقنى مەقسەت قىلغان پىتنىخورلۇق قىلمىشى بىلەن پاش بولۇپ، سەئىدىيە خانلىقىنىڭ شۇ چاغلاردىكى خانى-مۇھەممەدخان تەرىپىدىن كەلگەن يېرىگە قوغلىۋېتىلگەن. تەخمىنەن مىلادى 1588- 1589- يىللىرى 82- يېشىدا پەرغانىدە ئالەمدىن ئۆتۈپ شۇ يەرنىڭ «باغى بەلەند» قەبرىستانلىقىغا دەپنە قىلىنغان (بەزى يەرلىك خاتىرىلەردە بۇ كىشىنىڭ يەكەندە ئۆلگەنلىكى، جەسىتى يەكەندىكى «ئالتۇنلىرىم» مازارىدا قويۇلغانلىقىمۇ بايان قىلىنغان، مېنىڭچە، بۇ قاراش تارىخىي پاكىتلارغا ئانچە ئۇيغۇن بولمىسا كېرەك).
خوجا ئىسھاق ۋەلى بۇخارالىق چوڭ سوپىلاربىلەن بولغان مەزھەپ ماجىرالىرى (چوڭ سوپىلار ئارا داۋام قىلىۋاتقان ئىمتىياز تالىشىش ھەرىكىتى) دا يېڭىلىپ، شۇ چاغلاردىكى بۇخارا ھۆكۈمرانلىرى تەرىپىدىن تۇرالغۇسىز سۈزگۈن قىلىنغان ئەھۋال ئاستىدا قەشقەرىيىگە كەلگەندىن كېيىن، ئۇدا بىر نەچچە يىل پەقىر-بىچارىلەر قاتارىدا، قەشقەر، يەكەنلەردە مازار كەزدىلىك، دەرۋىشلىك بىلەن كۈن ئالغان. يەنى خۇددى «بورقۇم ئەۋلىيا» دا كۆرسىتىلگەندەك، «كۆزلىرىدىن نۇر ياغقۇزۇپ، ئاغزىدىن ئوت-ئاتەش چېچىپ، تىللىرىدىن دۇرۇت. قوللىرىدىن تەسۋى چۈشۈرمەي، ئۇلۇغلارنىڭ باشلىرىنى تاشلىماي (مازارلارنى تاۋاپ، دېمەكچى-ئا)، بىتاھارەت زېمىنغا دەسسىمەي، دۇنيانىڭ ھەممە مەئىشەت ۋە ئىشلىرىدىن پۈتۈنلەي خالى تۇرۇپ، پەقەت مۆمىن بەندىلەرنىڭ ئىككىلا «ئالەم» لىك «غېمى» نى يەپ يۈرگەن … »مىلادى 1560- يىللارغا كەلگەندە دىنىي ئىشلاردا باش كۆتۈرۈپ، سەئىدىيە خانلىقىنىڭ شۇ چاغلاردىكى خانى ئابدۇكېرىم خان ھۆكۈمرانلىقىدىكى بىر قىسىم (ئاساسەن ھازىرىق جەنۇبىي شىنجاڭدىكى) جايلارنىڭ ئەڭ چوڭ «دىنىي» زومىگىرى بولۇپ تونۇلۇشقا باشلىغان. يەنى ئۇ-ھەممىدىن بۇرۇن دادىسىنىڭ «پىر» لىق ئورنىنى تەڭ ئىگىلەش، تەڭ باش كۆتۈرۈش كويىدا ئۆزى بىلەن ئۆزۈڭگە سوقۇشتۇرۇۋاتقان ۋە ئۆزىنى «پىر» ئېلان قىلىۋالغان بىر تۇغقان ئىنىسى خوجا مۇھەممەد ئىمىن ئىشان (ئىمامى كالان) نى باشقىلارنىڭ قولى ئارقىلىق زەھەر ئىچكۈزۈپ ئۆلتۈرۈۋېتىپ، ئۆزىنىڭ «شەك-شۈبھسىزكى»، شىرىكسىز بىرلا «ۋەلى» لىك ئورنىنى «كاپالەتلەندۈرگەن». نەتىجىدە قەشقەرىيىنىڭ خېلى بىر قىسىم جايلىرىدا خوجا ئىسھاق مۇرىتلىرى بىلەن خوجا مۇھەممەد ئىمىن ئىشان مۇرىتلىرى ئوتتۇرىسدا ئۆزئارا سۈركىلىش، بىر-بىرىنى ئۆلتۈرۈش ۋەقەلىرى شەكىللىنىپ، بارا-بارا قەشقەرىيە جەمئىيىتىدە ئۆزلىرىنى «ھەر قانداق ئىنساندىن چوڭ، خۇدادىن كىچىك» سانايدىغانلارنىڭ دىنىي مالىمانچىلىقى، تېررورلۇق ھەرىكەتلىرى كۈچىيىپ كەتكەن.
قەشەرىيە خەلقىنىڭ، جۈملىدىن ئابدۇكېرىم خان (بۇ كىشى بەزى تارىخلاردا «ئادىل خان»، «ئۇلۇغ خان» دېگەندەك ناملار بىلەنمۇ ئاتىلىدۇ) خانلىقنىڭ ئەنئەنىۋى نورمال جاھاندارچىلىقى (شۇ چاغلاردىكى سىياسىي، ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي، ئاقارتىش، ھەربىي، ئىشلەپچىرىش، تۇرمۇش، جەمئىيەت قۇرۇلمىسى، دىنىي پائالىيەت، دۇنياۋى مۇئامىلە… قاتارلىق ئىشلارنىڭ ھەممىسى) بۇ ئىككى چوڭ ئىشان مۇرىتلىرىنىڭ، بولۇپمۇ خوجا ئىسھاقچىلارنىڭ زوراۋانلىقى، ئارىلىشىشى، تەھدىتى ۋە مالىمانچىلقىغا دۇچ كەلگەن. خوجا ئىسھاقمۇ قەشقەرىيىنىڭ خانلىق ھاكىمىيەت ھوقۇقىنى تارتىۋېلىشقا ئۇرۇنغان. مۇشۇنداق ئەھۋال ئاستىدا ئابدۇكېرىمخان ھاكىمىيىتى خوجا ئىسھاقنىڭ بۇ قىلمىشلىرىغا جازا ۋە زەربە بېرىش پەيتىگە چۈشكەندە خوجا ئىسھاق يەنىلا قول ئاستىدىكى سوپى-ئىشانلارغا قول بەرگەن ئوبۇل ۋە مۇھەممەد ئىسىملىك كىشىلەرنىڭ قولى بىلەن ئابدۇكېرىمخاننى بارچۇق (ھازىرقى مارالبېشى) دا شىكار ئۈستىدە پىچاقلاپ ئۆلتۈرگۈزۈۋېتىپ، ئۆزىنىڭ ئەڭ يېقىن مۇرىتلىرىدىن بولغان قۇرەيىشنى (تارىخلاردا قۇرەيىش سولتان دېيىلىدۇ) ئابدۇكېرىم خاننىڭ ئورنىغا چىققۇزۇپ، ھاكىمىيەتنى بىر مەزگىل ئۆز تەسىر دائىرىسىگە ئېلىۋالغان.
