ئۇيغۇرچە    Uyghurche    Уйғурчә   
  • 2018 - يىلى 26 - ئاۋغۇست فاتىھ سۇلتان مەھمەت ئۇنىۋېرسىتېتى توپكاپى مەۋلەۋىخانىسىدا «ئۇيغۇرلار دۇچ كېلىۋاتقان خىرىسلار ۋە ھەل قىلىش يوللىرى مۇھاكىمە يىغىنى» ھەققىدە خۇلاسە دوكىلاتى قىلىندى. ...
سىزنىڭ ئورنىڭىز: باشبەت » ئەدەبىيات گۈلزارى » يەرشارىلىشىش ۋە يېڭى دۇنيا تەرتىپىدە كىشىلىك ھوقۇق

يەرشارىلىشىش ۋە يېڭى دۇنيا تەرتىپىدە كىشىلىك ھوقۇق

ئاھمەت ئۆزەر- ئۇيغۇر تەتقىقات ئىنستىتۇتى
قىسقىچە مەزمۇنى: يەرشارىلىشىش بىر تەرەپتىن دۇنيانى تەك قۇتۇپلۇق ھالغا كەلتۈرىشىگە ئەگىشىپ، يەنە بىر تەرەپتىن كىشىلىك ھوقۇقنى قوغدىشى زۆرۈر بولغان دۆلەتلەر ئۇنى ئەڭ كۆپ دەپسەندە قىلغان قۇرۇلمىلارغا ئايلىنىپ قالماقتا. بۇ تەتقىقاتتا يەرشارىلىشىش ھادىسىسىنى « ماختىماستىن » ياكى « ئەيىپلىمەستىن »، كەلتۈرۈپ چىقارغان دەپسەندىچىلىكلەرنى مىساللار بىلەن ئوتتۇرىغا قويۇش بىلەن بىرگە، بۇنىڭغا قارشى زۆرۈر بولغان تەدبىرلەر ھەققىدە مۇلاھىزە ئېلىپ بېرىلىدۇ. بۇ مەقسەتتە مۇناسىۋەتلىك ئەسەرلەر كۆزدىن كەچۈرلۈپ، كۈنىمىزدىكى مۇھىم ئۆرنەك ۋەقەلەر ئۈستىدە توختىلىمىز، سېلىشتۇرما تارىخ مىتودى بىلەن بۇ ۋەقەلەردىن پايدىلىنىشقا تېگىشلىك ساۋاقلارنى ئوتتۇرىغا قويۇشقا تىرىشىمىز.
ھالقىلىق سۆزلەر: يەرشارىلىشىش، كىشىلىك ھوقۇق، يېڭى تەرزدىكى دەپسەندىچىلىكلەر، يېڭى تەدبىرلەر.

مۇقەددىمە
يەرشارىلىشىش، 1970 – يىللاردا خەلقئارالىق شىركەتلەرنىڭ نوپۇز دائىرىسىنىڭ كېڭىيىشى؛ 1980 – يىللاردا ئۇچۇر – ئالاقىنىڭ سۈنئىي ھەمراھ ۋاستىسى بىلەن ئېلىپ بېرىشقا باشلىنىشى ۋە 1990 – يىللاردا سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ پارچىلىنىشى بىلەن تېخىمۇ كۈچەيگەن ھالدا كېڭەيدى. بۇ ئۈچ دەۋرنىڭ ئارقىمۇ ئارقا يۈز كېلىشى دۇنيانى تەك قۇتۇپلۇق ھالغا كەلتۈرۈپ، تېخنىكا، ئىقتىساد جەھەتتىن چەك – چېگرا توسالغۇسىغا ئۇچرىمىغان ئاستى قۇرۇلمىلار كۈلتۈر ساھەسىدە بىر خىللاشقان، ئوخشىشىپ كەتكەن بىر دۇنيا ياراتتى ۋە بۇ ساھەدە ھۆكۈمران تۈزۈم بارغانسېرى ئۆزىنىڭ ۋەزنىنى ھېس قىلدۇرۇشقا باشلىدى. بۇ ۋەزىيەت ئىچىدە كىشىلىك ھوقۇقنى ھەممىدىن بەك ھىمايە قىلىشى كېرەك بولغان دۆلەتلەر، ئۇنى ئەڭ كۆپ دەپسەندە قىلغان قۇرۇلمىلارغا ئايلىنىپ قالدى.
بۇ ماقالىنىڭ بىرىنچى مەقسىدى، يەرشارىلىشىش ھادىسىسىنى « ماختىماستىن » ياكى « ئەيىپلىمەستىن »، بۇ يېڭى تەرتىپ ئىچىدىكى كىشىلىك ھوقۇقنىڭ ئېنىقلىمىسىنى ئوتتۇرىغا قويۇش ۋە يۈز بەرگەن يېڭى تەرزدىكى دەپسەندىچىلىكلەرنى ئۆرنەك ۋەقەلەر بىلەن ئوتتۇرىغا قويۇش بىلەن بىرگە، بۇنىڭغا قارشى زۆرۈر بولغان يېڭى چارە – تەدبىرلەر ھەققىدە مۇلاھىزە ئېلىپ بېرىشتۇر. ئىككىنچىسى، يەرشارىلىشىشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان ئامىللاردىن بىرسى بولغان خەلقئارالىق شىركەتلەرنىڭ بىر تەرەپتىن سىياسى چېگرالارنى پاسسىپ ھالغا كەلتۈرۈپ قويۇشى ، يەنە بىر تەرەپتىن ئۇلۇس (مىللىي) دۆلەتنىڭ سىياسى ھۆكۈمرانلىقىغا رەقىپ سۈپتىدە ئۇنىڭ كۈچىنى چەكلەشكە ۋە ئاجىزلاشتۇرۇشقا باشلىشى، ھەمدە بۇ يولدا كىشىلىك ھوقۇقتىن تارتىپ ھېچقانداق چەك – چېگرا تونۇماسلىقىنىڭ سەۋەبى ۋە نەتىجىلىرىنى ئوتتۇرىغا قويۇشتۇر. ئۈچىنچىسى، يەنى ئەڭ مۇھىم بولغان نۇقتا، تارىختىكى ئوخشاش يەرشارىۋى كېڭەيمىچىلىك مىساللىرى بىلەن يەر شارىلىشىشنىڭ يۆنىلىشى، ماھىيىتى ۋە سۈرىئىتى ھەققىدە قاراشلارنى ئوتتۇرىغا قويۇش بىلەن بىرگە، بۇلارنىڭ ھەممىسىنى تۈركىيەنى چىقىش قىلىپ تۇرۇپ مۇلاھىزە قىلىشتۇر.
بۇ مەقسەتلەرگە ئاساسەن مۇناسىۋەتلىك ئەسەرلەر كۆزدىن كەچۈرۈپ چىقىمىز، كۈنىمىزدىكى مۇھىم ئۆرنەك ۋەقەلەر ئۈستىدە توختىلىمىز، سېلىشتۇرمىلىق تارىخ مىتودى بىلەن بۇ ساھەدە پايدىلىنىشقا بولىدىغان نەتىجىلەرنى ئوتتۇرىغا قويۇشقا تىرىشىمىز.

1. ئىككى چوڭ كۈرەش ۋە كىشىلىك ھوقۇققا سوزۇلغان مۇساپە

ئىنسانلار ئەلمىساقتىن بېرى سانائەتلىشىش بىلەن يۇقىرى پەللىگە چىققان ئىككى چوڭ كۈرەش، يەنى ئۆزىگە ۋە تەبىئەتكە قارشى ئېلىپ بېرىلغان كۈرەش ئىچىدە بولۇپ كەلدى.
ئىنسانلار، بولۇپمۇ سانائەتلىشىش بىلەن بىرلىكتە، ئۆز نەسلىگە قارشى ئېلىپ بارغان كۈرەشتە قورال – ياراقلارنى پەيدا قىلغان بولۇپ، بۇنىڭ تەبىئىي نەتىجىسى سۈپتىدە قوراللار ئۇرۇشلارنى كەلتۈرۈپ چىقارغان ۋە بۇ ئۇرۇشلاردا مىليۇنلىغان كىشى ئۆلدى، يەنە شۇنچىلىك كىشى مېيىپ بولدى. پەقەت 20 – ئەسىرنىڭ ئالدىنقى يېرىمىدا مەيدانغا كەلگەن ئىككى قېتىملىق دۇنيا ئۇرۇشىدا 70 مىليۇن كىشى ئۆلتۈرۈلدى، بۇ رەقەمگە يىقىن مىقداردا كىشى مېيىپ بولغانىدى.
ئىنسانلار ئېلىپ بارغان ئىككىنچى چوڭ كۈرەش – تەبىئەتكە قارشى ئېلىپ بارغان كۈرەشتۇر. سانائەتلىشىشنىڭ ۋاستە سۈپتىدە پايدىلىنىپ تەبىئەتنىڭ ئىشلىتىلىشى، بۇ جەرياندا يەرشارىنى پۈتۈنلەي تىزگىنلەش خىرسى ۋە بۇ مەقسەتتە ئېلىپ بېرىلغان ئىشلار مۇھىتنىڭ بولغىنىشى سۈپتىدە نامايەن بولدى. بولۇپمۇ كۆپلەپ پايدا ئېلىش ئۈچۈن ئېلىپ بېرىلغان تەبىئەت قەتلىئامى شۇ دەرىجىگە بېرىپ يەتكەنكى، بۇ قەتلىئامنى ئېلىپ بارغۇچىلارمۇ بۇ ئىشنى مۇشۇنداق داۋاملاشتۇرسا، ئېرىشكەن مەنپەئەتلىرىنى ئىشلىتەلەيدىغان بىر دۇنيانى تاپالمايدىغانلىقىدەك قورقۇنچ ئاقىۋەتنى تونۇپ يەتتى.
شۇنىڭ بىلەن بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى قارمىقىدىكى مۇناسىۋەتلىك ئورگانلارنىڭ باشچىلىقىدا باشقا ئورگانلارنىڭ ئارىلىشىشى بىلەن، مەجبۇرىي ھالدا بۇ يولدىن ۋازكېچىش، مۇنداقچە قىلىپ ئېيتقاندا ناھايىتى چوڭ شەكىلدە « U » شەكىلدە بۇرلۇش ياساپ، ئۆزى بىلەن ۋە تەبىئەت بىلەن سۈلھى قىلىشقا مەجبۇر بولدى. كېچىكىپ بولسىمۇ شۇنى تونۇپ يەتكەن بولۇپ، ئالەم بوشلۇقىدا چىققان ئورتاق كېمە ( يەرشارى ) چۆكۈپ كەتسە، بارچە بىرلىكتە غەرق بولاتتى. ئىنساننىڭ ( بۇ مەزگىلدە ) ئۆزى بىلەن ئەپلىشىشى، كىشىلىك ھوقۇق ئېڭىنىڭ تەرەققىي قىلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقاردى، بۇ جەرياندا كىشىلىك ھوقۇق ئۇقۇمى كۈنتەرتىپتىن ئورۇن ئېلىپ، ئالەمشۇمۇل كىملىككە ئىگە بولدى. 2 – دۇنيا ئۇرۇشىدىن كېيىن ئىمزالانغان كىشىلىك ھوقۇق خىتاپنامىسى، ئۇرۇشلارنى رەت قىلغان كېلىشىملەر ۋە قورالسىزلىنىش ئەھدىنامىلىرى، بۇ ساھەدە كۆرۈلگەن نۇرغۇنلىغان دەپسەندىچىلىككە قارىماستىن، ئىنسانلارنىڭ قولغا كەلتۈرگەن ئۇتۇقى بولۇپ قالدى.
سوغۇق مۇناسىۋەتلەر ئۇرۇشنىڭ ئاخىرلىشىشى بىلەن دۇنيا بۇ جەھەتتە باشقا بىر باسقۇچقا قەدەم باستى، بەزىلەر ( فۇكۇياماغا ئوخشاش ) بۇ باسقۇچقا جەڭگى – جېدەل ياكى ئۇرۇشلارنىڭ، ئىدىئولوگىيەلىك توقۇنۇشلارنىڭ، يەنى تارىخنىڭ خاتىمىسى دەپ ئۇرۇشتىن خالىي بىر دەۋردىن خۇش بىشارەت بەرسە؛ يەنە بەزىلەر ( خانتىڭتونغا ئوخشاش ) ئەكسىچە جېدەل ۋە ئۇرۇشلارنىڭ شەكلى ۋە دائىرىسىنى ئۆزگەرتىپ مەدەنىيەتلەر ( دىنلار ۋە كۈلتۈرلەر ) توقۇنۇشى شەكلىدە داۋاملىشىدىغانلىقى، قورقۇنچلۇق كۈنلەرنىڭ ئىنسانلارنى ساقلاۋاتقانلىقىدىن بىشارەت بەردى. مەيلى بۇ ياكى ئۇ ئەمەلگە ئاشقان بولسۇن، ھەر نەرسە ناھايىتى تېز سۈرئەتتە ئۆزگۈرۈش ھاسىل قىلىۋاتقان دۇنيامىزدا كىشىلىك ھوقۇق، دىموكراتىيەگە ئوخشاش ئۇقۇملارنىڭ ئالەملىك قىممەت – قاراشقا ئايلىنىشى رەت قىلغىلى بولمايدىغان دەرىجىگە يەتكەن بولۇپ، بۇ ساھەدىكى بەزى دەپسەندىچىلىكلەر ( ئاساسەن دېگۈدەك ) پۈتۈن دۇنياغا تەسىر كۆرسىتىدىغان ھالغا كەلدى.
ئىنسانلارنىڭ مەجبۇرىيەت سەۋەبىدىن ئەپلىشىش باسقۇچىغا قەدەم قويغان ئىككىنچى ساھە – مۇھىت بىلەن سۈلھى قىلىش، مۇھىت ئېڭىنى يۇقىرى كۆتۈرگەن « مۇھىت » ئۇقۇمىمۇ « كىشىلىك ھوقۇق » ئۇقۇمىغا ئوخشاش دۇنيا خاراكتېرلىك كىملىككە ئىگە بولدى. كۈنىمىزدە خۇددى كىشىلىك ھوقۇقنىڭ ۋەتەن چېكى بولمىغىنىدەك، مۇھىت بۇلغىنىشىنىڭمۇ ۋەتەن چەكلىمىسىنىڭ يوقلىقى، بۇلغىنىشنىڭ چەك – چېگرا تونۇمايدىغانلىقى ( چەرنوبىلغا ئوخشاش ۋەقەلەر ) ئايان بولدى؛ بىئولوگىيلىك بۇلغىنىش، يادرو قۇرالغا ئىگە بولۇش، تۈرلۈك سۈيۈقلاندۇرۇلغان گازلارنىڭ دۇنيانى ۋە ئوزۇن قاتلىمىغا خەۋپ يەتكۈزىۋاتقانلىقى، بۇ خەۋپنىڭ ئىنسانىيەتنىڭ تەقدىرى بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك ئىكەنلىكى، بۇنىڭغا ئوخشاش ھەرقانداق يەرشارىۋى پالاكەتنىڭ يەرشارىنىڭ ۋە ئىنسانىيەتنىڭ ئورتاق پالاكىتى بولىدىغانلىقى شەرتسىز تەن ئېلىندى.
گەرچە سانائەتلىشىشتىن ھالقىپ ئۆتۈشنىڭ باشلىنىشى بىلەن يېڭى – يېڭى مەسىلىلەر ئوتتۇرىغا چىققان بولسىمۇ، شۇنىڭ بىلەن بىرگە ھەل قىلىش تەدبىرلىرىمۇ ئوتتۇرىغا چىقماقتا. كىشىلىك ھوقۇق بىلەن مۇناسىۋەتلىك مەسىلىلەر بىلەن بىرگە باشقا نۇرغۇنلىغان مەسىلىلەرگە دۇنيا مىقياسىدا چارە – تەدبىرلەر ئىزدەش باشلاندى. شۇنىڭ بىلەن بۇ يېڭى چۈشەنچە يەرشارىلىشىشنىڭ نامايەندىسى سۈپتىدە قوبۇل قىلىنىشقا باشلاندى.
ئەركىنلىك، ھەق – ھوقۇق، باراۋەرلىك ئۇقۇملىرى تۇنجى دۆلەتنىڭ شەكىللىنىشىدىن تارتىپ ئىنسانىيەت كۆڭۈل بۆلۈپ كەلگەن ئۇقۇملاردۇر. لېكىن بۇ ئۇقۇملارنىڭ ئىزاھلىنىشى ھەر دەۋردە پەرقلىق چۈشەنچىلەرنى ھاسىل قىلدى. ھۆكۈمدارلار بۇ ئۇقۇملارنىڭ ئېنىقلىمىسىنى ئۆزلىرىگە لايىق شەكىلدە بەرگەن ۋە بۇنى قوبۇل قىلدۇرغانىدى. كۈنىمىز دۇنياسىدا (يەر شارىلاشقان بىر دۇنيادا ) بۇ كۈچ كاپىتالىزمنىڭ ئىلكىدە بولۇپ، كاپىتالىزم سوغۇق مۇناسىۋەتلەر ئۇرۇشى ئاخىرلاشقاندىن كېيىن ئۆزىنى پۈتۈن دۇنياغا قوبۇل قىلدۇردى. « سوغۇق مۇناسىۋەتلەر ئۇرۇشىنىڭ ئىقتىساتتىكى ئەكسى سۈپتىدە كاپىتالىست تۈزۈم بىلەن سوتسىيالىست تۈزۈم ئوتتۇرىسىدىكى ئۇرۇش، بېرلىن تېمىنىڭ ئۆرۈپ تاشلىنىشى بىلەن ئاخىرىلاشتى. شۇنىڭ بىلەن كاپىتالىزمنىڭ ئەركىن رىقابەت ۋە ئەركىن بازار ئىگىلىكىگە ئاساسلانغان ئىقتىسادى سىياسەتلىرىگە ‹ دۇنيانىڭ ھەممىسى بازار › دېگەن قاراش ھاكىم بولدى. ئۇچۇر – ئالاقە ۋاستىلىرىنىڭ تەرەققىي قىلىشى نەتىجىسىدە دۆلەتلەر ئۆز تېرىتورىيەىسىنىڭ سىرتىدا يۈزبەرگەن سىياسى ئىقتىسادى ۋە سىياسى ئۆزگۈرۈشلەرنى كۆزىتىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە بولدى. شۇنىڭ بىلەن بازار ئېچىش ۋە بازارنى كېڭەيتىش ئۇرۇشى باشلىدى » ( ھەلۋاجى، 2006 ). سوغۇق مۇناسىۋەتلەر ئۇرۇشىنىڭ كىشىلىك ھوقۇق ساھەسىدىكى نامايەندىسى، ئەمدى زەپەر ئېلان قىلغان كاپىتالىزمنىڭ بۇ يېڭى تەرتىپنى قوغداش تىرىشچانلىقى شەكلىدە ئەكس ئەتتى. شۇنىڭ بىلەن قۇتۇپلىشىش ۋە كۈچىنىڭ تېخىمۇ ئاجىزلىشىشىنى خالىمىغان كۈچلەر، يېڭى تەرتىپنى قوغداش ئۈچۈن كىشىلىك ھوقوق مەسىلىسىدە ئۆزگەرتىشلەر ئېلىپ باردى.

