ئۇيغۇرچە    Uyghurche    Уйғурчә   
  • 2018 - يىلى 27 - ئۆكتەبىر يەكشەنبە كۈنى سائەت 2:00 دە ئىستانبۇلدا «خىتاينىڭ جازا لاگىرلىرىدىكى شەرقىي تۈركىستانلىقلارنىڭ ئاقىۋىتى مۇھاكىمە يىغىنى» ئۆتكۈزۈلدى. ...
سىزنىڭ ئورنىڭىز: باشبەت » ئەدەبىيات گۈلزارى » ﻧۇﺯﯗﮔﯘﻣﻨﯩﯔ ﭼﺎﻗﯩﺮﯨﻘﻰ

ﻧۇﺯﯗﮔﯘﻣﻨﯩﯔ ﭼﺎﻗﯩﺮﯨﻘﻰ

 

ﻧﯘﺭﻣﯘﮬﻪﻣﻤﻪﺕ ﻳﺎﺳﯩﻦ ﺋﯚﺭﻛﯩﺸﻰ

 

ﻧﻪﺩﻩ ﺳﻪﻥ ﺋﻪﻱ ﺑﺎﺗﯘﺭ ﺋﻪﺭﻛﻪﻛﻠﻪﺭ،
ﻳﯜﺭ ﻛﯧﺘﻪﻳﻠﻰ ﭼﯚﻝ – ﺑﺎﻳﺎﯞﺍﻧﻐﺎ.
ﺋﻪﺭﯨﻚ ﺋﯘﻧﺪﺍ ﺑﺎﺗﯘﺭ ﺋﻮﯞﭼﯩﺪﯗﺭ،
ﻣﻪﯞﺟﻰ ﺋﯘﺭﺍﺭ ﺭﻭﮪ ﮬﻪﻡ ﻗﯧﻨﯩﯖﺪﺍ.

 

ﭼﯚﻝ ﻧﺎﺧﺸﯩﺴﻰ ﺋﯧﻴﺘﺎﺭ ﻗﯘﻣﯘﺷﻼﺭ،
ﺋﺎﺗﻼﺭ ﻛﯩﺸﻨﻪﺭ ﺋﯘﭘﯘﻕ ﭼﯧﺘﯩﺪﻩ.
ﻗﯩﻠﯩﭻ ﺋﻮﻳﻨﺎﭖ ﺋﯚﺗﻜﻪﻥ ﺑﺎﺗﯘﺭ ﺋﻪﻝ،
ﻳﺎﺗﺎﺭ ﺗﯩﻨﭻ ﻳﻪﺭﻧﯩﯔ ﺗﻪﻛﺘﯩﺪﻩ.

 

ﺋﺎﻱ ﺋﯜﺯﻣﻪﻛﺘﻪ ﺑﻮﻟﯘﭖ ﮔﯜﺯﻩﻝ ﻗﯩﺰ،
ﻛﯚﻙ ﺋﺎﺳﻤﺎﻧﺪﺍ ﺗﻮﻗﯘﭖ ﺑﯩﺮ ﭼﯚﭼﻪﻙ.
ﺋﺎﮪ، ﻻﯞﯨﻠﺪﺍﭖ ﻛﯚﻳﻪﺭ ﻗﯘﻣﯘﺷﺰﺍﺭ،
ﮬﻪﻡ ﺑﯩﺮ ﺋﻪﻟﻨﯩﯔ ﺋﺎﺭﻣﯩﻨﻰ ﺩﯦﻤﻪﻙ.

 

ﺑﯩﺰ ﺗﯩﯖﺸﺎﻳﻤﯩﺰ ﺳﯜﻛﯜﺗﺘﻪ ﺋﯘﻧﻰ،
ﻗﯘﻻﻕ ﺋﻪﻣﻪﺱ ﻳﯜﺭﯨﻜﯩﻤﯩﺰﺩﻩ.
ﻗﯘﻡ ﺑﺎﺳﻤﺎﻗﺘﺎ ﻣﯘﻧﺒﻪﺕ ﻳﻪﺭﻟﻪﺭﻧﻰ،
ﻗﯘﻡ ﺑﻮﺭﺍﻧﺘﯘﻕ ﺑﯩﺰﻟﻪﺭ ﺋﻪﺳﻠﯩﺪﻩ.

 

ﻳﯜﺭ ﻛﯧﺘﻪﻳﻠﻰ ﭼﯚﻝ ﺑﺎﻳﺎﯞﺍﻧﻐﺎ،
ﻗﻮﺷﺎﻕ ﺗﻮﻗﺎﺭ ﺋﯘﻧﺪﺍ ﻧﺎﺯﯗﻙ ﺋﺎﻱ.
ﺋﯘ ﺑﻪﻟﻜﯩﻢ ﺑﯩﺮ ﺟﻪﯕﮕﯩﯟﺍﺭ ﻗﺎﻣﯘﺱ،
ﮔﯜﺯﻩﻝ ﻗﯩﺴﺴﻪ ﻳﯧﺰﯨﻠﻐﺎﻥ ﺗﺎﻻﻱ.

 

ﺋﻪﺟﻪﭖ ﺋﻪﻣﻪﺱ ﺋﯘﭼﺮﺍﭖ ﻗﺎﻟﺴﺎ ﮔﻪﺭ،
ﺋﻪﺭﯨﻚ ﺋﻮﻏﻠﻰ ﺑﺎﺗﯘﺭ ﭼﯩﻦ ﺗﯚﻣﯜﺭ.
ﺑﯩﺰ ﻳﺎﺷﺎﻳﻠﻰ ﺋﻪﺭﻛﯩﻦ ﺩﯗﻧﻴﺎﺩﺍ،
ﭼﯚﻝ ﻧﺎﺧﺸﯩﺴﻰ ﺋﯧﻴﺘﯩﭗ ﺑﯩﺮ ﺋﯚﻣﯜﺭ.

مەنبە: ئەزىز ئەيسا ئەلكۈن تورى سەھىپىسى

ئاكادېمىيە ئورگان تورى ©

ئۈستىگە قايتىش