ئابدۇكېرىمخان سەئىدىيە خانلىقىنىڭ مەشھۇر خانلىرىدىن بىرى-دادىسى ئابدۇرەشدخان ۋاپاتىدىن كېيىن ئۇنىڭ ئىزىنى بېسىپ، بۇ خانلىقنىڭ گۈللەپ ياشىنىشى ئۈچۈن ئاجايىپ خىزمەتلەرنى كۆرسەتكەن مىللىي داھى خاراكتېرلىك ۋەتەنپەرۋەر ئۇلۇغ زات ئىدى. ئۇ زات توغرىسىدا «تارىخىي رەشىدى زەيلى» دېگەن كىتابنىڭ كۆچۈرۈلمە نۇسخىسىنىڭ 104- بېتىدە مۇنداق دېيىلگەن“ «ئابدۇكېرىمخان كىشىنىڭ ھەققىنى يېمەيدىغان ئادىل پادىشاھ ئىدى. ئوردا ئىشلىرىنى ئادىل باشقۇراتتى. ھەر قانداق مەسىلىنى ۋاقتىدا ھەل قىلاتتى. ھەر ھەپتىنىڭ دۈشەنبە، ئازنە كۈنلىرى ئوردىدا ئولتۇرۇپ خەلقىنىڭ ئەرزى-ھاللىرىنى ئاڭلايتتى، ھەل قىلاتتى. داۋاگەر ۋە جاۋابكارلارنىڭ ئىشى شەرىئەتكە تېگىشلىك بولسا مۇپتى، قازىلارغا، ۋەزىرلەرگە تېگىشلىك بولسا ئەربابلارغا بۇيرۇيتتى. مەدىنىدە «ئابدۇكېرىمخان ئادىلى» دەپ شۆھرەت قازانغانىدى. مەككىدە بولسا، ھەر كۈنى «ئادالەتلىك ئابدۇكېرىمخاننىڭ سالامەتلىكى ئۈچۈن، دەپ دۇئا قىلىشاتتى.
خوجا ئىسھاق ئۆز ئورنىتى يەنىمۇ يۇقىرى كۆتۈرۈش، ئاخىرىسىدا سەئىدىيە خانلىقىنى ئاغدۇرۇپ، يەكەننى مەركەز قىلغان «ئىسھاقىيە خانلىقى» نى تىكلەش ئۈچۈن، پۈتۈن شىنجاڭ (ئاساسەن جەنۇبىي شىنجاڭ) دا ئۆز ئەتراپىغا مۇرىت توپلاشنى تېزلەشتۈرگەن، ئۆزىنىڭ «سۈلۈكى»-(ئىسھاقىيە تەرىقىتى) نى رەسمىي «دىن» سۈپىتىدە ئوتتۇرىغا چىقىرىپ، ئۇنى ئەبەدىي، ئاخىرقى، مۇتلەق ئۆزگەرمەيدىغان چەكسىز ئۇلۇق دىنىي ئەقىدە سۈپىتىدە يولغا قويۇشقا كىرىشكەن، كېڭەيتكەن. بۇ «سۈلۈك» نىڭ ئىبادەت ئۇسۇلى مۇنداق ئىدى: سوپىلار ھەر كۈنىلا مۇرىتلىرىنى يىغىپ بىر يەرگە قاتار چۆرىدەپ ئولتۇرغۇزۇپ، دۇرۇت (ئايەت) ئوقۇيدۇ، ئاندىن خەتمە تامام قىلىپ جەرە-ساما باشلايدۇ. ساماچىلار باشلىرى قايغۇچە، ھوشىلىرىدىن كەتكۈچە «ياپىرىم-ھۈم، ھۈم، ئاللاھۇ ئاللاھۇ، ھۈم، ھۈم» دەپ ئۆرە تۇرۇپ، بىر ئىزدا ئالدى-ئارقىغا تەڭ قايرىلىپ بىر خىل ۋارقىرىشىپ، ھېرىپ توختاپ، يىغازارى بىلەن يەنە دۇئا قىلىشىدۇ. ئۆتكەن «ئەۋلىيا»، «پىر»، «مازاريى-ماشايىخ» لار ھەققىدە دۇئا-تەكبىر ئوقۇشىدۇ. ئۇلار بارا-بارا پىردىن باشقا ھېچكىمگە ئىشەنمەيدىغان، گېپىگە كىرمەيدىغان، كۈن بويى تائەت-ئىبادەت بىلەن بولىدىغان، توپلىشىپ مازار چۆگۈلەيدىغان بولۇپ يېتىشىدۇ. «يەكەن تارىخى» دا بۇ توغرىلىق مۇنداق دېيىلگەن: «ئىسھاقىيە سوپىلىرى ئۆزلىرىگە مۇرىت بولغۇخى ساددا، تۈز كۆڭۈل خەلقلەرنى جىسىمدىن تارتىپ روھىغىچە بولغان بارلىق تەئەللۇقاتى بىلەن ئۆزلىرىگە بېقىندۇرۇپ كەتكەن. ئۇلار ژىدلاپ (پۇراپ-تېمسقاپ، ئىزدەپ-ئا) يۈرۈپ ئالىدىغانلىكى نەرسە بولسا ھەر خىل ۋاسىتىلارنى قوللىنىپ يۇلۇپ ئېلىپ تۇرىدۇ… سەھرالاردىكى كىشىلەردىن تارتىپ ئوردا مەھكىمىلىرىدىكى ئەمەلدارلارنىڭ كۆپىنچىسى دېگۈدەك «ئىسھاقىيە» سوپىلىرىغا مۇرىت بولۇپ كېتىشكەن. بۇلار تاپقان، تۈگكەنلىرىنى دۇئا قىلدۇرۇپ، ئۇلاردىن دۇئا ئېلىپ ئۆزلىرى بولسا مازار، خانىقا… (گۈلەخ، ھەمىدان، غەمخانىلاردىنمۇ-ئا) لاردا دۇئا-تالاۋەت، خەتمە-ئىستىقپار، يىغا-زارى بىلەن «ئاخىرەت» غېمىدىلا خارىزار-ۋەيرانلىقىنى مەزمۇن قىلغان تەركى دۇنيا كۈن كۆچۈرۈشكەن…».
