ئۇيغۇرچە    Uyghurche    Уйғурчә   
  • 2018 - يىلى 27 - ئۆكتەبىر يەكشەنبە كۈنى سائەت 2:00 دە ئىستانبۇلدا «خىتاينىڭ جازا لاگىرلىرىدىكى شەرقىي تۈركىستانلىقلارنىڭ ئاقىۋىتى مۇھاكىمە يىغىنى» ئۆتكۈزۈلدى. ...
سىزنىڭ ئورنىڭىز: باشبەت » ئومۇمى » قانداق قىلغاندا قول ئاستىڭىزدىكىلەرنى تۇتۇپ قالالايسىز؟

قانداق قىلغاندا قول ئاستىڭىزدىكىلەرنى تۇتۇپ قالالايسىز؟

besim[1]ئىلگىرى روكفېللىر بىلەن ئۇنىڭ قىزى ئېلزابىت ئوتتۇرىسىدا مۇنداق بىر پاراڭ بولغان ئىكەن:

ئېلزابىت شىركەتتە كەڭ كۆلەمدە ئىسلاھات ئېلىپ بېرىش تەييارلىقىنى قىلىۋاتقاندا، ئۇنىڭ غوللۇق ياردەمچىسى ماك شىركەتتىن ئايرىلماقچى بوپتۇ.
ئېلزابىت دوختۇرخانىغا دادىسى روكفېللىرنى يوقلاپ بارغاندا، دوختۇرخانا ھويلىسىدىكى چىملىقتا دادىسى بىلەن ئامراق ئىتىنى ئۇچرىتىپتۇ.
− ئېلزابىت، قارىسام بىرەر غېمىڭ باردەك قىلىدۇ، نېمە ئىش بولدى ساڭا؟ − دەپ سوراپتۇ روكفېللىر.
− دادا، ماك ئىستېپانامە سۇندى. بۇنداق ياخشى باشقۇرغۇچىمدىن ئايرىلىپ قېلىشتىن بەك ئەنسىرەۋاتىمەن. كېسسىنىڭ كەتكىنىگە ئەمدىلا ئىككى ئاي بولغانىدى. مېنىڭچە، ئۇلارنىڭ كېتىش سەۋەبىنى تەكشۈرمىسەم بولمىغۇدەك.
− مۇنداق دەپتۇ، روكفېللىر ئويلىنىپ تۇرۇپ، − تەجرىبەمگە ئاساسلانغاندا، بەزى كىشىلەر ئۆزىنىڭ تۇرمۇشىنى ئۆزگەرتىش ئۈچۈن خىزمەت مۇھىتىنىمۇ ئۆزگەرتىدۇ. يەنە بەزى كىشىلەرنىڭ خاراكتېرى تۇراقلىق بولمايدۇ، شۇڭا، ئۇلار بىر يەردە تۇرۇۋېرىشنى خالىمايدۇ. يەنە كۆپ ساندىكى كىشىلەر ئۆزىنىڭ ئارزۇسى بويىچە تېخىمۇ ياخشى خىزمەت ئىزدەيدۇ. بۇنداق كىشىلەر نەگىلا بارسا، يەنىلا شۇنداق قىلىدۇ. بۇلار شىركەت ئۈچۈن ئەڭ چوڭ ئىقتىساد ئىسراپخورلىرى.
− بۇلارنى مەنمۇ ئويلىدىم دادا، ئەمما ماك بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىم ياخشى ئىدى. مەن باش لىدىرلىققا ئۆسكەندىن كېيىن، ئۇ مەندىن بارا – بارا يىراقلاشتى، مەن خىزمەت بىلەن بولۇپ كېتىپ ئۇنىڭغا دىققەت قىلىپ كەتمەپتىمەن. ھازىر مۇشۇنداق مۈشكۈل ئەھۋالدا قالدىم، − دەپتۇ ئېلزابىت ئىتىنىڭ دۈمبىسىنى سىيلاپ تۇرۇپ.
