ئۇيغۇرچە    Uyghurche    Уйғурчә   
  • 2018 - يىلى 26 - ئاۋغۇست فاتىھ سۇلتان مەھمەت ئۇنىۋېرسىتېتى توپكاپى مەۋلەۋىخانىسىدا «ئۇيغۇرلار دۇچ كېلىۋاتقان خىرىسلار ۋە ھەل قىلىش يوللىرى مۇھاكىمە يىغىنى» ھەققىدە خۇلاسە دوكىلاتى قىلىندى. ...
سىزنىڭ ئورنىڭىز: باشبەت » داڭلىق كىشىلەر » چىڭگىزخاننىڭ ئۆلۈمى ۋە قەبرىسى توغرىسىدا ئەڭ يېڭى بايقاش

چىڭگىزخاننىڭ ئۆلۈمى ۋە قەبرىسى توغرىسىدا ئەڭ يېڭى بايقاش

چىڭگىزخاننىڭ ئۆلۈمى ۋە قەبرىسى توغرىسىدا ئەڭ يېڭى بايقاش

چىڭگىزخان قالدۇرۇپ كەتكەن سىرلار ناھايىتى كۆپ. بۇ سىرلار ئىزچىل تۈردە جامائەتچىلىكنىڭ دىققىتىنى قوزغاپ كەلمەكتە. بۇنىڭ ئىچىدە ئەڭ گۇمانلىق بولغىنى ئۇنىڭ ئۆلۈمى توغرىسىدىكى سىر بولۇپ ، ئۇنىڭ قاچان ئۆلگەنلىكى، نەگە دەپنە قىلىنغانلىقى ھازىرغىچە سىر بولۇپ كەلمەكتە.

چىنگىزخاننىڭ ئۆلۈمى توغرىسىدىكى سىرلار:
1. ئاتتىن يىقىلىپ چۈشۈپ ئۆلگەن دېگەن قاراش. چىنگىزخاننىڭ ئۆلۈمى توغرىسىدا ئالتە خىل قاراش بولۇپ ، بۇلارنىڭ ھەممىسى تاڭغۇتلار بىلەن مۇناسىبەتلىك. بۇنىڭ ئىچىدە ئەڭ ئىشەنچلىك ۋە بىر قەدەر ئومۇملاشقان قاراش «يۈەن سۇلالىسى تارىخى» دا خاتىرىلەنگەن «ئاتتىن يىقىلىپ چۈشۈپ ئۆلگەن» دېگەن قاراشتۇر. «يۈەن سۇلالىسى تارىخى» دا خاتىرىلىنىشىچە، چىڭگىزخان 1226- يىلى كۈزدە خوتۇنى يەسۈينى ئېلىپ تاڭغۇت ئېلىگە جازا يۈرۈشى قىلغان. ھەربىي يۈرۈش جەريانىدىكى قىش كۈنلىرىنىڭ بىرىدە چىنگىزخان ئالبۇخا دېگەن يەردە ئوۋ ئوۋلىغان. ئويلىمىغان يەردىن ئۇ مىنگەن چىلان تورۇق ئاتنى بىر ياۋا ئات ئۈركۈتىۋىتىپ، تەييارلىقسىز تۇرغان چىنگىزخان ئاتتىن يىقىلىپ چۈشۈپ يارىلانغان. شۇ كۈنى ئاخشىمى قاتتىق قىزىتىپ كەتكەن. 1227- يىلى 7- ئايدا ساقىيالماي جان ئۈزگەن. ئاتتىن يىقىلىپ چۈشۈش قانداق بولۇپ ئۇنىڭ جېنىنى ئالغان؟ ئاڭلاشلارغا قارىغاندا، ئۇنىڭدىن قان بەك كۆپ چىقىپ كەتكەن. ئەينى ۋاقىتتا يەسۈي سەركەردىلەرنى يىغىپ قانداق قىلىشنى مەسلىھەتلەشكەندە، بەزىلەر قايتىپ كېتىپ ، چىڭگىزخاننى داۋالىتىپ، ئۇ سەللىمازا ساقايغاندىن كىيىن قايتىپ كېلىپ ھۇجۇم قىلىشنى ئوتتۇرغا قويغان. چىنگىزخان جاھىللىق قىلىپ مۇشۇنداقلا قايتىپ كەتسەم تاڭغۇتلارنىڭ مەسخىرىسىگە قالىمەن دەپ تۇرۇۋالغان. ئۇ تاڭغۇتلارنىڭ ئەھۋالىنى تىڭ-تىڭلاشقا ئادەم ئەۋەتكەندە، تاڭغۇتلارنىڭ ئاساگەنبو ئىسىملىك بىر ۋەزىرى مەسخىرە قىلىپ، چىنگىزخاننىڭ كارامىتى بولسا كېلىپ ئۇرۇشسۇن دېگەن . چىڭگىزخان بۇنى ئاڭلىغاندىن كىيىن، ئۆلسەممۇ چىكىنمەيمەن، تاڭغۇت ئېلىگە باستۇرۇپ كىرىپ ئاساگەنبونىڭ جېنىنى ئالىمەن دەپ قەسەم ئىچكەن. بىراق شۇنىڭدىن كىيىن چىنگىزخاننىڭ يارىسى تېخىمۇ ئېغىرلىشىپ، 1227- يىلى دېھقانلار كالېندارى بويىچە 7- ئاينىڭ 12- كۈنى (شەمسىيە كالېندارى بويىچە 8- ئاينىڭ 25- كۈنى) 67 يېشىدا قازا قىلغان. ئەگەر چىنگىزخان ئەينى ۋاقىتتا قايتىپ كەتكەن بولسا، شۇ ئەرزىمەس جاراھەت تۈپەيلى جېنىدىن ئايرىلىپ قالماسلىقى مۇمكىن ئىدى.