خوجا ئىسھاقنىڭ يۇقىرى قاتلام بولۇۋالغان يېتەكچى سوپىلىرى، ئۆز مۇرىتلىرى جەمئىيەتە گۇناھ ئۆتكۈزسە ئۇلارنى سوراقچى ئالدىدا قوغداپ قالالايىدىغان (جازادىن قۇتۇلدۇرۇپ قالالايدىغان) ھەم ئۇلارنى خالىغان چاغدا، خالىغان ئىشقا، خالىغان مەقسەت بىلەن سالالايدىغان، باشتۇرالايدىغان مەھەللىۋى مۇتلەق ھۆكۈمرانلاردىن بولۇۋېلىشىپ، جاھانغا سىغمايدىغان بولۇپ كېتىشكەن. ھەتتا تېخىمۇ ھەددىلىرىدىن ئېشىپ، قەشقەرىيىنىڭ بىر قىسىم جايلىرىدا تۆۋەندىكى نۇقتىلار بويىچە «زۆرۈرى ئىسھاقىيە» (ئىسھاق زۆرۈرىيەتلىرى-ئا) دېگەن يېڭى «دىنىي قائىدە» نى ئوتتۇرىغا چىقىرىپ، سەئىدىيە خانلىقىنىڭ ئەنئەنىۋى، ئىجتىمائىي، دىنىي، سىياسىي تۈزۈم ۋە قائىدىلىرىنى بۇزۇشقا باشلىغان. مەسىلەن: سەئىدىيە خانلىقىنىڭ ئەنئەنىۋى مىللىي مائارىپ تۈزۈلمىسىنىڭ يەى شەكلى دىن، مەزمۇنى ئىجتىمائىيەت-(ئوقۇيدىغىنىمۇ دىن، شۇغۇللىنىدىغىنى جەمئىيەت) تىن ئىبارەت تۈزۈلمىسىنىڭ ئورنىغا ئۇلار شەكلىمۇ دىن، مەزمۇنىمۇ دىن، ئوقۇيدىغىنىمۇ دىن، شۇغۇللىنىدىغنىمۇ دىندىن ئىبارەت پۈتۈنلەي تەرىقەت جاھالەتچىلىكىنىڭ «زۆرۈرىيەت» قۇرۇلمىسىنىلا دەسسىتىشكەن. تارىخىمىزدىكى ئىسلامىيەت» دە بۇ توغرىلىقى مۇنداق يېزىلغان: «بىزنىڭ مەدرىسلىرىمىزدە ئەلمىساقتىن بېرى ئىمام ئەززەم يولى («سۈننىي» مەزھىپى تارمىقى) دىكى مەكتەپلەر جارى ئىدىلەر، ئوغۇل يەتتە، قىز بەش يېشىدىلا بۇ مەكتەپلەرگە جېنى خۇدانىڭ، تېنىنى تۇپراقنىڭ، ئۇستىخىنى ئىگىسىنىڭ دەپ ئوقۇشقا تۇتۇپ بېرىلەر ئىدىلەر. بۇ ئىشتا ھېچ كىشىنىڭ ھېچ كىشى بىلەن، پۇقرانىڭ ھۆكۈمەت بىلەن، ھۆكۈمەتنىڭ پۇقرا بىلەن ھېچقانداق دەخلىچىلىكى يوق ئىدىلەر… ئوقۇش-ئوقۇتۇش خۇدا ئۈچۈن ئىدىلەر. ئاتا-ئانىلارنىڭ ئۈمىدە ئارزۇسى ھەم مۇدەرىسلەرنىڭ خاھىشى بويىچە تالىپلار بۇ مەدرىسلەردىن ئاخىرى ئىمامى ئەززەم يولى بولغان كەسپىي تىجارەتنىڭ ھۈنەر، جاھانسازلىقنىڭ ۋە خۇدايى بەندىچىلىكىنىڭ ھەممە رىسالە، ھالال يوللىرىنى بىلىپ چىقۇر ئىدىلەر… ۋەھالەنكى، ئەزەلدىن ۋاجىب بولۇپ كەلگەن بۇ ئەنئەنە ھەزرىتى ئىسھاقى ۋەلى زامانلىرىغا كەلگەندە زۆرۈرى ئىسھاقىيە قائىدىسى بىلەن ئۆزگەرتىلدىلەر. قىز بالىلار ئۆيلەردە پاك بۇۋىلەردىن ئوقۇپ، ھەر قانداق جىنسىي نامەھرەمگە كۆرۈنمەي (ئەر كىشىدە ئوقۇماي دېمەكچى-ئا) بولغۇسى روزىگاھى (بولغۇسى يولدىشى-ئېرى) نىڭ يېرىم خۇدالىقىغا تەن بېرىپ، پىرىسىز يۈرمەي، كارامەتلىك بۈۋى (بۈۋەم) لەردىن بولۇپ چىقىدىغان بولدىلەر… ئوغۇللار ئەمدى ئىمامى ئەززەم يولىنى ئەمەس، مەخدۇم ئەززەم يولى (تەرىقەت يولىنى ئوقۇپ تەرىقەت ئۈچۈنلا دۇنيادىن ئۆتىدىغان-ئا) نى تۇتىدىغان. بۇ يولدىن چىققانلارنىڭ ھەر قاندىقى ئىمانىدىن ئايرىلغانلار دەپ قارىلىدىغان بولدىلەر…» دېمەك قەشقەرىيىدە ئەزەلدىن ئەھلى كاسىپلىقىنى چىقىش قىلغان ئەنئەنىۋى مەكتەپ ئوقۇتۇش ئۇسۇلى بىراقلا ئەھلى سوپىلىق (سوپى يېتىشتۈرۈش جەمئىيەتنى سوپىلاشتۇرۇشقا خىزمەت قىلىش) قا ئۆزگەرتىۋېتىلگەن. يەنە مەسىلەن: خوجا ئىسھاق سوپىلىرى بەزى جايلاردا «زۆرۈرى ئىسھاقىيە» «قائىدىسى» بويىچە «نوسەندە» لىك (خەت يېزىشنى ئۆگىنىشكە ياكى مىرزىلىق) كە قارشى بەزى ھالاكەتلىك ئاممىۋى ھەرىكەتلەرنىمۇ قانات يايدۇرۇپ، قەشقەرىيە جەمئىيىتىدە تەلتۆكۈس ئاممىۋى نادانلىقنىڭ ۋە ئاممىۋى ئەقلىي مەغلۇبىيەتچىلىكنىڭ ئۇلىنى ھازىرلاشقان. «بورقۇم ئەۋلىيا» نىڭ «قولسىز نوسەندە» دېگەن قىسمىدا بۇ توغرىلىق مۇنداق بىر مىسال خاتىرىلەنگەن: «سابىر ئىسپىھان (ئىسپىھان-گۇمىنىڭ بىر كەنتى-ئا) ئاتلىق بىر مۆمىن كىشى بار ئەردى. ئىسھاقىيىنى پىر تۇتقان ئىدىلەر. ئالتە يىل مازار كېزىپ مۇرىتلىقتا ئىبادەت قىلىپ، ئۆز كەچۈرمىشلىرىنى قەغەرگە بېيت قىلىپ پۈتۈپ چىققان ئىدىلەر. بۇ قىلىق پىر-زادىلەرنىڭ كارامەتلىرىدىن خالى قالالمىدى، زۆرۈرى ئىسھاقىيە ھۆكۈمالىرى بۇنى نوسەندىلىك دېدىلەر. خان شاھىدىخان-(ئىسھاق خوجىنىڭ چاپارمەن مۇرىتلىرىدىن بىرى-ئا) بۇ نوسەندىنىڭ ئوڭ قولىنى كېسىپ، ئەھلى ئىسلامغا ئىبرەت قىلدىلەر…. ئۇزات: «قەلەم نوسىبىتى (قەلەم تۇتۇش ئامىتى-ئا) خاس ئۇلۇقلىرىمىزغىلا مەنسۈپتۈر. بۇ ئالەمنىڭ ئىشلىرىغا قەلەم تەۋرەتكەن ھەر قانداق ئەھلى مۇسۇلماننىڭ ئۆزى كاپىر، خوتۇنى تالاق، يېگىنى زوقۇم، كەيگىنى كېپەن بولغايلەر… » دەپ سابىرنى دۇئاسى بەند قىلىپ (قاغاپ-ئا) قولسىز نوسەندە قىلىۋەتتىلەر…».