2. يەرشارىلىشىش ۋە كىشىلىك ھوقۇق

« يەرشارىلىشىش ئىبارىسى مۇنداق ئىككى مەنىدە ئىشلىتىلمەكتە: بىرىنچى مەنىسىدە يەر شارى پىلانىتى؛ ئىككىنچى مەنىسىدە بىر پۈتۈن ياكى بىر پۈتۈن دەپ چۈشىنىلگەن ئامىللار زەنجىرى نەزەردە تۇتۇلماقتا. بۇ ئىككىنچى مەنىدە يەرشارىلىشىش – ئىقتىسادى، ئىجتىمائىي ۋە كۈلتۈر جەھەتتىن بارغانسېرى قېلىپلىشىپ بىر خىللاشقان بىر دۇنيانى ۋە ئەگەر ئەمەلىي كۈچ بىلەن زورلاپ تېڭىلمىسا، بۇ بىر خىللىشىش بىلەن ئوخشاش ۋاقىتتا مەۋجۇت بولغان، ئوخشاشماسلىقلارنىڭ ئىتىراپ قىلىنىپ مەۋجۇتلىقىنى داۋاملاشتۇرۇشىغا قارىتا دىئالىكتىكىلىق مۇناسىۋەتنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بىر جەرياننى ئىپادىلەيدۇ. يەنى، يەرشارىلىشىش بىردىن ئارتۇق ئامىل يانمۇيان ئورۇن ئالغان، زىچ گىرەلىشىپ كەتكەن مۇرەككەپ جەرياننىڭ ئىسمىدۇر » ( تۈركباغ، 2002: 229 ). قىسقىچە قىلىپ ئېيتساق، « دۇنيانىڭ تاق ماكان سۈپتىدە ئىدراك قىلغىلى بولىدىغان دەرىجىدە تارىيىپ كىچىكلىشى مەنىسىنى بىلدۈرىدىغان بىر جەريان » ( تۇتار، 2000:18 )نى ئىپادىلەيدىغان يەرشارىلىشىش؛ ئىقتىسادى، سىياسى، ئىجتىمائى ۋە كۈلتۈر جەھەتتىكى قەدىرىيەتلەرنىڭ ۋە بۇ قەدىرىيەتلەر دائىرىسى ئىچىدە شەكىللەنگەن جۇغلانمىلارنىڭ مىللىي تېرىتۇرىيەدىن ھالقىتىلىپ دۇنياغا تارقىتىلىشى دەپ قارالماقتا. يەرشارىلىشىشنى ئىدارك قىلىش ئۈچۈن دۆلەت چېگرىسى بولمىغان بىر دۇنيانى كۆز ئالدىمىزغا كەلتۈرۈش ئۈنۈملۈك باشلىنىش بولىدۇ. بۇ تۈزۈمدە چېگرالار ئارقىلىق بىر – بىرىدىن ئايرىۋېتىلمىگەن بىر دۇنيا تەسەۋۋۇر قىلىنماقتا. بۇ ئەھۋالدا رايۇن خاراكتېرلىق كۈلتۈرلەرنىڭ ئەھمىيىتى قالمايدۇ. بۇنداق بىر دۇنيادا شۈبھىسىزكى، يېڭىدىن شەكىللىنىدىغان جەمئىيەتتە شەخسلەر ئارىسىدا ئوخشاشماسلىقلار ھاسىل بولىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىرگە، بۇ ئۆزگىچىلىكلەرگە قارىتا كەڭ ئىجتىمائىي مۇھىت شەكىللىنىدۇ.
يەرشارىلىشىش ئاساسەن دېگۈدەك تاۋار، مۇلازىمەت ۋە ئىنسان ئامىلىنىڭ ئەركىن ئايلىنىشى بىلەن يەرشارىدىكى ئىقتىسادىي ئىلگىرلەشنى تەكىتلىسە؛ يېڭى دۇنيا تەرتپىدە ھەممىدىن بەك دۇنيانىڭ يېڭى ۋەزىيىتىنى قانۇنى ۋە خەلقئارا مۇناسىۋەتلەر جەھەتتىن مۇلاھىزە قىلىدىغان چۈشەنچىنى ئۆزىگە ئۇل قىلدى. بۇ دائىرىدە يەرشارىلىشىشنى ئوتتۇرىغا چىقارغان ئامىللارغا نەزەر تاشلىغان ۋاقىتىمىزدا، يەرشارىلىشىشنىڭ ھەم سەۋەبى بولۇپ ھېسابلانغان، ھەم نەتىجىسى سۈپتىدە ئوتتۇرىغا چىقىپ مۇقىملىشىپ قالغان، ئارقىمۇئارقا يۈزبەرگەن ئۈچ يېڭىلىقنى تىلغا ئېلىش مۇمكىن. بۇلار، 1970 – يىللاردا خەلقئارالىق شىركەتلەرنىڭ ئوتتۇرىغا چىقىشى، 1980 – يىللاردا ئالەم بوشلۇقىدا ئالاقە ئىنقىلابىنىڭ ئېلىپ بېرىلىشى ۋە 1990 – يىللاردا سوۋىت ئىتتىپاقىنىڭ پارچىلىنىپ تارىخقا كۆمۈلىشىدۇر.
خەلقئارا شىركەتلەرنىڭ ئوتتۇرىغا چىقىشى مىللەت ھاسىل قىلغان مىللىي بازار بىرلىكىنى ۋە مىللىي دۆلەتنى ئاجىزلاشتۇرغان بولۇپ، بۇنىڭ نەتىجىسىدە مىللىي دۆلەتلەردىن ئۈستۈن تۇرىدىغان ئورگان ۋە تەشكىلاتلار پەيدا بولۇپ، دۇنيا ئىقتىسادىي جەھەتتىن بىر يەرشارى دۆلىتىگە ئايلىنىشقا باشلىدى. شىمالىي ئامېرىكا ئىقتىسادىي ھەمكارلىق تەشكىلاتى (NAFTA)، ياۋروپا ئىتتىپاقى، يىراق شەرقى بىرلىكى (APEK)گە ئوخشاش رايۇن خاراكتېرلىق ئىتتىپاقلار بىلەن بىرگە، دۇنيا بانكىسى، دۇنيا سودا تەشكىلاتى، IMFغا ئوخشاش يەرشارىۋى ئىقتىسادىي تەشكىلاتلار، General Motors, Coca Cola, Mitsubishi غا ئوخشاش خەلقئارالىق شىركەتلەر ( ۋە بارغانسېرى تويلىشىش ئارقىلىق بىرلىشىپ چوڭايغان قىممەت – قاراشلار ) بۇ جەريانغا تەسىر كۆرسەتكەن قۇرۇلمىلار سۈپتىدە دۇنيادا ھۆكۈم سۈرۈشكە باشلىدى. بۇ سەۋەپتىن بۇ يۆنىلىش مۇشۇنداق داۋام قىلسا، كېلەچەكتە مىللىي دۆلەتلەرنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقىدىن زىيادە، مالىيە كۈچى نۇرغۇن دۆلەتنىڭ ئىقتىسادىي كۈچىدىن يۇقىرى بولغان يەرشارى خاراكتېرلىق شىركەتلەرنىڭ ھۆكۈمرانلىق ساھەسى مۇنازىرە قىلىنىدۇ. ئەھۋال مۇشۇنداق بولغاچقا بۇ شىركەتلەر ئىشىكنى ئېچىۋېتىش سىياسىتى يۈرگۈزۈپ، بىردىنبىر بازار دەپ قارىغان دۇنيادا ئەڭ يۇقىرى چەكتىكى پايدىغا ئېرىشىپ، رىقابەت كۈچلىرىنى ساقلاپ قېلىش ئۈچۈن تەپتارتماستىن ھەر تۈرلۈك كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكلىرىنى سادىر قىلماقتا. بۇنىڭدىن سىرت، خەلقئارا ۋەزىيەت يارىتىپ بەرگەن پۇرسەتتىن پايدىلانغان بەزى كۈچلۈك دۆلەتلەرمۇ خەلقئارا قانۇن، خەلقئارالىق تەشكىلاتلارنىڭ قائىدە-پىرىنسىپلىرىغا زىت ھالدا تىرروتورىيەسىدىكى مىللەت ۋە توپلۇقلارنىڭ ھەق-ھوقۇقلىرىنى دەپسەندە قىلماقتا.
ئالەم بوشلۇقىدا ئۇچۇر- ئالاقە ئىنقىلاۋىنىڭ روياپقا چىقىشى بىلىمنىڭ تەرەققىي قىلىشى، ساقلىنىشى ۋە يەتكۈزۈلىشىنى ھەم سان ھەم سۈپەت جەھەتتىن ئۆزگەرتتى. بىلىمنىڭ ھاسىل قىلىنىشى كۈنسېرى ئېشىپ كۆپ خىللىشىپ، يېڭى ئىجاد قىلىنغان ساقلىغۇچلاردا ساقلاش قولايلىق ھالغا كەلدى ۋە يەتكۈزۈپ بېرىشىمۇ بۇرۇنقىغا قارىغاندا زور دەرىجىدە تىزلەشتى. بۇلار بىلەن بىرگە، ئۇچۇرغا ئېرىشىشمۇ ئاسانلاشتى ( بۇ قولايلىق ئۇچۇرغا ئېرىشىش نۇقتىسىدىن ئازراق بولسىمۇ باراۋەر پۇرسەت ياراتتى )، ئۇچۇرنىڭ قارار چىقىرىش جەريانىدا مۇھىم رول ئوينىشى، ئىشلەپچىقىرىش جەريانىنى ۋە ئىشلەپچىقىرىشتىن كېلىپ چىققان مەسىلىلەرنىمۇ پەيدا قىلدى. تەشكىللىنىش، ئىشسىزلىق ۋە ئىشچىلار ئۇيۇشمىسى قاتارلىق مەسىلىلەر تېز سۈرئەتتە كۆپەيدى، ھەمدە ئۇچۇر تېخنىكىلىرى ۋە ئالاقىغا تەسىر كۆرسەتكەن ئالەم بوشلۇقى تەرەققىياتلار يېڭى بىر باسقۇچىنىڭ ئىشكىنى ئېچىپ، بىلىم بىلەن پەتىھ قىلىشنى ھەربىي كۈچ ئارقىلىق ئىشغال قىلىشنىڭ ئورنىغا دەسسەتتى. مۇستەملىكە ۋە جاھانگىرلىك دەۋرىنىڭ ياشاش ۋە ھۆرلۈك ھەققى بولۇپ بارلىق كىشىلىك ھوقۇقنى دەپسەندە قىلغان قانلىق ھەربىي ئىستىلالارنىڭ ئورنىنى تەننەرخى تېخىمۇ ئاز بولغان تېخنىكىلار ئالدى. بۇ تېخنىكىلار تۈرتكىسىدە دۇنيادىكى چەك – چېگرالار ئىلگىرىكى مەنىسىنى يوقاتقان بولسا، يېڭى شىركەتلەر ئۈچۈن دۇنيا بىردىنبىر ۋە ئوچۇق بازارغا ئايلاندى. چوڭ شىركەتلەر بۈگۈن تېلېۋېزۇر، ئىنتېرنېت، ئوپتىك سىم، سۈنئىي ھەمراھ، كۆپ ئىقتىدارلىق ساقلىغۇچلار ۋە كۆپ خىل ئالاھىدىلىككە ئىگە مېتاللار سايىسىدا بازار ۋە بازارنى تەشكىل قىلغۇچىغا تەسىر كۆرسەتمەكتە. زىچ كىرىشىپ كەتكەن مەدەنىي، ئىجتىمائىي، سىياسىي ۋە ئىقتىسادىي مۇناسىۋەتلەر تورىغا ۋەياكى بۇلاردىن بىرسىگە تەسىر كۆرسىتىش ئارقىلىق ( مەسىلەن: تېلېۋېزۇردا بىر ئىشتان ئېلانى ئارقىلىق بارچىنىڭ ئۆيىگە كىرىپ ) باشقا مۇناسىۋەتلەرنى ( مەدەنىي، ئىجتىمائىيغا ئوخشاش ) شەكىللەندۈرمەكتە. بۇ ئارقىلىق بەزى جەھەتتىن قېلىپلاشقان ئىقتىسادىي ۋە مەدەنىيەت ئەندىزىسى ھاسىل قىلىپ، مۇرەككەپ قۇرۇلمىلارنى مەيدانغا كەلتۈرمەكتە. بۇمۇ يەرشارىلىشىش جەھەتتىن يېڭى شەكىلدىكى دەپسەندىچىلىكلەرنى ۋە يەرشارىۋى خاراكتېرلىق قارشى چىقىش بىلەن بىرگە يېڭىچە ئۇسلۇپتىكى تەدبىرلەرنى مەيدانغا كەلتۈردى.
سوۋىت ئىتتىپاقىنىڭ پارچىلىنىشى بۇ ئۆزگۈرۈشلەرنىڭ بىر نەتىجىسى سۈپتىدە مەيدانغا كەلگىنىدەك، بۇ پارچىلىنىش يەنە مەزكۇر باسقۇچىنى تېخىمۇ كۈچەيتىپ ئومۇمىيلاشتۇردى. شۇنىڭ بىلەن دۇنيا ئامېرىكىنىڭ ھۆكۈمرانلىقى ئاستىدا بىر قۇتۇپلۇق ھالغا كېلىپ، سوغۇق مۇناسىۋەتلەر ئۇرۇشى مەزگىلىدىكى ۋەزىيەت ئامېرىكىغا پايدىلىق شەكىلدە ئۆزگەردى. سوتسىيالىزىمنىڭ سوۋىت ئىتتىپاقىدىكى مەغلۇبىيەتلىك تەجرىبىسى نەتىجىسىدە دۇنيا ئەركىن ھالغا كەلدى، شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى- ناتو دۇنيانىڭ ئەڭ مۇھىم ھەربىي كۈچى سۈپتىدە ئەمەلدىن قالغان ۋارشاۋا كېلىشىمىنىڭ ئورنىنى ئېلىپ مەۋجۇتلىقىنى ساقلاپ قالدى. بۇ جەرياندا ئىقتىسادىي قۇرۇلما ئۈستىدە يۈكسەلگەن يەرشارىلىشىش، مەسىلىنى ھەل قىلىش شەكلىدە مەبلەغنى ئۈركۈتىۋەتمەيدىغان يېڭى چىقىش يوللىرى ئىزدەشكە كىرىشتى. لېكىن بۇ ئىزدىنىش ئېلىپ بېرىلىۋاتقان مەزگىلدە يۈزبەرگەن 11 – سېنتەبىر ۋەقەسى ھەممىنى ئاستىن – ئۈستۈن قىلىۋېتىپ، بۇ ئۆزگۈرۈشلەرنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالغان يېڭى تەرتىپ شەكىللەندۈرۈش زۆرۈرىيىتىنى شەكىللەندۈردى، مانا بۇ شەرت – شارائىت ئاستىدا ئافغانىستان ۋە ئىراق لاھىيەلىرى بۇش ۋە ھەمراھلىرى تەرىپىدىن ئەمەلىيلەشتۈرۈلدى. تارىخنىڭ خاتىمىسى ( فۇكۇياما ) نەزىرىيىسى ئوتتۇرىغا ئەمدى قويۇلۇپ تۇرۇشىغا، بۇ قېتىم مەدەنىيەتلەر توقۇنۇشى نەزەرىيىسىنى ( خانتىڭتون ) راۋاجلاندۇرۇپ، ئەمەلىي ئىجرائات نەزىرىيىسىگە ئايلاندۇردى. بۇ ئىدىئولوگىيە ئاستىدا شەخس دەپسەندىچىلىكتىنمۇ ھالغان ھالدا دۆلەتلەر مىقياسىدا ۋە كوللىكىتىپ ھالىتىدە سادىر قىلىنغان كىشىلىك ھوقۇق دەپسەنچىلىكلىرى، بۇنىڭغا قارشى يېڭى پائالىيەتچىلەر، يېڭى ھەرىكەت شەكىللىرى ( جېنىنى تىكىپ قوغداشقا ئوخشاش ) قوللاشقا ئېرىشىپ، دۇنيا تىنچلىقى ئۈچۈن رۇسسەل (Russel) مەھكىمىسىگە ئوخشاش ئورگان ۋە تەشكىلات ھالىغا كېلىش ئەھۋاللىرى قايتىدىن ھەل قىلىش تەدبىرلىرى سۈپتىدە ئوتتۇرىغا چىقىشقا باشلاپ، بۇ مەقسەتتە خىزمەتلىرىنى باشلىدى. كانت (Kant)نىڭ يارقىن ئىپادىسى بىلەن ئېيتساق، « دۇنيا بۇ شەكىلدە ئالغا قاراپ ماڭسا يا بىر بولىدۇ ياكى يوق ». بۇ نۇقتىدا بىلىشكە تېگىشلىك بولغان نەرسە، يوق بولۇشنىڭ ئورنىغا بىر بولۇشنىڭ قەدىر – قىممىتىنى بىلىپ يېتىشتۇر.
مانا بۇ دائىرە ئىچىدە خەلقئارالىق كىشىلىك ھوقۇق ئۇقۇمى ۋە بۇ ھوقۇقلارنىڭ خەلقئارادا قوغدىلىشى ئۈچۈن تۈزۈلگەن قانۇن ۋە تەشكىلاتلار، مۇئەييەن دەرىجىدە زامانىۋى يۇرتداشلىق شەكىللەندۈرگەن كۈچ، ھەق ۋە ئەركىنلىكلەرنى شەخس تۇغۇلۇپ چوڭ بولغان جەمئىيەتنىڭ قۇرۇلمىسى ۋە سىياسى تۈزۈمىنىڭ ئىتىراپ قىلىشىدىن ئايرىپ، ئىنسان بولۇش سۈپىتى بىلەن، يەنى تېخىمۇ ئوچۇق قىلىپ ئېيتساق، لىبرال (ئەركىن) تەلىماتلارنىڭ ئۇل تېشى بولغان ئەركىن شەخس بىلەن باغداشتۇرىدۇ . ئامېرىكىلىق لىبرال مۇتەپەككۇر جون راۋلس، 1971 – يىلى ئېلان قىلغان تۇنجى كىتاۋى « ئادالەت نەزىرىيىسى » دا كانت تەرەپتارى كونسترىكتىۋىست ( قۇرۇلما ) چۈشەنچىگە ئاساسەن، قۇرۇلمىنىڭ ھالقىلىق پرىنسىپلىرىنى بەلگىلەپ چىقىشىمىزنىڭ يولى بولىدىغان بىر ئۇسلۇبنى ئىلگىرى سۈرگەن. راۋلس ئاساسى قۇرۇلمىغا مۇناسىۋەتلىك ئىككى ئادالەت پرىنسىپىگە ئېرىشكىلى بولىدىغانلىقىنى ئېيتىدۇ. 1. ھەر قانداق شەخس بارچە كىشى ئۈچۈن ئەڭ كەڭ دائىرىلىك ھەق ۋە ئەركىنلىك نىزامىنى شەكىللەندۈرگەن بىر پۈتۈن سىستېما ئىچىدە باراۋەر ئەركىنلىككە ئىگە بولۇشى كېرەك ( ئەركىنلىك پرىنىسىپى ). 2. ئىجتىمائىي ۋە ئىقتىسادىي باراۋەرسىزلىكلەر، 1) ئەڭ كۆپ زىيان تارتقۇچىنىڭ پايدىسىغا بولۇشى، 2) ئادىل پۇرسەت باراۋەرلىكى شەرتى ئاستىدا ئىجتىمائىي ئورۇن ۋە نوپۇزلارنىڭ بارچىغا ئوچۇق بولۇش شەرتى ئاستىدا تۈزۈپ چىقىلىشى كېرەك ( ئوخشاشماسلىق پرىنسىپى ).