− ئەنسىرىمە قىزىم. كىشىلەر بىلەن بولغان مۇناسىۋەتتە قوللانغان ئۇسۇل ياخشى بولۇشى كېرەك. ياخشى باشقۇرغۇچى بولۇش ئۈچۈن ئىنتايىن نازۇك مۇناسىۋەتلەرنى توغرا بىر تەرەپ قىلىش كېرەك.
شىركەتنىڭ باشلىقى چوقۇم خىزمەتچىلەرنىڭ كېتىشىدىكى سەۋەبلەرنى ئىگىلىشى لازىم، مۇشۇ ئاساستا بۇ مەسىلىنى ئۈزۈل – كېسىل بىر تەرەپ قىلغىلى، خىزمەتچىلەرنىڭ ئىشەنچىسىنى ئاشۇرغىلى ھەم ئۇلارغا ياخشى خىزمەت مۇھىتى يارىتىپ بەرگىلى بولىدۇ. ئۇلارنىڭ قىزغىنلىقىنى ئاشۇرۇش ئۈچۈن، شارائىتنى ياخشىلاش، مائاشىنى ئۆستۈرۈش كېرەك. شىركەتتىكى خىزمەتچىلەر سېنىڭ كۈچىڭنىڭ بارىچە تىرىشچانلىق كۆرسىتىۋاتقانلىقىڭنى بىلسە، ئۇلار ھەرگىز كېتىپ قالىدىغان ئىشنى قىلمايدۇ.
مېنىڭچە، خىزمەتتە قانائەت تۇيغۇسى، يەنى ھەق، شىركەتنىڭ ئورنى، باشلىقى قاتارلىقلارغا نىسبەتەن يېتەرلىك قانائەت تۇيغۇسى بولماسلىق خىزمەتچىلەرنىڭ كېتىپ قېلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. تۇنجى كۈنىدىكى خىزمەتكە نىسبەتەن قانائەتلىنىش تۇيغۇسى بولمىسا، ئەتىسىلا خىزمەتكە بولغان قىزغىنلىقى سۇسلىشىدۇ. مۇنەۋۋەر باشقۇرغۇچى قول ئاستىدىكىلەرنىڭ ئۆزىنى توختىتالماسلىق، زېرىكىش، رازى بولماسلىق كەيپىياتلىرىنى كۆزىتىشكە ماھىر بولۇشى كېرەك. يېقىندىن بىرى، خىزمەتچىلەرنىڭ بىر – بىرلەپ ئىستېپا بېرىشىدىكى سەۋەب بەلكىم سەندە بولۇشى مۇمكىن.
− دادا، ئەسكەرتمىگەن بولساڭ، بۇ مەسىلىلەرنى ھېس قىلالماسكەنمەن. بەكلا قايمۇقۇپ قالدىم، − دەپتۇ ئېلزابىت ئوڭايسىزلانغان ھالدا.
− نۇرغۇن يۇقىرى قاتلامدىكى كىشى قول ئاستىدىكىلەر بىلەن ھەمىشە پىكىرلىشىپ تۇرۇشنى ئۇنتۇپ قالىدۇ ياكى بۇنىڭغا سەل قارايدۇ. سەن كۆڭۈلنى چۈشىنىشكە ماھىر ئەمەس، شۇڭا بىر نەچچە ئايدا بولسىمۇ بىر قېتىم قول ئاستىڭدىكىلەردىن پىكىر ئېلىپ تۇرۇشۇڭ، ئۇلاردىن خىزمەت ئۇسۇلۇڭدا ئۆزگەرتىشكە ۋە ياخشىلاشقا تېگىشلىك قانداق تەرەپلەرنىڭ بارلىقىنى سورىشىڭ كېرەك. نۇرغۇن سەر خىل خادىم ئۆزىنىڭ پىكىرىنى دېمەيدۇ، شىركەت ئۇلارغا پىكرىنى بايان قىلىدىغان پۇرسەت بەرمىسە كېتىپ قالىدۇ.
ئەينى يىللىرى مەن باشقىلارنىڭ شىركىتىدە ئىشلىگەندە، بۆلۈمىمدە سەر خىل بىر خادىم بار ئىدى. ئۇنىڭ خىزمىتى جىددىي بولغاچقا، ئىستېپا بەرمەكچى بولدى. ئۇنىڭچە بولغاندا ئىشتىن بوشىتىلغاندىن كۆرە ئۆزى ئىستېپا بەرگەن ياخشىراقكەن. تەلىيىگە مەن ئۇنىڭ ئۆز ئەھۋالىنى چۈشىنىپ، ئۇنىڭ ئۈستىگە ئالغان خىزمىتىنى پۈتۈنلەي خاتا چۈشىنىپ قالغانلىقىنى بىلدىم. ئۇ ئۆزىنىڭ ۋەزىپىسىنى شىركەت كۈتكەندىنمۇ كۆپ ھېس قىلىۋاپتۇ. ئۇ ئىشخانامدىن خاتىرجەم بولۇپ چىقىپ كەتكەندە، باشلىقى بولغان مەنمۇ ناھايىتى خاتىرجەم بولدۇم. چۈنكى مەن قول ئاستىمدىكى بىر ئېسىل خادىمنى تۇتۇپ قالغان ئىدىم، بۈگۈنكى كۈندە ئۇ شۇ شىركەت تەربىيەلەپ چىققان ئەڭ مۇنەۋۋەر خادىملارنىڭ بىرى بولۇپ قالدى.
ئومۇمەن، ياشلار بولۇپمۇ سېتىش بۆلۈمىدىكىلەردە نىشانغا قاراپ ئىلگىرىلەيدىغان قەتئىي ئىرادە بولىدۇ. ئ−ەگەر ئۆستۈرۈلىدىغاننىڭ شەپىسى بولمىسا، دەرھاللا خىزمەت ئالماشتۇرۇشنى ئويلايدۇ. شۇڭا، قوشۇنىڭدىكى ھەر بىر خادىمنىڭ ئەھۋالىنى پات – پات، كۆزىتىپ، تەكشۈرۈپ تۇر ياكى ئۆزۈڭنىڭ مەدىتى ۋە قوللىشى ئارقىلىق، ئۇلارنىڭ ساڭا بولغان نارازىلىقىنى يوقات، بۇ ئىنتايىن مۇھىم.
شېكىسپىر مۇنداق دېگەن ئىكەن: «بىز ئۆزىمىزنىڭ نېمىلىكىنى بىلىمىز، لېكىن بۇنىڭدىن كېيىن نېمە بولىدىغىنىمىزنى بىلمەيمىز». ئۆزۈڭنىڭ قوشۇنىدىكى ھەر بىر ئادەمنى تەپسىلىي چۈشىنىشىڭ، ئۇلار بىلەن ئايرىم – ئايرىم ياكى كىچىك گۇرۇپپا بويىچە سىردىشىشىڭ، ئۇلارنىڭ كېيىن نېمە ئىش قىلغۇسى بارلىقىنى بىلىشىڭ تولىمۇ زۆرۈر. شىركەتنىڭ باشقۇرغۇچى خادىمى سالاھىيىتىڭ بىلەن، قول ئاستىڭدىكى ھەممە خادىمنىڭ سېنى بىر ئۆمۈر قوللىشىنى ئۈمىد قىلساڭ، بۇ مۇمكىن ئەمەس. ئەگەر ھەر دائىم ئۇلارنىڭ مەنپەئىتىگە، ئىرادىسىگە ۋە بەختىگە كۆڭۈل بۆلسەڭ، نۇرغۇن كىشىنى يېنىڭدا ئېلىپ قالالايسەن. بۇ نۇقتىنى چۈشىنىشىڭنى ئۈمىد قىلىمەن.
«روكفېللىرنىڭ 03 نەسىھىتى» دېگەن كىتابتىن
مەنبە : http://www.uycnr.com/cj/lc/201112/t20111211_169450_1.html

يازغۇچى ھەققىدە

ماقالە سانى : 1202

ئاكادېمىيە ئورگان تورى ©

ئۈستىگە قايتىش