خوجا ئىسھاقچىلارنىڭ بۇ خىل جاھالەت پەرەستىلىك قىلمىشلىرىگە دۇچ كەلگەن قەشقەرىيە خەلقى مىلادى 1582- يىللار ئەتراپىدا خوجا ئىسھاق ۋە ئۇنىڭ مورىت، ئەگەشكۈچىلىرىگە قارىشى كەسكىن كۈرەشلەرنى باشلىۋەتكەن. ئاقسۇ خەلقى خوجا ئىسھاقنىڭ «پىر» بولۇۋالغان ئىككىنچى ئوغلى خوجا شاھبازنى ئۇر-ئۇر قىلىپ، ئاقسۇدا ئۆلتۈرۈۋەتكەن. خوجا ئىسھاقنىڭ قەشقەرگە قويغان باش خەلىپىسى-ئۇشتۇر خەلىپىمۇ قەشقەرلىقلەر تەرىپىدىن تۇرپاندا ئۆلتۈرۈۋېتىلگەن. يېڭىسار، خوتەن، يەكەنلەرگە قويغان قاسىم، يۈسۈپ، خوجا شادى خەلىپىلەرمۇ يەرلىك خەلقلەر تەرىپىدىن ئۆلتۈرۈپ تاشلانغان. پۈتۈن قەشقەرىيىدە خوجا ئىسھاق سوپىلىرىغا قارشى داغدۇغىلىق ئاممىۋى جامائەت ھەرىكىتى كۆتۈرۈلۈپ، بىر قىسىم جىنايىتى ئېغىر چوڭ سوپىلارنىڭ ئەدىپى بېرىلگەن. سوپىلىق ھەرىكەتلىرىگە چەك قويۇلغان. ئاخىرى خوجا ئىسھاق خەلقى ھەرىكىتىدىن قورقۇپ مۆكۈپ-چۆكۈپ يۈرۈپ سەمەرقەندگە قېچىپ بېرىپ، كەلگۈسىدە قەشقەرىيىنى بۇخارا خانلىقىغا تەۋە قىلىپ بېرىش ۋەدىسى بىلەن بۇخارا خانى ئابدۇللاخاندىن 50 مىڭ كىشىلىك قوشۇن ئېلىپ (باشلاپ)، قەشقەرىيىنى ئىشغال قىلىش ئۈچۈن، چوڭ قىرغىنچىلىق بىلەن باستۇرۇپ كىرىپ، قەشقەر شەھىرىگە ھۇجۇم قىلغان. قەشقەر خەلقى بۇ قانخور خوجىنى باشلاپ كەلگەن لاۋۇ-لەشكەرلىرى بىلەن قوشۇپ قاتتىق جازالاپ، قەشقەرىيىدىن قوغلاپ چىقارغان. بۇنىڭ بىلەن قەشقەرىيىدە سۇلتا ئابدۇرەشىد خاننىڭ ئوغلى مۇھەممەدخان (خاقانى ئەزەم) خانلىقى قايتىدىن تىلىنىپ، تىنچلىق ئورنىتىلغان. سوپى، ئىشانلار ھەرىكىتى بىر مەھەل بېسىلغان.
خاقانى ئەزەم ئىسھاقىيە خوجىلىرى پەيدا قىلغان جاھالەت ئىزلىرىنى، قاراڭغۇلۇقنىڭ تۇمانلىرىنى تۈگىتىشكە كىرىشكەن.

ئاپئاق خوجا توغرىسىدا
ئۇرغىلى بولماس خوجىنى
تىللاشقا بولماس خوجىنى
مۇسۇلماننى خار قىلغان.
خۇدا ئۇرسۇن خوجىنى

(تارىخ قوشاقلىرىدىن)

ئاپئاق خوجا كىم؟

بىزنىڭ كېيىنكى ئوتتۇرا ئەسىرلەر تارىخىمىزدا ئۆزلىرىنىڭ ئالاھىدە سەلبىي قىلمىشلىرى بىلەن نام قالدۇرۇپ ئۆتكەن چوڭ خوجا-ئىشانلارنىڭ مەشھۇر ۋەكىللىرىدىن بىرى-ئاپئاق خوجا (ھىدايتۇللا خوجا) دۇر.
ئاپئاق خوجا-خوجا مەخدۇم ئەزەمنىڭ پەر نەۋرىسى-(مۇھەممەد يۈسۈپ خوجىنىڭ ئوغلى) بولۇپ، مىلادى 1626- يىلى قۇمۇلدا قەشقەرلىك سەئىد جېلىل قەشقىرى دېگەن كىشىنىڭ قىزى زۇلەيخا بىكىم (بىكىم بېگىم مەنىسىدە-ئا) دېگەن خاتۇندىن تۇغۇلغان. 1633- يىلى دادىسى بىلەن سوپىلىق قىلىپ قەشقەرگە پەيدا بولغان. 1660-يىلى 34- يېشىدا يەكەندە مەكىتلىك ئوبۇل ھادى بەگنىڭ قىزىغا ئۆيلەنگەن. 1678- يىلدىن 1694- يىلغىچە 16 يىل قەشقەرىيە (ھازىرقى جەنۇبىي شىنجاڭ) گە «خان» لىق قىلغان. ئۆمرىدە «ئەۋلادى پەيغەمبەر خوجا»-«ئەۋلىيا خوجام» ( )، «ئاپئاق خوجا»، «ئىشان نۇر ئاللاھ» ()، «ئىشان ئەلەيھى»، «ئاللاھ خوجام» ( )، «پېشىۋاھى ھەزرەت»، «ئاباخ خوجا» ( ). «تورلوك ئاباخ» () دېگەندەك ناملارنى قوللانغان ياكى قوبۇل قىلغان. 1693- يىلى يازدا ئوغلى (شۇ چاغدىكى قەشقەرنىڭ باش ھۆكۈمرانى) يەھيا خوجا (خان خوجا دەپ ئاتىلىدۇ) غا: «… ئەي قەدىرلىك پەرزەنت، مۇشۇ يەر ھەممە يەرلەردىن ئوبدانراق ئىكەن. بۇ يەرگە ئېگىز بىر گۈمبەز قىلىڭ، ئۇ-تا قىيامەتكىچە بۇزۇلمىسۇن….» (ئاپئاق خوجا تەزكىرىسى كۆچۈرۈلمە نۇسخا 41- بەت) دېگەن بۇيرۇقنى بېرىپ، دادىسى مۇھەممەد يۈسۈپ خوجىنىڭ قەبرىسىنى ئاساس قىلغان ھالدا ھازىرقى ئاپئاق خوجا مازىرىنىڭ ئەسلىنى ياساتقان ھەم ئۇنىڭغا دەسلەپتە «مازارى شاھان» (مازارلار شاھى) دەپ نام قويغان. ھىجرىيە 1115- پەلەڭ يىلى يەنى يولبارس يىلى ماھى سەپەر ئېيىنىڭ 16- كۈنى (مىلادى 1694- يىلى 2-ئاينىڭ 10- كۈنى) ئۆزىنىڭ تاغىسى خوجا ئىسھاق ئەۋلادلىرى تەرىپىدىن ھوقۇق، ئىنتىقام ئاداۋىتى بىلەن يەكەن شەھىرىدە 68 يېشىدا زەھەرلەپ مەخپىي ئۆلتۈرۈۋېتىلگەن. جەسىتى شۇ يىلى قەشقەر شەھىرىگە يۆتكىلىپ كېلىنىپ، ئۆزى ئۆلۈشتىن يەتتە ئاي بورۇن ياستىپ قويغان «مازارى شاھان» غا دەپنە قىلىنغان. ئاپئاق خوجىنىڭ چوڭ ئوغلى خوجايەھيا شۇ يىلى دادىسىنىڭ قەبرىسىنى چوڭ گۈمبەز ئىچىگە ئالدۇرۇپ، گۈمبەزنىڭ ئۈستىگە پارىسچە «ئاپئاق خوجا خۇدانىڭ ئاشىقى ئىدى»، «يەككە-يېگانە مەشۇق ئىدى» دېگەن خەتنى يازغۇزۇپ، بۇ يەرنىڭ نامىنى «مەزرىنى ئاپئاق مازىرى» قىلىپ بېكىتكەن.
