ئۇيغۇرچە    Uyghurche    Уйғурчә   
  • 2018 - يىلى 26 - ئاۋغۇست فاتىھ سۇلتان مەھمەت ئۇنىۋېرسىتېتى توپكاپى مەۋلەۋىخانىسىدا «ئۇيغۇرلار دۇچ كېلىۋاتقان خىرىسلار ۋە ھەل قىلىش يوللىرى مۇھاكىمە يىغىنى» ھەققىدە خۇلاسە دوكىلاتى قىلىندى. ...
سىزنىڭ ئورنىڭىز: باشبەت » ئاكادېمىيە » دوكتور رىشات ئابباس ئەپەندى ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسىنىڭ پەخىرى رەئىسلىك ۋەزىپىسىنى تەكرار ئۈستىگە ئالدى

دوكتور رىشات ئابباس ئەپەندى ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسىنىڭ پەخىرى رەئىسلىك ۋەزىپىسىنى تەكرار ئۈستىگە ئالدى

ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسىنىڭ 4-نۆۋەتلىك دائىمىي ھەيئەت كومىتېتى ئەزالىرى كېڭىشىش ئارقىلىق، دوكتور رىشات ئابباس ئەپەندىنىڭ تىببى دورا تەتقىقاتىدىكى قولغا كەلتۈرگەن ئۇتۇقلىرى، ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسىگە سىڭدۈرگەن ئەجرى ۋە شەرقىي تۈركىستان داۋاسىغا قوشقان تۆھپىلىرىنى كۆزدە تۇتۇپ، تەكرار دوكتور رىشات ئابباس ئەپەندىنى ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسىنىڭ 4-نۆۋەتلىك پەخىرى رەئىسلىك ۋەزىپىسىگە رەسمىي تەكلىپ قىلدى.

دوكتۇر رىشات ئابباس ئەپەندى، 2010-يىلىدىن بىرى ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسىدىكى زىيالىيلار ۋە ئوقۇغۇچىلارنى قولىدىن كېلىشىچە قوللاپ، ئۇيغۇر زىيالىيلارنىڭ ئۆز ئارا ھەمكارلىقىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشقا كۈچىدى. شۇنداقلا ئۇيغۇر زىيالىيلارنىڭ ئىشغالىيەتتە قالغان مىللىتى ئۇيغۇرلارنىڭ دەردىنى خەلقئارادا تۇنۇشتۇرۇش ۋە ئۇيغۇر دەۋاسىنى يول باشلاپ ئېلىپ مېڭىشىنى تەشەببۇس قىلىپ، ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسىنىڭ بۈگۈنكىدەك تەسىرى كۈچىنىڭ زورىيىشىدا نۇرغۇن ئەمەلىي خىزمەتلەرنى ئېلىپ باردى.

دوكتور رىشات ئابباس ئەپەندى 2015-يىلى 24-ئاۋغۇستتىن 2018-يىلى 24-ئاۋغۇسىتغىچە ئۇيغۇر ئاكادېمىيسىنىڭ پەخىرى رەئىسى بولۇش سۈپىتى بىلەن ئاكادېمىيەنىڭ مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇر زىيالىيلار ئارىسىدىكى تەسىرىنىڭ كۈچىيىشى ئۈچۈن زور تۆھپە قوشتى. ئۇنىڭ كۈچ چىقىرىشى بىلەن، ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسى 2017-يىلى 08-ئۆكتەبىردە ئامېرىكا جۈرەكسىل ئۇنىۋېرسىتىدا «مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلار ۋە ئۇلارنىڭ مائارىپى» ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنى ۋە 2018-يىلى 25-مايدا جورج ۋاشىڭگتون ئۇنىۋېرسىتېتىدا ئۇيغۇرلارنىڭ نۆۋەتتىكى كىملىك كرىزىسى ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنى غەلبىلىك ئۆتكۈزۈلۈپ، ئاكادېمىيەنى تۈركىيەدىن ئامېرىكاغا كېڭەيىتىشكە زور تۆھپە قوشتى.

دوكتور رىشات ئابباس ئەپەندىنىڭ كۈچ چىقىرىشى بىلەن ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسى ئامېرىكا تارمىقى 2018-يىلى 5-ئاينىڭ 20-كۈنى ئامېرىكىنىڭ پايتەختى ۋاشىڭگىتوندا قۇرۇلدى. ئۇ يەنە ئاكادېمىيەنىڭ ياۋرۇپا، ئاۋىسترالىيە، مەركىزى ئاسىيا، كانادا ۋە ياپۇنىيە تارماقلىرىنى قۇرۇش ئۈچۈن ئىزچىل ئالاقىدار دۆلەتلەردىكى ئۇيغۇر زىيالىي ۋە تەتقىقاتچىلار بىلەن ئالاقىدا بولۇپ كەلمەكتە.