2. يا ئوقى تېگىپ ئۆلگەن دېگەن قاراش. بۇ خىل قاراشنىڭ مەنبەسى «ماركوپولونىڭ ساياھەت خاتىرىسى» دۇر. ماركوپولو 13- ئەسىردىكى ئىتالىيىلىك سودىگەر بولۇپ ، 1275- يىلى جۇڭگوغا كەلگەن. بۇ دەل يۈەن شېزۇ قۇبلايخان ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈۋاتقان مەزگىل ئىدى. ئۇنىڭ «ساياھەت خاتىرىسى» دە چىڭگىزخاننىڭ ئۆلۈم سەۋەبى مۇنداق بايان قىلىنغان: تاڭغۇتلارغا ھۇجۇم قىلىپ، تەيجىن (جىجۇ، ئەينى ۋاقىتتىكى مۇھىم قورغان) نى مۇھاسىرىگە ئالغاندا، تاڭغۇت لەشكەرلىرىنىڭ يا ئوقى چىڭگىزخاننىڭ تىزىغا تەگكەن. لياڭ شىڭجى تەرجىمە قىلغان «ماركوپولونىڭ ساياھەت خاتىرىسى» دە مۇنداق بايان قىلىنغان: بۇ غالىبىيەتچى (چىنگىزخاننى دېمەكچى ) ئالتە يىل ئىچىدە نۇرغۇن خانلىق ۋە شەھەرلەرنى ئارقا-ئارقىدىن بويسۇندۇردى. كىيىن تەيجىن دەپ ئاتىلىدىغان بىر قەلئەگە قورشاپ ھۇجۇم قىلغاندا، ئۇنىڭ تىزىغا يا ئوقى تەگدى ھەمدە يارىسى بارغانسېرى ئېغىرلىشىپ كېتىپ قازا قىلدى. شۇنىڭدىن قارىغاندا، چىنگىزخان يا ئوقى تىگىپ يارىدار بولۇپ ، يارىسى ئېغىرلىشىپ كەتكەنلىكتىن قايتا ئورنىدىن تۇرالمىغان.