ئاپئاق خوج مىلادى 1640- يىللار ئەتراپىدا دادىسىنىڭ سوپىلىقنى ئۆگىنىپ قەشقەردە مۇرەتتەپ (پىششىق) سوپى ھەم تونۇلغان ۋائىز (مەدداھ) لاردىن بولۇپ قالغان. 1644- يىللىرى دادىسى مۇھەممەد يۈسۈپ خوجا ئۆزىنىڭ بىر نەۋرە ئىنىسى (خوجا ئىسھاقنى ۋەلىنىڭ نەۋرىسى) خوجا ئابدۇللا ئىشان تەرىپىدىن دىنىي ھوقۇق، ئىمتىياز تالىشىش ئاداۋىتى بىلەن زەھەرلەپ ئۆلتۈرۋېتىلگەندىن كېيىن، ئۇ دەرھال دادىسىنىڭ ئورنىنى ئىگىلەپ، ئۆزىنى «پىر» ئېلان قىلغان ھەم دادىسى يۈرگۈزۈپ كەلگەن «ئىشقىيە سۈلۈكى» گە ۋە بۇ «سۈلۈك» مۇرىتلىرىنىڭ ئومۇمىي ھەرىكەلىرىگە باشچىلىق قىلىش ھوقۇقىنى قولغا ئالغان. ئاپئاق خوجا ئوتتۇرىغا چىققان بۇ چاغ-قەشقەرىيدە بىر-بىرىگە قارىمۇ-قارشى مەۋجۇد بولۇپ تۇرۇۋاتقان ئىككى چوڭ سوپىلىق سېپى-«ئىشقىيە» چىلەر سېپى بىلەن «ئىسھاقىيە» چىلەر سەپلىرىنىڭ ئىچكى كۈرەشلىرى ئىنتايىن كەسكىنلىشىپ تۇرغان يامان چاغقا توغرا كەلگەن() مۇشۇنداق كەسكىن كۈرەش ئىچىدە باش كۆتۈرگەن ئاپئاق خوجا يەنىلا ئۆز رەقىبى بولغان «ئىسھاقىيە» چىلەرگە قارشى كۈرەشتە غەلىبە قىلىش، ئاخىرى بېرىپ پۈتۈن قەشقەرىيىنىڭ بىردىنبىرى چوڭ دىنى ھۆكۈمرانى بولۇپ مەيدانغا چىقىشنىڭ بىر يۈرۈش تەدبىرلىرىنى تۈزۈپ، ئىجرا قىلىشقا كىرىشكەن:
1 ئۆزىنى «سەئىد» ئاتاپ («مۇھەممەد پەيغەمبەرنىڭ 27- ئەۋلاد نەۋرىسىمەن» دەپ ئېلان قىلىپ) مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام «ۋارس» لىك قىلىۋاتقان «ئۇلۇغ زات» قىياپىتىگە كىرىۋېلىپ، تۇنجى قېتىم قەشقەردە ئەتراپىغا ئادەم يىغىش، مۇرىت كۆپەيتىش ۋە ئۇلار ئارقىلىق قەشقەرىيىدە ئۆزىنىڭ ھۆكۈمرانلىق ئورنىنى تۇرغۇزۇش ھەرىكىتىنى كۈچەيتكەن. يەنى ئۆز يېقىنلىرى ئارقىلىق قەشقەر مۇسۇلمانلىرى ئارىسىدا «… خوجام دەرگاھىغا كېلىپ مۇرىت بولغۇچىلارنىڭ ھەر قانچە ئېغىر گۇناھلىرى بولسىمۇ گۇناھىدىن ساقىت بولىدۇ…»، «ئىنسان سۈلۈككە كىرسە (خوجامغا مۇرىت بولسا دېمەكچى-ئا) ئۇرنى بارغانسېرى ئاشىدۇ. ئاللاھنىڭ زاتىغا ئۇلىشىدۇ ۋە ئەبەدىلىشىدۇ. مۇشۇ يول بىلەنلا خۇداغا يېقىنلىشىش مۇمكىن… »، « … خوجام (ئاپئاق خوجىنى دېمەكچى-ئا) ئاللاھنىڭ ئەمرى بىلەن مۆمىنلەرگە «پىر»، «ئۇستاز» بولۇش ئۈچۈن كەلگەن «ئەۋلىيا» دۇر… »، «پەيغەمبەر بىلەن ئوخشاشتۇر…»، «… بىرەر كىشى ئاللاھقا، پەيغەمبەرگە ئىمان ئېيتىپ دىننىڭ پۈتۈن ئەركانلىرىنى ئورۇنلىغان تەقدىردىمۇ، ئەگەر «پىر»، «ئەۋلىيا» غا قول بەرمەيدىكەن، ئىشەنمەيدىكەن گۇناھكار بولىدۇ. قىلغان ئىبادەتلىرى قوبۇل بولمايدۇ…» («تەزكىرپىر ياران» دىن) دېگەندەك تەشۋىقاتلارنى ئەۋج ئالدۇرغان. ئاپئاق خوجىمۇ بۇ خىل تەشۋىقاتنى ئۆزىنىڭ تاللانغان، سۆزمەن، تەشۋىقاتچىلىقتا چېنىققان، ئەل ئىچىدە تونۇلغا مەدداھلىرى ئارقىلىق كەڭ دائىرىلەر، يىراق جايلار بويىچە ئۈزۈلدۈرمەي خېلى يىللار داۋاملاشتۇرغىنى ئۈچۈن، پۈتۈن قەشقەرىيىدە ناھايىتى تېزلىكتە نامى چىقىشقا باشلىغان. ۋەھالەنكى، بۇ خىل تەشۋىقاتلار پۈتۈنلەي ئويدۇرما ۋە ئالدامچىلىق ئۈچۈنلا توقۇپ چىقىرىلغان بولۇپ، ئەمەلىيەتە ئۇنىڭدا ھېچقانداق بىرەر تارىخ ياكى ئىسلام تەلىماتى، ئەقىدە پىرىنسىپلىرىدا تەكىتلەنگەن بىرەرمۇ پاكىت-ئاساس يوقتۇر. دېمەك ئاپئاق خوجا تەشۋىقاتچىلىرى (مۇرىتلىرى) مۇشۇنداق بىر شەخسىنى ئادەتتىن تاشقىرى سۈپەتلەر بىلەن ماختاپ (ئۇنىڭ غايىبىنى بىلىدىغانلىقىنى، «ئۇلۇغ» لىقىنى تەرىپلەپ، «خوداغا رام» لىقى بىلەن ئاخىرىدا ئۇنى قەشقەردە «ئىسلام دىنىنىڭ ئەۋلىياسى»، «ئۇلۇغ پېشۋاسى»، «سەئىد» دېگەن تاج ئاستىغا ئېلىپ) ئەجدادلىرىمىزنىڭ يەلكىسىگە مىندۈرۈشكىچە بېرىپ يەتكەن.