3. يېڭى دۇنيا تەرتىپى كەلتۈرۈپ چىقارغان شەكىل ۋە كىشىلىك ھوقۇق

سوۋىت ئىتتىپاقى پارچىلانغاندىن كېيىنكى دۇنيانىڭ يېڭى ۋەزىيىتى پەرقلىق چۈشەنچىلەر تەرىپىدىن ئوخشاش بولمىغان شەكىلدە بۆلۈندى. مەسىلەن: خانتىڭتون (1997:17) سوغۇق مۇناسىۋەتلەر ئۇرۇشى مەزگىلىدە دۇنيانىڭ بىرىنچى، ئىككىنچى ۋە ئۈچىنچى دۇنيا ئەللىرىگە ئايرىلغانلىقىنى، بۇ ئايرىلىشنىڭ يېڭى دەۋرگە مۇۋاپىق كەلمەيدىغانلىقىنى، بۇ سەۋەپتىن ھازىرقى دۇنيانى سىياسى ياكى ئىقتسادىي تۈزۈملەر ۋەياكى ئىقتىسادىي تەرەققىياتلارغا ئاساسەن سىنىپلارغا ئايرىغىلى بولمايدىغانلىقى، بۇنىڭ ئورنىغا دۇنيانى كۈلتۈر ۋە مەدەنىيەت بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئۇقۇملار بىلەن گۇرۇپپىلارغا ئايرىش كېرەكلىكىنى ئىلگىرى سۈردى.
بۇنىڭغا قارشى ئامېرىكا سۋاردمور (Swarthmore) ئۇنىۋېرسىتېتى سىياسى پەنلەر پروفېسسورى جېمىس كۇرس (James Kurth)نىڭچە دۇنيادا ھازىرمۇ ئۇرۇشنى مەركەز قىلغان ئېنىقلىما ۋە بۆلۈنۈشلەر داۋاملىشىۋاتىدۇ. بۇلارنى 1) ئامېرىكا، ياپۇنىيە ۋە گېرمانىيە ئوتتۇرىسىدىكى سودا ئۇرۇشلىرى. 2) ئىسلامنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئۇرۇشلار. 3) سابىق سوۋىت ئىتتىپاقى، سابىق يۇگۇسلاۋىيە ۋە ئافرىقىدىكى نانقىپى ئەللەردە داۋاملىشىۋاتقان مىللىي توقۇنۇشلار. 4) ياكى ئامېرىكا بىلەن رۇسىيە ۋە خىتاينى ئۆز ئىچىگە ئالغان ھالدا قايتىدىن جانلىنىدىغان سوغۇق مۇناسىۋەتلەر ئۇرۇشى دەپ ئايرىشقا بولىدۇ.
بۇنىڭدىن باشقا كۈنىمىز دۇنياسىدا كىشىلەر بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك بولغان مەسىلىلەرنىڭ ئەڭ ئالدىدا « شەخس بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولغان بالىنى ئالدۇرۋېتىش ( ھايات قاچان باشلايدۇ؟ )، ئۆتەنازى ( ھايات قاچان ئاخىرلىشىدۇ ۋە بۇنى كىم قارار قىلىدۇ؟ )، پىلاستىك ئوپراتسىيە، گۈزەللىك مۇتەخەسسىلىكى، كۆپەيتىش قاتارلىق مەسىلىلەرنىڭ كېلىدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگۈچىلەرمۇ مەۋجۇت (Brzezinski,1997:123). لېكىن ھازىر 1) يەرشارىلىشىشنىڭ پاراۋۇزى بولغان ئەللەر ( ئامېرىكا ۋە غەربى ياۋروپا )؛ 2) يەرشارىلىشىشغا قوشۇلماقچى بولغان ئەللەر ( تەرەققىي تاپقان 7 دۆلەتنىڭ سىرتىدىكى تەرەققىي قىلغان 20 دۆلەت )؛ 3) يەرشارىلىشىشقا قارشى چىققان ( بولۇپمۇ ئامېرىكىغا نوچىلىق قىلغان ئىراق، ئىران، سۈرىيە، سۇدان، لىۋىيە، شىمالى كورېيەگە ئوخشاش ) ئەللەر ۋە بۇ سەۋەپتىن 1. گۇرۇپپىدىكى دۆلەتلەر تەرىپىدىن چەتكە قېقىلغان ئەللەر دەپ ئايرىش كۈنتەرتىپكە ئورۇن ئالدى.
كۈنىمىزدە بارغانسېرى كۈنتەرتىپكە كېلىۋاتقان يەنە بىر تۈرلۈك ئايرىش بولسا مۇسۇلمان – خىرىستىيانلىقتىن ئىبارەت دىن مەركەزلىك تۈرگە ئايرىشتۇر. بىر تەتقىقاتقا كۆرسىتىلىشىچە دۇنيادا نوپۇسىنىڭ كۆپ سانلىقى مۇسۇلمان بولغان 55 دۆلەت مەۋجۇت. بۇ ئەللەرنىڭ جەمئىي نوپۇسى 1 مىليارد 300 مىليۇن ( دۇنيا نوپۇسىنىڭ 22% ) بولۇپ، دۇنيا مىللىي ھاسىلاتىدا 3.8%نى ئىگىلەيدۇ. كىشى بېشىغا توغرا كېلىدىغان مىللىي دارامەت ئوتتۇر ھېساپ بىلەن 2599 دوللار . بۇنىڭ قارشى قۇتۇبىدا دۇنيادا 110 خىرىستىيان دۆلەت بار بولۇپ، 2 مىلىيارد ئەتراپىدا ( دۇنيا نوپۇسىنىڭ 33% ) كىشى ياشىماقتا ۋە دۇنيا مىللىي ھاسىلاتدا 68.4%نى بۇ ئەللەر ئىگىلەيدۇ. بۇ ئەللەرنىڭ كىشى بېشىغا توغرا كېلىدىغان مىللىي دارامىتى مۇسۇلمان ئەللەرنىڭ ئۈچ ھەسسىگە توغرا كېلىدۇ ( 7750 دوللار ). يەنى بۇ، دۇنيادىكى ھەر 100 دوللارنىڭ 3.8ى مۇسۇلمانلارنىڭ، 68.4ى خىرىستىيانلارنىڭ دېگەنلىكتۇر ( سىتار گېزىتى، 15.10.2001 ). بۇ ئەھۋال تەڭپۇڭسىز بىر ۋەزىيەتنى ئەكس ئەتتۈرۈپلا قالماستىن، توقۇنۇشلارغا ھامىلە ئەھۋالنىمۇ ئەكس ئەتتۈرىدۇ . مانا بۇلارنىڭ ھەممىسى دۇنيانىڭ قايتىدىن قۇرۇپ چىقىلىۋاتقانلىقىنىڭ روشەن ئىپادىسى.
نەتىجە ئىتىبارى بىلەن قارىغان ۋاقتىمىزدا 11 – سېنتەبىر ھۇجۇمى باھانە قىلىنىپ پەقەت ئافغانىستانغىلا ھەربىي يۈرۈش ئېلىپ بېرىلمىدى، پەقەت ئىراقلا ئىشغال قىلىنمىدى. ئەسلىدىكى ئاساسلىق مەقسەت، يېڭى دۇنيا تەرتىپىنى ( پايدىسىز تەرەپلىرى تۈزىتىلىگەن ھالدا ) قايتىدىن شەكىللەندۈرۈپ، يېڭىدىن ئەمەلىيلەشتۈرۈش ئىدى.
بۇ مەقسەتتە ئامېرىكا ھەم مالىيە جەھەتتىكى مەسىلىلەر، ھەم يېڭى ئىقتىسادىي كۈچلەر ( ياپۇنىيە، گېرمانىيەگە ئوخشاش )، ھەم يېڭى باش كۆتۈرۈپ چىققان ئىستىراتېگىيەلىك كۈچلەر ( خىتاي، ياۋروپا بىرلىكى ) ئالدىدا ۋە دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىنى تىزگىنى ئاستىدا تۇتۇپ تۇرۇش، دۇنيانىڭ بىرىدىنبىر خوجايىنى بولۇش ۋە يېڭى دۇنيا تەرتىپىنى شەكىللەندۈرۈش قاتارلىق مەسىلىلەردە قىيىنچىلىقلارغا دۇچ كەلمەكتە، كۈچى بارغانسېرى ئاجىزلاشماقتا.
سوغۇق مۇناسىۋەتلەر ئۇرۇشىدىن كېيىن شەكىللەنگەن يېڭى دۇنيا تەرتىپى، بولۇپمۇ ئىككى چوڭ ئۆزگۈرۈش سەۋەبىدىن خەۋپكە ئۇچرىماقتا. بىرىنچىسى، خىتاي، رۇسىيە، گېرمانىيە، ياپۇنىيە ۋە ھىندىستانغا ئوخشاش ئەللەرنىڭ كۈنسېرى كۈچىيىشى ۋە يېڭى دۇنيا تەرتىپىگە سىغماي قېلىشى بولۇپ، خىتاي ۋە رۇسىيەنىڭ ھەربىي جەھەتتىن كۈچىيىشى، گېرمانىيە ۋە ياپۇنىيەنىڭ ئىقتىسادىي جەھەتتىن كۈچىيىشى، ھىندىستاننىڭ يادرو قورالغا ئىگە بولۇشى قاتارلىقلار ئامېرىكا ۋە ئۇ لاھىيلىگەن يېڭى تەرتىپنى خەۋپكە ئۇچراتماقتا. بۇ ۋەزىيەت ھازار بويىدىكى ئېنىرگىيە مەنبەلىرىگە ئامېرىكىنىڭ خالىغانچە ئىگە بولۇشى ۋە پايدىلىنىشىنى ھەر جەھەتتىن توسقۇنلۇققا ئۇچراتماقتا.
ئىككىنچىسى، ئىران، ئىراق، لىۋىيە، سۇدان، شىمالىي كورېيەگە ئوخشاش ( سانى ئامېرىكا تەرىپىدىن 17 دەپ بەلگىلەنگەن ) بىۋاستە ئامېرىكىغا قارشى بولغان، بۇ سەۋەپتىن يېڭى دۇنيا تەرتىپىگە قوشۇلۇشنى خالىمىغان ئەللەرنىڭ مەۋجۇت بولۇشى ۋە بۇ تەرتىپ پەيدا قىلغان خەۋپتۇر.
ئامېرىكىغا ھەربىي، ئىقتىسادى ۋە سىياسى جەھەتتىن بېسىم پەيدا قىلغان ۋە ئوبرازىنى زىدىلىگەن، ھەمدە كىشىلەردە پىسخىكىلىق مەسىلە پەيدا قىلغان 11 – سېنتەبىر ھۇجۇمى، بۇلارنىڭ ھەممىسىنى قايتىدىن تۈزەپ چىقىش ئۈچۈن ئامېرىكىغا پۇرسەت يارىتىپ بەردى. ئامېرىكىنىڭ پىرزېدېنت كارتىر دەۋرىدە دۆلەت خەۋپسىزلىك مەسلىھەتچىسى بولغان زبىگنىۋ برزېنىسكى ئامېرىكىنىڭ ۋول سىچرىت ژورنىلى گېزىتىنىڭ ياۋروپا نەشرىدە ئېلان قىلغان ماقالىسىدە بۇ پىلاننى مۇنداق بايان قىلىپ: « ئامېرىكىنىڭ كۆپ قىرلىق ئۇرۇشتا غەلىبە قىلىشى ئۈچۈن ھەم ھەربىي ھەم سىياسى فرونتتا كۈچلۈك ھەرىكەت قىلىش كېرەك. بۇ مەقسەتتە ئۇزۇن، ئوتتۇرا ۋە قىسقا مەزگىلدە ئېلىپ بېرىلىدىغان بىر پىلان بىلەن ھەرىكەت قىلىشى زۆرۈر بولىدۇ » دېگەن. برزېنىسكىنىڭچە قىسقا مەزگىللىك پىلاندا ئۇسامە بىن لادىن ۋە تالىبانغا قارشى ئۇرۇش ئېلان قىلىش ۋە بۇ ئۇرۇش « ئەلەم بېرىشى » كېرەك ئىدى. ئوتتۇرا مەزگىلدە پىلاندا تېروررچىلارغا ياردەم قىلغان ئەللەردىكى ھاكىمىيەتلەر ئاغدۇرۇپ تاشلىنىشى كېرەك ( ئىراقتا ساددامغا ئوخشاش )؛ ئۇزۇن مەزگىللىك پىلاندا بولسا رۇسىيە ۋە خىتاينىڭ ياردىمىنى قولغا كەلتۈرۈپ ئالدى بىلەن ئامېرىكا ۋە ياۋروپانىڭ بىخەتەرلىكى كاپالەتكە ئىگە قىلىنىشى كېرەك، قەتئىي نىيەتتىكى ئەللەرنىڭ بىرلىشىشىگە دىققەتنى مەركەزلەشتۈرۈش لازىم، ئاندىن تېررورىزىمنىڭ مەنبەسىنى سىياسى ۋە ئىقتىسادىي جەھەتتىن ئۈزۈپ تاشلاپ، تىزگىنلەش كېرەك . مەلۇم بولغاندەك ئافغانىستان ۋە ئىراقتا يۈز بەرگەن ۋەقەلەردىن بۇرۇن، ئامېرىكىنى مەركىزى ئورۇنغا قويغان ۋە پۈتۈن دۇنيانى ئۇنىڭ مەنپەئەتىنى چىقىش قىلغان ھالدا شەكىللەندۈرگەن بىر پىلان مەۋجۇت بولۇپ، بۇ پىلان ئىجرا قىلىندى. بۇ سەۋەپتىن ئامېرىكا بىر تاش بىلەن قۇش قەتلىئامى ئېلىپ بېرىشقا تۇتۇش قىلىپ، لادىن – تالىبادىن سەۋەبىدىن يۈزبەرگەن تېروررلۇق ھۇجۇمى باھانىسى بىلەن بۇلارنىڭ ھەممىسى ئەمەلىيلەشتۈرۈلدى .