3. تاڭغۇتلارنىڭ خانىشى ئۆلتۈرگەن دېگەن قاراش. بۇ قاراشلار گۈلبانۇ خاتۇن ئىسىملىك ياش ھەم گۈزەل تاڭغۇت خانىشى بىلەن مۇناسىۋەتلىك. بىراق ئۇنىڭ چىڭگىزخاننى قەستلەپ ئۆلتۈرۈش ئۇسۇلى ھەققىدىكى بايانلار ئوخشاش ئەمەس.

4. زەھەرلەپ ئۆلتۈرگەن دېگەن قاراش. بۇ خىل قاراش ئەل ئارىسىغا كەڭ تارقالغان. رىۋايەت قىلىنىشىچە، چىنگىزخان تاڭغۇت لەشكەرلىرىنىڭ يا ئوقىدا ئەمەس، زەھەرلىنىپ ئۆلگەن بولۇپ ، زەھەرلىگۈچى تاڭغۇت خانىشى گۈلبانۇ خاتۇن ئىكەن. چىڭگىزخاننىڭ قوشۇنى تاڭغۇتلارغا ھۇجۇم قىلغاندا تاڭغۇتلارنىڭ گۈزەل خانىشى گۈلبانۇ خاتۇننى ئەسىرگە ئالغان ھەمدە ئۇنى چىڭگىزخانغا تەقدىم قىلغان. بۇ تاڭغۇت خانىشى چىنگىزخاننىڭ ئۆزىنى قۇيۇپ بەرمەيدىغانلىقىنى بىلىپ، ئۇ ئۇخلاپ قالغان پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ قول سېلىپ، ئاخىرىدا ئۆزىنى خۇاڭخې دەرياسىغا تاشلىۋالغان.

5. پىچاق تىقىپ ئۆلتۈرۈلگەن دېگەن قاراش. بۇ تاڭغۇت خانىشى گۈلبانۇ خاتۇننىڭ چىنگىزخاننىڭ قەستلەپ ئۆلتۈرگەنلىكى توغرىسىدىكى يەنە بىر قاراش. چىڭگىزخانغا ھەمراھ بولغان تۇنجى ئاخشامدا، بۇ تاڭغۇت خانىشى بىخۇد ھالەتتە تۇرغان چىڭگىزخانغا پىچاق تىقىۋەتكەن. بۇ خىل قاراشنىڭ مەنبەسى چىڭ سۇلالىسى كاڭشىنىڭ 1- يىلى (1662- يىلى) كىتابچە قىلىنىپ تۈزۈپ چىقىلغان «موڭغۇللارنىڭ كېلىپ چىقىشى» دۇر. بۇ كىتاب ناھايىتى قىممەتلىك بولۇپ ، 100 يىلدىن كىيىن يەنى 1766- يىلى خالخا موڭغۇللىرىنىڭ شاھزادىسى بۇ كىتابنىڭ كۆچۈرۈلگەن نۇسخىسىنى پادىشاھ چيەنلوڭغا تەقدىم قىلغان. چيەنلوڭ بۇ كىتابنى مانجۇ ۋە خەنزۇ يېزىقىغا تەرجىمە قىلدۇرغان. ھەمدە ئۇنى «تۆت خەزىنە قامۇسى» غا كىرگۈزگەن. دېمەك ، چىڭگىزخاننىڭ پىچاق تىقىپ ئۆلتۈرۈلگەنلىكى توغرىسىدىكى قاراشنىڭ ئىشەنچلىك دەرىجىسى ئەڭ يۇقىرى.
چىنگىزخان قەبرىسىنىڭ ئورنى توغرىسىدىكى قاراشلار:

1- خىل قاراش: «موڭغۇللارنىڭ مەخپىي تارىخى» بىلەن «زەپەرنامە» دە خاتىرلىنىشچە، چىڭگىزخان ئالەمدىن ئۆتكەندىن كىيىن موڭغۇل قاغانلىرىنىڭ دەپنە قىلىنغان جايىنى قاتتىق سىر تۇتۇش ئادىتىگە بىنائەن، ئۇنىڭ قول ئاستىدىكىلەر جەسەتنى بىر تاققا ئېلىپ چىقىپ، ئۇ يەردە مەڭگۈلۈك قەبرە ياسىغان. بۇ يەر موڭغۇللار نەزىر-چىراغ قىلىدىغان مۇقەددەس جايغا ئايلىنىپ، ئاق ئۆي سېلىنغان، بىراق قەبرىنىڭ كونكىرىت ئورنى توغرىسىدا بەزىلەر بورھان تېغىغا دەپنە قىلىنغان دەپ قاراشسا، يەنە بەزىلەر ئالتاي تېغىنىڭ تەسكەي تەرىپى، كىنتاي تېغىنىڭ كۈنگەي تەرىپىدىكى «يىكئىتوك» دېگەن جايغا دەپنە قىلىنغان دەپ قاراشماقتا. چىڭ دەۋرىدىكى جاڭ مۇ يازغان «موڭغۇللارنىڭ كۆچمەن چارۋىچىلىق خاتىرىسى» دە، يۈەن تەيزۇنىڭ قەبرىسى كۆكخوت شەھىرىنىڭ شىمالىدا دېيىلگەن. بىراق مۇتەخەسسىسلەر بۇنى ئىنكار قىلىدۇ. «يۈەن سۇلالىسى تارىخى» دا چىنگىزخان «چىنەن جىلغىسى» غا دەپنە قىلىنغان دېيىلگەن بولسىمۇ، بۇ جىلغىنىڭ كونكىرىت ئورنى تىلغا ئېلىنمىغان. «دوسان موڭغۇل تارىخى» دا مۇنداق دېيىلگەن: چىنگىزخان ئونان، كىرولىن، تۇغلادىن ئىبارەت ئۈچ دەريانىڭ مەنبەسى بولغان بورھان (بۈگۈنكى كىنتاي) دىكى تاغلارنىڭ بىرىگە دەپنە قىلىنغان. چۈنكى بۇ يەر تىمورچىن بالىلىق چاغلىرىدا تۇرغان جاي ئىدى.

2- خىل قاراش: «دوسان موڭغۇل تارىخى» دا خاتىرلىنىشچە، چىڭگىزخان كىنتاي تېغىدىكى چوڭ بىر دەرەخنىڭ ئاستىدا دەم ئالغاندا بۇ يەردىن كەتكۈسى كەلمىگەن ھەمدە: بۇ يەر ئانام مېنى تۇغقان جاي بولۇشى مۇمكىن، قۇياش شەرقتىن كۆتۈرۈلۈپ غەربكە بارىدۇ، ئادەم يەنىلا تۇغۇلغان جايىدا ئۆلگىنى ياخشى. ئۆلگەندىن كىيىن مېنى مۇشۇ يەرگە دەپنە قىلىڭلار دېگەن . شۇڭا چىنگىزخاننىڭ ئوغۇللىرى ۋەسىيەتكە بىنائەن ئۇنى مۇشۇ يەرگە دەپنە قىلغان. ئاڭلاشلارغا قارىغاندا چىنگىزخاننىڭ جەسىتى ئوتتۇرىدىن ئاجرىتىلىپ، ئىچى ئۇيۇلغان چوڭ بىر دەرەخنىڭ ئىچىگە سېلىنغاندىن كىيىن، دەرەخ يەنە ئەسلى ھالىتى بويىچە يەملىنىپ، 10 گەز چوڭقۇرلۇقتىكى گۆرگە دەپنە قىلىنغان. قەبرە ئۈستى 10 نەچچە مىڭ ئاتنى دەسسىتىپ تۈزلىۋىتىلگەندىن كىيىن، چارلىغۇچى لەشكەرلەر تۆت ئەتراپنى قاتتىق مۇھاپىزەت قىلغان. قەبرىنى قوغدىغۇچى لەشكەرلەر قەبرىنى ئۈچ يىل قوغداپ، بۇ يەرگە ئوت-چۆپلەر ئۆسۈپ، دەپنە قىلغانلارمۇ قەبرىنى پەرق ئېتەلمەيدىغان ھالەتكە كەلگەندىن كىيىن قايتىپ كەتكەن. قەبرىنى قوغدىغۇچى لەشكەرلەردىن باشقا ھەرقانداق ئادەمنىڭ قەبرىگاھقا كىرىشى چەكلەنگەن بولۇپ ، خان جەمەتىدىكىلەرمۇ بۇنىڭ سىرتىدا ئەمەس ئىدى. ئاڭلاشلەرغا قارىغاندا تولۇي، مۆڭكۇ، قۇبلاي ۋە ئارىخ بۆكەلەرمۇ مۇشۇ يەرگە دەپنە قىلىنغان ئىكەن.