خۇددى «تارىخىمىزدىكى ئىسلامىيەت» دە كۆرستىلگەندەك: «… بۇ زات ھەر يىلى مازار-ماشايىقلارنى تاۋاپ قىلىپ، قەدىم جايلارنى يوقلاپ، شەھەرلەرنى كۆرۈپ، يۇرتلارنى ئارىلاپ، ئەل-خالايىققا كۆرۈنۈپ، دۇئا بېرىپ، مۈشكۈللىرىگە ئاسايىشلىق تىلەپ، باشلىرىنى سىلاپ، سايىۋەن بولۇپ تۇرۇش» نى زادىلا قولدىن بەرمىگەن. يەنە شۇ كىتابتا: «… بۇ زات ئۈچتۇرپانغا بارغاندا خالايىق «بىز كۈتكەن سەئىد مۇشۇ ئىكەن» دەپ ئەقىدىلىرىنىڭ كۈچلۈكلۈكىدىن ئاتلىرىنى يىلقىسى (بايتىلى) بىلەن، قويلىرىنى قوتىنى بىلەن، كالىلىرىنى ئېغىلى بىلەن ھەدىيە قىلىپ بېرىپ دۇئاسىنى ئالدىلەر…» دېيىلگىنىدەك، ئاپئاق خوجا قۇمۇلدىن تارتىپ خوتەنگىچە بولغان شەھەر، بازارلارنى، قەدىم جايلارنى بىر نەچچە قېتىمدىن زىيارەت قىلىپ، بۇ جايلاردىن مۇرىت توپلاپ، «ئۇلۇغ» لاردىن «دۇئا» ئېلىپ، كىشىلەرگە «دۇئا» بېرىپ تاپاۋەت تېپىپ، ئۆزىنىڭ ئىجتىمائىي ئۇلىنى چىڭىتىپ بارغان. «تەزكىرە پىر ياران» دا كۆرسىتىلىشىچە، ئاپئاق خوجا مىلادى 1635- يىلدىن 1677- يىلغىچە قۇمۇل، تۇرپان، قارا شەھەر، كوچا، ئاقسۇ، قەشقەر، يەكەن، خوتەن، ئۈچتۇرپان، يېڭسار، سېرىققۇل، بەدەخشان (ئافغانىستان)، كەشمىر، كاسان، پەرغان، ئىلى، راجىدان (جاممۇ) قاتارلىق جايلاردا مازاركەزدىلىك، ئىشانلىق سەپىرىدە يۈرۈپ، ئىرشاتنامە تارقىتىپ، نۇرغۇن مۇسۇلمانلارنى سوپىلىققا ئالغان. مۇرىت كۆپەيتكەن. ئاقسۇدىكى «قۇرمىش ئاتام»، تۇرپاندىكى «ئەسھابول كەئەب»، يەكەندىكى «ئالتۇنلىرىم»، ئاتۇشتىكى «سۇلتانوم»، كۇچادىكى «مەۋلانا ئەرشىدىن ۋەلئوللا»، خوتەن-ئىلچىدىكى «ئىمام زەينۇل ئابىدىن»، نىيە ناھىيىسى تەۋەسىدىكى «ئىمام جەپەر سادىق»، قارىقاشتىكى «ئىمام مۇھەممەد ھەسەن ئەسكىرى»، چىرىيىدىكى «ئىمام جەپەر تەيران»، قاغىلىقتىكى «زۇنلان»، «جەمجۇم» قاتارلىق 30 نەچچە مازارنى كېزىپ ۋە بەزىلىرىنىڭ پەخرىي شېيخلىق دەرىجىلىرىنى قوشۇمچە قوبۇل قىلىپ، ئۆزىنىڭ بۇ تەرەپتىكى تەسىرى ئاساسىنىمۇ كېڭەيتكەن. مۇرىت، شېرىك، يارانلارنى ئاۋۇتقان. مىلادى 1669- يىلىغا كەلگەندە خۇددى «يەكەن تارىخى» 38- بېتىدە كۆرسىتىلگەندەك: «… ھىدايتۇللا ئاپئاق بىر قېتىملىق ئۇچرىشىشىتا ئىسمائىلخاندىن ئۆزىنىڭ مۇرىتلىرىدىن سېلىق ئالماسىلىقىنى تەلەپ قىلغان. ئىسمائىلخان بۇنى سەل چاغلاپ ماقۇل بولغان. شۇنىڭ بىلەن بۇنى ئاڭلىغان خەلق خوجا ھىدايتۇللاغا كۆپلەپ مۇرىت بولۇپ، پەقەت بىر يىلغا يەتمىگەن ۋاقىت ئىچدىلا 30 مىڭغا يېقىن كىشىگە يېتىپ»، قەشقەرىيىنىڭ خېلى بىر قىسىم جايلىرىدىكى ئاھالىلەر ئارىسىدا ئاپئاق خوجا تەرىقىتىنىڭ «ئىشىقيە» سۈلۈكى بىر خىل يېڭى دىنىي ئىدىيە سۈپىتىدە تارقىلىشقا باشلىغان. مىلادى 1666- يىللار ئەتراپىدا قەشقەرىيىدە ئاپئاق خوجا باشچىلىقىدىكى «ئىشقىيە» چى سوپىلار بىلەن ئەبەيدۇللا خوجا باشچىلىقىدىكى «ئىسھاقىيە» چى سوپىلار ئوتتۇرىسىدا ئۆز سەپلىرىنى تەرتىپكە سېلىش، كۈچەيتىش ھەرىكىتى كۆتۈرۈلگەن. ئاپئاق خوجا ئۆز مۇرىتلىرىنى «ئىسھاقىيە» تەرەپدارلىرىدىن پەرقلەندۈرۈش ھەم ئۆز سېپىنىڭ چېگرىسىنى ئېنىق قىلىپ بەلگىلەش ئۈچۈن، ئۆز مۇرىتلىرىنى ئاق تەقى (ئاق تۇماق-ئاق دوپپا) كىيىشكە بۇيرۇغان ھەم بۇ شەرتلىك بەلگىنى «ئىشقىيە» لەر سېپىنىڭ مۇقىم بەلگىسى قىلىپ بېكىتكەن. ئەبەيدۇللا خوجىمۇ ئۆز مۇرىتلىرىنى «ئىشقىيە» تەرەپدارلىرىدىن پەرقلەندۈرۈش ئۈچۈن قارا تەقى (قارا تۇماق) كىيىشىكە بۇيرۇغان ھەم بۇ شەرتلىك بەلگىنى «ئىسھاقىيە» لەر سېپىنىڭ مۇقىم بەلگىسى قىلىپ بېكىتكەن. شۇنىڭ بىلەن ئاپئاق خوجىنىڭ تەسىرى چوڭراق بولغان («ئىشقىيە» چىلەر جىقراق بولغان) ھازىرىقى قەشقەر شەھىرىدىن تۇرپانغىچە بولغان جايلارنىڭ خەلقلىرى ئاق تەقىلىقلارنىڭ تەرەپدارلىرى قىلىپ قويۇلغان. ئەبەيدۇللا خوجا («ئىسھاقىيە» چىلەر) نىڭ تەسىرى چوڭراق بولغان يەكەن، قاغلىق، خوتەن تەۋەلىرىگە قاراشلىق جايلارنىڭ خەلقى قارا تەقىلىقلەرنىڭ تەرەپدارلىرى قىلىپ قويۇلغان. بۇنىڭ بىلەن ئەمەلدارلاردىن تارتىپ تاكى ئاددىي پۇقرالارغىچە ئىككى قاشقا بۆلۈنۈپ، ئىككى خوجىنىڭ كەتمىنىنى چاپىدىغان ئاق تەقىلىقلەر، قارا تەقىلىقلەر كۈرىشى ئەۋجىگە چىققان («ئاق تەقى»، «قارا تەقى» ئاتالغۇسى يىللارنىڭ ئۆتۈشى بىلەن