4. كىشىلىك ھوقۇقنىڭ ئاساسى ۋە ئەڭ مۇھىم ۋە ۋەتەنداشلىق ھەق – ھوقۇقلىرى

ئىنساننىڭ ئۈچ قىسمىدىن باشقا يەنە بىر چاغداش تەرىپىنىڭ بارلىقىنى ئېيتىشقا بولىدۇ. بۇ جەھەتتىن ئېلىپ ئېيتقاندا بىئولوگىيىلىك، ئىلىم ئۈگىنىش قابىلىيىتىگە ئىگە ۋە مەنىۋى مەۋجۇدىيەت بولۇش بىلەن بىرگە، زامان جەھەتتىن ئىجتىمائىي مەۋجۇدىيەتتۇر. ئەھۋال مۇشۇنداق بولغانىكەن ئەقىلگە مۇنداق بىر سوئال كېلىدۇ: نېمە ئۈچۈن يەرشارىدا پەقەت كىشىلىك ھوقۇق تىلغا ئېلىنىدۇ؟ چۈنكى ئىنسان قىممەتلىك ۋە شەرەپلىك مەۋجۇدىيەتتۇر. ئىنساننىڭ قىممىتى، ئۇنى باشقا مەۋجۇدىيەتتىن پەرقلەندۈرۈپ تۇرغان ئامىل تەپەككۇر قىلالايدىغان ئالاھىدىلىكىدىن كېلىپ چىققان بولسا، شەرىپى ئىلىم ئۈگىنىش قابىلىيىتىگە ئۈستىگە بىنا قىلىنغان بىر مەخلۇق بولۇشىنى ئاساس قىلىدۇ. بۇ سەۋەپتىن تۈر سۈپتىدە « ئىنسان شەرىپى » مۇھىم ئورۇندا تۇرىدۇ. بۇ ئالاھىدىلىك ھەر ئىنساننىڭ « ئىنسانلىق شەرىپىگە لايىق شەكىلدە » ياشىشىنى تەقەززا قىلىدۇ. خوش، ئۇنداقتا « بۇنى قانداق قىلىپ ۋە نېمە بىلەن ئەمەلگە ئاشۇرىدۇ؟ » دەپ سورىغان ۋاقتىمىزدا، شۈبھىسىزكى، ئۆزىنى يېتىلدۈرۈش ۋە يېتىلدۈرۈش جەريانىدا ئىجتىمائىي ۋە قانۇنى مىخانىزملار تەرىپىدىن بىخەتەرلىككە ئىگە قىلىنىشى ئەقلىمىزگە كېلىدۇ. مانا بۇ مىخانىزملارنىڭ كۈنىمىزدىكى ئىسمى كىشىلىك ھوقۇقتۇر. چۈنكى ئىنساننىڭ ياشاش، خىزمەت قىلىش، ئەركىن بولۇش، خۇشال بولۇش، تەرەققىي قىلىش ۋە ئىجات قىلىشقا ئوخشاش ئەڭ زۆرۈر ھەق – ھوقۇقلارغا ئىگە بولۇشى مۇشۇنداق ھاياتنىڭ تەقەززاسى ۋە ۋازكەچكىلى بولمايدىغان شەرتلىرىدۇر. ئۇنىڭدىن باشقا دۆلەت تەرىپىدىن بېرىلگەن ياكى ئېلىنغان ۋەتەنداشلىق، سايلامدا بىلەت تاشلاش، ساياھەت، شىركەت قۇرۇش، تىجارەت قىلىشقا ئوخشاش ( ئاساسلىق ۋە ۋەتەنداشلىق ) ھەقلىرىنىڭ ھىمايە قىلىنىشىمۇ كىشى نۇقتىسىدىن ئېلىپ ئېيتقاندا ئەھمىيەتكە ئىگە بولۇپ، ناھايىتى مۇھىمدۇر.
لېكىن تەكىتلىنىشى كېرەك بولغان يەنە بىر مەسىلە بار بولۇپ، ھەرگىزمۇ سەل قاراشقا بولمايدۇ. ئۇ بولسىمۇ ئەڭ ئاساسلىق كىشىلىك ھوقۇق كاپالەتكە ئىگە قىلىنماي تۇرۇپ، باشقا ھەق – ھوقۇقلارنى قوغداپ قالغىلى بولمايدىغانلىقىنى تونۇپ يېتىشتۇر. مانا ئەڭ ئاساسلىق كىشىلىك ھوقۇقنىڭ ئۇلى، بارلىق ئىنسانلارنى باراۋەر قىلغان ئامىل، دەل ئىنساننىڭ « شەرىپى » ياكى « قىممىتى »دۇر. بۇ ھەقلەر ئاساسلىق مەقسەت بولۇپ، باشقىلارغا ئۆتۈنۈپ بەرگىلى بولمايدىغان ھەق – ھوقۇقلاردۇر. ھەرقانداق ئىجتىمائىي ۋە سىياسى قارارلارنىڭ تەكتىدە يەر ئېلىشى، ھەر ۋاقىت بارچە تەرىپىدىن ھەممە ئۈچۈن قوغدىلىشى كېرەك. ئاساسلىق ھەق – ھوقۇقلار ( ياشاۋاتقان ئىجتىمائىي جەمئىيەت ۋە تۈزۈمدە بىر جەھەتتىن ئېلىپ ئېيتقاندا ) ئاجىزلارنى كۈچلۈكلەرگە قارشى قوغداش ھوقۇقىدۇر. چۈنكى جەمئىيەتنىڭ ھۆكۈمران تەبىقىسى بۇ ھەق – ھوقۇقلارنى ( ئۆز مەنپەئەتى ئۈچۈن ) كىشىلەردىن تارتىۋېلىشقا ئۇرۇنىدۇ. بۇنىڭ نەتىجىسىدە جەمئىيەتتە ئىقتىسادى ۋە ئىجتىمائىي يوقسۇللۇق ۋە كەمبەغەللىكلەر، باراۋەرسىزلىكلەر كېلىپ چىقىدۇ.
بۇ نۇقتىدا ئىنساننىڭ چاغداش ( ئىجتىمائىي ) تەرىپى ئوتتۇرىغا چىقىدۇ. چاغداش ئىجتىمائىي تەرىپى بارلىق ئىقتىسادى ۋە سىياسى يوقسۇللۇق ۋە ئاجىزلىقلارنىڭ تۈگىتىلىشىنى تەلەپ قىلىش ھەققىگە تايىنىدىغان بولۇپ، بۇ جەمئىيەتكە بۇ ھەقتە مەسئۇلىيەت ئارتىدۇ. دەۋرىمىز جەمئىيەتلىرىنىڭ سىياسى كۆرۈنۈشى دۆلەت بولۇپ، بۇ سەۋەپتىن بۇ نۇقتىدا مەسئۇلىيەت ئەڭ باشتا دۆلەتنىڭ زىممىسىدە بولىدۇ.
مەلۇم بولغىنىدەك كۈنىمىزدە كىشىلىك ھوقۇق، بىر جەھەتتىن تارىخىي باسقۇچىلارغا ئاساسەن بىرىنچى، ئىككىنچى ۋە ئۈچىنچى ئەۋلاد ھەق – ھوقۇقلار دەپ تۈرگە ئايرىلماقتا. بىرىنچى بەلۋاغ ھەق – ھوقۇقلار: بۇرژۇئا سىنىپىنىڭ فىئوداللىققا قارشى ئېلىپ بارغان كۈرىشىنىڭ مەھسۇلى بولۇپ، فرانسىيە ۋە ئەنگىلىيەدىكى ئۆزگۈرۈشلەر مۇشۇنداق بولغان. ئامېرىكىدىكى ئۆزگۈرۈش بولسا فرانسىيە، بولۇپمۇ ئەنگىلىيە يۈزبەرگەن ئۆزگۈرۈشلەرنىڭ ئەكسىدۇر. ئىككىنچى ئەۋلاد ھەق – ھوقۇقلار دەپ ئىزاھلانغان ئىقتىسادى، ئىجتىمائىي ۋە مەدەنىيەت ھەق – ھوقۇقلىرى كېيىنكى يىللاردا ئوتتۇرىغا چىققان. بۇ ھەق – ھوقۇقلار، ئوتتۇرىغا چىققان ئىجتىمائىي باراۋەرسىزلىكلەرگە قارشى ئىشچىلار ئېلىپ بارغان كۈرەشنىڭ نەتىجىسى ئىدى. ئۈچىنچى ئەۋلاد ھەق – ھوقۇقلار دەپ ئاتالغان تىنچلىق، تەرەققىيات، مۇھىت ھەق – ھوقۇقى ۋە كۈلتۈر خاراكتېرلىق قەدىرىيەتلەردىن ئورتاق بەھرىمان بولۇش ھەق – ھوقۇقى بولسا، ھازىرمۇ بىلىم ۋە ئىلمىي ساھەدە، كىشىلىك ھوقۇق بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئورگانلاردا مۇنازىرە قىلىنىۋاتىدۇ. بۇلار تېخى خەلقئارا سەۋىيەدە ۋە كېلىشىم ھالىتىدە جازا كۈچىگە ئىگە قىلىنغان ھەق – ھوقۇق سالاھىيىتىگە ئىگە بولالمىدى. بۇ ساھەدە ھۆكۈمەتلەرنىڭ سىرتىدىكى تاشقى ئاممىۋى تەشكىلاتلارنىڭ تىرىشچانلىقى ھەققىدە توختىلىشقا توغرا كېلىدۇ ( ھەلۋاجې، 2006 ).