ئەزەلدىن ۋەتەن مىللەت ئۈچۈن خىزمەت قىلىشنى ئۆزىنىڭ بىر ئىنسانىي بۇرچى ۋە ۋاپادار پەرزەنتنىڭ ئۆز ئانىسىغا قىلغان خىزمىتى دەپ تونۇپ كەلگەن دوكتۇر رىشات ئابباس، ئۆز مىللىتىنىڭ ۋە ئىشغالىيەتتىكى ئانا ۋەتىنىنىڭ غېمىنى يېيىشنى ھەر بىر ئۇيغۇرنىڭ باش تارتىپ بولمايدىغان مەجبۇرىيىتى دەپ بىلدى. بۇ يولدا ئۈن-تۈنسىز ئېلىپ بارغان ۋە ھەر ۋاقىت ۋەتەن داۋاسىدا ئىجابىي نەتىجىلەرنى ياراتقان خىزمەتلىرىنى ھېچ قاچان ۋە ھېچ يەردە سۆزلەپ كۆز-كۆز قىلمىدى. بۇ مۇناسىۋەت بىلەن مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇر زىيالىيلىرىنىڭ ۋەكىللىك ئورگانلىرىدىن بىرى بولغان ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسى نامىدىن دوكتور رىشات ئابباسنىڭ ئۇيغۇر ئاكادېمىيسىگە ۋە شەرقىي تۈركىستان مىللىي داۋاسىغا سىڭدۈرگەن مىھنەتسىز ئەجرى ئۈچۈن كۆپ تەشەككۈر ئېيتىمىز.

– ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسى دائىمىي ھەيئەت كومىتېتى

2018-يىلى 3-سىنتەبىر، ئىستانبۇل

قوشۇمچە: ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسى سايلام قائىدە – پىرىنسىپلىرى دىكى پەخىرى رەئىسكە مۇناسىۋەتلىك ماددىلار:

1) پەخىرى رەئىسنىڭ بېكىتىلىش ئۇسۇلى: يېڭى نۆۋەتلىك ئاكادېمىيە دائىمىي ھەيئەت كومىتېتى ئەزالىرى بىرلىكتە مەسلىھەت ۋە كېڭەش قىلىش ئارقىلىق، مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلار ئىچىدىن پەن-تەتقىقات نەتىجىسى كۆزگە كۆرۈنەرلىك ۋە ئۇيغۇرلار ئارىسىدا ئىجابى تەسىرى كۈچلۈك بولغان بىر شەخىسنى ئاكادېمىيە پەخىرى رەئىسلىكىگە تەكلىپ قىلىدۇ. پەخىرى رەئىسنىڭ ئاكادېمىيە رەئىسى ۋە دائىمىي ھەيئەتلەرگە مۇھىم مەسىلىلەردە مەسلىھەت بېرىش ۋە ئاكادېمىيە يولۇققان قېيىنچىلىقلارغا قۇربىنىڭ يېتىشىچە ياردەم بېرىش مەجبۇرىيىتى بار بولۇپ، ئۆز ئالدىغا قارار چىقىرىش ۋە دائىمىي ھەيئەتنىڭ چىقارغان قارارىنى بىكار قىلىش ھوقۇقى بولمايدۇ.

2) پەخىرى رەئىسنىڭ ۋەزىپە ئۆتەش مۇددىتى ۋە قېتىم سان چەكلىمىسى: تەكلىپ قىلىنغان پەخىرى رەئىس ھەر بىر نۆۋەتتە 3 يىل ۋەزىپە ئۆتەيدۇ. پەخىرى رەئىس ئەڭ كۆپ بولغاندا ئارقا – ئارقىدىن ئىككى نۆۋەت ۋەزىپە ئالسا بولىدۇ. ئەگەر 3-قېتىم تەكلىپ قىلىنماقچى بولسا، بىر نۆۋەت يەنى 3 يىل كۈتىدۇ. 4-نۆۋەتتە ئاندىن پەخىرى رەئىس بولۇپ تەكرار ۋەزىپە ئالسا بولىدۇ.

يازغۇچى ھەققىدە

ماقالە سانى : 1194

ئاكادېمىيە ئورگان تورى ©

ئۈستىگە قايتىش