ئۇيغۇر تىلىدىكى ئاھاڭ ئۆزگىرىش خۇسۇسىيىتى بويىچە «ئاق تاغلىق»، «قارا تاغلىق» دېيىلىپ كەلمەكتە). گەرچە ئۇلارنىڭ تۈپ ماھىيەتلىرى بىر-بىرىدىن پەرق قىلمىسىمۇ قەشقەرىيىنىڭ سىياسىي ھاكىمىيىتى يەنىلا سەئىدىيە ئۇيغۇر خانلىقىنىڭ داۋامچىلىرىدىن بولغان ئىسمائىلخاننىڭ قولىدا بولغانلىقى سەۋەبىدىن بۇ ئىككى گۇرۇڭنىڭ باشلىقلىرى دىن ۋە دىنىي ئىشلارنىڭ ھوقۇقىنى ئۆز قوللىرىغا مەركەزلەشتۈرۈش ئۈچۈن، ئۆزئارا قانلىق كۈرەشلەرنى زادىلا توختاتماي، ئىسمائىلخان ھاكىمىيىتىڭ مۇقىم، تىنچ ئىتتىپاق بولۇشىغا خەۋپ يەتكۈزۈشكە باشلىغان. مەسىلەن: «بورقۇم ئەۋلىيا» دېگەن قوليازمىدا كۆرسىتىلىشىچە: ئاپئاق خوجىنىڭ «ئاق تاغلىق» سوپىلىرى 1670- يىلى بىر ئىچىدىلا يېڭىسار، مەكىت مارالبېشى، پەيزىۋات، يەكەن، قاغلىق قاتارلىق جايلاردا «قارا تاغلىق»، «پىر» سوپىلاردىن 80 نەچچىنى تۇتۇۋېلىپ مەخپىي ئۆلتۈرۈۋەتكەن. 40 نەچچە «سوپى» نىڭ پېيىنى قىرقىپ، قول، پۇتىنى كېسىپ، ئاختا قىلىپ (ئەرلىك تۇخۇمىنى ئېلىۋېتىپ) «كېرەكسىز مۇردا» ھالەتكە ئەكېلىپ، «قارا تاغلىق» لاردىن «ئۆچ» ئالغان. «ئىسھاقىيە» چى «قارا تاغلىق» سوپىلارمۇ قەشقەرىيىنىڭ خوتەن، يەكەن تەۋەلىرى (ھازىرقى كېرىيە، چىرىيە، لوپ، ئىلچى، قاراقاش، گۇما، قاغلىق، مەكىت، يەكەن، پوسكام ناھىيىلىرى تەۋەلىرى) دە «قىلمىشلىرى ئېغىر»، «ئاق تاغلىق»، «پىر»، «سوپى»، ئىشانلاردىن بەزىلىرىنى تۇتۇۋېلىپ، مەخپىي ھالدا قول-پوتىنى باغلاپ چىقالمايدىان چۆللەرگە ئاپىرىپ تاشلىۋېتىپ ياكى قول، قۇلاقلىرىنى كېسىۋېلىپ (ئەن سېلىپ قويۇپ) ھەيدىۋېتىپ، ياكى گاچا-گاس قىلىپ تاشلاپ، بەدەل ھېسابىدا ئۆچ ئېلىپ تۇرغان. 1671- يىلى ئاپئاق خوجا سوپىلىرى ئىسمائىلخان ئەمەلدارلىرىنىڭ نەسىھەت، توسۇشلىرىغا بوي بەرمەي يەكەندە «قارا تاغلىق خوجىلار» نىڭ ئەدىپىنى يەنىمۇ قاتتىقراق بېرىشكە كىرىشكەن. بۇ ئەمەلىيەتتە ئىسمائىلخانغا قىلىنىۋاتقان بىر خىل خىرىس ئىدى. ئىسمائىلخان بۇنى سېرىپ قېلىپ، شۇ يىلى يازدا ئاپئاق خوجىنى بىر نەچچە چوڭ شېرىكى بىلەن قوشۇپ قەشقەرىيدىن زورلۇق كۈچ بىلەن ھەيدەپ چىقارغان. ئۇنىڭ زوراۋان «سوپى» لىرىدىن، قاتىل «پىر» لاردىن بىر نەچچىنى جازالاپ، قالغانلىرىنى تىنچ پۇقرادارچىلىق قىلىشقا بۇيرۇغان. قارا تاغلىق خوجا ئىشانلارمۇ خانلىقنىڭ تېگىشلىك قانۇن، چەكلىمىلىرى ئىچىدە پۇقرادارچىلىق قىلىشقا بۇيرۇلغان. شۇنىڭ بىلەن قەشقەرىيىدە «ئاق تاغلىق»، «قارا تاغلىق» لار ماجىرالىرى بىر مەھەل پەسىيىپ جەمئىيەت تىنجىغان. ئىسمائىلخان 17- ئەسىرىنىڭ باشلىرىدا جۇڭغارلار بېسىپ ئالغان شىمالدىكى ئۇيغۇر رايونلىرى (ئۈرۈمچى، ئىلى، قۇمۇل، ئالتاي رايونلىرى) نى قايتۇرۇۋېلىش تەييارلىقىغا كىرىشكەن.

ئاپئاق خوجىنىڭ باش كۆتۈرۈشى

ئاپئاق خوجىنىڭ دالاي لامادىن تىزلىنىپ مەدەت تىلىشى

ئاپئاق خوجا قەشقەرىيىدىن قوغلاپ چىقىرىلغاندىن كېيىن ئۆزىنىڭ بىر نەچچە شېرىكى بىلەن قوغلاندىلىق سەپىرىنى باشلاپ، ئاخىرى سېرىققۇل (تاشقورغان) دىكى مىڭ تىكە، كۆكتۈرك داۋىنىدىن ئافغانىستان تەۋەسىگە ئېشىپ، شۇ يىلى 9- ئايدا بەدەخشان شەھىرىگە بېرىۋالغان. خۇددى «تەزكىرە بىر ياران» دا كۆرسىتىلگەندەك: «… بۇ زات بەدەخشان دىيارىدا خۇدايى مۇساپىر، خودايى ساھىل …» بولۇپ قالغان. يەنى بەدەخشاندا ھەم تىلەپ، ھەم «دۇئا» قىلىپ يەيدىغان خۇدايى گادايلاردىن بولۇپ كۈن ئۆتكۈزۈش ھالىتىگە چۈشۈپ قالغان. مىلادى 1676- يىلغىچە بەدەخشاننى چۆرىدەپ كەشمىر، رەجىدان، ۋاخان، پەرغانە، كاسان، ئىلى، تىبەت، ھىرات قاتارلىق جايلاردا دۇئا كويلۇق بىلەن سوپىلىق قىلىپ يۈرۈپ، ئاخىرى 1677- يىلى كۈزدە ئۈچ ھەمراھى بىلەن شىنجاڭنىڭ جۇڭغارىيە قىسمىدا شۇ چاغدا ياشىغان تورغۇۋۇت موڭغۇل قەبىلىسىنىڭ 27- خوپۇسى (لاماسى) شىڭ جىڭ خوپۇنىڭ دالاينى تاۋاپ قىلغۇچى ھەمراھلىرىغا قوشۇلۇپ، تىبەتنىڭ لخاسا شەھىرىگە بېرىپ، مىڭ تەسلىكتە شۇلارنىڭ تەركىبىي ھېسابىدىن دالاي لاما 5 (ئەسلى ئىسمى دوبىدون سېرىن جامبول لاما) نىڭ قوبۇل قىلىشىغا مۇيەسسەر بولغان. «بورقۇم ئەۋلىيا» دېگەن قوليازمىنىڭ «سوقىچى ئارخون» دېگەن بابىدا يېزىلىشىچە: ئاپئاق خوجا دالاي ئىبادەتخانىسىغا ئون قېرىن-ئون چارەك سېرىق ياغ ئالغاچ كىرىپ، بۇدقا باش ئۇرغان، دۈم يېتىپ دۇئا قىلغان. لامانىڭ پەشلىرىنى سۆيۈپ، ئىتەكلىرىگە تاۋاپ قىلىپ، يىغلاپ مەدەت تىلىگەن. دېمەك، بۇ زاتنى ئۇلۇغ تەڭرى ئەنە شۇ چاغدا ئۆز قۇدرىتى بىلەن بۇ خىل رەزىل قىلمىشقا دۇچار قىلىپ، جاھاننىڭ ئىسسىق-سوغۇقلىرىدا قىيناپ، جاپا-مۇشەققەتنىڭ ئاچچىق-چۈچۈكلىرىگە ئۇچرىتىپ، ئاھۇ نادامەتنىڭ لايلىرىغا يۇمۇلۇتۇپ، پۇشايمان ئوچاقلىرىدا كۆيدۈرۈپ، خارلىق ۋە ئېتىبارسىزلىقنىڭ كوچىلىرىدا ئايلاندۇرۇپ يۈرۈپ، ئاخىرىدا ئۇنى ئىسلام دىنىنىڭ ئەڭ ئەشەددىي دۈشمەنلىرىگە كۈچۈكلىپ باش قويىدىغان، خەلق، مىللەت ۋە ئىسلام دىنىغا ئاسىيلىق قىلىدىغان تارىخىي خائىن، لەنىتى ئىنسان، دەۋزىخى مۇسۇلمان دەرىجىسىگە چۈشۈرۈپ قويغانلىقىدا شەك يوقتۇر. خۇددى ئىت ئۆز ئىگىسىنى «خودا» دەپ بىلگەندەك، ئاپئاق خوجىمۇ دالاي لامانى بىردىنبىر قۇتقۇزغۇچى ئەۋلىيا سۈپىتىدە تونۇپ، ئىسمائىل خان ئۈستىدىن دەردىنى تۆككەن، ئەرز قىلغان ھەم ئۇنىڭدىن ئىسمائىل خان ھاكىمىيىتى (قەشقەرىيە ئۇيغۇر خانلىقى) نى ئاغدۇرۇپ تاشلاشقا ھەربىي ياردەم بېرىشنى ئىلتىجا قىلغان. بۇ توغرىسىدا «تارىخىي نادىرىيە» دە مۇنداق يېزىلىدۇ: «… مەن مۇسۇلمانلار پىرقىسىنىڭ خوجىسىدۇرمەن. ياركىند، كاشغىر مېنىڭ مۇرىت-مۇخلىسلىرىمدۇر. ھالا بىراۋ كېلىپ مەندىن سويۇپ ئېلىپ مېنى قوغلاپ چىقاردىلەر. سىزدىن تىلەيدۇرمەنكى، كىشى بۇيرۇپ مېنىڭ يۇرتۇمنى قولۇمغا ئېلىپ بەرگەيسىز…»)«بىراھمان-بۇد شېيخى (دالاي لاما 5) ئەيتپدۇركى: « بۇ يەردىن ئۇ يەرگە كىشى بارمىفى بىسىيار دىشۋاردۇر» دەپ ئىلىدىكى قالماقلار تۆرەسى (غالدان قۇنتەيجىگە دېمەكچى-ئا) گە نامە پۈتتىكى: «… ئەي! بۇشۇدىخان خوجا ئاباخ بىسىيار ئۇلۇغ كىشى ئىكەن. ياركىند، كاشغىرنىڭ خوجىسى ئىكەن. بۇنىڭ يۇرتىنى ئىسمائىلخان سويۇپ ئېلىپ، بۇ قوغلاپ چىقىرىپتۇر. كېرەككى ئەسكەر بۇيرۇپ يۇرتىنى قولىغا ئېلىپ بەرگەيسىز. ۋاللاھ ئىشى كامال بولغۇسىدۇر. نامە-تامام…»
ئاپئاق خوجا دالاي لامانىڭ قېشىدا بىر ھەپتىدەك تۇرۇپ ئۇنىڭ بىلەن قەشقەرىيە خەلقىنىڭ ئەھۋالى، ئىسمائىل خاننىڭ كۈچ قۇۋۋىتى، ئىچكى ماجرالار، تىبەت-قەشقەرىيە چېگرىسىدىكى تاغ، داۋان، يول، جوداق (بۇتخانا) لار توغرىسىدا سۆھبەتلەشكەن. شۇ زامانلاردىن بىزگىچە يېتىپ كەلگەن ياكى شۇ زامانلار توغرىسىدا كېيىنرەك يېزىپ قالدۇرۇلغان بەزى ئۇيغۇرچە، تاجىكچە يازما خاتىرىلەردە مەسىلەن: «بورقۇم ئەۋلىيا»، «لەنىتى رەھمەت» دېگەندەك قوليازمىلاردا كۆرسىتىلىشىچە: دالاي لاما ئاپئاق خوجىغا ئۆز يەرلىرىنى ئىسمايىلخاندىن قايتۇرۇپ ئالغاندىن كېيىن ئۆزىگە دائىم ھۆرمەت بىجا كەلتۈرۈپ، گېپىگە كىرىپ، ئادەملىرى بىلەن بىرلىشىپ، لامالارغا دۇئا قىلىپ، دۇنيانىڭ ئىشلىرىنى شۇلار دېگەندەك قىلىپ تۇرۇشنى تاپىلاپ، مىلادى 1677- يىلى 10- ئاينىڭ 8- كۈنى (دالاي لاما 5 نىڭ لامالىققا ئولتۇرغان 1- كۈنىنى ئەسلەش ئىبادىتى بولغان كۈنى) ئاخىرقى دۇئاسىنى بېرىپ «ئەركتە» (مەخسۇس لاما ھارىقى) تۇتۇپ مېھمان قىلىپ ئاخىرىدا يەنىلا شۇ شىڭ جىڭ خوپۇلاما بىلەن قوشۇپ 15 قوتاز بېرىپ، غالدان قۇنتەيجى ھۇزۇرىغا-غۇلجىغا يولغا سېلىۋەتكەن. ئاپئاق خوجا كۆككۈل (چىڭخەي) ئارقىلىق قۇمۇلغا كېلىپ قىشلاپ، 1678- يىلى باش ئەتىيازدا ئىلىغا كېلىپ، دالاي 5 نىڭ خېتىنى غالدان قۇنتەيجىگە تاپشۇرغان. بۇ چاغلاردا لخاسا شەھىرىدىكى دالاي لاما ئىبادەتخانىسى پۈتۈن ئاسىيادىكى بۇددىستلارنىڭ تاۋاپ قىلىدىغان دىنىي مەركىزى بولۇپ، ئۇلارنىڭ دالاي لاماغا بولغان دىنىي ئېتىقادى ناھايىتى كۈچلۈك ئىدى. دالايغا چوقۇناتتى، ئەمرىدىن چىقمايتتى.
غالدان قۇنتەيجى مۇشۇ خەتنىڭ مەزمۇنى بويىچە ئاپئاق خوجىنى كاتتا ئىززەت-ھۆرمەتلەر بىلەن كۈتۈۋېلىپ، ئۇنىڭ تەلىپىنى ئورۇنلاش (قەشقەرىيە خانلىقىنى ئاغدۇرۇپ ئۆزىنىڭ «بۈيۈك جۇڭغار» دۆلىتىنى كېڭەيتىش) تەييارلىقىغا كىرىشىپ كەتكەن. ئاپئاق خوجىمۇ قەشقەرىيە تەۋەسىدىكى بەزى شېرىك، مۇرىتلىرى بىلەن مەخپىي ئالاقىلەرنى ئورنىتىپ، ئىسمائىل خاننى ئىچكى جەھەتتىن ئاغدۇرۇپ تاشلاشنىڭ چارىلىرىنى ئىزدىگەن.

«شىنجاڭ مەدەنىيىتى» ژۇرنىلى 1987- يىلى 3 -سانى

يازغۇچى ھەققىدە

ماقالە سانى : 1197

ئاكادېمىيە ئورگان تورى ©

ئۈستىگە قايتىش