5. ئالەمشۇمۇل باياناتلار ۋە كىشىلىك ھوقۇق

1 – دۇنيا ئۇرۇشى جەريانىدا خەلقئارالىق تىنچلىق ۋە بىخەتەرلىكىنى ھاسىل قىلىش ئۈچۈن تەشكىللىنىش ئىھتىياجى ئوتتۇرىغا چىقتى ۋە بۇ ئىھتىياج 2 – دۇنيا ئۇرۇشى جەريانىدىمۇ داۋاملىشىپ، بارغانسېرى زۆرۈر ھالغا كەلدى. مەيلى مىللەتلەر جەمئىيىتى مەزگىلىدە بولسۇن ياكى بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى مەزگىلىدە بولسۇن، بۇ ئىھتىياجنى قاندۇرۇپ خەلقئارالىق ئەركىنلىك، كىشىلىك ھوقۇق ۋە بىخەتەرلىكنى كاپالەتكە ئىگە قىلىدىغان ناھايىتى كۆپ ھۆججەت ئېلان قىلىندى ۋە بۇ ھۆججەتلەرنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش ئۈچۈن زور كۈچ سەرپ قىلىندى.
1- دۇنيا ئۇرۇشى نەتىجىسىدە ئاۋستىرىيە – ۋىنگىرىيە ئىمپېرىيىسى، گېرمان ئىمپېرىيىسى، ئوسمانلى ئىمپېرىيىسى ۋە رۇس ئىمپېرىيىسى پارچىلاندى. بىر تەرەپتىن 1917 – يىلى رۇسىيەدە سوتسىيالىستىك تۈزۈم ئورنىتىلغان بولسا، يەنە بىر تەرەپتىن ئۇرۇشتا غەلىبە قىلغان دۆلەتلەر، يەنى ئەنگىلىيە، فرانسىيە ۋە ئىتالىيە، گېرمانىيە، ئاۋىستىرىيە، بۇلغارىيە ۋە ۋېنگىرىيە بىلەن سۈلھى تۈزدى. سۈلھنى ئوسمانلى دۆلىتى ئەڭ ئارقىدا ئىمزالىدى . پارىژ تىنچلىق يىغىنىدىكى ئەڭ مۇھىم مەقسەت « دۆلەتلەر جەمئىيىتى » قۇرۇپ چىقىش بولۇپ، ئا ق ش پىرېزىدېنتى ۋىلسۇن بۇ تەشكىلاتنىڭ قۇرۇپ چىقىلىشى ئۈچۈن ئاكتىپ تىرىشچانلىق كۆرسەتكەنىدى. نەتىجىدە بۇ يىغىن 1919 – يىلى 28 – ئاپرېلدا « دۆلەتلەر جەمئىيىتى »نىڭ سالاھىيىتىنى قوبۇل قىلدى. دۆلەتلەر جەمئىيىتى كېلىشىمى 1920 – يىلى 10 – يانۋاردا يۈرگۈزۈلۈشكە باشلاندى . جەمئىيەت دۇنيانىڭ ھەرقانداق جايىدا ئوتتۇرىغا چىقىپ ھەل بولمىغان ۋە ئوڭۇشلۇق ھالدا ھەل قىلىنالمىغان مىللىي ئازادلىق كۆرەشلىرى سەۋەبىدىن 2 – دۇنيا ئۇرۇشنىڭ يۈز بېرىشىنى توسۇپ قالالمىدى. ئۇرۇش جەريانىدا يېڭى بىر خەلقئارالىق تەشكىلاتنىڭ قۇرۇلۇشى زۆرۈرلىكى ھەم دۆلەتلەر ۋە ھۆكۈمەتلەر تەرىپىدىن، ھەم ئاممىۋى تەشكىلاتلار تەرىپىدىن ئوتتۇرىغا قويۇلماقتا ئىدى . ئۇرۇشتىن كېيىن خەلقئارالىق بىر تەشكىلاتنىڭ قۇرۇپ چىقىلىشى ھەققىدە ئېلىپ بېرىلغان خىزمەتلەر 1943 – يىلى 1 – نويابىردا موسكىۋادا ئۆتكۈزۈلگەن بىر يىغىندا قارار قىلىندى . روزۋېلىت، چىرچىل ۋە سىتالىن ئوتتۇرىسىدا، يالتا يىغىنىدىكى ئۇچرىشىشلاردا، سانفىرانسىسكودا بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى يىغىنى چاقىرىشنى قارار قىلىندى. 1945 – يىلى 25 – ئاپرېلدا سانفىرانسىسكودا 44 دۆلەتنىڭ قاتنىشىشى بىلەن ئېچىلغان يىغىدا بىرلەشكەن دۆلەتلەر كېلىشىمى ھەققىدە خىزمەتلەر ئېلىپ بېرىلدى. بۇ دۆلەتلەر 1945 – يىلى 26 – ئىيۇندا ئېچىلىغان يىغىندا بىرلەشكەن دۆلەتلەر كېلىشىمنامىسىنى بىردەك قوبۇل قىلدى. كېلىشىم بىردەك ئېتىراپ قىلىنغاندىن كېيىن 1945 – يىلى رەسمىي ھالدا كۈچكە ئىگە بولدى. كېلىشىمنىڭ كىرىش سۆز قىسمىدا « كىشىلىك ھوقۇق، شەخس ئەركىنلىكى ۋە قەدىر – قىممەتلىرىگە، ئەر ۋە ئاياللارنىڭكىدە چوڭ – كىچىك مىللەتلەر ئۈچۈنمۇ ھەق – ھوقۇق جەھەتتىن باراۋەرلىككە بولغان ئىشەنچىمىزنى قايتىدىن جاكارلاش ئۈچۈن… » دېيىلمەكتە ئىدى . ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشىدىن كېيىن كىشىلىك ھوقۇقنىڭ ( ھەم شەخسىي ھەم كوللىكتىپ جەھەتتىن ) تەكىتلىنىشى مەزكۇر مەسىلىنى ئەستايىدىللىق مۇھاكىمە قىلىشنى كۈنتەرتىپكە ئېلىپ كەلگەنىدى. بۇ ئۆزگۈرۈش نەتىجىسىدە 1948 – يىلى 10 – دېكابىردا خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇق خىتاپنامىسى، 1960 – يىلىدا مۇستەملىكە ئەللەر ۋە خەلقلەرنىڭ مۇستەقىللىقىنى ئېتىراپ قىلىش باياننامىسى ئېلان قىلىندى . 1946 – يىلى 11 – دېكابىردا ب د ت 96 (1) نۇمۇرلۇق قارار چىقىرىپ، ئىرقى قىرغىنچىلىقنىڭ خەلقئارا قانۇندا جىنايەت ئىكەن ئىكەنلىكىنى، بۇ جىنايەتنىڭ ب د ت نىڭ غايىسى ۋە روھىغا خىلاپ ئىكەنلىكىنى قارار قىلىندى. 1948 – يىلى « ئىرقى قىرغىنچىلىق جىنايىتىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە جازالاش كېلىشىمى » يولغا قويۇلدى . ب د ت ئۆز دائىرىسى ئىچىدە 1960 – يىللار ناھايىتى كۆپ ئەھدىنامە، كېلىشىم ۋە قارارلارنى ئېلان قىلدى. شەخس ۋە خەلقئارا سىياسى ھەق – ھوقۇقلار ئەھدىنامىسى (1966) ، ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي ۋە مەدەنىيەت ھەق – ھوقۇقلار خەلقئارا كېلىشىمى (1966) بۇلارنىڭ ئىچىدە ئىدى. 1966 – يىلى قوبۇل قىلىنغان بۇ ئەھدىنامىلەرنىڭ 1976 – يىلىدا يولغا قويۇلغانلىقى بىلىنمەكتە .
ب د ت مەزگىلىدە يولغا قويۇلغان باشقا خەلقئارا ئەھدىنامىلەرنى مۇنداق ئىپادىلەشكە بولىدۇ: « ھەر تۈرلۈك ئىرقى كەمسىتىشنى تۈگىتىش ھەققىدىكى خەلقئارا ئەھدىنامە » (1965)؛ « دىن ياكى ئېتىقادنى ئاساس قىلغان ھەر تۈرلۈك كەمسىتىش ۋە ئايرىمچىلىقنى تۈگىتىش خىتاپنامىسى » (1981)؛ « بالىلار ھەق – ھوقۇقى خىتاپنامىسى » (1959)؛ « بالىلار ھەق – ھوقوقى ئەھدىنامىسى » (1989). 1950 – يىللاردا ۋە كېيىنكى مەزگىلدە ياۋروپا ئىتتىپاقى، ياروپا خەۋپسىزلىك ۋە ھەمكارلىق تەشكىلاتى تەرىپىدىن تەشكىل قىلىنغان ۋە يولغا قويۇلغان ھۆججەتلەرمۇ بار. « مىللىي ئاز سانلىقلارنى قوغداشقا مۇناسىۋەتلىك ئەھدىنامە » 1995 – يىلى قوبۇل قىلىنىپ، 1998 – يىلى يولغا قويۇلدى. « رايون خاراكتېرلىق تىللار ۋە ئاز سانلىقلار تىللىرى ياۋرپا شەرتنامىسى » 1992 – يىلى قوبۇل قىلىنىپ، 1998 – يىلى يولغا قويۇلدى. بۇ ئىككى ھۆججەت ياۋرپا ئىتتىپاقىنىڭ ھۆججىتى بولۇپ، ياۋروپا خەۋپسىزلىك ۋە ھەمكارلىق تەشكىلاتى تەرىپىدىن چىقىرىلغان ھۆججەتلەرنى مۇنداق تىزىپ چىقىشقا بولىدۇ: « ھېلسىنكى يىغىنى خىتاپنامىسى » (1975)؛ « ياۋروپا خەۋپسىزلىك ۋە ھەمكارلىق تەشكىلاتى ئىنسانى تەرەپ كوپەنھاگ يىغىنى باياناتى » (1990)؛ « مىللىي ئاز سانلىقلارنىڭ مائارىپ ھەق – ھوقۇقىغا مۇناسىۋەتلىك لەھەي تەۋسىيەسى ۋە ئىزاھلاتلىرى » (1996 – يىلى ئۆكتەبىر)؛ « مىللىي ئاز سانلىقلارنىڭ تىل ھەق – ھوقۇقىغا مۇناسىۋەتلىك ئوسلو تەۋسىيەسى ۋە ئىزاھاتلار » ( 1998 – يىلى فېۋرال)؛ « مىللىي ئاز سانلىقلارنىڭ ئىجتىمائىي ھاياتقا ئاكتىپ قاتنىشىشىغا مۇناسىۋەتلىك لۇند تەۋسىيەسى ۋە ئىزاھاتلار » (1999 – يىلى سېنتەبىر)؛ رادىيو ۋە تېلېۋېزىيە تەشۋىقاتىدا ئاز سانلىقلار تىلىنىڭ ئىشلىتىلىشىگە مۇناسىۋەتلىك قوللانما ۋە ئىزاھاتلار » (2003 – يىلى ئۆكتەبىر) .
19 – ئەسىردە 25 ئەتراپىدا مۇستەقىل دۆلەت بار ئىدى. مەسىلەن: 1880 – يىللاردا دۇنيادىكى مۇستەقىل دۆلەتلەرنىڭ سانى يۇقىرىدىكى سانغا يىقىن ئىدى. ئوسمانلى ئىمپىرىيىسى، ئىران، خىتاي، ياپۇنىيە، رۇس ئىمپىرىيىسى، ئەنگىلىيە، فرانسىيە، ئىسپانىيە، پورتىگالىيە، بىلگىيە، گوللاندىيە، گېرمانىيە، ئىتالىيە، دانمارىكا، گىرېتسىيە، ئامېرىكا، مېكسىكا، ئارگىنتىنا، برازىلىيە، بولۋىيە، ئېكۋاتۇر، پىرۇ، چىلى، ۋېنېزۇئېلا، كۇلۇمبىيە قاتارلىقلار مۇستەقىل دۆلەتلەر بار ئىدى. كۈنىمىزدە بولسا مۇستەقىل دۆلەتلەر سانى 204كە يەتتى. دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدا بۇ ساننى ئاشۇرۇش ئۈچۈن كۈرەش ئېلىپ بېرىماقتا. بۈگۈن پەقەت ياۋروپا ئىتتىپاقىغا ئەزا دۆلەتلەرنىڭ سانى 25.

6. كىشىلىك ھوقۇق توغرۇلۇق خەلقئارالىق مەسىلىلەر

كىشىلىك ھوقۇق، ب د ت ئەھدىنامىسىنىڭ 13، 55، 68 ۋە 76 – ماددىلىرىدا كۆرسىتىلگەندەك باشقا بۆلۈملەردىمۇ مۇقەددەس ھوقۇق دەپ كۆرسىتىلىدۇ. بۇ سەۋەپتىن ب د ت نىڭ كىشىلىك ھوقۇقنى قوغداشتىكى ھوقۇقى ئۇنى قوغداشقا تەشۋىق قىلىشتىمۇ ئوخشاشلا كۈچكە ئىگە. لېكىن ب د ت نى شەكىللەندۈرگەن 200دىن ئارتۇق ئەزا دۆلەتلەر ئوتتۇرىسىدىكى ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي، مەدەنىي ۋە ئىدىئولوگىيەلىك ئوخشىماسلىقلار تېز سۈرئەتتە ۋە ئۈنۈملۈك نەتىجە ھاسىل قىلىشقا ئىمكانىيەت بەرمەيۋاتىدۇ.
ب د ت تەرىپىدىن تەييارلانغان دوكلاتتا، مەزكۇر تەشكىلات كىشىلىك ھوقۇقنى قوغداشتا دۇچ كەلگەن ئاساسلىق مەسىلىلەردىن بەزىلىرى تۆۋەندىكىدەك كۆرسىتىپ ئۆتۈلگەن:
1. ھۆكۈمەتلەر بەرگەن ۋەدىلىرىدە كۆرۈلگەن مەسىلىلەر.
2. ب د ت نىڭ قۇرۇلمىسىدا ۋە دىپلوماتىيە ساھەدە كۆرۈلگەن مەسىلىلەر.
3. ئىدىئولوگىيەلىك رىقابەتتىن كېلىپ چىققان مەسىلىلەر.
4. مەسىلىگە قاراش نۇقتىئىنەزىرى ۋە ئالدىنقى ئورۇندا تۇرىدىغان مەسىلىلەر.
5. ۋەقە – ھادىسىلەرنى چۈشىنىشتە كۆرۈلگەن مەسىلىلەر.
6. چارە دەپ قارالغان ئىنكاس قايتۇرۇشتىكى ئۇسلۇب ۋە ئىجرائاتلاردىكى ئىپتىدائىيلىق.
7. خەۋەر ئىگىلەش جەريانىدىكى مەسئۇلىيەتلەر.
8. ئىقتىسادىي مەنبە مەسىلىسى .