3- خىل قاراش: ئوردۇسقا دەپنە قىلىنغان دېگەن قاراش. بىر قىسىم كىشىلەر چىڭگىزخاننىڭ قەبرىسى ئۇ قازا قىلغان جايغا يېقىن بولغان ئوردۇستا دەپ قارايدۇ. ئېيتىلىشچە 800 يىل ئىلگىرى ئوردۇس ئوت-چۆپى بولۇق، سۈيى ئەلۋەڭ، دەرەخلىرى بۈك-باراقسان، بۇلبۇللارنىڭ شوخ ناۋاسى ئاڭلىنىپ تۇرىدىغان گۈزەل جاي ئىكەن. چىنگىزخان تاڭغۇت ئېلىگە يۈرۈش قىلىش مۇساپىسىدە بۇ يەرنىڭ گۈزەل مەنزىرىسىگە مەھلىيا بولۇپ ، قۇلىدىكى قامچىسىنىڭ يەرگە چۈشۈپ كەتكەنلىكىنىمۇ سەزمىگەن، ھەمدە: مەن ئۆلگەندىن كىيىن مۇشۇ يەرگە دەپنە قىلىڭلار دەپ، قامچىسىنى يەرگە سانجىپ بەلگە قىلىپ قويغان. چىڭگىزخان ئالەمدىن ئۆتكەندىن كىيىن مېيىت ھارۋىسى ئوردۇستىن ئۆتكۈچە چىڭگىزخان قامچىسىنى سانجىپ قويغان جايغا كەلگەندە سازلىققا پېتىپ قېلىپ، نۇرغۇن تۆگە- ئاتلارنى ئىشقا سېلىپمۇ تارتىپ چىقارغىلى بولمىغان. شۇنىڭ بىلەن كىشىلەر چىڭگىزخاننىڭ ۋەسىيىتىنى ئېسىگە ئېلىپ، ئۇنى مۇشۇ جايغا دەپنە قىلغان.

4- خىل قاراش. مۇتەخەسسىسلەرنىڭ قارىشى: مۇتەخەسسىسلەر چىڭگىزخاننىڭ ئوردۇس يايلىقىغا دەپنە قىلىنىش مۇمكىنچىلىكى ئەڭ چوڭ دەپ قارايدۇ. چىنگىزخان ئالەمدىن ئۆتكەن ۋاقىت دەل ياز پەسلى بولۇپ ، ھاۋا ناھايىتى ئىسسىق بولغاچقا مېيىتنى يىراققا توشۇپ ئاپارغىلى بولمايتتى. شۇڭا ئوردۇس يايلىقىغا دەپنە قىلىنىش مۇمكىنچىلىكى ئەڭ چوڭ. يۇقىرىدا بايان قىلىنغان ھەر خىل كۆز قاراشلارنىڭ ئۆز ئالدىغا ئىسپاتى بار بولسىمۇ، لېكىن ھەممىسىدە بىر ئورتاقلىق بار. ئۇ بولسىمۇ ھەممىسى دېگۈدەك چىنگىزخاننىڭ ئارزۇسىنى ئېتىراپ قىلغان ھەمدە ئالاھىدە تەكىتلىگەن.

مەنبە: دوقمۇش سالۇنى

يازغۇچى ھەققىدە

ماقالە سانى : 13

ئاكادېمىيە ئورگان تورى ©

ئۈستىگە قايتىش