ھۆكۈمەتلەرنىڭ بەرگەن ۋەدىلىرىدە كۆرۈلگەن مەسىلىلەر. ھۆكۈمەتلەر كىشىلىك ھوقۇق ۋە ئەڭ ئاساسلىق ئەركىنلىكلەرنى قوغداش ۋە تەرغىپ قىلىشتا خەلقئارا ھەمكارلىقنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش مەسىلىسىدە، زىممىسىگە كىشىلىك ھوقۇقنى قوغداش ۋە تەرغىپ قىلىش ئۈچۈن خىزمەتلەر ئېلىپ بېرىش مەسئۇلىيىتىنى ئارتقان خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇق خىتاپنامىسى ۋە كىشىلىك ھوقۇق ھەققىدە تۈزۈلگەن خەلقئارالىق ئەھدىنامىلەرگە ئوخشاش ھۆججەتلەرنى قوبۇل قىلىشىغا قارىماستىن، ئىجرائاتلاردا ھازىرمۇ مەيلى ئۆز دۆلىتىدە بولسۇن ياكى خەلقئارا سەۋىيەدىكى كىشىلىك ھوقۇقنى قوغداش ئۈچۈن كۆپلىگەن ھۆكۈمەت تەرىپىدىن بېرىلگەن كاپالەتلەرگە قارشى ئوچۇق – ئاشكارە بىپەرۋالىق بىلەن بىرلىكتە، دەپسەندە قىلىشمۇ كۆزگە چىلىقماقتا.
گەرچە بەزى ھۆكۈمەتلەر ئۆزىنىڭ ھوقۇق دائىرىسىدە كىشىلىك ھوقۇقنى قوغداش ئۈچۈن خىزمەتلەر ئېلىپ بېرىلغان، كىشىلىك ھوقۇقنىڭ دەپسەندە قىلىنماسلىق مەسىلىسىدە خەلقئارا سەۋىيەدە ياردەمگە چاقىرىلسىمۇ، كۆپىنچە ۋاقىتتا ئۆز مەنپەئەتىنى، دوستلىرىنى قوغداشنى ياكى ئۆكتىچىلىرىنى قورقۇتماسلىق تەرەپتارى بولماقتا. بۇ سەۋەپتىن بېرىلگەن كاپالەتلەر خەلقئارا سەۋىيىدە ئورۇندالمايۋاتىدۇ ۋە نەتىجىدە خەلقئارا جەمئىيەت كۆپىنچە ئۆزىنىڭ كىشىلىك ھوقۇقىنى قوغداشتا چارىسىز قالماقتا .
ب د ت نىڭ قۇرۇلمىسى ۋە دىپلوماتىك ساھەدە كۆرۈلگەن مەسىلىلەر. كىشىلىك ھوقۇقنى قوغداشتا خەلقئارا جامائەت دۇچ كەلگەن مەسىلىلەرنىڭ كۆپ سانلىقى ھۆكۈمەتلەرنىڭ پوزىتسىيىسىدىن كېلىپ چىقماقتا. خەلقئارا جامائەتچىلىك كىشىلىك ھوقۇقنى كۈچلۈك شەكىلدە قوغدايدىغان ھالغا كېلىشى، بەلكىم كىشىلىك ھوقۇق بىلەن دىپلوماتىك ساھە ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەتنىڭ قايتىدىن قاراپ چىقىلىشى ۋە يېڭى پرىنسىپلارغا باغلىنىشىنى تەقەززا قىلماقتا.
ئىدىئولوگىيەلىك رىقابەتتىن كېلىپ چىققان مەسىلىلەر. كىشىلىك ھوقۇق كۆپىنچە ۋاقىتتا دۆلەتنىڭ مەنپەئەتى ئۈچۈن نەزەردىن ساقىت قىلىنىدۇ ياكى دۆلەت بىخەتەرلىكى دېگەندەك توقۇلما سەۋەپلەر بىلەن دەخلى تەئەرۇزغا ئۇچرايدۇ.
مەسىلىگە قاراش نۇقتىئىنەزىرى ۋە ئالدىنقى ئورۇندا تۇرىدىغان مەسىلىلەر. مەيلى مىللىي ياكى خەلقئارا سەۋىيەدە بولسۇن، كىشىلىك ھوقۇقنىڭ قوغدىلىشىغا تەسىر يەتكۈزىدىغان مەسىلىلەرگە دۇچ كەلگەندە، ھۆكۈمەتلەر كۆپىنچە دۆلەت بىخەتەرلىكىنى قوغداش ياكى ئۆزگۈرۈشكە ئوخشاش تېز بىر تەرەپ قىلىشقا تېگىشلىك ئالدىنقى قاتاردا تۇرىدىغان مەسىلىلەرنىڭ بارلىقىنى ئوتتۇرىغا قويىدۇ. بۇ پوزىتسىيە ئۇلارنىڭ كىشىلىك ھوقۇقنىڭ دەپسەندە قىلىنماسلىقىغا ئانچە پەرۋا قىلىپ كەتمەسلىكىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. بۇ بىرىنچى ئورۇندا تۇرىدىغان مەسىلىلەرنىڭ خاتا تەرەپكە ئىتتىرىلىشى، خەلقئارا جامائەتچىلىك كىشىلىك ھوقۇقنى قوغداشتا دۇچ كەلگەن قىيىنچىلىقلاردىن بىرى. ھالبۇكى، تىنچلىق، قورالسىزلىنىش، تەرەققىيات ۋە ئىجتىمائىي جەمئىيەتنىڭ مۇقىملىقى قاتارلىق مەسىلىلەرگە كىشىلىك ھوقۇق نۇقتىسىدىن قاراش كېرەك ئەمەسمۇ؟
ۋەقە – ھادىسىلەرنى چۈشىنىشتە كۆرۈلگەن مەسىلىلەر. كۆپىنچە ۋاقىتتا دۇنيانىڭ پەرقلىق جايلىرىدا كۆرۈلگەن كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندە قىلىنىشىغا مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر ب د ت غا يېتىپ بېرىشى ئۇزۇنغا سوزۇلىدۇ. ب د ت دا ئوتتۇرىغا قويۇلىشى سىياسى ياكى مەنپەئەتپەرەست ئىدىيەلەرنىڭ تەسىرى بىلەن كىچىكىپ كېتىدۇ.
چارە دەپ قارالغان ئىنكاس قايتۇرۇشتىكى ئۇسلۇپ ۋە ئىجرائاتلاردىكى ئىپتىدائىيلىق. دۇنيانىڭ پەرقلىق جايلىرىدا كىشىلىك ھوقۇقنىڭ دەپسەندە قىلىنىش تۈرى كۆپ خىل بولماقتا. لېكىن بۇلارنى ھەل قىلىش ئۈچۈن ب د ت قايتۇرىدىغان ئىنكاس ۋە قىلالايدىغان ئىشلىرى نېمە؟ بۇلارنىڭ ئەڭ ئالدىدا مۇھاكىمە قىلىش ۋە جىددى تەدبىر قوللىنىش، كېلىشتۈرگۈچى بولۇش، تەكشۈرۈش، ئېنىقلاشقا ئوخشاش مۇئەييەن ھەرىكەت شەكىللىرى بىلەن رەسمىي باياناتلاردىن ئىبارەت. ئىقتىسادىي جەھەتتە مەسىلىلەرنى ئېنىقلاشتەك مەسىلىلەر ۋە ئوخشاش مەسىلىلەرگە دۇچ كەلمەكتە.

7. غول زىتلىق ۋە دۆلەتتىن كەلگەن تەھدىت

بۇ نۇقتىدا بىر زىتلىقنى كۆرىمىز. دۆلەت كىشىلىك ھوقۇقنىڭ تەبىئىي ھىمايىچىسى بولۇشىغا قارىماستىن، ئەپسۇسكى دۆلەتلەر بۈگۈن كىشىلىك ھوقۇقنى قوغدىمايلا قالماي، يەنە ئۇنى دەپسەندە قىلماقتا. بۇ ئەھۋالنى « قانۇنلۇق تېررورزىم » دەپ ئاتاشقا بولىدۇ. قانۇنلۇق تېررورزىم « ئەكسىل ئىنقىلاۋى تېررورزىم » ياكى قىسمەن « جىنايى تېررورزىم » سەۋەب سۈپتىدە ئوتتۇرىغا قويۇلماقتا ۋە بۇ ئارقىلىق « دۆلەت تېررورى »نى يوللۇق قىلىپ كۆرسىتىشكە ئۇرۇنۇلماقتا. مۇستەبىت ۋە ھاكىم مۇتلەق دۆلەتلەر دەل دۆلەت تېررورىزىمى يولغا قويماقتا. ھالبۇكى ( چاغداش ) دۆلەتنىڭ كىشىلىك ھوقۇقنى قوغداشتىن ئىبارەت مەسئۇلىيىتى بار ۋە مانا بۇ بىر دۆلەتنى دىموكراتىك قانۇن دۆلىتى سالاھىيىتىگە ئىگە قىلغان ئامىلدۇر. ئۇنداقتا ئاساسى قانۇندا تىلغا ئېلىنغان دىموكراتىك، لائىك، سوتسىيال قانۇن دۆلىتى بۇ مەسئۇلىيىتى قانداق قىلىپ ئادا قىلىشى كېرەك؟ مانا بۇ جاۋاپ بېرىلىشى زۆرۈر بولغان ئاساسلىق سوئالدۇر. بۇ سوئالنىڭ جاۋابىنى تۆۋەندىكى ئىككى تېمىغا يىغىنچاقلاش مۇمكىن:
1) دۆلەت ئالدى بىلەن شەخسنىڭ دۇنيادا « ياشىيالايدىغان ھالغا » ئىگە بولىشى ( ھەم جىسمانىي ھەم مەنىۋى بىر پۈتۈنلۈك ئىچىدە ياشىيالايدىغان ھالدا بولۇشى ) مەجبۇرىيىتىنى ئادا قىلىشقا مەسئۇل.
2) ئۇنىڭدىن كېيىن دۆلەت شەخسنى ھەر جەھەتتىن تەھدىت قىلىدىغان خەۋپلەردىن قوغدايدىغان شەكىلدە تەشكىللىنىشى كېرەك. يەنى دۆلەت شەخسنىڭ جىسمانىي ۋە ئىجتىمائىي پۈتۈنلىكىنى قىسمەن ياكى تولۇق ھالدا بۇزۇلمايدىغان شەكىلدە تەشكىللىنىشى كېرەك.
كىشىنىڭ جىسمانىي پۈتۈنلىكىنى بۇزغۇنچىلىققا ئۇچرىتىدىغان خەۋپ يا ئۆزىدىن كېلىدۇ ( ئۆلىۋېلىش ) ياكى باشقا بىر شەخس ۋەياكى گۇرۇپپىدىن ياكى دۆلەتتىن كېلىدۇ. ئالدىنقى ئىككىسى كىشىنىڭ جىسمانىي ۋە مەنىۋىي قۇرۇلمىسىنى بۇزغۇنچىلىققا ئۇچرىتىشنى مەقسەت قىلغان خەۋپلەر بولسا، ئۈچىنچىسى، يەنى دۆلەتتىن كېلىدىغان خەۋپ كۆپىنچە ۋاقىتتا مەۋجۇت تۈزۈمنى قوغداش، ئادالەتنى بەرپا قىلىش ياكى ئىبرەت قىلىش مەقسىتىدە قولغا ئېلىش، قىيناش، تۈرمىگە تاشلاش ئارقىلىق جىسمانىي ۋە مەنىۋىي قۇرۇلمىسىنى بۇزغۇنچىلىققا ئۇچرىتىدۇ ياكى ئۆلۈمگە ھۆكۈم قىلىش ئارقىلىق جىسمانىي پۈتۈنلىكىنى پۈتۈنلەي كۆزدىن يوقتىدۇ. ھالبۇكى، بۇ نۇقتىدا دۆلەتنىڭ ياشىتىش مەسئۇلىيىتى ھەر دائىم غالىپ كېلىشى كېرەك. بۇ سەۋەپتىن دۆلەتنىڭ كىشىلىك ھوقۇق ۋە ھۆرلۈككە بولغان ھۆرمىتىنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويىدىغان شەكىلدە تەشكىل قىلىنىشى زۆرۈر بولۇپ، بۇ ئاساس كۈنىمىزدە بارغانسېرى مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە بولماقتا.
تۈركىيەدە دۆلەت ۋە كىشىلىك ھوقۇق. مەشھۇر كىشىلىك ھوقۇق ئانالىزچىلىرىدىن بىرى بولغان توماس پەيىن(Thomas Paine) نىڭ قارىشىچە، شەخس دۆلەتلەردىن، ھۆكۈمەتلەردىن مۇھىم بولۇپ، شەخسلەر يەككە – يەككە ھالدا ئۆزىنىڭ كىشىلىك ۋە ھۆكۈمرانلىق ھەقلىرىگە تايىنىپ، بىر ھۆكۈمەت تەشكىل قىلىش مەقسىتىدە ئۆزئارا كېلىشىم ھاسىل قىلىپ، تۈزۈم ياكى ھۆكۈمەتلەرنى، دۆلەتلەرنى تەشكىل قىلغان. كېلىشىمنى ئەمەلىيلەشتۈرۈگۈچى شەخس بولغانلىقتىن، ھاكىمىيەت شەخسنىڭ ھەق – ھوقۇقىنى پايخان قىلىدىغان بەلگىلىمىلەرنى چىقارمايدۇ. چۈنكى كېلىشىم ئارقىلىق شەخس ھەق – ھوقۇقىدىن ۋازكەچمەيدۇ. ئەكسىچە، مەزكۇر ھەق – ھوقۇقنىڭ قوغدىلىشىنى تەلەپ قىلماقتا. ھاكىمىيەت ياكى دۆلەت خەلقنىڭ ئورتاق ئىشلىرىنى ئېلىپ بېرىشتا ۋاستە رولىنى ئوينايدۇ. ئۇ، چىقىمىنى تۆلىگەن بارلىق خەلقنىڭ مېلى بولۇپ، ھاكىمىيەت ئۆز ئالدىغا ئىگە بولىدىغان ھەق – ھوقۇق مەۋجۇت ئەمەس، ھەممىسى ۋەزىپىسىدۇر. جون لوكە (John Locke)نىڭچە ، مەۋجۇدلۇق غايىسى شەخس سۈپتىدە بارلىق ئىنسانلار ئىگە بولغان ھەق – ھوقۇقلارنى قوغداش بولغان دۆلەت، ئۆزىگە بېرىلگەن بۇ ۋەزىپىنى مەسئۇلىيەتنىڭ سىرتىغا چىقىپ دەپسەندە قىلىشقا باشلىغاندا ئۇنىڭ قارشى چىقىش ھەققى پەيدا بولىدۇ. دۆلەتنىڭ قانۇنىيلىقى ھاكىمىيەتتىكى كىشىلەرنىڭ ھەق – ھوقۇق ۋە ئەركىنلىكنى كاپالەتكە ئىگە قىلىشى بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك. بۇ سەۋەپتىن دۇنيانىڭ ھەر قانداق جايىدا كىشىلىك ھوقۇق دەۋاسىنىڭ جاۋاپكارى ئالدى بىلەن دۆلەتتۇر. يەنە بۇ سەۋەپتىن كىشىلىك ھوقۇق بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئىددىئا ۋە تەلەپلەر ھەر دائىم دۆلەتكە قارشى ئوتتۇرىغا قويۇلىدۇ. دۆلەتنىڭ، ئىنسان بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن قەدىرىيەتلىرىمىزنى ۋە بۇ قەدىر – قىممەتلەردىن ھاسىل بولغان ھەق – ھوقۇقىمىزنى ئىتىراپ قىلىش، پۇقرا، دۆلەت ۋە سىياسى ساھەدە كىشىلىك ھوقۇقنى ئىشلىتىشكە – بېراۋنىڭ ھەق – ھوقۇقىغا تاجاۋۇز قىلمىغان مۇددەتچە – پرىنسىپ جەھەتتىن ئارىلاشماسلىق ۋە كىشىلىك ھوقۇقنى قوغداش مەجبۇرىيىتى بار. بۇ ئاساسلىق مەسئۇلىيىتىنى دەپسەندە قىلغان نىسبەتتە قانۇنىيلىقىنى يوقتىدۇ ۋە زوراۋان كۈچكە ئايلىنىدۇ. نېمىشقىدۇركى، كۈچنى ئىلكىگە ئالغانلار باشقىلارنىڭ ھەق – ھوقۇقىنى تارتىۋېلىپ، كۈچىگە كۈچ قوشۇشقا ھەۋەسلىنىدۇ. باشقىچە قىلىپ ئېيتساق، كىشىلەرگە ھەق – ھوقۇقىنى تولۇق بېرىشنىڭ ئۆزىنى ئاجىزلاشتۇرىدىغانلىقى قايغۇسىغا مۇپتىلا بولماقتا. بۇ سەۋەپتىن دۆلەتنىڭ، كۈچنىڭ ۋە ئىگىلىك ھوقۇقنىڭ كىشىلىك ھوقۇق ۋە ئۇنىڭ تەكتىدە ياتقان ئادالەت ئۇقۇمىغا بولغان مۇئامىلىسى ئومۇمەن سەلبىيدۇر. چۈنكى ئادالەت ۋە ئەركىنلىك ھۆكۈمرانلارنى چەكلەپ تۇرىدىغان مۇھىم ئەڭگۈشتەردۇر . بۇ سەۋەپتىن دۆلەتلەر كىشىلىك ھوقۇققا مۇناسىۋەتلىك تەلەپلەردىن ۋە كىشىلىك ھوقۇق قوغدىغۇچىلىرىدىن ھەر دائىم بىئاراملىق ھېس قىلماقتا.
ئەڭ مۇھىم ھوقۇق، كىشىنىڭ « ياشاش ھوقۇقى » بولۇپ، « ياشاش ھوقۇقىنىڭ جەمئىيەتكە، ئۇنىڭ سىياسى تەشكىللىنىش شەكلى بولغان دۆلەتكە، مۇھىم بىر ۋەزىپە، ھەتتا ئېغىر مەسئۇلىيەت ئارتىدۇ. دۆلەت بىر تەرەپتىن ياشاش ھوقۇقىنىڭ بۇزغۇنچىلىققا ئۇچرىماسلىقى ئۈچۈن زۆرۈر بولغان قانۇنى تەشكىللىنىشنى تاماملايدۇ؛ يەنە بىر تەرەپتىن، ياشاش ھوقۇقىنى تولۇق ئەمەلىيلەشتۈرۈش ئۈچۈن جەمئىيەتتە مەۋجۇت بولغان ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي جەھەتتىكى بارلىق ئاجىزلىقلارنى تۈگىتىپ، كىشىنى ھەقىقەتەن < ياشايدىغان قىلىش > ئۈچۈن تەدبىرىنى ئالىدۇ. ياشاش ھوقۇقى شۇنداق مۇھىم بولۇپ، دۆلەت زىممىسىگە شۇنداق بىر جۈپ يۈكنى ئارتىدۇ » . يەنى، دۆلەت ياشاش ھوقۇقىنىڭ ھىمايە قىلىنىشى ئۈچۈن ھەم قانۇنى جەھەتتىن قانۇن چىقىرىپ ياشاش ھوقۇقىنى كاپالەتكە ئىگە قىلىدۇ، ھەم ئىقتىسادى ۋە ئىجتىمائىي جەھەتتىن تەدبىرلەر ئېلىپ ياشاش ھوقۇقى ئۈچۈن زۆرۈر بولغان شەرت – شارائىتلارنى يارىتىپ بېرىدۇ.
« بارلىق شەخسلەرنىڭ قانۇن ئىچىدە ئەركىن ھالدا مەۋجۇتلىقىن ساقلاپ قالالىشى ۋە قانۇنلاردىكى ھەق – ھوقۇقى ۋە ئەركىنلىكىنى ئۆز مەيلىچە ئىشلىتەلەيدىغان مۇھىت، چاغداش ھالەتتە دىموكراتىك مۇنازىرە مۇھىتى شەخسلەرنىڭ ئۆزىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشى جەھەتتىن ۋازكەچكىلى بولمايدىغان زۆرۈرىيەتتۇر. ھەر نەرسىنى ئەركىن ھالدا كۈنتەرتىپكە قويۇپ مۇنازىرە قىلالايدىغان مۇھىتلاردا ئۇۋالچىلىقلارنىمۇ ئوتتۇرىغا قويغىلى بولىدۇ. ئۇۋالچىلىقلارنى تۈگىتىشكە ھەرىكەت قىلغىلى بولىدۇ ۋە بۇ ئارقىلىق دۆلەتنىڭ توغرا تەرەپتە تۇرۇشىنى قولغا كەلتۈرگىلى بولىدۇ » .
ئىنسانىيەت تارىخىدا باراۋەرلىك ۋە ھەق – ھوقۇق ئۇقۇملىرى دۆلەتنىڭ شەكىللىنىشى بىلەن باشلىنىدۇ. چۈنكى بۇ ئۇقۇملار پەقەت كىشىلەر بىلەن كىشىلەر ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەتنىلا ئەمەس، بەلكى دۆلەت بىلەن كىشى ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەتنىمۇ ئىپادىلەيدۇ.

8. يەرلىك ۋە يەرشارىۋى خاراكتېرلىق دەپسەندىچىلىكلەر ۋە ھەق – ھوقۇقنى قوغداش مەسىلىسى

كىشىلىك ھوقۇق، دىموكراتىيەگە ئوخشاش يەرشارى خاراكتېرلىق قورۇلمىغا ئىگە. لېكىن قوغدىلىشى يەرلىك مەسىلە. چۈنكى 1948 – يىلى خەلقئارالىق كىشىلىك ھوقۇق خىتاپنامىسىدە ئىنسان «(ئەقىلىيەتچى ھايۋان) animal rationale » نۇقتىسىدىن مۇئامىلە قىلىنغان بولۇپ، 18 يىل ئۆتكەندىن كېيىن تۈزۈلگەن ئەھدىنامىدە ئىنسان « (ئىنسان مەنسۇپ بولغان مەدەنىيەتنىڭ مەھسۇلى) animal vitale » سۈپتىدە مۇئامىلە قىلىنغان. بۇ ئەھۋال كىشىلىك ھوقۇقنى قوغداش مەسىلىسىدە تېخىمۇ ئەمەلىي پايدىلارنى ئېلىپ كەلمەكتە. لېكىن كۈنىمىزدە يەرلىك بولۇشتىن ھالقىغان ئۆزگۈرۈشلەر يۈزبەرمەكتە. دۆلەتلەردىن باشقا بۈگۈن خەلقئارالىق شىركەتلەرنىڭ ھۆكۈمرانلىق ساھەسى ۋە ئۇلار سادىر قىلغان دەپسەندىچىلىكلەر مۇنازىرە قىلىنماقتا.
بۇ سەۋەپتىن بۇ ئىككى چۈشەنچىنىڭ بىرىكمىسى ئىنساننى كېلەچەكتە « دۇنيا مەدەنىيىتىنىڭ ئاقتارغۇچىسى » قىلماقتا، بۇ بولسا دەۋرىمىزدىكى يەر شارىلىشىش مايىللىقىغا تېخىمۇ ماس كەلمەكتە. بۇ نۇقتىدىن يەرلىك ۋە ئومۇمى ھەق – ھوقۇق ۋە مەجبۇرىيەتلەرگە قارىغان ۋاقتىمىزدا مۇنداق ئەھۋالنى كۆرىۋالغىلى بولىدۇ:
رايونىمىزدىكى ئىجتىمائىي – ئىقتىسادىي، مەدەنىي ۋە سىياسى شەرت – شارائىتلار يەرلىك شەخسلەرنىڭ ئەڭ ئاساسلىق ھەق – ھوقۇق ۋە مەجبۇرىيەتلىرىنى ئادا قىلىشىنى ئاقسىتىپ قويماقتا، ئاجىزلاشتۇرماقتا، ھەتتا بەزىدە ئىمكانسىز ھالغا كەلتۈرۈپ قويماقتا. بۇ سەۋەپتىن:
1) ياشاۋاتقان جەمئىيەتتىكى سىياسى داۋالغۇشنىڭ كۈچلۈك بولۇشى ۋە بىخەتەرلىكنىڭ ئاجىزلىقى يەرلىك ئامانلىق، ساياھەت ۋە سىجىل تەرەققىياتتىن پايدىلىنىش ھەققىنى قىيىنچىلىققا ئۇچراتماقتا.
2) سەھرادىن ئايرىلىپ شەھەرگە كەلگەن، لېكىن ئىجتىمائىي ۋە ئىقتىسادىي ئىمكانسىزلىق سەۋەبىدىن شەھەر مۇھىتىغا ماسلىشالمىغان، ئارىدا قالغان كىشىلەر سەھىيە، مەدەنىيەت، مائارىپ، قونالغۇ، تىرىكچىلىك ۋە باراۋەرلىك ھوقۇقىنى ئىشلىتىشتىن مەھرۇم قالماقتا.
3) دۆلەتنىڭ تېخىچە بەزى جايلاردا ئەنئەنىۋى جەمئىيەت قۇرۇلمىسىغا ئىگە بولۇشى، يىللار بويى يەرلىك خەلقنىڭ ئومۇمى دىموكراتىكلىشىشكە ئاۋاز قوشۇشىنى قىيىنلاشتۇرغان. بولۇپمۇ تۈركىيەنىڭ شەرقىدىكى ئايماقچىلىق، ئاغاچىلىق، بەگلىك، شەيخلىككە ئوخشاش ئۇزۇن تارىخقا ئىگە ئىجتىمائىي قۇرۇلمىلار سىياسى پارتىيەلەر تەرىپىدىن سايلام ئۈچۈن ئۈنۈملۈك بىلەت ئامبىرى دەپ قارالدى ۋە سايلاش، بولۇپمۇ سايلىنىش ئىشىدا ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇلۇشى، ھەم ئاۋامنىڭ يەرلىك ھاكىمىيەتكە ئاۋاز قوشۇش ھوقۇقىنى توسقۇنلۇققا ئۇچراتماقتا، ھەم بۇ رايۇندا ئىجتىمائىي ئۆزگۈرۈشنىڭ ئالدىغا سېپىل سوقماقتا.
4) كۆپلىگەن رايونلاردا تۇغۇت نىسبىتىنىڭ يۇقىرى بولۇشى، چەت – ياقىلاردىن شەھەرگە كۆچۈشنىڭ كۆپ بولۇشى شەھەرلەرنىڭ چاغداش ھالەتتە نوپۇس قوبۇل قىلىش كۈچى ۋە ئىمكانلىرىدىن ھالقىپ كەتكەنلىكتىن، كىشىلەرنى قونالغۇ، خىزمەت، كىشىلىك تەرەققىيات ھوقۇقلىرىدىن ئۈنۈملۈك پايدىلىنىشتىن مەھرۇم قالدۇرماقتا.
5) گ ئا پ ( شەرقىي جەنۇبى ئانادولۇ پىلانى )نىڭ ئىجرا قىلىنىشىدا ئىجتىمائىي، مەدەنىي ۋە تەبىئەت مەۋجۇداتلىرىنى قوغداشنى نەزەردىن ساقىت قىلىپ، ئىقتىسادىي مەنپەئەتنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويغان ( بۇ كىرىمنى مەزكۇر رايۇندىن زىيادە غەرپكە يۆتكەيدىغان ) پوزىتسىيەنىڭ ئاساس قىلىنىشى پاكىز مۇھىتتا ياشاش، تەبىئىي ۋە تارىخى مەنبەلەردىن پايدىلىنىش ھوقۇقىنى چەكلىمىگە ئۇچراتماقتا .
يۇقىرىدىكىلەر كىشىلەرنىڭ ئاساسلىق ھەق – ھوقۇقىنى ئىشلىتەلمىگەنلىكىنى كۆرسىتىپ بېرىدىغان بىر قانچە مىسالنى تەشكىل قىلماقتا. مەزكۇر مەسىلىلەرنىڭ ھەل قىلىنىپ، كىشىلەرنى ئاساسلىق ھەق – ھوقۇقلىرىدىن ئۈنۈملۈك پايدىلىنالايدىغان، مەجبۇرىيەتلىرىنى ئادا قىلالايدىغان مۇھىتنىڭ بەرپا قىلىنىشى مەزكۇر مەسىلىلەرنىڭ ھەل قىلىش تەدبىرى بولالايدۇ. بۇنىڭ ئۈچۈن:
1. تۈركىيە 21 – ئەسىرگە دىموكراتىك، چاغداش ۋە تەرەققىي قىلغان زامانىۋى بىر دۆلەت سۈپتىدە كىرىشى كېرەك. بۇ سەۋەپتىن بىر يۈزى ياۋروپا جەمئىيىتىگە قارىغانىكەن، يەنە بىر يۈزى ئىسلام دۇنياسىغا قارايدىغان ئىككى خىل كىملىك ئىگە ھالەتتىن قۇتۇلۇشى، ئەنئەنىۋىيلىكتىن زامانىۋىيلىققا يۈزلەنگەن ئۆتكۈنچى باسقۇچتىكى ئۆزگۈرۈشنى تىزلىتىشى ۋە مەزكۇر ئىجتىمائىي ئۆزگۈرۈشنىڭ سۈرىئىتى بىلەن بىرلىكتە يۆنىلىشىنى ۋە خاراكتېرىنى دىموكىراتىك دائىرى ئىچىگە ئولتۇرغۇزۇشى لازىم.
2. بۇ مەقسەتتە ئومۇمىي جەھەتتىن كىشىلىك ھوقۇقنى، خاسلىق جەھەتتىن يەرلىك جەمئىيەت ئەزالىرىنىڭ ھوقۇقىنى ۋە بۇ ھوقۇقىنى كېڭەيتەلەيدىغان مۇھىت ۋە شارائىت بەرپا قىلىشى كېرەك. يەرلىك مەدەنىيەت ۋە مىللىي ئوخشاشماسلىقلار بەزى ھەق – ھوقۇقلارنىڭ چەكلىنىش سەۋەبى بولماسلىقى، ئەكسىچە ھەر جەھەتتىن باي دۆلەت بولۇشنىڭ ئۇلى سۈپتىدە قارىلىشى كېرەك. بۇ سەۋەپتىن يەرلىك ھۆكۈمەتلەر مەزكۇر جەمئىيەت ئەزالىرىنىڭ ھەر تۈرلۈك ھەق – ھوقۇقىدىن ئۈنۈملۈك پايدىلىنالايدىغان ( مەجبۇرىيىتىنى ئادا قىلالايدىغان ) ھوقۇققا ۋە تەشكىلاتلارغا ئىگە قىلىنىشى كېرەك.
3. يەرلىك ھەق – ھوقۇقنىڭ ئىشلىتىلىشى، كىشىلىك ھوقۇق ۋە دىموكراتىيەگە ھەسسە قوشىشى بىر جەھەتتىن ئاۋامنىڭ بارغانسېرى كۈچىيىۋاتقان سىياسەتكە ۋە ئاممىۋى تەشكىلاتلارغا قوشۇلىشى؛ يۇقىرى نىسبەتتە تۇغۇت ۋە كۆچۈشنىڭ تىزگىنلىنىشى؛ شەھەرلەرنىڭ نوپۇس قوبۇل قىلىش ھەجىمىنى ئاشۇرۇپ، قونالغۇ، سەھىيە ۋە ئاست قۇرۇلما مەسىلىسىنىڭ ھەل قىلىنىشى؛ گ ئا پ نىڭ يەرلىك خەلقنىڭ پايدىلىنىشقا تەقدىم قىلىنىشى؛ سەھرادىن كەلگەنلەرنىڭ شەھەرلىشىشى ۋە ھەممىدىن مۇھىمى سىياسى مۇقىملىقنىڭ بەرپا قىلىنىشى بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك.

خۇلاسە

كىشىلىك ھوقۇق ئۇقۇمى، ئەڭ ئاددىي ۋە ئەڭ ئاساسلىق ئېنىقلىمىسى بىلەن ئىزاھلانغاندا، ئىنساننىڭ پەقەت ۋە پەقەت ئىنسان سۈپتىدە تۇغۇلۇشى سەۋەبىدىن ئىگە بولغان ھەق – ھوقۇقىنى كۆرسىتىدۇ. بۇ ھەق – ھوقۇقلار، كىشىنىڭ قۇرۇلمىسى ۋە قەدىر – قىممىتى بىلەن مۇناسىۋەتلىك بىلىملەردىن ھاسىل قىلىنغان ۋە ھەر ئىنسان بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك بەزى زۆرۈرىيەتلەرنى ئوتتۇرىغا قويىدۇ. بۇ زۆرۈرىيەتلەر، كىشىنىڭ قىممىتىنى ئىتىراپ قىلىش ۋە قوغداش ئىستەكلىرى سۈپتىدە، يەنى ئىنسانلارنى پەقەت ئىنسان بولغانلىقى ئۈچۈن قوغداش ئىستىكى سۈپتىدە شەكىللىنىدۇ ( كۇچۇرئادى، 1982، 169 – 170 ). ئىنساننى باشقا جانلىقلاردىن ئايرىپ تۇرىدىغان بارلىق ئىمكانىيەتلەر، ئىنساننىڭ ئىنسان بولۇشتىكى قەدىر – قىممىتى ۋە ئىززەت – ھۆرمىتىنى بەلگىلەيدۇ. كىشىلەردە ئىنساننىڭ ئىمكانىيەتلىرىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش، ئىنسان تۈرىنىڭ داۋاسى، ئىنسان بولغان ھەر قانداق كىشىنىڭ مەجبۇرىيىتى بولغاندەك، يەنە بىر تەرەپتىن بۇ تۈرنىڭ ئەزاسى بولغان ھەر بىر ئەزانىڭ ھەق – ھوقۇقىدۇر. بۇ كىشىلەرنى پەقەت ئىنسان بولغانلىقى ئۈچۈن قوغداشنى تەلەپ قىلىش دېگەنلىكتۇر ( چەچەن، 2000 ). قىسقىسى، كىشىلىك ھوقۇق، ئىنساننىڭ ئىنسان بولۇش سۈپتى بىلەن قەدىر – قىممىتى ۋە ئىززەت – ھۆرمىتىنى قوغداش ئۈچۈن شەكىللەندۈرگەن ھەق – ھوقۇقىدۇر. ئىنسانغا خاس بىر دۇنيانىڭ بەرپا قىلىنىشى ۋە بۇنىڭ قوغدىلىشىنى تەلەپ قىلىش ۋە بەرپا قىلىش يەنە ئىنسانلار ھاسىل قىلىدىغان شەرت – شارائىت بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىكتۇر.
كىشىلىك ھوقۇقنى ھەم كىشى ھەم دۆلەت نۇقتىسىدىن ئوتتۇرىغا قويۇش مۇمكىن. يەنى دۆلەت دەرىجىسىدە قوبۇل قىلىنغان بىر خىتاپنامە ئارقىلىق كىشىلىك ھوقۇق ھىمايە ئاستىغا ئېلىنغاندەك، ھەر بىر شەخسمۇ كىشىلىك ھوقۇقنى قوغداشقا مەسئۇلدۇر. بۇ يەردە ھەر ئىككى نۇقتىدىن ئوخشاش نەرسە تەلەپ قىلىنماقتا، يەنى ئىنساننىڭ ئىمكانىيەتلىرىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش شەرت – شارائىتىنىڭ بەرپا قىلىنىشى. بۇ تەرەققىي قىلدۇرۇش، كىشىلەرگە ئىنساندەك ياشاش ئىمكانىيىتىنىڭ بەرپا قىلىنىشى بىلەن ئەمەلگە ئاشىدۇ ۋە بۇ شەرت – شارائىت تۈزۈم دەپ ئاتالغان نەرسىنىڭ دەل ئۆزىدۇر. يەنى كىشىلىك ھوقۇق مۇئەييەن خاراكتېردىكى تۈزۈمنىڭ پرىنسىپلىرىدۇر ( يېلدېز، 2006 ). لېكىن بۇلارنى قوغداشقا مەسئۇل تۈزۈملەر، ئۆزى قۇرغان تۈزۈمنى باشلامچى بولۇپ ئۆزى دەپسەندە قىلماقتا.
بۇ جەھەتتىن ئېلىپ ئېيتقاندا، كىشىلىك ھوقۇقنى قوغدىشى كېرەك بولغان دۆلەت(لەر)، ئەپسۇسكى كۈنىمىزدە كۈچ ۋە ھاكىمىيەت ئۈچۈن ئۇنى ئەڭ كۆپ دەپسەندە قىلىدىغان ئاپپاراتلارغا ئايلىنىپ قالدى. ئۇنىڭدىن باشقا خەلقئارا خىتاپنامە ۋە كېلىشىملەر بەزىدە قەغەز ئۈستىدىكى يېزىقتىن ھالقىپ ئۆتەلمىدى. مىسال كۆرسىتىشكە توغرا كەلسە، 1948 – يىلى 10 – دېكابىردا ب د ت دا قوبۇل قىلىنغان خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇق خىتاپنامىسى قانۇنى جەھەتتىن جازالاش كۈچىگە ئىگە ئەمەس. لېكىن سىياسى جەھەتتىن بېسىم پەيدا قىلىش كۈچىگە ئىگە. بۇ سەۋەپتىن خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇق خىتاپنامىسى بىر دۆلەت تەرىپىدىن قوبۇل قىلىنىش – قىلىنماسلىقى – كىشىلىك ھوقۇقنىڭ قوغدىلىشى جەھەتتىن – مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە بولۇش بىلەن بىرگە، نەتىجە ئالىدىغان كۈچكە ئىگە ئەمەس.
يەر شارىلىشىش بىلەن بىرلىكتە ئوتتۇرىغا چىققان تەرتىپ ۋە تۈزۈملەر، يېڭى شەكىلدىكى دەپسەندىچىلىكنى كەلتۈرۈپ چىقىرىش بىلەن بىرگە، يېڭى تەدبىرلەرنىڭ ئېلىنىشىنى تەقەززا قىلماقتا. لېكىن بېسىلىدىغان ھەر قەدەم ئۆزى ئۈچۈن، ئۆزىنىڭ غايىسى بولغان، ئىنساننى ۋاستە بولۇشتىن چىقىرىپ تاشلايدىغان پەلسەپىۋى چۈشەنچە ئۈستىگە قۇرۇلۇشى لازىم. بۇ نۇقتىدىن قارىغاندا، كىشىلىك ھوقۇق ئاساسى بىلەن مۇناسىۋەتلىك ھالدا ئوتتۇرىغا قويۇلغانلارنى تۆۋەندىكىدەك بىر قانچە نۇقتىغا يىغىنچاقلاش مۇمكىن:
1. ھەق – ھوقۇق بىر تەرەپلىمە بولماستىن، بەلكى مەجبۇرىيەتنىمۇ كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. ھەق – ھوقۇق ۋە مەجبۇرىيەت بىر – بىرىنى تولۇقلايدىغان مۇناسىۋەت ئىچىدە بولىدۇ.
2. كىشىلىك ھوقۇق ھەر ئىنسان بىلەن مۇناسىۋەتلىك بەزى زۆرۈرىيەتلەرنى ئوتتۇرىغا قويىدۇ، كىشىلەرنىڭ ئىنسان سۈپتىدە ئىمكانىيەتلىرىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ ياخشلىغاندا، بىۋاستە ياكى ۋاستىلىك ھالدا تەلەپلىرى سۈپتىدە ئوتتۇرىغا چىقىدۇ.
3. كىشىلىك ھوقۇق چۈشەنچىسى 19 – ئەسىردىن تارتىپ « مىللىي دۆلەت » چۈشەنچىسىدە ئۆزگۈرۈش پەيدا قىلدى. بۇ ئۆزگۈرۈش ھازىرمۇ داۋاملاشماقتا. بۇ سەۋەپتىن كىشىلىك ھوقۇق چۈشەنچىسى ۋە بۇ چۈشەنچە بىلەن « مىللىي دۆلەت » چۈشەنچىسى ئوتتۇرىسىدىكى ماسلىشالماسلىق، كېلەچەكتە مىللىي دۆلەتلەرنىڭ يوقۇلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشى مۇمكىن.
4. كىشىلىك ھوقۇقنىڭ تەبئىي ھامىيسى دۆلەتتۇر. لېكىن كۈنىمىزدە دۆلەتلەر كىشىلىك ھوقۇقنى پەقەت ھىمايە قىلمايلا قالماستىن، ئۇلارنى ئۆز ئاپپاراتلىرى ئارقىلىق دەپسەندە قىلىۋاتىدۇ. كىشىلىك ھوقۇق ئەڭ كۆپ دەپسەندە قىلغۇچىلار كۈچنى ئىلكىدە تۇتقۇچىلاردۇر. بۇ دەپسەندىچىلىكىنى ئوتتۇرىغا قويۇش ئۈچۈن يېڭى بىر ئاتالغۇ، « قانۇنلۇق تېروررزم » ئاتالغۇسى ياساپ چىقىلدى.
كىشىلىك ھوقۇقنىڭ قوغدىلىشى ئۈچۈن ئوتتۇرىغا قويۇلىشى كېرەك بولغانلار تۆۋەندىكىچە:
1. كىشىلىك ھوقۇقنىڭ دۆلەت دەرىجىسىدە ھىمايە قىلىنىشى قىسمەن سىياسى مەسىلە بولسىمۇ، يەنى سىياسى قارارلارغا مۇناسىۋەتلىك بولسىمۇ، كۈندىلىك ھاياتتا ۋە خەلقئارا سەۋىيەدە ھىمايە قىلىنىشنىڭ سىياسى مەسىلە ئەمەسلىكى، ئەخلاقى مەسىلە ئىكەنلىكىنى قوبۇل قىلىدىغان ئاساسقا ئىگە قىلىنىشى كېرەك.
2. كىشىلىك ھوقۇقنى يەر شارى خاراكتېرلىق قىلىشنىڭ ئالدىنقى شەرتى، ھەر كىمنىڭ، بولۇپمۇ كېلەچەكتىكى دۆلەت ئەربابلىرىنىڭ پەلسەپە تەربىيسىگە ئىگە قىلىنىشى بولۇپ، بۇ تەربىيە بالىلىق ۋاقتىدىن باشلىنىشى لازىم. مەقسىتى ئىنسانلارنىڭ، ئىنساننىڭ ئىززەت – ھۆرمىتى خەۋپ ئىچىدە ئىكەنلىكىنى بايقىيالىغۇدەك كۆزگە ئىگە بولۇشىغا ياردەم قىلىشتۇر.
3. بۈگۈن كىشىلىك ھوقۇقنى دۆلەتلەر تەرىپىدىنمۇ دەپسەندە قىلىنغانلىقىغا، يەنى « قانۇنلۇق تېروررزم »نىڭ ھاكىم ئورۇنغا ئۆتكەنلىكىگە نەزەر تاشلىساق، كىشىنىڭ ئاساسلىق كىشىلىك ھەق – ھوقۇقىنى قوغداش، بىر پۈتۈن ھالدا ئىنسانىيەتنىڭ ھەق – ھوقۇقى بولىدۇ. ئەپسۇسكى، ئىنسانىيەت كۈنىمىزدە بۇ ھەق – ھوقۇقىنى ئىشلىتىدىغان ۋەزىيەتتە ئەمەس ( كۇچۇرئادى، 1982، 169 – 170 ).
4. ئىنسانىيەت قاچان بۇ ھەق – ھوقۇقىنى ئىشلىتەلىسە، ئەنە شۇ ۋاقىتتا تىنچلىق ئىچىدە بولىدۇ. بولمىسا رۇسسەل ( Russell) ئېيىتقاندەك يوق بولۇشتىن ئۆزىنى قۇتقۇزۇپ قالالمايدۇ.

پايدىلانغان مەنبەلەر:
Beşikçi, İsmail (2006), “Evrensel Bildirge ve Kürtler”, http://www.sosyalistkurd.net/yazarlar/m-can-yuece/1158-evrensel-bildirge-ve-kuertler.html, 04.02.2006.
Bozkurt, Veysel (Der.) (2000), Küreselleşmenin İnsanî Yüzü, Alfa Yayınları, Đstanbul.
Boven, Teo Van C. – Ramcharan, B. G. (1980) , İnsan Haklarının Felsefi Temelleri Uluslararası Semineri, 9-13 Haziran 1980, Ankara, (Ed. Ionna Kuçuradi.) H.Ü Yayını, Ankara, 1982, s.98-100.
Brzezsinski, Zbigniew (1997) “Çatışan Uygarlıklar, Esnek Batının Zayıf Surları”, Medeniyetler Çatışması, Vadi Yayınları, Ankara, s. 122-134.
Çeçen, Anıl (2000), İnsan Hakları, Gündoğan Yayınları, Ankara.
Denli, Özlem (2006) ”John Rawls’un Halkların Yasası’nda İnsan Hakları Düşüncesi”, Sivil Toplum Dergisi, Yıl. 3, Sayı: 13-14, Ocak- Haziran 2006, “Content Integration”, http://www.siviltoplum.com.tr/?ynt=icerikdetay&id=486.
Erbay, Yusuf (1998),“Kavram Olarak Küreselleşme”, Yeni Türkiye, 21. Yüzyıl Özel Sayısı-I (Sayı:19).
Ensaroğlu, Yılmaz (2006), “Türkiye’de Devlet ve İnsan Hakları”, İnsan Hakları Görüşler Bölümü, Sivil Toplum Dergisi, Yıl.3, Sayı:13-14, Ocak – Haziran 2006,
http://www.siviltoplum.com.tr/?ynt=icerikdetay&id=490.
Günay, Mustafa (2004), Metinlerle Felsefeye Giriş, Karahan Kitabevi, Adana.
Helvacı, Nevzat (2006), http//www.tihak.org.tr, 11.11.2006.
Huntington, Samuel P. (1997), Medeniyetler Çatışması, (Der. Murat Yılmaz), Vadi Yayınları, Ankara, s. 14-44.
Huntington, Samuel P. (1996), The Clash of Civilization and The Ramaking of World Order, Simon and Schunter.
Đnanç, Zerrin (Der.) (2004),Uluslararası Belgelerde Azınlık Hakları, Ütopya Yayınları, Mart 2004, Ankara
Kaynak, Mahir (2001), http://arsiv.sabah.com.tr/2001/09/12/g04.html, 12.09.2011.
Kuçuradi, İoanna (1982), İnsan Haklarının Felsefi Temelleri, Türkiye Felsefe Kurumu Yayınları, Ankara.
Kurth, James (1997), “Uluslararası Politika”, Medeniyetler Çatışması, Vadi Yayınları, Ankara, s. 134-148.
Mac Millan, Margaret (1919), 1919 Paris Barış Konferansı ve Dünyayı Değiştiren Altı Ayın Hikayesi, (Çev. Belkıs Dişbudak), ODTÜ Yayıncılık, Ekim 2004, Ankara.
Mattelart, Armand (2001), İletişimin Dünyasallaşması, İletişim Yayınları, İstanbul.
Meral, Seha L.(1968), Devletler Hukukuna Giriş, 1. Cilt, 3. Bası, Siyasal Bilgiler Fakültesi Yayını, Ankara, s.203-209.
Özer, Ahmet (1998), Modernleşme ve Güneydoğu, İmge Yayınları, Ankara
Yıldız, Nilgün (2006), http://www.isguc.org/insanhaklari_kuresellesme.php, 13.11. 2006.
Rawls, John (1971), A Theory of Justice, MA: Harvard University Press, Cambridge.
Radikal Gazetesi, 02.10.2001.
Tutar, Hasan (2000), Küreselleşme Sürecinde İşletme Yönetimi, Hayat Yayıncılık, İstanbul.
Türkbağ, Ali Ulvi (2002), “Pasta Tarifleri Üzerine Bir Đnceleme: Küreselleşme ve Adalet”, Doğu Batı Düşünce Dergisi, Sayı:18, s. 229.
Star Gazetesi, 15.10.2001.
Sömürge Ülkelere ve Halklara Bağımsızlık Tanıma Bildirgesi, 1514 sayılı BM. Genel Kurulu Bildirgesi,14 Aralık 1960.
(http://www. egitim.cu.edu.tr/myfiles/open.aspx?file=813.doc, 13.11.2006)

تەرجىمان: باتۇر جان

مەنبە: ئۇيغۇر تەتقىقات ئىنىستىتۇتى

يازغۇچى ھەققىدە

ماقالە سانى : 85

ئاكادېمىيە ئورگان تورى ©

ئۈستىگە قايتىش